ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلان ئۇچقۇچىسىنىڭ چۈشى ۋە مەۋلانا ئەبۇل ئەلا مەۋدۇدىنىڭ تەبىرى
بىر چۈش كۆرگەندىن كېيىن خاتىرجەملىكىمنى پۈتۈنلەي يوقاتتىم. ئۇيقۇم نورمالسىزلىشىپ، خىزمىتىمدە ھوزۇر قالمىدى. چۈشۈمدە مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە بېرىپتىمەن. بىراق شەھەر پۈتۈنلەي بومباردىمان قىلىنىپ، خارابىلىككە ئايلانغان ئىكەن. مەسچىدى نەبەۋىي يوق، يېشىل گۈمبەز يوق، ئۆيلەر يوق؛ ھەممە يەر ئىس تۈتەك ۋەيرانچىلىق ئىچىدە.
