ئاۋازلىق كىتاب

ئاھ! بىزمۇ مۇسۇلمانمۇ؟

ئوقۇغۇچى: مىركامىلجان قەشقەرى

ئاپتور: شەمىس نەۋىد ئوسمانى

4 باب · 1 سائەت 8 مىنۇت

ناۋادا بۇ كىتابنىڭ ھەر بىر ماقالىسى قەلب، روھىڭىزنى نادامەتلىك ئىڭراشلارغا تولدۇرۇپ، كۆزلىرىڭىزدىن ئەلەملىك ياشلارنى قۇيۇۋېتەلمىسە، ئۇ چاغدا گويا ئوت شۇنچە يالقۇنلۇق تۇرۇپمۇ تۆمۈرنى ئىرىتەلمىگەندەك بىر ئەھۋال شەكىللىنىپ قالغان بولىدۇ.

مەزمۇنى

بۇ كىتاب ھەققىدە پاكىستان ئوقۇغۇچىلار نەشرىياتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇلھەمىد ئەپەندى، «ناۋادا بۇ كىتابنىڭ ھەر بىر ماقالىسى قەلب، روھىڭىزنى نادامەتلىك ئىڭراشلارغا تولدۇرۇپ، كۆزلىرىڭىزدىن ئەلەملىك ياشلارنى قۇيۇۋېتەلمىسە، ئۇ چاغدا گويا ئوت شۇنچە يالقۇنلۇق تۇرۇپمۇ تۆمۈرنى ئىرىتەلمىگەندەك بىر ئەھۋال شەكىللىنىپ قالغان بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق بولۇشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. ھېچ بولمىغاندا ئوتنىڭ ھارارەتتىن خالى بولالمايدىغانلىقىنى ئىنكار قىلالايدىغان بىرەر ئەقىل ئىگىسى بولمىسا كېرەك» دەپ باھا بەرگەن بولۇپ، مېنىڭچە كىتابقا بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق باھا بەرگىلى بولمىسا كېرەك.

چۈنكى پاكىستانلىق مەشھۇر يازغۇچى شەمسى نەۋىد ئوسمانى قۇلىڭىزدىكى بۇ كىتابنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن ساق 10 يىل ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ساھابە كېراملاردىن ئىبارەت ئىسلام ئاسمىنىدىكى ئۇلۇغۋار چولپانلارنىڭ مىسلىسىز ئەمەلىي پائالىيەتلىرىدىنمۇ بەكرەك، ئىچكى روھىيەت دۇنياسىنى، تەپەككۇر ئەندىزىنى، دىن ۋە دۇنيا قاراشلىرىنى تېمىلاشتۇرۇپ ئوبرازلىق تەسۋىرلەپ بېرىشكە قاتتىق ئەھمىيەت بەرگەن. ساھابە كېراملارنىڭ ۋەقەلىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەينى چاغدىكى ئوي، خىيالىنى ئىسلامنىڭ تۈپ روھىغا ئۇيغۇن شەكىلدە ئىمكان يار بەرگەن يەرگىچە تەتقىق قىلىپ جانلىق بايان قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە قىممەتلىك ئەمگەكلەرنى سىڭدۈرگەن. ئۇلارنىڭ تارىخىنى ئەنئەنىۋى شەكىلدە تارىخىي ۋەقە سۈپىتىدىلا بايان قىلىپ، پۈچەك ھۆججەتلەر دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويماستىن، بەلكى ئۆزگىچە يېڭى بەدىئىي ئۇسلۇب بىلەن تارىخنى يەكۈنلەپ، ئىنتايىن گۈزەل ئوبرازلىق شەكىلدە پىششىقلاپ ئىشلەپ چىققان ھەمدە نۆۋەتتىكى ئەھۋالىمىزغا سېلىشتۇرۇپ «ئاھ! بىزمۇ “مۇسۇلمان”مۇ؟!» دېگەن ئاچچىق سوئالغا جاۋاب تېپىشنىڭ خەرىتىسىنى سېزىپ بەرگەن.

مانا بۇ نۇقتىدىن قۇلىڭىزدىكى بۇ كىتاب يەكۈنلەنگەن ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئەمەلىي تارىخنىڭ بىر ئەدەبىي ئۈلگىسى بولۇش بىلەن بىرگە كەلگۈسى ئۈچۈن سىزىلغان ناھايىتى قىممەتلىك ئىدىيىۋى چىرتېيوژ بولۇپ، كەڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتچىلىرىغا نىسبەتەنمۇ ئىسلام ئەدەبىياتىنىڭ پايانسىز تېما خەزىنىسىنى، يېڭى دەۋردىكى يېڭى ئۇسلۇب دەرۋازىلىرىنى ۋە قۇلۇپلانغان قەلبلەر بىلەن پەردىلەنگەن كونسېرۋاتىپ نەزەرلەرنى دادىل ئىچىپ بېرىدىغان ئاچقۇچ بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس.

شۇنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بۇ بىر ئەدەبىي ئەسەر بولغاچقا، ئۇنىڭدىكى ھەدىسلەرنىڭ ھېچبىرى باشقا كىتابلاردىكىگە ئوخشاش سۆزمۇ سۆز تەرجىمىسى بويىچە ئۆز پىتى نەقىل قېلىنمىغان، بەلكى ئۆزگىچە يىڭى ئۇسلۇب بىلەن مەزمۇن تەرجىمىسى ئىشلىتىلگەن. تارىخىي ۋەقەلىكلەرمۇ تارىخىي تەرتىپكە ئەگەشتۈرۈلۈپ ئەمەس، بەلكى تېمىنىڭ تەقەززاسىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ يېڭىچە ئۇسلۇبتا يىغىنچاقلاپ بايان قىلىنغان. شۇڭا كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ كىتابتىكى ھەدىسلەرنى “مەزمۇن تەرجىمىسى” بولۇش سالاھىيىتىدىن ئاشۇرۇپ باشقىچە سالاھىيەتتە چۈشىنىۋالماسلىقىنى ئىلتىماس قىلىمىز.

مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر

ھەممىسىنى كۆرۈش ←
قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
I
قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى

30 پارە · 21 سائەت 29 مىنۇت

قۇتادغۇ بىلىك
I
قۇتادغۇ بىلىك

تەرمىلەر ئاۋاز گۇرۇپپىسى

87 باب · 15 سائەت 19 مىنۇت