قەلبىدە ئازادلىق ئوتى ئۆچمىگەن قېرىنداشلىرىمغا خوش خەۋەر!
مىر كامىل كاشغەرىي
تارىخنى — تاماشىبىنلار ئەمەس، مەيدانغا چۈشكەنلەر يازىدۇ. مىللەتنىڭ پۇتىدىكى ئەسارەت زەنجىرىنى— ياش تۆكۈپ يالۋۇرۇش ئەمەس، پولاتتەك ئىرادە بىلەن تاۋلانغان ئىستراتېگىيە پاچاقلاپ تاشلايدۇ.
بىز 70 يىلدىن بېرى كۈرەش قىلدۇق. قۇربان بەردۇق. قان ۋە ياشلىرىمىز سۇدەك ئاقتى. لېكىن، قاچانغىچە ئازادلىق ئوكيانىنىڭ قىرغىقىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ دولقۇنلىرىنى ساناپ ئولتۇرىمىز؟ قاچانغىچە باشقىلارنىڭ قۇتقۇزۇش كېمىسىگە تەلمۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ پۈتۈن بىر فلوت ياساشقا قادىر يوشۇرۇن قۇدرىتىمىزنى نەزەردىن ساقىت قىلىمىز؟
بەلكىم، مەغلۇبىيەت بىزنىڭ كۈچىمىزنىڭ ئاجىزلىقىدا ئەمەس، بەلكى بىز داۋاملاشتۇرىۋاتقان يول خەرىتىسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىدىدىدۇر.
بەلكىم، بىز يادلىغان قەھرىمانلىق داستانلىرىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق، ئەڭ مۇھىم بابى قەستەن يىرتىپ تاشلانغاندۇر.
ئەمدى، شۇ يىرتىلغان سەھىپىنى قايتا ئۇلاپ، ئازادلىقنىڭ ھەقىقىي دەستۇرىنى تارىخقا قايتىدىن نەقىش قىلىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى!
مەن سىلەرگە، تارىخنىڭ قەستەن يوشۇرغان بىر سىرىنى — قوشنىمىز ھىندىستاننىڭ ئوت يۈرەك ئوغلانى، «نېتاجى» (ئۇلۇغ داھىي) سۇبھاش چاندرا بوسنىڭ ئۆلمەس داستانىنى ئاڭلاتماقچىمەن!
تارىخ بىزگە بىر ئەفسانە سۆزلەپ بەردى، ئەمما ھەقىقەتنىڭ پەردە ئارقىسىدا، «ھىندىستاننى ماھاتما گاندى ئەمەس، سۇبھاش چاندرا بوس ئازاد قىلغان» دەپ ياڭرىغان تېخىمۇ ھەيۋەتلىك بىر داستان ياتىدۇ.
ئۇ — بىر پۈتۈن ئىمپېرىيەنى تىترىتكەن سۈرگۈندىكى كۆلەڭگە!
ئۇ — ئازادلىقنىڭ پەقەت تىنچلىق يولى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى شەرەپلىك ئەمما ئىنتايىن جاپالىق قوراللىق كۈرەش بىلەن قولغا كېلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان پولات ئىرادە!
قانداق قىلىپ بىر يالغۇز ئىنسان، ئۆلۈم توزاقلىرىنى يېرىپ چىقىپ، ياۋروپادىن ئاسىياغا قەدەر ئېتىراپقا ئېرىشىپ، دۈشمەننىڭ دۈشمىنىنى ئۆز مىللىتىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئىتتىپاقچىغا ئايلاندۇرالىدى؟ ئۇنىڭ چەتئەللەردە يالغۇز قولغا كەلتۈرگگەن دىپلوماتىك ئۇتۇقلىرىچۇ؟
قانداق قىلىپ سۈرگۈندە تۇرۇپ، دۇنيانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتلىرىنى قايىل قىلىپ، خەلقئارا قانۇن ئېتىراپ قىلغان «ئازاد ھىندىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» نى قۇرالىدى؟
قانداق قىلىپ، «ساتقۇن» دەپ ئەيىپلەنگەن مىڭلىغان ھەربىي ئەسىرلەرنىڭ يۈرىكىدىكى ۋەتەن سۆيگۈسىنى قايتىدىن ئويغۇتۇپ لاۋۇلداپ يانىدىغان ئازادلىق مەشئەللىرىگە ئايلاندۇرالىدى ۋە «ئازاد ھىندىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» نىڭ قانۇنلۇق ھەق -ھوقۇقلىرى دائىرىىسىدە چەتئەلدە ئۆلۈمدىن قورقماس «ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى» نى بەرپا قىلالىدى؟
بۇ ھېكايە — بىزنىڭ ئەينىكىمىز! ئۇنىڭغا قاراپ، ئۆزىمىزدىكى يوشۇرۇن قۇدرەتنى بايقىيالىشىمىز مۇمكىن!
بىزنىڭ دىئاسپورىمىزدا، بىر دۆلەتنى قۇرۇپ، باشقۇرۇپ كېتەلەيدىغان، لېكىن سەھنە تاپالمايۋاتقان تالانت ئېگىلىرى ۋە ھەر ساھەدە يېتىشكەن مۇتەخەسسىسلەر رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تەشنالىق بىلەن يول خەرىتىسى كۈتمەكتە.
بىزنىڭ ئارىمىزدا، خەلئارالىق چوڭ ئىقتىسادىي شىركلەتلەر بىلەن رىقابەتلىشەلەيدىغان، ئۇلار بىلەن ئوخشاش ئورۇندۇقتا ئورۇن ئالالايدىغان، تالانتلىق كارخانىچى نامزاتلار قانداق پەرۋاز قىلىشنى بىلەلمەي خۇراپ كېتىۋاتىدۇ.
بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدە، جەڭگاھلاردا پولاتتەك تاۋلىنىپ، ئۇرۇش تەجرىبىلىرى بىلەن سىستېمىلىق دۆلەت ئارمىيەلىرىنى ئۆزىگە ھەيران قالدۇرغان، ئىسلام ۋە ۋەتەن – مىللەت ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئۆلۈمگە شۇنداقلا بىر ھەربىي بۇيرۇققا تەييار ئونمىڭلىغان شىر يۈرەك، قەھرىمان مۇجاھىتلىرىمىز پۇرسەت كۈتۈپ تۇرىدۇ.
ئەمسە، تارىخنىڭ بۇ ھالقىلىق پەيتىدە، مىللەتنى ئۈمىتسىزلىك بۇلۇتلىرى قاپلىغان بۇ ئىس تۈتەكلىك ۋەزىيەتتە، بۇ ئايرىم-ئايرىم ئالماس دانچىلىرىنى بىر يەرگە تىزىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدىغان ئازادلىق تاجىنى كىم ياسايدۇ؟
بۇ چېچىلاڭغۇ كۈچلەرنى بىر نۇقتىغا يىغىپ، ئۇنىڭ ئاتوم بومبىسىدەك قۇدرىتىنى نامايان قىلىدىغان تەشكىللىگۈچى قەيەردە؟
سۇبھاش چاندرا بوسنىڭ بۇ داستانى — دەل شۇ تەشكىللەش ئىقتىدارىنىڭ خىمىيەلىك فورمۇلاسىدۇر. ئۇ — ئازادلىقنىڭ ئىنژېنېرلىقى، سىياسەتنىڭ سىھىرلىك تاكتىكىسىدۇر.
شۇڭا، بۇ بىر ھېكايە ئەمەس. بۇ — بىر ئويغىنىش نامىسى. بۇ — بىر سەپەرۋەرلىك چاقىرىقى. بۇ — بىر ھەربىي مەكتەپ، ئۇ بىر ئىستراتېگىيەلىك قوللانما.
ئەتىدىن باشلاپ، مېنىڭ فېيسبۇك سەھىپەمنى — يەنى مېنىڭ بۇ ئىدىيە قارارگاھىمنى زىيارەت قىلىڭلار. قانچىلىغان ئايدىن بۇيان كومپىيۇتېر ئالدىدا مۇكچىيىپ ولتۇرۇپ مەن ھازىرلاپ چىققان بۇ ئوتلۇق داستاننىڭ ھەر بىر بابىنى كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىر سەركەردىنىڭ جەڭ پىلانىنى ئۆگەنگەندەك ئۆگىنىڭلار. ھەر بىر ھەرپىنى يۈرىكىڭلارغا، ھەر بىر ئىستراتېگىيەنى ئانالىز ئىدراكىڭلارغا نەقىش قىلىڭلار!
بۇ داستاننى بىز تارىخ ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەس، تارىخ يارىتىش ئۈچۈن ئوقۇيمىز!
ئەسكەرتىش: ھەر بىر مىللەتنىڭ ئازادلىق كۈرىشى ۋە دۇچ كەلگەن شارائىتى ئۆزگىچە بولىدۇ ۋە بىر بىرىگە ئوخشىمايدۇ. لېكىن ئازادلىققا ئېرىشىشنىڭ دەۋىر، مىللەت، جۇغراپىيە ۋە دىن ھالقىغان ئۇنىۋېرسال قانۇنىيەتلىرى، ئۆزگەرمەس مېتودلىرى مەۋجۇتتۇر. بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار، بۇ داستاندا دەل ئەنە شۇ دەۋىر ھالقىغان ئورتاق ئۆلچەم ۋە مېتودلار بويىچە، ئۆزىمىزنىڭ يول خەرىتىسىنى سىزىش ئۈچۈن ئىلھام ئالىمىز. قېرىنداشلار، بۇ ئوتلۇق داستاننىڭ تېخىمۇ كۆپ قەلبلەرگە يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن، ھەمبەھىرلەشنى، ئىنكاس يېزىپ، بارماق بېسىشنى ئايىمىغايسىلەر!
***** ****. *********** ********
«ئازادلىق بېرىلمەيدۇ، ئۇ تارتىپ ئېلىنىدۇ! ماڭا سىلەر قان بېرىڭلار، مەن سىلەرگە ئازادلىق بېرەي!»
بۇ — نۇتۇق مەيدانىدا ياڭرىغان قۇرۇق شۇئار ئەمەس! بۇ — 20-ئەسىردە پۈتۈن ھىندىستان ئاسمىنىنى لەرزىگە سالغان، بىر پۈتۈن ئىمپېرىيەنىڭ ئۇلىنى تىترەتكەن مۇقەددەس بىر كۈرەش چاقىرىقى، قان بىلەن يېزىلغان قەسەم ئىدى!
بۇ ئاۋاز، نەچچە ئون يىل گاندىنىڭ «تىنچلىق» پەلسەپىسىگە كۆنۈپ، سەۋر-تاقەت بىلەن زالىمنىڭ ئىنساپقا كېلىشىنى كۈتۈپ، قەلبىدىكى ئۈمىدسىزلىك تېغىنىڭ ئاستىدا ئېزىلىپ ياتقان بىر مىللەتنىڭ روھىدىكى يوشۇرۇن يانار تاغنى پارتلاتقان، ئەجدادلارنىڭ قېنىدا ئېقىۋاتقان جەڭگىۋارلىق روھىنى قايتىدىن ئويغاتقان ئوتلۇق نىدا ئىدى.
بۇ ئاۋاز — ئازادلىقنىڭ سەدىقە قىلىنمايدىغانلىقىنى، بەلكى قان ۋە جان بەدىلىگە تارتىپ ئېلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى!
بۇ ئاۋاز — قۇللۇق زەنجىرىنى يىغا-زارە بىلەن ئەمەس، پولات ئىرادە ۋە جان پىدالىق بىلەن ئۈزۈپ تاشلاش كېرەكلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا ئېلان قىلغان ئىدى!
بۇ، ئۆز خەلقى تەرىپىدىن مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت بىلەن «نېتاجى» (ئۇلۇغ داھىي) دەپ ئاتالغان سۇبھاس چاندرا بوسنىڭ ئاۋازى ئىدى! ئۇنىڭ ھاياتى — پەقەت بىر سىياسەتچىنىڭ ھايات ھېكايىسى ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئازادلىققا بولغان ئەڭ شىددەتلىك ئارزۇسىغا بېغىشلانغان، يالقۇنلۇق، بوران-چاپقۇنلۇق، خىيانەت ۋە قەھرىمانلىق بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەر بىر بېتىدىن جان پىدالىق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئەفسانىۋى داستاندۇر!
1 -باب: پارلاق يۇلتۇزنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە روھلارنىڭ يول ئايرىمى
1897 -يىلى، ھىندىستان قاراڭغۇ زۇلمەت ئىچىدە ئىڭراۋاتقان بىر پەيتتە، باياشات بىر ئائىلىدە يۇلتۇز پارلىدى. بۇ — سۇبھاس چاندرا بوس ئىدى. ئۇنىڭ تۇغۇلۇشىدىلا پىشانىسىگە بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش يېزىلغاندەك، ياشلىقىدىنلا ئۆتكۈر ئەقلى، پولاتتەك ئىرادىسى ۋە ھېچكىمگە بوي ئەگمەس روھى بىلەن ئەتراپىدىكىلەرنى ھەيران قالدۇردى. ئۇ ئەنگىلىيەگە بېرىپ، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خىزمىتى بولغان ھىندىستان ھەق تەلەپ ئىشلىرى ئىمتىھانى (Indian Civil Service) دىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتۈپ، ئۆزىگە پارلاق كەلگۈسىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى. لېكىن ئۇ، زالىم مۇستەملىكىچى ھۆكۈمەتكە خىزمەت قىلىپ، يۇقىرى مائاش ۋە شان-شەرەپ ئىچىدە ياشاشنى ئۆزىگە ئەڭ چوڭ نومۇس دەپ بىلدى. ئۇنىڭ قەلبىدە بىرلا نىدا ياڭرايتتى: «ئانا ۋەتەننىڭ ئازادلىقى مېنىڭ شەخسىي شان-شەرەپلىرىمدىن مىڭ قېتىم ئەلادۇر!» شۇڭا، ئۇ پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇپ، بۇ باياشاتلىق پۇرسىتىدىن قەتئىي ۋاز كەچتى.
ھىندىستانغا قايتىپ كېلىشى بىلەنلا، ئۇ ئۆزىنى دەرھاللا ئازادلىق كۈرىشىنىڭ ئوت-يالقىنىغا ئاتتى ۋە ھىندىستان مىللىي قۇرۇلتىيى (Congress) غا قوشۇلدى. ئۇنىڭ مىسلىسىز تەشكىللەش قابىلىيىتى، ئوتلۇق نۇتۇقلىرى ۋە ياشلارنىڭ قەلبىنى جەلپ قىلىش كۈچى ئۇنى تېزلا پۈتۈن ھىندىستاندىكى ئەڭ پارلايدىغان سىياسىي يۇلتۇزغا ئايلاندۇردى. ئۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە گاندىدىن قالسىلا، قۇرۇلتايدىكى ئەڭ تەسىر كۈچى يۇقىرى رەھبەرلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. 1938- ۋە 1939-يىلى، ئىككى قېتىم ئارقىمۇ ئارقىدىن قۇرۇلتاينىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى. بولۇپمۇ ئىككىنچى قېتىمدا، ئۇ مەھاتما گاندى ئۆزى بىۋاسىتە بارلىق ئىناۋىتىنى دوغا تىكىپ قوللىغان نامزاتنى غايەت زور ئۈستۈنلۈك بىلەن يېڭىپ، پۈتۈن قۇرۇلتاينى ھەيران قالدۇردى، ئۆزىنىڭ قانچىلىك زور تەسىرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
ئەسلىدە، بوس 1921-يىلى ھىندىستانغا قايتىپ كەلگەندە، ئالدى بىلەن بومبايدا مەھاتما گاندى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ گاندىنىڭ خەلقنى سەپەرۋەر قىلىش ئىقتىدارىغا، مىليونلىغان ئىنسانلارنى بىر ئاۋاز ئەتراپىغا توپلاش جەلپكارلىقىغا قايىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ «تىنچ قارشىلىق» ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرقى نىشانى ۋە بۇ مۇساپىنىڭ روشەن ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە سورىغان ئوتلۇق سوئاللىرىغا ئېنىق جاۋاب ئالالمىغاندا، كۆڭلىدە بىر بوشلۇق، بىر گۇمان ھېس قىلغان ئىدى. گاندىمۇ بۇ ياشنىڭ كۆزلىرىدىكى ئوتنى، ئەقلىي زېرەكلىكنى دەرھاللا بايقىغان، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ بويۇن ئەگمەس روھنىڭ ۋە ئۇنىڭدىكى مۇستەقىل تەپەككۇرنىڭ، ئۆزىنىڭ «مۇتلەق ئىتائەت» نى تەلەپ قىلىدىغان رەھبەرلىك ئۇسلۇبىغا بىر كۈنى چوقۇم خىرىس بولىدىغانلىقىنى سەزگەن ئىدى.
شۇنداقتىمۇ، قۇرۇلتاي ئەينى ۋاقىتتىكى بىردىنبىر سەھنە بولغاچقا، بوس ئۆز غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ سەپكە قوشۇلدى. ئۇ تېزلا ياشلار ۋە قۇرۇلتايدىكى رادىكال قاناتنىڭ مەنىۋى داھىيسىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ نوپۇزىنىڭ كۈنسېرى ئېشىشى، گاندى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كونا ئەۋلاد رەھبەرلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئەندىشە ۋە ھەسەت ئوتىنى ياندۇردى. گاندى، بوسنىڭ ئۆزىنىڭ «تىنچلىق» پەلسەپىسىگە پۈتۈنلەي قارشى بولغان «كۈچ ئىشلىتىش» تەرغىباتىنىڭ، بىر كۈنى ئۆزى قۇرغان بۇ ھەرىكەتنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان ئەڭ كۈچلۈك رەقىبكە ئايلىنىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىدى.
بۇ ئىدىيەۋى زىددىيەت 1939-يىلدىكى قۇرۇلتاي رەئىسلىكى سايلىمىدا پارتلىدى. گاندى ئۆزىنىڭ سادىق ئەگەشكۈچىسى پاتتابى سىتاراماييانى نامزات قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ غەلىبە قىلىشىنى ئۆزىنىڭ شەخسىي نوپۇزى بىلەن كاپالەتلەندۈرمەكچى بولدى. ئەمما سايلام نەتىجىسى پۈتۈن ھىندىستاننى زىل-زىلىگە سالغان سىياسىي يەر تەۋرەش بولدى. بوس غەلىبە قىلدى! بۇ، قۇرۇلتاينىڭ روھى گاندىنىڭ يولىدىن بۇرۇلۇپ، بوس كۆرسەتكەن يولغا مايىل بولۇشقا باشلىغانلىقىنىڭ ئاشكارا ئىسپاتى ئىدى. مەغلۇبىيەتكە چىدىمىغان گاندى: «بۇ پاتتابىنىڭ مەغلۇبىيىتى ئەمەس، مېنىڭ مەغلۇبىيىتىمدۇر!» دەپ جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن قۇرۇلتاي ئاسمىنىدا ئىككى قۇياش پەيدا بولدى. بىرى، ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەمما سەۋر-تاقەتنى بىردىنبىر قورال قىلغان مەھاتما گاندى؛ يەنە بىرى، ياش، قايناق، ئوتلۇق ۋە ھەرىكەتچان سۇبھاس چاندرا بوس. ئەمما ئىككى قۇياش بىر ئاسمانغا ھەرگىز سىغمايتتى. شۇڭا گاندى ۋە ئۇنىڭ سادىقلىرى بوسنىڭ خىزمەتلىرىگە ماسلاشماي، ئۇنى پۈتۈنلەي يېتىم قالدۇرۇشقا ئۇرۇندى.
گاندى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى «تىنچ قارشىلىق» نى بىردىنبىر يول دەپ قاراپ، بېرىتانىيە بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق «دومىنىيونلۇق ھوقۇقى» (Dominion Status) نى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلاتتى. بۇ — ئەمەلىيەتتە بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسىگە ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ، يۈكسەك ئاپتونومىيەگە ئېرىشىش دېگەنلىك ئىدى. بوس بۇنى قەتئىي رەت قىلدى! ئۇنىڭ ئۈچۈن «دومىنىيونلۇق» قۇللۇقنىڭ يالتىراق قەغەزگە ئورالغان يەنە بىر شەكلى ئىدى. ئۇ «پۇرنا سۋاراج» — يەنى تولۇق مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلدى!
ئۇنىڭ نەزىرىدە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىشى ھىندىستانغا نىسبەتەن تارىختىكى قايتا تاپقىلى بولمايدىغان «ئالتۇن پۇرسەت» ئىدى. ئۇ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، بېرىتانىيەگە ئالتە ئايلىق مۆھلەت بېرىشنى، ئەگەر بۇ ۋاقىت ئىچىدە ھىندىستانغا مۇستەقىللىق بەرمىسە، پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا كەڭ كۆلەملىك ئەمەلىي قارشىلىق ھەرىكىتى قوزغاشنى تەشەببۇس قىلدى.
ئەمما بۇ تەكلىپ گاندى تەرىپىدىن رەت قىلىندى. ئاخىرقى مۇنازىرىلەرنىڭ بىرىدە، ئىككى بۈيۈك روھنىڭ يولى مەڭگۈگە ئايرىلدى. بوس گاندىغا ئۆتۈنۈش ۋە كەسكىنلىك بىلەن مۇنداق دېدى:
«ھۆرمەتلىك مەھاتما، سىزنىڭ يولىڭىز بىر رۇھانىيلىق يولى. ئەمما بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى پەقەت رۇھانىي ھەرىكەتكە تاياندۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. دۈشمەن قىلىچ كۆتۈرۈپ كەلگەندە، بىز ئۇنىڭغا گۈل تۇتۇپ چىقالمايمىز. ۋاقىت بىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ!»
گاندىنىڭ جاۋابى تەمكىن، ئەمما كېلىشمەسلىك بىلەن تولغان ئىدى:
«زوراۋانلىق پەقەت تېخىمۇ كۆپ زوراۋانلىقنى تۇغدۇرىدۇ. ئەگەر بىز دۈشمىنىمىزنىڭ ئۇسۇلىنى قوللانساق، ئۇنىڭ بىلەن نېمە پەرقىمىز قالىدۇ؟»
بۇ پەقەت ئىككى سىياسىي يولنىڭ تاللىشى ئەمەس، بەلكى ئىككى خىل دۇنيا قاراشنىڭ، ئىككى خىل روھنىڭ توقۇنۇشى ئىدى. بۇ، ئىككى بۈيۈك روھنىڭ ھەرگىز كېلىشەلمەيدىغان يول ئايرىمى ئىدى.
بىر تەرەپتە، سەۋرچانلىق بىلەن زالىمنىڭ ۋىجدانىنى ئويغىتىشقا تىرىشىدىغان روھ، يەنە بىر تەرەپتە، زۇلۇمنىڭ ئالدىدا تىز پۈككەننىڭ ئورنىغا تىك تۇرۇپ ئۆلۈشنى ئەۋزەل كۆرىدىغان، يۈرەكلەردىكى غەزەپ ئوتىنى ئىنقىلاب مەشئىلىگە ئايلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان مەردانە روھ بار ئىدى. بوس، دەل شۇ ئىككىنچى روھنىڭ، يەنى ياش، قايناق ۋە ئۈمىدۋار ھىندىستاننىڭ ئاۋازى ئىدى.
ئاخىرىدا، ئۆز ئىدىيەسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتى قالمىغانلىقىنى ھېس قىلغان بوس، غەزەپ ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە، ئۆزى قان-تەرى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرغان قۇرۇلتايدىن ئىستىپا بەردى.
شۇ كۈنى، ئۇ ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازغان ئىدى:
«بۈگۈن مەن يالغۇز قالدىم. ئەمما مېنىڭ يولۇم ھەقىقەتنىڭ يولىدۇر. ئەگەر پۈتۈن دۇنيا ماڭا قارشى چىقسىمۇ، ئەگەر مەن بۇ يولدا يالغۇز مېڭىشقا مەجبۇر بولساممۇ، قىلچە ئىككىلەنمەيمەن!»
بۇ سۆزلەر — بىر قەھرىماننىڭ ئۆز غايىسى ئۈچۈن دۇنيادىن يۈز ئۆرۈشتىن قورقمايدىغان پولات ئىرادىسىنىڭ ئىپادىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئاققۇزغان كۆز يېشى ئۆزىنىڭ سىياسىي مەغلۇبىيىتى ۋە چەتكە قېقىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مىليونلىغان قېرىنداشلىرىنىڭ يەنىلا قۇللۇق زەنجىرى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى، ئەمما ئازادلىقنىڭ «ئالتۇن پۇرسىتى»نىڭ قولدىن كېتىپ قېلىش خەۋپى بارلىقىدەك جىددىي ئىستىراتىگىيەلىك تەقەززا يۈزىسىدىن ئىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ، ئۇنىڭ قەلبىدە بىرلا نىدا ياڭراشقا باشلىدى:
«ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىي نەزەر، ھىندىستان چوقۇم مۇشۇ ئالتۇن پۇرسەتتە مۇستەقىل بولۇشى كېرەك!»
بۇ، يېڭى بىر كۈرەشنىڭ، تېخىمۇ خەتەرلىك، تېخىمۇ شەرەپلىك بىر سەپەرنىڭ باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
**** **** ***** ******** *****
خوش! ئەمدى قىسسىدىن بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا چۈشكەن ھەسسىگە كېلەيلى!
چاندىرا بوس داستانىنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىدىن روھىمىزغا ئويۇلىدىغان سەككىز مەشئەل
بىرىنچى مەشئەل: 70 يىللىق غەپلەت ئۇيقىسىدىن ئويغىنىش — ئازادلىق سەدىقە قىلىنمايدۇ، ئۇ قۇربانلىق بىلەن تارتىپ ئېلىنىدۇ!
70 يىللىق ئۇزۇن كېچە — بىزنى شېرىن ئەمما زەھەرلىك بىر غەپلەت چۈشىگە غەرق قىلدى. بۇ چۈشتە، دۇنيانىڭ بىزگە ئىچ ئاغرىتىشىنى، زالىمنىڭ بىر كۈنى ئىنساپقا كېلىپ، ۋىجدانىنىڭ ئويغىنىشىنى ياكى دۇنيانىڭ قولىمىزدىن تۇتۇپ خىتاينى ۋەتىنىمىزدىن قوغلاپ چقىرىپ بېرىشىنى كۈتتۇق. كۆز ياشلىرىمىزنى دەريا قىلىپ ئېقىتىپ، ئاتالمىش «كىشىلىك ھوقۇق»، «ئىنسانپەرۋەرلىك» دېگەن يالتىراق شۇئارلارنىڭ سايىسىدىن پاناھلىق تىلىدۇق. ئۈمىدىمىزنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قەبرىستانلىقتەك سۈكۈتىگە، خەلقئارا قانۇنلارنىڭ ئاق قەغەز ئۈستىدىكى ئۆلۈك ھەرپلىرىگە باغلىدۇق. گويا ئازادلىق — بىرەيلەننىڭ بىزگە ئىچ ئاغرىتىپ ئېلىپ بېرىدىغان سەدىقىسىدەك قولىمىزنى سوزۇپلا يۈردۈق.
لېكىن ھەر قانداق چۈشنىڭ ئويغىنىدىغان بىر سوغۇق سەھىرى بولىدۇ. مانا ئەمدى شۇ رەھىمسىز دۇنيانىڭ مۇزدەك رېئاللىقى كۆز ئالدىمىزدا تۇرۇپتۇ. بىز ئىلاھلاشتۇرغان ئۇ ئالىيجاناب پرىنسىپلار، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قاراڭغۇ مەنپەئەتلىرى ئالدىدا قانداق رەھىمسىزلەرچە يىرتىپ تاشلانغان قەغەز پارچىلىرىغا ئايلاندى؟
غەززەنىڭ ئاسمانىغا ئۆرلىگەن ئاھۇ-پەريادلار، بېرمادا دەريا بولۇپ ئاققان قانلار، ئۇكرائىنانىڭ خارابىلىرىدە يىغلىغان بوۋاقلارنىڭ چىقىراشلىرى — بۇلارنىڭ قايسىسى تاش يۈرەك سىياسەتنىڭ مەنپەئەت تارازىسىنى تەۋرىتەلىدى؟
ئەمدى شۇ ھەقىقەتنى قان-قېنىمىز بىلەن ھېس قىلىدىغان ۋاقىت كەلدى: بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىز ياكى يوقىلىشىمىز، دۇنيادىكى بىرەر كۈچنىڭ بىۋاسىتە مەنپەئەتىگە خەنجەردەك سانجىلىدىغان ياكى زىيىنىغا قالقان بولىدىغان بىر ھالەتنى ئۆزىمىزنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزىمىز ياراتمىغۇچە، ھېچكىم، ھېچقاچان بىزنىڭ كۆز يېشىمىز ئۈچۈنلا ئازادلىقىمىزغا ئۆز كەلگۈسىنى تىكمەيدۇ! بىزنىڭ ئۆز پۈتىمىز بىلەن تىك تۇرالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنمەي تۇرۇپ، ھېچ بىر كۈچ نەتىجىسى ئېنىقسىز ئىشقا مەبلەغ سالمايدۇ.
ئەلۋەتتە، بۇ — خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ۋە ۋەھشىيلىكىنى دۇنياغا ئاڭلاتمايلى دېگەنلىك ئەمەس! خىتاينىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش ئەلۋەتتە بىزنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچىمىز. لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ كۈرىشىمىزنىڭ ئاساسلىق غايىسى ئەمەس، بەلكى مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت مۇقەددەس غايىگە يېتىش يولىدىكى بىر ۋاسىتە، بىر قوراللا بولۇشى لازىم.
شۇڭا، نېتاجى بوسنىڭ ئاسماننى تىترەتكەن: «ئازادلىق بېرىلمەيدۇ، ئۇ تارتىپ ئېلىنىدۇ!» دېگەن ھۆكمىنى قەلبىمىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە ئويايلى! روھىمىزدىكى 70 يىللىق «تىلەمچىلىك» ۋە «كۈتۈش» پىسخىكىسىنى ئۆز پۈتىمىز بىلەن دەس ئورنىمىزدىن تۇرۇش ئىرادىمىزنىڭ ئوتىدا كۆيدۈرۈپ تاشلايلى! خىتاينىڭ جىنايىتىنى پاش قىلىشتىن ئىبارەت ۋاستىنى غايە قىلىۋېلىشتەك بېكىنمىچىلىكتىن قۇتۇلۇپ، ئۆز تەقدىرىمىزنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇش ئۈچۈن، پولات ئىرادە بىلەن «كۈرەش قىلىپ تارتىۋېلىش» يولىنى جىددىي ئويلىشايلى!
ئىككىنچى مەشئەل: ئالتۇن تەخت ۋە ۋىجدان ئوتتۇرىسىدىكى تاللاش — ھەقىقىي شان-شەرەپنىڭ ئۆلچىمى
بۇ بىزگە، بولۇپمۇ چەت ئەللەردە ئۆزىنىڭ ۋە ئالىسىنىڭلا راھىتى بىلەن بولۇپ ياشاۋاتقان ۋە نۇمۇس قىلماستىن «مەن سىياسەتكە ئارىلاشمايمەن» دەۋاتقان، ھەتتا خىتايغا سەت كۆرۈنۈپ قالماسلىق ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ پائالىيىتىگە ئۆزى قاتناشمىسىمۇ ئايالىنى ياكى قىزلىرىنى يوللاش ئارقىلىق يوقلىمىدىن ئۆتۈپ تۇرۇشنى جانباقتىلىق پەلسەپەسى قىلىۋالغان كىشىلىرىمىزگە ئۆتكۈر بىر سوئالنى سانجىيدۇ:
«بىر ئىنسان ئۈچۈن ھەقىقىي شان-شەرەپ نېمە؟ زالىم مۇستەملىكىچىدىن تامادا بولۇش ياكى ئىشغالىيەتچى دۆلەت سىستېمىسى ئىچىدە يۇقىرى مەنسەپلەرگە ئېرىشىپ، ئۆزى ئۈچۈن «ئالتۇن تەخت» ياساپ، شەرمەندىلەرچە راھەت-پاراغەتتە ياشاشمۇ ياكى شۇ ئىمتىيازلارنى نومۇس دەپ بىلىپ، ئۇنىڭدىن قەتئىي ۋاز كېچىپ، ئۆزىنى مىللەتنىڭ تىكەنلىك ئەمما شەرەپلىك ئازادلىق يولىغا ئاتاشمۇ؟!
بوسنىڭ تاللىشى شۇ ھەقىقەتنى جاكارلايدۇ: «ئۆز مىللىتى ئاسارەت ئاستىدا ئىڭراۋاتقاندا، قولغا كەلگەن ھەر قانداق شەخسىي شان-شەرەپ — روھقا كىيدۈرۈلگەن كىشەن، ۋىجدانغا سانجىلغان زەھەرلىك خەنجەردۇر!
دەرۋەقە ۋەتەننى ئانىسى ئورنىدا كۆرگەن ھەر قانداق ۋەتەنپەرۋەرگە نىسبەتەن ئۆز مىللىتى ئاسارەت ئاستىدا ئىڭراۋاتقاندا، دۈشمەنگە خىزمەت قىلىپ قولغا كەلگەن ھەر قانداق ئالىي ئاكادېمىك ئۇنۋان ۋە ھەر قانداق شان-شەرەپ، روھىغا كىيدۈرۈلگەن كىشەن، ۋىجدانىغا سانجىلغان خەنجەر ھېسابلىنىشى لازىم. چاندىرا بوسنىڭ قەلبىدە ياڭرىغان «ئانا ۋەتەننىڭ ئازادلىقى مېنىڭ شەخسىي شان-شەرەپلىرىمدىن مىڭ قات ئەلادۇر!» دېگەن نىدا — ھەر بىر ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرنىڭ روھىي قەسەمىگە ئايلىنىشى كېرەك.
بۈگۈنكى كۈندە، بىزنىڭمۇ نۇرغۇنلىغان قابىلىيەتلىك ياشلىرىمىز تۈركىيە ۋە غەرب ئەللىرىدە ئىلىم-پەننىڭ يۇقىرى پەللىلىرىگە چىقىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن «ئالتۇن ەخت، ئېسىل» ئىمتىيازلارنى ياراتتى. لېكىن بوسنىڭ ئۆلمەس روھى بىزگە شۇنى ئەسكەرتمەكتە:
«ھەقىقىي زىيالىي، ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەر ئۆز قابىلىيىتىنى پەقەت شەخسىي راھىتى ئۈچۈنلا ئىشلەتمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇ ئۆز بىلىمىنى مىللەتنىڭ ئازادلىق كۈرىشى ئۈچۈن ئۆتكۈر بىر قىلىچقا، ئۆز ئورنىنى ۋەتەننى قوغدايدىغان مۇستەھكەم بىر قورغانغا ئايلاندۇرىدۇ. شۇڭا، ھەقىقىي شان-شەرەپ — ئېرىشكەن يۈكسەك مەنسەپتە ئەمەس، بەلكى ئۆز مىللىتىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن شۇ مەنسەپتىن ۋاز كېچەلەيدىغان ياكى ئۇنى مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدىغان پولات ئىرادىدە جىلۋىلىنىدۇ»
ئۈچىنچى مەشئەل: زالىمنىڭ ۋىجدانىدىن ئۈمىد كۈتۈشتەك ئۆلۈك خىيالنى دەپنە قىلىش!
گاندىنىڭ يولى — بىر رۇھانىيەتچىنىڭ يولى ئىدى، ئۇ زالىمنىڭ يۈرىكىدىكى يوشۇرۇن ياخشىلىققا ئىشىنەتتى. لېكىن بىزنىڭ 70 يىللىق تەشكىللىك يىغلاپ يۈرىشىمىز، ماھىيەتتە شۇ گاندىچە يولنىڭ ئاخىرىغا چىقمايدىغان بىر نۇسخىسى بولۇپ قالمىدىمۇ؟ نەتىجە نېمە بولدى؟ بىز يىغلىغانچە، دۈشمەننىڭ قەلبى يۇمشىماقتا يوق، ئەكسىچە تېخىمۇ قاتتى، دۇنيانىڭ مەنپەئەت لوقمىسىغا تولغان زۇۋانى تېخىمۇ سۈكۈتكە چۆمدى. زۇلۇمنىڭ قامچىسى تېخىمۇ زەھەرلەندى! نېتاجى بوسنىڭ روھى بۈگۈن بىزگە شۇنى جاكارلىماقتا: «دۈشمەن قىلىچ كۆتۈرۈپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا گۈل تۇتۇپ چىقىش — ئۆز-ئۆزىنى ئۆلتۈرۈشتۇر!» زالىم پەقەت بىرلا تىلنى چۈشىنىدۇ — ئۇ بولسىمۇ كۈچنىڭ تىلى! شۇڭا، بىز دۇنياغا ئۆزىمىزنىڭ مەزلۇملۇقىمىزنى كۆرسىتىپ ھېسداشلىق تىلىنىش سەھنىسىدىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىمىزنىڭ تاغدەك مەزمۇت، يېڭىلمەس ئىرادىمىزنى نامايان قىلىش ئارقىلىق ھۆرمەتكە ۋە ھەقىقىي ئىتتىپاقداشلارغا ئېرىشىش سەھنىسىگە چىقىشىمىز كېرەك!
تۆتىنچى مەشئەل: نىشاننىڭ قۇتۇپ يۇلتۇزىدەك ئېنىق ۋە مۇتلەق بولۇشى — «ئاپتونومىيە» ئەمەس، «تولۇق مۇستەقىللىق!»
نېتاجى بوس، گاندى تەلەپ قىلغان «دومىنىيونلۇق» نى — يەنى قۇللۇقنىڭ يالتىراق قەغەزگە ئورالغان يەنە بىر شەكلىنى قانداق نەپرەت بىلەن رەت قىلغان بولسا، بىز ھەر تۈرلۈك «كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ياخشىلىنىشى»، «مەدەنىيەتنىڭ قوغدىلىشى» ياكى «ھەقىقىي ئاپتونومىيە» دېگەندەك سۆزلەردىن شۇنداق ھەزەر ئەيلىشىمىز لازىم! بۇلار — بىزنى مەڭگۈلۈك قۇللۇق سازلىقىغا تېخىمۇ چوڭقۇر پاتۇرىدىغان ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان تاتلىق يالغانلاردۇر. بىزنىڭ كۈرەش بايرىقىمىزغا پەقەت بىرلا سۆز يېزىلىشى كېرەك«مۇستەقىللىق! تولۇق مۇستەقىللىق!»
بۇ بىزنىڭ قۇتۇپ يۇلتۇزىمىز، يولىمىزدىكى بىردىنبىر نۇرلۇق مەشئەل بولۇشى شەرت! بۇ نىشاندىن قىلچە تەۋرەنسەك، دۈشمەننىڭ ئالدامچىلىقىغا ئۇچرايمىز ۋە كۈرىشىمىزنىڭ روھى ئۆلىدۇ.
بەشىنچى مەشئەل: بوران-چاپقۇنلۇق دېڭىزدا يول تېپىش — ئىستراتېگىيەلىك «ئالتۇن پۇرسەت» نى يارىتىش ۋە تۇتۇش!
نېتاجى بوس دۇنيا ئۇرۇشىدەك بالايىئاپەتنى مىللىتى ئۈچۈن «ئالتۇن پۇرسەت» كە ئايلاندۇرالىدى. ئۇنىڭ بۇ ئۆتكۈر ئىستراتېگىيەلىك نەزىرى بىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭقۇر دەرستۇر. بىز ئىچكى رىقابەت ۋە مەنمەنلىك تالاش – تاتىشلىرىغا پېتىپ، دۇنيانىڭ بوران-چاپقۇنلۇق دېڭىزىدا پاسسىپ لەيلەپ يۈرگەن ئاجىز كېمە بولۇشتىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. ئەكسىچە، دۇنيانىڭ ھەر بىر دولقۇنىنى، چوڭ كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەر بىر توقۇنۇشنى، دۈشمىنىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ھەر بىر ئاجىزلىقىنى ئۆتكۈر كۆزىتىپ، ئۆزىمىز ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىدىغان ۋە كەلگەن پۇرسەتنى قەتئىي قولدىن بەرمەيدىغان ماھىر كاپىتانلارغا ئايلىنىشىمىز لازىم. ئۇنتۇمايلى، «ۋاقىت بىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ!»
ئالتىنچى مەشئەل: ھەقىقەت يولىدىكى يالغۇزلۇق — يېڭى يول ئاچقۇچىلارنىڭ پولات ئىرادىسى!
نېتاجى بوس ئۆزى ئىشەنگەن ھەقىقەت ئۈچۈن، گاندىدەك بىر تاغقا، پۈتۈن بىر قۇرۇلتايغا قارشى تۇرۇشتىن قورقمىدى. ئۇنىڭ: «ئەگەر مەن بۇ يولدا يالغۇز مېڭىشقا مەجبۇر بولساممۇ، قىلچە ئىككىلەنمەيمەن!» دېگەن سۆزلىرى — بىر قەھرىماننىڭ يۈرەك قېنى بىلەن يېزىلغان قەسەمىدۇر. بۈگۈنكى دىئاسپورادىكى رەھبەرلىرىمىز ۋە ھەر بىر ۋەتەنپەرۋەر ئۆزىدىن سوراپ باقسۇن:
بىز كۆنگەن، ئەمما نەتىجىسى كۆرۈلمىگەن كونا يوللاردا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرامدۇق ياكى ھەقىقەتنىڭ تىكەنلىك، ئەمما شەرەپلىك يولىدا يالغۇز بولسىمۇ مېڭىشقا جۈرئەت قىلالامدۇق؟ ھەقىقىي داھىيلىق — كۆپچىلىكنىڭ ئالقىشىغا ئەمەس، ھەقىقەتنىڭ چاقىرىقىغا ئەگىشىشتۇر!
يەتتىنچى مەشئەل: ئازادلىق دەرىخىنىڭ قان بىلەن سۇغىرىلىشى — «ماڭا سىلەر قان بېرىڭلار، مەن سىلەرگە ئازادلىق بېرەي!»
بۇ — نۇتۇق مەيدانىدا ياڭرىغان قۇرۇق شۇئار ئەمەس، بۇ — ئازادلىقنىڭ ئەزەلدىن ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتى، كائىناتقا ئويۇلغان ئەڭ ئاخىرقى فورمۇلاسىدۇر! 70 يىللىق كۆز ياشلىرىمىز بىزگە ھېسداشلىقنىڭ كۆز يېشىمىزنى ئېيتىدىغان قەغەز ياغلىقىدىن باشقا ھېچنەرسە ئېلىپ كەلمىدى، چۈنكى ئازادلىق دەرىخى مەزلۇملارنىڭ كۆز يېشى بىلەن ئەمەس، بەلكى قەھرىمانلارنىڭ قېنى بىلەن سۇغىرىلغاندىلا كۆكلەيدۇ. چاندىرا بوسنىڭ روھى بىزگە شۇنى ئۇقتۇرماقتا: مىللەتنىڭ ئەركى ئۈچۈن ئەڭ ئەزىز بولغان جاننى ۋە ئەڭ قىزىل بولغان قاننى تەقدىم قىلىشقا تەييار بولغان بىر ئەۋلاد يېتىشىپ چىقمىغۇچە، ھەقىقىي مۇستەقىللىق بىر سەھرادىكى ئالۋۇنغا ئوخشايدۇ. بىز چوقۇم ياشلىرىمىزنىڭ قەلبىدىكى قورقۇنچنى تازىلاپ، ئۇلارنىڭ تومۇرىغا ئەجدادلىرىمىزنىڭ جەڭگىۋار جىھاد روھىنى، نېتاجىنىڭ ئۆلۈمدىن قورقماس ئىرادىسىنى سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك!
سەككىزىنچى مەشئەل: ئۆز يۈرىكىمىزگە سانجىلغان خەنجەرنى سۇغۇرۇپ تاشلاش — ئىچكى ئىختىلاپتىن ھالقىپ، ھەرىكەتكە ئۆتۈش!
بوس بىلەن گاندى ئوتتۇرىسىدىكى يول ئايرىمى قارىماققا بىر پارچىلىنىشتەك تۇيۇلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە نېتاجى ئۆز يولىنى تاپقاندا، ئىككىلەنمەستىن ئالغا ئىلگىرىلىدى. گاندىنى ياكى قۇرۇلتاينى تىللاپ ئەيىبلەپمۇ يۈرمىدى. بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى ئىختىلاپلار، گۇرۇپپىۋازلىق ۋە شەخسىي ھەسەتخورلۇقلارچۇ؟ ئۇلار — دۈشمەننىڭ ئوقىدىنمۇ بەتتەر، ئۆزىمىز ئۆز يۈرىكىمىزگە سانجىۋاتقان زەھەرلىك خەنجەر بولۇشتىن ھالقىيالمىدى! پىروفېسسورلۇقنى خىتايدىن مۇكاپاتقا ئالغان ئىچىمىزدىكى بەزى ئالىي ئۇنۋانلىق بىلەرمەن ئۈششۈك تەككەن ئېشەك ھەرىلىرى مۇھاجىرەتكە چىققاندىن تارتىپ، ئۆزلىرى بىرەر چارە ياكى يول كۆرتسىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھە دېسىلا تەشكىلاتلىرىمىزنى تىللاپ، ئۇيغۇرنى ئۇيغۇرغا سەت كۆرسىتىپ، تەشكىلاتلىنىش قىزغىنلىقىمىزغا سۇ تۆكتى. ئاڭلىۋالغان بەزى خاتالىقلارنى تۇتقۇ قىلىۋېلىپ، ئىجتىمائىي بىرلىكىمىز ۋە سىستېمىلىشىش ئىقتىدارىمىزغا كېسىلىتا قۇيدى.
ئەلۋەتتە ئىدىيە ۋە مېتود ئۈستىدىكى مۇنازىرىلەر زۆرۈر، لېكىن ئۇلار ھەرىكىتىمىزنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان زەھەرگە ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. ھازىر قايسى يولنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى تالاش-تارتىش قىلىپ ئولتۇرىدىغان ۋاقىت ئەمەس، بەلكى بىر نىشان ئاستىدا، سىستېمىلىق ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق ئۆز يولىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ۋاقىتتۇر.
خۇلاسە شۇكى، ئەمدى ئورۇۇنسىز يىغلاشنى توختىتىپ، روھىمىزنى قايتىدىن تاۋلايدىغان، كۈرەش ئىرادىمىزنى پولاتتەك چىڭىتىدىغان ۋاقىت كەلدى. روھىمىزدىكى ئۈمىدسىزلىك تېغىنى پارتلىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئازادلىق ئۈچۈن ھەممە نەرسىگە تەييار بولغان يانار تاغدەك بىر روھنى تىكلىمىسەك بولمايدۇ!
(داۋاملىشىدۇ…..)
ئىككىنچى بۆلۈمدە، ھىندىستاندا ئۆزىنىڭ تەۋرەنمەس پىكىرلىرى سەۋەبىدىن چەتكە قېقىلغان ۋە يالغۇزلۇققا مەھكۇم قىلىنغان سۇبھاس چاندرا بوسنىڭ، كۆپ قېتىملاپ تۈرمىگە تاشلانغاندىن ۋە يۈزلىگەن ئىنگلىز جاسۇسىنىڭ نازارىتى ئاستىدا ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ ئارسلان يۈرەك مۇستەقىللىق جەڭچىسىنىڭ قەپەسنى قانداق پارە-پارە قىلىپ چىققانلىقىنى؛ ئەمدى ئانا ۋەتىنىدە نەپەس ئېلىشقىمۇ ئىمكان قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، قوراللىق قارشىلىق ھەرىكىتىنى چەتئەلدىن باشلاش ئارزۇسىدا بىر مۇسۇلمان دوستىنىڭ ياردىمى بىلەن ئانا يۇرتىدىن ئايرىلىشىنى، ئافغانىستاننىڭ ئەجەللىك يوللىرىدا ئۇنى قانداق خەۋپ-خەتەرلەر ۋە پۇرسەتلەرنىڭ كۈتۈۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئافغانىستاندا تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىمىز.
2# – باب: زىندانلارنى يېرىپ چىققان ئىرادە ۋە ئەجەللىك يوللارغا ئاتلىنىش
ھىندىستان مىللىي قۇرۇلتىيىدىن ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، سۇبھاس چاندرا بوس بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ كۆزىدىكى ئەڭ خەتەرلىك تىكەنگە، ئۇلارنىڭ تاتلىق چۈشلىرىنى بۇزىدىغان قورقۇنچلۇق ئالۋاستىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ ھەر بىر نەپىسى، ھەر بىر قەدىمى يۈزلىگەن جاسۇسنىڭ كۆزىتىشى ئاستىدا ئىدى. ئۇلار ئۇنى 11-قېتىم تۈرمىگە تاشلىدى، ئەمما تۈرمىنىڭ سوغۇق، زەھەرخەندە تاش تاملىرى ئۇنىڭ پولات ئىرادىسىنى بوغماقتا يوق، ئەكسىچە ئۇنى تېخىمۇ تاۋلاپ، تېخىمۇ ئۆتكۈر، ھەر قانداق زەنجىرنى ئۈزۈپ تاشلاشقا قادىر بىر قىلىچقا ئايلاندۇردى.
ئاخىرى، ئۇلار ئۇنى كالكۇتتادىكى ئۆيىگە نەزەربەند قىلدى. بۇ، تاشقى كۆرۈنۈشتە بىر «يۇمشاقلىق» بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە روھنى ئاستا-ئاستا ئۆلتۈرىدىغان ئالتۇن قەپەس ئىدى. ئۆزى ئەڭ ئىشەنگەن گاندى تەرىپىدىن «ئىنتىزامسىز» دەپ قارىلىنىپ، سىياسىي جەھەتتىن يېتىم قالدۇرۇلغان بۇ كۈنلەردە، ئۇنىڭ قۇلىقىدا رابىندرانات تاگورنىڭ مۇڭلۇق ئەمما ئىرادىگە تولغان شۇ مىسرالىرى ياڭرايتتى: «ئەگەر سېنىڭ چاقىرىقىڭغا ھېچكىم ئاۋاز قوشمىسا، ئۇنداقتا يالغۇز ماڭغىن!»
ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا كېچە-كۈندۈز كۆزىتىپ تۇرىدىغان ئىنگلىز جاسۇسلىرى، بوسنىڭ ساقال-بۇرۇتلىرىنى ئۆستۈرۈپ، كۈنلەپ ئۆيىدىن چىقماي «ئىبادەتكە بېرىلىپ كەتكەن»لىكىگە قاراپ، ئۇنىڭ ئىرادىسىنىڭ ئاخىرى سۇنغانلىقىغا ئىشىنىشكە باشلىغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ سۈكۈتلۈك نەزەربەند ئاستىدا، بوسنىڭ قەلبىدە تارىختىكى ئەڭ دادىل، ئەڭ مۇكەممەل قېچىش پىلانىنىڭ ئۇرۇقى بىخ سۈرۈشكە باشلىغان ئىدى. چۈنكى ئۇ ھىندىستاننىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرالمايدىغانلىقىنى#، گاندىغا ئوخشاش ئۆزىگە مۇتلەق ئىتائەت قىلىدىغان تەشكىلاتى يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ بىردىنبىر قورالى بولغان ئاممىۋى قوللاشنىڭمۇ بۇ ئېمپېرىيالىستنى يېڭىشكە يەتمەيدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئىدى. گويا بوس ئۈچۈن ئۆيى روھىنى چىرىتىدىغان تۈرمە ئەمەس، بەلكى كۈرەشنىڭ يېڭى سەھنىسىنى پىلانلايدىغان بىر پۇرسەت ئىدى. بۇ پىلان ئۈچۈن ئايلارچە ھازىرلىق قىلدى. ھەتتا پوشتۇ تىلىنى ئۆگىنىشكە باشلىغان ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ قەلبىدە بىر پولاتتەك قارار پىشىپ يېتىلگەن ئىدى: «ئەگەر ھىندىستان تۇپرىقىدا دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلىشقا ئىمكان قالمىسا، مەن دۇنيانىڭ قەيېرىدە بولسۇن، دۈشمەننىڭ دۈشمىنى بىلەن بىرلىشىپ، ئازادلىق ئارمىيەسىنى قۇرۇپ، چوقۇم ئانا ۋەتەننى ئازاد قىلىش ئۈچۈن قايتىپ كېلىمەن!»
بۇ، تارىختىكى ئەڭ دادىل ۋە ئەڭ خەتەرلىك قېچىش پىلانىنىڭ باشلىنىشى ئىدى. پىلاننىڭ ھەر بىر ھالقىسى ئىنچىكىلىك بىلەن لايىھەلەندى. 16-دېكابىر، چېگرادىن ئاتايىتەن كەلگەن مىئان ئەكبەر شاھ بىلەن كۆرۈشۈپ، پېشاۋار ئارقىلىق كابۇلغا قېچىش يوللىرىنى مۇقىملاشتۇردى. بېنگال پىدائىيلىرىدىن مايور ساتيا گۇپتا ۋە ساتيا رانجان باكشى پۇل ۋە كېرەكلىك ئەشيالارنى تەييارلاشقا كىرىشتى. بوسنىڭ سادىق جىيەنلىرى ئىلا، ئوروبىندو ۋە دۋىجېندرا قاتارلىقلار بۇ مەخپىي پىلاننىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا جان تىكىپ ياردەم بەردى.
1941-يىلى 16 – يانۋارنىڭ مۇزدەك بىر كېچىسىدە، پۈتۈن كالكۇتتا شەھىرى قاراڭغۇ ئۇيقۇغا غەرق بولغاندا، بوس ئۆز پىلانى بويىچە بىر مۇسۇلمان پۇشتۇن دوستى «مۇھەممەد زىياۋۇددىن» نىڭ قىياپىتىگە كىرىپ، گاس-گاچا، ئۇزۇن ساقاللىق بىر مۇسۇلمان بوۋايغا ئايلاندى. بوس ئۆزىنىڭ تونۇلغان قىياپىتىنى، داڭلىق ئىسمىنى، پۈتۈن كىملىكىنى شۇ قاراڭغۇ ئۆيگە دەپنە قىلدى. پىلانىنى ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيتتى. ۋەتەننى ۋە ئائىلىسىنى تاشلاپ كېتىدىغانلىقىنى ھەتتا ئائىلىسىدىكىلەردىن ۋە سۆيۈملۈك ئانىسىدىنمۇ مەخپىي تۇتقان ئىدى. 17-يانۋار سەھەر سائەت 1:30 دا، ئۇ ئىلگىرى ھېچ سىياسىي پائالىيەتلەرگە ئارىلىشىپ باقمىغانلىقى ۋە ئۇستا شوپۇرلۇقى ئۈچۈن ئاتايىتەن تاللانغان سادىق جىيەنى سىسىر بوس ھەيدىگەن ماشىنىغا ئولتۇرۇپ، ئۆيىنى ھەممە ئەتراپتىن قورشاپ تۇرغان 62 نەپەر جاسۇسنىڭ كۆزىنى چاڭ-توزانغا تولدۇرۇپ، ئۆز ئۆيىدىن غايىب بولدى. جىيەنى سىسىر بوس ھەيدىگەن ماشىنىغا ئولتۇرغاندا، ئۇ ئەمدى سۇبھاس چاندرا بوس ئەمەس، بەلكى كۆزلىرىدىن ھاياتنىڭ جاپا – مۇشەققىتى ئەكىس ئېتىپ تۇرىدىغان بېچارە، ئەمما قەلبىدە بىر چوڭ سىرنى يوشۇرغان نامەلۇم بىر مۇسۇلمان يولۇچى ئىدى. ئۇلار ئىمپېرىيەنىڭ مەغرۇر ساقچىلىرى قۇرغان كۆزىتىش پونكىتلىرىدىن خاتىرجەم ھالدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا، ھەر بىر ساقچىنىڭ ھورۇنلۇق بىلەن ئەسنەشلىرى— گويا بىر ئىمپېرىيەنىڭ ئۆز قەبرىستانلىقىغا قاراپ قەدەم تاشلاۋاتقانلىقىنىڭ نامايەندىسى ئىدى. بۇ قېچىش پەقەت بىر شەخسنىڭ تۈرمىدىن قېچىشى ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنىڭ ئۈمىدىنىڭ قۇللۇق قەپىسىنى پارە-پارە قىلىپ، ئەركىنلىك ئاسمىنىغا قايتىدىن پەرۋاز قىلىشى ئىدى!
بۇ قېچىش پەقەت جىسمانىي بىر قېچىش ئەمەس، بەلكى روھىي بىر ئازادلىق، بىر ئىمپېرىيەگە ئېلان قىلىنغان ئەڭ كۈچلۈك مەسخىرە ئىدى! ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىدە قالدۇرۇپ قويغان بىر پارچە خېتى — ئۇنىڭ مۇقەددەس قەسىمى ئىدى: «مەن كېتىۋاتىمەن. قەيەرگە؟ بىلمەيمەن. قاچان قايتىمەن؟ بىلمەيمەن. ئەمما بىر ئىش ئېنىق: مەن قايتىپ كەلگەندە، يا ھىندىستان ئازاد بولغان بولىدۇ، ياكى مەن بۇ يولدا جان بېرىمەن». بۇ مەكتۇپ ئىشغالچى بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان كۈچلۈك شاپىلاق ۋە ئىستىخبارات قۇرۇلمىسىغا قىلىنغان ئەڭ ئازابلىق مەسخىرە بولۇپ قالغان ئىدى.
ئۇلار ئالدى بىلەن بىھاردىكى بارارىغا بېرىپ، يەنە بىر جىيەنى دوكتور ئاسوك نات بوسنىڭ ئۆيىدە قىسقا ۋاقىت قالدى، ئاندىن گومو ۋوگزالىغا قاراپ يول ئالدى. ئۇ يەردىن دېھلى-كالكا پوچتا پويىزىغا چىقىپ، 19-يانۋار پېشاۋارغا يېتىپ كەلدى. ئۇ ئانا يۇرتىنىڭ چېگراسىدىن ئايرىلىۋاتقاندا، كەينىگە ئۆرۈلۈپ، مۇستەملىكە ئاستىدا ئىڭراۋاتقان ۋەتەن تۇپرىقىغا ئاخىرقى قېتىم نەزەر سالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئەمەس، ئوت يېنىۋاتاتتى. قەلبىدە بىرلا قەسەم ياڭرايتتى: «ئەي ئانا ۋەتەن! مەن سېنى يا ئازاد قىلىمەن، ياكى شۇ يولدا جېنىمنى بېرىمەن! مەن چوقۇم قايتىپ كېلىمەن، ئەمما يالغۇز ئەمەس، قولۇمدا ئازادلىق بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا، يېڭىلمەس بىر ئارمىيە بىلەن قايتىپ كېلىمەن!»
ئەمدى ئۇنىڭ ئالدىدا ئەجەللىك ۋە نامەلۇم بىر سەپەر كۈتۈپ تۇراتتى. ماشىنا، پويىز، ھەتتا قارلىق تاغلاردا پىيادە مېڭىپ، پېشاۋارغا يېتىپ كەلدى. پېشاۋاردا سادىق دوستى مىيان ئەكبەر شاھ ئۇنى كۈتۈۋالدى. ئۇنى كوممۇنىست پائالىيەتچى باگات رام تالۋار بىلەن تونۇشتۇردى. باگات رام ئۇنىڭغا «رەھمەت خان» دېگەن ساختا ئىسىم بىلەن ھەمراھ بولۇپ، ئۇنى گاس-گاچا تاغىسى سۈپىتىدە كابۇلغا ئېلىپ بېرىشنى ئۈستىگە ئالدى. 26 – يانۋار، ئۇلار ھىندىستان چېگراسىدىن ئۆتۈپ، ئافغانىستاننىڭ ئىنسان قەدىمى ئاز تەگكەن، قارلىق چوققىلىرى ئاسمانغا تاقاشقان، ھەر بىر جىلغىسىدا ئەجەل كۈتۈپ ياتقان خەتەرلىك تاغ يوللىرىغا قەدەم قويدى. بۇ 200 ئىنگلىز مىلىلىق سەپەر پىيادە، ئاچلىق، سوغۇق ۋە چارچاش بىلەن ئۆتتى. ئۇلار كۈندۈزى قارا نىيەت يول توسارلاردىن، كېچىسى بېرىتانىيەنىڭ قان ئىچەر جاسۇسلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇراتتى. ئاچلىق، سوغۇق ۋە چارچاشلارغا بەرداشلىق بېرىپ ئىلگىرىلەيتتى.
بىر قېتىم، ئۇلارنىڭ ھاياتى قىل ئۈستىدە قالدى. ئۇلارنى تۇتۇۋالغان بىر توپ پۇشتۇن قەبىلىسى ئۇلارنى ئىنگلىز جاسۇسى دەپ گۇمان قىلىپ، ئۆلتۈرمەكچى بولدى. شۇ پەيتتە، بوس ئۆزىنىڭ گاس-گاچىلىق رولىنى تاشلاپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تىلىدا (پۇشتۇنچە) ئوتلۇق بىر نۇتۇق سۆزلىدى:
«بىز جاسۇس ئەمەس! بىز — سىلەرگە ئوخشاشلا، ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن جېنىنى دوغا تىككەن جەڭچىلەر! بىزنىڭ دۈشمىنىمىز ئورتاق. ئۇ بولسىمۇ بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسى! مېنىڭ ئىسمىم سۇبھاس چاندرا بوس! مەن ھىندىستاننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن قوراللىق كۈرەش قىلغىلى يولغا چىقتىم!»
بۇ سۆزلەر چاقماقتەك گۈلدۈرلەپ، قەبىلە ئەزالىرىنى ھەيران قالدۇردى. ئۇلار بۇ ئاددىي كىيىنگەن، ئەمما كۆزلىرىدىن يولۋاسنىڭ جاسارىتى يېنىپ تۇرغان بۇ ئىنساننىڭ كىملىكىنى ئاڭلىغاندا، دەرھال قوراللىرىنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈردى ۋە ئۇلارنى بىخەتەر ئۆتكۈزۈپ قويدى. بۇ، بوسنىڭ يالقۇنلۇق روھىنىڭ ھەتتا ئەڭ قاراڭغۇ جىلغىلاردىمۇ ئۈمىد مەشئىلىنى ياقالايدىغانلىقىنىڭ جانلىق ئىسپاتى ئىدى.
@قار-بورانلىق كېچىدە بىر يۈك ماشىنىسىنىڭ ئۈستىدە تىترەپ ئولتۇرۇپ، 31-يانۋار كابۇلغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىنكى جاپا-مۇشەققەتلەر تېخىمۇ ئېغىر بولدى. ئۇ يەردە ئەسلىدىكى پىلان بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئالاقە قۇرۇش ئۈچۈن ھەپتىلەپ، ئايلاپ كۈتۈشكە مەجبۇر بولدى. ئەسلىدە چاندىرا بوس سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن مەخپىي ئالاقە قۇرغان ۋە ئۇلاردىن ھىندىستانلىق ياشلارنى موسكۋاغا يۆتكەپ تەربىيەلەش ۋە ئىمپېرىيالىستلىققا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىش ھەققىدە ۋەدە ئالغان ئىدى. ۋەدىگە بىنائەن، بوس ئافغانىستاندا رۇس ئەلچىخانىسى بىلەن كۆرۈشىدىغان ۋە ئۇلار ئۇنى موسكۋاغا ئېلىپ كېتىدىغان بولغان ئىدى. ئەمما بوس ئافغانىستانغا يېتىپ بارغاندا، سىتالىن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ئىدى؛ ئۆزى ئەڭ ئىشەنگەن ئىمپېرىيالىزمغا قارشى بىر دۆلەتنىڭ خىيانىتىگە ئۇچرىغان ئىدى. چۈنكى رۇسلار گىتلېر گېرمانىيەسىگە قارشى بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسى بىلەن ئىتتىپاقداشقا ئايلىنىش ئالدىدا ئىدى. سوۋېتنىڭ كابۇلدىكى ئەلچىسى ئۇنىڭغا قوپاللىق بىلەن ئىشىكنى تاقىۋالدى. ئەمدىلىكتە ئۆزى ئىشەنگەن دۆلەتنىڭ جاسۇسلىرىمۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن دۈشمىنىنىڭ دوستىغا يەنى خەۋپكە ئايلانغان ئىدى.
دەرۋەقە، ئۆزى ئىشەنگەن دۆلەتنىڭ جاسۇسلىرىمۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن دۈشمىنىنىڭ دوستىغا يەنى خەۋپكە ئايلانغان ئىدى. ھەر كۈنى تۇتۇلۇپ قېلىش خەۋپى ئۇنىڭ كاللىسىدا خەنجەردەك ئېسىقلىق تۇراتتى. كابۇلنىڭ مۇزدەك كوچىلىرىدا، يات بىر قىياپەتتە، تاماق تاپالماي سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن كۈنلىرىدە، ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي قايغۇ ئازابىنى ئەمەس، بەلكى ئۆز قولى بىلەن ئازاد قىلىشقا قەسەم قىلغان مىللىتىنىڭ روھىدىكى ئازابنىلا ئويلايتتى. ھەر قېتىم ئۈمىدسىزلىكنىڭ قاراڭغۇلۇقى ئۇنى يۇتماقچى بولغاندا، قۇلىقىدا ئانا ۋەتىنىنىڭ ئىڭرىغان ساداسى، كۆز ئالدىدا قۇللۇق ئىچىدە تۇغۇلۇپ، قۇللۇق ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىۋاتقان 400 مىليون قېرىندىشىنىڭ چارىسىز سىماسى نامايان بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قايتىدىن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، پولاتتەك ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، نامەلۇم كەلگۈسىگە قاراپ يولىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولاتتى.
ئىشەنگەن تاغقا قار ياغقان ئىدى. موسكۋادا ھىندىستان ياشلىرىنى قىسقا مۇددەتلىك كېرەكلىك ھەربىي تەربىيەلەشتىن ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەنگە قايتىش شۇنداقلا قوراللىق قارشىلىق ھەرىكىتى باشلاش پىلانى ئافغانىستانغا كېلىشى بىلەنلا سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يۈز ئۆرۈشى بىلەن پۈتۈنلەي سۇغا چىلاشقان ئىدى. ئەمدى ئۇ ئۈمىتسىزلىكتە چاچ يۇلۇپ ئولتۇرماي باشقىچە بىر پىلان تۈزمىسە بولمايتتى. ئاخىرى ئىشنى ئەينى چاغدىكى ياۋروپانىڭ بەلكى دۇنيانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلىتى گېتلېر گېرمانىيەسىدىن باشلاشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى.
بۇ جەرياندا كابۇلدا تۇرۇشلۇق ھىندىستانلىق سودىگەر ئۇتتامچاند مالھوترا ھاياتىنىڭ خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىمۇ پەرۋا قىلماستىن ئۇنىڭغا پاناھلىق بەردى. ئاخىرى، گېرمانىيە ۋە ئىتالىيە ئەلچىخانىلىرى بىلەن قايتا قايتا مەخپىي كۆرۈشۈش نەتىجىسىدە كۈتۈلگەن پۇرسەت يارىتىلدى. ئۇ بىر ئىتاليان دىپلوماتى «ئورلاندو ماززوتتا» نىڭ قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، 18-مارت كابۇلدىن ماشىنا بىلەن يولغا چىقىپ، ھىندىقۇش تاغلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ سەمەرقەنتكە، ئۇ يەردىن پويىز بىلەن موسكۋاغا، ئاخىرى 2-ئاپرېل بېرلىنغا يېتىپ باردى.
بېرلىنغا يېتىپ بارغاندا، ئۇ ياۋروپانىڭ سىياسىي سەھنىسىگە قەدەم قويغان بىر سىياسىي پاناھلانغۇچى ئەمەس ئىدى. ئۇ — ئۆز مىللىتىنىڭ مىڭ يىللىق ئارزۇسىنى، ئەسىرلەر بويى يىغىلغان غەزىپىنى ۋە يېڭىلمەس ئىرادىسىنى ئۆز يۈرىكىگە سىغدۇرۇپ كەلگەن بىر ئەلچى ئىدى! ئۇ گېرمانىيەنىڭ تەكەببۇر رەھبەرلىرى ئالدىدا، ھىندىستاننىڭ ئازابلىق ھېكايىسىنى سۆزلەپ ياردەم تىلىمىدى، بەلكى ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى شانلىق غەلىبىسىنىڭ پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، باراۋەر بىر ھەمكارلىقنى ۋە ئىتتىپاقداشلىقنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى ئوت، سۆزلىرىدىكى قەتئىيلىك ۋە ھەر بىر ھەرىكىتىدىكى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ — ئۇنىڭ ياردەم تىلىگۈچى ئەمەس، بەلكى بىر ئىمپېرىيەنى يىقىتىدىغان كۈچنىڭ ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ تۇراتتى. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلەتتى. ئۇنىڭ ئارقىسىدا، گەرچە قورالسىز ۋە تارقاق بولسىمۇ، 400 مىليونلۇق بىر مىللەتنىڭ قايناق روھى ۋە ئازادلىق ئارزۇسى بارلىقىنى ھېس قىلاتتى.
ئۈچىنچى باپتا، بوسنىڭ ئەتراپىدا بىر قانچە دوستىدىن باشقا ھېچكىشى يوق تۇرۇغلۇق، ياۋروپادا قولغا كەلتۈرگەن دىپلوماتىك ئۇتۇقلىرى، چەتئەلدە قۇرماقچى بولغان «ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى» پىلانىنىڭ قانداق ئەمەلگە ئاشقانلىقى ئۈستىدە توختىلىمىز.
________________________________________
خوش! ئەمدى قىسسىنىڭ بۇ بۆلۈمىنى پەقەت بىر ھېكايە سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنىڭ قايتا تىرىلىشى ئۈچۈن يېزىلغان ئىستراتېگىيىلىك دەرسلىك سۈپىتىدە تەھلىل قىلايلى!
چاندرا بوس داستانىنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىدىن روھىمىزغا ئويۇلىدىغان سەككىز مەشئەل
توققۇزىنچى مەشئەل: پىسخىكىلىق زىنداننى بۇزۇپ تاشلاش — ھەرىكەت پارادىگمىسىنى ئۆزگەرتىش!
بوس ئۈچۈن كالكۇتتادىكى نەزەربەند — فىزىكىلىق بىر قەپەس ئىدى، ئەمما ئۇ بۇ قەپەسنىڭ ئۆز روھىيىتىنى مەھبۇس قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمىدى. ئۇ نەزەربەندنى كۈرەشنىڭ ئاخىرلاشقان نۇقتىسى ئەمەس، بەلكى يېڭى بىر كۈرەش باسقۇچىنى پىلانلايدىغان ئىستراتېگىيىلىك تەپەككۇر مەركىزىگە ئايلاندۇردى. بىز ئۇيغۇرلارچۇ؟ بىزنىڭ نۇرغۇنلىرىمىز دىئاسپورادىكى فىزىكىلىق ئەركىنلىككە ئىگە بولساقمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىز ياسىۋالغان پىسخىكىلىق زىندان ئىچىدە ياشاۋاتىمىز. «خىتاي بەك كۈچلۈك»، «دۇنيا بىزگە پەرۋا قىلمايدۇ»، «بىزنىڭ قولىمىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ» دېگەنگە ئوخشاش قاراشلار — بىزنى ھەرىكەتسىزلىككە مەھكۇم قىلىۋاتقان كۆرۈنمەس، ئەمما پولاتتىنمۇ مۇستەھكەم سىپىللاردۇر. بوسنىڭ قېچىشى بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇ: ھەقىقىي مەھبۇسلۇق — سىرتتىكى كىشەن ئەمەس، بەلكى قەلبتىكى قورقۇنچ ۋە ئۆزىنى چارىسىز ھېس قىلىشتۇر. بىز چوقۇم «قۇربان» پىسخىكىسىدىن «جەڭچى» پىسخىكىسىغا، پاسسىپ كۈتۈش ھالىتىدىن ئاكتىپ پۇرسەت يارىتىش ھالىتىگە ئۆتۈشتىن ئىبارەت پارادىگما ئۆزگىرىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرماي تۇرۇپ، ئازادلىق يولىدا بىر قەدەممۇ ئىلگىرىلىيەلمەيمىز.
ئونىنچى مەشئەل: بارلىقىنى بېغىشلاش پرىنسىپى — ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئاكادېمىك ئۆلچىمى!
بوس ئۆز غايىسى ئۈچۈن پەقەت مال-مۈلكىنى ياكى كەسپىنىلا ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتتىكى ئورنى، شان-شۆھرىتى، ئائىلىسىدىكى خاتىرجەملىكى، ھەتتا ئۆزىنىڭ كىملىكى بولغان «سۇبھاس چاندرا بوس» دېگەن ئىسىمدىنمۇ ۋاز كەچتى. بۇ، ھېسسىيات بىلەنلا بېرىلىدىغان بىر قۇربانلىق ئەمەس، بەلكى سوغۇق ئەقىل بىلەن ھېسابلاپ چىقىلغان بىر ئىستراتېگىيىلىك تاللاش ئىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە، مىللەتنىڭ ئازادلىقىدىن ئىبارەت ئالىي نىشان ئالدىدا، شەخسكە ئائىت بارلىق نەرسىلەرنىڭ قىممىتى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دىئاسپورادىكى بىخەتەر تۇرمۇشىمىز، ئۆرلەۋاتقان كەسپىي ھاياتىمىز، پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئەندىشىمىز — بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنى ۋەتەن داۋاسىدىن يىراقلاشتۇرىدىغان «مۇرەسسە قىلىش» سەۋەبلىرىگە ۋە ئالتۇن كىشەنلەرگە ئايلىنىپ قالماقتا. ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلىك — مۇئەيەن كۈنلەردە بايراق كۆتۈرۈپ قويۇش ياكى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا شۇئار توۋلاش بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ. ئۇنىڭ ئاكادېمىك ئۆلچىمى شۇكى: «مەن مىللىتىمنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن، ئۆزۈمنىڭ قايسى شەخسىي مەنپەئەتلىرىمنى، قايسى راھىتىمنى، ھەتتا قايسى پرىنسىپلىرىمنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويالايمەن؟» دېگەن سوئالغا بېرىلگەن ئەمەلىي جاۋابتۇر.
ئون بىرىنچى مەشئەل: گېئوسىياسىي شاھمات تاختىسىدا يول تېپىش — «رېئال سىياسەت» نىڭ قانۇنىيىتى!
بوس ناتسىست گېرمانىيەسى ياكى فاشىست ئىتالىيەسىنىڭ ئىدېئولوگىيەسىگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن بېرلىنغا بارمىدى. ئۇ، خەلقئارا سىياسەتنىڭ ئەخلاق ياكى ۋىجدان بىلەن ئەمەس، بەلكى رەھىمسىز مەنپەئەت ۋە كۈچ تەڭپۇڭلۇقى بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن ئىدى. ئۇنىڭ فورمۇلاسى ئىنتايىن ئاددىي ئىدى: «مېنىڭ دۈشمىنىمنىڭ (بېرىتانىيەنىڭ) دۈشمىنى، مېنىڭ ئەھۋالغا قاراپ ئەھۋالغا قاراپ ھەمكارلىشىدىغان دوستۇم بولالايدۇ».
بۇ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭقۇر بىر ساۋاق. بىزنىڭ «دېموكراتىيە»، «كىشىلىك ھوقۇق» قاتارلىق قىممەت قاراشلارغا تايىنىپ، غەرب دۇنياسىنىڭ بىزگە ياردەم قىلىشىنى كۈتۈشىمىز، كۆپ ھاللاردا ئۆزىمىزنى ئالداش بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. دۈشمىنىمىز خىتايغا قارشى تۇرۇشتا كىمنىڭ بىز بىلەن تاكتىكىلىق ياكى ئىستراتېگىيىلىك ئورتاق مەنپەئەتى بار؟ بىز ئۇلارغا نېمە بېرەلەيمىز؟ بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىز ئۇلارنىڭ گېئوسىياسىي شاھمات تاختىسىدا قانداق رول ئوينايدۇ؟ دېگەن سوئاللارغا جاۋاب تېپىش، ھېسسىياتقا تايىنىپ دوست ۋە دۈشمەننى ئايرىشتىن ۋە دۆلەتلەرنى تىللاپ يۈرۈشتىن كۆپ مۇھىمدۇر. ئازادلىق كۈرىشى — ئەخلاق دەرسخانىسى ئەمەس، ئۇ رېئال سىياسەتنىڭ مۇزدەك مەيدانىدۇر.
ئون ئىككىنچى مەشئەل: چوڭ دۆلەتلەر خىيانىتىنىڭ ئاناتومىيىسى — ھەرگىز ھەممە تۇخۇمنى بىر سەۋەتكە سالماسلىق!
بوسنىڭ ئەسلىدىكى پىلانى سوۋېت ئىتتىپاقىغا تايىنىش ئىدى. ئەمما ئۇ ئافغانىستانغا بارغاندا، سىتالىننىڭ خەلقئارالىق ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ۋەدىسىدىن يېنىۋالغانلىقىدەك ئاچچىق رېئاللىققا دۇچ كەلدى. بۇ تارىخىي ۋەقە بىزگە چوڭ دۆلەتلەر سىياسىتىنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ: ئۇلار ئۈچۈن مەڭگۈلۈك دوست ياكى مەڭگۈلۈك دۈشمەن يوق، پەقەت مەڭگۈلۈك مەنپەئەتلا بار. بىر كۈنى بىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن بىر دۆلەت، ئەتىسى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن بىزنى دۈشمىنىمىزگە ساتىۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، بارلىق ئۈمىدنى بىرلا كۈچكە باغلاپ قويۇش — ئىستراتېگىيىلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتۇر. ھەقىقىي مۇستەقىللىق يولى — كۆپ خىل كۈچلەر ئارىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، ھېچقايسىسىغا مۇتلەق تايانماي، ئۆزىمىزنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئاپتونومىيەسىنى يارىتىشقا تىرىشىشتۇر.
ئون ئۈچىنچى مەشئەل: نىقابنىڭ كۈچى ۋە ئىستراتېگىيىلىك دىنامىكا
بوسنىڭ «مۇھەممەد زىياۋۇددىن»غا ئايلىنىشى، پەقەت بىر فىزىكىلىق قىياپەت ئۆزگەرتىش ئەمەس. بۇ، بىر مىللەتنىڭ ئازادلىق ئۈچۈن ھەر قانداق شەكىلگە كىرەلەيدىغان، ھەر قانداق ۋاسىتىنى قوللىنالايدىغان جانلىق ئىستراتېگىيەسىنىڭ سىمۋولىدۇر. دۈشمەن بىزنى مەلۇم بىر قېلىپتا كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ (مەسىلەن: يىغلاپ قاقشاپلا يۈرىيدىغان مەزلۇملار). بىز دەل شۇ قېلىپنى چېقىپ تاشلاپ، دۈشمەن پەرەز قىلالمىغان يۆنىلىشلەردە، پەرەز قىلالمىغان شەكىللەردە ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. بۇ ئاجىز كۈچنىڭ كۈچلۈك رەقىبىنى يېڭىشى ئۈچۈن قوللىنىدىغان ئاسسىممېترىك (تەڭسىز) ئۇرۇش تاكتىكىسىدۇر. ھەرىكىتىمىز بەزىدە ئاشكارا، بەزىدە مەخپىي؛ بەزىدە سىياسىي، بەزىدە مەدەنىيەت؛ بەزىدە قاتتىق، بەزىدە يۇمشاق بولۇشى مۇمكىن. مۇھىمى، نىشانغا يېتىش ئۈچۈن قايسى نىقابنى تاقاش كېرەك بولسا، شۇنى تاقىيالايدىغان جانلىقلىققا ئىگە بولۇش لازىم.
ئون تۆتىنچى مەشئەل: شەخس — مىللىي ئىرادىنىڭ گەۋدىلىنىشى
بوس ئافغانىستاننىڭ تاغلىرىدا يالغۇز كېتىۋاتقاندا، ئۇ فىزىكىلىق جەھەتتىن بىر ئادەم ئىدى. ئەمما ئۇ ئۆز قەلبىدە 400 مىليون ھىندىستانلىقنىڭ ئارزۇسىنى، غەزىپىنى ۋە ئىرادىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان ۋە گەۋدىلەندۈرگەن بىر ئەلچى ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ ھەر بىر قەدىمى، ھەر بىر سۆزى شەخسىي ئەمەس، بەلكى مىللىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىدى. دىئاسپورادىكى ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىقمۇ ئۆزىنى «مەن پەقەت بىر ئادەم» دەپ قارىماسلىقى كېرەك. سىز ياشاۋاتقان دۆلەتتە، سىزنىڭ شەخسىيىتىڭىز، بىلىمىڭىز، غەيرىتىڭىز ۋە مەيدانىڭىز — پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ ئوبرازى ۋە ئىرادىسىنىڭ نامايەندىسىدۇر. بىر ئادەم بىر ئارمىيە بولالايدۇ، ئەگەر ئۇ ئۆز ھەرىكىتىنىڭ ئارقىسىدا پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ تەقدىرى تۇرغانلىقىنى ھېس قىلالىسا ۋە شۇ مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالالىسا.
ئون بەشىنچى مەشئەل: ئازابنى ئىستراتېگىيىلىك يېقىلغۇغا ئايلاندۇرۇش
بوس كابۇلدىكى ئاچلىق، سوغۇق ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە روھى چۈشكۈنلىككە مۇبتىلا بولمىدى، ئەكسىچە بۇ ئازابلار ئۇنىڭ قەلبىدىكى غەزەپ ئوتىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇردى. ئۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر بىر قىيىنچىلىق — ئىرادىسىنى تاۋلايدىغان بىر ئاتەش، نىشانىغا بولغان ئىشەنچىسىنى سىنايدىغان بىر ئىمتىھان ئىدى. بىز دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئازابى، ۋەتەندىن ئايرىلىشنىڭ دەردى — بۇلار بىزنى ئۈمىدسىزلىك دېڭىزىغا غەرق قىلىدىغان تاش ئەمەس، بەلكى ئازادلىق كېمىمىزنى ئالغا ئىتتىرىدىغان ئىستراتېگىيىلىك يېقىلغۇ بولۇشى كېرەك. بۇ گويا بىر ئالكېمىيىلىك (كىمياگەرلىك) جەريان: قوغۇشۇندەك قىممەتسىز ئازابنى، ئالتۇندەك پارلايدىغان ئىنقىلابىي كۈچكە ئايلاندۇرۇش دېمەكتۇر. ئازاب ئىچىدە يىغلاپ ئولتۇرۇش — قۇربانلارنىڭ ئىشى. ئازابنى غەزەپكە، غەزەپنى پىلانغا، پىلاننى بولسا توختاۋسىز ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش — ھەقىقىي مۇجاھىد، غازىلارنىڭ ئىشى.
ئون ئالتىنچى مەشئەل: باياننى قورال قىلىپ ئىشلىتىش — مەزلۇملۇق ھېكايىسىدىن غەلىبە ھېكايىسىگە ئۆتۈش
بوس پۇشتۇن قەبىلىسىگە يولۇققاندا، ئۇلارغا ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقىنى سۆزلەپ ھېسداشلىق تىلىمىدى. ئۇ ئۇلارغا ئورتاق دۈشمەننى كۆرسىتىپ، ئورتاق كەلگۈسىنى سىزىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ سەپدىشىگە ئايلاندۇردى. بۇ، باياننىڭ (narrative) كۈچىدۇر. بىز دۇنياغا پەقەتلا ئۆزىمىزنىڭ قانچىلىك مەزلۇم ئىكەنلىكىمىزنى سۆزلەۋەرسەك، دۇنيا بىزگە ئىچ ئاغرىتىش بىلەنلا جاۋاب بېرىدۇ. ھېسداشلىق — تۈگەيدىغان بىر بايلىق، ھۆرمەت بولسا — مەبلەغ سېلىنىدىغان بىر كاپىتالدۇر. ھېسداشلىق ھەرگىز ھەقىقىي ئىتتىپاقداشلىقنى يارىتالمايدۇ. بىز چوقۇم ئۆز بايانىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. بىز پەقەت يوقىتىلىۋاتقان بىر مىللەت ئەمەس، بەلكى زۇلۇمغا قارشى ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىدىغان، ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىغا ئېلىشقا بەل باغلىغان، كەلگۈسىدە دۈشمىنىمىزنىڭ دۈشمەنلىرى ئۈچۈن قىممەتلىك بىر ئىستراتېگىيىلىك شېرىك بولالايدىغان يېڭىلمەس بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى نامايان قىلالىشىمىز لازىم. دۇنيا ئاجىزلارغا رەھىم قىلىدۇ، سەدىقە بېرىدۇ ئەمما پەقەت كۈچلۈكلەر ۋە غەلىبە قىلىش ئىرادىسى بارلار بىلەنلا ھەمكارلىشىدۇ.
3 – باب: بۆرىلەر ئۇۋىسىدىكى دىپلوماتىيەلىك غەلىبە ۋە «ۋاقىتلىق ئازاد ھىندىستان ھۆكۈمىتى» روھىنىڭ تۇغۇلۇشى
ئۇنىڭ ھىندىستاندىكى ئۆيىدىن تۇيۇقسىز غايىب بولۇشى، پۈتكۈل بېرىتانىيە ئىستىخبارات ئىمپېرىيەسىنى زىل-زىلىگە كەلتۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ پولاتتەك ئىرادىگە ئىگە سادىق ئائىلە ئەزالىرى، ئۇ قېچىپ 12 كۈن ئۆتكۈچە ئۇنىڭ ياتاق ئۆيىگە كۆرۈنۈشتە توختىماي تاماق ئېلىپ كىرىپ، بوش قاچىلارنى قايتۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ھېلىھەم قاتتىق نەزەربەند ئاستىدا ئىكەنلىكىدەك مۇكەممەل بىر تەسىراتنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقان ئىدى. بۇ سىر شۇ قەدەر مەخپىي ۋە پولاتتەك چىڭ ساقلانغانكى، ھەتتا بوسنىڭ ئۆز ئانىسىمۇ جىگەر پارىسىنىڭ بۇ ئەجەللىك، قايتىشى نامەلۇم سەپەرگە ئاتلانغانلىقىنى سېزەلمىگەن ئىدى. ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئاخىرى 27-يانۋار كۈنى، ئۇ سوت مەھكىمىسىگە كەلمىگەندىلا ئاندىن بايقىدى ۋە بۇ خەۋەر ئەينى ۋازدىكى ھىندىستان گېزىتلىرىدىن باشقا رويتېرس ئاگېنتلىقى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تېزلىكىدە يايىلىپ، چوڭ تەسىر قوزغىدى.
ئۇنىڭ كابۇلدىكى ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ئۆتكەن كۈنلىرى، ئىشەنچ باغلىغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىشىكىنى رەھىمسىزلەرچە تاقىۋېلىشى بىلەن تېخىمۇ مۈشكۈللەشكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ قەلبىدىكى ئازادلىق يالقۇنى ۋە ئىرادىسى قىلچە سۇسلاپ قالمىغان ئىدى. گېرمانىيە ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقە ئورناتقاندىن كېيىن، ئاخىرى ئىتالىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن «ئورلاندو ماززوتتا» ئىسىملىك يېپيېڭى بىر كىملىككە ئېرىشىپ، ئۆز ھاياتىنى قايتىدىن باشلىدى. دەل مۇشۇ جەرياندا، ھەممە يەرنى تىڭتىڭلاپ يۈرگەن بېرىتانىيە ئىستىخباراتى ئۇنىڭ كابۇلدا ئىكەنلىكىنى سېزىپ قېلىپ، ئۇنى ئافغانىستاندىن ئوتتۇرا شەرق ئارقىلىق گېرمانىيەگە كېتىدۇ دەپ خاتا پەرەز قىلىپ، يوللارغا ئۆلۈم توزاقلىرىنى قۇرۇپ، سۇيىقەستچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. ئەمما نېتاجى، دۈشمەننىڭ بارلىق ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى ۋە توزاقلىرىنى ئالدىن كۆرەلەيدىغان ئۆتكۈر بىر ئىستراتېگىيەچى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كاللىسىغا ھەرگىز كەلمەيدىغان بىر يولنى تاللىغان ئىدى. ئۇ 18-مارت كابۇلدىن ماشىنا بىلەن يولغا چىقىپ، قارلىق ھىندىقۇش تاغلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ سەمەرقەنتكە، ئۇ يەردىن پويىز بىلەن قىزىل ئىمپېرىيەنىڭ يۈرىكى موسكۋاغا، ئاندىن موسكۋادىن يەنە پويىزغا ئولتۇرۇپ، 1941-يىلى 2-ئاپرېل كۈنى، فاشىزم گۈللەنگەن بېرلىنغا سالامەت يېتىپ كەلدى.
بېرلىنغا كەلگۈچە بولغان ئۇزۇن ۋە خەتەرلىك سەپەر جەريانىدا، بوس ئۆزىنىڭ كەلگۈسى پىلانىنى ئىنچىكە ھالقىلارغىچە تۈزۈپ بولغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچ پولاتتەك ئاساسلىق نىشانى بار ئىدى: بىرىنچى، سۈرگۈندە «ۋاقىتلىق ئازاد ھىندىستان ھۆكۈمىتى»نى قۇرۇپ، مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغا قانۇنىي ۋە سىياسىي ئاساس سېلىش؛ ئىككىنچى، ياۋروپانىڭ يۈرىكىدە تۇرۇپ ئۆز ئاۋازىنى پۈتۈن دۇنياغا ۋە ھىندىستاندىكى قۇللۇق ئىچىدىكى مىللىتىگە ئاڭلىتىش؛ ئۈچىنچى، قۇرۇلغان ۋاقىتلىق ئازاد ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى دائىرىسىدە، ھىندىستان ئازادلىق ئارمىيەسىنى قۇرۇپ چىقىش.
بېرلىن — ئۈچىنچى رېيخنىڭ پولاد يۈرىكى، پۈتكۈل ياۋروپانى تىترەتكەن ئەجەللىك ھەربىي ماشىنىنىڭ قوماندانلىق مەركىزى ئىدى. بۇ شەھەرگە قەدەم باسقاندا، سۇبھاس چاندرا بوس بىر سىياسىي پاناھلانغۇچى ياكى ياردەم تىلىگۈچى ئەمەس، بەلكى قەلبىدە 400 مىليونلۇق بىر مىللەتنىڭ ئۆچمەس ئازادلىق يالقۇنىنى كۆتۈرۈپ كەلگەن بىر ئەلچى، كەلگۈسىدىكى مۇستەقىل ھىندىستاننىڭ سۇنماس ئىرادىسىنى نامايان قىلغۇچى بىر ۋەكىل ئىدى. ئۇ بۇ يەرگە ياردەم تىلەپ ئەمەس، بەلكى «دۈشمىنىمنىڭ دۈشمىنى مېنىڭ تەبىئىي ئىتتىپاقدىشىمدۇر» دېگەن مۇزدەك رېئال سىياسەت (Realpolitik) قانۇنىيىتى بويىچە، باراۋەر بىر ھەمكارلىقنى، ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان بىر ئىتتىپاقداشلىقنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى.
بېرلىندە كۆزلىگەن ئۇلۇغۋار نىشانلىرىغا يېتىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ تۇنجى قەدىمى شىمالىي ئافرىقىدا گېرمانىيە تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان ۋە گېرمانىيەدە ئەسىرلەر لاگېرىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ھىندىستانلىق ئەسكەرلەرنى قۇتقۇزۇپ، ئۇلارنى ئازادلىق جەڭچىلىرىگە ئايلاندۇرۇش ئىدى. چۈنكى ئۇ، ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئۇلىنى دەل شۇ جەڭلەردە چېنىققان تەجرىبىلىك جەڭچىلەردىن قۇرۇشنى پىلانلىغان ئىدى. ئۇ ھاكاۋۇر گېرمان ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۆزىنى ئەسىرلەر لاگېرىغا ئاپىرىپ قويۇشنى قەتئىي تەلەپ قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوتلۇق نۇتۇقلىرى ئارقىلىق ئەسكەرلەرنىڭ قەلبىدىكى بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسىگە بولغان قۇللۇق ساداقىتىنى يۇيۇپ تاشلاپ، ئۇلارنى ئانا ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن جېنىنى تىكىدىغان قەھرىمانلارغا ئايلاندۇرالايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنەتتى. گېرمان ئەمەلدارلىرى گەرچە بۇنى بىر مۇمكىن بولمايدىغان خام خىيال دەپ قارىسىمۇ، بوسنىڭ تەۋرەنمەس ئىرادىسى ۋە پولاتتەك ئىشەنچىسى ئالدىدا، ئۇنىڭ ئەسىرلەر بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول ئېچىپ بەردى.
بوس ئەسىرلەر لاگېرىغا كىرگەندە، ئۇنى قارشى ئالغان نەرسە قۇچاق ئاچقان قېرىنداشلار ئەمەس، بەلكى نەپرەت، گۇمان ۋە ئۆچمەنلىك بىلەن تولغان كۆزلەر بولدى. ئەسىرگە چۈشكەن بۇ ئەسكەرلەر ئۈچۈن بوس، ئۆزلىرى قەسەم قىلغان بىرىتانىيە پادىشاھلىقىغا خىيانەت قىلىپ، دۈشمەن بىلەن بىر سەپتە تۇرغان بىر «ساتقۇن»، گېتلېرنىڭ «جاسۇسى» ۋە مىللەتنىڭ «يۈز قارىسى» ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭغا نەپرەت بىلەن تىكىلىپ تۇرۇپ: «بىز بېرىتانىيە پادىشاھىغا ساداقەتمەنلىك قەسىمى ئىچكەن ئەسكەرلەر! سەن بىزنى ئۆز قەسىمىمىزگە، ئۆز نامۇسىمىزغا خىيانەت قىلىشقا قايمۇقتۇرغىلى كەلدىڭمۇ؟» دەپ ۋارقىراشتى.
بۇ مۇزدەك سوغۇق قارشى ئېلىش ئالدىدا، نېتاجى قىلچە ئۆزىنى يوقاتمىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى پۈتۈن لاگېرنى، ھەتتا ئەسكەرلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى:
«ھەي، قېرىنداشلىرىم! توغرا، سىلەر قەسەم ئىچتىڭلار! ئەمما بىر ئويلاپ بېقىڭلار، سىلەرنىڭ قەسىمىڭلار سىلەرنى، ئاتا-بوۋاڭلارنى ئەسىر قىلغان، ئانا يۇرتۇڭلارنىڭ جان تومۇرىنى ئۈزۈپ، بايلىقىنى بۇلاپ كەتكەن بىر چەتئەللىك ئىشالىيەتچى پادىشاھلىققىمۇ؟ ياكى سىلەرنى باققان، سىلەرنى ئۆز قېنى بىلەن سۇغۇرۇلغان مۇقەددەس ئانا ھىندىستانغىمۇ؟ بېرىتانىيە سىلەرگە نېمە بەردى؟ ئۇلار سىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ رەزىل ئىمپېرىيەسى ئۈچۈن ئوق ئورنىدا ئىشلىتىپ، جانلىق قالقان قىلماقتا! بۈگۈن مەن سىلەرنى خىيانەتكە ئەمەس، ئەڭ ئالىي، ئەڭ مۇقەددەس ساداقەتكە — ئانا ۋەتەنگە بولغان ساداقەتكە چاقىرىمەن! ئورنۇڭلاردىن قوزغىلىڭلار! قۇللۇقنىڭ كىشەنلىرىنى پارە-پارە قىلىپ، ئازادلىق جەڭچىلىرىنىڭ مۇقەددەس فورمىسىنى كىيىڭلار! تارىخ بىزگە ئالتۇن بىر پۇرسەت سۇندى، دۈشمىنىمىز ئۆزئارا ئۇرۇش ئىچىدە، دەل ھازىر بىز ئۆز زەنجىرىمىزنى ئۈزۈپ تاشلايدىغان، ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۆزىمىز يازىدىغان پەيىت! مەن بىلەن بىللە مېڭىڭلار، دېھلىدە غەلىبە مارشىنى بىرلىكتە ياڭرىتايلى!»
ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزى گويا ئوقتەكلا، ئەسكەرلەرنىڭ قەلبىدىكى قورقۇنچ ۋە ئىككىلىنىش تېمىنى بۆسۈپ ئۆتتى. كۆزلەردىكى نەپرەت ئاستا-ئاستا ھۆرمەتكە، ئاندىن ھاياجانغا، ئاخىرىدا ئوتلۇق بىر ئىشەنچكە ئايلاندى. بىر ئەسكەر ئوتتۇرىغا چىقىپ، كۆكسىگە مۇشتلاپ تۇرۇپ: «جەي ھىند!» (ھىندىستانغا زەپەر!) دەپ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەيۋەتلىك ۋارقىرىدى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن لاگېر «نېتاجى زىندائاباد! (يىشاسۇن نېتاجى!)»، «ئازاد ھىندىستان زىندائاباد!» دېگەن شۇئارلار بىلەن گۈلدۈرلىدى. شۇ كۈنى، 4500 ئەتراپىدا ئەسىر ئەسكەر، بېرىتانىيەنىڭ ياللانما ئەسكىرى بولۇشتەك نومۇسلۇق كىملىكىدىن ۋاز كېچىپ، «ئەركىن ھىندىستان لېگىيونى»نىڭ تۇنجى، ئەمما شەرەپلىك جەڭچىلىرىگە ئايلاندى.
ئەسكەرلەرنى قايىل قىلغاندىن كېيىن، نېتاجى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ھىندىستانغا ھېسداشلىق قىلىدىغان ئەمەلدار ئادام ۋون تروتنىڭ ياردىمى بىلەن «ئازاد ھىند مەركىزى»نى (Free India Centre) قۇردى. 1941-يىلى 2-نويابىر، بۇ مەركەزنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، كەلگۈسىدىكى مۇستەقىل ھىندىستاننىڭ تۇنجى ئاساسى سېلىندى. شۇ كۈنى 5 مۇھىم، تارىخىي قارار ئېلىندى:
1 – ھەرىكەتنىڭ رەسمىي نامى «ئازاد ھىند» بولىدۇ؛
2 – دۆلەت مارشى «جانا گانا مانا» بولىدۇ؛
3 – دۆلەت بايرىقى؛ ئۈستىگە غەزەپ بىلەن سەكرەپ تۇرغان يولۋاسنىڭ سۈرىتى چېكىلگەن ئۈچ رەڭلىك بايراق بولىدۇ.
4 – ھىندىستانلىقلار ئارىسىدىكى سالاملىشىش شەكلى «جەي ھىند!» (ھىندىستانغا زەپەر!) بولىدۇ؛
5 – سۇبھاس چاندرا بوسقا «نېتاجى» (ئۇلۇغ داھىي) دېگەن مۇقەددەس ئۇنۋان بېرىلىدۇ.
شۇ كۈندىن ئېتىبارەن، بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئۈمىدى، ئارزۇسى ۋە تەقدىرى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن مەڭگۈلۈك باغلىنىپ كەتتى.
لېكىن گېتلېر، ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىشقا قىلچە ئۇنىمايتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ مەشھۇر كىتابى (مېنىڭ كۈرىشىم) دە، ئەنگىلىيەنىڭ ھىندىستاننى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ماختاپ، ھىندىستانلىق ئازادلىق جەڭچىلىرىنى «ئاسىيالىق سېرىكچىلەر» دەپ مەسخىرە قىلغان ئىدى.
بوس گېتلېر بىلەن يۈزمۇ-يۈز كۆرۈشكەندە، بىرىنچى بولۇپ بۇ ھاكاۋۇرلۇققا قارشى ئۆز مىللىتىنىڭ غۇرۇرىنى قوغداش بىلەن سۆزىنى باشلىدى.
1942 – يىلى 29-ماي، بۇ تارىخىي ئۇچرىشىش ئەمەلگە ئاشتى. بۇ — ئىككى كۈچلۈك ئىرادىنىڭ، ئىككى پەرقلىق دۇنيا قاراشنىڭ تىركىشىشى ئىدى. بوس، ھەممە ئادەم كۆرۈشۈشتىن قورقىدىغان، بىرەر خاتا سۆز ئېغىزىدىن چىقىپ كېتىپ كاللىسىنىڭ ئېلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغان، پۈتۈن دۇنيانى تىترەتكەن دىكتاتورنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ كىتابىدىكى ھاقارەتلىك سۆزلەرنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىشتىن قىلچە قورقمىدى.
بوس: (قول ئېلىشقاندىن كېيىن) ئالىيلىرىنىڭ ئىتىرازى بولمىسا، بىر كۆزىتىشىمنى تىلغا ئالسام بولامدۇ؟
گېتلېر: ئەلۋەتتە.
بوس: بەلكىم ئالىيلىرىغا ھىندىستان ۋە ھىندىستانلىقلار ھەققىدە خاتا ئۇچۇرلار يەتكۈزۈلگەن بولۇشى مۇمكىن. «مېنىڭ كۈرىشىم» ناملىق كىتابىڭىزدا: «مەن بىر گېرمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھىندىستاننى باشقا ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا كۆرگەندىن كۆرە، ئەنگىلىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا كۆرۈشنى ئەۋزەل كۆرىمەن» دەپ يازدىڭىز.
گېتلېر: (كەمسىتىش بىلەن كۈلۈپ) چۈنكى سىلەر مۇستەملىكە ئاستىدىكى خەلق تۇرۇپ، گاندىنىڭ پاسسىپ قارشىلىقىغا ئوخشاش ئەخمىقانە قاراشلار بىلەن قورقۇنچاقلارچە ھەرىكەت قىلىۋاتىسىلەر. ھىندىستانغا كېرەكلىكى بۇ ئەمەس. ھىندىستاننىڭ كۈن تەرتىپى مۇنداق بولۇشى لازىم: بىرىنچى، ئەنگىلىيەنى يوقىتىش. ئىككىنچى، رۇسلاردىن ھەزەر ئەيلەش. ئۈچىنچى، ياپونىيە بىلەن كېلىشىم تۈزۈش. بۇنى قىلغاندىن كېيىنلا دۆلىتىڭىزنى تەشكىللەپ، قايتا قۇرۇپ چىقالايسىز. بۇنىڭغىمۇ ئەڭ ئاز يۈز يىل ۋاقىت كېتىدۇ، ئەگەر بىز گېرمانلاردەك تىرىشىپ ئىشلىگەن تەقدىردە.
بوس: (ئاۋازىدا پولاتتەك قەتئىيلىك بىلەن) ئالىيلىرى، مەنمۇ ھاياتىم بويىچە سىياسەت ئىچىدە بولدۇم. مەن بۇ يەرگە سىزگە ئورتاق دۈشمەنگە قارشى كۈرىشىڭىزدە ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلدىم، نەسىھەت ئېلىش ئۈچۈن ئەمەس.
گېتلېر: (غەزەپلەنسىمۇ سىرتىغا چىقارماي) ھە، ھە. گېرمانىيە ۋە ھىندىستاننىڭ دۈشمەنلىرى بىر: بېرىتانىيە ۋە رۇسىيە. ئەلۋەتتە ئەنگىلىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشىڭىز كېرەك، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە رۇسىيەگە ۋە سىزلەردىكى پاندىت نېھرۇغا ئوخشاش قىزىل پاچاقلارغا دىققەت قىلىشىڭىز لازىم. كوممۇنىزم يەر يۈزىدىن سۈپۈرۈپ تاشلىنىشى كېرەك بولغان بىر ئىللەتتۇر.
بۇ ئۇچرىشىشتىن كېيىن، نېتاجى گېتلېرنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنىڭ ھەربىي غەلىبىدىن بەكرەك تەشۋىقات غەلىبىسى قازىنىش ئىكەنلىكىگە، ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا چىن دىلىدىن ئىشەنمەيدىغانلىقىغا تولۇق كۆز يەتكۈزدى. بولۇپمۇ 1942-يىلىدىن كېيىن گېرمانىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇشقا باشلىغاندا، ئۇلارنىڭ ياردىمىمۇ ئاستا-ئاستا ئازايدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقداشلار سېپىگە قوشۇلۇشى بىلەن، ئۇنىڭ ياۋروپادىكى پىلانلىرى پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. ئۇنىڭ ئۆتكۈر ئىستراتېگىيەلىك نەزىرى دەرھال شەرققە — ھىندىستانغا يېقىن بولغان، ياپونىيەگە ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا تېكىلدى.
شۇڭا ئۇ گېتلېر بىلەن قايتا كۆرۈشۈپ، ئۆزىنى ۋە گېرمانىيەدىكى 4500 كىشىلىك ھىندىستان ئازادلىق ئارمىيەسى قىسمىنى ئاسىياغا ئاپىرىپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى.
بوس: ئالىيلىرى، مېنى ئۇ يەرگە ئاپىرىپ قويۇش ئۈچۈن بىر ئايروپىلان تەلەپ قىلسام بولامدۇ؟
گېتلېر: دۇنيانىڭ يېرىمىنى بىر ئايروپىلان بىلەن ئۇچۇپ ئۆتمەكچىمۇ؟ مۇمكىن ئەمەس! ئايروپىلان دۈشمەنلەر تەرىپىدىن يول ئۈستىدە ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشى مۇمكىن. بۇ ئەڭ ئەخمىقانە بىر ئىش. سىز ئۈچۈن تېخىمۇ بىخەتەر بىر يول تېپىشىمىز كېرەك. (سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىپ) بۇنىڭدا سەپەر قىلىپ باققانمۇ؟ بۇ U-bot دېيىلىدۇ، دېڭىزنىڭ ئاستىدا ماڭىدۇ. بۇنى ئېلىپ، ۋاسكو دا گامادەك ئافرىقىنى ئايلىنىپ كونا يول بىلەن كېتىڭ. بىز ھىندىستانغا ئۆزگىچە بىر پۇرسەت سۇنىۋاتىمىز. ئەمدى ئەنگىلىيە بويۇنتۇرۇقىدىن رۇسلارنىڭ قولىغا چۈشمەيلا قۇتۇلالايسىز.
بۇ گېتلېرنىڭ قىلغان ئەڭ ئاقىلانە ياردىمى ئىدى. نېتاجى ئۈچ ئاي داۋاملاشقان ئەجەللىك، خەتەرلىك بىر سۇ ئاستى پاراخوتى سەپىرى ئارقىلىق، 1943-يىلى 11-ماي كۈنى توكيوغا يېتىپ كەلدى. ئۇ يەردىن ئېلان قىلغان رادىئو نۇتۇقلىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئوتلۇق ئاۋازى ھىندىستاندىكى مىليونلىغان قەلبلەرگە قايتىدىن ئۈمىد ۋە جاسارەت ئوتىنى ياقتى. 4-ئىيۇل كۈنى، ئۇ شەرقىي ئاسىيادىكى ھىندى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. سىنگاپوردا، ياپونىيەنىڭ قولىدىكى 40,000 كىشىلىك ھىندى ھەربىي ئەسىرلىرىدىن «ئازاد ھىند فەۋج» ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى INA نى قۇرۇپ، بۇ شانلىق ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى بولدى.
(داۋاملىشىدۇ…..)
تۆرتىنچى بۆلۈمدە، بوسنىڭ ياۋروپا ۋە گېرمانىيەدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، ئۇېڭى بىر يول خەرىتىسى ۋە ئىستىراتېگىيە بىلەن ياپونىيەگە يۆتكىلىشى، ياپۇنىيە باش ۋەزىرى بىلەن كۈرۈشۈپپ، ئىلگىرىكىدەك ھىنسىستانلىقلارنى ئۆزىنىڭ ئۇرىزىغا پىچكە ئورنىدا ئىشلەتمەسلىككە، بەلكى پۈتۈن ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن ھىندىستاننىڭ مۇتلەق مۇستەقىللىقىنى قوللاشقا قايىل قىلىشى، تولۇق ۋە ئاشكارا ياردەم ۋەدىسى ئالغاندىن كېيىن، رەسمىي ئۇرۇشقا ئاتلىنىشى ئۈستىدە توختىلىمىز.
________________________________________
قىسسىنىڭ بۇ بۆلۈمىدىن روھىمىزغا ئويۇلىدىغان يېڭى مەشئەللەر:
17- مەشئەل: سۈرگۈندىكى دۆلەت — كەلگۈسىنى بۈگۈن بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەسى.
بوس بېرلىندا تۇرۇپلا مۇستەقىل دۆلەتنىڭ بارلىق سىمۋوللىرى (نام، مارش، بايراق، سالام) نى ئېنىق بېكىتتى. بۇ، شەكىلۋازلىق ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك بىر سىياسىي ۋە پسىخولوگىيەلىك ئۇرۇشتۇر. ئۇ «بىز بىر كۈنى دۆلەت قۇرىمىز» دېمىدى، بەلكى «بىز ھازىر دۆلەت» دېگەن رېئاللىقنى ياراتتى. بىز ئۈچۈن دەرس شۇكى: سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەت ياكى تەشكىلاتلار پەقەت بىر ۋەكىللىك ئورگىنى بولۇپ قالماستىن، كەلگۈسىدىكى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ بارلىق ئاساسلىرىنى، ئورگانلىرىنى، قانۇن لايىھەلىرىنى ۋە مىللىي كىملىك سىستېمىسىنى بۈگۈندىن باشلاپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. دۇنيا بىزنى قۇربانلار توپى ئەمەس، بەلكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييار، تەشكىللىك بىر دۆلەت ئورگىنى سۈپىتىدە كۆرگەندىلا، بىزگە سىياسىي ھۆرمەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
18- مەشئەل: مەنپەئەتنى ئاساس قىلغان دىپلوماتىيە — ئىدېئولوگىيەلىك زەنجىرلەرنى ئۈزۈپ تاشلاش.
بوس فاشىست گېرمانىيەسى ۋە ئىمپېرىيالىست ياپونىيە بىلەن ھەمكارلاشتى. ئۇ ئۇلارنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى قوبۇل قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ بېرىتانىيەگە قارشى تۇرۇشىدىن ئىستراتېگىيەلىك پايدىلانغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى. بىزمۇ كۈرىشىمىزدە «دېموكراتىيە» ياكى «ئىسلامچىلىق» قاتارلىق ئىدىولوگىيەلىك تالاش تارتىشلارغا تېخى دۆلەت قۇرۇلماستىن ئۆزىمىزنى مەھبۇس قىلىۋالماسلىقىمىز كېرەك. بىردىنبىر ئۆلچەم: قايسى دۆلەت ياكى كۈچنىڭ مەنپەئەتى خىتاينىڭ مەنپەئەتىگە زىت كېلىدۇ ۋە بىزگە قانداق ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىك يارىتىپ بېرەلەيدۇ؟ دۈشمىنىمىزنىڭ دۈشمىنى بىزنىڭ دوستىمىز بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئۇ ئەڭ پايدىلىق ۋاسىتىمىز بولالايدۇ. دىپلوماتىيەدە مەڭگۈلۈك دوست ياكى دۈشمەن يوق، پەقەت مەڭگۈلۈك مىللىي مەنپەئەت بار.
19- مەشئەل: قىممەت يارىتىش — تىلەمچىلىكتىن ھەمكارلىققا ئۆتۈش.
بوس گېتلېرنىڭ ئالدىغا بارغاندا، «بىزگە ياردەم قىلىڭ» دەپ يالۋۇرمىدى، بەلكى «مەن سىزگە ئورتاق دۈشمەنگە قارشى ياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلدىم» دېدى. ئۇ ئۆزىنى ۋە مىللىتىنى بىر يۈك ئەمەس، بىر ئىستراتېگىيەلىك شېرىك سۈپىتىدە تونۇشتۇردى. بىز ئۇيغۇرلارمۇ خەلقئارا جامائەتكە ئۆزىمىزنى پەقەتلا زۇلۇمغا ئۇچرىغان، ياردەمگە موھتاج بىر مىللەت سۈپىتىدە كۆرسىتىشنى توختىتىشىمىز كېرەك. بىز خىتايغا قارشى تۇرۇشتا ئامېرىكا، ياۋروپا، تۈركىيە ياكى باشقا دۆلەتلەر ئۈچۈن قانداق ئىستراتېگىيەلىك، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي قىممەت يارىتالايدىغانلىقىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز لازىم. ھېسداشلىق پەقەت ۋاقىتلىق، ئەمما ئورتاق مەنپەئەتكە قۇرۇلغان ھەمكارلىق مۇستەھكەم بولىدۇ.
20 – مەشئەل: مەغلۇبىيەتنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش — دۈشمەننىڭ ئەسكىرىنى ئۆز ئارمىيەڭگە ئايلاندۇرۇش
گاندىنىڭ تىنچلىقپەرۋەرلىك نەزىرىيەسىنىڭ تەقەززاسى بويىچە بىراتىيەنىڭ ئۇرۇشىغا ياردەم قىلىش قارىشى ۋە ھىندىستانلىقلارنىڭ بىراتىيە ئەسكەرلىرە سىپىگە قېتىلىشىغا سۈكۈت قىلىشى بىلەن بېرىتانىيە ئۈچۈن ئۇرۇشۇپ ئەسىرگە چۈشكەن 40 مىڭدىن ئارتۇق ھىندى ئەسكىرى، ھىندىستان ئۈچۈن بىر نومۇس ۋە مەغلۇبىيەت ئىدى. نېتاجى بۇ نومۇسنى شان-شەرەپكە، بۇ مەغلۇبىيەتنى كۈچكە ئايلاندۇردى. ئۇلارنى «ئازاد ھىند فەۋج» ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسىىنىڭ يادروسى قىلدى. بىز ئۈچۈن دەرس شۇكى: دىئاسپورادىكى ھەر بىر ئۇيغۇر، باشقا ئېقىملارنىڭ سېپىگە قوشۇلغان ھەر بىر مۇجاھىد ھەتتا لاگېرلاردىن چىقىپ قېچىپ كەلگەن ھەر بىر ئۇيغۇر بىر قۇربان ئەمەس، بەلكى خىتايغا قارشى كۈرەشنىڭ پوتېنسىياللىق بىر جەڭچىسى، بىر گۇۋاھچىسى ۋە بىر كۈچ مەنبەسىدۇر. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ئۇلارنىڭ روھىدىكى ئۈمىدسىزلىكنى ۋە يېتىمسىراشنى ئۆچۈرۈپ، قەلبىگە كۈرەش ئوتىنى يېقىش ۋە ئورتاق ئەقىلدە بىرلىشىشتۇر.
21 – مەشئەل: ئىستراتېگىيەلىك جانلىقلىق — بىر ئىشىك تاقالسا، يەنە بىر ئىشىكنى تېپىش.
بوسنىڭ ئەسلى پىلانى سوۋېت ئىتتىپاقى ئارقىلىق ھەرىكەت قىلىش ئىدى، ئەمما ئۇ ئىشىك تاقالدى. كېيىن گېرمانىيەگە باردى، ئەمما گېرمانىيەنىڭ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىپ، ئاسىياغا — ياپونىيەگە يۈزلەندى. بۇ، بىر رەھبەرنىڭ ئەڭ مۇھىم خىسلىتىدۇر. بىزنىڭمۇ داۋايىمىزدا بىر دۆلەتكە ياكى بىر پىلانغا باغلىنىپ قالماشلىقىمىز كېرەك. خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بىر يول تۇسۇلۇپ قالسا، ئۈمىدسىزلەنمەي، دەرھال يېڭى ئىتتىپاقداشلارنى، يېڭى يوللارنى ۋە يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى تېپىپ چىقىشىمىز لازىم. ئازادلىققا بارىدىغان يول پەقەت بىرلا ئەمەس.
22 – مەشئەل: رەھبەرنىڭ جان پىدالىقى — ئەڭ خەتەرلىك يولدا ئالدىدا مېڭىش.
بوس بىخەتەر بىر ئايروپىلاندا ئەمەس، ئۈچ ئايلىق ئەجەللىك سۇ ئاستى كېمىسى سەپىرىدە ئۆلۈمگە كۆكرەك كېرىپ ئاسىياغا باردى. بۇ ھەرىكەت ئۇنىڭ قوماندانلىرى ۋە ئەسكەرلىرى ئۈچۈن مىڭلىغان نۇتۇقتىن كۈچلۈك ئىدى. ئۇ ئۆز ھاياتىنى دوغا تىكىش ئارقىلىق، ئازادلىقنىڭ قانداق بەدەل تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بىزنىڭ دىئاسپورادىكى رەھبەرلىرىمىز ۋە پائالىيەتچىلىرىمىزمۇ راھەت، بىخەتەر جايلاردا تۇرۇپ شۇئار توۋلاش بىلەنلا چەكلەنمەسلىكى كېرەك. خەلق پەقەت ئۆزى ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە تەييار رەھبەرگىلا ئەگىشىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن جېنىنى بېرىدۇ. ھەقىقىي رەھبەرلىك — سۆز بىلەن ئەمەس, بەدەل تۆلەش بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ.
23 – مەشئەل: ئىچكى دۈشمەننى ئايدىڭلاشتۇرۇش — غۇرۇر ۋە ساداقەت قارىشىنى قايتا بېكىتىش.
ئەسىر ئەسكەرلەر بوسنى «ساتقۇن» دەپ ئەيىبلىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ساداقەت ئۆلچىمى «بېرىتانىيە پادىشاھلىقى» ئىدى. بوس ئۇلارنىڭ بۇ خاتا ساداقەت قارىشىنى چېقىپ تاشلاپ، ھەقىقىي ساداقەتنىڭ «ئانا ۋەتەن»گە بولىدىغانلىقىنى ئۇلارنىڭ قەلبىگە ئويۇپ بەردى. بىزنىڭ مىللىتىمىز ئىچىدىمۇ، دۈشمەننىڭ تەشۋىقاتى ياكى قورقۇتۇشى بىلەن «خىتايغا ساداقەتمەن بولۇشنى ياكى «تىنچ ئۆتۈش» نى توغرا دەپ قارايدىغانلار بولۇشى مۇمكىن. بىزنىڭمۇ ۋەزىپىمىز — خائىنلىق بىلەن ساداقەتنىڭ، قۇللۇق بىلەن ئەركىنلىكنىڭ، شەخسىي مەنپەئەت بىلەن مىللىي غۇرۇرنىڭ ئۆلچەملىرىنى قايتىدىن ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە ھەقىقىي ساداقەتنىڭ پەقەت ۋە پەقەت مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستانغىلا بولىدىغانلىقىنى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ۋىجدانىغا يەتكۈزۈشتۇر.
24 – مەشئەل: ئاۋازنىڭ قۇدرىتى — پۈتۈن دۇنيانى جەڭ مەيدانىغا ئايلاندۇرۇش.
بوس بېرلىندىن، توكيودىن رادىئو ئارقىلىق نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزى جىسمانىي جەھەتتە يېتىپ بارالمىغان ھىندىستاندىكى مىليونلىغان ئىنساننىڭ قەلبىگە يېتىپ باردى ۋە ئۇلارنى ئويغاتتى. بۇ، زامانىۋى تېخنىكىنىڭ كۈرىشىمىز ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ جەڭ مەيدانىمىز پەقەت شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇپرىقى ئەمەس. ئىنتېرنېت، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار، خەلقئارا مېدىيالارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ جەڭ مەيدانىمىزدۇر. بىز بۇ مەيدانلارنى ئىشقا سېلىپ، ئاۋازىمىزنى دۇنيانىڭ ھەر بىر بۇلۇڭىغا، ئەڭ مۇھىمى، ۋەتىنىمىز ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قۇلىقىغا ۋە يۈرىكىگە يەتكۈزۈش ئارقىلىق، ئۈمىد ئوتىنى مەڭگۈ ئۆچۈرمەسلىكىمىز لازىم. بىر مىللەتنىڭ ئاۋازى ئۆچمىگۈچە، ئۇ مىللەت ئۆلمەيدۇ.
4 – بۆلۈم: «دېھلىغا يۈرۈش!»، قانلىق ئورمانلىقتىكى ئۇرۇش
شەرقىي فرونتتا گېرمانىيەنىڭ مەغلۇبىيىتى ئايان بولۇشقا باشلىغاندا، نېتاجى سۇبھاس چاندرا بوس ئۆزىنىڭ پولاتتەك ئىرادىسى بىلەن يېڭى بىر ئىستراتېگىيەلىك يول خەرىتىسىنى سىزىشقا كىرىشتى. ئۇ ياۋروپادىكى كۈرەشنىڭ ئاخىرلىشىۋاتقانلىقىنى، ھەقىقىي جەڭ مەيدانىنىڭ شەرقتە، يەنى ئانا ۋەتىنى ھىندىستانغا يېقىن بولغان، كۈن چىقىش ئەللىرىدە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئەڭ جۈرئەتلىك، ھەتتا ئەقىلگە سىغمايدىغان پىلانى — گېرمانىيەدە ئۆز قولى بىلەن تەشكىللىگەن «ئازاد ھىندىستان لېگىيونى» نى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز ۋە ھاۋا ھۆكۈمرانلىقىدىكى مىڭلىغان چاقىرىملىق يولنى كېسىپ ئۆتۈپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا يۆتكەپ، ئۇ يەردە ئۆزى قۇرۇشنى پىلانلىغان «ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى» (INA) نىڭ ئاساسىي قوشۇنىغا قوشۇش ئىدى. بۇ، ئۆز دەۋرى ئۈچۈن مۇمكىنسىزدەك تۇيۇلىدىغان بىر ھەربىي ھەرىكەت ئىدى.
ئۇ گېتلېر بىلەن قايتا كۆرۈشۈپ، ئۆزىنى ۋە گېرمانىيەدىكى 4500 كىشىلىك ھىندىستان ئازادلىق ئارمىيەسى قىسمىنى ئاسىياغا ئاپىرىپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى. گېتلېر ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە قوشۇلدى. ئۆزى بىۋاستە ئىتتىپاقدىشى ياپونىيە بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھىندىستان ئەسكەرلىرىنى يۆكەش پىلانىنى تۈزۈپ چىقتى. نېتاجى 1943-يىلى گېرمانىيەنىڭ U-180 ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتىغا ئولتۇرۇپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا قاراپ ئەجەللىك سەپەرگە ئاتلاندى. بۇ ئۈچ ئاي داۋاملاشقان سەپەر ھەر دەقىقىسى خەتەرگە تولغان ئىدى. ئۇلار كۈندۈزلىرى سۇ ئاستىدا يوشۇرۇنۇپ، پەقەت كېچىلىرىلا يولغا چىقاتتى. ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۆتۈۋاتقاندا، ئۇلار دۈشمەننىڭ رادارىغا چۈشۈپ قېلىپ، ئۆلۈمدىن قىلنىڭ ئۈستىدە قۇتۇلۇپ قالغان ئىدى. ئاخىرىدا، ئۇلار ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدىكى «ئۈمىد بۇرنى» نى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ماداغاسقارنىڭ يېنىدا ياپونىيەنىڭ I-29 ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتىغا ئالمىشىپ، ئەينى چاغدا ياپونىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى سىنگاپورغا يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭ بۇ سەپىرى، بىر داھىينىڭ ئۆز ئەسكەرلىرىنى ئوت-يالقۇن ئىچىدە تاشلاپ قويمايدىغانلىقىنىڭ، ئۇلارغا يول ئېچىش ئۈچۈن ھاياتىنى خەتەرگە تىكىشتىن يانمايدىغانلىقىنىڭ جانلىق ئىسپاتى ئىدى.
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىرىنچى ۋەزىپىسى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى قايىل قىلىش ئىدى. بۇ، ئاددىي بىر ياردەم تەلەپ قىلىش ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان نازۇك ھەم مۇرەككەپ بىر دىپلوماتىيەلىك جەڭ ئىدى. ئۇ توكيوغا بېرىپ، ياپونىيە باش ۋەزىرى ھىدېكى توجو بىلەن كۆرۈشۈپلا قالماي، ھەتتا ياپونىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. ئۇنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتى ۋە سۆزىدە، ئۆزىگە بولغان پولاتتەك ئىشەنچى ۋە 400 مىليونلۇق ھىندى مىللىتىنىڭ غۇرۇرى نەكىس ئېتىپ تۇراتتى.
نېتاجى ياپونىيەلىكلەرنىڭ ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىقىغا ھەقىقىي ياردەم قىلىشىغا بولغان سەمىمىيىتىگە گۇمان بىلەن قارايتى چۈنكى ئىلگىرى ھىندىستان ئەسكەرلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇشلىرىغا ياللانما قىلىپ ئىشلەتكەن ئىدى. نېتاجى شۇڭا ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆز مەيداندا چىڭ تۇردى. ئۇنىڭ ياپون رەھبەرلىرىگە قىلغان سۆزلىرى تارىخقا يېزىلغان ئىدى:
«بۇ ئارمىيە سىلەرنىڭ قورچاق قوشۇنىڭلار ئەمەس، بەلكى مۇستەقىل ھىندىستاننىڭ ئۆز ئارمىيەسىدۇر! بىز سىلەرنىڭ قول ئاستىڭلاردىكى ياللانما ئەسكەرلەر ئەمەس، بەلكى ئورتاق دۈشمەنگە قارشى تۇرۇۋاتقان باراۋەر سەپداش ۋە ئىتتىپاقداشلار! بىزنىڭ نىشانىمىز بىر مۇستەملىكىچىنى يەنە بىر مۇستەملىكىچى بىلەن ئالماشتۇرۇش ئەمەس، بەلكى ھىندىستاننىڭ مۇتلەق ۋە شەرتسىز مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر! ئەگەر سىلەر بۇنىڭغا چىن دىلىڭلاردىن قوشۇلمىساڭلار، بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىزنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ»
بۇ قولىدا ئاران 4500 ئەسكىرى بولغان بىر رەھبەرنىڭ دۇنيانىڭ ئۈچىنچى چوڭ كۈچى بولغان ياپونىيە ئىمپېرىيەسىگە قىلىۋاتقان سۆزى ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ئوتلۇق سۆزلىرى ۋە تەۋرەنمەس ئىرادىسى، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. ئۇلار بوسنىڭ پەقەت بىر ئوتلۇق ناتىق ئەمەس، بەلكى ئۆز مىللىتىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھاياتىنى دوغا تىككەن، ئېنىق پىلانى ۋە روشەن ئىستراتېگىيەسى بار بولغان ھەقىقىي بىر دۆلەت ئەربابى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ياپونىيە ئۆزىمۇ بىر قانچە فرونتتا جەڭ قىلىۋاتقان بولغاچقا، ھىندىستاندا بىر قوزغىلاڭنىڭ پارتلىشى، بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاسىيادىكى ھۆكۈمرانلىقىغا ئەجەللىك زەربە بېرىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى.
نەتىجىدە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ بارلىق تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلدى. ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسىگە قورال-ياراغ، كىيىم-كېچەك ۋە ھەربىي تەلىم-تەربىيە جەھەتتىن تولۇق ياردەم بېرىشكە، ئازاد ھىندىستان ئارمىيەس نى مۇستەقىل بىر ئىتتىپاقداش ئارمىيە سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىشقا، ھەمدە ئەڭ مۇھىمى، ياپونىيە ئىشغال قىلغان ھىندىستان زېمىنىنى دەرھال «ۋاقىتلىق ئازاد ھىندىستان ھۆكۈمىتى» گە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قوشۇلدى.
بۇ ۋەدىنىڭ ئەڭ كونكرېت ئىسپاتى سۈپىتىدە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى ئىشغال قىلغان ئاندامان ۋە نىكوبار ئاراللىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى نېتاجىنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر ۋەقە ئىدى. تېخى ئۇرۇش ئاخىرلاشمىغان، ھىندىستان تېخىچە ئازادلىققا ئېرىشمىگەن بىر پەيتتە، ھىندىستان زېمىنىنىڭ بىر قىسمى تۇنجى قېتىم بىر ھىندى رەھبەرنىڭ قولىغا ئۆتكەن ئىدى. نېتاجى دەرھال بۇ ئاراللارغا «شاھىد» (شېھىت) ۋە «سۋاراج» (مۇستەقىللىق) دەپ نام بېرىش ئارقىلىق، ئازادلىقنىڭ پەقەت بىر خىيال ئەمەس، بەلكى قولغا كېلىۋاتقان بىر رېئاللىق ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ، ئۇنىڭ دىپلوماتىيە سەھنىسىدىكى غايەت زور ئۇتۇقى بولۇپ، ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنلۇقلۇقىنى ۋە مۇستەقىللىقىنى پۈتۈن دۇنياغا نامايان قىلغان ئىدى.
دىپلوماتىيە سەھنىسىدە غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، نېتاجى پۈتۈن زېھنىنى ھەربىي تەييارلىققا قاراتتى. سىنگاپوردا، ياپونىيە تەرىپىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان 40 مىڭدىن ئارتۇق ھىندى ئەسكىرى ئۇنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. بۇ ئەسكەرلەر جىسمانىي جەھەتتىن ھارغىن، روھىي جەھەتتىن ئىنتايىن چۈشكۈن بىر ئەھۋالدا ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى بېرىتانىيە ئارمىيەسىنىڭ مەغلۇپ بولغان بىر قىسمى دەپ قارايتتى. نېتاجىنىڭ ۋەزىپىسى — ئۇلارنىڭ روھىدىكى بۇ قۇللۇق ئېڭىنى يوقىتىپ، ئۇلارنى ئانا ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن جېنىنى تىكىدىغان قەھرىمانلارغا ئايلاندۇرۇش ئىدى.
ئۇ ھەر كۈنى ئەسكەرلەر بىلەن بىللە بولدى، ئۇلار بىلەن بىرگە تاماق يېدى، ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئوتلۇق نۇتۇقلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى ئۈمىد ئوتىنى قايتىدىن ياندۇردى. ئۇ ئەسكەرلەرگە بېرىتانىيەنىڭ كونا، نومۇسلۇق فورمىلىرىنى يېرتىپ تاشلىتىپ، ئۇلارغا غۇرۇر ۋە شەرەپنىڭ سىمۋولى بولغان «ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى» نىڭ يېپيېڭى فورمىلىرىنى كىيدۈردى. قاتتىق ۋە جاپالىق ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئارقىلىق ئۇلارنىڭ جىسمىنى پولاتتەك چىڭىتتى، ئازادلىق ئىدىيەسى ۋە ۋەتەنپەرلىك ېڭىنى سىۇدۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ روھىنى قايتىدىن ياراتتى. ئۇنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى پەقەت بىر ئارمىيە قۇرۇش بىلەنلا چەكلەنمەيتتى، ئۇ پۈتۈن مىللەتنى سەپەرۋەر قىلىشنى نىشان قىلاتتى. بۇنىڭ ئەڭ يارقىن ئىسپاتى سۈپىتىدە ئۇ ھىندىستان تارىخىدىكى تۇنجى ئاياللار ئارمىيە قىسمىنى، «رانى جانسى پولكى» نى قۇرۇپ چىقتى. بۇ، ئاياللارنىڭ ئازادلىق كۈرىشىدىكى رولىنى ئارقا سەپتىن ئالدىنقى سەپكە ئېلىپ چىققان ئىنقىلابىي بىر قەدەم ئىدى.
بىرىتانىيەگە قارشى ھەل قىلغۇچ ھۇجۇمنى باشلاشتىن ئىلگىرى، 1944-يىلى 4-ئىيۇل، نېتاجى بېرمادا ھەيۋەتلىك بىر ھەربىي پارات ئۆتكۈزدى. بۇ، پەقەت بىر پارات ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنىڭ ئويغىنىشىنىڭ، يېڭى بىر ئارمىيەنىڭ تۇغۇلۇشىنىڭ جاكارلىنىشى ئىدى. رانگون شەھىرىنىڭ كەڭ مەيدانلىرىدا، مىڭلىغان جەڭچى پولاتتەك ئىنتىزام بىلەن سەپ تۈزۈپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە ئەمدى قورقۇنچ ئەمەس، بەلكى غەزەپ ۋە ئۈمىد يالقۇنجايتتى. نېتاجى، باش قوماندان سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ، تارىخقا ئويۇلغان شۇ مەشھۇر نۇتۇقىنى سۆزلىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى گويا گۈلدۈرمامىدەك ياڭراپ، پۈتۈن مەيداننى، ھەتتا ھەر بىر ئەسكەرنىڭ يۈرەك تومۇرىنى لەرزىگە سالدى:
«دوستلىرىم! قېرىنداشلىرىم! بۈگۈن مەن سىلەردىن ھەر قانداق نەرسىدىنمۇ مۇھىم بىر نەرسە تەلەپ قىلىمەن. مەن سىلەردىن… قېنىڭلارنى تەلەپ قىلىمەن! چۈنكى ئازادلىقنىڭ بەدىلى پەقەت ۋە پەقەت قان بىلەنلا تۆلىنىدۇ! رەزىل دۈشمەنلىرىمىز ئاققۇزغان قان دەرياسى، بىزدىن ئىنتىقام كۈتمەكتە. بىزنىڭ قېنىمىزدىن باشقا ھېچقانداق نەرسە بۇ ئىنتىقامنى ئالالمايدۇ. شۇڭا، سىلەر ماڭا قېنىڭلارنى بېرىڭلار، مەن سىلەرگە ئازادلىقنى ۋەدە قىلىمەن!»
بۇ سۆزلەر ئاڭلانغاندا، پۈتۈن مەيدان «نېتاجى زىندائاباد!» (ياشىسۇن نېتاجى!)، «جەي ھىند!» (ھىندىستانغا زەپەر!) دېگەن شۇئارلار بىلەن ئاسماننى تىترەتتى. شۇ دەقىقىدە، ئۇلار ئەمدى بېرىتانىيەنىڭ سابىق ئەسىرلىرى ئەمەس، بەلكى ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قېنىنى تەقدىم قىلىشقا قەسەم ئىچكەن، قورقۇمسىز، شانلىق «ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى» نىڭ جەڭچىلىرىگە ئايلانغان ئىدى. بۇ، پەقەت بىر ئارمىيەنىڭ ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنىڭ روھىنىڭ قايتىدىن تۇغۇلۇشى ئىدى.
بىرمادىكى بۇ ھەيۋەتلىك پارات ۋە نېتاجىنىڭ ئوتلۇق نۇتۇقى، دېھلى ۋە لوندوندىكى بېرىتانىيە ئىستىخبارات ئىمپېرىيەسىنىڭ سوغۇق، تاش تاملىق ئىشخانىلىرىغا گۈلدۈرمامىدەك يېتىپ باردى. دەسلەپتە، ھاكاۋۇر بېرىتانىيە ئەمەلدارلىرى بۇنى «بىر توپ مەغلۇپ بولغان ئەسىرلەرنىڭ خام خىيالى» دەپ كەمستىكەن بولسىمۇ، ئەمما ئارقا-ئارقىدىن كەلگەن ئىستىخبارات مەلۇماتلىرى ئۇلارنى قاتتىق ساراسىمىگە سالدى. بۇ، پەقەت بىر توپ قوراللىق توپىلاڭچى ئەمەس، بەلكى بىر دۆلەتنىڭ بارلىق ئاساسلىرىغا ئىگە، سىياسىي، ھەربىي ۋە دىپلوماتىيەلىك جەھەتتىن سىستېمىلىق تەشكىللەنگەن، كەينىدە ياپونىيەدەك كۈچلۈك بىر دۆلەت تۇرغان ھەقىقىي بىر ئارمىيە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەھىمىسى، بۇ ئارمىيەگە رەھبەرلىك قىلىۋاتقان كىشىنىڭ، ئۇلارنىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنى بولغان — سۇبھاس چاندرا بوس ئىكەنلىكى ئىدى.
دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتكەن بېرىتانىيە ھۆكۈمىتى، كۆپ قاتلاملىق بىر قارشى تۇرۇش پىلانىنى تۈزدى: بىرىنچى، ھىندىستاندىكى بارلىق گېزىت-ژۇرنال ۋە رادىئولارنى قاتتىق كونترول قىلىپ، نېتاجى ۋە «ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى» ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى پۈتۈنلەي توسۇش؛ ئىككىنچى، ئۇنى «ساتقۇن»، «فاشىستلارنىڭ قورچىقى» ۋە «ياپونىيەنىڭ ئىتى» دەپ قارىلايدىغان تەشۋىقاتلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ بېرىش؛ ئۈچىنچى، بىرمادىكى چېگرا لىنىيەسىگە ئەڭ تاللانغان قىسىملارنى ئەۋەتىپ، «ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى» نىڭ ھىندىستانغا كىرىشىنى ھەر قانداق بەدەل تۆلەپ بولسىمۇ توسۇپ قىلىش.
ئەمما نېتاجى، دۈشمەننىڭ بۇ ھىيلە نەيرەڭلىرىنى ئالدىن كۆرەلىگەن ئىدى. ئۇئەينى چاغدىكى زامانىۋى تېخنىكىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورالى — رادىئو دولقۇنلىرىنى ئىشقا سالدى. بېرلىندىن باشلانغان «ئازاد ھىند رادىئوسى» نىڭ سىگناللىرى، سىنگاپور ۋە رانگووندىن تېخىمۇ كۈچەيتىلىپ، بېرىتانىيە ئىستىخبارات ئىمپېرىيەسىنىڭ پولات تېمىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ھىندىستاننىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا يېتىپ باردى. كېچىنىڭ جىمجىتلىقىدا، ھىندىستانلىقلار ئۆيلىرىنىڭ دېرىزىلىرىنى چىڭ تاقاپ، ئەدىياللارغا ئورىنىۋېلىپ، قۇلاقلىرىنى رادىئوغا يېقىپ، يۈرەكلىرى ھاياجاندىن دۈپۈلدەپ تۇرغان ھالدا، يىراقلاردىن كەلگەن بۇ سىرلىق ئاۋازنى — ئۆز داھىيسى نېتاجىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايتتى.
بۇ ئاۋاز، قۇللۇق ئىچىدىكى قەلبلەرگە ئۈمىد ئوتىنى ياقتى. ياشلار ئارىسىدا قوزغىلاڭ روھى ئويغاندى، ئوقۇغۇچىلار مەكتەپلەرنى تاشلاپ يوشۇرۇن تەشكىلاتلارغا قوشۇلدى، «جەي ھىند!» شۇئارى كۆچە-كويلاردىكى مەخپىي پارولغا ئايلاندى. بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسى قوزغىلاڭچىلارنى تۈرمىگە تاشلىيالىسىمۇ، ئەمما ھاۋادا تارقىلىۋاتقان بۇ ئاۋازنى ۋە مىليونلىغان قەلبلەردە بىخلىنىۋاتقان بۇ ئۈمىدنى ھەرگىز تۈرمىگە تاشلىيالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن، ھىندىستان ئازادلىق كۈرىشىنىڭ يېڭى، ئەڭ قانلىق، ئەمما ئەڭ شانلىق بىر بېتى ئېچىلغان بولدى.
بۇغەلىبىلەردىن كېيىن، نۆۋەت ھەقىقىي جەڭگە كەلگەن ئىدى. «نېتاجى» نىڭ ئوتلۇق چاقىرىقىغا جاۋابەن، پۈتۈن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھىندىستانلىقلار بارلىقىنى پىدا قىلىشقا ئاتلاندى. ئارمىيەنىڭ بىرلىككە كەلگەن شۇئارى «Chalo Delhi!» (دېھلىغا يۈرۈش!) ئىدى. 1944-يىلى، «ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى» ياپونىيە ئارمىيەسى بىلەن بىرلىشىپ، ھىندىستانغا قاراپ تارىخىي يۈرۈشنى باشلىدى. ئۇلار مىسلى كۆرۈلمىگەن جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىپ، ھىندىستان زېمىنىغا قەدەم قويدى، ئىمفال ۋە كوھىما شەھەرلىرىنى قورشاۋغا ئالدى. 1944-يىلى 19-مارت، مۇستەقىل ھىندىستاننىڭ ئۈچ رەڭلىك بايرىقى ئانا ھىندىستان تۇپرىقىدا شان-شەرەپ بىلەن لەپىلدىدى. بۇ، تارىخىي بىر دەقىقە ئىدى!
ئەپسۇسكى، تەقدىر ئۇلارغا يار بولمىدى. تەلىيى يەنە تەتۈر كەلگەن ئىدى. قاتتىق يامغۇر، كېسەللىك، تەمىناتنىڭ يېتىشمەسلىكى ۋە بېرىتانىيە ئارمىيەسىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقى تۈپەيلىدىن، «ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى» ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراپ، چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. «دېھلىغا يۈرۈش» ئارزۇسى رېئاللىققا ئايلىنالمىدى.
بۇ چېكىنىش، مەغلۇبىيەتنىڭ ئەمەس، بەلكى قەھرىمانلىقنىڭ ئاخىرقى پەرۋازى ئىدى. ئىمفال ئورمانلىقلىرىدا، ئاچلىقتىن قىينىلىپ، بەزگەك كېسىلى بىلەن ھالى قالمىغان ئەسكەرلەر، ئاخىرقى بىر پاي ئوقى قالغۇچە جەڭ قىلدى. بىر ياش ئوفىتسېر ئۆلۈش ئالدىدا، ئۆزىنىڭ قېنى بىلەن بىر پارچە لاتىغا مۇنداق دەپ يازغانىدى: «نېتاجى، بىز سىزنىڭ ئامانىتىڭىزگە خىيانەت قىلمىدۇق. بىز ئاخىرقى نەپىسىمىزگىچە جەڭ قىلدۇق. بىزنىڭ جەسىدىمىز بۇ يەردە قالىدۇ، ئەمما روھىمىز سىز بىلەن بىللە دېھلىغا يۈرۈش قىلىدۇ. جەي ھىند!»
بۇ قانلىق خەت كېيىن بوسنىڭ قولىغا يەتكەندە، ئۇنىڭ پولاتتەك ئىرادىسىمۇ بۇ قۇربانلىق ئالدىدا سىمپتەك ئېرىپ، تاراملاپ ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسكەرلەرگە: «سىلەر مەغلۇپ بولمىدىڭلار. سىلەر تارىخ ياراتتىڭلار. سىلەرنىڭ قېنىڭلار بىلەن سۇغۇرۇلغان بۇ تۇپراقتىن، كەلگۈسىدە ئازادلىقنىڭ دەرىخى چوقۇم ئۈنۈپ چىقىدۇ!» دەپ خىتاب قىلدى.
چېكىنىش يولىدا، ئۇلارنىڭ جىسمى ئاجىزلىغان بولسىمۇ، روھى تېخىمۇ چىڭىغان ئىدى. ئۇلار ئۆز كۆزلىرى بىلەن ئانا ۋەتىنىنىڭ تۇپرىقىنى كۆرگەن، ئۇنىڭ ھاۋاسىدىن نەپەس ئالغان ئىدى. بۇ، ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەسەللى ئىدى. ئۇلار يول بويى يارىدار سەپداشلىرىنى كۆتۈرۈپ، ئاخىرقى بىر پارچە نېنىنى ئۆزئارا بۆلۈشۈپ ماڭدى. بۇ، بىر ئارمىيە ئەمەس، بەلكى بىر ئائىلە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مۇھەببەت ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش روھى، بېرىتانىيە ئارمىيەسىنىڭ زەمبىرەكلىرىدىنمۇ كۈچلۈك ئىدى. ئۇلار دۈشمەنگە جىسمەن يېڭىلگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانلىقى ۋە قېرىنداشلىقى بىلەن ئەخلاقىي جەھەتتە غەلىبە قىلغانىدى.
(داۋاملىشىدۇ…..)
5 – بۆلۈمدە، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى، ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇشى ۋە نېتاجىنىڭ يەنىلا قىلچە ئۈمىتسىزلەنمەستىن قايتىدىن سىتالىن بىلەن كۆرۈشۈپ، يېڭى ئىستىراتىگىيەسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن يولغا چىقىش جەريانىدا خۇددى ئەخمەتجان قاسىمىغا ئوخشاشلا سىرلىق ئايروپىلان ۋەقەسىگە ئۇچراپ قازا قىلىشى، ھەمدە بۇ سىرلىق ئۆلۈمىنىڭ ھىندىستانغا كۆرسەتكەن تەسىرى، بىراتانىيەنى ھىندىستاننىڭ تولۇق مۇستەقىللىقىنى قوبۇل قىلىپ، ھىندىستاننى تاشلاپ قېچىپ چىقىشقا مەجبۇرلىغان نۇقتىلىق ئامىللار ئۈستىدە توختىلىمىز.
________________________________________
قىسسىنىڭ بۇ بۆلۈمىدىن شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ قەلبىگە تىكلىنىدىغان مەشئەللەر
- 25 – مەشئەل: ئىستراتېگىيەلىك جانلىقلىق ۋە جۇغراپىيەلىك يۆتكىلىش، بىر ئىستراتېگىيەلىك تايانچ يىقىلغاندا، يېڭى بىر سەپنى ئېچىش
سۇبھاس چاندرا بوسنىڭ گېرمانىيەنىڭ مەغلۇبىيىتىنى كۆرگەندە ئۈمىدسىزلىككە پېتىپ قالمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇرىنىڭ يۈكسەكلىكىنى نامايان قىلىدۇ. ئۇ ئىدېئولوگىيەلىك قېلىپلارنىڭ كىشەنلىرىگە ئەمەس، بەلكى مىللىي مەنپەئەتنىڭ رېئاللىقىغا بويسۇندى. ياۋروپا سەھنىسى يېپىلغاندا، ئۇ دەرھال دۇنيا سىياسىي شاھمات تاختىسىنى قايتىدىن ئانالىز قىلىپ، كۈرەشنىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى ئاسىياغا يۆتكىدى. شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ھەرىكىتى ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئېلىنىدىغان ساۋاق شۇكى: بىزنىڭ ئىستراتېگىيەمىز بىرلا دۆلەتنىڭ سىياسىتىگە ياكى بىرلا خەلقئارا كۈچنىڭ ۋەدىسىگە مەڭگۈلۈك باغلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە مەڭگۈلۈك دوست ئەمەس، پەقەت مەڭگۈلۈك مەنپەئەتلا بولىدۇ. بىر ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقداش بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئاجىزلاشقاندا ياكى بىر يول تۇسۇلۇپ قالغاندا، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ئەمەس، بەلكى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك بوشلۇقلارنى ئىزدەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرىدۇ. كۈرىشىمىز جانلىق، كۆپ قاتلاملىق ۋە جۇغراپىيەلىك چەكلىمىلەردىن ھالقىغان بولۇشى لازىم.
- 26- مەشئەل: سىمۋوللۇق ئىگىلىك ھوقۇقىنى نامايان قىلىش، زېمىنسىز دۆلەتنىڭ قۇدرىتىنى يارىتىش
بوسنىڭ ئاندامان ۋە نىكوبار ئاراللىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئۇلارغا «شېھىت» ۋە «مۇستەقىللىق» دەپ نام بېرىشى، پەقەت بىر سىياسىي شوئار ئەمەس، بەلكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەمەلىيەتتە قوللىنىشنىڭ جانلىق ئىپادىسى ئىدى. بۇ كىچىككىنە زېمىن پارچىسى، پۈتكۈل ھىندى مىللىتىگە ئازادلىقنىڭ قولغا كېلىدىغان بىر رېئاللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ «ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» نى خەلقئارالىق قانۇنىيلىققا ئىگە قىلغان ئىدى. بىزنىڭ دىئاسپورادىكى ھەرىكىتىمىزمۇ خىتاينىڭ قولى يەتمەيدىغان، يەتسىمۇ تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان جۇغراپىيەلەردە بىر قانچىلىغان مۇقىم بازىلارغا ئىگە بولۇشنى مۇھىم ئىستىراتېگىيە قىلىشى لازىم. دېئاسپورادىكى تەشكىلات نىشانىمىز پەقەت زۇلۇمنى پاش قىلىدىغان بىر ھېسداشلىق ھەرىكىتى بولۇپلا قالماي، كەلگۈسىدىكى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ تەييارلانغان، ئىقتىدارلىق بىر سىياسىي ئورگىنى سۈپىتىدە ئۆزىنى نامايان قىلالىشى كېرەك. دىئاسپورادا سسىتېمىلىق ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت قاتارلىق دۆلەت ئاپپاراتلىرىنى قۇرۇش ۋە رولىنى كۈچەيتىش، خەلقئارا قانۇن سەھنىسىدە ئورنىمىزنى تىكلەش، كەلگۈسىدىكى دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇن لايىھەسى ۋە مىللىي كىملىك سىستېمىسىنى بۈگۈندىن باشلاپ تەتقىق قىلىش…. بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقئارا جامائەتنىڭ بىزگە بولغان تونۇشىنى زۇلۇمغا ئۇچرىغان بىر مىللەتتىن، ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىۋاتقان كۈچلۈك بىر سىياسىي گەۋدىگە ئايلاندۇرۈپ بېرىدۇ. بىزنى ئېتىبارغا ئېلىشقا ۋە ھەمكارلىشىشقا بولىدىغان خەلقئارالىق ئىناۋەتلىك كۈچكە ئايلاندۈرىدۇ.
- 27- مەشئەل: بىرلىككە كەلگەن ئىرادە ۋە ئېنىق نىشان، «دېھلىغا يۈرۈش!» نىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى
«دېھلىغا يۈرۈش!» شۇئارى، «ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى» نىڭ بارلىق ھەربىي، سىياسىي ۋە تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرگەن ئىستراتېگىيەلىك يادرودۇر. بۇ، ھەر بىر ئەسكەرنىڭ نېمە ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقانلىقىنى، ھەر بىر قۇربانلىقنىڭ قەيەرگە بېرىپ تاقىلىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەتتى. شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ھەرىكىتىمۇ، پارچىلانغان، كىچىك-كىچىك تەلەپلەرنىڭ ئورنىغا، بارلىق كۈچلەرنى بىر نىشانغا ئۇيۇشتۇرالايدىغان، ئاددىي، چۈشىنىشلىك ۋە ئىلھامبەخش بىر ئاخىرقى ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى بېكىتىشى كېرەك. ئۇ بولسىمۇ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇتلەق مۇستەقىللىقىدۇر. «ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش» ياكى «كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش» قاتارلىق تەلەپلەر مۇھىم تاكتىكىلىق ۋاسىتىلەر بولسىمۇ، ئۇلار ھەرگىز ئاخىرقى ئىستراتېگىيەلىك نىشاننىڭ ئورنىنى ئالىدىغان غايىگە ئايلىنىپ قالماسلىقى لازىم.
- 28 – مەشئەل: ھەربىي مەغلۇبىيەت ۋە ئەخلاقىي غەلىبە، كۈرەشنىڭ ماھىيىتىنى قايتا ئېنىقلاش
«ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى» ئىمفالدا ھەربىي جەھەتتىن مەغلۇپ بولدى، ئەمما ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق روھى ۋە ئانا ۋەتىنىنىڭ تۇپرىقىدا ئاققان قېنى، كېيىن پۈتكۈل ھىندىستاننىڭ ئازادلىق ئىرادىسىنى ئويغاتتى. بېرىتانىيە ھەربىي جەھەتتە غەلىبە قىلدى، ئەمما سىياسىي ۋە ئەخلاقىي جەھەتتە مەغلۇپ بولدى. بۇ، ئۇلارنىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۇلىنى تەۋرىتىۋەتكەن ئىدى. بىزنىڭ كۈرىشىمىزدە، غەلىبە پەقەت زېمىننى ئىگىلەش بىلەنلا ئۆلچەنمەيدۇ. دۈشمەننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئالدىدا، مىللىي كىملىكىمىزنى، تىلىمىزنى، دىنىمىزنى ۋە غۇرۇرىمىزنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۆزى بىر غەلىبىدۇر. لاگېرلاردىكى ھەر بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئىرادىسىنىڭ سۇنماسلىقى، دىئاسپورادىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز كىملىكىدە چىڭ تۇرۇشى…. بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە قارشى قىلىنغان ئەخلاقىي غەلىبىدۇر.
- 29 – مەشئەل: رەھبەرنىڭ كۆز يېشى؛ مىللەتنىڭ قەلبىنى سۇغىرىدىغان مۇقەددەس ئابىھاياتتۇر
نېتاجىنىڭ ياش ئوفىتسېرنىڭ قانلىق خېتى ئالدىدا تۆككەن كۆز ياشلىرى، ئۇنىڭ رەھبەرلىك سەنئىتىنىڭ يادروسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇ پەقەت بىر قوماندان ئەمەس، بەلكى ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ ئازابىنى ئۆز قەلبىدە ھېس قىلالايدىغان بىر ئاتا ئىدى. ھەقىقىي رەھبەرلىك؛ پەرمان ياغدۇرۇش بىلەن ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ قۇربانلىقلىرى ئالدىدا ئۆزىنى مەسئۇل ھېس قىلىش، ئۇلار بىلەن ھېسسىيات جەھەتتە بىرلىشىش بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ. بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىزمۇ خەلقنىڭ ئازابىنى پەقەت سىياسىي شۇئار قىلىپلا قالماي، ئۇنى ئۆز ۋىجدانىغا ئويۇشى، ئۇلارنىڭ ئۈمىدىنى ئۆز ئۈمىدى قىلىشى لازىم. رەھبەرنىڭ سەمىمىي كۆز يېشى ئاجىزلىق ئەمەس، بەلكى رەھبەر بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچنى مۇستەھكەملەيدىغان ئەڭ كۈچلۈك رىشتىدۇر.
- 30 – مەشئەل: ئاياللارنىڭ كۈچىنى ئويغىتىش — ئىنقىلابنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدىغان قۇدرەت
نېتاجى ئۆز ئارمىيەسىدە مەخسۇس ئاياللاردىن تەركىب تاپقان «رانى جانسى پولكى» نى قۇرۇش ئارقىلىق، ئاياللارنىڭ ئازادلىق كۈرىشىدىكى ئورنىنىڭ پەقەت ئارقا سەپ بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. شەرقىي تۈركىستان ئاياللىرىمۇ تارىختىن بۇيان جاسارەت ۋە قەھرىمانلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈرىشىمىزدە، ئۇلارنى پەقەت زۇلۇمنىڭ پاسسىپ قۇربانلىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى داۋانىڭ ھەر بىر ساھەسىدىكى ئاكتىپ ئىجراچىلىرىغا، ئىستراتېگىيەچىلىرىگە ۋە رەھبەرلىرىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. مىللەتنىڭ يېرىمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاياللارنىڭ قۇدرىتى بولمىسا، ھېچقانداق غەلىبە مۇمكىن ئەمەس.
- 31 – مەشئەل: مىللىي بىرلىكنىڭ ئىستراتېگىيەلىك زۆرۈرىيىتى، دىن ئىرىق ۋە رايوننىمۇ تەڭ قۇچاقلايدىغان «شەرقىي تۈركىستان» كىملىكى
سۇبھاس چاندرا بوسنىڭ ئارمىيەسىدە ھىندۇ، مۇسۇلمان، سىخ قاتارلىق ھەر مىللەت ۋەكىللىرى بىر سەپتە، بىر نىشان ئۈچۈن جەڭ قىلاتتى. ھەتتا پاكىستاننىڭ داھىسى مۇھەممەد ئەلى جىنناھقا ئوخشاش مۇسۇلمانلارنىڭ ئايرىم دۆلەت قۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان بىر رەھبەرمۇ ئەينى چاغدا ئەگەر نېتاجىنى كەلگۈسىدىكى ھىندىستاننىڭ باش مىنىستىرى بولغان تەقدىردە ئايرىم دۆلەت قۇرماسلىققا رازى بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بۇ، كەڭ قوسالىقنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك بىر سىياسىي قورال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈنمۇ مىللىي بىرلىك پەقەت بىر ئەخلاقىي تەلەپ ئەمەس، بەلكى ھايات قېلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك زۆرۈرىيىتىدۇر. دۈشمەن بىزنى دىن، مەزھەپ، ئىرىق، رايون ۋە سىياسىي قاراشلار بىلەن پارچىلىماقچى بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، بىز «شەرقىي تۈركىستانلىق» دېگەن بۇ ئۈستۈن كىملىك بايرىقى ئاستىغا تېخىمۇ چىڭ ئۇيۇشۇشىمىز كېرەك. بىزنىڭ بىردىنبىر كىملىكىمىز — شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسى (خەلقى) بىردىنبىر نىشانىمىزمۇستەقىللىق بولۇشى شەرت.
5 – بۆلۈم: ئۆلۈم بىلەن يېزىلغان ئازادلىق داستانى — «بىز ئۆلگەندىلا، ئاندىن ھىندىستاننىڭ ئازادلىقى ياشنايدۇ!»
«دېھلىغا يۈرۈش!» دېگەن بۇ نىدا ياڭرىغاندا، «ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى» نىڭ ھەر بىر جەڭچىسىنىڭ قەلبىدە بىرلا تەۋرەنمەس ئېتىقاد بار ئىدى:
«بىز بەلكىم دېھلىنىڭ ئازاد قىلىنغان كوچىلىرىدا غەلىبە مارشى ياڭرىتالماسلىقىمىز مۇمكىن. بىز بەلكىم مۇستەقىل ھىندىستاننىڭ ئۈچ رەڭلىك بايرىقىنىڭ لەپىلدىگىنىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. ئەمما بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، بىزنىڭ بىرمىنىڭ قانلىق ئورمانلىقلىرىدا ئاققان قېنىمىز، دېھلىدىكى ئازادلىق دەرىخىنى سۇغىرىدىغان ئەڭ مۇقەددەس ئابىھايات بولىدۇ. بىز ئۆلگەندىلا، ئاندىن ھىندىستاننىڭ ئازادلىقى ياشنايدۇ!»
بۇ، نېتاجى سۇبھاس چاندرا بوس ئۆز ئارمىيەسىنىڭ روھىغا سىڭدۈرىۋەتكەن ئەڭ ئالىي چۈشەنچە ئىدى. ئۇلار غەلىبە قىلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ قۇربانلىقى ئارقىلىق پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ ئۇخلاۋاتقان ۋىجدانىنى ئويغىتىش ئۈچۈن جەڭگە ئاتلانغان ئىدى. ئۇلارنىڭ جېڭى ماددىيەتنىڭ ئەمەس، روھنىڭ جېڭى ئىدى. گويا زېمىن ئۇرۇشى ئەمەس، ئەخلاق ۋە ئىدىيە سەھنىسىدە غەلىبە قىلىش ئۇرۇشى ئىدى. بۇ روھ، جەڭ مەيدانىدىكى ھەر بىر دەقىقىدە ئۆزىنى نامايان قىلدى:
«ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى» ئىمفالنى قورشاۋغا ئالغاندا، بېرىتانىيەنىڭ مىناميوت ئوقلىرى يامغۇردەك يېغىۋاتاتتى. بىر مۇسۇلمان ئەسكەر، ئابدۇل، ئوقدان ئالماشتۇرۇۋاتقاندا دۈشمەننىڭ ئوقى تېگىپ يىقىلدى. شۇ دەقىقىدە، يېنىدىكى ساقاللىرى چاڭ-توزانغا مىلەنگەن سىخ جەڭچىسى بالۋانت سىنگ، قىلچە ئىككىلەنمەي ئۆزىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېتىپ، كېيىنكى ئوق يامغۇرىنى ئۆز گەۋدىسى بىلەن توسىدى. ئوقلار ئۇنىڭغا تېگىپ دۈمبىسىدىن قانلار ئېقىۋاتقان بالۋانت، ئابدۇلغا قاراپ كۈلۈمسىرىدى: «قېرىندىشىم، غەم قىلما… سېنىڭ قېنىڭ ياكى مېنىڭ قېنىم، ھەر ئىككىسى ئانا ھىندىستان ئۈچۈن ئاقىدۇ. بىز ھاياتتا ياتلىشىتىن بۇرۇن، ئۆلۈمدە قېرىنداش بولدۇق». ئۇلارنىڭ يېنىدىكى ھىندۇ ئەسكەر رامېش، ياشلىرىنى سۈرتكەچ مىلتىقىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتتى. بۇ كۆرۈنۈش، بېرىتانىيەنىڭ نەچچە ئەسىرلىك «پىرقىلەرگە بۆلۈپ پارچىلاپ باشقۇرۇش» سىياسىتىنىڭ قانداق بەربات بولغانلىقىنىڭ ئەڭ جانلىق ئىسپاتى ئىدى.
«رانى جانسى پولكى» نىڭ ئايال جەڭچىلىرى بولسا، بۇ روھنىڭ يالقۇنلۇق مەشئەلدارلىرى ئىدى. بىر قېتىملىق كېچىلىك ھۇجۇمدا، ئۇلار قوغداۋاتقان بىر مەخپىي دوختۇرخانىغا دۈشمەننىڭ ئالاھىدە قىسمى باستۇرۇپ كىردى. سان جەھەتتە مۇتلەق ئاجىز ئەھۋالدا قالغان بۇ ئاياللار، قورقۇپ چېكىنىشنىڭ ئورنىغا، قوماندانى كاپىتان لاكشمىنىڭ رەھبەرلىكىدە «جەي ھىند!» دەپ ھەيۋەتلىك ۋارقىرىشىپ، مىلتىق نەيزىلىرى بىلەن دۈشمەنگە ئۆزىنى ئاتتى. بىر ياش قىز، پرىيا، قورسىقىغا سانجىلغان شۈمشەرگە پەرۋا قىلماي، ئۆزىنى دۈشمەن ئوفىتسېرىنىڭ ئۈستىگە ئېتىپ، قولىدىكى گىراناتنى پارتلاتتى… ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى دوختۇرخانىنى قوغداپ قالغان جانلىق بىر قورغانغا ئايلاندى. ئۇلار ئۆز قېنى بىلەن، ئازادلىقنىڭ ئەر-ئايال دەپ ئايرىلمايدىغان مۇقەددەس بىر بۇرچ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.
بۇ ئارمىيەنىڭ سەپلىرىدە ھىندۇ راھىبلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى، مۇسۇلمان غازىلىرىنىڭ نەۋرىلىرى ۋە سىخ جەڭچىلىرىنىڭ ئوغۇللىرى بىر سەپتە ئۇرۇشتا قىلاتتى ۋە بىر بۇلاقتىن سۇ ئىچەتتى. ھىندىستاننى نەچچە ئەسىر پارچىلاپ كەلگەن دىنىي ۋە ئىرقىي پەرقلەر، نېتاجىنىڭ ئازادلىق بايرىقى ئاستىدا پۈتۈنلەي ئېرىپ يوق بولغان ئىدى. بىر مۇسۇلمان ئەسكەر يارىلانغان ھىندۇ قېرىندىشىنى ئۆز دۈمبىسىگە ئېلىپ ئوق يامغۇرى ئاستىدا يۈگۈرسە، بىر سىخ ئەسكەرمۇ ئۆزىنىڭ ئاخىرقى بىر پارچە نېنىنى ئاچلىقتىن ھالى قالمىغان باقا ئىرىقتىكى سەپدىشىگە بېرەتتى. ئۇلار ئۈچۈن ئازادلىق جەڭچىسى بولۇشتىنمۇ چوڭ كىملىك يوق ئىدى. نىشانمۇ بىرلا ئىدى: دېھلىگە يۈرۈش. بۇ قېرىنداشلىق، دۈشمەننىڭ زەمبىرەكلىرىدىنمۇ كۈچلۈك بىر قورغان ئىدى.
ئارمىيەنىڭ ئەخلاقىي قۇدرىتى ھەتتا ئىتتىپاقدىشى ياپونلارنىمۇ لەرزىگە سالغان ئىدى. ئىمفالدىكى ئېغىر مەغلۇبىيەتتىن كېيىن، ياپونىيەنىڭ تەمىناتقا مەسئۇل گېنېرالى مۇتاگۇچى رېنيا، نېتاجى چاندىرا بوسنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرالماي، بۇ قەھرىمان ئارمىيەنى ئاچلىق ۋە كېسەللىككە مۇبتىلا قىلغانلىقى ئۈچۈن، سامۇراي ئەنئەنىسى بويىچە قورسىقىغا خەنجەر سانجىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇنداق ئالىيجاناب جەڭچىلەرنىڭ ئالدىدا يۈز كېلەلمەسلىك، بىر گېنېرال ئۈچۈن ئۆلۈمدىنمۇ ئېغىر نومۇس ئىدى. نېتاجى ئۇنى توسۇپ قېلىپ، مۇنداق دېدى:
«گېنېرال، بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىز ئۆلۈمدىن قورقۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرمەيدۇ. ئۇلار ئۆلۈمنى قورقۇتۇش ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ. ھايات قېلىپ، بۇ نومۇسنى غەلىبە بىلەن يۇيۇش ھەقىقىي جاسارەتتۇر!»
بۇ روھنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەللىسى، چېكىنىش يولىدا يۈز بەردى. ئاچلىقتىن سۆڭەكلىرىلا قالغان، بەزگەك كېسىلىدىن تىترەپ ماڭالمايۋاتقان بىر ياش ئوفىتسېر، لېيتېنانت كارتىك، ئۆزىنىڭ ئاخىرقى نەپىسى كېلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ يېنىدىكى سەپدىشىگە ئۆزىنىڭ قان خالتىسىنى بېرىپ، «بۇنى باشقىلارغا بەر، مەن ئەمدى مۇھتاج ئەمەس» دېدى. ئاندىن بارماق تومۇرىنى كېسىپ، ئېقىپ چىقىۋاتقان قېنى بىلەن نېتاجىغا بىر پارچە خەت يازدى:
«ھۆرمەتلىك نېتاجى! بىز دېھلىغا يېتىپ بارالمىدۇق. ئەمما روھىمىز ھەرگىز چېكىنمىدى. بىز سىزگە بەرگەن ۋەدىمىزگە خىيانەت قىلمىدۇق. بىز ئانا ھىندىستان ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرقى قېنىمىزنى تەقدىم قىلدۇق. بىزنىڭ بۇ يەردىكى جەسەتلىرىمىز، كەلگۈسىدىكى ئازادلىق يولىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان يول بەلگىلىرى بولۇپ قالغۇسى. بىز ئۆلدۇق، چۈنكى ھىندىستان ياشىسۇن دەپ ئارزۇ قىلدۇق. جەي ھىند!»
بۇ قانلىق خەت نېتاجىنىڭ قولىغا يەتكەندە، ئۇنىڭ پولاتتەك چىرايىدىن ياش تامچىلىرى دومىلاپ چۈشتى. بۇ ئاجىزلىقنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۆزى ياراتقان روھنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئالدىدىكى ھۆرمەتنىڭ ياشلىرى ئىدى. ئۇ قولىدىكى خەتنى كۆتۈرۈپ، ئەسكەرلىرىگە خىتاب قىلدى: «بۇلار ئۆلمىدى! بۇلار بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ياشايدۇ! ئۇلار بىز ئۈچۈن ئۆلۈمى بىلەن يول ئاچتى، بىز ئۇلار ئۈچۈن ئازادلىق يولىنى ئېچىشىمىز كېرەك!»
شۇنداق، ئۇلار ئىمفال ئورمانلىقىدا جىسمەن مەغلۇپ بولدى. ئەمما ئۇلارنىڭ روھى، قەھرىمانلىق داستانى ۋە ئۆلۈم ئالدىدىكى تەۋرەنمەس ئېتىقادى بىر ئىمپېرىيەنىڭ تابۇتىنى تەييارلىغانلىقىنىڭ جاكارى ئىدى.
(داۋاملىشىدۇ….)
ئالتىنچى بۆلۈمدە، 2- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى، ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇشى ۋە نېتاجىنىڭ يوپۇنىيەدەك كۈچلۈك ئىتتىپاقدىشىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن، دەرھال ئىستاراگىيەسىدە ھەيران قالارلىق يېڭى بۇرۇلۇش يارىتىپ، ئىستالىن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئايروپىلان بىلەن يولغا چىققاندا، سىرلىق ئايروپىلان ۋەقەسىگە ئۇچراپ، خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى ئەھمەتجان قاسىمىدەكلا غايىب بولۇشى، ھەمدە ئۇنىڭ روھىنىڭ ھىندىستاندا ھەم گاندى تەرەپدارلىرىنى پاسسىپ قارشىلىق كۆرسىتىش پوزىتسىيەنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىشى ھەم ئۇنىڭ ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەرلىرى سوتلانغان قىزىل قەلئە سوتىنىڭ تەسىرىدە كۆتۈرۈلگەن دېڭىز ئارمىيە ئىسيانى ئارقىلىق بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسىنى ھىندىستاننى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە قانداق مەجبۇر قىلغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
________________________________________
قىسسىنىڭ بۇ بۆلۈمىدىن شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ھەرىكىتى ئۈچۈن يېقىلىدىغان مەشئەللەر:
- 32- مەشئەل: ئىستراتېگىيەلىك كىملىك يارىتىش — «ئىتىپاقلىقنى» نى ئەخلاقىي شوئاردىن ھەربىي قورالغا ئايلاندۇرۇش
چەتئەلدە قۇرۇلغان «ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى» نىڭ مۇستەھكەم ئىتتىپاقلىقى پەقەت سىياسىي چاقىرىقلا ئەمەس، بەلكى نېتاجى تەرىپىدىن ئاڭلىق ھالدا يارىتىلغان بىر ئىستراتېگىيەلىك كىملىك ئىدى. ئۇ دۈشمەننىڭ «پارچىلاپ باشقۇرۇش» تاكتىكىسىنى يوققا چىقىرىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك قورال ئىدى. شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ھەرىكىتىمۇ، «ئۇيغۇر»، «ئۆزبەك»، «قازاق»، «قىرغىز» ياكى جەنۇبلۇق-شىماللىق، خوتەنلىك قەشقەرلىك دېگەن تار كىملىكلەردىن ھالقىغان، «شەرقىي تۈركىستانلىق» دېگەن ئۈستۈن، سىياسىي كىملىكنى يارىتىشنى ئىستراتېگىيەلىك نىشان قىلىشى كېرەك. بۇ، ئىچكى بىرلىكنى مۇستەھكەملەپلا قالماي، خەلقئارا سەھنىدە دۈشمەننىڭ بىزنى پارچىلاش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى كۈچلۈك بىر ئىممۇنىتېت سىستېمىسى يارىتىپ بېرىدۇ.
- 33 – مەشئەل: «ئالىي مەقسەتلىك مەغلۇبىيەت ئىستراتېگىيەسى»، ھەربىي يېڭىلىشنى سىياسىي غەلىبىگە ئايلاندۇرۇش
نېتاجى ئىمفال جېڭىنىڭ ھەربىي جەھەتتە خەۋپ-خەتەرگە تولغانلىقىنى ۋە غەلىبە قىلالماسلىقى مۇمكىنلىكىنى بىلەتتى. ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى شەھەرنى ئېلىش ئەمەس، بەلكى قۇربان بېرىش ئارقىلىق بىر داستان يارىتىپ، پۈتۈن ھىندىستاننى ئويغىتىش ئىدى. ئۆز ئۆلۈملىرى ئارقىلىق ۋەتەننىڭ ئازادلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىدى. بۇ، ئاجىز كۈچنىڭ كۈچلۈك رەقىبىگە قارشى قوللىنىدىغان «ئالىي مەقسەتلىك مەغلۇبىيەت ئىستراتېگىيەسى» دۇر. ھەربىي مەيداندا مەغلۇپ بولۇش مۇمكىن، ئەمما بۇ مەغلۇبىيەتنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىپ، دۈشمەننىڭ رەھىمسىزلىكىنى پاش قىلىش ۋە ئۆز قەھرىمانلىقىنى نامايان قىلىش ئارقىلىق، ئەخلاقىي ۋە سىياسىي سەھنىدە غايەت زور غەلىبە بىلەن بىرلىكتە خەلقئارالىق ھۆرمەتنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك يولىدۇر.
- 34 – مەشئەل: ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك، «ئارقا سەپ» ئۇقۇمىنى يوقىتىش
«رانى جانسى پولكى» نى قۇرۇش، ئاياللارنى ئارقا سەپتىكى ياردەمچىدىن ئالدىنقى سەپتىكى جەڭچىگە ئايلاندۇرغان ئىنقىلابىي بىر قەدەم ئىدى. بۇ، مىللەتنىڭ پۈتۈن يوشۇرۇن كۈچىنى %100 ئىشقا سېلىش دېمەكتۇر. بىزنىڭ كۈرىشىمىزدىمۇ، ئاياللار، ياشلار، زىيالىيلار، سودىگەرلەر …. ھەر بىر شەخس ئۆزىنى ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ ھېس قىلىدىغان، ئۆز ساھەسىدە جەڭ قىلىدىغان بىر ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك. مىللىي ئازادلىق كۈرىشىدە «تاماشىبىن» بولمايدۇ، ھەممە ئادەم جەڭچى ھەممە ئادەم كۈرەشنىڭ ھەسسىدارى بولۇشى شەرت.
- 35 – مەشئەل: غەلىبە ئۆلچىمىنى قايتا بېكىتىش، زېمىندىن روھقا يۆتكىلىش
«ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى» نىڭ غەلىبىسى ئىمفالنى ئېلىش ئەمەس، بەلكى ھىندى ئەسكىرىنىڭ قەلبىدىكى قورقۇنچنى يوقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا غۇرۇر ۋە پىداكارلىقنى ئورنىتىش ئىدى. بىزنىڭ كۈرىشىمىزدىمۇ غەلىبىنى پەقەت بىرەر شەھەرنى ئازاد قىلىش بىلەنلا ئۆلچىمەسلىكىمىز كېرەك. ھەر بىر ئۇيغۇر بالىنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلىشى، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشى، ھەر بىر گۇۋاھچىنىڭ خەلقئارادا ئاۋازىنى ياڭرىتىشى… بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىستراتېگىيەسىگە قارشى قىلىنغان كونكرېت غەلىبىلەردۇر. روھ ئازاد بولمىغۇچە، زېمىننىڭ ئازاد بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
- 36 – مەشئەل: ئەخلاقىي يۈكسەكلىك ئارقىلىق پىسخىكىلىق ئۇرۇش قىلىش
چەتئەلدە قۇرۇلغان «ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى» ئەسكەرلىرىنىڭ قېرىنداشلىقى ۋە پىداكارلىقى، دۈشمەننى قورقۇتۇپلا قالماي، ئىتتىپاقدىشى ياپون گېنېرالىنىمۇ ۋىجدان ئازابىغا گىرىپتار قىلدى. بۇ، ئەخلاقىي يۈكسەكلىكنىڭ كۈچلۈك بىر پىسخىكىلىق قورال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز مۇ ئىسلامىي ئەخلاق، ھەققانىيەت، ئادالەت ۋە ئىنسانىي قەدىر-قىممەت ئۈستىگە قۇرۇلغان. بىز بۇ ئېسىل ئەخلاققا توغرا ۋەكىللىك قىلىش ئارقىلىق دۈشمەن سېپىدىكىلەرنىڭ ۋىجدانىنى سوراققا تارتالايمىز، خەلقئارا جامائەتنىڭ ھۆرمىتىنى قازىنالايمىز ۋە ئۆز خەلقىمىزنىڭ ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملىيەلەيمىز.
- 37 – مەشئەل: قۇربانلىقنى سىياسىي بايلىققا ئايلاندۇرۇش، ئۆز قېنى بىلەن گۆھەر قالدۇرۇش
لېيتېنانت كارتىكنىڭ قېنى بىلەن يازغان خېتى، پەقەت بىر تەسىرلىك ھېكايە ئەمەس، بەلكى بىر سىياسىي بايلىقتۇر. ھەر بىر شېھىت، كەلگۈسى ئەۋلادلارغا «قېنى بىلەن ئۈلگىلىك گۆھەر» قالدۇرۇپ كېتىدۇ. بۇ گۆھەرگە مىراسخور بولۇشنىڭ بىردىنبىر يولى؛ ئۇلارنىڭ غايىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، كۈرەشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتۇر. بىز شېھىتلىرىمىزنىڭ قۇربانلىقلىرىنى پەقەت ياد ئېتىش پائالىيەتلىرى بىلەنلا كۇپايە قىلماستىن، ئۇنى مىللەتنىڭ كوللېكتىپ ئېڭىغا سىڭدۈرۈپ، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ زىممىسىدىكى مۇقەددەس بىر مەسئۇلىيەتكە ئايلاندۇرالىشىمىز لازىم.
- 38 – مەشئەل: رەھبەر — ئىدىيەنىڭ جانلىق گەۋدىلىنىشى
نېتاجى ئەسكەرلىرىدىن قۇربان بېرىشنى تەلەپ قىلىپلا قالماي، ئۆزى ئەڭ خەتەرلىك سۇ ئاستى پاراخوتىدا يول يۈرۈپ، ئەسكەرلىرىگە يول ئېچىشتەك پىداكارلىق ئېڭىنىڭ بىرىنچى ئەمەلىيەتچىسى بولدى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى، ئۇنىڭ قەتئىيىتى، ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزى … ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ كۈچلۈك ئىلھام مەنبەسى ئىدى. ئازادلىق كۈرىشىدە رەھبەر پەقەت بۇيرۇق چۈشۈرىدىغان بىر قوماندان ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ھەرىكەتنىڭ روھىنى ۋە ئىدىيەسىنى ئۆز ھاياتىدا گەۋدىلەندۈرىدىغان بىر ئۈلگە بولۇشى كېرەك. خەلق سۆزگە ئەمەس، ئەمەلىيەتكە ئەگىشىدۇ.
- 39 – مەشئەل: «ئۆلۈمنى يېڭىش» پەلسەپەسى — روھىي ئازادلىقنىڭ ئاخىرقى پەللىسى
ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى جەڭچىلىرى ئۈچۈن ئۆلۈم بىر ئاخىرلىشىش ئەمەس، بەلكى ئازادلىققا ئېرىشىشنىڭ بىر ۋاسىتىسى، ھەتتا بىر غەلىبىسى ئىدى. ئۇلار ئۆلۈم قورقۇنچىدىن ئازاد بولغاندا، ئۇلارنى يېڭەلەيدىغان ھېچقانداق كۈچ قالمىغان ئىدى. بىر مىللەت ئۆلۈممۇ قورقۇتالمايدىغان بىر روھىي ھالەتكە يەتكەندە، ئۇ ھەقىقىي مەنىدىكى يېڭىلمەس كۈچكە ئايلىنىدۇ. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ، خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىكى قورقۇنچنى تازىلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھاياتىنى تەقدىم قىلىشنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئەڭ ئالىي شەرەپ ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئېتىقادنى ئورنىتىشتۇر. كۈشىمىزنى ئېتىقادىي يۈكسەلىككە كۆتۈرۈشتۈر.
6 – بۆلۈم: تەقدىرداش ئايروپىلانلار: بىر ئىمپېرىيەنى ھىندىستاندىن چېقىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلغان ئۆلۈم
بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسى ھەرگىز ھېساباتقا ئالمىغان بىر نۇقتا بار ئىدى: «ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى» ياپونىيەنىڭ سەدىقىسى بىلەن ياشايدىغان بىر قورچاق ئارمىيە ئەمەس ئىدى. ئۇ، ئۆز پۇتىدا تىك تۇرالايدىغان، ئۆز مىللىتىنىڭ بايلىقى بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان، ئۆز بانكىسى بولغان ۋە ھەتتا پۇلىنى چىقىرىپ بولغان، چەتئەلدە قۇرۇلغان بولىشىغا قارىماي ياپونىيە گېرمانىيە، ئىتالىيە ۋە ختاي مىللىتارىست ھۆكۈمىتى (گومىنداڭ) تەرىپىدىنمۇ ئېتىراپ قىلىنىپ بولغان تولۇق تەشكىللىك بىر مىللىي دۆلەت ئىدى.
نېتاجى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا قەدەم باسقاندا، قولىدا تىلەمچىنىڭ قاچىسىنى كۆتۈرۈپ كەزمىگەن ئىدى. ئۇ، بېرمادىن سىنگاپورغىچە، مالاسىيادىن تايلاندقىچە تارقالغان ھىندى دىئاسپوراسىنىڭ ئالدىغا ئوتلۇق بىر نىشان ۋە پىلان بىلەن چىققان ئىدى. ئۇ ئۇلارغا: «بىزگە سەدىقە بېرىڭلار» دېمىگەن، بەلكى دەل ئەكسىچە، «كېلىڭلار، ئۆز دۆلىتىڭلارنىڭ قۇرغۇچى سەرمايىدارلىرى بولۇڭلار! بۇ بىر ئىئانە ئەمەس، ئەركىنلىككە سېلىنغان ئەڭ كىرىم يۇقىرى مەبلەغدۇر. بايلىقلىرىڭلار بىلەن، ئەسىر سودىگەر بولۇشتىن قۇتۇلۇپ، ئازاد بىر ۋەتەننىڭ ئابرۇيلۇق سانائەتچىلىرى، شەرەپلىك قۇرغۇچىلىرى بولۇڭلار!» دېگەن ئىدى.
بۇ چاقىرىق، دىئاسپورانىڭ قەلبىدە بىر يانار تاغدەك پارتلىدى. ئانىلار ۋە ياش قىزلار، تويلىرىدا تاقىغان ئالتۇن بىلەيزۈكلىرىنى، ئەۋلادتىن-ئەۋلاد ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مارجانلىرىنى، كۆز ياشلىرى ئىچىدە ئەمما زور بىر ئىپتىخار بىلەن، «ۋاقىتلىق ئازاد ھىندىستان ھۆكۈمىتى» نىڭ بانكىسىغا تەقدىم قىلدى. مانا بۇ ئىقتىسادىي مۇستەقىللىق، بۇ مىللىي سەپەرۋەرلىك روھى، «ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى» نى بېرىتانىيەلىكلەرنىڭ نەزىرىدە ئاددىي بىر ئىسيانچى گۇرۇپپىدىن، قانۇنىيلىقى ۋە مالىيە كۈچى بار بولغان ھەقىقىي بىر دۈشمەن دۆلەتكە ئايلاندۇرغان ئىدى.
لېكىن تارىخ، بەزىدە بارلىق ھېساباتلارنى بىر دەمدىلا ئۇچۇرۇپ تاشلايدىغان رەھىمسىز بىر بورانغىمۇ ئايلىنىپ قالىدۇ. 1945-يىلى ئاۋغۇستتا، خىروشىما ۋە ناگاساكى ئاسمانلىرىدا چاقنىغان ئۇ شەيتانسىمان قۇياش، پەقەت ئىككى شەھەرنىلا ئەمەس، بىر دەۋرنى، بىر ئىتتىپاقنى ۋە بىر ئارمىيەنىڭ ئەڭ ئوتلۇق ئۈمىدلىرىنىمۇ كۈلگە ئايلاندۇرۇۋەتكەن ئىدى. ياپون ئىمپېرىيەسىنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانىڭ ئۈمىدكە تولغان ئورمانلىقلىرىدا ياڭرىغاندا، بۇ خەۋەر «ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى» نىڭ قەلبىگە بىر خەنجەردەك سانجىلدى. ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقدىشى، ئەڭ قۇدرەتلىك تايانچى ئەمدى يوق ئىدى. ئۇرۇش تۇيۇقسىز ئاخىرلىشىپ، دۇنيا يېڭى بىر دەۋرگە قەدەم باسقان ئىدى. ھەر قانداق بىر رەھبەر ئۈچۈن بۇ دەقىقە، داۋانىڭ ئاخىرلاشقانلىقى، بايراقنىڭ چۈشۈرۈلگەنلىكى، ئۈمىدنىڭ دەپنە قىلىنغانلىقى دېگەنلىك بولاتتى.
لېكىن سۇبھاس چاندرا بوس، ئادەتتىكى بىر رەھبەر ئەمەس ئىدى. ئۇ، بوران-چاپقۇنلاردا تاۋلىنىپ پولاتقا ئايلانغان، مۇمكىنسىزلىكلەرنى بىر سەنئەتتەك نەقىشكە ئايلاندۇرۇپ ئۆزىگە يول ئاچقان بىر ئىستراتېگىيە داھىسى ئىدى. ئۇنىڭ ئېڭىدا مەغلۇبىيەت دېگەن سۆزگە ئورۇن يوق ئىدى؛ پەقەت كېچىكتۈرۈلگەن غەلىبىلەر ۋە ئۆزگەرگەن ئىستراتېگىيەلەرلا بار ئىدى. ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلگەندە، ئۇ بىر دەقىقىمۇ ئىككىلەنمىدى، بىر دەقىقىمۇ ئۈمىدسىزلەنمىدى. كۆزلىرىنى قاراڭغۇلاشتۇرغان ئۇ ئۈمىدسىزلىك پەردىسىنى بىر شەمشەردەك يىرتىپ تاشلاپ، دەرھال يېڭى دۇنيانىڭ شاھمات تاختىسىنى تەسەۋۋۇرىدا قۇرۇپ چىقتى. بۇ يېڭى تاختىدا، كونا دۈشمەنلەر ئىتتىپاقداش، كونا ئىتتىپاقداشلار بولسا بىر خارابىلىق ئىدى. بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسى غەلىبە قازانغان، ئەمما ئەجەللىك بىر يارا ئالغان ئىدى. ئەمدى بېرىتانىيەنىڭ ئالدىدا يېڭى بىر رەقىب، يېڭى بىر تەھدىت پەيدا بولغان ئىدى: سوۋېت ئىتتىپاقى.

نېتاجىنىڭ ئېڭىدا يېڭى ئىستراتېگىيەنىڭ چاقمىقى دەل شۇ دەقىقىدە چاقتى: «مېنىڭ دۈشمىنىمنىڭ (يەنى بېرىتانىيەنىڭ) يېڭى دۈشمىنى، مېنىڭ يېڭى ۋە تەبىئىي ئىتتىپاقدىشىمدۇر!» ئۇ، ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ ئەسىرى ئەمەس ئىدى؛ ئۇ، پەقەتلا ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ قۇلى ئىدى. تۈنۈگۈن ناتسىست گېرمانىيەسى بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرغاندەك، بۈگۈنمۇ كوممۇنىست سوۋېتلەر بىلەن بىر سەپتە جەڭ قىلالايتتى. دەرھال قوماندانلىرىنى يىغىپ، تارىخىي بۇيرۇقىنى چۈشۈردى:
«يۆنىلىشىمىز مانجۇرىيە! ئۇ يەردىن سوۋېتكە ئۆتۈپ ستالىن بىلەن كۆرۈشىمەن. دۇنيا يېڭى بىر ئۇرۇشقا ھامىلدار ۋە بۇ ئۇرۇشتا ھىندىستاننىڭ ئازادلىقى، سوۋېتلەرنىڭ بېرىتانىيەگە قارشى ئىشلىتىدىغان ئەڭ ئۆتكۈر خەنجىرى بولىدۇ!»
بۇ، ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ جۈرئەتلىك قىمارى ئىدى. 1945 – يىلى 18-ئاۋغۇست، ئېغىر تىپتىكى بىر ياپون بومباردىمانچى ئايروپىلانى، تەيۋەننىڭ (ئەينى ۋاقىتتىكى نامى فورموزا) تايخوكۇ ئايرودورومىدىن ھاۋاغا كۆتۈرۈلدى. ئىچىدە، بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى مۈرىسىگە ئارتقان ئۇ ئوتلۇق روھ، نېتاجى سۇبھاس چاندرا بوس بار ئىدى. لېكىن ئۇ ئايروپىلان نىشانىغا ھەرگىز يېتىپ بارالمىدى.

بۇ ۋەقە سوغۇق ۋە ئېنىق بىر تىل بىلەن دۇنياغا تارقىتىلدى. خەۋەرلەردە بىلدۈرىلىشىچە، ئايروپىلان، كۆتۈرۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي چۈشۈپ كەتكەن، نېتاجى ئېغىر كۆيۈك يارىلىرى بىلەن ھەربىي دوختۇرخانىغا ئېلىنغان ۋە شۇ كۈنى كەچتە جان ئۈزگەن ئىدى. ئۇنىڭ جەسىتىنىڭ تەيبېيدە كۆيدۈرۈلۈپ، كۈلىنىڭ توكيودىكى رېنكوجى ئىبادەتخانىسىغا قويۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگگن ئىدى. لېكىن بۇ ئۆلۈم، ئارقىسىدا جاۋابتىن كۆرە تېخىمۇ كۆپ سوئاللارنى قالدۇردى. نېمىشقا رەسىمەە تارتىلمىدى؟ كۈلى قەيەردە؟ جەسەتنى كىم كۆرگەن ئىدى؟ بۇ، ھەقىقەتەن تەلەيسىز بىر ھادىسىمۇ، ياكى تارىختىكى ئەڭ ئۇستىلىق بىلەن پەردىلەنگەن سۇيىقەستلەردىن بىرىمۇ؟
يىللارچە، ھەتتا ئون يىللارچە بۇ پىچىرلاشلار توختىمىدى. مۇستەقىللىقتىن كېيىن ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ سىرنى يېشىش ئۈچۈن ئۈچ چوڭ تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇردى، ئەمما ھەر بىرى سىرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتتى. بىرىنچىسى، 1956 – يىلدىكى شاھناۋاز كومىتېتى، كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن نېتاجىنىڭ ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلغانلىقىنى يەكۈنلىدى، لېكىن كومىتېت ئەزاسى ۋە نېتاجىنىڭ ئىنىسى سۇرەش چاندرا بوس بۇ يەكۈنگە قاتتىق قارشى چىقتى. ئىككىنچىسى خوسلا كومىتېتىمۇ ئوخشاش يەكۈننى تەكرارلىدى. ئەمما ھەقىقىي بومبا خاراكتېرلىك دوكلات 1999 – يىلدىن 2005-يىلغىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان مۇخېرجى كومىتېتىدىن كەلدى. سوتچى م ك مۇخېرجى، ئىلگىرىكى بارلىق يەكۈنلەرنى رەت قىلىپ، «بۇنداق بىر ئايروپىلان ھادىسىسىنىڭ ئەسلا يۈز بەرمىگەنلىكىنى» ۋە رېنكوجى ئىبادەتخانىسىدىكى كۈلنىڭ نېتاجىغا ئائىت ئەمەسلىكىنى ئېنىق قىلىپ دوكلاتىدا يازدى. گەرچە ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ ئاخىرقى دوكلاتنى رەت قىلغان بولسىمۇ، بۇ زىددىيەتلىك يەكۈنلەر خەلق ئارىسىدىكى ئەپسانىلەرنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. نېتاجى ئۆلمىگەن ئىدى.
ئىككى چوڭ نەزەرىيە پىچىرلاشتىن ۋارقىراشقا ئايلاندى. بىرىنچىسى، «رۇسىيە نەزەرىيەسى»؛ ئۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئايروپىلان ھادىسىسى ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدا پاناھلانغانلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر ئويۇن ئىدى ياكى ئۇ، سىبىرىيەدىكى بىر گۇلاگ لاگېرىدا ئەسىر تۇتۇلغان، بەلكىم ستالىننىڭ بۇيرۇقى بىلەن شۇ يەردە ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. ئىككىنچىسى بولسا «گۇمنامى بابا نەزەرىيەسى»، ئۇنىڭغا ئاساسلانغاندا نېتاجى ھىندىستانغا قايتىپ كېلىپ، ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسىنىڭ فەيزئاباد شەھىرىدە «گۇمنامى بابا» ئىسىملىك بىر راھىپ سۈپىتىدە ياشىغان ئىدى. 1985 – يىلى بۇ سىرلىق زات ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بۇيۇملىرى ئارىسىدىن نېتاجىنىڭ ئائىلە سۈرەتلىرى، خەتلىرى، بىر گېرمانىيە دۇربۇنى ۋە ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسىگە ئائىت نۇرغۇن نەرسىلەر تېپىلغان ئىدى. بۇ ئەھۋال سىرنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇۋەتتى.
ماھىيەتتە بۇ ئۆلۈم، بىر ھادىسە دوكلاتىدىن بەكرەك، بىر سۇيىقەست پەرمانىدەك كۆرۈنىدۇ. بۇ ئۇسۇل، بىئارام قىلغۇچى رەھبەرلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ ئۇ قاراڭغۇ قوللانمىسىدىكى ئەڭ تونۇشلۇق ماددىلاردىن بىرى ئىدى. ۋە بۇ ئۇسۇلنىڭ ئەڭ ئاچچىق، ئەڭ قانلىق ئەكس ساداسى، ئاران تۆت يىلدىن كېيىن، بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قەلبىدە ياڭرايدىغان ئىدى. تارىخنىڭ ئۇ سوغۇق دالانلىرىدا، تەقدىرنىڭ ئەڭ رەھىمسىز ئويۇنى بىلەن، ئازادلىققا تەشنا ئىككى مىللەتنىڭ تەقدىرى، ئوخشاش مودېلدىكى بىر ئايروپىلان قالدۇقى ئۈستىدە بىرلىشىپ كەتتى.
1949-يىلى ئاۋغۇست… موسكۋادىكى ستالىن بىلەن بېيجىڭدىكى ماۋ ئوتتۇرىسىدا پاسكىنا بىر سودىلىشىش بولۇۋاتاتتى. ستالىن، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان كوممۇنىست خىتاينى تەۋرەنمەس بىر ئىتتىپاقدىشىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، بەش يىلدىن بېرى ئۆزى بىۋاسىتە قوللاپ قۇردۇرغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى بىر قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنۇشنى قارار قىلغان ئىدى. خۇددى نېتاجىغا ئوخشاش، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىمۇ بۇ يېڭى دۇنيا تەرتىپىگە قارشى تۇرۇۋاتقانلار ئىدى. كۈنلەرچە داۋاملاشقان بېسىم ۋە تەھدىتلەردىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇلارنى «ئەڭ ئاخىرقى بىر سۆھبەت ئۈچۈن» بېيجىڭغا تەكلىپ قىلدى. 1949 – يىلى 25-ئاۋغۇست، ئۇلار ئالمۇتىدىن كۆتۈرۈلگەن بىر سوۋېت ئايروپىلانىغا چىقتى. بىر مىللەتنىڭ مېڭىسى، يۈرىكى ۋە مۇشتۇمى شۇ ئايروپىلاندا ئىدى. خۇددى نېتاجىنىڭ ئايروپىلانىغا ئوخشاش، ئۇ ئايروپىلانمۇ نىشانىغا ھەرگىز يېتىپ بارالمىدى. 27 – ئاۋغۇست، سىبىرىيەنىڭ مۇزلۇق تاغلىرىدا، ئىركۇتسكىنىڭ يېقىنىدا «چۈشۈپ كەتكەنلىكى» ئېلان قىلىندى.
بۇ ۋەقە جەھەتتىكى ئوخشاشلىق ھەر قانداق كىشىنى چۆچۈتمەي قالمايتتى. بۇ، تارىخنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ ئەمەس، بەلكى زالىملارنىڭ ئۇسۇلىنىڭ ھەرگىز ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنىڭ قانلىق بىر ئىسپاتى ئىدى. چوڭ دۆلەتلەر، ئۆزلىرىنىڭ گېئوسىياسىي شاھمىتىدا پىشكا بولۇشنى رەت قىلغان رەھبەرلەرنى، سىرلىق ئايروپىلان «ھادىسىلىرى» بىلەن يوقىتىۋېتەتتى. شۇنداق قىلىپ نېتاجىنىڭ جىسمى ئۆلگەن ياكى يوقاپ كەتكەن ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ رۇھى، ھەقىقىي ئۇرۇشىنى قىلىش ئۈچۈن ھىندىستان ئاسمانلىرىغا ئاللىقاچان قايتىپ كەلگەن ئىدى. چۈنكى بىر رەھبەرنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن يوقىتىلىشى، ئۇ ۋەكىللىك قىلغان ئىدىيەنى تېخىمۇ ئۆلمەس قىلىۋېتەلەيتتى. ھايات ۋاقتىدا ئۇ، تەنقىد قىلغىلى بولىدىغان ۋە سىياسىي رەقىبلىرى بولغان بىر ئىنسان بولغان بولسا، ئۆلۈمى بىلەن تەڭ قول تەگكۈزگىلى بولمايدىغان بىر ئەپسانىگە، گۆش ۋە سۆڭەكتىن خالىي ساپ بىر ئىرادىگە، بىر مىللەتنىڭ ۋىجدانىغا ئويۇلغان بىر شېھىتلىك قەسىمىگە ئايلانغان ئىدى.
بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسى، ئەڭ چوڭ دۈشمىنىنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى بىلەن چوڭقۇر بىر نەپەس ئالدۇق دەپ ئويلىدى. ئۇلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى، ئەقىللىرىنى كور قىلىۋەتكەن ئىدى. «ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى» نىڭ ھايات قالغان ئونمىڭلىغان ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئېلىپ، رەھبەرلىرىنى دېھلىدىكى تارىخىي قىزىل قەلئەدە (Red Fort) ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن سوتلاپ، ھىندى مىللىتىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىسيان ئۇچقۇنىنىمۇ مەڭگۈلۈك ئۆچۈرۈۋېتەلەيمىز دەپ ئويلىدى. بۇ، بىر سوت ئەمەس، بىر ئىمپېرىيەنىڭ تەۋرەپ قالغان كۈچىنى قايتىدىن ئىسپاتلايدىغان بىر كۈچ كۆرسىتىش مەيدانى بولماقچى ئىدى.

ئۈچ ئوفىتسېر، سىمۋوللۇق ھالدا تاللاندى: بىر ھىندۇ <پرەم كۇمار سەھگال>، يەنە بىرى مۇسۇلمان <شاھناۋاز خان> ۋە ئۈچىنچىسى بىر سىخ <گۇرباكش سىڭ دىللون>
ئۇلارنىڭ ئوبرازىدا، بىر ئارمىيە ئەمەس، بىر مىللەت سوتلانماقچى ئىدى. بېرىتانىيەنىڭ پىلانى ئاددىي ئىدى: ئۇلارنى «ياپونىيەنىڭ قورچىقى، خائىنلار» دەپ قارىلاپ، ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر جازا بېرىش. بۇ، ئىنگلىزلەرنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى ئۇستىسى بولغان «بۆلۈپ باشقۇرۇش» تاكتىكىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋە ئەڭ تەلۋېلەرچە ھۇجۇمى ئىدى.
لېكىن سوت زالىنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلغاندا، تارىخنىڭ ئېقىمى باشقا يۆنىلىشكە ئۆزگەردى. ئۇ ئۈچ ئوفىتسېرنىڭ سوتتىكى مەردانە تۇرۇشى، ئادۋوكاتلىرىنىڭ ئوتلۇق مۇداپىئەلىرى ۋە گۇۋاھچىلارنىڭ ئىپادىلىرى، بېرىتانىيەنىڭ يىللاردىن بېرى قۇرغان يالغان تەشۋىقات سېپىلىنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى. سوت زالى، بىر دەمدىلا ھەقىقەتنىڭ سەھنىسىگە ئايلاندى. ھىندى خەلقى، تۇنجى قېتىم «خائىن» دېيىلگەن ئۇ ئارمىيەنىڭ ھەقىقىي ھېكايىسىنى ئاڭلىدى. ئۇلارنىڭ قانداق بىر قېرىنداشلىق روھى بىلەن، دىن ۋە ئىرقىي پەرقلەرنى قايرىپ قويۇپ، بىر بايراق ئاستىدا جەڭ قىلغانلىقىنى؛ نېتاجىنىڭ قانداق بىر غايە بىلەن ئۇلارنى ئەسىرلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ بىردىن تەڭداشسىز ئازادلىق جەڭچىسىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى؛ ئىمفال ئورمانلىقلىرىدا قانداق بىر قەھرىمانلىق داستانى يازغانلىقىنى ئۆگەندى.
«خائىن» دېگەن سۆز بىر دەمدىلا ئېرىپ يوق بولدى، ئۇنىڭ ئورنىغا «قەھرىمان» دېگەن سۆز پولات ھەرپلەر بىلەن ئويۇلدى. پۈتۈن ھىندىستان ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. بومبايدىن كالكۇتتىغىچە، دېھلىدىن مادراسقىچە مىليونلىغان كىشى كوچىلارغا چىقتى. بىرلا شۇئار يەر بىلەن ئاسماننى زىل-زىلىگە سالاتتى: «لال كىلې سې ئائى ئاۋاز، سەھگال، دىللون، شاھناۋاز!» (قىزىل قەلئەدىن كەلدى ئاۋاز، سەھگال، دىللون، شاھناۋاز!)
بۇ ئۈچ ئىسىم، ئەمدى ئىتتىپاقلىق ۋە قارشىلىقنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان ئىدى.
بۇ ئوت، سىياسەتنىڭ سوغۇق دالانلىرىغىمۇ تۇتاشتى. نېتاجىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئەپسانىسى ۋە ئۇنىڭ ئارمىيەسىنىڭ قەھرىمانلىق داستانى، مەھاتما گاندى ۋە قۇرۇلتاي پارتىيەسىنى قىيىن بىر يول ئايرىمىغا ئېلىپ كەلدى. 1942-يىلدىكى «ھىندىستاندىن چىقىپ كەت» ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن خەلق ئالدىدا ئابرويىنى يوقاتقان قۇرۇلتاي، ئەمدى سىياسىي بىر بوشلۇقتا قالغان ئىدى. خەلقنىڭ قەلبى ئەمدى پاسسىپ قارشىلىقنىڭ ئۈنۈمسىز ئاستا رىتىمى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى نېتاجىنىڭ جۈرئەتلىك ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن سوقۇۋاتاتتى. بۇ غايەت زور خەلق قوللىشى دولقۇنىنىڭ ئارقىسىدا قېلىشنىڭ سىياسىي جەھەتتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش بولىدىغانلىقىنى كۆرگەن قۇرۇلتاي رەھبەرلىكى، ئىستراتېگىيەلىك بىر ھەرىكەت بىلەن سەھنىگە چىقتى. تۈنۈگۈنگىچە نېتاجىنىڭ ئۇسۇللىرىغا قارشى چىقىپ كەلگەنلەر، ئەمدى ئۇنىڭ قەھرىمان ئەسكەرلىرىنىڭ ئەڭ ئوتلۇق مۇداپىئەچىلىرىگە ئايلاندى. جاۋاھارلال نېھرۇنىڭ يىللاردىن كېيىن ئۆزى بىۋاسىتە ئادۋوكاتلىق چاپىنىنى كىيىپ مۇداپىئە ئادۋوكاتلىرى ئارىسىغا قوشۇلۇشى، پەقەت بىر قانۇنىي ئىشارەت ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ نەزىرىدە يوقاتقان ئېتىبارىنى قايتۇرۇۋېلىش ۋە بۇ يېڭى مىللىي روھنى ئۆز سىياسىي ھېسابىغا يېزىش ئۈچۈن قىلىنغان ئۇستا بىر سىياسىي بۇرۇلۇش ئىدى. شۇنداق قىلىپ، نېتاجىنىڭ شېھىتلىكى بىلەن ياراتقان مۇقەددەس مىراسى، ئۇنىڭ سىياسىي رەقىبلىرىنىڭ ھاكىمىيەتكە يۈرۈش قىلىشىنىڭمۇ ئەڭ كۈچلۈك يېقىلغۇسىغا ئايلانغان ئىدى.
ھەقىقىي يەر تەۋرەش بولسا، بېرىتانىيەنىڭ ئەڭ ئىشەنگەن قەلئەسىدە، ئۆز ئارمىيەسىنىڭ ئىچىدە يۈز بەردى. يىللاردىن بېرى مەھاتما گاندىنىڭ ئەخمەقلەرچە ئەنگىلىيە ئەسكەرلىكىگە يېزىلىشنى تەشۋىق قىلىشى ئارقىلىق پادىشاھقا ساداقەت قەسىمى بىلەن مېڭىسى يۇيۇلغان بېرىتانىيە-ھىندى ئارمىيەسىنىڭ ئەسكەرلىرى، قىزىل قەلئەدە سوتلىنىۋاتقانلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆز قېرىنداشلىرى ئىكەنلىكىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ ھېكايىسى، ھەربىي بازىلاردا يوشۇرۇنچە قولدىن-قولغا ئۆتتى. ۋە شۇ دەقىقىدە، ئىمپېرىيەنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكى بولغان ساداقەت زەنجىرى، غايەت زور بىر ھەققانىيەت بولقىسى بىلەن پارچە پارچە بولۇپ كەتتى.
ئەڭ ئاخىرقى زەربە، 1946 – يىلى فېۋرالدا كەلدى. خان جەمەتى ھىندى دېڭىز ئارمىيەسىگە تەۋە مىڭلىغان دېڭىزچىلەر، بومباي پورتىدا ئىسيان بايرىقىنى كۆتۈردى. 78 پاراخوت ۋە 20 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر، بېرىتانىيە بايرىقىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «ئازاد ھىندىستان ئاررمىيەسىنىڭ» تۇغىنى ۋە قۇرۇلتاي بايرىقىنى ئاستى. بۇ ھەربىي ئىسيان يەنە، كاراچىدىن كالكۇتتىغىچىمۇ كېڭەيدى. بۇ، ئەمدى پۇقرالارنىڭ ئىتائەتسىزلىكى ئەمەس، بەلكى قوراللىق بىر ئىسيانغا ئايلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. بېرىتانىيە، ھىندىستاننى كونترول ئاستىدا تۇتۇپ تۇرغان ئەڭ ئاساسلىق كۈچىدىن، يەنى ھەربىي كۈچىدىن ئايرىلغان ئىدى. ئۇلار پۇقرالارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى باستۇرالايتتى، ئەمما ئۆز ئارمىيەسىنىڭ ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىسيانىنى ھەرگىز باستۇرالمايتتى!
شۇنداق قىلىپ تارىخنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەقەسى، قان ۋە ئوت بىلەن يېزىلدى. نېتاجى سۇبھاس چاندرا بوس، جەڭ مەيدانىدا ھەربىي جەھەتتىن مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ رۇھى، ئۇنىڭ مىراسى ۋە ئۇنىڭ قېنى بىلەن يوغۇرغان ئارمىيەسىنىڭ سوت زالىدىكى مەردانە تۇرىشى، بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسىنى سىياسىي جەھەتتىن ھالاكەتكە ئۇچراتقان ئىدى. ئۇ، ئۆلۈمى بىلەن، تىرىكلىكىدە قازىنالمىغان بىر غەلىبىنى قازانغان ئىدى. تارىخ، بىزگە سەۋر بىلەن كۈتۈدىغان بىر ئەۋلىيا ماساتما گاندىنىڭ چۆچىكىنى سۆزلەپ بەردى؛ ئەمما ھەقىقەتنىڭ تامغىسى، قېنىنى ۋە جېنىنى پىدا قىلغان بىر جەڭچىنىڭ قولىدا ئىدى. ئىمپېرىيەنىڭ تابۇتىغا ئەڭ ئاخىرقى مىخنى، گاندىنىڭ دۇئالىرى ئەمەس، نېتاجىنىڭ رۇھىنىڭ ھەيۋىسى قاققان ئىدى.
لوندوندىكى ھۆكۈمەت، ئاچچىق ھەقىقەتنى شۇ چاغدا چۈشەندى: ھىندىستاننى ئەمدى باشقۇرالمايتتى.
يىللاردىن كېيىن، ھىندىستانغا مۇستەقىللىق بەرگەن بېرىتانىيە باش ۋەزىرى كلېمېنت ئاتلېي، غەربىي بېنگال ۋالىيسىغا تارىخىي بىر ھەقىقەتنى ئىقرار قىلغان ئىدى. ۋالىي، «گاندىنىڭ پاسسىپ قارشىلىقىنىڭ ھىندىستاندىن چىقىپ كېتىش قارارىڭلاردىكى تەسىرى قانچىلىك ئىدى؟» دەپ سورىغاندا، ئاتلېي كەمسىتىش بىلەن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇنداق جاۋاب بەردى:
«ناھايىتى ئاز!. (Minimal!)
باش ۋەزىر كلېمېنت ئاتلېي ھەقىقىي سەۋەبىنىڭ، نېتاجىنىڭ ئارمىيەسىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە ھىندى ئارمىيەسى بىلەن دېڭىز ئارمىيەسىدىكى ساداقەتنىڭ پۈتۈنلەي يىمىرىلىشى ئىكەنلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئىقرار قىلدى.
نېتاجى سۇبھاس چاندرا بوس پەقەت بىر ئىنقىلابچى ئەمەس، بەلكى بىر يىراقنى كۆرەر رەھبەر، بىر ئىلھام مەنبەسى ئىدى. ئۇ، ھىندىستانغا پەقەت سىياسىي ئەركىنلىكلا ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋى بىر ئەركىنلىك ئېلىپ كېلىشنى ئارزۇ قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ «جەي ھىند» (ياشىسۇن ھىندىستان!) شۇئارى، بۈگۈنكى كۈندىمۇ پۈتۈن مىللەتنىڭ قەلبىدە ياڭراپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتى, بىر ئىنساننىڭ ئىرادىسى ۋە قەتئىيلىكىنىڭ نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر. ئۇ بىزگە مۇمكىنسىزلىكنىڭ پەقەت بىر سۆز ئىكەنلىكىنى، ھەقىقىي ئېتىقاد بىلەن ھەممە ئىشنىڭ مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ. بۈگۈن ھىندىستان ئەركىن بىر مىللەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغاندا، سۇبھاس چاندرا بوسنىڭ مىراسى ھەر قانداق چاغدىكىدىن تېخىمۇ مۇھىم. ئۇ بىزگە ئىتتىپاىقلىنى، پىداكارلىقنى ۋە ۋەتەنگە بولغان مۇھەببەتنى ئەسلىتىدۇ. ئۇنىڭ ھېكايىسى، تېخىمۇ ياخشى بىر كەلگۈسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ۋە ئارزۇلىرىمىزدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەسلىككە بىزنى ئىلھاملاندۇرىدۇ.
ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى ھىندىستاننىڭ مۇقەددەس تۇپراقلىرىدا نېتاجىنىڭ رۇھىنىڭ ھېكايىسىغا دائىر يىللار بويى توختىماي تارقىلىپ كېلىۋاتقان مۇنۇ پىچىرلاشلار بولدى. دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى ئۇتتار پرادېش ئۆلكىسىنىڭ فەيزئاباد شەھىرىدە، بىر ئىبادەتخانىنىڭ جىمجىتلىقىدا ياشايدىغان، ھېچكىم بىلەن كۆرۈشمەيدىغان، يۈزىنى يوشۇرىدىغان ئىسمى يوق بىر راھىپنىڭ پىچىرلىشى…
خەلق ئۇنىڭغا «گۇمنامى بابا» (ئىسىمسىز ئاتا) دەيتتى ۋە ئۇ پىچىرلاش، بۇ ئىسىمسىز ئاتىنىڭ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئايروپىلان ھادىسىسىدىن قۇتۇلۇپ ۋەتەنگە يوشۇرۇنچە قايتقان نېتاجى سۇبھاس چاندرا بوسنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى سۆزلەيتتى. بۇ ئەپسانىگە ئاساسلانغاندا، نېتاجى، جېنىنى ئاتىغان ۋەتىنى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندە، بىر قەھرىمان سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھەققى بولغان رەھبەرلىكنى تەلەپ قىلالايدىغان تۇرۇقلۇق ئۇنداق قىلمىغان ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنىڭ، ئاللىبۇرۇن ئىككىگە بۆلۈنۈپ ئازاب چېكىۋاتقان يېڭى جۇمھۇرىيەتتە، يېڭى بىر ھاكىمىيەت تالىشىشىغا، بەلكىم قانلىق بىر ئىچكى ئۇرۇشقا سەۋەب بولىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرگەن ئىدى. سۇڭا بىر ۋەتەنپەرۋەر بېرەلەيدىغان ئەڭ ئاخىرقى، ئەڭ ئالىيجاناب قۇربانلىقنى بەردى. ئۇ پەقەت جېنىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۆز كىملىكىنى، شان-شۆھرىتىنى ۋە تارىختىكى ئورنىنىمۇ پىدا قىلدى. ھۆكۈمرانلىق ھىرسمەنلىكىنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسىدىن ئۈستۈن كېلىشى بىلەن كېلىپ چىقىدىغان قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۇ ئۆز غەلىبىسىنى پىدا قىلدى، ئۆز داستانىنى ئۆز قولى بىلەن تۇپراققا دەپنە قىلىشنى تاللىدى. قەھرىمان سۈپىتىدە قايتىپ كېلەلەيدىغان تۇرۇغلۇق ئۇ بىر كۆلەڭگە بولۇشنى تاللىدى.

بۇ پاجىئەلىك پىچىرلاشنىڭ يەنە بىر ۋارىيانتى، ئاچچىق بىر ئەكس سادا بىلەن، ئالتاي تاغلىرىدىن تارىم ئويمانلىقىغىچە ئۆچمەي ياڭرىماقتا. چۈنكى بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئارىسىدىمۇ، قېنى توختىماستىن ئېقىۋاتقان بىر يارادەك جانلىقلىقىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئوخشاش بىر پىچىرلاشلار بار. ئۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، رەھبىرىمىز ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىمۇ ئۇ ئايروپىلان ھادىسىسىدە ئۆلمىگەن ئىدى. ئۇلار، ئىشەنگەن ئىتتىپاقدىشى ستالىن تەرىپىدىن خىيانەتكە ئۇچرىغان، يوشۇرۇنچە ئەسىر ئېلىنىپ سىبىرىيەنىڭ مۇزلۇق زىندانلىرىغا تاشلانغان ئىدى. ۋە ئۇ يەردە، يىللارچە داۋاملاشقان قىيناشلارنىڭ ئارقىسىدىن، ھېچكىم ئاڭلىمىغان بىر جىمجىتلىق ئىچىدە شېھىت قىلىنغان ئىدى.
ئىككى مىللەت، ئىككى رىۋايەت ۋە ئوخشىمىغان تەقدىر… بىر رىۋايەت ۋەتىنى ئۈچۈن ئۆز كىملىكىدىن ۋاز كەچكەن بىر رەھبەرنىڭ ئالىيجاناب پىداكارلىقىنى سۆزلەيدۇ. يەنە بىرى بولسا، ئىشەنگەن ئىتتىپاقدىشى تەرىپىدىن خىيانەتكە ئۇچرىغان رەھبەرلەرنىڭ ئاچچىق ئاقىۋىتىنى… ئەمما ھەر ئىككىلىسى، ئوخشاش بىر ساقايمايدىغان يارىغا ئىشارەت قىلىدۇ. چوڭ دۆلەتلەرنىڭ رەھىمسىز شاھمىتىدا، مىللەتلىرىنىڭ تەقدىرى قولىدىن تارتىپ ئېلىنغان قەھرىمانلارنىڭ پاجىئەسى. ئۇلارنىڭ مازارسىز جەسەتلىرى، بەلكىم ھېلىھەم، تارىخنىڭ ئادالىتىنى كۈتمەكتىدۇر.
(داۋاملىشىدۇ…..)
بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ تابۇتىغا ئەڭ ئاخىرقى مىخنى قاققان كۈچنىڭ، گاندىنىڭ دۇئالىرى ئەمەس، بەلكى نېتاجىنىڭ ئېگىلمەس روھىنىڭ ھەيۋەتلىك بولقىسى بولغانلىقىنى ئوقۇدۇق. ئۇنداقتا، قانداق بولۇپ غەلىبىنىڭ ھەقىقىي مېمارى بولغان بۇ ئوتلۇق روھ، ئۆز ۋەتىنىنىڭ تارىخىدا تېگىشلىك ئورۇن ئالالماي، غەلىبە تاجىنى پۈتۈنلەي باشقا بىر ئىسىم كىيدى؟ تارىخ بىزگە سۆزلەپ بەرگەن ئۇ يۇۋاش «زوراۋانلىقسىزلىق» نىڭ ئەللەي ناخشىسىنىڭ ئارقىسىدا قايسى بىئارام قىلغۇچى ھەقىقەتلەر، قايسى ئەخلاقىي زىددىيەتلەر ۋە قايسى رەھىمسىز سىياسىي ھېساباتلار يوشۇرۇنغان ئىدى؟
7 – بۆلۈمدە، يىرتىلغان ئەپسانە پەردىسىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ، ئىككى ئۇلۇغ داھىينىڭ روھانىڭ توقۇنىشىنى ۋە بىر مىللەتنىڭ ھەقىقىي ئازادلىق ھېكايىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن 70 يىل بويىچە قەستەن تارىخقا كۆمۈۋېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلايمىز.
***** ***** ****** ***** *****
بۇ قىسسىدىن شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ قەلبىگە تىكلىنىدىغان مەشئەللەر:
40 – مەشئەل: ئىستراتېگىيەلىك يالغۇزلۇق ۋە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشلەرگە تەييارلىق
دۇنيا بىر كېچىدىلا ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن. ئەڭ قۇدرەتلىك ئىتتىپاقداشلار بىر دەمدىلا يوق بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. داۋايىمىز ھەرگىز بىرلا دۆلەتكە، بىرلا ۋەزىيەتكە باغلىنىپ قالمىسۇن. ئۆز كۈچىمىزگە ۋە ھەر قانداق ئەھۋالغا قارشى ب، ج، د پىلانلىرىغا ئىگە بولۇش مەجبۇرىيىتىمىز بار. ھەقىقىي كۈچ، بوراننى توغرا پەرەز قىلىش ئەمەس، بوران تىنغاندا ئۆرە تۇرالىغۇدەك قابىلىيەتتۇر.
41 – مەشئەل: ئىدېئولوگىيەلىك قاتماللىقتىن ئازاد ئەمەلىيەتچانلىق
نېتاجىنىڭ فاشىست گېرمانىيەسىدىن كوممۇنىست سوۋېتلەرگىچە سوزۇلغان ئىتتىپاقداشلىق ئىزدىنىشلىرى، داۋانىڭ ئىدېئولوگىيەلەردىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر. بىزنىڭ بىردىنبىر ئىدېئولوگىيەمىز بار: شەرقىي تۈركىستاننىڭ تولۇق مۇستەقىللىقى. بۇ نىشانغا خىزمەت قىلغانلا يەردە، دۈشمىنىمىزنىڭ دۈشمىنى بولغان ھەر قانداق كۈچ بىلەن، پرىنسىپقا ئەمەس، مەنپەئەتكە ئاساسلانغان ھەمكارلىق يوللىرىنى ئىزدەش كېرەك. دىپلوماتىيەدە مۇقەددەس ئاساس ئىتتىپاقداشلىق ئەمەس، مىللىي مەنپەئەتتۇر.
42 – مەشئەل: رەھبەرنىڭ ھەقىقىي مىراسى، جىسمىدىن كېيىنمۇ ياشايدىغان داۋاسى
نېتاجىنىڭ ئەڭ چوڭ غەلىبىسى، ئۆلۈمىدىن كېيىن باشلانغان. بۇ، داۋانىڭ شەخسلەرگە ئەمەس، ئىدىيەگە ۋە روھقا باغلىق بولۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ۋەزىپىمىز، پەقەت رەھبەرلەرگە ئەگىشىش ئەمەس، بەلكى ئۇ رەھبەرلەر ۋەكىللىك قىلغان داۋانىڭ ۋە ئۇ روھنىڭ دەل ئۆزى بولۇشتۇر. شۇنداق بىر داۋا بەرپا قىلىشىمىز كېرەككى، ئەڭ چوڭ رەھبىرى يىقىلغاندىمۇ، مىڭلىغان يېڭى رەھبەر ئۇنىڭ بايرىقىنى چۈشكەن يەردىن ئېگىز كۆتۈرەلىسۇن.
43 – مەشئەل: دۈشمەننىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى قورالغا ئايلاندۇرۇش
بېرىتانىيەنىڭ قىزىل قەلئە سوتىدىكى ھاكاۋۇرلۇقى، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى بولدى. خىتايمۇ بىزنى كەمسىتىپ زۇلۇملىرىنى دۇنياغا نامايان قىلىش ئارقىىلىق بىزگە ئەڭ چوڭ تەشۋىقات پۇرسىتىنى سۇنماقتا. دۈشمەننىڭ ھەر بىر خاتالىقى، ھەر بىر ھاكاۋۇرلۇقى، بىز ئۈچۈن بىر غەلىبە ئۆتكىلىدۇر. ۋەزىپىمىز، شۇ كاۋاكلارنى تېپىپ، بارلىق كۈچىمىز بىلەن شۇ يەردىن ھۇجۇم قىلىشتۇر.
44 – مەشئەل: سىياسىي ئەقىلنى ئىشلىتىپ، خەلقنىڭ روھىنى ئوقۇشنى بىلىش
قۇرۇلتاي پارتىيەسىنىڭ قىزىل قەلئە سوتىغا ئىگە چىقىشى، سىياسىي جەھەتتىن ھايات قېلىش ھەرىكىتى ئىدى. بۇ بىزگە، خەلقنىڭ قەلبىنىڭ قەيەردە سوقۇۋاتقانلىقىنى توغرا بىلىشنىڭ شۇنداقلا مىللىي داۋالارنى شەخسىي ياكى گۇرۇپپاىلار ئارا زىددىيەتلەردىن ئۈستۈن تۇتۇپ ئىگە چىقىشنىڭ، سىياسىي قانۇنىيلىقنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىدۇ. چۈنكى داۋا، بارلىق سىياسىي ئاكتىيورلاردىن چوڭدۇر ۋە ئۇنىڭغا ئىگە چىققان يۈكسىلىدۇ.
45 – مەشئەل: ئىقتىسادىي مۇستەقىللىقنى تىكلەش، سەدىقىدىن قۇرغۇچى سەرمايىگە ئۆتۈش
بىر داۋا، باشقىلارنىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ۋە سەدىقىسىگە تايانغانلا يەردە ھەرگىز تولۇق مەنىدىكى ئەركىنلىككە ئېرىشەلمەيدۇ. نېتاجىنىڭ يولى بىزگە پۇل تەلەپ قىلىشنىڭ ئەمەس، بىر غايىنى سېتىشنىڭ كۈچىنى ئۆگىتىدۇ. دىئاسپورادىكى سودا سانائەتچىلىرىمىز ۋە ھەر بىر ئەزالىرىمىز، بىرەر «ئىئانە قىلغۇچى» ئەمەس، قۇرۇلۇۋاتقان «ئازاد شەرقىي تۈركىستان» نىڭ بىرەر «ھەسسىدارى» ۋە «قۇرغۇچى سەرمايىدارى» سۈپىتىدە كۆرۈلۈشى كېرەك. بىز سۇنۇدىغان نەرسە بىر ياردەم تەلىپى ئەمەس، ئىناۋەتلىك بىر مەبلەغ سېلىش شېرىكلىكى بولىشى لازىم. ئۆز مىللىي خەزىنىسىنى يارىتالايدىغان بىر ھەرىكەت، خەلقئارا سەھنىدە بىر تىلەمچى ئەمەس، ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك بولغان بىر ئاكتىيورغا ئايلىنىدۇ. ئىقتىسادىي مۇستەقىللىق؛ سىياسىي مۇستەقىللىقنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر.
46 – مەشئەل: ھېكايىنىڭ قۇدرىتى، جەڭ مەيدانىدىن ۋىجدانلارغىچە
«ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى» نىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرىدىن تېخىمۇ تەسىرلىك بولغان نەرسە، ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىق «ھېكايىسى» بولدى. بۇ ھېكايە، بىر مىللەتنىڭ ۋىجدانىنى ئويغاتتى. بىزنىڭمۇ ۋەزىپىمىز، پەقەت زۇلۇمنى سۆزلەش ئەمەس؛ قارشىلىقنىڭ، قەھرىمانلىقنىڭ، غۇرۇرنىڭ ۋە ئۈمىدنىڭ ھېكايىسىنى، بايانىنى يارىتىش ۋە تارقىتىشتۇر. قوراللار زېمىنلارنى فەتھى قىلىدۇ، ئەمما توغرا بايانلار قەلبلەرنى ۋە ئاڭلارنى فەتھى قىلىدۇ.
47 – مەشئەل: دۈشمەننىڭ تايانچ تۈۋرۈكىنى سۇندۇرۇش، ساداقەتنىڭ يىمىرىلىشى
بېرىتانىيە ئىمپېرىيەنى يىقىتقان نەرسە، پۇقرالارنىڭ نامايىشىدىن بەكرەك، ئۆز قوراللىق كۈچىدىكى ساداقەتنىڭ يىمىرىلىشى بولدى. شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ كۈچى ئۇنىڭ ئىقتىسادىي، ئارمىيەسى ۋە باستۇرۇش ئاپپاراتلىرىدۇر. ئىقتىسادىي مەنپەئتىگە زەربە بېرىش ۋە بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنىۇ ئىچىدىكى ۋىجدان ئىگىلىرىگە يېتىپ بېرىش، ئۇلارنىڭ ساداقىتىنى تەۋرىتىش ۋە سىستېمىنىڭ ئىچىدىن چىرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمما ئەڭ ئەجەللىك ئىستراتېگىيەلەردىن بىرىدۇر.
48 – مەشئەل: يوشۇرۇن ھەقىقەتنى ئاشكارىلاش ۋە تارىخنىڭ ھەقىقىي ھۆكمى
دۇنيا، بىزگە غالىبلار يازغان تارىخنى ئوقۇتىدۇ. ئاتتلىنىڭ ئىقرارىغا ئوخشاش، ھەقىقەت ئادەتتە رەسمىي تارىخنىڭ بەتلىرىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز، خىتاينىڭ ۋە دۇنيانىڭ بىزگە تاڭغان يالغان تارىخىغا قارشى، ھۆججەتلەر، گۇۋاھلىقلار بىلەن ئۆز ھەقىقىتىمىزنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ۋە ھېرىپ-چارچىماي، ئەمىنىپ تارتىنماي دۇنياغا ئاڭلىتىشتۇر. چۈنكى ئۆز تارىخىنى يازالمىغانلار، باشقىلارنىڭ تارىخىدا قوشۇمچە رول ئالغۇچى بولۇشقا مەھكۇمدۇر.
49 – مەشئەل: زالىملارنىڭ سۇيىقەست قوللانمىسىغا پۇختا تەييارلىق
تارىخ، نېتاجى ۋە ئەخمەتجان قاسىمى مىساللىرىدا بىزگە، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە زىت كەلگەن مىللىي رەھبەرلەرنى يوقىتىش ئۈچۈن «ھادىسە قىياپىتىگە كىرگۈزۈلگەن سۇيىقەستلەر» نى بىر ئۇسۇل سۈپىتىدە قوللىنىدىغانلىقىنى ئاچچىق بىر شەكىلدە كۆرسەتتى. بۇ، زالىملارنىڭ ئۆزگەرمەس قوللانمىسىنىڭ بىر ماددىسىدۇر. بىز ئالىدىغان ساۋاق شۇكى: رەھبەرلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئەڭ يۈكسەك ئىستراتېگىيەلىك ئالدىنقى شەرتتۇر ۋە ھېچقانداق چوڭ دۆلەتكە ساددىلىق بىلەن ئىشىنىشكە بولمايدۇ. بىر رەھبەرنى يوقىتىش ئېھتىمالىغا قارشى، داۋانى داۋاملاشتۇرىدىغان ب ۋە ج پىلانلىرى، يەنى زاپاس رەھبەرلىك سېپى ھەر دائىم تەييار بولۇشى كېرەك.
50 – مەشئەل: دۈشمەننىڭپىتنىسىنى بىرلىكنىڭ قالقىنى قىلىش
ئىنگلىزلەر، بىر ھىندۇ، بىر مۇسۇلمان ۋە بىر سىخنى بىرلىكتە سوتلاش ئارقىلىق «بۆلۈپ باشقۇرۇش» تاكتىكىسىنى قوللاندۇق دەپ خام ئويلىغان ىدى. ئەمما بۇ ھۇجۇم، دەل ئەكسىچە، ھىندىستاننىڭ بۇ ئۈچ خەلقىنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچلۈك بىر مۇشتۇمغا ئايلاندۇردى. بىز ئالىدىغان ساۋاق شۇكى: دۈشمەن، بىزنى ئىرق، رايون ياكى ھەر خىل باتىل دېنىي ئېقىملار بىلەن بۆلۈشكە ئۇرۇنغاندا، ئەڭ كۈچلۈك جاۋابىمىز، شۇ پەرقلىق ئالاھىلىكلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى قۇچاقلىيالايدىغان تېخىمۇ كۆكلى كۆكسى كەڭ بىر بىرلىك مەنزىرىسىنى نامايان قىلىشتۇر. بۇ، دۈشمەننىڭ پىسخىكىلىق قورالىنى ئۆز يۈرىكىگە سانجىش دېگەنلىك بولىدۇ.
51 – مەشئەل: ئۆزغەلىبىسىنى پىدا قىلىش ئالىيجانابلىقى
«گۇمنامى بابا» ئەپسانىسى، توغرا بولسۇن ياكى بولمىسۇن، بىر رەھبەر يېتەلەيدىغان ئەڭ يۈكسەك پىداكارلىقنىڭ پەللىسىنى كۆرسىتىدۇ. ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن پەقەت جېنىنىلا ئەمەس، ئۆز كىملىكىنى، شان-شەرىپىنى ۋە ھەتتا غەلىبىسىنىمۇ پىدا قىلىش رۇھى ھەققىي ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ. بۇ، ھازىرقى شەخسىي ھىرس-ھەۋەسلىرىمىزنىڭ ۋە «رەھبەرلىك» تالىشىشلىرىمىزنىڭ نەقەدەر مەنىسىز ئىكەنلىكىنى يۈزىمىزگە قاتتىق شاپىلاقتەك ئۇرىدۇ. ھەقىقىي رەھبەر، تاجنى كىيگەن ئەمەس، ۋەتەننى بىر ئىچكى ئۇرۇشتىن قوغداش ئۈچۈن كېرەك بولسا ئۆز تاجنى ئېرىتىپ، بىر كۆلەڭگىگە ئايلىنالايدىغان كىشىدۇر.
7 – بۆلۈم: يىرتىلغان ئەپسانە پەردىسى، ئىككى ئايرىم يول ۋە سۇنماس ھەقىقەت
________________________________________
تارىخ غالىبلارنىڭ قەلىمىدىن ئاققان سىيادۇر. ئۇ، كۆپىنچە ھاللاردا ھەقىقەتنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى ئەۋلادلارغا خۇددى ئەللەي ناخشىسىدەك پىچىرلاپ بېرىلگەن، ئەڭ خاتىرجەم قىلغۇچى، ئەڭ بىئارام قىلمايدىغان ۋە ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنىيلىقىغا ئەڭ كۆپ خىزمەت قىلىدىغان بىر ئۇيقۇ دورىسىغا ئالىنىدۇ. ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىق داستانىمۇ 70 يىل بويىچە بىزگە مانا مۇشۇنداق بىر ئەللەي ناخشىسى سۈپىتىدە ئېيتىپ كېلىندى. بىر رۇھانىيەتچى مەھاتما گاندىنىڭ، قولىدا نە قىلىچ، نە مىلتىق تۇتماستىن، پەقەتلا روھىدىكى تەۋرەنمەس «تىنچلىىقپەرۋەرلىك» (ئاھىمسا) پىرىنسىپى بىلەن پۈتۈن بىر ئىمپېرىيەنى تىز پۈكتۈرگەنلىكى ھەققىدىكى ئەپسانە سۆزلەندى. بۇ ئاپسانىدە ئىنگلىزلەر، ئۇنىڭ ئەخلاقىي ئەۋزەللىكى ئالدىدا ۋىجدانى ئويغىنىپ، تاشتەك قەلبلىرى ئانتاركتىكا مۇزلۇقلىرىدەك ئېرىپ، ئالىيجاناب ھىندىستان خەلقىگە ئەركىنلىكىنى ئىلتىپات قىلىپ، ئابرۇيىنى ساقلىغان ھالدا چېكىنىپ كەتكەن ئىدى.
بۇ، تولىمۇ چىرايلىق ھەتتا شۇ دەرىجىدە چىرايلىق ھېكايە ئىدىكى، ئوسكار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىنولارغىمۇ تېما بولدى. دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە دېگۈدەك دەرسلىك كىتابلارنىڭ ئەڭ شەرەپلىك بۇرجەكلىرىدە ئورۇن بېرىلدى ۋە پۈتۈن دۇنياغا تىنچلىقپەرۋەر كۈرەشنىڭ ئەڭ ئالىي ئۈلگىسى سۈپىتىدە بازارغا سېلىندى. لېكىن ھەقىقەت، بىر ئەللەي ناخشىسىدەك مەسۇم ئەمەس. بەلكى كۆپىنچە ھاللاردا بىئارام قىلغۇچى، مۇرەككەپ ۋە رەھىمسىز ئىدى. چۈنكى ھىندىستاننىڭ مۇستەقىللىقى قانداقتۇر گاندى ۋە قۇرۇلتاي پارتىيەسىنىڭ 1942-يىلى باشلىغان، مىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆلۈمى ۋە يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى بىلەن ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇلغان «ھىندىستاندىن چىقىپ كەت» ھەرىكىتىنىڭ بىر مېۋىسى ئەمەس ئىدى. شۇڭا «ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئىنگلىزلەر 1942-يىلى ئەمەس، بەلكى دەل بەش يىلدىن كېيىن، 1947-يىلى چىقىپ كەتتى؟ ئاممىۋىي ئىتائەتسىزلىك ھەرىكىتى تارمار قىلىنىپ، رەھبەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۈرمىگە تاشلانغان تۇرۇغلۇق ئۇ بەش يىلدا ئۆزگەرگىنى زادى نېمە ئىدى؟» دېگەن ئاددىي بىر سوئال تارىخنىڭ ئوتتۇرىسىدا خۇددى بىر ئابىدىدەك ھازىرمۇ قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.
چۈنكى ئۆزگەرگەن نەرسە، گاندىنىڭ دۇئالىرى ياكى قۇرۇلتاينىڭ تىنچلىقپەرۋەر نامايىشلىرى ئەمەس ئىدى. ئۆزگەرگەن نەرسە، نېتاجى سۇبھاس چاندرا بوسنىڭ رۇھىنىڭ، بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ياقىسىغا خۇددى بىر قارا باسقان چۈش ياكى ئالۋاستىدەك يېپىشقانلىقى ئىدى.
ئۆزگەرگەن نەرسە، ئۇ «خائىن، ئىمپېرايالىستلارنىڭ قورچىقى» دېيىلگەن «ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى» نىڭ يازغان قانلىق داستانىنىڭ، دېھلىدىكى سوت زاللىرىدا ھەقىقەتنىڭ ساداىسىغا، ھەربىي گازارمالاردا بولسا بىر ئىسيان خىتابنامىسىگە ئايلانغانلىقى ئىدى.
ئۆزگەرگەن نەرسە، ئىنگلىزلەرنىڭ ھىندىستاننى ئىدارە قىلىشىدىكى ئۇ پولاتتەك ئۇل تېشى بولغام ھىندى ئەسكەرلىرىنىڭ ساداقىتى ئىدى. ۋە بۇ ئۇل تاشنى دىنامىت بىلەن پارتلاتقان كۈچ، گاندىنىڭ مۇھەببەت پەلسەپىسى ئەمەس، بوسنىڭ ھەرىكەت ئىستراتېگىيەسى ئىدى.
تىرىك ۋاقتىدا بىر تەھدىت بولغان بوس، شېھىتلىكى بىلەن، كونترول قىلغىلى، توختاتقىلى ۋە تۈرمىگە تاشلىغىلى بولمايدىغان بىر ئىدىيەگە، بىر روھقا ئايلانغان ئىدى ۋە بۇ روھ، ئىمپېرىيەنىڭ ئۆلۈم ساندۇقىغا كونكرېت، ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ مىخنى قاققان ئىدى:
بىرىنچىسى، قىزىل قەلئە سوتى. بېرىتانىيە، بىر ھىندۇ، بىر مۇسۇلمان ۋە بىر سىخ ئوفىتسېرنى بىرلىكتە سوتلاش ئارقىلىق «بۆلۈپ باشقۇرۇش» تاكتىكىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىسىنى ئېلان قىلىمەن دەپ خام ئويلىغان ئىدى. لېكىن ئۇ سوت زالى، بىر دەمدىلا ھەقىقەتنىڭ سەھنىسىگە ئايلاندى. مىليونلىغان ھىندىستانلىق، تۇنجى قېتىم ئۇ «ۋەتەن خائىنى» دېيلگەنلەرنىڭ نىڭ ھەقىقىي ھېكايىسىنى ئاڭلىدى. ئىمفال ئورمانلىقلىرىدىكى قېرىنداشلىقنى، ئايال جەڭچىلەرنىڭ پىداكارلىقىنى، نېتاجىنىڭ بىرلەشتۈرگۈچى يېراق كۆرەرلىكىنى كۆردى. «خائىن» دېگەن سۆز شۇ كۈنى ئۆلدى، ئۇنىڭ ئورنىغا «قەھرىمان» دېگەن سۆز تۇغۇلدى. پۈتۈن ھىندىستان، شۇ ئۈچ ئەسكەرنىڭ ئوبرازىدا بىر ۋىجدان دولقىنىغا، مەھكەم تۈگۈلگەن بىر مۇشتۇمغا ئايلاندى.
ئىككىنچىسى، خان جەمەتى ھىندى دېڭىز ئارمىيەسى ئىسيانى بولدى. قىزىل قەلئەدە يانغان ئۇ ئوت، گازارمالارغا تۇتاشتى. يىللاردىن بېرى پادىشاھقا ساداقەت بىلەن مېڭىسى يۇيۇلغان ئەسكەرلەر، سوتلىنىۋاتقانلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۆز قېرىنداشلىرى ئىكەنلىكىنى چۈشەندى. ۋە 1946-يىلى فېۋرالدا، ئۇ ساداقەت زەنجىرى غايەت زور بىر گۈلدۈرلەش بىلەن پارچە-پارچە بولۈپ كەتتى. بومبايدا 78 پاراخوتتىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق دېڭىز ئەسكىرى، بېرىتانىيە بايرىقىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا چاندىرا بوسنىڭ «ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى» بايرىقىنى ئاستى. ئىسيان، كاراچىدىن كالكۇتتىغىچە يېيىلدى. بۇ، ئەمدى پۇقرالارنىڭ ئىتائەتسىزلىكى ئەمەس، بەلكى قوراللىق بىر قوزغىلاڭ ئىدى. بېرىتانىيە، ھىندىستاننى كونترول ئاستىدا تۇتۇپ تۇرغان ئەڭ ئاساسلىق كۈچىنى، يەنى ئۆز قورال كۈچىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان ئىدى.
ئۈچىنچىسى ۋە ئەڭ زىلزىلىگە سالغۇچىسى، تارىخىي ئىقرار بولدى. يىللاردىن كېيىن، ھىندىستانغا مۇستەقىللىق بەرگەن بېرىتانىيە باش ۋەزىرى كلېمېنت ئاتلېي، ئۆزىدىن سورالغان ئۇ ھالقىلىق سوئالغا، يەنى «گاندىنىڭ تىنچ نامايىشىنىڭ قارارىڭلاردىكى تەسىرى قانچىلىك ئىدى؟» دېگەن سوئالغا، ئاچچىق بىر تەبەسسۇم ۋە بىرلا ئېغىز سۆز بىلەن جاۋاب بەرگەن ئىدى: «Minimal!» (ناھايىتى ئاز!). ھەقىقىي سەۋەبنى بولسا ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئاشكارىلىغان ئىدى. نېتاجى ۋە ئۇنىڭ ئارمىيەسى ياراتقان دولقۇن سەۋەبىدىن، چۈنكى بېرىتانىيە ئىشىنەلەيدىغان بىر ھىندى ئارمىيەسى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى قالمىغان ئىدى. بۇ ئىقرارغا، زامانىۋى ھىندىستاننىڭ قۇرغۇچى ئاتىلىرىدىن، دەپسەندە قىلىنغانلارنىڭ قۇتقازغۇچىسى دەپ تونۇلغان دوكتور ب.ر. ئامبېدكارمۇ ئوخشاش ھۆكۈمنى چىقارغان ئىدى: «ئىنگلىزلەر ئاھىمسا (پاسسىپ قارشىلىق كۆرسىتىش) ھەرىكىتىدىن ئۇنچە بىئارام بولمىدى. ئۇلارنىڭ كېتىشىنىڭ سەۋەبى سۇبھاس چاندىرا بوس ئىدى، چۈنكى بوسنىڭ قوراللىق كۈچلەر ئىچىدە ياراتقان بىئارامچىلىقى، ئۇلارنى بۇ دۆلەتنى ئەمدى كونترول قىلالمايدىغانلىقىغا قايىل قىلدى»
بۇ، غالىبلارنىڭ ئۆز قەلىمىدىن ئاققان بىر ئىقرار ئىدى. بۇ، بىزگە ئېيتىپ بېرىلىۋاتقان ئەللەي ناخشىسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى ئىدى.
ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن بۇ ئىككى غايەت زور رەھبەر، گاندى ۋە بوس، ئوخشاش بىر نىشانغا بۇ قەدەر پەرقلىق يوللاردىن ماڭدى؟
بۇ، پەقەت بىر ئۇسۇل پەرقى ئەمەس، بىر دۇنيا قاراش، بىر روھىي توقۇنۇش ئىدى. گاندى، بىر رۇھانىي داھىي بولۇپ، ئۇ، زوراۋانلىقنىڭ تېخىمۇ كۆپ زوراۋانلىقنى تۇغدۇرىدىغانلىقىغا، زالىمنىڭ قەلبىدىمۇ بىر ياخشىلىق ئۇرۇقى بارلىقىغا ئىشىنەتتى. لېكىن ئۇنىڭ بۇ مۇتلەق تىنچلىقپەرۋەرلىكى، سىياسىي رېئاللىقتىن ئۈزاق، خەتەرلىك بىر ساددىلىققا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى. گاندىنىڭ ناتسىست ۋەھشىيلىكى ئالدىدا يەھۇدىيلارغا بەرگەن تەۋسىيەسى، تارىختىكى ئەڭ كۈلكىلىك تەۋسىيەلەردىن بىرى بولدى: «ئۆزۈڭلارنى جەللاتلارنىڭ پىچىقىغا سۇنۇپ بېرىشىڭلار كېرەك ئىدى… بۇ، دۇنيانى ھەرىكەتكە كەلتۈرەتتى»
بۇ تەۋسىيە قانداقتۇر ئەخلاقىي بىر يۈكسەكلىك ئەمەس، ئازابنى ئىستراتېگىيەلىك يېقىلغۇغا ئايلاندۇرالمىغان بىر ئېزىلەڭگۈ روھنىڭ چارىسىزلىقى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ رۇھانىي داھىنىڭ ئوبرازى، جەنۇبىي ئافرىقىدا قارا تەنلىكلەرگە قىلغان ئىرقىي ئايرىمچىلىقى ۋە ئۆز جىيەنلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن «جىنسىي سىناقلىرى» غا ئوخشاش شەخسىي ھاياتىدىكى بىئارام قىلغۇچى زىددىيەتلەر بىلەنمۇ كۆلەڭگىدە قالغان ئىدى.
گاندىنىڭ سىياسىي ساددىلىقىنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك ۋە كونكرېت ئىپادىسى بولسا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تۇتقان مەيدانىدا يوشۇرۇنغان ئىدى. ئۇ، «دۈشمەنگە قىيىن كۈنىدە ياردەم قىلساق، ۋىجدانى ئويغىنىپ، ئۇرۇش تۈگىگەندە بىزگە ئەركىنلىك بېرىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش ئاجىز بىر ئۈمىدكە ئېسىلىۋېلىپ، دەل 2.5 مىليون ھىندىستانلىقنىڭ، ئۆزلىرىنى مۇستەملىكە قىلىۋاتقان بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئافرىقىدىكى جەڭ مەيدانلىرىغا بېرىشىنى تەشۋىق قىلغان ئىدى. ھالبۇكى بۇ، بىر تەرەپلىمە ۋە ھېچ قانداق پايدىسى بولمىغان بىر قىمار ئىدى. بېرىتانىيە، ئۇرۇش تۈگىگەندە ھىندىستانغا مۇستەقىللىق بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ھېچقاچان رەسمىي بىر ۋەدە بەرمىگەن، ھەتتا گاندىنىڭ بۇ يۆنىلىشتىكى تەكلىپلىرىنى قەتئىي بىر تىل بىلەن رەت قىلغان ئىدى. نەتىجە، بىر مىللەت ئۈچۈن تولۇق بىر ۋەيرانچىلىق بولدى. جەڭ سەپلىرىگە كەتكەن 2.5 مىليون ھىندىستان پەرزەنتىدىن پەقەت 800 مىڭىلا قايتىپ كېلەلىدى. گاندى، ئىنگلىزلەرگە تىنچلىقپەرۋەر ۋە ھەمكارلاشقۇچى كۆرۈنۈش ئۈچۈن، ھېچقانداق كونكرېت ۋەدىمۇ ئالماستىن، 1 مىليون 700 مىڭ ھىندىستانلىقنىڭ جېنىنى پىدا قىلغان ئىدى. بۇ ئىستراتېگىيەلىك كورلۇق شۇ قەدەر ئېنىق ئىدىكى، ھەتتا گىتلېرمۇ ئۇ مەشھۇر كىتابى «كۈرىشىم» دە، ئىنگلىزلەرنىڭ ھىندىستاندىكى مۇستەملىكە ھاكىمىىيىىتىنى ماختاپ، ھىندىستانلىقلارنىڭ تىنچ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىنى «ئاسىيالىق سىرىكچىلەر» دەپ مەسخىرە قىلغان ۋە كەمسىتكەن ئىدى.
ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى رەھبەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرق، پەقەت ئۇسۇلدا ئەمەس، بەلكى نىشاننىڭ ئۆزىدىمۇ ياتاتتى. گاندى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى، «پاسسىپ قارشىلىق» نى بىردىنبىر يول دەپ قاراپ، بېرىتانىيە بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق دومىنىيونلۇق (Dominion Status) يەنى ئالىي ئاپتونومىيەنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلاتتى. بۇ، ئەمەلىيەتتە بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسىگە ساداقەت بىلدۈرۈپ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئاپتونومىيەگە ئېرىشىش دېگەنلىك ئىدى؛ يەنى مەقسەتلىرى ئاسارەت زەنجىرلىرىنى ئۈزۈش ئەمەس، پەقەتلا بوشىتىش ئىدى.
بوس بولسا بىر جەڭچى، بىر ئىستراتېگىيەچى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن دومىنىيونلۇق ( (Dominion ئەسىرلىكنىڭ ئالتۇن قەغەزگە ئورالغان يەنە بىر شەكلى ئىدى. ئۇ، «پۇرنا سۋاراج» يەنى تولۇق ۋە شەرتسىز مۇستەقىللىقنى تەلەپ قىلاتتى! ئۇ، «بھاگاۋاد گىتا» (ھىندى دىنىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى مەزمۇن قىلغان دىنى كىتابى) نى ھەر دائىم يېنىدا ئېلىپ يۈرەتتى ۋە ئادالەتسىزلىك بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن قورال ئىشلىتىشنىڭ بەزىدە قېچىشقا بولمايدىغان بىر «دھارما» (پەرىز ۋەزىپە) ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىنگلىزلەر، ۋىجدانىغا خىتاب قىلىشقا بولىدىغان تەرەپ ئەمەس، پەقەتلا كۈچكە ھۆرمەت قىلىدىغان بىر دۈشمەن ئىدى. «ئەركىنلىك بېرىلمەيدۇ، ئۇ تارتىپ ئېلىنىدۇ!» دېگەن نىداسى، ئۇنىڭ پۈتۈن پەلسەپىسىنىڭ خۇلاسىسى ئىدى.
لېكىن ئىككى رەھبەر ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئىدېئولوگىيەلىك پەرق ۋە ئىستراتېگىيەلىك زىددىيەت، ھەرگىزمۇ شەخسىي بىر نەپرەتكە ياكى پەسكەشلەرچە بىر بىرىگە قارا چاپلاش ھەرىكىتىگە ئايلانمىدى. ئەكسىچە، ئارىسىدىكى تۈپ ئوخشىماسلىقلارغا قارىماستىن، ھەر ئىككى رەھبەر بىر-بىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىگە ۋە داۋاغا بولغان ساداقىتىگە چوڭقۇر ھۆرمەت قىلاتتى. بىر-بىرىگە قارشى بىر ئېغىزمۇ ھاقارەتلىك سۆز ئىشلەتمىگەندەك، ئەڭ قىيىن كۈنلەردىمۇ بىر-بىرىنى شەرەپلەندۈرۈشنى بىلگەن ئىدى. 1944-يىلى رانگۇندىن ئېلان قىلغان بىر رادىئو نۇتۇقىدا، قوراللىق كۈرىشىنىڭ ئەڭ ئوتلۇق دەقىقىسىدە، گاندىغا «مىللىتىمىزنىڭ ئاتىسى» دېگەن ئۇنۋاننى تۇنجى بولۇپ بەرگەن كىشى دەل سۇبھاس چاندرا بوسنىڭ ئۆزى ئىدى. ئوخشاش شەكىلدە، ئۇسۇللىرىنى ھەرگىز ياختۇرمىسىمۇ ۋە ئۆزىگە ئەڭ چوڭ رەقىپ بىلسىمۇ گاندى، بوسنىڭ تەۋرەنمەس ۋەتەن سۆيگۈسى ئالدىدا ئۇنى «ۋەتەنپەرۋەرلەر شاھزادىسى» دەپ تەرىپلىگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ توقۇنىشى، شەخسىي ئەمەس، پىكىرلەرنىڭ توقۇنىشى ئىدى. نىشان ئوخشاش، يوللار پەرقلىق ئىدى ۋە بۇ پەرق، داۋانىڭ ئورتاق مۇھەببىتى ياراتقان ھۆرمەتنى ھەرگىز يوقىتالمغان ئىدى.
ئۇنداقتا، بۇنداق مۇرەككەپ بىر شەخس بولغان گاندى قانداق بولۇپ يەككە-يېگانە قەھرىمان ئېلان قىلىندى – يۇ، ھەقىقىي غەلىبىنىڭ مېمارى بولغان بوس، ئۆز ۋەتىنىنىڭ تارىخىدا «فاسىزىمنىڭ قورچىقى»، «خائىن»، «خىيالپەرەس» دەپ ئاتىلىپ، تارىخ بەتلىرىدە پەقەتلا بىر ھاشىيەگە ئايلاندۇرۇلدى؟
جاۋاب، مۇستەقىللىقتىن كېيىنكى سىياسەتنىڭ رەھىمسىز لوگىكىسىدا يوشۇرۇنغان ئىدى. بېرىتانىيە، ھىندىستاننىڭ قەھرىمان پەرزەنتلىرىنىڭ كۈرىشى ئالدىدا چارىسىز قېلىپ، مەغلۇبىيەت بىلەن چېكىنىپ كەتكەن بىر ئىمپېرىيە كۆرۈنۈشىنى بېرىشنى خالىمايتتى. ئەكسىچە، ئەركىنلىكنى ئىلتىپات قىلغان، ئابرۇيىنى ساقلىغان ھالدا كەتكەن بىر مەدەنىيەتلىك ئوبرازىنى سىزماقچى ئىدى. بۇ سېنارىيە ئۈچۈن پارقىرىتىشى كېرەك بولغان قەھرىمان، بېرىتانىيە بىلەن ھەر دائىم سۆھبەتكە ئوچۇق، تىنچلىقپەرۋەر بىرى بولۇشى كېرەك ئىدى. بۇ رول ئۈچۈن گاندىدىن تېخىمۇ مۇۋاپىق كىشى يوق ئىدى. بۇ ئەھۋال، ھاكىمىيەتكە كەلگەن قۇرۇلتاي پارتىيەسى ۋە ئۇنىڭ كومۇنىست رەھبىرى جاۋاھارلال نېھرۇنىڭمۇ ئىشىغا كېلەتتى. چۈنكى ئۇلار ئۈچۈنمۇ قانۇنىيلىق ئۈستىگە قۇرۇپ چىقىدىغان پاك، ئەخلاقلىق ۋە ئەڭ مۇھىمى «ئۆزلىرىدىن بولغان» بىر قەھرىمانغا ئېھتىياج بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ھەم كېتىۋاتقان مۇستەملىكىچىنىڭ، ھەم كېلىۋاتقان يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ مەنپەئەتلىرى، گاندى ئەپسانىسىنىڭ پارلىتىلىشىنى تەقەززا قىلاتتى.
نېتاجى بوسنىڭ مىراسى بولسا ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن خەتەرلىك ئىدى. ئۇ، ناتسىست گېرمانىيەسى ۋە فاشىست ئىتالىيەسى بىلەن ھەمكارلاشقان، قوراللىق كۈرەشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. ۋە ئەڭ مۇھىمى، ھايات بولغان بولسا، گاندىنىڭ تۈنجى باش مىنىسلىك ۈچۈن ساردار پاتېلغا ئوخشاش كۈچلۈك بىر نامزاتنىڭ ئورنىغا تاللىغان، كامبرىجنى پۈتتۈرگەن ئەمما گېتلىر «قىزىل پاچاق» دەپ باھا بەرگەن نېھرۇنىڭ رەھبەرلىكىگە ئەڭ چوڭ رەقىب بوس بولۇپ قالاتتى. بوسنىڭ ئىنتىزامچان، سانائەتلەشكەن ۋە كۈچلۈك بىر مەركىزىي دۆلەتنى تەشەببۇس قىلىدىغان كەلگۈسى تەسەۋۋۇرى، نېھرۇنىڭ سوتسىيالىستىك دۆلەت تەسەۋۋۇرى ۋە تەرەپسىزلىك سىياسىتى بىلەن پۈتۈنلەي زىت ئىدى. شۇڭا، ئەڭ بىخەتەر يول، ئۇنى تارىختىن ئۆچۈرۈۋېتىش ئىدى. قۇرۇلتايمۇ ھاكىمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن ھىندىستاننىڭ ئەڭ باتۇر پەرزەنتلىرىدىن بىرىنىڭ مىراسىنى پىدا قىلدى. دەرسلىك كىتابلاردا بوسنى ئۇنتۇلدۇردى، دۆلەت ئارخىپلىرى ئۇنىڭغا ئائىت ھۆججەتلەرنى يوشۇردى. 70 يىل بويىچە بىر مىللەت، ئۆز ئازادلىقىنىڭ ھەقىقىي ھېكايىسىدىن، ئۆز روھىنىڭ ئەڭ جەڭگىۋار پارچىسىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلدى.
لېكىن ھەقىقەتنىڭ، كېچىكىپ بولسىمۇ تۇپراقنى يېرىپ چىقىدىغان بىر خۇيى بار. يېقىنقى يىللاردا، نارېندا مودى رەھبەرلىكىدىكى ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇ يوشۇرۇن تارىخنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى باشلىدى. نېتاجىنىڭ ھەيكەللىرى پارلامېنت بىناسى ئالدىغا ۋە ئەڭ چوڭ مەيدانلارغا تىكلىشكە باشلاندى، ئۇنىڭ ئىسمى قايتىدىن ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىندى. دۆلەتنىڭ شېھىت ۋە غازىلارنىڭ ائىلىرىگە ياردەن قىلىش پىروگراممىسىغا ئېلىنمىغان «ئازاد ھىندىستان امىيەسى» قايتىدىن دۆلەت قەھرىنمانلىرى تزېىملىكىگە ئېلىندى. قىسقىسى، بىر مىللەت، 70 يىللىق بىر ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ، ئۆزىگە ئېيتىپ بېرىلگەن ئەللەي ناخشىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر ئالدامچىلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماقتا ۋە «ئەركىنلىك دەرىخى، دۇئالار بىلەن ئەمەس، پەقەتلا قەھرىمانلارنىڭ قېنى بىلەن سۇغۇرۇلغاندىلا كۆكلەيدۇ» دېگەن ھەقىقەتنى قايتىدىن چۈشۈنۈپ يەتمەكتە.
بىز بىر ھېكايىنى ئاياغلاشتۇرۇش ئالدىدا تۇرىمىز، ئەمما يېڭى بىر بىر تارىخنى باشلىماقچىمىز. بۇ تەپەككۈر سەپىرىمىزنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان 8 – بۆلۈمىدە، بىز پەقەت بىر ھېكايىنىڭ خۇلاسىسىنى ئەمەس، بەلكى تارىخنىڭ رۇھىدىن سۈزۈلۈپ چىققان 66 نۇقتىلىق دەرس ئاساسىدا، شەرقـىي تۈركىستان ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ، بولۇپمۇ دېئاسپورادىكى كۈرىشىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن سىزىلغان ئۈمىد ۋە ئىستراتېگىيەگە تولغان بىر يول خەرىتىسىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.
«ئەڭ ئاخىرقى قەسەم – شەرقـىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق يولى» ناملىق بۇ ئاخىرقى بۆلۈم، 21-ئەسىرنىڭ مۇرەككەپ رېئاللىقى ئالدىدا گاڭگىراپ قالغان كۈرىشىمىزگە نەزەرىيەۋى بىر ئومۇرتقا بېغىشلاش ئۈچۈن يېزىلدى. بۇ، پەقەت قۇرۇق تەسەۋۋۇرلارنىڭ يىغىندىسى ئەمەس، بەلكى ھەر بىر قەدىمى مۇستەھكەم، تامامەن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان، رېئال بىر قوللانمىدۇر. ئۇنىڭ مەقسىتى – كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىشقا يۈزلەنگەن، ئۈمىدسىزلىك قاراڭغۇلۇقىدا يولىنى تاپالمايۋاتقان ھەر بىر قېرىندىشىمىزنىڭ قەلبىگە، ئېڭىغا ۋە تەسەۋۋۇرىغا ئېنىق بىر نىشان ۋە سۈزۈك بىر كەلگۈسىنى ئەينەكتەك كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر مەشئەل بولۇشتۇر.
بۇ بۆلۈم، مىللىي ئاڭنى ئىدىيەۋى قوراللاندۇرۇشنىڭ پەقەت بىر شۇئار ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئەمەلىي ئىستراتېگىيە بىلەن بىرگە بولغاندىلا، قۇدرەتلىك بىر كۈچكە ئايلىنالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشنى نىشان قىلىدۇ. بۇ، بىر ئوقۇشلۇق ئەمەس، بىر چاقىرىقتۇر. قېنى، ئۇنداقتا ئىككى كۈن كېيىن ئېلان قىلىنىدىغان 8 – بۆلۈم بىلەن ئاخىرقى قەسەمنى بىرگە ئىچىشكە تەييار بولۇڭ.
________________________________________
بۇ قىسسىدىن شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ قەلبىگە تىكلىنىدىغان مەشئەللەر:
52 – مەشئەل: تارىخنىڭ بىر جەڭ مەيدانى ئىكەنلىكى
تارىخ، پەقەت ئۆتمۈشنىڭ بىر خاتىرىسى ئەمەس، بۈگۈننىڭ ۋە كەلگۈسىنىڭ قانۇنىيلىقىنىمۇ بەلگىلەيدىغان بىر جەڭ مەيدانىدۇر. دۈشمەن، ئۆز زۇلمىنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە قارشىلىق ھەرىكىتىمىزنى بولسا، قانۇنسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن تارىخنى بىر قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ. ۋەزىپىمىز، پەقەت بۈگۈنكى جەڭنى قىلىش ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاينىڭ يالغان تارىخ بايانىنى ھۆججەتلەر، گۇۋاھلىقلار بىلەن پارچە-پارچە قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ھەققانى تارىخىمىزنى يېزىش ۋە ئۇنى دۇنياغا قوبۇل قىلدۇرۇشتۇر.
53 – مەشئەل: زالىمنىڭ ۋىجدانىغا ئىشىنىش خىيانىتى
گاندىنىڭ 2 مىليون 500 مىڭ ھىندىستانلىقنى، ئىنگلىزلەرنىڭ ۋىجدانى ئويغىنىدۇ، دېگەن ئۈمىد بىلەن ئۆلۈمگە يوللىشى، بىر رەھبەر قىلالايدىغان ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك خاتالىقتۇر. دۈشمەننى ئۆزىگە ئوخشاش ئەخلاقلىق دەپ ئويلاش ھاماقەتلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. چۈنكى زالىملار ئەخلاقنىڭ ئەمەس، پەقەتلا كۈچنىىڭ ۋە يوقىلىش قورقۇنچىسىنىڭ تىلىنى چۈشىنىدۇ. داۋايىمىز، دۈشمەننىڭ ئىنساپ-شەپقىتىگە ئەمەس، ئۇنى چېكىنىشكە مەجبۇر قىلىدىغان چېكىندۈرگۈچ بىر كۈچ بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەسىگە تايىنىشى كېرەك.
54 – مەشئەل: چېكىندۈرگۈچ كۈچنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئەخلاق يېتەرلىك ئەمەس
ئەخلاقىي ۋە قانۇنىي چەھەتتە ھەقلىق بولىشىمىز، كۈرىشىمىزنىڭ روھىدۇر، ئەمما بۇ يالغۇز ئۆزى بىر غەلىبىنى ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. بېرىتانىيە باش ۋەزىرى ئاتلېينىڭ ئىقرارى ئاچچىق بىر ھەقىقەتنى جاكارلايدۇ: ئىمپېرىيەلەرنى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇرلايدىغان ئامىل، ئۇلارنىڭ ئىنساپ ۋىجدانلىرى ئەمەس، قولىدا تۇتۇپ تۇرالماسلىق ۋە باشقۇرالماسلىق قورقۇنچىسىدۇر. بوس ياراتقان ھەربىي ئىسياننىڭ تەھدىتى، گاندىنىڭ ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈكىدىن تېخىمۇ چېكىندۈرگۈچ بولغان ئىدى. بىر داۋانىڭ خەلقئارا سەھنىدە ئەستايىدىل مۇئامىلىگە ئېرىشىشى، ئۇنىڭ ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈكى بىلەن تەڭ، دۈشمىنىگە يەتكۈزەلەيدىغان يوشۇرۇن زىيىنى بىلەنمۇ ئۆلچىنىدۇ. ھەر ساھەدە چېكىندۈرگۈچ بىر كۈچ ئامىلىنى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەسى، بىرگە نىسبەتەن ھاياتىي بىر مەجبۇرىيەتتۇر.
55 – مەشئەل: رەھبەرلەرنىڭ نوپۇزىغا ئەمەس، داۋاغا ساداقەت
تارىخ، گاندىغا ئوخشاش ئەڭ ئۇلۇغ رەھبەرلەرنىڭمۇ نۇقسانلىق، زىددىيەتلىك ۋە خاتالىق ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىر ھەرىكەتنى يەككە بىر شەخسنىڭ خاتالاشماسلىقى ئۈستىگە قۇرۇش، ئۇ شەخسنىڭ خاتالىقلىرى بىلەن بىللە پۈتۈن بىر داۋانى خەتەرگە ئىتتىرىشتۇر. ساداقىتىمىز شەخسلەرگە ئەمەس، ئۇلار ۋەكىللىك قىلغان مۇقەددەس داۋاغا بولۇشى كېرەك. رەھبەرلەر كېلىپ كېتىپ تۈرىدۇ، داۋا بولسا ئەبەدىيدۇر.
56 – مەشئەل: دۈشمەننىڭ ئاجىزلىق نۇقتىسىنى تېپىش: كۈچىدىنمۇ بەكرەك ئاجىزلىقلىرىغا مەركەزلىشىش
خىتاي، غايەت زور بىر كۈچتەك كۆرۈنۈشى مۇمكىن. ئەمما ھەر قانداق گىگانتنىڭ ئاجىزلىق نۇقتىلىرى بولىدۇ. بېرىتانىيەنىڭ ئاجىزلىق نۇقتىسى، ئۆز ئارمىيەسى ئىچىدىكى ھىندى ئەسكەرلىرى ئىدى. بوس، بۇ ئاجىزلىقنى تېپىپ چىقىپ، پۈتۈن ئىستراتېگىيەسىنى شۇ يەرگە مەركەزلەشتۈردى ۋە ئىمپېرىيەنى يىقىتتى. بىزنىڭمۇ ۋەزىپىمىز، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي، ھەربىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي سىستېمىسىدىكى يېرتىقلارنى، ئاجىزلىقلارنى ۋە كاۋاكلارنى تېپىپ چىقىپ، كۈچىمىزنى شۇ نۇقتىلارغا مەكەزلەشتۈرۈشتۈر.
57 – مەشئەل: سىياسىي ئەقىلنى ئىشلىتىش: خەلقنىڭ كۈچىنى سىياسىي سەرمايىگە ئايلاندۇرۇش
قۇرۇلتاي پارتىيەسى، خەلقنىڭ «ئازاد ھىندىستان ئارمىيەسى» گە بولغان مۇھەببىتىنى كۆردى ۋە بۇ غايەت زور ھېسسىيات دولقۇنىنى ئۆز سىياسىي كېمىسىنى ماڭغۇزۇش ئۈچۈن بىر دېڭىز سۈپىتىدە ئىشلەتتى. بۇ بىزگە، خەلقنىڭ ئىرادىسى ۋە قوللىشىنىڭ، توغرا باشقۇرۇلغاندا ئەڭ چوڭ سىياسىي سەرمايە بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ. دىئاسپورادىكى خەلقىمىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى، ئېنېرگىيەسىنى ۋە پىداكارلىقىنى، خەلقئارا سىياسەتتە كونكرېت نەتىجىلەرگە ئايلاندۇرىدىغان ئەقىللىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك مېخانىزملارنى قۇرۇشىمىز كېرەك.
58 – مەشئەل: «مەقبۇل رەھبەر» توزىقىغا قارشى ھوشيارلىق
ئىشغالچى كۈچلەر ۋە خەلقئارا ئاكتىيورلار، ئادەتتە ئۆز مەنپەئەتىگە ئەڭ ئۇيغۇن، ئەڭ ئاز تەھدىتلىك ۋە ئەڭ ئاسان سۆھبەتلىشەلەيدىغان «مەقبۇل» رەھبەرلەرنى ياكى گۇرۇپپىلارنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىشقا مايىل بولىدۇ. گاندىنىڭ پاسسىپ قارشىلىقى، بېرىتانىيە ئۈچۈن بوسنىڭ قوراللىق كۈرىشىدىن كۆپ «باشقۇرغىلى بولىدىغان» بىر تەھدىت ئىدى. بۇ توزاققا قارشى ھوشيار بولۇشىمىز، مۇستەقىللىققا ئوخشاش مۇتلەق بىر نىشاندىن بىزنى تېيىلدۈرىدىغان ساختا قەھرىمانلارغا ۋە كېلىشىمچى يوللارغا قارشى دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.
59 – مەشئەل: ئەخلاقىي پۈتۈنلۈك: سۆز بىلەن ھەرىكەتنىڭ بىرلىكى
گاندىنىڭ مىراسىنىڭ ئىرقچىلىق ۋە شەخسىي ھاياتىدىكى زىددىيەتلەر سەۋەبىدىن بۈگۈنكى كۈندە ئېغىر دەرىجىدە سوئال سوراقلارغا دۇچ كېلىشى، بىر داۋانىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ۋە ھەرىكەتنىڭ پۈتۈن گەۋدىسىنىڭ، تەشەببۇس قىلغان قىممەت قاراشلىرىنى ئۆز ھاياتىدىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرىشىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈكىمىزنى قوغداشتا، دۈشمەن بىزگە قارشى ئىشلىتەلەيدىغان ئەڭ كىچىك بىر كۇزىرنىمۇ تۇتقۇزۇپ قويماسلىقىمىز لازىم، ئەخلاق داۋايىمىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورغىنىدۇر.
60 – مەشئەل: تارىخنى قايتا يېزىش سەۋرى ۋە قەتئىيلىكى
بوسنىڭ ھەقلىقلىقى، ئۆلۈمىدىن 70 يىل كېيىن يېزىلماقتا. بۇ، ھەقىقەتنىڭ كېچىكىپ بولسىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن سەۋرلىك، قەتئىي ۋە ئۈزلۈكسىز بىر كۈرەشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۈگۈن خىتاينىڭ تەشۋىقات سىستېمىسى ناھايىتى كۈچلۈك كۆرۈنۈشى مۇمكىن. ئەمما بىز، ھەقىقەتنىڭ ئۇرۇقلىرىنى تېرىشقا، ھۆججەتلەرنى يىغىشقا، گۇۋاھلىقلارنى خاتىرىلەشكە داۋام قىلىشىمىز كېرەك. كەلگۈسى ئەۋلادلار، بىزنىڭ بۈگۈن قىلغان بۇ تارىخىي كۈرىشىمىز سايىسىدا ئۆزلىرىنىڭ شانلىق ئۆتمۈشىگە ئىگە چىقىدۇ.
61 – مەشئەل: ئاخىرقى نىشاننىڭ مۇرەسسەسىزلىكى
بوس بىلەن گاندى ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ تۈپ پەرقلىقلەردىن بىرى، نىشاننىڭ ئېنىق بولۇشى ئىدى. بوس ئۈچۈن نىشان «پۇرنا سۋاراج»، يەنى «تولۇق ۋە شەرتسىز مۇستەقىللىق» ئىدى. گاندى ۋە قۇرۇلتاي بولسا بەزىدە دومىنىيونلۇقتەك تېخىمۇ ئازغا رازى بولىدىغانلىقىغا دائىر سىگناللارنى بېرىپ تۇراتتى. داۋايىمىزنىڭ قۇتۇپ يۇلتۇزى، ھەر تۈرلۈك ئاپتونومىيە، مەدەنىيەت ھوقۇقى ياكى ياخشىلاش ۋەدىلىرىگە ئالدانماستىن، مۇنازىرە قىلىنمايدىغان ۋە قەتئىي مۇرەسسەسىز «تولۇق مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان» بولۇشى كېرەك. نىشان خىرەلەشكەندە ئىرادە ئاجىزلايدۇ.
62 – مەشئەل: ئىستراتېگىيەلىك كورلۇقنىڭ بەدىلى: تارىخىي پۇرسەتنى قولدىن بېرىش
گاندى ۋە قۇرۇلتاي رەھبەرلىكى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى بىر «ئالتۇن پۇرسەت» سۈپىتىدە كۆرەلمىدى. دۈشمەن ئەڭ ئاجىزلاشقان پەيتتە ئۇنىڭغا قارشى ئومۇمىي يۈزلۈك قارشىلىقنى باشلاشنىڭ ئورنىغا، ئىچكى تالاش-تارتىشلار ۋە ئەخلاقىي سوئاللار بىلەن ۋاقىت ئىسراپ قىلدى. بۇ بىزگە، ئىستراتېگىيەلىك كورلۇقنىڭ بەدىلىنىڭ، يوقىتىلغان ئەۋلادلار ۋە كېچىكتۈرۈلگەن ئازادلىق بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ. ۋەزىپىمىز، دۇنيانىڭ ھەر دەقىقىدە ئۆزگىرىۋاتقان گېئوسىياسىي شاھمات تاختىسىنى بىر دەقىقىمۇ كۆزىمىزدىن ئايرىماستىن، دۈشمىنىمىزنىڭ ھەر بىر ئاجىزلىقىنى پايدىمىزغا ئايلاندۇرىدىغان پۇرسەتلەرنى يارىتىش ۋە مەھكەم تۇتۇشتۇر.
63 – مەشئەل: سىمۋوللارنىڭ قۇدرىتى: پىكىر جېڭىدە قەلئەلەرنى فەتىھ قىلىش
قىزىل قەلئە، بېرىتانىيەنىڭ ھىندىستاندىكى كۈچىنىڭ سىمۋولى ئىدى. بوسنىڭ ئارمىيەسىنىڭ «دېھلىگە يۈرۈش!» شۇئارى ۋە قىزىل قەلئەدە سوتلانغان ئەسكەرلىرى، بۇ سىمۋولنى ئىگىلەش جېڭى ئىدى. سوتلار، قەلئەنىڭ فىزىكىلىق تېمىدىن تېخىمۇ مۇھىم بولغان ئاڭلاردىكى تاملارنى يىقىتتى. بىزنىڭمۇ خىتاينىڭ ئىشلىتىۋاتقان سىمۋوللىرىنى (بېيجىڭدىكى تىيەنئەنمېن مەيدانى، «بىر خىتاي» پىرىنسىپى، جۇڭخۇا مىللىتى … دېگەندەكلەرنى) نىشان قىلغان، ئۇلارنىڭ مەنىسىنى گۇمانلىق ھالغا كەلتۈرىدىغان ۋە ئۆز سىمۋوللىرىمىزنى (كۆك بايرىقىمىز، مىللىي مارشىمىز، دۆلەت گىرىبىمىز) نى دۇنياغا قوبۇل قىلدۇرىدىغان ئەقىللىق بىر سىمۋوللار ئۇرىشى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك.
64 – مەشئەل: غەلىبىدىن كېيىنكى جەڭ: مىراسنى قوغداش كۈرىشى
بوسنىڭ ھېكايىسىنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك ساۋىقى، غەلىبىنىڭ قازىنىلغاندىن كېيىن ئوغرىلىنىپ كېتىدىغانلىقىدۇر. ئۇنىڭ مىراسى، ئۆز سەپداشلىرى تەرىپىدىن سىياسىي مەنپەئەتلەر ئۈچۈن قەستەن كۆمۈۋېتىلدى. بۇ بىزگە، غەلىبىدىن كېيىنكى كۈننىڭ، كەم دېگەندە غەلىبىگە بارىدىغان يولدەكلا خەتەرلىك بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ. كەلگۈسىدىكى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستاندا، پەرقلىق قەھرىمانلارغا ۋە پەرقلىق كۈرەش يوللىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ھاكىمىيەت ھىرىسمەنلىكى ئۈچۈن تارىخنى بۇرمىلىمايدىغان، مۆتىدىل، بىرلەشتۈرگۈچى بىر سىياسىي مەدەنىيەت بەرپا قىلىش، بۈگۈندىن باشلاپ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىمىزدىن بىرىدۇر. چۈنكى بىر ۋەتەننى قۇتقۇزۇشقا ئوخشاش ئۇ ۋەتەننىڭ روھىنى ياشىتىشمۇ مۇقەددەس ۋەزىپىدۇر.
65 – مەشئەل: ئىچكى سەپنى باشقۇرۇش: رىقابەتنى ۋەيرانچىلىققا ئەمەس، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇش
بوس بىلەن گاندى ۋە نېھرۇ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش، بىر ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ خەتەرلەردىن بىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئىچكى رىقابەتنىڭ داۋانى ۋەيران قىلىش خەۋپى بولىدۇ. بىر ھەرىكەت، پەرقلىق ئىستراتېگىيەلەرگە ۋە رەھبەرلەرگە ئىگە بولۇشى مۇمكىن. مۇھىم بولغىنى، بۇ پەرقلىقلىقلارنى بىر بايلىق ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى سۈپىتىدە باشقۇرالايدىغان بولۇشتۇر. ئاخىرقى نىشان بولغان تولۇق مۇستەقىللىق، شەخسىي ھىرىسلارنىڭ ۋە گۇرۇپپا تالىشىشلىرىنىڭ ھەر دائىم ئۈستىدە تۇتۇلۇشى كېرەك. ئەكسىچە بولغاندا، دۈشمەن سىرتتىن يىقىتالمىغان قەلئەنى، ئىچىدىن ئۆز قولىمىز بىلەن تاپشۇرۇپ بېرىش خەۋپىگە ئۇچرايمىز.
66 – مەشئەل: نىشان بىرلىكى، مېتوتتىكى ئوخشىماسلىقلارنى يېڭىدۇ، ھۆرمەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قىممىتى
گاندى ۋە بوسنىڭ ھېكايىسى، دىئاسپورادىكى بۈگۈنكى ئاچچىق پارچىلىنىشىمىزغا بىر ئەينەك تۇتىدۇ. ئۇلار، ئەڭ كەسكىن ئىدېئولوگىيەلىك رەقىبلەر ئىدى. بىرى تىنچلىقپەرۋەرلىكنىڭ ئەۋلىياسى، يەنە بىرى قوراللىق كۈرەشنىڭ قوماندانى ئىدى. ئەمما بۇ، ئۇلارنى بىر-بىرىنىڭ ئورىسىنى كولاشقا، بىر-بىرىنى خائىن ئېلان قىلىشقا ئېلىپ بارمىدى. ئەكسىچە، بىر-بىرىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىكىگە ھۆرمەت قىلدى. بۇ ساۋاق ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە. داۋايىمىزدا پەرقلىق ئۇسۇللارنى، پەرقلىق پوزىتسىيەلەرنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار بولۇشى مۇمكىن. مۇھىم بولغىنى، بۇ پىكىر رىقابىتىنى، بىر-بىرىنى يوقىتىشقا قارىتىلغان بىر دۈشمەنلىككە ئايلاندۇرماسلىق، ئەكسىچە تامامەن ئورتاق نىشان بولغان «تولۇق مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان» چەمبىرىكىدە بىردەكلىككە ئىگە قىلىشتۇر. رەقىبىنىڭ ۋەتەن سۆيگۈسىگە ھۆرمەت قىلىش بىر ئاجىزلىق ئەمەس، داۋانىڭ پۈتۈنلۈكىگە خىزمەت قىلىدىغان ئەڭ چوڭ ئەخلاقىي كۈچتۇر. بىر-بىرىنىڭ ئورىسىنى كولىغانلار، ئاخىرقى ھېسابتا ئىچىگە پۈتۈن مىللەتنى سۆرەپ چۈشىدىغان بىر زۇلمەتلىك ھاڭنى كولىغان بولىدۇ.
8 – بۆلۈم: ئەڭ ئاخىرقى قەسەم — شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق يولى
بىر ھېكايە ئاخىرلاشتى. ئوتتەك يالقۇنلۇق بىر روھنىڭ، نېتاجى سۇبھاس چاندرا بوسنىڭ، بىر ئىمپېرىيەنىڭ كۈللىرى ئارىسىدىن ئۆز مىللىتىنىڭ ئازادلىقىنى قانداق ئىشقا ئاشۇرغانلىقى ھەققىدىكى داستان ئاخىرلاشتى.
لېكىن بىر ھېكايە ئاخىرلاشقاندا، يېڭى بىر ھىكايە باشلىنىدۇ. بۇ بىزنىڭ ھېكايىمىز. بۇ، پەقەت قۇرۇق بىر تېكىست ئەمەس؛ بۇ، يەتمىش يىللىق ۋەتەن ھەسرىتىنىڭ، تۆكۈلگەن قانلارنىڭ ۋە قىلىنغان دۇئالارنىڭ ئۈستىگە، تارىخ ۋە كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىز ئالدىدا قەسەم ئېچىش چاقىرىقىدۇر.
كۈرەش تارىخىمىز، يەتمىش يىلنىڭ ئاخىرىدا بىزگە ئاچچىق بىر ھەقىقەتنى پىچىرلىماقتا. بىز، ئاساسەن مەھاتما گاندىنىڭ يولىدا ماڭغان يولۇچىلار ئىدۇق. ئەخلاقىي جەھەتتىن ھەقلىق، ۋىجدانەن پاك، ئەمما ئىستراتېگىيەلىك جەھەتتىن پۈتۈنلەي بېچارە ئىدۇق. كۆز ياشلىرىمىزنى دەريا قىلدۇق، دۇنيانىڭ ۋىجدان ئىشىكلىرىنى قېقىپ ھاردۇق، نامايىش مەيدانلىرىنى توشقۇزدۇق. بۇ بارلىق سەمىمىيەت ۋە پىداكارلىق، بىزنى تۇرغان يېرىمىزدە چۆرگىلەپ، ئۆزىمىزنى ئۇپرىتىشتىن باشقا، بىر قەدەممۇ ئالغا ئىلگىرلىتەلمىدى.
ئەمدى تارىخ، بوسنىڭ ھايات داستانىدىن روھىمىزغا سۈزۈلگەن 66 مەشئەلنىڭ يورۇقىدا، يەتمىش يىللىق «شەرەپلىك كۈتۈشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھارغىنلىقى» نى ۋە «تەشكىللىك يىغلاش» ئەندىزىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان بىر قەسەم بىلەن قايتىدىن باشلىنىدۇ. بۇ، يىغلاپ قاقشاش دەۋرىنى ئارقىمىزغا تاشلاپ، ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەت دەۋرىنى ئاچىدىغان «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق يولى» نىڭ چاقىرىقىدۇر. چۈنكى ۋاقىت بىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇ. تەيۋەندىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە، رۇسىيەدىن ئامېرىكاغىچە ۋە ئوتتۇرا شەرقتىن ئافرىقىغىچە بولغان ھازىرقى داۋالغۇشلۇق ۋەزىيەت شۇنداقلا پات يېقىندا ئۆزگىرىش ئالدىدا تۇرغان دۇنيا تەرتىپى بىزگە تارىختا كۆرۈلمىگەن بىر ئالتۇن پۇرسەتنى سۇنۇش ئالدىدا تۇرىدۇ. كاللىمىزنى سىلكىپ بۇ ئالتۇن پۇرسەتكە بۈگۈندىن باشلاپ تەييارلىقىمىزنى پۇختا قىلمىساق، تارىخنىڭ، ۋەتەن – مىللەتنىڭ ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ ئالدىدا، بولۇپمۇ ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھەرگىزمۇ ئۆزىمىزنى ئاقلىيالمايمىز.
ئەسكەرتىش:
مىللىتىمىز تامامەن يوقۇلۇش ياكى تولۇق خىتايلىشىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان ھازىرقى ھايات – ماماتلىق ھاڭنىڭ گىرۋېكىدىمۇ چەت ئەللەردىكى تەشكىلاتلىرىمىز ئەگەر گۇرۇپپىۋازلىقنى، قۇرۇۋالغان بەگلىكلىرىنى ۋە شەخسىي كىبىر، غۇم – ئاداۋەتلىرىنى ئاللاھ يولىدا، ۋەتەن مىللەت ئۈچۈن بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، تۆۋەندىكى تەشكىلات ئەقلى بىلەن ئەمەس، دۆلەت ئەقلى بىلەن ھازىرلانغان قانۇنىيلىق ۋە سىسستېمىلىشىش ئۈستىگە قۇرۇلىدىغان يول خەرىتىسىدە قول تۇتۇشۇپ ماڭالمىسا، مۇستەقىللىق كۈرىشىمىز ئاخىرىقى يوقۇلىشىمىزنى كۆرسىتىدۇ. (بۇ يەردە پەقەت يول خەرىتىمىزنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىلا ھەمبەھىرلەندى. ھەر بىر ماددىسى، جىددىي قىلىنىدىغان مىڭلارچە خىزمەت ۋە تاشلىنىدىغان ھەر بىر قەدەمگە ئالاقىدار يۈزلەرچە، 70-80 بەتلىك ئىنچىكە تېخنىكىلىق تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان مەخپىيەتلىك سۈپىتىدە ھەقىقىىي سەمىمىيەت بىلەن بۇ ئىستىراتېگىيەلىك سەپەرۋەرلىكنى باشلاشقا نىيەتلەنگەن چوڭلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىلىدۇ)
ئىستراتېگىيەنىڭ ئالدىنقى شەرتى: تەشكىلات سالاھىيىتىدىن دۆلەت ئىرادىسىغا يۈكسىلىش
بۇ نۇقتىغا ئۆتۈشتىن ئىلگىرى، ئەڭ تۈپكى ھەقىقەتنى چوڭقۇر ھېس قىلىشىمىز شەرت: بارلىق دۆلەتلەر، ۋەقىپ، تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەر بىلەن ئەمەس، دۆلەتلەر بىلەن ياكى دۆلەت بولۇش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە قانۇنلۇق ئىرادىلەر بىلەن سۆھبەت ئۈستىلىدە ئولتۇرىدۇ. يەتمىش يىل بويىچە، ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ تەشكىللىك جەمئىيەتلىرىمىزمۇ ھەرقايسى دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ يېپىق ئىشىكلەر ئارقىسىدا بەرگەن كىچىك تەسەللىلىرى ۋە سىمۋوللۇق ياردەملىرىدىن ھالقىپ، ھەرگىزمۇ رەسمىي بىر «مۇئامىلە قىلىنىدىغان تەرەپ» سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنمىدى. چۈنكى خەلقئارا سىياسەتنىڭ مۇزدەك سوغۇق قائىدىسى مۇشۇنداق. «تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەر ياردەم سورايدۇ، ھۆكۈمەتلەر بولسا، پەردە ئارقىسىدىن سەدىقە بېرىدۇ»
نېتاجى سۇبھاس چاندرا بوسنىڭ ئەقلىي پاراسىتى دەل مۇشۇ نۇقتىدا يالقۇنلايدۇ: ئۇ، گېرمانىيەگە ياكى ياپونىيەگە بىر تەشكىلات رەئىسى سۈپىتىدە بارغان بولسا، ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قانچە قاپ ياردەمگە ئېرىشەلەيتتى. ئەمما ئۇ، سۈرگۈندە ئىكەنلىكىگە قارىماي، بىر «ئازاد ھىندىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى» نى قۇرۇپ چىقتى. بۇ سەۋەبتىن، ئۇ گىتلېر ۋە توجونىڭ ئالدىدا بىر تىلەمچى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۆزى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكە تېگىشلىك بىر دۆلەت رەئىسى، باراۋەر مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەكلىك تەرەپ سۈپىتىدە ئولتۇردى. شۇڭلاشقا، بۇ يول خەرىتىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەر بىر ئىستراتېگىيەلىك قەدەمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ مۇتلەق ئالدىنقى شەرتى، دىئاسپورادىكى تارقاق تەشكىلات ۋە جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدىن ھالقىپ، بىرلا قانۇنلۇق «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» ئىرادىسى ئاستىدا بىرلىككە كېلىشتۇر. ئەكسىچە بولغاندا، رەسمىي مۇئامىلە قىلىشقا تېگىشلىك تەرەپ سالاھىيىتىگە ئىگە بولمىغانلىقىمىزدىن ئەڭ يارقىن ئىستراتېگىيەلەرمۇ نەتىجىسىز قېلىشقا مەھكۇمدۇر.
ھەممە ئىش، پەقەت بىرلا تەپەككۇر ۋە روھىي ئىنقىلاب بىلەن باشلىنىدۇ. بوس بىزگە «قۇربانلىق پىسخىكىسىدىن جەڭچى روھىغا ئۆتۈش» (9-مەشئەل) ۋە «ئاچچىق-ئازابنى ئىستراتېگىيەلىك يېقىلغۇغا ئايلاندۇرۇش» (15-مەشئەل) نى ئۈگىتىدۇ. روھىمىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئۆزىمىزدىن شۇ سوئالنى سورىشىمىز كېرەك:
بىز، زۇلۇمغا ئۇچرىغان، ياردەمگە مۇھتاج بىر «ئىنسانىي كىرىزىس يۈكى» مۇ؟ ياكى خىتاينىڭ ئەڭ ئاجىز ھالقىسى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كىندىكى، ئەركىن دۇنيانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بىر «گېئوسىياسىي بايلىق» مۇ؟
بىرىنچى تاللاش بىزنى سەدىقىگە ئېرىشتۈرىدۇ، ئىككىنچىسى بولسا ئىتتىپاقداش يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ چاقىرىق؛ دەل ئىككىنچى يولنى تاللىغانلارنىڭ يول خەرىتىسىدۇر.
بۈگۈن، بىز بۇ قۇربانلىق پىسخىكىسىنىڭ ئازابلىق ئازگىلىنى تىندۇرۇپ، كۈرىشىمىزنى پولاتتەك ئۈچ پىرىنسىپ ئاساسىدا قايتىدىن بەرپا قىلىمىز. ئاكتىپ مۇداپىئە، كۆپ قاتلاملىق مۇقاۋەمەت (قارشىلىق) ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق.
لېكىن شۇنىسى ئاچچىق ھەقىقەتكى، ئەڭ يارقىن ئىستراتېگىيەلەرمۇ ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان لاياقەتلىك ئىنسان مەنبەسى بولمىسا، مەنىسىز قۇرۇق گەپكە ئايلىنىپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا، چاقىرىقىمىزنىڭ تۈپكى پەلسەپىسى، دىئاسپورانىڭ ئەڭ جان ئالغۇچى ئاجىزلىقىنى ئەڭ چوڭ كۈچىگە ئايلاندۇرىدىغان «قوش قاناتلىق ئىنسان كۈچى ئىستراتېگىيەسى» ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ.
بىرىنچىسى، ئىچكى قانات (ئىقتىدارلىقلارنى سەپەرۋەر قىلىش)
ساداقەت ۋە نۇپۇز ئاساسىدا رەھبەر تەيىنلەپ، ئۆز ئىچىمىزدىكى «ئىقتىدارلىقلارنى ئۆز قولىمىز بىلەن قىرغىن قىلىش» تەك ئاخمىقانىلىققا خاتىمە بېرىپ، ئەڭ تالانتلىق پەرزەنتلىرىمىزنى ساداقەتمەنلىك، يۇرتۋازلىق ياكى شەخسىي مۇناسىۋەت بىلەن ئەمەس، بەلكى سىستېمىلاشقان ئۆلچەم ۋە بىر مېخانىزم بىلەن بايقاپ چىقىدىغان، يېتىشتۈرىدىغان ۋە ئىقتىدارىغا قاراپ ۋەزىپىگە تەيىنلەيدىغان بىر قۇرۇلما بەرپا قىلىشىمىز شەرت.
ئىككىنچىسى، تاشقى قانات (خەلقئارالىق كۈچ بىرلىكى)
ئىقتىدارلىق ئادەم كەمچىلىكىمىزنى ھەل قىلىش، كۈرىشىمىزنى تېزلىتىش ۋە دۇنياۋى سەۋىيەگە ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن، داۋايىمىزغا چەت ئەللىك دوست ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى، كەسپىي خادىملارنى، قانۇن شىركەتلىرىنى، لوبىچىلىق شىركەتلىرىنى ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى سەپەرۋەر قىلىشىمىز لازىم.
چۈنكى پەقەت ئۆزىگىلا تايانغان بىر ئەقىل يالغۇز قالىدۇ. شۇنىڭدەك چەت ئەلگىلا تايانغان بىر قۇرۇلمىمۇ يىلتىزسىز قالىدۇ. غەلىبە، بۇ ھەر ئىككى قاناتنى تەڭ، ماس ھالدا باشقۇرالايدىغان تەۋرەنمەس بىر ئىرادىگە مەنسۇپتۇر.
بۇ چاقىرىق، بۇ ئىككى قاناتنى بىللە پەرۋاز قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئادەم كۈچى ئاجىزلىقىىمىزغا خاتىمە بېرىپ، تارىخنىڭ ئوبيېكتى بولۇشتىن، تارىخنىڭ سۇبيېكتى بولۇشقا قەسەم قىلىدىغانلارنىڭ يول خەرىتىسىدۇر. بۇ ئومۇميۈزلۈك ئازادلىق يولى، «ئىقتىسادىي سەپ، سىياسىي سەپ، دىپلوماتىيە سېپى، ئاكادېمىيە ۋە قانۇن سېپى، پىسخىئولوگىيە، ئاخبارات ۋە كۈلتۈر سېپى، مۇداپىئە سېپى» قاتارلىق ئالتە سەپتە، بىر روھ ۋە بىر ئەقىل بىلەن ئەمەلىيلىشىدۇ.
1 – ئىقتىسادىي سەپ — سەدىقە پىسخىكىسىدىن ئىقتىسادىي مۇستەقىللىق روھىغا ئۆتۈش
شۈبھىسىزكى، بۈگۈنكى كۈندە ئىقتىسادىي كۈچىمىز تارقاق ۋە سەدىقە-ياردەم پىسخىكىسىغا بويۇن ئېگىپ قالغان بىر ھالەتتە تۇرماقتا. بۇ، سىياسىي ئىرادىمىزنى بوغۇپ، كەلگۈسىمىزنى باشقىلارنىڭ ئىنسابىغا گۆرۈگە قويۇۋاتقان ئىنتايىن خەتەرلىك ئىستراتېگىيەلىك ئاجىزلىقتۇر. تېخىمۇ تۈپ مەسىلە شۇكى، خەلقىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كۈندىلىك تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ئىچىدە قىينىلىپ، داۋاغا ۋاقىت ۋە زېھنىنى ئاجرىتالمايۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بىر قانچە قاپ ئۇن-ياغ بىلەن قىلىنغان ياردەملەر بۇ چوڭقۇر يارىغا پەقەت ۋاقىتلىق مەلھەم بولۇشتىن باشقا رول ئوينىيالمايدۇ. بۇنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن « شەرقىي تۈركىستان خەلقئارالىق ئازادلىق فوندى» قۇرۇپ چىقىش زۈرۈرى شەرتتۇر.
شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق فوندى قۇرۇش ۋە مىللىي ھەسسىدارلىق روھى يارىتىش
خەلقئارالىق نازارەتكە ئوچۇق، كەسپىيلەشكەن ۋە خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە ئۇيغۇن بىر «شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق فوندى» قۇرۇپ چىقىلىدۇ. دىئاسپورادىكى ھەر بىر قېرىندىشىمىز بۇنىڭدىن كېيىن «خەير-ساخاۋەت قىلغۇچى» ئەمەس، بەلكى ئازاد شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىززەت-ھۆرمەتلىك بىر «ھەسسىدارى» دەپ قارىلىدۇ. ئۇلارنىڭ قوشقان ھەر بىر تىيىن تۆھپىسى تارىخ سەھىپىلىرىگە ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن يېزىلىدۇ. (45-مەشئەل)
شەخسنى كۈچلەندۈرۈش ئارقىلىق مىللەتنى قەد كۆتتۈرگۈزۈش ئىستراتېگىيەسى، مىللىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات كوپىراتىپلىرى
بىز، سەدىقە پىسخىكىسىنى تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا تاشلاپ، ئىسرائىلىيەنىڭ «كىببۇتز» لىرىدىن ۋە ئاغاخاننىڭ ئىسمائىلىي جامائىتىنى ئۈزۈل-كېسىل ئاياققا تۇرغۇزغان ھەمكارلىق مودېللىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، تۆۋەندىن يۇقىرىغىچە كەڭ كۆلەملىك بىر ئىقتىسادىي سەپەرۋەرلىكنى باشلايمىز. ھەر 10-20 ئائىلە بىر «ھەمكارلىق بىرلىكى» سۈپىتىدە تەشكىللىنىدۇ. بۇ بىرلىكلەر ئۆز ئىچىدە كىچىك كاپىتاللارنى توپلاپ، شۇنداقلا «شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق فوندى» دىن ئالىدىغان «باشلانغۇچ كاپىتال» ياردىمى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئاشخانا، دۇككان، سىخ، تاللا بازىرى، تەرجىمە شىركىتى، مەسلىھەتچىلىك شىركىتى قاتارلىق خۇسۇسىي ئىگىلىكلەرنى قۇرۇپ چىقىدۇ. بۇ، ئىنسانلىرىمىزغا پەقەت بېلىق بېرىش ئەمەس، بەلكى بېلىق تۇتىدىغان قارماقنى ۋە كېمىنى تەڭ بەرگەنلىكتۇر. مەقسىتىمىز، ھەر بىر ئائىلىمىزنى ئۆز پۇتىدا مەھكەم تۇرالايدىغان بىر ئىقتىسادىي قورغانغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلارنى كۈندىلىك تۇرمۇش غېمىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، داۋانىڭ جانلىق، ئاكتىپ جەڭچىلىرىگە ئايلاندۇرۇشتۇر.
شۈبھىسىزكى، بۇ ئىككى مودېل پەقەتلا تارىخىي مىسال ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ «مىللىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات كوپىراتىپلىرى» لايىھەمىزنىڭ جانلىق، نەپەس ئېلىۋاتقان، كونكرېت يول خەرىتىسىدۇر. بۇ مودېللارنىڭ قانداق مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى چۈشىنىش، ئۆزىمىزنىڭ مودېلىنى بەرپا قىلىشتا بىزگە بىباھا بىر يىراق كۆرەرلىك ۋە نىشان ئاتا قىلىدۇ.
كوپىراتىپ ھەمكارلىقىنىڭ جانلىق ئۈلگىلىرى
تۆۋەندىكى مودېللار، بىر جامائەتنىڭ ئورتاق بىر غايە ئۈچۈن بىر يەڭدىن قول چىقارغاندا، ئەڭ مۈشكۈل شارائىتلاردىمۇ قانداق ئىقتىسادىي مۆجىزىلەرنى يارىتالايدىغانلىقىنىڭ ئەڭ جانلىق ئۆرنەكلىرىدۇر.
ئىسرائىلىيەنىڭ «كىببۇتز» مودېلى: تۇپراقتىن تېخنىكىغا، كوللېكتىپ ھايات قېلىش ۋە مىللىي سانائەت سەنئىتى
بۇ مودېلدا ھەممە ئادەم ئۆز قابىلىيىتىگە قاراپ تۆھپە قوشىدىغان، ئۆز ئېھتىياجىغا ئاساسەن ھەسسە ئالىدىغان، پۈتۈنلەي كوللېكتىپ مۈلۈكچىلىك ۋە تۇرمۇش شەكلىدۇر. بۇ، «مېنىڭ» ئەمەس، «بىزنىڭ» دېگەن ئۇقۇمنىڭ ئىقتىسادىي تۈزۈمگە ئايلىنىشىدۇر.
كونكرېت مىساللار
تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، 1920-يىللاردا پەلەستىنگە كەلگەن 50-60 كىشىلىك بىر تۈركۈم يەھۇدىي ياشلىرى، قاقاس، قۇپقۇرۇق بىر پارچە يەرنى سېتىۋالىدۇ. يانچۇقىدا پۇلى، ياتىدىغان ئۆيى يوق. ئۇلارنىڭ قىلغان تۇنجى ئىشى بىر «كىببۇتز» (كوپىراتىپ) قۇرۇش بولىدۇ. تراكتور، ئېتىز، ئېغىللار ھېچقايسىسى شەخسىي ئەمەس، ھەممىسى كىببۇتزنىڭ، يەنى ھەممەيلەننىڭ ئورتاق مېلى.
دەسلەپتە پەقەت دېھقانچىلىق قىلىدۇ. ئېتىزدىن كىرگەن بارلىق كىرىم بىرلا ھېسابقا يىغىلىدۇ. ھېچكىم مائاش ئالمايدۇ. لېكىن ھەممەيلەننىڭ يېمەك-ئىچمىكى، تۇرالغۇسى، كىيىم-كېچىكى ۋە پەرزەنتلىرىنىڭ تەلىم-تەربىيەسى مۇشۇ ئورتاق ھېسابتىن قامدىلىدۇ. ھېچكىم ئاچ قالمايدۇ، ھېچكىم سىرتتا قالمايدۇ. پۈتۈن جامائەت، ھەر بىر ئەزاسىنىڭ كەينىدە مەھكەم تۇرغان غايەت زور بىر ئائىلىگە ئوخشايدۇ.
كىببۇتزلار پەقەت دېھقان بولۇش بىلەن چەكلىنىپ قالمىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، دېھقانچىلىقتىن يىغقان كاپىتاللىرىنى مەبلەغ قىلىپ كىچىك سېخلار ۋە زاۋۇتلارنى قۇردى. مەسىلەن، بىر كىببۇتز، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تامچىلىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسى شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان «نېتافىم» (Netafim) نى قۇرۇپ چىقتى. يەنە بىر كىببۇتز، ھەربىي ئوپتىك ئەسۋابلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر تېخنىكا گىگانتىغا ئايلاندى. باشقا بىر كىببۇتز، بۈگۈن ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ يېمەك-ئىچمەك ماركىلىرىدىن بىرىنى ياراتتى. يەنى، ئېتىزلىقتا باشلانغان كوللېكتىپ كۈچ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دۇنيا بازىرىغا مال ساتىدىغان سانائەت كارخانىلىرىغا ئايلاندى.
بۇ كىببۇتزلارنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى مۇنداق ئىدى: ھەممەيلەن بىللە تاماق يەيدىغان چوڭ بىر ئاشخانا، كىيىملەر ئورتاق يۇيۇلىدىغان چوڭ كىرخانا ۋە ئەڭ مۇھىمى، بالىلار بىللە چوڭ بولىدىغان، كەسپىي تەربىيەچىلەر تەرىپىدىن تەربىيەلىنىدىغان بالىلار ئۆيلىرىنىمۇ قۇرۇپ چىقتى. بۇ سىستېما، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىدىن خاتىرجەم ئېتىزدا ياكى زاۋۇتتا پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلسا، بالىلار ئارىسىدا مۇستەھكەم بىر قېرىنداشلىق رىشتىسىنى شەكىللەندۈردى.
كىببۇتز مودېلى، بىزنىڭ «مىللىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات كوپىراتىپلىرى» لايىھەمىزنىڭ مىكرو دەرىجىدىكى ئەڭ مۇكەممەل ئۈلگىسىدۇر. 10 -20 ئائىلىدىن تەشكىل تاپقان بىر «ھەمكارلىق بىرلىكى» نىڭ، خۇددى بىر كىببۇتزدەك، كىچىك كاپىتاللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ئورتاق بىر ئاشخانا ئېچىشى، بىر تاللا بازىرىنى باشقۇرۇشى ياكى بىر تازىلىق شىركىتى قۇرۇشى پۈتۈنلەي مۇمكىن. قولغا كەلگەن پايدا، ھەم بۇ ئائىلىلەرنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ھەم يېڭى ئىگىلىك ساھەلىرىنى يارىتىش ئۈچۈن كاپىتال جۇغلايدۇ. بۇ، خەلقىمىزنى سەدىقىگە مۇھتاج بولۇشتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆز ئىقتىسادىي تەقدىرىنىڭ ئىگىسى قىلىدىغان، ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە قېرىنداشلىق ئېڭىنى قايتا بەرپا قىلىدىغان ئەڭ كونكرېت قەدەمدۇر.
يەر شارىغا تارقالغان دىئاسپورادىن خەلقئارالىق بىر كۈچكە ئايلانغان تەشكىلىي ھەمكارلىق ئىستراتېگىيەسى، ئاغاخاننىڭ ئىسمائىلىي جامائىتى مودېلى
بۇ مودېل، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىپ كەتكەن بىر دىئاسپورانىڭ، ئىنتايىن كەسپىي، ئوچۇق-ئاشكارا ۋە خەلقئارالىق سەۋىيەدە باشقۇرۇلىدىغان مەركىزىي ئورگانلار ئارقىلىق، غايەت زور بىر ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كۈچكە ئايلاندۇرۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ، «پىدائىيلىق» روھىنى «كەسپىي تەشكىللىنىش» بىلەن بىرلەشتۈرگەن بىر سىستېمىدۇر.
كونكرېت مىساللار:
ئىسمائىلىي جامائىتىنىڭ رەھبىرى ئاغا خان، جامائەت ئەزالىرىدىن كەلگەن ۋە «داسوند» دەپ ئاتالغان قەرەللىك ۋە ئىختىيارىي ئىئانىلەرنى، «ئاغا خان تەرەققىيات لايىھەسى» (Aga Khan Development Network – AKDN) دەپ ئاتالغان غايەت زور بىر تەشكىلىي قۇرۇلما ئاستىغا يىغقان. بۇ قۇرۇلما، بىر تەشكىلاتنىڭكىدەك ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شىركەتلەردەك كەسپىي باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى، (CEO) مالىيە مۇتەخەسسىسلىرى ۋە كەسپىيلەشكەن خەلقئارلىق لايىھە باشقۇرغۇچىلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ.
«ئاغا خان تەرەققىيات لايىھەسى»، بۇ فوندلارنى پاسسىپ ھالەتتە ساقلاپ ئولتۇرماستىن، بەلكى جامائەتنىڭ ۋە ئۇلار ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن غايەت زور مەبلەغلەرگە ئايلاندۇردى.
ساياھەتچىلىك ساھەسىدە، ئافرىقا ۋە ئاسىيانىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرىدە، شۇ دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ ھەشەمەتلىك ۋە نوپۇزلۇق مېھمانخانا زەنجىرلىرىدىن بىرى بولغان «سېرېنا مېھمانخانىلىرى» (Serena Hotels) نى خەلقتىن يىغقان فون بىلەن قۇرۇپ چىقتى.
مالىيە ساھەسىدە، پاكىستاننىڭ ئەڭ چوڭ بانكىلىرىدىن بىرى بولغان «ھەبىب بانكىسى» (HBL) نىڭ ئەڭ چوڭ ھەسسىدارىغا ئايلاندى. نۇرغۇن دۆلەتلەردە «جۇبىلېي سېغۇرتا شىركىتى» (Jubilee Insurance) قاتارلىق گېەانىت سۇغۇرتا شىركەتلىرىنى قۇردى.
سانائەت ۋە ئاخبارات ساھەسىدە، ئافرىقادا سانائەت ئورۇنلىرىنى، پاكىستاندا بولسا دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئاخبارات گۇرۇپپىلىرىدىن بىرىنى، يەنى (Nation Media Group) نى قۇرۇپ چىقتى.
«ئاغا خان تەرەققىيات لايىھەسى» يەنە، پايدا ئېلىشنى مەقسەت قىلمايدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك مۇلازىمەت ساھەلىرىدىمۇ دۇنياۋى ئۆلچەمدىكى ئورگانلارنى بەرپا قىلدى.
مائارىپ ساھەسىدە، پاكىستاندا، تېبابەت ۋە مائارىپ بويىچە دۇنيادىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئورگانلاردىن بىرى بولغان «ئاغا خان ئۇنىۋېرسىتېتى» نى قۇردى.
سەھىيە ساھەسىدە نۇرغۇن دۆلەتلەردە، زامانىۋى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان «ئاغا خان دوختۇرخانىلىرى» نى قۇردى.
دىئاسپورادا چېچىلىپ يۈرگەن ئىسمائىلىي جامائىتىگە تەۋە مىڭلىغان كىچىك تىجارەتچى ۋە دېھقانلارغا ئۆز ئىگىلىكىنى تىكلىشى ئۈچۈن كىچىك قەرز بېرىدىغان مىكرو فوند بانكىلىرىنى قۇرۇپ چىقتى.
ئاغا خان مودېلى، بىزنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق فوندى» ۋە «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» لايىھەمىزنىڭ ماكرو دەرىجىدىكى ئەڭ ئىلھامبەخش ئۈلگىسىدۇر. بۇ مودېل بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇ: دىئاسپورادىكى ھەر بىر قېرىندىشىمىزدىن كەلگەن كىچىك ئىئانىلەر، ئەگەر ئوچۇق-ئاشكارا، كەسپىي ۋە يىراقنى كۆرەر بىر مەركىزىي قۇرۇلما ئاستىدا توپلانسا، پەقەت يېمەك-ئىچمەك ياردىمى قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئەكسىچە، مېھمانخانا زەنجىرلىرىنى قۇرىدىغان، بانكىلارغا ھەسسىدار بولىدىغان، ئۇنىۋېرسىتېتلار ۋە دوختۇرخانىلارنى ئاچىدىغان غايەت زور بىر كۈچكە ئايلانغىلى بولىدۇ. بۇ، پەقەت ئىقتىسادىي مۇستەقىللىقلا ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىرگە خەلقئارا سەھنىدە غايەت زور ھۆرمەتكە، تەسىر كۈچىگە ۋە «يۇمشاق كۈچ» كە ئېرىشىشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر.
خۇلاسە شۇكى، بۇ ئىككى مودېل، شەخسلەرنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ، ئەمەلىيەتتە مىللىي ئازادلىق كۈرىشىنىڭ دەل ئۆزى ئىكەنلىكىنى ھېچقانداق شۈبھىگە ئورۇن قويماستىن ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
ھۆكۈمەتلەر بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىش، ئىقتىسادىي تەسىر كۈچىنى بەرپا قىلىش
ئەڭ ئېچىنىشلىقى شۇكى، بىز بولۇپمۇ تۈركىيەگە ئوخشاش قېرىنداش ئەللەردىكى غايەت زور ئىقتىسادىي پۇرسەتلەرنى، سەمىمىي، لېكىن تەجرىبىسىز بىر «تىلەمچىلىك» ۋە «يالۋۇرۇش» پىسخىكىسى بىلەن بىكارغا ئىسراپ قىلماقتىمىز. بىر قانچە ئاپتوبۇس ياكى ھەقسىز بىر يىغىن زالى تەلەپ قىلىش، گوياكى ئوكياندىن بىر تامچە سۇ تىلىگەندەكلا بىر ئىش. شۇڭا، بۇ «يالۋۇرۇش» پىسخىكىمىزنى دەرھال ۋە ئۈزۈل-كېسىل تەرك ئېتىش كېرەك. ئۇنىڭ ئورنىغا، دىئاسپورادىكى كارخانىچىلىرىمىزنى بىر يەرگە توپلايدىغان بىر «سودا-سانائەتچىلەر كېڭىشى» قۇرۇپ چىقىشىمىز لازىم. بۇ كېڭەشنىڭ ۋەزىپىسى، بىز ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى مىنىستىرلىقلارنىڭ، شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ لايىھە-پىلانلىرىنى شۇنداقلا ھۆددىگە بېرىش پائالىيەتلىرىنى كەسپىي دەرىجىدە، بىرمۇ-بىر كۆزىتىپ تۇرۇش ۋە پۇرسەتتىن پايدىلىنىشتۇر.
ئىستراتېگىيەلىك نىشانىمىز، تىلەمچىلىكتىن ھالقىلىق كۈچكە ئايلىنىش
مەقسىتىمىز، كارخانىچىلىرىمىزنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ئادەتتىكى كىچىك تىجارەتچى بولۇشتىن ھالقىتىپ، ھۆكۈمەتتىن چوڭ-چوڭ لايىھەلەرنى ھۆددىگە ئالىدىغان، باج چېمپىيونى بولىدىغان، مىڭلىغان كىشىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدىغان غوللۇق كۈچلەرگە ئايلاندۇرۇش. تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، بىر مىنىستىرنىڭ ئالدىغا نامايىش ئۈچۈن ئاپتوبۇس سورىغان بىر تەشكىلات رەئىسى سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى شۇ شەھەرنىڭ ئەڭ چوڭ سودا-سانائەتچىسىدىن بىر قانچىنى يېنىغا ئالغان ۋە مىنىستىرلىقنىڭ مەلۇم لايىھەسىنى ھۆددىگە ئېلىش تەلىپى بىلەن كەلگەن رەھبەر سۈپىتىدە ئولتۇرغىنىمىزدا، سىياسىي تەسىر كۈچىمىز مىڭ ھەسسە ئاشىدۇ!
ئىقتىسادىي ئەلچىلەر تورى يارىتىش
ھەر بىر كارخانىچىمىز، ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتتە بىر «ئىقتىسادىي ئەلچى» دەپ قارىلىشى كېرەك. ئۇلارنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشى، تېخىمۇ كۆپ كىرىم قىلىشى ۋە شۇ دۆلەت ئىقتىسادىدا ھالقىلىق رول ئوينايدىغان بىر كۈچكە ئايلىنىشى ئۈچۈن سىياسىي قانات لوبىچىلىق قىلىشى ۋە كونكرېت ئىستراتېگىيەلەرنى تۈزۈپ چىقىشى لازىم.
ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سېلىش
فوندنىڭ بىر قىسمى، كەلگۈسىدە داۋايىمىزغا ياردەم بېرەلەيدىغان ھالقىلىق ساھەلەرگە (مەسىلەن: ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، تېخنىكا شىركەتلىرى، تەشۋىقات-دىپلوماتىيە ۋە لوبى شىركەتلىرى قاتارلىقلارغا) ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى كېرەك.
خەلقئارالىق مالىيە باشقۇرۇش ۋە ئوچۇق-ئاشكارىلىق
«شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق فوندى» نىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، فوندنى باشقۇرۇشتا تەجرىبىلىك چەتئەللىك كەسپىي خادىملار بىلەن ھەمكارلىشىمىز ۋە فوندنىڭ ھېساباتىنى خەلقئارالىق مۇستەقىل ئىقتىسادىي تەپتىش ئورگانلىرى تەرىپىدىن قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرىشىمىز كېرەك.
بۇ فوند يەنە، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا شېرىك بولۇۋاتقان غەرب شىركەتلىرىگە قارشى خەلقئارالىق (بويقۇت قىلىش، يېتىم قالدۇرۇش ۋە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش) ھەرىكەتلىرىنى تەشكىللەش ئارقىلىق، خىتاي بىلەن سودا-سېتىق قىلىشنىڭ ئىقتىسادىي بەدىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
2 – سىياسىي سەپ — قەبىلە باشلىقلىقىدىن قۇرغۇچى دۆلەت ئەقلىگە ئۆتۈش
يىللاردىن بۇيان، رەھبەرلىك شەخسلەرنىڭ نوپۇزى ئەتراپىغا توپلانغان كىچىك بەگلىكلەرگە، تەشكىلاتلار بولسا بىر دۆلەت ئەقلىنىڭ ئورنىغا كىچىك تەشكىلاتچىلىق ئەقلى بىلەن ھەرىكەت قىلدى. لېكىن ئەڭ ئۆلۈمچۈل راك كېسىلىمىز بولسا، ئىچىمىزدىكى ئىشەنچسىزلىكتۇر. خىتاينىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك پىسخىكىلىق ئۇرۇشى، دىئاسپورانىڭ قەلبىگە تېرىۋەتكەن گۇمانخورلۇق ئۇرۇقلىرىدۇر. كىمنىڭ جاسۇس، كىمنىڭ ۋەتەنپەرۋەر ئىكەنلىكى ئېنىقسىزلاشقان، ئەڭ كىچىك بىر پىكىر ئوخشىماسلىقىدا «خائىنلىق» بىلەن قارىلاشتىن يانمايدىغان، ھەممە كىشى بىر-بىرىنى خىتايغا ئىشلەيدۇ دەپ گۇمان قىلىدىغان بۇ ۋەھىمەخور كەيپىيات، بىرلىكىمىزنى ئۆلتۈرىدىغان بىر ئىجتىمائىي راكقا ئايلانماقتا. بۇ ئەھۋال، ئەڭ قىممەتلىك بايلىقىمىز بولغان ئىنسان كۈچىمىزنى ئىسراپ قىلىپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۈشمەننىڭ بىزنى «ئۆز ئىچىدە پارچىلانغان، چىقىشالماس بىر توپ» سۈپىتىدە كۆرۈشىگە ۋە كۆرسىتىشىگە سەۋەب بولۇپ، دىپلوماتىك قوللىرىمىزنى ئاجىزلاشتۇرماقتا.
چارە: بىرلا ۋە قانۇنلۇق ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇش
ئۆتمۈشتىكى تارقاق ۋە ئىناۋىتىنى يوقاتقان قۇرۇلمىلىرىمىزغا مەڭگۈلۈك پېچەت سېلىنىدۇ. بارلىق ئاكتىپ قانۇنلۇق ئاممىۋىي قۇرۇلمىلار، ئىقتىدارغا ئاساسلانغان، تېخنوكرات ۋە يىراقنى كۆرەلەيدىغان كادىرلاردىن تەركىب تاپقان بىرلا قانۇنلۇق «ۋاقىتلىق شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى» نى قۇرۇش ئۈچۈن بىر قۇرغۇچىلار كېڭىشىنى تەشكىللەپ چىقىدۇ. بارلىق تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ھەمكارلىقىدا بەرپا قىلىنىدىغان بۇ قۇرۇلما، پەقەت بىر ۋەكىللىك ئورگىنى ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۈرەشنىڭ سۈرگۈندىكى مېڭىسى ۋە يۈرىكى بولىدۇ. چۈنكى ھۆكۈمەت قۇرماي تۇرۇپ، نە قانۇنىيلىققا، نە باشقا دۆلەتلەردىن ئىتتىپاقداشلىققا ئېرىشكىلى بولمايدۇ.
ئىچكى بىخەتەرلىك ۋە قارشى ئىستىخبارات ئورگىنى قۇرۇش
ئىچىمىزدىكى ئىشەنچ كرىزىسى ۋە جاسۇسلۇق ۋەھىمىسىدىن ھالقىش، شەخسىي ئارزۇ-ئۈمىدلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى سىستېمىلىق كاپالەتلەر ۋە ئۆلچەملەر بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. ۋەزىپىگە تەيىنلەشلەر، غەيۋەت-شىكايەت ياكى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئەمەس، بەلكى خەلققە ئوچۇق ئېلان قىلىنغان خەلقئارالىق ئۆلچەملەر ۋە ئوچۇق-ئاشكارا سۆھبەت باسقۇچلىرى ئاساسىدا بولىدۇ. بۇ، خالىغانچە ئىش قىلىش ۋە يېقىنىنى يېنىغا تارتىشنى توختىتىپ شۇ ئارقىلىق گۇماننى يوقىتىدۇ. ئاندىن ھۆكۈمەت قارمىقىدا، دوست دۆلەتلەرنىڭ ئىستىخبارات ئورگانلىرىدىن پېنسىيەگە چىققان، بۇ ساھەدە مۇتەخەسسىسلەشكەن چەت ئەللىك كەسپىي خادىملاردىن مەسلىھەت ئالىدىغان، ئىنتايىن مەخپىي ۋە ئىقتىدارلىق بىر «ئىچكى بىخەتەرلىك ۋە قارشى ئىستىخبارات ئورگىنى» قۇرۇلىدۇ. بۇ ئورگاننىڭ ۋەزىپىسى، ھەقىقىي خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشلىرىنى كونكرېت دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئېنىقلاپ يوقىتىشتۇر. شۇنداق قىلىپ، «خائىن» دېگەن ئەيىبلەش، بىر تۆھمەت قورالى بولۇشتىن قۇتۇلۇپ، پەقەتلا بۇ كەسپىي ئورگاننىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىكى ئەستايىدىل بىر خىزمەت جەريانىغا ئايلىنىدۇ.
مىللىي بىخەتەرلىك ۋە ئىستراتېگىيە كېڭىشى قۇرۇش
ھۆكۈمەت قارمىقىدا، داۋانىڭ بارلىق ئامىللىرىنى (دىپلوماتلار، ئاكادېمىكلەر، سودا-سانائەتچىلەر، ئاممىۋى رەھبەرلەر ۋە ئوخشىمىغان جۇغراپىيەلەردىكى قارشىلىق كۈچلىرىمىزنىڭ ۋەكىللىرىنى) بىر يەرگە جەم قىلىدىغان بىر «مىللىي بىخەتەرلىك ۋە ئىستراتېگىيە كېڭىشى» قۇرۇلىدۇ. بۇ كېڭەش، بىر پىكىر يەنە بىرىنى ئېزىدىغان، بىر گۇرۇپپا يەنە بىرنى خائىن ئېلان قىلىدىغان ئۇ زەھەرلىك ئۆتمۈشنى تارىخقا كۆمىدۇ، بۇ كېڭەش، ئوخشىماسلىقلارنى بىر بايلىق سۈپىتىدە باشقۇرۇش ئارقىلىق ئىچكى توقۇنۇش خەنجىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلايدۇ (8-مەشئەل).
قۇرۇپ چىقىدىغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىمىز، بوسنىڭ «سۈرگۈندىكى دۆلەت ئەندىزى» دىن (17-مەشئەل) ئەندىزە ئېلىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. كەلگۈسىدىكى ئاساسىي قانۇننى، مىنىستىرلىقلارنى ۋە بىيۇروكراتىيەنى بۈگۈندىن باشلاپ بەرپا قىلىدىغان بىر «دۆلەتنىڭ دەسلەپكى سىناق نۇسخىسى» نى يارىتىدۇ. چۈنكى دۆلەت قۇرۇش پۇرسىتى، پەقەت شۇنىڭغا تولۇق تەييارلانغانلارغىلا مەنسۇپ بولىدۇ.
قوش قاناتلىق كادىرلار ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش
ھۆكۈمەتنىڭ ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئورگانلارنىڭ ئىقتىدارلىق خادىملار گۇرۇپپىسىنى قۇرۇش ئۈچۈن (ئىچكى قانات) ئىقتىدارلىق كادىرلارنى تېپىپ چىقىش ۋە يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە بىر «مىللىي ئىقتىدارلىقلار سانلىق مەلۇمات ئامبىرى» قۇرۇش بىلەن بىرگە «رەھبەرلىك ئاكادېمىيەسى» قۇرۇلىدۇ. (تاشقى قانات) بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، داۋايىمىزغا دوست پېنسىيەگە چىققان چەت ئەللىك سىياسەتچى ۋە بىيۇروكراتلاردىن تەركىب تاپقان بىر «خەلقئارالىق مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى» قۇرۇپ چىقىدۇ.
3 – دىپلوماتىيە سېپى — تىلەمچىلىكتىن ئاكتىپ مۇداپىئەگە
دىپلوماتىيە سېپىمىز، دۇنياغا ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمىزنى ئاڭلىتىپ، رەھىم-شەپقەت كۈتىدىغان بىر «ھېسداشلىق تىلىگۇچى» ئوبرازىدا ھەرىكەت قىلماقتا. بۇنىڭ قانۇنىي ۋە سىياسىي جەھەتتىكى چىقىش يولىنى چىگىشلەشتۈرىۋاتقان تۈپكى ئامىل، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىكتە ۋە خەلقئارا قانۇن ئالدىدا «ئىشغال قىلىنغان دۆلەت» سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنىشىدۇر. بۇ قانۇنىي بوشلۇق، خىتاينىڭ ئەڭ قانلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىمۇ «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» دەپ نىقابلىيالىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدىغان بىر شەيتانىي قورغان رولىنى ئوينىماقتا. بۇ قانۇنىي سالاھىيەتسىزلىك بىزنى قوللىماقچى بولغان تۈرك-ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭمۇ قول-پۇتلىرىنى، ھەتتا ئاغزىنى باغلاپ قويماقتا.
چارە: قانۇنىيلىقنى بەرپا قىلىش. «ئىشغال ئاستىدىكى زېمىن» سالاھىيىتىنى تىزىمغا ئالدۇرۇشتۇر. كۈرىشىمىزنىڭ ئەڭ تۈپكى قانۇنىي ۋە سىياسىي تۈگۈنى بولغان خىتاينىڭ «ئىچكى ئىشى» دېگەن باھانىسىنى يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن، «ئىشغال ئاستىدىكى زېمىن» سالاھىيىتىنى خەلقئارا سەھنىدە تىزىمغا ئالدۇرۇش، دىپلوماتىيەمىزنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىدىن بىرى بولىدۇ. بۇ مەقسەتتە، دوست دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدا بۇ يۆنىلىشتە قارارلار چىقىرىش ئۈچۈن جىددىي بىر لوبىچىلىق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ. پارلامېنت سەۋىيەسىدە نەتىجە ئېلىنمىغان جايلاردا بولسا، گوللاندىيەدىكى شەھەرلىك ھۆكۈمەت كېڭىشىنىڭ قارارىغا ئوخشاش، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر (ۋىلايەت ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەتلەر) مەجلىسىدىن بۇ خىل قارارلارنىڭ ئېلىنىشى ئۈچۈن تۆۋەندىن يۇقىرىغا دىپلوماتىيە سەپەرۋەرلىكى باشلىنىدۇ. يۇقىرىدىن پارلامېنتلار، تۆۋەندىن شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر بىلەن بەرپا قىلىنىدىغان بۇ قانۇنىيلىق تورى، خىتاينىڭ يالغانلىرىنى بوغىدىغان پولات ئارغامچىغا ئايلىنىدۇ.
دىپلوماتىيەدە قىممەتنى ئاساس قىلغان سودىلىشىشقا يۈزلىنىشىمىز لازىم. سۆھبەت ئۈستىلىگە «بىزگە ئىچىڭلار ئاغرىسۇن» ھۆججىتى بىلەن ئەمەس، «سىلەرگە سۇنىدىغان ئىستراتېگىيەلىك قىممىتىمىز ماۋۇلار» دېگەن كونكرېت لايىھەلەر بىلەن ئولتۇرىدىغان بولىشىمىز كېرەك (19-مەشئەل). ئامېرىكىغا خىتاينى مۇستەھكەم قورشاۋغا ئېلىشنىڭ مۇھىم ئامىلى، تۈركىيەگە تۈرك دۇنياسى رەھبەرلىكىنى مۇستەھكەملەيدىغان يۇمشاق كۈچ، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوتتۇرا ئاسىيادا دېموكراتىك بىر كۆۋرۈك ۋە ئىقتىسادىي بىر پۇرسەت بولۇشتەك قىممىتىمىزنى سۇنۇشقا يۈزلىنىشىمىز لازىم.
كۈرىشىمىزنى تېزلىتىش ۋە كونكرېت نەتىجىلەر (جازا قارارلىرى، ئېمبارگو ۋە قانۇن لايىھەلىرى قاتارلىقلار) نى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ۋاشىنگتون، بىريۇسسېل ۋە باشقا ھالقىلىق پايتەختلەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان، ئىناۋىتى كۈچلۈك كەسپىي لوبىچىلىق شىركەتلىرى بىلەن لايىھە ئاساسىدا كېلىشىملەر تۈزۈلىدۇ. چۈنكى زامانىۋى دىپلوماتىيەدە ھەقلىق بولۇش يېتەرلىك ئەمەس؛ ھەقلىقلىقىنى توغرا كارىدورلاردا، توغرا ۋاقىتتا ۋە توغرا سۆزلەر بىلەن توغرا قۇلاقلارغا يەتكۈزۈش ئىنتايىن مۇھىم.
دۈشمەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك لايىھەلىرىنى نىشانلاش
«ئاكتىپ مۇداپىئە» پىرىنسىپى بويىچە، دىپلوماتىيە كۈچىمىز، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» غا ئوخشاش لايىھەلىرى ئۆتىدىغان دۆلەتلەردە، بۇ لايىھەنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى، قەرز توزىقىنى ۋە خىتاينىڭ مۇستەملىكىچى، كېڭەيمىچى نىيەتلىرىنى پاش قىلىدىغان قارشى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.
شەرقىي تىمور ئەندىزىسى بويىچە، دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە خىتاينىڭ ھەرقانداق يېغىن ۋە پائالىيەتلىرىگە بۇدۇشقاقتەك چاپلىشىپ ئاجرىمايدىغان ئاۋانگارت دىپلوماتىك پارتىزانلىق ئۇرۇشى قوزغىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم. ھەر بىر خەلقئارالىق سەھنە، ھەر بىر ب د ت يىغىنى، ھەر بىر كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى يىغىلىشلىرى، قەيسەرلىك بىلەن ھەيدىۋەتسىمۇ ئۇنىمايدىغان، زېرىكمەيدىغان ۋە ھارماي-تالماي يىغىن مەيدانىدا تىكىلىپ تۇرىدىغان پارتىزان دىپلوماتلىرىمىز بىلەن خىتاي ئۈچۈن بىر جەھەننەمگە ئايلاندۇرۇلىدۇ.
4 – ئاكادېمىيە ۋە قانۇنىي ئۇرۇش سېپى — ئاھ-پەرياتتىن بىلىم ئۇرۇشىغا ئۆتۈش
بىزنىڭ ئاكادېمىك كۈچىمىز، ھەددىدىن زىيادە تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك ۋە ئۆزىنى ئىسپاتلاش يولىدىكى بىھۇدە تالاش-تارتىشلار بىلەن ئۆز كۈچىنى ئىسراپ قىلىپ، خىتاينىڭ غايەت زور تەشۋىقات سىستېمىسى ئالدىدا پەقەتلا مۇداپىئە ھالىتىدە تۇرماقتا. لېكىن ئەڭ چوڭ پاجىئە، قولىمىزدىكى ئىلمىي ئىقتىدارلارنى مىللىي كۈرەش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك بىر قورالغا ئايلاندۇرالمايۋاتقانلىقىمىزدۇر.
بىر رەھبەرنىڭ تاشلايدىغان تۇنجى قەدىمى، ئۆزى ھەرىكەت قىلىدىغان جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلما خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىشتۇر. ھەرقانداق بىر جەمئىيەتنى سەپەرۋەر قىلىش ئۈچۈن، ئۇلار ھەققىدە مۇكەممەل مەلۇماتقا ئىگە بولۇش شەرت. بۇ مەلۇماتسىز تاشلانغان ھەر بىر قەدەم، قاراڭغۇلۇققا ئېتىلغان ئوققا ئوخشايدۇ. ئەپسۇسكى، دىئاسپورانىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلما خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىشى كېرەك بولغان سوتسيولوگ پروفېسسورلىرىمىز، ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئايلىنىپ دوكلات ھازىرلىغاندا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى، بۈگۈن ئۆز خەلقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى، ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلىرىنى ئانالىز قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتمەيۋاتماقتا. ئۆزى ياشاۋاتقان شەھەردىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنىمۇ بىلمەي تۇرۇپ، پۈتۈن زېھنىنى شەخسىي نام-ئابرويىنى پارلىتىش ۋە بىھۇدە مۇنازىرىلەر بىلەن خورىتىش، دۈشمەنگە قارشى ئەڭ چوڭ قورالىمىز بولغان «بىلىم» نى ئۆز قولىمىز بىلەن يەرگە كۆمگەنلىكتۇر. بۇ ئىلمىي خىيانەت، قولىمىزدا ھەقلىقلىقىمىزنى ئىسپاتلايدىغان تاغدەك ھۆججەتلەر تۇرغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنى دۇنياغا قوبۇل قىلدۇرىدىغان تەشكىلىي بىر كۈچنى بەرپا قىلالماسلىقىمىزنىڭ تۈپ سەۋەبىدۇر.
ئىلمىي خىزمەتتە كوسوۋو مودېلىدىن ئىلھام ئېلىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قانۇنىي ئېتىراپ قىلدۇرۇش ۋە سىياسىي ئېتىراپقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن پۈتۈن ئاكادېمىك ۋە قانۇنىي كۈچىمىز، خىتاينىڭ قىلمىشلىرىنىڭ بىر «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا مەركەزلىشىشى كېرەك. بۇ جەرياننى سىياسىي بېسىم ئارقىلىق قوللاش ئۈچۈن، دوست دۆلەتلەرنىڭ دۆلەتلىك پارلامېنتلىرىدىن، ئۆلكىلىك، شەھەرلىك ۋە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت كېڭەشلىرىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نى ئېتىراپ قىلىش قارارلىرىنى چىقارتىش، ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىمىزنىڭ بىرى بولىدۇ.
خەلقئارالىق قانۇن كۈچىمىزنى سەپەرۋەر قىلىشتا، «قانۇنىي ئاتوم بومبىسى» لايىھەمىزنى تېزلىتىش ئۈچۈن، دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق خەلقئارالىق ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى ئادۋۇكاتلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە جىنايى ئىشلار قانۇن ئىدارىلىرى بىلەن كېلىشىملەر تۈزۈلىدۇ. مەقسىتىمىز، خىتايدىكى ھەر بىر ئىرقىي قىرغىنچى جىنايەتچىنىڭ، بېيجىڭ سىرتىغا قەدەم باسقان ھامان قولغا ئېلىنىش ۋەھىمىسى ئىچىدە ياشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتۇر.
ئاكادېمىك كۈچىمىز «خىتاي بىزگە نېمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟» دېگەن سوئالغا ئەمەس، «خىتاي كىم ۋە ئۇنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى نەدە؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب ئىزدەيدىغان؛ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە ئىجتىمائىي سىستېمىسىدىكى يېرىقلارنى ئانالىز قىلىدىغان بىر «ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتى» قۇرۇپ چىقىدۇ (56-مەشئەل).
5 – پىسخىئولوگىيە، ئاخبارات ۋە كۈلتۈر سېپىمىز— زۇلۇمنى ئاڭلىتىشتىن قەھرىمانلىق داستانى يارىتىشقا ئۆتۈش
بىزنىڭ بايانلىرىمىز توختىماي مەزلۇملۇق ۋە تەشكىللىك يىغلاش پىسخىكىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان. بۇ، روھىمىزنى ھاردۇرۇپ، يېڭى ئەۋلادلاردا كىملىك كرىزىسىنى پەيدا قىلماقتا. ئەڭ ۋەھىمىلىكى شۇكى، خىتاي تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردە 72 يەرلىك رادىئو بىلەن ھەمكارلىشىپ تەتۈر تەشۋىقات تورلىرىنى قۇرغان بولسا، بىز قولىمىزدىكى يزلەرچە يەرلىك رادىيولار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشتەك ئىمكانىيەتلىرىمىزنىمۇ تولۇق ئىشقا سالالمايۋاتىمىز.
قەھرىمانلىق داستانىنى يارىتىش
سۆزلىرىمىز، بايانلىرىمىز پەقەت زۇلۇمنىلا ئەمەس؛ قارشىلىقنى، غۇرۇرنى، قەھرىمانلىقنى ۋە ئۈمىدنى ئاڭلىتىدىغان بولىدۇ (46-مەشئەل). غەلىبىنى ۋە جەڭگىۋارلىقنى روھىمىزغا نەقىش قىلىش (35-مەشئەل) ئاساس قىلىنىدۇ.
خەلقئارالىق مېدىيا كەسپىي خادىملىرى بىلەن ھەمكارلىشىش
ھېكايىمىزنى دۇنياغا ئەڭ تەسىرلىك شەكىلدە ئاڭلىتىش ئۈچۈن، خەلقئارادا تونۇلغان ھۆججەتلىك فىلىم رېژىسسورلىرى، ژۇرنالىستلار ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ئورگانلىرى بىلەن لايىھە ئاساسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىلىدۇ.
يەرلىك ئىتتىپاقداشلار بىلەن دۈشمەننى قورشاش
خىتاينىڭ تەتۈر تەشۋىقات تورلىرىغا ھەسسىلەپ جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەت قارمىقىدا قۇرۇلىدىغان بىر «مېدىيا ھەمكارلىق بىرلىكى»، بولۇپمۇ تۈركىيەنى ئاساس قىلغان ھالدا دوست دۆلەتلەردىكى يەرلىك رادىئو، گېزىت ۋە تور بېكەتلىرى بىلەن سىستېمىلىق ھەمكارلىق كېلىشىملىرى ئىمزالايدۇ. بۇ مېدىيا ئورگانلىرىغا، ئېلان قىلىشلىرى ئۈچۈن كەسپىي ھالدا تەييارلانغان مەزمۇنلار ھەقسىز تەمىنلىنىدۇ. مەقسىتىمىز، يۈزلىگەن يەرلىك ئىتتىپاقداش رادىيو، گېزىت، تېلىۋېزىيە ئارقىلىق خىتاينىڭ تەشۋىقات قاناللىرىنى ياڭراق ئاۋازىمىزدا بوغۇپ تاشلاشتۇر.
ۋەتەن ئىچىنى روھىي ئوزۇقلاندۇرۇش
ئەڭ زامانىۋى تېخنىكىلار ئارقىلىق ۋەتەن ئىچىدىكى خەلقىمىز بىلەن يەر ئۇستى ۋە يەر ئاستى بىخەتەر ئالاقە يوللىرىنى قۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدۇرۇش، قارشىلىق كۆرسىتىش روھى ۋە ئۈمىدىنى توختىماي ئوزۇقلاندۇرۇش كېرەك.
بۇ ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىكتە تاماشىبىنلىق ئىدىيەسىگە خاتىمە بېرىلىدۇ (34-مەشئەل)؛ دىئاسپورادىكى ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىق، 30 مىليونلۇق بىر مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىززەت-ھۆرمەتلىك بىر بايراقدار بولىدۇ (14-مەشئەل).
6 – مۇداپىئە سېپى — چېكىندۈرگۈچى كۈچنى بەرپا قىلىش ۋە قانۇنىيلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش
بۇ مەسىلە، يا چەكلەنگەن تېما قاتارىدا كۆرۈلۈپ كەلدى، ياكى بولمىسا ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك كوزىرىمىز بولغان، چېچەنىستاندىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە، پاكىستاندىن ئافغانىستانغىچە ۋە ئىراقتىن سۈرىيەگىچە بولغان كەڭ جۇغراپىيەدە ئۇرۇش تەجرىبىسى قازانغان ئون مىڭلىغان ئەزىمەتلىرىمىز، «ئەقىل كورلۇقى» بىلەن يوققا چىقىرىلدى. بۇ قېرىنداشلىرىمىز، بىر تەرەپتىن دىئاسپورا تەرىپىدىن «ۋىرۇس» قا مۇئامىلە قىلىنغاندەك چەتكە قېقىلغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەر تەرىپىدىن خىتايغا قارشى بىر سودىلىشىش كوزىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشتىن باشقا يېڭى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قانۇنىيلىقىنى خەلقئاراغا ئېتىراپ قىلدۇرۇش مەسلىلىرىدىمۇ قۇربان قىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. بۇ، داۋايىمىزنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك ۋە ئەڭ مۇرەككەپ ئىمتىھانىدۇر.
بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە، بۇ قېرىنداشلىرىمىزغا ئارقىمىزنى قىلىش، ھەم ۋىجدانىي خىيانەت، ھەم ئىستراتېگىيەلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتۇر. چارە، ئۇلارنى يوققا چىقىرىش ئەمەس، بەلكى سىياسىي جەھەتتىن ئىگىدارچىلىق قىلىش ئارقىلىق قوغداش ئاستىغا ئېلىشتۇر. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت، بۇ ئىنسانلارنى «تېرورچى» ئەمەس، بەلكى شارائىتنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن يولغا چىققان «ۋەتەن ئەۋلادلىرى»، زۇلۇمغا ئۇچرىغان چارىسىز مەزلۇملار ۋە كەلگۈسىدىكى «شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى» دەپ تونۇشى ۋە خەلقئارا سەھنىدە ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن جىددىي كۈرەش قىلىشى لازىم.
سىياسىي ئىگىدارچىلىق ۋە قوغداش
ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىمىز، بۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردە قۇربانلىق ياكى شاخمات تاختىسىدىكى پىشكا ئورنىدا ئىشلىتىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ب د ت ۋە خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئالدىدا ئۇلارنىڭ ۋەتەنسىز ۋە خەۋپ ئاستىدىكى پاناھلانغۇچى سۈپىتىدە قانۇنىي قوغداشقا ئېلىنىشىنى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە دائىر بارلىق قارارلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن مۇزاكىرە قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ، كەسكىن بىر دىپلوماتىك جەڭ باشلىشى لازىم.
سىياسىي ئىنتىزام ئاستىدا بىرلىشىش
مىللىي بىخەتەرلىك ۋە ئىستراتېگىيە كېڭىشى، بۇ گۇرۇپپىلار بىلەن بىخەتەر يوللار ئارقىلىق ئالاقە ئورنىتىپ، ئۇلارنى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ئىرادىسى ۋە ئىنتىزامى ئاستىدا ماس ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىدۇ. بۇ، ھەربىي يوشۇرۇن كۈچنى، مەسئۇلىيەتسىز ھېسسىياتچان پائالىيەتلەردىن قوغداپ، سىياسىي نىشانلارغا خىزمەت قىلىدىغان قانۇنلۇق بىر كۈچكە ئايلاندۇرۇشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر.
چېكىندۈرگۈچى كۈچ يارىتىش
بۇ بىرلەشتۈرۈلگەن ۋە سىياسىي ئىرادىگە ماسلاشتۇرۇلغان يوشۇرۇن كۈچ، بىر «چېكىندۈرگۈچى كۈچ» سۈپىتىدە ئۆز ئورنىنى مۇستەھكەملەيدۇ. مەقسەت، مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن زوراۋانلىققا چاقىرىش ئەمەس، بەلكى خۇددى بوسنىڭ ئارمىيەسىنىڭ ئەنگلىيەگە قارشى ئەڭ ھالقىلىق پەيتتە چوڭ دىپلوماتىك كوزىرى بولغىنىدەك، كۈتۈلگەن شارائىت كەلگەندە خىتاينى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرۇشقا مەجبۇرلايدىغان ۋە دىپلوماتىك قولىمىزنى كۈچەيتىدىغان بىر بېسىم ئامىلىنى يارىتىشتۇر.
خەلقئارا قانۇنغا ئۇيغۇنلۇق
ۋاقىتلىق ھۆكىمىتىمىزنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتى ئاستىدا كەلگۈسىدىكى قانۇنلۇق مۇداپىئە كۈچىنىڭمۇ خەلقئارا قانۇنغا تولۇق ئۇيغۇن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە، بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىس چەتئەللىك پېنسىيەگە چىققان ئوفىتسېرلار ۋە ئىستراتېگىيەچىلەردىن نەزەرىيەۋىي مەسلىھەت ئېلىنىدۇ ۋە چاندىرا بوسقا ئوخشاش قانۇنلۇق، خەلقئارا قانۇن ئېتىراپ قىلىدىغان «شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىق ئارمىيەسى» قۇرىلىدۇ. چۈنكى، ئىستىقلال دەرىخى پەقەت قەھرىمانلارنىڭ قېنى بىلەن سۇغۇرۇلغاندىلا كۆكلەيدۇ. (7-مەشئەل).
تارىخنىڭ ھۆكمى ۋە ئەڭ ئاخىرقى تاللاش
مىللىتىمىز تامامەن يوقۇلۇش ياكى تولۇق خىتايلىشىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان ھازىرقى ھالقىلىق پەيتتە تارىخ بىزنى ئىككى خىل كۆرۈنىش بىلەن خاتىرلەيدۇ. بىرى، يىغا-زارا بىلەن تولغان خاتىرە كىتابىنىڭ قايغۇلۇق بېتى؛ يەنە بىرى، بىر مىللەتنىڭ كۈللىرىدىن قايتا تىرىلىشىنى نامايان قىلىدىغان شانلىق غەلىبە ئابىدىسى. تارىخ بىزگە، ۋەتەن ئۈچۈن كۆپ يىغلىغان، لېكىن ئۇنى قۇتۇلدۇرىدىغان ئەڭ چوڭ كۈچىنى ئۆز قولى بىلەن رەت قىلغان غۇرۇرلۇق، لېكىن ئىستراتېگىيە جەھەتتىن ئەخمەق بىر ئەۋلاد دەپ ھۆكۈم چىقىرامدۇ؟ ياكى بولمىسا، ئىستراتېگىيەلىك ئەقلىنى ئىشقا سېلىپ مۇمكىنسىزلىكنى مۇمكىنگە ئايلاندۇرغان، ئىدېئولوگىيەلىك پەرقلەرنى «ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق» پىرىنسىپى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ۋە ۋەتىنىنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرگەن قۇرغۇچى بىر ئەۋلاد دەپ ياد ئېتەمدۇ؟
بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى، بۈگۈنكى تاللاشلىرىمىز بەلگىلەيدۇ. بۇ يول خەرىتىسى بىر تىلەكلەر تىزىملىكى ئەمەس. بۇ، ھاڭنىڭ گىرۋىكىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلادنىڭ، تارىخنى قايتىدىن يېزىش ئۈچۈن ئىچىشىگە تەييارلانغان مۇقەددەس قەسەمدۇر.
نېتاجى سۇبھاس چاندرا بوس ۋە ئۇنىڭ ئۆلمەس ئارمىيەسىنىڭ روھى بىزگە ئۇلارنىڭ «پەقەت ھىندىستان ياشىسۇن دەپ ئۆلگەنلىكىنى» جاكارلايدۇ. ئەمدى نۆۋەت بىزگە كەلدى. بۇ يولدا مېڭىش بەدەل تەلەپ قىلىدۇ، قان تەلەپ قىلىدۇ، تەر تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن ھەممىدىن مۇھىمى، كۆز يېشىنى سۈرتۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا پولاتتەك بىر ئىستراتېگىيەنى قويالايدىغان بىر ئەقىل ۋە تەۋرەنمەس بىر ئىرادە تەلەپ قىلىدۇ. ئەلۋەتتە، ھېچبىر پىكىر قۇسۇرسىز، مۇكەممەل بولمايدۇ، بىر ۋەتەننىڭ ئازادلىقىمۇ بىر پىكىرنىڭ مۇكەممەللىكىگە ئەمەس، ئۇنى ئىجرا قىلىدىغان ئىرادىنىڭ مۇستەھكەملىكىگە ۋە پىداكارلىقىغا باغلىق بولىدۇ.
ئاللاھ، بۇ مۇقەددەس يولدا قەدىمىمىزنى مۇستەھكەم قىلسۇن ۋە بىزنى، پەقەت شەرقىي تۈركىستانغىلا ئەمەس، پۈتۈن مەزلۇم ئىنسانىيەتكە ئۈمىد بولىدىغان بىر زەپەرگە مۇيەسسەر قىلسۇن.
ئەمدى ئارقىغا يېنىش يوق. بۇ بىزنىڭ مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئىچىدىغان ئەڭ ئاخىرقى قەسىمىمىز بولۈپ قېلىشى مۇمكىن!