رەسىمدە، مېنىڭ يېنىمدا ئولتۇرغان ئۈچىنچى كىشى مورو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھازىرقى رەئىسى ھاجى مۇرات ئىبراھىم.


ئاپتورى: مىر كامىل كاشغەرىي


مۇقەددىمە

قەلبىدە ئازادلىق ئوتى ئۆچمىگەن، كۆزلىرى شەپەق نۇرىغا تەلمۈرگەن ئەزىز قېرىنداشلىرىمغا مورو مۇجاھىدلىرىدىن سالام!

76 يىللىق ئۈمىد، 76 يىللىق كۈرەش، 76 يىللىق قۇربانلىق… قان ۋە ياش بىلەن يېزىلغان شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق كۈرىشى داستانىمىزنىڭ سەھىپىلىرىنى ئۈمىدسىزلىك تۇمانلىرى قاپلىغان، روھىمىز چارىسىزلىكنىڭ سازلىقىغا پېتىپ، ئۆزىمىزنى نەپەس ئالالمايۋاتقاندەك ھېس قىلىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، كېلىڭلار، بىر-بىرىمىزنىڭ يۈرىكىگە قۇلاق سېلىپ، قايتىدىن سىردىشايلى!

ئىلگىرى بىز ھىندىستاننىڭ ئوت يۈرەك ئوغلانى سۇبھاس چاندرا بوسنىڭ پولات ئىرادىسىدىن ئىلھام ئېلىپ، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق يولىغا خەرىتە سىزىشقا ئۇرۇنغان ئىدۇق. ئۇ داستان كۆپچىلىكىمىزنىڭ كاللىسىدا يېڭى ئۇپۇقلارنى ئاچتى. ئەمدىلىكتە مەن سىلەرنى تارىخنىڭ قەغەزلىرىدىن ئەمەس، بەلكى ئىمان بىلەن يېزىلغان، قان بىلەن سۇغىرىلغان ۋە غەلىبە بىلەن تامغالانغان ھاياتلىق داستانىغا باشلايمەن. بۇ — بىز بىلەن ئوخشاش قىبلىگە يۈزلەنگەن، ئوخشاش تەقدىرنى ياشىغان، ئوخشاش دۇئانى قىلغان، يولى بىزگە تېخىمۇ يېقىن ۋە ماس كېلىدىغان، ئەمما ئاخىرىدا بىر پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان بىر مۆجىزىنىڭ سىرىدۇر.

بۈگۈن مەن سىلەرنى غەربنىڭ روھسىز ھوقۇق كارىدورلىرىغا ئەمەس، ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ مۇزدەك زاللىرىغا ئەمەس، بەلكى تىنچ ئوكياننىڭ يىراقلىرىدىكى جىھادنىڭ تىرىك، نەپەس ئېلىۋاتقان يۈرىكىگە — ھەر بىر يوپۇرمىقىدىن شاھادەت شەبنىمى تامچىپ تۇرىدىغان يامغۇرلۇق جاڭگاللارغا، ھەر بىر غېرىچ توپىسى پىدائىيلارنىڭ قېنى بىلەن سۇغىرىلغان مۇبارەك تاغ-قىرلارغا، ئىسلامى ۋە ئىمانى ئۈچۈن 400 يىل بويى تىز پۈكمىگەن مورو مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئوتلۇق داستانىغا باشلاپ بارىمەن!

قېنى، شۇ مۆجىزىگە ئايلانغان غەلىبىنى روھىمىز بىلەن تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقايلى!

قانداق بىر ئىلاھىي ئىنايەت، 11-سىنتەبىر پىتنىسىدىن كېيىن پۈتۈن دۇنيادا «جىھاد» كەلىمىسى زەھەرگە ئايلاندۇرۇلغان، تەكبىر ئېيتىلغان ھەر قانداق بايراققا تۆھمەت يامغۇرى يېغىۋاتقان بىر دەۋردە، ئۇلارنىڭ مۇقەددەس جىھاد بايرىقىنى بۇ زەھەرلىك بوران-چاپقۇنلاردىن تىنچ – ئامان ساقلاپ قالالىدى؟ دۇنيا «تېرور» سۆزى بىلەن تىترىگەن شۇ زۇلمەتلىك كۈنلەردە، ئۇلار ئۆز كۈرىشىنىڭ شەرىپىنى قانداق قىلىپ كىرلىتىپ قويماي، ھەتتا زالىم دۈشمىنىنىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاقى ئالدىدا باش ئېگىشكە مەجبۇرلىيالىدى؟

قانداق بىر ئۇستا ئىستراتېگىيىلىك قوماندانلىق، ئۆزىنىڭ ئەڭ شىر يۈرەك ئوغلانلىرىنى ئافغانىستان ۋە چېچىنىستاننىڭ ئوتلۇق جەڭگاھلىرىغا ئەۋەتىپ، ئەمەلىي ئۇرۇڭشلاردا پولاتتەك تاۋلىغان تۇرۇقلۇق، ئۇلارنى يات ئىدىيەلەرنىڭ كۈلىگە مىلەنمەستىن، غايىسىنىڭ ساپلىقىنى ساقلىغان ھالدا قايتۇرۇپ كېلەلەيدىغان ئىمانىي ئىنتىزامنى ياراتالىدى؟ ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس غايىسىنى دۇنيانىڭ قالايمىقانچىلىقلىرىدىن ۋە خەلقئارالىق تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ توزىقىدىن قانداق ساقلاپ، ئۆز يولىنى مۇستەقىل داۋاملاشتۇرالىدى؟

ئەڭ ھەيران قالارلىقى! قانداق بىر رەھبەرلىك، بىر قولىدا ئاللاھنىڭ ۋەھيىسى بولغان قۇرئاننى، يەنە بىر قولىدا مىللەتنىڭ غۇرۇرى بولغان قورالنى مەھكەم تۇتۇپ، بۈركۈتتەك ئۆتكۈر نەزىرى بىلەن دۇنيا سىياسىتىنىڭ خەرىتىسىنى تەڭ ئوقۇپ ماڭالىدى؟ قانداق قىلىپ ئۇلار جاڭگاللىقنىڭ لاي-پاتقاقلىرىدىن بىر دۆلەتنىڭ ئۇلىنى قۇرۇپ چىقىپ، كۆزلىرىنى بىر دەممۇ ئەرشتىن ئۈزمەي تۇرالىدى؟ ئۇلار مۇستەقىللىق ئۈچۈن ھەممە نەرسىنى قۇربان قىلىشقا تەييار تۇرۇپ، ئەمما ئىمانىدىن بىر زەررىچىمۇ ۋاز كەچمەسلىكنىڭ سىرىنى زادى قەيەردىن تاپتى؟

دەرۋەقە! ئىسلام ئۈممىتىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ئىسلامىي ھەرىكەتلەرنىڭ قەبرىستانلىقىغا ئايلانغان، سان-ساناقسىز بايراقلار يا مۇرەسسە (تەنەززۇل) شامىلىدا يىقىلغان ياكى زۇلۇم (ھەزىمەت) بورىنىدا يىرتىلىپ كەتكەن بىر دەۋردە، پەقەت ئۇلارنىڭلا بايرىقى ئاللاھنىڭ ياردىمى (نۇسرەت) بىلەن غەلىبە تۇپرىقىغا تىكلەندى! بۇ — ئۇلارنىڭ ھەرىكەت يادروسى بولغان جىھاد روھىدىن ۋە ئىمان ئەقىدىسىدىن قىلچە تەۋرەنمەي تۇرۇپ، غەلىبە چوققىسىغا يەتكەن، ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بىردىنبىر بايراقتۇر!

مەن ئەنە شۇ شانلىق غەلىبىنىڭ داستانىنى، ئۇلارنىڭ ھەر بىر قەدىمىنى، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلىرىنى ۋە غەلىبىسىنىڭ ئاچقۇچلۇق سىرلىرىنى سىلەر بىلەن بۆلۈم-بۆلۈم ھالەتتە ئورتاقلىشىشنى نىيەت قىلدىم.

بۇ پەقەت بىر ھېكايە ئاڭلاش ئەمەس. بۇ — بىرلىكتە تەپەككۇر قىلىدىغان، قەلبىمىز بىلەن ھېس قىلىدىغان ۋە روھىمىز بىلەن دەرس ئالىدىغان، جىھاد ۋە ئىستراتېگىيەنىڭ بىر «ھالقا»سىدۇر (ئۆگىنىش چەمبىرىكىدۇر). ھەر بىر بۆلۈمنىڭ ئاخىرىدا، بىز «شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق كۈرىشى ئۈچۈن قايسى نۇرلۇق يوللارنى تاپتۇق؟ قايسى قاراڭغۇ ئۆستەڭلەردىن ھەزەر ئەيلىشىمىز كېرەك؟ قايسى پولات قورغانلارنى ئۆرنەك قىلالايمىز؟» دېگەن سوئاللارغا بىرلىكتە جاۋاب ئىزدەيمىز.

مەقسىتىمىز — بۇ ئۇلۇغ غەلىبىنىڭ ئوتىدىن بىر ئاچقۇچ ياساپ، زاماننىڭ روھىغا ۋە ئۆزىمىزنىڭ رېئاللىقىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ، ھەر بىر قەدىمى ئىنچىكە پىلانلانغان، ئىستراتېگىيە بىلەن تاكتىكا بىرلەشتۈرۈلگەن بىر يول خەرىتىسىنى بىرلىكتە ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشتۇر.

بۇ سەپەردە مېنى يالغۇز قويماي، ئىنكاس، سوئال ۋە تەنقىدىي پىكىرلىرىڭلار بىلەن يول خەرىتىمىزنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشىگە ھەسسە قوشۇشىڭلارنى، قاراڭغۇدا يولىمىزنى يورۇتىدىغان چىراغ بولۇپ بېرىشىڭلارنى ۋە بۇ مەشئەلنىڭ يورۇقىنىڭ باشقا قەلبلەرگىمۇ يېتىپ بېرىشى ئۈچۈن ئۇنى كەڭ ھەمبەھىرلەشىڭلارنى سورايمەن.

قېنى ئەمىسە، ئەقىل-پاراسىتىمىزنى بۇ ئالماس بىلەن قايتىدىن بىلەپ، ئۈمىدىمىزنى يېڭىلاپ، بۇ تارىخىي، ئىبرەتلىك سەپەرنى بىرلىكتە باشلايلى!

ئۇنۇتمايلى! بۇ داستاننى بىز تارىخ ئوقۇش ئۈچۈن ئەمەس، تارىخ يارىتىش ئۈچۈن ئوقۇيمىز!


غەلىبىنىڭ مەخپىي فورمۇلاسى: مورو مۇجاھىدلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن يېڭى مەشئەللەر (1-5)


بۇ داستان — 400 يىل بويى ئۈچ قانخور ئىمپېرىيەنىڭ (ئىسپانىيە، ئامېرىكا ۋە فىلىپپىن) پولات چاڭگىلىغا قارشى ئۈزۈلمەي داۋاملاشقان، ئاتىدىن بالىغا، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا مۇقەددەس ئامانەت سۈپىتىدە مىراس قالدۇرۇلغان بىر ئۇلۇغ جىھادنىڭ داستانىدۇر! جىھاد بايرىقى يىقىلمىغان بىر زېمىننىڭ داستانىدۇر


1 – باب: ئەزان ساداسى ۋە كىرىست بىلەن قىلىچلارنىڭ توقۇنۇشى

تاجاۋۇزچىلارنىڭ قان ھىدى پۇراپ تۇرىدىغان كىر باسقان يەلكەنلىرى ئۇپۇقنى مەينەت كۆلەڭگىسى بىلەن بۇلغاشتىن نەچچە ئەسىر بۇرۇن، تىنچ ئوكياننىڭ زۇمرەت دولقۇنلىرىنىڭ نازۇك پىچىرلاشلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇنغان، ئاللاھنىڭ ئۆز قۇدرەت قەلىمى بىلەن سىزغان بىر جەننەت ماكانى بار ئىدى. ئۇ يەردە ھاۋا — ئەنبەر ۋە رَيْھان گۈللىرىنىڭ پۇرىقىغا تولۇپ، ھەر بىر نەپەس روھقا ئارام بېرەتتى. تۇپراق — شۇنداق بەرىكەتلىك ئىدىكى، تاشلانغان ھەر بىر ئۇرۇق مىڭ دانغا ئايلىنىپ، ئاسمانغا بوي سوزاتتى. ئىنسانلار — دېڭىزنىڭ چەكسىز كەڭلىكىنى يۈرىكىگە، يامغۇرلۇق جاڭگالدىكى  دەرەخلەرنىڭ مەغرۇرلىقىنى غۇرۇرىغا سىڭدۈرگەن ئەركىن، مەردۇ-مەردانلار ئىدى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئىمان نۇرىدا سۇلۇ دېڭىزىنىڭ تېگىدىكى ئاپئاق مەرۋايىتلار  كىبى چاقناپ تۇراتتى، مىنداناۋنىڭ مۇنبەت ۋادىلىرىدا ئۆسكەن زىرائەتلەر ئۇلارنىڭ تومۇرىدا ئىززەت-نومۇسنىڭ قېنى بولۇپ ئاقاتتى. بۇ — كېيىنچە دۇنيا «مورو زېمىنى» دەپ ئاتايدىغان، ئەمما ئەينى چاغدا ئۆزلىرىنىڭ شانلىق ئىسمى بىلەن ئاتالغان سۇلۇ ۋە مىنداناۋ سۇلتانلىقلىرىنىڭ گۈللىنىش ئالدىدىكى مۇبارەك تۇپرىقى ئىدى.

ئاندىن، 1380-يىلى، يىراق ئەرەب دىيارىدىن كەلگەن، قەلبى ئاللاھنىڭ مۇھەببىتى بىلەن لىق تولغان، ئاللاھنىڭ ئەڭ گۈزەل ئامانىتىنى — ئىسلام نۇرىنى يۈرىكىگە پۈككەن بىر كارۋان يېتىپ كەلدى. ئۇلار تاجاۋۇزچىنىڭ قىلىچى ۋە زەمبىرىكى بىلەن ئەمەس، بەلكى تىجارەتچىنىڭ ساداقىتى، ئالىمنىڭ ھېكمىتى ۋە دەۋەتچىنىڭ كۆز ياشلىرىغا ئارىلاشقان مۇھەببىتى بىلەن بۇ زېمىننىڭ قەلب ئىشىكىنى ئاستا چەكتى. شەيخ كەرىمۇل مەخدۇمغا ئوخشاش تەقۋادار زاتلارنىڭ تىلىدىن چىققان ھەر بىر «لا ئىلاھە ئىللەللاھ» ساداسى، بۇ خەلقنىڭ پاك روھىغا ئۇرۇق بولۇپ چېچىلدى. جاڭگاللىقلارنىڭ جىمجىت سۈكۈتىنى تۇنجى قېتىم ئەزان ئاۋازى يېرىپ ئۆتكەندە، قەدىمكى بۇتلار ئۆزلىكىدىن يىقىلدى، يۈرەكلەر ھەقكە مايىل بولدى، روھلار ئۆز ياراتقۇچىسىنى تاپتى. 

ئىسلام — ئۇلار ئۈچۈن پەقەتلا يېڭى بىر دىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ چېچىلاڭغۇ قەبىلىلىرىنى بىر پولات ئۈممەتكە ئايلاندۇرىدىغان، ئۇلارغا يېڭى بىر كىملىك، يېڭى بىر غايە ۋە يېڭى بىر دۇنيا قارىشى ئاتا قىلىدىغان ئىلاھىي بىر رەھمەتكە ئايلاندى.

بۇ ئىلاھىي نۇرنىڭ بىرلەشتۈرگۈچى سايىسى ئاستىدا، 15-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ، ئىككى بۈيۈك ئىسلام قورغىنى قەد كۆتۈردى: سۇلۇ سۇلتانلىقى (تەخمىنەن 1405-يىلى قۇرۇلغان) ۋە ماگۇينداناۋ سۇلتانلىقى. بۇلار پەقەتلا بىر قانچە قەبىلە باشلىقىنىڭ ئاجىز ئىتتىپاقى ئەمەس ئىدى. ئۇلار — مەسچىتلىرىنىڭ مۇنارىدىن ئەزان ئاۋازى ئۈزۈلمەيدىغان، ئوردىلىرىدا قۇرئان تىلاۋىتى ياڭراپ تۇرىدىغان، سوتلىرىدا ئىسلام شەرىئىتى بىلەن ھۆكۈم قىلىنىدىغان، ئۆز بايرىقى، ئۆز ئارمىيەسى ۋە ئۆز قانۇنى بولغان ھەقىقىي ئىسلام دۆلەتلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ «كاراكوا» دەپ ئاتالغان چەبدەس ۋە خەتەرلىك ھەربىي كېمىلىرى دېڭىزدا دۈشمەنلەرنىڭ يۈرىكىگە ۋەھىمە سالاتتى، سودا كېمىلىرى مالايسىيادىن خىتايغىچە بولغان دېڭىزلاردا ئەركىن-ئازادە قاتناپ، مەرۋايىت، زىرائەت ۋە كەمپۈت قاتارلىق بايلىقلارنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتاتتى. سۇلتاننىڭ ئوردىسىدا، بېشىغا سەللە ئورىغان ئۆلىمالار دۆلەت ئىشلىرىغا مەسلىھەت بېرەتتى؛ ئالىمنىڭ سىياسى پاراسىتى بىلەن جەڭچىنىڭ (مورو خەنجىرى) قىلىچى بىرلىشىپ، بۇ دۆلەتلەرنى پەقەت قىلىچنىڭ كۈچى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئىلىم ھېكمەت ۋە ئادالەت بىلەن ئىدارە قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقى دېڭىز شامىلىدا لەپىلدىگەندە، ئۇ پەقەت بىر ھۆكۈمرانلىقنىڭ بەلگىسى ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىنىڭ، ئاللاھقا بولغان ئىتائىتىنىڭ ۋە ئەركىنلىككە بولغان ئۆلمەس قەسەمىنىڭ نامايەندىسى ئىدى.

ئەمما، 1521-يىلى، يىراق ئۇپۇقتا بىر قارا كۆلەڭگە، بىر ۋابا پەيدا بولۇشقا باشلىدى. ئۇلار — تەنلىرى ئاق، ئەمما قەلبى قارا، كۆزلىرى ئالتۇنغا ۋە قۇللارغا تويمايدىغان يېڭى بىر خەۋپ ئىدى. ئۇلارنىڭ قىلىچىغا ئويۇلغان كرېست، ئېغىزلىرىدىكى «تەڭرى» دېگەن سۆزلىرى — پەقەت ئۇلارنىڭ ۋەھشىي نىيەتلىرىنى يوشۇرىدىغان بىر نىقاب ئىدى. ئۇلارنىڭ كاتتا كېمىلىرى ئۆزلىرى بىلەن بىرگە پەقەتلا توپ-زەمبىرەك ئەمەس، بەلكى پۈتۈن بىر مەدەنىيەتنى يوقىتىشنى، مەسچىتلەرنى چېركاۋغا ئايلاندۇرۇشنى، ئەزان ئاۋازىنى قوڭغۇراق ئاۋازىغا ئالماشتۇرۇشنى نىشان قىلغان زەھەرلىك بىر ئىدېئولوگىيەنى ئېلىپ كېلىۋاتاتتى. ئېغىزىدا خۇدا، قەلبىدە شەيتان، قولىدا قىلىچ بولغان بۇ گۇرۇھ ئىنسانىيەتكە قارشى ئەڭ چوڭ جىنايەتنى ئېلىپ كېلىۋاتاتتى.

ئىسپانىيەنىڭ ساۋۇت كىيگەن ئەسكەرلىرىنىڭ پۇتى بۇ مۇبارەك تۇپراققا دەسسىگەندە، ئۇلار يەرلىك خەلقنىڭ ئىمانىدىن ھەم ھەيران قېلىشتى، ھەم قەلبى ئۆچمەنلىككە تولدى. ئۇلار ئەسىرلەر بويى ئۆز زېمىنى بولغان ئەندەلۇستا ئۇرۇش قىلغان، ئۆزلىرىدىن مەدەنىيەتتە نەچچە ھەسسە ئۈستۈن تۇرىدىغان شىمالىي ئافرىقىدىكى مۇسۇلمانلارنى — يەنى «مورلار»نى ئەسلەپ، بۇ يېڭى دۈشمەنلىرىگىمۇ ھاقارەت ۋە كەمسىتىش بىلەن شۇ نامنى چاپلىدى. شۇنىڭ بىلەن، بۇ زېمىننىڭ ئەركىن مۇسۇلمانلىرى، تاجاۋۇزچىنىڭ تىلىدا «مورولار» غا ئايلاندى. بۇ — پەقەت بىر ئىسىم ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئۇرۇلغان، ئۇلارنى تارىختىن سۈپۈرۈپ تاشلاشنى نىشان قىلغان بىر تامغا ئىدى.

شۇنىڭ بىلەن، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ جاپالىق ۋە ئەڭ شەرەپلىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى باشلاندى. 333 يىل! ئۈچ ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىت! بۇ بىر دەۋر ئەمەس، بىر تارىخ ئىدى! بۇ جەرياندا ئىسپانىيە پۈتۈن فىلىپپىننى بويسۇندۇردى، ئەمما مورولارنىڭ زېمىنى ئۇلارنىڭ گېلىغا تىقىلىپ قالغان بىر تىكەنگە ئايلاندى. ئۇلار بۇ تىكەننى سۇغۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئون قېتىمدىن ئارتۇق چوڭ كۆلەملىك، ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىق ھەربىي يۈرۈش قىلدى، ئەمما ھەر قېتىمدا بۇ خەلقنىڭ پولات ئىرادىسىگە، ئۆلۈمدىن قورقماس جاسارىتىگە ۋە جاڭگاللىقنى ئۆز ئۆيىدەك بىلىدىغان جەڭ ماھارىتىگە ئۇچراپ، قانلىق مەغلۇبىيەت بىلەن قايتتى.

بۇ ئۇزۇن ئۇرۇش سەھنىسىدە سان-ساناقسىز قەھرىمانلار چاقنىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ئىسىم بار ئىدىكى، ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلىغاندا ئىسپانىيە گېنېراللىرىنىڭمۇ ئۇيقۇسى بۇزۇلۇپ، يۈرىكىگە تىترەك چۈشەتتى. ئۇ — ماگۇينداناۋنىڭ يولۋىسى، سۇلتانلىقلار بىرلىكىنىڭ پولات سىمۋولى، 1619-يىلىدىن 1671-يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ئۇلۇغ سۇلتان مۇھەممەد دىپاتۇئان كۇدارات ئىدى!

سۇلتان كۇدارات پەقەتلا قولىدا خەنجىرى چاقناپ تۇرىدىغان باتۇر جەڭچى ئەمەس، بەلكى كۆزلىرى بۈركۈتتەك ئۆتكۈر، دۈشمەننىڭ يۈرىكىدىكىنى كۆرۈپ تۇرالايدىغان بىر ئىستراتېگىيەچى، سۆزلىرى بىلەن دۈشمەن سېپىدە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرالايدىغان ماھىر بىر دىپلومات ۋە ھەر بىر ھەرىكىتىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىدىغان ئىمانى كامىل بىر مۇسۇلمان ئىدى. ئۇ، ئۆمۈر بويى بىر-بىرىنىڭ قېنىنى ئىچىپ كەلگەن قەبىلىلەرنىڭ ئۆزئارا كىچىك دۈشمەنلىكلەرنى تاشلاپ، پۈتۈن مىللەتنى يۇتۇۋېلىشقا كەلگەن ئورتاق ئەجدىھاغا قارشى بىر سەپتە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان تۇنجى رەھبەرلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئوتلۇق نۇتۇقلىرى مەسچىتلەردە ياڭرىغاندا، قەبىلە باشلىقلىرى ئۆز قىلىچلىرىنى بىر-بىرىگە ئەمەس، ئىسپانىيەگە قارىتىپ قەسەم ئىچەتتى.

بىر قېتىم، ئىسپانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەزەلدىن قوللىنىپ كەلگەن رەزىل تاكتىكىسى بىلەن بەزى قەبىلە باشلىقلىرىنى ئالداپ، ئۇلارغا ئالتۇن ۋە ئەمەل ۋەدە قىلىپ، ئۆز تەرىپىگە تارتماقچى بولغاندا، سۇلتان كۇدارات ئۇلارنى يىغىپ، تارىخقا ئالتۇن ھەرپلەر بىلەن ئويۇلغان مۇنۇ سۆزلەرنى قىلغان ئىدى:

«ئەي غاپىللار! سىلەر نېمە قىلىۋاتقىنىڭلارنى بىلەمسىلەر؟ كۆزۈڭلارنى ئىسپان ئالتۇنلىرىنىڭ يالتىرىقى قاپلىدىمۇ؟ قۇلىقىڭلار ئۇلارنىڭ تاتلىق سۆزلىرىگە ئالداندىمۇ؟ شۇنى ئويلىمامسىلەر، ئۇلارغا بويسۇنۇشنى قوبۇل قىلغانلىق — زۇلۇمنىڭ زەنجىرىنى ئۆز قولۇڭلار بىلەن بوينۇڭلارغا سالغانلىق ئەمەسمۇ؟ ئۇلار سىلەرگە باغ ۋەدە قىلىپ، سىلەرنى قۇللۇقنىڭ زىندانىغا سۆرەيدۇ! ئۇلار بىزنى بىر-بىرىمىزگە دۈشمەن قىلىپ، ئاندىن ھەممىمىزنى ئىتتەك قۇل قىلماقچى. قاراڭلار، مەن سىلەرگە نېمە بېرەلەيمەن؟ مەن سىلەرگە ئالتۇن-كۈمۈش، ئەمەل-مەنسەپ ۋەدە قىلالمايمەن. ئەمما مەن سىلەرگە ئەجدادلىرىڭلار سىلەرگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئەڭ ئۇلۇغ مىراسنى ،  شەرەپنى، ئىززەتنى ۋە ئازادلىقنى ۋەدە قىلىمەن! تاللاڭلار! ئۆز ئەجدادلىرىمىزنىڭ مۇبارەك تۇپرىقىدا قۇلدەك خارلىنىپ ياشامسىلەر ياكى ئازاد ئىنساندەك جەڭ قىلىپ، شەرەپ بىلەن ئۆلۈپ، ئاللاھنىڭ ئالدىغا شەھىد بولۇپ بارامسىلەر؟!»

بۇ سۆزلەر — ئاددىي سۆزلەر ئەمەس ئىدى، غەزەپكە تولغان، ئىمان بىلەن سۇغىرىلغان بۇ سۆزلەر ئوقياغا ئايلىنىپ، غاپىل قەلبلەرگە سانجىلدى. شۇ كۈندىن باشلاپ، بۇ زېمىن ئىسپانىيە ئۈچۈن بىر قەبرىستانلىققا ئايلاندى. ۋە ئەڭ مۇھىمى، ئۇلار دۈشمەن بەرگەن ھاقارەت نامىنى ئۆزلىرىنىڭ شەرەپلىك بىرلشتۈرگۈچى بايرىقىغا ئايلاندۇردى. ئۇلار ئۆزلىرىنى پەخىرلەنگەن ھالدا «مورولار» دەپ ئاتاشقا باشلىدى. بۇ سۆز ئەمدى ئىسپان تىلىدىكى «كاپىر دۈشمەن» دېگەننى ئەمەس، بەلكى «تىز پۈكمەس مۇجاھىد»، «ئازادلىق جەڭچىسى» دېگەننى بىلدۈرىدىغان بولدى. ئۇلار دۈشمەننىڭ زەھىرىنى سۈمۈرۈپ، ئۇنى ئۆزلىرى ئۈچۈن قۇۋۋەت دورىسىغا ئايلاندۇردى!

ئىسپانىيە ئىشغالىيىتىگە قارشى باشلانغان بۇ جىھادتا دادىسىنىڭ قولىدىن چۈشكەن قالقان – قىلىچنى ئوغلى ئالاتتى، ئاكىسى شەھىد بولغان سەپكە ئىنىسى يۈگۈرەتتى. 300 يىلغىچە ھەر بىر ئەۋلاد ئۆزىدىن كېيىنكى ئەۋلادقا ئىككىلا نەرسىنى مىراس قالدۇردى: بىرى، قەلبىنى نۇرلاندۇرىدىغان قۇرئان كەرىم؛ يەنە بىرى، دۈشمەنگە قارشى قىلىچ، يەنى ئىشغالىيەتكە قارشى ئۆچمەنلىك، تىز پۈكمەس جىھاد روھى. ئاخىرىدا، 1898-يىلى، دۇنيانى تىترىتىپ تۇرغان ئىسپانىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇياشى پاتتى. ئۇلار بۇ يېڭىلمەس مىللەت ئالدىدا ئاجىز كېلىپ، تارىخنىڭ مەسخىرىسى ئىچىدە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئەمما زۇلۇمنىڭ بىر كېچىسى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، يېڭى، تېخىمۇ ھىيلىگەر، تېخىمۇ زامانىۋى ۋە تېخىمۇ رەھىمسىز بىر ئالۋاستىنىڭ كۆلەڭگىسى يوپۇرۇلۇپ كەلمەكتە ئىدى…

داۋاملىشىدۇ….

________________________________________

قىسسىدىن ئۇيغۇرلارغا ھىسسە: بىرىنچى قىسىمدىن روھىمىزغا ئويۇلىدىغان ئالتە مەشئەل:

بىرىنچى مەشئەل: بىز بۆلگۈنچى ئەمەس، ئۆز ئۆيىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىۋاتقان ۋارىسلارمىز!

خىتاي ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى ھىمايىچىلىرى بىزنى «بۆلگۈنچى»، «ئاشقۇن» دەپ ئاتايدۇ. ئەمما مورو داستانىنىڭ بۇ تۇنجى بېتى بىزگە شۇ ھەقىقەتنى پولاتتەك ئاۋازدا ياڭرىتىدۇ: بىز بىر دۆلەتتىن بۆلۈنۈپ چىقماقچى بولغان توپىلاڭچىلار ئەمەس، بەلكى تارىختىن بۇيان ئۆزىمىزگە تەۋە بولغان، دۈشمەن تەرىپىدىن مەجبۇرىي بېسىۋېلىنغان زېمىننىڭ قانۇنلۇق ۋارىسلىرىمىز! دۈشمەن بىزنىڭ ئۆيىمىزگە باستۇرۇپ كىرىپ، بىزنى ئۆز ئۆيىمىزدىن قوغلاپ چىقارماقچى بولۇۋاتىدۇ. مورولارنىڭ سۇلتانلىقلىرى بولغاندەك، بىزنىڭمۇ قاراخانىيلاردىن سەئىدىيە خانلىقىغىچە شانلىق ئىسلامىي دۆلەتلىرىمىز بولغان. بۇ تارىخىي ھەقىقەت — بىزنىڭ كۈرىشىمىزنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم قانۇنىي ۋە ئىمانىي ئاساسىدۇر. بىز دۈشمەندىن رەھىم-شەپقەت تىلىمەيمىز، بىز ئۆز ئۆيىمىزنى، ئۆز مىراسلىرىمىزنى، ئۆز شەرىپىمىزنى قايتۇرۇپ ئېلىشنى تەلەپ قىلىمىز!

ئىككىنچى مەشئەل: ئىمان — مىللەتنىڭ روھىي قورغىنىدۇر!

مورولار ئۈچۈن ئىسلام پەقەتلا بىر دىن ئەمەس ئىدى، بەلكى ئۇلارنىڭ كىملىكىنىڭ، مەدەنىيىتىنىڭ ۋە بىرلىكىنىڭ يادروسىغا، روھىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ئايلانغان ئىدى. ئۇلارنى 400 يىل يېڭىلمەس قىلغان كۈچ — دەل ئەنە شۇ مۇستەھكەم ئىمان قورغىنى ئىدى. بىر مىللەت تىلىنى يوقىتىپ قويۇپ، قايتىدىن تىلىنى تاپالىشى مۇمكىن، ئەمما ئىمانىنى يوقاتقان مىللەت ئۆز روھىنى يوقاتقان بولىدۇ. خىتاي بىزنىڭ تىلىمىزنى، مەدەنىيىتىمىزنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ تۈپ نىشانى — قەلبىمىزدىكى ئىماننى ئۆچۈرۈشتۇر. چۈنكى ئۇلار ئىمانى بار بىر مىللەتنىڭ ھەرگىز تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى، ئۆلۈمدىن قورقمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا، ئىمانىمىزنى قوغداش — ۋەتىنىمىزنى قوغداشنىڭ ئاساسلىق شەرتى ۋە ئەڭ مۇستەھكەم ئاساسىدۇر!

ئۈچىنچى مەشئەل: ھەقىقىي مۇستەقىللىق — دۈشمەن بەخش ئەتكەن ئاپتونومىيە ئەمەس!

سۇلتانلىقلارنىڭ ئۆز قانۇنى، ئۆز ئارمىيەسى، ئۆز ئىقتىسادى بار ئىدى. ئۇلار ھەقىقىي مۇستەقىللىقنىڭ تەمىنى تېتىغان، ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى ئىگە بولغان ئىدى. دۈشمەن تەرىپىدىن بېرىلگەن ھەر قانداق «ئاپتونومىيە»، «ئېتىبار بېرىش سىياسىتى» — قۇللۇقنىڭ ئالتۇن زەنجىر بىلەن كىشەنلەنگەن يەنە بىر شەكلىدىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. شۇڭا مورو مۇسۇلمانلىرىدا «قەپەس ئىچىدىكى يولۋاسقا ياخشى گۆش بېرىلسىمۇ، ئۇ ئەمدى يولۋاس ئەمەس» دەيدىغان مەشھۇر سۆز بار. بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ نىشانىمىزمۇ ھەرگىز دۈشمەننىڭ قەپىسى ئىچىدە بىر ئاز كەڭرەك نەپەس ئېلىش ئەمەس، بەلكى ئۇ قەپەسنى پارە-پارە قىلىپ، ئۆزىمىزنىڭ مۇستەقىل سىستېمىمىزنى قۇرۇپ، ئۆز تەقدىرىمىزگە ئۆزىمىز ئىگە بولۇشتۇر!

تۆتىنچى مەشئەل: كۈرەشنىڭ نامىنى توغرا قويۇش — غايىنىڭ روھىنى ساقلاش!

مورولار ئۈچۈن بۇ ئۇرۇش ھەرگىز بىر «مىللىي توقۇنۇش» ياكى «يەر تالىشىش» ئەمەس ئىدى. ئۇلار بۇنى ئېنىق قىلىپ «جىھاد فى سەبىلۇللاھ» — ئاللاھ يولىدىكى كۈرەش دەپ ئاتىدى. بۇ ئېنىق ئىسىم، ئۇلارنىڭ كۈرىشىنى دۇنياۋى مەنپەئەتلەردىن يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا مۇقەددەسلىك ۋە مەنىۋى كۈچ بەخش ئەتتى. بىزنىڭمۇ كۈرىشىمىزنى دۇنياغا «كىشىلىك ھوقۇق» ياكى «مەدەنىيەتنى قوغداش» دەپلا چۈشەندۈرۈش — ئۇنىڭ ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئىمانىي يادروسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ. بىز بۇ كۈرەشنىڭ بىر ئازادلىق كۆرۈشى، ئاللاھ ئالدىدىكى بۇرچىمىز، ئىمانىمىزنىڭ سىنىقى ۋە ئاخىرەتلىك سائادىتىمىز ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ھەرگىز ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك.

بەشىنچى مەشئەل: بىرلىك — غەلىبىنىڭ بىرىنچى شەرتى!

سۇلتان كۇداراتنىڭ ئەڭ بۈيۈك تۆھپىسى — ئۆزئارا دۈشمەن قەبىلىلەرنى بىر بايراق ئاستىغا يىغىپ، ئۇلارنىڭ كۈچىنى بىر نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرەلىگەنلىكىدۇر. دۈشمەننىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاكتىكىسى — بىزنى «ئۇ گۇرۇپپا، بۇ گۇرۇپپا» دەپ پارچىلاش، بىر-بىرىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىزنى يوقىتىشتۇر. بىزنىڭ ئىچىمىزدىكى ھەر قانداق ئىختىلاپ، ھەر قانداق گۇرۇپپىۋازلىق — دۈشمەنگە ئېتىلغان ئوقنىڭ ئۆز يۈرىكىمىزگە قايتىپ كېلىپ سانجىلىشىدۇر.

ئالتىنچى مەشئەل: دۈشمەننىڭ ھاقارىتىنى غۇرۇرغا ئايلاندۇرۇش!

ئىسپانلار ئۇلارنى كەمسىتىپ «مورو» (كاپىر دۈشمەن) دەپ ئاتىدى. ئەمما ئۇلار بۇ ھاقارەت ئالدىدا يىغلاپ يۈرمىدى. ئەكسىچە، بۇ ئىسىمنى ئۆزلىرىنىڭ يېڭىلمەس روھىنىڭ، بىرلىكىنىڭ ۋە جىھادىنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندۇردى. بۇ، بىز ئۈچۈن چوڭقۇر بىر دەرس، دۈشمەن بىزگە مەيلى قانداق تامغا باسسا باسسۇن، «تېررورچى» دېسۇن، «بۆلگۈنچى» دېسۇن، مەيلى قانداق ھاقارەت ياغدۇرسا ياغدۇرسۇن، بۇ بىزنى مەيۇسلەندۈرىدىغان، ئۆز ئارا بىر بىرىمىزدىن قاچىدىغان ئاڭسىزلىقنىڭ ئامىلىغا ئەمەس، دۈشمەننىڭ ھاقارىتىنى ئۆزىمىزگە شەرەپ مېداليونى بىلىپ، غەزىپىمىزنى تاۋلايدىغان، ئۆزىمىزنىڭ ئەسلى كىم ئىكەنلىكىمىزنى سۆز ۋە قۇرۇق شۇئار بىلەن ئەمەس، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن ئىسپاتلىيالىشىمىزغا تۈرتكە بولىدىغان نۇقتىلىق يادروغا ئايلاندۈرالىشىمىز لازىم. دۈشمەننىڭ زەھەرلىك ئوقىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنى ئۆز قولىمىزدىكى قىلىچقا ئايلاندۇرىدىغان ئىرادە بولغاندىلا، بىز ھەقىقىي كۈچكە ئىگە بولالايمىز.

ئەمدى بۇ مەشئەللەرنىڭ يورۇقىدا ئۆزىمىزگە قويۇشقا ۋە جاۋاب تېپىشقا تېگىشلىك سوئاللار:

بىرىنچى سوئال: بىز ئۆزىمىزنى شانلىق ئىسلامىي دۆلەتلەرنىڭ ۋارىسلىرى دەپ جاكارلايمىز، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن خەلقئارا سەھنىلەردىكى سۆزلىرىمىز ۋە ھەرىكەتلىرىمىز كۆپىنچە ھاللاردا ئۆز ئۆيىنىڭ ئىگىسىدەك ئەمەس، بەلكى بىر دۆلەتتىن رەھىم-شەپقەت تىلەۋاتقان «ئاجىز ئاز سانلىق» قا ئوخشاپ قالىدۇ؟ قەلبىمىزنىڭ يوشۇرۇن بۇرجىكىدە دۈشمەننىڭ «بۆلگۈنچى» دېگەن تامغىسىنى ئۆزىمىزمۇ قوبۇل قىلغاندەك تۇيغۇ بېرىۋاتامدۇق قانداق؟

ئىككىنچى سوئال: بىز ئىمانىمىزنى ئەڭ مۇستەھكەم قورغىنىمىز دەيمىز. دۈشمەن ۋەتىنىمىزدە مەسچىت-مەدرىسەلەرنى چېقىپ، بۇ قورغاننىڭ تېمىنى يىمىرىۋاتقان بولسا، مۇھاجىرەتتىكى بىزلەرچۇ؟ بىز ئۆزىمىزنىڭ غەپلەتلىرى، دۇنياۋى ھەشەمەتكە بېرىلىشلىرىمىز بىلەن كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ قەلبى بىلەن ئىمان ئوتتۇرىسىغا كۆرۈنمەس سېپىل سوقۇۋاتقانلىقىمىزنى قاچان ھېس قىلىمىز؟ فىزىكىلىق مەسچىتنى چېقىۋاتقان دۈشمەن تېخىمۇ خەتەرلىكمۇ ياكى كېيىنكى ئەۋلادنىڭ قەلبىدە مەنىۋى مەسچىت قۇرۇشقا توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان ئاتالمىش دىنسىز زىيالىلىرىمىزمۇ؟

ئۈچىنچى سوئال: مورولار قەپەس ئىچىدىكى يولۋاسنىڭ يولۋاس ئەمەسلىكىنى بىلەتتى. بىز غەرب دۆلەتلىرىدىن ياردەم تەلەپ قىلغاندا، ئۆزىمىزمۇ بىلمىگەن ھالدا، مۇتلەق مۇستەقىللىق دېگەن ئالىي غايىمىزنى دۈشمەن بېرىدىغان «كەڭرەك قەپەس»، «ياخشىراق يەم» گە ئالماشتۇرۇپ قويۇش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىمىزمۇ قانداق؟ «قانداقلا بولمىسۇن بىرەر قوللاشقا ئېرىشەيلى» دېگەن ھايانكەشلىك، قاچاندىن بېرى مۇقەددەس غايىمىزنى زەھەرلەشكە باشلىدى ئويلىنىپ باقتۇقمۇ؟

تۆتىنچى سوئال: بىز «جىھاد» سۆزىدىن قورقىدىغان دۇنياغا ئۆزىمىزنى ياخشى كۆرسىتىش ئۈچۈن، مۇقەددەس كۈرىشىمىزنىڭ ئىمانىي يادروسىنى ئاجىزلىتىپ، ئۇنى پەقەتلا بىر «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى» گە ئايلاندۇرۇوپ قويۇۋاتامدۇق، قانداق؟ باشقىلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ھېكايىمىزنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، مورولارنى 400 يىل يېڭىلمەس قىلغان ۋە غەلىبىنىڭ ھەقىقىي مەنبەسى بولغان ئاللاھنىڭ ياردىمىدىن (نۇسرەتتىن) مەھرۇم قېلىۋاتقان بىز ئۆزىمىزمۇ؟

بەشىنچى سوئال: سۇلتان كۇدارات بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ يۈرگەن قەبىلىلەرنى ئورتاق دۈشمەنگە قارشى بىر سەپكە تىزغان ئىدى. بىزچۇ؟ بىز تېخىمۇ ۋەھشىي، تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتقان تۇرۇقلۇق، ھېلىھەم تەشكىلات بايرىقىنى، مەھەللىۋازلىقنى ۋە شەخسىي مەنپەئەتنى مىللەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىدىن ئۇستۇن قويۇۋاتىمىز. ئۆزىمىزدىن سەمىمىي سوراپ باقايلى: بۈگۈن مىللەتنىڭ ھايات قېلىشى ئۈچۈن، بىزنىڭ ئىچكى دۇنيايىمىزدا نېمىلەرنىڭ ئۆلۈشى كېرەك؟

ئالتىنچى سوئال: دۈشمەن بىزگە «تېررورچى» دەپ ھاقارەت تامغىسىنى باسقاندا، بىز ئالدىراپ-تېنەپ ئۆزىمىزنىڭ «مۆتىدىل» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنامدۇق ياكى مورولاردەك بۇ نامنىڭ پەقەت ئازادلىق جەڭچىلىرى ئۈچۈن بىر شەرەپ نىشانى ئىكەنلىكىنى، غايىمىزنىڭ ئۆز مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى جاكارلىشىمىز كېرەكمۇ؟ دۈشمەننىڭ تۆھمىتىدىن شۇنچىلىك قورقۇپ، ئۆز-ئارا بىر-بىرىمىزنى تىزگىنلەپ، ئارىمىزدىكى ئەڭ جاسارەتلىك ئاۋازلارنى بوغۇپ، دۈشمەن ئارزۇ قىلغان «يۇۋاش»، «زىيانسىز» قۇللارغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان بىز ئۆزىمىزمۇ قانداق؟


2 – باب: بۈركۈتنىڭ سايىسىدىكى زەھەرلىك ھەسەل ۋە قانلىق سەجدىگاھ

ئۈچ ئەسىرگىچە جىھاد بايرىقى يەرگە چۈشمىگەن ۋە ئىسپانىيە ئىشغالىيىتىنىڭ قانلىق ئاياقلىرى ئاستىدا ئۈچ ئەسىر ئېزىلگەن بۇ مۇبارەك زېمىن 1898-يىلى نىھايەت بىر دەم بولسىمۇ ئەركىن نەپەس ئالغاندەك بولدى. زالىمنىڭ مەغلۇب بايرىقى تارىخنىڭ ئەخلەتخانىسىغا تاشلانغاندا، مۇجاھىدلارنىڭ قىلىچىدىن تامچىغان قانلار يەرگە سىڭىپ، ئۈمىد گۈللىرىنى ئۈندۈرگەندەك قىلاتتى. بەلكىم ئۇلار، «ئەمدى يېتەر! بىر زۇلۇم دەۋرى ئاخىرلاشتى، ئەمدى ئۆزىمىزنىڭ سۇلتانلىقىنى قايتا قۇرىمىز، مەسچىتلىرىمىزنىڭ مۇنارلىرىدىن يەنە ئەركىن ئەزان سادالىرى ياڭرايدۇ» دەپ، ياشلىق كۆزلىرىنى ئاسمانغا تىكىپ شۈكۈر سەجدىسى قىلغان بولىشى مۇمكىن. ئەمما ئەپسۇس! تارىخنىڭ ئۇلارغا كۆرسىتىدىغان رەھىمسىز ئويۇنى تېخى تۈگىمىگەن ئىدى. بۇ ۋاقىتلىق ئازادلىقنىڭ قۇياش پېتىشتىن بۇرۇنقى ئالدامچى بىر شەپەق نۇرى ئىكەنلىكىنى ئۇلار نەدىنمۇ بىلسۇن؟!

ئۇپۇقتا يېڭى بىر كۆلەڭگە پەيدا بولدى. بۇ، ئىسپانىيەنىڭ كونا، دات باسقان ياغاچ كېمىلىرىگە ئوخشىمايتتى. بۇ پولاتتىن ياسالغان، مورىلىرىدىن دوزاخنىڭ قارا ئىس – تۈتەكلىرىنى پۈركۈپ، ئوكياننى تىترىتىپ كېلىۋاتقان ھەيۋەتلىك ئالۋاستىلار ئىدى. ئۇلارنىڭ بايرىقىدا قانلىق كرېست ئەمەس، يۇلتۇزلار ئارىسىدا پولات تىرناقلىرىنى يۇمران پەرلىرى ئارىسىغا يوشۇرغان رەھىمسىز بىر بۈركۈتنىڭ سۈرىتى بار ئىدى. بۇ بۈركۈتنىڭ نامى ئەركىنلىك تونىغا ئورىنىۋالغان ۋە يالغان دېموكراتىيەنىڭ نامايەندىسى ئامېرىكا ئىدى!

ئۇلارنىڭ كېلىشى ئىسپانلاردەك قوپال ۋە ۋەھشىي بولمىدى. ئۇلار تېخىمۇ ھىيلىگەر، تېخىمۇ رەزىل ئىدى. ئۇلارنىڭ بىر قولىدا زەمبىرەك، يەنە بىر قولىدا روھنى قۇل قىلىدىغان «مۇقەددەس كىتاب» ۋە شېكەرگە ئورالغان زەھەرلىك ۋەدىلەر بار ئىدى. ئۇلارنىڭ گېنېراللىرى مورو رەھبەرلىرىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدى: «بىز سىلەرنى بويسۇندۇرغىلى ئەمەس، ئازاد قىلغىلى كەلدۇق! سىلەر بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز! بىز سىلەرنى جاھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، مەدەنىيەتنىڭ نۇرىغا ئېلىپ بارىمىز»

ئۇلارنىڭ «خەيرىخاھلىق بىلەن ئۆزلەشتۈرۈش» (Benevolent Assimilation) دەپ ئاتالغان سىياسىتى، ئەسلىدە ئىچىدە ئۆلۈم زەھىرى بىلەن تولغان بىر قاچا زەھەرلىك ھەسەلگە ئوخشايتتى.

1899 – يىلى، بۇ شەيتانىي ھىيلىنىڭ تۇنجى پەردىىسى ئېچىلدى. ئامېرىكا گېنېرالى جون بەيتىس سۇلۇ سۇلتانى 2 – جامالۇل كىرامنىڭ ئالدىدا مۇقەددەس قۇرئاننى قويۇپ تۇرۇپ قەسەم ئىچتى. تارىختا «بەيتىس كېلىشىمى» دەپ لەنەتلەنگەن بۇ رەزىل قەغەزگە ئىمزا قويۇلدى. ئۇلار «مورولارنىڭ دىنىغا، مەسچىتىگە، شەرىئىتىگە، ئىچكى مۇستەقىللىقىغا ھەرگىز ۋە قەتئىي ئارىلاشمايمىز» دەپ قەسەم بەردى.

ئەمما ھەممە رەھبەرنىڭ كۆزىنى بۇ يالتىراق ۋەدىلەرنىڭ پارلىشى كور قىلىپ قويمىغان ئىدى. 300 يىللىق جىھاد بىلەن تاۋلانغان، دۈشمەننىڭ كۆزىدىكى ھىيلىنى يۈرىكىدىكى ئىمان مەرىپىتى بىلەن كۆرۈپ تۇرالايدىغان بىر يولۋاس بار ئىدى. ئۇ ماگۇينداناۋنىڭ قەيسەر ئوغلانى داتۇ ئەلى ئىدى. ئۇ باشقا سۇلتانلارنى يىغىپ، يۈرىكىدە سەزگەن ئاچچىق ھەقىقەتلەرنى ئاڭلاتتى:

«ئەي غاپىل قېرىنداشلىرىم! كۆزۈڭلارنى ئېچىڭلار! ئىسپان يولۋىسىنىڭ قانلىق تىرنىقى ئوچۇق ئىدى، بىز ئۇنىڭ نىيىتىنى كۆرۈپ تۇراتتۇق. ئەمما بۇ ئامېرىكا بۈركۈتى، تىرنىقىنى يۇمران پەرلىرى ئارىسىغا يوشۇرۇپ كەلدى. ئۇنىڭ ‹ئەركىنلىك› دەپ سايرىشىغا ئىشەنمەڭلار! ئۇ بىزنى تىنچلاندۇرۇپ، قولىمىزدىكى قىلىچنى داتلاشتۇرۇپ، ئاندىن بىزنى بىر-بىرلەپ يۇتماقچى! ئۇلارنىڭ قۇرئاننى تۇتۇپ ئىچكەن قەسىمى، سۇ ئۈستىگە يېزىلغان خەتتۇر، قۇياش نۇرىدا پارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ! ھەقىقىي مۇستەقىللىق قەغەزدە ئەمەس، قىلىچنىڭ بىسىدا، ئىماننىڭ كۈچىدە بولىدۇ!»

ئەپسۇس، بۇ سۆزلەرگە قۇلاق سالغانلار ئاز بولدى. داتۇ ئەلى ھەقلىق ئىدى. ئامېرىكا پۈتۈن فىلىپپىننى بويسۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، 1904-يىلى، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي، قانخور چىرايىنى ئاشكارىلىدى. ئۇلار «بەيتىس كېلىشىمى» نى بىر تال ئەخلەت قەغەزدەك يىرتىپ تاشلىدى. «مېھىر-شەپقەت» نىقابى يىرتىلىپ، ئورنىغا زۇلۇمنىڭ مۇزدەك چىرايى كۆرۈندى. ئۇلار مورولاردىن ئەجدادلىرىدىن مىراس قالغان، شەرىپىنىڭ، غۇرۇرىنىڭ سىمۋولى بولغان خەنجەرلىرىنى تاپشۇرۇشنى بۇيرىدى.

بۇ بىر بۇيرۇق ئەمەس ئىدى. بۇ، بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ روھىغا قىلىنغان ئەڭ رەزىل ھاقارەت، ئۇلارنى ئۆز قولى بىلەن ئۆز غۇرۇرىنى بوغۇزلاشقا چاقىرغان بىر نومۇس ئىدى. بىر مورو ئۈچۈن قورال تاپشۇرۇش، شەرىپىنى تاپشۇرۇش، كىملىكىدىن ۋاز كېچىش، روھىنى دۈشمەنگە ساتقانلىق ئىدى! داتۇ ئەلى بۇ پەسكەشلىككە «ياق!» دەپ، قايتىدىن جىھاد بايرىقىنى كۆتۈردى.

بۇ «ياق!» دېگەن بىر ئېغىز سۆز، پۈتۈن مورو زېمىنىنى قايتىدىن لەززىگە سالدى. 1906-يىلى 3-ئايدا، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ قارا، ئەڭ نومۇسلۇق سەھىپىلىرىدىن بىرى يېزىلدى. مىڭغا يېقىن مورو ئاق ساقال بوۋايلار، قورسىقىدىكى بالىسىنى قوغداشقا ئۇرۇنغان ئانىلار، ئانىسىنىڭ كۆينىكىگە يوشۇرۇنغان بوۋاقلار ۋە ئۆلۈمدىن قورقماس جەڭچىلەر … ئامېرىكا زۇلۇمىدىن قېچىپ، سۇلۇ ئارىلىدىكى بود داجو يانار تېغىنىڭ ئۆچكەن ئېغىزىغا، ئەركىنلىكنىڭ ئاخىرقى قورغىنىغا بېرىپ پاناھلاندى. بود داجو ئۇلار ئۈچۈن پەقەت بىر تاغ ئەمەس، بەلكى ئاسمانغا ئەڭ يېقىن جاي، ئاللاھقا يالۋۇرىدىغان مۇقەددەس بىر سەجدىگاھ ئىدى.

ئامېرىكا گېنېرالى لېئونارد ۋۇد قوماندانلىقىدىكى 800 كىشىلىك، ئەڭ زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللانغان قانخور ئەسكەرلەر بۇ تاغنى قورشاۋغا ئالدى. ئۇلارنىڭ زەمبىرەكلىرى ئاسمانغا قاراپ ھۆركىرىدى، پىلىموتلىرى ئۆلۈمنىڭ سوغۇق ۋەھىمىسىنى چاچماقتا ئىدى. تاغ چوققىسىدىكى مورو خەلقىنىڭ قولىدا بولسا، پەقەتلا كونا خەنجەرلەر، نەيزىلەر ۋە يۈرىكىدە ئاللاھقا بولغان سۇنماس ئىمانىلا بار ئىدى.

ئامېرىكىلىقلار زەمبىرەكلىرى بىلەن توپقا تۇتۇشنى باشلىغاندا، تاغ تىترەپ كەتتى، ئاسماننى قارا ئىس ۋە ئىنسان گۆشىنىڭ كۆيگەن ھىدى قاپلىدى. ئەمما ئۇ ئىس-تۈتەك ئارىسىدىن، زەمبىرەك ئاۋازىنى يېرىپ ئۆتىدىغان بىر سادا ئاڭلاندى: «ئاللاھۇ ئەكبەر!»

بۇ بىر ئۇرۇش ئەمەس، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىدى. مورو ئەرلىرى، ھەتتا ئاياللىرى ۋە ياش ئۆسمۈرلىرىمۇ قوللىرىدىكى خەنجەرلەرنى چىڭ تۇتۇپ، پىلىموت ئوقلىرىنىڭ يامغۇرىغا قارشى، ئۆلۈمگە قاراپ ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇلار يىقىلدى، ئەمما تىز پۈكمىدى. ئۇلار ئۆلدى، ئەمما تەسلىم بولمىدى.

ئۈچ كۈندىن كېيىن، تاغ قانلىق بىر جىمجىتلىققا چۆمدى. مىڭغا يېقىن ئىنساندىن پەقەت 6 ئادەملا ئۆلۈكلەرنىڭ ئارىسىدا يوشۇرۇنۇپ تىرىك قالغان ئىدى. قىرغىنچىلىقتىن كېيىن، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ پارە-پارە بولۇپ كەتكەن جەسەتلىرى ئۈستىدە كۈلۈپ، غەلىبە سىگارىتىنى چېكىپ تۇرۇپ چۈشكەن سۈرەتلەر… ۋەھشيلىكنىڭ ئۆچمەس خاتىرىسى بولۇپ تارىخ بەتلىرىگە پۈتۈلدى. ئۇلار بۈركۈتنىڭ «مەدەنىيەت» ۋەدىسىنىڭ قانچىلىك ساختىلىقىنى، ئۇلارنىڭ «خەيرىخاھلىق» نىقابى ئاستىدىكى ۋەھشىيلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا ئىسپاتلىدى. بۇ ۋەقەلەر ئۇيغۇرلارغىمۇ يات ئەمەس. خىتاي ئىشغالىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل يالغان باھانىلەر ئخقتىمائىي قاتلىئام قىلىشىنى، تەكلىماكان قۇملۇقلىرىغا كوللېكتىپ شەكىلدە كۆمۈلىشى، ھازىرقى چاغدا خىتاي لاگېرلاردا ئۈنتىنسىز قاتلى قىلىۋاتقانلار ۋە بۇ ئازابغا پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز يۇمۇپ، گاس بولۇۋېلىشى ئەينى ۋاقىتتىكى بود داجو تېغىدىكى قىرغىنچىلىقنىڭ پەقەتلا شەكى ئۆگەرتكەن نامايەندىسى ئىدى!

ئامېرىكىلىقلار شۇنى بىلمەيتتى: ئۇلار جەسەتلەرنى يوقىتالىغان بىلەن، روھنى ئۆلتۈرەلمەيتتى. بود داجودا تۆكۈلگەن ھەر بىر تامچە قان، يەرگە سىڭىپ يوقاپ كەتمىدى. بەلكى ئۇ قانلار كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدىكى ئۆچمەنلىك ۋە ئازادلىق ئۇرۇقىنى سۇغىرىدىغان مۇقەددەس بىر يامغۇرغا ئايلاندى. بۇ قەتلىئام مورولارنى قورقۇتقۇتۇشنىڭ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ غەزىپىنى ئۆچمەس بىر يالقۇنغا ۋە ئىرادىسىنى پولاتتتەك مۇستاھكەملىككە ئىگە قىلدى.

1933 – يىلى، يەنە بىر قېتىم بود باغساق تېغىدا، پانگلىما ھەسەن ئىسىملىك بىر جەسۈر قەھرىماننىڭ يېتەكچىلىكىدە، 5000 مورو مۇجاھىدى توپلىنىپ ئامېرىكانىڭ زامانىۋى ئارمىيەسىگە قارشى ئاخىرقى، ئەڭ شانلىق ئۇرۇشنى قىلدى. پانگلىما ھەسەن ئۆزى 30 يېرىدىن ئوق يەپ يىقىلغانغا قەدەر قولىدىكى قىلىچىنى تاشلىمىدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىر دەۋرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى بولسىمۇ، ئۇنىڭ سۇنماس روھى ھەرگىز ئۆلمىدى. ئۇ روھ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا مىراس قالدى. بۇ قانلىق قىساس، بۇ شەرەپلىك رۇھ ھەر بىر مورولۇقنىڭ قەلبىگە ئۆچمەس ئىز بولۇپ ئويۇلدى. جىھاد ئەمدى پەقەت بىر دىنىي ۋەزىپە ئەمەس، بەلكى ئاتا-بوۋىسىنىڭ قېنىنى يەردە قويماسلىق ئۈچۈن ئېچىلگەن خۇسۇسىي بىر قەسەمگە، بىر شەرەپ مەجبۇرىيىتىگە ئايلانغان ئىدى.

داۋاملىشىدۇ….

قىسسىدىن ئۇيغۇرلارغا ھىسسە: ئىككىنچى قىسىمدىن روھىمىزغا يېقىلىدىغان مەشئەل

يەتتىنچى مەشئەل: بۈيۈك دۆلەتلەرنىڭ ۋەدىسى، سېنىڭ قەبرەڭگە قويۇلىدىغان زەھەرلىك گۈلدۇر!

ئامېرىكا قۇرئاننى تۇتۇپ قەسەم ئىچتى، ئاندىن ئۇ قەسەمنى ئۆز ئەسكىرىنىڭ قانلىق ئاياقلىرى ئاستىدا دەسسىتىپ يىرتىپ تاشلىدى. بۇ تارىخىي خىيانەت قۇلىقىمىزدا ئۆزىمىزنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ ئاچچىق بىر نىدانى ئەكس ئەتتۈرىدۇ: 1949-يىلى قىزىل ئەجدىھا ۋەتىنىمىزگە باستۇرۇپ كىرگەندە، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىنمۇ زەھەرلىك ھەسەل تامچىپ تۇراتتى: «بىز سىلەرنى ئازاد قىلغىلى كەلدۇق! ئېتىقادىڭلارغا، مەدەنىيىتىڭلارغا ھۆرمەت قىلىمىز! تەكلىماكاننى بوستانغا ئايلاندۇرۇپ، سىلەرنى گۈللەندۈرگەندىن كېيىن چىقىپ كېتىمىز!». نەتىجە نېمە بولدى؟ بوستانلىرىمىز زىندانغا، خەلقىمىز قۇلغا، ۋەتىنىمىز قەبرىستانلىققا ئايلاندى! بۇ قانلىق ساۋاق بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى: خەلقئارا سىياسەت سەھنىسى بىر جاڭگاللىقتۇر، بۇ يەردە دوستلۇق يوق، پەقەتلا رەھىمسىز مەنپەئەت بار! بۈگۈن بىزگە «ھېسداشلىق» قىلىۋاتقان ھەر قانداق بۈيۈك دۆلەتنىڭ سۆزىگە ئىشىنىش، ئەجدەرھانىڭ ئاغزىغا بېشىڭنى تىقىپ، ئۇنىڭ ساڭا رەھىم قىلىشىنى كۈتكەنلىكتۇر. ھەقىقىي ئازادلىق ۋاشىنگتون ياكى ئەنقەرەنىڭ سارايلىرىدىن ئەمەس، پەقەت ئۆزىمىزنىڭ پولات بىلىكى ۋە ھەر نەرسىگە قادىر ئاللاھنىڭ ياردىمىدىن كېلىدۇ!

سەككىزىنچى مەشئەل: روھنى قورالسىزلاندۇرۇش، مىللەتنى بوغۇزلاشنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر!

دۈشمەننىڭ مورولاردىن ئەڭ بىرىنچى تەلەپ قىلغىنى، ئۇلارنىڭ قوراللىرىنى تاپشۇرۇشى بولدى. چۈنكى ئىشغالچىلار بىر مىللەتنىڭ قولىدىكى قىلىچنى تارتىۋېلىشنىڭ، ئۇلارنىڭ روھىدىكى قارشىلىق ئىرادىسىنى سۇندۇرۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئىكەنلىكىنى ئىبلىستىنمۇ ياخشى بىلىدۇ. بۇ ھىيلە بىزگە شۇنچىلىك تونۇش! خىتايمۇ ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، دەرھال قورال يىغمىدى. ئۇلار بەش يىلغا قەدەر خەلقنىڭ ئالدىدا قويدەك يۇۋاش قىياپەتكە كېرىۋېلىپ، «خەلققە خىزمەت قىلىش» نىقابى ئاستىدا ئۇلارنى ئۇخلىتىپ، مۇنتەزىم شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى ئىچىدىكى قەيسەر ئوغلانلارنى، ۋەتەنپەرۋەر قوماندانلارنى بىر-بىرلەپ، مەخپىي سۇيىقەستلەر بىلەن يوقاتتى. مىللەتنىڭ پولات مۇشتىنى سۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىنلا، ئۇلار ھەقىقىي ئەپتى – بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ، پۈتۈن خەلقنىڭ قولىدىكى قوراللارنى يىغىۋېلىشقا باشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ ھىيلە تېخىمۇ رەزىللەشتى. دۈشمەن ۋە ئۇنىڭ دۇنيادىكى مالايلىرى بىزنىڭ روھىمىزنى «مۆتىدىللىك»، «زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش»، «تىنچلىقپەرۋەرلىك» دېگەن تاتلىق سۆزلەر بىلەن قورالسىزلاندۇرماقچى بولىدۇ. بىلىپ قويايلى! غەزىپىنى يوقاتقان ۋە قىساس ئېلىش روھىدىن ئايرىلغان مىللەت، قۇشخانىغا ھەيدىلىۋاتقان پادىدىن پەرقى يوقتۇر!

توققۇزىنچى مەشئەل: دۈشمەننىڭ «مەدەنىيىتى»، سېنىڭ ئەۋلادىڭنىڭ روھىغا سېلىنىدىغان كىشەندۇر!

ئامېرىكا «مەدەنىيەت» ئېلىپ كېلىش نامى بىلەن كىردى. ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى — مورولارنىڭ روھىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئۆز ئەجدادلىرىدىن نومۇس قىلىدىغان، ئامېرىكىچە ئويلايدىغان روھسىز بىر مەخلۇققا ئايلاندۇرۇش ئىدى. بۇ رەزىل تاكتىكا خىتاينىڭ بىزگە قىلغىنىنىڭ ئوخشىشى ئەمەسمۇ؟ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» سەپسەتىسى بىلەن ئۇلار دىنىمىزنى «خۇراپاتلىق»، مەدەنىيىتىمىزنى «قالاقلىق» دەپ ئاياق ئاستى قىلىپ، ئىمانلىق بىر مىللەتنى دىنسىز كوممۇنىست بولۇشقا زورلىمىدىمۇ؟ بىلىڭلاركى، شۇ ۋاقىتتىكى بۇ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى بۈگۈنكى «كەسپىي تەربىيەلەش لاگېرى» نامىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ دەسلەپكى مەشىقى ئىدى! ئۇلار سېنىڭ تىنىڭنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، ئەمما سېنىڭ تەپەككۈرۈڭنى، قەلبىڭنى ئۆزگەرتىشنى خالايدۇ. قاچان بىز دۈشمەننىڭ ئىستىلاھلىرى (تېرمىنلىرى) بىلەن سۆزلەشكە، ئۇنىڭ قىممەت قارىشى بىلەن ئويلىنىشقا باشلىساق، شۇ كۈن روھىي قۇللۇقنىڭ باشلانغان كۈنىدۇر!

ئونىنچى مەشئەل: شەھادەت، مەغلۇبىيەت ئەمەس، ئۆچمەس ئىنتىقامنىڭ مۇقەددەس ئۇرۇقىدۇر!

بود داجودا مىڭلىغان ئادەم شېھىت بولدى. ماددىي دۇنيانىڭ نەزىرىدە بۇ بىر پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتتۇر. ئەمما ئىماننىڭ نەزىرىدە، بۇ مەغلۇبىيەت ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى غەلىبىنىڭ ئۇرۇقىنىڭ چېچىلغانلىقىدۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇبارەك قېنى كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ قەلبىدىكى ئازادلىق ئوتىنى ئەسىرلەر بويى لاۋۇللىتىپ تۇرىدىغان يېقىلغۇغا ئايلاندى. ئۇلار دۈشمەنگە شۇ ھەقىقەتنى پولاتتەك ئىرادىسى بىلەن ئىسپاتلىدى: سەن مېنىڭ تېنىمنى ئۆلتۈرەلەيسەن، ئەمما مېنىڭ غايەمنى، مېنىڭ روھۇمنى، مېنىڭ قىساسىمنى ھەرگىز ئۆلتۈرەلمەيسەن!

ئون بىرىنچى مەشئەل: دوست قىياپىتىدىكى ئىبلىس، ئوچۇق دۈشمەندىنمۇ خەتەرلىكتۇر!

مورولار ئىسپانىيەنىڭ ئوچۇق زۇلۇمىغا 300 يىل تاقابىل تۇردى. ئەمما ئامېرىكىنىڭ «دوستلۇق» ۋە «ياردەم» نىقابى ئاستىدىكى ھىيلىسىگە ئالدىنىپ قالدى. بۇ خەيرىخاھ كۆرۈنگەن پەردىنىڭ ئارقىسىدىكى رەزىللىكنى كۆرەلمىدى. خۇددى بىز بىر زامانلار خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقى» دېگەن تاتلىق سۆزلىرىگە ئالدانغاندەك. بۇ بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى، بىزگە «ياردەم» قىلىش نامى بىلەن كېلىپ، بىزنى مۇستەقىللىق غايىمىزدىن ۋاز كەچۈرگۈزىدىغان، «مۆتىدىل» بولۇشقا ئۈندەيدىغان، غايىمىزنى سۇيۇلدۇرىدىغان ئىچكى ۋە تاشقى «دوستلار»دىن ئوچۇق دۈشمەندىنمۇ قاتتىقراق ھوشيار بولۇشىمىز كېرەك!

ئون ئىككىنچى مەشئەل: خارلىنىپ مىڭ يىل ياشىغاندىن، شەرەپ بىلەن بىر كۈن ياشاپ ئۆلۈش ئەلادۇر!

بود داجودىكى قەھرىمانلار قورال تاشلاپ، خارلىنىپ ياشاشنى رەت قىلدى. ئۇلار ئۆلۈمنى تاللىدى، چۈنكى ئۇلار ئۈچۈن ھاياتلىقنىڭ ئۆزى ئەمەس، ئۇنىڭ قانداق ياشانغانلىقى مۇھىم ئىدى. بۇ روھ، ھەر بىر ئازادلىق كۈرىشىنىڭ يۈرىكىدۇر. بىز ئۆزىمىزدىن ھەر كۈنى سورىشىمىز كېرەك: بىز مۇھاجىرەتتە پەقەت نەپەس ئېلىش ئۈچۈنلا ياشاۋاتقان بىر تىرىك جەسەت مۇ ياكى بىر غايە ئۈچۈن، ئانىمىزنىڭ قىساسى ئۈچۈن، ۋەتىنىمىزنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن جان بېرىشكە تەييار بولغان بىر ئازادلىق روھىمۇ؟

________________________________________

ئەمدى بۇ ئۆچمەس مەشئەللەرنىىڭ يورىقىدا ئۆزىمىزدىن سورايدىغان سوئاللار:

بىرىنچى سوئال: بىز غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىز ئۈچۈن قىزىل ئەجدىھا بىلەن ئۇرۇشۇپ بېرىشىنى كۈتۈپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىر «قايغۇرۇش» باياناتى بىلەن ئاۋۇنۇپ، ھەقىقىي كۈچىمىزنىڭ مەنبەسى بولغان ئاللاھقا، ئىمان كۈچىمىزگە ۋە ئۆز بىلىكىمىزگە تايىنىشنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىزمۇ قانداق؟

ئىككىنچى سوئال: بىز غەربنىڭ «زوراۋانلىققا قارشى تۈرش» ۋە «تىنچلىق» شۇئارلىرىدىن ئەيمىنىپ، قەلبىمىزدىكى خىتايغا بولغان ئۆچمەس ئۆچمەنلىكنى، قىساس ئېلىش روھىنى ئۆز-ئۆزىمىز «بوغۇپ»، دۈشمەننىڭ ئالدىدا زىيانسىز بىر ئويۇنچۇققا ئايلىنىپ قېلىۋاتىمىزمۇ قانداق؟

ئۈچىنچى سوئال: بىز پەرزەنتلىرىمىزنى ئىمان-ئېتىقادتىن ئۇزاق مەكتەپلەرگە ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ دىنىدىن، تىلىدىن ئۇزاقلىشىشىنى «تەرەققىيات» دەپ قاراپ، ئۆز قولىمىز بىلەن كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ روھىنى ئۆلتۈرۈرىۋاتامدۇق -يوق؟

تۆتىنچى سوئال: بىز لاگېرلاردا شەرەپ بىلەن جېنىنى بەرگەن شېھىدلىرىمىزنى پەقەت يىغلاپ ئەسلەش بىلەنلا كۇپايە قىلىۋاتامدۇق؟ ياكى بود داجو شېھىدلىرىنىڭ قېنى يېڭى مۇجاھىتلارنى ياشناتقاندەك، ئۇلارنىڭ قېنى بىزنىڭ قەلبىمىزدىكى قورقۇنچنى يوقىتىپ، ئىرادىمىزنى پولاتتەك تاۋلاۋاتامدۇ؟

بەشىنچى سوئال: بىزگە «مۇستەقىللىقنى تىلغا ئالماڭلار، بولمىسا سىلەرگە ياردەم قىلالمايمىز» دەيدىغان «دوستلار»نىڭ سۆزىگە كىرىپ، غايىمىزدىن چېكىنىشىمىز، مورولارغا «قورالىڭلارنى تاپشۇرۇڭلار، سىلەرگە تىنچلىق بېرىمىز» دېگەن ئامېرىكانىڭ ھىيلىسىگە ئالدىنىشتىن نېمە پەرقى بولسۇن؟

ئالتىنچى سوئال: بىز مۇھاجىرەتتىكى «راھەت» ھاياتىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقۇپ، خارلىنىپ ياشاشقا كۆنۈپ قېلىۋاتامدۇق قانداق؟ بود داجودىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ئوخشاش، شەرەپ ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن، ئىمان ئۈچۈن ھەممە نەرسىدىن ۋاز كېچىشكە تەييارلىقىمىز بارمۇ؟


3-باب : بۈركۈت سايىسىدىن چىققان يىلان ۋە يېڭى ئەۋلادنىڭ غەزىپى

1946 – يىلى تارىخنىڭ قانلىق سەھىپىلىرى يەنە بىر قېتىم ئۆرۈلگەندە، ئامېرىكا بۈركۈتى قانلىق تىرناقلىرىنى بۇ مۇبارەك تۇپراقتىن ئاستا-ئاستا يىغىشتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. بۇ بىر خەير-ساخاۋەتلىك چېكىنىش ئەمەس، بەلكى يېرىم ئەسىرگە يېقىن داۋاملاشقان رەھىمسىز باستۇرۇشنىڭ نەتىجە بەرمىگەنلىكىدىن تۇغۇلغان ئىستراتېگىيەلىك ھېسابلاش ئىدى. ئامېرىكا شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلغانىدىكى، مورولارنىڭ 300 يىلدىن ئارتۇق توختاۋسىز داۋاملاشقان جىھاد روھىنى ھەربىي كۈچ بىلەن بوغۇپ ئۆلتۈرگىلى بولمايتتى. جاڭگاللىقلاردا داۋاملاشقان پارتىزانلىق ئۇرۇشى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنى جان ۋە مال جەھەتتىن ئۈزلۈكسىز زىيانغا ئۇچرىتىپ، بۇ ئۇرۇشنى ئۇلار ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەتلىك، تەننەرخى يۇقىرى بىر «باتقاقلىق»قا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى يېڭى خەلقئارالىق ۋەزىيەتتە، كونا مۇستەملىكىچىلىك دەۋرى ئاخىرلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكا ئۈچۈن بۇ تۇپراقلارنى بىۋاسىتە ئىشغال قىلىشتىن كۆرە، ئۆزى تەربىيەلىگەن يەرلىك ۋاكالەتچىلەر ئارقىلىق كونترول قىلىش تېخىمۇ ئەرزان ۋە ئۈنۈملۈك ئىدى. شۇڭا، ئۇلار مورولارنىڭ قېنى سىڭگەن بۇ زېمىندا ئۇزۇنغىچە پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى.

بود داجو ۋە بود باغساقتىكى شەھىدلەرنىڭ قېنى تېخى قۇرۇپ ئۈلگۈرمىگەن، ئەمما يېرىم ئەسىرلىك ۋەھشىي باستۇرۇشتىن ھالسىرىغان خەلق، ئاسمانغا قاراپ بىر دەم بولسىمۇ ئەركىن نەپەس ئالغاندەك بولغان ئىدى. بەلكىم ئۇلار، «ئەمدى زۇلۇم تۈگىدى» دەپ، قەلبىنىڭ يوشۇرۇن بىر بۇرجىكىدە ئۈمىدنىڭ كىچىككىنە بىر ئۇچقۇنىنى ياققان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئەپسۇس! بۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، بوران-چاپقۇندىن بۇرۇنقى ئالدامچى جىمجىتلىق ئىدى. بۈركۈت ئۇچۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ئۆز ئۇۋىسىدا بېقىپ چوڭ قىلغان، تېخىمۇ ھىيلىگەر، تېخىمۇ زەھەرلىك، سوغۇق قانلىق بىر يىلاننى مىراس قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى. بۇ يىلان – ئامېرىكانىڭ «دېموكراتىيە» لابوراتورىيەسىدە ياسالغان، تاشقى قىياپىتى ئۆزلىرىگە ئوخشىغان، ئەمما قەلبى مۇستەملىكىچى روھ بىلەن تولغان يېڭى فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتى ئىدى.

بۇ، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تېخىمۇ رەزىل، تېخىمۇ خەتەرلىك يېڭى بىر باسقۇچى سۈپىتىدە، ئىچكى مۇستەملىكىچىلىك (Internal Colonialism) نىڭ رەھىمسىز پەردىسىنى ئاچتى. ئەمدى دۈشمەن يىراق ياۋروپادىن كەلگەن ئاق تەنلىك ئەسكەرلەر ئەمەس، بەلكى مانىلادىن كەلگەن، ئۆزىنى «قېرىنداش» دەپ ئاتىۋالغان، ئەمما كۆزىدە مورولارنىڭ كىملىكىگە ئۆچمەنلىك، زېمىنىغا ۋە بايلىقىغا ئاچكۆزلۈك يېنىپ تۇرغان قارا چاچلىق بيۇروكراتلار ئىدى. ئۇلارنىڭ قولىدىكى قورال ئەمدى پەقەت زەمبىرەكلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ يوشۇرۇن ئىككى يېڭى قورال ئىدى: قەلەم (تەتۈر تەشۋىقات) ۋە كۆچمەن سىياسىتى.

قەلەم؛ مانىلادىكى ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ئىشخانىلاردا، كۈلۈمسىرىگەن ئەمەلدارلارنىڭ قولىدا ئوينىتىلىپ، مورولارنىڭ ئەجدادلىرىدىن قالغان مىڭ يىللىق يەرلىرىنى بىر كېچىدىلا «دۆلەت مۈلكى» گە ئايلاندۇرۇۋېلىشنىڭ قورالى بولدى. ئەسىرلەردىن بېرى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قېنى ۋە تەرى بىلەن سۇغۇرۇلغان بۇ مۇبارەك تۇپراقتا دېھقانچىلىق قىلىپ كەلگەن بىر مورو دېھقان، بىر كۈنى ئۆيىگە كەلگەن فورما كىيگەن بىر ئەمەلدارنىڭ قولىدىكى بىر پارچە قەغەزگە قاراپ ھاڭ-تاڭ قاراپ قالاتتى. ئۇ قەغەزدىكى چۈشىنىكسىز ھەرپلەر، ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى، ئەجدادلىرىنىڭ مىراسىنى بىر دەمدىلا قانۇنسىزغا چىقىرىپ قوياتتى. بۇ قەلەم، ئۇلارنى ئۆز ئۆيىدە قانۇنسىز ئولتۇرۇپ قالغان «بۆلگۈنچى» گە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئەڭ رەزىل ۋاسىتىسى ئىدى.

كۆچمەن سىياسىتى بولسا، فىلىپپىننىڭ شىمالىدىكى خىرىستىيان ئاھالىلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە پىلانى بىلەن، «دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» دېگەن يالتىراق شۇئار ئاستىدا، دولقۇنمۇ-دولقۇن ھالەتتە مىنداناۋنىڭ مۇنبەت تۇپراقلىرىغا كۆچۈرۈپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، مورولارنى ئۆز زېمىنىدا ئاستا-ئاستا ئاز سانلىققا ئايلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت يىلتىزىنى قۇرۇتۇپ تاشلايدىغان دېموگرافىك قورال (Demographic Weapon) بولغان ئىدى. بۇ، ئاستا، ئاۋازسىز، ئەمما ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىنمۇ ئەجەللىك بولغان بىر ئۆلتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە ئايلاندى. يېڭى كۆچمەنلەر ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بىلەن زامانىۋى ئۈسكۈنىلەرگە، ئەڭ مۇنبەت يەرلەرگە ئىگە بولسا، يەرلىك مورولار تاغ-قىرلارغا قىستىلىپ، كۈندىن-كۈنگە نامراتلىشىپ، ئۆز ۋەتىنىدە خۇددى يات بىر مېھماندەك ياشاشقا مەجبۇر بولاتتى. بۇ خىتاينىڭمۇ 1949–يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن «يەر ئىسلاھاتى» دېگەن يالتىراق قانۇننى چىقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يەر مۈلكىنى دۆلەتنىڭ ئىگىلىكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىشى ۋە ئىچكى ئۆلكىلەردىن خىتايلارنى تۈركۈملەپ كۆچۈرۈپ كېلىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى بيۇروكراتىيەنى ئۇلارغا قوش قوللاپ سۇنغان تاكتىكىسىنىڭ ئوخشىشى ئىدى.

بۇ ھىيلىگەر دۈشمەن ئالدىدا، مورولارنىڭ ئەنئەنىۋى سۇلتانلىرى ۋە داتۇلىرى چارىسىز قالدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى فىلىپپىننىڭ «ئاپتونومىيە» دېگەن شېكەرگە ئورالغان زەھىرىگە ئالدىنىپ، ھۆكۈمەت بەرگەن ئەمەل-مەنسەپلەر ئۈچۈن ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى سېتىشقا باشلىدى. (خۇددى ئىشغالدىن كېيىن كوممۇنىستلاشقان ئۇيغۇر بيۇروكراتلارغا ئوخشاش) ئۇلار قەپەس ئىچىدىكى يولۋاسقا ئايلىنىپ، دۈشمەن بەرگەن گۆش پارچىسى ئۈچۈن ئۆز غۇرۇرىدىن ۋاز كەچكەن ئىدى. ئەمما خەلقنىڭ قەلبىدىكى ئازادلىق ئوتى ھەرگىز ئۆچمىگەن ئىدى. ئاۋۋالقى ئەۋلاد جەڭچىلەر قېرىغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قانلىق ھېكايىلىرىنى ئاڭلاپ، قىساس ئوتىنى يۈرەكلىرىدە يوشۇرۇن يالقۇنلىتىپ، چوڭ بولۇۋاتاتتى.

ئەمدى كۈرەش سەھنىسىگە يېڭى بىر ئەۋلاد، يېڭى بىر ئىرادە قەدەم قويۇشى كېرەك ئىدى. بۇ ئەۋلاد پەقەت قولىدا خەنجەر تۇتىدىغان جەڭچى بولۇپلا قالماي، بەلكى دۈشمەننىڭ قەلىمىگە قەلەم بىلەن، سىياسىتىگە سىياسەت بىلەن جاۋاب بېرەلەيدىغان، زامانىۋى بىلىم ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر بىلەن قوراللانغان بولۇشى لازىم ئىدى.

مانا شۇنداق بىر تارىخىي ئېھتىياج ئىچىدە، قاراڭغۇ كېچىدە چاقنىغان بىر چاقماقتەك، فىلىپپىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياش پروفېسسورى نۇر مىسۇئارى (Nur Misuari) ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇنىڭ كاللىسى — غەربنىڭ سىياسىي پەلسەپىسى بىلەن قۇرئاننىڭ ئۆچمەس ھېكمىتى بىرلەشكەن بىر ئىستراتېگىيەلىك قوماندانلىق مەركىزىگە ئايلانغان ئىدى. ئۇ، ئۇنىۋېرسىتېت كۇتۇپخانىسىنىڭ جىمجىتلىقى ئىچىدە، بىر قولىدا ماكىياۋېللىنىڭ «ھۆكۈمدارلىق دەستۈرى»نى، يەنە بىر قولىدا قۇرئان تەپسىرىنى ئوقۇپ ئولتۇرۇپ، ئۆز مىللىتىنىڭ ئازادلىق يولى ئۈستىدە كېچە-كۈندۈز ئىزدەيتتى. ئۇ، دۈشمەننىڭ «بۆلۈپ پارچىلاپ ھۆكۈمرانلىق قىلىش» تاكتىكىسىنىڭ مورو جەمئىيىتىنى قانداق چىرىتىۋاتقانلىقىنى، «ئاپتونومىيە» ۋەدىلىرىنىڭ مىللەتنىڭ ئىرادىسىنى قانداق سۇيۇلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ھەر قانداق ئادەمدىن چوڭقۇر ھېس قىلاتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە، مىللەت پەقەت بىرلا يول ئارقىلىق، يەنى قوراللىق كۈرەش ئارقىلىقلا، ئۆز تەقدىرىنى ئۆز قولىغا ئالالايتتى. ئۇ بۇنىڭغا مۇتلەق ئىشىنەتتى.

1968 – يىلى 18-مارت. بۇ، مورو تارىخىغا قان بىلەن يېزىلغان بىر كۈن بولۇپ قالدى. تارىختا «جابىدا قىرغىنچىلىقى» (Jabidah Massacre) دەپ ئاتالغان بىر ۋەقە يۈز بەردى. فىلىپپىن ھۆكۈمىتى مالايسىيانىڭ ساباھ رايونىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن، مەخپىي ھالدا بىر تۈركۈم مورو ياشلىرىنى قوراللىق تەربىيەلەپ، ئۇلارنى ئۆز مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا سېلىشقا ئۇرۇندى. بۇ ياشلار ئۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا قارشى مىلتىق كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ رەزىل سۇيىقەستنى ھېس قىلىپ يېتىپ، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغاندا، فىلىپپىن ئارمىيەسى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى كوررېگىدور ئارىلىدا رەھىمسىزلەرچە قىرىپ تاشلىدى. ئوق ئاۋازلىرى دېڭىز شامىلىغا سىڭىپ كەتتى، جەسەتلەر دېڭىزغا تاشلاندى، ھۆكۈمەت بۇ ۋەقەنى يوشۇرۇشقا ھەر قانچە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ھەقىقەتنى مەڭگۈگە كۆمۈۋەتكىلى بولمايتتى.

بۇ ۋەھشىيلىك ۋە بۇ پەسكەشلىك ئاشكارىلانغاندا، پۈتۈن مورو خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ئاخىرقى ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى ئۆچۈرۈپ، ئورنىغا غەزەپنىڭ ئۆچمەس يالقۇنىنى ياقتى. بۇ، بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ روھىغا ئۇرۇلغان شاپىلاق ئىدى! بۇ قىرغىنچىلىق، چېچىلاڭغۇ مورو قەبىلىلىرىگە، ئۆزئارا ئىختىلاپلارغا خاتىمە بېرىپ، ئورتاق دۈشمەنگە قارشى بىر مۇشت بولۇپ ئۇيۇشۇشتىن باشقا يول قالمىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان قانلىق قوڭغۇراق ساداسىغا ئايلانغان ئىدى.

ئەنە شۇ پەيتتە نۇر مىسۇئارى ئورنىدىن دەس تۇردى. ئۇنىڭ ئوتلۇق نۇتۇقلىرى ئۇنىۋېرسىتېت زاللىرىدىن يوشۇرۇن يىغىنلارغا، يىغىنلاردىن جاڭگاللىقلارنىڭ ئىچىگە قەدەر تارقالدى. ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشقانلار پەقەتلا ھېسسىياتقا بېرىلگەن ياشلار ئەمەس، بەلكى ئۆز مىللىتىنىڭ ئازابىنى يۈرىكىگە پۈككەن، دۈشمەننىڭ ھىيلىسىنى تونۇپ يەتكەن، ئۆلۈمدىن قورقماس يېڭى بىر ئەۋلاد ئىدى.

ئۇلار جاڭگاللىقلارنىڭ قوينىدا، كېچىنىڭ قاراڭغۇ پەردىسى ئاستىدا، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ قانلىرى سىڭگەن مۇقەددەس تۇپراق ئۈستىدە قۇرئاننى تۇتۇپ قەسەم ئىچتى. شۇنىڭ بىلەن، 1972-يىلى، تارىخنىڭ يېڭى بىر بېتى ئېچىلدى. مورو مىللىي ئازادلىق فرونتى (MNLF) قۇرۇلدى!

بۇ، سۇلتان كۇدارات دەۋرىدىكى قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئەمەس ئىدى. بۇ زامانىۋى سىياسەت ۋە ھەربىي ئىستراتېگىيە بىلەن قوراللانغان، نىشانى مۇئەييەن ھالدا مۇستەقىل باڭسامورو جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش بولغان، بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىرادىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئىنقىلابىي بىر تەشكىلات ئىدى! ئۇلارنىڭ بايراغىدا ئەمدى پەقەت ئاي-يۇلتۇزلا ئەمەس، بەلكى قىلىچ ۋە مىلتىقنىڭ سۈرىتىمۇ بار ئىدى. بۇ ئۇلارنىڭ دىپلوماتىيە ۋە سىياسەت يولى تاقالغاندا، ئازادلىقنى پەقەت قورالنىڭ ئۇچىدىلا قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىغا بولغان پولاتتەك ئىرادىسىنىڭ جاكارنامىسى ئىدى.

سۇلتان كۇداراتنىڭ روھى يېڭىباشتىن ئويغانغان، داتۇ ئەلىنىڭ جاسارىتى يېڭى بىر ئەۋلادنىڭ تومۇرىدا قايناشقا باشلىغان ئىدى. جاڭگاللىقلار قايتىدىن مۇجاھىدلارنىڭ ماكانىغا، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ئۈچۈن قەبرىستانلىققا ئايلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئۈمىدىنى ئۆز يۈرىكىگە سىغدۇرغان بۇ يېڭى ئارمىيە، تارىخ سەھنىسىگە قەدەم قويغاندا، پۈتۈن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانى تىترىتىدىغان ئۇزۇن ۋە قانلىق بىر بوران-چاپقۇننىڭ خەۋەرى ياڭرىماقتا ئىدى…

(داۋاملىشىدۇ….)

قىسسىدىن ئۇيغۇرلارغا ھىسسە: ئۈچىنچى قىسىمدىن روھىمىزغا يېقىلىدىغان ئالتە مەشئەل

ئون ئۈچىنچى مەشئەل: دۈشمەننىڭ يېڭى نىقابى، «ئۆزىمىزدىن چىققان» زالىمنى تونۇپ يېتىش!

مورولارنىڭ دۈشمىنى ئامېرىكىلىق ئاق تەنلىكتىن فىلىپپىنلىق قارا چاچقا ئۆزگەردى. بۇ، مۇستەملىكىچىلىكنىڭ تېخىمۇ خەتەرلىك بىر شەكلى ئىدى، ئۆزى ئىدارە قىلالمىسا ۋاكالەتچى ئارقىلىق باستۇرۇش (Proxy Repression) ئىدى. خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە قوللىنىۋاتقان ئىستراتېگىيەسى بۇنىڭ ئەڭ مۇكەممەل نۇسخىسىدۇر. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قانلىق قوللىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئارىمىزدىن ئاتالمىش «ئاپتونومىيە رەئىسلىرى»، «يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار» ۋە «دىنىي زاتلار» دىن ئىبارەت بىر توپ ساتقۇننى يېتىشتۈرۈپ، ئۆز خەلقىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئادەملىرى ئارقىلىق باشقۇرۇش ۋە باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بىز شۇنى ھەرگىز ئۇنتماسلىقىمىز كېرەك: زۇلۇمنىڭ رەڭگى، تىلى ياكى دىنى بولمايدۇ. خىتاينىڭ فورمىسىنى كىيگەن ھەر قانداق ئۇيغۇر، ھەقىقىي مەنىدىن ئۇيغۇر ئەمەس، بەلكى دۈشمەننىڭ قولىدىكى خەنجەردۇر. ھەقىقىي دۈشمەننى تونۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ چىرايىغا ئەمەس، ئۇنىڭ كىمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىغا قاراش كېرەك.

ئون تۆتىنچى مەشئەل: دېموگرافىك (نوپۇس قۇرۇلما) ئۇرۇشى — ئاۋازسىز ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئاناتومىيىسى!

فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى ئىشلىتىپ مورولارنى ئۆز زېمىنىدا ئاز سانلىققا ئايلاندۇرۇش ئىستراتېگىيەسى، خىتاينىڭ «بىڭتۇەن» ۋە ئىچكىرىدىن يۆتكەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرى ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ دېموگرافىيەسىنى ئۆزگەرتىشى بىلەن قورقۇنچلۇق دەرىجىدە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇ، مىلتىق ئاۋازى ئاڭلانمايدىغان، ئەمما بىر مىللەتنى تارىختىن پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتىشنى نىشان قىلغان ئەڭ رەزىل، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇرۇش شەكلىدۇر. بىز شۇنى تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، دۈشمەننىڭ ھەر بىر يېڭى قۇرۇلۇشى، ھەر بىر يېڭى كۆچمەن رايونى — بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزغا قارىتىپ ئېتىلغان بىر ئوقتۇر. بۇ ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇش، پەقەت سىياسىي نارازىلىق بىلەنلا بولمايدۇ، بەلكى ئۆز كىملىكىمىزنى، تىلىمىزنى، دىنىمىزنى ۋە نوپۇسىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئاكتىپ ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەت قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئون بەشىنچى مەشئەل: «سەرخىللار قاپقىنى»، دۈشمەننىڭ مىللەت روھىنى پارچىلاش تاكتىكىسى!

دۈشمەننىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاكتىكىسى، بىر مىللەتنىڭ ئەڭ بىلىملىك، ئەڭ تەسىرچان قاتلىمى بولغان «ئەلىتا» (elite) (سەرخىل) لارنى ئەمەل-مەنسەپ، پۇل-بايلىق بىلەن سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى ئۆز خەلقى بىلەن دۈشمەننىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ بېرىدىغان «تەڭپۇڭ» (buffer) غا ئايلاندۇرۇشتۇر. بۇ «سەرخىللار قاپقىنى» غا چۈشكەنلەر، ئۆز خەلقىنىڭ غەزىپىنى پەسەيتىپ، دۈشمەننىڭ زۇلۇمىنى «ئاقلاش» رولىنى ئوينايدۇ. بىزنىڭ دىئاسپورادىكى ھەرىكىتىمىزدىمۇ بۇ خەتەر مەۋجۇت. بەزى غەرب دۆلەتلىرى ياكى تەشكىلاتلىرى بىزگە «ياردەم» قىلىش نامى بىلەن، ئارىمىزدىكى بەزى شەخس ياكى گۇرۇپپىلارنى قوللاپ، ئۇلارنى «مۆتىدىل»، «زىيانسىز» بىر يۆنىلىشكە باشلاپ، مۇستەقىللىققا ئوخشاش رادىكال غايىلەرنى چەتكە قېقىشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. بىر كۈرەشچان مىللەت ئۈچۈن، ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى شەخسىي شان-شۆھرەتكە ياكى تاشقى ياردەمگە تېگىشىدىغان «مەنپەئەتپەرەس سەرخىللار» (comprador elite) نىڭ پەيدا بولۇشى، دۈشمەننىڭ مىڭلىغان ئەسكىرىدىنمۇ خەتەرلىكتۇر.

ئون ئالتىنچى مەشئەل: تارقاق قارشىلىقتىن ئىستراتېگىيەلىك تەشكىلاتقا ئۆتۈش — غەلىبىنىڭ لوگىكىسى!

جابىدا قىرغىنچىلىقىدىن بۇرۇن، مورولارنىڭ قارشىلىقى تارقاق، ھېسسىياتقا تايانغان، پىلانىسىز ئىدى. نۇر مىسۇئارى ۋە مورو مىللىي ئازادلىق فرونتىنىڭ قۇرۇلۇشى — بۇ كۈرەشنى پۈتۈنلەي يېڭى بىر باسقۇچقا، يەنى تەدرىجىي ئىنقىلابىي ئۇرۇش (Protracted People’s War) ئىستراتېگىيەسىگە ئىگە زامانىۋى بىر ھەرىكەتكە ئايلاندۇردى. بۇ، بىز ئۈچۈن ئەڭ ھالقىلىق ساۋاق. دۈشمەن بىلەن بولغان كۈرەشتە، غەزەپ ۋە جاسارەتلا كۇپايە قىلمايدۇ. چوقۇم ئېنىق بىر سىياسىي نىشان، مۇكەممەل بىر تەشكىلىي قۇرۇلما، ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر ئىستراتېگىيەلىك پىلان ۋە پولاتتەك بىر ئىنتىزام بولۇشى كېرەك. ھېسسىيات بىلەن باشلانغان ھەرىكەت ئۇزۇنغا بارمايلا ئۆچۈپ قالىدۇ، ئەمما ئىستراتېگىيە بىلەن يېتەكلەنگەن ھەرىكەتلا ئاخىرقى غەلىبىگە يېتەلەيدۇ.

ئون يەتتىنچى مەشئەل: زىيالىي؛ قىلىچنىڭ دەستىسى، ئىنقىلابنىڭ مېڭىسىدۇر!

نۇر مىسۇئارىنىڭ ئوبرازى بىزگە شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، ھەقىقىي ئىنقىلاب پەقەت جاڭگالدىكى جەڭچىنىڭ ئىشى ئەمەس. ئۇ، ئۇنىۋېرسىتېتتىكى زىيالىينىڭ تەپەككۈرى بىلەن جاڭگالدىكى مۇجاھىدنىڭ جاسارىتى بىرلەشكەندە ئاندىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ. قىلىچ ئۆتكۈر بولغان بىلەن، ئۇنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمىسە، ئۇ پەقەت بىر تۆمۈر پارچىسىدۇر. ئۆز مىللىتىنىڭ ئېتىقادى يىلتىزىدىن سۇ ئىچكەن زىيالىي، ئىنقىلابنىڭ ئىدېئولوگىيەسىنى يارىتىدىغان، دۈشمەننىڭ ئىستراتېگىيەسىنى ئانالىز قىلىدىغان، دۇنياغا ئۆز ھېكايىسىنى ئاڭلىتىدىغان ۋە كۈرەشكە توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىدىغان مېڭىدۇر. بىزنىڭ دىئاسپورادىكى زىيالىيلىرىمىز ئۆزلىرىنى پەقەت ئاكادېمىك تەتقىقاتچى ياكى تەرجىمان دەپ قارىماي، ئۆزلىرىنى ئازادلىق كۈرىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۈر مەركىزىنىڭ بىر ئەزاسى دەپ ھېس قىلالىغاندىلا، مىللەتنىڭ ئېتىقادىي قىممەت قاراشلىرى بىلەن بىر پۈتۈنلىشەلىگەندە، ئاندىن ئۇلاردىكى بىلىم ھەقىقىي كۈچكە ئايلىنالايدۇ.

ئون سەككىزىنچى مەشئەل: ئورتاق پاجىئە  بىرلىكنىڭ مۇقەددەس ئابى ھاياتى!

جابىدا قىرغىنچىلىقىغا ئوخشاش ۋەھشىيلىك ۋە پاجىئە، مورولارنىڭ ئىچىدىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىختىلاپلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاپ، ئۇلارنى ئورتاق بىر غەزەپ، ئورتاق بىر نىشان ئاستىغا يىغقان بىرلەشتۈرگۈچى كۈچ (Unifying Force) كە ئايلاندى. بەزىدە، بىر مىللەتنىڭ بىرلىشىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ قانچىلىك ئېغىر بىر بەدەل تۆلەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان قانلىق بىر پاكىت كېرەك بولىدۇ. بىز ھازىر شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ پاجىئەنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. ئەگەر بۇ ئورتاق پاجىئە، بۇ ئورتاق ئازاب، بۇ ئورتاق دۈشمەن بىزنى يەنىلا بىر بايراق ئاستىغا يىغالمىسا، ھېلىھەم ئۇششاق تەشكىلىي مەنپەئەتلەر، شەخسىي ھەسەتخورلۇقلار ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى پۇتلاشنى داۋاملاشتۇرساق، تارىخ بىزنى ھەرگىز كەچۈرمەيدۇ. شەھىدلىرىمىزنىڭ قېنى، بىزنى پارچىلايدىغان زەھەر ئەمەس، بىزنى بىرلەشتۈرىدىغان مۇقەددەس ئابىھاياتقا ئايلىنىشى لازىم.

ئەمدى بۇ ئالتە مەشئەلنىڭ يورۇقىدا ئۆزىمىزگە قويۇشقا تېگىشلىك ئالتە سوئال:

بىرىنچى سوئال: (دۈشمەننىڭ يېڭى نىقابى ھەققىدە)

بىز دۈشمەننىڭ ۋاكالەتچىسى بولغان «ئۆزىمىزدىن چىققان» زالىملارغا قانداق ئىستراتېگىيەلىك پوزىتسىيە تۇتۇشىمىز كېرەك؟ ئۇلارنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدىكى تەسىرىنى يوقىتىش، ئۇلارنى خەلقنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىتىش ۋە ئۇلارنىڭ دۈشمەنگە خىزمەت قىلىش يوللىرىنى توسۇش ئۈچۈن، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن قانداق كونكرېت ۋە سىستېمىلىق قارشى تەدبىرلەرنى قوللىنالايمىز؟

ئىككىنچى سوئال: (دېموگرافىك ئۇرۇش ھەققىدە)

دۈشمەننىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئاۋازسىز ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا، يەنى دېموگرافىك ئۇرۇشىغا قارشى، دىئاسپورادا بىز قانداق ئاكتىپ ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قارشى ئىستراتېگىيەلەرنى بەرپا قىلالايمىز؟ پاش قىلىش ۋە ئاھ ئۇرۇشتىن ھالقىپ، ۋەتىنىمىزدكى مىللىي نوپۇس قۇرۇلمىمىزنىڭ «ئەسلىگە كېلىش كۈچى» (Resilience) نى ساقلاپ قېلىش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن قانداق ئەمەلىي تەشەببۇسلارنى يولغا قويالايمىز؟

ئۈچىنچى سوئال: («سەرخىلار قاپقىنى» ھەققىدە)

بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزگە تاشقى ياردەملەرنى قىلىش ئارقىلىق دۈشمەننىڭ بىزنى «مۆتىدىللەشتۈرۈش ۋە يۇمشاقباشلاشتۇرۇش» ئۈچۈن قۇرۇۋاتقان «سەرخىللار قاپقىنى» نى قانداق پەرقلەندۈرىمىز؟ رەھبەرلىرىمىز ۋە تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ شەخسىي شان-شۆھرەت ياكى قىسقا مۇددەتلىك مەنپەئەتلەر ئۈچۈن مىللەتنىڭ ئالىي مەنپەئەتى بولغان مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت ئاساسىي نىشاندىن چېكىنىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، قانداق ئىچكى نازارەت مېخانىزملىرىنى ۋە ئىدېئولوگىيەلىك ساپلىقنى ساقلاش تەدبىرلىرىنى قۇرۇپ چىقالىشىمىز لازىم؟

تۆتىنچى سوئال: (ئىستراتېگىيەلىك تەشكىلات ھەققىدە)

ھازىرقى چېچىلاڭغۇ ۋە كۆپ باشلىق ھالىتىمىزگە قاراپ، مورولارغا ئوخشاش بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىرادىسىنى مۇجەسسەملىگەن، پولاتتەك ئىنتىزامغا ئىگە، ئېنىق سىياسىي نىشانى بار بىرلىككە كەلگەن، مەركەزلەشكەن بىر رەھبەرلىك ئورگىنىنى قۇرۇپ چىقىشىمىزغا كاشىلا بولۇۋاتقان ئەڭ چوڭ ئىدىيەۋى ۋە ئەمەلىي توسالغۇلار زادى نېمە؟ بىز شەخسىي ۋە گۇرۇپپىۋى مەنپەئەتلەردىن ۋاز كېچىپ، بۇ ئالىي ئىستراتېگىيەلىك نىشان ئۈچۈن بىرلىشەلەمدۇق-يوق؟

بەشىنچى سوئال: (زىيالىينىڭ رولى ھەققىدە)

زىيالىيلىرىمىز قانداق قىلغاندا ئۆزلىرىنى پەقەت ئاكادېمىك تەتقىقاتچى ياكى كۆزەتكۈچى قاتارىدا كۆرۈشتىن ھالقىپ، خەلقنىڭ ئېتىقادى بىلەن بىر پۈتۈنلەشكەن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىمىزنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك مېڭىسى» بولۇش رولىنى ئاكتىپ ئۈستىگە ئالالايدۇ؟ ئۇلارنىڭ بىلىمىنى ۋە ئانالىز ئىقتىدارىنى كۈرىشىمىزنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجى بىلەن بىرلەشتۈرىدىغان قانداق ئۈنۈملۈك مۇنبەر ۋە مېخانىزملارنى يارىتالايمىز؟

ئالتىنچى سوئال: (ئورتاق پاجىئە ۋە بىرلىك ھەققىدە)

جابىدا قىرغىنچىلىقى مورولارنى بىرلەشتۈرگەن «مۇقەددەس ئابىھاياتقا ئايلاندى. بىز ھازىر پۈتۈن تارىختىكى ئەڭ دەھشەتلىك ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز. ئەگەر بۇ مىسلىسىز مىللىي پاجىئە بىزنى بىر بايراق ئاستىغا يىغالمايۋاتقان بولسا، ئۇنداقتا بىزنىڭ روھىمىزدا قايسى چوڭقۇر پسىخولوگىيەلىك ۋە سىياسىي توسالغۇلار بىزنىڭ ئورتاق ئازابىمىزنى بۇزۇلماس مىللىي ھەمكارلىققا ئايلاندۇرۇشقا توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ؟ بۇنى يېڭىشنىڭ يوللىرىچۇ؟


4-باب : جاڭگال يولۋاسلىرىنىڭ غەزىپى ۋە تىرىپولىدىكى دىپلوماتىك قاپقان

مورو مىللىي ئازادلىق فرونتى (MNLF) نىڭ تۇغۇلۇشى، جاڭگاللىقلارنىڭ ئەسىرلەردىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سۈكۈتىنى بۇزۇپ تاشلىغان بىر گۈلدۈرمامىغا ئايلاندى. بۇ ئەمدى تارقاق قەبىلىلەرنىڭ غەزىپىدىن تۇغۇلغان پىلانىسىز ئىسيانلار ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئازادلىق ئىرادىسىنى پولاتتەك بىر ئىنتىزام ئاستىغا يىغقان، ھەر بىر قەدىمى ئىنچىكە ئىستراتېگىيە بىلەن ھېسابلانغان زامانىۋى بىر ئىنقىلابىي ئۇرۇشنىڭ باشلانغانلىقىدىن بېشارەت ئىدى. نۇر مىسۇئارىنىڭ كاللىسىدىكى ئۇچقۇن، جاڭگالدىكى ياشلارنىڭ يۈرىكىدىكى يالقۇن بىلەن بىرلەشكەندە، مورو زېمىنى فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر دوزاخقا ئايلىنىشقا باشلىدى.

1972 – يىلى، فىلىپپىننىڭ يېڭى پىرئەۋنى فېردىناند ماركوس پۈتۈن مەملىكەتتە ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغاندا، ئۇ بۇنى مورو مۇجاھىدلىرىنى بىر ھەپتە ئىچىدە يوقىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ قارىغان ئىدى. ئۇنىڭ زامانىۋى ئايروپىلانلىرى، تانكىلىرى ۋە ئون مىڭلىغان ئەسكەرلىرى بار ئىدى. ئەمما ئۇ بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى: جاڭگالنىڭ ئۆزى، مۇجاھىدلارنىڭ ئەڭ سادىق، ئەڭ خەتەرلىك ئىتتىپاقچىسى ئىدى. ھەر بىر دەرەخ ئۇلار ئۈچۈن بىر مۇداپىئە قورغىنى، ھەر بىر يول ئۇلار ئۈچۈن بىر قاپقان، ھەر بىر تاغ چوققىسى بىر كۆزىتىش مۇنارى ئىدى.

مورو مىللىي ئازادلىق فرونتىنىڭ جەڭچىلىرى كېچىدە پەيدا بولۇپ، دۈشمەننىڭ ھەربىي لاگېرلىرىغا چاقماقتەك زەربە بېرىپ، تاڭ ئېتىشتىن بۇرۇن يەنە جاڭگالنىڭ قوينىغا سىڭىپ كېتەتتى. ئۇلار دۈشمەننىڭ قورال-ياراغ لىنىيەلىرىنى كېسىپ تاشلايتتى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى جازالايتتى، خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ «ئازاد رايونلىرى» نى قۇرۇشقا باشلىدى. 1970-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، فرونتنىڭ تەسىر دائىرىسى شۇ دەرىجىدە كېڭەيگەن ئىدىكى، مىنداناۋ ۋە سۇلۇنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا كۈندۈزى فىلىپپىن بايرىقى، كېچىسى بولسا مورو مىللىي ئازادلىق فرونتىنىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق، قىلىچ-مىلتىقلىق بايرىقى لەپىلدەيدىغان بولدى. فىلىپپىن ئارمىيەسى چوڭ شەھەرلەر ۋە ھەربىي بازىلارغىلا قاپسىلىپ قېلىپ، جاڭگالغا كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايتتى.

بۇ پەقەتلا بىر ھەربىي كۈرەش ئەمەس ئىدى. نۇر مىسۇئارى ئۆزىنىڭ دىپلوماتىك تالانتىنى ئىشقا سېلىپ، بۇ كۈرەشنى خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ چىقتى. ئۇنىڭ ئاۋازى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىن زاللىرىدا ياڭرىدى. ئۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە خىتاب قىلىپ: «ئەي مۇسۇلمان قېرىنداشلار! مىنداناۋدا سىلەرنىڭ بىر پارچاڭلار، سىلەرنىڭ قېنىڭلار زۇلۇم ئاستىدا ئېزىلىۋاتىدۇ! بىز سىلەردىن سەدىقە سورىمايمىز، بىز ئۈممەتنىڭ بىزگە يۈكلەنگەن بۇرچىنى ئادا قىلىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمىز!» دېدى.

بۇ چاقىرىققا تۇنجى بولۇپ ئاۋاز قوشقانلارنىڭ بىرى لىۋىيە رەھبىرى مۇئەممەر قاززافى بولدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن مورولارنى قوللاش، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى تەسىرىنى كېڭەيتىشنىڭ بىر ۋاسىتىسى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقچىسى بولغان فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنىڭ بىر ئىستراتېگىيەسى ئىدى. سەۋەبى نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قاززافىنىڭ سىياسىي ۋە ماددىي ياردىمى مورو مىللىي ئازادلىق فرونتىغا يېڭى بىر جان تومۇرى بولدى. قورال-ياراغلار، مەبلەغلەر ۋە خەلقئارالىق قوللاشلار كېلىشكە باشلىدى.

جاڭگالدىكى ھەربىي غەلىبىلەر ۋە خەلقئارادىكى دىپلوماتىك بېسىملار ئاستىدا، فېردىناند ماركوسنىڭ ھاكاۋۇر ھۆكۈمىتى ئاخىرى تىز پۈكۈشكە مەجبۇر بولدى. ئۇلار مورو مىللىي ئازادلىق فرونتىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە تەكلىپ قىلدى. بۇ، فرونت ئۈچۈن غايەت زور بىر غەلىبە ئىدى. چۈنكى بۇ، فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارنى «بىر توپ تېررورچى» ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن خەلققە ۋەكىللىك قىلىدىغان قانۇنلۇق سىياسىي كۈچ دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن ئىشارىتى ئىدى.

1976-يىلى، لىۋىيەنىڭ پايتەختى تىرىپولىدا، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋاسىتىچىلىكى بىلەن تارىخىي سۆھبەت باشلاندى. بىر تەرەپتە نۇر مىسۇئارى باشچىلىقىدىكى مۇجاھىدلارنىڭ ۋەكىللىرى، يەنە بىر تەرەپتە ماركوس ھۆكۈمىتىنىڭ ئەلچىلىرى ئولتۇراتتى. نەچچە ھەپتە داۋاملاشقان كەسكىن تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن ئاخىرى «تىرىپولى كېلىشىمى» (Tripoli Agreement) ئىمزالاندى.

بۇ كېلىشىم قەغەز يۈزىدە مورولار ئۈچۈن غايەت زور بىر مۇۋەپپەقىيەتتەك كۆرۈنەتتى. فىلىپپىن ھۆكۈمىتى مورو زېمىنىدىكى 13 ئۆلكىدە «ئاپتونومىيە» قۇرۇشقا، ئۇلارنىڭ ئۆز شەرىئەت سوتلىرىنى، مائارىپ سىستېمىسىنى ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىشقا ۋەدە بەردى. بۇ خەۋەر پۈتۈن مورو زېمىنىغا تارقالغاندا، نۇرغۇن كىشىلەر خۇشاللىقىدىن كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ، ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا، تىنچلىقنىڭ كەلگەنلىكىگە ئىشەنگەن ئىدى.

ئەمما، سۆھبەت ئۈستىلىنىڭ ئارقىسىدىكى يوشۇرۇن قاپقاننى ھەممە ئادەم كۆرەلمىگەن ئىدى. مورو مىللىي ئازادلىق فرونتىنىڭ ئەسلى نىشانى «مۇستەقىل باڭسامورو دۆلىتى» نى قۇرۇش ئىدى. ئەمما خەلقئارالىق بېسىم ۋە «تىنچلىق» قا بولغان تەشنالىق ئىچىدە، ئۇلار بۇ ئالىي غايىدىن ۋاز كېچىپ، دۈشمەن بەرگەن «ئاپتونومىيە» گە رازى بولغان ئىدى. بۇ، پولاتتەك ئىرادە بىلەن باشلانغان بىر ئىنقىلابنىڭ، بىر پارچە قەغەزدىكى ئالدامچى ۋەدىلەرگە ئالماشتۇرۇلۇشى ئىدى.

ماركوس ھۆكۈمىتىنىڭ قەلبىدە ھەرگىزمۇ تىنچلىق نىيىتى يوق ئىدى. ئۇلار ئۈچۈن بۇ كېلىشىم پەقەتلا ۋاقىت ئۇتۇشنىڭ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئالداشنىڭ ۋە ئەڭ مۇھىمى، مورو مۇجاھىدلىرىنىڭ ئىچىدە ئىختىلاپ پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى پارچىلاشنىڭ بىر ھىيلىسى ئىدى. ئۇلار شۇنى بىلەتتىكى، «ئاپتونومىيە» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى، بىر قىسىم رەھبەرلەرنى ئەمەل-مەنسەپ ئۈچۈن كۈرەشكە سېلىپ، ئىنقىلابنىڭ ئەسلى روھىنى ئۆلتۈرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك زەھەر ئىدى.

كېلىشىم ئىمزالىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي چىرايىنى ئاشكارىلىدى. ئۇلار كېلىشىمنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، ھەر خىل باھانىلەر بىلەن ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا، «ئاپتونومىيە» نىڭ ئىچىنى پۈچۈكلەشتۈرۈشكە باشلىدى.

بۇ خىيانەت، مورو مىللىي ئازادلىق فرونتىنىڭ ئىچىدە چوڭقۇر بىر بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىر قىسىملار نۇر مىسۇئارىنىڭ سۆھبەت يولىنى قوللىسا، يەنە بىر قىسىم، تېخىمۇ ياش، تېخىمۇ رادىكال، ئىسلامىي ئىدېئولوگىيە بىلەن چوڭقۇر قوراللانغان رەھبەرلەر بۇنى بىر «ساتقۇنلۇق» دەپ قارىدى. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، دۈشمەن بىلەن سۆھبەتلىشىش، يولۋاس بىلەن تېرىسى ئۈچۈن سودىلىشىش بىلەن ئوخشاش ئىدى. ئۇلار «تولۇق مۇستەقىللىق» تىن باشقا ھەر قانداق نەرسىنى رەت قىلاتتى.

جاڭگالدىكى بۇ يېڭى، غەزەپكە تولغان ئاۋازلارنىڭ ئىچىدە، كېيىنچە پۈتۈن كۈرەش تارىخىنى ئۆزگەرتىدىغان بىر ئىسىم  ئوتتۇرىغا چىقتى. سالامات ھاشىم…

(داۋاملىشىدۇ….)

________________________________________

قىسسىدىن ئۇيغۇرلارغا ھىسسە: تۆتىنچى قىسىمدىن روھىمىزغا يېقىلىدىغان ئالتە مەشئەل

ئون توققۇزىنچى مەشئەل: دۇنيا سېنىڭ ياشلىق كۆزۈڭگە ئەمەس، پولات ئىرادەڭگە ھۆرمەت قىلىدۇ!

مورو مىللىي ئازادلىق فرونتى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قانداق قوزغىدى؟ يىغلاپ تۇرۇپ قىلغان مۇراجىئەتلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى جاڭگالدا فىلىپپىن ئارمىيەسىنى تىترەتكەن ھەربىي غەلىبىلىرى بىلەن! خەلقئارا سىياسەت بىر رەھىم-شەپقەت ئورگىنى ئەمەس، ئۇ بىر كۈچ سىناش مەيداندۇر. بۇ مەيداندا ئاجىزلارنىڭ ئاھۇ-زارى پەقەت ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇققا ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان بىر شامالغا ئوخشايدۇ. بىز دۇنياغا ئۆزىمىزنىڭ پاجىئەمىزنى قانچىلىك ئاڭلاتمايلى، ئەگەر دۈشمەنگە ھەقىقىي بەدەل تۆلەتكىدەك بىر كۈچنى نامايان قىلالمىساق، بىزنىڭ ھېكايىمىز ئۇلار ئۈچۈن پەقەت گېزىتتىكى بىر خەۋەر، تېلېۋىزوردىكى بىر كۆرۈنۈش بولۇپلا قالىدۇ. دۇنيا سېنىڭ ھەق ئىكەنلىكىڭ ئۈچۈن ئەمەس، سېنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىڭ ئۈچۈنلا سېنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولىدۇ.

يىگىرمىنچى مەشئەل: سېنىڭ جاڭگاللىقىڭ قەيەردە؟ ئۆز ئەۋزەللىكىڭنى تونۇپ يەت!

مورولار ئۈچۈن جاڭگال، دۈشمەننىڭ زامانىۋى قوراللىرىنى ئىشلىمەس قىلىدىغان تەبىئىي بىر قورغان ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئىشلەتتى. بىز مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنچۇ؟ بىزنىڭ جاڭگاللىقىمىز قەيەردە؟ بىزنىڭ «جاڭگاللىقىمىز» — دۈشمەننىڭ ئاخبارات كونتروللۇقىنى يېرىپ ئۆتەلەيدىغان تېخنىكا سەھنىسى، ئۇنىڭ يالغانلىرىنى پاش قىلىدىغان خەلقئارا قانۇن سەھنىسى، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىگە زەربە بېرەلەيدىغان يەرشارىۋىي تەمىنلەش زەنجىرى ۋە ئەڭ مۇھىمى، پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان، ھەر بىر دۆلەتتە دۈشمەننىڭ يۈزىگە شاپىلاق ئۇرالايدىغان، تەشكىللەنگەن دىئاسپورامىزدۇر. بىز بۇ زامانىۋى «جاڭگال» نىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئۆگىنىپ، ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلاندۇرالىشىمىز كېرەك.

يىگىرمە بىرىنچى مەشئەل: ئۈممەتنىڭ قوللىشى ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، ئۇنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك!

نۇر مىسۇئارى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ياردەم قىلىشىنى كۈتمىدى. ئۇ ئاكتىپ ھالدا ئۇلارنىڭ ئىشىكىنى قاقتى، ئۇلارنى قايىل قىلدى، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرى بىلەن ئۆز كۈرىشىنىڭ مەنپەئەتىنى باغلىدى. ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىشىنىڭ سەۋەبى پەقەت ئۇلارنىڭ «خائىن» لىقىدىنلا ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئۇلارغا ئۆزىمىزنى توغرا تونۇتۇش ۋە ئۇلارنى سەپەرۋەر قىلىش ئىستراتېگىيەمىزنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولۇۋاتىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ تىلىدا سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي لوگىكىسىنى چۈشىنىپ، ئۇلارغا شۇنى ئىسپاتلىشىمىز كېرەككى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا ئىشى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتى شۇنداقلا ئىمانىي بۇرچىدۇر.

يىگىرمە ئىككىنچى مەشئەل: سۆھبەت ئۈستىلى ئەڭ قانلىق جەڭ مەيدانىدۇر!

دۈشمەن سېنى ھەربىي جەھەتتىن يېڭەلمىگەندە، سېنى سۆھبەت ئۈستىلىگە تەكلىپ قىلىدۇ. بۇ، ئۇنىڭ سەمىمىيىتىنىڭ ئەمەس، ئاجىزلىقىنىڭ ۋە ھىيلىگەرلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. سۆھبەت ئۈستىلىدە، دۈشمەننىڭ قورالى مىلتىق ئەمەس، بەلكى «تىنچلىق»، «مۇرەسسە»، «ئاپتونومىيە» دېگەنگە ئوخشاش تاتلىق سۆزلەردۇر. بۇ سۆزلەر سېنىڭ پولاتتەك ئىرادەڭنى داتلاشتۇرۇش، غايەڭنى سۇيۇلدۇرۇش ۋە سەپداشلىرىڭنى پارچىلاش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن. دۈشمەن بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن، شۇنى ئېنىق بىلىش كېرەككى، سەن ئۆز مۇستەقىللىقىڭنى تىلەۋاتقان بىر تىلەمچى ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئۆز كۈچۈڭ بىلەن قايتۇرۇپ ئېلىشقا كەلگەن بىر جەڭچىسەن.

يىگىرمە ئۈچىنچى مەشئەل: مۇستەقىللىقتىن ئاپتونومىيەگە چېكىنىش غەلىبىدىن مەغلۇبىيەتكە تۇتىشىدىغان تۇنجى قەدەم!

كۈرەشنىڭ ئەڭ ئالىي نىشانى بولغان «مۇستەقىللىق» بايرىقىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا دۈشمەن بېرىدىغان «ھەقىقىي ئاپتونومىيە» دېگەن سارابنى كۆتۈرۈش، ئۆز قولۇڭ بىلەن ئۆز ئىنقىلابىڭنىڭ روھىنى بوغۇزلاش بىلەن باراۋەردۇر. چۈنكى «مۇستەقىللىق»  بىر مىللەتنىڭ پۈتۈن ئىرادىسىنى بىرلەشتۈرىدىغان مۇقەددەس بىر چاقىرىق. «ئاپتونومىيە» بولسا، كىمنىڭ قانچىلىك ئەمەلگە ئېرىشىشى، قايسى گۇرۇپپىنىڭ قانچىلىك مەنپەئەتلىنىشى دېگەنگە ئوخشاش ئۇششاق-چۈششەك تالاش-تارتىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، بىرلىكنى پارچىلايدىغان بىر قاپقاندۇر. بىر قېتىم نىشاننى تۆۋەنلەتتىڭمۇ، قايتىدىن يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن يەنە بىر ئەۋلادنىڭ قېنى بىلەن بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ.

يىگىرمە تۆتىنچى مەشئەل: تاشقى ياردەم،  كۈچلەندۈرگۈچ دورا، ئەمما ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى ئەمەس!

قاززافىنىڭ ياردىمى مورولار ئۈچۈن مۇھىم بولدى، ئەمما ئۇلارنىڭ كۈرىشى قاززافىغا تايىنىپ قالمىغان ئىدى. تاشقى ياردەم خۇددى بىر كۈچلەندۈرگۈچ دورىغا ئوخشايدۇ، ئۇ سېنىڭ ئۆزۈڭدىكى كۈچنى ۋاقىتلىق ئاشۇرۇپ بېرەلەيدۇ، ئەمما سېنىڭ ئۆزۈڭدە كۈچ بولمىسا، ئۇ ھېچقانداق رول ئوينىيالمايدۇ. تاشقى ياردەم بەرگۈچىلەرنىڭ ھەمىشە ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرى ۋە ھېساب-كىتابلىرى بولىدۇ. ئۇلار بۈگۈن ياردەم قىلسا، ئەتە سېنى تاشلىۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، ھەقىقىي كۈرەشچان مىللەت ئۆز تەقدىرىنى باشقىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويمايدۇ. ئۇ تاشقى ياردەمنى بىر تاكتىكا سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى، ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچىنىڭ پەقەتلا ئۆز بىلىكىك ئىماني كۈچى ۋە ئاللاھنىڭ نۇسرىتى ئىكەنلىكىنى ھەرگىز ئۇنۇتمايدۇ.

________________________________________

ئەمدى بۇ ئالتە مەشئەلنىڭ يورۇقىدا ئۆزىمىزگە قويۇشقا تېگىشلىك ئالتە سوئال:

بىرىنچى سوئال: بىز خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۆزىمىزنى پەقەتلا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان، ياردەمگە موھتاج ئاجىزلار «قۇربانلار» دەپ تونۇتۇش بىلەنلا كۇپايىلىنىۋاتامدۇق؟ ياكى دۈشمەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىگە ھەقىقىي تەھدىت ئېلىپ كېلەلەيدىغان، دۇنيانى بىز بىلەن مۇزاكىرىلىشىشكە مەجبۇرلايدىغان ھەقىقىي «كۈچ» نى قانداق شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىۋاتىمىز؟

ئىككىنچى سوئال: بىز ئۆزىمىزنىڭ زامانىۋى «جاڭگاللىقى» بولغان تېخنىكا، خەلقئارا قانۇن، ئىقتىساد ۋە يەرشارىۋىي دىئاسپورا قاتارلىق ساھەلەردە دۈشمەنگە قارشى ئۈنۈملۈك پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك تەييارلىققا، بىلىمگە ۋە تەشكىلىي قۇرۇلمىغا ئىگە بولالىۇقمۇ؟ ياكى ھېلىھەم تارقاق، پىلانىسىز ھالدا ھەرىكەت قىلىۋاتامدۇق؟

ئۈچىنچى سوئال: بىز ئىسلام دۇنياسىدىن پەقەت «نېمىشقا سۈكۈت قىلىسىلەر؟» دەپ ئاغرىنىش بىلەنلا كۇپايىلىنىۋاتامدۇق؟ ياكى مورولارغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتلىرىنى چوڭقۇر ئانالىز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئۇلارنىڭ كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزىدىغان ئەمەلىي، سىستېمىلىق ۋە كەسپىي دىپلوماتىك ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرۇۋاتامدۇق؟

تۆتىنچى سوئال: ئەگەر بىر كۈنى خىتاي بىزنى «سۆھبەت» كە تەكلىپ قىلسا، بىز بۇنىڭ دۈشمەننىڭ بىزنى يوقىتىش ئۈچۈن قۇرغان يېڭى بىر قاپقىنى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلەيدىغان سىياسىي سەگەكلىككە ۋە ئالىي غايىمىزدە چىڭ تۇرالايدىغان پولاتتەك ئىرادىگە ئىگىمۇ؟ ياكى «تىنچلىق» دېگەن سۆزنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە مەپتۇن بولۇپ، خەلقئار ۋەزىيەتنىڭ بېسىمىنى باھانە قىلىپ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئالداشقا تەييار تۇرامدۇق؟

بەشىنچى سوئال: بىزنىڭ دىئاسپورادىكى بەزى سۆز-ھەرىكەتلىرىمىز، غەربنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۆزىمىزمۇ بىلمىگەن ھالدا، «مۇستەقىللىق» دېگەن ئەڭ ئاخىرقى نىشانىمىزنى خىرەلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «مەدەنىيەتنى قوغداش» ياكى «كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش» دېگەنگە ئوخشاش تېخىمۇ «يۇمشاق» نىشانلارغا چېكىنىپ كېتىش خەۋپىنى تۇغدۇرۇۋاتامدۇ قانداق؟

ئالتىنچى سوئال: بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز بەزى تاشقى كۈچلەرنىڭ ياردەم ۋەدىلىرىگە ھەددىدىن زىيادە تايىنىپ قېلىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى كۈچىمىزنى يېتىلدۈرۈشنى، ئۆز-ئارا بىرلىكىمىزنى مۇستەھكەملەشنى ۋە ئەڭ مۇھىمى ئاللاھقا بولغان ئىمان ۋە تەۋەككۈلچىلىكىمىزنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويۇۋاتامدۇ قانداق؟ بىر كۈنى بۇ تاشقى ياردەملەر توختاپ قالسا، بىز ئۆز پۇتىمىزدا تۇرالايدىغان ھەقىقىي قۇرۇلمىنى بەرپا قىلدۇقمۇ يوق؟


5-باب: ئىدىيە قىلىچى ۋە سىياسەت قاپقىنى؛ سالامات ھاشىمنىڭ تۇغۇلۇشى ۋە ئىنقىلاب روھىنىڭ سىنىلىشى

تىرىپولى كېلىشىمى بىر پارچە قەغەز ئەمەس ئىدى. ئۇ بىر ئەينەك ئىدى. بۇ ئەينەككە قارىغان ھەر كىم، ئۆزىنىڭ قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قەۋىتىگە يوشۇرۇنغان ئارزۇ ۋە ئەندىشىلىرىنىڭ ئەكسىنى كۆرەتتى. بەزىلەر بۇ ئەينەكتىن ئۇرۇشتىن ھالسىرىغان بىر مىللەتنىڭ تىنچلىققا بولغان تەشنالىقىنى كۆردى؛ يەنە بەزىلەر بولسا، خەلقئارا سىياسەت سەھنىسىدە ئۆز ئورنىنى ئېلىشقا ئىنتىلگەن بىر ھەرىكەتنىڭ غۇرۇرىنى كۆردى. ئەمما يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر بار ئىدىكى، ئۇلار بۇ ئەينەكتىن شېھىتلەرنىڭ قېنى بەدىلىگە قولغا كەلگەن غايىنىڭ سۇسلاشتۇرىلىۋاتقانلىقىنى، ئەجداتلىرىنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىسلامىي دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن كۆتۈرۈلگەن بايراقنىڭ بىر زالىم ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسىي قانۇنى ئالدىدا باش ئېگىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقىنىڭ ئازابلىق سىماسىنى كۆردى.

نۇر مىسۇئارى تىرىپولىدىن قايقاندا، ئۆزى بىلەن بىرگە «غەلىبە» نىڭ جاراڭلىق شاۋقۇنىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ ئەتراپىنى خەلقئارالىق مۇخبىرلارنىڭ كامېرالىرى، دىپلوماتلارنىڭ تەبەسسۇملىرى ۋە سىياسەتچىلەرنىڭ تەبرىك سۆزلىرى قورشىۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ نۇتۇقلىرىدا «تارىخىي مۇۋەپپەقىيەت»، «دۇنيانىڭ ئېتىراپى»، «قانۇنلۇق كۈچ» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەر تەكرارلىنىپ تۇراتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ نەزىرىدە، جاڭگالدىكى مۇجاھىدلارنى دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغان سىياسىي ئورگانغا ئايلاندۇرغان، دۈشمەننى سۆھبەت ئۈستىلىدە ئۆزلىرىنىڭ شەرتلىرىنى قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلىغان بىر ئۇلۇغ ئىستراتېگىيەچى ئىدى. بۇ، سىياسەتچىنىڭ دۇنياسى ئىدى – تاشقى ئېتىراپ ۋە ئەمەلىي نەتىجە ھەممىدىن ئەلا ئىدى.

شۇ كۈنلەردە، جاڭگالنىڭ يۈرىكىگە جايلاشقان بىر لاگېردا، كىرسىن چىرىغىنىڭ خىرە يورۇقى ئاستىدا، يەنە بىر كىشى ئۆزىنىڭ بىر قانچە ئىشەنچلىك سەپدىشى بىلەن شۇ كېلىشىم ئۈستىدە چۇڭقۇر مۇلاھىزە قىلىشماقتا ئىدى. ئۇ دەل سالامات ھاشىم ئىدى. ئۇلارنىڭ ئالدىدا كېلىشىمنىڭ ئەرەبچە ئەسلى نۇسخىسى، ئىنگلىزچە تەرجىمىسى ۋە فىلىپپىن ئاساسىي قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماددىلىرى تۇراتتى. ئۇلار ھەر بىر سۆزنى، ھەر بىر جۈملىنى ۋە ھەر بىر پەش-چىكىتلىرىنى ئايرىم ئايرىم تەھلىل قىلاتتى. ئۇلارنىڭ چىرايىدا غەلىبىنىڭ خۇشاللىقى ئەمەس، بەلكى كۈنسېرى ئېغىرلىشىۋاتقان بىر خىل قايغۇ، بىر خىل ئەندىشە ۋە بىر خىل غەزەپنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىۋاتاتتى. چۈنكى ئۇلار كېلىشىمنىڭ سىياسىي ئۈنۈمىگە ئەمەس، ئۇنىڭ ئىدىيەۋى ۋە ئەقىدىۋى ئاقىۋىتىگە، يەنى ئىنقىلابنىڭ يادرولۇق روھىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا دىققەت قىلماقتا ئىدى. بۇ، ئالىمنىڭ دۇنياسى ئىدى – سالامەت ھاشىمغا نىسبەتەن پرىنسىپنىڭ ساپلىقى ۋە غايىنىڭ مۇقەددەسلىكى ھەممىدىن مۇھىم ئىدى.

ئۇنداقتا سالات ھاشىم زادى كىم ؟ ئۇ ئاددىي بىر جاڭگال قوماندانى ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ قەلبىدە مۇكەممەل ياد ئالغان قۇرئان، كاللىسىدا پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىلمىي ۋە سىياسىي تەپەككۈرى مۇجەسسەملەشكەن كىشى ئىدى. ئۇ ياشلىقىدا ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق بىلىم مەشئىلى بولغان قاھىرەدىكى ئەلئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇزۇن يىل ئىلىم تەھسىل قىلغان بولۇپ، ئۇ ئەلئەزھەردە پەقەتلا فىقىھ ۋە تەپسىر ئۆگىنىپلا قالماستىن، سەييىد قۇتۇبنىڭ «يول ئۈستىدىكى ئىشارەتلەر»ىنى، ھەسەن ئەلبەننانىڭ ئىسلامىي ھەرىكەت ئىستراتېگىيەسىنى ئۆز روھىغا سىڭدۈرگەن بىر مۇتەپەككۇر ئىدى. ئۇنىڭ قەلىمىدىن چىققان «باڭسامورو مۇجاھىلىرى: نىشانى ۋە مەسئۇلىيىتى» ناملىق ئەسەر، مورو ئىنقىلابىنىڭ پەقەتلا بىر زېمىن تالىشىش ئۇرۇشى ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن ئىدىيەۋى ۋە ئەخلاقىي قۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان خىتابنامە ئىدى. بۇ ئەسەرگە كۆرە، مۇجاھىد – قولىغا مىلتىق ئالغان بىر دېھقان ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان، ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشنى جىھادنىڭ بىرىنچى شەرتى دەپ كۆرىدىغان، ئادالەتنى تىكلەشنى غايە قىلىدىغان، ئىلىم – پەن بىلەن قوراللانغان، ھەتتا دۈشمىنىگىمۇ ئىسلامىي ئەخلاق دائىرىسىدە مۇئامىلە قىلىدىغان، يەر يۈزىدىكى «تىرىك قۇرئان» بولۇشى كېرەك ئىدى. 

چۈنكى ئىنساننىڭ ئىنسانىي غايىلەر ئۈچۈن، مەيلى ئۇ مىللەتچىلىك بولسۇن ياكى ۋەتەنپەرۋەرلىك بولسۇن، قىلىدىغان پىداكارلىقىنىڭ چېكى ۋە مۇددىتى بولىدۇ. غەزەپ بىر كۈنى ئۆچىدۇ، ئۈمىد بىر كۈنى سۇسلايدۇ، جىسمانىي كۈچ بىر كۈنى تۈگەيدۇ. قورقۇنچ ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىنسان روھىنى يېمىرىدىغان راك ھۈجەيرىسىدۇر. ئەمما، كۈرەشنى بىر ئىبادەت دەرىجىسىگە كۆتۈرگەندە، غايىنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا باغلىغاندا، ئىش پۈتۈنلەي ئۆزگىرىدۇ. ئۇ چاغدا، جەڭ مەيدانى بىر سەجدىگاھقا، ئوقنىڭ ئاۋازى بىر زىكىرگە، شېھىتلىك ئاللاھنىڭ ۋىسالىغا يېتىشنىڭ  ۋاستىسىغا ئايلىنىدۇ. ئىبادەت ھەرگىز نەتىجىگە قاراپ قىلىنمايدۇ؛ ئۇ بىر بۇرچ بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئادا قىلىنىدۇ. مانا بۇ، جانپىدالىقنى چەكسىز ھالغا كەلتۈرىدىغان، ئىرادىنى پولاتقا، سەۋرنى تۈگىمەسھالغا كەلتۈرىدىغان بىردىنبىر ئىلاھىي كۈچ مەنبەسىدۇر.

سالات ھاشىمنىڭ نۇر مىسۇئارى بىلەن بولغان ئەڭ چوڭقۇر پەرقى دەل مۇشۇ يەردە ئىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە، بۇ ئىنقىلاب پەقەت بىر سىياسىي ھەرىكەت ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ بىر ئامانىتى ئىدى. بىر مۇجاھىدنىڭ ئوقيانىڭ ئالدىدا تەۋرەنمەي تۇرالىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇنىڭ ھەربىي تەلىمى ياكى قورالىنىڭ كۈچىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ قەلبىدىكى «بۇ كۈرىشىمنىڭ ھەر بىر دەقىقىسىنى ئاللاھ كۆرۈپ تۇرىدۇ ۋە مېنى ئەڭ ياخشى مۇكاپات بىلەن مۇكاپاتلايدۇ» دېگەتەۋرەنمەس ئىمانىدا ئىدى. تىرىپولى كېلىشىمى دەل مۇشۇ ئىماني نۇقتىنى، مۇشۇ ئىلاھىي رىشتىنى كېسىپ تاشلاشقا ئۇرۇنۇش ئىدى. ئۇ مۇجاھىدنى «ئاللاھنىڭ ئەسكىرى» بولۇشتىن «دۆلەتنىڭ مائاشلىق خادىمى» غا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ كۈرەش ئىرادىسىنى ئۇنىڭ ئىمانىدىن ئۈزۈپ، دۈشمەننىڭ قولىدىكى ماددىي مەنپەئەتكە باغلاپ قويماقچى ئىدى. شۇڭلاشقا، سالامات ھاشىم ئۈچۈن بۇ بىر سىياسىي مۇرەسسە ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنقىلابقا قىلىنغان بىر روھىي زىيانكەشلىك ئىدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە تىرىپولى كېلىشىمى دەل مۇشۇ روھقا قىلىنغان بىر ھۇجۇم بولۇپ،  مۇجاھىدلارنى ئاللاھنىڭ ئازادلىق ئەسكىرى بولۇشتىن، فىلىپپىن دۆلىتىنىڭ رامكىسى ئىچىدىكى «ئاپتونومىيە رايونىنىڭ بىخەتەرلىك خادىمى» غا ئايلاندۇرۇشنى، ئۇنىڭ ساداقىتىنى ئاللاھتىن ئېلىپ، مانىلا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا باغلاشنى مەقسەت قىلاتتى. بۇ، سالامات ھاشىمنىڭ نەزىرىدە، ئىنقىلابنىڭ روھىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن باراۋەر بىر ئەقىدىۋى ئۆلۈۋىلىش ھەرىكىتى ئىدى.

بۇ ئىدىيە توقۇنۇشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى، جاڭگالنىڭ ئەڭ قۇيۇق يېرىدە، مەخپىي ئۆتكۈزۈلگەن مورو مىللىي ئازادلىق فرونتىنىڭ مەركىزىي كومىتېت يىغىنىدا يۈز بەردى. بۇ ئىنقىلابنىڭ ۋىجدان سوتى ئىدى. گۇلخان يورۇقىدا بىر-بىرىگە قاراپ ئولتۇرغان بۇ كىشىلەر تۈنۈگۈنلا بىر سەپتىكى قېرىنداشلار تۇرۇشلۇق، بۈگۈن ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدە بىر-بىرىگە بولغان گۇمان ۋە ئازابلىق ياتسىراش دولقۇنلىماقتا ئىدى.

نۇر مىسۇئارى ئۆزىنىڭ بارلىق ناتىقلىق ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ سۆز باشلىدى: «قېرىنداشلار! بىز جاڭگالدا مەڭگۈ ياشىيالمايمىز. دۇنيا سىياسىتى بىر شاھمات تاختىسى. بىز بۇ تاختىغا چىقمىساق، مەڭگۈلۈك يوقىلىمىز. تىرىپولى كېلىشىمى بىزگە بۇ تاختىدىن بىر ئورۇن بەردى! بىز بۇ ئورۇننى ئىشلىتىپ، دۈشمەننىڭ پادىشاھىنى قورشاشقا ئۇرۇنىمىز. بۇ، ئىستراتېگىيەلىك ئەۋرىشىملىكتۇر! بۇ، غەلىبىگە ئېلىپ بارىدىغان ئەڭ ئاقىلانە يولدۇر!»

ئۇنىڭ سۆزى تۈگىگەندە، زالدا قىزغىن ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. نۇرغۇن كىشىلەر بۇ رېئاللىققا قايىل بولغاندەك قىلاتتى. شۇ چاغدا، سالامات ھاشىم ئاستا ئورنىدىن تۇردى. ئۇنىڭ ئاۋازى يۇقىرى ئەمەس ئىدى، ئەمما ھەر بىر سۆزى شەمشەردەك ئۆتكۈر ۋە ئېغىر ئىدى:

«رەئىس جاناپلىرى، بىزنىڭ غەلىبە قىلىشنى نىشان قىلغان شاھمات تاختىمىز بۇ دۇنيا ئەمەس، بەلكى ئاخىرەتتۇر. بىزنىڭ پادىشاھىمىز ماركوس ئەمەس، ئاللاھتۇر. بۇ كېلىشىم بىزنى دۈشمەننىڭ شاھمات تاختىسىغا چىقارمايدۇ، بەلكى بىزنى ئۇنىڭ تاختىسىدىكى بىر پىيادىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك ئەۋرىشىملىك، پرىنسىپلارنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە بولماسلىقى كېرەك. چۈنكى پرىنسىپىنى يوقاتقان ھەرىكەت، قىبلىنامىسىنى يوقاتقان كېمىگە ئوخشايدۇ، ئۇ قەيەرگە بارمىسۇن، ئاخىرىدا ھالاك بولىدۇ. مېنىڭ سوئالىم ئاددىي: بۇ كېلىشىم بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرامدۇ ياكى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرامدۇ؟»

بۇ سوئال، گويا ئوققا ئوخشاشلا يۈرەكلەرگە قادالدى، زالدىكى بارلىق شاۋقۇن سۈرەن ئۈستىگە سۇ قۇيۇلغاندەكلا جىمىپ قالدى. ھېچكىم جاۋاب بېرەلمىدى. چۈنكى ھەممە ئادەم جاۋابنى بىلەتتى. بۇ يىغىن، بىرلىكنىڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرى ۋە ئايرىلىشنىڭ مۇقەددىمىسى بولدى.

ئۇزۇنغا بارماي، بىر كېچىدە، سالامات ھاشىم ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكەن، ئىنقىلابنىڭ ئەسلى روھىغا سادىق بىر تۈركۈم قوماندانلار  بىلەن جەڭچىلەر، ئۈن-تىنسىز ھالدا مورو مىللىي ئازادلىق فرونتى MNLF نىڭ لاگېرىدىن ئايرىلدى. بۇ بىر دۈشمەنلەرچە ئايرىلىش ئەمەس، بەلكى قەلبى قان يىغلىغان قېرىنداشلارنىڭ ئازابلىق خوشلىشىشى ئىدى. ئۇلار جاڭگالنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ خەتەرلىك قاتلاملىرىغا قاراپ يول ئالدى. ئۇلار يېڭى بىر جايغا يىغىلىپ، يېڭى بىر بايراقنى كۆتۈردى. بۇ بايراقنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاددىي، ئەمما ھەممىنى بەلگىلەيدىغان بىر سۆز يېزىلغان ئىدى؛ «ئىسلام!». 

شۇنداق قىلىپ، مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتى (MILF) دۇنياغا كەلدى. بۇ پەقەت بىر يېڭى تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشى ئەمەس، بەلكى بىر ئىدىيەنىڭ قايتا تىرىلىشى، ئىنقىلاب روھىنىڭ سىياسەت قاپقىنىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆزىنىڭ ئەسلى يولىغا ئاتلىنىشى ئىدى.

(داۋاملىشىدۇ….)

قىسسىدىن ئۇيغۇرلارغا ھىسسە: بەشىنچى قىسىمدىن روھىمىزغا يېقىلىدىغان ئالتە مەشئەل

يىگىرىمە بەشىنچى مەشئەل: ھەر بىر ئىنقىلابنىڭ بىر جىسمى ۋە بىر روھى بولىدۇ. دۈشمەن جىسمىڭنى يېڭەلمىگەندە، روھىڭنى سېتىۋېلىشقا ئۇرۇنىدۇ!

ئىنقىلابنىڭ جىسمى – ئۇنىڭ تەشكىلاتى، قوراللىق كۈچى ۋە تاشقى قىياپىتىدۇر. ئۇنىڭ روھى بولسا – ئۇنىڭ غايىسى، ئەقىدىسى ۋە ئەخلاقىي پرىنسىپلىرىدۇر. دۈشمەننىڭ ئەڭ ھىيلىگەر تاكتىكىسى، سېنىڭ جىسمىڭنى يوقىتىش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭغا «ئاپتونومىيە»، «ئېتىراپ قىلىش»، «تىنچلىق» دېگەنگە ئوخشاش تاتلىق زەھەرلەرنى ئىچكۈزۈپ، روھنى ئۆلتۈرۈشتۇر. روھى ئۆلگەن جىسىمنىڭ گەرچە ئىسمى ھەرىكەت بولسىمۇ، ئۇ ماھىيەتتە دۈشمەننىڭ ئىرادىسىنى ئىجرا قىلىدىغان بىر «تىرىك مۇردى» غا ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ.

يىگىرىمە ئالتىنچى مەشئەل: رەھبەرنىڭ ئىككى خىل تۈرى؛ بىرى، دۇنيانىڭ تىلى بىلەن سۆزلەپ غەلىبە قازانماقچى بولىدىغان (سىياسەتچى). يەنە بىرى، پرىنسىپنىڭ تىلى بىلەن سۆزلەپ ھەقىقەتنى قوغدىماقچى بولىدىغان (ئىدىيەچى). 

ھەر قانداق ئاسارەتتىكى مىللەتنىڭ بەختى – مان بۇ ئىككىسىنى بىرلەشتۈرەلىگەن رەھبەرگە ئېرىشىپ ئېرىشەلمىگەنلىكىدىدۇر.

نۇر مىسۇئارى بىر قابىلىيەتلىك سىياسەتچى ئىدى، ئۇ دۇنيانىڭ قائىدىلىرىنى چۈشىنەتتى. سالامات ھاشىم بىر مۇستەھكەم ئىدىيەچى ئىدى، ئۇ ئاللاھنىڭ قانۇنىنى ھەممىدىن ئەلا بىلەتتى. بىرى رېئاللىققا بەك بېرىلىپ كېتىپ، غايىدىن يىراقلاش خەۋپىگە، يەنە بىرى پرىنسىپقا بەك چىڭ ئېسىلىۋېلىپ، رېئاللىقتىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن ئىدى. ھەقىقىي داھىي – ئاسماندىكى غايىگە قاراپ تۇرۇپ، يەردە پۇختا قەدەم ئالالايدىغان، ئىستراتېگىيەلىك ئەۋرىشىملىك بىلەن ئەقىدىۋى مۇستەھكەملىكنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىيەلىگەن كىشىدۇر.

يىگىرىمە يەتتىنچى مەشئەل: «كۈرەش ئەخلاقى» – بىر ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىدۇر!

سالامات ھاشىمنىڭ «جىھاد ئەخلاقى» ناملىق شاھ ئەسىرىنىڭ ئاساسلىق ئىدىيەسى شۇنى كۆرسىتىدۇكى، بىر ھەرىكەتنىڭ ئۆزىگە خاس، ئېنىق بىر ئىدىيەۋى ۋە ئەخلاقىي رامكىسى بولمىسا، ئۇ چوقۇم يولىدىن ئازىدۇ. بىزنىڭ كۈرىشىمىز پەقەت «خىتايغا قارشى تۇرۇش» تەك نوقۇل بىر رېئاكسىيەدىنلا ئىبارەت بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. بىز كىم؟ نېمە ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز؟ قۇرماقچى بولغان دۆلتىمىز قانداق دۆلەت بولىدۇ؟ بىزنىڭ دۈشمەنگە، دوستقا، ئۆزىمىزگە بولغان مۇئامىلىمىز قايسى ئەخلاقىي پرىنسىپلارغا ئاساسلىنىدۇ؟ بۇ سوئاللارغا ئېنىق جاۋاب بېرەلەيدىغان بىر «شەرقىي تۈركىستان كۈرەش پەلسەپىسى» نى يارىتىپ چىقمىساق، بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز «غەلىبە ئۈچۈن ھەممىنى ۋاسىتە قىلسا بولىدۇ» دەيدىغان خەتەرلىك يولغا كىرىپ قېلىشى مۇقەررەر.

يىگىرىمە سەككىزىنچى مەشئەل: «قانۇنلۇق» (Legitimacy) سالاھىيەت – دۈشمەننىڭ ئېتىراپىدىن ئەمەس، غايىنىڭ ھەقلىقلىقىدىن كېلىدۇ.

خەلقئارا جەمئىيەت ياكى دۈشمەن تەرىپىدىن «قانۇنلۇق» ئورگان دەپ ئېتىراپ قىلىنىش ئۈچۈن، ئۆزۈڭنىڭ ئەڭ ئالىي غايىسىدىن – ئىمان ئىسلامىڭ ۋە مۇستەقىللىقتىن ۋاز كېچىش، ئۆزۈڭنىڭ ھەقلىقلىقىنى ئۆزۈڭ ئىنكار قىلغانلىقىڭدۇر. ھەقىقىي قانۇنلۇق بولۇش، دۇنيادىكى ھېچقانداق دۆلەت سېنى ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، سېنىڭ غايەڭنىڭ ئادىل ۋە ھەقلىك ئىكەنلىكىگە بولغان ئۆزۈڭنىڭ ۋە خەلقىڭنىڭ مۇستەھكەم ئىشەنچىسى بىلەن بولىدۇ. بىز دۇنيانىڭ ئالقىشىنى ئەمەس، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ۋە تارىخنىڭ ھۆكمىنى نىشان قىلىشىمىز كېرەك.

يىگىرىمە توققۇزىنچى مەشئەل: پرىنسىپ ئۈچۈن بۆلۈنۈش، مەنپەئەت ئۈچۈن بىرلىشىشتىن ئەۋزەلدۇر.

بۇ ئىنتايىن نازۇك، ئەمما ھالقىلىق بىر نۇقتا. بىرلىك مۇقەددەس، ئەمما غايىسىز بىرلىكنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق. ئەگەر بىر ھەرىكەت ئۆزىنىڭ ئەسلى نىشانىدىن ۋاز كېچىپ، خىيانەت يولىغا مېڭىشقا باشلىسا، بۇ «ساختا بىرلىك» نى ساقلاش ئۈچۈن سۈكۈت قىلىش – جىنايەتكە شېرىك بولغانلىقتۇر. بۇنداق ئەھۋالدا، پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، غايىنىڭ بايقىرىنى قايتا كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئايرىلىپ چىقىش، گەرچە ئازابلىق بولسىمۇ، تارىخ ئالدىدا دۇرۇس ۋە توغرا بولغان تاللاشتۇر. چۈنكى مەنپەئەت ئەتراپىغا توپلانغانلار چوقۇم تارقىلىپ كېتىدۇ، ئەمما غايە ئەتراپىغا ئۇيۇشقانلار ئاخىرىدا چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ.

ئوتتۇزىنچى مەشئەل: ھەرىكەتنىڭ ئىدىيەۋى يۆنىلىشىنى بېكىتىش – ئۇنىڭغا قورال تېپىشتىنمۇ مۇھىم ۋە قىيىن ۋەزىپىدۇر!

قورال، پۇل-مۇئامىلە ۋە خەلقئارالىق ياردەم – بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇھىم ۋاسىتىلەر. ئەمما ئەڭ مۇھىم بولغىنى – بۇ ۋاسىتىلەرنى قەيەرگە ئىشلىتىشنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىدىيەۋى كومپاستۇر. كومپاس بولمىسا، ئەڭ كۈچلۈك كېمىمۇ دېڭىزدا ئېزىپ يوقاپ كېتىدۇ. بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ خىرىسى – تاشقى ياردەمگە ئېرىشەلمەسلىك ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى، قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىمىزنى ئېنىق بىلمەسلىكتۇر. بىر مىللەت ئۆزىنىڭ ئىدىيەۋى يۆنىلىشىنى ئېنىقلىغان كۈنى، غەلىبىگە بارىدىغان يولنىڭ يېرىمىنى بېسىپ بولغان بولىدۇ.

ئەمدى بۇ ئالتە مەشئەلنىڭ يورۇقىدا ئۆزىمىزگە قويۇشقا تېگىشلىك ئالتە سوئال:

بىرىنچى سوئال: بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس، ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان بىر «كۈرەش پەلسەپىسى» بارمۇ؟ ياكى ھەر بىر گۇرۇپپا ئۆز بىلگەنچە، غەربنىڭ لىبېرال دېموكراتىيەسى، تۈركىيەنىڭ تۈركچىلىكى ياكى ئەرەب دۇنياسىنىڭ بەزى ئىدىيەلىرى ئارىسىدا تەۋرىنىپ، بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان پرىنسىپلار بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتامدۇ – قانداق؟ بۇ ئىدىيەۋى بوشلۇق كەلگۈسىدە بىر «ئۇيغۇر تىرىپولى كېلىشىمى» گە يول ئېچىپ قويماسمۇ؟

ئىككىنچى سوئال: ئەگەر بىر كۈنى غەرب دۆلەتلىرى بىزگە «مۇستەقىللىقتىن ۋاز كەچسەڭلار، خىتايدىن سىلەرگە ھەقىقىي ئاپتونومىيە ئېلىپ بېرىمىز» دېگەن شەرت بىلەن زور سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بېرىشنى ۋەدە قىلسا، بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز ئىچىدە مىسۇئارىلار بىلەن سالامات ھاشىملار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش تەكرارلىنارمۇ؟ بىزنىڭ خەلقىمىز ۋە رەھبەرلىرىمىز بۇ ئەجەللىك سىناققا روھىي ۋە ئىدىيەۋى جەھەتتىن تەييارمۇ؟

ئۈچىنچى سوئال: بىز دىئاسپورادىكى ياش ئەۋلادلىرىمىزغا كۈرىشىمىزنىڭ پەقەت سىياسىي بىر تەلەپلا ئەمەس، بەلكى چوڭقۇر بىر ئىدىيەۋى، مەنىۋى ۋە تارىخىي بۇرچ ئىكەنلىكىنى سىستېمىلىق ئۆگىتىۋاتامدۇق – يوق؟ ياكى ئۇلارنى پەقەت شوئار توۋلاپ، بايراق كۆتۈرىدىغان ھېسسىياتچان پائالىيەتچى قىلىپلا تەربىيىلەپ، كەلگۈسىدىكى ئىدىيەۋى كۈرەشلەر ئالدىدا قورالسىز قالدۇرۇۋاتامدۇق؟

تۆتىنچى سوئال: بىزنىڭ بىرلىككە بولغان چۈشەنچىمىز، ھەقىقەت ۋە پرىنسىپ ئۈستىگە قۇرۇلغان بىرلىكمۇ ياكى «ھەر قانداق بەدەل تۆلەپ بولسىمۇ، پارچىلانماسلىق كېرەك» دېگەن قارىغۇلارچە بىرلىكمۇ؟ ئەگەر ھەرىكەت خاتا يولغا ماڭسا، «بىرلىكنى بۇزدى» دېگەن تۆھمەتتىن قورقۇپ، ھەق سۆزنى ئېيتالايدىغان سالامات ھاشىملار ئارىمىزدىن چىقارمۇ؟

بەشىنچى سوئال: بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز ۋە زىيالىيلىرىمىز خەلقئارا جامائەتچىلىككە يېقىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن سۆزلەپ، كۈرىشىمىزنىڭ ئىسلامىي ۋە مىللىي يىلتىزىنى خىرەلەشتۈرۈپ، ئۇنى پەقەت «دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق» قېلىپىغىلا سېلىشقا ئۇرۇنۇش ئارقىلىق، ئۆزىمىزمۇ بىلمىگەن ھالدا ئىنقىلابىمىزنىڭ روھىنى ۋە جان پىدالىقنىڭ يادروسى بولغان مۇقەددەسلىكىنى بوغۇپ قويۇۋاتامدۇق – قانداق؟

ئالتىنچى سوئال: بىز كۈرەش جەريانىدا قولغا كەلگەن ھەر بىر كىچىك نەتىجىنى، «غەلىبە» دەپ جار سېلىپ، ئۆزىمىزنى ۋە خەلقنى مەست قىلىپ، ئەسلىدىكى ئالىي نىشانىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتامدۇق -يوق؟ تىرىپولى كېلىشىمىدەك بىر «ساختا غەلىبە» نىڭ، ھەقىقىي مەغلۇبىيەتنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ھەر دائىم ئېسىمىزدە تۇتۇۋاتامدۇق ياكى تۇتمايۋاتامدۇق؟