سۈنئىي ئەقىل

ماشىنا ئىشلىسە، كاللا بىكار قالامدۇ؟

سۈنئىي ئەقىل ئاگېنتلىرى خىزمىتىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالماقتا. ئەمما تەپەككۇر قىلىش مەسئۇلىيىتى يەنىلا بىزدە. مۇستەقىل ئويلاش ئىقتىدارىمىزنى ساقلاشنىڭ يوللىرى.

ئاپتور سۈرىتى

تىلەك

2026 - يىل 5 - نويابىر

4 مىنۇت ئوقۇش

مۇندەرىجە

☰ مۇندەرىجە

مۇندەرىجە

ئالقاندا تۇرغان سۈنئىي ئەقىل (AI) بەلگىسى ۋە رەقەملىك سىنبەلگىلەر

سۈنئىي ئەقىل ئاگېنتلىرى خىزمەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغاندا، ئۆز ئالدىمىزغا تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىمىزنى قانداق ساقلاپ قالىمىز؟

يازغۇچى: ئەدىي ئوسمانى

ئىزاھات: ئەدىي ئوسمانى ئىرېلاندىيەلىك يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى، تېخنىكا باشقۇرغۇچىسى ۋە يازغۇچى. ئۇ تور تېخنىكىسى، پروگرامما يېزىش قوراللىرى ۋە سۈنئىي ئەقىل ياردىمىدە يۇمشاق دېتال ئېچىش ساھەلىرىدە تونۇلغان مۇتەخەسسىس.

تەنقىدىي تەپەككۇر دېگىنىمىز، يېڭى ئۇچۇرلارغا ئوچۇق پىكىر بىلەن مۇئامىلە قىلىش، ھەر خىل كۆزقاراشلارنى ئاڭلاش، ئۇچۇرلارنى تەكشۈرۈش ۋە ئاخىرىدا ئۆز ئالدىمىزغا پىكىر يەكۈنلەش دېگەنلىكتۇر.

بۇ پىرىنسىپ بۈگۈنمۇ ناھايىتى مۇھىم. ئەمما ھازىر نۇرغۇن خىزمەتلىرىمىزنى سۈنئىي ئەقىل ئاگېنتلىرىغا تاپشۇرۇۋاتىمىز. نەتىجىدە ئۆزىمىزنىڭ ئويلىنىشى ۋە مۇستەقىل قارار چىقىرىشىغا ئىلگىرىكىدەك كۆپ ئېھتىياج قالمايۋاتىدۇ.

مەن سۈنئىي ئەقىل قوراللىرىنى قوللىنىشقا قارشى ئەمەس. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ ئىقتىدارىنى قەدىرلەيمەن. لېكىن ئۇلارغا ھەددىدىن زىيادە تايىنىپ قالساق، ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئاستا-ئاستا يوقىتىپ قويۇشىمىز مۇمكىن.

سۈنئىي ئەقىلنىڭ جاۋابلىرى بارغانسېرى توغرا، راۋان ۋە ئىشەنچلىك كۆرۈنۈۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ خاتالىقىنى بايقاشمۇ بارغانسېرى قىيىنلىشىۋاتىدۇ.

بىرلا ۋاقىتتا ئونلىغان سۈنئىي ئەقىل ئاگېنتىنى ئىشلەتسىڭىزمۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان ئادەم يەنىلا ئۆزىڭىز.

شۇڭا ئۆز ئالدىمىزغا ئويلىنىش ۋە تەنقىدىي تەپەككۇر قىلىشنى كۈندىلىك ئادىتىمىز قىلىشىمىز كېرەك.

خىزمەتنى باشقىلارغا تاپشۇرۇش بىلەن تەپەككۇرنى باشقىلارغا تاپشۇرۇشنىڭ پەرقى

يازغۇچى بۇ جەرياننى ئۈچ باسقۇچقا ئايرىيدۇ.

بىرىنچى باسقۇچ: تەپەككۇر يۈكىنى يېنىكلىتىش (Cognitive Offloading)

بۇ دېگەنلىك، بەزى خىزمەتلەرنى سۈنئىي ئەقىل ئاگېنتلىرىغا تاپشۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ۋاقتى ۋە كۈچىنى تېجەش، ئەمما ئاخىرقى نەتىجىنىڭ توغرىلىقىغا ئۆزىمىز مەسئۇل بولۇش دېگەنلىكتۇر.

بۇ ياخشى ئىش. بىز سۈنئىي ئەقىلنىڭ ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىشىمىز كېرەك.

ئىككىنچى باسقۇچ: قارارنى سۈنئىي ئەقىلگە تاپشۇرۇش (Deferral)

بۇ باسقۇچتا سۈنئىي ئەقىل ئاگېنتى تەييارلىغان نەتىجىنى ئۆزىمىز تەكشۈرمەيلا قوبۇل قىلىشقا باشلايمىز.

يەنى ئۇنىڭ جاۋابىنى بىر تەكلىپ ياكى پەرەز دەپ قاراشنىڭ ئورنىغا، تەييار ھەقىقەت دەپ قوبۇل قىلىمىز.

ئۈچىنچى باسقۇچ: ئۆز ئالدىمىزغا تەپەككۇر قىلىشتىن ۋاز كېچىش (Cognitive Surrender)

بۇ ئەڭ خەتەرلىك باسقۇچ.

بۇ ۋاقىتتا سۈنئىي ئەقىل ئاگېنتىنىڭ پىكرى ئاستا-ئاستا ئۆزىمىزنىڭ پىكرىگە ئايلىنىدۇ. ئۇنىڭ جاۋابىنى تەكشۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمىز.

ئۆزىمىز ئويلىنىشنىڭ ئورنىغا، ھەممە ئىشنى سۈنئىي ئەقىلگە تاپشۇرۇپ قويىمىز.

سۈنئىي ئەقىل ئاگېنتلىرىنىڭ خىزمىتىنى ھەقىقىي تەكشۈرۈش

مەسىلەن، سۈنئىي ئەقىل ئاگېنتى سىزگە 600 قۇرلۇق پروگرامما كودى يېزىپ بەردى، دەيلى.

سىز ئۇنى تېزلا كۆرۈپ چىقتىڭىز. كودنىڭ يېزىلىشى ياخشى، ئۆزگەرگۈچى مىقدارلارنىڭ ئىسمى مۇۋاپىق، سىناقلارمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەن. شۇڭا ئۇنى تەستىقلىدىڭىز.

لېكىن كودنىڭ ئىچىدە سىز بايقىمىغان مۇھىم بىر لوگىكىلىق خاتالىق بولۇشى مۇمكىن.

سىز كودنى تەكشۈردىڭىزمۇ؟ ئەلۋەتتە. ئەمما پەقەت ئۆزىڭىز كۈتكەن نەرسىلەرگىلا دىققەت قىلغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.

ئۆزىمىز چۈشەنمىگەن نەرسىنى پەقەت سۈنئىي ئەقىل تەييارلىغانلىقى ئۈچۈنلا توغرا دەپ قوبۇل قىلماسلىقىمىز كېرەك.

سۈپەتلىك نەتىجە ئېلىش ئۈچۈن ۋەزىپىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش كېرەك

سۈنئىي ئەقىلدىن ياخشى نەتىجە ئېلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈشىمىز لازىم.

ئىلگىرى بىر ئادەمگە ئېنىق بولمىغان ۋەزىپە بەرسىڭىز، ئۇ سىزدىن قايتا سورايتتى.

لېكىن سۈنئىي ئەقىل ئاگېنتلىرى سىز ئېنىق چۈشەندۈرمىگەن جايلارنى ئۆزلىرى پەرەز قىلىپ تولدۇرىدۇ. نەتىجىدە تەييار مەھسۇلات چىقىدۇ، ئەمما ئۇ سىزنىڭ ئەسلى مەقسىتىڭىزگە ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن.

ياخشى سوئال سوراشمۇ ئۆز ئالدىغا تەپەككۇر قىلىشنىڭ بىر قىسمىدۇر.

كەلگۈسىدە سۈنئىي ئەقىل بىزدىن ياخشى ئىشلىسە، بىزنىڭ نېمە ھاجىتىمىز بار؟

بەزىلەر مۇنداق ئويلىشى مۇمكىن:

«بىر ياكى ئىككى يىلدىن كېيىن سۈنئىي ئەقىل بىز بايقىيالايدىغان بارلىق خاتالىقلارنى ئۆزى بايقىيالايدىغان بولسا، نېمە ئۈچۈن بىز يەنىلا بۇ ماھارەتلەرنى ئۆگىنىشىمىز ۋە ساقلىشىمىز كېرەك؟»

يازغۇچىنىڭ جاۋابى ئاددىي:

چۈنكى خىزمەتنىڭ ئاخىرقى مەسئۇلىيىتى يەنىلا ئىنساننىڭ ئۈستىدە بولىدۇ.

سۈنئىي ئەقىل قانچىلىك كۈچلۈك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىرەر ئىشنى ئەمەلىيەتتە ئىشقا كىرگۈزۈش ياكى ئىجرا قىلىش قارارىنى ئادەم چىقىرىدۇ.

بىز نېمە ياساۋاتىمىز؟ نېمە ئۈچۈن ياساۋاتىمىز؟ بۇنىڭدىن كىم مەنپەئەتلىنىدۇ ياكى كىم زىيانغا ئۇچرايدۇ؟ قانداق خەتەرلەرنى قوبۇل قىلىشقا رازىمىز؟

بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ۋە ئاخىرقى قارارنى چىقىرىش مەسئۇلىيىتى بىزنىڭ ئۈستىمىزدە.

خىزمەتنى سۈنئىي ئەقىل ئاگېنتلىرىغا تاپشۇرۇشقا بولىدۇ، ئەمما مەسئۇلىيەتنى ئۇلارغا تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ.

كۈندىلىك تۇرمۇشتا قوللىنىشقا بولىدىغان ئادەتلەر

يازغۇچى بىر قانچە ئەمەلىي تەۋسىيە بېرىدۇ:

  • ھەپتىدە بىر قېتىم سۈنئىي ئەقىلنىڭ ياردىمىسىز پروگرامما يېزىپ بېقىڭ ياكى ئۆزىڭىز مۇستەقىل قىلالايدىغان بىر ئىشنى قىلىڭ.
  • ئايدا بىر قېتىم، ئىلگىرى ئۆزىڭىز قىلىپ كەلگەن، ئەمما ھازىر سۈنئىي ئەقىل ئاگېنتلىرىغا تاپشۇرۇۋاتقان خىزمەتلەرنى تىزىپ چىقىڭ.
  • چۈشەنمىگەن نەرسىڭىزگە يولۇققاندا، پەقەت سۈنئىي ئەقىلدىن سوراش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، ئۆزىڭىزمۇ تەتقىق قىلىڭ.
  • سۈنئىي ئەقىل ئاگېنتلىرىنىڭ خىزمىتىنى تەكشۈرۈشكە يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتىڭ.
  • ئۆزىڭىز ئۈچۈن مۇھىم بولغان بىلىم ۋە ماھارەتلەرنى دائىم مەشىق قىلىپ تۇرۇڭ.

بۇ يەردە ئۆزىمىزگە قويۇپ بېقىشقا تېگىشلىك بىر مۇھىم سوئال بار:

ئەگەر ئەتە سۈنئىي ئەقىل ئىشلىمەي قالسا، ئۆزىڭىزنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا قانچىلىك قادىر بولالايسىز؟

بۇ سوئال ئۆز ئىقتىدارىمىزنى قايتىدىن باھالىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.

ئاپتور سۈرىتى

تىلەك

«تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر