غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد

سەن كەزگەن تاغلارغا قۇياش پاتمايدۇ،
سەن ياتقان قەبرىدە ئۆلۈك ياتمايدۇ.
سەن مىنگەن ئوق ئاتنى ئىزدەپ ئاھ ئۇرۇپ
مىڭ ئەركەك تۈنلەردە چۆلدىن قايىتمايدۇ.

باردۇر مىڭ قوشاقچى ئۆز زىندانىدا
قاچماقنى ئىستەيدۇ، روھنى بىلەيدۇ.
ساقلار مىڭ گۇندىپاي سەگەك، ئۇخلىماي،
قولىدا مىڭ مىلتىق ئوقسىز، بىلمەيدۇ.

تاغقا بىر كەتكەنچە چۈشمىدىڭ قايتا،
قوشاقلىرىڭدىن
مىڭ غىرىب، مىڭ يىتىم سېنى ئىزلەيدۇ.
كۈتەر بەش بالاڭنى بۇندا بەش داۋان،
پىچىرلار داۋانلار؛ سادىر ئۆلمەيدۇ!

1997- يىل ئۆكتەبىر. خوتەن