تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىدىن تىرىلگەن ئىبلىس ۋىرۇسلار: ئىشغالىيەتچىنىڭ يالاقچىلىقىدىن زىندىقلىققىچە بولغان پىتنە زەنجىرى
ئاپتورى: مىر كامىل كاشغەرىي
مۇقەددىمە
ئىنسانىيەت تارىخىدا بىر خىل غەلىتە روھىي يۇقۇملۇق كېسەللىك باركى، ئۇ ۋاباغا ئوخشاش قەرەللىك ھالدا قوزغىلىپ، ئەقىللەرنى زەھەرلەپ تۇرىدۇ. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىر ئۇچۇم كىشىلەر، ئۆز خەلقىنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاش ۋە مىللەتنىڭ ئېتىقادىغا زىيانكەشلىك قىلىشتەك ئەبگالىقلىرىغا قارىماي، ئۆزىنى «ھەقىقەتنىڭ بىردىنبىر بايراقدارى» دەپ جاكارلاش خاھىشىغا ئىگە. بۇ، تارىختىكى ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ خەتەرلىك ھاماقەتلىك ۋە مەنمەنلىكنىڭ جانلىق ئىپادىسى بولۇپ، ئىسلام تارىخى بۇ روھىي كېسەللىكنىڭ تۇنجى كلىنىكىلىق خاتىرىسىنى «خاۋارىجلار»، «باتىنىيلار» «مۇئتەزىللە» ۋە «شىئەلەر» نامىدا تىزىمغا ئالغان ئىدى. بولۇپمۇ چوڭ گۇناھلار سەۋەبىدىن باشقىلارنى كافىرغا چىقىرىدىغان خاۋارىچلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي غەرەزلىرىگە توسالغۇ بولدى دەپ قاراپ ئىنكار قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ ھالقىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەڭ يېقىن ساھابىلەرنىمۇ «كاپىر» دەپ قارىلاپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىنى تۆكۈشنى جەننەتكە كىرىشنىڭ بېلىتى دەپ بىلىدىغان ئازغۇنلارغا ئايلانغان ئىدى. «قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ زاھىرى ۋە باتىنى بار» دەپ، ئايەت ۋە ھەدىسنىڭ لەفزلىرىنى ئىنتايىن يىراق تەئۋىل قىلىدىغان، كۆپلىگەن قاراشلىرىنى مەخپىي تۇتىدىغان ئازغۇن ۋە خەتەرلىك باتىنىيلار، ھەششاشىيلار، قۇرئاننى ئۆز ئەقىللىرى بويىچە ئىزاھلىغان ۋە ئۆزلىرىنىڭ كەمتۇك ئەقىللىرىنى بىردىنبىر توغرا دەپ ئويلىۋالغان مۇئتەزىلەنىڭ بەزى پىرقىلىرى ئەقىلنى ھەدىستىن ۋە ۋەھيىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىۋىلىشتەك پىكرىي قالايمىقانچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى، بۇ قەدىمىي پىتنە ۋىرۇسلىرى ئەينى چاغدىكى ساھەبە، تابىئىن ئالىملارنىڭ ئۇلارغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى بىلەن تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا كۆمۈلۈپ، مەڭگۈ يوقۇتۇلغان ئىدى.
ئەپسۇسكى، 19-ئەسىردە، بۈيۈك بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ 1857-يىلىدىكى ئىشغالىيەتكە قارشى ئازادلىق ئۇرۇشىدىن قاتتىق ئالاقىزادە بولغاندا، بۇ كونا جەسەتلەرنى قايتىدىن قېزىپ چىقىرىپ، ئۇنىڭغا يېڭى ھاياتلىق بېغىشلاشنى قارار قىلدى. بۇ، ئىمپېرىيالىزمنىڭ ئەڭ رەزىل ۋە ئەڭ ئۇستىلىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرغان ئىستراتېگىيەلىك ئويۇنى ئىدى. بېرىتانىيە ئىستراتېگىيەچىلىرى شۇ ھەقىقەتنى ئوبدان بىلەتتى: قىلىچ بىلەن بويسۇندۇرغىلى بولمايدىغان بىر مىللەتنى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن چىققان «ئەقىللىق ئەخمەقلەر» ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى ئۆزلىرىگە قارشى قورال قىلىش ئارقىلىق ئىچىدىن يىمىرىۋەتكىلى بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار مۇسۇلمانلارنى ئىدىيەۋى جەھەتتىن پارچىلاش ئۈچۈن ئىككى ئاساسلىق ھۇجۇم لىنىيەسىنى شەكىللەندۈردى:
بىرىنچى زەربە: ئەقىلنى بۇلغاش ۋە سۈننەتنى ئىنكار قىلىش
بېرىتانىيە ھۆكۈمىتى، بىر تەرەپتىن 1875-يىلى قۇرۇلغان «ئەلىگۈر ئۇنىۋېرسىتېتى» غا ئوخشاش «زامانىۋىي» مەكتەپلەرنى نۇقتىلىق مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ، سېر سەييىد ئەھمەدخان (1817-1898) غا ئوخشاش «يېڭىلىقچى» زىيالىيلارغا «سېر» (Sir) «يەنى قانۇن تەرىپىدىن مۇتلەق قوغدىلىدىغان زات» دېگەندەك شان-شەرەپلىك ئۇنۋانلارنى بېرىپ، ئۇلارنى ئۆز ھىمايىسىگە ئالدى. بۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ بوينىغا سېلىنغان ئەڭ پارقىراق، ئەمما ئەڭ مۇستەھكەم ئەقلىي ۋە سىياسىي كىشەن ئىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ياھۇدىي شەرقشۇناس ئىگناز گولدزىھېر (Ignaz Goldziher, 1850-1921) غا ئوخشاش ئىسلامغا ئۆچمەنلىكى بىلەن تونۇلغان «مۇتەخەسىسلەر» بېرىتانىيەنىڭ ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىدىن خاۋارىج، باتىنىيم شىئە ۋە مۇئتەزىللە پىرقىلىرىنىڭ چىرىگەن پىكرىي سۆڭەكلىرىنى كولاپ چىقىپ، ئۇنى 1890-يىلى نەشر قىلىنغان «ئىسلام تەتقىقاتى» (Muhammedanische Studien) ناملىق كىتابىدا «ئىلمىي تەتقىقات» دېگەن زىننەتلىك نىقاپ ئاستىدا قايتا ئوراپ، «ھەدىسلەر ئىشەنچسىز، ئىسلام پەقەت قۇرئاندىنلا ئىبارەت» دېگەن زەھەرلىك ئىدىيەنى ئىشلەپچىقاردى. بۇ، خاۋارىجلارنىڭ رادىكاللىقى بىلەن باتىنىيلارنىڭ قۇرئاننى بۇرمىلاشلىرى ۋە مۇئتەزىلەنىڭ ئەقلىي ھاكاۋۇرلۇقىنىڭ سۇنئىي ئۇسۇلدا جۈپلەشتۈرۈلۈشى بىلەن ھارامدىن تۆرەلگەن ۋە بېرىتانىيەنىڭ مۇستەملىكىسىنى مەڭگۈلۈك ھالغا كەلتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى بولغان «قۇرئانچىلىق» ناملىق تۆرەلمە ۋىرۇس ئىدى. بۇ ۋىرۇس، سېر سەييىد ئەھمەد ۋە ئۇنىڭ ئەلىگۈر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باشلامچىلىقىدا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا تۇنجى قېتىم ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ئارىسىغا تارقىتىلدى. نەتىجىدە، بېرىتانىيەگە قارشى قورال كۆتۈرگەن مۇجاھىدلارنىڭ سېپىدە «كىم ھەقىقىي مۇسۇلمان؟» دېگەن ئەجەللىك پىتنە ئوتى تۇتاشتى. بۇ پىتنە ئەۋجىگە چىققاندا، سېر سەييىد ئەھمەد ئاتالمىش «قۇرئان دىنى» غا ئاساسلىنىپ: «بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسىگە قارشى چىقىش ھارام، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش ۋاجىپتۇر، چۈنكى ئىسلام تىنچلىق دىنىدۇر!» دەپ پەتىۋا چىقاردى. بۇ، ئۇنىڭ «سېر» ئۇنۋانى بىلەن بېشىنى سىيلىغان مۇستەملىكىچى خوجايىنلىرىغا قىلغان ئەڭ ئالىي ساداقەتمەنلىكى ئىدى. بۇ پەتىۋاغا غەزەپلەنگەن مۇسۇلمانلار ھەدىس ئىنكارچىلىرىغا ھۇجۇم باشلىغاندا، ئۇلار ئەلىگۈر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىچىگە قېچىپ كىرىۋالدى. ئاخىرىدا، ئۇنىۋېرسىتېتنى قورشىۋالغان مۇسۇلمانلاردىن قوغداش ئۈچۈن، بېرىتانىيە 25 مىڭ كىشىلىك ئارمىيە ئەۋەتىپ، بۇ ھەدىس ئىنكارچىسى سادىق چاكارلىرىنى قۇتقۇزۇپ قالغان ئىدى.
ئىككىنچى زەربە: پەيغەمبەرلىكنى مەسخىرە قىلىش ۋە يېڭى «نەبىي» يارىتىش بولدى
بېرىتانىيەنىڭ رەزىل پىلانى بۇنىڭلىق بىلەنلا توختاپ قالمىدى. ئۇلار ئىسلامنىڭ ئەڭ مۇقەددەس ئۇلى بولغان پەيغەمبەرلىك ئېتىقادىنىمۇ بۇزۇشنى نىشان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، تارىختا ئۆز قەبىلىسىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن پەيغەمبەرلىك دەۋا قىلغان «مۇسەيليمەتۇل كەززاب» نىڭ سىياسىي ئەرۋاھىنى قەبرىسىدىن كولاپ چىقىرىپ، قايتىدىن تىرىلدۈردى. بۇ رولنى ئويناش ئۈچۈن مىرزا غۇلام ئەھمەد (1835-1908) ئىسىملىك بىر ھوقۇقپەرەسنى ھىندىستاندا سەھنىگە چىقاردى. بېرىتانىيە ئەسكەرلىرىنىڭ قوغدىشى ئاستىدا، مىرزا غۇلام ئەھمەد 1889-يىلى ئۆزىنى «پەيغەمبەر» ۋە «مەھدى» دەپ ئېلان قىلىپ، «قادىيانىيلىق» ناملىق يېڭى بىر پىتنە ئېقىمىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى.
نەتىجىدە، بىر تەرەپتە ھەدىسنى ئىنكار قىلىدىغان «ئاتالمىش قۇرئانچىلار»، يەنە بىر تەرەپتە يالغان پەيغەمبەرگە ئەگەشكەن «قادىيانىيلار»…
بۇ ئىككى پاسكىنا ۋىرۇس ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىققىتىنى ئازادلىق كۆرۈشىدىن بۇراپ، ساغلام بەدىنىنى ئىچىدىن پارچىلاپ، ئۇلارنىڭ بېرىتانىيەگە قارشى كۈرىشىنى ئىنتايىن ئاجىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسى خاتىرجەم ھالدا بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشلىرىغا كىرىپ، دۇنيانى قايتىدىن بۆلۈشۋېلىش پۇرسىتىگە ئېگە بولماقچى ئىدى.
تارىخ بەزىدە ئۆزىنى تەكرارلىمايدۇ، بەلكى ئۆزىنىڭ ئەڭ رەزىل كومېدىيەسىنى قايتا سەھنىلەشتۈرىدۇ. 19-ئەسىردىكى ىشغالىيەتچىلەرنىڭ بۇ ئىدىيەۋى ۋىرۇسى، 21-ئەسىردە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يېڭىدىن باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. ئىسلام دۈشمىنى ئىگناز گولدزىھېرنىڭ بۇ زامانىۋى ھاراملىق تۆرەلمىلىرى بولغان ئۇيغۇر زىندىقلىرى، خۇددى ھىندىستاندىكى ئىدىيەۋى ئەجدادلىرىغا ئوخشاش، «قۇرئان دىنى» دېگەن كونا، پاسكىنا بايراقنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىي بىرلىكىنى پارچىلاشقا كىرىشتى. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى خىتاينىڭ نېنىغا ياغ سۈركەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنتەرتىپىنى خىتاينىڭ ئىشغالىيىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى كۈرەشتىن، ئۆزلىرىنىڭ سەپسەتىلىرىگە بۇراپ، قىممەتلىك ئىجتىمائىي ئېنېرگىيەنى بىھۇدە تالاش-تارتىشلارغا ئىسراپ قىلىشنى باشلىدى.
ئۇلارنىڭ بۇ پىتنىسىنىڭ بەزى نادانلار ئارىسىدا بازار تېپىشىدىكى ئەڭ چوڭقۇر سەۋەب – مەنمەنلىك زەھىرىدۇر. بۇ يولغا كىرگەن ھەر بىر ئىنسان، دەسلەپكى كۈندىن باشلاپلا ئۆزىنى گويا 1400 يىلدىن بېرى ھېچكىم بايقىمىغان «ھەقىقەت» نى تاپقان كاتتا مۇتەخەسسىس، باشقىلارنى بولسا ئەقلى كور نادانلار دەپ قارايدىغان روھىي ھاكاۋۇرلۇققا مۇپتىلا بولىدۇ. ئەڭ خەتەرلىكى، ئۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قۇرئاننى چۈشەندۈرۈش ۋە ئىجرا قىلىشتا كۆرسەتمە بېرىش ھوقۇقىنى ئۆزلىرىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ھەتتا تارتىۋېلىپ، ئۆزلىرىنى «كىچىك پەيغەمبەر» ئورنىغا قويىۋالىدۇ. بۇ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ كالامىنى ئۆز خاھىشى بويىچە بۇرمىلاش ھوقۇقىنى بەرگەندەك خۇمارلىق تۇيغۇغا مۇپتىلا قىلىپ، روھىيىتىنى قەتئىي يېشىلمەيدىغان ساراڭلارچە مەستلىككە گىرىپتار قىلىدۇ.
ئۆزىنى كىچىك پەيغەمبەرنىڭ ئورنىغا قويىۋېلىشتەك كىبىرنىڭ زەھىرىنى بىر قېتىم تېتىغان كىشى، خۇددى خىروئىنغا ئۆگىنىپ قالغاندەك ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك خۇمار بولۇپ قالىدۇ. ئۇلار ئۈچۈن قۇرئان ھىدايەت مەنبەسى ئەمەس، بەلكى ئۆز نەپسى خاشىنى قاندۇرىدىغان بىر ئويۇنچۇققا ئايلىنىدۇ. ئۇلار پەيغەمبەرنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىدىن ئۆزىنى مۇتلەق «ئازاد» قىلغان ھالدا، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئۆز ھاۋايى-ھەۋەسلىرى بويىچە بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈش ئەركىنلىكىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ، ھەقىقەتكە تەلپۈنۈش ئەمەس، بەلكى ھەقىقەتتىن قېچىپ، ئۆز نەپسىنى ئىلاھ قىلىۋېلىشنىڭ ئەڭ يالىڭاچ ئىپادىسىدۇر.
ئەلۋەتتە، ئاللاھنىڭ كالامىنى ھەركىم ئۆز خاھىشىنىڭ ئويۇنچۇقىغا ئايلاندۇرۇۋالغاندا، چوقۇم تۈگىمەس قالايمىقانچىلىق ۋە مىڭلىغان زىددىيەت كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا 19-ئەسىردىن بېرى، بۇ ئىدىيەۋى ۋىرۇس قۇرۇتلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پات-پات تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىدىن باش كۆتۈرۈپ قىمىرداپ، ئۆزلىرىنى «ھەقىقىي ئىسلامنىڭ ۋەكىللىرى» دەپ جاكارلاپ باققان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈنگە قەدەر ھېچبىرى بىرلىككە كېلەلىگىنى يوق. ئۇلارنىڭ ئەڭ كۈلكىلىك تەرىپى شۇكى، «پەقەت قۇرئانلا بىزنى بىرلەشتۈرىدۇ» دەپ جار سالىدىغان بۇ زىندىقلار، ئۆز ئىچىدە تارىختىكى ھەرقانداق پىرقىدىنمۇ بەتتەر پارچىلانغان ۋە بىر-بىرىنى ئىنكار قىلىدىغان روھىي كېسەلگە مۇپتىلا ئىكەنلىكىنى ھەممىلا يەردە ئۆزلىرى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە.
ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا زىددىيەتلىرىدىن بىر نەچچە جانلىق مىسال، «ناماز كومېدىيەسى»:
قۇرئاننى بىردىنبىر مەنبە دېگەن بۇ «كىچىك پەيغەمبەرلەر» نىڭ بەزىلىرى نامازنى كۈنىگە بەش ۋاقىت ئەمەس، ئۈچ ۋاقىت دەپ جاكارلايدۇ (مىسىردىكى ئەھمەد سۇبھى مەنسۇر گۇرۇھى)؛ يەنە بەزىلىرى ئىككى ۋاقىت دەيدۇ (تۈركىيەدىكى ئەدىپ يۈكسەلگە ئوخشاشلار)؛ يەنە بەزىلىرى بەش ۋاقىت دەيدۇ (تۈركىيەدىكى مۇستافا ئىسلامئوغلى گۇرۇھى)؛ بىر قىسمى «قۇرئاندا پېشانە بىلەن ئەمەس، ئېڭەك بىلەن سەجدە قىلىش تىلغا ئېلىنغان» دەپ باشقىچە سەجدە شەكلىنى ئىجاد قىلىدۇ. يەنە بىر قىسمى بولسا، «ناماز دېگەن پەقەت قەلبتىكى دۇئا، قىيام، رۇكۇ، سەجدە دېگەنلەر كېيىن قوشۇلغان بىدئەت» دەپ پۈتۈنلەي يېڭى بىر دىن ئويدۇرۇپ چىقىدۇ. 1400 يىلدىن بېرى بارلىق مۇسۇلمانلار بىردەك ئادا قىلىپ كەلگەن ئىبادەت، ئۇلارنىڭ قولىدا مانا شۇنداق بىر-بىرىنى ئىنكار قىلىدىغان ئونلىغان شەكىللىك «ئىختىيارىي گىمناستىكا» غا ئايلىنىدۇ.
زاكات مەسىلىسىدىمۇ شۇنداق. قۇرئاندا زاكات ئەمر قىلىنغان بولۇپ، زاكاتنىڭ نىسبىتى (%2.5) لىك نىسبىتىگە ئوخشاش قالغان تەپسىلاتلىېى سۈننەتتە بايان قىلىنغان. بۇنى ئىنكار قىلغان «قۇرئانچىلار» نىڭ سۈرىيەدىكى گۇرۇھى «زاكاتنىڭ مۇئەييەن نىسبىتى يوق، كۆڭلى قانچىلىك خالىسا شۇنچىلىك بەرسە بولىدۇ» دېسە، ئىراقتىكىلىرى «قۇرئاندىكى ئايەتلەردىن ھېسابلىساق، زاكات %20 بولىدۇ» دەپ يېڭى بىر شەرىئەت يارىتىدۇ.
بىر قىسىم «قۇرئانچىلار» ئاياللارنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى ئورىشى كېرەكلىكىنى قۇرئاندىن «ئىسپاتلىسا»، يەنە بىر قىسمى «ھىجاب دېگەن ئەرەبنىڭ ئادىتى، قۇرئاندا پەقەت كۆكرەكنى ياپسا بولىدۇ دېيىلگەن» دەپ پەتىۋا بېرىدۇ. يەنە بىر توپى بولسا، «بۇ ئايەتلەر پەقەت پەيغەمبەرنىڭ ئاياللىرىغا خاس، باشقىلار بىلەن ئالاقىسى يوق» دەپ ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە داغدام يول ئاچىدۇ. يەنە بىر قىسىملىرى ھەتتا «قىز ئوغۇل يالغۇز يەردە زىنا زىنا قىلسا بولىدۇ» دەپ پەتىۋا چىقىرىدۇ. (تۈركىيەدىكى ياشار نۇرى ئۆزتۈرككە ئوخشاش)
ئۇلارنىڭ ئېغىزىغا قارىسىڭىز، «بۆلۈنۈشنى تۈگىتىپ، ئۈممەتنى قۇرئانغا جەم قىلىمىز» دەپ يوغان شوئارلارنى توۋلايدۇ. ئەمەلىيەتتە، خۇددى سېر سەييىد ئەھمەدنىڭ ھەدىس تەنقىدلىرىدە ئىگناز گولدزىھېرنىڭ كىتابىنى مەنبە قىلغانلىقىنى يوشۇرۇپ كېيىن رەسۋا بولغىنىدەك، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيەۋى ئاتىسىنىڭ ياھۇدىي گولدزىھېر ئىكەنلىكىنى ھەممىسى بىردەك رەت قىلىدۇ، ئەمما شۇنىڭ ئۇيدۇرما دىنى سايىسىدا ئۆز ئىچىدە تارىختىكى ئەڭ كۆپ بۆلۈنگەن، ئۆز-ئارا ئەڭ زىددىيەتلىك پىرقىگە ئايلانغانلىقىنى يوشۇرالمايدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر بىر گۇرۇپپىسى يەنە بىر گۇرۇپپىنى «قۇرئاننى خاتا چۈشەندى» دەپ ئەيىبلەيدۇ ياكى «بىز ئۇلاردىن ئەمەس» دەپ بىر-بىرىنى ئىنكار قىلىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەرنىڭ قۇرئاننى ئىزاھلاش ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىش، ئەمەلىيەتتە ھەر بىر زىندىقنىڭ ئۆزىنى كىچىك پەيغەمبەر قىلىۋالغانلىقىدۇر. نەتىجىدە ھەر بىر كىچىك پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسىگە ماس كېلىدىغان «قۇرئان ئىزاھاتى» نى يارىتىپ، ھەممىلا يەردە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دىن ئىشلەپچىقىرىدۇ ۋە پوق قۇرتىدەك لەنەتلىنىپ قىپىرداپلا يۈرۈيدۇ.
مەسىلەن، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى يېڭى تۆرەلمىلەرگە قاراپ باقايلى:
ئەنگىلىيەدە گاھ قادىيانىيلارنىڭ قۇيرۇقىدا، گاھ خىرىستىيانلارنىڭ پېشىدا يۈگۈرۈپ يۈرۈيدىغان ئابدۇكەرىم زىندىق، بەش ۋاقىت نامازنى ئىنكار قىلسا، ئۇنىڭ دۇمباقچىسى ئابدۇلئەزىز پەستوغراق «ئەمما مەن بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇيمەن» دەپ ئۇنى ئىنكار قىلىدۇ. يەنە بىر قاراقورساق ھاشىم زىندىق «چوشقىنىڭ ئىچ-باغرى ھالال، گۆشى ھارام» دەپ مەتۇلارچە پەتىۋالارنى چىقارسا، گوللاندىيەدىكى ئەخمەد زىندىق «ئەمما مەن ئېشەك گۆشى بىلەن توڭگۇزنىڭ ئىچ-باغرىنى يېمەيمەن» دەپ ھاشىم زىندىقنى ئىنكار قىلىدۇ.
پۈتۈن ھاياتىنى ئىسلامغا زىيانكەشلىك قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋە بۇ زىندىقلار بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىشتىكى مەقسىتىمۇ ئىسلامغا زىيانكەشلىك قىلىپ، ئەرەب خىرىستىيان ئايالىنىڭ دىنىي ئازغۇنلۇقلىرىنى ئۇيغۇرلارغا يۇقتۇرۇش بولغان، ھەتتا ئىسلامغا ئۆچمەنلىكىدىن ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانچە ئىسمىنى رەسمىي ئۆزگەرتىپ، كانادادا «Arman Raster» دەپ قانۇنلۇق يېڭى خىرىستىيانچە ئىسىم ئالغان ئەھمەتجان ئوسمان «ھاراق ھارام ئەمەس» دېگەن پەتىۋانى چىقارسا، ھاشىم زىندىق ئۇنىڭغا دۇمباق چېلىپ بەرگىنى بىلەن، پەستوغراق زىندىق «ياق، ھاراق ھارام» دەيدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇستازى مۇستافا ئىسلامئوغلى شۇنداق ئۆگەتكەن.
پەستوغراقنىڭ ئۆتمۈشىمۇ ھازىرقىدەكلا قاراڭغۇ ۋە مەينەت ئېقىملار ئارىسىدا ئۆتكەن. مەلۇم بولغىنىدەك، بىر مەزگىل ۋەتەنگە خىتاينىڭ ئالاھىدە پىلانى بىلەن ئىمپورت قىلىنغان «ھىزبۇتتەھرىر» خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆز يۇمۇشى ۋە استىرىتتىن قڭوللاپ بېرىشى سايىسىدا قىسقا ۋاقىتتا پۈتۈن مەكتەپ ۋە يېزىلارغىچە كېڭىيىپ، نەچچە يۈزمىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كېلەچىكىنى نابۇت قىلغان ۋە توپ توپ تۈرمىلەرگە تاشلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى. دەل شۇ چاغلاردا پەستوغراق ئۈرۈمچىدە بۇ ھىزىپچىلارنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى بايراقدارى بولغانلىقىنى ئۆز ئاغزى بىلەن ماڭا ئىستانبولدا ھېكايە قىلىپ بەرگەن. ھەيران قالارلىقى، يۈزمىڭلىغان ئەزالار تۇتقۇن قىلىنغان شۇ بوران-چاپقۇندا بۇ كاتتا بايراقدار تۇتۇلماي ساق-سالامەت تۈركىيەگە كېلىۋالغان. تۈركىيەگە كېلىپمۇ ئۆتمۈشىدىن ساۋاق ئېلىپ مۆتىدىل يولدا مېڭىشنىڭ ئورنىغا، يەنە بۇرۇنقىدەكلا پىتنە-ئىغۋا يولىنى تاللاپ، ھەدىس ئىنكارچىسى زىندىقلارنىڭ يېڭى بايراقدارىغا ئايلاندى.
قىسقىسى، بۇ ئېقىمغا مەنسۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سىستېمىلىق دىنىي تەلىم-تەربىيە كۆرمىگەن، ئارقا كۆرۈنۈشى قاراڭغۇ شەخسلەردىن ئىبارەت. يۇقىرىدا دېيىلگەندەك، ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا بىر بىرىنى ئىنكار قىلىشلىرى ۋە زىددىيەتلىرىگە قارىغان ھەرقانداق ئەقلى ھوشى جايىدا ئادەم، بۇلارنىڭ «قۇرئاننىلا مەنبە قىلىپ مىللەتنى بىرلىككە كەلتۈرىمىز» دېگەن شوئارىنىڭ نەقەدەر ساختا ۋە كۈلكىلىك ئىكەنلىكىنى، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە قانچىلىك چۈشىنىكسىز مىتە قۇرۇتلار ئىكەنلىكىنى ئاسانلا بىلىۋالالايدۇ.
دېمەك، بېرىتانىيەنىڭ 19 – ئەسىردە مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىي بىرلىكىنى پارچىلاش ئۈچۈن قوللانغان تېخىنىكىسىنى خىتايمۇ ئەلبەتتە ئۇيغۇرلارغا قارشى ئىشلىتىۋاتقان بولۇشى ئېنىق. خىتاينىڭ نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىرانغا يوللاپ شىئەلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىشىمۇ يۇقىرىقى قارا نېيىتىنىڭ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىي بىرلىكىنى پارچىلاش تەييارلىق خىزمىتىنىڭ ئوچۇق ئىسپاتى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا بۇ خىل ئازغۇن پىرقىلەرنىڭ ۋە مەينەت ۋىرۇسلارنىڭ ئارىمىزدا پەيدا بولۇپ قېلىشىنى ھەرگىزمۇ تاسادىپىلىق دەپ قارىماسلىق لازىم.
ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ ئەقلىي ۋەيرانچىلىقى (01)
پەيغەمبەرنى توغراپ، پارچىلاش سەپسەتىسى
بۈگۈنكى كۈندە ئىسلامغا قىلىنىۋاتقان ئەڭ خەتەرلىك ھۇجۇملارنىڭ بىرى، ھېچ شۈبھەسىزكى قۇرئاننى نىقاب قىلىۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننىتىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان، 19-ئەسىردىكى بېرىتانىيە مۇستەملىكىچىلىكنىڭ پىكرى ئەخلەتلىرىدىن بىرى بولغان «ھەدىس ئىنكارچىلىقى» ۋىرۇسىدۇر. بۇ ئەقلىي ۋابانىڭ ئەڭ كۆپ تەشۋىق قىلىدىغان، قارىماققا «ئىلمىي» ئاڭلىنىدىغان، لېكىن ئەسلىدە جاھالەت بىلەن كىبىرنىڭ قاراڭغۇ ئازگىلىدىن تۆرەلگەن سەپسەتىلىرىنىڭ بىرى ؛ رەسۇلۇللاھنىڭ «نەبىلىك» ۋە «رەسۇللۇق» سالاھىيىتىنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ، دىننى ئۆز نەپسى-خاھىشىنىڭ ئويۇنچۇقىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.
ئۇلار گويا تارىختا ھېچكىم بايقىمىغان كاتتا بىر سىرنى ئاچقاندەك، كۆپۈك چاچرىتىپ مۇنداق دەيدۇ:
«بىز پەيغەمبەرنىڭ رەسۇللۇق سالاھىيىتىگە ئەگىشىمىز، چۈنكى ئۇ ۋەھىينى يەتكۈزگۈچى پوچتىكەش. ئەمما ئۇنىڭ نەبىلىك سالاھىيىتىگە ئەگىشىش مەجبۇرىيىتىمىز يوق. چۈنكى ئاللاھ قۇرئاندا پەيغەمبەرنى ئاگاھلاندۇرغان ياكى تۈزەتكەن ئورۇنلاردا ھەمىشە ‹ئى نەبى!› دەپ خىتاب قىلىدۇ، ‹ئى رەسۇل!› دېمەيدۇ. بۇ بىزنىڭ ‹ئەقىلدە تەڭداشسىز› قارغا چوقىۋالغان كاللىمىزدا شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئۇنىڭ نەبىلىك سالاھىيىتى خاتالىشىدىغان ئىنسانىي تەرىپىدۇر. شۇڭا بىز، 1400 يىلدىن كېيىنكى ‹زامانىۋىي ئەۋلىيائىي ئەزەملەر بولغانلىقىمىز ئۈچۈن›، ئۇنىڭ قايسى سۆزنى قايسى سالاھىيەت بىلەن قىلغانلىقىنى سىلەرگە ئايرىپ بېرىمىز»
بۇ دەۋا – 19-ئەسىردە ھىندىستاندىكى بېرىتانىيە ئىشغالچىلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پىلانى بويىچە، ئىسلامغا ئۆچمەنلىكى بىلەن تونۇلغان يەھۇدىي مۇستەشرىق ئىگناتس گولدھېزىر تەرىپىدىن سېر سەييىد ئەھمەدخاننىڭ ئەقلىگە قۇيۇلغان زەھەرلىك پىكىر بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىلا ھىندىستان ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن دەلىل ئارغامچىلىرى بىلەن بوغۇپ، تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا كۆمۈۋېتىلگەن ئىدى. ئەپسۇسكى، بۈگۈنكى كۈندە گولدھېزىرنىڭ مۇسۇلمان ئازادلىق مۇجاھىدلىرىنىڭ سېپىنى پارچىلاش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىققان بۇ كونا، سېسىق تەلىماتىنى «كاتتا كەشپىيات» دەپ تونۇۋالغان بىزنىڭ ئۇيغۇر زىندىقلىرىمىز، ئىسلامنىڭ ئىككىنچى ئاساسى بولغان سۈننەتنى يىمىرىش ئۈچۈن، 19 – ئەسىرنىڭ ئۆزىدىلا تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا كۆمۈۋېتىلگەن بۇ سېسىق پىكىرلەرنى قايتا سۆرەپ چىقىپ، ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا ئېتىقادىي بۆلگۈنچىلىك ۋە پىتنە ئۇرۇقىنى چېچىپ، خىتاينىڭ نېنىغا بولىشىغا ياغ سۈرتۈشتەك نومۇسسىزلىقنى ئۆزىگە كەسىپ قىلىۋالغان ئەھۋالدا تۇرماقتا.
تۆۋەندە بىز قۇرئانغا، ئەقىلگە ۋە ساغلام تەپەككۇرغا پۈتۈنلەي زىت بولغان بۇ باتىل سەپسەتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە جاھىللارچە توقۇلما ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئەپتى-بەشىرىسىنى بىر-بىرلەپ ئېچىپ تاشلايمىز.
1 – تىلشۇناسلىقتىكى كومېدىيە: «نەبى» بىلەن «رەسۇل»نىڭ مەنىسىنىمۇ بىلمەي تۇرۇپ سەپسەتە سېتىش رەڭۋازلىقى؛
بۇ سېسىق پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتقان قۇلاقتىن موللا، چاھىللىرىمىز ئەرەب تىلىنىڭ ئەڭ ئاددىي قائىدىلىرىدىن ۋە قۇرئان ئىستىلاھلىرىدىن (تېرمىنولوگىيەسىدىن) پۈتۈنلەي ساۋاتسىز ئىكەنلىكىنى ئۆزلىرى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
نەبى (نبأ): ئەرەب تىلىدا «خەۋەر بەرگۈچى» دېگەن بولۇپ، ئىستىلاھتا ( قۇرئان تېرمىنولوگىيەسىدە) «ئاللاھ تەرىپىدىن ۋەھىي قوبۇل قىلغۇچى زات» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.
رەسۇل (رسل): «ئەلچى، ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى» دېگەنلىك بولۇپ، قۇرئان ئىستىلاھىدا ( قۇرئان تېرمىنولوگىيەسىدە) «ئاللاھ تەرىپىدىن يېڭى بىر شەرىئەت ياكى كىتاب بىلەن ئەۋەتىلگەن ۋە ئۇنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈشكە ھەمدە چۈشەندۈرۈشكە بۇيرۇلغان نەبى» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.
ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ 1400 يىللىق ئىجماسى (بىردەك قارىشى) شۇكى: ھەر بىر رەسۇل نەبىدۇر، ئەمما ھەر بىر نەبى رەسۇل ئەمەس. يەنى، «رەسۇللۇق» مەرتىۋىسى «نەبىلىك» مەرتىۋىسىدىنمۇ يۇقىرى، نەبىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە تېخىمۇ ئېغىر مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەن بىر سالاھىيەتتۇر. «نەبى» بولماي تۇرۇپ «رەسۇل» بولۇش مۇمكىن ئەمەس.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەم نەبى، ھەم رەسۇلدۇر. بۇ ئىككى سالاھىيەت بىر گەۋدىدە، بىر شەخستە مۇجەسسەملەشكەن. بۇ خۇددى بىر دوختۇرنىڭ ھەم «پروفېسسور» (نەزەرىيەۋىي بىلىمدە مۇتەخەسسىس) ھەم «باش دوختۇر» (ئەمەلىي داۋالاشتا مەسئۇل) بولغىنىغا ئوخشايدۇ. ھازىر بىزنىڭ مېڭىسىنى قاغا چوقۇۋالغان زىندىقلىرىمىزدىن باشقا قېنى قايسى ئەقلى جايىدا ئادەم چىقىپ: «بىز ئۇنىڭ پروفېسسورلۇق سالاھىيىتى بىلەن تارقاتقان كىتابىنى ئوقۇيمىز، ئەمما باش دوختۇرلۇق سالاھىيىتى بىلەن يازغان رېتسېپىغا ئەمەل قىلمايمىز، چۈنكى رېتسېپ يازغاندا ئادەم خاتالىشىپ قېلىشى مۇمكىن» دېيەلەيدۇ؟ بۇنداق دېگەن ئەخمەققە كىممۇ كۈلمەي تۇرالايدۇ؟
2 – ئۆزلىرىنى «قۇرئانچى» دەپ ئاتىۋالغانلارنىڭ قۇرئانغا قىلىۋاتقان خىيانىتى
ئەگەر بۇ سەپسەتىچىلەر ھەقىقەتەن قۇرئانغا ئەگەشكەن بولسا ئىدى، قۇرئاننىڭ پەيغەمبەرگە مۇتلەق ئىتائەت قىلىش ھەققىدىكى ئايەتلىرىنى كۆرۈپ، ئازراق بولسىمۇ نومۇس قىلغان بولاتتى. قۇرئاندا بىرەر ھەرپتىمۇ «پەيغەمبەرنىڭ رەسۇللۇق تەرىپىگە ئىتائەت قىلىپ، نەبىلىك تەرىپىنى تاشلاڭلار» دېگەن مەزمۇن يوق. ئەكسىچە، مۇتلەق ئىتائەت قايتا قايتا تەكىتلەنگەن:
«… پەيغەمبەر سىلەرگە نېمىنى بەرسە، ئۇنى ئېلىڭلار؛ سىلەرنى نېمىدىن چەكلىسە، ئۇنىڭدىن يېنىڭلار…» (ھەشر سۈرىسى، 7-ئايەت). بۇ بۇيرۇقتا ھېچقانداق شەرت يوق. «پەقەت قۇرئاننىلا ئېلىڭلار، ئۇنىڭ شەخسىي سۆزىنى ئالماڭلار» دېگەن جاھىللارچە شەرھنى قايسى ئاساسقا بىنائەن ئۇيدۇرۇپ چىقتىڭلار؟
«كىمكى رەسۇلغا ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ.» (نىسا سۈرىسى، 80-ئايەت). بۇ يەردە ئىتائەتنى پارچىلاشقا ياكى شەرتكە باغلاشقا ھېچقانداق يوچۇق قويۇلمىغان.
«ئى مۆمىنلەر، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە… ئىتائەت قىلىڭلار…» (نىسا سۈرىسى، 59-ئايەت). بۇ ئايەتتە ئاللاھ ئۆزىگە ئىتائەت قىلىش بىلەن پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشنى بىرلىكتە تىلغا ئالغان. قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، بۇ بىر پۈتۈن مۇتلەق ئىتائەتنى ئىككىگە بۆلۈش ھوقۇقىنى سىلەر زادى كىمدىن ئالدىڭلار؟ غەيرىي مەشرۇ داداڭلار مۇستەشرىق گولدھېزىردىنمۇ؟
3 – مەنتىق چەھەتتىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش: ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى مەسخىرە قىلىش كومېدىيەسى
بۇ «ئەقىللىقلار»نىڭ سەپسەتىسى بىر قانچە ئاددىي سوئال ئالدىدا قانداق پارچىلىنىپ كېتىدىغانلىقىغا قېنى بىر قاراپ باقايلى:
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قايسى سۆزىنى «نەبى» سۈپىتىدە، قايسى سۆزىنى «رەسۇل» سۈپىتىدە قىلغانلىقىنى كىم بەلگىلەيدۇ؟ بۇ ھۆكۈمنى كىم چىقىرىدۇ؟ 1400 يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان، ئەرەبچىنى توغرا تەلەپپۇزمۇ قىلالمايدىغان سىلەر بىر قانچە جاھىل ئاڭسىز قارغىلارمۇ؟ سىلەرگە بۇ ئىلاھىي ھۆكۈمنى چىقىرىش سالاھىيىتىنى كىم بەردى؟ بۇ، دىننى بالىلار ئويۇنىغا ئايلاندۇرۇش بولماي نېمە؟
قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، نامازنى قانداق ئوقۇيسىلەر؟ قۇرئاندا نامازغا بۇيرۇق بار، ئەمما رەكئەت سانى، سەجدە-رۇكۇنىڭ تەپسىلاتى يوق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە نامازنى ئۆگەتكەندە، ئۇنى «نەبى» سالاھىيىتى بىلەن ئۆگەتتىمۇ ياكى «رەسۇل» سالاھىيىتى بىلەن ئۆگەتتىمۇ؟ ئەگەر «نەبى» سۈپىتىدە ئۆگەتكەن بولسا، سىلەرنىڭ مەنتىقىڭلار بويىچە ئۇنىڭغا ئەگەشمەسلىك كېرەكمۇ؟ ياكى ئەنگلىيەدىكى كىرەم زىندىققا ئوخشاش نامازنى ئىسلامدا يوق دەپ بىر يولىلا قۇتۇلامسىلەر؟
ۋەياكى مىسىردىكى ھەدىس ئىنكارچىسى زىندىقلارغا ئوخشاش نامازنى ئۇچ ۋاقىتقا چۈشۈرۈپ، سەجدىنى پىشاينە بىلەن ئەمەس ئېڭەك بىلەن قىلدىغان يېڭى ئىجادىيەتلەرنى كەشىپ قىلامسىلەر؟ ياكى پەس توغراق زىندىققا ئوخشاش بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇيدىغان بولساڭلار، ئۇنداقتا بۇ بەش ۋاقىت نامازنى كىمنىڭ ئۆگەتكىنى بويىچە ئوقۇيسىلەر؟ ياكى ئۆزۈڭلار ياھۇدىي ئاتاڭلاردىن سوراپ باشقا بىر يېڭى ئۇسۇل ئويدۇرۇپ چىقارامسىلەر؟
زاكاتنى قانداق بېرىسىلەر؟ قۇرئاندا زاكاتقا بۇيرۇق بار. ئەمما قايسى مالدىن، %2.5 بېرىش كېرەكلىكىنى، نىصاب (ئۆلچەم) مىقدارىنى ھەدىس ئۆگىتىدۇ. پەيغەمبەرنىڭ بۇ چۈشەندۈرۈشلىرى ئۇنىڭ قايسى سالاھىيىتىدىن كەلگەن؟ ياكى سىلەر «بىز ئۇلاردىن ئەمەس» دەپ ئىنكار قىلىدىغان ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ باشقا پىرقىلىرىگە ئوخشاش، «زاكات دېگەن سەدىقە، قانچىلىك خالىسا شۇنچىلىك بەرسە بولىدۇ» دەپ، ھەم ھەدىسنى ھەم قۇرئاننى ئىنكار قىلىشنىڭ يولىغا ماڭامسىلەر؟
بۇ سوئاللار شۇنى كۆرسىتىدۇكى، بۇنداق ئايرىمچىلىق قىلىشنىڭ مەقسىتى – دىننىڭ پۈتۈن ئەمەلىي تەرىپىنى يوققا چىقىرىپ، ئىسلامنى ھەر كىمنىڭ ئۆز كاللىسى بويىچە قائىدە قانۇن چىقىرىدىغان قالايمىقان ئىدىيەلەر ئەخلەت دوۋىسىگە ئايلاندۇرۇشتۇر. مۇشىنىڭ ئۆزىلا بۇ ئېقىمنىڭ ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنى پارچىلاش لايىھەسى ئىكەنلىكىنىڭ ئوچۇق ئىسپاتىدۇر.
4 – «ئى نەبى!» دېگەن خىتابىنىڭ ھەقىقىي مەنىسى، ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ ئۆز دەلىلى بىلەن ئۆزىنى شاپىلاقلاشتەك ئەخمەقلىقى
بۇ مۇستەشرىق گولد ھېزىرنىڭ تۆرەلمىلىرىنىڭ بىردىنبىر دەلىل دەپ كۆتۈرۈۋالغان نەرسىسى ، ئاللاھنىڭ بەزى ئايەتلەردە «يا أيها النبي (ئى نەبى!)» دەپ خىتاب قىلىشىدۇر. بۇ، ئۇلارنىڭ جاھىللىقىنىڭ ۋە قۇرئان ئۇسلۇبىدىن بىخەۋەرلىكىنىڭ ئەڭ روشەن ئىسپاتى بولۇپ، بۇ دەلىل ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى ئەڭ كۈچلۈك شاپىلاقتۇر.
ئەرەب تىلىدا ۋە قۇرئان ئۇسلۇبىدا، «ئى نەبى!» دېگەن خىتاب بىر ھۆرمەت، ئىززەت ۋە يېقىنلىق ئىپادىسىدۇر. بۇ خىتاب ئارقىلىق ئاللاھ ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك بەندىسى ۋە پەيغەمبىرىگە بولغان مۇھەببىتىنى ۋە ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى تىلغا ئالغان بولىدۇ. ھەتتا نەبىنىڭ باسقان ھەر بىر قەدىمىنى، قىلىدىغان ھەر بىر سۆزى ۋە ئىش – ھەرىكىتىنى ئاللاھ بىۋاستە كۆزىتىپ، ئۇنىڭ خاتا سۆز، خاتا ئىش قىلىپ سېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك يېقىن ئالاقە، سۆيگۈ – مۇھەببەتنىڭ ئىپادىسىدۇر. بۇ خىتاب ئارقىلىق ئاللاھ ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك بەندىسىگە بولغان مۇھەببىتىنى ۋە ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى تەكىتلەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى، بۇ خىتابنىڭ ئۆزىلا ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ مەزكۇر دەۋاسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ.
چۈنكى ئاللاھنىڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ سۆيۈملۈك نەبىسىنىڭ كىچىككىنە ئىنسانىي ئىشلىرىغىمۇ دەرھال ۋەھىي ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، يولىنى توغرىلاپ تۇرۇشى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى, پەيغەمبەرنىڭ ھاياتىنىڭ ھەر بىر مىنۇتى پۈتۈنلەي ۋەھىينىڭ كونتروللۇقىدا بولغان. ئۇنىڭ ئىنسانىي خاتالىقلىرى (ئەگەر شۇنداق دېيىلسە) ھەرگىز ئۆز پېتى قالدۇرۇلمايدۇ، بەلكى دەرھال ۋەھىي ئارقىلىق تۈزىتىلىدۇ. بۇ، پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىنىڭ نەقەدەر ئىشەنچلىك ۋە ساپ ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دەلىلىدۇر!
قىسقىسى، ھەدىس ئىنكارچىلىرى سۈننەتنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن بۇ دەلىل، ئەكسىچە سۈننەتنىڭ ئىلاھىي قوغداش ۋە كاپالەت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ، ھەدىس ئىنكارچىلىرىنى پۈتۈن دۇنيا ئالدىدا رىزىل قىلىدىغان شاپىلاق بولىدۇ.
5 – بۇلارنىڭ ئاتالمىش قۇرئانچىلىق نىقابى ئارقىسىدىكى ھەقىقىي مەقسىتى
بۇ «نەبى-رەسۇل» ئويۇنى – ئىلمىي بىر مۇلاھىزە ئەمەس، بەلكى ئىسلام شەرىئىتىنىڭ ئىتائىتىدىن قېچىش ۋە ئۆز نەپسىنى ئىلاھلاشتۇرۋىلىش ھىيلىسىدۇر. ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى قۇرئانغا ئەگىشىش ئەمەس، ئۇلارنىڭ تەبىئىتىدىكى بۆلگۈنچىلىك، بەدگۇمانلىق ۋە قارا نىيەت تومۇر تومۇرلىرىغا شۇنداق سېڭىپ كەتكەنكى، گويا ئاللاھ تەرىپىدىن پىتنە ۋە بۆلگۈنچىلىك بىلەن لەنەتلەنگەندەكلا ئۇلار ئالدى بىلەن قۇرئان بىلەن ھەدىسنى بىر-بىرىگە زورلاپ سوقۇشتۇرۇپ، دۈشمەن قىلىپ كۆرسىتىدۇ، ئاندىن پەيغەمبەرنىمۇ پارچىلاپ، توغراپ نەچچىگە بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن؟
چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەرنىڭ قۇرئاننى ئىزاھلاش ھوقۇقىنى، قۇرئاندىكى ئومۇمىي پرىنسىپلارغا ئاساسەن تارماق قانۇن-ماددىلارنى بېكىتىش ھوقۇقىنى، ئۆز ھاياتىدىكى ئەمەلىيىتى بىلەن شەرىئەتنىڭ قانداق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ھوقۇقىنى، پۈتۈن ھاياتى بىلەن ئۈممەتكە ئۈلگە بولۇش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنى پەيغەمبەرلىك تەختىگە چىقىرىپ، قۇرئانغا چولتا ئەقىللىرى بىلەن خالىغانچە تەبىر بېرىش ۋە خالىغانچە ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇققا ئىگە بولماقچى بولىدۇ!
چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۆزلىرى خۇددى يېڭى پەيغەمبەردەك قۇرئاندا يوق ھۆكۈملەرنى ئۆز خاھىشى بىلەن ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئۈممەت ئىچىدە پىتنە-پاسات تېرىپ، ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنى پارچىلاش لايىھەسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان مەلئۇن يالاقچىلارنىڭ دەل ئۆزىدۇر.
ھەقىقەت شۇكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىر پۈتۈن،
پارچىلانماس رەھبەر، قۇماندان ۋە ئۈلگىدۇر. ئۇنىڭ رەسۇللۇقى نەبىلىكىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان، نەبىلىكى بولسا رەسۇللۇقىنىڭ ئاساسىدۇر. ئاللاھ ئۇنى بىزگە پارچىلاپ ئەمەس، بىر پۈتۈن ھالەتتە ئۇنىڭغا مۇتلەق ئەگىشىپ ئۈلگە قىلىشىمىز ئۈچۈن ئەۋەتكەن
.
«شۈبھىسىزكى، سىلەر ئۈچۈن… ئاللاھنىڭ رەسۇلىدا
گۈزەل بىر ئۈلگە باردۇر.» (ئەھزاب سۈرىسى، 21-ئايەت)
بۇ ئايەت ئۇنىڭ «رەسۇللۇق» ھالىتىدىلا ئەمەس، پۈتۈن ھاياتىدا بىز ئۈچۈن ئۈلگە ئىكەنلىكىنى جاكارلايدۇ. ئۇنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش بولسا قۇرئاننى، ئىسلامنى، ئەقىل ۋە مەنتىقنى ئىنكار قىلىشتۇر. شۇڭا، بۇنداق جاھىللارچە سەپسەتىلەرنى ئەسلى كېلىپ چىققان 19 – ئەسىردىكى تارىخنىڭ ئىبلىسلەر ئەخلاتخانىسىغا چۆرۈپ تاشلاش
شۇنداقلا قۇرئان ۋە سۈننەتنى بىر پۈتۈن ھالەتتە چىڭ تۇتۇش ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ بۇرچىدۇر.
ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ ئەقلىي ۋەيرانچىلىقى (2-قىسىم)
ئىمام بۇخارىغا قىلىنغان تۆھمەت: «600 مىڭ ھەدىس» سەپسەتىسى
ئالدىنقى قىسمىدا ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «نەبىلىك» ۋە «رەسۇللۇق» سالاھىيىتىنى پارچىلاشتەك جاھىللارچە سەپسەتىسىنى ئېچىپ تاشلىغان ئىدۇق. بۇ قېتىم، ئۇلارنىڭ يەنە بىر كونا، ئەمما نۇرغۇن كىشىنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرىدىغان يالغانچىلىقىغا، يەنى ھەدىس ئىلمىنىڭ پىشۋاسى، «مۇئمىنلەرنىڭ ھەدىس ئىلمىدىكى ئەمىرى» دەپ شەرەپلەنگەن بۈيۈك ئىمام، ئىمام بۇخارى رەھمەتۇللاھى ئەلەيھىنىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ، پۈتكۈل ھەدىس سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىشتەك رەزىل قىلمىشىغا رەددىيە بېرىمىز.
ئۇلار گويا ئۆزىنى ئىلمىي تەتقىقاتچى قىياپىتىگە كىرگۈزۈۋېلىپ، ساددا كىشىلەرنى ئالداش ئۈچۈن مۇنداق بىر ئۇيدۇرما ھېكايىنى توقۇپ چىقىدۇ:
«قاراڭلار، ھەتتا سىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئىمامىڭلار ئىمام بۇخارى 600 مىڭ ھەدىسنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئاران 7000 غا يېقىن ھەدىسنى (يەنى تەخمىنەن 1% نى) ئۆزىنىڭ ‹سەھىھۇل بۇخارى› ناملىق كىتابىغا كىرگۈزگەن. قالغان 590 نەچچە مىڭ ھەدىسنى ئىشەنچسىز دەپ تاشلىۋەتكەن! ئەگەر بىر نەرسىنىڭ 99% ى يالغان بولسا، سىلەر يەنە قانداق قىلىپ ھەدىسكە ئىشىنەلەيسىلەر؟»
بۇ سەپسەتىنى تەپسىلىي پارچىلاشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ مەينەت يىلتىزىنى ئېچىپ تاشلاش زۆرۈر. بۇ قىپ-قىزىل يالغان ھازىرقى زامان ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ «يېڭى كەشپىياتى» ئەمەس، بەلكى 19-ئەسىردىكى بېرىتانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ھىندىستاندا مۇسۇلمانلارنىڭ جىھاد روھىنى سۇندۇرۇش ۋە بىرلىكىنى پارچىلاش ئۈچۈن لايىھەلىگەن ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمىدۇر. بۇ زەھەرلىك پىكىرنى ئىسلامغا ئۆچمەنلىكى بىلەن تونۇلغان مۇستەشرىق ئىگناتس گولدھېزىرنىڭ تەسىرى ئاستىدا سېر سەييىد ئەھمەدخان باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىلا ھىندىستاننىڭ غەيۇر ئۆلىمالىرى بۇ تۆھمەتكە كۈچلۈك ئىلمىي رەددىيەلەرنى بېرىپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي رەزىل-رەسۋا قىلغان ھالدا تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا كۆمۈۋەتكەن ئىدى. ئەپسۇسكى، بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بىر قانچە ئوقۇمىغان، جاھىل ھەدىس ئىنكارچىسى ئىككى ئەسىر ئىلگىرى مەغلۇپ بولغان بۇ سېسىق يالغاننى قايتا سۆرەپ چىقىپ، گويا چوڭ بىر ھەقىقەتنى تاپقاندەك چۇقان سېلىشىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە ئېتىقادىي بۆلگۈنچىلىك ۋە پىتنە-پاسات ئۇرۇقىنى چاچماقتا.
بۇ يالغان ، تارىخىي پاكىتلارنى بۇرمىلاشنىڭ، ھەدىس ئىلمىنىڭ ئەڭ ئاددىي ئاساسلىرىدىنمۇ بىلمەسلىكتەك ساۋاتسىز جاھىللىقنىڭ ۋە ئىلمىي ئەمگەككە قىلىنغان ئىپلاسلارچە ئەخلاقسىزلىقنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسىدۇر. تۆۋەندە بىز بۇ سەپسەتىنىڭ قانداق ئۈچ چوڭ يالغانچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى بىر-بىرلەپ ئېچىپ بېرىمىز.
بىرىنچى يالغان: ھەدىس ئىلمىدىكى «ساناش» ئۇسۇلىنى بىلمەي، جاھىللىقنى ئىلمىي تەتقىقاتتەك بازارغا سېلىش
بۇ سەپسەتىنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكى «600 مىڭ» دېگەن ساننى خاتا چۈشەندۈرۈش ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئۇلارنىڭ بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىشىچە، 600 مىڭ ھەدىس دېگەنلىك؛ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ 600 مىڭ ئوخشىمىغان جۈملە سۆزى ياكى ئىش-ھەرىكىتى دېگەنلىكتۇر. بۇ، ئەسلىدە ھەدىسشۇناسلىق (ئۇسۇلۇل ھەدىس) ئىلمىدىن بىر ھەرپمۇ خەۋىرى يوق قالاق ئىنساننىڭ قىلىدىغان گېپى.
ھەقىقەت شۇكى: ھەدىس ئىلمىدە، بىر ھەدىس ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ:
مەتىن (المتن): پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزى، ئىش-ھەرىكىتى ياكى تەستىقى (ماقۇللىشى).
سەنەد (السند): شۇ مەتىننى بىزگە يەتكۈزگەن راۋىيلار (بايان قىلغۇچىلار) زەنجىرى.
ھەدىسشۇناسلىق قائىدىلىرىدە ھەر بىر ئوخشىمىغان سەنەد ئايرىم بىر ھەدىس دەپ سانىلىدۇ.
مىسال: «ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر» دېگەن ھەدىسنى ئالايلى. بۇ بىرلا مەتىن. ئەمما بۇ ھەدىس بىزگە يۈزلىگەن ئوخشىمىغان سەنەد، يەنى يۈزلىگەن ئوخشىمىغان بايان قىلغۇچىلار زەنجىرى ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن. ھەدىس ئالىملىرىنىڭ نەزىرىدە، بۇ يۈزلىگەن سەنەدنىڭ ھەر بىرى ئايرىم-ئايرىم ھەدىس ھېسابلىنىدۇ. يەنى، بىرلا مەتىننىڭ 100 خىل سەنەدى بولسا، ئۇ 100 ھەدىس دەپ سانىلىدۇ.
شۇڭلاشقا، ئىمام بۇخارىنىڭ «مەن 600 مىڭ ھەدىسنى يادلىدىم» دېيىشى، «مەن 600 مىڭ ئوخشىمىغان مەتىننى يادلىدىم» دېگەنلىكى ئەمەس، بەلكى «مەن ئوخشىمىغان مەتىنلەرنىڭ جەمئىي 600 مىڭغا يېقىن بايان قىلغۇچىلار زەنجىرىنى (سەنەدلىرىنى) تەكشۈرۈپ چىقتىم» دېگەنلىكتۇر. ئىمام بۇخارىنىڭ 7000 دىن ئارتۇق ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «سەھىھۇل بۇخارى» ناملىق ئەسىرىدىمۇ، تەكرارلانغان سەنەدلىرىنى چىقىرىۋەتسەك، تەخمىنەن 2600 ئەتراپىدا ئوخشىمىغان مەتىن يەنى ھەدىس قالىدۇ.
قىسقىسى ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ «99% ھەدىس تاشلىۋېتىلگەن» دېگەن يالغىنى، ئۇلارنىڭ ھەدىس ئىلمىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ئاتالغۇسى بولغان «سەنەد» بىلەن «مەتىن»نىڭ پەرقىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىدىن كېلىپ چىققان جاھىللىقنىڭ مەھسۇلىدۇر.
ئىككىنچى يالغان: ئىمام بۇخارىنىڭ مەقسىتىنى ۋە ئىلمىي ئۇسۇلىنى بۇرمىلاش
بۇ سەپسەتىچىلەر ئىمام بۇخارىنىڭ ۋەزىپىسىنى يەر يۈزىدىكى بارلىق سەھىھ ھەدىسلەرنى بىر كىتابقا توپلاش دەپ خاتا چۈشەندۈرىدۇ ۋە شۇ ئاساستا ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇمۇ تارىخىي ھەقىقەتكە ۋە ئىلمىي مېتودولوگىيەگە قىلىنغان چوڭ خىيانەتتۇر.
ھەقىقەت شۇكى: ئىمام بۇخارىنىڭ «سەھىھۇل بۇخارى» نى يېزىشتىكى مەقسىتى بارلىق سەھىھ ھەدىسلەرنى يىغىپ چىقىش ئەمەس، بەلكى ئۆزى بېكىتكەن ئەڭ يۇقىرى، ئەڭ قاتتىق سەھىھلىك شەرتلىرىگە توشىدىغان ھەدىسلەرنىلا تاللاپ، بىر كىتابقا جەملەشتۇر.
ئۇنىڭ شەرتلىرى شۇ دەرىجىدە قاتتىق ئىدىكى، باشقا نۇرغۇن ھەدىس ئالىملىرى سەھىھ دەپ قارىغان ھەدىسلەرنىمۇ، ئەگەر ئۆزىنىڭ ئۆلچىمىدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتمىسە، كىتابىغا كىرگۈزمىگەن.
بۇ، ئۇ كىرگۈزمىگەن ھەدىسلەرنى «ساختا» ياكى «ئىشەنچسىز» دېگىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ «ئالتۇن ئۆلچىمى»گە توشمىغانلىقىنىلا كۆرسىتىدۇ.
مىسال ئۈچۈن، بىر ئالىم «نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەر» دېگەن تېمىدا كىتاب يازسا، ئۇ پەقەت نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنىلا تىزىپ چىقىدۇ. بۇ ئۇنىڭ باشقا مىليونلىغان ئەسەرلەرنى «ئوقۇشقا ئەرزىمەيدۇ» دېگەنلىكىمۇ؟ ياق! ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ئالاھىدە تېمىسى ۋە ئۆلچىمى بويىچە تاللاش ئېلىپ بارغان.
ئىمام بۇخارىنىڭ قىلغىنىمۇ دەل شۇ. ئۇ بېكىتكەن ئۆلچىمى بويىچە «سەھىھ» ھەدىسلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ «سەھىھ»لىرىنى، يەنى قۇسۇرسىزلىرىنى تاللىغان. ئۇنىڭ كىتابىغا كىرمىگەن مىڭلىغان سەھىھ ھەدىسلەر ئىمام مۇسلىم، ئىمام تىرمىزى، ئىمام ئەبۇ داۋۇد قاتارلىق باشقا بۈيۈك ئالىملارنىڭ كىتابلىرىدا مەۋجۇت.
ئۈچىنجى يالغان: تارىخىي پاكىتلارنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىش
ئەڭ مۇھىمى، بۇ تۆھمەتچىلەرنىڭ دەۋاسىنىڭ دەل ئەكسىچە، ئىمام بۇخارىنىڭ ئۆزى ھېچ بىر يەردە «مەن كىتابىمغا كىرگۈزمىگەن ھەدىسلەرنىڭ ھەممىسى زەئىپ ياكى ساختا» دېمىگەن، بەلكى بۇنىڭ دەل ئەكسىنى ئېيتقان.
ئىسلام تارىخىدىكى ئىشەنچلىك مەنبەلەر ئىمام بۇخارىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى خاتىرىلىگەن:
«مەن بۇ كىتابىمغا (يەنى سەھىھۇل بۇخارىغا) پەقەت سەھىھ ھەدىسلەرنىلا كىرگۈزدۈم، ئەمما كىتابنىڭ ھەجىمى ئۇزىراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەرنى (كىتاب سىرتىدا) قالدۇرۇپ قويدۇم»
ئىمام بۇخارىنىڭ بۇ بايانىنىڭ ئۆزىلا ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ بارلىق سەپسەتىسىنى بىتچىت قىلىدۇ. ئىمام بۇخارى ئۆزى «مەن تاشلىۋەتكەن ھەدىسلەر ئىشەنچسىز» دېمەستىن، ئەكسىچە «كىتابىمغا كىرمىگەن يەنە نۇرغۇن سەھىھ ھەدىسلەر بار» دەۋاتسا، بۈگۈنكى كۈندىكى جاھىللارنىڭ ئۇنىڭغا «قالغانلىرىنى يالغان دېدى» دەپ تۆھمەت قىلىشى ئىپلاسلارچە ئەخلاقسىزلىقنىڭ ۋە نادانلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر.
يېغىپ ئېيتقاندا ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ «ئىمام بۇخارى ۋە 600 مىڭ ھەدىس» سەپسەتىسى، ئۈچ چوڭ يالغاننىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر تۆھمەتلەر دوۋىسىدۇر:
1 – ھەدىس ساناش ئۇسۇلىدىكى بىلىمسىزلىك.
2 – بىر ئالىمنىڭ ئىلمىي مەقسىتىنى ۋە ئۇسۇلىنى قەستەن بۇرمىلاپ ئاڭلىتىش
3 – تارىخىي پاكىتنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ، بۈيۈك ئىمامنىڭ ئۆز سۆزىگە قارشى ھالدا ئۆزلىرى ئۆيدۇرغان يالغان بىلەن ئۇنىڭغا تۆھمەت چاپلاش.
بۇ سەپسەتىنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى – ئىلمىي مۇلاھىزە قىلىش ئەمەس، بەلكى ئىسلام ئۈممىتى 14 ئەسىردىن بېرى قۇرئاندىن قالسا ئەڭ ئىشەنچلىك مەنبە دەپ قاراپ كەلگەن «سەھىھۇل بۇخارى» نىڭ مۇئەللىپىگە ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق، مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىگە سۈننەتكە ۋە ئىسلام ئالىملىرىغا قارشى گۇمان ۋە ئۆچمەنلىك ئۇرۇقىنى تېرىشتۇر.
ئەڭ نومۇسسىز يېرى شۇكى، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇ جاھىللارچە تۆھمەتنى 19-ئەسىردىكى مۇستەملىكىچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ يالاقچىلىرى ئويدۇرۇپ چىققان ھەمدە شۇ زاماننىڭ ئۆلىمالىرى تەرىپىدىن رەد قىلىنىپ، تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا تاشلانغان ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ ئۇيغۇر جاھىل ھەدىس ئىنكارچىسى يالاقچىلىرىمىز، ئىككى ئەسىر بۇرۇن مات بولغان بۇ يالغاننى قايتا سۆرەپ چىقىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئېتىقادىي بۆلۈنۈش ۋە پىتنە-پاساتقا سەۋەب بولماقتا. بۇ، ئۇلارنىڭ نەقەدەر بەدنىيەت، نە قەدەر كاززاپ، قالاق، ئاڭسىز ۋە غەربلىك ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ كونا تاشلاندۇقلىرىنى يالايدىغان تەخسىكەش، جانباقتىلار ئىكەنلىكىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئىسپاتىدۇر. قۇرئانى كەرىمدەك مۇقەددەس كىتابىمىزدىن ھەقىقەتنى يەتكۈزمەكچى بولغانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان بۇ كاززابلارنىڭ نەقەد بەدنىيەتلىك ئىكەنلىكىنى يۇقىرىدىكى يالغانلىرىدىن ئوچۇق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ھەقنى يەتكۈزىدىغان كىشى ھەرگىزمۇ يالغان سۆزلىمەيدۇ، تارخىنى بۇرمىلىمايدۇ، ئۇنداق قىلىشقا ئېھتىياجىمۇ يوق. يالغان سۆزلەش ، بۆھتان چاپلاش، تارىخنى بۇرمىلاش، مۇناپىقلارنىڭ، مىللەتنى قايمۇقتۇرماقچى بولغان نىجىس ۋىرۇسلارنىڭ قىلمىشى ۋە داۋاملىق ئېھتىياجلىق بولىدىغان بىردىن بىر ئوزىقىدۇر.
شۇڭا، ھەر بىر مۇسۇلمان بۇنداق ئەرزىمەس، ئىلمىي ئاساسى يوق تۆھمەتلەرگە ئالدانماستىن، ئۆزىمىزنىڭ بۈيۈك ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇلارنىڭ ئىلمىي مىراسلىرىنى توغرا چۈشىنىش ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ئىزدىنىشى لازىم. كېيىنكى قىسمىدا، ئۇلارنىڭ يەنە بىر ئەقلىي ۋەيرانچىلىقىنى ۋە ئىلمىي ئاساسسىز سەپسىتىسىنى ئېچىپ تاشلايمىز، ئىنشائاللاھ.
ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ ئەقلىي ۋەيرانچىلىقى (3-قىسىم)
تەۋھىد نىقابى ئاستىدىكى تەكفىرچىلىك ۋىرۇسى: 2 مىليارد مۇسۇلماننى «مۇشرىك»كە چىقىرىشتەك ئىبلىسلارچە تەلۋىلىك
ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ پىتنە، ئەڭ زەھەرلىك خەنجەر – مۇسۇلماننى كاپىرغا ياكى مۇشرىككە چىقىرىش پىتنىسىدۇر. بۇ لەنەتلىك خەنجەرنى تۇنجى بولۇپ قولىغا ئالغان ۋە ئۈممەتنىڭ بىرلىكىنى پارچىلىماقچى بولغانلار، شۈبھىسىزكى، ھاكاۋۇرلۇق ۋە جاھالەت پاتقىقىغا بوغۇزىغىچە پاتقان، ھەتتا ھەزرىتى ئەلىدەك كاتتا ساھابىنىمۇ «كاپىر» دەپ قارىلىغان خاۋارىجلار ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، 19-ئەسىردىكى بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەخلەتخانىسىدىن قايتا تىرىلگەن شۇمبويا تۆرەلمىلەر، يەنى ئۇيغۇر ھەدىس ئىنكارچىسى زىندىقلار، ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيەۋى ئەجدادلىرى بولغان خاۋارىجلارنىڭ دەل شۇ سۇنۇق، داتلىشىپ كەتكەن خەنجىرىنى قايتا قولىغا ئېلىپ، پۈتۈن ئەھلى سۈننە جامائىتىنىڭ يۈرىكىگە سانجىماقچى بولماقتا.
لېكىن شۇنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەككى، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى تەلۋىلەرچە ئەخلاقسىزلىقى تارىختىكى ھەرقانداق نومۇسسىزلىقتىن ھالقىپ كەتتى. ئىسلامنىڭ قانلىق پىتنەلەر بىلەن تولغان ئۇزۇن تارىخىدا، خاۋارىجلاردىن باشقا ھېچبىر گۇرۇھ پۈتۈن ئۈممەتنى بىراقلا مۇشرىككە چىقىرىشتەك شەيتانىي جۈرئەتكە پېتىنالمىغان ئىدى. ھەتتا 19-ئەسىردە مۇستەملىكىچىلەرنىڭ تەجرىبىخانىسىدا تۆرەلگەن، ئۆزلىرىگە «قۇرئانچى» دەپ يېڭى ئىسىم قويۇۋالغان ئەشۇ دەسلەپكى ئەقلىي مۇتانتلارمۇ، ئۆز ئىچىدىكى يۈزلىگەن بۆلۈنۈشلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يۈرۈپ، بۇ دەرىجىدىكى شايتانىي ھۆكۈمنى چىقىرىشقا پېتىنالمىغان ئىدى.
ئەمما ئەپسۇسكى بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇرلىرىمىز ئارىسىدا بىر تال ھەرپچىلىكمۇ ئىلمىي سالاھىيىتى بولمىغان، پۈتۈن ھاياتى خىرىستىيان ۋە يەھۇدىيلارنىڭ قاچىسىنى يۇيۇپ، چالا قالغان تەخسىسىنى يالاش ۋە سەدىقىلىرىنى بەس بەستە تالىشىپ يېيىش بىلەن ئۆتىدىغان بىر ئۇچۇم ئىنسان سىياقلىق ئەخلەتلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلار، پەردە ئارقىسىدىكى قاراڭغۇ خوجايىنلىرىنىڭ كۈشكۈرتىشى ۋە ئۈستىلىدىن تاشلاپ بەرگەن ئاز-تولا داسقان قېقىندىلىرى بەدىلىگە، شۇنداق بىر شەيتانىي جاسارەتكە كەلدىكى، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىغان ئىسلامىي خانلىقلارنى قۇرغان ئەجدادلىرىنىلا ئەمەس، ھەتتا ئۆزلىرىنى تۇغقان ئاتا-ئانىسىنى، بارلىق ۋەتەنداشلىرىمىزنى، خىتاينىڭ لاگېرلىرىدا ئىشارەت بىلەن بولسىمۇ نامازلىرىنى ئادا قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى، قىسقىسى، پۈتكۈل ئۇيغۇر مىللىتىنى ۋە ئىككى مىليارد مۇسۇلماننى ھېچ ئىككىلەنمەي «مۇشرىك» دەپ جاكارلىدى. ئۆزلىرى «نازىل قىلىنغان دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار، ئۆزلىرىدىن باشقىلارنى بولسا، ئويدۇرۇلغان دىنغا ئەگەشكۈچىلەر» دەپ ئەخلاقسىزلارچە چالۋاقاشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى؛ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىي بىرلىكىنى پارچىلاپ، خىتاينى خوش قىلىش ئۈچۈن ئۆز روھىنى ئىبلىسقا ساتقانلىقىنىڭ ئەڭ يالىڭاچ، ئەڭ رەزىل ئىسپاتىدۇر. بەلكىم مېنى ئىشلەتكەن تىل ئۇسلۇبىمنىڭ قاتتىقلىقىدىن تەنقىد قىلىدىغانلار ۋە سۇپايىراق بولۇشۇمنى تەۋسىيە قىلىدىغانلار چىقىشىمۇ مۇمكىن، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىمغا، مىللىتىمنىڭ ئېتىقادىغا ۋە مىڭلىغان يىللىق ئەجدادىمنڭ ئېىتىقادىغا ھەتتا پۈتۈن ئۈممەتكە قىلىۋاتقان بۇ ئەخلاقسىزلارچە ھاقارىتى ئالدىدا مېنىڭچە مەن ئىشلەتكەن تىل ئۇسلۇبى ھېچنەرسە ئەمەس.
ئۇلارنىڭ ئەڭ ئەجەللىك، ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرگە تارىختىكى ئەڭ كۈلكىلىك سەپسەتىسى شۇكى: «ھەدىسنى ۋەھيى دېيىش شېرىك! پەيغەمبەرگە ئەگىشىش شېرىك! ھەدىس ئالىملىرىغا ئىشىنىش شېرىك!». بۇ، ئەمەلىيەتتە، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قۇرئاندىن قانچىلىك بىخەۋەر، مەنتىقىسىنىڭ قانچىلىك مەتۇ، روھىيىتىنىڭ قانچىلىك ۋەيرانە ئىكەنلىكىنى جاھانغا جاكارلىغانلىقىدۇر.
بۇ ماقالىدە، بىز ئۇلارنىڭ بۇ «تەۋھىد» نىقابى ئاستىغا يوشۇرۇنغان ئىبلىسلارچە شېرىكچىلىك ئىدىيەسى ۋە تەكفىرچى روھىنىڭ رەزىل ئەپت-بەشىرىسىنى بىر-بىرلەپ يىرتىپ تاشلايمىز.
1 – «غەيرى مەتلۇ ۋەھيى»گە قىلىنغان تۆھمەت: ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ قۇرئان بىلەن ئۆزىنى ئۆزى شاپىلاقلاش كومېدىيەسى
بۇ زىندىقلارنىڭ بىرىنچى بۆھتانى مۇنداق: «سىلەر ھەدىسنى ‹غەيرى مەتلۇ ۋەھيى› (تىلاۋەت قىلىنمايدىغان ۋەھيى) دەيسىلەر. بۇ، قۇرئانغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئاللاھنىڭ كىتابىغا باشقا بىر كىتابنى تەڭ قىلىشتۇر. ئاللاھنىڭ ۋەھيىسى پەقەت ۋە پەقەت قۇرئاندۇر»
بۇ قىپقىزىل تۆھمەت، قۇرئاننى ئوقۇمىغانلىقنىڭ ياكى ئوقۇسىمۇ بىر ھەرپىنىمۇ چۈشەنمىگەنلىكنىڭ ئەڭ پەسكەشلەرچە ئىسپاتىدۇر. چۈنكى پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنىڭمۇ ۋەھىي ئىكەنلىكىنى بىز ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئۆزى قۇرئاندا ئوچۇق-ئاشكارا جاكارلىغان:
«ئۇ (يەنى مۇھەممەد) ھاۋايى-ھەۋەستىن سۆزلىمەيدۇ. ئۇنىڭ سۆزى پەقەت ئۇنىڭغا قىلىنغان ۋەھيىدۇر» (نەجم سۈرىسى، 3-4 ئايەتلەر)
قېنى، ئەي «قۇرئان تونىغا ئورىنىۋالغان قۇرئانسىزلار»، قېنى قۇرئان سىرتىدىن ھېچبىر شەرھىي قوشماستىن، «قۇرئاندا نېمە بولسا شۇ» دېگەن قائىدەڭلارگە بىنائەن سۆزمۇ سۆز تەرجىمىسى بويىچە جاۋاب بېرىپ بېقىڭلار! بۇ ئايەتتە ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۆزىنى نېمە دەپ ئاتىدى؟ «ۋەھيى» دېمىدىمۇ؟ سىلەر ئاللاھنىڭ ئۆزى «ۋەھيى» دېگەن نەرسىنى ئىنكار قىلىپ، كىمگە قارشى ئۇرۇش ئاچتىڭلار؟ ئاللاھقىمۇ؟ پەيغەمبەرگىمۇ؟ ياكى بىزگىمۇ؟ سىلەرنىڭ بۇ قىلمىشىڭلار، قۇرئانغا شېرىك كەلتۈرۈش ئەمەس، بەلكى قۇرئاننىڭ ئۆزىنى ئىنكار قىلىشتەك قاپقارا كۇفرىلىق بولماي نېمە؟!
ئەڭ قىزىقارلىق يېرى شۇكى، قۇرئاننىڭ ئۆزى تىلاۋەت قىلىنمايدىغان ۋەھيىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاپ، سىلەرنىڭ يالغانچىلىقىڭلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ. مانا سىلەرنىڭ ئەقلىي ۋەيرانە خارابىلىكىڭلارنى تېخىمۇ ئېچىپ تاشلايدىغان بىر قانچە ئاچچىق شاپىلاق:
بىرىنچى دەلىل (تەھرىم سۈرىسى، 3-ئايەت)
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ئايالىنىڭ سىرنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىنى ئۇنىڭغا بىلدۈرگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ »… قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، ئاللاھ بۇ خەۋەرنى قايسى ئايەت بىلەن بىلدۈردى؟ قۇرئاننىڭ ھېچقانداق يېرىدە «ئى مۇھەممەد، پالانى ئايالىڭ سىرنى ئاشكارىلىدى» دېگەن بىر ئايەت بارمۇ؟ يوق! دېمەك، بۇ خەۋەر قۇرئاندىن باشقا بىر يول، يەنى تىلاۋەت قىلىنمايدىغان ۋەھىي ئارقىلىق كەلگەن.
ئىككىنچى دەلىل (ئەھزاب سۈرىسى، 37-ئايەت)
زەيد ئىبنى ھارىسەنىڭ ئايالى توغرىسىدا ئاللاھ پەيغەمبەرگە: «…ئاللاھ ئاشكارىلىماقچى بولغان نەرسىنى كۆڭلۈڭدە يوشۇرۇۋاتاتتىڭ…» دەيدۇ. قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كەلگۈسىدە ئاللاھ ئاشكارىلايدىغان بۇ ئىشنى قانداق بىلدى؟ بۇ خەۋەر ئۇ چاغدا قۇرئاندا نازىل بولمىغان ئىدى. دېمەك، ئاللاھ بۇنى ئۇنىڭغا تىلاۋەت قىلىنمايدىغان ۋەھيى ئارقىلىق ئالدىنئالا بىلدۈرگەن.
ئۈچنچى دەلىل
قۇرئاندا موناپىقلارنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرى، يوشۇرۇن پىلانلىرى ۋە ئىچكى ھالىتى توغرىسىدا نۇرغۇن ئايەتلەر نازىل بولغان (مەسىلەن، تەۋبە سۈرىسى، موناپىقۇن سۈرىسى قاتارلىقلار).
تەۋبە سۈرىسى 74-ئايەتتە: «ئۇلار يالغان قەسەم قىلىپ: «ئېيتمىدۇق» دەيدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار كۇفر سۆزىنى ئېيتقان ئىدى، ئۇلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن كاپىر بولدى، ئۇلار قولغا چۈشۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولالمىغان بىر يامان پىلاننى تۈزدى…» دېيىلگەن. بۇ ئايەتتە موناپىقلارنىڭ «يامان پىلان تۈزگەنلىكى» تىلغا ئېلىنغان. لېكىن بۇ پىلاننىڭ تەپسىلاتى، كىملەر تەرىپىدىن، قاچان تۈزۈلگەنلىكى قۇرئاندا ئېنىق بايان قىلىنمىغان. بۇلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تىلاۋەت قىلىنمايدىغان ۋەھيى ئارقىلىق بىلدۈرۈلگەن ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى بەزى ساھابىلىرىگە (مەسىلەن، ھۇزەيفە ئىبنى يەمانغا) ئاشكارىلىغان.
بۇمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تەرىپىدىن بىلدۈرۈلگەن تىلاۋەت قىلىنمايدىغان ۋەھيىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
تۆتىنچى دەلىل (بەقەرە سۈرىسى 144 – ئايەت)
«﴿بىز سېنىڭ (كەئبە قىبلەڭ بولۇشىنى تىلەپ) قايتا – قايتا ئاسمانغا قاراپ يۈزۈڭنى ئۇيان – بۇيان ئۆرۈپ تەلپۈنگەنلىكىڭنى كۆردۇق. شۇڭا، بىز سېنى سەن رازى بولىدىغان شۇنداق بىر قىبلىگە قاراتقايمىزكى، ئەمدى (نامازدا) يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرام تەرەپكە قىلغىن. سىلەرمۇ قەيەردە بولماڭلار، (نامازدا) يۈزلىرىڭلارنى ئۇنىڭ تەرىپىگە قىلىڭلار. ھەقىقەتەن كىتاب بېرىلگەنلەر ئۇنىڭ (قىبلە ئۆزگەرتىشنىڭ) ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىدىن كەلگەن ھەق ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرىدىن غاپىل ئەمەستۇر﴾» دېگەن بۇ ئايەتتە قىبلەنى ئۆزگەرتىش بۇيرۇلغان. ئۇنداقتا، دەسلەپكى قىبلىگە قاراپ ناماز ئوقۇش بۇيرۇقى قۇرئاندا بارمۇ؟ يوق! ئەلۋەتتە ھەدىستە بار، بۇمۇ ھەدىسنىڭ تىلاۋەت قىلىنمايدىغان ۋەھيى ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى ئەمەسمۇ؟
بەشىنچى دەلىل (فەتىھ سۈرىسى)
ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرنىڭ ھۇدەيبىيەدىن بۇرۇن كۆرگەن چۈشىنى تەستىقلاپ، «ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۆز رەسۇلىنىڭ چۈشىنى ھەق قىلدى…» (27-ئايەت) دەيدۇ. قېنى، ئەي ئەقلى ۋەيران بولغانلار، يەنە جاۋاب بېرىڭلار! بۇ «چۈش» نېمە ئىدى؟ ئۇ بىر يۈرۈش قۇرئان ئايەتلىرىمۇ؟ پەيغەمبەر ئۇخلاۋاتقاندا جىبرىئىل كېلىپ ئۇنىڭغا فەتىھ سۈرىسىنى ئوقۇپ بەرگەنمۇ؟ ياق! ئەلۋەتتە ياق! بۇ، ۋەھىينىڭ بىر تۈرى بولغان سادىق چۈش ئىدى. دېمەك، ۋەھىي ئالدى بىلەن تىلاۋەت قىلىنمايدىغان شەكىلدە (چۈش شەكلىدە) كەلگەن، ئاندىن قۇرئان ئايىتى شۇنى تەستىقلىغان.
قىسقىسى، بۇ زىندىقلار ۋەھىي قۇرئاندىنلا ئىبارەت دەيدىغان يالغانلىرىنى قۇرئاننىڭ ئۆزى رەت قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان دەرىجىدە قۇرئاندىن بىخەۋەر جاھىللار گۇرۇھىدۇر. چۈنكى قۇرئان ۋەھيىدىن ئىبارەتتۇر، ئەمما ۋەھيى قۇرئاندىنلا ئىبارەت ئەمەس! ئاللاھنىڭ ئۆزى قۇرئاندا ۋەھيىنىڭ قانداق شەكىللەردە كېلىدىغانلىقىنى ئوچۇق بايان قىلىپ، سىلەرنىڭ جاھالەتلىك دەۋايىڭلارنى ئەخلەتكە كۆمىدۇ.
«ئاللاھ ھېچبىر ئىنسانغا سۆز قىلمايدۇ، مەگەر ۋەھيى (يەنى قەلبىگە ئىلھام قىلىش) ئارقىلىق، ياكى پەردە ئارقىسىدىن، ياكى بىر ئەلچى (پەرىشتە) ئەۋەتىپ، ئۆز ئىزنى بىلەن خالىغىنىنى ۋەھيى قىلىش ئارقىلىق سۆز قىلىدۇ…» (شۇرا سۈرىسى، 51-ئايەت)
قېنى، ئەي مېڭىسىنى قاغا چوقۇۋالغان جاھىللار، جاۋاب بېرىڭلار! بۇ ئايەتتە ئاللاھ ۋەھيىنىڭ قانچە خىل شەكلىنى تىلغا ئالدى؟ قۇرئان كەرىم پەقەت جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق، يەنى «ئەلچى ئەۋەتىش» يولى بىلەنلا كەلگەن ۋەھيى تۈرىدۇر. ئۇنداقتا قالغانلىرى قەيەردە؟ پەردە ئارقىسىدىن كەلگەن سۆزلەر قەيەردە؟ قەلبكە بىۋاسىتە ئىلھام قىلىنغان ۋەھيىلەر قەيەردە؟ ئۇلار دەل سىلەر ئىنكار قىلىۋاتقان ۋە مۇستەشرىقلارنىڭ سۇيىقەستلىرىگە خالىسانە خىزمەت قىلىشتەك پاسكىنا نىيىتىڭلار بىلەن يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىدۇر!
بۇمۇ ئاز كەلگەندەك، ئاللاھ قۇرئاننىڭ ئۆزىدە ئۆزىنىڭ پەقەت قۇرئاننىلا ئەمەس، يەنە بىر نەرسىنىمۇ نازىل قىلغانلىقىنى قايتا-قايتا جاكارلايدۇ:
«… ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىدىغان، ئۇلارنى (گۇناھلاردىن) پاكلايدىغان ھەمدە ئۇلارغا كىتابنى ۋە ھېكمەتنى ئۆگىتىدىغان…» (جۇمۇئە سۈرىسى، 2-ئايەت)
بۇ ئايەتتىكى «كىتاب» قۇرئان ئىكەنلىكى ئېنىق. ئۇنداقتا ئۇنىڭغا قوشۇپ تىلغا ئېلىنغان «ھېكمەت» زادى نېمە؟ 1400 يىلدىن بېرى پۈتۈن ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ بىردەك ئىجماسى بويىچە (يەنى بىرلىككە كەلگەن قارىشى بويىچە)، بۇ «ھېكمەت» دەل پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىدۇر! سىلەر بۇ «ھېكمەت»نى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق، پەقەت سۈننەتنىلا ئەمەس، بەلكى قۇرئاننىڭ ئىچىنى ئويىۋاتقان مۇستەشرىقلەرنىڭ چوماقچىلىرى ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلاۋاتىسىلەر.
مانا بۇ دەلىللەر سىلەرنىڭ «قۇرئاندىن باشقا ۋەھيى يوق» دېگەن سەپسەتەڭلارنى پارە-پارە قىلىدۇ. قۇرئاننى ئىنكار قىلمايدىكەنسىلەر، ئۇنداقتا قۇرئاندا سۈننەتنىڭمۇ ۋەھيى دېيىلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرسىلەر! سىلەرنىڭ قىلىۋاتقىنىڭلار قۇرئانغا ئەگىشىش ئەمەس، بەلكى پەيغەمبەرنىڭ ئاللاھ ئۆزى ئاتا قىلغان شەرھىلەش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، ئۇنى بىر «پوچتىكەش» دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزۈڭلارنىڭ چولتا ئەقلى بىلەن ئۆز ئۆزۈڭلارنى قۇرئاننى شەرھىلەش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىۋالغانلىقىڭلار ۋە «كىچىك پەيغەمبەر»گە ئايلىنىۋالغانلىقىڭلاردۇر.
2 – پەيغەمبەرگە ئىتائەتنى (يەنى سۈننىتىگە ئەگىشىشنى) «شېرك» دېيىش: ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئۇرۇش ئاچقانلىقتۇر.
بۇ جاھىللار يەنە كاززابلارچە مەنە بۇرمىلاپ: «سىلەر پەيغەمبەرگە ئەگىشىپ كېتىپ، ئاللاھنى ۋە قۇرئاننى ئۇنتۇدۇڭلار. ئىتائەت پەقەت ئاللاھقىدۇر. پەيغەمبەرگە (يەنى سۈننەتكە) ئىتائەت قىلىش ئۇنى ئاللاھقا شېرك قىلىشتۇر!» دەيدۇ.
بۇ سۆز، تارىختىكى ئەڭ چوڭ يالغانچىلىق ۋە ئەڭ قاراڭغۇ جاھالەتتۇر. چۈنكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشنى بىزگە بۇيرۇغان، بىز ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئۆزىدۇر! ئۇلارنىڭ بۇ سەپسەتىسى، ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ ئونلىغان ئايەتلىرىگە ئۇرۇش ئېچىشتىن ئىبارەت بەدنيەتلىرىنىڭ نامايەندىسىدۇر.
قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، ئاللاھ ئۆزى قۇرئاندا نېمە دەيدۇ؟!
«كىمكى رەسۇلغا ئىتائەت قىلىدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ.» (نىسا سۈرىسى، 80-ئايەت)
ئەي جاھىللار توپى! بۇ ئايەتتە كىم كىمگە ئىتائەت قىلغان بولىدۇ؟ ئاللاھنىڭ ئۆزى «رەسۇلغا ئىتائەت قىلىش، ماڭا ئىتائەت قىلىشتۇر» دەۋاتسا، سىلەر قانداق تەلۋىلەرچە «رەسۇلغا ئىتائەت قىلغۇچىلارنى ئاللاھقا شېرك كەلتۈرگۈچىلەر» دېيەلەيسىلەر؟ سىلەر تەۋھىدنى قوغداۋاتامسىلەر ياكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئوچۇق-ئاشكارا رەت قىلىۋاتامسىلەر؟
«…پەيغەمبەر سىلەرگە نېمىنى بەرسە، ئۇنى ئېلىڭلار؛ سىلەرنى نېمىدىن چەكلىسە، ئۇنىڭدىن يېنىڭلار…» (ھەشر سۈرىسى، 7-ئايەت)
پەيغەمبەرگە بۇيرۇش ۋە چەكلەش ھوقۇقىنى كىم بەردى؟ ئاللاھنىڭ ئۆزى ئەمەسمۇ؟ ئەگەر بىر پادىشاھ ئۆزىنىڭ ۋەزىرىگە «ۋەزىرنىڭ بۇيرۇقى، مېنىڭ بۇيرۇقىمدۇر» دېسە، ۋەزىرگە ئىتائەت قىلغان كىشى پادىشاھقا شېرك كەلتۈرگەن بولامدۇ ياكى ساداقەتمەنلىك كۆرسەتكەن بولامدۇ؟ بۇ ئاددىي مەنتىقىنىمۇ چۈشەنمىگەن كاللا، ئىنسان كاللىسىمۇ ياكى توڭگۇز كاللىسىمۇ؟
پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىش، ئۇنى ئىلاھلاشتۇرۇش ئەمەس. بەلكى، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ، ئاللاھنىڭ دىنىنى ئاللاھ ئەۋەتكەن ئەلچىنىڭ كۆرسەتمىلىرى بويىچە ئۆگىنىشتۇر. بۇ، تەۋھىدنىڭ ئۆزىدۇر ۋە ئەڭ مۇھىم تەقەززاسىدۇر. بۇنى شېرك دېيىش، تەۋھىدنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىغان جاھىللىقنىڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر.
3 – ئالىملارغا تۆھمەت قىلىش: جاھىللىق ۋە ھەسەتخورلۇقنىڭ پاسكىنا بىرىكمىسى
بۇ يالغان، بۆھتان ۋە بۇرمىلاش بىلەنلا يۇغۇرۇلغان ئاتالمىش قۇرئانچىلىق ئېقىمىنىڭ تەقلىدچى ئۇيغۇر قۇرۇتلىرى يەنىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ: «سىلەر ئىمام بۇخارىي، ئىمام مۇسلىم دېگەنلەرنى خۇدا قىلىۋالدىڭلار. ئۇلارنىڭ سۆزىنى قۇرئاندىنمۇ ئۈستۈن قويىسىلەر. بۇ ئالىملارنى ئاللاھقا شېرك كەلتۈرۈشتۈر!» دەپ ئۇقۇم بۇرمىلايدۇ.
بۇ، ئەسلىدە ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي ساھەدە بىر ھەرپچىلىكمۇ قىممىتى ۋە سالاھىيىتى يوقلۇقىدىن كېلىپ چىققان، تارىختىكى ئۇلۇغ ئالىملارغا بولغان ھەسەتخورلۇق ۋە تۆھمەتخورلۇقنىڭ ئەڭ پاسكىنا، ئەڭ مەينەت ئىپادىسىدۇر.
ھېچقانداق بىر ئەقلى جايىدا ئەھلى سۈننە مۇسۇلمان ئىمام بۇخارىينى «خۇدا» دېمەيدۇ ياكى ئۇنىڭ سۆزىنى قۇرئاندىن ئۈستۈن قويمايدۇ. بۇ قىپقىزىل بۆھتان ۋە ئۇيدۇرما يالغانچىلىقتۇر. ھەدىس ئالىملىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن يەتكۈزۈلگەن ھەدىسلەرنى تەكشۈرۈپ، سەھىھ بىلەن زەئىپنى ئايرىپ بېرىدىغان ئىلمىي مۇتەخەسسىسلەردۇر. بىز ئۇلارغا ئىبادەت قىلمايمىز، بەلكى ئۇلارنىڭ ئىلمىي سالاھىيىتىگە، ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىمىز ۋە مۇتەخەسسىسلىكىگە ئىشىنىمىز.
بۇ مەتۇلارچە مەنتىقىڭلار بويىچە، ئەگەر بىر دوختۇرغا بېرىپ، ئۇنىڭ يېزىپ بەرگەن رېتسېپى بويىچە دورا ئىچسەڭلار، دوختۇرنى خۇدا قىلىۋالغان مۇشرىك بولمامسىلەر؟ ئەگەر بىر ئىنژېنېرنىڭ توغرا ھېسابلىغىنىغا ئىشىنىپ كۆۋرۈكتىن ئۆتسەڭلار، ئىنژېنېرغا ئىبادەت قىلغان بولامسىلەر؟ ھەر ساھەدە شۇ ساھەنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىگە مۇراجىئەت قىلىش ئەقىلنىڭ ۋە ئىلمىيلىكنىڭ تەقەززاسىدۇر. بۇنى ئىنكار قىلىش، ئۆزىنى ھەممە نەرسىنى بىلىدىغان «كىچىك پەيغەمبەر» چاغلىۋالغان جاھىللارنىڭ پاسكىنا مۇتەكەببىرلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
ئەسلى مۇشرىك كىم؟
ئەمەلىيەتتە، پەيغەمبەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى ۋە ئالىملارنىڭ ئىلمىي ئەمگىكىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، «مەن قۇرئاننى ئۆز ئەقلىم بىلەنلا چۈشىنىمەن» دېيىش؛ ئۆز نەپسىنى ۋە ئەقلىنى ۋەھيىدىن ئۈستۈن قويۇشتۇر. قۇرئاندا ئاللاھ: «(ئى مۇھەممەد!) ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسىنى ئىلاھ قىلىۋالغان كىشىنى كۆردۈڭمۇ؟» (فۇرقان سۈرىسى، 43-ئايەت) دەيدۇ. دېمەك، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى پەيغەمبەرنىڭ بايانى بويىچە ئەمەس، ئۆز ھاۋايى-ھەۋەسى ۋە چولتا ئەقلى بويىچە چۈشەنگەن كىشى، ئۆز نەپسىنى ئىلاھ قىلىۋالغان ھەقىقىي مۇشرىكتۇر!
ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ «شېرك» دەپ توۋلىشى، ئۇلارنىڭ تەۋھىدكە بولغان ساداقىتىدىن ئەمەس، بەلكى ئىسلامنىڭ ئىككىنچى ئاساسى بولغان سۈننەتنى يوقىتىش، شەرىئەتنى ۋەيران قىلىش ۋە ئاخىرىدا پۈتۈن مۇسۇلمانلارنى ئىسلام دائىرىسىدىن چىقىرىپ تاشلاشتەك رەزىل نىيىتىدىن كېلىپ چىققان. شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ كۇفرىلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن شەيتانىي مەنتىق بويىچە «سەندىن بۇرۇن مەن دەۋالاي» دەپ تەلۋىلەرچە چالۋاقاشتىن ئىبارەتتۇر.
خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا، بۇ زىندىقلار
1 – ئاللاھنىڭ ئۆزى «ۋەھيى» دېگەن سۈننەتنى ئىنكار قىلىپ، قۇرئانغا قارشى چىقىدۇ.
2 – ئاللاھنىڭ ئۆزى «ئىتائەت قىلىڭلار» دېگەن پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشنى بۇرمىلاپ تەلۋىلەرچە «شېرك» دەيدۇ ۋە ئاللاھنىڭ ئەمرىگە قارشى چىقىدۇ.
3 – ئۆزلىرىنىڭ جاھىللىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بۈيۈك ئالىملىرىغا تۆھمەت قىلىپ، ئىسلامنىڭ پۈتۈن ئىلمىي مىراسىغا قارشى چىقىدۇ.
بۇ، خاۋارىجلارنىڭ زامانىۋى نۇسخىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر مەقسىتى –
پىتنە-پاسات ۋە ئۈممەتنى پارچىلاشتىن ئىبارەتتۇر. ھەر بىر ھەقىقىي مۇسۇلماننىڭ بۇرچى، بۇ «تەۋھىد» تونىنى كىيىۋالغان، ئەمما قەلبى تەكفىرچىلىك زەھىرى بىلەن تولغان ئىدىيەۋى ۋاباغا قارشى تۇرۇپ، قۇرئان ۋە سۈننەتنى بىر پۈتۈن ھالەتتە، مەھكەم تۇتۇشتۇر.
«(پەيغەمبەرنىڭ) ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئۆزلىرىگە بىر بالا ياكى ئازابلىق بىر ئازابنىڭ كېلىشىدىن ساقلانسۇن!» (نۇر سۈرىسى، 63-ئايەت)
ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ ئەقلىي ۋەيرانچىلىقى (4-قىسىم)
«ئەقىل» نىقابى ئاستىدىكى شەيتانىي كىبىر – ئىسلام قەلئەسىنى ئىچىدىن يىمىرىشنىڭ ھىيلە-نەيرەڭلىك ترويا ئېتى

ئالدىنقى ماقالىلىرىمىزدە، بىز 19-ئەسىردىكى بىرىتانىيە مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەجرىبىخانىسىدا تۆرەلگەن ھەدىس ئىنكارچىلىقى ۋىرۇسىنىڭ پەيغەمبەرنى پارچىلاش ھىيلىسىدىن تارتىپ، ئىمام بۇخارىيغا چاپلىغان تۆھمەتلىرىگىچە ۋە «تەۋھىد» نىقابى ئاستىدىكى «تەكپىرچىلىك» روھىدىن قان قېنىغا سېڭىپ كەتكەن ئىنكارچى خاراكتېرىگىچە بولغان بىرقانچە ئەجەللىك سەپسەتىسىنى بىر-بىرلەپ يىرتىپ تاشلاپ، ئەخلەتخانىغا ئاتقان ئىدۇق. ئۇلارنىڭ بارلىق يالغانچىلىقلىرىنىڭ ۋە جاھىللارچە ھۇجۇملىرىنىڭ ئارقىسىدا بىر ئورتاق، ئەمما ئەڭ خەتەرلىك ۋە ئەڭ جەلپ قىلارلىق نىقاب يوشۇرۇنغان. بۇ نىقاب دەل «ئەقىل»دۇر.
ئۇلار گويا تارىختىكى ئەڭ كاتتا ھەقىقەتنى بايقىغاندەك، ئۆزلىرىنى «ئەقىلگە تايىنىدىغان، تەپەككۇر قىلىدىغان ھەقىقىي مۇسۇلمانلار»، 1400 يىلدىن بۇيانقى پۈتكۈل ئىسلام ئۈممىتىنى، مىلياردلىغان مۇسۇلمانلارنى ۋە يۈزمىڭلىغان بۈيۈك ئالىملارنى بولسا، «قارىغۇلارچە ئەگەشكۈچى، ئەقلى قۇلۇپلانغان نادانلار توپى» دەپ جاكارلايدۇ.
بۇ، ئۇلارنىڭ ئەڭ سۇيىقەستلىك، ئەمما ئەڭ ئۇستىلىق بىلەن ئىشلىتىۋاتقان ھىيلىسىدۇر. چۈنكى، ئۇلار «ئەقىل» دېگەن بۇ مۇقەددەس سۆزنى خۇددى قەدىمكى يۇنانلارنىڭ ترويا ئېتىغا ئوخشاش ئىشلىتىدۇ. ئۇلار بۇ ئەقىلدىن خالىي يوغان ياغاچ ئاتنىڭ ئىچىگە ئۆزلىرىنىڭ نەپسى-خاھىشلىرىنى، كونترولسىز ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنى، ئىسلامغا قارشى يات خوجايىنلىرىنىڭ ئىبلىسلارچە نىيەتلىرىنى ۋە ئارقىسى قاراڭغۇ يالاقچىلارچە جاھالەتلىرىنى يوشۇرۇپ، ئۇنى «ئەقىل» دېگەن زىننەتلىك نىقاب بىلەن ئوراپ، ئىسلام قەلئەسىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈۋېلىپ، قەلئەنى ئىچىدىن يىمىرىشكە ئۇرۇنىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە بۇ ترويا ئېتىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا سۆرەپ كىرىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلارنىڭ كىملىكىگە قاراپ باقساق، بۇ سۇيىقەست تېخىمۇ ئايان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ھاياتىدا سىستېمىلىق بىرەر دىنىي مەكتەپنىڭ بوسۇغىسىغىمۇ دەسسەپ باقمىغان، ياكى ھازىرقى زامان ئىلىم-پەنلىرى بويىچە ئېتىراپ قىلىنغان ئىلمىي ئۇنۋانىمۇ بولمىغان، ھەتتا ئەرەب تىلىدا ئۆمرىدە بىرەر ئىلمىي ماقالە يېزىپ بېقىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇيغۇرچىمۇ ھېچبىر ئىلمىي ماقالىسى بولمىغان، ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ ئەڭ ئاددىي قائىدىلىرىدىنمۇ ساۋاتسىز، ئەمما ئۆزلىرىنى ھەممە نەرسىنى بىلىدىغان «كىچىك پەيغەمبەر» چاغلايدىغان جاھىللاردۇر.
بۇ ماقالىدە بىز ئۇلارنىڭ بۇ «ئەقىل» دەپ ئاتىۋالغان ترويا ئېتىنى پاچاقلاپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھاۋايى-ھەۋەس، كىبىر ۋە ئارقىسى قاراڭغۇ يالاقچىلىق جاھالىتىدىن ئىبارەت ئەپت-بەشىرىسىنى مىللىتىمىز ئالدىدا بىر-بىرلەپ ئېچىپ تاشلايمىز.
1. ئۇلار ھەرگىز جاۋاب بېرەلمەيدىغان ئەڭ ئەجەللىك سوئال: «قايسى ئەقىل»؟
ئۇلار ھەر قېتىم «بىز قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدىن ھۆكۈم چىقىرىشتا ئەقىلگە تايىنىمىز» دەپ كۆپۈك چاچرىتىپ جار سالغاندا، ھەر قانداق ساغلام تەپەككۇر ئىگىسى ئۇلارنىڭ يۈزىگە شاپىلاقتەك تېگىدىغان بۇ سوئالنى سورىشى كېرەك: «قايسى ئەقىلگە»؟
سىلەرنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئۆلچەمگە چۈشمەيدىغان، ھېچقانداق سىستېمىسى يوق، پەقەت ئىسلام دۈشمىنى يات خوجايىنلىرىڭلارغا بولغان تارىخىي يالاقچىلىق ھورمۇنلىرىنىڭ رېتىمىغا ئەگىشىپ ئۇسسۇل ئوينايدىغان چولتا كاللاڭلاردىكى «ئەقىل»گىمۇ، ياكى 1400 يىللىق ئىسلام تارىخىدىكى ئىمام شافىئىي، ئىمام غەززالىي، بىرۇنىي، خارەزمىي، ئىبنى تەيمىيەگە ئوخشاش يۈزمىڭلىغان بۈيۈك ئالىملارنىڭ ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلغان ۋە خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان، ھەتتا قانچىلىغان غەرب ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىمۇ مەخسۇس فاكۇلتېتلار ئېچىلغان بۈيۈك ئەقلىي سىستېمىسىغىمۇ؟
بۈگۈن توغرا دېگىنىنى ئەتە خاتا دەيدىغان، ھېجىقىزلىقنىمۇ «ئەقىلگە ئۇيغۇن» دەپ قاراپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئەخلاق ئاساسىنى ۋە ئائىلە قۇرۇلمىسىنى ۋەيران قىلىۋاتقان شۇنداقلا توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان غەربنىڭ لىبېرال ئەقلىمۇ، ياكى ۋەھىينىڭ نۇرى بىلەن يورۇتۇلغان مۇقىم، ساپ ئىسلام ئەقلىمۇ؟ ياكى ھەر بىرىڭلارنىڭ ئۆز نەپسىگە، شەخسىي مەنپەئەتىگە، قورساق غېمىگە ۋە تارىخىي يالاقچىلىق گېنلىرىڭلارغا ماس كېلىدىغان، بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي زىت شەخسىي ئەقلىڭلارمۇ؟
ھەقىقەت شۇكى، ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىكى «ئەقىل» ھەرگىزمۇ بىر ئىلمىي مېتود ياكى سىستېمىلىق تەپەككۇر ئەمەس، بەلكى «شەخسىي خاھىش» ۋە «ھاۋايى-ھەۋەس» نىڭ ئەڭ ئۇياتسىز، ئەڭ پاسكىنا يالىڭاچلىقىدۇر.
ئەگەر ئۇلار ھەقىقىي ئەقىلگە بىر قىلچىلىك ھۆرمەت قىلغان بولسا ئىدى، ئۇلار ئىسلامنىڭ پەقەت ئۆزىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئىلىم-پەن مېتودولوگىيەسىگە تەقدىم قىلغان ۋە پۈتۈن ئىلىم-پەن مېتودولوگىيە ساھەسى ئۆزلىرىنى قەرزدار ھېس قىلىشتىن قاچمايدىغان ئەڭ بۈيۈك ئەقلىي ئابىدىلىرىنىڭ بىرىنى ئىنكار قىلىشقا پېتىنالمىغان بولاتتى. بۇ ئابىدە – ئۇسۇلۇل فىقھ (أصول الفقه) ۋە ئۇنىڭ بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن ئۇسۇلۇل ھەدىس (أصول الحديث) ئىلمىدۇر. بۇ، غەرب دۇنياسى ئۆزىنىڭ «ئىلمىي مېتود» لىرىنى شەكىللەندۈرۈشتىن نەچچە ئەسىر بۇرۇن، ئىسلام ئالىملىرى بەرپا قىلغان، دۇنيادىكى تۇنجى ۋە ئەڭ مۇكەممەل ئەقلىي، سىستېمىلىق ۋە تەنقىدىي تەپەككۇر سىستېمىسى دەپ ھېسابلىنىدۇ.
مەسىلەن؛ بۇ سىستېما ئىچىدىكى «ئىلمۇل جەرھى ۋە تەئدىل» (علم الجرح والتعديل) يەنى، «راۋىيلارنى تەنقىدلەش ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى بېكىتىش ئىلمى» نى ئالايلى! بۇ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تۇنجى، ئەڭ كەڭ كۆلەملىك، ھازىرغىچە كۈچكە ئىگە ۋە ئەڭ ئىنچىكە بىئوگرافىك تەنقىد سىستېمىسى بولۇپ، يۈزمىڭلىغان ھەدىس بايان قىلغۇچىنىڭ ھەر بىرىنىڭ ھاياتى، ئەخلاقى، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، ئىلمىي سەۋىيەسى، ھەتتا سىياسىي مەيدانىغىچە مىكروسكوپ بىلەن تەكشۈرگەندەك ئىنچىكە تەتقىق قىلىنىدۇ. بۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بىرەر ھەرپ يالغان سۆزنىڭ چاپلىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان، ئەسىرلەر بويى ئىشلەيدىغان بىر «ئىنسانىي يالغان تەكشۈرۈش ماشىنىسى» بولۇپ، بۈگۈنكى زامان ئاكادېمىيەسىدىكى «مەنبەنى تەكشۈرۈش» (source criticism) ۋە «ئوخشاش ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈشى» (peer review) قاتارلىق مېتودلار، بۇ بۈيۈك ئىسلامىي ئەقلىي سىستېمىنىڭ ئالدىدا ئاددىي بىر بالىلار ئويۇنىغا ئوخشاپ قالىدىغانلىقىنى ھەتتا دۇنيانىڭ تارىخ ۋە تەتقىقات ساھەسىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ.
ئۇسۇلۇل فىقھ بولسا، بۇ ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ھۆكۈم چىقىرىشنىڭ ئەقلىي ماتورىدۇر. ئۇنىڭ ئىچىدىكى قىياس (القياس)، يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا ئاساسىي پرىنسىپلارغا تايىنىپ لوگىكىلىق ئوخشىتىش ئارقىلىق ھەل قىلىش چارىسى تېپىشتەك ئۆتكۈر ئەقلىي ئوپېراتسىيە پىچىقىدۇر. ئىستىھسان (الإستحسان) – قاتتىق قائىدىنىڭ ئورنىغا ئادالەت ۋە مېھىر-شەپقەت روھىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تېخىمۇ ياخشى بىر ھەل قىلىش چارىسىنى تاللاشتەك ئەقلىي دىنامىكا بولسا، مەسلاھەتى مۇرسەلە (المصلحة المرسلة)؛ ئاۋامنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ قانۇن چىقىرىشتەك يۈكسەك ئەقلىي پاراسەت سىستېمىسىدۇر.
قىسقىسى، بۇ زىندىقلار ئۆزلىرىنىڭ جاھىللىقى بىلەن ۋەيران قىلماقچى بولۇۋاتقان نەرسە ئاددىي بىرقانچە قائىدە ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەت تەپەككۇر تارىخىدىكى ئەڭ تەڭداشسىز ئەقلىي سىستېما ۋە ئەقلى قەلئەلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇلار بۇ قەلئەنى چېقىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ھەر بىر ناداننىڭ كونترولسىز ھاۋايى-ھەۋەسىدىن ياسالغان پاسكىنا لاي تامنى قوپارماقچى بولماقتا.
بۇ ھەرگىزمۇ «ئەقىلگە قايتىش» چاقىرىقى ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ بۈيۈك ئەقلىي سىستېمىلارنىڭ بىرىگە قارشى ئېلان قىلىنغان ئەقلىي ئانارخىزم (intellectual anarchism) نىڭ جاكارنامىسىدۇر. بۇ، ئەقىلگە ھۆرمەت قىلىش ئەمەس، ئەقىلگە قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھاقارەت ۋە ئەڭ رەزىل مەسخىرىدۇر.
2 – شەيتانىي كىبىر: جاھالەت بىلەن ھاكاۋۇرلۇقنىڭ ئەجەللىك ئارىلاشمىسى
ئۇلارنىڭ بۇ «ئەقلىي ۋەيرانچىلىق» يولىغا كىرىپ قېلىشىدىكى ئەڭ چوڭقۇر روھىي سەۋەب؛ كىبىر بىلەن جاھالەتنىڭ شەيتانىي بىرىكمىسىدۇر. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھاياتىدا بىرەر ساھەدە مۇتەخەسسىس بولۇپ باقمىغان، ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ «ئى» ھەرپىنىمۇ بىلمەيدىغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلار بىرقانچە تەرجىمە قىلىنغان كىتابنى، بىرقانچە ئۇنۋانلىق ئىبلىسلارنىڭ ۋىدىيولىرىنى ياكى بىرقانچە ماقالىنى ئوقۇپلا، ئۆزىنى گويا 1400 يىلدىن بېرى ھېچكىم چۈشەنمىگەن ھەقىقەتنى تاپقان، ئىسلام ئۈممىتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن «زامانىۋىي پەيغەمبەر» دەك خىيال قىلىشىدۇ ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن تارماق ماددىلارنى بېكىتىش ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىدۇ.
بۇ خۇددى تېببىي ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىرقانچە كىتاب ئوقۇپلا، ئۆزىنى 30 يىللىق تەجرىبىسى بار مېڭە ئوپېراتسىيەسى مۇتەخەسسىسىدىن ئەقىللىق دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا دەرس ئۆتمەكچى بولغىنىغا ئوخشاش ئەڭ كۈلكىلىك ھاماقەتلىكتۇر. ئۇلار ئىسلام ئىلمىنىڭ نەقەدەر چوڭقۇر ۋە مۇرەككەپ بىر ئەقلىي ئوكيان سىستېمىسى ئىكەنلىكىنى ھەمدە بۇ ئوكيانغا شۇڭغۇش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
ئۇلار ئەرەب تىلىنىڭ گرامماتىكىسى، بەلاغىتى ۋە شېئىرىيىتىنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇراپ باقمىغان.
ئايەتلەرنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبلىرى (أسباب النزول) دىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز.
قۇرئاندىكى ناسىخ ۋە مەنسۇخ (الناسخ والمنسوخ) نىڭ نېمىلىكىنى چۈشەنمەيدۇ.
ھەدىس ئىلمىدىكى سەنەد تەنقىدى ۋە راۋىيلار ئىلمى (علم الرجال) نىڭ قانچىلىك ئىنچىكە، مۇرەككەپ ۋە پۈتۈن دۇنيا ئېتىراپ قىلغان يۈكسەك بىئوگرافىك تەنقىد ئىلىم ساھەسى ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايدۇ.
بۇنداق قاراڭغۇ جاھىللىق ئۈستىگە قۇرۇلغان «ئەقىل»، ئەمەلىيەتتە «مەن ھەممىنى بىلىمەن» دەيدىغان، ئىبلىسنى جەننەتتىن قوغلاتقۇزغان شەيتانىي كىبىردىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەگەر ئۇلارنىڭ دەۋاسى بويىچە «ئەقىل» ھەقىقەتكە يېتىشنىڭ بىردىنبىر يولى بولسا ئىدى، پەيغەمبەر ئەۋەتىشنىڭ ھېچقانداق ھاجىتى قالمايتتى. «قۇرئان ۋە ئەقىل» دەپ جار سالغان بۇ گۇرۇھلارمۇ، تارىختىكى ھەرقانداق پىرقىدىنمۇ بەتتەر پارچىلىنىپ، بىر-بىرىنى «كاپىر»، «مۇشرىك» ۋە «جاھىل» دەپ تىللاپ يۈرمىگەن بولاتتى.
بىرى چىقىپ، «مېنىڭ ئەقلىم نامازنى ئۈچ ۋاقىت دەپ ھۆكۈم قىلدى» دەيدۇ. يەنە بىرى «قۇرئاندا پېشانە بىلەن سەجدە قىلىش تىلغا ئېلىنمىغان، ئىڭەك بىلەن سەجدە قىلىش تىلغا ئېلىنغان، شۇڭا بۈگۈندىن ئېتىبارەن سەجدىنى ئىڭەك بىلەن قىلايلى» دەيدۇ.
يەنە بىرى دەرھال سەكرەپ چىقىپ، «ياق، مېنىڭ ئەقلىمچە ئىككى ۋاقىت، سېنىڭ ئەقلىڭ توغرا چۈشىنەلمەپتۇ، سەجدىنى پېشانە بىلەن قىلىش كېرەك!» دەيدۇ.
بىر قاراقورساق، «چوشقىنىڭ ئىچ-باغرى ھالال، گۆشىلا ھارام» دەپ «ئەقلىي» پەتىۋا بېرىدۇ.
يەنە بىرى، «ياق، مېنىڭ ئەقلىم ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ!» دەپ ئۇنى رەت قىلىدۇ.
بىرى «ئاياللارنىڭ مىراسى ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولسۇن» دېسە، يەنە بىرى قوپۇپ «ياق، سەن ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى ئۆزگەرتىۋەتتىڭ!» دەيدۇ.
سوئال شۇكى: ئەگەر «ئەقىل بىلەن قۇرئانلا» سىلەرنىڭ يولباشچىڭلار بولسا، نېمە ئۈچۈن ھەر بىرىڭلارنىڭ ئەقلى سىلەرنى بۇنچە زىت يۆنىلىشلەرگە باشلايدۇ؟ بۇ، سىلەرنىڭ ئەگەشكەن نەرسەڭلارنىڭ «ئەقىل» ئەمەس، بەلكى ھەر بىرىڭلارنىڭ كونترولسىز «ھاۋايى-ھەۋەسى» ئىكەنلىكىنىڭ، سىلەرنىڭ يولباشچىڭلارنىڭمۇ قالايمىقانچىلىق چىقىرىشتىن باشقا مەقسىتى بولمىغان يات ئىبلىسلار ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئىسپاتى ئەمەسمۇ؟!
3 – تارىخىي ساۋاتسىزلىق ۋە ئەخلاقىي نومۇسسىزلىقنىڭ مۇكەممەل بىرىكمىسى
ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ زەھەرلىك ئوقىغا ئوخشايدىغان يەنە بىر پاسكىنا تۆھمىتى شۇكى: «گويا ئەمەۋىي ۋە ئابباسىي ھاكىمىيەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ زۇلۇم ئۈستىگە قۇرۇلغان سەلتەنىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئىسلام ئالىملىرىنى خۇددى قولىدىكى قورچاققا ئوخشاش ئىشلىتىپ، مىڭلىغان يالغان ھەدىسلەرنى توقۇپ چىققانمىش». بۇ سەپسەتە، ئۇلارنىڭ تارىخىي پاكىتلاردىن پۈتۈنلەي بىخەۋەرلىكىنى، ئىلمىي تارىخ مېتودولوگىيەسىدىن نەقەدەر يىراق ئىكەنلىكىنى ۋە ئىسلام ئالىملىرىنىڭ شانلىق تارىخىغا قىلىۋاتقان ئەخلاقىي نومۇسسىزلىقىنى تەڭ بىرلا ۋاقىتتا پاش قىلىدىغان ئەڭ جانلىق دەلىلدۇر.
بىرىنچىدىن، ئۇلار تارىخىي ھەقىقەتلەرنى قەستەن تەتۈر بۇرمىلاپ سۆزلەيدۇ. ھالبۇكى ئالىملار ھاكىمىيەتنىڭ يالاقچىسى ئەمەس، بەلكى زۇلمىنىڭ قۇربانى ئىدى! ئۇلارنىڭ بۇ يالغانچىلىقى ۋە تۆھمەتخورلۇقلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ كومېدىيەسى شۇكى، ئۇلار «ھاكىمىيەتنىڭ دىنىنى يارىتىشقا خىزمەت قىلغان» دەپ تۆھمەت قىلىۋاتقان بۈيۈك ئىماملارنىڭ كۆپىنچىسى، ئەمەلىيەتتە دەل شۇ ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن ئەڭ ۋەھشىي قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان، زىندانلارغا تاشلانغان، قامچىلانغان، ھەتتا زىندانلاردا شېھىت بولغان قەھرىمانلاردۇر.
ئىمام ئەبۇ ھەنىپە (ر.ئە): ھەم ئەمەۋىي، ھەم ئابباسىي خەلىپىلىرى تەرىپىدىن قازىلىق مەنسىپىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن قامچىلىنىپ، زىنداندا ۋاپات بولغان. ئۇ ھاكىمىيەتنىڭ «ئىمامى» بولغان بولسا، نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ زىندانىدا ۋاپات بولسۇن؟
ئىمام مالىك (ر.ئە): ئابباسىيلارنىڭ بىر ۋالىيسىنىڭ سىياسىتىگە قارشى پەتىۋا بەرگەنلىكى ئۈچۈن، خەلق ئالدىدا يالىڭاچلىنىپ، مۈرىسى چىقىپ كەتكۈچە دەررە ئۇرۇلغان.
ئىمام ئەھمەد ئىبن ھەنبەل (ر.ئە): ئابباسىي خەلىپىسى مەئمۇننىڭ مۇئتەزىلە پىكرىنى دۆلەتنىڭ رەسمىي ئەقىدىسى قىلىشىغا قارشى چىققانلىقى ئۈچۈن، يىللاپ زىندانلاردا يېتىپ، ھوشىدىن كەتكۈچە دەررە ئۇرۇلغان، شۇڭا پۈتۈن ئىسلام ئۈممىتىنىڭ نەزىرىدە «ئەھلى سۈننەتنىڭ سۇنماس ئۇل تېشى» بولۇشتەك بۈيۈك شەرەپكە ئېرىشكەن.
ئىمام بۇخارىي (ر.ئە): ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا بۇخارانىڭ ئەمىرى تەرىپىدىن ئۆز يۇرتىدىن سۈرگۈن قىلىنغان.
قېنى ئېيتىڭلارچۇ، ئەي تارىخ ساۋاتى نۆل دېسە نۆلگىمۇ ھاقارەت بولىدىغان تۆھمەتچىلەر توپى! بۇ بۈيۈك ئىماملار كىمنىڭ دىنىنى بەرپا قىلغان؟ ئۆزلىرىنى قىينىغان ھۆكۈمدارلارنىڭ دىنىنىمۇ؟ ياكى ئۇلارغا مەرتلەرچە قارشى چىقىپ، ھەقىقەت ئۈچۈن قۇربان بېرىپ قوغداپ قالغىنى ئاللاھنىڭ دىنىنىمۇ؟ تارىخ شۇنىڭغا گۇۋاھكى، ئىسلام ئالىملىرى ھاكىمىيەتنىڭ ئالدىدا ھەرگىز باش ئەگمىگەن، بەلكى ئىلىمنىڭ ئىززىتىنى ۋە دىننىڭ ساپلىقىنى ئۆز جېنى ۋە قېنى بەدىلىگە قوغداپ قالغان.
ئىككىنچىدىن، بۇلار ئىلمىي مېتودولوگىيەدىن پۈتۈنلەي ساۋاتسىز. شۇڭا ئىسلامنىڭ «ئەقلىي ئىممۇنىتېت سىستېمىسى» نى چۈشەنمەستىن ئىنكار قىلىدۇ. ئۇلار ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە تەقدىم قىلغان ئەڭ بۈيۈك ئەقلىي مىراسلىرىنىڭ بىرى بولغان ھەدىس تەنقىد ئىلمى (علم مصطلح الحديث) نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشىدۇ. ھالبۇكى بۇ ئىلىم خۇددى بەدەننى ۋىرۇسلاردىن قوغدايدىغان ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ئوخشاش، ئىسلامنىڭ ئىككىنچى ئاساسى بولغان سۈننەتنى ھەر قانداق يالغان-ياۋىداق سۆزلەردىن قوغداش ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان بىر ئەقلىي قالقان سىستېمىسىدۇر.
مۇھەددىسلەر ھەرگىزمۇ ھەر ئاڭلىغان سۆزىنى «ھەدىس» دەپ خاتىرىلەيدىغان ئاددىي يازغۇچىلار ئەمەس، بەلكى ھەر بىر ھەدىسنى ئەڭ ئىنچىكە ئەقلىي سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزىدىغان تەنقىدچىلەر ئىدى. ئەگەر بىرەر راۋىينىڭ يالغانچىلىققا، ھاكىمىيەتكە يالاقچىلىققا مايىللىقى بايقالسا، ئۇ دەرھال كەززاپ، يالغانچى، ئويدۇرغۇچى ياكى سۇلتاننىڭ يالاقچىسى دەپ تىزىمغا ئېلىنىپ، ئۇنداقلارنىڭ بارلىق رىۋايەتلىرى چۆرۈپ تاشلىناتتى.
ئەڭ مۇھىمى، ئىسلام ئالىملىرى ئۆزلىرى «ئەلمەۋدۇئات» (الموضوعات؛ توقۇلما ھەدىسلەر) دېگەن تۈردە مەخسۇس كىتابلارنى يېزىپ، ھاكىمىيەتنى مەدھىيىلەش ياكى باشقا غەرەزلەردە توقۇلغان بارلىق يالغان ھەدىسلەرنى بىر-بىرلەپ ئاشكارىلاپ، ئۇلارنى تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا كۆمگەن ئىدى. بۇ زىندىقلارنىڭ قىلىۋاتقىنى بولسا، خۇددى بىر دۆلەتنىڭ ساقچى ۋە سوت سىستېمىسىنىڭ جىنايەتچىلەرنى ۋاقتى ۋاقتىدا تۇتۇپ جازالىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، «بۇ دۆلەت پۈتۈنلەي جىنايەتچىلەرنىڭ دۆلىتى» دەپ قارىلايدىغان مەتۇ تۆھمەتخورلارنىڭ ئەخمىقانە سەپسەتىدۇر. ھالبۇكى، يالغانچىلارنىڭ تۇتۇلۇشى، سىستېمىنىڭ ئىزچىل ئىشلەۋاتقانلىقىنىڭ، ساغلاملىقىنىڭ ۋە كۈچلۈكلىكىنىڭ ئەڭ روشەن ئىسپاتى بولماي نېمە؟!
ئەسلىدە بۇلار بېرىتانىيەنىڭ سىياسىي مەقسەتلىرى ئۈچۈن تۆرەلدۈرۈلگەن پىتنە ئىكەنلىكلىرىگە چاپان يېپىش ئۈچۈنلا «سەندىن بۇرۇن مەن دەۋالاي» تاكتېكىسى بويىچە باشقىلارنى سىياسەتنىڭ قۇربانى دەپ ئايىبلەيدۇ، ھالبۇكى دەل ئۆزلىرىنىڭ ئىشغالچىلارنىڭ پاكىنا سىياسىتىنىڭ مانقۇرت قۇربانلىرى ئىكەنكلىرىنى بىلمەيدۇ ياكى قەستەن بىلمەسكە سېلىپ، ئىشغالچىلارنىڭ ئىسلامغا قارشى نەيرەڭلىرىگە نۇمۇسسزىلارچە خىزمەت قىلىشنى داۋمالاشتۇرىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، ئۆز-ئۆزىگە زىتلىق: قايسى «ئىمام» نىڭ دىنى؟
ئۇلارنىڭ «ئىسلام، ئىماملارنىڭ دىنىغا ئايلىنىپ كەتتى» دېگەن شوئارى، ئۇلارنىڭ كاللىسىدىكى مەنتىقىسىزلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر. قېنى سوراپ باقايلى: ئەجەبا قايسى ئىماملارنىڭ دىنى؟ سىلەرگە ئوخشاش بۈگۈنكى كۈندە پەيدا بولۇۋالغان، ھېچقانداق پىكرىي، پەلسەپىۋىي ياكى ئىلمىي ئاساسى يوق، ئىسلام دۈشمەنلىرىگە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىدىن بىخەۋەر ئۆيىدە ئولتۇرۇپ «كىچىك پەيغەمبەر» بولۇشىۋالغان جاھىللارنىڭ دىنىمۇ؟ ياكى ئۆز ھاياتىنى، ھەتتا جېنىنى خەتەرگە ئىتتىرىپ، ھاكىمىيەتنىڭ زۇلمىغا قارشى چىققان، قۇرئان ۋە سۈننەتنىڭ ساپلىقىنى قوغدىغان ئەبۇ ھەنىپە، مالىك، شافىئىي ۋە ئەھمەد ئىبن ھەنبەل كەبى بۈيۈك ئىماملارنىڭ قوغدىغان دىنىمۇ؟
ئەگەر ھاكىمىيەت ئۆزىنىڭ دىنىنى بەرپا قىلماقچى بولغان ۋە بۇ بۈيۈك ئىماملارمۇ ئۇ ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرمىغان بولسا، ئۇلار نېمە ئۈچۈن ئۆز دەۋرىدە شۇ ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن ئەڭ ئېغىر ئەزىيەتلەرگە ئۇچرىغان؟ بۇنى قانداقسىگە بىر-بىرىگە باغلىغىلى بولسۇن؟ بۇ ئاددىي مەنتىقنى چۈشىنىشتىنمۇ مەھرۇملىقىڭلار، سىلەرنىڭ ئەقلىڭلارنىڭ نەقەدەر ۋەيران بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەمدۇ؟!
5 – بەندىچىلىكتىن قېچىپ، نەپسنى ئىلاھلاشتۇرۇش نىشانى
ئۇلارنىڭ بۇ «ئەقىل» نىقابى ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان ئاخىرقى، ئەڭ رەزىل نىشانى نېمە؟ نىشان، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرىدىن، ئىنتىزامىدىن ۋە ھالال-ھارام چەكلىمىلىرىدىن قېچىپ، ئۆز نەپسىنىڭ قۇلى بولۇش، خىرىستىيان ۋە يەھۇدىيلارنىڭ تاۋىقىنى يالاشنى كەسىپ قىلىۋېلىپ، ئىسلامنى خىرىستىيانچە ئېتىقاد زەيپانىلىقىغا ۋە غەربچە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئەگەشتۈرۈشتۇر.
قۇرئان كەرىم ئىسلامنىڭ ئىلاھىي ئاساسىي قانۇنىدۇر. سۈننەت بولسا بۇ قانۇننىڭ قانداق ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان پەيغەمبەرانە ئىجرا قىلىش قوللانمىسىدۇر. ئۇلار سۈننەتنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە ئىسلامنىڭ بارلىق ئەمەلىي تەرەپلىرىنى يوققا چىقىرىپ، دىننى بىر قۇرۇق سەپسەتىگە ئايلاندۇرماقچى بولىدۇ. ئۇلار ھازىرقى زامان ھاياتىغا ماس كېلىدىغان، ھېچقانداق بەدەل تەلەپ قىلمايدىغان، ھارام-ھالال چەكلىمىسىنى ئۆز خاھىشى بويىچە بېكىتىدىغان بىر «زەيپانە ئىسلام» (Islam-Lite) يەنى «يېنىك، ئەرزان، رېزىنكىدەك سوزغىلى بولىدىغان» دىننى ئويدۇرۇپ چىقارماقچى بولماقتا. ئۇلارنىڭ دىنىدا، ناماز بىر خىل مېدىتاتسىيە، زاكات بىر خىل خالىسانە ياردەم، ھاراق «مەست قىلمىسا» ھالال، زىنا «رازىلىق ئاساسىدا» بولسا جائز.
بۇ ئەمەلىيەتتە دىن ئەمەس، بەلكى دىنغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ مەسخىرىدۇر. بۇ، دىنغا ئەگىشىش ئەمەس، دىننى ئۆز نەپسىگە ئەگەشتۈرۈشتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە بۇنداقلارغا: «سەن ئۆز ھاۋايى-ھەۋەسىنى ئىلاھ قىلىۋالغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟» (فۇرقان سۈرىسى، 43-ئايەت) دەپ دىئاگنوز قويىدۇ.
قىسقىسى، ئىسلامدا «ئەقىل» يۈكسەك قىممەتكە ئىگە، ئەمما ئۇ ۋەھىينىڭ نۇرى ئاستىدىكى، ئىلاھىي چەك-چېگراغا ھۆرمەت قىلىدىغان ئەقىلدۇر. ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ كۆتۈرۈۋالغان «ئەقلى» بولسا، جاھالەت بىلەن كىبىرنىڭ، ھاۋايى-ھەۋەس بىلەن سۇيىقەستنىڭ، ياتلارغا چاكارلىق ۋە يالاقچىلىقنىڭ ھارامدىن تۆرەلگەن، پاسكىنا ترويا ئېتىدۇر. ئۇلارنىڭ بۇ سەپسەتىلىرى ھەرگىزمۇ بىر ئىلمىي بەس-مۇنازىرە ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىي بىرلىكىنى پارچىلاشقا، قىممەتلىك ئىجتىمائىي ئېنېرگىيەنى بىھۇدە ئىچكى توقۇنۇشقا بۇراشقا ۋە ئاخىرىدا ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ شۇنداقلا خىتاينىڭ مەقسىتىگە خىزمەت قىلىشقا مەركەزلەشكەن خەتەرلىك بىر پىتنىدۇر.
شۇڭا، ھەر بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان بۇ «ئەقىل» نىقابىنى كىيىۋالغان جاھىللاردىن ھەزەر ئەيلىشى، ئېتىقادىمىز بىلەن ئوينىشىۋاتقان، ئېىقادىمىزنى مەسخىرە قىلىپ، ھاقارەت قىلىۋاتقان بۇ مەئۇنلاردىن ئۇزاق تۇرىشى، ئۇلار بىلەن بولغان سالام-سائەتنى كېسىشى، ئۇلار بىلەن بېرىش-كېلىش قىلماسلىقى، توي-تۆكۈن مەرىكىلىرى ۋە جىنازا نامازلىرىغا قاتناشماسلىقى، ئۇلارنىڭ ئىلمىي ئاساسسىز دەۋالىرىغا ئالدانماستىن، 1400 يىللىق بۈيۈك ئىسلام ئالىملىرىمىزنىڭ ئەقلىي ۋە ئىلمىي مىراسلىرىغا چىڭ ئېسىلىشى، شۇنداقلا يىقىلسىمۇ يولنىڭ ئىچىگە يىقىلىدىغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپلىگەن ئوتتۇرا يولدا مېڭىپ، ھەرگىزمۇ ئۆچكىلەردەك ھاڭ بويىدىكى قىرلارغا چىقىۋېلىپ، يىقىلغاندا ئۇدۇل جەھەننەمنىڭ ئىچىگە چۈشىدىغان بولماسلىقى كېرەك.
ئۇنۇتمايلى، ھەقىقىي ئەقىل ۋەھىيگە بويسۇنىدۇ، پەيغەمبەرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەگىشىدۇ، ھەرگىزمۇ ھەدىس ئىنكارچىلىرىغا ئوخشاش ۋەھىيگە خوجايىن بولۇۋېلىشقا ئۇرۇنمايدۇ.
ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ ئەقلىي ۋەيرانچىلىقى (5-قىسىم)
تارىخنى قەستەن بۇرمىلاش ئارقىلىق ئىسلامنى ئىچىدىن پارچىلىماقچى بولغان ئىككى ئەسىرلىك يالغان
سۆزلۈك ئالدامچىلىقى؛ «رىۋايەت» سۆزىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان زەھەرلىك تۇزاق
ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ بارلىق تارىخىي بۇرمىلاشلىرىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئەڭ پاسكىنا، ئەمما ئەڭ ئۈنۈملۈك ھىيلىلىرىنىڭ بىرى، ئۇقۇم ئالدامچىلىقىدۇر. ئۇلار ئەرەب تىلىدىكى ئىلمىي ئاتالغۇ ۋە كەسپىي تېرمىن بولغان «رىۋايەت» (رواية) بىلەن ئۇيغۇر تىلىدىكى كۈندىلىك سۆز بولغان «رىۋايەت» نىڭ ئوتتۇرىسىدىكى غايەت زور ئۇقۇم پەرقىدىن شەيتانلارچە پايدىلىنىپ، ئاۋامنىڭ كاللىسىغا قەستەن زەھەر تېمىتىدۇ.
بۇ خۇددى بىر قانۇن مۇتەخەسسىسىنىڭ «ھۆكۈمنامە» دېگەن كەسپىي ئاتالغۇسىنى، بىر جاھىلنىڭ قەستەن ھالدا «بوھتان» ياكى «ئەيىبنامە» دەپ تەرجىمە قىلىپ، پۈتۈن ئەدلىيە سىستېمىسىنى قارىلىشىغا ئوخشاش ئەڭ نومۇسسىز بىر كۆز بويامچىلىقتۇر.
ئۇيغۇرچىدىكى «رىۋايەت» نېمە؟ ئۇيغۇر تىلىدا بۇ سۆز ئادەتتە «چۆچەك»، «ئەپسانە»، «ئىشەنچسىز گەپ»، «ئاغىزدىن-ئاغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن ھېكايە» دېگەندەك سەلبىي ياكى گۇمانلىق مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ.
ئەمما ھەدىس ئىلمىدىكى «رىۋايەت» (رواية) چۇ؟ بۇ ھەرگىزمۇ چۆچەك ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن ئىنچىكە، ئىلمىي ئاتالغۇ ۋە (إصطلاح) كەسپىي تېرمىن بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى: «بىر ئۇچۇرنى، ئۇنىڭ ئەسلى مەنبەسىدىن باشلاپ، ھەر بىر يەتكۈزگۈچىنىڭ ئىسمى، كىملىكى، ئىشەنچلىكلىك دەرىجىسى بىلەن بىرلىكتە، ئۈزۈلمەس بىر زەنجىر (إسناد) ئارقىلىق يەتكۈزۈش جەريانى» دىن ئىبارەتتۇر.
قىسقىسى، بۇ «ھېكايە سۆزلەش» ئەمەس، بەلكى «ئۇچۇرنىڭ جەۋھىرىنى ۋە DNA سىنى يەتكۈزۈش» تۇر. ھەر بىر «رىۋايەت» خۇددى بىر جىنايەت دېلوسىغا ئوخشاش، ھەر بىر گۇۋاھچى (راۋىي) نىڭ ئىشەنچلىكلىكى «علم الجرح والتعديل» دەپ ئاتالغان «ئىنسانىي يالغان تەكشۈرۈش ماشىنىسى» دا قاتمۇ-قات سىناقتىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كېيىنلا ئاندىن «رىۋايەت» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىدۇ.
ئۇلار بۇ پەرقنى بىلمەمدۇ؟ ئەلۋەتتە بىلىدۇ. لېكىن ئۇلار بۇ ئىككى تىل ئوتتۇرىسىدىكى ئۇقۇم پەرقىنى قەستەن قورال قىلىپ، «ھەدىس دېگەن رىۋايەت، رىۋايەتكە ئىشەنگىلى بولامدۇ؟» دەپ چالۋاقاش ئارقىلىق، ئەرەبچە كەسپىي ۋە ئىلمىي ئاتالغۇ «رىۋايەت» بىلەن ئۇيغۇرچىدىكى كۈندىلىك سۆزلۈك «رىۋايەت» ئوتتۇرىسىدىكى ئۇقۇم پەرقىنى بىلمەيدىغان ئاۋامنىڭ قەلبىگە گۇماننىڭ ئۇرۇقىنى چاچىدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى ئىزدەۋاتقانلىقىنىڭ ئەمەس، بەلكى ئۇقۇم بۇرمىلاش تېرورلۇقى قىلىپ، ئاۋامنى ئالداش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ رەزىل نىشانىغا يەتمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئىسپاتىدۇر.
ئىككىنچى نەيرەڭ: «ھەدىسلەر 200 يىلدىن كېيىن يېزىلغان» دېگەن يالغانچىلىقى
ئەمدى ئۇلارنىڭ ئاساسىي قورالىغا، يەنى ئاۋامنى ئالداش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئەڭ زەھەرلىك، ئەمما ئەڭ ئاسان تارقىلىدىغان يالغانلىرىنىڭ بىرىگە كەلسەك، ئۇ ھېچ شۈبھىسىزكى، «ھەدىسلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن 200 يىل كېيىن، ئىمام بۇخارىي دەۋرىدە تۇنجى قېتىم يېزىلغان. بۇ غايەت زور، 200-300 يىللىق قاراڭغۇ بوشلۇقتا ھەممە نەرسە بۇرمىلىنىپ كەتكەن!» دەپ بازاغا سېلىۋاتقان سەپسەتىسىدۇر.
بۇ، تارىخ ئىلمىنىڭ ئەڭ ئاددىي ھەقىقەتلىرىدىنمۇ بىخەۋەرلىكنىڭ جانلىق نامايەندىسى بولۇپ، قارىماققا ناھايىتى «ئىلمىي» ۋە «ئىشەنچلىك» ئاڭلىنىدىغان ئاستا خاراكتېرلىق زەھەردىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ يالغاننىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان مەقسەت تېخىمۇ رەزىل: ئۇلار سۈننەتنىڭ تارىخىي ئاساسىنى ھېچقانداق ئىلمىيلىكى بولمىغان سەپسەتىلەر بىلەن يوقۇتۇش ئارقىلىق، ئىسلام شەرىئىتىنىڭ پۈتكۈل گەۋدىسىنى يىلتىزىدىن ئايرىشنى ۋە ئاساسسىز بىر توقۇلمىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاخىرىدا ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسىگە ماس بىر پاسكىنا لاي ھەيكەلگە ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ.
بۇ ماقالىدە بىز ئۇلارنىڭ بۇ «200 يىللىق قاراڭغۇ بوشلۇق» دېگەن يالغانچىلىق پەردىسىنى تارىخىي پاكىتلارنىڭ ئۆتكۈر خەنجىرىدە يېرتىپ تاشلاپ، ھەدىسلەرنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھايات ۋاقتىدىلا يېزىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان، قۇياشتەك يورۇق تارىخىي دەلىللەر بىلەن ئىسپاتلايمىز.
1 – «يېزىش» بىلەن «توپلاش» نى قەستەن بۇرمىلاپ، ئاڭ ۋە ئۇقۇمنى لېيىتىش
ئۇلارنىڭ بارلىق سەپسەتىسى بىر ئاددىي، ئەمما ئەڭ پاسكىنا كۆز بويامچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئۇلار ھەدىسلەرنىڭ «سىستېمىلىق توپلىنىپ، كاتتا ئەسەرلەرگە ئايلىنىشى» (التدوين) بىلەن ئۇنىڭ «دەسلەپكى قەدەمدە خاتىرىلىنىشى» (الكتابة) نى گويا بىر نەرسىدەك قەستەن بۇرمىلاپ، ئاۋامنىڭ ئېڭىنى لېيىتىدۇ. بۇ خۇددى «بىر ئادەم 80 يېشىدا ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىنى يېزىپ نەشر قىلدۇردى» دېيىلسە، «دېمەك ئۇ ئادەم 80 يىللىق ھاياتىدا بىر قۇرمۇ خەت يېزىپ باقمىغان ساۋاتسىز ئىكەن» دەپ چۈشەنگەندەكلا ئەخمىقانە مەنتىقسىزلىقنىڭ يالىڭاچ ھالىتىدۇر.
يېزىش (الكتابة): بۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھايات ۋاقتىدىلا باشلانغان جانلىق جەريان بولۇپ، ساھابىلەرنىڭ شەخسىي خاتىرىلىرى، ھەدىس توپلاملىرى ۋە ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
توپلاش (التدوين): بۇ، ئىمام بۇخارىيغا ئۆخشاش كاتتا مۇتەخەسسىس ئالىملارنىڭ، تارقاق ھالەتتىكى يازما خاتىرىلەرنى ۋە ئىشەنچلىك بايان زەنجىرى ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن ئاغزاكى تەپسىلاتلارنى توپلاپ، ئىنسانىيەت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدىكى يۇقىرى شەرتلىك ئىلمىي مېتودلار بويىچە تەكشۈرۈپ، سىستېمىلىق ھالدا ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ يىمىرىلمەس ئەقلىي قورغانلىرىنى بەرپا قىلىش جەريانىدۇر.
2 – ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت: ساھابىلەر دەۋرىدىكى يازما ھەدىس ئابىدىلىرى
قېنى، ئەي تارىخنى بۇرمىلايدىغان كەززاپلار توپى! تۆۋەندىكى تارىخىي ئابىدىلەر ئالدىدا قايسى يەھۇدىي مۇستەشرەق ئاتاڭلارنىڭ سايىسىغا يوشۇرىنىسىلەر؟
بىرىنچى: دۆلەت دەرىجىلىك يازما ھۆججەتلەر:
مەدىنە شەرتنامىسى (صَحِيفَةُ الْمَدِينَةِ): پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن قۇرغان ئىسلام دۆلىتىنىڭ تۇنجى «ئاساسىي قانۇنى» نى ئاغزاكى قالدۇرماي، يازما شەكىلدە تۈزگەن. مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىيلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەڭشەيدىغان بۇ ھۆججەت، ئۇ دەۋردە يازمىنىڭ دۆلەت ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي ۋاسىتىسى بولغانلىقىنىڭ ئىنكار قىلغۇسىز ئىسپاتىدۇر. سوئال شۇكى: ئۆز دۆلىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنى يازما شەكىلدە قالدۇرغان پەيغەمبەر، شۇ دۆلەتنىڭ روھى بولغان ئۆز سۆزلىرىنى ۋە كۆرسەتمىلىرىنى ھاۋاغا توزۇتۇۋېتەمدۇ؟
پادىشاھلارغا يېزىلغان مەكتۇپلار:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم خەلقئارالىق سىياسەت سەھنىسىدىمۇ يازمىنى ئاساسىي ۋاسىتە قىلغان. ئۇ رىم، پارس، مىسىر ۋە ھەبەشىستان پادىشاھلىرىغا ئىسلامغا دەۋەت قىلىپ يازما مەكتۇپلار ئەۋەتكەن. ئەجەبا، يات ئەلنىڭ كاپىر پادىشاھلىرىغا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن قەلەم ئىشلەتكەن پەيغەمبەر، ئۆزىنىڭ قىيامەتكىچە داۋام قىلىدىغان ئۈممىتىگە كۆرسەتمىلىرىنى قالدۇرۇش ئۈچۈن قەلەمنى چەكلەمدۇ؟ بۇ قانداقمۇ ئەقىلگە سىغسۇن؟
ئىككىنچى، شەخسىي توپلاملار ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇيرۇقى:
«ئەس-سەھىفەتۇس سادىقە» (الصَّحِيفةُ الصَّادِقةُ – راستچىل سەھىپە): بۇ، كاتتا ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئەلئاس ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئەلئاس ئەلقۇرەشىي (ھ. بۇرۇن 27 – ھ. 63 ياكى 65 / م. 595 – 683 ياكى 685) رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمانىڭ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆزىدىن بىۋاسىتە ئىجازەت ئېلىپ تۇرۇپ يازغان شەخسىي ھەدىس توپلىمىدۇر. بۇ يەككە ھۆججەتنىڭ ئۆزىلا سىلەرنىڭ «200 يىللىق بوشلۇق» دېگەن يالغانچىلىقىڭلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ! ئۇ پەيغەمبەردىن ئاڭلىغان 1000 غا يېقىن ھەدىسنى بۇ توپلامغا يازغان.
سەھىھۇلبۇخارىي (113)دا كېلىشىچە:ئەبۇ ھۇﺭﻩيرﻩ ﺭﻩﺯىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇندﺍﻕ ﺩېگەن: «نەبىي سەللەللاھۇ ئەلەيھى ﯞﻩسەللەمنىڭ ئەسھابلىرىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرﺩىن باشقا ھېچكىم مەندىن كۆﭖ ھەﺩىس بىلمەيدۇ، چۈنكى ئابدۇللاھ ھەﺩىسلەﺭنى يېزىپ خاتىرىلىۋﺍﻻتتى، مەﻥ يېزىپ خاتىرىلىمەيتتىم».
ئىسمىدىنلا ئەڭ سەھىھلىكى چىقىپ تۇرغان بۇ مەشھۇر توپلامنى نۇرغۇن تابىئىنلار ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمردىن رىۋايەت قىلغان. كېيىن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئارقىلىق كۆز قارچۇغۇدەك ساقلىنىپ، ئىمام ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلنىڭ «مۇسنەد» ناملىق كاتتا ئەسىرىگە ۋە باشقا ھەدىس توپلاملىرىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ، سىلەرنىڭ يالغانچىلىقىڭلارنىڭ يۈرىكىگە سانجىلغان پولات خەنجەردۇر!
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسلەرنى يېزىشقا بۇيرىشى:
ۋىدا ھەجىدە، يەمەنلىك ئەبۇ شاھ ئىسىملىك بىر ساھابە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ خۇتبىسىنى ئۆزى ئۈچۈن يېزىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەرھال يېنىدىكىلەرگە: «ئەبۇ شاھ ئۈچۈن يېزىپ بېرىڭلار!» دەپ بۇيرۇيدۇ (بۇخارىي 2434؛ۋە مۇسلىم 1355]). ئەگەر ھەدىس يېزىش چەكلەنگەن بولسا، پەيغەمبەر ئۆزى بۇيرۇمتى؟
ھەزرىتى ئەلىنىڭ «سەھىفە» سى:
ئىمام بۇخارىي (111)، مۇسلىم (1370) توپلىغان بىر ھەدىستە، ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ قىلىچىنىڭ قېپىدا كىچىك بىر «سەھىفە» (يازما) ساقلايدىغانلىقى، ئۇنىڭدا جان ۋە بەدەنگە تۆلەم تۆلەش، ئەسىرلەرنى قۇتقۇزۇش ۋە بەزى شەرىئەت ھۆكۈملىرى يېزىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بۇ، ئىسلامنىڭ ئەڭ دەسلەپكى قانۇن-ھۆكۈملىرىنىڭ يازما شەكىلدە ساقلانغانلىقىنىڭ ئىسپاتىدۇر.
ئەنەس ئىبنى مالىكنىڭ خاتىرىلىرى:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ 10 يىللىق خىزمەتچىسى ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ھەدىسلەرنى يېزىپ ساقلىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنى دائىم ئوقۇغۇچىلىرىغا: «بۇنى مەن رەسۇلۇللاھتىن ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلاپ، ئۆز قولۇم بىلەن يازغان» دەپ كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
3 – . ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ تەقۋالىقى، ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ قولىدا پارتلىغان بومبا
ئەمدى ئۇلارنىڭ جاھىللىقىنى ۋە قەلبىنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى ئەڭ ئېنىق ئاشكارىلايدىغان بىر ۋەقەگە كېلەيلى. ئۇلارنىڭ تايىنىۋېلىشىچە: تارىخىي مەنبەلەردە ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن ئاڭلىغان 500 گە يېقىن ھەدىسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر كىتابچە تەييارلىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. ئەمما كېيىنچە ئۇ بۇ كىتابنى كۆيدۈرۈۋەتكەن.
بۇ ۋەقەلىكنىڭ سەھىھ ئەمەسلىكىنى ئىمام زەھەبىي ۋە ئىبنى كەسىردەك مۇھەددىسلەر مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ئەمما نۇمۇسسىز ھەدىس ئىنكارچىلىرى «پەقەت قۇرئان» دەيدىغان ئۆزلىرىنىڭ تۇترۇقسىز پىرىنسىپلىرىغا ئۆزلىرى خىلاپلىق دائىم مانا مۇشۇنداق زەئىف ھەدىسلەرنى ئۆزلىرىگە بايراق قىلىۋالىدۇ.
بۇ زىندىقلار بۇ ۋەقەنى خۇددى يەر ئاستىدىن غايەت زور خەزىنە تېپىۋالغاندەك تەتۈر بۇرمىلاپ، «قاراڭلار، ھەتتا ئەبۇ بەكرىمۇ ھەدىسكە ئىشەنمەپتۇ! شۇڭا كۆيدۈرۈپتۇ!» دەپ جاھىللارچە چالۋاقايدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ رەزىل مەقسىتىگە دەلىل قىلماقچى بولىدۇ. بۇ، ھەقىقەتكە قىلىنغان ئەڭ نومۇسسىز خىيانەتتۇر.
ئۇ ۋەقەلىكنى توغرا دەپ پەرەز قىلغىنىمىزدا ، ھەقىقىي سەۋەب نېمە؟
ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ ئۇنى كۆيدۈرۈشى ھەدىسلەرنىڭ ئىشەنچسىزلىكىدىن ئەمەس، بەلكى دەل ئەكسىچە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە بىرەر ھەرپ خاتا سۆزنى نىسبەت بېرىپ سېلىشتىن ھەددىدىن زىيادە قورققانلىقىدىن، يەنى تەقۋالىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدىندۇر! ئىشەنچلىك ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇ بىر كېچىسى ئۇخلىيالماي چىققان ۋە قىزى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا: «مەن يازغان ھەدىسلەرنىڭ ئىچىدە، بەلكىم مەن ئىشەنچلىك دەپ قارىغان بىر كىشىدىن نەقىل قىلغان، ئەمما ئۇ كىشىنىڭ ئۆزى پەيغەمبەردىن ئاڭلىغىنىنى %100توغرا يەتكۈزەلمىگەن بولۇشى مۇمكىندەك قىلىدۇ. ئەگەر مەن ئۆلۈپ كەتسەم، بۇ كىتاب كىشىلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ، ئۇلار پەيغەمبەر دېمىگەن بىر سۆزگە ئەمەل قىلىپ قالسا، مەن ئاللاھنىڭ ئالدىدا قانداق جاۋاب بېرىمەن؟» دېگەن ۋە شۇ سەۋەبتىن ئۇنى كۆيدۈرۈۋەتكەن.
بۇ ۋەقە ئۇلارنىڭ يۈزىگە شاپىلاقتەك تېگىپ، بىزگە تۆۋەندىكىدەك ھەقىقەتلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ:
1 – پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدىن تارتىپلا ھەدىس يېزىش ئادىتى بار ئىدى. بۇ ۋەقەنىڭ ئۆزىلا ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ ھەدىس يازغانلىقىنىڭ، يەنى شۇ دەۋرىدە ھەدىس يېزىشنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنىڭ ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
2 – بۇ، ساھابىلەرنىڭ ھەدىس بايان قىلىشتا قانچىلىك دەرىجىدە تەقۋادار ۋە مەسئۇلىيەتچان بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار بىر ھەرپ خاتا بولۇپ قېلىشىدىن قورقۇپ ئۆز ئەمگەكلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىشتىن يانمىغان. بۇ زىندىقلار بولسا مىڭلىغان ھەدىسنى ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسسىز ھالدا ئىنكار قىلىشتىن نومۇس قىلمايدۇ. بۇ ئىككى خىل روھىيەتنىڭ ئارىسىدا ئاسمان بىلەن زېمىندەك ئەمەس، بەلكى جەننەت بىلەن جەھەننەمدەك چوڭ پەرق بار!
ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنىڭ «ئۇلار پەيغەمبەر دېمىگەن بىر سۆزگە ئەمەل قىلىپ قالسا» دېگەن سۆزىمۇ ئەينى چاغدا قۇرئانغىلا ئەمەسم ئەمەس، پەيغەمبەرنىڭ دېگەن سۆزلىرىگىمۇ ئەمەل قىلىشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلايدۇ.
4 – ئەقلىي ۋەيرانچىلىقنىڭ يۇقىرى پەللىسى: ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ ئۆز ئۆزىنى شاپىلاقلاش ھاماقىتى
بۇ زىندىقلارنىڭ ئىلمىي پاسىقلىقى ۋە مەنتىقىسىزلىقى شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، ئۆزلىرى «بىزگە قۇرئاندىن باشقا ھېچ نەرسە ھۆججەت ئەمەس» دەيدۇ–يۇ، ئۆز پىكرىگە قۇرئاندىن دەلىل تاپالمىغاندا، نومۇسسىزلارچە ئۆزلىرى ئىنكار قىلىدىغان ھەدىسلەرگە ئېسىلىۋېلىپ، ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى شاپىلاقلايدۇ.
ئۇلار پەيغەمبەرنىڭ «مەندىن قۇرئاندىن باشقا ھېچ نەرسىنى يازماڭلار» دېگەن ھەدىسىنى كاتتا بايراق قىلىپ كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ نەقەدەر مەيدانسىز ساختىپەزلىكىنىڭ ئەڭ جانلىق نامايەندىسىدۇر.
ئىلمىي جاۋاب شۇكى:
ساھابىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ چەكلەش ئىسلامنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ساۋاتلىق كىشىلەر ئاز ۋاقىتتا، قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنىڭ بىر يەردە يېزىلىپ، ئارىلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن چىقىرىلغان ۋاقىتلىق تەدبىر ئىدى. كېيىنچە، بۇ خەۋپ تۈگىگەندە، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۆزى يېزىشقا ئىجازەت بەرگەن ۋە ھەتتا بۇيرىغانلىقىنى يۇقىرىدا مىساللار بىلەن كۆرسەتتۇق. ھەدىس ئىنكارچىلىرى «بىرنى كۆرسىتىپ، ئوننى يوشۇرۇش تاكتىكىسى» بىلەن بىر ھەدىسنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۇنىڭغا زىت كېلىدىغان ۋە ئۇنى ئىزاھلايدىغان ئونلىغان ھەدىسنى قەستەن يوشۇرىدۇ. بۇ ئىلمىيلىك ئەمەس، بەلكى ئىبلىسلارچە ساختىپەزلىك ۋە مۇسەيلىمەچە كەززابلىقنىڭ دەل ئۆزىدۇر.
5 – «200 يىللىق بوشلۇق» يالغانچىلىقىنىڭ مۇستەملىكىچى پىشىۋالىرى
ئەمدى ئەڭ مۇھىم سوئالغا كېلەيلى! بۇ «200 يىللىق بوشلۇق» دېگەن زەھەرلىك يالغاننى بۇ ئۇيغۇر زامانىۋىي «كىچىك پەيغەمبەرلەر» ئۆزلىرى توقۇپ چىقتىمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ئۇلار پەقەتلا 19-ئەسىردىكى ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئىسلامنى ئىچىدىن يىمىرىش ئۈچۈن ياساپ بەرگەن كونا، داتلىشىپ كەتكەن قوراللىرىنى قايتا ئېلىپ چىقىۋاتقان ئىجارە ئەقىللىق تەقلىدچىلىرى ۋە مانقۇرت مۇرىتلىرىدۇر خالاس.
بۇ سۇيىقەستنى ئەڭ دەسلەپ باشلىغان كىشى يەھۇدىي شەرقشۇناس ئىگناز گولدزىھېر بولۇپ، ئۇ تۇنجى بولۇپ پۈتۈن ھەدىس سىستېمىسىنى «پەيغەمبەردىن 200 يىل كېيىنكى توقۇلمىلار» دەپ قارىلاپ، ھۇجۇمنىڭ ئوقىنى ئاساسلىق ھەدىس رىۋايەتچىلىرىگە، بولۇپمۇ كاتتا ساھابە ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا قاراتقان. بۈگۈنكى ھەدىس ئىنكارچىلىرىمۇ خۇددى ئۆزلىرىنىڭ مۇستەملىكىچى پىشىۋاسى گولدزىھېرغا ئوخشاش، ھۇجۇم نىشانىنى ئەبۇ ھۇرەيرەگە مەركەزلەشتۈرىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ چولتا ئەقلىگە ماس كەلمىگەن ھەر قانداق ھەدىسنىڭ سەنەدىدە ئەبۇ ھۇرەيرەنىڭ ئىسمىنى كۆرسىلا، بۇنى ئۇنىڭ «ئىشەنچسىز» ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتى دەپ جار سېلىشىدۇ. بۇ ئەسلىدە بىر شەخسكە قىلىنغان ھۇجۇم ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سىماسىدا پۈتكۈل ساھابىلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى ۋە پۈتۈن ھەدىس خەزىنىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىشنى مەقسەت قىلغان رەزىل بىر ئىستراتېگىيەدۇر.
لېكىن 19 – ئەسىردىكى بۇ ئىبلىسلارچە ھىيلە-نەيرەڭ ھىندىستانلىق ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئۆتكۈر نەزىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان ئىدى. بولۇپمۇ بۈيۈك ئالىم مۇھەممەد مۇستافا ئەل-ئەئزەمىي شۇ دەۋىردە غەرب ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان ۋە ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ مېتودى بىلەن رەددىيە بېرىپ، «Studies in Early Hadith Literature» (دەسلەپكى دەۋر ھەدىس ئەدەبىياتى تەتقىقاتى) ناملىق ئەسىرى بىلەن شەرقشۇناسلارنىڭ بارلىق سەپسەتىلىرىنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىغان ئىدى.
ئەل-ئەئزەمىي ۋە شىبلى نومانىيغا ئوخشاش بۈيۈك ئالىملار، ئۇلارغا ئوخشاش ئايرىم-ئايرىم ھەدىسلەرنى قوغداپ ئولتۇرۇشتىن ھالقىپ، شەرقشۇناس مۇستەشەرىقلەرگەلارغا ۋە ئۇلارنىڭ 19-ئەسىردىكى ھارامدىن تۆرەلگەن ئەۋلادلىرى بولغان ھەدىس ئىنكارچىلىرىغا تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئەجەللىك زەربە بەرگەن ئىدى. ئۇلار غەرب شەرقشۇناسمۇستەشەرىقلىرىنىڭ ھەدىسلەرنى تەنقىد قىلىشتا قوللانغان پۈتكۈل مېتودولوگىيەسىنىڭ ئىلمىي ئەمەسلىكىنى، بەلكى قەستەن يامان نىيەت ۋە ئالدىنئالا بېكىتىۋالغان خۇپسەنلىكلەر خۇپسەنلىك ۋە ئۆچمەنلىك ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ بەرگەن ئىدى. بۇ خۇددى دۈشمەننىڭ ئاتقان ئوقىنى توختىتىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قولىدىكى ئوقيانىڭ ئۆزىنى سۇندۇرۇپ تاشلىغانغا ئوخشاش ئىش ئىدى.
ئەل-ئەئزەمىي ئەينى چاغدا «ھەدىسلەرنىڭ يېزىلىشى كېچىكىپ باشلانغان» دېگەننىڭ تامامەن غەيرىي ئىلمىي يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى نەق پاكىتلار بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن. ئۇ ھەدىسلەرنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم دەۋرىدىلا يېزىلىشقا باشلىغانلىقىنى ۋە ساھابىلەر دەۋرىدە نۇرغۇنلىغان شەخسىي ھەدىس توپلاملىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلغۇسىز ھۆججەتلەر بىلەن ئىسپاتلاپ، ئۇلارنىڭ بارلىق تەنقىدلىرىنىڭ ئاساسىنى ۋەيران قىلغان ئىدى.
شۇڭا، بۈگۈنكى ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ قىلىۋاتقىنى يېڭى بىر ئىجادىيەت ئەمەس، بەلكى ئۆز پىشىۋالىرى بولغان يەھۇدىي شەرقشۇناسلارنىڭ ئىلمىي جەھەتتىن ۋەيران بولغان، ئەخلەتخانىغا تاشلانغان سەپسەتىلىرىنى قايتا ئېغىزغا ئېلىپ شۆلگەي چاچرىتىش ۋە سېسىق شۆلگەيلىرىنى مۇقەددەس ئىسلامىي ئاتالغۇلار بىلەن قايتا ئوراپ، ئاۋامغا سېتىشتىن ئىبارەت ئەقلىي ۋە ئەخلاقىي پاسكىنىچىلىقتۇر.
قىسقىسى، ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ «200 يىللىق بوشلۇق» سەپسەتىسى تارىخىي جاھىللىق ئۈستىگە قۇرۇلغانلا ئەمەس، بەلكى 19-ئەسىردىكى مۇستەملىكىچى شەرقشۇناسلارنىڭ قەستەن بۇرمىلاش ۋە يالغانچىلىقىدىن ياسالغان بىر قەغەز قورغان بولۇپ، تارىخىي پاكىتلارنىڭ شامىلى ئالدىدا بىر مىنۇتمۇ پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.
ھەدىسلەر پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدىلا يېزىلىشقا باشلىغان، ساھابە ۋە تابىئىنلار دەۋرىدىمۇ يېزىپ قالدۇرۇلغان ۋە تارىخىي رەسمىي ھۆججەتلەردە بۇنى ئىسپاتلايدىغان پولاتتەك پاكىتلار مەۋجۇت.
ساھابىلەر ھەدىس رىۋايەت قىلىشتا ھازىرقى زامان كىشىلىرى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان دەرىجىدە يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە تەقۋادارلىق روھىغا ئىگە ئىدى.
ئىمام بۇخارىيغا ئۆخشاش ئالىملار تۇنجى يازغۇچىلار ئەمەس، بەلكى ئىلگىرىكى يازما ۋە ئاغزاكى مەنبەلەرنى ئەڭ مۇكەممەل ئىلمىي سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزگەن بۈيۈك تازىلىغۇچىلار، تەنقىدچىلەر، سىستېمىلاشتۇرغۇچىلار ۋە قوغدىغۇچىلاردۇر.
ئەمما ھەدىس ئىنكارچىلىرى بولسا، بۇ پولاتتەك تارىخىي پاكىتلارنىمۇ نومۇسسىزلارچە ئىنكار قىلىپلا قالماي، يۇقىرىدا دېگىمىزدەك قەستەن بۇرمىلايدۇ. بۇ ساختىپەزلىكى ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى ئىزدەۋاتقانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي جەھەتتىن مەغلۇپ بولغان غەربلىك پىشىۋالىرىنىڭ ئالدىنئالا بېكىتىۋالغان «سۈننەتنى ئىنكار قىلىش» تەك رەزىل نىشانىغا ھەر قانداق يالغاننى چاپلاپ بولسىمۇ يېتىشنى كۆزلەيدىغان ئىپ؛اس يالاقچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى؛ مۇسۇلمانلارنى يىلتىزىدىن، تارىخىدىن ۋە ئىشەنچلىك مەنبەلىرىدىن ئايرىپ، ئاخىرىدا روھسىز، ئۆلچەمسىز، ھاۋادا لەيلەپ يۈرگەن، غەربلىك خوجايىنلىرىنىڭ مەيلىگە قاراپ شەكىل ئۆزگەرتىدىغان خۇددىي ئۆزلىرىگە ئوخشاشلا «زەيپانە» بىر دىنغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشتۇر.
ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ ئەقلىي ۋەيرانچىلىقى (6-قىسىم)
«تۆگە سۈيدىكى» ھەدىسى، قارا نىيەتلىك ھۇجۇمنىڭ قورالىمۇ ياكى ئىلمىي زەيپانىلىقنىڭ دەلىلىمۇ؟
ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ «پەقەت قۇرئان» دەيدىغان قۇرۇق شۇئارىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئەڭ پاسكىنا ھىيلىلىرىنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى ئىنكار قىلىدىغان ھەدىسلەرنى، خۇددى بىر جىنايەتچى ئۆزى ئوغرىلىغان قورال بىلەن باشقىلارغا ھۇجۇم قىلغاندەك، ئۆز نىشانى ئۈچۈن قورال قىلىپ ئىشلىتىشىدۇر. ئۇلار كۆپىنچە ئەھۋالدا ئەھلىسۈننەت ئالىملىرىنىڭ ئۆزلىرى تەنقىد قىلغان ياكى مەلۇم بىر كونكرېت شارائىتقا خاس، زەئىف ياكى چۈشىنىش قىيىن ھەدىسلەرنى مەخسۇس تاللاپ، ئۇنى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىدىن يۇلۇپ ئېلىپ، مەنىسىنى بۇرمىلاپ، گويا پۈتۈن ئىسلام دۇنياسى شۇ بويىچە ئەمەل قىلىدىغان ئۆزگەرمەس پەرز، ۋاجىپ دەرىجىلىك پرىنسىپتەك مۇبالىغەلەشتۈرگەندىن كېيىن ئاندىن يەرگە ئۇرماقچى بولىدۇ. بۇ ماھىيەتتە قوش ئۆلچەملىك ئەخلاقسىزلىقنىڭ ۋە ساختىپەزلىكنىڭ جانلىق مىسالىدۇر.
بۇ ساختىپەزلەرنىڭ ئەڭ يالىڭاچ خىيانەتلىرىنىڭ بىرى، ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ئۆزلىرى ئىنكار قىلىدىغان ھەدىسلەرگە تايىنىشىدۇر. ئۇلار «ھەدىسلەر ھۆججەت ئەمەس، قۇرئانلا كۇپايە» دەپ داۋراڭ سېلىپ، ئۆزىنى ئەقىللىق كۆرسىتىدۇ-يۇ، ئەمما ئۆز پىكرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن «دەلىل» گە موھتاچ بولغاندا، دەل ئاشۇ ئۆزلىرى «رىۋايەت» دەپ چەتكە قاققان، «سەپسەتە» دەپ قارىغان ھەدىسلەرگە خۇددى ھاسىسىغا ئېسىلغاندەك ئېسىلىۋالىدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ «پەقەت قۇرئان» دەيدىغان شۇئارىنىڭ پەقەت بىر كۆز بويامچىلىق، يالغانچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
ئۇلارنىڭ يەنە بىر چوڭ نومۇسسىز ھىيلىسى، قۇرئان ئايەتلىرىنى نازىل بولۇش سەۋەبلىرىدىن ئايرىپ، كاپىرلارغا، خىرىستىيان ۋە يەھۇدىيلارغا قارىتىلغان تەنقىدلەرنى گويا مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغاندەك بۇرمىلىغىنىغا ئوخشاش، ھەدىسلەرنىمۇ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشىدىن، يەنى «سەبەبى ۋۇرۇد» (ھەدىسنىڭ كېلىش سەۋەبى) دىن ئايرىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى قەستەن بۇرمىلاش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشتۇر. ھەربىر ھەدىسنىڭ ئۆزىگە خاس بايان قىلىنىش شارائىتى، مەلۇم بىر شەخسكە ياكى مەلۇم بىر مەسىلىگە قارىتىلغان خاس ھۆكۈمى بولىدۇ. ئەمما بۇ ساختىپەزلەر بۇ خاسلىقنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، ئۇنى پۈتۈن ئۈممەتكە ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىسلام شەرىئىتىنى ئەقىلگە سىغمايدىغاندەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ.
بۇنىڭ ئەڭ جانلىق مىسالى، ئۇلارنىڭ «تۆگە سۈيدۈكى» گە ئالاقىدار ھەدىسنى قانداق نومۇسسىزلارچە سۇيىئىستېمال قىلغانلىقىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇلار بۇ ھەدىسنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، گويا ئەھلىسۈننەتنىڭ ھەممىسىنى تۆگە سۈيدۈكى ئىچىشكە بۇيرىغاندەك بىر تۆھمەتنى تارقىتىدۇ. بۇ، خۇددى بىر توپ جاھىلنىڭ بىر دوختۇرنىڭ بىر بىمارغا يېزىپ بەرگەن رېتسېپىنى كوچىغا ئېسىپ قويۇپ، «قاراڭلار، بۇ دوختۇر ھەممە ئادەمگە زەھەرلىك دورا ئىچىشكە بۇيرۇپتۇ!» دەپ ۋارقىرىشىغا ئوخشاش ئەخمىقانە بىر ئىشتۇر.
تۆگە سۈيدۈكى ھەدىسىنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ۋە ساختىپەزلىكنىڭ ئاشكارىلىنىشى
سەھىھ ھەدىسلەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۇراينە قەبىلىسىدىن بىر تۈركۈم كىشىلەر مەدىنىگە كېلىپ كېسەل بولۇپ قالىدۇ. ئۇلارنىڭ قورسىقى كۆپۈپ، كېسەللىك ئالامەتلىرى ئېغىرلاشقاندا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەىھى ۋەسەللەم ئۇلارغا مەدىنە سىرتىدىكى بىر جايغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى تۆگىلەرنىڭ سۈتى ۋە سۈيدۈكىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇلار شۇنداق قىلغاندىن كېيىن ساقىيىپ كېتىدۇ. (سەھىھەين: بۇخارىي: 4610؛ مۇسلىم: 1671 گە قارالسۇن)
بۇ سەھىھ ھەدىسنى ئىسلامغا دۈشمەن ئاتېئىستلار بىلەن ھەدىس ئىنكارچىلىرى تەڭ قورال قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئورتاق، ئەمما ئاڭسىز لوگىكىسى مۇنداق:
1. سەھىھ بىر ھەدىستە تۆگە سۈيدۈكى تەۋسىيە قىلىنغان.
2. تۆگە سۈيدۈكى زىيانلىق ۋە ئەخمىقانە.
3. (ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ خۇلاسىسى) پەيغەمبەر زىيانلىق نەرسىنى تەۋسىيە قىلمايدۇ، دېمەك بۇ ھەدىس يالغان، ھەدىسلەرگە ئىشىنىشكە بولمايدۇ.
4. (ئاتېئىستلارنىڭ خۇلاسىسى) پەيغەمبەر زىيانلىق نەرسىنى تەۋسىيە قىلغان، دېمەك ئۇ خاتالاشقان ۋە ئىسلام يالغان بىر دىن.
بۇ يەردىكى مەسىلە شۇكى، بۇ «ئەقىللىق» ئىنكارچىلارنىڭ ھەتتا ئاددىي بىر تېكىستنى ئوقۇپ چۈشىنىش قابىلىيىتىمۇ يوق. بۇ ھەدىسنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە تېكىستىنىڭ ئۆزىلا ئۇلارنىڭ پۈتۈن سەپسەتىسىنى بىتچىت قىلىدۇ:
بىرىنچىدىن، خاس ئەھۋال، ئومۇمىي ھۆكۈم ئەمەس. يەنى بۇ ئومۇمىي شەرىئەت ھۆكمى ئەمەس، بەلكى كونكرېت بىر كېسەللىك ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تېبابەت تەۋسىيەسى ئىدى. خۇددى بۈگۈنكى كۈندە دوختۇرنىڭ مەلۇم بىر كېسەلگە داۋا قىلىش ئۈچۈن خاس دورا تەۋسىيە قىلغىنىدەكلا بىر ئىش. بۇ ھەدىس ھەرگىزمۇ بارلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئومۇمىي بىر بۇيرۇق ئەمەس.
ئىككىنچىدىن، ھەدىستە پەقەت سۈيدۈكلا ئەمەس، بەلكى سۈت بىلەن سۈيدۈكنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىش تەۋسىيە قىلىنغان. ئىنكارچىلار بۇ نۇقتىنى قەستەن يوشۇرۇپ، گويا پەقەت سۈيدۈك ئىچىشكە بۇيرۇلغاندەك بىر تۇيغۇ پەيدا قىلماقچى بولىدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ نەقەدەر بەدنىيەتلىكىنىڭ ۋە تېكىست ئوقۇشتا نەقەدەر ساختىپەزلىك قىلىدىغانلىقىنىڭ ئاددىي بىر ئىسپاتى.
ئۈچىنچىدىن، بۇ بىر داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، ھەرگىزمۇ ئىبادەت ئەمەس. ئەگەر بۇلارنىڭ لوگىكىسى بويىچە بولسا، بۈگۈنكى دوختۇرلار راك كېسىلىنى داۋالاش ئۈچۈن خىمىيىلىك داۋالاش (chemotherapy) ئىشلەتكەندە، ئۆزى زەھەرلىك بولغان ماددىلارنى ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن پۈتۈن زامانىۋى تېبابەتنى «يالغان» دېيىشكە توغرا كېلەمدۇ؟!
مىللىي تىبابەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان رەھمەتلىك تېۋىپ دادام مۇھەممەد نۇرۇللاھ ھاجىممۇ زەھەرلىك يىلان، چايان ۋە قىزىل قولتۇقلۇق پاقا قۇرۇتمىلىرىنى بۇغداي بىلەن قوشۇپ قاينىتىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتقاندىن كېيىن تالقان قىلىپ، «يەل باسار دورىسى» دەپ ساتاتتى. بۇنىڭ بىلەن ساقايغان كېسەللەر ۋە دادامنىڭ يەل باسار دورىسىنىڭ پايدىسىنى ئاڭلىغانلار ھەر قايسى شەھەر ۋە ناھىيەلەردىن ئىزدەپ كېلىپ، ئۆيىمىزدىن بەس بەستە شۇ دورىلارنى سېتىۋالاتتى. ئەمدى تۆگە سۈيدىكىنى باھانە قىلىپ، 35 مىليون مىللىتىمىزنىڭ ئېتىقادىنى مەسخىرە قىلىۋاتقان ھەتتا مۇشرىككە چىقىرىۋاتقان ئۇيغۇر مانقۇرت پەستوغراق، ئېغىزىدىن تۆگە سۈيدىكى چۈشمەيدىغان ھاشىم زىندىق، ئەنگىلىيەدىكى پوققوساق كېرەم پىت، شائىر ئەخلەتجان، كانادانىڭ مەيدانسىز ئىلمىي زەيپانە يۇمۇلاق تاۋۇز موللىسى، گوللاندىيەدە شۇنچە ئۇزۇن ياشاپمۇ ئىلمىيلىك دېگەننىڭ تېخىچە «ئى» سىنىمۇ ئۈگىنەلمىگەنلىكىگە قارىماستىن «10 يىل قۇرئاننىڭ تەرجىمىسىنى ئوقۇپ قۇرئاننى چۈشىنىشتە ھازىرقى دەۋردىن 200 يىل ئالغا ئىلگىرىلەپ كەتتىم، ئۇيغۇرلارنىڭ سەۋىيەسى مەندىن 50 يىل كەينىدە قالدى» دەپ توختىماي پو ئېتىپ، ئەتىدىن كەچكىچە ۋاتساپتا ۋېتىۋالاقلىق قىلىپلا يۈرىيدىغان خامىت ۋاتۋات ۋە ئەھمەت قاغا قاتارلىق ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ ئوسۇرۇق مەنتىقىسى بويىچە رەھمەتلىك دادامنى ئۇيغۇر مىللىي تىبابىتىنىڭ ئەنئەنىۋىي رىتسىپى بويىچە دورا ياسىغان ياكى دورا تەۋسىيە قىلغان دېيىشنىڭ ئورنىغا «ھارام ھاشارەتلەرنى ساتقان، مۇشۇنداقمۇ مەينەت نەرسىلەرنى ئىنسانلارغا يېگۈزگەن» دەپ ئەيىبلەش كېرەكمۇ؟! بۇنداق دېيىشنى ئەقلىگە پوق يەپ قالغان ئىنكارچىلاردىن باشقا كىممۇ توغرا دېيەلىسۇن؟!
ئىلىم-پەن نۇقتىسىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر رەددىيە
ئىنكارچىلارنىڭ «ئىلمىيلىك» ۋە «ئەقىل» دەپ داۋراڭ سېلىشىغا قارىماي، ئۇلارنىڭ بۇ مەسىلىدىكى پوزىتسىيەسىنىڭ ئىلىم-پەنگە پۈتۈنلەي زىت ئىكەنلىكىگىمۇ قاراپ چىقايلى!
1. «كۈلكىلىك» سەپسەتىسى: بىر داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ بۈگۈنكى ئىنسانلارغا غەلىتە تۇيۇلۇشى ئۇنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. مەسىلەن، بۈگۈنكى تېبابەتتە ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى راكىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن دوختۇرنىڭ بىمارنىڭ ئارقا تەرىتىگە بارمىقىنى سېلىپ تەكشۈرۈشى ئادەتتىكى بىر ئىش. ئەگەر بىرەيلەن بۇنى مەسخىرە قىلىپ «ھاھاھا، دوختۇرلارغا قاراڭلار، ئادەمنىڭ كەينىگە بارمىقىنى تىقىدىكەن» دەپ كۈلسە، بۇ ئۇنىڭ نادانلىقىنى كۆرسىتەمدۇ ياكى تىبابەتنىڭ خاتالىقىنىمۇ؟!
2. سۈيدۈك بىلەن داۋالاشنىڭ قەدىمكى تېبابەتتىكى ئورنى: سۈيدۈك بىلەن داۋالاش پەقەت ئىسلامغا ياكى ئەرەبلەرگە خاس ئەمەس. 5000 يىللىق تارىخقا ئىگە ھىندىستاننىڭ «دامار تانترا» دېگەن تېببىي ئەسىرىدە ئىنسان سۈيدۈكىنىڭ داۋالاشتىكى رولى تىلغا ئېلىنغان. قەدىمكى مىسىر، يۇنان، رىم، ھەتتا خىتاي تېبابىتىدىمۇ ھايۋان ۋە ئىنسان سۈيدۈكىنى داۋالاشتا ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدە تارىخىي خاتىرىلەر بار.¹ ھەتتا ئىبنى سىنانىڭ مەشھۇر «ئەل قانۇن فىت تىب» ئەسىرىدىمۇ تۆگە سۈيدۈكىنىڭ داۋالاشتىكى ئورنى تىلغا ئېلىنغان. دېمەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شۇ دەۋرنىڭ ئومۇملاشقان ۋە قوبۇل قىلىنغان بىر تېببىي ئۇسۇلىنى تەۋسىيە قىلغان.
3. زامانىۋى تېبابەتنىڭ ئىسپاتلىرى: ئەڭ قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ئىنكارچىلار «بۇ ئىلمىي ئەمەس» دەپ جار سالغان بىر ۋاقىتتا، زامانىۋى ئىلىم-پەن دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە نەتىجىلەرنى كۆرسەتمەكتە. 21-ئەسىردە نۇرغۇنلىغان ئىلمىي ماقالىلەر تۆگە سۈيدۈكىنىڭ تەركىبى ۋە ئۇنىڭ داۋالاشتىكى رولى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ. بۇ تەتقىقاتلارنى قىلغانلار ئەرەبمۇ، مۇسۇلمانمۇ ئەمەس، بەلكى خەلقئارالىق ئالىملاردۇر. بۇ تەتقىقاتلار تۆۋەندىكىدەك ھەقىقەتلەرنى ئاشكارىلىدى:
راكقا قارشى تەسىرى: نۇرغۇنلىغان تەجرىبىخانە تەتقىقاتلىرى تۆگە سۈيدۈكىنىڭ جىگەر راكى، ئۆپكە راكى ۋە باشقا راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرۈش ياكى ئۆسۈشىنى تورمۇزلاش رولى بارلىقىنى ئىسپاتلىدى.²
مىكروبقا قارشى تەسىرى: ئۇنىڭدا كۈچلۈك مىكروبقا قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتى بارلىقى، ھەتتا بەزى باكتېرىيە ۋە زەمبۇرۇغلارنى يوقىتالايدىغانلىقى بايقالدى.³
سۈيدۈك ھەيدەش (Diuretic Effect) رولى: تەتقىقاتلار تۆگە سۈيدۈكىنىڭ كۈچلۈك سۈيدۈك ھەيدەش رولى بارلىقىنى كۆرسەتتى. ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان بىمارلارنىڭ قورسىقىنىڭ سۇدىن كۆپۈپ كېتىشى، يەنى بۈگۈنكى تېبابەتتىكى «ئاسسىت» (ascites) دەل سۇيۇقلۇقنىڭ بەدەندە يىغىلىپ قېلىشىدىن بولىدۇ. سۈيدۈك ھەيدەش دورىسى بۇ خىل كېسەللىكنىڭ ئۆلچەملىك داۋالاش ئۇسۇلىدۇر. دېمەك، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ تەۋسىيەسى دەل شۇ كېسەللىكنىڭ ئالامىتىگە قارىتا بېرىلگەن ئىنتايىن توغرا بىر سىمپتوماتىك داۋالاش ئىدى.⁴
ئۆزگىچە تەركىب: تەتقىقاتلار يەنە تۆگە سۈيدۈكىنىڭ باشقا ھايۋانلارنىڭكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدا يۇقىرى مىقداردا كالىي، ماگنىي قاتارلىق پايدىلىق مىنېراللارنىڭ بارلىقىنى، ئەمما زىيانلىق ئۇرېيە (urea) مىقدارىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. قىزىقارلىق يېرى، بۈگۈنكى گىرىم بۇيۇملىرىدا، بولۇپمۇ تېرىنى نەملەشتۈرىدىغان قىممەت باھالىق كىرېملاردا دەل ئاشۇ «ئۇرېيە» ماددىسى ئىشلىتىلىدۇ.⁵
خۇلاسە: ئىلمىي پاسىقلىق ۋە ئەخلاقىي ۋەيرانچىلىق
يۇقىرىدىكى دەلىللەر بىزگە شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ھەدىس ئىنكارچىلىرى ھەقىقەتنى ئىزدەۋاتقانلار ئەمەس. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ئىسلامنى ياكى ھەدىسلەرنى توغرا چۈشىنىش تېخىمۇ ئەمەس، بەلكى ئالدىنئالا بېكىتىۋالغان پىلان بويىچە ئىسلامنى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇش، ئېتىقادنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتۇر.ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق. ئۇلار قۇرئاندىن دەلىل تاپالمىغاندا ھەدىسلەرنى قورال قىلىدۇ، سەھىھ ھەدىسلەرگە ئىشەنمەيدۇ، ئەمما زەئىف ھەدىسلەرنى پىتنىگە سۇيىئىستىمال قىلىدۇ. ئۇلار «ئىلمىيلىك» دەپ داۋراڭ سالىدۇ، ئەمما ئىلىم-پەننىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىدىنمۇ بىخەۋەر. بۇ، ئۇلارنىڭ ئىلمىي ۋە ئەخلاقىي ۋەيرانچىلىقىنىڭ ئاخىرقى پەللىسىدۇر.
ئۇلار ئاۋامنىڭ ھەدىس ئىلمىدىكى ئىنچىكە ئۇقۇملارنى بىلمەسلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى ئاسانلا ئالداشنى نىشان قىلغان 19-ئەسىردىكى مۇستەشرىقلارنىڭ زەيپانە تەقلىدچىلىرىدۇر. بۇ خىل ئۇقۇم بۇرمىلاش ۋە زەئىف ھەدىسلەرنى قورال قىلىش ئۇسۇلى ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتى ئەمەس. بۇ، 19-ئەسىردىكى يەھۇدىي شەرقشۇناس ئىگناز گولدزىھېر قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئىسلامنى ئىچىدىن پارچىلاش ئۈچۈن ياسالغان كونا نەيرەڭلەردۇر خالاس. بۈگۈنكى ھەدىس ئىنكارچىلىرى بولسا، پەقەتلا مۇستەشرىق پىشىۋالىرىنىڭ ئىلمىي جەھەتتىن ۋەيران بولغان سەپسەتىلىرىنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئىسلام مەدەنىيىتىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان، ئىجارە ئەقىل بىلەنلا ھەرىكەت قىلىدىغان تەقلىدچىلەردىن باشقا نەرسە ئەمەس.
قىسقىسى، ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ «تۆگە سۈيدۈكى» ھەدىسىنى مىسال قىلىپ ئىسلامغا ھۇجۇم قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئىلمىي پاسىقلىقى، قارا نىيەتلىكى ۋە غەربلىك پېشىۋالىرىنىڭ يالغانچىلىقلىرىنى تەكرارلايدىغان «زەيپانە» تەقلىدچىلىكىنىڭ ئەڭ ئوچۇق دەلىلىدۇر. ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى مۇسۇلمانلارنى ئۇلارنىڭ دىنىي مەنبەلىرىدىن ئايرىپ، روھسىز، ئۆلچەمسىز بىر دىنغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ شەيتانىي غەرەزلىرىگە يېتىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
تۆگە سۇيدىكىگە ئالاقىدار 21- ئەسىردىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي ۋە تىببىي تەتقىقاتلارغا دائىر مەنبەلەر:
¹ Christy, George. «Compendium of the strange and curious uses of human urine.» The Pan African Medical Journal 2013;15:135.
² Khorshid, F. A. «Preclinical evaluation of the anticancer agent PM 701 in mice.» International Journal of Pharmacology, 7(1), 58-65. (PM 701 تۆگە سۈيدۈكىدىن ئايرىۋېلىنغان بىر ماددا
³ Al-Harbi, M.M., et al. «In vitro anti-cancer and anti-microbial effects of camel urine.» Journal of Ethnopharmacology, 52(3), 1996, pp. 129-37.
⁴ Alhaider, A. A., et al. «The diuretic effect of camel urine in rats.» American journal of traditional Chinese medicine, 39(02), 2011, pp. 417-425.
⁵ Zafar, Z. I., et al. «Camel’s Urine (CU): A new hope for future researches.» International Journal of Health Sciences, 11(2), 2017, pp. 1-2.
2
ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ ئەقلىي ۋەيرانچىلىقى (7-قىسىم)
مەنىۋىي سۇيىقەست: «گۈزەل ئۈلگە»نى ئۆچۈرۈپ، ئىسلامنىڭ روھىنى بوغۇش
ئالدىنقى ئالتە بۆلۈملۈك، مۇقەددىمىنى قوشقاندا يەتتە بۆلۈملۈك رەددىيە سەپىرىمىزدە، بىز 19-ئەسىردىكى بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەخلەتخانىسىدىن قايتا تىرىلگەن ھەدىس ئىنكارچىلىقى ۋىرۇسىنىڭ تارىخىي يالغانچىلىقىنى، ئەقىدىۋى .ازغۇنلۇقىنى، ئىلمىي جاھالەتلىرىنى ۋە مەنتىقىسىز سەپسەتىلىرىنى بىر-بىرلەپ يەر بىلەن يەكسان قىلدۇق. بىز ئۇلارنىڭ «نەبى-رەسۇل» ئويۇنىنىڭ قانچىلىك ئەخمىقانە ئىكەنلىكىنى، «600 مىڭ ھەدىس» تۆھمىتىنىڭ قانچىلىك جاھىللارچە توقۇلما ئىكەنلىكىنى ۋە «تەۋھىد» نىقابى ئاستىدىكى تەكفىرچىلىك روھىنىڭ نەقەدەر ئىبلىسلارچە ئىكەنلىكىنى ۋە «ئەقىل» نىقابى ئاستىدىكى ناقىس ئەقىللىرىنى ئېچىپ تاشلىدۇق. بۈگۈنكى يەتتىنچى بۆلۈمدە، بىز ئۇلارنىڭ ئەڭ سۇيىقەستلىك، ئەڭ رەزىل، ھىيلىسىگە، يەنى ئىسلامنىڭ روھىغا قىلىنغان «مەنىۋىي سۇيىقەست» ىگە رەددىيە بېرىمىز.
ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمى ھەدىسنىڭ مەلۇم بىر تېكىستىگە ئەمەس، بەلكى پەيغەمبەر سەلللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىسلامدىكى بىر پۈتۈن مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقىغا، ئۇنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن بولغان قىممىتىگە قىلىنغان ھۇجۇمدۇر. ئۇلار «قۇرئان بىزگە يېتەرلىك» دېگەن كونا، يىرتىق ئىنگىلىز بايرىقىنىى كۆتۈرۈش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە پەيغەمبەر سەلللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى بىر «پوچتىكەش» دەرىجىسىگە چۈشۈرۈپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە رەھبەر، ئۈلگە، مۇئەللىم ۋە مېھرىبان ئاتا، دۆلەت رەھبىرى، ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى خەلىپىسى يەنى جەمئىيەت باشقۇرغۇچىسى بولۇشتەك ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنى روھىي جەھەتتىن ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ. بۇ، قۇرئاننى قوغداش ئەمەس، بەلكى قۇرئاننىڭ ئۆزىنى جانلاندۇرىدىغان تىرىك روھىنى، يەنى «تىرىك قۇرئان» بولغان رەسۇلۇللاھ سەلللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى بوغۇشتۇر.
قېنى سوراپ باقايلى قۇرئاننىڭ ئۆزگەرمەس ھۆكمى بولغان «ئۈسۋەتۇن ھەسەنە» (گۈزەل ئۈلگە) قەيەردە؟ قانداق ئىپادىلىنىدۇ؟
بۇ نۇقتىدا ئۆزىنى «قۇرئانچى» دەپ نىقاپلىۋالغان قۇرئانسىزلارنىڭ يۈزىگە ئاللاھنىڭ كالامى ئەڭ قاتتىق شاپىلاقنى ئۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بارلىق سەپسەتىلىرىنى بىتچىت قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «شۈبھىسىزكى، سىلەر ئۈچۈن… ئاللاھنىڭ رەسۇلىدا گۈزەل بىر ئۈلگە باردۇر» (ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 21-ئايىتى) دەيدۇ.
قېنى، ئەي ئۆزلىرىنى «ئەقىل ئىگىلىرى» دەپ جاكارلايدىغان ئەقىل ناقىسلىرى، جاۋاب بېرىڭلار! سىلەر ئەگىشىۋاتقان ئىشغالچى شەرىقشۇناسلاردىن ئىجارە ئالغان روھسىز دىنىڭلاردا بۇ «گۈزەل ئۈلگە» زادى قەيەردە؟ ئۇنىڭ تەپسىلاتى نېمە؟ قۇرئان ئۆزى بىزگە پەيغەمبەرنى ئۈلگە قىلىشنى بۇيرۇۋاتسا، سىلەر شۇ ئۈلگىنىڭ ھاياتلىق خاتىرىسى بولغان ئەمەلىي تەتبىقلىنىشى بولغان سۈننەتنى ئىنكار قىلىپ، كىمگە قارشى ئۇرۇش ئېچىۋاتىسىلەر؟ ئاللاھنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئايىتى ۋە ئەمرىگىمۇ؟
دەرۋەقە، «ئۈلگە» دېگەن سۆز قۇرۇق بىر شوئار ئەمەس. ئۇ ھاياتنىڭ ھەر بىر ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
ئاتا سۈپىتىدە ئۈلگە:
ئۇنىڭ قىزى فاتىمە كەلگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ كۈتۈۋالغانلىقى، نەۋرىلىرى ھەسەن بىلەن ھۈسەيىننى دۈمبىسىگە مىندۈرۈپ ئوينىغانلىقى قەيەردە يېزىلغان؟ قۇرئاندىمۇ ياكى سىلەر ئىنكار قىلىۋاتقان ھەدىستىمۇ؟ سىلەر بۇنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق، مۇسۇلمان ئاتىلارنى مېھرى-شەپقەتنىڭ ئەڭ گۈزەل ئۈلگىسىدىن مەھرۇم قىلماقچىمۇ؟
ئەر سۈپىتىدە ئۈلگە:
ئۇنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى قىلغانلىقى، ئۆي ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، ئۆز كىيىمىنى ئۆزى يامىغانلىقى قەيەردە يېزىلغان؟ سىلەر بۇنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق، ئەرلەرنى ئائىلىدىكى مۇلايىملىق ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئەڭ ئالىي نەمۇنىسىدىن مەھرۇم قىلماقچىمۇ؟
قۇماندان ۋە دۆلەت باشقۇرغۇچى سۈپىتىدە ئۈلگە؛
ئۇنىڭ بەدر ئۇرۇشىدا ئەسىرلەرگە قىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك مۇئامىلىسى، مەككە فەتىھ قىلىنغاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرىنىمۇ «بۈگۈن سىلەرگە ئەيىب يوق، كېتىڭلار، ھەممىڭلار ئەركىن!» دەپ كەچۈرۈۋەتكەنلىكى قەيەردە يېزىلغان؟ سىلەر بۇنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق، رەھبەرلەرنى كەڭ قورساقلىق ۋە ئادالەتنىڭ ئەڭ شانلىق ئۈلگىسىدىن يىراقلاشتۇرماقچىمۇ؟
قازى سۈپىتىدە ئۈلگە:
كاتتا ساھابە ھەزرىتى ئەلى بىلەن بىر يەھۇدىينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر دەۋادا، دەلىل-ئىسپات يەھۇدىينىڭ تەرىپىدە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقىنى ۋە كۈيئوغلىغا قارشى ھۆكۈم چىقارغان ئادالەتنىڭ يۇقىرى پەللىسى قەيەردە يېزىلغان؟ سىلەر بۇنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق، ئىنسانىيەتنى مۇتلەق ئادالەتنىڭ ئەڭ جانلىق مىسالىدىن غاپىل قالدۇرماقچىمۇ؟
بۇ سوئاللارغا ئۇلارنىڭ جاۋابى يوق. چۈنكى ئۇلار «قۇرئان» دەپ ۋارقىراش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە قۇرئاننىڭ ئۆزىنى ئىجرا قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى بولغان «تىرىك مودېل» نى، يەنى پەيغەمبەر سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھاياتىنى يوقىتىدۇ. ئۇلارنىڭ قولىدا پەقەت بىر ئاساسىي قانۇن كىتابى قالىدۇ، ئەمما ئۇ كىتابنى قانداق ئىجرا قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ھاياتلىق يېتەكچىسى يوق قىلىنغان بولىدۇ.
ئەسلىدە ئۇلارنىڭ تەشۋىق قىلماقچى بولغىنى مۇھەببەتسىز، سوغۇق ئاساسىي قانۇن يىغىندىسىدىنلا ئىبارەت رۇھسىز بىر دىندۇر.
ئىسلامنىڭ جەۋھىرى پەقەت بىر يۈرۈش ئاساسىي قانۇنغا ئىتائەت قىلىشلا ئەمەس، بەلكى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتتۇر. ئەسھابى كىراملار پەيغەمبەر سەللەھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى ئۆز جېنىدىن، بالا-چاقىسىدىن، پۈتۈن دۇنيادىن ئارتۇق ياخشى كۆرەتتى. بۇ مۇھەببەت ئۇلارنى پەيغەمبەرنىڭ ھەربىر سۆزىنى قەلبىگە پۈتۈشكە، ھەر بىر ھەرىكىتىگە ئەگىشىشكە، ھەتتا ئۇنىڭ تەبەسسۇمىدىن ھۇزۇرلىنىشقا، قايغۇسىدىن ئازابلىنىشقا ئۈندىگەن ئىدى.
ھەدىس ئىنكارچىلىقى بولسا، دەل مۇشۇ مۇھەببەت رىشتىسىنى ئەجنەبىيلەرنىڭ پاسكىنا قىلىچى بىلەن كېسىپ تاشلاشتۇر. ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى پەيغەمبەر سۆيۈشكە، سېغىنىشقا، ئەگىشىشكە ۋە ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىيدىغان مېھرىبان، روھى ياشناۋاتقان بىر شەخس ئەمەس، بەلكى پەقەت بىر ۋەزىپىنى ئۆتەپ كېتىپ قالغان تارىخىي بىر شەخس، بىر «پوچتىكەش». ئۇلارنىڭ دىنىدا ئاساسى قانۇن بار، تارماق ماددىلىرى ۋە قائىدىلىرى يوق. قانۇن بار، مۇھەببەت يوق، رەھىم-شەپقەتنىڭ جانلىق مىسالى يوق. ئىتائەت بار، ئەمما قەلبتىن ئۇرغۇپ چىقىدىغان ساداقەت يوق.
ئۇلارنىڭ شەرقشۇناشلاردىن ئىجارە ئالغان دىنى – روھى ئېلىۋېتىلگەن بىر جەسەتكە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭدا قۇرئاننىڭ ئاساسىي قانۇنىدىن سۆڭەكلەرنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان، ئۇنىڭغا ھاياتلىق بېغىشلايدىغان مۇھەببەت، شەپقەت، ئۈلگە ۋە ھېسسىياتتىن ئىبارەت گۆش، قان ۋە يۈرەك يوق. بۇ، ئىسلام ئەمەس، بەلكى ئىسلامنىڭ رۇھسىزلاستۇرۇلغان سوغۇق، جانسىز سايىسىدۇر.
(ماقالىمىزنىڭ ئىلگىرىكى بۆلۈملىرىدە بۇ مانقۇرتلارنىڭ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسلەمنى پارچىلاش نەيرىگە قۇرئان ئايەتلىرى بىلەن تېگىشلىك رەددىيە بەرگەن ئىدۇق، ئەمما بۇلار يەنىلا كۆرەڭلەپ ۋاتساپ توپلىرىدا «نەبىگە ئەگىشىشكە بولمايدۇ» دېگەن سەپسىتىلەرنى تارقىتىپ ئاللاھقا بۆھتان چاپلاشتىنمۇ يانماسلىقتەك تەلۋىلىكلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. شۇڭلاشقا بۇ يەردە قىسقىچە يەنە شۇ ھەقتە توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كەلدى)
قۇرئاننىڭ روھىغا ئۇرۇش ئېچىش: «نەبى» ۋە «رەسۇل» دېگەن سۆز ئويۇنى
ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ ئەڭ ئالدامچى سەپسەتىلىرىنىڭ بىرى، ئۇلارنىڭ «نەبى» (پەيغەمبەر) بىلەن «رەسۇل» (ئەلچى) نى سۈنئىي ھالدا بىر-بىرىدىن ئايرىپ، «بىز پەقەت رەسۇلغا ئەگىشىمىز، چۈنكى ئۇ قۇرئاننى يەتكۈزگۈچى. ئەمما نەبىنىڭ شەخسىي ھاياتىغا، يەنى سۈننىتىگە ئەگەشمەيمىز» دېگەن سەپسەتىسىدۇر. ئۇلار بىچارىلەرچە: «قۇرئاندا ‹نەبى›گە ئەگىشىڭلار دېگەن بىرەر ئايەت بارمۇ؟» دەپ نۇمۇس قىلماستىن چۇقان سېلىشىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ جاھالەتكە نەقەدەر چوڭقۇر پاتقانلىقىنىڭ ۋە قۇرئاننىڭ ئۆزىگە قارشى چىقىۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ روشەن ئىسپاتىدۇر.
1 – نەبى بىلەن رەسۇل بىر شەخس، ئايرىلماس بىر پۈتۈنلۈكتۇر. مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەم نەبى، ھەم رەسۇلدۇر. قۇرئاندا ئىي رەسۇل دەپ قىلىنغان خىتاب نەبىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى نەبى بولماي تۇرۇپ رەسۇل بولغىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ «رەسۇل» لۇق سالاھىيىتى بىلەن «نەبى»لىك سالاھىيىتىنى ئايرىش، خۇددى بىر ئادەمنىڭ «ئاتا»لىق رولى بىلەن «ئەر»لىك رولىنى ئايرىپ، «مەن ئۇنىڭ ئاتىلىقىنى قوبۇل قىلىمەن، ئەمما ئەرلىكىنى ئىنكار قىلىمەن» دېگەندەك ئەخمىقانە دەلدۈشلۈكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
2 – قېنى بۇ زىندىقلارنى ئۆزلىرىنىڭ مەنتىقىسى بىلەن سىناپ باقايلى!
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىسمائىل، ئىسھاق، يەئقۇب ۋە ئىدرىس ئەلەيھىسسالاملارنى «نەبى» دەپ ئاتىغان. قېنى سوراپ باقايلى! ئەي قۇرئانسىزلار، ئاللاھ بۇ نەبىلەرنى ئۆز قەۋملىرىگە نېمە ئۈچۈن ئەۋەتكەن؟ ئۇلار ئەگىشىشكە، ئىتائەت قىلىشقا بولمايدىغان بىر ھەيكەل بولسۇن ئۈچۈنمۇ؟ سىلەرنىڭ بۇ چۈپرەندە مەنتىقىڭلار بويىچە، ئاللاھ (ئاللاھ ساقلىسۇن) ئۆز قەۋمىگە يول كۆرسىتەلمەيدىغان، ئۈلگە بولالمايدىغان نەبىلەرنى ئەۋەتىپ، بىھۇدە، مەسخىرىلىك ئىش قىلغانمۇ؟ جاۋاب بېرىڭلار!
«نەبىگە ئەگىشىش يوق» دېگىنىڭلار، ئاللاھقا بۆھتان چاپلاش ھەتتا ئاللاھنى مەسخىرىلىك ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش بولماي نېمە؟
3 – بۇ نۇقتىدا قۇرئاننىڭ ئۆزى ئۇلارنىڭ يۈزىگە ئەڭ قاتتىق شاپىلاقنى ئۇرۇدۇ. ئۇلار «نەبىگە ئەگىشىڭلار دېگەن ئايەت يوق» دەپ جار سالغاندا، ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن تېخىمۇ كۈچلۈك سادا بىلەن قۇرئاندا ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 6-ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: «ٱلنَّبِيُّ أَوۡلَىٰ بِٱلۡمُؤۡمِنِينَ مِنۡ أَنفُسِهِمۡۖ» «(بۇ) نەبى، مۆمىنلەرگە ئۆز جانلىرىدىنمۇ ھەقلىقتۇر (ئۈستۈندۇر)» (33/«ئەھزاب»: 6) دەيدۇ.
ئەي ئەقلى ناقىس مانقۇرتلار! ئۆز جېنىڭلاردىنمۇ ھەقلىق، ئۆزۈڭلاردىنمۇ ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر زاتقا ئەگەشمەي، ئىتائەت قىلماي، كىمگە ئىتائەت قىلماقچى؟ بۇ ئايەتتىكى «النَّبِيُّ» (نەبى) دېگەن سۆزگە كەلگەندە، كۆزۈڭلارنى قايسى ئىسلام دۈشمىنى شەرقشۇناشنىڭ قارىغۇلارچە مۇرىتلىقى كۆر قىلدى؟ بۇ ئايەت «ئەگىشىش»تىنمۇ يۇقىرى دەرىجىدىكى بىر مۇتلەق بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلمايۋاتامدۇ؟
مانا بۇ بىرلا ئايەت ئۇلارنىڭ بارلىق سۆز بۇرمىلاش ئويۇنلىرىنى ۋەيران قىلىشقا يېتەرلىكتۇر.
دېمەك، ئۇلارنىڭ بۇ «نەبى-رەسۇل» ئويۇنى، پەقەتلا قۇرئاندىكى «گۈزەل ئۈلگە» نى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان قىلچىمۇ ئىلمىي ئاساسىي يوق بىر ئالدامچىلىق ۋە ھېلە – نەيرەڭدۇر. چۈنكى «رەسۇل» پەقەت ۋەھيىنى يەتكۈزسە، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ھاجىتى يوق. ئەمما «نەبى» بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ زات ۋەھيىنى ئۆز ھاياتىدا ئەمەلىي ئىجرا قىلىپ كۆرسىتىپ بېرىدىغان «تىرىك ئۈلگە» بولىدۇ. ئۇلار دەل مۇشۇ «تىرىك ئۈلگە» نى يوقىتىش ئۈچۈن، قۇرئاننىڭ سۆزلىرىنى قەستەن بۇرمىلاپ، قۇرئاننىڭ ئۆزى بۇيرۇغان ئەڭ مۇھىم روھقا يەنى، ئاللاھنىڭ رەسۇلى ۋە نەبىسى سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەگىشىش ۋە ئۇنى تۇرمۇشتا ئۈلگە قىلىش روھىغا قارشى ئۇرۇش ئاچماقتا.
ئۇلارنىڭ ئاخىرقى نىشاننى تېخىمۇ رەزىل. ئالدى بىلەن پەيغەمبەرلىك بوشلۇقى يارىتىپ، ئۇ بوشلۇقنى ئۆز نەپسى بىلەن تولدۇرۇش
ئۇلار نېمە ئۈچۈن پەيغەمبەرنىڭ «ئۈلگە» بولۇش رولىغا بۇنچە ئۆچ؟ چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ بۇ رولىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىگە چەكسىز بىر ئەركىنلىك بوشلۇقى يارىتىدۇ. ئەگەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم قۇرئاننىڭ بىردىنبىر چۈشەندۈرگۈچىسى ۋە ئىجرا قىلغۇچىسى بولغان تەقدىردە، ئۇلارغا قىلىدىغانغا ھېچقانداق ئىش قالمايدۇ. شۇڭا ئايەتلەرنى بۇرمىلاپ، ئەسھاب كىراملەرگە شىئە مەنبەلىرىدىن كەچۈرگەن يالغان تۆھمەتلەرنى چاپلاپ، ئېتىبارسىزلاشتۇرۇپ، بىر بوشلۇق ياراتقاندىن كېيىن، ئۇ بوشلۇقنى ئۆزلىرى تولدۇرماقچى بولىدۇ.
چۈنكى ھەربىر ھەدىس ئىنكارچىسى، ئۆزىنى «كىچىك پەيغەمبەر» ئورنىغا قويىۋالىدۇ. ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قۇرئاننى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ چولتا ئەقلى، چەكلىك بىلىمى ۋە كونترولسىز ھاۋايى-ھەۋەسلىرى بويىچە قۇرئانغا خالىغانچە تەبىر بېرىش «ئەركىنلىكى» گە ئېرىشىدۇ. بىرى چىقىپ، «مېنىڭ ئەقلىمچە ناماز ئۈچ ۋاقىت» دېسە، يەنە بىرى چىقىپ، «مېنىڭچە ھىجاب پەرز ئەمەس» دەيدۇ؛ يەنە بىرى، «مېنىڭ چۈشەنچەم بويىچە، چوشقىنىڭ ئىچ-باغرى ھالال» «مېنىڭچە ھاراق ھارام ئەمەس» «ئۇيغۇرلار خىتايلار بىلەن توي قىلسا بولىدۇ» دەپ پەتىۋا بېرىدۇ. بەزى ئىبادەتلەرگە دەلىل تاپالمىغاندا «قۇرئاندا ئۇنداق ئىبادەت يوق» دەپ تەلۋىلەرچە رەت قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ.
بۇ، قۇرئانغا ئەگىشىش ئەمەس، بەلكى قۇرئاننى ئۆز نەپسىگە ئەگەشتۈرۈشتۇر. بۇ، ئاللاھقا بويسۇنۇش ئەمەس، بەلكى ئۆز ھاۋايى-ھەۋەسىنى ئىلاھ قىلىۋېلىشتۇر. ئۇلارنىڭ «گۈزەل ئۈلگە»نى ئىنكار قىلىشى، ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنى ئۈلگە قىلىۋېلىش ئۈچۈن يول ئېچىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ، ئىبلىسنى جەننەتتىن قوغلاتقۇزغان شەيتانىي كىبىرنىڭ ئەڭ زامانىۋى، ئەڭ يالىڭاچ ئىپادىسىدۇر.
«نەپسى خاھىشنى ئىلاھ قىلىۋالغان، ئاللاھ ئازدۇرغان، (ھەقنى) بىلىپ تۇرغان، ئاللاھقۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن ۋە كۆزىنى پەردىلىگەن ئادەمنى ئېيتىپ بەرگىن، ئاللاھ ئازدۇرغاندىن كېيىن، ئۇنى كىممۇ ھىدايەت قىلالىسۇن؟ سىلەر (بۇلاردىن) ۋەز – نەسىھەت ئالمامسىلەر؟» (45/«جاسىيە»: 23)
ھەدىس ئىنكارچىلىقى ھەرگىزمۇ بىرەر ئىلمىي ئاساسقا ئىگە مۇنازىرە ئەمەس. ئۇ ئىسلامنىڭ قەلبىگە سانجىلغان 200 يىللىق زەھەرلىك خەنجەردۇر. ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ جىسمىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قىيامەتكىچە داۋام قىلىدىغان روھىي رولىنى، مەنىۋىي ھاياتىنى ۋە ئۈلگىلىك تەسىرىنى ئۆلتۈرۈشكە بېھۆدە ئۇرۇنۇشتۇر.
بۇ مەنىۋىي سۇيىقەستنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇلار بىزگە روھسىز، مۇھەببەتسىز، ئۈلگىسىز، سوغۇق بىر غەرىي ئىسلامىي دىننى تېڭىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئەمما ئاللاھنىڭ ئۆزى قۇرئاندا جاكارلىغاندەك، ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ ئۈلگە بولۇش رولى قىيامەتكىچە داۋاملىشىدۇ. ھەربىر ھەقىقىي مۇسۇلماننىڭ بۇرچى، بۇ مەنىۋىي سۇيىقەستچىلەرگە قارشى تۇرۇپ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەم قۇرئاننى يەتكۈزگۈچى «رەسۇل»، ھەم بىز ئۈچۈن «گۈزەل ئۈلگە» بولغان «نەبى» ئىكەنلىكىنى ھاياتىمىزنىڭ ھەممىلا ساھەسىدە نامايان قىلىش ۋە ئۇنىڭ سۈننىتىنى مەھكەم تۇتۇشتۇر.
«… پەيغەمبەر سىلەرگە نېمىنى بەرسە، ئۇنى ئېلىڭلار؛ سىلەرنى نېمىدىن چەكلىسە، ئۇنىڭدىن يېنىڭلار…» (59/«ھەشر»: 7)
ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ ئەقلىي ۋەيرانچىلىقى (8-قىسىم)
ئۆزلىرى ئولتۇرغان شاخنى كېسىدىغان ئەخمەق ئىبلىسلار گۇرۇھى
ئالدىنقى يەتتە بۆلۈملۈك رەددىيەمىز داۋامىدا، بىز بۇ زامانىۋى زىندىقلارنىڭ تارىخىي يالغانچىلىقلىرىنى، ئەقىدىۋى بۇرمىلاشلىرى ۋە ئىلمىي جەھەتتە ئىككى پۇڭلىقى يوق قەغەز قورغانلىرىنى بىر-بىرلەپ كۆيدۈرۈپ تاشلىغان ئىدۇق. بۈگۈنكى سەككىزىنچى بۆلۈمدە، بىز ئۇلارنىڭ سىرتقى ھۇجۇملىرىنى قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئىدىيە سىستېمىسىنىڭ مەركىزىگە، يەنى ئۆز-ئۆزىنى يوقىتىدىغان، مەنتىقسىزلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى بولغان ئەجەللىك پارادوكسىغا رەددىيە بېرىمىز. بۇ ئۇلارنىڭ بارلىق ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى بىتچىت قىلىدىغان، ئۇلار ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ئەڭ ئاخىرقى، ئەڭ ئەجەللىك زەربە بولغۇسى ئىنشائاللاھ.
بۈگۈن بىز ئۇلارنىڭ ئەقلىي ۋەيرانچىلىقنىڭ قانداق قىلىپ ئۇلارنى ئۆزلىرى ئولتۇرغان شاخنى كېسىشكە مەجبۇرلايدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ «قۇرئاننى قوغدايمىز» دېگەن شوئارىنىڭ ئەمەلىيەتتە قۇرئاننىڭ ئىشەنچلىكلىك ئاساسىغا قىلىنغان ئەڭ خەتەرلىك، كېسلىتا خراكتېرلىك ھۇجۇم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلايمىز.
ئۇلار ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ئەڭ ئاددىي، ئەمما ئەڭ ئەجەللىك سوئال:
قېنى، ئەي ئۆزلىرىنى «قۇئانچى» دەپ نىقاپلىۋالغان قۇرئان دۈشمەنلىرى! پۈتۈن خەلقىمىز ئالدىدا بۇ سوئالغا ئوچۇق جاۋاب بېرىپ بېقىڭلار:
«سىلەر قولۇڭلاردىكى قۇرئان كەرىمنىڭ 1400 يىل ئىلگىرى نازىل بولغان قۇرئان بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىگە، بىر ھەرپىمۇ ئۆزگەرمىگەنلىكىگە قانداق ئىشىنىسىلەر؟ سىلەرگە بۇنى كىم ساغلام ھالەتتە يەتكۈزدى؟»
بۇ سوئالغا «ئەلۋەتتە، ئۇنى بىزگە تۈنجى ئەۋلات ساھابىلەر، تابىئىنلار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكىلەر ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد، ئۈزۈلمەس زەنجىر ئارقىلىق يەتكۈزگەن» دېيىشتىن باشقا جاۋاب يوق.
ئۇلار بۇ تارىخىي ھەقىقەتنى ئېتىراپ قىلسا، ئەسلىدە ئۆزلىرىنىڭ پىكرىي ئۆلۈم پەرمانى بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدىغان بولغاچقا غەيرىي ئىلمىي ۋە غەيرىي ئەخلاقى ئۇزۇن-ئۇزۇن ئىزاھاتلار بىلەن سۆز بۇرمىلاپ ئويۇن ئويناشقا ئۇرىنىدۇ. ئەگەر بۇ تارىخىي ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى بۇرمىلىماستىن يۇقىرىقى جاۋابنى بەرگىنىدە بۇ ئۇلارنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ قەبرىسىنى قازغانلىقى بولىدۇ. چۈنكى بىز دەرھال ئىككىنچى سوئالنى ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە خەنجەردەك سانجىيمىز:
«ئۇنداقتا، ھەدىسلەرنى بىزگە كىم يەتكۈزدى؟»
جاۋاب يەنە ئوخشاش: «ساھابىلەر، تابىئىنلار ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى ئەۋلادلار…»
قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار، ئەي ئىسلام دۈشمىنى شىەرقشۇناسلارنىڭ ئەقىلسىز مۇرىتلىرى! ساھابىلەر ئاللاھنىڭ كالامىنى (قۇرئاننى) نەقىل قىلغاندا 100% ئىشەنچلىك، راستچىل، تەقۋادار، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى مۇكەممەل بولىدۇ-يۇ، دەل شۇ ساھابىلەر، شۇ نەپەستە، ئوخشاش ئېغىزدا ۋە شۇ مۇھىتتا پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى (ھەدىسنى) نەقىل قىلغاندا بىراقلا يالغانچى، ئۇنتۇغاق، ئىشەنچسىز، ئويدۇرمىچى، ھەتتا ھاكىمىيەتنىڭ يالاقچىسىغا ئايلىنىپ قالامدۇ؟
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ قۇرئان ئايىتىنى رىۋايەت قىلغاندا «ئىشەنچلىك راۋىي»، ئەمما ھەدىس رىۋايەت قىلغاندا «يالغانچى» بولۇپ قالامدۇ؟
ئائىشە ئانىمىز قۇرئانغا ئائىت بىر ھۆكۈمنى بايان قىلغاندا «مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى»، ئەمما پەيغەمبەرنىڭ بىر ئىش-ھەرىكىتىنى بايان قىلغاندا «ئىشەنچسىز گۇۋاھچى» بولۇپ قالامدۇ؟
بۇ قانداق ئەخمىقانە مەنتىق؟ بۇ خۇددى ساھابىلەرنىڭ كاللىسىدا «قۇرئاننى راست سۆزلەش تۈگمىسى بىلەن ھەدىسنى يالغان سۆزلەش تۈگمىسى بار ئىدى» دېگەندەكلا قەبىھ بىر تۆھمەت بولماي نېمە؟
ئەگەر ساھابىلەر ھەدىس نەقىل قىلىشتا ئىشەنچسىز بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار قۇرئاننى نەقىل قىلىشتىمۇ ئىشەنچسىز بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك، قولۇڭلاردىكى قۇرئاننىڭمۇ ئىشەنچلىكلىكىدىن گۇمانلىنىشقا مەجبۇر بولىسىلەر. بۇ يولنىڭ ئاخىرى سىلەرنى غەيرىي مەشرۇ ئاتاڭلار شەرقشۇناس گولدھېزىر كۈتكەندەك ئىسلامنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ!
ئەگەر ساھابىلەر قۇرئاننى نەقىل قىلىشتا ئىشەنچلىك بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار ھەدىسنى نەقىل قىلىشتىمۇ ئىشەنچلىك. چۈنكى ئۇلار ئۈچۈن ھەر ئىككىسى ئاللاھنىڭ دىنى ئىدى، ھەر ئىككىسىدە ئوخشاش مەسئۇلىيەت ۋە تەقۋادارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى.
دەل مانا بۇ نۇقتىدا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ قالقىنى دەپ قارىغان سەپسەتىنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ:
«ياق! قۇرئان بىلەن ھەدىس ئوخشىمايدۇ. چۈنكى قۇرئاننى ئاللاھ ئۆزى قوغدايدۇ. ئاللاھ ھىجر سۈرىسى 9-ئايەتتە: ‹شۈبھىسىزكى، بۇ زىكىرنى (يەنى قۇرئاننى) بىز نازىل قىلدۇق، ھەمدە ئۇنى چوقۇم ئۆزىمىز قوغدايمىز› دېگەن. قۇرئاننىڭ ئۆزىدە ھەدىسنى قوغداش ھەققىدە ۋەدە بېرىلمىگەن. شۇڭا قۇرئان ئىشەنچلىك، ھەدىس ئىشەنچسىز!»
بۇ قارىماققا مەنتىقلىق ئاڭلىنىدىغان جاۋابتەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ئەقلىي ۋەيرانچىلىقىنىڭ ۋە دەلدۈشلىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر پاتقىقىدۇر. ئۇلار بۇ ئايەتنى ئۆزلىرىگە قالقان قىلماقچى بولىدۇ، ئەمما بۇ ئايەت ئۇلارنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان ئەڭ ئاچچىق شاپىلاق بولىدۇ!
بىرىنچى شاپىلاق: ئاللاھ قۇرئاننى قانداق قوغدىدى؟
ئاللاھنىڭ قوغدىشى ھەرگىزمۇ سېھىرلىك، ئەپسۇنلۇق، غايىبانە ئۇسۇلدا بولمىدى. ئاللاھ ئاسماندىن ھەر كۈنى قۇرئاننىڭ يېڭى يازما نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ بەرمىدى. ئەكسىچە، ئاللاھنىڭ قوغدىشى ئىنسانىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشتى. يەنى، ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ تەقۋادار، ئەڭ راستچىل، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ئەڭ كۈچلۈك بىر ئەۋلادنى، يەنى ساھابىلەرنى ياراتتى ۋە تەربىيىلىدى. ئۇلارنىڭ قەلبىگە قۇرئاننى ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆز جېنىنى بېرىشتىن يانمايدىغان چۇڭقۇر مۇھەببەت ۋە ساداقەتنى ئورناتتى. ئۇلارغا ھەر بىر ئۇچۇرنى ئەڭ ئىنچىكە يوللار بىلەن تەكشۈرۈپ، خاتىرىلەپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزىدىغان ئىلمىي مېتودلارنى ۋە ھارماس ئىرادىنى ئىلھام قىلدى.
دېمەك، ساھابىلەرنىڭ ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى ئالىملارنىڭ ئىشەنچلىكلىكى – ئاللاھنىڭ قۇرئاننى قوغداش مېخانىزمىنىڭ دەل ئۆزىدۇر!
سىلەر بۇ مېخانىزمنىڭ ئىشەنچسىزلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ قوغداش ۋەدىسىگە تاپا-تەنە قىلىۋاتقان بولمامسىلەر؟ سىلەر «ئاللاھ قۇرئاننى قوغداش ئۈچۈن بىر توپ يالغانچىنى تاللىغان» دېمەكچىمۇ؟ بۇ ئاللاھنىڭ ھېكمىتىگە قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھاقارەت بولماي نېمە؟!
خەيىر ساھابە كېراملارنى قويۇپ، ئەسلى مەنبەگە قايتايلى!
خەيىر ساھابە كېراملارنى قويۇپ، ئەسلى مەنبەگە قايتايلى!
ئىككىنچى شاپىلاق: «سىلەر قۇرئاننىڭ ئاللاھنىڭ كالامى ئىكەنلىكىنى قەيەردىن بىلدىڭلار؟ بۇنى سىلەرگە كىم ئېيتتى؟»
جاۋاب بىرلا: «مۇھەممەد سەللالاھۇئەلەيھى ۋەسەللەم»
سىلەر مۇھەممەد سەلللاھڭ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ «بۇ ماڭا ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ۋەھىي» دېگەن سۆزىگە ئىشىنىپ، پۈتۈن قۇرئاننى ئاللاھنىڭ كالامى ۋە دىنى دەپ قوبۇل قىلىسىلەر- يۇ، ئەمما شۇ پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ باشقا سۆزلىرى، ھۆكۈملىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى «بۇمۇ دىننىڭ تارماق ماددىلىرى، بۇنىڭغا ئەگىشىڭلار» دېسە، : «ياق، بۇ سۆزۈڭگە ئىشەنمەيمىز، بۇ دىن ئەمەس، شېرىك» دەيسىلەر!
بۇ قانداق شىيزوفىرېنلىك كېسىلى؟ بۇ قانداق ساراڭلىق؟
بۇ ئۈچ سوئال ئالدىدا بۈگۈنگە قەدەر ئەقىل مەنتىققە ئۇيغۇن بىرەر جاۋاب تاپالمىغان بۇ تۆرەلمە ۋىرۇسلار، ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ قالقىنى دەپ قارىغان سەپسەتىنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ:
ئۈچىنچى شاپىلاق: تارىخىي ئىشەنچلىكلىك ۋە ئىلاھىي مەنبە
ئۇلار يەنە: «قۇرئاننىڭ ئۆزىدە ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشكە جەڭ ئېلان قىلىنغان، ھېچكىم قىلالمىغان. بۇ ئۇنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنىڭ ئىسپاتى» دەيدۇ.
بۇمۇ ئايەتنى بۇرمىلاشنىڭ ۋە جاھىللىقنىڭ يەنە بىر تۈرى. قۇرئاننىڭ ئىئجازى (تەڭداشسىزلىقى) ئۇنىڭ ئىلاھىي مەنبەسىنىڭ ئىسپاتىدۇر، ئۇنىڭ بىزگىچە بۇزۇلماي يەتكۈزۈلگەنلىكىنىڭ (perfect transmission) ئىسپاتى ئەمەس. بۇ ئىككىسى ئىككى ئايرىم ئۇقۇم!
بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر مىسالنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەيلى:
بىر ئادىل پادىشاھ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلام) پۈتۈن پۇقرالىرى ئۈچۈن ئىككى مۇھىم ھۆججەت قالدۇردى. بىرى، دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى بولغان «ئالتۇن دەستۇر» (بۇ قۇرئان). بۇ دەستۇر شۇنداق ھېكمەتلىك، شۇنداق مۇكەممەل ئىكەنكى، ئۇنىڭ پادىشاھقا تەۋە ئىكەنلىكىگە ھېچكىم گۇمان قىلالمايدۇ. ئىككىنچىسى، بۇ قانۇننى قانداق ئىجرا قىلىش، ماددىلارنى قانداق چۈشىنىش ۋە تەتبىقلاش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى «رەسمىي شەرھ، تارماق ماددىلار ۋە ئىجرا قىلىش قوللانمىسى» (بۇ سۈننەت). پادىشاھ بۇ ئىككى ھۆججەتنى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ سادىق ۋەزىرىلىرىگە (يەنى ساھابىلەرگە) تاپشۇرۇپ، خەلققە ھېچبىر ئۆزگەرتىشسىز يەتكۈزۈشنى ۋەسىيەت قىلدى.
ھەدىس ئىنكارچىسى زىندىقلارنىڭ، «بىز ‹ئالتۇن دەستۇر› نى قوبۇل قىلىمىز، چۈنكى ئۇنىڭ مۇكەممەللىكى ئۇنىڭ پادىشاھتىن كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەمما ئۇنى ئېلىپ كەلگەن ۋەزىرلەرگە ئىشەنمەيمىز! شۇڭا ‹شەرھ ۋە قوللانما›نى ئىنكار قىلىمىز، ئۇنى ۋەزىرلەر ئۆزى توقۇپ چىققان!» دېگىنىدىنمۇ ئارتۇق مەنتىقىي ۋەيرانچىلىق بولمايدۇ،
قېنى ئېيتىپ بېىقىڭلار! بۇنىڭ قەيىرىدە مەنتىقتىن ئەسەر بار؟ ئەگەر سىلەر ۋەزىرلەرنىڭ ئىككىنچى ھۆججەتنى ئويدۇرۇپ چىققانلىقىدىن گۇمانلانساڭلار، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئاساسىي قانۇن بولغان بىرىنچى ھۆججەتكە بىر-ئىككى سۆز قىستۇرۇپ قويمىغانلىقىغا، ياكى مۇھىم بىر ماددىنى ئۆچۈرۈۋەتمىگەنلىكىگە قايسى ئاساستا ئىشىنەلەيسىلەر؟ قولىڭلاردىكى «ئالتۇن دەستۇر»نىڭ پادىشاھ قالدۇرغان ئەسلى نۇسخا ئىكەنلىكىنىڭ بىردىنبىر كاپالىتى، دەل ئەشۇ سىلەر «ئىشەنچسىز» دەۋاتقان ۋەزىرلەرنىڭ ساداقىتى ئەمەسمۇ؟
بۇ زىندىقلارنىڭ مەنتىق جەھەتتىكى ئىپلاسلىقى بۇ مىسال بىلەنلا تۈگىمەيدۇ. كېلىڭلار، ئۇلارنىڭ دەل قەلبىگە سانجىلىدىغان يەنە بىر مىسالنى كۆرۈپ باقايلى:
بىر ئىنتايىن ماھارەتلىك، تىبابەتچى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارغا ھاياتلىق رېتسېپى يېزىپ بەردى (بۇ قۇرئان). ئەمما دورىلار ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇ بىمارغا ئاغزاكى ھالدا: «قىزىل دورىنى چوقۇم تاماق بىلەن يە، كۆك دورىنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىچ، سېرىق دورىنى ھەرگىز بىللە ئىچمە، بۇنى سۇ بىلەن، بۇنى سۈت بىلەن ئىچ» دەپ تەپسىلىي كۆرسەتمە بەردى (بۇ سۈننەت). ھازىرقى ھەدىس ئىنكارچىلىرى شۇ بىمارغا ئوخشايدۇ. ئۇلار رېتسېپنى قولىغا ئېلىپ: «بۇ رېتسېپ ئىنتايىن ئىلمىي يېزىلىپتۇ، بۇ ھەقىقىي تەبابەت ئۇستىسىنىڭ رېتسىپى. ئەمما ئۇنىڭ ئاغزاكى كۆرسەتمىلىرىگە ئىشەنمەيمىز، ئۇلار توقۇلما بولۇشى مۇمكىن!» دەپ، دورىلارنى خالىغانچە ئىچىشكە باشلايدۇ. نەتىجىدە، ھاياتلىق رېتسېپى ئۇلار ئۈچۈن ئەجەللىك زەھەرگە ئايلىنىدۇ!
قۇرئانمۇ دەل شۇنداق ئىلاھىي شىپالىق رېتسېپ. بۇ رېتسېپنى قانداق، قاچان، قانچىلىك مىقداردا ئىشلىتىشنى ئۆگەتكەن پەيغەمبەرنىڭ كۆرسەتمىلىرى (سۈننەت) بولمىغان بولسا، بۇ ئىلاھىي شىپا ئەمەس، بەلكى ھەدىس ئىنكارچىسى زىندىقلارغا زەھەر بولغاندەك ئەجەللىك زەھەرگە ئايلىنىپ قالمامدۇ؟ بۇ زىندىقلارنىڭ پۈتۈن مەنتىقىسى مۇشۇ پاتقاققا كېلىپ تاقىلىدۇ:
• ئەگەر ئۇلار ساھابىلەرنى «ئىشەنچسىز» دېسە، ئۇنداقتا ئۇلار قولىدىكى قۇرئاننىڭ ئىشەنچلىكلىك ئاساسىنىمۇ يوققا چىقارغان بولىدۇ.
• ئەگەر ئۇلار ساھابىلەرنى «ئىشەنچلىك» دېسە، ئۇنداقتا ئۇلار ھەدىسلەرنىمۇ قوبۇل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
تۆتىنچى ئەڭ ئەجەللىك شاپىلاق: ئۇلارنىڭ ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان «مۇتەۋاتىر» سەپسەتىسى
ئۇلار يەنە سۆز يورغىلىتىپ، ئەڭ ئاخىرقى قېچىش يولى سۈپىتىدە، ئۆزلىرىمۇ چۈشەنمەيدىغان ھەدىسشۇناسلىق ساھەسىدىن بىر ئىلمىي ئاتالغۇنى ئوغرىلاپ: «قۇرئان مۇتەۋاتىر (قەتئىي)، ئەمما ھەدىسلەر مۇتەۋاتىر (قەتئىي ئەمەس)» دەپ ئۆزىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ جاھالەت بىلەن ھىيلىگەرلىكنى بىرلەشتۈرگەن ئەڭ رەزىل سەپسەتىسىدۇر!
بىرىنچىدىن، بۇ سۆزنىڭ ئۆزىلا ئۇلارنىڭ پۈتۈن دەۋاسىنى يوققا چىقىرىدۇ. چۈنكى ناماز، روزا، ھەج، زاكات قاتارلىق ئىبادەتلەرنىڭ شەكىللىرى ۋە ئىسلامنىڭ نۇرغۇن ئاساسلىق پرىنسىپلىرى ئەمەلىي مۇتەۋاتىر (ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئۈممەتنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق) يەتكۈزۈلگەن سۈننەتتۇر. سىلەر بۇنىمۇ ئىنكار قىلامسىلەر؟ ئەڭ مۇھىم ئىبادەتلەر قانداق يەتكۈزۈلدى؟ نامازنىڭ رەكئەتلىرى، زاكاتنىڭ نىسبىتى، روزىنى بۇزىدىغان ئىشلار، ھەجدىكى ئەمەللەر… بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى قۇرئاندا تەپسىلىي بايان قىلىنمىغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە ئەمەلىي مۇتەۋاتىر (التواتر العملي)، يەنى پۈتۈن ئۈممەتنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئۈزۈلدۈرمەي ئەمەل قىلىپ كېلىشى ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن سۈننەتلەردۇر. بۇ ئەمەلىي مۇتەۋاتىردىنمۇ ئارتۇق قەتئىي دەلىل بارمۇ؟ بۇنىڭغا مەنتىقلىق جاۋاب تاپالمىغاندا ئەنگىلىيەدىكى كېرەم پىتقا ئوخشاش بۇنىمۇ ئىنكار قىلىپ، نامازدىن، زاكاتتىن، روزىدىن ۋاز كېچەمسىلەر؟
قۇائاننىڭ بەشىنچى شاپىلىقى:
ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىىرقى سىغىنىداىغان پاناھگاھى بولسا، «قۇرئان ئوچۇق، ھەم ئاسان. ھەدىسكە ھاجەت يوق» دېگەن مەككارلارچە ئىنگىلىز ئىسلام دۈشمەنلىرىدىن كەچۈرۈپ ئالغان ئىجارە قارىشىدۇر.
ئۇلارنىڭ «قۇرئان ئاسانلاشتۇرۇلغان، تەپسىلىي ۋە ئوچۇق» دېگەن قارىشىنىڭ ھەم توغرا، ھەم خاتا تەرىپى بار.
توغرا تەرىپى:
مەككە دەۋرىدىكى ئايەتلەردە ئاساسلىقى ئىمان ئاساسلىرى (تەۋھىد، پەيغەمبەرلىك، ئاخىرەت) مەركەز قىلىنغاچقا، ئۇلار ھەقىقەتەن ئوچۇق چبشىنىشلىك ۋە ئاددىي ئىدى.
خاتا تەرىپى:
مەدىنە دەۋرىدە نازىل بولغان «ئەھكام ئايەتلىرى» ئىجتىمائىي ھاياتنى رەتكە سالىدىغان ھۆكۈملەرنى (ئىقتىساد، سىياسەت، ئائىلە قانۇنى) ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولغاچقا بۇ ئايەتلەر تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلاتتى، بۇ دەل سۈننەتنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.
ئاللاھ تائالا ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 7-ئايىتىدە قۇرئان ئايەتلىرىنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىيدۇ. بۇ گۇرۇپپىلاردىن بىرى مۇھكەم (ئاساس، ئېنىق)، يەنە بىرى مۇتەشابىھ (مۈجمەل، كۆپ مەنىلىك) دۇر. ئاللاھ بۇ ئايەتتە: «قەلبىدە ئەگرىلىك (قىڭغىرلىق)، كېسەللىك بارلار پىتنە چىقىرىش ئۈچۈن مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ تەۋىلىگە ئەگىشىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ مۇتەشابىھلارنىڭ تەۋىلىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ» دەيدۇ.
كىتابىي تېكىستنىڭ بىرىنچى قىرائىتى بويىچە، مۇتەشابىھلارنىڭ تەۋىلىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. دېيىلگەن بولسا، ئىككىنچى قىرائىتى بويىچە، ئاللاھ بىلەن بىرگە «ئىلىمدە رۇسۇخ ئىگىسى بولغانلار (چوڭقۇر چۈشىنىش ئىگىلىرى، زۆرۈر ئاساسقا ئىگە، ئىلىمدە رۇسۇخ سەۋىيىسىگە يەتكەن ئالىملار) بىلىدۇ» دېيىلىدۇ.
شۇڭا، قۇرئاننىڭ ئۆزى بەزى ئايەتلەرنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىلىمدە چوڭقۇرلاشقانلارغا (يەنى پەيغەمبەر ۋە ئالىملارغا) ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
«قۇرئان ئاساندۇر، باشقا نەرسىگە ھاجەت يوق» دېمەك، قۇرئاننىڭ مەزكۇر ئايەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى ئىنكار قىلىش دېگەنلىكتۇر.
ئۇسۇلۇددىن ئالىملىرى بۇ ئايەتلەرنى ئىنتايىن ئىنچىكە ئىلىمىي تەتقىق قىلىپ، قايسى ئايەتنىڭ قانچىلىك ئوچۇق ياكى يېپىق ئىكەنلىكىنى سەككىز ئاساسىي تۈرگە ئايرىغان. يەنى مۇھكەم ئايەتلەرنى تۆت تۈرگە (زاھىر، نەسى، مۇفەسسەر ۋە ئالاھىدە-تار مەنىدىكى مۇھكەم)، مۇتەشابىھ ئايەتلەرنىمۇ تۆت تۈرگە (خەفىي، مۇجمەل، مۇشكىل ۋە ئالاھىدە-تار مەنىدىكى مۇتەشابىھ) ئايرىغان.
دېمەك، قۇرئاننىڭ ھەر ئايىتى ئوچۇقلۇق ۋە چۈشىنىشلىكلىك جەھەتتە ئوخشاش ئەمەس، بىزنىڭ ئالدىمىزدا چۈشىنىشلىكلىك دەرىجىسى ئوخشىمىغان سەككىز خىل ئايەت تۈرى بار.
بۇلارنى تولۇق بىىش ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزنىڭ چۈشەندۈرىشىگە ئېھتىياجىمىز بار. بىز ئۆز بېشىمىزغا خالىغانچە تەۋىل قىلالمايمىز. ھەزرىتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدەك بىر پىقھە ۋە چۇڭقۇر ئىلىم ساھىبى بىر زات: «مەن بەقەرە سۈرىسىنى ئون يىلدا ئۆگەندىم» دەيدۇ. ئۇ بەقەرە سۈرىسىنى ئۆگىنىپ بولغاندا، بۇنىڭ شەرىپىگە بىر زىياپەت بېرىپ، ساھابىلەرنى ۋە پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەملەمنى تەكلىپ قىلىپ، بۇنى قۇتلۇقلايدۇ. ھەزرىتى ئۆمەر بەقەرە سۈرىسىنى ئون يىلدا ئۆگەنگەن ئىكەن، بىز قولىمىزغا بىر قۇرئان تەرجىمىسىنى كۆتۈرىۋېلىپ، قۇرئاننى بىر نەچچە ئايدا ئۆگىنىپ بولۇپ، ئاندىن قۇرئان نامىدىن سۆزلەشكە ئۆزىمىزنى پەيغەمبەرنىڭ ئورنىغا قويىۋېلىشقا ھەتتا بەزىدە ئاللاھ نامىدىن سۆزلەشكە باشلامدۇق؟
ئۇلارنىڭ «قۇرئاننى ئاللاھ قوغدايدۇ» دېگەن ئاخىرقى قېچىش يولى بولسا، ئۇلارنىڭ ئۆز قەبرىسىگە ئايلىنىدۇ. چۈنكى ئاللاھنىڭ قوغدىشى دەل ئەنە شۇ ئۇلار «يالغانچى» دەپ تۆھمەت قىلىۋاتقان ئىشەنچلىك ئەۋلادلار ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان.
بۇ پىتنىنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى: ئىلمىي ئەمەس، ئىدېئولوگىيەلىك توقۇنۇش
«ھەدىس بىزگە كېرەك ئەمەس» دېگەن بۇ ئەقلىي بىنورماللىق ھادىسىسىنىڭ ھەم مېتودولوگىيەلىك، ھەم ئوچۇق ئېيتىلمىغان باشقا سەۋەبلىرى بارلىقىنى بىز بۇ كۆپ قىسىملىق ماقالىمىزنىڭ مۇقەددىمىسىدە تارخىي ئارقا كۆرۈنىشى بىلەن بىرگە تەپسىلى چۈشەندۈرگەن ئىدۇق. بۈگۈنكى ھەدىس ئىنكارچىلىقىنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئىلمىي ياكى ئەقلىي ئەمەس، بەلكى غەرب قىممەت قاراشلىرىنى ئىسلام دۇنياسىغا ھاكىم قىلىشىغا ئىسلامنىڭ بەزى ھۆكۈملىرىنىڭ توسالغۇ بولۇشى ۋە بۇلارنى يوقۇتۇش بىلەن بىرگە ئىسلامنى غەرپ قىممەت قاراشلىرىغا ئەگەشتۈرۈشتەك ئىشغالىيەتچى ئىمپېيالىست رەزىل مەقسەتلىرىدۇر.
ھەدىس ئىنكارچىلىقىنىڭ ئىجادكارلىرى بولغان يەھۇدىي شەرقشۇناسلار قۇرئانغا بىۋاسىتە ھۇجۇم قىلالمىغاچقا، «قۇرئاندا قوغداش ۋەدىسى يوق» دەپ قاراشقان ھەدىسلەرنى ئالدى بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا بولىدىغان «يۇمشاق نىشان» دەپ بەلگىلىگەن. ئاندىن ئىسلام تارىخىدىكى خاۋارىچلاردىن باتىنىيلار ۋە شىئەلەرگىچە بولغان بارلىق تالاش – تارتىشلىق پىرقىلەرنىڭ باتىل قاراشلىرىنى تاللاپ، بىر بىرىگە يۇغۇرۇپ، ھەدىس ئىنكارچىلىق ئېقىمىنى تارىختا تۈنجى قېتىم 19 – ئەسىردە ئىنگىلىز ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ھىندىستاندا ئوتتۇرىغا چىقارغان. مەقسەت ئازادلىق چەڭچىلىرى بولغان مۇجاھىدلارنى ئۆزئارا زىددىيەتكە سېلىپ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇش شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىسلامىي ھۆكۈملەرنى يوقۇتۇپ، ئىسلامنى ئۆزگەرتىش ۋە ببېراتانىيەنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا بويسۇندۇرۇش ئىدى.
قىسقىسى ھەدىس ئىنكارچىلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى ھەقىقىي سەۋەب ھەدىسلەرنىڭ ئەقىلگە ياكى قۇرئانغا زىتلىقى ئەمەس، بەلكى غەرپ قىممەت قاراشلىرىغا زىتلىقى ئىدى.
ھەقىقەت شۇكى، بۇ «قۇرئانچى» نىقابى ئاستىدىكى قۇرئان دۈشمەنلىرى ئەسلىدە قۇرئاننىڭ قوغدىغۇچىلىرى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەڭ خەتەرلىك يەڭ ئىچىدىكى يىلانلىرىدۇر. ئۇلار قۇرئاننى ھىمايە قىلىش نىقابى ئاستىدا، قۇرئاننى بىزگە يەتكۈزگەن پۈتكۈل تارىخىي زەنجىرلەرنى، يەنى ئىسلامنىڭ ئىشەنچلىكلىك ئاساسىنى زەھەرلەشكە ئۇرۇنىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشى، ئۆزلىرى ئولتۇرغان شاخنى كېسىۋاتقان ئەخمەقلەرنىڭ قىلمىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
«قۇرئان بىزگە يېتەر» دېگەن قاراش، ئەمەلىيەتتە قۇرئاننىڭ ئۆزىدىكى بۇيرۇقلارغا، پەيغەمبەرلىكنىڭ ماھىيىتىگە ۋە ئىسلامنىڭ تارىخىي رېئاللىقىغا زىت كېلىدىغان، ئاساسسىز ۋە ئىسلام دۈشمەنلىرىدىن كۆچۈرۈلگەن سۇيىقەستلىك ئىجارە سەپسەتىلەردۇر. ئىسلام دىنى قۇرئان ۋە سۈننەتتىن ئىبارەت ئىككى ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر پۈتۈنلۈكتۇر.
ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ ئەقلىي ۋەيرانچىلىقى (9 – قىسىم)
چوڭ ئالدامچىلىقنىڭ يىرتىلغان پەردىسى
توققۇز بۆلۈملۈك ئۇزۇن داۋاملاشقان پىكىر جەڭگاھىمىزدا، بىز تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىدىن قايتا تىرىلگەن بۇ زامانىۋى زىندىقلارنىڭ قەغەزدىن ياسالغان قورغانلىرىنى، يالغانچىلىق، جاھالەت ۋە مەنتىقىسىزلىكتىن ئىبارەت ھىيلە-نەيرەڭلىرىنى بىر-بىرلەپ كۆيدۈرۈپ تاشلىدۇق. بىز ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنى پارچىلاش ھىيلىسىدىن تارتىپ، ئالىملارغا چاپلىغان تۆھمەتلىرىگىچە، «قۇرئاننى قوغداش» نىقابى ئاستىدا قۇرئاننىڭ ئۇلىنى قانداق ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىغىچە بولغان پۈتۈن ئەپتى بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىدۇق.
بۈگۈنكى تۆققۇزىنچى بۆلۈمىدە، ئۇلارنىڭ بارلىق نەيررەڭۋازلىقلىرىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان ئەڭ قاراڭغۇ، ئەڭ رەزىل نىشانىنى، يەنى ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنىڭ ئىسلامنى «ئەسلىگە قايتۇرۇش» ياكى «ساپلاشتۇرۇش» ئەمەس، بەلكى ئۇنى پۈتۈنلەي يوقىتىش، ۋەيران قىلىش ۋە ئەنارخىزم (قالايمىقانچىلىق) پاتقىقىغا پاتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايمىز. ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقىنى بىر بىنانىڭ چاڭ-توزانلىرىنى تازىلاش ئەمەس، بەلكى بىنانىڭ ئۇل تېشىنى دىنامىت بىلەن پارتلىتىشتۇر. ئۇلارنىڭ شوئارى ئىسلاھات، ئەمما قىلمىشى ۋەيرانچىلىقتۇر.
1. پوچتىكەشلىك بىلەن ۋەكىللىك ئارىسىدىكى جاھالەت پاتقىقى
بۇ زىندىقلارنىڭ بارلىق ئازغۇنلۇقلىرىنىڭ ئانىسى، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئىدىيە بىناسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدىغان ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ قاراڭغۇ جاھالەت پاتقىقى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلىك ئۇقۇمىغا قىلغان ئەڭ رەزىل خىيانىتىدۇر. ئۇلارنىڭ بارلىق خاتالىقلىرىنىڭ يىلتىزى بىرلا سوئالغا كېلىپ تاقىلىدۇ: مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم كىم؟ ئۇ بىر ئىلاھىي خەتنى ئېلىپ كېلىپلا غايىب بولىدىغان روھسىز بىر «پوچتىكەشمۇ» ياكى ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى ئەڭ ئالىي ۋەكىلى، خەلىپىسى، قانۇن چىقارغۇچىسى ۋە ھۆكۈمرانىمۇ؟
بۇ سوئالنىڭ قانچىلىك ئەجەللىك ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، تارىخ سەھنىسىگە قايتايلى. ھىندىستاندىكى مۇستەملىكىچى ئەنگىلىيەنىڭ چوماقچىلىرى بولغان ھەدىس ئىنكارچىلىرى، ئىسلام ئۆلىمالىرىنىڭ دەلىللىك شاپىلاقلىرى بىلەن تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا كۆمۈلۈپ ئون يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ پاكىستاندىكى قالدۇق ۋىرۇسى غۇلام ئەھمەد پەرۋىز (ھ. 1321 – 1405 / م. 1903– 1985) قايتىدىن باش كۆتۈردى. ئۇنىڭ مەقسىتى يېڭى قۇرۇلغان پاكىستان دۆلىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدىن «قۇرئان ۋە سۈننەت» نى چىقىرىپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ كونا خوجايىنلىرى بولغان ئەنگىلىيەنىڭ قانۇنلىرىنى دەسسىتىشتىن ئىبارەت ئىدى. غولام پەرۋىز: «سۈننەت ئاساسىي قانۇن بولالمايدۇ، پەيغەمبەرنىڭ ھەدىسلىرى دىن ئەمەس، دىن پەقەت قۇرئاندىنلا ئىبارەت!» دەپ پىتنە ئوتىنى يېقىشقا باشلىغاندا، شۇ دەۋرنىڭ بۈيۈك ئىسلام مۇتەپەككۈرى ئەبۇل ئەئلا مەۋدۇدىي رەھىمەھۇللاھ مەيدانغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ بارلىق سەپسەتىلىرىنى بىرلا جۈملە سۆز بىلەن مات قىلغان ئىدى.
«پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشىنىپ، قۇرئاننى ئاللاھنىڭ كالامى دەپ قوبۇل قىلغان تۇرۇقلۇق، دەل شۇ پەيغەمبەرنىڭ ئەمەلىنى، ئىش – ئىزلىرىنى ۋە ھەدىسلىرىنى دىن دەپ قوبۇل قىلىشتىن نېمىشقا ئىككىلىنىسىلەر؟»
بۇ سوئال، ئاددىي بىر سوئال ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئىدىيە سىستېمىسىنىڭ يۈرىكىگە سانجىلغان پولات خەنجەردۇر.
ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى پەيغەمبەر، ئىنتايىن مەسخىرىلىك دەرىجىدە ئاددىيلاشتۇرۇلغان بىر «پوچتىكەش» تۇر. بۇ پەقەت پەيغەمبەرگە قىلىنغان ھاقارەت ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ ھېكمىتىگە قىلىنغان ئەڭ چوڭ مەسخىرىدۇر. قايسى ئەقىللىق پادىشاھ ئۆز پۇقرالىرىغا بىر يۈرۈش مۇرەككەپ قانۇنلارنى ئەۋەتىپ، ئۇ قانۇننى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىغان، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر مۇئەللىم، بىر سوتچى، بىر ئىجراچىنى قوشۇپ ئەۋەتمەيدۇ؟
ھەقىقەت شۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئاللاھنىڭ ۋەكىلى (خەلىپىسى) دۇر. ئۇ ئاللاھنىڭ ھۆكۈملىرىنى يەر يۈزىدە ئىجرا قىلىشقا، ئادالەت ئورنىتىشقا، دۆلەت قۇرۇشقا بۇيرۇلغان. قۇرئان ئۇنىڭغا «ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇش، يامان ئىشلارنى چەكلەش، پاكىز نەرسىلەرنى ھالال قىلىش، پاسكىنا نەرسىلەرنى ھارام قىلىش» (ئەئراف سۈرىسى، 157-ئايەتكە قارالسۇن) ھوقۇقىنى بەرگەن. ئۇنىڭ ھۆكمىگە مۇتلەق بويسۇنۇشنى ئىماننىڭ شەرتى قىلغان (نىسا سۈرىسى، 65-ئايەتكە قارلسۇن).
ئەجىبا پوچتىكەشنىڭ ھۆكمىگە بويسۇنۇش ئىماننىڭ شەرتى بولامدۇ؟ بۇ زىندىقلار ئاللاھنىڭ بۇ ئايەتلىرىنى كۆرمەيدۇ ياكى كۆرسىمۇ قەلبى كور بولغانلىقى ئۈچۈن كۆرمەسكە سالىدۇ.
بۇ قەلبى كور زىندىقلارنىڭ پۈتۈن جاھالىتى پەيغەمبەرلىك ئۇقۇمىنى چۈشەنمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئەڭ ئۆتكۈر، ئەڭ قىسقا جاۋاب قۇرئاننىڭ ئۆزىدە! ئاللاھ تائالا نەھل سۈرىسىنىڭ 44-ئايىتىدە ئۇلارنىڭ يۈزىگە پولاتتەك بىر ھەقىقەتنى ئۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «…بىز ساڭا زىكىرنى (قۇرئاننى) ئىنسانلارغا ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغاننى بايان قىلىپ بېرىشىڭ ئۈچۈن نازىل قىلدۇق…»
ئايەت پەيغەمبەرنىڭ ۋەزىپىسىنى پەقەت يەتكۈزۈش (تەبلىغ) دەپلا توختاپ قالمىدى، بەلكى ئۇنىڭغا «بايان قىلىش»، يەنى چۈشەندۈرۈش، شەرھلەش، تەپسىلىي ئىزاھلاش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ بېرىش ۋەزىپىسىنى يۈكلىدى. «پوچتىكەش» خەتنى يەتكۈزىدۇ، ئەمما ئۇنى ئېچىپ، شەرھلەپ ئولتۇرمايدۇ. ئاللاھنىڭ ئەلچىسى بولسا، قۇرئاننى شەرھلەشكە، يەنى «بايان» قىلىشقا بۇيرۇلغان! بۇ «بايان» ۋەزىپىسى دەل سۈننەتنىڭ ئۆزىدۇر! ئۇلار سۈننەتنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە ئاللاھنىڭ بۇ ئېنىق ئايىتىنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ. بۇ، قۇرئاننى قوغداش نىقابى ئاستىدىكى قۇرئانغا قىلىنغان ئەڭ رەزىل خىيانەت ئەمەسمۇ؟
ئۇلارنىڭ پۈتۈن مەنتىقىسى مۇشۇ يەردە گۈمران بولىدۇ. بىر ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشىنىپ، پۈتۈن بىر كىتابنى ئىلاھىي ۋەھىي دەپ قوبۇل قىلىپ، ئەمما دەل شۇ ئادەمنىڭ شۇ كىتابنى قانداق چۈشىنىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى سۆزلىرىنى «دىن ئەمەس» دەپ چۆرۈپ تاشلاش، ئەقلىي جەھەتتە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش بولماي نېمە؟
ئەقىدىنىڭ يىمىرىلىشى: ئاخىرقى پەيغەمبەرنىمۇ قوغدىيالمايدىغان «قۇرئانچىلىق»
ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ ئەقلىي ۋەيرانچىلىقىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ پاتقىقى قەيەردە دەپ سورىسىڭىز، جاۋابى ئېنىق: ئۇلارنىڭ بۇ ئازغۇن ئىدىيەسى ئىسلام شەرىئىتىنىلا ئەمەس، بەلكى ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم قورغىنى بولغان «خەتمەننەبىييىن» (پەيغەمبەرلىكنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى) ئەقىدىسىنىمۇ قوغداشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل سىستېمىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە قانچىلىك ئىچى بوش ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ ئېنىق ئىسپاتىدۇر.
بىز ئۇلاردىن «مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئاخىرقى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە قۇرئاندىن قەتئىي، مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان دەلىل كەلتۈرۈڭلار» دەپ سورىساق، ئۇلار دەرھال ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 40-ئايىتىنى ئوقۇيدۇ: «…ئۇ (مۇھەممەد) ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرقىسىدۇر (خاتەمەننەبىييىن).» ئۇلار بۇنى ئوقۇپ، مەسىلە ھەل بولدى دەپ ئويلايدۇ.
ئەمما دەل مۇشۇ يەردە ئۇلارنىڭ ئەجەللىك توزىقى باشلىنىدۇ. ھىندىستاندا ئىنگلىز مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن يېتىشتۈرۈلگەن قادىيانىيلار (ئەھمەدىيلەر) مەيدانغا چىقىپ، ئۇلارغا مۇنداق دەيدۇ:
«بىز بۇ ئايەتكە سىلەردەك مەنا بەرمەيمىز. ئايەتتىكى <خاتەم> دېگەن سۆزنىڭ ئەرەب تىلىدا بىر قانچە مەنىسى بار:
1. تامغا (مۆھۈر): تامغا بىر نەرسىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ توغرىلىقىنى تەستىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىدىن بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنى تەستىقلىغۇچى، ئۇلارنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە مۆھۈر باسقۇچىدۇر.
2. زىننەت (ئۈزۈك): <خاتەم› زىننەت دېگەن مەنىنىمۇ بېرىدۇ. دېمەك، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پەيغەمبەرلەرنىڭ زىننىتى، تاجىدۇر.
ئەگەر ئاللاھ ‹ئەڭ ئاخىرقى› دېمەكچى بولسا، ھېچقانداق تالاش-تارتىشقا يول قويمايدىغان <ئاخىرۇننەبىييىن> (ئاخىرقى پەيغەمبەر) دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەن بولاتتى. شۇڭا، بۇ ئايەت يېڭى پەيغەمبەرنىڭ كېلىشىگە چەكلىمە بولالمايدۇ. دەيدۇ.
مانا بۇ، ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ ئۆزلىرى كولىغان ئورەكتۇر. سۈننەتنى تاشلىغاندا، ئۇلارنىڭ قولىدا قادىيانىيلارنىڭ بۇ لۈغەت مەنىسىدىن ئىجاد قىلغان ھىيلىسىگە قارشى تۇرىدىغان ھېچقانداق قورال قالمايدۇ. ئۇلار پەقەت ئايەتنىڭ تىل ۋە لۈغەت مەنىسى جەھەتتىكى ئېھتىماللىقلار ئىچىدە تېڭىرقاپ قالىدۇ. چۈنكى «پەقەت قۇرئان» دېيىش ئۇلارنى بۇ پاتقاققا يالغۇز تاشلاپ قويىدۇ. ھەتتا بۇلارنى ھەدىس ئىنكارچىلىقىدىن قادىيانىلىققا، پەيغەمبەرلىك ئېلان قىلىشقا، ئاخىرىدا دائىزىم ۋە ئاتېئىستلىققا كۆتۈرىشى تۇرغانلا گەپ. چۈنكى ئامېرىكادا ھەدىس ئىنكارچىلىقىدىن بىۋاستە پەيغەمبەرلىك ئېلان قىلىشقا ئۆتكەن رەشاد خەلىپەگە ئوخشاش تۈركىيەدىمۇ ئىسكەندەر ئەۋرەنسەلئوغلۇ خۇددىي بىزنىڭ ئۇيغۇر زىندىقلىرىمىزدەك قۇرئاننى ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە شەرھىلەپ، مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلىپ، «قۇرئاندا <خەتمەننەبىييىن> دەپ بار، ئامما <«خەتمەنرەسۇل> دەپ يوق» دېمەك، رەسۇللۇق ئاخىرىلاشمىدى مەن دۇنياغا رەسۇل ۋە مەھدى بولۇپ كەلدىم» دەپ پەيغەمبەرلىك دەۋاسى قىلغان ئىدى.
ئەمما ئەھلى سۈننەت ئۈچۈن بۇ مەسىلە ئەمەس. چۈنكى بىزنىڭ قولىمىزدا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھېچقانداق شۈبھىگە ئورۇن قالدۇرمايدىغان ئوچۇق ھەدىسلىرى بار:
«ھەقىقەتەن مېنىڭ ۋە مەندىن ئىلگىرىكى ئەنبىيائلەرنىڭ مىسالى شۇكى: بىر ئادەم بىر ئۆي ياساپ ئۇنى چىرايلىق ۋە كۆركەم پۈتتۈرۈپ، بىر بۇرجىكىدە بىر تال خام خىشلىق ئورۇننىلا بوش قالدۇرغان، كىشىلەر ئۇنى ئايلىنىپ ئۇنىڭدىن ئەجەبلىنىپ: ‹مۇشۇ بىر تال خام خىش قويۇۋېتىلگەن بولسىچۇ› دەپ قېلىشقىلى تۇرغان، مەن ئاشۇ بىر تال خام خىشمەن. مەن ئەنبىيائلەرنىڭ تۈگەنچىسىدۇرمەن». (بۇخارىي 3535، مۇسلىم 2286)، «مەندىن كېيىن نەبىي كەلمەيدۇ» (بۇخارىي 3455، مۇسلىم 1842).
بۇ ھەدىسلەر «خاتەم» سۆزىنىڭ بارلىق كۆپ مەنىلىكلىكىنى يوقىتىپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى «ئەڭ ئاخىرقى، ئۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم كەلمەيدىغان» دەپ پولاتتەك ئۆزگەرمەس ھۆكۈم ھالىغا كەلتۈرىدۇ. سۈننەت، قادىيانىيلار ۋە ئۇلارغا ئوخشاش بارلىق زىندىقلار ئاچماقچى بولغان پىتنە ئىشىكىنى مەھكەم تاقايدۇ.
دېمەك، سۈننەتنى ئىنكار قىلىش – پەقەت نامازنىڭ رەكئەت سانىنى يوقىتىش ئەمەس، بەلكى يالغانچى پەيغەمبەرلەرگە ئىشىك ئېچىپ بېرىپ، ئىسلامنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئەقىدىسىنى ۋەيران قىلىشتۇر. بۇ، ئۇلارنىڭ «قۇرئاننى قوغداش» شوئارىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىسلامنىڭ ئۇلىنى يىمىرىشكە خىزمەت قىلىدىغان شەيتانىي بىر ھىيلە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر ئىسپاتىدۇر.
ئىككى ئەسىرلىك پىتنە ۋە مەغلۇبىيەت: تارىخنىڭ لەنىتىگە ئۇچرىغان ۋىرۇس
ئەگەر بىر ھەرىكەتنىڭ ھەق ياكى باتىللىقىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئۆلچەم بولسا، ئۇ شۈبھىسىزكى ئۇنىڭ تارىختا قالدۇرغان ئىزى ۋە ئۈممەتكە ئېلىپ كەلگەن نەتىجىسىدۇر. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، زامانىۋى ھەدىس ئىنكارچىلىقىنىڭ ئىككى ئەسىرلىك تارىخى پىتنە، بۆلگۈنچىلىك، مەغلۇبىيەت ۋە مەنىۋىي قۇرغاقچىلىقتىن ئىبارەت ئۇزۇن بىر جەرياندۇر. ئۇلار پەيدا بولغان ھېچبىر دۆلەت ياكى رايوندا مۇسۇلمانلارغا قىلچىلىك پايدا ئېلىپ كېلەلمىدى، ئەكسىچە، قەيەردە باش كۆتۈرسە، شۇ يەردە ئۈممەتنىڭ لەنىتىگە ئۇچراپ، پەقەتلا ئىچكى توقۇنۇش ۋە نەپرەت ئۇرۇقىنى چېچىش بىلەن مەشغۇل بولدى.
19-ئەسىر، ھىندىستاندا مۇستەملىكىچىلەرنىڭ تەجرىبىخانىسىدىكى تۇغۇلۇشى
بۇ ھەرىكەت 1857-يىلىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئازادلىق ئۇرۇشىنى باستۇرۇشقا ئۇرۇنغان بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىدىن تۇغۇلدى. سېر سەييىد ئەھمەدخانغا ئوخشاش شەخسلەر، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا، جىھاد روھىنى ئاجىزلىتىش ۋە ئىسلامنى بوينى يۇمشاق بىر دىنغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەدىسلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى باشلىدى. نەتىجىدە ئۇلار مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشغالىيەتكە قارشىلىق كۆرسىتىش ئىرادىسىنى پارچىلاپ، دىققەتنى ئازادلىق كۈرىشىدىن ئىچكى ئەقىدىۋى تالاش-تارتىشقا بۇرىدى. ئۇلار نىڭ پىشىۋىسى سېر سەييىد قۇرغان مەكتەپمۇ مۇستەملىكىچىلەرگە سادىق بىر ئەۋلاد يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن بولدى. ئاخىرىدا بېرىتانىيە ھىندىستاندىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئەلى گۈر ئۇنىۋېرسىتىتى ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ قولىدىن ساغلام ئەقىدىلىك مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. قىسقىسى ئۇلار ئۈممەتكە داۋراڭ قىلىشقىنىدەك بىرلىك ياكى كۈچ-قۇدرەت ئېلىپ كېلەلمىدى، پەقەتلا خائىنلىق ۋە بۆلگۈنچىلىك ئېللىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا تاشلاندى.
20-ئەسىر، مىسىر ۋە پاكىستان ئۇلارنىڭ ئىدىيەۋى قالايمىقانچىلىقىنىڭ يېڭى سەھنىسى بولدى
بۇ ۋىرۇس كېيىنچە مىسىر ۋە پاكىستانغا تارقالدى. غۇلام ئەھمەد پەرۋىز پاكىستاندا، رەشاد خەلىپە (م. 1935– 1990) ئامېرىكىدا تۇرۇپ پۈتۈن سۈننەتنى ئىنكار قىلدى. نەتىجىدە ئۇلار قۇرغان نەرسە بىرەر ئىلمىي ھەرىكەت ياكى جەمئىيەتكە پايدىلىق بىر قۇرۇلما ئەمەس، بەلكى بىر-بىرى بىلەن ئىت-مۈشۈكتەك ياشايدىغان، ئاساسلىق ئىشى ئۆزلىرىدىن باشقا بارلىق مۇسۇلمانلارنى «كاپىر» ۋە «مۇشرىك» دەپ قارىلايدىغان، قۇرئاننى ئوقۇغاندا مۇسۇلمانلاردىن قۇسۇر تېپش، ھەدىس بىلەن قۇرئاننى زورللاپ سوقۇشتۇرۇپ ئۈممەتنڭ قەتئىي ئېھتىياجى بولمىغان يېڭى پىتنىلەرنى يارىتىشنىلا مەقسەت قىلىدىغان كىچىك، رادىكال گۇرۇھقا ئايلاندى.ئاخىرىدا ئاتاقلىق ھەدىس ئىنكارچىسى رەشاد خەلىپە ھەتتا ئۆزىنى «پەيغەمبەر» دەپ ئېلان قىلىپ، بۇ پىتنە ئېقىمىنىڭ ئاخىرقى مەنزىلىنىڭ ساراڭلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇلار ئىسلام دۇنياسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ياكى ئىلمىي مەسىلىلىرىنىڭ بىرىنىمۇ ھەل قىلالمىدى، پەقەت مەۋجۇت مەسىلىلەرگە يېڭى پىتنە-پاساتلارنى قوشقان بولدى.
21-ئەسىر، تۈركىيە ۋە غەرب دۇنياسىىدا ھەدىس ئىنكارچىسى مانقۇرتلارنىڭ ۋېرۇسى قايتا تېرىلىپ ئىنتېرنېتتە ئەقىل ۋەيرانچىلىقىغا سەھنە بولدى
بۇ ھەرىكەت ئىنتېرنېتنىڭ قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ، يېڭى ئەۋلادلارنى زەھەرلەشكە كېرىشتى. نەتىجە يەنە شۇ كونا بۆلگۈنچىلىك ۋە تۈگىمەس جەڭگى-جېدەل. ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن پايدىلىقم بىرەرە مۇئسسىسە ياكى ئورگان قۇرالمىدى. ئۇلارنىڭ پەلەستىن، كەشمىر ياكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ دەردىگە دەرمان بولىدىغان بىرەر پىلانى ياكى تەسەۋۋۇرىمۇ بولۇپ باقمىدى. «دىندا ھاكىمىيەت يوق، قۇرئاندا ئىسلام دۆلىتى يوق. دۆلەت سىياسىتى ئىسلامنىڭ ئىشى ئەمەس» دېگەندەك سەپسەتىلىرى بىلەن ئىسلامنىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسىنى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇشتىن باشقا مەشغۇلاتى بولۇپ باقمىدى. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر قىلىدىغان ئىشى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئولتۇرۇپ، 1400 يىللىق ئىسلام مەدەنىيىتىگە، ئەسھابى كىراملارغا، ئىمام بۇخارىيغا، ئەبۇ ھەنىپەگە تىل ئۇزۇتۇش ۋە بىر-بىرى بىلەن نامازنىڭ رەكئەت سانى ئۈستىدە زىددىيەتلىشىش ياكى يامىنى كەلگەندە نامازنى ئىنكار قىلىپلا قۇتۇلۇش بولدى. ئۇلارنىڭ ئىككى ئەسىرلىك تارىخىنىڭ بىر تال مېۋىسىمۇ يوق، ئەمما ئىچىدە زەھەرلىك يىلانلار ۋە چايانلارلا ياشايدىغان ۋەيرانە ئۆڭكۈر بولۇپكەلدى.
ئەڭ مۇھىمى، تارىخ شۇنىڭغا گۇۋاھكى، بۇ ئازغۇن پىكىرنىڭ بىر ئىنكار قىلغۇسىز تارىخىي قانۇنىيىتى بار:
ئۇ بولسىمۇ ھاياتىي كۈچىنىڭ سېسىق بۇراققا ئوخشاش بىر دەملىك قىسقا بولىشى. ئىككى ئەسىرلىك تارىخىي كۆزىتىشلەر شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بۇ ئىدىيەۋى ۋېرىۇس قايسى جەمئىيەتنى بۇلغىغان بولسا، شۇ يەردە تەخمىنەن 20 يىللىق قىسقا مۇددەتلىك قىزىتما پەيدا قىلىپ، ئاندىن ئۆزىنىڭ ئىچكى زىددىيىتى، ئىجابىي قىممەت يارىتالماسلىقى ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىققا زىتلىقى سەۋەبىدىن ئۆزلۈكىدىن يوقىلىشقا يۈزلىنى كەلدى.
بۇ پىتنە تۇنجى تۆرەلگەن ھىندىستاندىمۇ ئۇزاققا قالماي پىكرىي ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۈنتەرتىپىدىن پۈتۈنلەي سۈپۈرۈلۈپ تاشلاندى. ئۇنىڭ ئىككىنچى قورغىنى بولغان پاكىستان ۋە مىسىردىمۇ ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار بولۇپ، بىر ئەۋلاد ئۆتمەيلا پىكرىي تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا كۆمۈلدى. ھازىرقى كۈندە بۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پاناھگاھى بولۇپ قالغان تۈركىيەدىمۇ بۇ تارىخىي قانۇنىيەت ئۆز كۈچىنى كۆرسەتمەكتە. بۇ پىكىر ئىلگىرىكىدەك جەمئىيەتنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولۇشتىن قېلىپ، بارغانسېرى تەسىر دائىرىسى تارايماقتا ۋە ئۆزىنىڭ 20 يىللىق ئۆمرىنى تاماملاپ، تارىخقا كۆمۈلۈش باسقۇچىغا قەدەم قويماقتا
بۇنىڭ سەۋەبى ئېنىق. ئىنكارچىلىق بۇزغۇنچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئۈممەتكە ھېچقانداق ئىجابىي قىممەت يارىتالمىغان، پەقەت بۆلۈنۈش ۋە نەپرەتتىن ئوزۇقلىنىدىغان ھەرقانداق پارازىت پىكىرنىڭ ئۆمرى ھامان قىسقا بولىدۇ.
ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ دىنى
دەرۋەقە ئۇلار سۇنماقچى بولغان «دىن» ھەر كىمنىڭ ئۆزى پەيغەمبەر بولىدىغان مالامانچىلىقتىن ئىبارەتتۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ رەزىل نىشانى ئىشقا ئاشسا، قولىمىزدا قانداق بىر «دىن» قالىدۇ؟
شەرىئەتسىز بىر دىن:
سۈننەتنى ئىنكار قىلىش نەتىجىسىدە، ئىبادەتلەرنىڭ تەپسىلاتى يوقاپ، ھەر كىم ئۆز خاھىشى بويىچە ئورۇندايدىغان «ئىختىيارىي گىمناستىكا» غا ئايلىنىدۇ. بىرى سەجدىنى ئېڭىكى بىلەن قىلىدۇ، يەنە بىرى نامازنى ئولتۇرۇپ ئوقۇيدۇ، يەنە بىرى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدۇ. بۇ دىنمۇ ياكى روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىدىكى مالىمانچىلىقمۇ؟
بۇنىڭ ئەڭ روشەن، ئەڭ شەرمەندىچىلىك مىسالىنى ئوغرىلىق جازاسىدىن كۆرەلەيمىز. قۇرئان مائىدە سۈرىسى 38-ئايەتتە «ئوغرى ئەر ۋە ئوغرى ئايالنىڭ قوللىرىنى كېسىڭلار» دەيدۇ. ياخشى، ئەمدى سۈننەتنى ئەخلەتخانىغا تاشلاپ، پەقەت مۇشۇ ئايەتكە قاراپ ھۆكۈم قىلىپ باقايلى، قېنى، قانداق قىلارسىلەر؟
قايسى قول كېسىلىدۇ؟ ئوڭ قولمۇ، سول قولمۇ؟ ئايەتتە ئېيتىلمىغان. ھەر كىم ئۆزى خالىغىنىنى كېسەمدۇ؟
قولنىڭ قايسى يېرىدىن كېسىلىدۇ؟ ئەرەب تىلىدا «يەد (قول)» كەلىمىسى بارماق ئۇچىدىن مۈرىگىچە بولغان پۈتۈن قىسىمنى كۆرسىتىدۇ. بىلەكتىنمۇ، جەينەكتىنمۇ ياكى مۈرىدىن كېسىسىلەر؟ قۇرئاندا بۇنىڭ جاۋابى يوق.
قەيەردىكى ئوغرىنىڭ قولى كېسىلىدۇ؟ بىر تال قەلەم ئوغرىلىغان ئادەمنىڭمۇ قولى كېسىلەمدۇ؟ ئاچ قالغانلىقىدىن بىر تال نان ئوغرىلىغان كىشىنىڭمۇ قولى كېسىلەمدۇ؟ ئايەتتىكى «ئوغرى» دېگەن سۆز ئومۇمىي كەلگەن.
بۇ سوئاللارنىڭ ھەممىسىگە جاۋاب بېرىدىغان بىردىنبىر مەنبە – پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىدۇر. سۈننەت بىزگە ئوغرىلىقنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكىنى (نىساب) بېكىتىپ بېرىدۇ، ئوڭ قولنىڭ بىلەكتىن كېسىلىدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ. دېمەك، سۈننەت بولمىسا، قۇرئاندىكى بۇ ئېنىق بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىش مۇتلەق مۇمكىن ئەمەس! بۇ، ئۇلارنىڭ شوئارىنىڭ ئەمەلىيەتتە قۇرئاننىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلغۇسىز ھالغا كەلتۈرۈپ، ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن ئويلاپ تېپىلغان رەزىل بىر ھىيلە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئەخلاقسىز بىر دىن:
پەيغەمبەرنىڭ راستچىللىقى، ئامانەتدارلىقى، كەچۈرۈمچانلىقى ۋە مېھرىبانلىقىدەك ئەخلاقنىڭ جانلىق ئۈلگىسى سۈننەت ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن. بۇنى ئىنكار قىلغاندا، قولىمىزدا پەقەت روھسىز قانۇن قالىدۇ. نەتىجىدە، ھاراق «مەست قىلمىسا» ھالال، زىنا «رازىلىق ئاساسىدا» دۇرۇس بولىدىغان ھاۋايى-ھەۋەسنى قانۇنلاشتۇرىدىغان بىر ئەخلاقىي پاتقاقلىققا ئايلىنىدۇ.
پەيغەمبەرسىز بىر دىن:
ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى پەيغەمبەر، ھېكمىتى، رەھبەرلىكى ۋە مۇھەببىتى يوق بىر «پوچتىكەش». بۇ ئىسلامنىڭ قەلبىنى سۇغۇرۇۋېلىپ، ئۇنى جانسىز، سوغۇق بىر سەپسەتىگە ئايلاندۇرۇشتۇر. بۇ، مۇسۇلمانلارنى ئۆز پەيغەمبىرى بىلەن بولغان مۇھەببەت رىشتىسىدىن ئۈزۈپ، ئۇلارنى روھىي يېتىملىككە گىرىپتار قىلىشتۇر.
قىسقىسى، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرىۋاتقىنى «ساپ ئىسلام» ئەمەس، بەلكى ئىسلامنىڭ كىيىمىنى كىيگەن دىنسىزلىق، ئەقىلنىڭ تونىغا ئورالغان جاھالەت ۋە تەۋھىد نامىدىكى شەخسكە چوقۇنۇش (يەنى ھەر كىمنىڭ ئۆز نەپسىگە چوقۇنۇشى) دۇر.
ئەڭ چوڭ كومېدىيە: تارىختىكى ئەڭ بۆلۈنگەن گۇرۇھنىڭ «بىرلىك» چاقىرىقىدۇر. ئۇلارنىڭ ئەڭ كۈلكىلىك ۋە ئەڭ نومۇسسىز يېرى شۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىنى «ئۈممەتنى پەقەت قۇرئانغا جەم قىلىپ، شىئە سۈننى بۆلۈنۈشنىى تۈگىتىمىز» دەپ دەپ جار سېلىشىدۇ. ھالبۇكى، ئەمەلىيەتتە ھەدىس ئىنكارچىلىرى ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ بۆلۈنگەن، ئۆز-ئارا ئەڭ زىددىيەتلىك، بىر-بىرىنى ئەڭ كۆپ ئىنكار قىلىدىغان گۇرۇھتۇر!
بىرى چىقىپ «ناماز ئۈچ ۋاقىت» دېسە، يەنە بىرى «ياق، ئىككى ۋاقىت!» دەپ ئۇنى «قۇرئاننى خاتا چۈشەندى» دەپ ئەيىبلەيدۇ. بىرى «چوشقىنىڭ ئىچ-باغرى ھالال» دېسە، يەنە بىرى «ياق، مەن ئۇنى يېمەيمەن» دەپ ئۆزىنى ئۇنىڭدىن ئۈستۈن قويىدۇ. بىرى «ھاراق ھارام ئەمەس» دېسە، يەنە بىرى «ياق، ھارام» دەپ ئۆز ئۇستازىنىڭ گېپىنى شىپى كەلتۈرىدۇ.
نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ قۇرئاننى ئىزاھلاش ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىش ئارقىلىق، ھەر بىر جاھىلنىڭ ئۆزىنى «كىچىك پەيغەمبەر» قىلىۋېلىشىغا يول ئاچىدۇ. نەتىجىدە، قانچە ھەدىس ئىنكارچىسى بولسا، شۇنچە خىل «دىن» پەيدا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ «بىرلىك» شوئارى، ئەمەلىيەتتە «مېنىڭ قۇرئاندىن چۈشەنگىنىم، دەل ئاللاھنىڭ مۇرادى ۋە مەقسىتىدۇر. ھەممە ئادەم مېنىڭ گېپىمنى ئاللاھنىڭ گېپى دەپ قوبۇل قىلسۇن!» دېگەن ئەڭ مۇستەبىت، شەيتانىي مۇتەكەببىرلىكتۇر.
ئۇلار كىمگە خىزمەت قىلىدۇ؟
بۇ مۇلاھىزىلەردىن كېيىن، جاۋاب ئېنىق: ئۇلارنىڭ پىكىرلىرى 19-ئەسىردىكى مۇستەملىكىچىلەر ۋە ئىسلامغا ئۆچمەن شەرقشۇناسلارنىڭ تەجرىبىخانىسىدا تۆرەلگەن. ئۇلارنىڭ قىلمىشى، مۇسۇلمانلارنىڭ دىققىتىنى ھەقىقىي دۈشمەنلەردىن بۇراپ، ئىچكى پىتنە-پاساتقا سەرپ قىلىش ئارقىلىق، ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ نېنىغا ياغ سۈركەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئاخىرقى نىشانى، ئىسلام شەرىئىتىدىن بىر «قانۇن بوشلۇقى» (legal vacuum) يارىتىپ، بۇ بوشلۇقنى غەربنىڭ سېكۇلار قانۇنلىرى، لىبېرال ئەخلاق قاراشلىرى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرى بىلەن تولدۇرۇشتۇر.
شۇڭا، ئۇلار بىلىپ ياكى بىلمەي، ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا، ئىسلام دۈشمەنلىرىنىڭ ئەڭ سادىق، ئەڭ مانقۇرت خىزمەتچىلىرىدۇر! ئۇلار ئىسلام قەلئەسىنى سىرتتىن يېقىتالمىغان دۈشمەنلەرگە ئىچىدىن دەرۋازا ئېچىپ بېرىۋاتقان خائىنلاردۇر.
ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىندىشىم! بۇ بىر ئىلمىي بەس-مۇنازىرە ئەمەس. بۇ، بىزنىڭ كىملىكىمىزگە، ئېتىقادىمىزغا، تارىخىمىزغا ۋە كەلگۈسىمىزگە قىلىنغان ھۇجۇمدۇر. بۇ زىندىقلار سىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ جاھالەت زەھىرىنى «ئەقىل» ۋە «قۇرئان» دېگەن شېكەرگە ئوراپ سۇنماقچى بولىدۇ.
بىزنىڭ يولىمىز ئېنىق. ئۇ بولسىمۇ، 1400 يىلدىن بېرى مىلياردلىغان مۇسۇلمانلار، يۈزمىڭلىغان بۈيۈك ئالىملار ماڭغان نۇرلۇق يول – ئەھلى سۈننە ۋەلجەمائە يولىدۇر. بۇ يول، قۇرئاننى بىر قولىمىزدا، سۈننەتنى يەنە بىر قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇپ مېڭىشنىڭ يولىدۇر. بۇ ئىككىسى بىر گەۋدىنىڭ ئىككى كۆزىگە ئوخشايدۇ.
بۇ پىتنە ۋىرۇسلىرىغا قارشى ئەڭ ياخشى ۋاكسىنا – ئىلىمدۇر. ئۆزىڭلارنىڭ دىنىنى ئىشەنچلىك مەنبەلەردىن ئۆگىنىڭلار. ئالىملىرىمىزغا ھۆرمەت قىلىڭلار. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان مۇھەببىتىڭلارنى قەلبىڭلارغا چوڭقۇر ئورنىتىڭلار. شۇ چاغدا، بۇنداق زىندىقلارنىڭ شەيتانىي ۋەسۋەسىلىرى سىلەرنىڭ پولاتتەك ئىمانىڭلار ئالدىدا ئەخلەتكە ئايلىنىدۇ.
ئاللاھ تائالا دىنىنى 1400 يىل بۇرۇن مۇكەممەل قىلىپ بولغان. بۈگۈنكى كۈندە بىر قانچە جاھىلنىڭ ئۇنى «يېڭىلىشى» ياكى «تۈزىتىشى» گە ھېچقانداق ئېھتىياج يوق. ئۇلارنىڭ ۋەيرانچىلىقىدىن ئاللاھنىڭ ئۆزىگە سېغىنىمىز.
«…بۈگۈن مەن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى مۇكەممەل قىلدىم، سىلەرگە بولغان نېمىتىمنى تاماملىدىم ۋە سىلەر ئۈچۈن ئىسلامنى دىن قىلىپ تاللىدىم…» (مائىدە سۈرىسى، 3-ئايەت).
ئۇنۇتمايلىكى، بۇ ئايەت نازىل بولغاندا پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھايات ئىدى ۋە ئۇنىڭ سۈننەتلىرىمۇ ئەمەلىي ئىجرا قىلىنىۋاتاتتى. دېمەك، مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن دىن – قۇرئان ۋە سۈننەت بىلەن بىر پۈتۈن ھالەتتە مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن دىندۇر.
ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ ئەقلىي ۋەيرانچىلىقى (10-قىسىم)
«قۇرئان مۇسۇلمانلىقى» نىقابىدىكى پروتېستانتلىق ۋىرۇسى: خىتاي ئىستىخباراتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مەنىۋىي جەھەتتىن يېمىرىش سۇيىقەستى
ئون بۆلۈمگە سوزۇلغان، ھەقىقەت بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى بۇ كەسكىن پىكىر جەڭگاھىمىزدا، بىز تارىخنىڭ سېسىق ئەخلەتخانىسىدىن قايتا تىرىلىپ، «زامانىۋى زىيالىي» تونىغا ئورىنىۋالغان بۇ ھەدىس ئىنكارچىسى زىندىقلارنىڭ بارلىق قەغەز قورغانلىرىنى بىر-بىرلەپ كۆيدۈرۈپ تاشلىدۇق. ئۇلارنىڭ «قۇرئان دىنى» دېگەن ساختىپەزلىكلىرىنىڭ ئاستىدا، ئەمەلىيەتتە قۇرئاننىڭ ۋەھىي سىستېمىسىنى، پەيغەمبەرنىڭ مۇقەددەس مەقامىنى ۋە ئۈممەتنىڭ 1400 يىللىق ئىلمىي مىراسىنى قانداق ۋەيران قىلىۋاتقانلىقىنى، خۇددى دوختۇرنىڭ راك ھۈجەيرىسىنى ئوپېراتسىيە قىلغىنىدەك ئېچىپ تاشلىدۇق.
بۈگۈنكى بۇ ھەل قىلغۇچ، خاراكتېرلىك ئونىنچى بۆلۈمدە، بىز مەسىلىنىڭ يۈزەكى ئىلاھىيات قاتلىمىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ قاراڭغۇ، ئەڭ سېسىق يىلتىزىغا؛ يەنى بۇ پىتنىنىڭ «سىياسىي ئىنژېنېرلىق» ماھىيىتىنى ئوپېراتسىيە قىلىمىز. بۈگۈن بىز ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتىنىڭ ئىسلامنى «ساپلاشتۇرۇش» ياكى «خۇراپاتتىن تازىلاش» ئەمەس، بەلكى ئىسلامنى خۇددى خرىستىيانلىقنىڭ بېشىغا كەلگەن تارىخىي پاجىئەلەردەك «پروتېستانتلاشتۇرۇش»، ئۇنىڭ جەڭگىۋار روھىنى سۇغۇرۇپ تاشلاپ، غەربنىڭ ۋە مۇستەملىكىچىلەرنىڭ شۇنداقلا زالىم خىتاينىڭ ئالدىدا تىز پۈكىدىغان «يۇمشاقباش، چىشسىز، تىرناقسىز بىر سەپسەتىگە»گە ئايلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى پاش قىلىمىز.
ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىكى «پەقەت قۇرئان» شوئارى بىلەن، 16-ئەسىردىكى ياۋروپا پروتېستانتلىرىنىڭ «پەقەت ئىنجىل» (Sola Scriptura) شوئارى ئوتتۇرىسىدىكى ھەيران قالارلىق، ھەتتا نومۇسسىزلارچە كۆچۈرۈلگەن ئوخشاشلىق ھەرگىزمۇ بىر تاسادىپىيلىق ئەمەس. بۇ، لوندوندىكى مۇستەملىكىچىلىك تەجرىبىخانىلىرىدا لايىھەلەنگەن، ھىندىستاندىكى يالاقچىلار ئارقىلىق سىناق قىلىنغان ۋە بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام دۇنياسىغا «قۇرئانچىلىق» ماركىسى بىلەن سېتىلىۋاتقان ئىدىيەۋى گېن ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيەسىدۇر!
«قۇرئان مۇسۇلمانلىقى» ئاتالغۇسىدىكى لوگىكىلىق زىددىيەت ۋە مۇناپىقلىق
بۇ زىندىقلارنىڭ ئەھلى سۈننەتكە قاراتقان ئەڭ بىمەنە ھۇجۇمى شۇكى، ئۇلار: «قۇرئاندا <ئەھلى سۈننەت> دېگەن سۆز يوق! ئاللاھ بىزنى پەقەت <مۇسلىم> دەپ ئاتىغان. سىلەر قۇرئاندا يوق ئىسىمنى قوللىنىپ بىدئەت ياراتتىڭلار» دەپ جار سالىدۇ.
بۇ، «ئوغرىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك» دېگەندەك، ئۆزىنىڭ قىلغىنىنى باشقىلارغا دوڭگەپ قويۇشتەك ئىككى يۈزلىمىچى مۇتەھەملىكتۇر. بىز ئۇلاردىن سورايمىز:
قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار قۇرئاننىڭ قايسى سۈرىسىدە، قايسى ئايىتىدە «قۇرئان مۇسۇلمانلىقى» (Quranic Islam)، «قۇرئان دىنى»، «ئەھلى قۇرئان»، «قۇرئانچى» ياكى «قۇرئانىييۇن» دېگەن سۆز بار؟
بىرەر ئايەتتىن دەلىل كەلتۈرەلەمسىلەر؟ ياق! چۈنكى قۇرئاندا بۇنداق بىر ئايرىمىچىلىق، بۇنداق بىر ئاتالغۇ، بۇنداق بىر «ماركا» يوق. ئاللاھ تائالا قۇرئاندا ئۆزىگە ئىشەنگەنلەرنى «مۇسلىم» (تەسلىم بولغۇچى)، «مۇمىن» (ئىشەنگۈچى)، «ئۈممەت» دەپ ئاتايدۇ. قۇرئان ھەرگىزمۇ ئۆزىنى بىر ئېقىمنىڭ نامى، بىر گۇرۇھنىڭ بايرىقى قىلمىغان.
بۇ نېمىدېگەن رەزىل ئىككىيۈزلىمىچىلىك! سىلەر بىر تەرەپتىن باشقىلارنى «قۇرئاندا يوق سۆزنى ئىشلەتتى» دەپ تەنقىد قىلىپ تۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزۈڭلارنىڭ كىملىكىنى بەلگىلەيدىغان ئىسىمنى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن ئەمەس، بەلكى لوندوندىكى ئىسلام دۈشمىنى شەرقشۇناس خوجايىنلىرىڭلارنىڭ لۇغىتىدىن ۋە ھىندىستاندىكى ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ يالاقچىسى ئازغۇن ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ ماقالىلىرىدىن ئالىسىلەر.
سىلەرنىڭ لوگىكاڭلار بويىچە ئېيتقاندا، سىلەر «قۇرئانچى» دېگەن ئىسىمنى قوللىنىش ئارقىلىق، ئۆزۈڭلار ئەڭ يامان كۆرىدىغان «بىدئەت»نى ئۆزۈڭلار سادىر قىلغان بولمامسىلەر؟
ھەقىقەت شۇكى، سىلەر قۇرئاننى پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە كەلگەن ھىدايەت كىتابى بولۇشتىن چىقىرىپ، ئۇنى بىر كىچىك ساتقۇن ۋە ئازغۇن ئېقىمنىڭ «نىزامنامىسى»گە ۋە باتىل بىر گۇرۇھنىڭ «خۇسۇسىي مۈلكى»گە ئايلاندۇرۇۋالدىڭلار. مانا بۇنىڭ ئۆزىلا سىلەرنىڭ قۇرئانغا ئەمەس، بەلكى ئۆز نەپسىڭلارغا ئەگىشىۋاتقانلىقىڭلارنىڭ يېتەرلىك ئىسپاتىدۇر!
خىيانەتنىڭ گېن خەرىتىسى: لۇتېرنىڭ كۆلەڭگىسى ۋە «پروتېستانتچە ئىسلام» مودېلى
بۇ رەزىل سۇيىقەستنىڭ يىلتىزىنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن، بىز كۆزىمىزنى ئىسلام تارىخىدىن ياۋروپا تارىخىغا بۇرىشىمىز، ئۇنىڭ ئەسلى نۇسخىسى بولغان ياۋروپادىكى پروتېستانت ھەرىكىتىنىڭ جەسىتىنى يېرىپ، ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى تەكشۈرۈشىمىز كېرەك.
16 – ئەسىردە مارتىن لۇتېر باشچىلىقىدىكى بۇ ھەرىكەت، كاتولىك چېركاۋىنىڭ مۇستەبىتلىكىگە قارشى ئۈچ ئاساسلىق پىرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. قېنى ئەمىسە بۈگۈنكى بىزنىڭ «قۇرئانچى» زىندىقلار مارتىن لۇتېرنىڭ شۇ پىرىنسىپلىرىنى قانداق كۆچۈرۈپ، قانداق مايمۇنلارچە تەقلىد قىلىپ، ئىسلامنى قانداق زەھەرلىمەكچى بولىۋاتقانلىقىغا قاراپ چىقايلى!
1 – «پەقەت كىتاب» (Sola Scriptura):
پروتېستانتلار نېمە دېگەن؟ «دىننىڭ بىردىنبىر مەنبەسى ئىنجىل. چېركاۋنىڭ، پاپانىڭ، كېڭەشلەرنىڭ 1500 يىللىق ئەنئەنىسى، ئىزاھاتلىرى بىدئەتتۇر، ھەممىسىنى تاشلايمىز!»
بىزنىڭ زىندىقلار نېمە دەيدۇ؟ «دىننىڭ بىردىنبىر مەنبەسى قۇرئان. 1400 يىللىق سۈننەت، ئىجما، مەزھەپ ئەنئەنىسى ۋە ئالىملارنىڭ ئىجتىھادلىرى ئويدۇرمىدۇر، ھەممىسىنى تاشلايمىز!»
(بۇ كۆچۈرمىكەشلىككە، بۇ ئوخشاشلىققا قاراڭ! شەيتاننىڭ سېنارىيەسى ئۆزگەرمىگەن بىلەن ئارتىسلارنىڭ سىماسى ئالماشقان!)
2 – «پەقەت ئىمان» (Sola Fide):
پروتېستانتلار: «نىجاتلىق ئەمەل، ئىبادەت بىلەن ئەمەس، پەقەت قەلبتىكى ئىمان بىلەن بولىدۇ. دىنىي مۇراسىملار شەرت ئەمەس» دەيدۇ.
بىزنىڭ زىندىقلار: «دىننىڭ ئۆزى ئەخلاق. نامازنىڭ رەكئىتى، ھەجنىڭ شەكلى، ھىجابنىڭ پەرزلىكى، ھارام-ھالال چەكلىمىلىرى مۇھىم ئەمەس. قەلبىڭ پاك بولسا، ئاللاھقا ئىشەنسەڭلا بولدى» دەيدۇ.
(بۇ ئارقىلىق ئۇلار دىننى شەكىلسىز، ئەمەلسىز، پەقەت قۇرۇق سەپسەتە ۋە «ۋىجدان تەسەللىسى» گە ئايلاندۇرماقچى بولىدۇ)
3 – «روھانىيلارغا قارشى تۇرۇش» (Individualism):
پروتېستانتلار: «تەڭرى بىلەن بەندە ئارىسىدا پوپقا ئېھتىياج يوق، ھەر كىم ئۆزىنىڭ پوپى! ھەر كىم ئىنجىلنى ئۆزى چۈشىنەلەيدۇ» دەيدۇ.
بىزنىڭ زىندىقلار: «ئالىملارغا، مۇجتەھىدلەرگە، مەزھەب ئىماملىرىغا ھاجەت يوق. ئۇلار دىننى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەن. ھەر بىر ئادەم قۇرئاننى ئېلىپ ئۆزى چۈشىنەلەيدۇ، مەن ئۆزۈمنىڭ ئىمامى! مەن ئۆزۈمنىڭ مۇپتىسى!» دەيدۇ
(بۇ ئۈچ ئاساسىي پىرىنسىپتىكى خۇددى بىر قىلىپتىن چىققاندەكلا ئوخشاشلىقنى كۆرگەن ھەر قانداق ئەقىل ئىگىسى ھەدىس ئىنكارچىلىرىنى مارتىن لۇتېرنىڭ مۇرىتلىرى دەمدۇ ياكى قۇئانغا ئەگەشكۈچى دەمدۇ؟ مەن بۇنى جامائەتنىڭ ئەقىل – پاراسىتىگە قويدۇم)
بۇ شوئارلارنىڭ ياۋروپادىكى نەتىجىسى نېمە بولدى؟
دىن ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ ئىشى بولۇشتىن چىقىپ، شەخسىي ۋىجدان ئىشىغا، چىركاۋ ۋە ئۆي ئىچىگىلا مەھكۇم قىلىنغان بىر خىل مەنىۋىي مەشغۇلاتقا ئايلاندى. جەمئىيەت سېكۇليارلاشتى (دىنسىزلاشتى). ئىنجىل ھەر كىم ئۆزى خالىغانچە چۈشەندۈرىدىغان ئويۇنچۇققا ئايلاندى. چېركاۋنىڭ كۈچى يوقالدى، دۆلەت دىننى تىز چۆكتۈردى.
ئەمدى قېنى ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەي زامانىۋى زىندىقلار! سىلەرنىڭ قىلماقچى بولغىنىڭلارمۇ دەل مۇشۇ «ئىسلامنى پروتېستانتلاشتۇرۇش»، يەنى دىننى ھاياتتىن، دۆلەتتىن، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىن، قانۇندىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇنى پەقەت شەخسىي ۋىجداننىڭ تار قەپىزىگە سولاپ قويۇش ئەمەسمۇ؟ سىلەر مۇسۇلمانلارنى خۇددى ياۋروپالىق پىشىۋايىڭلارغا ئوخشاش دىنسىزلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان ۋە لوندوندىكى خوجايىنلىرىڭلاردىن «ۋەزىپە» ئالغان ياللانما ئەسكەر بولماي نېمە؟!
Iلوندون تەجرىبىخانىسى ۋە «ئىتائەتكار ئىسلام» قۇرۇلۇشى
بۇ «قۇرئان مۇسۇلمانلىقى» دېگەن زەھەرلىك مېۋىنىڭ يىلتىزى نە مەككىدە، نە مەدىنىدە. ئۇنىڭ يىلتىزى 19-ئەسىردىكى بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ مۇستەملىكە ئىستراتېگىيەسىگە تۇتىشىدۇ.
1857 – يىلى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ (سىپاھى قوزغىلىڭى) ئازادلىق ئۇرۇشىدا قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان ئىنگلىزلار، بىر ھەقىقەتنى ئاچچىق ھالدا تونۇپ يەتكەن ئىدى.
«مۇسۇلمانلارنىڭ بەدىنىنى قىلىچ بىلەن، زەمبىرەك بىلەن پاچاقلىغىلى بولىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ جىھاد، ئۈممەت ۋە شەرىئەت بىلەن قوراللانغان رۇھىنى ھەرگىز بويسۇندۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ دىنى ئېتىقادى مۇستەھكەملا بولىدىكەن، ئۇلار بىزگە ھەرگىز باش ئەگمەيدۇ!»
شۇنىڭ بىلەن لوندوندىكى «شەرقشۇناسلاردىن ئىبارەت شەيتان تەجرىبىخانىلىرى» دا ئىسلام دۈشمىنى يەھۇدىي شەرقشۇناس ئىگناز گولد زىگېرنىڭ <1> يېتەكچىلىكىدە يېڭى بىر پىلان تۈزۈلدى. ئېپىستېمىك (بىلىش نەزەرىيەسى) ئىنژېنېرلىقى. يەنى، ئىسلامنى سىرتتىن يوقىتىش ئەمەس، ئۇنى ئىچىدىن ئۆزگەرتىش!
ئۇلارغا شۇنداق بىر «يۇمشاقباش ئىسلام» لازىم ئىدىكى؛
ئۇنىڭدا جىھاد بولمىسۇن، پەقەت «نەپسى بىلەن كۈرەش» بولسۇن. (ئىشغالچىغا قارشى تۇرمىسۇن!)
ئۇنىڭدا خىلاپەت ۋە ئۈممەت بولمىسۇن، پەقەت «شەخسىي دىندارلىق» بولسۇن. (بىرلىشەلمىسۇن! ئىشغال سىياسىتىمىزگە ئارىلاشمىسۇن)
ئۇنىڭدا شەرىئەت بولمىسۇن، پەقەت «ئەخلاقىي نەسىھەتلەر» بولسۇن. (دۆلەت قۇرالمىسۇن!)
ئۇنىڭدا ئىنگلىز قانۇنلىرىغا قارشى تۇرىدىغان ھېچقانداق مەنىۋىي كۈچ بولمىسۇن. (باش ئەگسۇن!)
بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىككى چوڭ ئىستراتېگىيەنى ئىشقا سالدى. بىرىنچىسى ئۆلىمالارنى يوقىتىش (سىياسىي قىرغىنچىلىق) بولۇپ، مەدرىسىلەرنى تاقىدى، ۋەقپىلەرنى مۇسادىرە قىلدى، ھەقىقىي ئالىملارنى دارغا ئاستى. مەقسەت؛ دىننىڭ ئەنئەنىۋى قوغدىغۇچىلىرىنى يوقىتىپ، مەيداننى ئۆزلىرىنىڭ يالاقچى ئاتالمىش «زىيالىيلىرى» غا بوشىتىپ بېرىش ئىدى.
ئىككىنچىسى، يېڭى بىر «دىن» ئىجاد قىلىش (ئىدىيەۋى زەھەرلەش) بولۇپ، ئۇلار سەييىد ئەھمەد خانغا ئوخشاش ساتقۇن يالاقچىلارنى مەيدانغا چىقاردى. بۇلار «زامانىۋى مۇسۇلمان زىيالىي» نىقابى ئاستىدا: «قۇرئان ئىلىم-پەنگە ئۇيغۇن، ھەدىسلەر ئەقىلگە سىغمايدۇ، سۈننەت تارىختا قالدى، دىن دېگەن پەقەت ئەخلاقتۇر» دەپ جار سېلىشقا باشلىدى.
ئىنگلىزلار قۇرۇپ بەرگەن ئالىگارھ (Aligarh) ئۇنىۋېرسىتېتى، ئەنە شۇ «ئىتائەتكار، سىياسەتسىز، سۈننەتسىز، غەربپەرەس مۇسۇلمان سەرخىللىرى» نى يېتىشتۈرىدىغان فابرىكىغا ئايلاندى. كېيىنچە بۇ زاۋۇتتىن مىرزا غۇلام ئەھمەد (قادىيانىلىقنىڭ قۇرغۇچىسى)، چەراغ ئەلى ۋە ئابدۇللاھ چاكرالاۋى (قۇرئانچىلىق ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى) غا ئوخشاش، ئىسلامنى ئىنگلىز تاجىغا تىز پۈكتۈرىدىغان خائىنلار يېتىشىپ چىقتى.
مانا، بۈگۈنكى بىزنىڭ ئۆزلىرىنى «قۇرئانچى» دەپ ئاتىۋالغان ئۇيغۇر زىندىقلىرىمىزنىڭ تارىخىي ئاتىلىرى ئەنە شۇلار ئىدى! ئۇلارنىڭ گېنىغا ئەنگىلىيە خانىشىنىڭ تامغىسى ئۇرۇلغان. ئۇلارنىڭ ئىدىيەۋى نەسەبى مۇھەممەد سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئەمەس، مەسجىدى زىرارنى سالدۇرغان ئەبۇ ئامىر ئەرراھىبقا، مەشھۇر مەدىنە مۇناپىقى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۇبەي ئىبنى سەلۇلغا، تۇنجى يالغان پەيغەمبەر مۇسەيلىمەتۇل كاززابقا ۋە بەلكى ئىسلام دۇنياسىنى ھەربىي كۈچ بىلەن ئەمەس، «پىكرىي ئۆزگەرتىش» ئارقىلىق بويسۇندۇرۇش نەزەرىيەسىنىڭ مېمارى (لايىھىلىگۈچىسى) ھېسابلىنىدىغان، مىسىردىكى ئىنگلىز ۋالىيسى (Lord Cromer) لورد كرومېرغا تۇتىشىدىغانلىقى ئېنىق! <2>
ئۈچ باشلىق ئەجدىھا: زامانىۋى زىندىقلىقنىڭ ئۈچ زەھىرى
بۇ «پروتېستانتچە ئىسلام» ۋاباسى ئىسلامنىڭ جان تومۇرىغا ئۈچ خىل ئەجەللىك زەھەرنى ئۇرماقچى بولىدۇ. بۇ زەھەرلەر بۈگۈنكى كۈندە «ئەقىلچىلىك»، «ئەركىنلىك» ۋە «ساپ دىن» دېگەن يالتىراق قەغەزلەرگە ئورالغان ھالدا بازارغا سېلىنماقتا.
بىرىنچى زەھەر: دىننى (Depoliticization) سىياسەتسىزلەشتۈرۈش، زالىمغا يانتاياق بولۇش.
بۇ زىندىقلارنىڭ ئەڭ چوڭ دەۋاسى: «قۇرئان سىياسەت كىتابى ئەمەس، ئەخلاق كىتابى» دېگەن سەپسەتىسى بولۇپ، بۇ دەل مۇستەملىكىچى دۆلەتلەرنىڭ ۋە بۈگۈنكى سېكۇليار (لائىك) ھاكىمىيەتلەرنىڭ، جۈملىدىن خىتاينىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سۆزىدۇر. چۈنكى، ئەگەر سىز سۈننەتنى ئىنكار قىلسىڭىز، ئىسلامنىڭ دۆلەت قۇرۇش، جەمئىيەتنى باشقۇرۇش، جىنايى ئىشلار قانۇنى (ھۇدۇد-قىساس)، ئىقتىسادىي تۈزۈم ۋە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتكە ئائىت بارلىق ئەمەلىي سىستېمىلىرىنى (شەرىئەتنى) يوق قىلغان بولىسىز.
نەتىجىدە نېمە قالىدۇ؟ پەقەت مەسچىتنىڭ بۇلۇڭىغا ياكى شەخسنىڭ ۋىجدانىغا قامالغان، دۇنياغا ھۆكۈم قىلىش ئىددىيىسىدىن ۋاز كەچكەن، زالىمغا «ياق» دەپ ئىسيان قىلالمايدىغان، دۆلەتلەرنىڭ رەسمىي ئىدېئولوگىيەسىگە زىت كەلمەيدىغان بىر «مەنىۋىي سەپسەتە» قالىدۇ. بۇ، ئىسلامنى يولۋاستىن مۈشۈككە ئايلاندۇرۇش سۇيىقەستىدۇر!
ئىككىنچى زەھەر: ئۈممەتنى پارچىلاپ، «شەخسىي پاپا»لارنى يارىتىش (Individualism).
پروتېستانتچىلىقنىڭ يادروسى «ھەر كىم ئۆزىنىڭ پاپاسى» دېگەن شەخسىيەتچىلىكتۇر. بىزنىڭ ئۇيغۇر زىندىقلارمۇ ئوخشاشلا: «ئالىملارغا ئەگەشمەڭلار، مەزھەپلەر بۆلگۈنچىلىك، ھەر بىر ئادەم قۇرئاننى ئۆزى ئوقۇپ، ئۆزى چۈشەنسۇن» دەپ جار سېلىش ئارقىلىق، ئەمەلىيەتتە ئۈممەتنىڭ ئورتاق ئەقىل مەركىزىنى (ئىجمانى) 1400 يىللىق بىلىم، تەجرىبە خەزىنىسىنى ۋەيران قىلىدۇ.
بۇنىڭ نەتىجىسى نېمە بولىدۇ؟ بىرلىك ئەمەس، بەلكى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئانارخىزم (قالايمىقانچىلىق) تۇغۇلىدۇ. ھەر بىر جاھىل ئۆزىنى مۇجتەھىد ھەتتا پەيغەمبەر چاغلاپ، ئۆزىنىڭ شەخسىي «قۇرئان دىنى» نى ئىجاد قىلىدۇ.
خۇددى ياۋروپادىكى پروتېستانتلار مىڭلىغان مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈپ كەتكەندەك، بۇلارمۇ ئۈممەتنى مىلياردلىغان «شەخسىي دىن» لارغا پارچىلاپ، بىرلىككە كېلەلمەيدىغان، دۈشمەن ئۈچۈن يۇتۇۋېلىش ئوڭاي بىر «لوقما» غا ئايلاندۇرماقچى بولىدۇ.
ئۈچىنچى زەھەر: ئەقىلنى بۇت قىلىش (Rationalism) نەپسىپەرەسلىك.
ئۇلار «دىن ئەقىلگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك» دەيدۇ. ئەمما ئۇلار قايسى ئەقىلنى كۆزدە تۇتىدۇ؟ ئەلۋەتتە، غەربنىڭ ماتېرىيالىستىك پەلسەپىسى بىلەن يۇغۇرۇلغان، ۋەھىينىڭ نۇرىدىن مەھرۇم، شەخسىي ھاۋايى-ھەۋەسكە ئەسىر بولغان ئاتالمىش «زامانىۋى ئەقىل» نى!
ئۇلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەقىل؛ ئاللاھنىڭ ۋەھىيسىنى سوتلايدىغان، بىردىن بىر ۋەزىپىسى پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىدىن قۇسۇر ئىزدەپ ئەيىبلەيدىغان سوتچىدۇر. ئەگەر بىر ھەدىس ياكى ئايەت ئۇلارنىڭ «زامانىۋى ئەقلى»گە، غەربلىك خوجايىنلىرىنىڭ ئۆلچىمىگە سىغمىسا، ئۇنى دەرھال «بۇ ئويدۇرما»، «بۇ ئەپسانە» دەپ رەت قىلىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلار ئاللاھقا ئەمەس، ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئەقلىگە ۋە نەپسىگە چوقۇنىدىغان يېڭى بىر دىننى، «نەپسانىيەتچىلىك دىنى» نى بەرپا قىلىدۇ.
قۇرئان كەرىم بىر پۈتۈن سىستېمىدۇر. ئۇنىڭدا: ۋەھىينىڭ تېكىستى (قۇرئان)، رەسۇلنىڭ بايانى (سۈننەت)، ئەقىلىي تەپەككۇر ۋە ئۈممەتنىڭ ئىجماسى (بىرلىكى) دىن ئىبارەت تۆت ئامىل بىر گەۋدىنىڭ ئەزالىرىدەك زىچ باغلانغان.
قۇرئان، نەھل سۈرىسىنىڭ 44-ئايىتىدە پەيغەمبەرنى «بايان قىلغۇچى» (چۈشەندۈرگۈچى) دەپ ئاتايدۇ. بۇ زىندىقلار بولسا پەيغەمبەرنى پەقەت «پوچتىكەش»كە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ بايان قىلىش يەنى چۈشەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى تارتىۋالماقچى بولىدۇ ياكى ئىنكار قىلىدۇ. بۇ ئوچۇقتىن-ئوچۇق قۇرئانغا خىلاپلىق قىلىش ئەمەسمۇ؟
شەيتاننىڭ ۋەھىيسىمۇ ياكى خىتاينىڭ بۇيرۇقىمۇ؟ ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ پەتىۋاسى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاسىمىلاتسىيە سىياسىتىنىڭ «تاسادىپىي» ئوخشاشلىقى
ئەگەر سىز بۇ زىندىقلارنىڭ (ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ) يېقىنقى يىللاردا چىقارغان «غەلىتە پەتىۋالىرى»غا دىققەت قىلسىڭىز، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان، ھەتتا نەپرەتتىن پۈتۈن بەدىنىڭىزنى تىترىتىدىغان بىر ھەقىقەتنى بايقايسىز. ئۇلارنىڭ «قۇرئاننى ئۆزى چۈشىنىش» نامىدا ئوتتۇرىغا تاشلىغان ھەر بىر بىلجىرلىشى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «دىننى خىتايلاشتۇرۇش» سىياسەتلىرى بىلەن خۇددى بىر قېلىپتىن چىققاندەكلا ئوخشىشىدىغان ۋە بىر بىرىگە ماسلىشىدىغانلىقىىنى كۆرۈسىز.
بۇ بىر تاسادىپىيلىقمۇ؟ ياق! سىياسەتتە تاسادىپىيلىق بولمايدۇ. تۆۋەندىكى سېلىشتۇرمىلارغا قاراپ بېقىڭلار ۋە ھۆكۈمنى ئۆزۈڭلار چىقىرىڭلار: بۇ سۆزلەرنى ئاللاھ دەۋاتامدۇ ياكى خىتاي ئىستىخباراتىمۇ؟
1 – نەسەبنى بۇزۇش ۋە ئاسىمىلياتسىيە قىلىش سۇيىقەستى
ئۇيغۇر ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان ئۇيغۇر پىشىۋاسى، بېيجىڭدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي بىلەن توي قىلىش قىلماسلىق ھەققىدە سورىغان پەتىۋاسىغا تەخمىنەن 10 يىل ئىلگىرى جاۋاب بېرىپ: «مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنسىز خىتاي بىلەن توي قىلىشى جائىز» دېگەن، ھەتتا بۇ پەتىۋاسىنى «مۇسۇلمانلار» تورىدا ئېلان قىلغان. <3>
خىتاينىڭ سىياسىتى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نامىدا، پۇل ۋە ئۆي بېرىپ، ئۇيغۇر قىزلىرىنى ۋە يېگىتلىرىنى خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلاش.
سېلىشتۈرۈپ باقسىڭىز، ھەر ئىككىلىسىنىڭ مەقسىتى بىر، ئۇيغۇرنىڭ قېنىنى بۇزۇش، كېيىنكى ئەۋلادنى خىتايلاشتۇرۇش ۋە مىللىي كىملىكنى يوقىتىش. ھەدىس ئىنكارچىسى زىندىقلار بۇ جىنايەتكە «دىنىي تون» كەيدۈرۈپ بەردى. خىتايلار بولسا پۇل بىلەن قىزىقتۇرۇش ياكى مەجبۇرلاش ئۇسۇلىنى قوللانماقتا.
2 – ھايا پەردىسىنى يىرتىش ۋە دىنىي سىمانى يوقىتىش
ئۇيغۇر زىندىقلارنىڭ پەتىۋاسى: «ھىجاب ۋە ياغلىق ئارتىش پەرز ئەمەس، ئۇ ئەرەبنىڭ ئادىتى»
خىتاينىڭ سىياسىتى: «گۈزەللىكنى نامايان قىلىش» نامىدا ياغلىقنى چەكلىدى، ئانىلىرىمىزنىڭ بېشىنى مەجبۇرىي ئاچتى، لاگېردا ئاياللارنىڭ چېچىنى مەجبۇرىي كەستى.
سېلىشتۈرۈپ بېقىڭ، خىتاي كۈچ بىلەن قىلىۋاتقان ئىشنى، بۇ زىندىقلار «پەتىۋا» بىلەن قوللاپ بەردى. مەقسەت ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىسلامىي سىماسىنى ۋە نومۇس تۇيغۇسىنى ۋەيران قىلىش.
3 – ھارامدىن يىرگىنىش تۇيغۇسىنى يوقىتىش (مانقۇرتلاشتۇرۇش)
زىندىقلارنىڭ پەتىۋاسى: «ھاراق ھارام ئەمەس»، «چوشقىنىڭ گۆشىلا ھارام، ئىچكى ئەزاسى ۋە مېيى ھالال»، «ئېشەك گۆشى ھالال».
خىتاينىڭ سىياسىتى: رامىزاندا مەجبۇرىي ھاراق ئىچكۈزۈش، لاگېرلاردا چوشقا گۆشى يېگۈزۈش، ئۇيغۇر يېزىلىرىدا چوشقا بېقىشنى مەجبۇرلاش.
ماھىيىتى: مۇسۇلماننىڭ سەگەكلىكىنى يوقىتىپ، ئۇنى ھاراقكەش، غەپلەتتە قالغان، ھەر قانداق پاسكىنىچىلىقنى «ھالال» دەپ قوبۇل قىلىدىغان مانقۇرتقا ئايلاندۇرۇش.
4 – جەڭگىۋارلىقنى سۇندۇرۇش ۋە تەسلىمچىلىك
زىندىقلارنىڭ پەتىۋاسى: «جىھاد قىلىش قوراللىق ئۇرۇشۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ»، «ئىسلام فۇتۇھاتلىرى تاجاۋۇزچىلىقتۇر».
خىتاينىڭ سىياسىتى: بارلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى «تېررورلۇق» دەپ باستۇرۇش. تارىخنى ئۆزگەرتىپ، ئىسلامنى «سىرتتىن كەلگەن تاجاۋۇزچى» دەپ تەسۋىرلەش.
ماھىيىتى: ئۇيغۇرلارنى زالىمغا قارشى تۇرمايدىغان، تارىخىدىن نومۇس قىلىدىغان، بېشىغا ئۇرسا تىز پۈكىدىغان قورقۇنچاق قويغا ئايلاندۇرۇش.
5 – جامائەتنى پارچىلاش ۋە ئەخلاقنى ۋەيران قىلىش
زىندىقلارنىڭ پەتىۋاسى: «جۈمە ۋە جىنازە نامىزى يوق»، «ھېيتتا قۇربانلىق قىلىش يوق»، «ئەر-ئايال يالغۇز يەردە زىنا قىلسا بولىدۇ»( ياشار نۇرى ئۆزتۈرك)، «ئايالىنىڭ ھاممىسىنى ئايالى بىلەن بىر ۋاقىتتا نىكاھىدا تۇتسا بولىدۇ»، «بەچچىۋازلىققا جازا بېرىلمەيدۇ».
خىتاينىڭ سىياسىتى: مەسچىتلەرنى چېقىش، جۈمەنى چەكلەش، ئۆلۈكلەرنى جىنازىسىز كۆيدۈرۈش. ئۇيغۇر ياشلىرىنى كەچلىك كۇلۇبلارغا ۋە پاھىشىۋازلىققا ئۈندەش.
ماھىيىتى: ئىسلامنىڭ «شىئار»لىرىنى يوقىتىش، مۇسۇلمانلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئائىلە ئەخلاقىنى بۇزۇش ئارقىلىق مىللەتنى چىرىتىش.
6 – ئەڭ چوڭ يالغان: «ئىسلامدا دۆلەت ۋە سىياسەت يوق» دېگەن قۇللۇقنىڭ پەتىۋاسى
بۇ زىندىقلارنىڭ ئەڭ كۆپ تەكرارلايدىغان ۋە خىتاي ھاكىمىيىتى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يەنە بىر رەزىل پەتىۋاسى: «ئىسلامدا سىياسەت يوق، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش ۋەزىپىسى يوق. خەلىپىلىك دېگەن دۆلەت قۇرۇش ئەمەس، پەقەت مەنىۋىي رەھبەرلىكتۇر» دېگەن سەپسەتىسىدۇر.
بۇ سۆز ئوپئوچۇق ھالدا قۇرئانغا، تارىخقا ۋە ئەقىلگە قىلىنغان خىيانەتتۇر! ھەم دەل خىتاينىڭ «بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش» شوئارىغا ماسلاشتۇرۇلغان سىياسىي تەسلىمچىلىكتۇر.
بۇ پەتىۋا كىمنىڭ ئىشىغا بەك يارايدۇ؟ ئەلۋەتتە، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ! چۈنكى سىز ئۆز دۆلىتىڭىزنى قۇرۇشنى «دىنىي مەجبۇرىيەت» دەپ بىلمىسىڭىز، خىتاينىڭ ھاكىمىيىتىگە باش ئېگىشنى تەبىئىي ئەھۋال سۈپىتىدە قوبۇل قىلىسىز.
بۇ زىندىقلارنىڭ: «خەلىپىلىك دۆلەت ئەمەس» دېيىشى، ئەمەلىيەتتە «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۇقراسى بولۇپ ياشاپ تەقدىرىڭلارغا تەن بېرىڭلار، ئىسيان قىلماڭلار» دېگەن تەسلىمچىلىك چاقىرىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە دۆلەت قۇرمىغانمىدى؟ پەقەت «ۋەز-نەسىھەتچى» لىك قىلغانمۇ؟ ئەگەر ئىسلامدا دۆلەت قۇرۇش يوق بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نېمىشقا مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ ئۇ يەردە بىر «سىياسىي قۇرۇلما» (دۆلەت) قۇردى؟ نېمىشقا «مەدىنە نىزامنامىسى» (تۇنجى ئاساسىي قانۇن) نى تۈزدى؟ نېمىشقا ھەربىي قوشۇن ھازىرلاپ چىقتى؟ باج (زاكات-جىزيە) يىغدى، ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن كېلىشىم تۈزدى؟ بۇلارنىڭ ھەممىسى «سىياسەت» ۋە «دۆلەت باشقۇرۇش» ئەمەسمۇ؟ زىندىقلارنىڭ نەزىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (نەئۇزۇبىللاھ) ئۆزىنىڭ دىنىغا خىلاپلىق قىلىپ دۆلەت قۇرغانمۇ؟ خەلىپىلىرىچۇ؟ قۇرئاندىكى «ھۆكۈم» ئايەتلىرى كىمگە چۈشكەن؟
ئاللاھ تائالا قۇرئاندا: «كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان قانۇن بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇلار كاپىرلاردۇر» (مائىدە، 44) دەيدۇ.
«ھۆكۈم قىلىش» دېگەنلىك ؛ سوت قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، جازالاش ۋە باشقۇرۇش دېگەنلىكتۇر. دۆلەت بولمىسا، ھاكىمىيەت بولمىسا، ئوغرىنىڭ قولىنى كىم كېسىدۇ؟ زىنا قىلغۇچىنى كىم جازالايدۇ؟ جىنايەتچى ۋە زالىمغا كىم جازا بېرىدۇ؟
دېمەك، ئىسلام پەقەت مەسچىت ۋە ئۆي ئىچىدە ئادا قىلىنىدىغان ئىبادەتلا ئەمەس، بەلكى ھاياتنىڭ ھەممە ساھەسىگە، جۈملىدىن سىياسەت، ئىقتىساد ۋە دۆلەت باشقۇرۇشقىمۇ يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇكەممەل تۈزۈمدۇر. «دۆلەت يوق»، «سىياسەت يوق» دېگۈچىلەر قۇرئاننىڭ بارلىق ئىجتىمائىي ۋە قانۇنىي ئايەتلىرىنى (شەرىئەتنى) ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دىننى سىياسەتتىن خالىيلاشتۇرۇپ، ئۇنى مۇستەملىكىچىنىڭ قانۇنىغا بويسۇندۇرۇپ بەرمەكچى بولغان زامانىۋى «بەلئام بىننى باۋرا» لىقتۇر . <04>
7 – ئازادلىق نىشانىدىن دىققەتنى بۇراش: «ئۆي كۆيۈۋاتقاندا پەردىنىڭ رەڭگىنى تالىشىش» ئويۇنى
بۇ زىندىقلارنىڭ يەنە بىر يوشۇرۇن ۋەزىپىسى، مىللەتنىڭ دىققىتىنى ئەڭ مۇھىم بولغان «ئازادلىق كۆرۈشى»دىن بۇراپ، بىھۇدە تالاش-تارتىشلارغا باشلاپ كىرىش ۋە ئېنېرگىيەنى ئىسراپ قىلىشتۇر.
1857 – يىلى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ئىنگلىز مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى بۈيۈك ئازادلىق جېڭى (سىپاھىلار قوزغىلىڭى) قوزغىغاندا، ئىنگلىزلار مۇجاھىدلارنىڭ سېپىنى زەمبىرەك بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى بېقىۋالغان «يېڭىچە پىكىرلىك» ھەدىس ئىنكارچىسى موللىلارنى مەيدانغا چىقىرىش ئارقىلىق بۇزغان. بۇ خائىنلار: «ئەنگىلىيەگە قارشى جىھاد قىلىش ھارام، ئىتائەت قىلىش ۋاجىپ، ئالدى بىلەن ئەقىدىمىزنى تۈزىتىشىمىز كېرەك» دەپ پەتىۋا چىقىرىپ، ئۇرۇش قىلىۋاتقان مۇجاھىدلارنى ئۆز ئارا تالاش-تارتىشقا سېلىپ قويغان.
بۈگۈنمۇ تارىخ ئەينەن تەكرارلىنىۋاتىدۇ! خىتايغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن مىلللىي بىرلىك ئىنتايىن زۆرۈر بولغان، ۋەتەندە ئۆيىمىز كۆيۈۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇيغۇر ھەدىس ئىنكارچىلىرى تارىخنىڭ ئەخلاتخانىسىدىن چىقىپ، «پالانى ھەدىس توغرىمۇ خاتامۇ؟ ئەقىلگە سىغامدۇ؟» «ئاياللار ئىمام بولسا بولامدۇ؟» «ئېشەك گۆشى ھالالمۇ؟»، «ھاراق ئىچسە بولامدۇ؟» دېگەندەك، ھازىرقى ۋەزىيەتتە مىللەتنىڭ تەقدىرىگە قىلچىلىك پايدىسى يوق تېمىلاردا غۇلغۇلا قوزغاپ، ياشلارنىڭ زېھنىنى ھەقىقىي دۈشمەندىن (خىتايدىن) بۇراپ، ئۆز ئىچىمىزدىكى ئىختىلاپقا يۆتكىمەكتە.
بۇ ؛ دىققەتنى بۇراش تاكتىكىسىدۇر! ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ 6 – قول پائالىيىتى يەنى تەتۈر تەشۋىقات قۇرالىدۇر. ئۇلارنىڭ مەقسىتى سىلەرنى قۇرئانغا باشلاش ئەمەس، بەلكى سىلەرنى خىتايغا قارشى كۈرەشتىن توختىتىپ، مەسچىتنىڭ بۇلۇڭىدا ياكى تور دۇنياسىدا بىھۇدە مۇنازىرە قىلىپ ئولتۇرىدىغان «جاھىل مۇنازىرىكەشلىك» كە باشلاشتۇر. ئاخىرقى كۈنلەردىكى ئەخمەق شائىرنىڭ بىلجىرلاشلىرىمۇ بۇ تۈردىندۇر.
خۇلاسە
شۇڭا، ھۆرمەتلىك مۇسۇلمان قېرىندىشىم! كۆزۈڭلارنى ئېچىڭلار!
بۇ «قۇرئان مۇسۇلمانلىقى» دېگەن نەرسە بىر «ئىسلاھات» ئەمەس، بەلكى بىر «ۋەيران قىلىش» لايىھەسىدۇر. بۈگۈنكى كۈندە ئۆزىنى «قۇرئانچى» دەپ ئاتىۋالغان ئۇيغۇر زىندىقلىرىنىڭ چىقىرىۋاتقان ھەر بىر «پەتىۋاسى»، ئەمەلىيەتتە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلىرىدا يولغا قويۇلغان «مېڭە يۇيۇش نىزامنامىسى» نىڭ دىنىي تونغا ئورالغان نۇسخىسىدۇر!
ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا قۇرئاننىڭ ھىدايىتى ئەمەس، بەلكى «گوئەنبۇ» (دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى) نىڭ مەخسۇس فوندى ۋە يوليورۇقى بارلىقى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن!
بىزنىڭ يولىمىز ئېنىق:
بىز تارىختا ئىنگلىزلار ۋە ھازىر خىتايلار ئويدۇرۇپ چىققان «قۇرئان مۇسۇلمانى» ئەمەس.
بىز، قۇرئان ئاڭلاتقان، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئۆزى ئەمەلىي ئىجرا قىلىپ ئەڭ گۈزەل ئۈلگە بولغان، ساھابىلەر يەتكۈزگەن ۋە 1400 يىلدىن بېرى ئۈممەتنىڭ ئىجماسى بىلەن ئىلمىي سىستېمىسى مۇستەھكەملەنگەن، ئاللاھقا تەسلىم بولغان ھەقىقىي «مۇسلىم»، ئىخلاسمەن «مۆئمىنلەر»لەرمىز. قۇرئاندا تەرىپلەنگەن ھەزرەتى مۇھەممەد سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئۈممىتىمىز.
بىزنىڭ قۇرئانىمىز سۈننەت بىلەن بايان قىلىنغان، ئەمەلىي چۈشەندۈرۈلگەن ۋە ئىزاھلانغان تىرىك، ھاياتبەخش قۇرئاندۇر.
بىزنىڭ دىنىمىز ھاياتنىڭ ھەممە ساھەسىگە ھۆكۈم قىلىدىغان، مۇكەممەل بىر ھاياتلىق تۈزۈمىدۇر.
ئاللاھ تائالا مائىدە سۈرىسىنىڭ 3-ئايىتىدە: «…بۈگۈن مەن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى مۇكەممەل قىلدىم…» دەپ جاكارلىغان. بۇ ئايەت نازىل بولغاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋە ئۇنىڭ سۈننەتلىرى بىۋاسىتە نازارىتى ئاستىدا تولۇق ئىجرا قىلىنىۋاتقان چاغ ئىدى. دېمەك مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن دىن؛ ھەم قۇرئاننى ھەم سۈننەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل دىندۇر. ئاللاھ مۇكەممەل قىلغان ئېتىقادىمىزنىڭ «يېڭىلىنىش» قا ياكى بىر قانچە قالاق تەقلىدچى مايمۇن زىندىقلارنىڭ «تۈزىتىشى» گە ھېچقانداق ئېھتىياجى يوق!
جىددىي ئەسكەرتىش ۋە چاقىرىق:
بۇ «مەنىۋىي ۋىرۇس»لارغا قارىتا «ئاممىۋىي كارانتىنا» ئېلان قىلىش
يۇقىرىدا دەلىللىرى بىلەن ئىسپاتلىغىنىمىزدەك، بۇ «ھەدىس ئىنكارچىلىرى» (زىندىقلار) ئاددىي بىر پىكىر ئېقىمى ئەمەس، بەلكى ئۈممەتنىڭ ئىمانىنى، مىللەتنىڭ بىرلىكىنى ۋە ۋەتەننىڭ ئازادلىق روھىنى ئىچىدىن چىرىتىۋاتقان «يەڭ ئىچىدىكى يىلان» ۋە «ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ ۋىرۇسى»دۇر. ۋىرۇسنىڭ دورىسى بولسا، ئۇنى «يالغۇر قالدۇرۇش» Isolation / كارانتىنا قىلىش تۇر. شۇڭا، بارلىق ۋەتەنپەرۋەر، ئىمانلىق ئۇيغۇر جامائىتى بۇ خائىنلارغا قارىتا تۆۋەندىكىدەك كەسكىن پوزىتسىيە تۇتۇشى ۋە «ئىجتىمائىي تازىلاش» ئېلىپ بېرىشى شەرت:
1 – ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش (سالام-سائەتنى توختىتىش):
مۇسۇلماننىڭ سالامى، تىنچلىق ۋە دۇئادۇر. پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىنى ئىنكار قىلغان، ئۈممەتكە خىيانەت قىلغان بۇنداق كىشىلەر بىزنىڭ دۇئايىمىزغا ۋە ھۆرمىتىمىزگە لايىق ئەمەس. ئۇلارنى كۆرگەندە يۈز ئۆرۈش، سالام قىلماسلىق ۋە سالامىنى ئالماسلىق، ئۇلارنىڭ باتىل ئېقىمىغا قايتۇرۇلىدىغان ئەڭ چوڭ رەددىيەدۇر. ئۇلار جەمئىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ نەقەدەر يىرگىنچلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلسۇن.
2 – قۇدا-باجا بولماسلىق (نەسەبنى قوغداش):
بۇنداق ئەقىدىسى ۋە قېنى بۇزۇق، پىكىرى زەھەرلىك كىشىلەر بىلەن قىز ئېلىش-قىز بېرىش — كېيىنكى ئەۋلادنى زەھەرلەش دېمەكتۇر. ئۇلارنىڭ «خىتاي بىلەن توي قىلىش جائىز» دېگەن پەتىۋاسىنى ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ، ئۇلارنى ئۆزلىرى ياخشى كۆرىدىغان شۇ «ئاتائىستلار»غا ئىتتىرىپ بېرىش كېرەك. پاك ئۇيغۇر قېنى ۋە ئىمانى بۇلار بىلەن بۇلغانمىسۇن!
3 – دىنىي مۇراسىملاردىن چەكلەش (توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراق، چاي ۋە مېھماندارچىلىقلىرىغا بارماسلىق، چاقىرماسلىق):
بۇلارنى ھېچقانداق سورۇنغا، توي-تۆكۈنگە، نەزىر-چىراقلارغا ۋە جامائەت يىغىلىشلىرىغا تەكلىپ قىلماسلىق كېرەك. ئەگەر ئۇلار كەلگەن سورۇن بولسا، ئەھلى سۈننەت جامائىتى ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشى كېرەك. ئۇلار خەلق ئىچىدە يالغۇز قالسۇن، سىقىپ چىقىرىلسۇن.
4 – جىنازىسىغا بارماسلىق:
ئۇلار ھاياتىدا «جىنازە نامىزى يوق، قۇرئاندا كەلمىگەن» دەپ پەتىۋا بەرگەنىكەن، ئۇلار ئۆلگەندىمۇ ئۇلارغا جىنازە نامىزى ئوقۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇلارنىڭ ئۆلۈكى مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىستانلىقىنى بۇلغىمىسۇن. خۇددى مۇناپىقلارنىڭ كاتتىۋېشى ئابدۇللاھ بىننى ئۇبەي ئۆلگەندە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇنىڭ جىنازىسىنى چۈشۈرۈشنى توسقىنىدەك، بۇلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلىنىشى كېرەك.
5 – تور دۇنياسىدىن سۈپۈرۈپ تاشلاش
ۋاتساپ، تېلېگرام قاتارلىق ئالاقە توپلىرىدىن (گۇرۇپپىلاردىن) بۇنداق شەخسلەر دەرھال چىقىرىۋېتىلىشى، چىقارمىغان گۇرۇپپىلاردىن ئەھلى سۈننەت جامائىتى چېكىنىپ چىقىشى كېرەك. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا (فەيسبۇك، يۇتيۇب) ئۇلارنى (Block) قىلىش، ئۇلارنىڭ زەھەرلىك سۆزلىرىگە سەھنە ھازىرلاپ بەرمەسلىك، ھەممەيلەن بىرلىكتە دوستلۇقتىن ئۆچۈرۈپ تاشلاش كېرەك.
قىسقىسى:
بۇ «يەڭ ئىچىدىن چىققان يىلانلار» ۋە «قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان بۆرىلەر»گە ھەرگىزمۇ كەڭ قورساقلىق قىلىشقا بولمايدۇ. بىز ئۇلارنى جەمئىيىتىمىزدە تەسىرسىز ھالغا كەلتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنى خىيانەتلىرىنىڭ بەدىلى سۈپىتىدە خەلق ئارىسىدا بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭالمايدىغان، تۈكۈرۈككىلا لايىق ھالغا كەلتۈرۈشىمىز — ئىمانىمىزنىڭ ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكىمىزنىڭ تەقەززاسىدۇر!
**** *** ***** **** ***** ***
ئىزاھاتلار:
1 – ئىزاھات:
ئىگناز گولدزىھېر (Ignaz Goldziher) — زامانىۋى ھەدىس ئىنكارچىلىقىنىڭ «يەھۇدىي ئاتىسى»
ئىگناز گولدزىھېر (1850-1921): ۋېنگىرىيەلىك مەشھۇر يەھۇدىي شەرقشۇناس. ئۇ غەرب دۇنياسىدا ئىسلام دىنى ۋە ھەدىس ئىلىملىرىگە قارىتا سىستېمىلىق گۇمان ۋە تەنقىد پەيدا قىلغان تۇنجى شەخس ھېسابلىنىدۇ.
ئۇ ئۆزىنىڭ «مۇھەممەد تەتقىقاتلىرى» (Muhammedanische Studien) ناملىق كىتابىدا: «ھەدىسلەر پەيغەمبەرنىڭ سۆزى ئەمەس، بەلكى كېيىنكى ئەسىرلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ سىياسىي ۋە مەزھەبىي تالاش-تارتىشلىرى جەريانىدا ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان» دېگەن زەھەرلىك قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
19 – ئەسىردىن باشلاپ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا (مىسىر، ھىندىستان، تۈركىيە ۋە بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۇيغۇرلار) ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان بارلىق «قۇرئانچى» ۋە «ھەدىس ئىنكارچىلىرى»نىڭ ئاساسلىق مەنبەسى دەل مۇشۇ يەھۇدىي شەرقشۇناسىنىڭ قاراشلىرىدۇر. ئۇلار گەرچە «قۇرئاننى قوغدايمىز» دەپ دەۋا قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئاغزىدىن چىقىۋاتقان سۆزلەر ئاللاھنىڭ ئەمەس، بەلكى گولدھايزېرنىڭ سۆزلىرىدۇر. شۇڭا ئۇ، دۇنيا مىقياسىدىكى «يېڭىچە ھەدىس ئىنكارچىلىقىنىڭ ئاتىسى» دەپ قارىلىدۇ، ھەدىس ئىنكارچىلىقىمۇ «گولدزىھېرنىڭ ئۇيدۇرغان دىنى» دەپ ئاتىلىدۇ.
2 – ئىزاھات: لورد كرومېر (Lord Cromer) كىم؟
ئەسلى ئىسمى ئېۋلىن بارىڭ (1841–1917) بولۇپ، ئۇ 24 يىل (1883–1907) مىسىرنى «تۆمۈر مۇشت» بىلەن باشقۇرغان ئەنگىلىيەنىڭ باش مۇستەملىكە ۋالىيسىدۇر. ئۇ ئىسلام دۇنياسىنى ھەربىي كۈچ بىلەن ئەمەس، بەلكى «پىكرىي ئۆزگەرتىش» ئارقىلىق بويسۇندۇرۇش نەزەرىيەسىنىڭ مېمارى (لايىھىلىگۈچىسى) ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىڭ بۇ ماقالىدە تىلغا ئېلىنىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ مەشھۇر «ئىسلاھ قىلىنغان ئىسلام — ئەمدى ئىسلام ئەمەس» (Islam reformed is Islam no longer) دېگەن سۆزىدە يوشۇرۇنغان. ئۇنىڭ مەقسىتى؛ مۇسۇلمانلارنى خىرىستىيان قىلىش ئەمەس، بەلكى ئىسلامنىڭ ئىچىدىكى جىھاد، شەرىئەت ۋە خىلاپەت رۇھىنى سۇغۇرۇۋېتىپ، ئۇنى غەربكە قارشى تۇرالمايدىغان، پەقەت شەخسىي ۋىجدانغا قامالغان «يۇمشاقباش بىر پەلسەپە»گە ئايلاندۇرۇش ئىدى. بۈگۈنكى ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ «ئەقىلچىلىك» ۋە «زامانىۋىلىق» دەۋالىرى، ئەمەلىيەتتە كرومېرنىڭ 100 يىل بۇرۇن سىزىپ بەرگەن مۇشۇ سىياسىي سىزىقىنىڭ كۆچۈرۈلمىسىدۇر.
3 – ئىزاھات: «ئۇيغۇرلار خىتايلار بىلەن توي قىلسا بولىدۇ» پەتۋا دوكتور ئابدۇلئەزىز باياندىرنىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن سۇلايمانىيە ۋەقفى ئەرەبچە توربېتىدە ھازىرمۇ مەۋجۇت.تۆۋەندىكى ئۇلىنىشقا قاراڭ:
4 – ئىزاھات:
بەلئام بىننى باۋرا (Bal’am bin Ba’ura) — ئىسلام تارىخىدا «دىننى دۇنياغا سېتىش»نىڭ، ئىلىمىنى زالىمنىڭ خىزمىتىگە بېرىشنىڭ ۋە «ساراي ئۆلىمالىرى»نىڭ قاراڭغۇ سىمۋولىدۇر. ئۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە ياشىغان، ئەسلىدە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى بىلىدىغان، دۇئاسى ئىجابەت بولىدىغان، ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئالىم ئىدى. ئەمما ئۇ دۇنياۋى مەنسەپ ۋە بايلىققا قىزىقىپ، زامانىسىنىڭ زالىم ھۆكۈمدارىغا يانتاياق بولغان ۋە ھەتتا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا (يەنى ھەق پەيغەمبەرگە) قارشى بەددۇئا قىلىشقا ئۇرۇنغان.
ئاقىۋەتتە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئىلىمىنى ۋە مەرتىۋىسىنى تارتىۋېلىپ، ئۇنى مەڭگۈلۈك خارلىققا مەھكۇم قىلغان. ئاللاھ تائالا ئەئراف سۈرىسىنىڭ 175- ۋە 176-ئايەتلىرىدە ئۇنىڭ مىسالىنى خۇددى قوغلىسىمۇ، تۇرغۇزۇپ قويسىمۇ تىلىنى ساڭگىلىتىپ تۇرىدىغان **«ئىت» قا ئوخشاتقان.
بۈگۈنكى كۈندە، بىلىپ تۇرۇپ زالىم خىتاينىڭ سىياسىتىنى ئاقلاپ پەتىۋا بېرىدىغان زىندىقلار ۋە «ساراي موللىلىرى» دەل مۇشۇ بەلئامنىڭ مەنىۋىي ۋارىسلىرىدۇر.
ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ ئەقلىي ۋەيرانچىلىقى (11-قىسىم: خاتىمە)
مۇستەملىكىچىنىڭ ساداقەتمەن قۇلى: «سېر» سەييىد ئەھمەد خان ۋە ئەلىگەردىكى خىيانەت
ئون بۆلۈمگە سوزۇلغان بۇ پىكىر جەڭگاھىمىزدا، بىز «قۇرئانچىلىق» نىقابىدىكى زامانىۋى زىندىقلارنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى ئېچىپ تاشلىغان ئىدۇق. ئالدىنقى بۆلۈمدە، بۇ ئېقىمنىڭ غەيرى مەشرۇ ئاتىسى سېر سەييىد ئەھمەد خاننىڭ ئىنگلىز ئىستىخباراتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى پاكىتلىق ئاشكارىلىغىنىمىزدا، ئۇيغۇر زىندىقلارنىڭ دىمى ئىچىگە چۈشۈپ، نەقەدەر بىئارام بولغانلىقىنى كۆردۇق.
قىزىقارلىق يېرى، بۇ پاكىتلارغا بىۋاسىتە جاۋاب بېرەلمىگەن «ھەدىس ئىنكارچىلىرى»، ئاخىرىدا ئۆزلىرىگە ماسلىشىدىغان، پاكىستاندىكى مۆتىۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى «گۇمانلىق» دەپ قارايدىغان بىر سودىگەرنى ئىتتىرىپ ئالدىغا چىقاردى. ئۇنىڭ ماڭا قارىتا چىقارغان يازمىسىنى بەستە بەستە ھەمبەھىرلەشتى. ھەتتا ماڭا ھاقارەت قىلىپمۇ ئۈلگۈردى.
بۇ كىشى پاكىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا «بالىلىرىمىزنى بېيجىڭغا ئوقۇشقا ئەۋەتەيلى، كەلگۈسى پارلاق بولىدۇ» دەپ، خىتاينىڭ «مېڭە يۇيۇش» مائارىپىنى «بىلىم» دەپ بازارغا سالغانلىقى ئۈچۈن ئېغىر تەنقىدكە ئۇچرىغان سودىگەر ئابدۇل قەييۇم ئەپەندى ئىدى.
بۇ «جاناپ» يېقىندا ماڭا قارىتا ئېلان قىلغان يازمىسىدا، ناھايىتى «سىپايە» ۋە «ئەدەپ»لىك قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، مېنى «تەكەببۇرلۇق» بىلەن ئەيىبلەپتۇ. ئۇ سېر سەييىد ئەھمەد خاننى «مائارىپنىڭ بايراقدارى»، «زامانىۋى پىكىرنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى رەھبىرى» دەپ تەرىپلەپ، مېنى تارىخىي شەخسكە تۆھمەت قىلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرىپتۇ. ھەتتا: «پاكىستاندا ئۇنى ئون مىليونلىغان ئادەم ياخشى كۆرىدۇ، سىز نېمىشقا خەلق ئارىسىدا يالغان چۈشەنچە پەيدا قىلىسىز؟» دەپ نەسىھەتمۇ قىلىپتۇ.
ھۆرمەتلىك ئابدۇل قەييۇم ئەپەندى!
سىزنىڭ بۇ «ئەدەپلىك» ئۇسلۇبىڭىزغا ۋە مېنى «ئەقىللىق دىنىي زات» دەپ تەرىپلەپ كەتكەن سۇپايىلىىڭىزغا رەھمەت. ئەمما سىزنىڭ «سىپايە» سۆزلىرىڭىز، ماھىيەتتىكى «خىيانەت لوگىكىسى» نى يېپىپ كېتەلمەيدۇ.
سىز سېر سەييىد ئەھمەد خاننى «مائارىپچى»، «خەلقنى زامانىۋىلاشتۇرغان قەھرىمان» دەپ ئاقلاپ كۆككە كۆتۈرۈپسىز. مەن سىزنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق دەيدىغانلىقىڭىزنى بەك ياخشى چۈشىنىمەن دېسەم ئاشۇرغان بولمايمەن.
چۈنكى، سېر سەييىد ئەھمەد خاننىڭ نەزىرىدە: «مۇسۇلمانلارنىڭ تەرەققىياتى — ئىنگلىزغا بويسۇنۇش ۋە غەرب ئىدىيەسىنى قوبۇل قىلىشتا» ئىدى.
سىزنىڭمۇ نەزىرىڭىزدە خۇددى سېر سەييىدكە ئوخشاشلا: «پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تەرەققىياتى — بېيجىڭغا بېرىپ خىتايچە ئوقۇش ۋە خىتاي بىلەن ماسلىشىش» بولغانلىقىدىن سىز پاكىستاندىكى ئۇيغۇر قىز يېگىتلىىرمىزنى بېيجىڭغا ئوقۇشقا بېرىشكە ئۈندەپ يازمىلارنى ئېلان قىلغانلىقىڭىز ھەممىگە مەلۇم.
ئېسىڭىزدە بولسا كېرەك، تارىختا سېر سەييىد ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنى «ئىنگلىزلاشتۇرۇش» ئارقىلىق قۇتقۇزماقچى بولۇپ بۇرنىغا يېگەن بولسا، سىز بۈگۈن ئۇيغۇر بالىلىرىنى «خىتايلاشتۇرۇش» (يەنى بېيجىڭغا ئەۋەتىش) ئارقىلىق قۇتقۇزماقچى بولغانلىقىڭىزنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئېلان قىلىپ بۇرنىڭىزغا يېگەن ئىدىڭىز.
مەقسەت ۋە ئۇسلۇب جەھەتتىكى بۇ «ئاجايىپ ئوخشاشلىق»، سىزنىڭ نېمە ئۈچۈن سېر سەييىدنى بۇنچە جان كۆيدۈرۈپ ئاقلايدىغانلىقىڭىزنىڭ سىرىنى ئېچىپ بېرىشكە يېتىپ ئاشىدۇ. «قۇشقاچ قۇشقاچ بىلەن، غاز غاز بىلەن» دېگەندەك، «زامانىۋى ماسلاشقۇچىلار»نىڭ بىر-بىرىنى قوغدىشى سىزنىڭمۇ ھەدىس ئىنكارچىسى ئۇيغۇر زىندىقلارغا بولۇشۇپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇدا بىرقانچە بارماققا ئېرىشىش ئارقىلىق نوپىزىڭىزنى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بولسىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ۋە زىندىقلارغا ياخشىچاق بولۇشقا ئۇرىنىشىڭىز تەبىئىي بىر ئەھۋال.
سىز «پاكىستاندا سېر سەييىدنى 10 مىليونلارچە ئادەم ياخشى كۆرىدۇ» دەپسىز.
بۇرادەر، سىزدىن سوراپ باقاي، بۇ سانلىق مەلۇماتنى قەيەردىن تاپتىڭىز؟ مەن شۇنچە ماتېرىيال كۆرۈپمۇ ئۇنداق بىر ئىستاتىستىكا ئۇچرىتىپ باقمىدىم. بۇنى ھېسسىياتىڭىزنى باسالماي قورسىقىڭىزدىن ئويدۇرۇپ چىققانلىقىڭىز كۆرۈنۈپلا تۇرىدۇ. ياكى ئۇلارنى بىر يەرگە يېغىپ ساناپ چىققان بولسىڭىز ئەھۋال باشقا.
مەنمۇ پاكىستاننى سىز بىلەن تەڭ ئەمەس، بەلكى سىزدىن ياخشىراق بىلىمەن، چۈنكى مەن ئاساسلىق ئىلمىي مەنبەلەرگە تايىنىمەن، سىزگە ئوخشاش بازاردىكى ئەپقاچتى گەپلەرگە ئەمەس. پاكىستاندا سېر سەييىدنى ياخشى كۆرىدىغانلار بولۇشى مۇمكىن، ئەمما سىز مۇبالىغىلەشتۈرۈپ كاسىڭىزنىڭ ئاستىدىن ئويدۇرۇپ چىققان سانلىق مەلۇماتتىكىدەك يۇقىرى دەرىجىدە ئەمەس. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى دەل سېر سەييىد تەشۋىق قىلغان، ئىنگلىزلار لايىھەلىگەن مائارىپ سىستېمىسىدا مېڭىسى يۇيۇلغان، ئۈممەتنىڭ لەنىتىگە ئۇچراپ تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا كۆمۈلگەن پەرۋىزىيلارنىڭ قالدۇقلىرى ياكى ئۆز تارىخىدىن ۋە دىنىدىن يىراقلاشقان «غەربپەرەس» پاكىستانلىقلار بولىشى مۇمكىن.
سىز مېنى «ئىنكاسىمنى ئۆچۈرۈۋېتىپتۇ، تەكەببۇرلۇق قىلدى» دەپ ئاغرىنىپسىز.
خاتا چۈشەنمەڭ، ئەپەندىم. بىزنىڭ سەھىپىمىز ئەخلەتخانا ئەمەس.
ئىلمىي پىكىرگە ھۆرمەت قىلىمىز، ئەمما خائىنلارنى ئاقلايدىغان، مىللەتنىڭ مېڭىسىنى زەھەرلەيدىغان «ۋىرۇس»لارنى تازىلاش — تەكەببۇرلۇقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى جامائەتنىڭ پىكىر ساغلاملىقىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىمىزدىندۇر. زەھەرلىك ئىدىيەلەرنى توسۇشىمىز پەقەت ئىمانىي مەجبۇرىيىتىمىزدۇر.
شۇڭا، كېلىڭ، «ئەدەپ» ۋە «سىپايىلىق» پەردىسىنى قايرىپ قويۇپ، سىز «كاتتا ئالىم» دەپ مەدھىيەلەۋاتقان بۇ سېر سەييىد ئەھمەد خاننىڭ تارىختا ئەمەلىيەتتە كىمگە خىزمەت قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ لوندون بىلەن بولغان «مەخپىي سودىسى» نى ھۆججەتلەر بىلەن كۆرۈپ باقايلى. بەلكىم شۇ چاغدا، سىز ئۆزىڭىزنىڭمۇ قايسى يولدا كېتىۋاتقانلىقىڭىزنى تونۇپ، تەۋبە قىلىشقا مۇيەسسەر بولۇپ قالسىڭىز ئەجەب ئەمەس.
يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك ئون بۆلۈمگە سوزۇلغان بۇ كەسكىن ۋە ھەقىقەتنى ئېچىش جەريانىدا، بىز «قۇرئانچىلىق» نىقابىغا ئورىنىۋالغان زامانىۋى زىندىقلارنىڭ دىنىي ۋە لوگىكىلىق ساختىپەزلىكلىرىنى بىر-بىرلەپ ئاشكارىلىدۇق. ئەمدى نۆۋەت بۇ «زەھەرلىك دەرەخ»نىڭ يىلتىزىغا، يەنى بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ ئىچىمىزدىن چىقىۋاتقان ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ «غەرىي مەشرۇ ئاتىسى»، ئىسلام دۇنياسىدىكى زامانىۋى مۇناپىقلىقنىڭ پېشىۋاسى — سېر سەييىد ئەھمەد خاننىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى، ئۇنىڭ لوندوندىكى خوجايىنلىرى بىلەن بولغان مەخپىي سودىسىنى تولۇق پاكىتلار بىلەن ئېچىپ تاشلاشقا كەلدى.
بۈگۈنكى كۈندە ئۆزلىرىنى «زامانىۋى ئىسلام ئىسلاھاتچىلىرى» دەپ ئاتىۋالغان ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ ئىدىيەۋى پېشىۋاسى بولغان سەييىد ئەھمەد خاننىڭ ھاياتى ۋە سىياسىي مەۋقەسى بىلەن تونۇشقىنىمىزدا، بۇ ئېقىمنىڭ ئىسلامنى يېڭىلاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى «مۇستەملىكىچى بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكى» ئۈچۈن ئىجاد قىلىنغان بىر «سىياسىي قۇرۇلما» ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىدۇ.
«سېر» (Sir) ئۇنۋانى: قۇللۇقنىڭ مېداليونى
تارىخ بىزگە شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇكى، سەييىد ئەھمەد خانغا بېرىتانىيە خانىشى تەرىپىدىن بېرىلگەن «سېر» (Star of India) رىتسارلىق ئۇنۋانى، ئىلمىي ئۇنۋان ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ 1857-يىلدىكى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئازادلىق قوزغىلىڭى (سىپاھىلار قوزغىلىڭى) مەزگىلىدە، ئۆز قېرىنداشلىرىغا خىيانەت قىلىپ، قانغا مېلەنگەن مۇسۇلمان مۇجاھىدلارنىڭ جەسىتىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، ئىنگلىز ئەمەلدارلىرىنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقى ۋە مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەتكە كۆرسەتكەن چەكسىز ساداقىتى ئۈچۈن بېرىلگەن بىر «قۇللۇق مېداليونى» ئىدى.
ئۇ، ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ «سېر» دېگەن مېداليونىنى بوينىغا ئېسىۋېلىپ گېدىيىپ يۈرۈشتىن نومۇس قىلمىغان بىر شەخستۇر. ئۆز خەلقىنى ئىشغال قىلغان ئىشغالىيەتچىلەر تەرىپىدىن بېرىلگەن بۇ ئۇنۋان، ئۇنىڭ ئىدىيەسىنىڭ مەككە-مەدىنىدىن ئەمەس، بەلكى لوندون سارايلىرىدىن سۇ ئىچكەنلىكىنىڭ ئەڭ ئوچۇق دەلىلىدۇر.
«جىھاد ھارام، ئىتائەت ۋاجىپ»: ئىشغالىيەتنى قانۇنلاشتۇرغان سىياسىي پەتىۋاسى
سەييىد ئەھمەد خاننىڭ ئىسلام دۇنياسىغا قىلغان ئەڭ چوڭ خىيانىتى، ئۇنىڭ شەرىئەتنى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ماسلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشىدۇر. ئۇ ئۆزىنىڭ «تەفسىرۇل قۇرئان» ناملىق ئەسىرىدە ۋە لوندوندا تۇرۇپ يازغان ماقالىلىرىدە:«بېرىتانىيە ھۆكۈمىتى بىزگە دىنىي ئەركىنلىك بەردى، شۇڭا ھىندىستان <دارۇلھەرب> (ئۇرۇش تۇپرىقى) ئەمەس. ئىنگلىزلارغا قارشى جىھاد قىلىش ھارام، ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتىگە سادىق بولۇش ۋە ئىتائەت قىلىش ۋاجىپ» دەپ نومۇسسىزلارچە پەتىۋا چىقارغان ئىدى.
بۇ پەتىۋا، ئەينى ۋاقىتتا ئىنگلىز ئىشغالىيىتىگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقان مۇجاھىدلارنىڭ قولىدىكى قورالنى تاشلىتىش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدىكى قارشىلىق رۇھىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان «سىياسىي زەھەر» ئىدى. ئۇ ھەدىسلەرنى دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، يەنى ھەدىسلەردىكى جىھاد، خىلاپەت ۋە ئۈممەتچىلىك روھىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىنكار قىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.
بۇ خىيانەتنىڭ يەنە بىر تارىخىي ئىسپاتى، ئۇ قۇرغان زىندىقلار «زامانىۋى ئىسلام»نىڭ بۆشۈكى دەپ ئاتىغان ئەلىگەر (Aligarh) ئۇنىۋېرسىتېتى (ئەسلىدىكى Anglo-Oriental College) بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.
سەييىد ئەھمەد خاننىڭ بۇ مەكتەپتە «مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلىش»، «پەرىشتە ۋە جىنلارنى رەت قىلىش» ۋە «غەربكە چوقۇنۇش»نى تەشۋىق قىلىشى، ئەينى دەۋردىكى ۋىجدانلىق ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋە ئەھلى سۈننەت ئۆلىمالىرىنىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغىغان. خەلق بۇ «پىتنىنىڭ ئۇۋىسى»نى تاقاش ۋە بۇ زىندىقلىقنى توسۇش ئۈچۈن مەكتەپنى قورشىۋالغاندا، ئۇنى خەلقنىڭ غەزىپىدىن كىم قۇتقۇزغان؟ ئىنقىلابچىلارمۇ؟ ياق!
بېرىتانىيە ھۆكۈمىتى بۇ سادىق خىزمەتكارىنى ۋە ئۇنىڭ قۇرغان «مانقۇرت يېتىشتۈرۈش مەكتىپى»نى قوغداش ئۈچۈن، 25 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم ھەربىي قوشۇننى ئەۋەتىپ، مەكتەپنى ۋە سەييىد ئەھمەد خاننى مۇسۇلمان خەلقىنىڭ قورشاۋىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان ئىدى.
بىر ئاتالمىش «ئىسلام ئالىمى» نى، شۇ دىننىڭ مۇسۇلمانلىرىدىن قوغداش ئۈچۈن نېمىشقا كاپىر ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ قوشۇنى كېلىدۇ؟ جاۋابى ئېنىق. چۈنكى ئۇ مەكتەپ ئىسلامنىڭ قەلئەسى ئەمەس، بەلكى ئىمپېرىيەنىڭ «ئىدىيەۋى مۇستەملىكە بازىسى» ئىدى.
خىيانەتنىڭ ھۆججەتلىرى: تارىخىي ئىسپات ۋە مەنبەلەر
سېر سەييىد ئەھمەد خاننىڭ ئىنگلىزپەرەسلىكى، «جىھادنى چەكلىشى» ۋە غەربنىڭ ھامىيلىقىغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە پايدىلىنىشقا بولىدىغان ئىشەنچلىك مەنبەلەر (كىتاب ۋە ماقالىلەر)نى كۆرسىتىپ ئۆتىمىز. ھەقىقەت ئىزدىگۈچىلەر تۆۋەندىكى مەنبەلەرگە قارىسا بولىدۇ:
1 – بىرىنچى قول مەنبە: سەييىد ئەھمەد خاننىڭ ئۆز ئەسەرلىرى (جىنايەتچىنىڭ ئۆز قەلىمى بىلەن ئىقرارى)
كىتابنىڭ ئىسمى: ھىندىستاندىكى سادىق مۇسۇلمانلار «The Loyal Mohammedans of India»
ئاپتورى: سېر سەييىد ئەھمەد خان
مەزمۇنى: ئۇ بۇ كىتابتا 1857-يىلدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئازادلىق قوزغىلىڭىنى «بۇزغۇنچىلىق» دەپ ئەيىبلەيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ ئىنگلىز ئەمەلدارلىرىنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسىگە سادىق بولۇشى كېرەكلىكىنى يازىدۇ.
كىتابنىڭ ئىسمى: سېر سەييىد ئەھمەدخاننىڭ قۇرئان تەپسىرى
(Tafsir al-Quran – Sir Syed Ahmed Khan)
مەزمۇنى: ئۇ بۇ تەپسىرىدە جىن، پەرىشتە، مۆجىزىلەرنى ئىنكار قىلىدۇ ۋە «جىھاد» ئايەتلىرىنى ئىنگلىز ھاكىمىيىتىگە زىيان يەتكۈزمەيدىغان شەكىلدە تەۋىل قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ دىننى بۇرمىلاپ، «پروتېستانتچە ئىسلام» نى قانداق بەرپا قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنىڭ پولاتتەك ئىسپاتى.
كىتابنىڭ ئىسمى: : The Causes of the Indian Revolt «ھىندىستان ئىسيانىنىڭ سەۋەبلىرى / ئەسبابى باغاۋاتى ھىند»
ئاپتورى: سېر سەييىد ئەھمەد خان
مەزمۇنى: ئۇ كىتابىدا قوزغىلاڭنىڭ سەۋەبىنى ئىشغالىيەت ۋە زۇلۇمغا ئەمەس، مۇسۇلمانلارنىڭ «جاھىللىقى» غا دۆڭگەپ، ئىنگلىزلارنى ئاقلاش دوكلاتى سۇنىدۇ.
2 – غەربلىك تارىخچىلار ۋە بىئوگرافىيە يازغۇچىلىرى (ئىنگلىزچە مەنبەلەر)
بېرىتانىيەلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ «سادىق دوستى» ھەققىدە نۇرغۇن خاتىرىلەرنى قالدۇرغان:
كىتابنىڭ ئىسمى: The Life and Work of Syed Ahmed Khan
ئاپتورى: G.F.I. Graham (بېرىتانىيەلىك گېنېرال)، 1885-يىلى لوندوندا نەشر قىلىنغان.
مەزمۇنى: بۇ ئىنگلىز ئوفىتسېرى سەييىد ئەھمەد خاننىڭ ئىنگلىز ھۆكۈمىتى ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىنى، ئۇنىڭغا بېرىلگەن «سېر» (Star of India) ئۇنۋانىنىڭ تەپسىلاتىنى ۋە ئىنگلىزلارنىڭ ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى تەپسىلىي يازغان.
كىتانىڭ ئىسمى: The Indian Musalmans
ئاپتورى: W.W. Hunter
مەزمۇنى: بۇ كىتابتا ئىنگلىزلارنىڭ نېمىشقا ئەنئەنىۋى ئۆلىمالارغا ۋە مۇجاھىدلارغا قارشى تۇرۇپ، سەييىد ئەھمەد خانغا ئوخشاش «يېڭىچە زىيالىي»لارنى قوللىشى كېرەكلىكى ۋە بۇنىڭ ئىمپېرىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك زور ئەھمىيىتى بايان قىلىنغان.
3 – ئىسلام دۇنياسىدىكى تەنقىدىي مەنبەلەر
كىتابنىڭ ئىسمى: ھاياتى جاۋىد (Hayat-e-Javed) –
ئاپتورى: ئالتاف ھۈسەيىن ھالى.
گەرچە بۇ كىتاب سەييىد ئەھمەد خاننىڭ تەرجىمىھالىنى مەدھىيەلەش ئۈچۈن يېزىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاپتور بۇ كىتابتا مۇسۇلمان خەلقىنىڭ ئۇنىڭغا «كاپىر، دەججال، خرىستىيانلارنىڭ جاسۇسى» دەپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ۋە ئىنگلىز ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنى قوغدىغانلىقىنىمۇ يازغان.
پەتىۋا توپلىمى: ھۇسامۇل ھەرەمەين (Husam al-Haramain) –
ئاپتورى: ئەھمەد رىزا خان بارەلىۋىي.
بۇ كىتابتا ئەينى دەۋردىكى ئەرەب ۋە ئەجەم ئالىملىرىنىڭ سەييىد ئەھمەد خاننىڭ ئىدىيەسىگە قارىتا «كۇپرىلىق» دەپ چىقارغان پەتىۋالىرى توپلانغان.
4 – زامانىۋى ئىلمىي تەتقىقاتلار
كىتابنىڭ ئىسمى: ھىندىستان ۋە پاكىستاندىكى ئىسلام مودېرنىزىمى Islamic Modernism in India and Pakistan
ئاپتورى: Aziz Ahmad
(ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرى). بۇ ئەسەر ئۇنىڭ ھەرىكىتىنىڭ «سىياسىي ماسلىشىش (Political Loyalism) ئىكەنلىكىنى ئىلمىي ئانالىز قىلىدۇ.
200 رۇپىيەلىك ئىمان: «خىيانەتنىڭ بەدىلى»
ئەمدى بىز سېر سەييىد ئەھمەد خاننىڭ ئۆزىنىڭ ساداقەت قەسىمى ۋە ئاخىرقى تىنىقىغىچە كىمگە خىزمەت قىلغانلىقى ھەققىدىكى تارىخىي پاكىتلارنى بايان قىلىمىز.
سەييىد ئەھمەد خاننىڭ 1857-يىلدىكى مۇسۇلمانلار قوزغىلىڭى (ئازادلىق ئۇرۇشى) مەزگىلىدە، بىجنور (Bijnor) شەھىرىدىكى ئىنگلىز ئەمەلدارلىرىنىڭ ھاياتىنى مۇسۇلمان مۇجاھىدلىرىدىن قۇتقۇزۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، بېرىتانىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا، شۇ دەۋر ئۈچۈن ناھايىتى چوڭ پۇل ھېسابلىنىدىغان مەخسۇس «مۇكاپات» ۋە «پېنسىيە» بەلگىلىگەن.
پاكىت (ئەسلى مەنبە):
G.F.I. Graham, The Life and Work of Syed Ahmed Khan, London, 1885, Page 28.
كىتابتىكى ئەسلى تېكىست (نەقىل):
«For these services Syed Ahmed received a khilat of the value of 1000 rupees, and a special pension of 200 rupees per month for his life and that of his eldest son.»
ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى:
«بۇ (ئىنگلىزلارنى قۇتقۇزۇش) خىزمەتلىرى ئۈچۈن، سەييىد ئەھمەد خانغا 1000 رۇپىيە قىممىتىدە «شەرەپ تونى» (خىلئەت) ۋە ئۇنىڭ ئۆزى ھەم چوڭ ئوغلى ئۈچۈن ئۆمۈرۋايەتلىك، ھەر ئېيىغا 200 رۇپىيەلىك «ئالاھىدە پېنسىيە» بېرىلدى»
ئەينى ۋاقىتتا ھىندىستاندا ئادەتتىكى بىر ئادەمنىڭ ئايلىق كىرىمى ئاران بىر قانچە رۇپىيە ئىدى. دېمەك ئىنگلىزلار ئۇنى شۇ دەۋرنىڭ شارائىتىدا ئىنتايىن چوڭ بىر «بايلىق» بىلەن مۇكاپاتلىغان ئىدى.
دېمەك، ئۇنىڭ «جىھاد ھارام» دەپ پەتىۋا بېرىشى بىكارغا ئەمەس، بەلكى مۇشۇ «ئۆمۈرۋايەتلىك 200 رۇپىيەلىك پېنسىيە»گە ئىمانىنى ساتقانلىق ئىدى.
«سېر» (Sir) ئۇنۋانى ۋە ساداقەت مۇراسىمى
1869 – يىلى سەييىد ئەھمەد خان لوندونغا بارغاندا، ئۇنىڭغا «ھىندىستان چولپىنى» (Companion of the Star of India – C.S.I) ئوردېنى بېرىلگەن بولۇپ، كېيىنچە 1888-يىلى رەسمىي ھالدا «سېر» (Knight Commander – K.C.S.I) ئۇنۋانى بېرىلگەن.
1877 – يىلى، ئەلىگەر مەكتىپىنىڭ ئۇلى سېلىنغاندا، بېرىتانىيەنىڭ ھىندىستاندىكى ئالىي ۋەكىلى (Viceroy) لورد لىتتون (Lord Lytton) سەييىد ئەھمەد خاننى ماختاپ مۇنداق دېگەن:
پاكىت (ئەسلى مەنبە):
G.F.I. Graham, The Life and Work of Syed Ahmed Khan, Page 268-270.
لورد لىتتوننىڭ سۆزى (نەقىل):
«The British Government has no better or more loyal subject than Syed Ahmed Khan… He has interpreted the Musalman law in a manner to show that it is compatible with loyalty to the British Crown.»
ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى:
«بېرىتانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سەييىد ئەھمەد خاندىنمۇ ياخشىراق ۋە ئۇنىڭدىنمۇ سادىق بىر پۇقراسى يوقتۇر… ئۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ شەرىئىتىنى، بېرىتانىيە تاجىغا (خانىشىغا) سادىق بولۇش بىلەن زىت كەلمەيدىغان شەكىلدە «قايتا تەپسىرلەپ» چىقتى.»
دىققەت قىلىڭ! يۇقىرىدا ئىنگلىز ۋالىيسى ئوچۇق ئېيتماقتا: «ئۇ شەرىئەتنى بىزگە سادىق بولىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ بەردى» دېمەكتە. بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئىقرار بولامدۇ؟ ئىنگلىزلار ئۇنى ئالىم بولغىنى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىسلامنى ئىنگلىز ھاكىمىيىتىگە بويسۇندۇرۇپ بەرگىنى ئۈچۈن قەدىرلەيتتى.
«سادىق قۇل» نىڭ ئىقرارى: ئىشغالىيەتچىنى «ئادىل ھۆكۈمدار» دەپ مەدھىيەلەش
سەييىد ئەھمەد خان پەقەت ئىنگلىزلار تەرىپىدىن ماختىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ «ھىندىستاندىكى سادىق مۇسۇلمانلار» (The Loyal Mohammedans of India) ناملىق كىتابىدا، ئىنگلىز ھاكىمىيىتىگە بولغان ساداقىتىنى ئىمانىنىڭ بىر قىسمى دەپ باھالاپ تەسۋىرلىگەن.
پاكىت (ئەسلى مەنبە):
Syed Ahmed Khan, The Loyal Mohammedans of India, Meerut, 1860.
كىتابتىكى ئۆز سۆزى (نەقىل):
«I am extremely angry with those ignorant Muslims who rebelled against the British Government… We must remain loyal to the British rule, for it is a just and fair rule ordained by God.»
ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى:
«مەن (1857-يىلىدىكى) بېرىتانىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىسىيان كۆتۈرگەن ئۇ جاھىل مۇسۇلمانلاردىن قاتتىق غەزەپلىنىمەن… بىز چوقۇم بېرىتانىيە ھاكىمىيىتىگە سادىق بولۇشىمىز كېرەك، چۈنكى بۇ ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئادىل ۋە ھەققانىي بىر ھاكىمىيەتتۇر»
ئۆز ۋەتىنىنى بېسىۋالغان، خەلقىنى قىرغىن قىلغان تاجاۋۇزچى كۈچنى «ئاللاھ تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئادىل ھاكىمىيەت» دەپ ئاتاش، بىر مۇسۇلمان ئالىمىنىڭ ئەمەس، بەلكى روھىي دۇنياسى پۈتۈنلەي مۇستەملىكە قىلىنغان بىر «مانقۇرت»نىڭ قىلىدىغان سۆزىدۇر. ئۇنىڭ ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلىشىدىكى تۈپ مەقسەت، مۇشۇ «سادىقلىق» نى شەرىئەتكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئىدى.
خەلقنىڭ نەپرىتى ۋە «خائىن»نىڭ ئاقىۋىتى: جىنازىسىنى كىملەر قوغدىدى؟
سەييىد ئەھمەد خان ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا، ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى تەرىپىدىن شۇنچىلىك قاتتىق نەپرەتكە ئۇچرىغانكى، ئۇنىڭغا «تەبىئەتپەرەس» (Naturist) ۋە «كرىستان» (يوشۇرۇن خرىستىيان) دەپ لەقەم قويۇلغان ئىدى.
تارىخىي مەنبەلەردە خاتىرىلىنىشىچە، ئۇ ئۆلگەندە (1898-يىلى)، ئۇنىڭ جەسىتىنى دەپنە قىلىش جەريانىدا بېرىتانىيە ھۆكۈمىتى غەزەپكە كەلگەن مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ئۇنىڭ قەبرىسىنى ۋەيران قىلىۋېتىشىدىن قورقۇپ، ئەلىگەر مەكتىپىنىڭ ئەتراپىنى ۋە قەبرىستانلىقنى ئىنگلىز ساقچىلىرى ۋە ئەسكەرلىرى بىلەن ئالاھىدە قوغدىغان.
ئۆز ئۆمرىدە «ئىسلامنى قوغدايمەن» دەپ دەۋا قىلغان بۇ كىشىنىڭ جىنازىسىغا، ئەينى دەۋردىكى ھەقىقىي ئىسلام ئالىمى ۋە مۇتەپەككۈرلەردىن ھېچكىشى قاتناشمىغان. ئۇنىڭ جىنازىسىنى ئاساسەن ئىنگلىز ئەمەلدارلىرى، ئۇنىڭ مەكتىپىدىكى مانقۇرت ئوقۇتقۇچىلار ۋە بىر ئوچۇم مۇرىتلىرى ئۇزاتقان.
ئەمدىلىكتە يەنە تارىخ تەكرارلىنىۋاتىدۇ. بۇ تارىخىي پاكىتلار شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، سېر سەييىد ئەھمەد خان، ئىسلام ئىسلاھاتچىسى ئەمەس، بەلكى بېرىتانىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ «شەرقىي ھىندىستان شىركىتى» تەرىپىدىن مائاش بېرىپ بېقىلغان، ئايال پادىشاھ تەرىپىدىن «سېر»لىق ئۇنۋانى بىلەن مۇكاپاتلانغان ۋە ئۆمۈرۋايەت مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قۇرئان ۋە سۈننەتنى بۇرمىلاشقا ۋەزىپىلەندۈرۈلگەن «سىياسىي لايىھە» (Project) ئىدى.
بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ ئىچىمىزدىن چىققان، «قۇرئانچىلىق» نىقابىنى كىيىۋېلىپ خىتاينىڭ ئاسىمىلاتسىيە سىياسىتىگە ماس پەتىۋا چىقىرىپ، خىتاينىڭ دىنغا قارشى سىياسەتلىرىگە دىنى تون كەيدۇرىۋاتقان ئۇيغۇر زىندىقلار — دەل شۇ سېر سەييىد ئەھمەد خاننىڭ ھاراملىق تۆرەلمىلىرىدۇر.
پەرقى شۇكى، ئۇلارنىڭ غەيرىي مەشرۇ ئاتىسى سېر سەييىد ئەھمەدخان مائاشنى «فوندستېرلىڭ» بىلەن ئىنگلىزلاردىن ئالغان بولسا، بىزنىڭ تۆرەلمىلەر گېلىنى بۇ ۋىرۇس ئىدىيەنى تەشۋىق قىلىدىغان كىتابلارنى تەرجىمە قىلىش بىلەن باقماقتا!
شۇڭا، دېققەت قىلىڭلار! ئۆيىمىزگە ئوت كەتكەندە بىزگە «جىھاد يوق» دەيدىغان، قىزلىرىمىز خىتايغا مەجبۇرىي ياتلىق قىلىنىۋاتقاندا «دىنسىز خىتاي بىلەن توي قىلسا جائىز» دەيدىغان، خىتاي ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي ھاراق ئۇچۈرىۋاتقاندا، «ھاراق ھارام ئەمەس»، مەجبۇرىي چوشقا گۆشى يۈگۈزىۋاقاندا، «چوشقىنىڭ ئىچ باغرى ھالال»، ناماز ئوقۇشنى چەكلەپ جامىلەر چىقىلىۋاتقاندا، قۇرئاندا 5 ۋاقىت ناماز يوق، دۇئا قىلسىلا بولىدۇ»، ئاياللىرىمىزنىڭ باش ياغلىقى مەجبۇرىي ئېلىنىۋاتقاندا، ۋە كۆينەكلىرى كېسىلىۋاتقاندا «ھېجاپ بەرىز ئەمەس، ئەرەبنىڭ ئادىتى» دەپ پەتىۋا چىقىرىپ خىتاينىڭ سىياسىتىگە دىندىن قېلىپ تەييارلاپ، ماشلىشىپ بېرىۋاتقان بۇ زامانىۋى بەلئاملارنى ياخشى تونىشىمىز لازىم. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا مەككە ئەمەس، بېيجىڭ تۇرۇپتۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىلىمى قۇرئاندىن ئەمەس، بەلكى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ قوللانمىلىرىدىن كەلمەكتە.
بىزنىڭ يولىمىز؛ سېر سەييىد ئەھمەد خاننىڭ لوندوندىكى يولى ئەمەس، بەلكى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مەدىنىدىكى يولىدۇر!