11-باب ئافغانىستاندىكى قانلىق مەكتەپ، سۈكۈتتىكى قايتىش ۋە «زېمىنسىز دۆلەت» نىڭ كۆرۈنمەس ئۇلى

تامپاران يېزىسىنىڭ ئاسمىنىدا لەيلەپ يۈرگەن قېرىنداشلار ئارا تۆكۈلگەن قاننىڭ پۇرىقى تېخى تارىماستىن، مىندانائونىڭ نەم ۋە دىمىق ئىسسىق ھاۋاسىغا ئارىلىشىپ، سالامەت ھاشىمنىڭ جاڭگالدىكى مەخپىي بازىسىنى ئېغىر، نەپەس ئالغىلى بولمايدىغان بىر قايغۇ بۇلۇتى قاپلىغان ئىدى. بۇ، ئادەتتىكى جەڭ مەيدانىنىڭ پارتلاتقۇچ ۋە تەر پۇرىقى ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنىڭ سىياسىي كۆرەلمەسلىك ۋە ھوقۇق تالىشىش تۈپەيلىدىن ئۆزئارا زىددىيەتلىشىپ، ئۆز تېنىنى ئۆزى يارا قىلغان، تارىختا ئەڭ تەس ساقىيىدىغان «ئىچكى نىزاسى» نىڭ سېسىق پۇرىقى ئىدى.
لاگېردىكى قېنى قىززىق، يۈرەكلىرى ۋەتەن دەپ سوقۇۋاتقان ياش مۇجاھىدلارنىڭ كۆزلىرىدە ياش ئەمەس، بەلكى يۇتۇۋېتىشكە تەييار تۇرغان يانار تاغنىڭ غەزىپى پارلايتتى. ئۇلارنىڭ قوللىرى قىلىچلىرىنىڭ دەستىسىگە شۇقەدەر چىڭ يېپىشقانكى، تومۇرلىرىدا «ئۆچ ئېلىش!» نىڭ ئازابلىق دولقۇنى مەۋج ئۇرماقتا ئىدى. ئۇلار سالامەت ھاشىمدىن پەقەت بىرلا ئېغىز، شۇ بىردىنبىر سۆزنى، «ھۇجۇم!» دېگەن بۇيرۇقنى كۈتەتتى. نۇر مىسۇئارىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارە خىيانىتى، ئۇنىڭ دۈشمەن فورمىسىنى كىيگەن ئەسكەرلىرىنىڭ تۈنۈگۈنلا بىر داستىخاندا ئولتۇرغان، بىر قاچىدا سۇ ئىچكەن ئۆز قېرىنداشلىرىغا ئوق چىقىرىشى، ياشلارنىڭ سەۋرى قاچىسىنى چىقىپ تاشلىغان ئىدى.
ئەمما، قوماندانلىق چېدىرىنىڭ ئىچىدە، دۇنيا باشقىچە ئىدى. سالامەت ھاشىم كۆزلىرىنى يۇمغان ھالدا، سىرتقى دۇنيانىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرىدىن خالىي، زامان ۋە ماكاننىڭ سىرتىدا، تېخىمۇ يېراق نەتىجىلەرنى ئويلىماقتا ئىدى. ئۇنىڭ سۈكۈتى، ئاجىزلىقنىڭ ياكى ئىككىلىنىشنىڭ ئالامىتى ئەمەس، بەلكى قارا بوراندىن بۇرۇنقى ئوكياننىڭ تېگىدەك قورقۇنچلۇق ۋە سىرلىق بىر تىنچلىققا ئوخشايتتى. ئۇ تارىخنى ياخشى بىلەتتى. ھېسسىيات بىلەن باشقۇرۇلغان ھەر قانداق ئىنقىلابنىڭ ئاخىرى پاجىئە بىلەن تۈگەيتتى. ئۇ شۇنى ناھايىتى ئېنىق بىلەتتىكى، «غەزەپ دەستىسى يوق، ئىككى بىسلىق ئۆتكۈر قىلىچتۇر؛ ئۇنى تۇتقان ئادەم دۈشمىنىنى كېسىشتىن بۇرۇن، ئۆز قولىنى كېسىدۇ»
بۈگۈن مىسۇئارىغا قارشى قورال كۆتۈرۈش، دۈشمەننىڭ (فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ) يىللاردىن بېرى يازغان، ئىنچىكە پىلانلىغان «مورولارنى ئۆز-ئارا قىرغىن قىلىش» سىنارىيەسىگە باش رولچى بولۇپ بېرىش، مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى شەخسىي ئۆچ ئېلىش ئوتىدا كۆيدۈرۈۋېتىش دېگەنلىك بولاتتى.
ئۇ ئاستاغىنە بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئەتراپىدىكى غەزەپتىن تىترەۋاتقان، كۆزلىرىدىن ئوت چاقناۋاتقان قوماندانلىرىغا بىر-بىرلەپ نەزەر سالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە بىر خىل مۇڭ، ئەمما پولاتتەك قەتئىيلىك ۋە تاغدەك سالماقلىق بار ئىدى.
«بىز نۇر مىسۇئارى بىلەن ئۇرۇشمايمىز» دېدى ئۇ ئاستا، ئەمما ھەر بىر سۆزى شۇ قەدەر ئۆتكۈر ئىدىكى،ت گويا چېدىردىكى غەزەپ ئۆتىنى مۇزلىتىپ قويدى. «بىزنىڭ دۈشمىنىمىز نۇر مىسۇئارى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ئىشغالچىدۇر. بۈگۈنكى غەلىبە قېرىنداشلىرىمىزنى يېڭىش ياكى ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىشتا ئەمەس، بەلكى ئۆز نەپسىمىزنى، ئىچىمىزدىكى شەيتاننى يېڭىپ، كەلگۈسىدىكى ھەقىقىي ئارمىيەنى تەييارلاشتادۇر. بىز تارىخنىڭ ئالدىدا ‹قېرىنداش قاتىلى› دەپ ئەمەس، ‹مىللەتنىڭ ئازادلىق چەڭچىلىرى ۋە مۇجاھىدلىرى› دەپ يېزىلىشىمىز كېرەك»
بۇ سۆزلەر بىلەن تەڭ، سالامەت ھاشىمنىڭ خىيالى ئۆتمۈشنىڭ تۇمانلىرىنى يېرىپ، بۇنىڭدىن تۆت يىل ئىلگىرىكى بىر ھەل قىلغۇچ كېچىگە ، يەنى مورونىڭ تەقدىرىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان «بۈيۈك مۇنازىرە» يۈز بەرگەن شۇرا يىغىنىغا قاراپ پەرۋاز قىلماقتا ئىدى.
ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا 1979-يىلىنىڭ شۇ سوغۇق، بورانلىق قىش كېچىسى كەلدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «قىزىل ئېيىق»لىرى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى «جىھاد» ساداسى بىلەن ئويغىنىۋاتقان، ھېسسىياتلار ئاسمانغا يەتكەن، ھەممە ئادەم «نېمە قىلىش كېرەك؟» دەپ تېڭىرقاۋاتقان مەزگىل ئىدى.
شۇ كېچىسى، سالامەت ھاشىم جىددىي شۇرا يىغىنىدا، مورو دەۋاسىنىڭ قەلبىنى قوغدايدىغان، ئەمما ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان بىر تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى:
«بىز قولىمىزدىكى ئەڭ سەرخىل، ئەڭ ئەقىللىق، ئەڭ قابىلىيەتلىك ۋە جەسۇر 300 ياشنى تاللاپ، ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشقا ئەۋەتىمىز»
بۇ سۆز چېدىر ئىچىگە چاقماق چاققاندەك تەسىر قىلغان ئىدى. ياشانغان، ساقاللىرى ئاقارغان، ھاياتىنى مورو تۇپرىقىدا ئۆتكۈزگەن، ئەنئەنىۋى قاراشتىكى قوماندان شەيخ ئابدۇللا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۈستەلنى قاتتىق مۇشتلىغان ئىدى، ئۇنىڭ ئاۋازى تىترەپ تۇراتتى:
«ئۇستاز! بۇ نېمە دېگىنىڭىز؟ بۇ ئوچۇق-ئاشكارە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئەمەسمۇ؟ بىز ئۆزىمىز مىندانائودا ئادەم يېتىشمەسلىكنىڭ دەردىنى تارتىۋاتساق، دۈشمەن بىلەن ئېلىشىشقا قۇربىمىز يەتمەيۋاتسا، نېمە ئۈچۈن ئەڭ ئېسىل يىگىتلىرىمىزنى ياتلارنىڭ ئۇرۇشىغا، باشقىلارنىڭ تۇپرىقىغا ئۆلۈمگە ئەۋەتىمىز؟ ئۇلار مورو ئۈچۈن ئۆلۈشى كېرەك، ئافغانلار ئۈچۈن ئەمەس! بىز قاراپ تۇرۇپ مىللەتنىڭ ئۈمىدى بولغان، كەلگۈسىمىز بولغان ياشلىرىمىزنى ياتلارنىڭ قەبرىستانلىقىغا كۆمەمدۇق؟»
باشقا قوماندانلارمۇ ئۇنى قۇۋۋەتلەپ: «بىزگە ھەر بىر ئادەم قىممەتلىك!»، «بۇ ئىستراتېگىيەلىك خاتالىق!»، «مىللەتنىڭ قېنىنى بىھۇدە ئاققۇزغانلىق!» دەپ ۋارقىراشقان ئىدى.
سالامەت ھاشىم شۇ چاغدا ھەممىسىنىڭ سۆزلەپ بولۇشىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغان ئىدى. ئاندىن ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرغان ۋە قولىدىكى كونا، يىرتىلىپ كېتەي دېگەن دۇنيا خەرىتىسىنى كۆرسىتىپ، تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن سۆز ئاچقان ئىدى:
«قېرىنداشلىرىم! كۆز يېشىڭلارنى، ھېسسىياتىڭلارنى چۈشىنىمەن. ئەمما بىز ھازىر قانداق ئۇرۇش قىلىۋاتىمىز؟ ئۆزىمىزدىن سوراپ باقايلى! بىز پەقەت ئورماندا مۆكۈنۈپ يۈرۈپ ئوق ئاتىدىغان، كونا مىلتىقلار بىلەن قۇش ئوۋلاۋاتقاندەك ئۇرۇش قىلىدىغان، ئەمما زامانىۋىي ئۇرۇش تېخنىكىسىدىن، ئىستراتېگىيەدىن ۋە تەشكىللىنىشتىن بىخەۋەر پارتىزانلارمىز. دۈشمىنىمىز فىلىپپىن ئارمىيەسى بولسا، ئامېرىكانىڭ ئەڭ ئىلغار تاكتىكىسى، تانكىلىرى، سۈنئىي ھەمراھلىرى ۋە ئايروپىلانلىرى بىلەن قوراللانغان. بىزنىڭ يۈرىكىمىز بار، ئىمانىمىز بار، ئەمما ئىلمىمىز يوق. ئەگەر بىز مۇشۇ پېتى داۋام قىلساق، يەنە 100 يىل ئۇرۇشساقمۇ، پەقەت <توپىلاڭچى> پېتى قېلىۋىرىمىز، ھەرگىز <سىستېمىلىق ئارمىيە> بولالمايمىز، ھەرگىز غەلىبە قىلالمايمىز»
ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى سۆزلىرى بۈگۈنمۇ سالامەت ھاشىمنىڭ قۇلىقىدا، خۇددى ۋەھىيدەك ياڭراپ تۇراتتى:
«ئافغانىستان؛ بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ، ئەڭ قىممەتلىك ۋە ئەڭ قانلىق ‹ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېتى›دۇر. ئۇ يەردە دۇنيانىڭ ئىككى قۇتۇبىنىڭ بىرى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقىدەك دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچكە قارشى ئۇرۇش بار. بىزنىڭ يىگىتلىرىمىز ئۇ يەرگە پەقەت ئافغان قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى <مىندانائونى ئازاد قىلىش ئىلمى» نى، يەنى دۈشمەننىڭ كۈچىنى ئۆزىگە قارشى ئىشلىتىش، ئاجىز تۇرۇپ كۈچلۈكنى يېڭىش ئىلمىنى ئۆگەنگىلى بارىدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە تانكىنى قانداق پاچاقلاشنى، ئايروپىلاننى قانداق چۈشۈرۈشنى، شەھەر ئىچىدە ۋە تاغ، دالا-ئورمانلاردا قانداق تەشكىللىك ئۇرۇش قىلىشنى ھەمدە زامانىۋىي ئالاقە تېخنىكىسىنى كىتابتىن ئەمەس، ئەڭ زامانىۋىي ئىككى چوڭ كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى ئەمەلىي ئۇرۇش مەيدانىدىن ئۆگىنىدۇ»
شەيخ ئابدۇللا يەنە قارشى چىققان، كۆزلىرىدە ياش بىلەن: «لېكىن ئۇلار ئۆلۈپ كەتسە قانداق قىلىمىز؟ مىللەتنىڭ چىرىغى ئۆچۈپ قالامدۇ؟» دېگەن ۋە سالامەت ھاشىمنىڭ شۇ چاغدىكى جاۋابى، بىر سىياسىي رەھبەرنىڭ ئەمەس، كەلگۈسىنى كۆرگەن بىر ئاقىلنىڭ ھۆكۈمى بولغان ئىدى:
«ئەگەر بىز 300 يىگىتنى ئەۋەتىپ، ئۇلارنىڭ 150 ى شېھىت بولۇپ، پەقەت 150 ى ساق قايتىپ كەلسىمۇ، شۇ ساق كەلگەن 150 مۇجاھىدنىڭ كۈچى، مىندانائودىكى 15 مىڭ كونا پارتىزانلىرىمىزنىڭ كۈچىگە تەڭ بولىدۇ! چۈنكى ئۇلار ئەمدى ئاددىي ئەسكەر ئەمەس، ئۇلار بىزنىڭ كەلگۈسىدىكى <يېڭىلمەس ئارمىيەمىز» نىڭ گېنېراللىرى، ئىستراتېگىيەچىلىرى ۋە تۈۋرۈكلىرى بولىدۇ. بىز بۈگۈنكى قاننى، ئەتىكى غەلىبە ئۈچۈن، كەلگۈسىدىكى مورو دۆلىتىنىڭ ئۇلى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سېلىشىمىز كېرەك!»
بۇ سۆزلەر ئەينى چاغدا چېدىر ئىچىدىكى ھاۋانى ئۆزگەرتكەن، قوماندانلار بۇ پىلاننىڭ ئاددىي بىر «ياردەم» ئەمەس، بەلكى مىللەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان، بىر مىللەتنىڭ پارتىزانلىقتىن دۆلەتچىلىككە ئۆتۈشىدىكى ئەڭ چوڭ «ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ» ئىكەنلىكىنى، ئەقلى بىلەن تونۇپ قوبۇل قىلغان ئىدى.
شۇ كۈنلەردە، تامپاران ۋەقەسىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئافغانىستاندىكى قانلىق «ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېت»قا ئەۋەتىلگەن مورو مۇجاھىدلىرىدىن تىرىك قالغانلىرى، تەخمىنەن 180 ئەتراپىدىكى يىگىت تۈركۈم-تۈركۈملەپ مورو ئورمانلىرىغا، ئەبۇ بەكىر لاگېرىغا قايتىپ كېلىشكە باشلىدى.
ئۇلار لاگېرغا كىرگەندە، ھەممە ئادەم ھەيران قالدى. ئۇلاردا ئىلگىرىكىدەك ھاياجانلىق شوئارۋازلىق، ھېسسىياتقا بېرىلىپ يىغلاشلار، يەڭگىلتەك ھەرىكەتلەر يوق ئىدى. ئۇلارنىڭ ساقاللىرى ئۆسكەن، يۈزلىرىنى ئافغانىستاننىڭ قەھرىتان سوغۇق شامىلى ۋە ھىندىقۇش تاغلىرىنىڭ پارتلىغان بومبا ئىسلىرى قارايتقان، تېرىلىرى قوپاللاشقان، قوللىرى قاداقلاشقان بولسىمۇ، كۆزلىرىدە ئاجايىپ بىر تەمكىنلىك، چوڭقۇر بىر سۈكۈت ۋە ئۆلۈمدىن قورقمايدىغان بىر خاتىرجەملىك بار ئىدى. بۇ سۈكۈت ئاددىي سۈكۈت ئەمەس ئىدى؛ بۇ ئۇرۇشنىڭ ۋەھشىيلىكىنى كۆرگەن، دۇنيا سىياسىتىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى چۈشەنگەن، دوست بىلەن دۈشمەننىڭ چېگراسىنى قان بىلەن سىزغان ۋە «ھېسسىيات بىلەن دۆلەت ئازاد قىلغىلى بولمايدىغانلىقى» نى تومۇر-تومۇرلىرىغىچە ھېس قىلغان پىشقان، تاۋلانغان مۇجاھىد ئەزىمەتلەرنىڭ سۈكۈتى ئىدى.
ئەڭ مۇھىمى، سالامەت ھاشىمنىڭ ئۇلارغا يولغا چىقىشتىن بۇرۇن بەرگەن «مىللىي ۋاكسىنىسى» (يەنى سالامەت ھاشىم تىكلەپ بەرگەن ئىدىيەۋى ئاساس) ئۆز كۈچىنى كۆرسەتكەن ئىدى. سالامەت ھاشىم ئۇلارنى يولغا سېلىشتىن بۇرۇن قاتتىق تاپىلاپ: «شەيخلەرگە <بەيئەت› قىلىپ، ئۇلارنىڭ يەرشارىۋىي ئويۇنلىرىغا، مەزھەپ تالاش-تارتىشلىرىغا باغلىنىپ قالىدىغان ئىشنى قىلماڭلار! سىلەرنىڭ بەيئىتىڭلار ئاللاھقا، ساداقىتىڭلار پەقەتلا مورو خەلقىنىڭ ئازادلىقىغا ۋە مورو تۇپرىقىغا مەنسۇپتۇر. كىمكى ئۇ يەردىكى شامالغا ئەگىشىپ، بۇ مەزلۇم خەلقىمىزنىڭ بايرىقىنى ئۇنتۇپ، باشقا ئىدېئولوگىيەلەرگە ئەگەشسە، ئۇ بىزدىن ئەمەس!» دېگەن ئىدى.
مانا بۇ پرىنسىپ، ئۇلارنى دۇنيانىڭ ئەڭ قالايمىقان، ئەڭ رادىكال ئىدىيەلىرى قايناۋاتقان پەشاوەر ۋە خوست لاگېرلىرىدىمۇ «مورو مۇجاھىدلىرى» دېگەن ساپ، مىللىي سالاھىيەتتە ساقلاپ قالغان ئىدى. ئۇلار قايتىپ كەلگەندە، ئۇلارنىڭ كاللىسىدا «خەلقئارالىق خەلىپىلىك قۇرۇش» دېگەندەك چوڭ غايىۋىي، ئەمەلىيەتتىن يىراق خىياللار ئەمەس، بەلكى خۇددىى پەيغەمبەر سەلللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئوخشاش خەلىپىلىكنى ۋە ئادالەتنى ئالدى بىلەن ئۆز دىيارىدا تىكلەش، يەنى مىندانئودا، ئۆز خەلقىنىڭ رېئاللىقىغا ماس ھالدا قۇرۇشتەك كونكرېت پىلان ۋە مۇستەھكەم نىشان بار ئىدى.
«كىنگىكىيا» ھەرىكىتى: جىمجىتلىقنىڭ قۇدرىتى. توپىلاڭچىلارنىڭ ئەمەس، ئارمىيەنىڭ زەربىسى
سالامەت ھاشىم بۇ «پولاتتەك تاۋلانغان» يېڭى كۈچنى دەرھال سىناق قىلىشنى، ھەم دۈشمەنگە ھەم ئۆز ئىچىدىكى شۈبھىلەرگە جاۋاب بېرىشنى قارار قىلدى. نىشان؛ نۇر مىسۇئارىنىڭ بازىسى ئەمەس، بەلكى فىلىپپىن ئارمىيەسىنىڭ مىندانائودىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ زامانىۋىي ئالاقە ۋە قوماندانلىق مەركىزى بولغان «كىنگىكىيا» بازىسى ئىدى.
بىر قاراڭغۇ، ئايسىز كېچىدە، ئافغانىستاندا پىشقان 30 نەپەر سەرخىل يىگىت، قوماندان ئەنۋەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھەرىكەتكە ئۆتتى. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىدە بۇرۇنقىدەك «ئاللاھۇ ئەكبەر!» دەپ توۋلايدىغان نەرە ئاۋازى، ھاياجانلىق شوئارلار يوق ئىدى. ئۇلار كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا ئەرۋاھتەك، ئاۋازسىز، بىرەر يوپۇرماقنىمۇ مىدىرلاتماستىن، شەپىسىز ھەرىكەت قىلدى. ئۇلار سوۋېت ئارمىيەسىگە قارشى ئىشلىتىلگەن، فىلىپپىن ئارمىيەسى چۈشىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان مۇرەككەپ پارتىلاتقۇچ ئورۇنلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنى ۋە «جىمجىت سىڭىپ كىرىش» (Infiltration) تاكتىكىسىنى ئىشقا سالدى.
20 مىنۇت! پەقەتلا 20 مىنۇت ئىچىدە، فىلىپپىن ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبتىكى بارلىق قىسىملىرىنى ئالاقە بىلەن تەمىنلەيدىغان غايەت زور ئالاقە مۇنارى، ئوق-دورا ئىسكىلاتى ۋە مەخپىي شىفىرلىق ئالاقە ئۆيى پارتلىتىلدى. ئوت يالقۇنى كېچىنى كۈندۈزگە ئايلاندۇردى، دۈشمەننىڭ ئىپتىخارى بولغان بازا بىر دەمدىلا خارابىلىككە ئايلاندى. ئەمما دۈشمەن تېخى ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ، ئىشتانلىرىنى كىيىپ، نېمە بولغىنىنى چۈشىنىپ بولغۇچە، بۇ 30 يىگىت خۇددى تۇماندەك ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئىدى.
بۇ ھەرىكەت مىندانائو تارىخىدىكى تۇنجى چوڭ «نۇقتىلىق زەربە» (Surgical Strike) بولۇپ قالدى. بۇ يەردە قالايمىقان ئوق ئېتىش يوق، بىگۇناھ پۇقرالارغا زىيان يەتكۈزۈش يوق، پەقەت دۈشمەننىڭ «نېرۋا سىستېمىسى» نى پالەچ قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە «بىز خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان يېرىڭلارغا كىرەلەيمىز» دېگەن قورقۇنچلۇق سېگنالنى بېرىش بار ئىدى.
دىپلوماتىك تۇزاق ۋە «زېمىنسىز دۆلەت»: ئۇرۇش مەيدانىدىن سىياسىي شاخمات تاختىسىغا
بۇ ھەرىكەتنىڭ تەسىرى مانىلادىكى ھەربىي ئىشتابنى زىلزىلىگە سالدى. گېنېرال رومېرو ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ مەخپىي دوكلاتىغا قاراپ، پېشانىسىدىكى تەرلەرنى سۈرتتى. دوكلاتتا قىسقا ۋە ئېنىق قىلىپ: «مىندانائودىكى ۋەزىيەت تۈپتىن ئۆزگەردى. بۇلار ئەمدى دېھقان توپىلاڭچىلار ئەمەس، زامانىۋىي ئۇرۇش قىلىشنى بىلىدىغان، دۇنياۋى ئۆلچەمدىكى كەسپىي ئارمىيەگە ئايلاندى» دەپ يېزىلغان ئىدى.
ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇھىم دۆلەتلەرمۇ (سەئۇدى ئەرەبىستان، لىۋىيە، مالايشىيا) بۇ «يېڭى كۈچ» كە دىققەت قىلىشقا باشلىدى. دىپلوماتلار يوشۇرۇن ھالدا: «مىسۇئارىنىڭ چىرىكلىكىدىن، قۇرۇق ۋەدىلىرىدىن زېرىكتۇق، بەلكىم سالامەت ھاشىم بىز ئىزدەۋاتقان ھەقىقىي، ئىشەنچلىك شېرىك بولالىشى مۇمكىن» دەپ پىچىرلىشىشقا باشلىدى.
گېنېرال رومېرو ھەربىي جەھەتتە بۇ يېڭى ئارمىيەنى چاڭگالدا يېڭىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ھېچ بولمىغاندىمۇ ئۇرۇش چىقىمىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىقىپ، تېخىمۇ رەزىل، تېخىمۇ خەتەرلىك بىر دىپلوماتىك تۇزاقنى ئىشقا سالدى. ئۇ ياردەمچىسىگە: «ئۇلارنى جاڭگالدا، ئۇرۇش بىلەن يېڭەلمەيمىز. لېكىن ئۇلارنى ئۈستەلدە، قەغەز ۋە ۋەدە بىلەن يېڭەلەيمىز. بىز نۇر مىسۇئارى بىلەن بولغان ‹تىنچلىق سۆھبىتى› نى تېزلىتىمىز. ‹مىندانائو ئاپتونوم رايونى› دېگەن چىرايلىق، پارقىراق، ئەمما ئىچى قۇرۇق نامنى ئاخباراتلاردا تېخىمۇ پارلىتىپ، مىسۇئارىنى <تىنچلىقپەرۋەر قەھرىمان> قىلىپ كۆرسىتىمىز. شۇنداق قىلساق، دۇنيا نۇر مىسۇئارىنى ‹قانۇنلۇق رەھبەر› دەپ تونۇيدۇ، سالامەت ھاشىمنى بولسا ‹تىنچلىققا قارشى تېررورچى› دەپ ئۇنىڭدىن ئۇزاقلىشىدۇ. بىز ئۇلارنى ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ قولى بىلەن يوقىتىمىز»
بۇ تارىختىن بېرى تەكرارلىنىپ كەلگەن، ئەمما ھەمىشە ئۈنۈم بېرىدىغان بىر سىياسىي ئويۇن ئىدى. دۈشمەن، ئىنقىلابچىلارنىڭ بىر قىسمىنى «قانۇنلۇق» دەپ ئېلان قىلىش ئارقىلىق قالغان قىسمىنى «باندىت» قا چىقارماقچى ئىدى.
ئەمما سالامەت ھاشىم بۇ دىپلوماتىك ئويۇننى ئاللىبۇرۇنلا چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى. ئۇ دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن يالۋۇرۇپ يۈرمىدى، غەربنىڭ ياكى شەرقنىڭ ئىشىكىدە تىلەمچىلىك قىلمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ مەشھۇر «زېمىنسىز دۆلەتچىلىك» (Stateless State-building) نەزەرىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈردى. «بىز دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى كۈتمەيمىز. بىز مۇشۇ جاڭگالنىڭ ئىچىدە، ئۆز مائارىپىمىز، باج سىستېمىمىز، مۇستەقىل سوتىمىز ۋە مۇنتىزىم ئارمىيەمىز بىلەن ئەمەلىي ئىسلام دۆلىتىمىزنى قۇرۇپ چىقىمىز. بىز دۆلەتنى قەغەزدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يىغىن زالىدا ئەمەس، بەلكى مورو تۇپرىقىدا، ئەمەلىيەتتە قۇرىمىز! بىز قاچان دۆلەتتەك ھەرىكەت قىلالايدىغان بولغاندا، دۇنيامۇ بىزنى دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ»
شۇنىڭ بىلەن، ئەبۇ بەكىر سىددىق لاگېرى پەقەت بىر ھەربىي بازا بولۇپلا قالماي، پۇقرالارنى تىزىملايدىغان، نىكاھ ئوقۇش، سودا-سېتىقنى باشقۇرۇش، سانائەت، ئىشلەپچىقىرىش ۋە مائارىپ سىستېمىسى بار بولغان، پاسپورتى يوق، ئەمما جانلىق روھى ۋە پولاتتەك مۇشتى بار بولغان بىر «كۆلەڭگە دۆلەت» كە ئايلىنىشقا باشلىدى.
(داۋامى بار!…..)
****************************************
قىسسىدىن ئۇيغۇرلارغا ھىسسە: ئافغانىستان، سۈرىيە ۋە بىزنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك كورلۇقىمىز»
بۇ قىسىمدا بىز، يېقىنقى 40 يىللىق قانلىق تارىخىمىزدىكى ھەقىقىي يارىمىزنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى، نېمە ئۈچۈن قەددىمىزنىڭ تىكلەنمەيۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان، ئاچچىق ئەمما بىزنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ۋە سىياسىي خام خىياللاردىن ئويغىتىدىغان ھەقىقەتلەرگە مەركەزلىشىمىز.
بىرىنچى مەشئەل، بىرىنچى سوئال: «يوقىتىش» ئەمەس، «تاۋلىنىش» 1985-يىلدىكى جەڭگىۋار، رىياسىز ئەۋلادلار ۋە سۈرىيەدىكى يوشۇرۇن ئارمىيە
مورو مۇجاھىدلىرى ئافغانىستاندىن قايتىپ كەلگەندە، مورو خەلقى ئۇلارغا «بىر توپ ئاشقۇنلار» ياكى «خەتەرلىك ئامىللار» دەپ قارىمىدى. ئەكسىچە، ئۇلارنى «مىللەتنىڭ پولات ئومۇرتقىسى»، «بىزنى قوغدايدىغان قالقان» دەپ قوبۇل قىلدى.
ئەمما بىز ئۇيغۇرلارچۇ؟ بىز 1985-يىلى مەخپىي باشلىنىپ، 1996-يىلى دۈشمەننىڭ كۆرۈنمەس سىياسىي ئويۇنلىرى سەۋەبىدىن بىز خالىمىغان تۈستە دۇنياغا ئاشكارىلانغان، ئەمما نىيەتلىرى ۋە قەلبلىرى ساپ، ئىسلام، ۋەتەن، مىللەت سۆيگۈسى بىلەن لىق تولغان، ئافغانىستان ۋە چېچېنىستاننىڭ زامانىۋىي جەڭگاھلىرىدا تاۋلىنىشنى ئارزۇ قىلغان، ياكى شۇ جەڭگاھلاردا شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىمىزنى تېخىچە توغرا چۈشىنەلمەي كەلمەكتىمىز. چەئەللەردىكى «ئىككى – ئۈچ قۇرۇشلۇق» ياردەمدىن قۇرۇق قالماسلىقىمىز ئۈچۈن ئۇلارنى «باشقىلارغا ئۆلۈپ بەرگەنلەر» دەپ ئەيىبلەشنى بىلگەنچىلىك، بۇ ئىشنىڭ كەلگۈسى سىياسىي ئىستىقبالىمىزغا يەتكۈزىدىغان پايدىسىنى توغرا چۈشىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھەتتا خىتاي بىلەن تەڭ بىر ئاۋازدا، ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ جەڭگىۋار ئوغلانلىرىنى «تېررورچى» دەپ ئەيىبلەپ، ئۆز ئىستراتېگىيەلىك كۈچىمىزنى ئۆز قولىمىز بىلەن بوغۇپ، چەتكە قېقىشنى مانا ھازىرقى 2025-يىلىدىمۇ داۋاملاشتۇرماقتىمىز.
بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ نېمىشقا مورو مۇجاھىدلىرى «قەھرىمان» بولۇپ قايتىپ كەلدى – يۇ، بىزنىڭكىلەر «يېتىم» قالىدۇ ياكى يات ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ قۇربانى بولىدۇ؟
سەۋەبى ئىنتايىن ئېنىق ۋە ئېچىنىشلىق: بىزدە سالامەت ھاشىمغا ئوخشاش بىر ئىستراتېگىيەلىك ئەقىلگە ئىگە، يىراقنى كۆرەر يولباشچىنىڭ بولماسلىقى بىزنى ئارقىمىزغا ئىتترىۋاتقان نۇقتىلىق ئامىل بولۇپ كەلمەكتە. ياشلارنى ئىختىيارىي شەكىلدە ئەمەس، بەلكى تەشكىللىك، پىلانلىق ۋە مەقسەتلىك شەكىلدە تەربىيەلەشكە يوللايدىغان؛ جەڭگاھقا يوللاشتىن ئىلگىرى ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىڭ يىللىق ئىسلام ئەنئەنىسىگە ئۇيغۇن، جەڭگىۋار ئىسلامىي ئىدىئولوگىيە بىلەن «مىللىي مۇستەقىللىق» غايىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، باشقا ھېچبىر ئىسلامىي پىكىر ئېقىمىنىڭ (مەسىلەن، يەرشارىۋىي خەلىپىلىك) نىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان سەۋىيەدە مۇستەھكەملىيەلەيدىغان بىر سىستېمىلىق مۇقىم ئىددىيەگە ئىگە ھەقىقىي پىشقان سىياسىي يېتەكچىمىزنىڭ يوق بولغانلىقىدۇر. سالامەت ھاشىم ئۆز ئەسكەرلىرىگە «پەقەت مورو ئۈچۈن ئۆگىنىسىلەر، باشقىلارغا بەيئەت قىلمايسىلەر» دەپ تاپىلىغان بولسا، بىزنىڭ مۇجاھىدلىرىمىز ئىلمىي يېتەرسىزلىك ۋە ئىددىيەۋىي بوشلۇق ئىچىدە ئالدىن تەييارلىقسىز ئىخىتىيارىي شەكىلدە قانلىق جەڭگاھلارغا باردى. شۇڭا بەزىلىرى باشقا ئېقىملارنىڭ دېڭىزىغا ئاسانلا غەرىق بولدى، ساق قالغانلىرىنى بولسا، بىز ئۆزىمىز، چەئئەللەردە قولغا كېلىۋاتقان «ئىككى-ئۈچ قۇرۇش» لۇق مەنپەئتىمىزنى ۋە ئاتالمىش «چاكىنا پاكىزلىقىمىز» نى قوغداش ئۈچۈن ئوتقا ئېتتىرىشتىن چېكىنمەي كەلمەكتىمىز.
بۈگۈنكى كۈندە تارىخ يەنە تەكرارلىنىۋاتىدۇ. ئافغانىستاندا ۋە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە، خارابىلىكلەر ۋە چاڭ-توزانلىق جەڭگاھلاردا يېتىشكەن يەنە بىر ئەۋلاد مىڭلىغان ئوغلانلىرىمىز بار. ئۇلار ئۇ يەردە بىھۇدە جان بەرمىدى. ئەكسىچە، شېھىت بېرىش بەدىلىگە، بۈگۈنكى كۈندە زامانىۋىي ئۇرۇش تېخنىكىسىنى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلىتىشنى، ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى باشقۇرۇشنى ۋە ئەڭ مۇھىمى ئىنتىزام تەرتىپ بىلىدىغان «مۇنتىزىم ئارمىيە» بولۇپ تەشكىللىنىشنى ئۆگەندى.
بىز ئاڭلىمىغان، ياكى ئاڭلاشنى خالىمىغان، قۇلاقلىرىمىزنى يوپۇرۇۋالغان بىر رېئاللىق مەۋجۇت: 2025-يىلغا كەلگەندە، سۈرىيەدىكى ئۇيغۇر مۇجاھىدلارنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» دېگەن، خەلقئارادا «تېررور» تامغىسى بېسىلغان كونا توننى سېلىۋېتىپ، سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ «84-دىۋىزىيىسى» سۈپىتىدە رەسمىي تەشكىللىنىشى، ھەرگىزمۇ ئاددىي بىر سىياسىي ئۇتۇق ئەمەس ياكى بەزى پىتنىكەشلەر ئوتتۇرىغا چېچىۋاتقاندەك تەسلىم بولۇشمۇ ئەمەس! بۇ بىر «تاكتىكىلىق ماسلىشىش» (Strategic Adaptation)، بۇ بىر «سىياسىي دەنالىقتۇر» تۇر. ئۇلار دۇنيانىڭ ۋە خىتاينىڭ «تېررورچى» دەپ بېسىم قىلىشىدىن ئۈزۈل كېسىل قۇتۇلۇش ۋە قانۇنلۇق سالاھىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، خۇددى سالامەت ھاشىمنىڭ ئەسكەرلىرىگە ئوخشاش، ئىسىمنى ئەمەس، «جىسىم» نى، يەنى ئەمەلىي كۈچنى ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ قېلىشنى تاللىدى.
دېمەك، بىزنىڭ چەتئەلدە «مۇنتىزىم ئارمىيەمىز يوق» دەپ قاقشاشقا ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق. ئارمىيە بار، كۈچ بار، تەجرىبە بار، ھەر ساھەدە يېتىشكەن ئۇنۋانلىق مۇتەخەسسىسلىرىمىزمۇ بار، ئۇلار كەلگۈسى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ زاپاس كۈچلىرىدۇر.
ئەمدى ئۆزىمىزدىن سوراپ بااقايلى! بىز تارىخنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق خاتالىقىنى قاچان تۈزىتىمىز؟ بىز يەنە «ئىككى-ئۈچ قۇرۇش» ئۈچۈن ئۆز ئوغلانلىرىمىزدىن يۈز ئۆرۈشنى داۋاملاشۇرامدۇق؟ بىز سۈرىيە ۋە ئافغانىستاندا شەكىللەنگەن، مىللەتنىڭ ئەڭ جەڭگىۋار، ھەربىي جەھەتتىن ئەڭ پىشقان «زاپاس ئارمىيەسى» نى چەتكە قېقىشنى قاچان توختىتىمىز؟ ياكى ئۇلارنى «تېررورچى» ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان دۆلىتىنىڭ ھەربىي ئۇلى ۋە مۇستەھكەم قورغىنى دەپ تونۇپ، ھەمدەم بولۇش ۋە قوغداش ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك سىياسىي قۇچىقىمىزنى ئاچالامدۇق؟
ئىككىنچى مەشئەل ئىككىنچى سوئال: «تېررور» تامغىسى ۋە زىيالىيلىرىمىزنىڭ خىيانىتى. غەربنىڭ قوش ئۆلچىمىنى كۆرەلمەسلىك
بۇ يەردىكى ئەڭ چوڭ پاجىئە؛ مۇجاھىدلارنىڭ باشقا يەرلەردە جەڭ قىلىشى ئەمەس، بەلكى غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان، ئاكادېمىك ئۇنۋانلىق، گالىستۇك تاقىغان «زىيالىي» ۋە «سىياسىيون» لىرىمىزنىڭ ئۇلارغا قاراتقان مىللەتنىڭ ۋىجدانىغا ۋە ئەقىلگە خىلاپ پوزىتسىيەسىدۇر.
بىز كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ شۇنى ئېنىق كۆرۈشىمىز كېرەككى: غەرب دۇنياسى رۇسىيەگە قارشى خۇددى ئىگىرى ئەلقائىدە رەھبىرى ئۇسامە بىنلادىن بىلەن ھەمكارلاشقاندەك، ئەمدىلىكتە سۈرىيەدىكى «ھەيئەت تەھرىر شام» (HTS) نىڭ رەھبىرى جەۋلانىنى، گەرچە ئۇ بىر زامانلاردا ئەلقائىدەنىڭ ئەزاسى بولسىمۇ، گەرچە ئۇنىڭ ئۆتمۈشى ئاشقۇنلۇق بىلەن تولغان بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە «ئەمەلىيەتچى رەھبەر» (Pragmatic Leader) دەپ قوبۇل قىلىشماقتا. نېمىشقا؟ چۈنكى ئۇنىڭ قولىدا كۈچ بار، ئۇ سۈرىيەنى باشقۇرۇۋاتىدۇ. غەرب ئۇنىڭ كاستۇم كىيگىنى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى «پايدىلىق ۋە كۈچلۈك» ئاكتىيورغا ئايلانغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن دىپلوماتىك ئالاقە ئورنىتىۋاتىدۇ.
ئەمما، بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىزچۇ؟ ئۇلار غەربنىڭ بۇ خىل «رېئال سىياسىتى» (Realpolitik) نى چۈشەنمەيدۇ ياكى قەستەن چۈشىنىشنى خالىمايدۇ. ئۇلار غەربلىكلەرگە «بىز زامانىۋىي، بىز ئۇلارغا ئوخشىمايمىز، بىز پاكىز، مۆتىدىل» دەپ ئۆزلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن سۈرىيەدىكى ئۆز قېرىنداشلىرىنى «تېررورچى»، «ئاشقۇن» دەپ قارىلاشتىن، ھەتتا خىتاي بىلەن تەڭ ئاۋازدا ئۇلارنى ئەيىبلەشتىن ھوزۇر ئالماقتا. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ راھەت ئورۇندۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، مىللەتنىڭ ئەڭ ئۆتكۈر قىلىچىنى سۇندۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا.
قېنى بىر سوراپ باقايلى! بىر مىللەتنىڭ «كاللىسى» بولغان (زىيالىيلار) ئۆزلىرىنىڭ «مۇشتى» بولغان (مۇجاھىدلار) نى كېسىپ تاشلىسا، ئۇ مىللەت قانداق قىلىپ دۈشمەن بىلەن ئېلىشالايدۇ؟ قولى كېسىلگەن پالۋان جەڭ قىلالامدۇ؟
بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز ئۇلارنى تېررورچى دەپ چەتكە قېقىش ئەمەس، ئەكسىچە، خەلقئارا قانۇن ۋە سىياسەتتە ئۇلارنىڭ «مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسى» ئىكەنلىكىنى، خۇددى ئۇكرائىنا ياكى كوسوۋو ئارمىيەسىدەك، خۇددى ئىرلاندىيە جۇمھۇرىيەت ئارمىيەسى (IRA) دەك ئۆز خەلقىنى قوغداش ھوقۇقى بارلىقىنى ئىسپاتلاشتۇر! ئۇلارغا سىياسىي يېپىنچا بولۇش، «تېررورچى» دېگەن قالپاقنىڭ خىتاينىڭ ھىيلىسى ئىكەنلىكىنى پاش قىلىش ۋە بۇ قىممەتلىك بايلىقنى كەلگۈسىدىكى مىللىي دۆلەتنىڭ رەسمىي ئارمىيەسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشتەك ئىدىيەۋىي تەييارلىقلارنى پۇختىلاش ئەمەسمۇ؟!
بىزگە غەربنىڭ زالىدا ئالقىش ئالىدىغان، گالىستۇك تاقىغان «نۇر مىسۇئارى» لار ئەمەس، بەلكى جاڭگالدىكى جەڭچىسىگە ئىگە چىقالايدىغان، غەربنىڭ قوش ئۆلچىمىنى دادىللىق بىلەن سۇندۇرالايدىغان «سالامەت ھاشىم» لارنىڭ كېرەكلىكىنى قاچان چۈشىنىمىز؟
ئۈچىنچى مەشئەل ئۈچىنچى سوئال: «زېمىنسىز دۆلەتچىلىك» ئىدلىبتىكى ئۇيغۇر مەكتىپىنىڭ خارابىلىقىدا بىزنى كۈتىۋاتقان ساۋاق
سالامەت ھاشىم «خەلقئارا بىزنى دۆلەت دەپ ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، بىز دۆلەتتەك ھەرىكەت قىلىمىز» دېدى. بۇ نەزەرىيەنى پەقەت مىندانائودىلا ئەمەس، بەلكى سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىنمۇ ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس.
ئىدلىبنىڭ بومبا يىغىۋاتقان خارابىلىكلىرى ئارىسىدا، ئۇيغۇر ئانىلىرى ئۆزلىرى قۇرغان، دېرىزىلىرى سۇنۇق «يەر ئاستى مەكتەپلىرى» دە بالىلىرىغا ئۇيغۇرچە ئېلىپبە ئۆگىتەلىدى. ئۇلارغا مىللەت رۇھىنى سىڭدۈرەلىدى. ئۇيغۇر جەڭچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ كىچىك بازارلىرىنى، مەھەللىلىرىنى، ھەتتا كىچىك تىپتىكى كارخانا «جامائەت باشقۇرۇش سىستېمىسى» نى قۇرۇپ ئىقتىسادىي ئاساسىنى ياراتماقتا. ئۇلار ئوق يامغۇرى ئاستىدا تۇرۇپمۇ، ھاياتى قىل ئۈستىدە تۇرۇپمۇ مىللەت بولۇپ ياشاشنىڭ، كىملىكنى ساقلاپ قېلىشنىڭ جانلىق ئۈلگىسىنى ياراتماقتا. ئۇلار خالىسا بىر «زېمىنسىز دۆلەت» نى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلمەسمۇ؟
ئەمما بىزچۇ؟ چەتئەلدە، تىنچ، باياشات، ئوق ئاۋازى ئاڭلانمايدىغان دۆلەتلەردە 2 مىليونغا يېقىن نوپۇسىمىز بار تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن «زېمىنسىز دۆلەت» (Non-territorial State) ياكى «يەر ئاستى مەخپىي دۆلەت» مودېلىنى تېخىچە قۇرالمىدۇق؟
نېمە ئۈچۈن تا ھازىرغىچە ئۆزىمىزگە خاس، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن بىرلىككە كەلگەن سىستېمىلىق دەرسلىكىمىزمۇ يوق؟ ياكى شۇ دەرسلىكنى تۈزىدىغان يەر ئاستى مىللىي مائارىپ مىنىستىرلىقىمىز يوق؟ بىز ھەر كۈنى «ۋەتەن» دەپ توۋلايمىز، ئەمما بالىلىرىمىزنىڭ تىلىنى، روھىنى ساقلاپ قالالايدىغان بىر سىستېما قۇرالمىدۇق. سۈرىيەدىكى ئۇرۇش ئىچىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىر تەرىپىدە ئۆلۈم، بىر تەرىپىدە ئاچارچىلىق تۇرۇپ قىلالىغانلىرىنى، ياۋروپا ۋە ئامېرىكادىكى باياشاتلىق ۋە تىنچلىق شارائىتى ئىچىدە ياشاۋاتقان ئاتالمىش زىيالىيلار قىلالماي، پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن يۈز ئۈرىشىدەك رىئاللىقىغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسا، بۇ بىزنىڭ تارىخ ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ نومۇسىمىز ۋە ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيىتىمىز بولماي نېمە؟!
تۆتىنچى مەشئەل، تۆتىنچى سوئال: «دىپلوماتىك تۇزاق» ئاپتونومىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق يەمچۈكى (شېكەرگە ئورالغان زەھەر)
گېنېرال رومېرو سالامەت ھاشىمنى يېڭەلمەيدىغانلىقىنى بىلگەندە، ئاتالمىش «ئاپتونومىيە» نىڭ ئەۋزەللىكلىرىنى پارلىتىپ، ئىنقىلابنى ئىچىدىن چىرىتمەكچى بولدى. بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارا سىياسەتمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتا دەل مۇشۇنداق ئويۇن ئوينايدىغاندەك قىلىدۇ.
خەلقئارا سەھنىلەردە «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش»، «مەدەنىيەت ھوقۇقىنى قايتۇرۇپ بېرىش» ياكى «يۇقىرى دەرىجىلىك ئاپتونومىيە» دېگەندەك يۇمشاق، قۇلاققا يېقىملىق، ئەمما ماھىيەتتە مۇستەقىللىق غايىسىنى يىلتىزىدىن قۇرۇتىدىغان تەكلىپلەر كۆپەيمەكتە. بۇلار شېكەرگە ئورالغان زەھەردۇر. بۇ تەكلىپلەر بىزنى «ئازادلىق جەڭچىسى» بولۇشتىن «ئەرز شىكايەتچى ئاز سانلىق مىللەت» كە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.
بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز خەلقئارا كۈچلەرنىڭ بۇ «يۇمشاق تۇزاق» لىرىنى پەرق ئېتەلەمدۇ؟ بىزگە خەلقئارالىق سورۇنلاردا «ئاپىرىن» ئېيتىدىغان، بىزگە ھېسداشلىق قىلىدىغان، ئەمما «مۇستەقىللىق» دېگەن سۆزنى ئاغزىدىن چىقىرىشتىن قورقىدىغان، بىزنى پەقەت خىتايغا بېسىم قىلىدىغان كوزىر (Card) دەپ قارايدىغان «دوستلار» نىڭ سىزغان سىزىقى بىلەن ماڭامدۇق؟ ياكى سالامەت ھاشىمدەك «يا تولۇق ئازادلىق، ياكى مەڭگۈلۈك كۈرەش» دەيدىغان قەتئىي سىياسىي پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، ھېچقانداق «شېكەرگە ئورالغان زەھەر» نى يۇتماي، ئۆز يولىمىزدا مۇستەقىل ئالغا باسامدۇق؟
بەشىنچى مەشئەل، بەشىنچى سوئال: «جىمجىتلىقنىڭ قۇدرىتى» ۋە شاۋقۇنسىز غەلىبە
«كىنگىكىيا» بازىسىنى پارتىلاتقان 30 يىگىت ھۇجۇم جەريانىدا بىر ئېغىزمۇ شوئار توۋلىمىدى، بايراق پۇلاڭلاتمىدى، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «بىز پالانى ئىشنى قىلدۇق» دەپ داۋاراڭ سالمىدى. ئۇلار پەقەت ئەمەلىي ئىش قىلدى، جىمجىت كەلدى، ۋەزىپىنى ئورۇنلىدى ۋە جىمجىت غايىپ بولدى. نەتىجىدە دۈشمەننىڭ يۈرىكىنى قومۇرۇپ تاشلىدى.
ئەمما بىزنىڭ بۈگۈنكى پائالىيەتلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى قانداق بولىۋاتىدۇ؟
ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋارقىراش، كامېرا ئالدىدا يىغلاش، بىر-بىرىمىزنى تىللاش، دۈشمەنگە قىلالمايدىغان ئىشلارنى قىلىمىز دەپ قۇرۇق تەھدىت سېلىش قاتارلىق ھېسسىيات كۆپۈكىدىن ئىبارەت بولۇپ كەلمەكتە. بىز «ھەرىكەت» بىلەن «شاۋقۇن» نى «ھىسسىيات» بىلەن «ئىستىراتېگىيە» نى ئارىلاشتۇرۇۋالماقتىمىز. شۇنى قەتئىي ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى، دۈشمەن بىزنىڭ ۋارقىرىشىمىزدىن، نامايىشلىرىمىزدىن قورقمايدۇ. دۈشمەن بىزنىڭ «پىلانلىق، سىستېمىلىق، مەخپىي ۋە جىمجىت ھەرىكەت قىلالايدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشىمىز» دىن، بىزنىڭ ئۇلار كۈتمىگەن يەردىن چىقىشىمىزدىن قورقىدۇ.
بىز خىتاي بىلەن ئۇنىڭ كۈچلۈك ساھەسىدە (مەسىلەن، ساندا، ھەربىي كۈچتە، ئىقتىسادتا ياكى دىپلوماتىك تەسىردە) رىقابەتلەشسەك يېڭىلىشىمىز مۇمكىن، ياكى ۋاقىت ۋە شارائىت يار بەرمەسلىكى مۇمكىن. بىز خىتاينىڭ «كىنگىكىيا» سىنى، يەنى ئۇنىڭ ئەڭ ئاجىز ۋە نازۇك يەرلىرىنى تېپىشىمىز كېرەك. بىزگە كوچىدا ۋارقىرايدىغان مىڭلىغان نامايىشچىدىن بەكرەك، خىتاينىڭ بىرەر مۇھىم تۈرىنى توختىتىپ قويالايدىغان، ئۇنىڭ يالغانچىلىقىنى قانۇنىي ۋە ئىلمىي دەلىل-ئىسپات بىلەن بىتچىت قىلالايدىغان، دۈشمەننىڭ ئىچكى قىسمىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان 30 نەپەر «كەسپىي مۇتەخەسسىس» (مەيلى قانۇن، تور، ئىقتىساد، ياكى ئىستىخبارات ساھەسىدە بولسۇن) ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟
بىز قاچان داۋراڭسىز، رەسىمگە چۈشمەي، نام چىقارماي، «قەھرىمان» بولۇشنى تەمە قىلماي، رىيادىن خالىي، پەقەت مىللەتنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈنلا، مىللەتكە ئۈمىت ۋە ئىشەنچ بېغىشلاش ئۈچۈنلا دۈشمەننىڭ ئەجەللىك يېرىگە تېگىدىغان «كىنگىكىيا» پاسونىدىكى ھەقىقىي ئىستراتېگىيەلىك باسقۇچقا ئۆتەلەيمىز؟
12-باب كۆرۈنمەس دۆلەتنىڭ قۇرۇلمىسى: پېشاۋاردىكى «ئىنسان يۆتكەش لىنىيەسى» ۋە قانلىق دىپلوماتىيەنىڭ سىياسىي لوگىكىسى

تارىخنىڭ چاقى شۇنداق بىر نۇقتىغا كېلىپ توختايدۇكى، بىر مىللەتنىڭ تەقدىرى جەڭ مەيدانىدىكى قىلىچلارنىڭ توقۇنۇشى بىلەن ئەمەس، بەلكى تىنچ ئۆيلەردە، خەرىتە ۋە كىتابلار ئالدىدا ئولتۇرغان «ئستراتېگىيەلىك ئەقىل» نىڭ بىر دەقىقىلىك، ئەمما يۈز يىللىق تەسىرگە ئىگە قارارى بىلەن بەلگىلىنىدۇ.
1980 – يىللارنىڭ باشلىرىدا، مىندانائونىڭ نەم ۋە دېمىق جاڭگاللىرىدىن مىڭلىغان چاقىرىم يىراقتا، پاكىستاننىڭ چاڭ-توزانلىق، سىرلىق ۋە شۇ دەۋردىكى دۇنيا سىياسىتىنىڭ نېرۋا مەركىزىگە ۋە ئىستىخبارات جەننىتىگە ئايلانغان پېشاۋار شەھىرىدە، مورو تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ مەخپىي ۋە ئەڭ ھەل قىلغۇچ «زېمىنسىز دۆلەت قۇرۇش لايىھەسى» (The Stateless State-Building Project) نى ئىشقا كىرىشتۈرۈش جىمجىت باشلانغان ئىدى.
بۇ قۇرۇلۇشنىڭ باش بىناكارى ئۇستاز سالامەت ھاشىم ئىدى. ئۇ مىسۇارىنىڭ «تىرابلۇس كېلىشىمى» (1976) ئارقىلىق ئۆزىنى ۋە مىللەتنى ئالداپ، ئاقىۋەتتە 1977-يىلدىكى ئىچكى بۆلۈنۈش ۋە قىرغىنچىلىققا سەۋەب بولغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن، بىر ھەقىقەتنى تومۇر-تومۇرىغىچە ھېس قىلغان ئىدى:
«دۈشمەننىڭ قورشاۋىدىكى قەپەز ئىچىدە تۇرۇپ، دۈشمەن بىلەن تەڭ تۇرغىلىى بولمايدۇ. بىزگە سىرتتا، ئەركىن دۇنيادا بىر ‹ئىستراتېگىيەلىك ئەقىل مەركىزى› ۋە بىر ‹مۇستەھكەم ئارقا سەپ› لازىم»
شۇنىڭ بىلەن، 1978-يىلىدىكى تارىخىي ھىجرەتتىن كېيىن، سالامەت ھاشىم پاكىستاندا «MILF» (مورو ئىسلام ئازاتلىق فرونتى) نىڭ كۆرۈنمەس دۆلىتىنى قۇرۇشقا كىرىشىپ كەتتى.
بۇ يەردە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتا شۇكى، سالامەت ھاشىمنىڭ «پاكىستانغا يۆتكىلىشى» ئاددىي بىر جىسمانىي بىخەتەرلىك تەدبىرى ئەمەس، بەلكى «ماكانسىز ئىگىلىك ھوقۇق»(Non-Territorial Sovereignty) يارىتىش قەدىمى ئىدى. كلاسسىك سىياسەت ئىلمىدە دۆلەت بولۇش ئۈچۈن «زېمىن» شەرت قىلىنىدۇ. ئەمما ئازادلىق ھەرىكەتلىرىدە، دۆلەتنىڭ «روھى» (ئىدىئولەگىيە سىتېمىسى، قانۇن، مائارىپ، دىپلوماتىيە) زېمىن ئازاد بولۇشتىن بۇرۇن، سىرتتا قۇرۇلۇپ بولۇشى كېرەك. سالامەت ھاشىم مىندانائودىكى فىزىكىلىق كونتروللۇقنى ۋاقىتلىق ئىككىنچى ئورۇنغا قويۇپ، پېشاۋاردا كەلگۈسى دۆلەتنىڭ «يۇمشاق دېتالى»نى (Software of the State) يەنى ئىدىيە، كادىر ۋە دىپلوماتىيە سىستېمىسىنى پروگراممىلاشتۇرۇشنى تاللىغان ئىدى. بۇ، زامانىۋىي ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك «سىياسىي مەبلەغ سېلىش» ھېسابلىنىدۇ.
«ئىنسان يۆتكەش لىنىيەسى» (Human Pipeline) — جاڭگالدىن ھىندىقۇشقىچە
1980 – يىللارنىڭ بېشى. پاكىستاننىڭ پېشاۋار شەھىرىدىكى «مورو ئىشخانىسى» (بۇ ئىشخانا رەسمىي ۋىۋىسكا ئاسمىغان، ئاددىي بىر تۇرالغۇ ئۆي ئىدى) ئالدىراش، ئەمما ھەربىيچە تەرتىپلىك بىر ھالەتتە خىزمەت قىلماقتا ئىدى.
مىندانائونىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىن تاللانغان، تېخى 18-20 ياشلاردىكى، كۆزلىرىدىن ئوت چاقناپ تۇرىدىغان يىگىتلەر، مالايشىيانىڭ «ساباھ» ئارىلى ئارقىلىق، ساختا پاسپورت ياكى ھەج يوللىرى بىلەن تۈركۈم-تۈركۈملەپ بۇ يەرگە يېتىپ كېلىشكە باشلىدى. بۇ يىگىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆمرىدە جاڭگالدىن چىقىپ باقمىغان، قولىدا پەقەت كونا مىلتىق ياكى كەتمەننىلا تۇتۇشنى بىلىدىغان دېھقان بالىلىرى ئىدى. ئۇلار سالامەت ھاشىمنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، ئۇستاز ئۇلارغا بىرلا جۈملە سۆزنى تەكىتلەيتتى:
«سىلەر بۇ يەرگە شېھىت بولغىلى كەلمىدىڭلار. شېھىت بولۇش ئاسان، ئەمما ياشاپ تۇرۇپ غەلىبە قىلىش تەس. سىلەر بۇ يەرگە ئۆلۈشنى ئەمەس، ئۆلتۈرۈشنى؛ قۇربان بولۇشنى ئەمەس، دۆلەت باشقۇرۇشنى ئۆگەنگىلى كەلدىڭلار»
سالامەت ھاشىم بۇ ياشلارنى ئىككى ئىستراتېگىيەلىك گۇرۇپپىغا بۆلەتتى:
ئا گۇرۇپپا (سىياسىي سەرخىللار) بولۇپ، زېھنى ئۆتكۈر، تىل قابىلىيىتى يۇقىرى ياشلار ئىسلامئاباد خەلقئارا ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىغا ۋە لاھوردىكى خەلقئارالىق دىنىي ئىنىستىتىيۇتلارغا، سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئۇلار كەلگۈسى مورو دۆلىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، قانۇنشۇناسلىرى ۋە ئىدىيەۋى يېتەكچىلىرى بولۇشى كېرەك ئىدى.
ب گۇرۇپپا (ھەربىي تېخنىكا ئۈگىنىشكە تاللانغانلار بولۇپ، جىسمانىي قۇۋۋىتى كۈچلۈك، ھەربىي قابىلىيىتى يۇقىرى ياشلار ئافغانىستان چېگراسىدىكى مەخسۇس ئەسكەر تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا (ئاساسلىقى ئابدۇل رەسۇل سەيياپنىڭ لاگېرىغا) ئەۋەتىلدى.
بۇ يەردىكى «ئايرىپ تەربىيەلەش» (Categorized Training) ئۇسۇلى، ئىنقىلابىي تەشكىلاتلارنىڭ كۆپىنچىسى سەل قارايدىغان، ئەمما غەلىبە ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىلدۇر. كۆپىنچە ھەرىكەتلەر بارلىق بايلىقىنى پەقەت «جەڭچى» يېتىشتۈرۈشكە ياكقى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ھەر خىل كەسىپلەر بپيىچە ئۇنىۋېسىتېتلارغا ئۆز ئىختىيارىي يەرلىسشىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن سەرپ قىلىدۇ. ئەمما سالامەت ھاشىم شۇنى بىلەتتىكى، ئەگەر سىياسىي كادىرلار ئا گۇرۇپپا يېتىشمىسە، ھەربىي كادىرلار ب گۇرۇپپا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن دۆلەتنى باشقۇرالماي، ئاخىرىدا ئىچكى ئۇرۇش ياكى دىكتاتورلۇققا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ پاكىستاندىكى بۇ سىستېمىلىق، پىلانلىق قۇرۇلۇش ئۇسۇلى ئىنقىلابنىڭ «مېڭىسى» بىلەن «مۇشتى» نى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتىكى دانا تەدبىر ئىدى.
ئافغانىستان ئۇرۇشىدا پېشىپ يېتىلگەن مىڭ كىشىلىك زامانىۋىي ئارمىيە قوماندانلىرىنىڭ تۇغۇلۇشى
تارىخىي مەنبەلەر ۋە ئىستىخبارات دوكلاتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 1980-يىلدىن 1987-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، تەخمىنەن 1000 دىن ئارتۇق مورو يىگىتى ئافغانىستاندىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى قانلىق ئۇرۇش مەيدانلىرىدا «ئەمەلىي تاۋلانغان» ئىدى. ئەمما ئۇلار ئەرەبلەردەك «ھېسسىيات جىھادى» قىلمىدى. سالامەت ھاشىمنىڭ قاتتىق كونتروللۇقى ئاستىدا، ئۇلار مەخسۇس تۆۋەندىكى تېخنىكىلارنى ئۆگەندى:
ئېغىر قوراللار (مىناميوت، زەمبىرەك) ۋە «Stinger» تىپلىق زېنىت باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئىشلىتىش؛
ھەر خىل پارتىلاتقۇچ تېخنىكىسى (كۆۋرۈك، ئېلېكتر ئىستانسىسى ۋە ھەربىي بازىلارنى ئەڭ ئاز چىقىم بىلەن قانداق ۋەيران قىلىش؛
يەر ئاستى تونېل ئۇرۇشى ۋە شەھەر ئىچى پارتىزانلىق تاكتىكىسى.
ئەڭ مۇھىمى تەشكىلىي جەھەتتىن پارتىزانلىقنىلا ئەمەس، مۇنتىزىم باتالىيون ۋە پولك شەكلىدە ھەرىكەت قىلىشنى پىششىق ئۆگەندى.
بۇ تەخمىنەن 1000 دىن ئارتۇق يىگىت، كېيىنچە مىندانائوغا قايتىپ، باڭسامورو ئىسلام ئازاتلىق ئارمىيەسى (BIAF) نىڭ ئومۇرتقىسىغا ئايلاندى. ئۇلار جاڭگالدىكى باشقا نەچچە ئون مىڭلىغان دېھقان-ئەسكەرگە «ئوقۇتقۇچى ۋە قوماندان» بولدى.
پاتا ئارىلى قىرغىنچىلىقى (1981) ؛ جەننەتنىڭ دوزاخقا ئايلىنىشى ۋە قانلىق بۇرۇلۇش
سالامەت ھاشىم پاكىستاندا كۈچ توپلاۋاتقان مەزگىلدە، فىلىپپىن ھۆكۈمىتىمۇ بوش تۇرمىدى. 1981-يىلى 2-ئايدا، مورو تارىخىدىكى ئەڭ قاراڭغۇ، ئەڭ ۋەھشىي كۈنلەرنىڭ بىرى سۇلۇ دېڭىزىنىڭ دولقۇنلىرىنى قانغا بويىدى.
سۇلۇ تاقىم ئاراللىرىنىڭ مەرۋايىتى ھېسابلىنىدىغان پاتا ئارىلى، (Pata Island)بىردىنلا دوزاخنىڭ يەر يۈزىدىكى كارتىنىسىغا ئايلىنىپ كەتتى. فىلىپپىن ئىشغالچى ھاكىمىيىتى «ئىسيانچىلارنى تازىلاش» دېگەن باھانە بىلەن ھەربىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، يېقىنقى زامان ئۇرۇش تارىخىدىكى ئەڭ رەھىمىز ئۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللاندى. ئۇلار دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ھالقىسىمان تىزىپ، بۇ كىچىك ئارالنى قۇشمۇ ئۇچۇپ چىقالمايدىغان دەرىجىدە پولات قورشاۋغا ئالدى.
ئالدى بىلەن دېڭىزدىن ئېتىلغان ئېغىر تىپتىكى زەمبىرەك ئوقلىرى بىلەن ئارالنى توپقا تۇتتى. ئاسماندىن ياغقان توپ يامغۇرىدا تىنچ بىگۇناھ ئاھالىلەرنىڭ بامبۇك ئۆيلىرى كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى. ئارقىدىن قۇرۇقلۇققا چىققان ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى، گويا ئىنسانىيلىق تۇيغۇسىنى ۋە ۋىجدانىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان، پەقەت قان كۆرگەنسېرى كۆزى قىزىرىدىغان يىرتقۇچلارغا ئايلانغان ئىدى. ئۇلار «بىرنىمۇ تىرىك قويماڭلار!» دېگەن يوشۇرۇن بۇيرۇق بىلەن ھەرىكەت قىلىپ، بۆشۈكتىكى تېخى سۈتى ئاغزىدىن كەتمىگەن بوۋاقتىن تارتىپ، مەسچىتتە ئاللاھقا سەجدە قىلىۋاتقان ئاق ساقاللىق بوۋايلارغىچە ھېچكىمنى ئايرىماي قىرغىنچىلىق قىلدى.
مەسچىتلەرگە پاناھلانغان بىچارە ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا ئوققا تۇتۇلدى ۋە مەسچىتلەر قەبرىستانلىققا ئايلاندى. قېچىشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ جەسەتلىرى ساھىللاردا دۆۋىلىشىپ كەتتى. ۋەھشىيلىك شۇ دەرىجىگە يەتكەنكى، گۇۋاھچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، قىرغاققا ئۇرۇلۇۋاتقان دېڭىز دولقۇنلىرى ئاق كۆپۈك ئەمەس، بەلكى ئىنسان قېنى بىلەن بويالغان قىپقىزىل كۆپۈكلەرنى قىرغاققا چىقارغان ئىدى. ئۈچ كۈن، ئۈچ كېچە داۋاملاشقان بۇ قانلىق «تازىلاش»تا، تەخمىنەن 3000 غا يېقىن بىگۇناھ مورو مۇسۇلمانلىرى قىرغىن قىلىندى. بۇ پەقەت بىر ھەربىي ھەرىكەت ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتكە قارشى ئوچۇق-ئاشكارە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىدى.
رايون رەئىسى نۇر مىسۇارىنىڭ ئىنكاسى بولسا گويا تۇيۇق يول ئىدى. نۇر مىسۇارى تېخىچە «تىرابلۇس كېلىشىمى» نىڭ خام خىيالىدا يۈرەتتى. ئۇ ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈردى، ئەمما قولىدا ھېچقانداق كوزىر يوق ئىدى. ئۇنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن بولغان «دوستلۇقى» قول-پۇتىنى باغلاپ قويغان ئىدى.
سالامەت ھاشىم بولسا دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتتى. پېشاۋاردىكى ئىشخانىسىدا بۇ قانلىق خەۋەرنى (ۋە يوشۇرۇن يوللار بىلەن كەلگەن جەسەتلەرنىڭ سۈرەتلىرىنى) تاپشۇرۇۋالغان سالامەت ھاشىم، كۆز يېشى قىلىپ ئولتۇرماستىن، خەلقئارا سەھنىدە بۇ قىرغىنچىلىق تىراگېدىيەسىنى، مىسۇارىنىڭ «تەسلىمچىلىك سىياسىتى» نى ۋە فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ «يالغانچىلىقى»نى پاش قىلىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورالغا ئايلاندۇردى.
ئۇ ھۆججەتلىك ئىسپاتلارنى ھازىرلاپ، پاتا ئارىلىدىكى ۋەقەلەرنى تەپسىلىي دوكلات قىلىپ، ئىنگلىزچە ۋە ئەرەبچە تەرجىمە قىلدۇردى. ئاندىن ئەلئەزھەردە بىرگە ئوقۇغان سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى رابىتۇل ئىسلامىي (دۇنيا مۇسۇلمانلار بىرلەشمىسى) ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى (OIC) نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن جىددىي كۆرۈشتى. ئۇلارنىڭ ئالدىغا قانغا بويالغان سۈرەتلەرنى قويۇپ، شۇ مەشھۇر سۆزىنى قىلدى:
«قاراڭلار! مانا بۇ نۇر مىسۇارى ئىمزالىغان ‹تىنچلىق› كېلشىمىنىڭ نەتىجىسى. فىلىپپىن ھۆكۈمىتى سىلەرنىڭ بەرگەن ياردىمىڭلار بىلەن ياسالغان يوللار ئارقىلىق رايونىمىزغا بېرىپ، بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزنى قىرغىن قىلدى. ئاپتونومىيە دېگەن بىر يالغانچىلىق! ئەمدىكى يول، پەقەت تولۇق مۇستەقىللىق ۋە سىلەرنىڭ بىزنى، يەنى ھەقىقىي قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى قوللىشىڭلاردۇر»
بۇ دىپلوماتىك ھۇجۇم ئاجايىپ كۈچلۈك ئۈنۈم بەردى. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پوزىتسىيەسى ئۆزگەردى. بۇرۇن پەقەت مىسۇارىنىلا قوللايدىغان ئىسلام دۆلەتلىرى، ئەمدى سالامەت ھاشىمنىڭ «ئىسلام ئازادلىق فرونتى» تەشكىلاتىغا قايىل بولۇپ، يوشۇرۇن ھالدا ياردەم بېرىشكە باشلىدى.
سالامەت ھاشىمنىڭ بۇ يەردىكى ئۇتۇقى پاجىئەنى «مەزلۇملۇق كۆز يېشى» دىن «سىياسىي پىشاڭ» (Political Leverage) غا ئايلاندۇرالىغانلىقىدا ئىدى.
خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە دۆلەتلەر پەقەت «ھېسداشلىق» ئۈچۈن ياردەم بەرمەيدۇ، بەلكى «مەنپەئەت» ۋە «بېسىم» ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ. سالامەت ھاشىم ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەگەر مىسۇارىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرسا، مۇسۇلمانلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشىغا شېرىك بولۇپ، خەلقئارالىق ئېتىبارىنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى ۋە ئۆزىنىڭ كەلگۈسى پىلانىغا ئۇلارنى قايىل قىلالىدى. ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەخلاقىي ۋە سىياسىي بېسىمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بولسىمۇ ياردەم ئېقىمىنىڭ يۆنىلىشىنى مىسۇارىدىن سالامەت ھاشىمغا بۇراشقا مەجبۇر بولدى.
ئىستراتېگىيەلىك ئەقىل بىلەن ئاشقۇنلۇقنىڭ پەرقى
پېشاۋاردا تۇرغان يىللاردا، سالامەت ھاشىم يەنە بىر چوڭ سىناققا دۇچ كەلدى. بۇ مىندانائودىن كەلگەن بەزى ياشلارنىڭ (مەسىلەن، ئابدۇرازاق جانجالانى) ئافغانىستاندىكى رادىكال «ئەرەبلەر» (كېيىنكى ئەلقائىدە) نىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، سالامەت ھاشىمنىڭ دەرسلىرىنى ئۇنتۇپ ئۇلارغا بەيئەت قىلىشى ۋە «تەكفىرچىلىك»، «پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىش» ئىدىيەسىنى كۆتۈرۈپ چىقىشى ئىدى.
جانجالانى سالامەت ھاشىمنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ: «ئۇستاز، بىز نېمىشقا پەقەت ئەسكەرلەر بىلەن ئۇرۇشىمىز؟ پاتا ئارىلىدا ئۇلار بىزنىڭ ئاياللىرىمىزنى ۋە بالىلىرىمىزنى ئۆلتۈردى. بىزمۇ ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىدە بومبا پارتلىتىپ ئاياللىرىنى ۋە بالىلىرىنى ئۆلتۈرىشىمىز كېرەك!» دەپ تەلەپ قىلدى.
سالامەت ھاشىم ئۇنىڭغا تارىخىي بىر دەرس بېرىپ: «ئابدۇرازاق، غەزەپ سېنى كور قىپتۇ. ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ ۋەھشىيلىكىنى تەقلىد قىلساق، بىزمۇ ئۇلاردەك ‹قاتىل ۋە زالىم›غا ئايلىنىمىز. دۇنيا بىزنى قوللاشتىن توختايدۇ. بىزنىڭ مەقسىتىمىز، ئۆچ ئېلىش ئەمەس، بەلكى مىللەتنى ۋە دۆلتىمىزنى قۇرۇش. بىزنىڭ قورالىمىز، ئىسلامىي ئەخلاقىمىزدۇر. ئەگەر ئەخلاقىمىزنى يوقاتساق، ئۇرۇشتا يەڭگەن تەقدىردىمۇ، دۆلەت بولالمايمىز»
سالامەت ھاشىمنىڭ نەزىرىدە «ئەلقائىدە» ۋە باشقا تەشكىلاتلارغا بەيئەت قىلىشنىڭ مەنىسى، ئىسلامنىڭ شەرقتىكى قەلئەسى بولغان بىر دولەتنىڭ ۋە مىليونلىغان مورو خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق كۆرۈشىنى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ ئىنساپىغا تاپشۇرغانلىق بولاتتى.
ئەمما سالامەت ھاشىمنىڭ سۆزلىرى جانجالانىنىڭ ئىدىيەسىدىن ئۆتمىدى. كېيىنچە ئۇ «ئەبۇ سەيياپ» ناملىق ئۆز تەشكىلاتىنى قۇرۇپ سالامەت ھاشىمدىن ئايرىلىپ چىقتى.
يەنە بىر تەرەپتە سالامەت ھاشىمنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان، ئافغانىستان جىھادىدا تاۋلانغان 1000 دىن ئارتۇق يىگىت، باشقىلارغا بەيئەت قىلماي، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئىسلامىي ئىدىئولوگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئوتتۇرا ھال، ئاقىلانە يولنى تۇتقان ھالدا، مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتىنىڭ پولاتتەك ئىنتىزامىنى شەكىللەندۈردى.
بۇ ۋەقە «ئىستراتېگىيەلىك تاقەت» (Strategic Patience) بىلەن «تاكتىكىلىق ئالدىراڭغۇلۇق» ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. جانجالانىنىڭ يولى، قىسقا مۇددەتتە دۈشمەنگە ئازاب بېرىدىغان، ئەمما ئۇزۇن مۇددەتتە ئۆز تەشكىلاتىنى «تېررورچى» دېگەن ماركا ئۇرۇلىشىغا دۇچار قىلىدىغان يول ئىدى. سالامەت ھاشىمنىڭ يولى ئۇزۇن ۋە جاپالىق بولسىمۇ، خەلقئارا قانۇن ۋە ئەخلاق دائىرىسىدە تۇرۇپ، ئاخىرىدا «دۆلەت» دەپ ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېلىپ بارىدىغان بىردىنبىر يول ئىدى. رەھبەرلىك؛ كىشىلەرنى جەڭگە سېلىشلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى خاتا جەڭدىن توسۇپ، توغرا نىشانغا يېتەكلەش سەئىتىدۇر.
دەۋەمى بار…..
*** *** **** ***** * ****
قىسسىدىن ئۇيغۇرلارغا ھىسسە: 12-بۆلۈمدىن روھىمىزغا يېقىلىدىغان ئالتە ئىستراتېگىيەلىك مەشئەل ۋە ئالتە سوئال
بىرىنچى مەشئەل:
«سىرتتىن رەھبەرلىك قىلىش» (Offshore Leadership) — قېچىش ئەمەس، «ئىستراتېگىيەلىك چوڭقۇرلۇق» (Strategic Depth) يارىتىشتۇر
دۆلەتچىلىك ئىلمىدە «ئىستراتېگىيەلىك چوڭقۇرلۇق» دېگەن بىر ئۇقۇم بار. دۈشمەن پۈتۈن كۈچى بىلەن زەربە بېرىۋاتقان تار بوشلۇقتا (يەنى ۋەتەن ئىچىدە) رەھبەرلىك مەركىزىنى ساقلاپ قېلىش مۇمكىن بولماي قالىدۇ. سالامەت ھاشىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، زامانىۋىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ «مېڭىسى (Brain Center) چوقۇم دۈشمەننىڭ ھەربىي ۋە ئىستىخبارات قولى يەتمەيدىغان «بىخەتەر جايلار» دا قۇرۇلۇشى كېرەك. بۇ يەردىكى «سىرتتا تۇرۇش» شەخسىي بىخەتەرلىك ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى قوماندانلىق سىستېمىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈندۇر. رەھبەرنىڭ ۋەزىپىسى ئالدىنقى سەپتە ئوق ئېتىش ئەمەس، بەلكى ئالدىنقى سەپنى ئوق – دورا، قورال ياراق، يېتەكچى ئىدىيە ۋە سىياسىي يۆلەنچۈك بىلەن تەمىنلەيدىغان «ئارقا سەپ بازىسى»نى مۇستەھكەملەشتۇر.
بىرىنچى سوئال:
بىز «رەھبەر دېگەن چوقۇم ۋەتەندىكى كۈرەشتە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، سىرتتىكىلەر ھېچىش قىلالمايدۇ» دېگەن ئەنئەنىۋى، ھېسسىياتچان شوئارلارنى توۋلاپ، قولىمىزدىكى سەرخىل ئاقىللارنى مەنىۋى جەھەتتىن يېتىم قالدۇرۇۋاتامدۇق؟ ياكى ۋاشىنگتون، ئىستانبۇل ۋە ياۋروپادىكى رەھبەرلىك مەركەزلىرىنى خۇددى سالامەت ھاشىمنىڭ پېشاۋاردىكى ئىشخانىسىدەك، ۋەتەن ئىچىدىكى قارشىلىقنى كونترول قىلالايدىغان ۋە ئوزۇقلاندۇرىدىغان ھەقىقىي «باش شىتاب» قا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن سىستېمىلىق قۇرۇلمىغا ئىگە قىلىش تەييارلىقىنى باشلىيالىدۇقمۇ؟
ئىككىنچى مەشئەل:
«ئىنسان كاپىتالى لىنىيەسى» (Human Capital Pipeline) قۇرۇش ۋە ئۆزلىكىدىن يېتىلىشنى، پىلانلىق يېتىشتۈرۈشكە ئۆزگەرتىش
سالامەت ھاشىم مورو ياشلىرىنىڭ تەقدىرىنى تەۋەككۈلگە تاپشۇرمىدى. ئۇ دەرھال «ئىنسان كاپىتالى لىنىيەسى» نى قۇردى. ياشلارنى تاللاپ، قابىلىيىتىگە كۆرە ئا ۋە ب گۇرۇپپىلارغا ئايرىپ، ئىلمىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن تەربىيەلەش، شۇنداقلا ۋەتەنگە قايتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇكەممەل سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. بۇ بىر «سىستېمىلاشقان كادىر يېتىشتۈرۈش» ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ ياشلىرىمىز دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تارقاق، نىشانسىز ھالدا ئوقۇۋاتىدۇ ياكى ياشاۋاتىدۇ. بۇ ئىش تەشكىللىنىشىمىزگە تېخىمۇ ئېغىر ئىجتىمائىي يېرىقلارنى پەيدا قىلىپ، كەلگۈسى ھەرىكىتىمىزگە كۈچ ئەمەس، بەلكى ئىچكى توقۇنۇش يارىتىشنىڭ ئامىلىغا ئايلىنىپ قالماقتا.
ئىككىنچى سوئال:
بىزدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كەسپى، قابىلىيىتى ۋە يوشۇرۇن كۈچى تىزىملانغان مەركىزىي سانلىق مەلۇمات ئامبىرى (Database) بارمۇ؟ بىز بۇ ياشلارنى كەلگۈسى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى»نىڭ مىنىستىرلىرى، گېنېراللىرى ۋە تېخنىكلىرى سۈپىتىدە تەربىيەلەيدىغان كونكرېت «مىللىي كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش پىلانى»نى تۈزەلىدۇقمۇ؟ ياكى ئۇلارنى يات مەدەنىيەتلەرنىڭ دېڭىزىغا قولۋاقسىز تاشلاپ قويدۇقمۇ؟
ئۈچىنچى مەشئەل:
«زېمىنسىز دۆلەتچىلىك» (Non-Territorial Statecraft) نامايىشچى گۇرۇھتىن كۆلەڭگە ھۆكۈمەتكە ئۆتۈش
سالامەت ھاشىم پاكىستاندا زېمىنى يوق تۇرۇپمۇ بىر دۆلەت رەئىسىدەك ھەرىكەت قىلدى. ئۇنىڭ پاسپورت تارقىتىش ھوقۇقى يوق ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ تونۇتۇرۇش خەتلىرى پاسپورتنىڭ رولىنى ئوينىدى. ئۇنىڭ باج ئېلىش ھوقۇقى يوق ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ «مىللىي فوند» سىستېمىسى خەزىنىنى تولدۇردى. بۇ شۇنى كۆرسىتىدۇكى: دۆلەت قۇرۇش؛ زېمىننى ئازاد قىلىشتىن بۇرۇن، مەمۇرىي ۋە سىياسىي ئىقتىدارنى (Capacity Building) يېتىلدۈرۈشتىن باشلىنىدۇ. تەشكىلات بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ پەرقى شۇكى، تەشكىلات نامايىش قىلىدۇ ۋە نارازىلىق بىلدۈرىدۇ؛ يەر ئاستى ھۆكۈمەت بولسا — باشقۇرىدۇ، يېڭى كۈنتەرتىپلەرنى يارىتىدۇ ۋە مۇلازىمەت قىلىدۇ.
ئۈچىنچى سوئال:
بىزنىڭ دىئاسپورادىكى تەشكىلاتلىرىمىز يەنىلا «پائالىيەتچى» سەۋىيەسىدە كېتىپ بارامدۇ؟ ياكى بىر ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەلىك بۆلۈملىرىگە (مەسىلەن: بىرلىككە كەلگەن مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركىزىي مالىيە ئىدارىسى، ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات مەركىزى) گە ئوخشاش كەسپىي قۇرۇلمىغا ئۆتتىمۇ؟ بىز خەلقىمىزگە «بىزگە ئەگىشىڭلار» دېگەندە، قۇرۇق شوئار بىلەن ئەمەس، «بىز سىلەرنىڭ ھاياتىڭلارنى (تەلىم-تەربىيە، ھوقۇق ۋە ئىقتىسادىڭلارنى) ئۆلچەملىك باشقۇرالايمىز» دېگەن ئىشەنچنى بېرەلىدۇقمۇ؟
تۆتىنچى مەشئەل:
پاجىئەنى سىياسىي كوزىرغا ئايلاندۇرۇش يىغىن ۋە نامايىشتىن ھالقىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈش
پاتا ئارىلى قىرغىنچىلىقىدا 3000 ئادەم ئۆلدى. رايون رەئىسى نۇر مىسۇارى پەقەت نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن توختاپ قالدى، ئەمما سالامەت ھاشىم بۇنى «سىياسىي كوزىر» غا ئايلاندۇرۇپ، خەلقئارا سەھنىدە فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ يالغانچىلىقىنى ۋە نۇر مىسۇارىنىڭ ئەمدىلىكتە مورو خەلقىگە ۋەكىللىك قىلالمايدىغان قورچاققا ئايلانغانلىقىنى پاش قىلدى ھەمدە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قايىل قىلىپ ياردەم يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتتى.
سىياسەتتە «مەزلۇملۇق» (Victimhood) پەقەت ھېسداشلىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئەمما «دەلىللەنگەن جىنايەت»(Documented Atrocity) دۈشمەننىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى يوقىتىدىغان قورالدۇر. كۆز يېشى — شەخسىي ئىش، ئەمما پاكىت دىپلوماتىك قورالدۇر.
تۆتىنچى سوئال:
بىز لاگېرلار، قىرغىنچىلىقلار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك پاكىتلىرىنى پەقەت «بىز بەك بىچچارە» دەپ كۆز يېشى قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتامدۇق؟ ياكى ئىستراتېگىيەلىك كەلگۈسى پىلانلىرىمىزغا سىرتقى كۈچلەرنى قايىل قىلىپ، بۇ پاكىتلارنى خەلقئارا سوت، ئىقتىسادىي جازا ۋە دىپلوماتىك يەكلەش مېخانىزمىغا ئايلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ «تەرەققىيات» يۆنىلىشىگە زەربە بېرىدىغان «قانۇنىي ئۇرۇش» (Lawfare) لارنى ئۈنۈملۈك ئېلىپ بارالاۋاتامدۇق؟
بەشىنچى مەشئەل:
«ئىدىيەۋى ئىممۇنىتېت» ئاساسىنى ئالدىن تىكلەش — مىللىي غايىنى يەرشارىۋىي ئاشقۇنلۇقتىن قوغداش
سالامەت ھاشىمنىڭ جانجالانى (كېيىنكى ئىسمى ئەبۇ سەيياپ) نى رەت قىلىشى، ئۇنىڭ تارىخىي دانالىقى ئىدى. ئۇ ياشلارنى زامانىۋىي ئۇرۇشقا سالدى، ئەمما ئۇلارنىڭ كاللىسىغا «ئەل-قائىدە» تىپىدىكى «تەكفىرچىلىك» ۋە «قارىغۇلارچە ئاقشقۇنلۇق» ئېڭىنىڭ يۇقۇشىنى قاتتىق چەكلىدى. ئۇ «مىللىي ئازادلىق» بىلەن «دىنىي جىھاد» نى بىر پۈتۈنلەشتۈرۈپ، مورو مۇجاھىدلىرىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى ۋە ماڭىدىغان يولىنى ئالدىن سىستېمىلىق سىزىپ بەردى. بۈگۈنكى دۇنيادا، بىر ھەرىكەتنىڭ ھەقلىق بولۇشى يېتەرلىك ئەمەس، ئۇنىڭ «پاكىز» بولۇشى، يەنى خەلقئارا تېررورىزم تىزىملىكىدىن ۋە رادىكال ئىدىئولوگىيەدىن يىراق تۇرۇشى، ئۇنىڭ ھايات-ماماتلىقى ۋە دۈشمىنىگە قارشى كۆپرەك ئىتتىپاقداش قازىنالىشىنىڭ مۇھىم شەرتىدۇر.
بەشىنچى سوئال:
بىز ياشلىرىمىزنى، بولۇپمۇ سۈرىيە، ئافغانىستان ياكى باشقا رايونلاردىكى قوراللىق كۈچلىرىمىزنى يەرشارىۋىي رادىكال گۇرۇھلارنىڭ تەسىرىدىن قوغداپ قالالايدىغان ۋە پەقەت «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى ئىسلامىي جىھاد بىلەن بىر پۈتۈنلەشتۈرۈپ پەرز ئىبادەت قاتارىدا كۆرەلەيدىغان»، ساپ ئۆزىمىزگە خاس ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىڭ يىللىق ئىسلامىي كۈلتۈرىگە ماس ئىدىيەۋى سۈزگۈچ (Filter) ۋە يېتەكچىلىك مېخانىزمىنى قۇرالىدۇقمۇ؟ ياكى غەرپتىكى ئىسلامئوفىبى (ئىسلامغا ئۆچمەنلىك قىلىش ئېقىمى) نىڭ تەسىرىدە ئۆز دىنىمىزغا دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان ئاتالمىش زىيالىيلارنى بېشىمىزدا كۆتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىۋاتامدۇق؟
ئالتىنچى مەشئەل:
«قوش تۈۋرۈكلۈك رەھبەرلىك» (The Tandem Leadership) — سىرتتىكى مېڭە ۋە ئىچكىرىدىكى مۇشتنىڭ ماسلىشىشى
(سىرتتا) سالامەت ھاشىم بىلەن (ئىچىدە) ھاجى مۇراتنىڭ مۇناسىۋىتى، بىر-بىرىگە تايىنىش ۋە ئىشىنىش ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى. سىرتتىكىلەر «پىلانلىغۇچى ۋە تەمىنلىگۈچى»، ئىچكىرىدىكىلەر «ئىجراچى ۋە قوغدىغۇچى» بولدى.
ھازىرقى شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ھەرىكىتىدىكى ئەڭ چوڭ يوچۇق — سىياسىي سەرخىللار بىلەن ئەمەلىيەتتىكى (ياكى يوشۇرۇن) كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىسىزلىق ۋە ئىشەنچسىزلىكتۇر. زىيالىي جەڭچىنى «تېررورچى» دەپ، جەڭچى زىيالىينى «ساتقۇن» دەپ قارىسا، بۇ بىر بەدەننىڭ بېشى بىلەن قولىنىڭ بىر-بىرىنى چىشلەشكىنىگە ئوخشايدۇ.
ئالتىنچى سوئال:
بىزنىڭ چەتئەلدىكى سىياسىي رەھبەرلىرىمىز ۋە تەشكىلاتلىرىمىز، ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولغان ياكى شەكىللىنىۋاتقان ھەربىي (يوشۇرۇن) كۈچلەر بىلەن «بويسۇندۇرۇش» ئاساسىدا ئەمەس، بەلكى «ماسلىشىش» ئاساسىدىكى مەخپىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە قانىلىنى قۇرالىدىمۇ؟ بىز «مېڭە» بىلەن «مۇشت»نى قايتىدىن بىر گەۋدىگە قاچان ئايلاندۇرماقچى؟
13-قىسىم نەزەرىيەدىن رېئاللىققا، جاڭگالدىكى «جۇمھۇرىيەت» قۇرۇلمىسى ۋە «بۇلدون» دىكى سىستېمىلىق زەربە

سىياسەت ئىلمىدە «دۆلەت» دېگەن ئۇقۇم ئەنئەنىۋى ھالدا زېمىن، خەلق، ھۆكۈمەت ۋە ئىگىلىك ھوقۇقتىن ئىبارەت تۆت ئامىل بىلەن چۈشەندۈرۈلىدۇ. كلاسسىك قاراشتا، ئىنقىلابچىلار ئاۋۋال زېمىننى ئازاد قىلىپ، ئاندىن دۆلەت قۇرىدۇ. ئەمما سالامەت ھاشىم بۇ لوگىكىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. دۆلەتنىڭ فىزىكىلىق گەۋدىسىدىن بۇرۇن، ئۇنىڭ قارىشىچە ‹روھىي سىستېمىسى ۋە مەمۇرىي قۇرۇلمىسى› بەرپا قىلىنىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا ئۇ: «بىز دۆلەت بولالىغاندا ۋە بىر دۆلەتتەك ھەرىكەت قىلالىغاندىلا، ئاندىن زېمىنىمىزنى ئازاد قىلالايمىز» دەيتتى.
1987 – يىلى، فىلىپپىندا دىكتاتور ماركوس يىقىلىپ، سىياسىي بوشلۇق پەيدا بولغاندا، سالامەت ھاشىم 9 يىللىق «ئىستراتېگىيەلىك ھىجرەت» تىن كېيىن، پاكىستاندىكى «مېڭە (ئىستېراتىگىيە) مەركىزى» دە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مۇكەممەل بىر «دۆلەت مودېلى»نى كۆتۈرۈپ، مەخپىي ھالدا مىندانائوغا قايتىپ كەلدى. ئۇنىڭ قايتىشى ئاددىي بىر سۈرگۈندىكى رەھبەرنىڭ قايتىشى ئەمەس، بەلكى يېڭى بىر «دۆلەت سىستېما» سىنىڭ مىندانائو تۇپرىقىغا كۆچۈرۈلۈشى ئىدى.
ئۇ مىندانائونىڭ مەركىزىدىكى ماتانۇگ (Matanog) تاغلىرى ئارىسىدا، دۇنيا خەرىتىسىدە كۆرۈنمەيدىغان، ئەمما ئىچكى قۇرۇلمىسى، مەمۇرىي ئىقتىدارى ۋە ھەربىي ئىنتىزامى جەھەتتە بىر زامانىۋىي دۆلەتتىن قېلىشمايدىغان «ئەبۇ بەكىر سىددىق لاگېرى» (Camp Abubakar As-Siddique) نى رەسمىي «پايتەخت» سۈپىتىدە مۇستەھكەملىدى.
بۇ بۆلۈمدە بىز، سالامەت ھاشىمنىڭ «سىرتتىن رەھبەرلىك قىلىش» نەزەرىيەسىنىڭ قانداق قىلىپ «ئىچكىرىدە دۆلەتلىشىش» (Internal Statemaking) ئەمەلىيىتىگە ئايلانغانلىقىنى ۋە بۇ يېڭى سىستېمىنىڭ 1997-يىلى فىلىپپىن ئارمىيەسىگە قارشى تۇنجى چوڭ «مۇنتىزىم ئۇرۇش» سىنىقىدىن يەنى بۇلدون جېڭىدىن قانداق ئۆتكەنلىكىنى ئانالىز قىلىمىز.
ئومۇمەن كىشىلەر «پارتىزانلار لاگېرى» دېگەندە، تارقاق چېدىرلار تىكىلگەن، قالايمىقان، پەقەت قورال ئۆەىتىلىدىغان ۋە قورال ساقلايدىغان شۇندقلا دۈشمەندىن قاچقاندا يوشۇرۇنىدىغان بىر ماكاننى تەسەۋۋۇر قىلىدۇ. ئەمما «ئەبۇ بەكىر لاگېرى» بۇ تەسەۋۋۇرنى پۈتۈنلەي ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. سالامەت ھاشىم (مېڭە) بىلەن ئۇنىڭ «كۈچلۈك مۇشتى» ياردەمچىسى بولغان ھاجى مۇرات ئىبراھىم، بۇ يەردە 10 مىڭ گېكتارلىق (تەخمىنەن 100 كۋادرات كىلومېتىرلىق) بىر تېررىتورىيەدە مۇكەممەل بىر «شەھەر دۆلىتى» بەرپا قىلدى. بۇ شەھەر دۆلىتىنىڭ قۇرۇلمىسى بىر دۆلەتنىڭ كىچىكلىتىلگەن نۇسخىسى ئىدى.
ئالدى بىلەن لاگېر 7 چوڭ رايونغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر رايوندا خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، ساقچى پونكىتى ۋە ئەڭ مۇھىمى شەرىئەت سوتى بار ئىدى. جىنايەتچىلەر (مەيلى ئەسكەر، مەيلى پۇقرا بولسۇن) قومانداننىڭ خاھىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى سوت ئارقىلىق، دەلىل-ئىسپات بىلەن جازالىناتتى. بۇ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلى نىڭ جاڭگالدىكى ئۈلگىسى ئىدى. سالامەت ھاشىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئادالەت بولمىغان يەردە، قوراللىق كۈچ پەقەت زۇلۇمنىڭ قورالىغا ئايلىنىدۇ.
ئىككىنچى قەدەمدە، سالامەت ھاشىم پاكىستاندا تەربىيەلەپ قايتۇرۇپ كەلگەن ئا گۇرۇپپا (ئىلمىي كادىرلار) بۇ يەردە باڭسامورو ئىسلام ئاكادېمىيەسىنى قۇرۇپ چىقتى. باشلانغۇچتىن ئالىي مەكتەپكىچە بولغان دەرسلىكلەر تۈزۈلۈپ، پەقەت دىنىي بىلىملەرلا ئەمەس، ماتېماتىكا، ئىنگلىز تىلى، سىياسەت ۋە كومپيۇتېر دەرسلىرى ئۆتۈلدى. بۇ يەردە يېتىشكەن ياشلار، كېيىنچە مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتىنىڭ ئوتتۇرا قاتلام كادىرلىرىغا ئايلانغان ئىدى.
ئۈچۈنچىدىن، ئۇلار تاشقى ياردەمگە تايىنىپ قالمىدى. لاگېر ئەتراپىدا كەڭ كۆلەملىك كۆممىقوناق ۋە كوكۇس تېرىلغۇ مەيدانلىرى، ياغاچچىلىق ۋە تۆمۈرچىلىك زاۋۇتلىرىنى قۇردى. ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ باج سىستېمىسىنى يولغا قويدى.
تۆتىنچىدىن سالامەت ھاشىم بىر سىياسىي ھەقىقەتنى چوڭقۇر چۈشەنگەن ئىدى، خەلقنىڭ ساداقىتى قۇرۇق مىللەتچىلىك شوئارلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك ئېتىقاد بولۇپمۇ «مۇلازىمەت» بىلەن قولغا كېلەتتى. فىلىپپىن ھۆكۈمىتى مورو خەلقىگە تەمىنلىيەلمىگەن ئادالەتنى، مائارىپنى ۋە جىسمانىي بىخەتەرلىكنى مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتى تەمىنلىدى.
سىياسەت ئىلمىدە بۇ «ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئېرىشىلگەن قانۇنلۇق سالاھىيەت» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شۇڭا مورو خەلقى ئۈچۈن ھەقىقىي ھۆكۈمەت مانىلادا ئەمەس، بەلكى ئەبۇ بەكىر لاگېرى بولۇپ قالغان ئىدى. سالامەت ھاشىم «دۆلەت بولۇش»نى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا باغلاپ قويمىدى، بەلكى يەرلىك خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ئۈستىگە قۇرۇپ چىقتى.
ھەربىي قانات پارتىزانلىقتىن مۇنتىزىم ئارمىيەگە، باڭسامورو ئىسلام ئازاتلىق ئارمىيەسى «BIAF» نى سىستېمىلىق قۇرۇپ چىقتى. 1980 – يىللاردا سالامەت ھاشىم قۇرۇپ چىققان «ئىنسان يۆتكەش لىنىيەسى» سايىسىدا، پاكىستان ۋە ئافغانىستاندا ئەمەلىي تەربىيەلىنىپ قايتىپ كەلگەن 1000 دىن ئارتۇق سەرخىل مۇجاھىدلار يەنى ب گۇرۇپپا، ئەبۇ بەكىر لاگېرىدا تارىخىي بىر ھەربىي ئىسلاھات ئىلىپ باردى. ئۇلار مورو قوراللىق كۈچلىرىنى ئەنئەنىۋى، تارقاق، قالايمىقان كىيىنگەن پارتىزانلىق ھالىتىدىن، فورمىسى بىرلىككە كەلگەن، ئۇنۋان تۈزۈمى ئېنىق، زامانىۋىي قوماندانلىق زەنجىرىگە ئىگە باڭسامورو ئىسلام ئازاتلىق ئارمىيەسى (BIAF) غا ئايلاندۇردى.
بۇ ئارمىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار «ئۇرۇپ قېچىش» تاكتىكىسىدىن ھالقىپ، «تېررىتورىيە قوغداش ۋە مۇنتىزىم ئۇرۇش» (Positional Warfare) ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئافغانىستاندائۆگەنگەن تېخنىكىلار بىلەن لاگېر ئىچىدە زاۋۇتلارنى قۇرۇپ، RPG (راكېتامىيوت)، 60 مىللىمېتىرلىق ۋە 81 مىللىمېتىرلىق مىناميوتلارنى ياساشقا باشلىدى.
سالامەت ھاشىم لاگېرنىڭ مەركىزىي مەيدانىدا ئەسكەرلەرگە شۇنداق خىتاب قىلاتتى:
«بىز توپىلاڭچى ئەمەس، بىز دۆلەت ئارمىيەسى. سىلەرنىڭ ھەرىكىتىڭلار، ئىنتىزامىڭلار ۋە ئەسىرلەرگە تۇتقان مۇئامىلەڭلەر، دۇنياغا بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى (دۆلەت ئىكەنلىكىمىزنى) ئىسپاتلايدۇ. سىلەر فىلىپپىن ئارمىيەسىدىنمۇ بەك مۇنتىزىم ئەسكەر بولۇشۇڭلار كېرەك»
1997يىلى 1-ئايدا فىلىپپىن ھۆكۈمىتى نۇر مىسۇارىنى 1996-يىلىدىكى كېلىشىم ئارقىلىق سىياسىي جەھەتتىن تولۇق قورالسىزلاندۇردۇپ بولغاندىن كېيىن، ئەمدىلىكتە پۈتۈن دىققىتىنى «بويسۇنمىغان» سالامەت ھاشىم ۋە مورو ئىسلامئازادلىق فىرونتىغا مەركەزلەشتۈرگەن ۋە ئۇلارنى ھەربىي جەھەتتىن تولۇق يوقىتىشنى قارارا قىلغان ئىدى. فىلىپپىن ئارمىيەسى زامانىۋىي تانكىلار، ئايروپىلانلار ۋە ئېغىر توپچى قىسىملىرى بىلەن، ئەبۇ بەكىر لاگېرىنىڭ شىمالىي دەرۋازىسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك مۇداپىئە سېپى ھېسابلىنىدىغان بۇلدون (Buldon) رايونىغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىدى.
ئىشغال ئارمىيە قوماندانلىرىنىڭ خىيالىدا: «بۇلار بىر توپ جاڭگاللىقلار، بىز تانكىلار بىلەن باستۇرۇپ كىرسەكلا، ئۇلار قورقۇپ قاچىدۇ» دېگەن تەكەببۇرلۇق بار ئىدى. ئەمما كۈتۈلمىگەن يەردىن ئۇلار مورو تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولدى.
فىلىپپىن ئارمىيەسىنىڭ كۈتكىنىڭ ئەكسىچە باڭسامورو ئىسلام ئازاتلىق ئارمىيەسى (BIAF) قاچمىدى. مۇجاھىدلارنىڭ مۇنتىزىم مۇداپىئە (Echelon Defense) قىسىمى ئافغانىستاندا ئۆگەنگەن «قوش قەۋەتلىك مۇداپىئە تاكتىكىسى» نى ئىشقا سالدى. ئالدىنقى سەپتە مىناميوتچىلار دۈشمەننىڭ پىيادە ئەسكەرلىرىنى، ئارقا سەپتە مەرگەنلەر ئوفىتسېرلارنى ھۇجم نىشانى قىلدى. فىلىپپىن تانكىلىرى Simba ۋە V-150 تىپلىق برونېۋىكلار تار تاغ يوللىرىغا كىرگەندە، مۇجاھىدلارنىڭ توققۇز كىشىلىكتىن رەتكە سالغان ئالاھىدە ئەترەتلىرى (بۇلار ئافغانىستاندا تاۋلانغان سەرخىللار ئىدى) RPG-2 ۋە RPG-7 راكېتامىيوتلىرى بىلەن تانكىلارنى بىرمۇ-بىر پاچاقلاپ تاشلىدى.
فىلىپپىن ئەسكەرلىرى بۇ تۈنجى تالاپەت بىلەن ئۆزلىرىنىڭ قالايمىقان توپىلاڭچىلار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىدىنمۇ بەكرەك ئىنتىزامچان، فورمىلىق ۋە «ئاللاھۇ ئەكبەر» نىدالىرى بىلەن ئۆلۈمگە كۆكرەك كىرىدىغان بىر سىزتېمىلىق ئارمىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتتى. بۇ ئۇلاردا ئېغىر روھىي چبشكۈنلۈك ياراتتى.
بىر ھەپتىلىك قانلىق جەڭدىن كېيىن، فىلىپپىن ئارمىيەسى ئېغىر تالاپەت بىلەن نۇرغۇنلىغان تانكا ۋە ئوق-دورىلىرىنى تاشلاپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. بۇ مورو ئازادلىق ئىنقىلابى تارىخىدىكى بىر ئىنقىلابىي قوشۇننىڭ ھۆكۈمەتنىڭ «مۇنتىزىم ئارمىيەسى»نى يۈز يۈز مەيدا ئۇرۇۇشىدا، مەغلۇپ قىلىشى بولۇپ قالدى.
كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ئۆزگىرىشى
بۇلدون غەلىبىسى ئاددىي بىر ھەربىي غەلىبە ئەمەس، بەلكى «سىستېملىشىشنىڭ غەلىبىسى» ئىدى. بۇ جەڭ سالامەت ھاشىمنىڭ پاكىستاندا تۈزگەن «ئىنسان كاپىتالى لىنيەسى» ۋە «سىستېمىلىق تەشكىللىنىش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ نەقەدەر توغرا بولغانلىقىنىڭ ئەمەلىي ئىسپاتى بولدى. فىلىپپىن ھۆكۈمىتى شۇنى تونۇپ يەتتىك، موسرو ئىسلام ئازادلىق فىرونتىنى ھەربىي كۈچ بىلەنلا يوقىتىش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇلار ئەمدى «توپىلاڭچى» ئەمەس، بەلكى «مۇنتىزىم دۆلەت ئارمىيەسى» گە ئايلانغان ئىدى. بۇ غەلىبە، ھۆكۈمەتنى 1997-يىلى 7-ئايدا مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتى بىلەن بىلەن رەسمىي «ئۇرۇش توختىتىش» كېلىشىمى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلدى. يەنى، مورو ئىسلام ئازادلىقفىرونتى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە تېررىتورىيەسىنى «قان» ۋە «كۈچ» بىلەن ئېتىراپ قىلدۇرغان ئىدى.
بۇلدون جېڭى داۋاملىشىۋاتقاندا، سالامەت ھاشىم دىققىتىنى يەنە بىر جەڭگە «دىپلوماتىك جەڭ»گە مەرۆەلەشتۈرۈپ بىر ياندىن ئۇنى باشقۇردى. ئۇ بىر قولىدا ، يەنە بىر قولىدا مېكروفون بىلەن BBC، CNN ۋە ئەل-جەزىرە قاتارلىق خەلقئارالىق تاراتقۇلارغا باياناتلارنى بەرمەكتە ئىدى.
«بىز تېررىتورىيەمىزنى قوغداۋاتىمىز. بىزنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيەمىز بار، ھۆكۈمىتىمىز بار، خەلقىمىز بار. بىز بىر سىستېمىلىق دۆلەت. فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بولسا بىر تاجاۋۇزچى»
ئۇ بۇلدوندا ئەسىرگە چۈشكەن فىلىپپىن ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرمىدى، بەلكى خەلقئارا قىزىل كرېست جەمئىيىتى ئارقىلىق، داۋالىتىپ قايتۇرۇپ بەردى. بۇ ئالىيجاناب ھەرىكەت، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتىنىڭ (ئەبۇ سەيياپقا ئوخشاش) «تېررورچى» ئەمەس، بەلكى «جەنۋە ئەھدىنامىسى» گە ۋە ئىسلام ئەخلاقىغا تولۇق ئەمەل قىلىدىغان مۇنتىزىم بىر سىياسىي كۈچ ئىكەنلىكىنى ناميان قىللدى.
(داۋامى بار…)
**** ******** *******. **********
قىسسىدىن ئۇيغۇرلارغا ھىسسە: 13 – بۆلۈمدىن روھىمىزغا يېقىلىدىغان ئالتە ئىستراتېگىيەلىك مەشئەل ۋە ئالتە سوئال
بىرىنچى مەشئەل: ئەمەلىي دۆلەتچىلىك، ئېتىراپ قىلىنىشنى كۈتمەيدۇ
سالامەت ھاشىم «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىزنى ئېتىراپ قىلسۇن» دەپ كۈتۈپ ئولتۇرمىدى. ئۇ جاڭگالدا مەكتەپ، سوت ۋە ئارمىيە قۇرۇپ، ئەمەلىيەتتە بىر دۆلەت بولۇپ ياشىدى. سىياسەتتە «قانۇنلۇق سالاھىيەت (Legitimacy) پەقەت قەغەز يۈزىدىن ئەمەس، بەلكى «ئەمەلىي كونتروللۇق ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارى» دىن كېلىدۇ. سىز دۆلەتتەك ھەرىكەت قىلسىڭىز، دۇنيا سىزگە ئاخىرىدا دۆلەتتەك مۇئامىلە قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
بىرىنچى سوئال: بىز يەنىلا «دۇنيا ئالدى بىلەن بىزنى قۇتقازسۇن» دېگەن تاما ۋە يالۋۇرۇش باسقۇچىدامۇ؟ ياكى ئۆزىمىز ياشاۋاتقان مەھەللىلەردە، ياكى ئىمكانىيەت بار جايلاردا (مەسىلەن ھېچ بولمىغاندا تور دۇنياسىدا بولسىمۇ) مائارىپ، ئىقتىساد ۋە قانۇن سىستېمىلىرىمىزنى بەرپا قىلىپ، «بۇلار ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، دۆلەت بولۇشقا لاياقەتلىك» دېگەن چۈشەنچىنى تىكلىيەلەيدىغان ۋە «ئەمەلىي دۆلەتچىلىك» ئىقتىدارىمىزنى نامايان قىلالايدىغان باسقيچقا كەلدۇقمۇ؟
ئىككىنچى مەشئەل: «قۇراللىق كۈچنى مۇنتىزىم ھالغا كەلتۈرۈش»
مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتىنىڭ غەلىبىسى پارتىزانلىقتىن مۇنتىزىم ئارمىيەگە ئۆتۈشىدە ئىدى. چۈنكى ئۇلار قالايمىقان ئوق ئاتىدىغان، خالىغانچە كىيىنىدىغان توپىلاڭچى گۇرۇھتىن، قوماندانلىق سىستېمىسى مۇستەھكەم، ئىنتىزامى قاتتىق، ھەربىي تېخنىكىلىرى يۇقىرى باڭسا مورو ئىسلام ئازادلىق ئارمىيەسى «BIAF» گە ئايلانغان ئىدى. بۇ ھەربىي جەھەتتىكى مۇنتىزىملىشىش بولمىغاندا، ئۇلارنىڭ «بۇلدون»دىكى جەڭدە ئۇتتۇرۇپ قويۇشى مۇقەررەر ئىدى. چۈنكى زامانىۋىي دۇنيادا «تەشكىلسىز كۈچ»، كۈچ ئەمەس، بەلكى بىر ھېسسىي قالايمىقانچىلىقتۇر.
ئىككىنچى سوئال: بىزنىڭ ھەر قايسى جايلاردىكى (جۈملىدىن ئافغانىستان ۋە سۈرىيەدىكى) مۇجاھىدلىرىمىز تارقاق، كىچىك گۇرۇپپىلار ھالىتىدە، ھېسسىيات بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتامدۇ؟ ياكى ئۇلار زامانىۋىي ھەربىي تەلىم بىلەن ئۆزلىرىنى پۇختىلاپ، بىرلىككە كەلگەن قوماندانلىق سىستېمىسى ئاستىدا، خەلقئارا قانۇن ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن مىللىي ئارمىيە» (National Army) سۈپىتىدە ئۆزلىرىنى قايتا تەشكىللەشنى ئويلىشىۋاتامدۇ؟
ئۈچىنچى مەشئەل: «ساداقەت ئۈچۈن مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش»
ئەبۇ بەكىر لاگېرىدىكى خەلق سالامەت ھاشىمنى نېمىشقا جان تىكىپ قوغدىدى؟ چۈنكى سالامەت ھاشىم ئۇلارغا ھۆكۈمەت تىكلەپ بېرەلمىگەن ئادالەتنى، قۇرۇپ بېرەلمىگەن مائارىپ سىستېمىسىنى ۋە تىنچلىقنى بەرپا قىلىپ بەردى. ئىنقىلابچىلار ئەگەر خەلققە پەقەت «بىزگە ئىئانە بەر، جان بەر» دەپ تېلەپ ئېلىشنىڭلا كويىدا بولغان بولسا ئىدى خەلق زېرىككەن بولاتتى. چۈنكى «بىز سىلەرگە مۇلازىمەت قىلىمىز، قوغدايمىز» دېگەندىلا، خەلق ئۇلار ئۈچۈن جان بۋرىشكىمۇ تەييار ھالەتكە كېلىدۇ.
ئۈچىنچى سوئال: بىزنىڭ تەشكىلاتلىرىمىز خەلقىمىزدىن پەقەت ئىئانە ۋە نامايىشقا كۆپرەك چىقىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتامدۇ؟ ياكى خەلقىمىزنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىدىغان كوللىكتىپ مۈلۈكچىلقك لايىھەلىرىنى، بالىلىرىنى سىستېمىلىق تەربىيەلەيدىغان مائارىپ سىستېمىسىنى، ھوقۇقىنى قوغدايدىغان «قانۇن تورى»نى قۇرۇپ، خەلقنىڭ يۈرىكىدىن ئورۇن ئېلىۋاتامدۇ؟
تۆتىنچى مەشئەل: «تېخنىكىلىق ئۈستۈنلۈك ۋە بىلىمنىڭ كۈچى
«بۇلدون» جېڭىدە مورو ئىسلام ئازادلىق فىتونتىنىڭ غەلىبە قىلىشى، ئۇلارنىڭ RPG ۋە مىناميوت ئىشلىتىش تېخنىكىسىنى ئافغانىستاندا پۇختا ئۆگەنگەنلىكىدىن بولدى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئاددىي مىلتىق بىلەن تانكىغا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ. زامانىۋىي ئۇرۇش (مەيلى ھەربىي، مەيلى سىياسىي، مەيلى تور ئۇرۇشى بولسۇن) ئىمان ۋە يۈرەك بىلەنلا ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تېخنىكا ۋە بىلىم بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.
تۆتىنچى سوئال: بىز خىتايغا قارشى كۈرەشتە يەنىلا كونا ئۇسۇللارنى (نامايىش، يېغىلىز، ئاخباراتقا بايانات) بېرىشتىنلا ئىبارەت دەپ قاراۋاتامدۇق؟ ياكى زامانىۋىي تېخنىكىلارنى (تور ھۇجۇمى، سۈنئىي ئىدراك ئارقىلىق ئۇچۇر ئانالىزى، قانۇنىي ئۇرۇش تېخنىكىلىرى) نى ئىگىلەپ، دۈشمەننىڭ ئاجىز نۇقتىسىغا «ئىلمىي ئاساس» بىلەن زەربە بېرىشنى ئۆگىنىۋاتامدۇق؟
بەشىنچى مەشئەل: «غەلىبىنى سىياسىيلاشتۇرۇش»
سالامەت ھاشىم «بۇلدون»دىكى غەلىبىدىن كېيىن، مەغرۇرلىنىپ ئولتۇرمىدى، بەلكى دەرھال تاراتقۇلارغا چىقىپ، بۇ ھەربىي غەلىبىنى «سىياسىي ئېتىراپ»قا ئايلاندۇرۇشقا ھەركەت قىلدى. ئۇ ئەسىرلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلىش ئارقىلىق ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈكنى تىكلىدى. دەرۋەقە ھازىرقى دۇنيادا جەڭ مەيدانىدىكى غەلىبە، سىياسىي ئۈستەلدە كوزىرغا ئايلانمىسا، ئۇ پەقەتلا بىر قانلىق ۋەقە بولۇپ قالىدۇ.
بەشىنچى سوئال: بىز كىچىككىنە نەتىجىلىرىمىزنى (مەسىلەن، بىرەر دۆلەتنىڭ قانۇن ماقۇللىشىنى ياكى بىرەر خەلقئارالىق سورۇندا مۇنبەرگە چىقىشنى) قانداق قىلىپ خىتايغا قارشى تېخىمۇ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك بېسىمغا ئايلاندۇرۇشنى بىلەمدۇق؟ ياكى پەقەت «ھە، ئەجەپ نوچى يىغىن بولدى» دەپ ئۆزىمىزنى خوش قىلىپ ئۆز ئۆزىمزىنى ئاۋۇتۇپ يۈرۈشنى قاچان توختىمىز؟
ئالتىنچى مەشئەل: «جۇغراپىيەلىك مەركەزلىشىشنىڭ خەتىرى» (The Risk of Territory)
(بۇ يەردە كېيىنكى بۆلۈمگە ئالدىمىزغا چىقىدىغان بىر خەتەردىن ئالدىن بىشارەت بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم)
سالامەت ھاشىم مۇقىم لاگېر قۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، دۆلەتلەشتى، ئەمما بۇ جۇغراپىيەلىك مەركەزلىشىش، ئۆزى بىلەن بىرگە مۇقىم نىشانغا ئايلىنىش خەۋپىنىمۇ بىرگە ئېلىپ كەلدى. ئالدىمىزدىكى بۆلۈمدە (2000-يىلدىكى) ئومۇمىي يۈزلۈك ھۇجۇمدا بۇ لاگېرنىڭ فىلىپپىن قىسىملىرى تەرىپىدىن قانداق ۋەيران قىلىنغانلىقىنى كۆرىمىز.
ساۋاق شۇكى: ھەربىي كۈچىڭىز دۈشمەن بىلەن بوي ئۆلچىشەلەيدىغان سەۋىيەگە كەلمەي تۇرۇپ، ئۆزىڭىزنى بەك ئاشكارىلاش، سىزنى نۇقتىلىق مۇقىم نىشانغا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغان ئىستراتېگىيەلىك خاتالىقتۇر.
ئالتىنچى سوئال: بىز ھازىرقى ۋەزىيەتتە، بارلىق كۈچىمىزنى ۋە رەھبەرلىرىمىزنى بىر يەرگە (مەسىلەن بىرەر تەشكىلاتقا ياكى بىرەر رايونغا) مەركەزلەشتۈرۈپ، خىتاينىڭ ئاسانلا يوقىتىدىغان نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتامدۇق؟ ياكى «تارقاق، ئەمما سىستېمەلىق ھالدا ئۆزئارا باغلىنىشلىق» (Decentralized but Connected) تور سىستېمىسى قۇرۇپ، دۈشمەن بىر يەرگە زەربە بەرسىمۇ، باشقا جايدا قايتا تىرىلىدىغان
جانلىق قۇرۇلما باسقۇچىدا تۇرىۋاتامدىمىز؟
14-قىسىم «جىھاد ئەخلاقى» نىڭ سىستېمىلىق كۈچى ۋە «ئىپىل قىرغىنچىلىقى» دىن قانلىق ساۋاق

سىياسىي غايە بىلەن ھېسسىيات قاينىمى ئوتتۇرىسىدىكى سىزىق
تارىخنىڭ تەجرىبىلىرى شۇنى ئوچۇق ئىسپاتلايدۇكى، ھەرقانداق بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى مەلۇم بىر باسقۇچقا كەلگەندە، تەقدىر خاراكتېرلىك بىر «سىياسىي تاللاش»قا ئۇچرايدۇ. بۇ تاللاش نوقۇل ھالدا «ئۇرۇش ياكى تىنچلىق» تاللىشى ئەمەس، بەلكى «مىللەتنى قانداق بىر كەلگۈسىگە باشلاشتىن ئبارەت تۈپ مەسىلىدۇر. بۇ يول ئايرىمىدا بىر يول مىللەتنى «ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان ئەركىن دۆلەت»كە ئېلىپ بارسا، يەنە بىر يول مىللەتنى «دۇنيادىن يېتىم قالغان، سىياسىي سالاھىيىتىنى يوقاتقان بىر توپ توپىلاڭچىلار» بولۇپ قېلىشقا مەجبۇرلايدۇ.
1990 – يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، مورو ئازادلىق ھەرىكىتى ئەنە شۇنداق بىر تارىخىي سىناققا دۇچ كەلگەن ئىدى. مىندانائونىڭ جاڭگاللىرىدا ئىككى خىل دۇنيا قاراش ۋە ئىككى خىل ئىستراتېگىيەلىك تاللاش ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇ توقۇنۇش نوقۇل ھالدا ئىككى تەشكىلاتنىڭ رىقابىتى ئەمەس، بەلكى «ئازادلىق» دېگەن سۆزگە بېرىلگەن ئىككى خىل پۈتۈنلەي زىت تەپەككۇرنىڭ توقۇنۇشى ئىدى.
بىرىنچى تاللاش: سالامەت ھاشىم ۋە «دۆلەت قۇرۇش» مۇساپىسى
سالامەت ھاشىم بىر دىنىي ئالىم ۋە سىياسىي ئىستراتېگىيەچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئازادلىقنى پەقەت «دۈشمەننى يوقىتىش» دەپلا چۈشەنمەيتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە، ئەگەر بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى، قانۇنىي ئۇلى، مائارىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاقى بولمىسا، قوراللىق غەلىبە پەقەت بىر قالايمىقانچىلىقتىن ئىبارەت ئىدى.
ئۇ مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتى، «ئەبۇ بەكىر سىددىق لاگېرى» نى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ، بىر «كۆلەڭگە ھۆكۈمەت» بەرپا قىلدى. بۇ لاگېر پەقەت ئەسكەر مەشىق قىلىدىغان جايلا ئەمەس، بەلكى ئىچىدە مەكتەپ، دوختۇرخانا، سوت مەھكىمىسى، دېھقانچىلىق مەيدانلىرى ۋە سانائەت ئىشلەپچىقىرىشلىرىمۇ بولغان بىر «كىچىك دۆلەت» نىڭ ئەندىزىسى ئىدى. سالامەت ھاشىم مورو ياشلىرىغا شۇنى ئۆگەتتى: «بىز دۆلەت بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن دۆلەتتەك تەپەككۇر قىلىشىمىز، دۆلەتتەك ئىنتىزاملىق بولۇشىمىز كېرەك. بۇ سۇبيېكتىپ ئىرادىدىن ھالقىغان سىستېمىلىق قۇرۇلما، سىياسىي سوغۇققانلىق ۋە يۈكسەك ئەخلاقىي ئۆلچەم تەلەپ قىلىدىغان ئەڭ قىيىن، ئەمما ئەڭ مەڭگۈلۈك يولدۇر.»
ئىككىنچى تاللاش: ئابدۇرازاق جانجالانى ۋە «ساپ ئىنتىقام» تۇزىقى
يەنە بىر تەرەپتە، سالامەت ھاشىمنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك سەۋرچانلىقى»دىن زېرىككەن، تېز نەتىجە قازىنىشنى خالايدىغان ئابدۇرازاق جانجالانى باشچىلىقىدىكى «ئەبۇ سەيياپ» گۇرۇھى (ASG) تۇراتتى. جانجالانى ئافغانىستاندىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى جەڭلەردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مورو دەۋاسىغا رادىكال «تەكفىرچىلىك» ئىدىيەسىنى ۋە نوقۇل ھەربىي كۈچكە تايىنىش بىلەن بىرگە، خەلقئارالىق رادىكال تەشكىلاتلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھەرىكەت قىلىش قارىشىنىمۇ ئېلىپ كىردى.
بۇ نۇقتىدا سالامەت ھاشىم بىر ئۇستا سىياسەتچى ۋە پىشقان ئىستراتېگىيەچى سۈپىتىدە، ئەينى چاغدىلا پاكىستاندىن ئافغانىستانغا يوللىغان مورو مۇجاھىدلىرىغا ئالاھىدە جىكىلەپ مۇنداق نەسىھەت قىلغان ئىدى:
«ئافغانىستاندىكى ھېچبىر باشقا مىللەت تەشكىلاتىنىڭ ئىدىيەسىگە ئەگەشمەيسىلەر، تالىبان ۋە ئەل-قائىدە قاتارلىق ھېچبىر نوپۇزلۇق تەشكىلاتقا بەيئەت قىلمايسىلەر. بىزنىڭ كۈرىشىمىز مۇسۇلمان مورو خەلقىنىڭ ئۆزىگە خاس ساپ ئىسلامىي كۈرىشىدۇر»
سالامەت ھاشىم شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن ئىدىكى، ئۆز دۆلىتىنى ئازاد قىلىشتەك ھەم دىنىي ھەم مىللىي بىر دەۋانىڭ قارار ھوقۇقىنى باشقىلارغا بەيئەت قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇش، ئەمەلىيەتتە مىللەتنىڭ تەقدىرىنى باشقىلارنىڭ ئىنساپىغا تاشلاپ بېرىپ، ئۆزى قول قۇشتۇرۇپ ئولتۇرۇپ قېلىشتىن ئىبارەت ئىدى. ھەر قانداق مىللەت ئۆز ئازادلىق قارارىنى باشقىلارنىڭ ئىرادىسىگە تاپشۇرۇپ قويسا، بۇ خاتالىق ئازادلىق كۈرىشىنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە كېچىكتۈرۈۋېتەتتى. چۈنكى ئۇ تەشكىلاتلار ئالدى بىلەن ئۆز نىشانلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ بولۇپ، ئاندىن چولىسى تەگكەندە مورو دەۋاسىغا كۆڭۈل بۆلەتتى.
ئەينى چاغدا جانجالانى بۇ جىددىي ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قارىماي، سالامەت ھاشىمنىڭ سىياسىي پرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلماستىن، ئافغانىستاندا ئەل-قائىدەگە بەيئەت قىلدى. بۇ ئىستراتېگىيەلىك خىيانەت ۋە دەۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش قىلمىشى سەۋەبىدىن، سالامەت ھاشىم ئۇنى مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتىدىن قەتئىي ھالدا قوغلاپ چىقارغان ئىدى.
جانجالانىنىڭ نەزىرىدە سىياسىي دەۋا، دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا قانۇنلار بىر ئاۋارىچىلىك بولۇپ، ئۇ دۈشمەنگە ئەڭ ئېغىر زەربە بېرىش ئارقىلىق مورو خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ئۆچمەنلىككە تەسەللى بېرىشنىلا كۆزدە تۇتاتتى. بازارلاردا بومبا پارتلىتىش، ئادەم ئېلىپ قېچىش ۋە بانكا بۇلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى «تېز نەتىجە بېرىدىغان غەلىبە» دەپ قارايتتى. ئەمما بۇ يول، مىللەتنى ئاساسلىق نىشانغا باشلايدىغان يول ئەمەس، بەلكى سىياسىي غايىنى ھېسسىيات قاينىمىغا غەرق قىلىدىغان، مىللىي دەۋانى دۇنيانىڭ نەزىرىدە «جىنايەت» ۋە «تېررورىزم» پاتقىقىغا ئىتتىرىدىغان بىر تۇيۇق يول ئىدى.
مورو ئىسلام ئازادلىق كۈرىشىدىكى بۇ ئىككى يولنىڭ توقۇنۇشى بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئازادلىق كۈرىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك سىياسىي چۈشەنچىلەرنى بېرىدۇ:
1 – ئۆچمەنلىك بىلەن سىياسىي نىشاننىڭ پەرقىنى ئېنىق ئايرىش لازىم. خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىكىمىز ئەلۋەتتە بىزنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىمىز، ئەمما بىزنىڭ يول خەرىتىمىز بولالمايدۇ. ئەگەر ھەرىكەتلىرىمىز پەقەت ئۆچمەنلىكىمىزنى ئىپادىلەپ كۆڭلىمىزنى تىندۇرۇشقىلا مەركەزلەشكەندە، بىز جانجالانىنىڭ تۇزىقىغا چۈشكەن بولىمىز. ئەمما ھەرىكەتلىرىمىز خىتاينى سىياسىي جەھەتتە مەغلۇب قىلىدىغان بىر سىستېمىنىڭ پارچىسىغا ئايلىنالىغاندا، ئاندىن بىز سالامەت ھاشىمنىڭ غەلىبە يولىدا ماڭغان بولىمىز.
2 – سىستېما شەخستىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئەمەلىي ئۇرۇش تەجرىبىسىگە ئىگە بولغان ياشلىرىمىز ۋە مۇجاھىدلىرىمىزنىڭ جەسارىتى مىللەتنىڭ ئەڭ قىممەتلىك مەنبەسىدۇر. ئەمما بۇ جەسارەت ئەگەر بىر سىستېمىلىق سىياسىي ئىرادە ئەتراپىغا توپلانمىسا، ئۇ ئاسانلا سىرتقى كۈچلەرنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
3 – دۆلەت قۇرۇش ۋە دۆلەت بولۇشىمىزمۇ پەقەت خىتاينى قوغلاپ چىقىرالىغان كۈنى باشلىنىدىغان ئىش ئەمەس. ئۇ بۈگۈنكى سىياسىي ئېڭىمىز، تەشكىلىي ئىنتىزامىمىز ۋە بىر-بىرىمىزگە بولغان سىياسىي مەسئۇلىيىتىمىز بىلەن دەل بۈگۈننىڭ ئۆزىدىلا باشلىنىدىغان بىر ئىش.
سىياسەت ۋە ئۇرۇش تارىخىدا بىر ئۆزگەرمەس دەستۇر بار: «ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن قورال، ئۇرۇشتىن كېيىن ياشاش ئۈچۈن ھەققانىيلىق لازىم»
سالامەت ھاشىم بىر سىياسىي ئىستراتېگىيەچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مورو ئىسلام ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنىنىڭ فىلىپپىن ئارمىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىلا ئەمەس، بەلكى مورو دەۋاسىنىڭ دۇنيانىڭ نەزىرىدە «توپىلاڭچى»، «بۆلگۈنچى» دەپ قارىلىپ قېلىشى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى بۇرۇنلا تونۇپ يەتكەن ئىدى. ئۇ شۇنى بىلەتتىكى، ئەگەر بىر ھەرىكەت ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈكنى يوقىتىپ قويسا، ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى مىليونلىغان خەلقنىڭ تارتىۋاتقان زۇلۇمى دۇنيا سىياسىتىدە بىر «ستاتىستىكا»دىن ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇ مورو مۇجاھىدلىرى ئۈچۈن پەقەت ھەربىي تاكتىكا ۋە ئىستراتېگىيەلەرنى تۈزۈپلا قالماستىن، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە پۈتۈن بىر ئىنقىلابنىڭ «روھىي مىزانى» بولغان «جىھاد ئەخلاقى» سىستېمىسىنى مۇستەھكەم بىر شەكىلدە تىكلەپ چىققان ئىدى.
ئۇنىڭ بىرىنچى چىڭ تۇتقان يولى، جىھادنى «دۈشمەن ئۆلتۈرۈش»تىنمۇ بەك «ئادالەت بەرپا قىلىش»قا ئۆزگەرتىش بولدى. سالامەت ھاشىم ئەل-ئەزھەردە ئوقۇغان يىللىرىدا، ئىسلامىي جىھادنىڭ بىر نوقۇل ۋەيران قىلىش ھەرىكىتى ئەمەس، بەلكى بىر «قۇرۇلۇش ھەرىكىتى» ئىكەنلىكىنى پۇختا يەكۈنلەپ چىققان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئەسىرىدە، مورو جەڭچىلىرىنىڭ نىشانىنى مۇنداق بېكىتكەن ئىدى:
«بىزنىڭ مەقسىتىمىز فىلىپپىنلىقلارنى قىرىپ تاشلاش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى مورو خەلقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلاشتۇر.»
بۇ جۈملىنىڭ ئارقىسىدا يوشۇرۇنغان سىياسىي ھېكمەت شۇكى، ئەگەر سىز دۈشمەننى يوقىتىشنىلا نىشان قىلسىڭىز، سىز بىر «قاتىل»غا ئايلىنىسىز. ئەگەر سىز دۈشمەننى سىزنىڭ ھەققىڭىزنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلاشنى نىشان قىلسىڭىز، سىز بىر «دۆلەت ئەربابى»غا ئايلىنىسىز. بۇ ئىككى خىل سالاھىيەتنىڭ پەرقى، دۇنيانىڭ سىزگە «ياردەم بېرىش» ياكى سىزنى «يوقىتىش» قارارىنى بەلگىلەيدۇ.
فىلىپپىن ھۆكۈمىتى 1970-يىللاردىن باشلاپ مىندانائونىڭ مۇسۇلمان نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، شىمالدىكى خىرىستىيانلارنى مورو تۇپراقلىرىغا سىستېمىلىق كۆچۈرۈپ كەلگەن ئىدى (بۇ ئەينەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا خىتاي پۇقرالارنى تۈركۈملەپ يۆتكەشتەك كۆچمەن سىياسىتىگە ئوخشاپ كېتىدۇ). نۇرغۇن مورو ياشلىرى بۇ كۆچمەنلەرنى زۇلۇمنىڭ شېرىكلىرى دەپ قاراپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشنى تەلەپ قىلاتتى. ئەمما سالامەت ھاشىم بۇنىڭغا قەتئىي يول قويمىدى. ئۇنىڭ «ئۇرۇش قانۇنى»دا تۆۋەندىكىلەر پولاتتەك بەلگىلەنگەن ئىدى:
قورالسىز پۇقرالارغا، ئاياللار ۋە بالىلارغا قول سېلىش ھارام.
ئىبادەتخانىلار (چېركاۋلار) ۋە دىنىي زاتلارغا چېقىلىش ئاسىيلىق.
دۈشمەننىڭ پۇقراۋى مال – مۈلكىنى بۇلاش قاراقچىلىقتۇر.
نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى سالامەت ھاشىم سىياسىي جەھەتتە شۇنى بىلەتتىكى، ئەگەر بىر مورو جەڭچىسى بىر خىرىستىيان پۇقراسىنى ئۆلتۈرسە، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بۇنى دۇنيا تاراتقۇلىرىدا «مۇسۇلمانلار خىرىستىيانلارنى قىرغىن قىلىۋاتىدۇ» دەپ تەشۋىق قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ (بولۇپمۇ غەرب دۇنياسىنىڭ) ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈۋالاتتى. مورو دەۋاسى بىر كۈندە «مىللىي ئازادلىق دەۋاسى» دىن «دىنىي رادىكاللىق» قا ئۆزگىرىپ قالاتتى. سالامەت ھاشىم بۇ ئەخلاقىي پىرىنسىپى ئارقىلىق، دۈشمەننىڭ قولىدىكى ئەڭ چوڭ «تەشۋىقات قورالى»نى پاچاقلاپ تاشلىغان ياكى كارغا كەلمەس ھالغا كەلتۈرگەن ئىدى.
مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇتۇقى، ئۇلارنىڭ فىلىپپىن ئارمىيەسىگە ۋە ساقچىلىرىغا شۇنچە كۈچلۈك ھۇجۇملارنى قىلىپمۇ دۇنيانىڭ تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرمەي، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بىلەن باراۋەر سالاھىيەتتە بىر سىياسىي تەرەپ سۈپىتىدە سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرالىشى بولغان ئىدى. بۇ سالامەت ھاشىمنىڭ «جىھاد ئەخلاقى» سىستېمىسىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى ئىدى. ئۇ ئۆز جەڭچىلىرىنى «ئىنتىقام ئالغۇچى ئىسيانچىلار» ئەمەس، بەلكى «ئىنتىزاملىق بىر ئازادلىق ئارمىيەسى» سۈپىتىدە يېتىشتۈرگەن ئىدى.
بۇ نۇقتا بۈگۈنكى ئۇيغۇر سىياسىي ئېڭى ئۈچۈن تۆۋەندىكى مەشئەللەرنى ياقىدۇ:
1 – ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈكنى قوغداش ئىنتايىن مۇھىم. خىتاي بىزنى دۇنياغا «تېررورچى» قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن مىلياردلىغان دوللار پۇل خەرجلىمەكتە. بىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قورالىمىز، بىزنىڭ ئەخلاقىي سەۋىيە ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇ يالغان تەشۋىقاتىنى پاچاقلاپ تاشلىشىمىزدۇر. بىز خىتاينىڭ زۇلمىنى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭ رەزىل قىرغىنچىلىق ئۇسۇللىرىنى تەكرارلىساق، سىياسىي جەھەتتە خىتاينىڭ تۇزىقىغا چۈشكەن بولىمىز.
2 – دەۋانىڭ سالاھىيىتىنى ئېنىق بەلگىلەش كېرەك. بىزنىڭ كۈرىشىمىز نوقۇل بىر «ئىنتىقام ئۇرۇشى»مۇ؟ ياكى دۇنيادىكى بارلىق ھەققانىي كۈچلەر قوللىيالايدىغان «ئادالەت ۋە ئازادلىق كۈرىشى»مۇ؟ سالامەت ھاشىم بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى، بىزمۇ شەرقىي تۈركىستانغا خاس ئۆزگىچە «ئۇرۇش ئەخلاقى» پىرىنسىپىمىزنى بەرپا قىلالىشىمىز، ئەسلىدە بىزنىڭ سىياسىي جەھەتتە پىشقانلىقىمىزنىڭ نامايەندىسى بولىدۇ.
3 – دۈشمەننىڭ تەشۋىقاتىغا پۇرسەت ۋە كوزىر بەرمەسلىك لازىم. سىياسىي غەلىبە دۈشمەننىڭ سىزگە قارا چاپلاش پۇرسىتىنى قولىدىن تارتىۋېلىش ۋە يوقىتىش دېمەكتۇر. مورو مۇجاھىدلىرىنىڭ پۇقرالارغا تەگمەسلىك پىرىنسىپى، فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنى خەلقئارادا يالغۇز قالدۇردى. بىزنىڭ ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتىمىزنىڭمۇ خىتايغا «تەشۋىقات ماتېرىيالى» بولۇپ قالماسلىقىغا ئىنتايىن سەزگۈر قارىشىمىز لازىم.
ھەرقانداق بىر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى سىرتقى ياردەمگە (مەيلى مالىيە، مەيلى قورال ياكى ئىنسان كۈچى بولسۇن) ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئەمما سىرتقى ياردەم ئىككى بىسلىق پىچاققا ئوخشايدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن سىزنى كۈچلەندۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن سىزنىڭ مىللىي دەۋايىڭىزنىڭ «مۇستەقىللىقى»نى بوغۇپ قويۇشى، سىزنى سىرتقى كۈچلەرنىڭ قورچىقىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.
1990 – يىللاردا مىندانائو تۇپراقلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى، بولۇپمۇ ئەرەب ئەللىرى، پاكىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن «پىدائىيلار»نىڭ جەلپ قىلىش مەركىزىگە ئايلانغان ئىدى. بۇ يەردە سالامەت ھاشىم بىلەن ئابدۇرازاق جانجالانى (ئەبۇ سەيياپ) ئوتتۇرىسىدا ئىنقىلابنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان چوڭ بىر ئىستراتېگىيەلىك زىددىيەت مەۋجۇت ئىدى.
ئابدۇرازاق جانجالانى چەتئەلدىن كەلگەن پىدائىيلارنى ۋە مالىيە ياردەملىرىنى ھېچقانداق سىياسىي سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزمەستىن قوبۇل قىلاتتى. ئۇ چەتئەلدىن كەلگەنلەرگە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل لاگېر قۇرۇش، ئۆز ئالدىغا قوماندانلىق قىلىش ۋە ئۆز ئىدىيەسىنى (رادىكال تەكفىرچىلىكنى) يايىدىغان پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەرگەن ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئەبۇ سەيياپ گۇرۇھى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مورونىڭ مىللىي ئازادلىق نىشانىدىن يىراقلىشىپ، «ئەل-قائىدە»نىڭ فىلىپپىندىكى شۆبىسىگە ئايلىنىپ قالدى. رامزى يۇسېف ۋە خالىد شەيخ مۇھەممەدكە ئوخشاش خەلقئارالىق شەخسلەر بۇ لاگېرلاردا ئۆزلىرىنىڭ مورو خەلقى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان «يەرشارىۋى كۈنتەرتىپى»نى ئىشقا سېلىشقا باشلىغان ئىدى. مورو دەۋاسى خەلقئارانىڭ نەزىرىدە «كىملىك ئوغرىلىقى»غا دۇچ كەلگەن ئىدى. يەنى مىللىي ئازادلىق كۈرىشى تېررورلۇق ئويۇنلىرىنىڭ قورالىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
سالامەت ھاشىم بولسا، سىياسىي سەزگۈرلۈكى بىلەن سىرتقى ياردەمنىڭ خەتىرىنى ئالدىن كۆرۈپ، مورو تۇپراقلىرىدا «مىللىي ئىگىلىك ھوقۇق»نى قوغداش ئۈچۈن قاتتىق بىر سىستېما ۋە پىرىنسىپنى يولغا قويدى. چەتئەللىك مۇجاھىدلارنىڭ مۇستەقىل كاتىبا (ئەترەت) قۇرۇشىنى چەكلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويدى. سالامەت ھاشىم چەتئەللىك پىدائىيلارنىڭ مۇستەقىل كاتىبا قۇرۇشىغا، ئايرىم، مۇستەقىل قىسىم بولۇپ تەشكىللىنىشىگە قەتئىي يول قويمىدى. كەلگەن پىدائىيلارنى 2-3 كىشىدىن قىلىپ مورو ئىسلام ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ يەرلىك ئەترەتلىرىگە تارقاقلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى ئىشقا سالدى. ئۇلارنىڭ مورو قوماندانلىرىغا بويسۇنۇشىنى، بىرىنچى بولۇپ مورونىڭ ئازادلىقىدىن ئىبارەت ھەم ئىسلامىي ھەم مىللىي نىشانغا، شۇنداقلا مورو مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشىنى ۋە سىرتقى رادىكال ئىدىيەلەرنىڭ لاگېر ئىچىدە بىر گۇرۇھ بولۇپ ئۇيۇشۇپ، ئىدىيەۋى بۆلۈنۈشلەرنى پەيدا قىلىشىنىڭ مۇتلەق ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلغان ئىدى.
سالامەت ھاشىم چەتئەللىك پىدائىيلارغا داۋاملىق: «بىزنىڭ جان بېرىدىغان، ئوق ئاتىدىغان مۇجاھىدلىرىمىز يېتەرلىك. سىلەر بىزگە قورال-ياراق، تېخنىكا، تىببىي ياردەم، ئىقتىساد، مائارىپ، تاراتقۇ ۋە خەلقئارا دىپلوماتىيە جەھەتتە ياردەم بەرسەڭلار ئەڭ ياخشى» دەيتتى. ئۇنىڭ مەقسىتى، سىرتقى كۈچنى مىللىي ھەرىكەتنىڭ «ئەقلىي ۋە ماددىي قۇۋۋىتى»نى ئاشۇرۇشقىلا ئىشلىتىش ئىدى. شۇڭا سىرتتىن كەلگەن ھېچقانداق شەخس ياكى كۈچنىڭ مورو ئىنقىلابىنىڭ سىياسىي قارارلىرىغا ئارىلىشىش ھوقۇقى يوق ئىدى. سالامەت ھاشىم: «مورو تۇپراقلىرىنىڭ تەقدىرىنى پەقەت مورو خەلقى بەلگىلەيدۇ، چەتئەللىك مۇجاھىدلار بىر پاي ئوقنىمۇ يەرلىك قوماندانلارنىڭ رۇخسىتىسىز ئاتماسلىقى لازىم» دېگەن پىرىنسىپتا چىڭ تۇراتتى.
بۇ نۇقتىمۇ بۈگۈنكى ئۇيغۇر رېئاللىقى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر يول خەرىتىسى سىزىپ بېرىدۇ:
1 – ياشلارنىڭ مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقى تونۇشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش تولىمۇ مۇھىم. بۈگۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەمەلىي ئۇرۇشلاردا ھەربىي تەجرىبە ئىگىلىگەن ئۇيغۇر مۇجاھىدلىرىمىز مىللەتنىڭ «ئىستراتېگىيەلىك زاپىسى»دۇر. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ تەجرىبىسىنى سىرتقى گۇرۇپپىلارنىڭ نىشانى ئۈچۈن قۇربان قىلماسلىق، بەلكى ئۇلارنى مەركەزلىك بىر «شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق ئىستراتېگىيەسى» ئەتراپىدا ئۇيۇشتۇرۇش تولىمۇ مۇھىم. بىز ياشلىرىمىزنى باشقىلارنىڭ ئۇرۇشىنىڭ «ئوقى» ئەمەس، ئۇيغۇر دۆلەتچىلىكىنىڭ پىشقان «ئوفىتسېرلىرى» قاتارىدا كۆرۈشىمىز ۋە شۇ رولىنى جارى قىلدۇرالىشىمىز لازىم.
2 – دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىدىن ئىلگىرى دەۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاش لازىم. ھەرقانداق سىرتقى ياردەم (مالىيە ياكى سىياسىي قوللاش) دەۋايىمىزنىڭ قارارلىرىغا ئارىلىشىدىغان بىر «بۇيرۇق»قا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا قارار چىقىرىش ھوقۇقى پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگىلا تەۋە بولىدىغان بىر «سىياسىي سۈزگۈچ» ھازىرلىنىشى شەرت. باشقىلارنىڭ مەبلىغىگە تايىنىپ، باشقىلارنىڭ كۈنتەرتىپىگە خىزمەت قىلىش ئازادلىق ئەمەس، قۇللۇقنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن يەنە بىر نۇسخىسىدۇر.
3 – تېخنىكا ۋە ئەقىل كاپىتالىغا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. بىزگە پەقەت جەسارەتلا ئەمەس، بەلكى زامانىۋى ئۇرۇش تېخنىكىسى، ئىنتېرنېت، كومپيۇتېر سىستېمىسى ۋە رەقەملىك دۇنيانىڭ بوشلۇقلىرى، خەلقئارا قانۇن ۋە دىپلوماتىيە تەجرىبىسى تولىمۇ زۆرۈر. سىرتقى ھەمكارلىقلارنى مىللەتنىڭ مۇشۇ ساھەلەردىكى كەمچىللىكلىرىنى تولۇقلاشقا ئىشلىتىش، سالامەت ھاشىمدىن ئۆگىنىدىغان ئەڭ چوڭ سىياسىي دەرسىمىزدۇر.
ئىپىل قىرغىنچىلىقى، ھېسسىياتقا تايانغان ئىنتىقام ۋە دۈشمەننىڭ تەشۋىقات تۇزىقى
1995 – يىلى 4-ئاپرېل كۈنى، مىندانائونىڭ زامبوئاڭگا رايونىدىكى تىنچ بازار «ئىپىل» (Ipil) تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر پاجىئەگە شاھىت بولدى. ئەبۇ سەيياپ گۇرۇھىنىڭ 200 دەك قوراللىق ئەزاسى بازارغا بېسىپ كىرىپ، يەتتە بانكىنى بۇلىدى، بازار مەركىزىگە ئوت قويدى ۋە قېچىش جەريانىدا 53 نەپەر بىگۇناھ پۇقرانى، جۈملىدىن ئاياللار ۋە كىچىك بالىلارنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈردى. بۇ ۋەقە سىياسىي ئانالىز تىلىدا بىر «ئازادلىق ئۇرۇشى ھەرىكىتى» ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنىڭ ئازادلىق غايىسىنى سىياسىي جەھەتتىن ئۆلۈمگە ئىتتىرگەنلىك بولغان ئىدى.
فىلىپپىن ھۆكۈمىتى يىللاردىن بېرى مورو ئازادلىق ھەرىكىتىنى دۇنياغا «تېررورلۇق» سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە تىرىشىپ كېلىۋاتاتتى، ئەمما سالامەت ھاشىمنىڭ پولاتتەك ئىنتىزامى دۈشمەنگە بۇ پۇرسەتنى بەرمىگەن ئىدى. «ئىپىل قىرغىنچىلىقى» فىلىپپىن ھۆكۈمىتىگە ئالەمچە بىر تەشۋىقات پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. فىلىپپىن تاراتقۇلىرى دۇنياغا: «مانا قاراڭلار، بىز ئازادلىق جەڭچىلىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى بانكا بۇلايدىغان، پۇقرالارنى قىرغىن قىلىدىغان قاتىللار بىلەن ئۇرۇشىۋاتىمىز!» دەپ جار سېلىشقا باشلىدى. بىر كۈننىڭ ئىچىدە، مورو خەلقىنىڭ خەلقئارادىكى 20 يىللىق ھەققانىي ئوبرازى، دۇنيانىڭ نەزىرىدە «توپىلاڭچى قاراقچى، جىنايەتچى، تېررورچى» دەپ ئەيىبلىنىش پاتقىقىغا پاتتى. دۈشمەن بۇ ۋەقەنى باھانە قىلىپ، خەلقئارالىق ياردەملەرنى توستى ۋە مورو تۇپراقلىرىغا قىلغان ھەربىي ھۇجۇملىرىنى ئاقلىيالىدى.
بۇ ۋەقەنىڭ ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق تەرىپى، مورو ئىنقىلابىنىڭ ئىچىدىكى بەزى ھېسسىياتچان ياش قوماندانلارنىڭ ئەبۇ سەيياپنىڭ بۇ بەسىرەتسىزلىكىنى «باتۇرلۇق» دەپ سۈپەتلىشى بولدى. خەۋەر «ئەبۇ بەكىر لاگېرى»غا يېتىپ كەلگەندە، بەزى ياشلار: «ئۇستاز، ئۇلار دۈشمەننىڭ يۈرىكىگە قورقۇنچ سالدى، بانكىنى بۇلاپ غەنىمەت ئالدى، بىزمۇ شۇنداق قىلساق بولمامدۇ؟» دەپ سوراشقا باشلىدى.
بۇ بىر ساغلام ئازادلىق ھەرىكىتى ئىچىدە يامرىشى خەتەرلىك ۋىرۇس ۋە نىھىلىستىك ئىنتىقامچىلىق ئىدى. ياشلار سىياسىي غايە بىلەن شەخسىي ھېسسىياتنى ئارىلاشتۇرۇپ قويماقتا ئىدى. ئۇلار دۈشمەنگە زىيان يەتكۈزۈش بىلەن دۈشمەننىڭ سىياسىي تۇزىقىغا چۈشۈش ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كۆرەلمىگەن ئىدى.
سالامەت ھاشىم بۇ ئەھۋالدا بىر ئازادلىق رەھبىرىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى نامايان قىلدى. ئۇ ياشلارنىڭ ھېسسىياتىغا ھاي بېرىپ، قاتتىق ئاگاھلاندۇردى. ئۇنىڭ: «ئىپىلدا قىلىنغىنى جىھاد ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىمىزگە سانچىلغان پىچاق!» دېگەن سۆزى، مورو ئىسلام ئازادلىق ھەرىكىتىنى سىياسىي ھالاكەتتىن ساقلاپ قالغان بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى. ئۇ: «بىر ئىنقىلاب دۈشمەننىڭ رەزىل ئۇسۇللىرىنى ئوخشاش تەكرارلىسا، ئۇ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى بولۇشتىن قېلىپ، ئادەتتىكى بىر قاراقچىلار شايكىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ» دېگەننى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇ پاجىئە بۈگۈنكى ئۇيغۇر سىياسىي رەھبەرلىرى ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك جىددىي مەشئەللەرنى ياقىدۇ:
1 – دۈشمەننىڭ نېمىنى كۈتىۋاتقانلىقىنى بىلىش سەزگۈرلۈكى تولىمۇ مۇھىم. خىتاي بۈگۈن بىزنىڭ بىرەر «ئىپىل ۋەقەسى»نى سادىر قىلىشىمىزغا تەشنا. بىزنىڭ ھەر بىر خاتالىقىمىز خىتاي ئۈچۈن بىزنى دۇنيادا يېتىم قالدۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى كوزۇرىغا ئايلىنىدۇ. بىزنىڭ «باتۇرلۇق» دەپ قارىغان ھەرىكەتلىرىمىز، سىياسىي جەھەتتە خىتايغا ئۆز قولىمىز بىلەن تۇتۇپ بەرگەن «ئۆلۈم پىچىقى» بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.
2 – ھېسسىياتنى سىياسەتنىڭ قورالى قىلىش، سىياسەتنى ھېسسىياتنىڭ قۇربانى قىلماسلىق لازىم. ئۆچمەنلىك بىر موتورغا ئوخشايدۇ، ئۇ بىزنى مىڭ كىلومېتىر ئۇزاقلارغا ئېلىپ بارالايدۇ، ئەمما ئۇنىڭدا بىر «رول» (سىياسىي ئاڭ) بولۇشى تولىمۇ زۆرۈر. ئەگەر رول بولمىسا، موتور سىزنى بىرىنچى قەدەمدىلا تاشقا ئاپىرىپ سوقۇپ، ئەمگەكلىرىڭىزنى نابۇت قىلىشى مۇمكىن. ياشلىرىمىزنىڭ ئىنتىقام تۇيغۇسىنى سوغۇققان بىر مىللىي ئىستراتېگىيەگە بويسۇندۇرۇش، رەھبەرلىكنىڭ ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيىتىدۇر.
3 – ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈكىمىز بىزنىڭ خەلقئارالىق قورالىمىزدۇر. بىزنىڭ خىتايدىن پەرقىمىز پەقەت ئىرق ياكى تىلدا ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئادالەت ۋە ئەخلاق قارىشىمىزدا بولۇشى كېرەك. خىتاينىڭ پۇقرالارنى قىرغىن قىلىشى بىر زۇلۇم، بىزنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىمىز بىر «سىياسىي ئۆز-ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش»تىن ئىبارەتتۇر. بىزنىڭ ئىسلامىي جىھاد ئەخلاقىمىز خەلقئارا جەمئىيەتتىكى كۈچلۈك «ۋىزا»مىز ھېسابلىنىدۇ.
مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىدە رەھبەرنىڭ خاراكتېرى ۋە تاللىغان يولى تەشكىلاتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. ئابدۇرازاق جانجالانى مورو دەۋاسىدىكى «ھېسسىياتلىق رادىكاللىق»نىڭ سىمۋولى ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ 1998-يىلىدىكى ئۆلۈمى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى جەريان، سىستېمىسىز بىر قوراللىق گۇرۇھنىڭ قانداق قىلىپ تېزلا «جاڭگال قاراقچىلىرى»غا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا نامايان قىلدى.
1998 – يىلى 18-دېكابىر كۈنى، ئابدۇرازاق جانجالانى فىلىپپىننىڭ باسىلان (Basilan) ئارىلىدىكى بىر قېتىملىق ئادەتتىكى بىر ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا، فىلىپپىن ساقچى قىسىملىرى بىلەن يۈز بەرگەن تۇيۇقسىز توقۇنۇشتا ئۆلتۈرۈلدى. جانجالانى تەشكىلاتنى بىر سىستېمىلىق ئورگان سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ شەخسىي ئوبراز-ئىناۋىتى ئەتراپىغا ۋە جاراڭلىق نۇتۇقلىرى ئاساسىغا توپلىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەن «ئەبۇ سەيياپ» گۇرۇھى بىر كۈندە «باشسىز جىسىم»غا ئايلىنىپ قالدى. چۈنكى تەشكىلاتنىڭ ئىچىدە مورو ئىسلام ئازادلىق ئارمىيەسىدەك پىشقان بىر سىياسىي بىيۇرو، شۇرا مەجلىسى ياكى ئىزباسار يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى يوق ئىدى. شۇڭا جانجالانىنىڭ ئۆلۈمى تەشكىلاتنىڭ ئىدىيەۋى يادروسىنىڭ يىمىرىلگەنلىكى بولۇپ قالغان ئىدى.
جانجالانى ئۆلگەندىن كېيىن، تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىكى ئۇنىڭ تېخى ياش، تەجرىبىسىز ئىنىسى قادافى جانجالانىنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئەمما قادافىنىڭ ئاكىسىدەك دىنىي ۋە سىياسىي تەسىر كۈچى يوق ئىدى. نەتىجىدە، تەشكىلات ئىچىدىكى يەرلىك قوماندانلار ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى. ئىدېئولوگىيەنىڭ ئورنىنى پۇل ئالدى. ئىلگىرى «مورو ئازادلىقى» ئۈچۈن جەڭ قىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدىغان جەڭچىلەر، ئەمدى نوقۇل ھالدا مالىيە مەنبەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ قاچىدىغان، ئادەم بېشىغا پۇل تەلەپ قىلىدىغان فىديەچى ھايانكەشلەرگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
2000 – يىلىدىكى سىپادان (Sipadan) ۋەقەسىدە، ئەبۇ سەيياپ گۇرۇپپىسى ئەزالىرى مالايسىيادىكى بىر ساياھەت ئارىلىدىن 21 ئادەمنى ئېلىپ قاچتى. بۇ ۋەقە مورو دەۋاسىنى دۇنيانىڭ نەزىرىدە تېخىمۇ سېسىتتى. ئۇنىڭ جەڭچىلىرى ئۆزلىرىنى «ئازادلىق جەڭچىسى» ئەمەس، بەلكى «پۇل ئۈچۈن ئىنسان ئېلىپ قاچىدىغان ھايانكەشلەر ھەرىكىتى» سۈپىتىدە نامايان قىلىشقا باشلىدى. نىشاندىكى بۇ قايمۇقۇش ئەمدىلىكتە ئۇلارنى فىلىپپىن ئارمىيەسى بىلەن ئەمەس، بەلكى پۇلدار خىرىستىيانلار، چەتئەللىك مۇخبىرلار ۋە ھەتتا يەرلىك مۇسۇللمان سودىگەرلەر بىلەن «ئۇرۇشىدىغان» ھالغا كەلتۈرۈپ قويغان ئىدى. بۇ، مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆلگەنلىكىنىڭ، ئۇنىڭ ئورنىنى بىر «مافىيە تېررورلۇقى»نىڭ ئالغانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئىدى.
ئابدۇرازاق جانجالانىنىڭ قوشۇنى تېزلا باسىلان، سۇلۇ (Sulu) ۋە تاشقى ئاراللار دەپ بىر-بىرىگە بويسۇنمايدىغان بىر قانچە كىچىك گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ كەتتى. ھەر بىر يەرلىك قوماندان ئۆزىنى «ئەمىر» دەپ جاكارلىغان ئىدى. بۇ پارچىلىنىش فىلىپپىن ئارمىيەسى ئۈچۈن تېپىلماس بىر پۇرسەت بولدى. ئۇلار بۇ كىچىك گۇرۇپپىلارنى بىر-بىرلەپ يوقىتىشقا، بىر قىسمىنى پۇل بىلەن سېتىۋېلىشقا باشلىدى.
بۇنىڭ ئەكسىچە، سالامەت ھاشىم 2003-يىلى ۋاپات بولغاندا، مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتىدا ھېچقانداق قالايمىقانچىلىق چىقمىدى. چۈنكى سالامەت ھاشىم ئۆلۈشتىن بۇرۇن مۇكەممەل بىر دۆلەتچىلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىپ بەرگەن ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ مۇئاۋىنى ھاجى مۇرات ئىبراھىم ھېچقانداق تالاش-تارتىشسىز رەھبەرلىككە ۋارىسلىق قىلدى ۋە دەۋانىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىنى زەررىچە ئۆزگەرتمەي، ئىسلامىي جىھاد چۈشەنچىسىدىن قىلچىمۇ ۋاز كەچمەي كۈرەشنى داۋاملاشتۇردى.
جانجالانىنىڭ ئۆلۈمى ۋە تەشكىلاتىنىڭ قاراقچىلىشىپ كېتىشى بۈگۈنكى ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئۈچۈن ئۈچ چوڭ سىياسىي ئاگاھلاندۇرۇشنى بېرىدۇ:
1 – شەخسكە ئەمەس، سىستېمىغا تايىنىش ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر بىر ھەرىكەت پەقەت بىرلا رەھبەرنىڭ نۇتۇقلىرى ۋە خۇسۇسىي ئوبرازىغىلا باغلانغان تەقدىردە، شۇ رەھبەر يوقالغان كۈنى ھەرىكەتمۇ تەڭ يوقىلىدۇ. بىزنىڭ نىشانىمىز، رەھبەرلەر ئالماشسىمۇ تەۋرەنمەي داۋاملىشىدىغان، ئىزباسارلار سىستېمىلىق يېتىشىدىغان بىر «زېمىنسىز دۆلەت ئورگىنى سىستېمىسىنى» بەرپا قىلىش بولۇشى كېرەك.
2 – نىشاندىن قېيىشتىن ھەزەر ئەيلەش لازىم. ماددىي قىيىنچىلىق ياكى سىياسىي بېسىم سەۋەبىدىن، مىللىي نىشاننى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، نوقۇل ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن باشقا كۈچلەرنىڭ قورالىغا ئايلىنىش ياكى نىھىلىستىك ئىنتىقام ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ھەقىقىي ئۆلۈمىدۇر. ئازادلىق جەڭچىسى بىلەن جاڭگال قاراقچىسى ئوتتۇرىسىدىكى سىزىق بىزنىڭ «سىياسىي پىرىنسىپىمىز» بولۇشى لازىم.
3 – پاكلىقنى قوغداش جەسارىتى ئىنتايىن مۇھىم. سالامەت ھاشىمنىڭ ئەبۇ سەيياپ بىلەن ئۆز ۋاقتىدىلا چەك-چېگرا ئايرىشىنىڭ نەقەدەر توغرا بولغانلىقى، جانجالانى ئۆلگەندىن كېيىن تېخىمۇ ئېنىق بولدى. ئەگەر سالامەت ھاشىم ئۇلار بىلەن بىرلەشكەن بولسا، ئەبۇ سەيياپنىڭ «بانكا بۇلاش» ۋە «ئادەم ئېلىپ قېچىش» جىنايەتلىرى بۈگۈن پۈتۈن مورو خەلقىنىڭ پېشانىسىگە «تېررورچى» دەپ تامغا بېسىلىشىغا سەۋەب بولاتتى. بىز مىللىي مەنپەئەتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن، خاتالاشقان ۋە نىشاندىن قايغانلار بىلەن سىياسىي جەھەتتە جۇدا بولۇشقا جۇرئەت قىلالايدىغان سىياسىي سەزگۈرلۈككە ئىگە بولالىشىمىز كېرەك.
مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىدە كۆپىنچە «دۈشمىنىمىز بىر، شۇڭا بىز بىرلىشىشىمىز كېرەك» دېگەن شۇئار ئاستىدا، خاتالىقلارغا كۆز يۇمۇلىدىغان بىر ئەھۋال مەۋجۇت. ئەمما سالامەت ھاشىم بىر سىياسىي داھى سۈپىتىدە شۇنى بىلەتتىكى، ئەگەر بىر ھەرىكەت ئۆز ئىچىدىكى زەھەرلىك ئېلېمېنتلارنى كېسىپ تاشلىيالمىسا، ئۇ زەھەر ئاخىرىدا پۈتۈن مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى چىرىتىپ تاشلايدۇ.
ئىپىل قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن، مورو جەمئىيىتىدە ۋە جەڭچىلەر ئارىسىدا: «ئۇلارمۇ بىزنىڭ قېرىندىشىمىز، فىلىپپىنغا قارشى بىر سەپتە تۇرايلى، سىرتقا ئۆز ئارا زىددىيەتنى ئاشكارىلىمايلى» دەيدىغانلار چىققان ئىدى. ئەمما سالامەت ھاشىم بۇ خىل «يالغان ئىتتىپاقلىق»نىڭ ئەمەلىيەتتە مورو دەۋاسى ئۈچۈن بىر «ئۆلۈم قاپقىنى» ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە، ئەبۇ سەيياپ گۇرۇھى فىلىپپىنغا قارشى جەڭ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قوللانغان ئۇسۇللىرى (پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش، بانكا بۇلاش) مورو ئازادلىق فىرونتىنىڭ 20 يىللىق سىياسىي پىلانى ۋە مىراسىنى، شۇنداقلا خەلقئارالىق قانۇنىي سالاھىيىتىنى ۋەيران قىلاتتى. سالامەت ھاشىم بىر سىياسىي ئوپېراتسىيەچىدەك سوغۇققانلىق بىلەن قارار چىقاردى. «بەدەندىكى راكنى كېسىپ تاشلىماي تۇرۇپ، بەدەننى ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ» دېگەن قارارغا كەلدى.
سالامەت ھاشىم پەقەت نۇتۇق سۆزلەپلا قالماي، ئىنتايىن قەتئىي بولغان «ئىچكى تازىلاش»نى باشلىدى. ئۇ مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتىنىڭ بارلىق قىسىملىرىغا، جۈملىدىن ئەبۇ بەكىر لاگېرىدىكى قوماندانلارغا تۆۋەندىكىدەك قاتتىق بۇيرۇقلارنى چۈشۈردى:
ئۈزۈل-كېسىل ئالاقىنى ئۈزۈش. ئەبۇ سەيياپ گۇرۇھى بىلەن ھېچقانداق ھەربىي، مالىيە ياكى ئىستىخبارات ھەمكارلىقى ئورناتماسلىق.
مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا ئەبۇ سەيياپ ئەزالىرىنىڭ كىرىشىنى چەكلەش ۋە ئۇ يەردە پاناھلىنىشىنى قەتئىي مەنئى قىلىش.
تەشكىلات ئىچىدە ئەبۇ سەيياپنىڭ رادىكال، نىھىلىستىك ئىدىيەلىرىنى تەرغىب قىلغانلارنى دەرھال چىقىرىپ تاشلاش.
بۇ قارارلار مورو ئىنقىلابىنى ئىككىگە بۆلۈۋەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە مورو دەۋاسىنىڭ «ساغلام گەۋدىسى»نى توپىلاڭچىلىق ۋىرۇسىدىن ساقلاپ قالدى. بۇ ئارقىلىق سالامەت ھاشىم دۇنياغا مۇنداق بىر سىگنال بەردى:
«بىز ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر مىللىي ئازادلىق ئارمىيەسى. بىز قاتىللار ۋە قاراقچىلار بىلەن بىر يولدا ئەمەس.»
بۇ خىل سىياسىي جەسارەت ھەر قانداق بىر رەھبەرنىڭ قىممىتىنى بەلگىلەيدۇ. بۇ يالغۇز كۆپچىلىك ياقتۇرىدىغان سۆزلەرنى قىلىش ئەمەس، بەلكى مىللەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتى ئۈچۈن ئاچچىق قارارلارنىمۇ چىقىرالايدىغان بولۇش دېمەكتۇر. سالامەت ھاشىم ئەبۇ سەيياپنى ئەيىبلەش ۋە ئۇلار بىلەن چەك-چېگرانى ئايرىش ئارقىلىق، بەلكىم بىر قىسىم رادىكال ياشلارنىڭ قوللىشىدىن قۇرۇق قالغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇ مورو خەلقىنىڭ پۈتۈن بىر سىياسىي كەلگۈسىنى ساقلاپ قالدى. ئۇ مورو دەۋاسىنى دۇنيانىڭ تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرىپ قېلىشىدىن شۇنداقلا يەر شارى خاراكتېرلىك ھەربىي زەربە ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىن قوغداپ قالدى.
بۇ سىياسىي ئوپېراتسىيە بۈگۈنكى ئۇيغۇر رېئاللىقى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك دەرسلەرنى سۇنىدۇ:
1 – پاكلىق كۈچنىڭ مەنبەسىدۇر. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى خەلقئارا جەمئىيەتتە ئورۇن ئېلىش ئۈچۈن، ئۆزىمىزنىڭ «پاك» ۋە «ھەققانىي» ئىكەنلىكىمىزنى ھەر بىر ھەرىكىتىمىزدە ئىسپاتلىشىمىز شەرت. بىزنىڭ ئىچىمىزدىن چىققان، مىللىي مەنپەئەتىمىزگە زىيان سالىدىغان، بىزنى دۇنيادا يېتىم قالدۇرىدىغان خاتا يوللارغا «ياق» دېيىش، بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىز ئەمەس، بەلكى سىياسىي جەھەتتە پىشقانلىقىمىزنىڭ ئىپادىسىدۇر.
2 – خاتالىقنى يوشۇرماسلىق لازىم. «خەق ئاڭلىسا نېمە دەيدۇ؟» دېگەن قورقۇنچ بىلەن ئىچىمىزدىكى زىيانلىق ئېلېمېنتلارغا كۆز يۇمساق، خىتاي بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ پۈتۈن مىللەتنى قارىلايدۇ. سالامەت ھاشىم بىزگە شۇنى ئۆگەتتىكى، خاتالىقنى ئۆزىمىز بايقىساق ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئارىمىزغا چەك تارتساق، بىزنىڭ سىياسىي ئابرويىمىز ئاشىدۇ.
3 – ئىستراتېگىيەلىك سۈزگۈچ تۇرغۇزۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي نىشانىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، دەۋانىڭ ئىناۋىتىنى چۈشۈرىدىغان ھەر قانداق سۆز-ھەرىكەت بىلەن ئارىسىغا ئېنىق سىياسىي سىزىق تارتىشى كېرەك. بىزنىڭ بىرلىكىمىز ئىسلامنىڭ ئەخلاقىي پىرىنسىپى ئۈستىگە قۇرۇلغان بىرلىك بولۇشى لازىم. نوقۇل ھالدا ساننى كۆپەيتىشنىلا نىشان قىلغان «قالايمىقان بىرلىك» كە ئايلىنمىپ قالماسلىقى كېرەك.
(داۋامى بار…)
قىسسىدىن ئۇيغۇرلارغا ھىسسە: 14-بۆلۈمدىن روھىمىزغا يېقىلىدىغان ئالتە ئىستراتېگىيەلىك مەشئەل
مورو ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىسى بىزگە شۇنى كۆرسەتتى: ئابدۇرازاق جانجالانى ئۆلدى، ئۇنىڭ سىستېمىسىز، نوقۇل ھېسسىيات ۋە پۇلغا تايانغان تەشكىلاتى دەرھال پارچىلىنىپ، «جاڭگال قاراقچىلىرى»غا ئايلىنىپ كەتتى. ئەمما سالامەت ھاشىم ۋاپات بولغان بولسىمۇ، ئۇ بەرپا قىلغان «سىستېمىلىق دۆلەت قۇرۇلمىسى» ياشىدى ۋە ئاخىرىدا مورو خەلقىنى غەلىبىگە ئېلىپ باردى.
بۇ جەرياندىن ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئازادلىق يولىنى يورۇتۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئالتە ئىستراتېگىيەلىك مەشئەلنى ئۆزىگە يۆنىلىش قىلىشى كېرەك:
بىرىنچى مەشئەل: «ئىنسان كاپىتالىنى مىللىيلەشتۈرۈش»
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەربىي تەجرىبە توپلىغان، بىلىم ئالغان ياكى سىياسىي ساھەدە يېتىلگەن مۇجاھىدلىرىمىز مىللەتنىڭ ئەڭ قىممەتلىك خەزىنىسىدۇر. سالامەت ھاشىمدىن ئۆگىنىدىغان دەرس شۇكى، بۇ ياشلارنىڭ كۈچىنى باشقىلارنىڭ كۈنتەرتىپى ئۈچۈن قۇربان قىلماسلىق، بەلكى ئۇلارنى مەركەزلىك بىر «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىرادىسى» تەرىپىدىن يېتەكلىنىدىغان زېمىنسىز دۆلەت سىستېمىسىغا بىرىكتۈرۈش شەرت. بىزنىڭ ياشلىرىمىز پەقەت «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىستراتېگىيەسى»نىڭ ئوفىتسېرلىرى بولغاندىلا، ئاندىن خىتايغا ھەقىقىي بېسىم بولالايدۇ.
ئىككىنچى مەشئەل: «ئىنتىقام بىلەن غەلىبىنىڭ پەرقىنى ئايرىش»
ئىنتىقام ئۆتمۈشتىكى ئازابنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئوق چىقىرىشتۇر. غەلىبە كەلگۈسىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئوق ئېتىشتۇر. بىزنىڭ ھەرىكەتلىرىمىز پەقەت خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىكىمىزنى ئىپادىلەپ كۆڭلىمىزنى تىندۇرۇشقىلا خىزمەت قىلسا، بىز سىياسىي جەھەتتە يېتىم قالىمىز. بىزنىڭ ھەر بىر قەدىمىمىز خىتاينى سىياسىي جەھەتتە مەغلۇب قىلىدىغان، خىتاينىڭ دۇنيادىن يەكلىنىشىگە ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئىشەنچىسىدىن مەھرۇم قىلىشىغا يول ئاچىدىغان ئىستىراتىگىيەلىك نۇقتىلىق زەربىلىرىمىز بىلەن دۇنيانىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدىغان سوغۇققان بىر پىلاننىڭ پارچىسى بولۇشى شەرت.
ئۈچۈنچى مەشئەل: «ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈكنى سىياسىي قورالغا ئايلاندۇرۇش»
خىتاي بىزنى دۇنياغا «مەدەنىيەتسىز بۆلگۈنچىلەر، توپىلاڭچىلار ۋە تېررورچىلار» قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئىسلامىي ئەخلاق پىرىنسىپىمىز، بىزنىڭ خەلقئارالىق قانۇنلۇق سالاھىيىتىمىز بولۇشى كېرەك. پۇقرالارغا، بىگۇناھلارغا چېقىلمايدىغان، ئادالەتنى ئاساس قىلغان بىر كۈرەش ئەخلاقىنى نامايان قىلىش، خىتاينىڭ مىلياردلىغان دوللارلىق تەشۋىقاتىنى پاچاقلاپ تاشلايدىغان ئەڭ كۈچلۈك «يۇمشاق كۈچ»ىمىزگە ئايلىنىدۇ.
تۆتىنچى مەشئەل: «سىرتقى ياردەمدە مۇستەقىللىقنى ساقلاش»
ھەرقانداق سىرتقى ھەمكارلىق ياكى ياردەم، پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىگە ئۆزى ساھىبخانلىق قىلىش پىرىنسىپى ئاستىدا بولۇشى كېرەك. باشقىلارنىڭ مەبلىغى ياكى ئىدىيەسىگە تايىنىپ، دەۋانىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنى ۋە مۇستەقىل قارار چىقىرىش ھوقۇقىنى يوقىتىپ قويۇش غەلىبە ئەمەس، بەلكى قۇللۇقنىڭ شەكىل ئۆزگەرتىشىدۇر. بىزنىڭ «سىياسىي سۈزگۈچىمىز» سىرتقى كۈچلەرنىڭ بىزنى قورچاق قىلىۋېلىشىغا يول قوماسلىقى كېرەك.
بەشىنچى مەشئەل: «سىستېمىلىق ئىچكى پاكلىق»
بىزنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىمىز ئۆز ئىچىدىكى زىيانلىق ئېلېمېنتلارغا، مىللىي مەنپەئەتكە زىيان سالىدىغان خاتا يوللارغا شۇنداقلا مىللىتىمىزنىڭ مىڭ يىللىق ئىسلامىي ئوبرازىغا زىيان سالىدىغان ئازغۇن ئېقىملارغا «ياق» دەيدىغان جەسارەتنى نامايان قىلىشى كېرەك. «ئىتتىپاقلىق» نامىدا خاتالىقنى يوشۇرۇش، پۈتۈن مىللەتنىڭ سىياسىي كەلگۈسىنى خەتەرگە ئىتتىرىشتۇر. بزىيانلىق كۈچلەر بىلەن ئارىمىزغا سىياسىي چەك-چېگرا تارتىش، ھەرىكىتىمىزنىڭ پاكلىقىنى ۋە ئۈنۈمىنى قوغداشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر.
ئالتىنچى مەشئەل: «شەخستىن سىستېمىغا ئۆتۈش»
بىزنىڭ نىشانىمىز مەلۇم بىر رەھبەرنىڭ شەخسىي ئىقتىدارىغىلا تايىنىپ قالغان ھەرىكەت ئەمەس، بەلكى رەھبەر ئالماشسىمۇ تەۋرەنمەي داۋاملىشىدىغان بىر «دۆلەت سىستېمىسى» بەرپا قىلىش بولۇشى كېرەك. دۆلەتچىلىك شەخسلەرنىڭ ئوبرازىى بىلەن ئەمەس، سىستېمىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تىكلىنىدۇ. بىز بۈگۈن تەشكىلىي قۇرۇلمىمىزنى، مەمۇرىي ئىقتىدارىمىزنى ۋە كوللېكتىپ قارار چىقىرىش مېخانىزمىمىزنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، كەلگۈسىدىكى دۆلەتچىلىكىمىزنىڭ ئۇلىنى سېلىشىمىز تولىمۇ تەخىرسىز زۆرۈرىيەتتۇر.
خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا، مورو ئىنقىلابىنىڭ 14-قىسمىدىن ئالغان بۇ ساۋاقلار بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇ:
ئازادلىق پەقەت قوراللىق جەڭ ئەمەس، بەلكى بىر سىياسىي ئاڭ ۋە دۆلەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش جېڭىدۇر. سالامەت ھاشىم بىزگە قاراڭغۇلۇقتا يول تاپالايدىغان بىر چىراغ قالدۇرۇپ كەتتى.
ئەمدىكى بىزگە قارىتىلغان سوئال: بىز بۇ مەشئەللەرنى قولىمىزغا ئېلىپ، مىللىي ئازادلىق يولىمىزنى سوغۇققانلىق، ئەخلاق ۋە سىستېمىلىق ئىنتىزام بىلەن يورۇتۇشقا تەييارمۇ؟
بىز «ئەبۇ سەيياپ»تەك ھېسسىيات قاينىمىدا يوقىلىپ كېتەمدۇق ياكى سالامەت ھاشىمدەك «دۆلەت قۇرۇش» مۇساپىسىنى غەلىبىلىك تاماملامدۇق؟ تارىخ بىزنىڭ تاللىشىمىزنى كۈتمەكتە.
15-قىسىم سىستېمىلىشىشنىڭ ئوتلۇق سىنىقى، «ئەبۇ بەكىر لاگېرى» نىڭ يىقىلىشى، نۇر مىسۇئارىنىڭ سىياسىي تراگېدىيەسى ۋە زېمىنسىز دۆلەتنىڭ قايتا تۇغۇلىشى

تارىختا شۇنداق دۇقمۇشلارمۇ ئۇچرايدۇكى، ئۇ چاغدا مىللەتنىڭ بارلىق ماددىي كۈچى ۋە روھىي ئىرادىسى بىر نۇقتىغا يىغىلىپ، دۈشمەننىڭ پۈتۈن ۋەھشىيلىكى بىلەن يۈزلىشىدۇ. مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن «مۇقىم مەركەز» بەرپا قىلىش بىر تەرەپتىن دۆلەتلەشكەنلىكنىڭ سىمۋولى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن دۈشمەن ئۈچۈن يوقىتىش ئاسان بولغان بىر ئوچۇق نىشانغا ئايلىنىدۇ. 2000-يىلى، مورو دەۋاسى ئەنە شۇنداق بىر «ياشاش ياكى يوقىلىش» نىڭ سىناق باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بۇ سىناق بىر تەرەپتىن فىزىكىلىق بومباردىمان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن سىياسىي ئىرادىنىڭ «تەسلىمىيەت» بىلەن «قەيسەرلىك» ئوتتۇرىسىدىكى ئاخىرقى تاللىشى ئىدى.
1998-يىلى فىلىپپىندا بۇرۇنقى كىنو ئارتىسى جوسېف ئېسترادا پىرېزىدېنتلىققا سايلاندى. ئۇ سىياسىي سەھنىگە كىرىشتىن بۇرۇنلا كىنولاردا «قەھرىمان» رولىنى ئويناپ كۆنۈپ قالغان، سىياسىي سوغۇققانلىقتىن بەكرەك پوپۇلىستىك ھېسسىياتقا (ئاممىۋازلىققا، يەنى ئاممىنىڭ ھېسسىياتىنى سۇيىئىتېمال قىلىشقا) تايىنىدىغان بىر شەخس ئىدى. ئېسترادا ئۆزىنىڭ ئىچكى سىياسەتتىكى ئاجىزلىقىنى ۋە چىرىكلىك جېدەللىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، خىرىستىيان ئاممىسىنىڭ «مىللىيەتچىلىك» تۇيغۇسىنى قوزغاشنى تاللىدى. ئۇ مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتى بىلەن بولغان سۆھبەت ئۈستىلىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، 2000-يىلى مارتتا پۈتۈن دۇنياغا: «مورو مەسىلىسىنى بىر قېتىمدىلا ھەربىي كۈچ بىلەن ھەل قىلىمەن» دەپ جاكارلاپ، «ئومۇمىي يۈزلۈك ئۇرۇش» قوزغىدى. ئېسترادانىڭ پىلانى ئاددىي ۋە رەھىمسىز ئىدى:
«مورو مۇجاھىدلىرىنىڭ يۈرىكى، سىياسىي ۋە مەمۇرىي مەركىزى بولغان «ئەبۇ بەكىر سىددىق لاگېرى» نى يەر بىلەن يەكسان قىلىش»
ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن 50 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر، ئايروپىلانلار، تانكىلار ۋە ئېغىر توپچى قىسىملارنى سەپەرۋەر قىلدى. بۇ جەڭ نوقۇل ھالدا ئىككى قوشۇننىڭ ئۇرۇشى ئەمەس، بەلكى بىر دۆلەتنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىشالىيىتى ئاستىدىكى بىر مىللەتنىڭ سىستېمىلىق ئىرادىسىنى يوقىتىش ئۇرۇشى ئىدى. بۇ خۇددى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» نامىدا پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت، ئېتىقاد ۋە سىياسىي ئىرادە سىستېمىسىنى نىشان قىلغان «ئومۇمىي يۈزلۈك باستۇرۇش» سىياسىتىنىڭ جاڭگالدىكى يالىڭاچ نۇسخىسى ئىدى.
مۇشۇنداق بىر جىددىي ۋەزىيەتتە، مورو دەۋاسىدىكى يەنە بىر تىراگېدىيەلىك سىما نۇر مىسۇئارنىڭ سىياسىي قىسمىتىگە قايتا نەزەر سېلىش، بۈگۈنكى دەۋا تاللاشلىرىمىز ئۈچۈن تولىمۇ ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
مورو دەۋاسىنىڭ 2000-يىللاردىكى ئەڭ ئاچچىق سىياسىي ساۋاقلىرىدىن بىرى، دەل نۇر مىسۇئارنىڭ يىمىرىلىشىدۇر. مىسۇئارى 1996-يىلى فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بىلەن «ئۈزۈل-كېسىل تىنچلىق كېلىشىمى» ئىمزالىغاندا، ئۆزىنى مورو خەلقىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى دەپ ھېس قىلغان ۋە مىندانائو مۇسۇلمان ئاپتونوم رايونىنىڭ (ARMM) رەئىسلىك تەختىگە مەغرۇر ئولتۇرغان ئىدى. ئەمما بۇ ھەيۋەتلىك تەخت، ئەمەلىيەتتە دۈشمەن تەرىپىدىن ئىنچىكىلىك بىلەن ياسالغان بىر «ئالتۇن قەپەس» تىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. مىسۇئارى تىنچلىقنىڭ يالغان جىلۋىسى بەدىلىگە، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي كۈچ مەنبەسى بولغان قوراللىق قىسىملىرىنى (MNLF) تارقىتىۋەتتى ۋە مىللەتنىڭ سىستېمىلىق قارشىلىق كۆرسىتىش مېخانىزمىنى دۈشمەن ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي قۇرۇلمىسى ئىچىدە ئېرىتىپ يوقاتتى.
بۇ نۇقتا، شەرقىي تۈركىستان تارىخىدىكى خوجىنىياز ھاجى تراگېدىيەسىنى ئىختىيارسىز ئەسكە سالىدۇ. سېلىشتۇرغىنىمىزدا، زالىملارنىڭ نەيرەڭلىرى ۋە سىياسىي ھالاكەتنىڭ مىڭ يىللارچە ئوخشاش بىر ئەندىزىدە تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. 1934-يىلى، خوجىنىياز ھاجىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يالغان «دوستلۇق» ۋەدىلىرىگە ۋە قانخور شېڭ شىسەينىڭ «تىنچلىق» سۆزلىرىگە ئالدىنىپ، قەشقەردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ۋە ئۈرۈمچىگە بېرىپ «ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى» بولۇشقا قوشۇلغان ئىدى. خوجىنىياز ھاجىمۇ نۇر مىسۇئارىغا ئوخشاشلا، «مەن ھۆكۈمەت ئىچىدە تۇرۇپ مىللەتنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايمەن» دەپ خام خىيال قىلغان، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆزىنىڭ قوراللىق كۈچىدىن ۋە سىستېمىلىق مۇستەقىللىقىدىن ئايرىلىپ، دۈشمەننىڭ ئويۇنچۇقىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
2000-يىلىغا كەلگەندە، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى مىسۇئارنىڭ سىياسىي قىممىتىنىڭ تۈگىگەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. چۈنكى مورو خەلقى مىسۇئارنىڭ «قەغەز ئۈستىدىكى ئاپتونومىيەسى»دىن جاق تويغان بولۇپ، پۈتۈن ئۈمىدى ۋە كۈچى بىلەن سالامەت ھاشىمنىڭ سىستېمىلىق كۈرىشىنى قوللاشقا باشلىغان ئىدى. ھۆكۈمەت مىسۇئارنى بىر «كونا قورال» سۈپىتىدە تاشلىۋېتىشنى پىلانلاپ، ئۇنى رەئىسلىك سايلىمىدىن سىرتتا قالدۇردى. مىسۇئارى ئۆزىنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئالدانغانلىقىنى سېزىپ، 2001-يىلى نويابىردا سۇلۇ ئارىلىدا قايتىدىن قوراللىق قوزغىلاڭ باشلىدى. ئەمما بۇ بىر سىستېمىلىق ئۇرۇش ئەمەس، بەلكى بىر سىياسەتچىنىڭ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدىكى ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھېسسىي قارشىلىقى ئىدى. ئۇنىڭ يېنىدا ئەمدى ئىلگىرىكىدەك ئىنتىزاملىق ئارمىيە يوق، پەقەت ئۇنىڭغا شەخسىي سادىق بولغان تارقاق گۇرۇپپىلارلا قالغان ئىدى.
فىلىپپىن ئارمىيەسى تېزلا بۇ ھەرىكەتنى باستۇردى. مىسۇئار ئۆزى يىللارچە «ھەمكارلاشقان» دۈشمىنىنىڭ تۈرمىسىگە چۈشۈپ قېلىشتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، كېچىلەپ بىر كىچىك كېمە بىلەن مالايسىيانىڭ ساباھ ئۆلكىسىگە قاچتى. مىسۇئارنىڭ مالايسىياغا قېچىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ 1970-ۋە 80-يىللاردىكى دوستلۇق مۇناسىۋەتلىرىگە تايىنىپ، مالايسىيانىڭ ئۆزىنى قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىشى ئىدى. ئەمما ئۇ بىر سىياسىي ھەقىقەتنى ئۇنتۇپ قالغان ئىدى: خەلقئارا سىياسەتتە ئەنئەنىۋى دوستلۇق ئەمەس، دۆلەت مەنپەئەتى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. مالايسىيا ھۆكۈمىتى فىلىپپىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، مىسۇئارنى «قانۇنسىز چېگرادىن كىرگەن» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن قولغا ئالدى. خەلقئارالىق سىياسىي بېسىملار ئاستىدا، مالايسىيا بىر زامانلارنىڭ ئاتاقلىق مۇجاھىدى ۋە سىياسىي «يولۋىسى» نى كىشەنلەپ فىلىپپىنغا قايتۇرۇپ بەردى. مىسۇئار ئۆزى ياشاۋاتقان تۇپراقلاردا بىر قاچقۇنغا، ئاندىن دۈشمىنىگە قايتۇرۇلغان بىر تۇتقۇنغا ئايلاندى. بۇ تەقدىر خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن خىتايغا تۇتۇپ بېرىلىىشى ۋە ئۈرۈمچى تۈرمىسىدە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن تىراگېدىيەسىنىڭ ئەينەن تەكرارلىنىشى ئىدى.
بۇ يەردە كىشىنى قاتتىق ئويغا سالىدىغان بىر سوئال تۇغۇلىدۇ: نۇر مىسۇئار رەئىسلىك سايلىمىدا چەتكە قېقىلىپ، زەھەرلىك ئاپتونومىيە ۋە ئالدامچى تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ قۇربانى بولغانلىقىنى ، (يەنى ئەسلىدە قەپەز ئىچىدىكى يولۋاسقا ئايلانغانلىقىنى) تولۇق چۈشەنگەندىن كېيىن، نېمە ئۈچۈن ئىلگىرى بىر سەپتە تەڭ جىھاد قىلغان ۋە ھازىرمۇ قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش سىستېمىسىنى ساقلاپ قالغان سالامەت ھاشىمغا قوشۇلمىدى؟ نېمە ئۈچۈن سۇلۇ ئارىلىدا ئۆزى يالغۇز، مەغلۇبىيىتى مۇقەررەر بىر تەشكىلات قۇرۇپ، ئۈمىدسىز بىر قارشىلىق يولىنى تاللىدى؟
بۇنىڭ جاۋابى مىسۇئارنىڭ سالامەت ھاشىمغا ئىشەنمىگەنلىكىدە ئەمەس، بەلكى سىياسەتتىكى ئەجەللىك پاتقاق. «سىياسىي ئۆز مەركەزچىلىك» ۋە «سىياسىي نارسسىزم» تۇزىقىغا پاتقانلىقى ئىدى. مىسۇئار ئۆزىنى «دەۋانىڭ دەل ئۆزى» دەپ بىلەتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە مورو دەۋاسى، فىلىپپىن ئىشغالىيەتچى ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇنجى قوراللىق ھەرىكەتنى باشلىغان، زالىمنى سۆھبەت ئۈستىلىگە مەجبۇرلىغان ۋە ئاپتونومىيە كېلىشىمى ئارقىلىق تۇنجى رايون رەئىسلىكىگە سايلانغان ئۆزىنىڭ كاتتا ئوبرازى بىلەنلا مەۋجۇت ئىدى. ئۆزىنى بۇنداق «مۇتلەق داھىي» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈۋالغان شەخسلەر ئۈچۈن ئۆزىدىن ئايرىلىپ چىققان، كېيىن ئۆزىدىن ئېشىپ كەتكەن بىر سەپدىشىنىڭ بايرىقى ئاستىغا قايتا كىرىش، سىياسىي ئۆلۈمدىنمۇ ئېغىر بىر ھاقارەتتەك تۇيۇلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مىسۇئار سىياسىي سارايدا يالغۇز ھاكىم بولۇشقا ئادەتلىنىپ قالغان بولسا، سالامەت ھاشىم جەڭگاھلاردا پىشقان، قاتتىق ئىنتىزاملىق ۋە سىستېمىلىق بىر مەپكۇرە جەڭچىسى ئىدى. مىسۇئار قوشۇلغان تەقدىردىمۇ، سالامەت ھاشىم ئۇنىڭدىن سىستېما ئىچىدىكى «ئادەتتىكى بىر ئەزا» بولۇشنى تەلەپ قىلاتتى. مىسۇئارنىڭ كىبرى ۋە خۇدبىن خاراكتېرى بۇنى قەتئىي كۆتۈرەلمەيتتى. شۇڭا ئۇ ئىسلام ئازادلىق فىرونتى سىستېمىسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ ياشاشتىن كۆرە، ئۆز ئوبرازىنىڭ خارابىلىكلىرى ئىچىدە يوقىلىشنى ئەۋزەل كۆردى.
بۇ نۇقتا بۈگۈنكى ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى ئۈچۈنمۇ بىر ئاگاھلاندۇرۇش مەشئىلىدۇر. دەۋانى شەخسىي ئوبراز ئۈستىگە قۇرغانلار ياكى ئۆزىنى دەۋانىڭ مەركىزى ئوربىتى دەپ ئويلايدىغانلار، ئۆزى يىمىرىلگەندە دەۋانىمۇ تەڭ يوقىتىدۇ. ئەكسىچە، دەۋانى مۇقىم يېتەكچى ئىدىيە ۋە پۇختا سىستېما ئۈستىگە قۇرغانلار، شەخس يوقالسىمۇ، مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرالايدۇ.
نۇر مىسۇئارنىڭ ساباھتا تۇتۇلغانلىق خەۋىرى «ئەبۇ بەكىر لاگېرى» دىكى سالامەت ھاشىمغا يەتكەندە، ئۇ بۇ ئەھۋالنى مورو دەۋاسى ئۈچۈن بىر مەۋجۇتلۇق سىنىقى سۈپىتىدە باھالىدى. سالامەت ھاشىم 1996-يىلى مىسۇئارى تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغاندا ئۇنى ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇپ: «قورالىڭنى تاپشۇرما، دۈشمەن سېنى پەقەت قورالىڭ ۋە كۈچلۈك سىستېماڭ بولغاندىلا ھۆرمەتلەيدۇ» دېگەن ئىدى. سالامەت ھاشىم شۇنى چوڭقۇر بىلەتتىكى، دۈشمەن بىلەن سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن چوقۇم سۆھبەت ئۈستىلىنىڭ ئاستىدا بىر «مۇشت» (قوراللىق كۈچ) بولۇشى شەرت ئىدى. مىسۇئارى تۇتۇلغاندىن كېيىن، سالامەت ھاشىم ئۆز جەڭچىلىرىگە مۇنداق ساۋاق بەردى:
«نۇر مىسۇئارى بىر شەخس سۈپىتىدە خاتالاشقان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ تىراگېدىيەسى بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى، دۈشمەننىڭ ۋەدىسىگە تايانغان ئاپتونومىيە ئۆلۈم قاپقىنىدۇر. مىسۇئارى سىياسىي ساراي سېلىشقا تىرىشتى، ئەمما كۈرەش سىستېمىسىنى قورالسىزلاندۇردى. بىز بولساق بىنالىرىمىزنى يوقاتساقمۇ، سىستېمىمىزنى يوقاتمايمىز. مىسۇئارنىڭ تەقدىرى بىزنىڭ سىستېمىلىق قەيسەرلىكىمىزنىڭ نەقەدەر توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بىر ئاچچىق ساۋاقتۇر»
سالامەت ھاشىم نۇر مىسۇئارنى نوقۇل ئەيىبلەپلا قالمىدى، بەلكى ئۇنى بىر «سىستېمىلىق خاتالىق» نىڭ تىرىك مىسالى سۈپىتىدە كۆرسەتتى. مىسۇئارى دەۋانى «شەخسىي ئوبراز» ئۈستىگە قۇرغان ئىدى، سالامەت ھاشىم بولسا دەۋانى «دۆلەتچىلىك سىستېمىسى» ئۈستىگە قۇرۇپ چىقتى. شۇڭا مىسۇئارى تۇتۇلغاندا ئۇنىڭ تەشكىلاتىمۇ تۈگىدى، ئەمما سالامەت ھاشىمنىڭ سىستېمىسى تېخىمۇ تاۋلاندى. نۇر مىسۇئارنىڭ بىر سىياسىي تىراگېدىيەگە ئايلىنىشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم شۇنى ئەسكەرتىدۇ: ئەگەر بىر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قارشىلىق سىستېمىسىنى يوقىتىپ، پەقەت سىرتقى كۈچنىڭ ئىنساپىغا ياكى دۈشمەننىڭ «بەرگەن» سىياسىي ئورنىغا تايىنىپ قالسا، ئۇنىڭ ئاخىرقى بېكىتى يا قاچقۇنلۇق، يا تۈرمە، ياكى نۇمۇسلۇق ئۆلۈمدۇر.
ئەبۇ بەكىر لاگىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم بىلەن يېمىرىلىشى
2000-يىلى ئىيۇلدا، ئايلارچە داۋاملاشقان ئېغىر بومباردىماندىن كېيىن، فىلىپپىن ئارمىيەسى «ئەبۇ بەكىر لاگېرى» نىڭ مەركىزىگە بېسىپ كىردى. ئېسترادا غەلىبە شوئارلىرىنى توۋلىدى. لاگېرنىڭ مەركىزىدىكى مەسچىتتە ئەسكەرلەر چوشقا گۆشى يەپ، مەسچىتنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ئاياقلار ئاستىغا ئالدى ۋە ھاراق ئىچىپ ئۇسسۇل ئوينىدى. دۇنيا تاراتقۇلىرى، «مورو ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ پايتەختى يىقىلدى، دەۋا ئاخىرلاشتى» دەپ خەۋەر قىلدى.
بۇ ۋەقەنىڭ ئۇيغۇر تارىخىدىكى سېلىشتۇرمىسى خىتاينىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندا مەسچىتلەرنى چېقىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا قاۋاقخانا، چوشقا فېرمىلىرى قۇرغانلىقى بىلەن ئەينەن ئوخشاشلىققا ئىگە. دۈشمەن ھەمىشە سىزنىڭ روھىي مەنبەيىڭىزنى كەمسىتىش ئارقىلىق ئىرادىڭىزنى سۇندۇرماقچى بولىدۇ. ئەمما سالامەت ھاشىم ئېسترادانىڭ سىياسىي ئويۇنىغا كەلمىدى. ئۇ لاگېرنى قوغداش ئۈچۈن پۈتۈن قوشۇننى دۈشمەننىڭ ئېغىر توپلىرىغا قۇربان قىلماستىن، «ئىستراتېگىيەلىك چېكىنىش» قارارىنى چىقاردى. ئۇنىڭ نەزىرىدە، دۆلەت بىر جۇغراپىيەلىك نۇقتا ئەمەس، بەلكى بىر سىستېما ئىدى. لاگېر قولدىن كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما سالامەت ھاشىم يېتىشتۈرگەن قوماندانلار، قۇرۇپ چىققان مەمۇرىي سىستېما ۋە مىليونلىغان خەلقنىڭ ساداقىتى يەنىلا ساقلىنىپ قالغان ئىدى.
سالامەت ھاشىم جاڭگالنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا كىرىپ كەتكەندىن كېيىن مۇنداق بايانات ئېلان قىلدى:
«ئۇلار بىزنىڭ بىنالىرىمىزنى، مەسچىتلىرىمىزنى ۋە يەرلىرىمىزنى ئىشغال قىلالايدۇ، ئەمما بىزنىڭ سىستېمىمىزنى ۋە ئازادلىق روھىمىزنى ھەرگىز ئىشغال قىلالمايدۇ. بىز ھازىر زېمىنسىز بىر دۆلەتمىز، ئەمما بىز ھەر يەردىمىز»
بۇ بايانات سىياسىي بىلىم ساھەسىدە «زېمىنسىز خوجايىنلىق» (Non-territorial Sovereignty) ئۇقۇمىنى بارلىققا كەلتۈردى. سالامەت ھاشىم ئۆز دۆلىتىنى لاگېرنىڭ تېمىدىن خەلقنىڭ يۈرىكىگە كۆچۈردى. فىلىپپىن ئەسكەرلىرىنىڭ مەسچىتلەردە چوشقا گۆشى يېيىش ئارقىلىق قىلغان ھاقارەتلىرى، ئېسترادانىڭ ئويلىغىنىدەك مورو خەلقىنى قورقۇتۇپ بويسۇندۇرالمىدى. ئەكسىچە، بۇ ۋەھشىيلىك مورو خەلقىنىڭ قەلبىدە فىلىپپىن ھۆكۈمىتىگە بولغان نەپرەتنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقاردى. ھەتتا ئوتتۇراھال قاراشتىكى مورو پۇقرالىرىمۇ بۇ ۋەقەدىن كېيىن: «بۇلار بىزنىڭ زېمىنىمىزنىلا ئەمەس، ئېتىقادىمىزنىمۇ يوقاتماقچى، تامامەن ئۆزلىرىگە ئوخشاش كاپىرغا ئايلاندۇرماقچى» دېگەن تونۇشقا كېلىپ، سالامەت ھاشىمنىڭ سىستېمىسىغا يوشۇرۇن ھالدا جان تىكىپ سادىق بولۇشقا باشلىدى.
بۇ بىر «روھىي بۇرۇلۇش» نۇقتىسى ئىدى. دۈشمەن فىزىكىلىق جەڭدە غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، ئەخلاقىي ۋە پىسخىكىلىق جەڭدە پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى. مورو مۇجاھىدلىرى لاگېر قولدىن كەتكەندىن كېيىن، تارقاق ئەترەتلەرگە بۆلۈنۈپ، «زېمىنسىز دۆلەت» نىڭ مەمۇرىي سىستېمىسى بويىچە خەلق بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتتى. دۈشمەن بولسا، زەربە بېرىدىغان بىر «مۇقىم نىشان» تاپالمايدىغان ھالغا كەلدى.
«ئەبۇ بەكىر لاگېرى» نىڭ خارابىلىكلىرى ئۈستىدە تۇرۇپ غەلىبە تەنتەنىسى قىلغان فىلىپپىن ئارمىيەسى، بىر يىلدىن كېيىنلا ئۆزلىرىنىڭ بىر قورقۇنچلىق پاتقاققا پاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. سالامەت ھاشىم بەرپا قىلغان سوتلار، مەكتەپلەر ۋە باج سىستېمىسى ئەمدى جاڭگالدىكى پويىزلاردا، خەلقنىڭ ئۆيلىرىدە ۋە يوشۇرۇن تورلاردا داۋاملىشىۋاتاتتى. مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتىنىڭ قوماندانلىق زەنجىرى زەررىچە ئۈزۈلۈپ قالماستىن تېخىمۇ جانلىق ھالەتكە ئۆتتى. بۇ «سىستېمىلاشقان قارشىلىق» نىڭ كۈچى ئىدى. بىر بىنا يىقىلسا، سىستېما باشقا بىر جايدا قايتا باش كۆتۈرەتتى.
ئېسترادانىڭ مورو مۇجاھىدلىرىغا قارشى ئۇرۇشى فىلىپپىن ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلدى، خەلقئارادا ئوبرازىنى چۈشۈردى، ئەمما مورو دەۋاسىنى يوقىتالمىدى. نەتىجىدە، جوسېف ئېسترادا 2001-يىلى چىرىكلىك ۋە سىياسىي ئاجىزلىق سەۋەبىدىن خەلق قوزغىلىڭى بىلەن تەختتىن چۈشۈرۈلدى. ئەمما سالامەت ھاشىم يەنىلا مورو خەلقىنىڭ قەلبىدىكى ھەقىقىي داھىي سۈپىتىدە كۈرىشىنى داۋاملاشتۇردى. بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شۇنداق بىر ئىستراتېگىيەلىك سىگنال بېرىدۇكى، دۈشمەننىڭ سىستېمىسى سىزنىڭكىدىن چوڭ بولۇشى مۇمكىن، ئەمما سىزنىڭ سىستېمىڭىز دۈشمەننىڭكىدىن «جانلىق» ۋە «چىداملىق» بولالىسىلا، دەۋىر سىزنىڭ غەلىبىڭىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
*** **** **** **** ****
قىسسىدىن ئۇيغۇرلارغا ھىسسە: 15-بۆلۈمدىن روھىمىزغا يېقىلىدىغان ئالتە ئىستراتېگىيەلىك مەشئەل
بىرىنچى مەشئەل: «مۇقىم مەركەز» نىڭ خەتىرى ۋە كۆلەڭگە ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ جانلىقلىقى
سالامەت ھاشىمنىڭ لاگېرى بىر «دۆلەتنىڭ فىزىكىلىق گەۋدىسى» ئىدى، ئەمما دۈشمەن كۈچلۈك بولغاندا، بۇ گەۋدە نۇقتىلىق نىشانغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈنمۇ بىرەر رايون، بىرەر بىنا، بىرەر تەشكىلات ياكى بىرەر شەخسنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن بەكرەك، ھېچكىم يوقىتالمايدىغان «يوشۇرۇن سىستېما» بەرپا قىلىش تولىمۇ مۇھىم. بىز بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىدا فىزىكىلىق لاگېر قۇرالماسلىقىمىز مۇمكىن، ئەمما دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە تۇرۇپ بىر-بىرىمىز بىلەن «سىستېمىلىق باغلىنىش» ئارقىلىق، دۈشمەن زەربە بېرىپ تۈگىتەلمەيدىغان «دىگىتال دۆلەت ۋە روھىي دۆلەت» نى يەنى كۆلەڭگۈ ھۆكۈمەتنى بەرپا قىلايدىغانلىقىمىز ئېنىق ۋە شەرتتۇر.
ئىككىنچى مەشئەل: نۇر مىسۇئارنىڭ تراگېدىيەسى ۋە تەسلىمىيەتنىڭ بەدىلى
دۈشمەننىڭ ئاپتونومىيەسىگە، بەرگەن ئەمەللىرىگە ۋە ۋاقىتلىق مەنپەئەتلىرىگە ئالدىنىپ، ئۆزىمىزنىڭ قارشىلىق كۈچىمىزنى (مەيلى ھەربىي، مەيلى ئىقتىسادىي) قۇربان قىلساق، خۇددى خوجىنىياز ھاجىغا ئوخشاشلا بىزمۇ مىسۇئارىنىڭ تەقدىرىگە دۇچار بولىمىز. خىتاينىڭ بىزگە سۇنغان ھەر قانداق «يېنىكلىتىش» پىلانىنىڭ ئارقىسىدا بىزنى سىستېمىلىق قورالسىزلاندۇرۇش ۋە ئاجىزلاشتۇرۇش مەقسىتى بولىدۇ. كۈچىڭىز بولمىسا، سىياسىي ئۈستەلدە سىزنىڭ سۆزىڭىزنىڭ ھېچقانداق قىممىتى بولمايدۇ. خوجىنىياز ھاجى بىلەن نۇر مىسۇئارىنىڭ ئوخشاش تەقدىرى بىزگە شۇنى ئۆگىتىدۇكى، دۈشمەن پەقەت سىزنى يوقىتىش ئۈچۈنلا سىزگە يالتىراق تەخت ياساپ بېرىدۇ.
ئۈچىنچى مەشئەل: «ئىستراتېگىيەلىك چېكىنىش» بىلەن «مەغلۇبىيەت» نىڭ پەرقى
سالامەت ھاشىم لاگېرنى تاشلاپ چېكىنگەندە، ئۇ مەغلۇپ بولمىدى، بەلكى كۈچنى ساقلاپ قالدى. بىز ئۇيغۇرلارمۇ بەزىدە سىياسىي جەھەتتە بىرەر قەدەم چېكىنىشكە توغرا كەلگەندە، ياكى بىرەر نۇقتىنى يوقاتقاندا، بۇنى «تۈگەشتۈق» دەپ قارىماستىن، كېيىنكى چوڭ زەربە ئۈچۈن كۈچ توپلاش دەپ بىلىشىمىز لازىم. سىياسەت بىر مارافونچە يۈگۈرۈشتۇر، يۈز مېتىرلىق تېز يۈگۈرۈش ئەمەس. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئاخىرقى جەڭدە غەلىبە قىلغان كىشى، ھەقىقىي غەلىبە قىلغۇچىدۇر.
تۆتىنچى مەشئەل: خارلىنىشنى كۈچكە ئايلاندۇرۇش
دۈشمەن بىزنىڭ ئېتىقادىمىزنى خارلىغاندا، قەلبىمىزدىكى ئىماننى ۋە مىللىي كىملىكنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىشىمىز شەرت. خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا مەسچىتلەرنى چېقىپ، چوشقا باققاندا، بىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتىمىز نوقۇل بىر ھېسسىيات ئەمەس، بەلكى سىستېمىلىق بىر قارشىلىق ئىستراتېگىيەسىگە ئايلىنىشى كېرەك. بۇ ئىش تەۋرەنمەس ئىمانغا ئىگە بولماي تۇرۇپ مۇمكىن ئەمەس. ئۇلارنىڭ ۋەھشىيلىكى بىزنىڭ مۇستەھكەم ئىمانىمىز ئەڭ كۈچلۈك سەپەرۋەرلىك قورالىمىز بولۇشى لازىم. سالامەت ھاشىم چوشقا گۆشى يەيدىغان ئەسكەرلەرگە قاراپ تۇرۇپ، يېڭى بىر قوشۇن يېتىشتۈرۈپ چىقالىدى.
بەشىنچى مەشئەل: «زېمىنسىز دۆلەت» تېخنىكىسى
بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار تېررىتورىيەسىز بولسىمۇ، ئەمما دىگىتال دۇنيادا، ئىقتىسادىي تورلاردا ۋە سىياسىي دىپلوماتىيەدە بىر «دۆلەت سىستېمىسى» بەرپا قىلالايدۇ. مورو مۇجاھىدلىرى جاڭگالدا داۋاملاشتۇرغان سىستېمىنى، بىزمۇ دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە تۇرۇپ داۋاملاشتۇرۇشىمىز، ئۆز ئۆزىمىزنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ھەم خىتايغا، ھەم دۇنياغا كۆرسىتىشىمىز لازىم. بىز بىر دۆلەتتەك ھەرىكەت قىلالىغان ۋە دۆلەتتەك پىلان تۈزەلىگەن چاغدا، ئاللىقاچان مۇستەقىل بولۇپ بولغان بولىمىز.
ئالتىنچى مەشئەل: ئاممىۋازلىققا قارشى ئىلمىي سوغۇققانلىق
ئېسترادانىڭ «ئومۇمىي يۈزلۈك ئۇرۇش» ى ھېسسىياتنى سۇيىئىستېمال قىلىدىغان بىر ئاممىۋازلىق ئويۇنى ئىدى. يەنى ئۆز خەلقىنىڭ ھىسسىياتىنىى سۇيىئىستېمال قىلىش ئويۇنى ئىدى. بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىزمۇ خىتاينىڭ ئاممىۋازلىق يەنى ئاممىنىڭ ھېسسىياتىنى سۇيىئىستېمال قىلىش ھۇجۇملىرىغا قارىتا ھېسسىياتقا بېرىلىپ جاۋاب قايتۇرماستىن، بەلكى سالامەت ھاشىمدەك ئىلمىي ۋە سوغۇققان تەپەككۇر بىلەن، دۈشمەننىڭ قەدىمىنى ئالدىن مۆلچەرلەپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي پاتقاققا پاتىدىغان تۇزىقىنى تەييارلىشى كېرەك.
خۇلاسە شۇكى، بىنالار يىقىلىدۇ، لاگېرلار ئىشغال قىلىنىدۇ، ئەمما بىر مىللەتنىڭ سىستېمىلىق تەشكىللەنگەن ئىرادىسىنى ھېچقانداق تانكا ياكى ئايروپىلان يوقىتالمايدۇ. سالامەت ھاشىم بىزگە «يوقىلىش»تەك كۆرۈنگەن بىر پەيتتە، زادى قانداق قىلىپ «قايتا تۇغۇلۇش» نىڭ مەخپىي فورمۇلاسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خوجىنىياز ھاجى بىر تەخت ئۈچۈن پۈتۈن بىر جۇمھۇرىيەتنى قۇربان قىلدى. سالامەت ھاشىم بولسا پۈتۈن بىر جۇمھۇرىيەتنىڭ سىستېمىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بىر تەخت (لاگېر) نى قۇربان قىلدى. غەلىبىنىڭ مەخپىي فورمىلاسى دەل مانا مۇشۇ يەردە.