سەھىپە:: ئەدەبىيات

مۆمىننىڭ مومىغا چىقىشى

– ئوغلۇم ! سەن چىقارغان ئاشۇ بايراقنى يوقىتىمىز دەپ نەچچە مىڭلىغان ئادەملەر قۇربان بولدى . بىز يوقىتىمىز دەپ كۈرەش قىلغان بايراقنى سەن چىقىرىپسەن ، قۇربان بولغان شېھىتلەرنىڭ روھىغا نېمە دەپ جاۋاب بېرىسەن ؟ داداڭنىڭ يۈزىگە قانداق قارايسەن ؟
بالا شۈككىدە بولۇپ قالدى . مۇدىر يۈگۈرۈپ كېلىپ بوۋاينىڭ ئاغزىغا مۇشت بىلەن ئۇردى . ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئوقتەك قان كېتىپ ، ئۆڭۈپ كەتكەن كۆينىگىنىڭ ئالدى پىشىنى قىپقىزىل بويىۋەتتى .
بالا بىردىنلا ناھايىتى تېزلىك بىلەن يۇقىرىغا ياماشتىدە ، ھايت  ھۇيت دېگۈچە مومىنىڭ ئۇچىغا يەنە چىقىپ بولدى . مۇدىر ۋارقىرىدى :
– يېنىپ چۈش ! يېنىپ چۈش ! داداڭنى ئېلىپ كەت !
لېكىن بالا مومىدىن چۈشمىدى ، ئۇنىڭ پەسكە قاراپ توۋلىغىنى ئاڭلاندى :
– دادا ! مېنى بېقىپ چوڭ قىلغىنىڭغا رازى بول ! مەندىن رازى بول !

ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك

«ۋاي ئىسىت، نېمىدەپ سېنى تۇغقاندىمەن!؟
نېمىدەپ ئاق سۈت بېرىپ باققاندىمەن!؟
شۇمىدى سەندىن يېتەر ئەلگە ۋاپا؟
بالىمەس، بولدۇڭغۇ يۇرتقا بىر بالا!»

تەنھا ھەقىقەت ۋە كۆپۈك شان-شەرەپ

كۆپ ساندىكى كىشى ئۆزىنىڭ كېچىككەن ئەقىلىي بىلەن ئۇلارنى ئۇلارنىڭ غەلبىسىدىن كىيىن سۆيگەن،لىكىن چىنلىقنىڭ كەلگۈسىدىكى قۇدرىتىنى بالدۇر سېزەلەيدىغان زەكىيلەر ھامان مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.كەلگۈسىنىڭ جەۋھىرى ئاشۇ دانالارنىڭ تەبىئىيتى،پىكىرى تەلقىنلىرىگە سىڭگەن بولىدۇ.

نەۋايى ۋە ئانا تىل غۇرۇرى

ىر مىللەتنىڭ تىلى ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەتنىڭ تارىخىدۇر . بىر مىللەتنىڭ تارىخىغا نىسبەتەن ئۇستىخان – سۆڭەك ، قەبرە – كېپەنلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ جانلىق بىر پاكىت باركى ، ئۇ بولسىمۇ دەل ئۇلارنىڭ تىلىدۇر

بۇلغانغان مىللىي روھ ۋە پۇچەكلەشتۈرۈلگەن ئەجداد روھى

مىللەت ئىزچىل ھالدا شالغۇتلاشتۇرۇلۇش، ماڭقۇرتلاشتۇرۇلۇش ۋە ئەبجەش تەلقىنلەرنى قوبۇل قىلدۇرۇلۇشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ھەرىكەتنىڭ نىشان ئوبيېكتى بولۇپ كەلدى. بۇلار ئىچىدە شالغۇتلاشتۇرۇش بىر پۈتۈن خىتاي مائارىپىنىڭ نىشانى بولغان بولسا، ماڭقۇرتلاشتۇرۇش مەمۇرىيەت سىستېمىسىنىڭ، ئەبجەش تەلقىنلەر بولسا، ئومۇم خەلقنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىنىڭ ئاڭ – ئىدىيەسى،

قوش مەسچىت

كوچىمىز –ئورغاقسىمان ئاي شەكىللىك خالتا كوچا. ھازىر «قوش مەسچىت» دېمىسە ھېچكىم بىلمەيدىغان بۇ كوچىمىزنىڭ ئەسلى نامى «ئايكوچا»ئىكەن. – شۇنداقمۇ، بوۋا؟
ئون توققۇز جۈپ دەرۋازا بىر –بىرىگە قارىشىپ تۇرىدىغان بۇ خالتا كوچىمىزدا كۆلىمى، قۇرلۇش نۇسخىسى، مۇنار –گۈمبەزلىرىنىڭ ئېگىزلىكىدىن تارتىپ. ئىچكى –تاشقى نەقىشلىرىگىچە ئوپئوخشاش ئىككى مەسچىت بار.

دەيۈزلۈك ئەخلاقىنىڭ كېلىپ چىقىشى

  بۇ،  تىلەمچىلەرنىڭ سۆزىدىن كىيىن مىڭبىر ئويلىنىپ تاپقان يەكۈن بولدى.  ئويلاپ باقسام كوچىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىش بىلەن ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىشنىڭ يىلتىزى بىر ئىكەن.  قارىغاندا نومۇسنى قايرىپ قويۇش ئەخلاقى راۋرۇس مودا بوپتۇ.

ياۋا كەپتەر

كەپتەر ئۇنىڭغا يېقىنلاپ كېلىشىگە ئۇ تېزلىك بىلەن تاغ تەرەپكە قاراپ ئۇچۇپ كەتتى. ئۇلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇچۇشقا باشلىدى. كەينىدىن گۇڭۇلدىغان ئاۋاز چىقاتتى. ئۇ بارغانچە يۇقىرى ئۆرلەپ تېخىمۇ تېز ئۇچۇپ بىردەمدىلا ئۇلارنى خېلىلا ئارقىدا قويدى.

ھىدايەتنامە

ئۆمۈر مەنزىلىدىن تىنماي ئىزلىدىم مەن ھەقىقەتنى,
تەپەككۇر بولدى بىر ھادى تېپىشتا چىن ھىدايەتنى
تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنا يەنە جانلىق پاساھەتنى,
دىلىم ئىستەيىتتى ئىزھارغە ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى.
كىلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى سۆھبەتنى

Loading

يېقىنقى يازمىلار

ئەگىشىۋېلىڭ