ئىسلام

قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرىدا ساغلام ئەقىدە

ئاپتور: ئەھمەد قاراخان ئوسمان ئوغلى

مۇتەپەككۇر ئالىمىمىز ئابدۇرېشىت قازى مۇنداق دېگەن: «ئەقىدە بىلمىگەن شەيتانغا ئەلدۇر، گەر قىلسا مىڭ يىل ئىبادەت يەلدۇر». ئەقىدىسىز دىن، دىنسىز قەلبلەردە ئىمان، ئىمانسىز ھاياتتا ھېچ مەنە بولمايدۇ.

چۈشۈرۈلۈش سانى: 4

كىتاب ھەققىدە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! قولىڭىزدىكى بۇ كىتاب مۇنداقلا ئوقۇپ قويسا بولىدىغان ئادەتتىكى رىسالە ئەمەس. بۇ كىتابتىكى ئەقىدە مەسىلىلىرى ئىسلامنىڭ ئىدېئولوگىيە ئاساسلىرى بولۇپ، بۇنى ئۆگىنىش ھەربىر مۇسۇلمانغا قەتئىي پەرز بولغان زۆرۈر بىلىملەردۇر. مۇتەپەككۇر ئالىمىمىز ئابدۇرېشىت قازى مۇنداق دېگەن: «ئەقىدە بىلمىگەن شەيتانغا ئەلدۇر، گەر قىلسا مىڭ يىل ئىبادەت يەلدۇر». ئەقىدىسىز دىن، دىنسىز قەلبلەردە ئىمان، ئىمانسىز ھاياتتا ھېچ مەنە بولمايدۇ. قىسقىغىنە بۇ دۇنيا ھاياتىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، چوقۇم ئىمانلىق بولۇش، ئىمانلىق بولۇش ئۈچۈن چوقۇم توغرا ئەقىدىگە ئىگە بولۇش لازىم.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆپلىگەن ئۇستازلىرىمىز ئىسلام ئەقىدىسى ھەققىدە قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ ياكى تەرجىمە قىلىپ خەلقىمىزگە سۇندى (ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن!). ئەمما ئۇ ئەسەرلەرنىڭ بەزىلىرى ئۆز دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي مۇھىت ۋە پىكىر ئېقىملىرىنىڭ تەسىرىدە، مۇرجىئە تائىپىسىگە مەنسۇپ ئەشئەرىي ياكى ماتۇرىدىي مەزھەبلىرىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى ياقلاپ يېزىلغان بولسا، يەنە بەزىلىرى مۇستەبىت ھاكىمىيەتلەرنىڭ بېسىمى تۈپەيلىدىن، بىر قىسىم مەسىلىلەر ئەسلىدىكىدىن سۇيۇقلاشتۇرۇلۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئەھلى ئىلىم ياشلىرىمىزنىڭ نۇرغۇنلىرى ۋەتەندە، مىسىردا ياكى پاكىستاندا ئەقىدە ئىلمىنى ئۆگىنىش جەريانىدا، بۇ دىيارلاردا كەڭ تارقالغان ماتۇرىدىي ياكى ئەشئەرىي ئەقىدىسىنىڭ تەسىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈرۈۋېلىشتىن خالىي بولالمىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى كېيىنچە ئىككى ھەرەم (مەككە ۋە مەدىنە) دە ياشاش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، مۆتىۋەر ئۇستازلارنىڭ قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئۇيغۇن بولغان ساپ ئەقىدە دەرسلىكلىرىنى ئوقۇش ھەم ئۇلارنىڭ دەرسلىرىگە بىۋاسىتە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن دەسلەپتە سىڭدۈرۈۋالغان ئەقىدىۋىي چۈشەنچىلىرىنىڭ تەسىرىدىن تولۇق قۇتۇلالمىدى. نەتىجىدە، بۇ قېرىنداشلارنىڭ بەزىلىرى دەۋەت ۋە يازما ئەسەرلىرىدە مەشھۇر ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىنىڭ ئىسىملىرىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا سىڭدۈرۈۋالغان باتىل ئەقىدىلەر يەنىلا غالىپ كېلىپ، ئەھلى سۈننە ۋەلجامائە ئەقىدىسىگە خىلاپ بولغان ياكى كەمتۈك قاراشلارنى يېڭىلاپ ئوتتۇرىغا قويماقتا.

يەنە بىر تەرەپتىن، كېيىنكى كۈنلەردە مەيدانغا چىققان «تەكپىرچىلىك» ئېقىمىدىكى ئاشقۇن كۆز قاراشتىكىلەر بولسا، ئىسلام دۈشمەنلىرى غالجىرلاشقان ۋە مۇسۇلمانلار دەھشەتلىك زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئادالەتسىز جەمئىيەتكە بولغان نەپرەتلىك ھېسسىياتىغا بېرىلىپ: «مۇسۇلمان بولساڭ تۈزۈك بول، بولمىسا يوقال» دېگەن پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، شەرىئەت دەلىللىرى ھەققىدە ئەتراپلىق ئىزدەنمەستىن، پەقەت بىر – ئىككى ئايەت ياكى ھەدىسنىڭ مەزمۇنىنى ئوقۇۋېلىپلا، ئىسلام پىرىنسىپلىرىنى قاتتىق چىڭىتىپ، دىندا چەكتىن ئېشىپ كەتتى.

خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ھازىرقى زاماندا قۇرئان ۋە سۈننەتنى ئاساس قىلغان ھالدا، ئىسلام ئەقىدىسىنى توغرا ۋە تولۇق چۈشەندۈرۈپ يېزىلغان ئۇيغۇرچە ئەقىدە كىتابى يوق دېيەرلىك. گەرچە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، مۇجاھىد، ئەللامە سابىت داموللامنىڭ «اَلْقَصِيدَةُ السَّنِيَّةُ فِي الْعَقِيدَةِ السُّنِّيَّةِ» «ئەھلى سۈننەت ئەقىدىسى ھەققىدە نۇرلۇق قەسىدە» ناملىق ئەسىرى توغرا ۋە مۇكەممەل ئەقىدە دەرسلىكى بولسىمۇ، لېكىن ئەرەب تىلىدا يېزىلغانلىقى ئۈچۈن، خەلقىمىز ئىچىدە كەڭ تارقالمىغان.

يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىمىدىكى ئوقۇش ھاياتىمدىن باشلاپلا ئەڭ مۇھىم بىلىم دەپ ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن بۇ ئەقىدە مەسىلىسىنى خەلقىمىزگە ئۆز تىلىدا سۇنۇشنى ئۆزۈمنىڭ ئىلمىي مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم دەپ قاراپ، «خەلقىمىزنىڭ ئەقىدىسىدىكى بەزى بوشلۇقلارنى تولدۇرۇشىغا ياردىمى بولۇش ئۈمىدىدە، ئۇزۇن يىللىق ئىزدىنىشلىرىمنىڭ مېۋىسى بولغان بۇ ئەمگىكىمنى خەلقىمىزگە سۇنماقچىمەن.

بۇ ئەسەرنى تەييارلاشتا، ھاياتىم بويىچە ئوقۇغان 70 پارچىدىن ئارتۇق ئەقىدە كىتابلىرى ۋە رىسالىلەر؛ مەشھۇر ئەقىدە ئۇستازلىرىنىڭ ئۈن – سىن دەرسلىكلىرىدىن ئاڭلىغان بىلىملىرىم؛ ئۆزۈم بىۋاسىتە دەرس ئالغان ئۇستازلىرىم شەيخ ئىيسا، ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھاجىر، ئەبۇ ۋەلىد ۋە قارى ئەبۇ ھەسەن قاتارلىق ئىسلامىي ئىلىم ساھەسىدە يېتىشكەن كۆپ قىرلىق ئۇستازلارنىڭ قىممەتلىك دەرسلىرىدىن پايدىلانغان ھالدا، ئۆزۈم يادلاپ ۋە مۇكەممەل ئۆگىنىپ، قېرىنداشلارغا دەرس قىلىپ كېلىۋاتقان ھەمدە مۆتىۋەر ئەقىدە ئۇستازلىرى تەرىپىدىن: «يېزىلغان ئەقىدە كىتابلىرى ئىچىدە خاتالىق يوق دېيىشكە بولىدىغان بىردىنبىر ئەسەر» دەپ يۇقىرى باھا بېرىلگەن ئەللامە ھافىز ھەكەمىينىڭ «سلم الوصول إلى مباحث الأصول» (دىن ئاساسىنى ئىزدىنىشكە يېتەكلەيدىغان باسقۇچ) ناملىق مەشھۇر ئەسىرى ۋە ئۇنىڭ شەرھىسى قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، بۇ ئەقىدە دەرسلىكىنى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۇندۇم.

ئەمەلىيەتتە، بۇ ئەقىدە دەرسلىكى – تۈرمىدە ياتقان ۋاقتىمدا قېرىنداشلارنىڭ ئىلتىماسى بىلەن يېزىلىپ، دەرسلىك قىلىنغان «زۆرۈر ئىلىملەر توپلىمى»نىڭ بىر قىسمىدۇر. مەزكۇر توپلامدا دەۋەت، ھىجرەت، جىھاد ۋە ئىسلامدىكى مۇھىم سىياسەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «واجبات المؤمنين عند غياب دولة المسلمين» (مۇسۇلمانلار دۆلىتى يوق ھالەتتىكى مۇئمىنلەرنىڭ ۋەزىپىلىرى) ناملىق ئاممىباب دەرسلىك ۋە ھاكىمىيەت توغرىسىدا روشەن چۈشەنچە بېرىلگەن «الحكم في الإسلام» (ئىسلام ھاكىمىيىتى) قاتارلىق دەرسلىكلەر ئاساسىدا، «حقيقة الإيمان» (ئىماننىڭ ھەقىقىتى) ۋە «العقيدة الصحيحة» (توغرا ئەقىدە) ناملار بىلەن ئەرەب تىلىدا يېزىلىپ، شارائىت يار بەرگەن ۋاقىتلاردا قېرىنداشلار ئارىسىدا قولدىن – قولغا كۆچۈرۈلۈپ، دەرسلىك قىلىنغان بىر قىسىم بار بولۇپ، مەن كەڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمان خەلقىمىزنىڭ توغرا ئىسلام ئەقىدىسىنى ئۆگىنىشىگە ياردىمى بولۇشى ۋە مېنى تەربىيەلىگەن خەلقىمگە كىچىككىنە بولسىمۇ قىلغان خىزمىتىم بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن، مەزكۇر قىسىمنى قايتىدىن رەتلەپ ۋە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ، «قۇرئان ۋە سۈننەت نۇرىدىكى ساغلام ئەقىدە» نامىدا تەييارلاپ چىقتىم. مەن بۇ ئورۇندا، بۇ كىتابنى تۈزۈپ خەلقىمىزگە سۇنۇشتا تۆھپە قوشقان ئۇستازلارغا، خۇسۇسەن بۇنى نەشرگە تەييارلاشتىن ئىلگىرى مەن ئەرەبچە تەرجىمىسىنى بىرمۇبىر ئوقۇپ بەرگىنىمدە، باشتىن ئاخىرى تەپسىلىي ئاڭلاپ چىققاندىن كېيىن، قىممەتلىك پىكىرلىرىنى بېرىپ، قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەن پىروفېسسور، دوكتور ئابدۇلمۇنئىم ئۇستازغا، كومپيۇتېرغا چۈشۈرۈپ رەتلەشكە يېقىندىن ياردەمدە بولغان، تەھرىرلىگەن، مۇقاۋىنى لايىھەلىگەن ۋە ئىقتىسادىي ياردەمدە بولغان قېرىنداشلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن ۋە چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، مېھرىبان ئاللاھتىن بۇ ئەمىلىمىزنى سەدىقە جارىيە قاتارىدا قوبۇل قىلىشىنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن. «من دل على خير فله مثل أجر فاعله» «كىمكى بىر كىشىنى ياخشىلىققا باشلاپ قويسا، ئۇنىڭغا شۇ ياخشىلىقنى قىلغۇچىنىڭ ئەجرىگە ئوخشاش ئەجىر بېرىلىدۇ».[1]

رەسۇلۇللاھ ﷺ ئېيتقاندەك: «ئەمەللەر پەقەت نىيەتكە باغلىقتۇر …». يەنى كىشى نىيىتىگە قارىتا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىگە ۋە ساۋابىغا ئېرىشىدۇ. مېنىڭ بۇ كىچىككىنە ئەمىلىمدىكى نىيەت ۋە مەقسىتىم ـــ ئۆز خەلقىمىزنىڭ بۇ رىسالىدىن پايدىلىنىپ، ئەقىدىسىدىكى بەزى يېتەرسىزلىكلەرنى تۈزىتىۋېلىشىغا سەۋەب بولۇش ئارقىلىق، ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشتۇر.

مېھرىبان ۋە شەپقەتلىك رەببىم ئاللاھتىن بۇ تىرىشچانلىقىمنى ئۆزىنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن خالىس قىلىنغان ئەمەللەر قاتارىدا قوبۇل قىلىشىنى ۋە بۇ كىتابنى مۇسۇلمانلارغا كۆپ مەنپەئەتلىك قىلىپ بېرىشىنى ئۆتۈنۈپ سورايمەن. يەتكۈزۈش بىزدىن، ھىدايەت پەقەت يېگانە ئاللاھ تەرەپتىندۇر.

  • ئەسكەرتىش

كىتاب مەزمۇنىنىڭ ئۇزىراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، كىتابتىكى ھەربىر مەسىلىگە كىتاب ۋە سۈننەتتىن قىسقا دەلىللەر ھەمدە مۆتىۋەر ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن قىسقا ئۆرنەكلەر بېرىلدى. ئوقۇرمەنلەردىن بۇ كىتابنى باشتىن – ئاخىر تولۇق ئوقۇشى ئالاھىدە تەلەپ قىلىنىدۇ. چۈنكى، ئەقىدە مەسىلىلىرى باش – ئاخىرى بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان ۋە ئۆزئارا چەمبەرچاس باغلانغان ماۋزۇلار بولغانلىقى ئۈچۈن، تولۇق ئوقۇلماي قالسا، نازۇك نۇقتىلاردا خاتا چۈشەنچە شەكىللىنىپ قېلىپ، ئەقىدە چۈشەنچىسىدە خاتالىشىش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

 

ـــ ئەھمەد قاراخان ئوسمان ئوغلى

[1] مۇسلىم توپلىغان.

مۇناسىۋەتلىك كىتابلار

ھەممىسىنى كۆرۈش ←