مۇزلىغان شەھەر
ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر
(ئۈرۈمچىنىڭ قىشى)
مۇزلاق كوچىنىڭ تاملىرى قېيىسىق،
مەھزۇن شەھەرنىڭ دەملىرى سىقىق.
بۇلۇڭ – بوشاقنى قويماي چارلىدى –
قىشنىڭ ئەسكىرى چىلىپ ئىسقىرىق.
كۈننىڭ ئەسرى يوق ھاۋا تۇمانلىق،
يەرلەر تىترىشۈر، مۇزلىغان جانلىق.
ھەر نە شاتلىقتىن جۇدادۇر ھايات،
ئاڭلىنار ھەر ئۈن مۇڭلۇق، پىغانلىق.
كۆزلەر غەزەپلىك، قاپاقلار تۈرۈك،
ھاياتنىڭ دېمى سىقىق ۋە ئۈزۈك.
مۇزلىغان شەھەر باھارنى چىرلاپ،
ئاچچىق ئۈۈن بىلەن چالاتتى گۈدۈك.
تورخۇن تۆۋىدە يىرتىق كۆن ئۆتۈك،
چورۇق تىترەيدۇ تاپىنى تۆشۈك.
مەسۇم گۆدەكلەر چىرايى سېرىق،
قوللار سونۇلغان، بويۇنلار بۈكۈك.
دوقمۇش – دوقمۇشتا چولاق كەتمەنلەر،
دوغدىيىپ يۈرگەن يىرتىق چەكمەنلەر،
پارچە نانغا زار، تىلىققان كۆزلەر،
چەرخلىرى سۇنۇق يەمسىز تۈگمەنلەر.
مۇزلامىش شەھەر، مۇزلامىش ھېسار،
قوۋۇقلار سۇنۇق، كونا بىر مازار.
شەھەر ئۈستىدە لالما بۇلۇتلار،
ئۇزۇق ئىزلىشىپ قىلىدۇ شىكار.
كۆزلەر غەزەپلىك، قاپاقلار تۈرۈك،
ھاياتنىڭ يېپى نۇلاق يا ئۈزۈك.
مۇزلىغان شەھەر باھارنى چىرلاپ،
ئاچچىق ۋاقىراپ چالىدۇ گۈدۈك!
1946-يىل، 5-دېكابىر، ئۈرۈمچى.
