مەۋلانا سەييىد ئەبۇل ئەئلا مەۋدۇدىنىڭ قىزى ھۇمەيرا مەۋدۇدى «شەجەرى سايەدار» «سايىلىق دەرەخلەر» ناملىق ئەسىرىدە دادىسى مەۋدۇدىغا سۆزلەپ بېرىلگەن ئىنتايىن ھەيران قالارلىق بىر چۈشنى يازىدۇ.
1978-يىلى يازدا، پاكىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ سارگودخا بازىسىدىن كەلگەن ئىككى قوماندان مەۋدۇدىنى يوقلاپ كېلىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى قاتتىق بىئارام كۆرۈنەتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:
«بىر چۈش كۆرگەندىن كېيىن خاتىرجەملىكىمنى پۈتۈنلەي يوقاتتىم. ئۇيقۇم نورمالسىزلىشىپ، خىزمىتىمدە ھوزۇر قالمىدى. چۈشۈمدە مەدىنە مۇنەۋۋەرەگە بېرىپتىمەن. بىراق شەھەر پۈتۈنلەي بومباردىمان قىلىنىپ، خارابىلىككە ئايلانغان ئىكەن. مەسچىدى نەبەۋىي يوق، يېشىل گۈمبەز يوق، ئۆيلەر يوق؛ ھەممە يەر ئىس تۈتەك ۋەيرانچىلىق ئىچىدە.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسى تەرەپكە يېقىنلاشقىنىمدا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاددىي بىر قەبرە يېنىدا ناماز ئوقۇۋاتقان ئىكەن.شۇ ئەسنادا يەر ئاستىدىن ئاۋاز ئاڭلىنىپ، پەلەمپەيدىن چۈشسەم، قوللىرىدا چوڭ پىچاق تۇتقان بىر توپ يەھۇدىيلار مۇسۇلمانلارنىڭ جەسەتلىرىنى پارچىلاپ دۆۋىلەۋاتقان ئىكەن. مەدىنە ئەھلىنىڭ جەسەتلىرى ھەر تەرەپتە ئېسىق تۇراتتى.
قورقۇپ قاچتىم. سىرتقا چىقسام، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم تەشەھھۇدنى تاماملاپ سالام بېرىۋاتقان ئىكەن. سالامدىن كېيىن ماڭا قاراپ:
«غەم قىلما، بۇ گۆش سېتىلمايدۇ.» دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئويغىنىپ كەتتىم.»
ئۇچقۇچى سۆزىنى تۈگىتىپ:
«ئۇستاز! بۇ چۈشنىڭ مەنىسى نېمە؟» دەپ سورىدى.
مەۋدۇدى ئەسلىدە چۈشلەرگە تەبىر بېرىشنى ياخشى كۆرمەيدىغان، ئىسلامنىڭ ئەقلىي ھەقىقەتلىرى، لوگىكىسى ۋە ئىمانىي تەلىماتلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان ئالىم ئىدى. لېكىن بۇ چۈشنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇمۇ چوڭقۇر ئويغا چۆمدى.
ئۇنىڭ دىققىتىنى ئەڭ بەك تارتقىنى، بۇنداق چۈشنىڭ بىرەر خانىقا شەيخىگە، بىرەر مەشھۇر زاھىدقا ياكى بىرەر سىياسىي رەھبەرگە ئەمەس، بەلكى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياش ئۇچقۇچىسىغغ كۆرۈنگەنلىكى ئىدى. مەۋدۇدى بۇنىڭدا چوڭقۇر بىر ئىشارەت بارلىقىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى:
«بۇ چۈش، كەلگۈسىدە ئۈممەتنىڭ ھىمايىسىدە ئەڭ مۇھىم رولنى ئوينايدىغانلارنىڭ خانىقا مۇرىتلىرى ئەمەس، بەلكى ئىمان بىلەن قورالنى بىرلەشتۈرگەن سىلەردەك مۇجاھىد ياشلار بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ.»
ئاندىن ئۇ بۇ قارىشىنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇبارەك ھەدىسى بىلەن كۈچلەندۈردى:
«ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك بىر ھەدىسى بار، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن : «إِذَا وَقَعَتِ الْمَلَاحِمُ بَعَثَ اللَّهُ بَعْثًا مِنَ الْمَوَالِي هُمْ أَكْرَمُ الْعَرَبِ فَرَسًا وَأَجْوَدُ سَلَاحًا يُؤَيِّدُ اللَّهُ بِهِمُ الدِّينَ» (مىشكاتۇلمەسابىھ)
«مەلھەمە كۇبرا يۈز بەرگەندە، ئاللاھ ئەرەب بولمىغان مىللەتلەردىن بىر قوشۇننى چىقىرىدۇ. ئۇلار چەۋەندازلىقتا ئەۋزەل، قورال-ياراقتا كۈچلۈك بولۇپ، ئاللاھ ئۇلار ئارقىلىق دىنىنى كۈچلەندۈرىدۇ.»
مەۋدۇدى يەنە مۇنداق دېدى:
«بۇ ھەدىسنىڭ روھى شۇنى بىلدۈرىدۇكى، ئاخىر زاماندىكى دىنى ھىمايە قىلىدىغان كۈچ پەقەت بىر مىللەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ؛ ئاللاھ خالىغان قەۋمنى، خالىغان ۋاقىتتا ئۆز دىنىغا خىزمەت قىلدۇرىدۇ.»
ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەنە بىر ھەدىسنى ئەسلەتتى. ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئامر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئاخىر زاماندا يىرتقۇچ قۇشلاردەك تېز ھەرىكەت قىلىدىغان، رەھىمسىز زالىملارنىڭ مەيدانغا چىقىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
مەۋدۇدى بۇ ھەدىسنى زامانىۋى ئۇرۇش ۋاسىتىلىرى بىلەن باغلاپ شەرھلەپ مۇنداق دېدى:
«بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر ئاسماندىن ئۇچۇپ كېلىپ شەھەرلەرنى خانە ۋەيران قىلىدۇ، بىگۇناھ بالىلارنى، ئاياللارنى ۋە قېرىلارنى قىرغىن قىلىدۇ. ھەدىسنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنىڭ مەنىسىنى بۈگۈنكى دەۋردە تېخىمۇ روشەن كۆرگىلى بولىدۇ.»
ئاندىن ئۇ ئەبۇ زەر غىفارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەققىدىكى ھەدىسنى ئەسلەپ، مەدىنەدە كېلىدىغان ئاچلىق ۋە چوڭ قىرغىنچىلىقلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن ئالدىن خەۋەر بېرىلگەنلىكىنى بايان قىلدى. مەۋدۇدىنىڭ قارىشىچە، بۇ چۈش شۇنداق سىناقلارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئەسلەتكەن بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى.
ئاخىرىدا ئۇ مۇنداق خۇلاسە چىقاردى:
«سىزگە بۇ چۈشنىڭ كۆرسىتىلىشى بىكارغا ئەمەس. كەلگۈسىدە ئىسلام ئۈممىتىنى ۋە ھەرەمەينى (مەككە ۋە مەدىنەنى) قوغداشتا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئالاھىدە رولى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا سىزنىڭ ئەڭ چوڭ ساداقىتىڭىز ئاللاھقا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئاندىن ھەرەمەينى شەرىپكە بولۇشى كېرەك. ۋەتىنىڭىزگە بولغان ۋاپادارلىقىڭىزمۇ مۇشۇ ئىمانىي ساداقەتنىڭ ئىچىدە بولسۇن. ئاللاھ بىلەن بولغان ئالاقىڭىزنى كۈچەيتىڭ، قۇرئان ۋە سۈننەتنى مەھكەم تۇتۇڭ، دائىم ئاللاھتىن ياردەم سوراڭ.»
مەۋدۇدىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇچقۇچىنىڭ كۆڭلى خاتىرجەم بولدى.
ئۇلار قايتىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغاندا، كېسەل ھالىتىگە قارىماي مەۋدۇدىمۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆزى ياتىدىغان ئۆينىڭ ئىشىكىگىچە ئۇزىتىپ چىقتى.
خوشلىشىش پەيتىدە مەۋدۇدى چوڭقۇر تەسىر ئىچىدە مۇنداق دېدى:
«سىزنىڭ چۈشىڭىزدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى كۆرگەنلىكىڭىز سىز ئۈچۈن چوڭ بىر شەرەپ. ئەمما سىز بۈگۈن يۈرىكىڭىزدىكى بارلىق بىئاراملىقنى ماڭا قالدۇرۇپ كېتىۋاتىسىز. مەن بۇ ئازابلىق ئوي-پىكىرلەر بىلەن يەنە قانچىلىك ياشايدىغانلىقىمنى بىلمەيمەن…»