ئاپتورى: مىركامىل كاشغەرىي
زامانىۋى دۇنيا ئىنساننى مۇقەددەس قىممەتلىرىدىن ئايرىپ، سوغۇق ئالگورىتمىلارنىڭ كورلۇقىغا، نەپەس ۋە ھەۋەسنىڭ تېگى يوق پاتقىغا مەھكۇم قىلغان روھسىز بىر بازار. بۇ بازارنىڭ ئەڭ رەھىمسىز ئاكتىيورى بولغان خىتاي ئۆز پورتلىرىدىن پەقەت كونتېينېرلارغا تولغان ماللارنىلا ئەمەس، بەلكى ئىنساننى روھسىز بىر ئىقتىسادىي بۇيۇمغا ئايلاندۇرىدىغان سېكۇلار مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنىمۇ ئېكسپورت قىلماقتا. بېيجىڭ بۇ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى ئىنسان نەپسىنىڭ ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقلىرى بولغان ئۆزىنى كۆرسىتىش، ئىسراپخورلۇق، خۇمار ۋە تېخنو-نازارەت ئۈستىگە قۇرۇپ چىقماقتا.
ھىجابلىق بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ مەيدانى، مانا بۇ تىرىليون دوللارلىق نازارەت ئاپپاراتىنىڭ ئالدىدا، ھەر بىر ئائىلىدە ۋە ھەر بىر تاللاشتا تەكرارلىنىۋاتقان سۈكۈتتىكى بىر جىھادتۇر. بۇ مەۋقەنىڭ كۈچى ئۇنىڭ سېتىۋالغۇسىزلىقىدا ئۆز ئىپاسىنى تاپىدۇ.
خىتاي كاپىتالى ئۇنى سېتىۋالالمايدۇ، سۈنئىي ئىدراك ئۇنى مودېللاشتۇرالمايدۇ، كومپارتىيە ئۇنى ئارخىپلاشتۇرالمايدۇ. ئۇ ئىنساننى پەقەت ئىستېمال مىقدارى بىلەن ئۆلچەيدىغان غەيرىي ئىنسانىي لوگىكىغا قارشى پىترەت نۇرىنى قوغدايدىغان بىر خالىسانە جەڭچىدۇر. دەل مانا بۇ خىل رەت قىلىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈنلا خىتاي ۋە ئۇنىڭ قۇيرۇقچىلىرى ھىجابقا تاقەت قىلىپ تۇرالمايدۇ.
تۆۋەندە، تۆت تۈرلۈك ئەمەلىي سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق، بۇ خۇسۇسىي جەڭنىڭ خىتاي سىستېمىسىدا قانداق ھەقىقىي، ئۆلچىگىلى بولىدىغان يېرىقلارنى ئاچقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىمەن. ئاندىن، بۇ رېئاللىققا كۆزۈنى يۇمۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا قاششاقلارچە «قالاقلىق» دەپ قالپاق كىيدۈرىدىغان، مىللەتنىڭ رۇھىي بۇلىقىغا يات ئاتالمىش زىيالىيلىرىمىزغا ۋە ئىجارە ئاڭنىڭ قەلەمكەشلەرىگە ئىلمىي جاۋاب قايتۇرىمەن.
خىتاينىڭ 150 مىليارد دوللارلىق سۈنئىي ئىدراك كۆزىنى ھىجابلىق سىڭلىم كور قىلماقتا
ھىجابنىڭ قارشى تېخنىكا (anti-tech) خاراكتېرى تور ۋە ئالگورىتمىلاردا ئۆزىنى نامايان قىلىدۇ. خىتاينىڭ بىر گەۋدىلەشكەن بىرلەشمە ھەرىكەت سۇپىسى (IJOP)، «ئۆتكۈر كۆزلەر» سىستېمىسى شۇنداقلا Hikvision، Dahua، SenseTime كەبى نازارەت شىركەتلىرى ئۇيغۇرنىڭ باسقان ھەر بىر قەدىمىنى ئانالىز قىلماقتا. بېيجىڭ يەر شارىنى تېخنو-مۇستەملىكە قىلىش ئۈچۈن 150 مىليارد دوللارلىق سۈنئىي ئىدراك ئىقتىسادىنى مۇشۇ يىرىڭلىق نازارەت قۇرۇلمىسى ئۈستىدە يۈرۈشتۈرمەكتە.
بۇ قورشاۋدا ھىجاب بىر ئىدىيە ئەمەس، بەلكى سىستېمىنى پالەچ قىلىدىغان تېخنىكىلىق قۇرۇلما رولىنى ئوينايدىغان رېئاللىقتۇر. چىراي تونۇش تېخنىكىسى ھىجابلىق چىراي ئالدىدا قارىغۇغا ئايلىنىدۇ، بىيومېتىرىك خەرىتىلەش فۇنكسىيەسىنى يوقىتىدۇ. سۈنئىي ئىدراكنىڭ بىردىنبىر ئوزۇقى سانلىق مەلۇماتتۇر، مەلۇمات كەلمىسە، سۈنئىي ئەقىل سۈنئىي كورلۇققا ئايلىنىدۇ. شۇڭا ھىجاب خىتاي ئالگورىتمىسىنىڭ كۆزىگە قۇيۇلغان قوغۇشۇننىڭ دەل ئۆزىدۇر.
بۇنىڭ تور جاسۇسلۇقىغا قارشى تۇرۇش ساھەسىدىمۇ ئىنتايىن ئۆتكۈر فونكىسىيەسى بار. خىتاي چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى ئارخىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن WeChat، TikTok ۋە دۆلەت ھالقىغان بېسىم تورىنى ئىشلەتمەكتە. ھىجابلىق ئۇيغۇر سىڭلىمنىڭ دىگىتال خىلۋەتنى تاللىشى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆزىنى كۆرسىتىشتىن قېچىشى ۋە ھاياتىنى تور ھېكايىلىرىگە (story) ئىسراپ قىلماسلىقى، بېيجىڭنىڭ ئىز قوغلاش سىستېمىسىنى كارغا كەلمەس ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. نامەھرەم جايلىرىنى مەلۇمات ھايانكەشلىرىگە خام ئەشيا قىلىپ بەرمىگەن ھىجابلىق سىڭلىمنىڭ توردا ئىزى بولمايدۇ، ئىزى يوق يەردە خىتاينىڭ جاسۇسلۇق يۇمشاق دېتاللىرى ئىشلىمەيدۇ.
83 مىليارد دوللارلىق ئېستېتىك بۇتپەرەسلىككە قارشى ئىمانىي سېپىل
خىتاينىڭ گىرىم بۇيۇملىرى بازىرى 83 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىستېمال قورشاۋىغا ئايلاندى. «تېرە گۈزەللەشتۈرۈش» ۋە «ئەينەك تېرە» كەبى ساختا مودا ئېقىملار ئايال كىشىنىڭ ھەر بىر تەر تۆشۈكچىسىنى بىر بازار ماتاسىغا ئايلاندۇرماقتا. بۇ سانائەتنىڭ غالىبىيەت سىرى مەھسۇلاتتا ئەمەس، بەلكى ئاياللاردا سۈنئىي «كەمچىللىك» ھېسسىياتى ئىشلەپچىقىرىۋاتقانلىقىغا يوشۇرۇنغان. سىستېما ھەر بىر ئايالنى ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئەينەك ئالدىدا ئۆزىنى سەت كۆرىدىغان، سېتىۋالغانسېرى تېخىمۇ گۈزەللىك سارىڭىغا ئايلىنىپ ئاچكۆزلىشىدىغان خۇمارغا مەھكۇم قىلماقتا.
بىر سڭلىمىزنىڭ ھىجابلىنىشى، مانا بۇ ئىقتىسادىي سۇيىئىستېمال قورشاۋىغا بېرىلگەن مەردانە رەددىيەدۇر. ئۇ سىستېما قۇرۇپ چىققان پۈتۈن ئېستېتىك بۇتلارنى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ پالتىسىدەك ئۆتكۈر بىر ئىمانىي مەۋقە بىلەن چىقىپ تاشلايدۇ. بۇ مەۋقەسى خىتاينىڭ مالىيە جەدۋىلىنى دەرھاللا ۋەيران قىلالمىغاندەك قىلسىمۇ، ماھىيەتتە خىتاينىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك «ئومۇمىي خېرىدار» دەۋاسىنى ۋە مودېللىرىنى يوققا چىقىرىدۇ.
تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ ھىجاب شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىدا ئېزىلىۋاتقان سىڭىللىرىغا بولغان ئەمەلىي قېرىنداشلىقنىڭ ۋاپانامىسىدۇر. چۈنكى خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنيا زاۋۇتلىرىنى تەمىنلەۋاتقان گىرىم بۇيۇملىرى خىمىيەلىك خام ئەشيالارنىڭ مۇھىم بىر قىسمى قۇللۇق ئەمگەككە چېتىلغان. بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ئۆزىنى بۇ بازاردىن تارتىپ ھىجابلىنىش ئارقىلىق، پەقەت ئۆز يۈزىنىلا يۆگەپ قالماستىن، بەلكى لاگېردىكى قېرىندىشىنىڭ ئازابىغا ئۈنسىز مەرھەم بولغان ۋە زالىمنىڭ قانلىق تىجارىتىنى رەت قىلغان بولىدۇ.
370 مىليارد دوللارلىق قۇللۇق ئىقتىسادىغا قارشى ھىجابلىق سىڭلىمنىڭ «قانائەت» زەربىسى
خىتاي يەر شارى توقۇمىچىلىق ئېكسپورتىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى كونترول قىلىپ، يىلىغا 370 مىليارد دوللار كىرىم قىلماقتا. Alibaba ۋە Shein غا ئوخشاش ئەخلەت ماركىلار كۈنىگە 10 مىڭغا يېقىن يېڭى مودىنى بازارغا سالماقتا. بۇ زەنجىرنىڭ كەينىدە ھۆججەتلەشكەن بىر زۇلۇم لىنىيەسى، يەنى خىتاي بىڭتۇەنىنىڭ (XPCC) پاختا ئېتىزلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرى ۋە ئايدا 95 دوللار مائاش بىلەن ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر قۇللۇق سېخلىرى مەۋجۇت. غەربتىكى ئاتالمىش ئۇيغۇر زىيالىلىرىمىزنىڭ كىيىم ئىشكاپىنى تولدۇرغان ئەرزان كىيىملەر، ئەسىر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆز يېشى بىلەن يىغىۋېلىنغان پاختىدىن توقۇلغان.
بۇ (Fast fashion) تېز مودا پەقەت بىر تىجارەت ئەمەس، بەلكى مىللىي ئەس-خاتىرىنى يوقىتىش سانائىتىدۇر. ھەر ھەپتە ئۆزگىرىدىغان «ترېند»، (مودا ئېقىمى) ئۆتمۈشنى قىممەتسىز ھالغا كەلتۈرىدۇ. بۇ «ئىشلەت-تاشلا» مەدەنىيىتى، مىللىي كىيىم ئېڭىنى قەستەن ئۆچۈرىدىغان ئاسسىمىلياتسىيە لايىھەسىدۇر.
قۇرئان كەرىمنىڭ «يەڭلار، ئىچىڭلار، ئەمما ئىسراپ قىلماڭلار» (ئەئراف، 31) دېگەن پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلغان بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ شەخسىي ھىجابلىنىش ئارقىلىق بۇ موداپەرەسلىكنى رەت قىلىشى، مىللىي ئەس-خاتىرە قىرغىنچىلىقىغا قارشى بىر جىھادتۇر. ئۈچ قېتىم يۇيۇلسىلا رېڭى ئۆچىدىغان ساختا پولىئېستېرنىڭ دەل ئەكسىچە، ئانىسىنىڭ ساندۇقىدىن چىققان كونا رومال ۋە ئەتلەس، ئون يىل ئىلگىرى توقۇلغان بولسىمۇ ھېلىھەم جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. ئەتلەس كىملىكنى ساقلايدۇ، پولىئېستېر ئۇنتۇلدۇرىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ھىجابلىنىش ئارقىلىق لاتا – پىتە مودىلىغا قارشى قانائەتنى قورال قىلىپ، مىللەتنىڭ مەنىۋىي ئەس – خاتىرىسىنىڭ ئۇنتۇلماسلىقىغا ھەسسە قوشىدۇ. ئەسلىنى ئۇنتۇلدۇرۇش بولسا خىتاينىڭ ئەڭ ئىستراتېگىيەلىك قورالىدۇر.
بىر سىڭلىمىز «مۇشۇ قارا كېيىمگە ئەلھەمدۇلىللاھ» دەپ قانائەت بايرىقىنى كۆتۈرگەندە، Shein نىڭ پۈتۈن سۈنئىي ئىدراكلىق مۆلچەر مودېللىرى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. شەخسنىڭ «قانائەت» قىلىشى، خىتاي كاپىتالىنىڭ چەكسىز ئۆسۈش ماتېماتىكىسىغا ئۇرۇلغان ئەڭ كۈچلۈك ئەخلاقىي زەربىگە ئايلىنىدۇ.
خىتاينىڭ 580 مىليارد دوللارلىق خۇمارنى تايانچ قىلغان ئىقتىسادىغا قارشى ھىجابلىق سىڭلىمنىڭ مۇجادىلىسى
خىتاي يەر شارى ھاراق بازىرىنىڭ تەخمىنەن %37 نى ئىگىلەيدۇ. بۇ ساھەنىڭ 2026-يىلى 548 مىليارد دوللارغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇنىڭغا خىتاي مەنبەلىك 30 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان قىمار ئىقتىسادىنى، Tencent ۋە NetEase باشلامچىلىقىدىكى 50 مىليارد دوللارلىق تور ئويۇنى بازىرىنى ۋە دوۋيىندىكى سوۋغات ئېقىمىنى قوشقاندا، ئىنساننى ئىرادىسىزلەشتۈرۈش ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر مالىيە جەدۋىلى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ سىستېما ئېھتىياجدىن ئەمەس، بەلكى خۇمار قىلىشنى تايانچ قىلىدۇ. ئېھتىياج قاندۇرۇلغاندا تۈگەيدۇ، ئەمما خۇمار قاندۇرۇلغانسېرى تېخىمۇ ئاشىدۇ. چۈنكى ئىلىم دۇنياسى Tencent نىڭ ئويۇن موتورلىرى، ئىشلەتكۈچىنىڭ دونامىن ئايلىنىشىنى سېكۇنت سېكۇنت تەڭشەيدىغان زامانىۋى بىر ئەپيۇن لىنىيەسى ئىكەنلىكىنى ئىلمىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ بولدى.
ئىسلامىي ھاياتنىڭ «ھالال دائىرىسى» بولسا، بۇ ئىرادىسىزلەشتۈرۈش سۇيىقەستى كىرەلمەيدىغان نۇرانىي بىر قەلئەدۇر. بىر ئۆيدە ھاراق بوتۇلكىسى بولمىسا، يەر شارى خاراكتېرلىك ھاراق ئىمپېرىيەلىرىنىڭ بازار پىلانى ئۇ ئۆينىڭ تۆمۈر دەرۋازىسىغا سوقۇلۇپ چۇل چۇل بولىدۇ. بىر ئائىلىدە بالا تور ئويۇنىنىڭ ئورنىغا قۇرئان ئوقۇشقا ئادەتلەنگەن بولسا،Tencent نىڭ مىليارد دوللارلىق تەتقىقاتى ئۇ بالىنىڭ ئالدىدا كور بولغان بولىدۇ. ھىجابلىق بىر ئانىنىڭ تەرتىپلىك ئائىلە تۈزىمى ئادەتتىكى بىر ئانىلىق ۋەزىپىسى ئەمەس، «بىر ئەۋلادنى ئۇتقان، بىر دەۋىرنى ئۇتىدۇ» دېگەن پىرىنسىپنىڭ جىھادىنى قىلغانلىقى بولىدۇ. ئۇيغۇر ھىجابلىق سىڭلىمنىڭ ئۆيى پەقەت بىر تۇرالغۇ ئەمەس، يەر شارى خاراكتېرلىك خىتاي كاپىتالىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئەڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك قارشىلىق كۆرسىتىشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە ۋە جەڭگاھىغا ئايلىنىدۇ.
دەۋا نامىدىن مۇنبەرلەرنى ئىگىلىۋالغانلارنىڭ سىياسىي تىياتىرى
دەل مۇشۇ نۇقتىدا، مىللىتىنىڭ روھىيەت يىلتىزىغا ياتلاشقان، قەلىمىنى غەربنىڭ تاشلاندۇق ئىدىيەلىرى بىلەن سۇغارغان بىر قىسىم ئاتالمىش ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە مەيدانسىز پىكىر زەيپانىلىرى ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئۇلار خىتاينىڭ تىرىليون دوللارلىق سىستېمىسىغا قارشى تۇرۇۋاتقان ھىجابلىق سىڭىللىرىمىزنىڭ بۇ خۇسۇسىي ئىنقىلابىنى قوللاشنىڭ ئورنىغا، بىلىپ-بىلمەي بېيجىڭنىڭ مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدىغان پىكىر سۇيىقەستلىرىنى بازارغا سالماقتا.
ئەمدى دەۋا مۇنبەرلىرىنى، دەرنەك ئورۇندۇقلىرىنى ۋە تەشكىلات رەئىسلىك ناملىرىنى ئىگىلەپ ئولتۇرۇپ، يىللىق ئەڭ مۇھىم يىغىلىشلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەس، قىزلىرىمىزنىڭ بېشىنى قانداق ئېچىش ۋە ئۇلارنى لىبېرال بازارغا قانداق يالىڭاچلاپ سۇنۇشنىڭ يېڭى يوللىرىنى مۇنازىرە قىلىشىۋاتقان شۇ كاتتا زاتلارغا بىر قاراپ باقايلى!
ئۆزلىرى يېتەكلەۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇق شۇئارلاردىن ھالقىغان، ئەمەلىيەتكە ماس 2–3 يىللىق بىر ئىستراتېگىيەلىك خىزمەت پىلانىنى ئىلمىي ئوتتۇرىغا قويۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا تەشكىلاتىنىڭ يەنە بىر يىلدىن كېيىن قايسى سەۋىيەگە كېلىدىغانلىقى، ئەزا ۋە مۇتەخەسسىسلەر سانىنىڭ قانچىلىك ئۆرلەيدىغانلىقى، قولىدىكى مالىيە-ئىقتىسادنىڭ قانداق يۈكسىلىدىغانلىقى ياكى پائالىيەت تۈرلىرىنىڭ قايسى يېڭىلىقلار بىلەن قانچىلىك كۆپخىللشىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ بۈگۈنگە قەدەر بىرەر قايىل قىلارلىق ئەمەلىي پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىلىنمەيدىغان، ئۇنىڭ ئۈسىتگە «تەشكىلاتىڭلار بىر يىلدىن كېيىن قايسى سەۋىيەگە كەلمەكچى؟» دېگەن ئاددى سوئال ئالدىدىمۇ بېشىنى قاشلاشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان بۇ كاتتا سىياسەتچىلىرىمىزنىڭ، ئۆزلىرىچە ھىجابلىق سىڭىللىرىمىزنى غاجاپ، ئۇلارنى «خىتايغا خىزمەت قىلىدۇ» دەپ ھاقارەتلىشى، ھەقىقەتەن كۆڭۈلنى ئېلىشتۇرىدىغان بىر رەسۋاچىلىقتۇر. يوغان-يوغان مۇستەقىللىق شۇئارلىرىنى توۋلىغىنى بىلەن ئۆز تەشكىلاتىنىڭ ئەتىسىنى پىلانلىيالمايدىغانلارنىڭ، تىرىليون دوللارلىق سىستېمىغا يالغۇز ئۆزى قارشى تۇرۇۋاتقان ھىجابلىق سىڭىللىرىمىزنىڭ مەردانە مەۋقەسىنى كەمسىتىشكە ئۇرۇنۇشى، پۈتۈنلەي ئۆز نەتىجىسىزلىكىنى يوشۇرۇش بەدىلىگە قىلىشىۋاتقان يۈزسىزلىكىدۇر. ئونلىغان يىلدىن بۇيان ئوخشاشلا بىر قانچە خىل پائالىيەت تۈرىنى تەكرارلاپ، بىر غېرىچمۇ ئىلگىرىلىيەلمەسلىكنىڭ پۈتۈن گۇناھىنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ھىجابلىق سىڭىللىرىمىزغا ئارتىپ قويۇپ، ئۆزلىرىنى ئاقلىماقچى بولۇشلىرى راستىنلا ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرمەي قالمايدۇ.
شۇنداقلىغا قارىماي بۇ مىللەتنىڭ رۇھىيەت بۇلىقىغا ياتلاشقان ئاڭنىڭ بىرىنچى باھانىسى «ئۇيغۇردا قارا ھىجاب يوق، بۇ ئەرەبلەشكەنلىك» دەيدىغان شىزوفىرېنىك لوگىكىدۇر. ئۇلار چەتئەلدىكى ھىجابلىنىشنى «خىتاينىڭ تېررورلۇق سىنارىيەسىگە دەلىل تەمىنلەيدىغان ئورۇنلاشتۇرۇش» دەپ دەل خىتاينىڭ تېزىسىنى تەكرارلاشماقتا. چۈنكى ئۇلار بېيجىڭنىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئويدۇرۇپ چىققان «دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش» سەپسەتىسىدىن باشقا نەسە بىلەن ئوزۇقلانمايدۇ. ئۇيغۇرنىڭ كىيىم تارىخى قاراخانىيلاردىن تارتىپ ھەمىشە «سەتەر» (ئەۋرەتنى يۆگەش) پىرىنسىپى ئۈستىگە قۇرۇلغان. رەڭ ۋە شەكىل ئۆزگەرسىمۇ، ئەمما ئىپپەت ئىڭى ئۆزگەرمىگەن. خىتاي چەتئەلدىكى پائالىيەتچىلەرنى پاش قىلىشقا پۈتۈن تېخنىكىسىنى ئىشلىتىۋاتقاندا، ھىجابنى خىتاينىڭ قورالى دەپ كۆرسىتىش، زالىمنىڭ تېخنو-قورشاۋىنى يوشۇرۇشقا ياكى ئۇنۈمىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنغان مۇناپىقلىقتىن باشقا نەسە ئەمەس.
ئۇلار فېمىنىزم نىقابىنى تاقىۋېلىپ، ھىجابنى «ئەرلەرنىڭ بېسىم قورالى» دەپمۇ جۆيلىشىدۇ. بۇ يەردە ھەقىقەتنى ئايدىڭلاشتۇرايلى! بۈگۈن بىز تەنقىد قىلىۋاتقان ئاياللار لاگېردا نىقابى زورلۇق بىلەن يىرتىۋېتىلگەنلەر ئەمەس، بەلكى ئىستانبۇل، بېرلىن ۋە ۋاشىنگتوندا، يەنى خىتاينىڭ بېسىمى يېتىپ بارالمايدىغان تولۇق ئەركىن مۇھىتتا، ئۆز ئىرادىسى بىلەن ھىجاب كىيگەن ئۇيغۇر ئاياللىرىدۇر. ئۇلارنىڭ ئۈستىدە نە دۆلەتنىڭ زورلىشى، نە ئائىلىنىڭ تەھدىتى، نە ئىجتىمائىي نومۇر خەۋپى يوق. بۇ تاللاش ئەخلاق پەلسەپىسىدىكى ئەڭ ساپ ئەركىن ئىرادىنىڭ نامايەندىسى بولماي نېمە؟!
دەرۋەقە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ھىجابلىنىش ئارقىلىق، ۋەتەندە بېشى زورلۇق بىلەن ئېچىۋېتىلگەن سىڭىللىرىغا ۋاكالەتەن بىر ئىرادىنى داۋاملاشتۇرماقتا. مىللەتنىڭ روھىغا ياتلاشقان زىيالىچاقلار دەل مۇشۇ نۇقتىدا، ئۆزىمۇ سەزمەستىن خىتاينىڭ چەتئەلدىكى گۇماشتىسىغا ئايلانماقتا. بېيجىڭ لاگېردا نېمىنى ئۆچۈرمەكچى بولسا، بۇ مانقۇرتلارمۇ ئەركىن دۇنيادا شۇنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا. ئارىسىدىكى بىردىنبىر پەرق، خىتاي ۋەتەندە توكلۇق كالتەك بىلەن ھىجابنى يېرتىۋاتقان بولسا، بۇ ياللانما زىيالىيلار غەربتىكى بىرەر يىغىندا كۆپرەك چاۋاكقا ئېرىشىش ئۈچۈن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بېشىنى ئېچىشنى تەشۋىق قىلىماقتا. ئۇلار ئەسلىدە ئاياللارنىڭ ئىرادىسىنى پەقەت ئۆزلىرىنىڭ لىبېرال مودىلىغا ماس كەلگەندىلا ئاندىن «ئەركىنلىك» دەيدۇ، ماس كەلمىگەننى «قالاقلىق» دەپ ھاقارەتلەشتىن يانمايدۇ. بۇ ئاياللارنىڭ نامىدىن قارار چىقىرىشنى ئۆزىچە ھۆددىگە ئېلىۋېلىشقان زىيالىي مۇتەئەسسىپلىكىنىڭ فاشىستلىقىدۇر خالاس.
«ئۇيغۇر دەۋاسى دىنىي كىملىكتىن ئۈستۈن تۇرۇشى لازىم، ئىسلامنى مەركەزگە قويۇش ئىتتىپاقلىقنى پارچىلايدۇ» دەيدىغانلىرىمۇ بار بۇلارنىڭ ئىچىدە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئۇيغۇرنىڭ دىندارى، سېكۇلىرى، دىنسىزى داۋاغا تەڭ شېرىك. ئەمما ئىتتىپاقلىقنى پارچىلاش تۆھمىتى ھەمىشە پەقەت ۋە پەقەت دىندارلارغىلا قارىتىلىدۇ. مىللەتنىڭ مىڭ يىللىق ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىتتىپاقلىقنى پارچىلاشمۇ؟ ياكى غەربنىڭ رەڭگىگە كىرىپ ئۆزلىرىچە پەرقلىق بولىۋېلىپ، مىللىي مەنىۋىيەت بىر پۈتۈنلىكىدىن يۈز ئۆرۈش بىرلىكنى پارچىلاشمۇ؟ بىرەر يىغىندا ئۇيغۇر «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېسە «دەۋانى پارچىلىغۇچى» بولىدۇ-يۇ، بىر دىنسىز مۇقەددەس قىممەتلەرنى تىللىسا، نېمىشقا «كۆپ خىللىق»نى تەرغىپ قىلغۇچى بولۇپ قالىدۇ؟ بۇ داپشاقلارچە قوش ئۆلچەم ئىچىمىزدىن چىققان خىتايچە مۇتەھەملىك ۋە مۇستەملىكىچى مەتولۇقنىڭ دەل ئۆزىدۇر. ھەقىقىي بىرلىك «ھىجابىڭنى چىقىرىپ ئاندىن كەل» دېگەن شەرتلىك قۇللۇق ئۈستىگە قۇرۇلمايدۇ.
بۇ ئاڭسىز زىيالىيچاقلارنىڭ «خىتاي لاگېرلارنى دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش نامىدا يوللۇق كۆرسىتىۋاتىدۇ، شۇڭا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تىلىدا سۆز قىلىشىمىز لازىم» دېگەن دەبدەبىلىك سەپسەتلىرىمۇ ئەسلىدە ھەددىدىن زىيادە ئېزىلەڭگۈلۈكنىڭ مەھسۇلىدۇر. تىبەت ئۆزىنى بۇددىست رامكىدا، خوڭكوڭ لىبېرال رامكىدا تونۇشتۇماقتا، شۇنداقتىمۇ خىتاي توخىتاپ قالغىنى يوق. بېيجىڭ ئۆز گېئوپولىتىكىلىق مەنپەئەتىگە قاراپ ھەممىگە تەڭ زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇراماقتا. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرگىنىدەك «ئازراق مۇسۇلمان كۆرۈنەيلى، بىزگە ئازراق زەربە بەرسۇن» دېيىشنىڭ ئۆزىلا زالىمدىن ئەپۇ سوراش ئۈچۈن ئۆز كىملىكىنى سۇسلاشتۇرۇشقا راەزى بولغان چۈپرەندە رەزىللىك بولماي نېمە؟!
بۇ فرانتىز فانون دىياگنوز قويغان مۇستەملىكىنىڭ ئىچكى سىڭىپ كېتىش پاجىئەسىنىڭ دەل ئۆزىدۇر. بېيجىڭ كىشىلىك ھوقۇق سۆزلىرىدىن قورقمايدۇ، ئۇنى ئۆزىمۇ ھەممە يەردە سۆزلەپ يۈرىيدۇ، ب د ت دا ھەتتا كىشىلىك ھوقۇققا دائىر ئاۋاز بېلەتلىرىنى سېتىۋالىدۇ. بېيجىڭنىڭ ھەقىقىي قورقىدىغان نەرسىسى، دەبدەبىلىك قۇرۇق شۇئارلار ئەمەس، ئۇيغۇرنىڭ ئسلام بىلەن بىر پۈتۈنلەشكەن مەدەنىيىتى ۋە مەنىۋى قارشىلىق كۈچىدۇر. شۇڭلاشقا لاگېردا ئالدى بىلەن ساقال چۈشۈرۈلۈپ، نىقاب يىرتىلماقتا. چۈنكى مىللىي – مەنىۋىي ئەس-خاتىرىنى يوقاتماي تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى يوقىتالمايدىغانلىقىنى ئۇلار سەنلەردىن ياخشىراق بىلىدۇ.
سەنلەر «ئۇيغۇر زىيالىيسى» سۈپىتىنى بىرەر ۋەخپىنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى ياكى بىرەر ئۇنۋېرسىتېتنىڭ دىپلو،مىسى بىلەن كۆتۈرۈپ يۈرىشىۋاتىسەن. ئەمما بىلىپ قويغىنكى، مىللەتنى مىللەت قىلغان نەرسە پەقەت قانلا ئەمەس، بەلكى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىۋاتقان ئورتاق مەنىۋى مىراسىتۇر. قاراخانىيلاردىن ياقۇپ خانغىچە، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «لۇغىتىت تۈركى»دىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك»ىگىچە تۇتاشقان ئۈزۈلمەس مەنىۋى مىراس سەن ھاقارەت قىلىۋاتقان كىملىكنىڭ دەل ئۆزىدۇر.
كىم بۇ مىراستىن ئۆزىنى قاچۇرسا، كىم مىللىي ئەس-خاتىرە كۆتۈرۈپ تۇرغان ئار-نومۇس ئابىدىسى ھىجابىمىزغا «قالاقلىق» دەپ قالپاق كىيدۈرۈپ، سىڭلىسىنىڭ ئىپپىتىنى ئۆز قەلىمى بىلەن بازارغا سالماقچى بولسا، مەيلى ئۇ ئۇيغۇر تىلىنى قانچىلىك مۇكەممەل سۆزلىسۇن، ھەرگىز ئۇيغۇر بولالمايدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ كامېرالىرى بىلەن سېنىڭ قەلىمىڭنىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق پەرق يوق، ھەر ئىككىڭ ئوخشاشلا ئۇيغۇر ئاياللارنى ئۆز قېلىپىڭغا كىرگۈزمەكچى بولۇشىۋاتىسەن. قېرىنداشلىرىمىز نە خىتاينىڭ «ئاشقۇنى»، نە سېنىڭ «قېلىپىڭغا سىغىدىغان» بويۇم ئەمەس، ئۇلار ئاللاھنىڭ ئازاد بەندىسىدۇر. سىلەرنىڭ ئىچىڭلارنى ئۆتىۋاتقان نەرسە ھىجاب ئاستىدىكى چىراي ئەمەس، بەلكى ئۇ چىراينىڭ كەينىدىكى تەسۋىرلەپ بولغۇسىز مىللىي ۋە ئىمانىي مەۋقەنىڭ كۆز يەتكۇسىز ئۇلۇغلىقىدۇر.
ئايتىماتوفنىڭ رومانىدىكى «مانقۇرت»، ئاخىرىدا ئۆز ئانىسى نايمان ئانىنىمۇ تونۇماي ئوقيا بىلەن ئۆلتۈرىدۇ. چۈنكى مانقۇرت ئەڭ چوڭ زەربىنى ھەمىشە ئۆز ئانىسىغا ئۇرىدۇ. بۈگۈنكى بىزنىڭ زىيالىي مانقۇرتلىرىمىزمۇ بېشىغا تۆگە تېرىسىنى ئەمەس، بەلكى غەربنىڭ ئېشىندى دوسقانلىرىنىڭ قېقىندىلىرىنى شۇنداقلا دىنسىز رۇھسىز جەمئىيەتنىڭ ئالقىش چاۋاكلىرىنى تېرە قىلىپ كىيگەن زىيالىيلاردۇر.
كاپىتالنىڭ ئۆمرى قىسقا، پىترەتنىڭ ئۆمرى ئەبەدىيدۇر. شاڭخەينىڭ ئاسمانپەلەك بىنالىرى ھامان ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، بېيجىڭنىڭ ئالگورىزىملىرى چىرىيدۇ، ئەمما بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئۆز مەھرەمىيىتىنى قوغداپ باسقان ھەر بىر سۈكۈتتىكى قەدىمى قىيامەتكىچە جىھاد سۈپىتىدە باقى قالىدۇ. ۋەتەندىن ئىبارەت بىزنىڭ نايمان ئانامىز بۈگۈنمۇ كۆز ئالدىمىزدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا، بېشىدىكى يۈزلىگەن يىللىق ئاق رومىلى شامالدا جەۋلان قىلماقتا. ئۇ ئانىسىنى تونۇمىغان مانقۇرتلارنى ئەمەس، ئانىسىنى ئېيتقان ئەللەي ناخشىسىدىن، مەقبۇل دۇئاسىدىن ۋە ئىسمىي ئەزەم سۇپلەنگەن دىمىدە سۈيىدىن تونۇغان ئەۋلادلارنىلا باغرىغا باسىدۇ.