6 – باب ئىككى ئۇنىۋېرسىتېت، بىر ئىنقىلاب قاھىرەدە تاۋلانغان روھ بىلەن، سىياسەتنىڭ شاھمات تاختىسىدا پىشقان تەننىڭ ئايرىلىشى

سالامەت ھاشىمنىڭ يېتەكلىشى بىلەن چاڭگالنىڭ تېخىمۇ  خەتەرلىك چۇڭقۇر قاتلىمىغا يول ئالغان مۇجاھىتلارنىڭ ئارقىسىدا قالدۇرۇپ قويغىنى پەقەت مورو مىللىي ئازادلىق فىرونتىنىڭ  كونا لاگېرىلا ئەمەس، بەلكى بىر پۈتۈن ئىنقىلابنىڭ پارچىلانغان جىسمى ۋە يېرىم ياتە بىر غەلىبەنىڭ خام خىيالى ئىدى. بۇ، بىر بەدەننىڭ ئۆز يۈرىكىنى ئۆز قولى بىلەن سۇغۇرۇپ ئېلىشىغا ئوخشايدىغان ئازابلىق بىر مەنزىرە ئىدى. چۈنكى بۇ ئايرىلىش، دۈشمەنلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىلىش ئەمەس، بەلكى تۈنۈگۈنلا بىر سەپتە ئۆلۈمگە بىرگە ئاتلانغان قېرىنداشلارنىڭ، بىر-بىرىنىڭ كۆزىگە تىك قارىيالماستىن يەرگە قاراشقان ھالدا تراگېدىيەلىك خوشلىشىشى ئىدى.

بۇ تراگېدىيەنىڭ يىلتىزى زادى قەيەردە؟ 

بىر مىللەتنىڭ ئەڭ باتۇر ئوغلانلىرىنى بىر-بىرىدىن يىراقلاشتۇرغان بۇ كۆرۈنمەس كۈچ زادى نېمە؟ 

بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن، بىز ئىككى پاراللېل ھېكايىنى، يەنى ئىككى ئوخشىمىغان «ئۇنىۋېرسىتېت» تا تەربىيەلەنگەن ئىككى رەھبەرنىڭ روھىي دۇنياسىنى سېلىشتۇرۇپ چىقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. 

بۇلارنىڭ بىرى قاھىرەدىكى مىڭ يىللىق ئەلئەزھەر بولسا، يەنە بىرى فىلىپپىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت پەنلىرى فاكولتېتىتى، يەنى  پۈتۈن سىياسەت دۇنياسىنىڭ ئۆزى ئىدى ، (خەلقئارا سىياسەتنىڭ رەھىمسىز، ئەمما جەلپ قىلارلىق شاھمات تاختىسى ئىدى)

بىرىنچى ئۇنىۋېرسىتېت: دۇنيا سىياسىتى ۋە سىياسەت پەنلىرى  فاكۇلتېتىتىنىڭ ئەڭ ئىلغار ئوقۇغۇچىسى نۇر مىسۇئارىنىڭ رېئالىزمى

نۇر مىسۇئارىنىڭ تراگېدىيەسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۇنى بىر خائىن دەپ ئەمەس، بەلكى ئۆز دەۋرىنىڭ مەھسۇلى، ئۆز «ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ ئەڭ تالانتلىق ئوقۇغۇچىسى دەپ قاراش كېرەك. ئۇنىڭ دەرسخانىسى كىتاب-دەپتەرلەر ئەمەس، 1960 – ۋە 70 – يىللاردىكى دۇنيا سىياسىتىنىڭ رىئاللىقى ئىدى. ئۇ چاغدا، ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدا مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالغان  بولۇپ، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەرلىرى ، ناسىر، ئارافات، سۇكارنوغا ئوخشاش شەخسلەر ئىدى. ئۇلارنىڭ قولىدىكى قورال پەقەت مىلتىقلا ئەمەس، بەلكى دىپلوماتىيە، خەلقئارا جامائەت پىكرىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىدى. مىسۇئارى مانا مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ئۇ فىلىپپىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا سىياسەت پەنلىرىنى پىششىق ئۆگەنگەن، دۇنيا تارىخىنى يادلىغان بولۇپ، شاھمات تاختىسىدىكى ھەر بىر يۆتكىلىشنىڭ قانداق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە، ئىنقىلاب بىر سىياسىي لايىھە ئىدى. بۇ لايىھەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن، خەلقئارالىق قوللاشقا، قانۇنىي ئېتىراپقا ۋە دۈشمەننى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئولتۇرغۇزالايدىغان ھەربىي-سىياسىي كۈچكە ئىگە بولۇش كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن، جاڭگالدا مەڭگۈ ياشاش مۇمكىن ئەمەس ئىدى؛ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن چوقۇم دۇنيا سەھنىسىگە چىقىش، بۇ شاھمات تاختىسىدىن ئورۇن ئېلىش لازىم ئىدى. 

بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، تىرىپولى ئاپتونومىيە كېلىشىمى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر مەغلۇبىيەت ياكى خىيانەت ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ پۈتۈن ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئىپادىلەيدىغان غەلىبىسى ئىدى.

تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ: جاڭگالدىكى بىر تۈركۈم مۇجاھىدلار، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئاتاقلىق رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان قاززافىنىڭ ياردىمى بىلەن، ب د ت ئېتىراپ قىلغان فىلىپپىندەك بىر دۆلەتنى سۆھبەتكە مەجبۇرلاپ، خەلقئارالىق كېلىشىم ئىمزالىماقتا ئىدى! دېمىسىمۇ بۇ، سىياسەت پەنلىرى دەرسلىكىگە كىرگۈزۈشكە ئەرزىيدىغان بىر مۇۋەپپەقىيەت ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ، غايىدىن ۋاز كېچىش ئەمەس، غايىگە يېتىشنىڭ ئەڭ ئاقىلانە يولى ئىدى. 

ئۇنىڭ مەركىزىي كومىتېت يىغىنىدا ئۆزىنىڭ بارلىق ناتىقلىق ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ ئېيتقان سۆزلىرىنى قېنى بىز ئەقىل كۆزىمىز بىلەن ئانالىز قىلىپ باقايلى!

«قېرىنداشلار! بىز رومانتىك خىياللار بىلەن ئۆزىمىزنى ئالدىماسلىقىمىز كېرەك. دۇنيا بىزنىڭ نېمە دەپ ئويلىغىنىمىزغا ئەمەس، بىزنىڭ قولىمىزدا نېمە بارلىقىغا قارايدۇ. تىرىپولى كېلىشىمى بىزنىڭ قولىمىزغا تۇنجى قېتىم بىر ›قانۇنىي قورال‹ بەردى. بىز بۇ ئاپتونومىيەنى بىر بازا قىلىپ، ئىچىگە كىرىپ، ئۆزىمىزنىڭ كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ئىقتىسادىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئارمىيەمىزنى قانۇنلاشتۇرۇپ، ئاخىرىدا دۈشمەننىڭ قەلئەسىنى ئىچىدىن فەتھى قىلالايمىز. بۇ، ترويا ئېتى ئىستراتېگىيەسىدۇر! سىياسەتتە بەزىدە بىر قەدەم چېكىنىپ، ئىككى قەدەم ئالغا ئىلگىرىلەشكە توغرا كېلىدۇ!»

بۇ سۆزلەر، دۇنيا سىياسىتىنىڭ قائىدىلىرىگە پىششىق ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن ئەقىلگە مۇۋاپىق تۇيۇلاتتى. ئەمما، بۇ ئەقىلگە مۇۋاپىق ئىستراتېگىيەنىڭ بىرلا ئاجىزلىقى بار ئىدى: ئۇ بولسىمۇ ئىنقىلابنىڭ روھىنى، يەنى ئۇنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ۋە جان پىدالىقنىڭ يادروسى بولغان ئىمان مەنبەسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىش ئىدى.

ئىككىنچى ئۇنىۋېرسىتېت: ئەلئەزھەر ۋە سالامەت ھاشىمنىڭ تەۋرەنمەسلىكى

سالامەت ھاشىمنىڭ «ئۇنىۋېرسىتېتى» بولسا مىڭ يىللىق ئەلئەزھەر ئىدى. ئۇ يەردە ئۆگىنىلىدىغان دەرسلىك دۇنيا سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان قائىدىلىرى ئەمەس، بەلكى 1400 يىلدىن بېرى ئۆزگەرمىگەن ئىلاھىي ۋەھىي ئىدى. ئۇنىڭ ئۆگەنگىنى، كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەق بىلەن باتىل ئوتتۇرىسىدىكى چەك چىگرانىڭ ھەرگىز ئۆزگەرمەيدىغانلىقى ئىدى. ئۇ قاھىرەگە ئۆزى بىلەن بىللە پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ يۈز يىللىق ئازابىنى كۆتۈرۈپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ جاۋاب ئىزدەۋاتقان سوئالى ئاددىي ئىدى: «بىز قانداق قىلغاندا مەغلۇپ بولمايدىغان مىللەت بولالايمىز؟».

ئۇ بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى ئىككى ئۇلۇغ مۇتەپەككۇرنىڭ مەفكۇرىسىدىن تاپتى.

بىرىنچى جاۋاب، شېھىت ئىمام ھەسەن ئەلبەننادىن كەلدى. سالامات ھاشىم ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن شۇنى ئۆگەندىكى، بىر ئىسلامىي ھەرىكەتنىڭ كۈچى ئۇنىڭ سىياسىي مانىۋېرلىرىدا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ قەلبىدىكى ئىماننىڭ سۈپىتىدە. ھەسەنۇل بەننانىڭ ئىستراتېگىيەسى بىر سەۋرچان باغۋەننىڭ ئىستراتېگىيەسى ئىدى: «ئالدىراپ دۆلەت قۇرۇشقا ئۇرۇنما، ئالدى بىلەن شۇ دۆلەتكە لايىق ئىنساننى يېتىشتۈر!». ئىنقىلابنىڭ ئۇرۇقى – ئىمانى مۇستەھكەم، ئەخلاقى پاك، بىلىملىك ۋە جان پىدا بىر «قۇرئانىي ئەۋلاد» ئىدى. بۇ ئەۋلادنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن 10 يىل، 20 يىل، ھەتتا 30 يىل كېتىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمما مۇشۇنداق بىر «ئىستراتېگىيەلىك سەۋر» بولمىسا، قورال كۈچى بىلەن ئېلىنغان ھەر قانداق غەلىبە ۋاقىتلىق بولاتتى ۋە چوقۇم ئىچىدىن چىرىيتتى. ئەگەر سەن دۈشمەننىڭكىدىن ياخشىراق تانكا ياسىيالمىساڭ، ئۇنداقتا سەن دۈشمەننىڭ تانكىسى ئالدىدا تەۋرەنمەي تۇرالايدىغان ئىنساننى يېتىشتۈرۈشۈڭ كېرەك.

ئىككىنچى جاۋاب، تۈرمىدە شېھىت قىلىنغان سەييىد قۇتۇبتىن كەلدى. ئۇنىڭ «يول ئۈستىدىكى ئىشارەتلەر»ى سالامەت ھاشىمنىڭ كاللىسىغا گويا چاقماق چاققاندەك تەسىر قىلدى. ئۇنىڭ قەلىمىدىن چىققان ھەر بىر سۆز، سالامەت ھاشىمغا پولات ساۋۇت كەيگۈزدى. سەييىد قۇتۇب شۇنى جاكارلىغان ئىدى: ھاكىمىيەت پەقەت ۋە پەقەت ئاللاھقا خاستۇر (إِنِ الْحُكْمُ إِلَّا لِلَّهِ). فىلىپپىن ئاساسىي قانۇنىنىڭ رامكىسى ئىچىدە «ئاپتونومىيە» گە ماقۇل بولۇش، ئاللاھنىڭ ھاكىمىيىتىدىن ۋاز كېچىپ، ئىنساننىڭ ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقتۇر. بۇ، سىياسىي بىر مۇرەسسە ئەمەس، بەلكى ئەقىدىۋى بىر چېكىنىش، يەنى شېرىك كەلتۈرۈشتۇر. بىر مۇجاھىد جەڭ مەيدانىدا ئۆلۈمدىن قورقماسلىقى مۇمكىن، ئەمما شېرىكتىن ئۆلگۈدەك قورقۇشى كېرەك.

شۇڭلاشقا، سالامەت ھاشىم تىرىپولى كېلىشىمىنىڭ ماددىلىرىنى ئوقۇغاندا، ئۇنىڭدىكى «ئاپتونومىيە»، «ئىقتىسادىي تەرەققىيات»، «خەلقئارالىق كاپالەت» دېگەن سۆزلەرنى ئانچە نەزەرگە ئېلىپ كەتمىدى. ئۇ پەقەت بىرلا جۈملىگە مەركەزلەشكەن ئىدى، ئۇ بولسىمۇ «فىلىپپىن جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى رامكىسى ئىچىدە» دېگەن سۆز ئىدى.

ئۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جۈملە، بىر قاچا ساپ سۈتنىڭ ئىچىگە تامچىتىلغان بىر تامچە زەھەرگە ئوخشايتتى. زەھەر گەرچە بىر تامچە بولسىمۇ پۈتۈن سۈتنى ئىچىشكە بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرەتتى. ئۇنىڭ يىغىندىكى جاۋابى، بىر سىياسەتچىنىڭ جاۋابى ئەمەس، بىر ئالىمنىڭ، بىر ئەقىدە مۇھاپىزەتچىسىنىڭ جاۋابى ئىدى. ئۇنىڭ ئاۋازى يۇقىرى ئەمەس ئىدى، ئەمما ھەر بىر سۆزى شەمشەردەك ئۆتكۈر ۋە ئېغىر ئىدى:

«رەئىس جاناپلىرى، سىزنىڭ ترويا ئېتى ئىستراتېگىيەڭىزنى چۈشەندىم. ئەمما بىر مەسىلە بار: ترويا ئېتىنىڭ ئىچىدىكى ئەسكەرلەر، ئۆزلىرىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، نېمە ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت. بىز دۈشمەننىڭ قەلئەسىگە ئۇنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا قەسەم قىلىپ كىرسەك، بىزنىڭ ئەسكەرلىرىمىزنىڭ روھى قانداق بولىدۇ؟ ئۇلار ئۆزىنى كىمنىڭ ئەسكىرى دەپ بىلىدۇ؟ ئاللاھنىڭمۇ ياكى فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭمۇ؟ بىز بۇ ›قانۇنىي قورال’نى قولىمىزغا ئالغاندا، ئۆزىمىزنىڭ قەلبىدىكى ›ئىمان قورالى’نى تاشلىۋەتكەن بولمامدۇق؟ بىر مۇجاھىدنىڭ مائاش ئالىدىغان ھۆكۈمەت خادىمىغا ئايلىنىپ قالغان كۈنى، ئىنقىلابىمىزنىڭ رۇھى ئۆلگەن كۈنىدۇر. شۇڭا، مەن سىياسەتنىڭ تىلى بىلەن ئەمەس، ئەقىدىنىڭ تىلى بىلەن سوئال سورايمەن: بۇ كېلىشىم بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرامدۇ ياكى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرامدۇ؟ بىزنى جەننەتكە يېقىنلاشتۇرامدۇ ياكى دوزاخقىمۇ؟»

بۇ سوئال، پۈتۈن زالغا ئېتىلغان بىر بومبا ئىدى. ئۇ سىياسىي ئىستراتېگىيەلەر، دىپلوماتىك ماھارەتلەر ھەققىدىكى بارلىق مۇلاھىزىلەرنى بىر چەتكە قايرىپ، مەسىلىنى ئۇنىڭ ئەڭ يالىڭاچ، ئەڭ ئاساسىي نۇقتىسىغا ئېلىپ كەلدى: بۇ دۇنيا ئۈچۈنمۇ ياكى ئاخىرەت ئۈچۈنمۇ؟

مانا بۇ، ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ، ئىككى دۇنيا قاراشنىڭ، ئىككى خىل غەلىبە چۈشەنچىسىنىڭ ئاخىرقى، قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان توقۇنۇشى ئىدى. بۇ توقۇنۇشنىڭ نەتىجىسىدە بىر بەدەن ئىككىگە بۆلۈندى. تەن، دۇنيانىڭ شاھمات تاختىسىدا ئۆز ئويۇنىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن قالدى. روھ بولسا، ئۆزىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن جاڭگاللىقنىڭ چۇڭقۇر قۇيۇق، ئەمما پاك قوينىغا قايتىپ كەتتى. بۇ بىر قېچىش ئەمەس، بەلكى ئىنقىلابنىڭ ئۆلمىگەن روھىنى قوغداش، ئۇنى دۈشمەننىڭ سىياسىي قاپقانلىرى قول تەككۈزەلمەيدىغان بىر جايغا يوشۇرۇپ، كەلگۈسىدە قايتا تىرىلىش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىشنى نىزان قىلغان ئىستراتېگىيەلىك بىر چېكىنىش ئىدى. 

ئۇلار بىر تەشكىلاتتىن ئايرىلدى، ئەمما بىر ئالىي غايىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. مانا بۇ، مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتىنىڭ دۇنياغا كېلىشىنىڭ ھەقىقىي مەنىسى ئىدى. ئۇ، جىسمىدىن ئايرىلغان روھنىڭ ئۆزىگە يېڭى بىر بەدەن يارىتىش يولىدىكى تۇنجى، ئازابلىق، ئەمما شەرەپلىك قەدىمى ئىدى.

(داۋاملىشىدۇ….) 

•••• ****** •••••• *****

قىسسىدىن  ئۇيغۇرلارغا ھىسسە: ئالتىنچى قىسىمدىن روھىمىزغا يېقىلىدىغان ئالتە مەشئەل

ئوتتۇز بىرىنچى مەشئەل: مۇكەممەل رەھبەرلىك ئىدىيەۋى چوڭقۇرلۇقنى بەرپا قىلىدىغان رۇھتۇر.)«سىياسىي قابىلىيەت بولسا بىر تەندۇر. بۇ ئىككىسىنىڭ بىر بىرىدىن ئايرىلىشى، مىللەتنىڭ ئەڭ چوڭ تراگېدىيەسىدۇر.بىز شەرقى تۈركىستانلىقلارغا پەقەت سالامەت ھاشىمدەك پرىنسىپچان، تەقۋادار ئىدىيالىستلارلا ئەمەس، ياكى پەقەت نۇر مىسۇئارىدەك قابىلىيەتلىك، دۇنيا كۆرگەن سىياسەتچىلەرلا ئەمەس، بەلكى بۇ ھەر ئىككى خىسلەتنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان ياكى بۇ ئىككى تۈردىكى ئىنساننى بىر-بىرىگە ھەسەتخور رەقىب ئەمەس، بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، سەپداش قىلالايدىغان بىر رەھبەرلىك مېخانىزمى كېرەك. روھ تەننى يۆنىلىشتىن ئاداشتۇرمىسۇن، تەن روھنى دۇنيانىڭ رېئاللىقىدىن ئۈزاقلاشتۇرمىسۇن. بىرى كېمىنىڭ كومپاسى بولسا، يەنە بىرى ئۇنىڭ ماتورى بولۇشى كېرەك. كومپاسسىز ماتور كېمىنى قىياغا ئۇرسا، ماتورسىز كومپاس كېمىنى ئوكياننىڭ ئوتتۇرىسىدا چارىسىز قالدۇرىدۇ.

ئوتتۇز ئىككىنچى مەشئەل: دۈشمەننىڭ ئەڭ ئۇستا تاكتىكىسى – بۆلۈپ پارچىلاپ ھۆكۈم سۈرۈشتۇر. ئۇ سىياسەتچىگە «ھوقۇق» نى، ئىدىيالەستقا «يالغۇزلۇق» نى تەقدىم قىلىدۇ.دۈشمەن ھەرىكىتىمىز ئىچىدىكى قابىلىيەتلىك ئەمما ئىدىيەۋى يىلتىزى ئاجىز كىشىلەرنى تېپىپ، ئۇلارغا دۇنياۋى شان-شەرەپ ۋە سىياسىي ئورۇن بېرىشكە ۋەدە بېرىش ئارقىلىق، ئۇلارنى ئۆز خەلقىنىڭ ئەسلى غايىسىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پرىنسىپتا چىڭ تۇرغانلارنى «ئەسەبىي»، «رېئاللىقتىن ئايرىلغان»، «زامانىۋى دۇنياغا ماسلىشالمايدىغان» دەپ قارىلاپ، ئۇلارنى يېتىم قالدۇرۇشقا ئۇرىنىدۇ. دۈشمەن بۇ ئارقىلىق ھەرىكەتنىڭ «تېنى» نى ئۆزىگە مايىل قىلىپ، «روھى» نى بوغۇپ ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ. بۇنىڭ ئاچچىق ۋە قانلىق تەجرىپىسىنى ئاتالمىش ئاپتونومىيە قىلتىقىدا 76 يىلدىن بېرى بىز ئۇيغۇرلار بىرمۇ بىر، قەدەممۇ قەدەم باشتىن كەچۈردۇق، شۇڭلاشقا بۇ قاپقانغا ھوشيار بولۇش ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۇنتۇلماس بۇرچىدۇر.

ئوتتۇز ئۈچىنچى مەشئەل: «ئىستراتېگىيەلىك سەۋر» بىلەن «پۇرسەتپەرەسلىك» نى ئارىلاشتۇرۇۋالماسلىق لازىم! بىرى كەلگۈسى ئۈچۈن مىۋېلىك دەرەخ يېتىشتۈرىدۇ، يەنە بىرى بۈگۈنكى ئاچلىق ئۈچۈن پىشمىغان مېۋىلەرنى ئۈزىدۇ.بىر ئەۋلادنى تەربىيەلەپ، كۈرەشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن قانچىلىغان يىللارنى سەرپ قىلىش، يۈكسەك ئىستراتېگىيەلىك سەۋردۇر. بۇ خۇددى يەر ھەيدەپ، ئۇرۇق تېرىپ، ئۇنىڭ كۆكلىشىنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتكەن دېھقانغا ئوخشايدۇ. ئەمما قىسقا مۇددەتلىك سىياسىي نەپ، بىرەر دۆلەتنىڭ ئازدۇر كۆپتۇر قوللىشى ياكى خەلقئارا مېدىيانىڭ ئالقىشى ئۈچۈن ئەسلى غايىدىن ۋاز كېچىپ، دۈشمەن بىلەن مۇرەسسە قىلىش  بولسا، يالىڭاچ پۇرسەتپەرەسلىكتۇر. بۇ خۇددى پىشمىغان مېۋىنى ئۈزۈپ يەپ، دەرەخنىڭ ئۆزىنى قۇرۇتۇپ قويغانلىقتەك بىر ئىش. بىز ئۇيغۇرلارچۇ؟!  كەلگۈسى ئۈچۈن باغ يېتىشتۈرۈۋاتامدۇق ياكى بۈگۈنكى ئالقىش ئۈچۈن پىشمىغان مېۋىلەرنى ئۈزۈۋاتامدۇق؟

ئوتتۇز تۆتىنچى مەشئەل: بىز ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن ھەرىكەتنىڭ «روھىي ئاساسىي قانۇنى» نى تۈزۈپ چىقىشىمىز كېرەك.سالامەت ھاشىمنىڭ قەلبىدە ئۇنى ھەر قانداق سىياسىي بوران-چاپقۇنلاردا تىك تۇرغۇزغان بىر رۇھانىي ئاساسىي قانۇن بار ئىدى: «ھاكىمىيەت پەقەت ئاللاھقا خاستۇر». 

بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنىڭمۇ ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان، ھېچقانداق سىياسىي ۋەزىيەتتە ئۆزگەرمەيدىغان بىر «روھانىي ئاساسىي قانۇنى» بولۇشى كېرەك. بۇ قانۇن، «مۇستەقىللىقتىن ھەرگىز ۋاز كەچمەسلىك»، «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىسلامىي كىملىكىنى ۋە مىللىي مەنپەئەتىنى ھەممە نەرسىدىن ئۈستۈن تۇتۇپ قوغداش»، «ھېچقانداق شەرت ئاستىدا خىتاي ئاساسىي قانۇنىنى ئېتىراپ قىلماسلىق» دېگەنگە ئوخشاش، قان بىلەن يېزىلىدىغان، ھېچبىر سىياسەتچىنىڭ شەخسىي خاھىشى بىلەن ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان تۈپ پرىنسىپلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى لازىم.

ئوتتۇز بەشىنچى مەشئەل: بۆلۈنۈش بەزىدە ئازابلىق، ئەمما زۆرۈر بىر روھىي تازىلىنىش بولۇشى مۇمكىن.ئەگەر بىر ھەرىكەتنىڭ تېنى راك ھۈجەيرىسىگە ئوخشاش مەنىۋىي جەھەتتىن چىرىكلىشىشكە  باشلىسا، ساغلام روھنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بۇ تەننى تەرك ئېتىشى، گەرچە ئازابلىق بولسىمۇ ۋە خەلقنى ۋاقىتلىق قايغۇغا سالغان تەقدىردىمۇ، تارىخ ئالدىدا توغرا بىر تاللاشتۇر. بۇ يەنە يېڭى ۋە ساغلام بىر بەدەننىڭ قايتىدىن يارىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بىر قۇربانلىقتۇر. ئەمما بۇ، ھەرگىز شەخسىي مەنپەئەت ياكى ھوقۇق تالىشىش ئۈچۈن بولماسلىقى، پەقەتلا ئالىي غايە ئۆلۈم خەۋپىگە دۇچ كەلگەندە، ئەڭ ئاخىرقى چارە سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى كېرەك بولغان چارىدۇر.

ئوتتۇز ئالتىنچى مەشئەل: بىرلىك مۇقەددەستۇر. ئەمما پرىنسىپسىز بىرلىك  بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھەرىكىتىدۇر.بىرلىك دېگەن ھەممە ئادەمنىڭ خاتا بىر قارارغا ئۈندىمەي ئەگىشىشى دېگەنلىك ئەمەس. ھەقىقىي بىرلىك، ئورتاق بىر غايە ۋە مۇستەھكەم پرىنسىپلار ئەتراپىغا ئۇيۇشۇشتۇر. ئەگەر بىرلىك، پرىنسىپلارنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە كېلىدىغان بولسا، ئۇنداق بىرلىك مىللەتنىڭ بوينىغا سېلىنغان زەنجىر بولۇپ، دۈشمەننىڭ قولىدىكى ئەڭ خەتەرلىك قورالغا ئايلىنىپ قالىدۇ. بىزنىڭ بىرلىكىمىز، قورقۇنچ ياكى مەجبۇرىيەتتىن ئەمەس، بەلكى ئورتاق مۇستەھكام ئىمان ۋە ئورتاق غايىدىن كېلىشى كېرەك.

*** ••••• ***** ••••

ئەمدى بۇ ئالتە مەشئەلنىڭ يورۇقىدا ئۆزىمىزگە قويۇشقا تېگىشلىك ئالتە سوئال:

بىرىنچى سوئال: بىزنىڭ ھازىرقى ھەرىكىتىمىزدە «روھ» (يەنى ئىدىيالىستلار، ئۆلىمالار، مۇتەپەككۈرلەر) بىلەن «تەن» (يەنى سىياسەتچىلەر، پائالىيەتچىلەر، دىپلوماتلار) ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئۆزا بىر بىرىنى ئېتىراپ قىلىشىدىغان ساغلام بىر مۇناسىۋەت ئورنىتىلدىمۇ؟ ياكى بۇ ئىككى قىسىم بىر-بىرىدىن بارغانچە يىراقلىشىپ، بىرسى يەنە بىرسىنى «رېئاللىقتىن ئايرىلغان» دېسە، يەنە بىرى ئۇنى «پرىنسىپ ۋە ئېتىقادتتىن ئۇزاقلاشقان» دەپ ئەيىپلەپ، ئورتاق دۈشمەننى ئۇنتۇپ، ئىچكى ئىختىلاپلارغا پېتىپ كېتىۋاتامدۇق؟

ئىككىنچى سوئال: خىتاي ۋە باشقا كۈچلەر، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى قايسى «نۇر مىسۇئارى» لارغا «خەلقئارالىق ئېتىراپ»، «نوبېل مۇكاپاتى» ياكى «زور سىياسىي ياردەم» دېگەندەك يەملەرنى تاشلاپ، ئۇلارنى ئارىمىزدىن سۇغۇرۇپ ئېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ؟ ھەمدە قايسى «سالامەت ھاشىم» لارنى «ئەسەبىي»، «تېررورىست»، «زامانىۋى دۇنياغا ماسلىشالمايدىغان قالاق» دەپ قارىلاپ، ئۇلارنى ئاۋازسىز قالدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ؟ بىز بۇ ئىستراتېگىيەنى تونۇپ يېتەلەۋاتامدۇق ياكى داپقا تەڭ ئۇسۇل ئويناۋاتامدۇق؟

ئۈچىنچى سوئال: بىزنىڭ يۇقىرىدا قىلىنغاندەك، ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان، يازما بىر «روھىي ئاساسىي قانۇن» ىمىز بارمۇ؟ ئەگەر يوق بولسا، نېمە ئۈچۈن شۇنداق بىر قانۇنننى ھازىردىن باشلاپ تۈزۈپ چىقىشقا تېرىشمايمىز؟ بۇنداق بىر قانۇن تۈزۈلسە، ھەرىكىتىمىز ئىچىدىكى كىملەر ئۇنى قوللايدۇ، يەنە كىملەر ئۇنىڭغا «بۇ ھەرىكەتنى يېتىم قالدۇرىدۇ» دەپ قارشى چىقىدۇ؟

تۆتىنچى سوئال: ئەگەر بىر كۈنى ب د ت ياكى غەرب دۆلەتلىرى «ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق تەلىپى رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس، شۇڭا بىز خىتاي بىلەن سۆھبەتلىشىپ، سىلەرگە خىتاي ئاساسىي قانۇنى رامكىسىدا بۇرۇنقى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكىدەك ›ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت‹ مەرتىۋىسىگە يېقىن بىر ›يۈكسەك ئاپتونومىيە‹ ئېلىپ بېرەيلى» دەپ بىر كېلىشىمنى ئالدىمىزغا قويسا، بىز بۇنى «تارىخىي غەلىبە» دەپ قوبۇل قىلامدۇق ياكى سالامەت ھاشىمدەك «بۇ دۈشمەننىڭ توزىقى، ئۇنىڭدا بىر تامچە زەھەر بار» دەپ قەتئىي رەت قىلالايدىغان ئەقىدىۋىي مۇستەھكەملىككە ئىگە بولالىدۇقمۇ؟

بەشىنچى سوئال: بىز ياش ئەۋلادلىرىمىزغا پەقەتلا شوئار توۋلاپ، بايراق كۆتۈرۈشنى ئۈگىتىپ، ئۇلارنى ھېسسىياتچان پائالىيەتچى قىلىپلا تەربىيەلەۋاتامدۇق، ياكى ئۇلارنى بىرلا ۋاقىتتا ھەم سالامەت ھاشىمدەك ئىدىيەۋىي جەھەتتىن مۇستەھكەم، ھەم نۇر مىسۇئارىدەك سىياسىي جەھەتتىن قابىلىيەتلىك قىلىپ، كەلگۈسىدىكى «مۇكەممەل رەھبەر» لەرنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن كونكرېت بىر پىلان ۋە تەربىيە پىروگراممىسى ھازىرلاۋاتامدۇق؟ 

ئالتىنچى سوئال: ھەر بىرىمىز بۇ كېچە كۆزىمىزنى يۇمۇپ، ۋىجدانىمىزدىن سوراپ باقايلى: مەن بۇ كۈرەشتە ئۆزۈمنىڭ قىسقا مۇددەتلىك نەتىجىسىنىلا ئويلايدىغان، ئالقىشقا ۋە ئېتىراپقا ھېرىس بولغان، دۇنيانىڭ شاھمات تاختىسىدا بىر پىيادە بولۇشقىمۇ رازى بولىدىغان بىر «تەن» نىڭ رولىنى ئويناۋاتامدىمەن؟ ياكى مىللەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك غايىسى ۋە مۇقەددەس پرىنسىپلىرى ئۈچۈن ھەر قانداق نەرسىدىن ۋاز كېچىشكە تەييار تۇرغان، گەرچە يالغۇز قالسىمۇ ھەقنى سۆزلەيدىغان بىر «روھ» تەك ھەرىكەت قىلىۋاتمادىمەن؟


7-باب روھنىڭ ھىجرىتى ۋە تەننىڭ تۇتقۇنلۇقى

 تىرىپولى كېلىشىمىنىڭ سىياسىي غەلىبىسىگە بېغىشلانغان گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى مانىلانىڭ ھەشەمەتلىك زاللىرىنى لەرزىگە سالغان شۇ كۈنلەردە، مورو زېمىنىنىڭ يۈرىكىدە ئىككى پارچە دۇنيا، ئىككى خىل تەقدىر ئۆز-ئارا گىرەلىشىپ كەتكەن ئىدى. بىرى، خەلقئارالىق كامېرالارنىڭ يورۇق چىرىغى ئاستىدا پارلاۋاتقان، دىپلوماتلارنىڭ ئىلتىپاتلىق كۈلكىلىرى بىلەن سۇغۇرۇلغان، «تىنچلىق ۋە ئاپتونومىيە» نامىدىكى ئالتۇن قەپەز ئىدى. بۇ قەپەزنىڭ ئىچىدە، ئىنقىلابنىڭ سابىق يولۋىسى نۇر مىسۇئارى، ئۆزىگە تىكىلگەن نەزەرلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، سىياسەتنىڭ نازۇك شاھمات تاختىسىدا ئۆزىنى ئۇتقان دەپ خىيال قىلاتتى. يەنە بىرى بولسا، جاڭگالنىڭ قاراڭغۇ قوينىدا، نەمخۇش تۇپراقنىڭ پۇرىقى ۋە قويۇق دەرەخلەرنىڭ پىچىرلاشلىرى ئارىسىدا، ئىماننىڭ نۇرىدىن باشقا ھېچقانداق يورۇقلۇق بولمىغان، ئەمما روھىي جەھەتتە ئەركىنلىكنىڭ ھەقىقىي ھاۋاسىدىن نەپەس ئېلىۋاتقان بىر ئىنقىلابنىڭ قايتا تۇغۇلۇشى ئىدى. بۇ يوشۇرۇن، ئەمما ھاياتىي كۈچكە تولغان دۇنيانىڭ بىناكارى، مۇتەپەككۇر قوماندان سالامەت ھاشىم ئىدى.

نۇر مىسۇئارى ۋە ئۇنىڭ مورو مىللىي ئازادلىق فىرونتى (MNLF) تاشقى دۇنيانىڭ ماختاشلىرىغا، ھۆكۈمەتنىڭ شېرىن ۋەدىلىرىگە چۆمۈلۈپ، تەننىڭ راھىتىنى ئىزدەۋاتقان بىر پەيتتە، سالامەت ھاشىم ۋە ئۇنىڭ سادىق سەپداشلىرى قاراڭغۇ، ئەمما پاك جاڭگالدا ئۆزلىرىنىڭ «روھىي ۋەتىنى» نى، يەنى كەلگۈسىدىكى ھەقىقىي ئازادلىقنىڭ يىلتىزىنى تېرىشقا كىرىشكەن ئىدى.

سالامەت ھاشىمنىڭ MNLF لاگېرىدىن ئايرىلىشى، پەقەت بىر قومانداننىڭ ئۆز قوشۇنىدىن ئايرىلىشى ئەمەس ئىدى. بۇ، بىر مۇتەپەككۇر، بىر ئىلاھىيەتچى ئالىمنىڭ ئۆزىنى ۋە ئۆزىگە ئەگەشكەن بىر تۈركۈم مۇجاھىدلارنى دۇنيانىڭ سىياسىي توزاقلىرىدىن، ماددىي ئازدۇرۇشلاردىن ۋە ئەڭ خەتەرلىكى بولغان روھىي چىرىكلەشتۈرۈشتىن قۇتقۇزۇپ، ئىنقىلابنىڭ ئەسلى، ساپ روھىنى قوغداش يولىدىكى قەتئىي ئىرادىسى ئىدى. بۇ، بىر ئىستراتېگىيەلىك ھىجرەت ئىدى. ئۇلار جاڭگالنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ خەتەرلىك، ئەمما روھقا تېخىمۇ يېقىن بولغان جايلىرىغا قاراپ يول ئالدى. بۇ سەپەر، پەقەت فىزىكىلىق بىر يۆتكىلىش ئەمەس، بەلكى بىر ئىدىيەنىڭ يېڭىدىن يىلتىز تارتىشى، بىر مىللەتنىڭ روھىنى قايتا تاۋلاش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان مۇقەددەس بىر سەپەر ئىدى. ئۇلار ئارقىدا قالدۇرغىنى پەقەت لاگېر ئەمەس، بەلكى غايىنى ماددىيەتكە تېگىشكەن چۈشەنچە ئىدى.

جاڭگال مەدرىسەسى ۋە روھانىي قىلىچنىڭ ياسىلىشى

يېڭى لاگېر قۇرۇلغاندىن كېيىن، سالامەت ھاشىم دەرھال مەنىۋىي قۇرۇلۇشقا كىرىشتى، ئەمما ئۇنىڭ قۇرماقچى بولغىنى پەقەت ھەربىي لاگېر ئەمەس، بەلكى بىر «جاڭگال مەدرىسەسى» ئىدى. ئۇنىڭ تەشكىلاتچىلىق ماھارىتى ھەربىي تاكتىكىدىن ھالقىپ، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىنى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشكەن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈچۈن، بىر مۇجاھىدنىڭ ئىمانى ئۇنىڭ قورالىدىنمۇ ئۆتكۈر، ئەخلاقى دۈشمىنىنىمۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىدىغان، بىلىمى ھەر قانداق سىياسىي تۇزاقنى يىراقتىن كۆرۈپ يېتەلەيدىغان سەۋىيەدە بولۇشى شەرت ئىدى. بۇ، ئۇنىڭ «جىھاد ئەخلاقى» نىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئىپادىسى ئىدى.

ھەر كۈنى بامدات نامىزىدىن كېيىن، تاڭنىڭ يورۇقى جاڭگالنىڭ قويۇق يوپۇرماقلىرى ئارىسىدىن ئاران سىڭىپ چۈشۈۋاتقان پەيتتە، مۇجاھىدلار گۈلخان ئەتراپىغا ھالقىسىمان ئولتۇرۇپ، سالامەت ھاشىمنىڭ دەرسىنى ئاڭلايتتى. ئۇ ئۇلارغا پەقەت قورال ئىشلىتىشنى ئەمەس، بەلكى قورالنى نېمە ئۈچۈن، قايسى پرىنسىپلار ئاستىدا ۋە قايسى ئەخلاقىي چەكلىمىلەر ئىچىدە ئىشلىتىشنى ئۆگىتەتتى. ئۇنىڭ دەرسلىكىدە قۇرئان تەپسىرى، ھەدىس شەرىفلەر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى (سىيرەت)، ئىسلام تارىخىدىكى بەدر ۋە ئۇھۇد غازاتلىرىنىڭ پەقەت ھەربىي ئىستراتېگىيەسى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭدىكى ئىمانىي روھ، سەييىد قۇتۇب ۋە ھەسەن ئەلبەننانىڭ ئىدىيەلىرى بار ئىدى. ئۇ مۇنداق دەيتتى: «بىزنىڭ جەڭ مەيدانىمىز پەقەت دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقان يەر ئەمەس. ھەقىقىي جەڭگاھ – ھەر بىر مۇجاھىدنىڭ ئۆز قەلبىدۇر. دۈشمىنىمىز پەقەت مانىلادىكى ئەسكەر ئەمەس، بەلكى ئىچىمىزدىكى نەپسىمىز، ئاچكۆزلۈك، غۇرۇر ۋە ئۈمىدسىزلىكتۇر. ئىچكى دۈشمەننى يەڭمىگەن ئادەم، تاشقى دۈشمەن ئالدىدا چوقۇم يېڭىلىدۇ.»

بىر كۈنى، دەرس ئارىلىقىدا، يېشى ئەڭ كىچىك، ئەمما ھېسسىياتى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان بىر مۇجاھىد ئورنىدىن تۇرۇپ ھاياجان بىلەن سورىدى: «ئۇستاز، بىز قاچانغىچە بۇ يەردە كىتاب ئوقۇيمىز؟ دۈشمەنلىرىمىز شەھەرلەردە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتسا، قولىمىزدىكى قىلىچىمىز دات بېسىپ كەتمەمدۇ؟»

سالامەت ھاشىم ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ كۈلۈمسىرىدى ۋە جاۋاب بەردى: «ئەي ئوغلۇم، سەن قىلىچ ياسىغان تۆمۈرچىنى كۆرگەنمۇ؟ ئۇ ئەڭ ئاۋۋال پولاتنى ئوتقا سالىدۇ، ئۇنى قىپقىزىل بولغۇچە قىزىتىدۇ، ئاندىن بولقا بىلەن قاتتىق ئۇرۇپ ئۇنىڭ شەكىلگە كىرگۈزىدۇ. ئاخىرىدا سوغۇق سۇغا سېلىپ ئۇنى چىڭىتىدۇ. ھازىر بىز ئۆزىمىزنىڭ روھىنى، ئەقلىنى ۋە ئىمانىنى دەل شۇنداق تاۋلاۋاتىمىز. ئىدىيەۋىي ئاساسىي بولمىغان، ئەخلاقىي پرىنسىپى يوق قىلىچ – پەقەت بىر قانخورلۇق قورالىدۇر. ئىمان بىلەن يېتەكلەنگەن قىلىچ – ئادالەتنىڭ قورالىدۇر. شۇنى ئۇنۇتما، بىزنىڭ قورالىمىز ئوق بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بىزنىڭ كۈچىمىز ئىمانىمىز؛ بىزنىڭ ئەڭ ئالىي كوماندىرىمىز بولسا ئەخلاقىمىزدۇر.»

ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسىرى «باڭسامورو مۇجاھىدلىرى: نىشانى ۋە مەسئۇلىيىتى» (باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە دۇنياغا تونۇلغان ئىسمى بىلەن) «جىھاد ئەخلاقى» ناملىق كىتابى ھەر بىر مۇجاھىدنىڭ يانچۇقىدىكى قۇرئاندىن قالسىلا ئەڭ مۇھىم قوللانمىسىغا، مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتى MILF نىڭ روھىي ئاساسىي قانۇنىغا ئايلاندى. ئۇنىڭدا «بىر مۇجاھىد ئۇرۇش مەيدانىدا دۈشمىنىنى يېڭىشتىن بۇرۇن، ئۆز نەپسىنى يېڭىشى كېرەك. ھەقىقىي جىھاد ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزىڭنى ئىسلاھ قىلىشتىن باشلىنىدۇ» دېگەن پرىنسىپ، MILF  نىڭ كېيىنكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە ئەخلاقىي بىر رامكا بەلگىلەپ بەردى. ئۇ «شۇرا» (مەسلىھەت) سىستېمىسىنى قاتتىق يولغا قويدى. ھەر بىر مۇھىم قارار، قوماندانلارنىڭ يالغۇز ھۆكۈمى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئالىملار، ئاقساقاللار ۋە قوماندانلار بىرلەشكەن كېڭەشتە كۈنلەپ، ھەتتا ھەپتىلەپ مۇزاكىرە قىلىنغاندىن كېيىن ئېلىناتتى. ئۇنىڭ كۆز قارىشىچە، «بىر نادان مۇجاھىد، بىر ئىمانسىز دۈشمەندىن تېخىمۇ خەتەرلىك». بۇ ئىنچىكە تەشكىلاتچىلىق ۋە چوڭقۇر ئىدىيەۋىي ئاساس، مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتى MILF نى تاشقى تەسىرلەردىن، ئىچكى چىرىكلىكتىن ۋە ئەڭ مۇھىمى ئۈمىدسىزلىكتىن ساقلىدى. ئۇلار نامراتلىق ئىچىدە ياشىسىمۇ، قوراللىرى كونا بولسىمۇ، قەلبىدىكى ئىمان ۋە غايىنىڭ ساپلىقى ئۇلارغا تۈگىمەس كۈچ ۋە ئىستراتېگىيەلىك سەۋرچانلىق بەخش ئەتمەكتە ئىدى.  

تەننىڭ چىرىشى: نۇر مىسۇئارىنىڭ ئالتۇن قەپەز ئىچىدىكى ئۆلۈمى

دەل شۇ مەزگىللەردە، نۇر مىسۇئارى ۋە ئۇنىڭ MNLF تەشكىلاتى تىرىپولى كېلىشىمىنىڭ «تارىخىي غەلىبە» سىنى داۋاملىق تەبرىكلىمەكتە ئىدى. ئۇ «مورو مۇسۇلمانلىرى مىندانائو ئاپتونوم رايونى» (ARMM) نىڭ تۇنجى رەئىسى بولۇپ تەيىنلەندى. ئۇ ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك، پاكىز ئىشخانىلاردا ئولتۇرۇپ، خەلقئارا دىپلوماتلار بىلەن كۆرۈشۈپ، دۇنيانىڭ ئالدىدا مورو خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىلى بولۇشقا تىرىشتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە، بۇ سىياسىي ئەۋرىشىملىك ۋە دىپلوماتىيە، ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق غايىسىگە يېتىشنىڭ ئەڭ ئاقىلانە يولى ئىدى. ئۇ جاڭگالدىكى كونا سەپداشلىرىنى «ئەسەبىي، زاماندىن ئارقىدا قالغان» دەپ ئەيىبلەيتتى.

لېكىن، فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتى پۈتۈنلەي باشقا ئىدى. ئۇلار «ئاپتونومىيە» نى بىر نىقاب قىلىپ، مورو خەلقىنى ئاستا-ئاستا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، كۈرەش روھىنى سۇندۇرۇش ئۈچۈن ئۈچ چوڭ قاپقاننى تەييارلىغان ئىدى.

بىرىنچى قاپقان: قەلەم بىلەن روھنى ئۆلتۈرۈش

ھۆكۈمەت ئاپتونوم رايونىدىكى مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك پىلانىغا «ياردەم» نامىدا ئارىلىشىشقا باشلىدى. ئىسلام دىنى تەلىماتلىرى ۋە مورو تارىخىغا ئائىت دەرسلەر ئاستا-ئاستا قىسقارتىلىپ، ئورنىغا فىلىپپىن تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە ئاساسىي قانۇنىنى مەجبۇرىي مائارىپقا ئايلاندۇردى. بىر كۈنى، مائارىپ نازارىتىدىكى بىر كونا سەپدىشى نۇر مىسۇئارىنىڭ ئالدىغا يېڭى دەرسلىكنى قويۇپ، ئاچچىق بىلەن دېدى: «رەئىس! بۇنى كۆرۈڭ، بالىلىرىمىزغا ئۆزلىرىنىڭ قەھرىمانى سۇلتان قۇدرەتنى ئەمەس، فىلىپپىننى مۇستەملىكە قىلغان ئىسپانىيەلىكلەرگە قارشى تۇرغان لاپۇ-لاپۇنى ئۆگىتىۋاتىمىز. بۇ، بىزنىڭ قورال بىلەن يېڭىلمىگەن روھىمىزنى قەغەز ۋە قەلەم بىلەن يوقىتىش ئىستراتېگىيەسىدۇر!» مىسۇئارى كىتابنى ۋاراقلاپ، غەزەپتىن تىترەپ كەتتى، ئەمما ئۇنىڭ قولىدا بۇنى توختىتىدىغان ھېچقانداق ھوقۇق يوق ئىدى.

ئىككىنچى قاپقان: ئالتۇن كىشەن بىلەن ئىقتىسادنى بوغۇش

ئاپتونوم رايونىنىڭ بايلىقلىرى يەنىلا فىلىپپىن مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىدى. «ئاپتونومىيە» نامىدا بېرىلگەن ئىقتىسادىي ياردەملەرمۇ چىرىك ئەمەلدارلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ، خەلققە پايدىسى تەگمىدى. نۇر مىسۇئارىنىڭ ئۆزى تاللىغان كادىرلارنى ئەمەلگە قويۇشقا ئۇرۇنۇشىمۇ مەركىزىي ھۆكۈمەت تەرىپىدىن توسالغۇغا ئۇچرىدى. بىر قېتىم يىغىندا، مىسۇئارى بىر ئەمەلدارغا: «بىز نېمە قىلالايمىز؟ بىزنىڭ قولىمىزدا نېمە بار؟» دەپ سۇئال قويغاندا، ھېلىقى ئەمەلدار ئۈمىدسىزلىك بىلەن: «رەئىس جاناپلىرى، بىزنىڭ قولىمىزدا پەقەت يەل بار. بايلىق، ھوقۇق ھەممىسى مانىلانىڭ قولىدا. بىز پەقەت ئۇلارنىڭ كۆرسەتمىسىنى ئىجرا قىلىدىغان بىر گۇماشتىمىز، خالاس» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى.

ئۈچىنچى قاپقان: فورما بىلەن غۇرۇرنى يوقىتىش

ئەڭ ئازابلىق قاپقان – MNLF نىڭ بىر قىسىم ئەسكەرلىرىنى قورالسىزلاندۇرۇپ، فىلىپپىن ئارمىيەسىگە قوبۇل قىلىش ئىدى. بىر ھەشەمەتلىك مۇراسىمدا، مىڭلىغان كونا مۇجاھىدلار ئۆزلىرى يىللاپ ئۇرۇشقان دۈشمەننىڭ فورمىسىنى كىيىپ، ئۇلارنىڭ بايرىقىغا قەسەم بېرىشكە مەجبۇر بولدى. نۇر مىسۇئارى شەرەپلىك ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بۇ مەنزىرىنى كۆزىتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ كۆزىگە بىر چاغلاردا ئۆزى بىلەن بىللە جاڭگالدا ئاچ-يالىڭاچ جەڭ قىلغان بىر كونا قوماندان چېلىقتى. ئۇ يېڭى فورمىنى كىيگەندە، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى ئوت پۈتۈنلەي ئۆچكەن بولۇپ، پەقەت بىر خىل بوشلۇق، بىر خىل روھىي ئۆلۈم نامايان بولماقتا ئىدى. ئۇلار «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ جەڭگە ئاتلانغان كۈنلىرىنى ئۇنتۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمرىنى ئىجرا قىلىدىغان ئاددىي ئەسكەرلەرگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.

شۇ كۈنى كەچتە، نۇر مىسۇئارى ھەشەمەتلىك ئىشخانىسىدا يالغۇز ئولتۇرۇپ، دېرىزىدىن شەھەرنىڭ چىراغلىرىغا قارىدى. ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەسى، بىر پادىشاھنى ئولتۇرغۇزۇش ئۈچۈن قۇرۇلغان شاھمات تاختىسىدا ئۆزىنى بىر پىيادە قىلىپ قويغانلىقتەك بىر ئىش ئىدى. ئۇ دۇنيانىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى، ئەمما خەلقىنىڭ روھىنى يوقاتماقچى بولغان بىر سىستېمىنىڭ پىرقىرىغۇچ چاقىغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇ دېرىزىدىكى ئۆزىنىڭ ئەكسىگە قاراپ، ئاستا پىچىرلىدى: «بىز تىنچلىقنى ئېلىپ كەلدۇق دەپ ئويلىغان ئىدۇق، ئەمما كۆرۈنۈشتە تىنچلىق، ماھىيەتتە قەبرىستانلىقنىڭ تىنچلىقىنى ئېلىپ كەلگەندەك ھېس قىلىمەن. بىزنىڭ روھىمىز ئۆلىۋاتىدۇ، بىز بۇنى كۆرەلمەيۋاتىمىز…»

مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، سالامەت ھاشىمنىڭ جاڭگالدىكى MILF تەشكىلاتىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، مورو خەلقى ئۈچۈن يەنىلا ئۈمىدنى ياشارتىپ تۇرغان بىر چىنارغا ئايلانغان ئىدى. خەلق ئۆزلىرىنىڭ ئالدانغانلىقىنى، كىملىكىنىڭ يوقىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە، كۆزلىرىنى ھۆكۈمەت ئىشخانىلىرىدىكى ئاجىز ۋەكىللىرىگە ئەمەس، بەلكى جاڭگالدىكى ئىمانغا چىڭ ئېسىلغان، پرىنسىپتا تەۋرەنمەي تۇرغان مۇجاھىدلارغا تىكتى. بۇ، پەقەت ھەربىي ياكى سىياسىي كۈرەش ئەمەس، بەلكى روھ بىلەن تەن، ھەقىقەت بىلەن ئالدامچىلىق، ساپلىق بىلەن چىرىكلىك ئوتتۇرىسىدىكى بىر ھايات-ماماتلىق كۈرەش ئىدى. بۇ كۈرەشنىڭ نەتىجىسى، كەلگۈسىدە مورو زېمىنىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ھەل قىلغۇچ كۈچكە ئايلىنىش ئالدىدا تۇراتتى.

(داۋاملىشىدۇ….)

*** *** ***** **** ***** ***** 

قىسسىدىن ئۇيغۇرلارغا ھىسسە: يەتتىنچى قىسىمدىن روھىمىزغا يېقىلىدىغان ئالتە يېڭى مەشئەل ۋە ئالتە سوئال

بىرىنچى مەشئەل: «روھىي قوللانما» دىن «مىللىي ھەرىكەت دوكتىرىناسى» غا يۈكسىلىش

 سالامەت ھاشىمنىڭ «جىھاد ئەخلاقى» كىتابى ئۇنىڭ تەشكىلاتىنى پەقەت بىر گۇرۇپپا قوراللىق كىشىلەر توپى بولۇشتىن ھالقىتىپ، بىر ئىدىيە ئەتراپىغا ئۇيۇشقان، روھىي جەھەتتىن يېڭىلمەس بىر ئارمىيەگە ئايلاندۇردى. بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھەرىكىتىمىز  ھازىرقىدەك تارقاق ھالەتتە، ھەر كىمنىڭ ئۆز چۈشەنچىسى بويىچە داۋاملىشىدىغانلا بولسا بىز دۈشمەننىڭ ئىدىيەۋىي ھۇجۇملىرى، ئىچكى جاسۇسلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلىكى ۋە خەلقئارا سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشچان دولقۇنلىرى ئالدىدا ئاجىز قالىمىز. 1933- ۋە 1944-يىللىرى قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ تېزلا يىقىلىشىدىكى ئەڭ چوڭقۇر سەۋەبلەرنىڭ بىرى – پۈتۈن مىللەتنى بىر نىشانغا باغلايدىغان، ھەر قانداق ئىچكى ۋە تاشقى بېسىملارغا تاقابىل تۇرالايدىغان، ھەممە ئېتىراپ قىلغان مۇستەھكەم بىر «مىللىي ھەرىكەت دوكتىرىناسى» نىڭ بولماسلىقى ئىدى. بىزگە كېرەك بولغىنى پەقەت ئەخلاقىي نەسىھەتلەر توپلىمى ئەمەس، بەلكى ھەر بىر ئۇيغۇرنى، تەشكىلاتنى ۋە كەلگۈسىدىكى دۆلەت ئاپپاراتلىرىغا باغلايدىغان، ھەرىكىتىمىزنىڭ نېمە ئۈچۈن، قانداق ۋە قايسى چەك چېگرالار ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشىنى ئېنىق بەلگىلەيدىغان بىر «مىللىي ھەرىكەت دوكتىرىناسى» (National Action Doctrine)  دۇر. بۇ دوكتىرىنا – بىزنىڭ قىزىل سىزىقىمىز، ئىچكى نىزامىمىز ۋە كەلگۈسىدىكى ئاساسىي قانۇنىمىزنىڭ روھىدۇر. ئۇ پەقەت كىم بىلەن ئۇرۇشۇشنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنى قانداق باشقۇرۇشنى، غەلىبىدىن كېيىن قانداق دۆلەت قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر پۈتۈن سىستېما بولۇشى كېرەك. بۇ، بىزنى ئىدىيەۋىي قالايمىقانچىلىقتىن ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشىدىن قوغدايدىغان ئەڭ كۈچلۈك ئىممۇنىتېت سىستېمىمىزدۇر.

بىرىنچى سوئال: بىز بۇ «مىللىي ھەرىكەت دوكتىرىناسى» نى پەقەت بىر قانچە زىيالىي يېزىپ چىقىدىغان كىتاب ئەمەس، بەلكى يەھۇدىيلارنىڭ «بازېل پروگراممىسى» غا ئوخشاش پۈتۈن مىللەتنىڭ ئىرادىسى جۇغلانغان، ھەر بىر تەشكىلات ۋە جامائەت ۋەكىللىرى تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنىپ، ئورتاق ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان، ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن «قەسەمنامە» بولالايدىغان بىر ھاياتىي ھۆججەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن قانداق ئىدارىي مېخانىزم (institutional mechanism)  قۇرۇپ چىقىمىز؟ بۇنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان بىر «مىللىي قۇرۇلتاي» نى چاقىرىش ئۈچۈن، قايسى تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتىدىن ۋاز كېچىپ، بۇ تارىخىي ۋەزىپىگە باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلالايدۇ؟

________________________________________

ئىككىنچى مەشئەل: مائارىپنى «مەدەنىيەتنى قوغداش» تىن «ئىستراتېگىيەلىك ئەۋلاد يېتىشتۈرۈش» كە يۈكسىلىش

خىتاي ۋەتەندە بىزنىڭ مىليونلىغان بالىلىرىمىزنى مەنقۇرتلاشتۇرۇش ئارقىلىق بىزگە قارشى «ئىنسانىي كاپىتال ئۇرۇشى» (Human Capital Warfare) ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا بىزنىڭ ئەڭ كۈچلۈك جاۋابىمىز – دىئاسپورادىكى چەكلىك نوپۇسىمىزنى ئەڭ ئەلا سۈپەتلىك، ئەڭ قابىلىيەتلىك، مىللىي روھى كۈچلۈك بىر ئىستراتېگىيەلىك ئەۋلادقا ئايلاندۇرۇشتۇر. ھازىرقى «ئىشتىن سىرتقى تارقاق مەكتەپلىرى» مىز پەقەت كىملىكنى ساقلاپ قېلىشتىكى پاسسىپ مۇداپىئە بولۇپ، بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشقا يەتمەيدۇ. بىز يەھۇدىي ۋە ئەرمەن دىئاسپورالىرىنىڭ تەجرىبىسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، پەقەت تىل ئۆگىتىش بىلەنلا چەكلەنمەي، كەلگۈسىدىكى شەرقىي تۈركىستاننى قۇرۇپ چىقالايدىغان سىياسەتچىلەرنى، ئالىملارنى، ئارمىيە قوماندانلىرىنى، ئىقتىسادشۇناسلارنى ۋە دىنىي ئۆلىمالارنى يېتىشتۈرۈشنى نىشان قىلغان «دۆلەت سىرتىدىكى مىللىي مائارىپ سىستېمىسى» نى قۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ سىستېما بالىلىرىمىزغا پەقەت ئۇيغۇر بولۇشنى ئەمەس، بەلكى شەرقىي تۈركىستاننى قايتىدىن قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆگىتىشى شەرت.

ئىككىنچى سوئال: بىز ھازىرقى تارقاق، پىدائىيلارغا تايىنىدىغان «يەكشەنبە مەكتەپلىرى» مودېلىدىن ھالقىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرى ئۈچۈن بىر تۇتاش، زامانىۋىي دەرسلىك، بىر تۇتاش ئوقۇتقۇچى تەربىيەلەش پىلانى ۋە بىر تۇتاش لاياقەت ئۆلچىمىگە ئىگە بولغان، مەركەزلەشكەن «ئۇيغۇر مائارىپ ۋە تەرەققىيات فوندى» تەرىپىدىن قوللىنىدىغان كەسپىي بىر مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇش ئۈچۈن قاچاندىن باشلاپ كونكرېت قەدەملەرنى تاشلايمىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى ئۆز كىرىمىنىڭ مەلۇم نىسبىتىنى بۇ فوندقا ئىئانە قىلىدىغان بىر مىللىي مىزاننى ئورنىتالايمىزمۇ؟

________________________________________

ئۈچىنچى مەشئەل: رەھبەرلىكنى «شەخسلەرنى تاللاش» تىن «ئىدارىي سىستېما قۇرۇش» قا ئايلاندۇرۇش

مۇكەممەل بىر شەخسنى، بىر «قۇتقۇزغۇچى» نى كۈتۈش – ھالاكەتلىك خىيالپەرەسلىكتۇر. غەلىبە قىلىدىغان مىللەتلەر قەھرىمانلارغا ئەمەس، بەلكى قەھرىمانلارنى يېتىشتۈرەلەيدىغان ۋە ئوخشىمىغان تالانت ئىگىلىرىنى بىر يەرگە توپلاپ ئىشلىتەلەيدىغان مۇستەھكەم ئىدارىي سىستېما (Robust Institutional System) غا تايىنىدۇ. نۇر مىسۇئارىنىڭ شەخسىي ئابرۇيى ئۇنى يۇقىرىغا ئېلىپ چىققان بولسىمۇ، ئۇنىڭدا سىستېمىلىق تەپەككۇر ۋە ئىدارىي قۇرۇلما بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئاخىرىدا ئۆزىمۇ بىر پىيادە بولۇپ قالدى. بىزگە كېرەك بولغىنى سالامەت ھاشىمنىڭ ئىدىيەۋىي چوڭقۇرلۇقى بىلەن نۇر مىسۇئارىنىڭ سىياسىي ھەرىكەتچانلىقىنى بىر-بىرىگە رەقىب ئەمەس، بەلكى بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان كۈچكە ئايلاندۇرىدىغان بىر  شورادۇر، يەنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىستراتېگىيە كېڭىشىدۇر. بۇ كېڭەشتە ئىدىيەۋىي رەھبەرلەر «كومپاس» لىق رولىنى ئوينىسا، سىياسىي پائالىيەتچىلەر «ماتور» لۇق رولىنى ئوينىشى كېرەك. قارارلار شەخسنىڭ خاھىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى مۇشۇ سىستېمىنىڭ مۇزاكىرىسى ئارقىلىق چىقىرىلىشى شەرت.

ئۈچىنچى سوئال: بىز ھازىرقى شەخسنى مەركەز قىلغان، رەقىبلىك ۋە ھەسەتخورلۇق ئاسان شەكىللىنىدىغان، بىر رەھبەر كەتسە پۈتۈن ئىش توختاپ قالىدىغان رەھبەرلىك مودېلىدىن ۋاز كېچىپ، ئىدىيەۋىي يېتەكچىلەر، سىياسىي ئىجراچىلار، ھەربىي ئىستراتېگىيەچىلەر ۋە ئىقتىسادشۇناسلار قاتارلىق ئوخشىمىغان ساھەدىكى تالانتلارنى بىر ئورگان ئاستىدا مەجبۇرىي ھەمكارلاشتۇرىدىغان، بىر-بىرىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان ۋە كوللېكتىپ قارار چىقىرىدىغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي خەۋپسىزلىك ۋە ئىستراتېگىيە كېڭىشى» نى قۇرۇشقا سىياسىي ئىرادىمىز ۋە ئەقلىي قابىلىيىتىمىز يېتەمدۇ؟ بۇ سىستېمىدا ھوقۇق شەخسكە ئەمەس، بەلكى ئىقتىدارغا  مەركەزلىشىدىغان بىر مېخانىزم ئورنىتالايمىزمۇ؟

________________________________________

تۆتىنچى مەشئەل: «ساختا تىنچلىق» تىن «ئەڭ تۆۋەن قېزىل سېزىق چېگراسىنى بېكىتىش» كە

: دۈشمەننىڭ قاپقىنىغا چۈشۈش-چۈشمەسلىك بىزنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى رەھبەرنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ ئۆزىمىز ئۈچۈن بېكىتكەن «مۇزاكىرە قىلىنمايدىغان مىللىي قىزىل سىزىق»  (Non-Negotiable National Red Lines) قا باغلىق. تارىختىكى «ئىلى سۆھبىتى» دە، مىللىي ئارمىيەمىز غەلىبە قىلىپ تۇرغان بىر پەيتتە، ئېنىق بىر قىزىل سىزىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئارمىيەمىزنى بىرلەشمە ھۆكۈمەتكە قوشۇۋېتىپ، ئاخىرىدا پۈتۈنلەي يوقىتىلدى. بۇ تارىخىي خاتالىقنىڭ تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن، بىز ھەر قانداق سۆھبەت ياكى كېلىشىمدىن بۇرۇن، مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن «مۇستەقىللىقتىن باشقا ھەر قانداق تاللاش – خىيانەت» دېگەندەك ئۆزگەرمەس پرىنسىپلارنى ئورتاق تونۇشقا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. بۇ قىزىل سىزىق بېكىتىلگەندە، كەلگۈسىدە ھېچقانداق بىر رەھبەر ياكى تەشكىلات بۇ چېگرادىن ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ، خەلقئارا جامائەتچىلىكمۇ بىزگە بۇنىڭدىن تۆۋەن بىر تاللاشنى تېڭىشقا ئۇرۇنالمايدۇ. بۇ، بىزنىڭ سىياسىي ئالدامچىلىقلارغا قارشى ئەڭ كۈچلۈك قالقانىمىزدۇر.

تۆتىنچى سوئال: بىز كەلگۈسىدە دۈچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان سىياسىي قاپقانلارغا پاسسىپ ھالدا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئورنىغا، بۈگۈندىن باشلاپ، بىر مىللەت بولۇپ ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ قىزىل سىزىقىنى، يەنى «تولۇق مۇستەقىللىق، شەرقىي تۈركىستان زېمىنىنىڭ پۈتۈنلۈكى ۋە خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنى چىقىرىۋېتىش» قاتارلىق مۇزاكىرە قىلىنمايدىغان شەرتلەرنى قانۇنىي ھۆججەت شەكلىدە بېكىتىپ، ئۇنى مىللىي قەسەمگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتامدۇق؟ ياكى بۇنى كەلگۈسىگە قويۇپ، ھەر كىمنىڭ ئۆز خىيالىدىكى «غەلىبە» نى كۆزلەپ ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويۇپ، كەلگۈسىدىكى ئىچكى بۆلۈنۈشكە ئاساس يارىتىپ بېرىۋاتامدۇق؟

________________________________________

بەشىنچى مەشئەل: غەلىبە ئۆلچىمىنى «سىياسىي نەتىجە» دىن «مىللىي ئىرادىنىڭ كۈچى» گە ئۆزگەرتىش

ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى ئۆلچەيدىغان بىردىنبىر ئۆلچەم – ئۇنىڭ قانچە دۆلەت بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ياكى خەلقئارا تاراتقۇلاردا قانچىلىك تىلغا ئېلىنغانلىقى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ كوللېكتىپ ئىرادىسىنى (Collective Will) قانچىلىك دەرىجىدە كۈچەيتكەنلىكىدۇر. خەلقنىڭ روھى، ئىمانى ۋە ئۈمىدى – بىزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك زاپىسىمىز ۋە ئەڭ ئاخىرقى قورالىمىزدۇر. ئەگەر بىر سىياسىي ھەرىكەت ياكى دىپلوماتىك ئۇچرىشىش خەلقنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنى، ئېمەن ئېتىقادىنى، بىر-بىرىگە بولغان ئىتتىپاقلىقىنى ۋە غەلىبىگە بولغان ئۈمىدىنى ئاشۇرمىسا، ئۇ ھەتتا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ، ئىستراتېگىيەلىك مەغلۇبىيەتتۇر. چۈنكى تاشقى ياردەم ھامان توختايدۇ، ئەمما مىللىي ئىرادىنىڭ ئەبەدىي كۈچ مەنبەسى ئۇنىڭ رۇھى ۋە ئىماىدۇر.

بەشىنچى سوئال: بىزنىڭ تەشكىلاتلىرىمىز ۋە رەھبەرلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ «خىزمەت ھېساباتى» نى ب د ت دا سۆز قىلىش ياكى غەرب سىياسەتچىلىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈش بىلەن ئۆلچەۋاتامدۇ؟ ياكى ھەر بىر ھەرىكىتىدىن كېيىن، «بۇ ئىشىمىز ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى خەلقىمىزنىڭ غەلىبىگە بولغان ئىشەنچىسىنى قانچىلىك ئاشۇردى؟ ئىچكى ئىتتىپاقلىقىمىزنى قانچىلىك مۇستەھكەملىدى؟ دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىنى قانچىلىك كۈچەيتتى؟» دەپ ئۆزىدىن ھېساب ئالىدىغان، غەلىبىنىڭ ئۆلچىمىنى مىللىي ئېتىقاد ۋە ئىرادىنىڭ كۈچى بىلەن بېكىتىدىغان يېڭى بىر باھالاش سىستېمىسىنى ئورنىتىشقا تەييارمۇ؟

________________________________________

ئالتىنچى مەشئەل: «ئىستراتېگىيەلىك چېكىنىش» نى «ئىستراتېگىيەلىك سەۋرچانلىق» قا ئايلاندۇرۇش

بىزگە كېرەك بولغىنى «چېكىنىش» ئەمەس، بەلكى «ئىستراتېگىيەلىك سەۋرچانلىق» (Strategic Patience)  دۇر. بۇ، دۈشمەن ئەڭ كۈچلۈك، خەلقئارا ۋەزىيەت بىزگە پايدىسىز بولغاندا، كۈچىمىزنى بىھۇدە تاشقى ھەرىكەتلەرگە سەرپ قىلماي، پۈتۈن زېھنىمىزنى ئىچكى قۇرۇلۇشقا – كادىر تەربىيەلەشكە، ئىقتىسادىي ئاساسنى مۇستەھكەملەشكە، ئىستىخبارات تورىنى قۇرۇشقا ۋە كەلگۈسىدىكى ھەل قىلغۇچ پەيت ئۈچۈن كۈچ توپلاشقا قارىتىشتۇر. بۇ، ھەرىكەتسىزلىك ئەمەس، بەلكى ئەڭ ئاكتىپ، ئەڭ ئەقىللىق ھەرىكەتتۇر. بۇ، يولۋاسنىڭ ئوۋغا ئېتىلىشتىن بۇرۇنقى يوشۇرۇنۇشىغا، ۋېيتناملىقلارنىڭ ئامېرىكىغا قارشى ئون نەچچە يىل يەر ئاستى تونېللىرىنى قېزىشىغا ئوخشايدۇ. بىر قىىسم مۇجاھىدلىرىمىزنىڭ يۇقىرىقى مەقسەتلەر ئۈچۈن تاشقى دۇنياغا «ئۈن-تىنسىز» كۆرۈنۈشنى ئىشقا ئاشۇرىشى، دۈشمەنگە نىسبەتەن ئەڭ چوڭ قورال بولغان «ئېنىقسىزلىق» نى يارىتىدۇ ۋە ئۇنى غەپلەتتە قالدۇرىدۇ.

ئالتىنچى سوئال: بىز ھەر كۈنى «بىر ئىش قىلدۇق» دەپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، ئەمما ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىسى تۆۋەن بولغان تاشقى پائالىيەتلەرنىڭ قۇلى بولۇپ قېلىۋاتامدۇق؟ ياكى پۈتۈن مىللىي ھەرىكىتىمىزنى «ئىككى يوللۇق ئىستراتېگىيە» (Dual-Track Strategy) گە ئايرىپ، بىر قىسىم كۈچلىرىمىز تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇرغان بىر پەيتتە، يەنە بىر قىسىم ئەڭ تاللانغان كۈچلىرىمىزنى بىر مەزگىل «ئۈن-تىنسىز» ھالدا، پۈتۈنلەي ئىچكى قۇرۇلۇشنى مۇستەھكەملەشكە، دۈشمەننى غەپلەتتە قالدۇرۇپ، ھەل قىلغۇچ پەيت كەلگەندە زەربە بېرەلەيدىغان «ئىستراتېگىيەلىك سەۋرچانلىق» باسقۇچىغا ئۆتكۈزۈشكە سىياسىي جۈرئىتىمىز ۋە كوللېكتىپ ئاڭ-سەۋىيەمىز يېتەرلىكمۇ؟


8-باب ئىستراتېگىيەلىك قاپقان ۋە ئادالەتنىڭ قىلىچى

1977-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى، مانىلا

تىرىپولى كېلىشىمىنىڭ سىياسىي مېۋىسى بولغان «ئاپتونومىيە» قۇياشى كۆكتە پارلاپ تۇرغاندەك تۇيۇلغان بىر پەيتتە، مورو زېمىنىنىڭ يۈرىكىگە قاراڭغۇ بىر سايە چۈشمەكتە ئىدى. بۇ سايە، تىنچلىقنىڭ ئالدامچى نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، رېئاللىقنىڭ قانلىق چىرايىنى ئاشكارىلايدىغان بىر بوراننىڭ قاراڭغۇلۇقى ئىدى. فىلىپپىن ئارمىيەسى جاڭگالدىكى «ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنى تازىلاش» دېگەن نام ئاستىدا، پات-پات يېزا-قىشلاقلارغا بېسىپ كىرىپ، گۇناھسىز پۇقرالارنى قىيناش ۋە ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتى ئېنىق ئىدى: بىرىنچىدىن، خەلقنى قورقۇتۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ جاڭگالدىكى مۇجاھىدلار بىلەن بولغان گۆش بىلەن تىرناقتەك ئالاقىسىنى ئۈزۈشم ئىككىنچىدىن مۇجاھىدلارنى قۇترۇتۇپ غەزەپىنى قۇزغاش ئارقىىق تەييارلىقسىز ھۇجۇمغا زورلاپ ئۆلتۈرۈپ يوقۇتۇش. ئۈچىنچىدىن نۇر مىسۇئارىنىڭ «ئاپتونومىيە» سىنىڭ ھېچقانداق قوغداش كۈچىگە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ، خەلقنىڭ ئىرادىسىنى پۈتۈنلەي سۇندۇرۇش ئىدى.

مانىلادىكى ھەربىي ئىشتابنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەرىتىلەر بىلەن تولغان ۋە تاماكا ئىسىغا چۆمگەن يوشۇرۇن بىر ئىشخانىسىدا، گېنېرال رومېرو ئالدىدىكى ئوفىتسېرلارغا سوغۇققانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈۋاتاتتى: «تىرىپولى كېلىشىمى – سىياسىي بىر ئويۇن. ئەمما ھەقىقىي غەلىبە جەڭ مەيدانىدا قولغا كېلىدۇ. بىزنىڭ ئىستراتېگىيەمىز، «قۇترىتىش ۋە يوقىتىش» (Provoke and Annihilate). بىز جاڭگالدىكى «قالدۇق ئۇنسۇرلار» نى قۇترىتىشىمىز كېرەك. ئۇلارنى غەزەپ بىلەن ئۆڭكۈرلىرىدىن چىقىشقا مەجبۇرلاپ، ئاندىن ئالدىن تەييارلانغان مۇشتۇمىمىز بىلەن بىراقلا ئېزىپ تاشلايمىز. شۇندىلا دۇنياغا ئۇلارنىڭ تىنچلىقنى خالىمايدىغان تېررورچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىيالايمىز. بۇ ۋەزىپىنى «يىلپىز» قىسمى ۋە ئۇنىڭ ئەمبىتسىيىلىك قوماندانى پولكوۋنىك سانتوس ئىجرا قىلىدۇ»

شۇنىڭدىن بىر ھەپتە كېيىن، «كالىناۋ» (يەرلىك تىلدا «تىنچلىق» دېگەن مەنىدە) دەپ ئاتىلىدىغان، جاڭگال گىرۋىكىدىكى كىچىك بىر يېزىغا فىلىپپىن ئارمىيەسىنىڭ «يىلپىز» ناملىق ئالاھىدە قىسمى باستۇرۇپ كىردى. كالىناۋ (تىنچلىق) يېزىسىنىڭ ئاسمانى ھەربىي تىك ئۇچارلارنىڭ گۈرۈلدىشى بىلەن لەرزىگە كەلدى. يېزا ئىمامى، 70 ياشلىق مالىك، بامدات نامىزىدىن كېيىن ئون نەچچە بالىغا قۇرئان ئۆگىتىۋاتاتتى. تۇيۇقسىز، يېزىنى ھەربىي ماشىنىلار قورشىۋالدى. ئەسكەرلەرنىڭ لاي-پاتقاقنى كېچىپ ماڭغان ئاۋازى، ئىشىكلەر سۇندۇرۇلۇپ باستۇرۇپ كىرىششلەر ۋە ئاياللارنىڭ ۋەھىمىلىك چىقىراشلىرى يېزىنى بىر ئالدى. «مۇجاھىدلارغا ياردەم بەرگەن خائىنلار!» دەپ ۋاقىراشقان ئەسكەرلەر، كىشىلەرنى مەسچىت ئالدىدىكى مەيدانغا سۆرەپ چىقتى. ئىمام مالىكنىڭ قولىدىكى قۇرئان كەرىم يەرگە چۈشۈپ كەتتى، ئۇنىڭ بەتلىرى شامالدا پىلدىرلاپ، توپا-چاڭغا مىلەندى. بۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسەتمەكچى بولغان ئىككى ياشنى سانتوس ئۆزى تاپانچىسى بىلەن شۇ يەردىلا ئېتىپ تاشلىدى. ئۇنىڭ چىرايىدا رەھىم-شەپقەتنىڭ ئەسىرىمۇ يوق، پەقەتلا ھايۋانىي بىر ۋەھشىلىك ۋە مەنسەپ ئاچۆكزلۈك چاقناپ تۇراتتى. ئەسكەرلەر ئۆيلەرنى ئاختۇرۇپ، ئاز-تولا يىغىپ قويغان ئاشلىقلىرىنى تارتىۋالدى، ھەتتا ئاياللارنىڭ قۇلىقىدىكى ھالقىلارنىمۇ يۇلۇپ ئالدى. بىر نەچچە سائەت داۋاملاشقان بۇ بۇلاڭ-تالاڭ ۋە قىرغىنچىلىقتىن، كالىناۋ يېزىسى تىرىكلەرنىڭ ماتەمخانىسىغا، ئۆلۈكلەرنىڭ قەبرىستانلىقىغا ئايلىنىپ قالدى. كالىناۋ يېزىسى ماتەمگە، ئۈمىدسىزلىككە ۋە غەزەپكە چۆمدى.

بۇ پاجىئە، سالامەت ھاشىم بىلەن نۇر مىسۇئارىنىڭ سىياسىي رېئاللىقى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ بىر سىناققا ئايلاندى. خەلق كىمدىن پاناھلىق تىلەيتتى؟ كىم ئۇلارنىڭ يېشىنى سىيلايتتى ۋە ئادالەتنى تىكلىيەلەيتتى؟

بۇ قانلىق خەۋەر ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى كوتاباتودىكى ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك، ھەشەمەتلىك ئىشخانىغا يېتىپ كەلگەندە، نۇر مىسۇئارىنىڭ چىرايى غەزەپتىن كۆكۈرۈپ كەتتى. ئۇ ئۈستەلنى مۇشتلاپ، دەرھال مانىلادىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا تېلېفون قىلدى.  

«گېنېرال رومېرو!» دەپ ۋاقىرىدى ئۇ، تېلېفون تۇرۇبكىسىنى تىترەپ تۇرغان قولىدا مەھكەم سىقىپ، «سىلەرنىڭ پولكوۋنىك سانتوسۇڭلار مېنىڭ خەلقىمنى قىرغىن قىلىۋاتىدۇ! بۇ تىرىپولى كېلىشىمىگە ئوچۇق-ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر!»

تېلېفوننىڭ ئۇچىدىكى گېنېرال رومېرونىڭ ئاۋازىدا بىر خىل سۈنئىي خاتىرجەملىك ۋە يوشۇرۇن مەسخىرە بار ئىدى. «ھە، رەئىس مىسۇئارى، قەدىردان دوستۇم. ئاۋۋال تەمكىن بولۇڭ. بۇ يەردە بىر ئاز چۈشەنمەسلىك بولغان ئوخشايدۇ. پولكوۋنىك سانتوس رايوندىكى تېررورچىلارنى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ جەرياندا بەزىبىر «خاتالىقلار» يۈز بەرگەن بولسا، بىز چوقۇم «ئەستايىدىل» تەكشۈرۈپ چىقىمىز. سىزدىن ئۆتۈنىدىغىنىمىز، بۇ كىچىك ئىشنى چوڭايتىۋەتمەڭ، ئۆزىڭىز بىلەن بىزنىڭ ئورتاق تىنچلىق مۇساپىمىزغا زىيان يەتكۈزۈپ قويماڭ»

«تەكشۈرۈش!»: بۇ سۆز مىسۇئارىنىڭ مېڭىسىگە بىر بولقا زەربىسىدەك تۇيۇلدى. بۇ سۆز ئىلگىرىمۇ ئۇنىڭ قۇلىقىغا نەچچە ئون قېتىم كىرگەن ئىدى. ھەر قېتىملىق «تەكشۈرۈش» نىڭ ئاقىۋىتى، بىر ۋاراق قەغەز ۋە «نەتىجە يوق» دېگەن خۇلاسە ئىدى. ئۇ تېلېفوننى غەزەپ بىلەن قويدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھوقۇقى، ئابرويى ۋە كۈچىنىڭ بىر قەغەز يولۋاسقا ئوخشاشلا ئاجىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلماقتا ئىدى. ئاپتونوم رايون رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر گېنېرالدىن ھەتتا ھېساب سوراشقىمۇ قۇربى يەتمەيدىغانلىقى ئۇنىڭ چارىسىزلىقىنىڭ ئىپادىسى بولماقتا ئىدى.  ئۇ دەرھال كالىناۋغا ئۇن، گۇرۇچ قاتارلىق بۇيۇملار بىلەن ياردەم ئەترىتى ئەۋەتتى. ئۇنىڭ ياردەمچىسى قايتىپ كېلىپ، ئۈمىدسىزلىك بىلەن دوكلات بەردى:

«رەئىس جاناپلىرى، بىز ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقاتماقچى بولدۇق، ئەمما يېزىدىكىلەر بىزگە سوغۇق قارىدى. يېزا ئىمامى مالىك بىزگە قاراپ مۇنداق دېدى: ‹بىزگە گۈرۈچ ئەمەس، ئادالەت كېرەك. بىزگە تەسەللىي ئەمەس، قوغداش كېرەك. سىلەرنىڭ ھۆكۈمىتىڭلار بىزنى دۈشمەننىڭ ئوقىدىن ساقلاپ قالالمىسا، بۇمەنسەپنىڭ نېمە پايدىسى؟ › دېدى. ئۇلار بىزنى ھۆكۈمەتنىڭ ئادەملىرى ئەمەس، بەلكى دۈشمەننىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى دەپ قارايدىكەن»

شۇ كۈنى كەچتە، مىسۇئارى ئىشخانىسىدا يالغۇز ئولتۇرۇپ، دېرىزىدىن شەھەرنىڭ چىراغلىرىغا قارىدى. ئۇ ئۆزىدىن سورىدى: «مەن كىم؟ بىر رەئىسمۇ ياكى بىر ئويۇنچۇقمۇ؟ مەن خەلقىمگە تىنچلىق ئېلىپ كەلدىم دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما ئۇلارغا ئېلىپ كەلگىنىم پەقەت قورالسىزلىنىش ۋە خارلىنىش بولدىمۇ؟» ئۇنىڭ روھى ئالتۇن قەپەز ئىچىدە تىپىرلىماقتا ئىدى.

جاڭگالدىكى ھەرىكەت، سالامەت ھاشىمنىڭ ئىستراتېگىيەلىك جاۋابى

كالىناۋدىكى پاجىئە جاڭگالنىڭ چوڭقۇر قوينىدىكى مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتى MILF لاگېرىغا يېتىپ كەلگەندە، غەزەپلەنگەن ياش مۇجاھىدلارنىڭ قىلىچلىرى قىنىدىن چىقىشقا تاس قالدى. «ئۆچ ئېلىش كېرەك! دەرھال ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىرەر ھەربىي بازىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلايلى!»

بۇ غەزەپ دولقۇنىنىڭ ئالدىدا، سالامەت ھاشىم تەمكىن تۇراتتى. ئۇ جىددىي شۇرا يىغىنى چاقىردى. گۈلخان ئەتراپىدا ھالقىسىمان ئولتۇرغان قوماندانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزىدە غەزەپ ئوتى يېنىپ تۇراتتى.

ياش قوماندان ئىبراھىم ئورنىدىن دەس تۇرۇپ: «ئۇستاز! قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قېنى يەردە قېلىۋاتسا، بىز بۇ يەردە يەنە نېمىنى مەسلىھەتلىشىمىز؟ قورقۇنچاقلىق قىلساق، خەلق بىزنى ئەپۇ قىلمايدۇ!» دېدى.

ئۇنىڭغا قارشى، تەجرىبىلىك ئاقساقال يۈسۈپ ئاستا سۆز قىلدى: «ئىبراھىم، ئوغلۇم، تەمكىن بول. دۈشمەن دەل بىزنىڭ غەزەپلىنىپ، جاڭگالدىن چىقىشىمىزنى كۈتۈۋاتىدۇ. بۇ بىر قاپقان»

ھەممە كۆز سالامەت ھاشىمغا تىكىلدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئوت يورۇقىدا نۇرلانغان چىرايىدا چوڭقۇر بىر ھېكمەت جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

– قېرىنداشلىرىم! دېدى ئۇ ئاستا، ئەمما ھەر بىر سۆزى پولاتتەك ئېغىر ئىدى.  ئۇ مۇنداق دېدى:

«دۈشمەننىڭ ئىستراتېگىيەسى، بىزنىڭ ھېسسىياتىمىزنى ئۆزىمىزگە قارشى قورال قىلىپ ئىشلىتىشتۇر. ئۇلار بىزنى <قۇترىتىپ>، ئاندىن ئاشكارا جەڭدە <يوقىتىش> نى پىلانلىغان. بىز ئۇلارنىڭ ئويۇنىغا كەلمەيمىز. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئويۇنىنى ئوينايمىز. بىزنىڭ جاۋابىمىز قارىغۇلارچە ئۆچ ئېلىش ئەمەس، بەلكى ئىنچىكە پىلانلانغان «ئىستراتېگىيەلىك ئادالەت بەرپا قىلىش بولىدۇ»

ئۇنىڭ پىلانى ئۈچ قەدەملىك بولۇپ ئىنتايىن ئىنچىكە ماسلىشىشچانلىق ئىچىدە ھەرىكەت باشلىدى.

بىرىنچى قەدەم: يوشۇرۇن ياردەم ۋە روھىي تەسەللىي بېرىش بولدى. شۇ كۈنى كېچىدە، قاراڭغۇلۇقتا بىر گۇرۇپپا مۇجاھىد يوشۇرۇن يوللار بىلەن كالىناۋ يېزىسىغا كىردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە تېببىي خادىملار، ياردەمچىلەر ۋە بىر ياش ئالىم بار ئىدى. ئۇلار يارىلانغانلارنى داۋالاپ، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ ئائىلىلىرىگە نەق پۇل ۋە يېمەكلىك يەتكۈزدى. ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدىن پەرقلىق ھالدا، ئۇلار يېمەكلىكنى يېزا مەيدانىغا تاشلاپ قويمىدى، بەلكى ھەر بىر ئۆيگە ئۆزلىرى كىرىپ، ئائىلە باشلىقلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ھال سورىدى. ياش ئالىم، يېزا جامائىتىنى يىغىپ، ئۇلارغا قۇرئاندىن ئايەتلەر ئوقۇپ، سەۋرچانلىق ۋە ئاللاھنىڭ ياردىمىنىڭ يېقىن ئىكەنلىكى ھەققىدە تەسەللىي بەردى. بۇ، مىسۇئارىنىڭ ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن ماددىي ياردەمدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق ئىدى. بۇ، خەلقنىڭ يارىلىرىنى داۋالاش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ سۇنغان روھىنى قايتا تىكلەش ئىدى.

ئىككىنچى قەدەم: ئىنچىكە ئىستىخبارات ۋە نىشاننى بېكىتىش بولدى. سالامەت ھاشىم ئۆچ ئېلىشنى پۈتۈن فىلىپپىن ئارمىيەسىگە قارشى ئەمەس، بەلكى بۇ قىرغىنچىلىققا بىۋاسىتە بۇيرۇق چۈشۈرگەن ۋە ئىجرا قىلغان «يىلپىز» قىسمىنىڭ قوماندانى، زالىملىقى بىلەن تونۇلغان پولكوۋنىك سانتوسقا مەركەزلەشتۈردى. ئۇلارنىڭ ئىستىخبارات گۇرۇپپىسى بىر نەچچە كۈن ئىچىدە شەھەردىكى يوشۇرۇن ھەمكارلاشقۇچىلىرى ئارقىلىق سانتوسنىڭ بارلىق ھەرىكەت لىنىيەسىنى، ئادەتلىرىنى ۋە مۇداپىئەسى جەھەتتىكى ئاجىز ھالقىلىرىنى ئېنىقلاپ چىقتى.

ئۈچىنچى قەدەم: چاقماقتەك زەربە ۋە ئادالەتنى ئىجرا قىلىش بولدى. بىر ھەپتىدىن كېيىن، بىر ھەپتىدىن كېيىن، 1977-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى پولكوۋنىك سانتوس ئۆزىنىڭ ھەشەمەتلىك ماشىنىسىدا شەھەر سىرتىدىكى بىر قەھۋەخانىغا كېتىۋاتقاندا، يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى جاڭگالدىن ئۈچ نەپەر مۇجاھىد تۇيۇقسىز پەيدا بولدى. ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى شۇنچىلىك تېز ۋە ماسلاشقان بولۇپ، سانتوسنىڭ قوغدىغۇچىلىرى ئىنكاس قايتۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرمىدى. بىر نەچچە پاي ئوق ئاۋازىدىن كېيىن، پولكوۋنىك سانتوس ۋە ئۇنىڭ قوغدىغۇچىلىرى شۇ يەردىلا جان بەردى. مۇجاھىدلار ماشىنىنىڭ ئەينىكىگە «كالىناۋ خەلقىنىڭ ئادالىتى – مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتى MILF» دەپ يېزىلغان بىر پارچە قەغەزنى چاپلاپ قويۇپ، كۆزدىن غايىب بولدى.

بۇ ۋەقە پۈتۈن مىندانائونى زىلزىلىگە كەلتۈردى. فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بۇنى «ۋەھشىي تېررورلۇق ھۇجۇمى» دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، مورو خەلقىنىڭ قەلبىدە بۇ ھەرىكەت، ئادالەتنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئىدى. نۇر مىسۇئارىنىڭ ھۆكۈمىتى قىلالىغان ئىش پەقەتلا قۇرۇق گەپ ۋە ئاجىزلىق بولسا، جاڭگالدىكى مۇجاھىدلار ئۆز خەلقىنىڭ قىساسىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىنى قوغدىغان ئىدى.

شۇ كۈندىن باشلاپ، كالىناۋ يېزىسى ۋە ئەتراپتىكى نۇرغۇن يېزا-قىشلاقلارنىڭ ياشلىرى يوشۇرۇن ھالدا جاڭگالغا قاراپ يول ئېلىشقا باشلىدى. ئۇلار مىسۇئارىنىڭ ھۆكۈمىتىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدىنى ئۈزگەن بولۇپ، ھەقىقىي ئازادلىق يولىنىڭ ھەشەمەتلىك ئىشخانىلاردا ئەمەس، بەلكى سالامەت ھاشىمنىڭ لاگېرىدىكى ئىمان، ئىنتىزام ۋە قەتئىي ئىرادە ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن ئىدى. غەلىبىنىڭ مەخپىي فورمۇلاسى ئاستا-ئاستا ئايان بولماقتا ئىدى: ئۇ، خەلقنىڭ قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى.

(داۋاملىشىدۇ….)

قىسسىدىن ئۇيغۇرلارغا ھىسسە: سەككىزىنچى قىسىمدىن روھىمىزغا يېقىلىدىغان يەتتە يېڭى مەشئەل ۋە يەتتە يېڭى سوئال

بىرىنچى مەشئەل: ھەقىقىي ھاكىمىيەت، خەلقنى قوغداش قابىلىيىتىدىن كېلىدۇ، نامدىكى مەنسەپتىن ئەمەس

نۇر مىسۇئارىنىڭ «رەئىس» دېگەن نامى بار ئىدى، ئەمما ئۇ ئۆز خەلقىنى قوغدىيالمىدى. سالامەت ھاشىمنىڭ ھېچقانداق رەسمىي مەنسىپى يوق ئىدى، ئەمما ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىنى ۋە ھاياتىنى قوغدىدى. بۇ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بىر ھەرىكەتنىڭ ھەقىقىي كۈچى ۋە قانۇنلۇقلۇقى (legitimacy) خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشى ياكى ھەشەمەتلىك ئىشخانىلاردا ئەمەس، بەلكى قىيىنچىلىقتا قالغان ئۆز خەلقىگە ھەقىقىي ياردەم بېرەلەيدىغان، ئۇلارنىڭ ئادالىتىنى تىكلىيەلەيدىغان ۋە ئىززەت-غۇرۇرىنى قوغدىيالايدىغان ئەمەلىي قابىلىيىتىدە بولىدۇ.

بىرىنچى سوئال: بىزنىڭ دىئاسپورادىكى تەشكىلاتلىرىمىز ۋە رەھبەرلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ كۈچىنى سىياسەتچىلەر بىلەن كۆرۈشۈش، خەلقئارالىق يىغىنلاردا سۆز قىلىش قاتارلىق سىمۋوللۇق ھەرىكەتلەر بىلەنلا ئۆلچەۋاتامدۇ؟ ياكى خەلقىمىز دۇچ كەلگەن ئەمەلىي قىيىنچىلىقلارنى (مەسىلەن، دىئاسپورادىكى ياشلارنىڭ كىملىك كرىزىسى، ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى، ۋەتەن بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ روھىي ئازاب چېكىۋاتقانلار) ھەل قىلىش ئۈچۈن كونكرېت، ئەمەلىي قوغداش مېخانىزملىرىنى قۇرۇپ، خەلقىمىزنىڭ ھەقىقىي «پاناھگاھى» بولۇشقا تىرىشىۋاتامدۇ؟

ئىككىنچى مەشئەل: ئىستراتېگىيەلىك ئادالەت ھېسسىياتقا بېرىلگەن ئۆچ ئېلىشتىن ئۈستۈندۇر

ياش مۇجاھىدلارنىڭ ھېسسىياتقا بېرىلىپ قارىغۇلارچە ھۇجۇم قىلغان بولسا، ئۇلار دۈشمەننىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ، تېخىمۇ چوڭ زىيان تارتىشى مۇمكىن ئىدى. سالامەت ھاشىمنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئۇلار ھېسسىياتنى بېسىپ، ئەقىل ۋە ئىستراتېگىيە بىلەن ھەرىكەت قىلدى. ئەڭ ئاز چىقىم بىلەن ئەڭ چوڭ نەتىجىگە (دۈشمەننى جازالاش ۋە خەلقنىڭ قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە) ئېرىشتى. بۇ، ھەر قانداق ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ھېسسىيات بىلەن ئەمەس، سوغۇققان ئەقىل بىلەن يېتەكلىنىشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئىككىنچى سوئال: بىز خىتاينىڭ ھەر كۈنى ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈشكۈرتىشلىرى ۋە زۇلۇملىرىغا دۇچ كەلگەندە، كۆپىنچە ھاللاردا ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ھېسسىياتلىق نارازىلىقلارنى ئىپادىلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتامدۇق؟ ياكى بۇ غەزەپ-نەپرەتنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، دۈشمەننىڭ ئەڭ ئاجىز نۇقتىلىرىنى ئانالىز قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە ئىدېئولوگىيەلىك جەھەتلەردىن ئىنچىكە، پىلانلىق ھالدا زەربە بېرىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلارنى تۈزۈپ چىقىشقا قابىلىيىتىمىز يېتەمدۇ؟

ئۈچىنچى مەشئەل: ھەقىقىي غەلىبە، خەلقنىڭ قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشتۇر

بۇ بۆلۈمدىكى ئەڭ ھالقىلىق نۇقتا، خەلقنىڭ ئاخىرىدا كىمگە يۈزلەنگەنلىكىدۇر. مىسۇئارىنىڭ ھۆكۈمىتى ماددىي ياردەم ئەۋەتكەن بولسىمۇ، خەلقنىڭ قەلبىنى قولدىن بېرىپ قويدى. چۈنكى ئۇلار خەلقنىڭ ئىززەت-غۇرۇرىنى ۋە ئادالەتكە بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرالمىدى. MILF بولسا، خەلقنىڭ روھىي ئېھتىياجىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئۇلارنىڭ ھامىيسى بولۇش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ قەلبىنى پۈتۈنلەي قولغا كەلتۈردى. ھەر قانداق ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ مۇستەھكەم قورغىنى  خەلقنىڭ ئۆزىدۇر.

ئۈچىنچى سوئال: بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى قەيەردە؟ غەرب دۇنياسىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشمۇ ياكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشمۇ؟ بىز پائالىيەتلىرىمىزنى پىلانلىغاندا، «بۇ ئىش غەربلىكلەرگە قانداق تەسىر بېرىدۇ؟» دېگەننى ئاۋۋال ئويلاۋاتامدۇق ياكى «بۇ ئىش ئۆز خەلقىمىزنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچىسىنى ۋە ئۈمىدىنى قانچىلىك ئاشۇرىدۇ؟» دېگەننى ئاۋۋال ئويلاۋاتامدۇق؟

تۆتىنچى مەشئەل: ماددىي ياردەم بىلەن روھىي ھىمايىنىڭ پەرقى. ھەقىقىي ياردەم، خەلقنىڭ قورسىقىنىلا ئەمەس، ئىززەت-غۇرۇرىنىمۇ تويغۇزۇشتۇر

مىسۇئارىنىڭ ھۆكۈمىتى گۈرۈچ ئەۋەتتى، لېكىن بۇ خەلقنىڭ نەزىرىدە «سەدىقە» دەپ قارالدى. MILF بولسا، داۋالاش، تەسەللىي ۋە ئادالەتنى ئېلىپ كەلدى، بۇ خەلقنىڭ قەلبىدە «ھىمايە» دەپ قوبۇل قىلىندى. بىر ئازادلىق ھەرىكىتى ئۆز خەلقىگە ياردەم قىلغاندا، ئۇلارنى ئۆزىگە تايىنىدىغان ئاجىزلار قاتارىدا كۆرمەي، بەلكى ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى، ئىززەت-غۇرۇرى قوغدىلىشقا تېگىشلىك شەرەپلىك ئىنسانلار قاتارىدا كۆرۈشى كېرەك.

تۆتىنچى سوئال: بىزنىڭ دىئاسپورادىكى ياردەم پائالىيەتلىرىمىز كۆپىنچە ھاللاردا پەقەت ماددىي ياردەم يەتكۈزۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتامدۇ؟ ياكى بىز ھەر بىر ياردەمگە ئېھتىياجلىق قېرىندىشىمىزنىڭ روھىي ئېھتىياجىنى، ئىززەت-غۇرۇرىنى قوغداشنى ئاساس قىلغان، ئۇلارغا پەقەت بېلىق بېرىپلا قالماي، بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىدىغان، ئۇلارنى قايتىدىن ئۈمىدكە ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچكە ئىگە قىلىدىغان بىر پۈتۈن «ئىنسانىي ھىمايە سىستېمىسى» نى قۇرۇشنى ئويلىشىۋاتامدۇق؟

بەشىنچى مەشئەل: ئىستراتېگىيەلىك زەربە: پۈتۈن ئورمانغا ئوت قويۇشنىڭ ئورنىغا، زەھەرلىك يىلاننىڭ بېشىنى ئۈزۈش

سالامەت ھاشىم پۈتۈن فىلىپپىن ئارمىيەسىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئۆز كۈچىنى بىھۇدە خوراتمىدى. ئۇ زۇلۇمنىڭ مەنبەسىنى، يەنى پولكوۋنىك سانتوسنى ئېنىق نىشان قىلىپ، شۇ نۇقتىغا چاقماقتەك زەربە بەردى. بۇ، ئاجىز كۈچنىڭ كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تاكتىكىسى بولۇپ، ئۇ دۈشمەن ئىچىدە ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ، ئۆز خەلقىگە بولسا ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېغىشلايدۇ.

بەشىنچى سوئال: بىز دۈشمەنگە قارشى ھەرىكەت قىلغاندا، كۈچىمىزنى تارقاق، ئومۇمىي شوئارلارغا سەرپ قىلىپ، ھېچقانداق ئەمەلىي نەتىجە ئالالمايۋاتامدۇق؟ ياكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئىجرا قىلىۋاتقان كونكرېت شەخسلەرنى، شىركەتلەرنى ۋە ئورگانلارنى ئېنىق نىشان قىلىپ، بارلىق كۈچىمىزنى شۇلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى خەلقئارا قانۇن، ئىقتىسادىي جازا ۋە جامائەت پىكرى ئارقىلىق بىردىن-بىردىن يوقىتىدىغان، ئىنتايىن ئىنچىكە ۋە نىشانلىق «ئىستراتېگىيەلىك زەربە بېرىش پىلانى» نى تۈزۈپ چىقىشنى ئويلىشىۋاتامدۇق؟

ئالتىنچى مەشئەل: دۈشمەننىڭ خاتالىقى، بىزنىڭ پۇرسىتىمىز. زالىمنىڭ ۋەھشىيلىكى، ئىنقىلابنىڭ ئەڭ ياڭراق جاكارچىسىدۇر

«يىلپىز» قىسمىنىڭ كالىناۋ يېزىسىدا ئېلىپ بارغان ۋەھشىيلىكى، فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك بىر ئاپەت بولدى. چۈنكى بۇ قىلمىش، خەلقنى ھۆكۈمەتتىن پۈتۈنلەي يۈز ئۆرۈشكە مەجبۇرلىدى ۋە ئۇلارنى MILF نىڭ قوينىغا ئىتتىردى. ئەقىللىق بىر ھەرىكەت، دۈشمەننىڭ خاتالىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ كۈچىنى زورايتىشنى بىلىدۇ.

ئالتىنچى سوئال: خىتاينىڭ ھەر بىر يېڭى زۇلۇمى ۋە خاتالىقىنى پەقەت ئاھ ئۇرۇپ، پاجىئە سۈپىتىدە كۆرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتامدۇق؟ ياكى بىز دۈشمەننىڭ ھەر بىر خاتالىقىنى ئالدىن كۆرەلەيدىغان ۋە ئۇ يۈز بەرگەندە دەرھال ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ غەلىبىسىنىڭ يادروسىغا ئايلاندۇرالايدىغان، ئۇنىڭ ۋەھشىيلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا ئەڭ تەسىرلىك شەكىلدە ئاڭلىتىپ، ئۇنى سىياسىي جەھەتتىن يېتىم قالدۇرىدىغان بىر «تېز ئىنكاس قايتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى» (Rapid Response Strategy) گە ئىگە بولالىدۇقمۇ؟

يەتتىنچى مەشئەل: «ئىستراتېگىيەلىك ئېنىقسىزلىق»، دۈشمەننى گاڭگىرىتىپ قويىدىغان ئەڭ ئۆتكۈر قورالىمىز

سالامەت ھاشىمنىڭ فىلىپپىن ئارمىيەسىنىڭ «قۇترىتىش ۋە يوقىتىش» قاپقىنىغا چۈشمەسلىكى، ئۇنىڭ ھېسسىياتىنى ئەقلىگە بويسۇندۇرالىغان بىر دانىشمەن ئالىم ئىكەنلىكىنىلا ئەمەس، بەلكى ئاجىز كۈچنىڭ كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن بىر ئىستراتېگىيەچى ئىكەنلىكىنىمۇ ئىسپاتلايدۇ. بۇ قورال؛ ئىستراتېگىيەلىك ئېنىقسىزلىق (Strategic Ambiguity) دۇر. خىتاي بىزنى قۇترىتىشنى، ھېسسىياتقا بېرىلىپ، ئالدىن پىلانلانمىغان ھەرىكەتلەرگە يۈزلەندۈرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. چۈنكى شۇندىلا ئۇ قىرغىنچىلىقلىرىنى «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» دەپ ئاقلاش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. شۇڭلاشقا، ھازىرقى باسقۇچتا بىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇتۇقىمىز ۋە دۈشمەن ئۈچۈن ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقى، بىزنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىمىزنى، قاچان قىلىدىغانلىقىمىزنى ۋە قانداق قىلىدىغانلىقىمىزنى خىتاينىڭ پەرەز قىلالماسلىقىدۇر. بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنىڭ «ئېنىقسىز» بولۇشى، دۈشمەننى ھەر ۋاقىت يۈكسەك ھۇشيارلىق ھالىتىدە تۇرۇشقا مەجبۇرلايدۇ. دۈشمەن ئۈچۈن كۆرۈنۈپ تۇرغان بىر باتالىيون ئەسكەردىن، قەيەردە ئىكەنلىكى نامەلۇم بولغان گويا ئەرۋاھ تەكبىر نەپەر يېگىت تېخىمۇ قورقۇنچلۇقتۇر.

يەتتىنچى سوئال: بىز ھازىرقى ھېسسىياتچان، تارقاق ئىنكاس قايتۇرۇش ھالىتىدىن، دۈشمەننى ھەر ۋاقىت ھۇدۇقۇش ئىچىدە قالدۇرىدىغان، كوللېكتىپ، ئىنتىزامچان ۋە بىرلىككە كەلگەن «ئىستراتېگىيەلىك ئېنىقسىزلىق» پىلانىغا ئۆتۈش ئۈچۈن قايسى كونكرېت قەدەملەرنى بېسىشىمىز كېرەك؟ بىز دۈشمەننىڭ ھەر بىر كۈشكۈرتىشىگە غەزەپ بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ھېسسىياتىنى ۋە پىلانلىرىمىزنى ئاشكارىلاپ قويۇشتىن ساقلىنالايدىغان كوللېكتىپ ئىنتىزامنى قانداق يېتىلدۈرىمىز؟ قايسى ھەرىكەتنى قىلىش ۋە قايسى ھەرىكەتتىن ئۇزاق تۇرۇشنى بەلگىلەيدىغان، ئورتاق ئىتتىپاقلاشقان بىر «مىللىي ئىستراتېگىيە كېڭىشى» قۇرۇپ، بارلىق تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى شۇ كېڭەشنىڭ ئىنتىزامىغا بويسۇندۇرالايدىغان سىياسىي ئىرادىمىز بارمۇ؟


9-باب ئىچكى دۈشمەن؛ غۇرۇرنىڭ ئوتى ۋە ھېكمەتنىڭ شەربىتى

 پولكوۋنىك سانتوسقا بېرىلگەن زەربىنىڭ غۇلغۇلىسى پۈتۈن مىندانائو زېمىنىنى قاپلىدى. بۇ نۇقتىلىق، ئەمما توغرا ۋاقىتتا، مۇكەممەل پىلان بىلەن ئېلىپ بېرىلغان زەربە، بىر تەرەپتىن يىللاردىن بېرى ئىشغالچىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئاجىز ۋە چارىسىز ھېس قىلىپ كەلگەن مورو ياشلىرىنىڭ قەلبىدە ئۆزلۈك ئىشەنچىنى ئويغاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىشغالچى فىلىپپىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئارمىيەسىنى چوڭقۇر ۋەھىمىگە سالدى. بۇ خەۋەر ھۆكۈمەت رادىيوسىدىن ئەمەس، بەلكى بازارلاردىكى پىچىرلاشلاردىن، مەسچىتلەردىكى يوشۇرۇن دۇئالاردىن ۋە ئانىلارنىڭ ئۈمىدكە تولغان كۆز ياشلىرىدىن ئۆتۈپ، قەلبتىن قەلبكە كۆچكەن بىر داستانغا ئايلاندى. ئۇزۇندىن بېرى ئۈمىدسىزلىك ۋە چارىسىزلىك تۇمانلىرى ئىچىدە يولىنى يوقاتقان مورو خەلقى ئۈچۈن، بۇ ھەرىكەت قاراڭغۇ ئاسماندا تۇيۇقسىز چاقنىغان بىر يورۇق يۇلتۇزغا ئايلاندى. ئۇلار شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىكى، «ھەقىقىي ئادالەت ھەشەمەتلىك ئىشخانىلاردىكى قۇرۇق ۋەدىلەردە ئەمەس، بەلكى جاڭگالنىڭ قوينىدىكى ئىمانلىق يۈرەكلەرنىڭ پولات ئىرادىسىدە»

شۇنىڭ بىلەن، يېزا-قىشلاقلاردىكى غەيرەتلىك يىگىتلەرنىڭ قەلبىدە يېڭى بىر مەشئەل ياندى. كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ يوشۇرۇن دۇئالىرىنى ئېلىپ، جاڭگالغا قاراپ ئېقىۋاتقان بۇ ياشلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. ئۇلارنىڭ ھەر بىر قەدىمى، مىسۇئارىنىڭ سۇسلاۋاتقان ھاكىمىيىتىگە ئۇرۇلغان بىر تەستەك، سالامەت ھاشىمنىڭ كۈچىيىۋاتقان ئىرادىسىگە قوشۇلغان يېڭى بىر تامچە قان بولماقتا ئىدى.

پولكوۋنىك سانتوسنىڭ قېنى مىندانائو تۇپرىقىغا تېخى سىڭىپ بولمايلا، ئۇنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى مانىلادىكى ھەربىي ئىشتابنىڭ قېلىن تاملىرىنىمۇ تەۋرىتىۋەتكەن بىر زىلزىلىگە ئايلاندى. يىغىن زالىدىكى ھەر بىر ئوفىتسېرنىڭ نەپىسىمۇ بوغۇزىغا تىقىلىپ قالغاندەك ئىدى. گېنېرال رومېرونىڭ ئۈستەلگە قاتتىق مۇشتلاپ، ۋاقىرىغان ئاۋازى بۇ ئۆلۈك سۈكۈتنى پارە-پارە قىلدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئادەتتىكى غەزەپ ئەمەس، بەلكى خورلانغان بىر يىرتقۇچنىڭ ۋەھشىيلىكى چاقناپ تۇراتتى. «بىر توپ جاڭگال سقاراقچىلىرى بىزنىڭ ئالاھىدە قىسىمىمىزنىڭ قوماندانىغا پايتەختتە قول سالىدىما؟! بۇ ئاددىي بىر ھۇجۇم ئەمەس! بۇ بىزنىڭ ھاكىمىيىتىمىزگە، بىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمىزگە قىلىنغان ھۇجۇمدۇر! بۇ ھاقارەت پەقەت قان بىلەنلا يۇيۇلىدۇ!»

ئۇنىڭ غەزىپىنىڭ يالقۇنى كۆزلىرىدە قانچىلىك تېز يانغان بولسا، شۇنچىلىك تېز ئۆچتى. ئورنىنى ھەر قانداق ئوتتىنمۇ قورقۇنچلۇق بولغان مۇزدەك بىر مەككارلارچە سوغۇققانلىق ئىگىلىدى. ئۇ خەرىتىنىڭ ئالدىدا ئۇزاق ئويلىنىپ تۇرۇپ: «بىز بىر خاتالىق ئۆتكۈزدۇق. كالىناۋدىكى ھەربىي ھەرىكىتىمىز ئۇلارنى قورقۇتۇشنىڭ ئورنىغا، خەلقنىڭ نەزىرىدە قەھرىمان قىلىۋەتتى. بىزنىڭ ئوقىمىز ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. ئەمدى بىز تاكتىكىمىزنى ئۆزگەرتىمىز. جاڭگالغا بومبا تاشلاشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنىڭ قەلبىگە پىتنە-ئىغۋانىڭ ئۇرۇقىنى چاچىمىز. بىزنىڭ يېڭى قورالىمىز ئوق-دورا ئەمەس، بەلكى نۇر مىسۇئارىنىڭ غۇرۇرى ۋە ھەسەتخورلۇقىنى ئەۋجىەە چىقىرىش بولىدۇ»

ئۇ يېنىدىكى ئوفىتسېرغا قاراپ زەھەرخەندىلىك بىلەن كۈلۈمسىرىدى: «ئۇلارنى ئۆز-ئارا ئۇرۇشتۇرۇش كېرەك. شۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار، جەڭ مەيدانىدا بىر مورو ئۆلسە، ئۇ بىزنىڭ بىر دۈشمىنىمىزنىڭ ئازايغىنى بولىدۇ. ئەگەر ئىككى مورو ئۆز-ئارا ئۇرۇشۇپ ئۆلسە، ئۇ بىزنىڭ غەلىبىمىز بولىدۇ» 

شۇنىڭ بىلەن، مورو زېمىنىغا قوراللىق ھۇجۇمدىنمۇ خەتەرلىك، كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان، ئەمما روھنى ئىچىدىن يەپ تۈگىتىدىغان بىر زەھەرلىك پىلان ئخقرا قىلىنىشقا باشلاندى.

دەل شۇ كۈنلەردە، جاڭگالنىڭ قوينىدىكى سالامەت ھاشىم پۈتۈنلەي باشقا بىر ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىش ئىچىدە ئىدى. ئۇنىڭ لاگېرىغا ھەر تەرەپتىن ئېقىپ كېلىۋاتقان ياشلارنىڭ كۆزىدىكى ئوتنى كۆرۈپ، ھەم خۇشال بولاتتى، ھەم چوڭقۇر بىر ئەندىشىگە چۆمەتتى. ئۇلارنىڭ جەڭگىۋارلىقى كۈچلۈك، ئەمما ئىدىيەۋى ئاساسى ئاجىز ئىدى. ئۇ ئۆز-ئۆزىگە: «بۇ ياشلارنى پەقەت ئۇرۇش قىلىشنى بىلىدىغان، ئەمما نېمە ئۈچۈن، قانداق ئۇرۇش قىلىشنى بىلمەيدىغان بىر توپقا ئايلاندۇرۇپ قويسام، غەلىبە قىلغان تەقدىردىمۇ، بىز يەنىلا بىر زالىم ھاكىمىيەتتىن باشقا نەرسە قۇرۇپ چىقالمايمىز» دەپ ئويلىماقتا ئىدى.

ئۇ بىر كۈنى كەچتە، ئۆزى ئەڭ ئىشىنىدىغان قوماندانلار ۋە ئالىملارنى مەخپىي بىر شۇراغا چاقىردى. گۈلخان ئوتىنىڭ يورۇقىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى: «بىزنىڭ <جاڭگال مەدرىسەسى>مىز ئۇلارغا ئىمان ۋە ئەخلاقنىڭ ئۈگىتىۋاتىدۇ. ئەمما بىر دەرەخنىڭ يىلتىزى قانچە چوڭقۇر بولغىنى بىلەن، ئۇنىڭ شاخلىرى دۇنيانىڭ بوران-چاپقۇنلىرىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان دەرىجىدە پىشقان بولمىسا بولمايدۇ. بىز پەقەت مىندانائونىڭ جاڭگاللىرىدىلا جەڭ قىلمايمىز، بىزنىڭ كۈرىشىمىزنىڭ ئىددىيەۋىي ۋە ئىلمىي ئاساسىي كۈچىيشى ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭلاشقا، ئالدىمىزدىكى 20 يىلغا پۇختا ئاساس تىكلەش ئۈچۈن بىز كەلگۈسىدىكى قوماندانلىرىمىزنى دۇنيادىكى ئەڭ ئاچچىق، ئەڭ مۇرەككەپ جەڭگاھلاردا تاۋلاپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز لازىم»

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز ئەڭ تاللانغان، ئەقلى ئۆتكۈر، ئىمانى مۇستەھكەم يىگىتلىرىمىزدىن بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ئۇلارنى يوشۇرۇن يوللار بىلەن ئافغانىستانغا، چېچىنىستانغا ئەۋەتىمىز. ئۇلار ئۇ يەردە سوۋېت ئىتتىپاقىدەك بىر دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچكە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىدۇ. پەقەت ھەربىي تاكتىكىنىلا ئۆگىنىپ قالمايدۇ، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇلار ئۈمىدسىزلىككە، زامانىۋىي ئۇرۇشنىڭ ھېلە نەيرەڭلىرىگە ۋە ئىچكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنى ۋە ئىمان ئىرادىسىنى قانداق ساقلاشنى ئۆگىنىدۇ. ئۇلار قايتىپ كەلگەندە، بىزنىڭ كەلگۈسى ئارمىيەمىزنىڭ پولاتتەك ئومۇرتقىسى بولىدۇ»

بۇ پىلان، نۇرغۇن قوماندانلارنى ھەيران قالدۇردى. بۇ، مىندانائونىڭ تار كۆلىمىدىن ھالقىپ، پۈتۈن يەر شارىنى بىر شاھمات تاختىسى قىلغان بىر ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتە ئالتۇن قەپەز ئىچىدە روھىي ئازاب چېكىۋاتقان نۇر مىسۇئارى ئىدى. سانتوسنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى ئۇنىڭغا يېتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭ بىرىنچى ئىنكاسى خۇشاللىق ئەمەس، بەلكى كۈچلۈك بىر خورلۇق ۋە ھەسەت تۇيغۇسى بولدى. بازارلاردا، مەسچىت جامائەتلىرى ئارىسىدا پىچىرلاشلار تارقالدى: «مىسۇئارىنىڭ ھۆكۈمىتى بىزگە پەقەت گۈرۈچ ئەۋەتتى، ئەمما سالامەت ھاشىمنىڭ مۇجاھىدلىرى بىزگە ئادالەتنى ئېلىپ كەلدى!»، «بىرى قۇرۇق گەپ قىلىشتىن باشقىنى بىلللمەيدىغان رەئىس، يەنە بىرى مىللەتنىڭ غۇرۇرىنى ھەقىقىي قوغدىغۇچى» 

بۇ سۆزلەر خۇددى زەھەرلىك نەشتەردەك مىسۇئارىنىڭ قەلبىگە سانجىلاتتى. ئۇ بىر چاغلاردا ئۆزىنىڭ شاگىرتى، ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى بىر قوماندان بولغان سالامەت ھاشىمنىڭ شۆھرىتىنىڭ ئۆزىدىن ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قارىتا خورلۇق ھېس قىلماقتا ئىدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا، سالامەت ھاشىم ئەمدى بىر سەپداش ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ مەنسىپىنى، ئابرويىنى ۋە تارىختىكى ئورنىنى تارتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بىر رەقىبكە ئايلىنىپ قالغان ئىدى.

شۇنداق بىر روھىي ھالەتتە تۇرغاندا، گېنېرال رومېرو ئۇنىڭ بىلەن «مەخپىي» ۋە «دوستانە» بىر ئۇچرىشىش ئورۇنلاشتۇردى. كۆركەم بىر داچىدا، رومېرو مىسۇئارىغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلغان قىياپەتتە: «رەئىس جاناپلىرى، بىز سىزنىڭ تىنچلىق ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىڭىزغا يۈكسەك باھا بېرىمىز. ئەمما جاڭگالدىكى كونا دوستىڭىز سىزنىڭ ئارقىڭىزدىن پىچاق تىقىۋاتىدۇ. بىزنىڭ ئىشەنچلىك مەلۇماتىمىزغا قارىغاندا، سالامەت ھاشىمنىڭ ئادەملىرى سىزنىڭ كونتروللۇقىڭىزدىكى <تامپاران> يېزىسىغا كىرىپ، خەلقنى ئاشكارا ھالدا سىزگە قارشى قۇترىتىپ، ئۆزلىرىگە باج تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلاپتۇ. ئۇلار سىزنىڭ ھاكىمىيىتىڭىزنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەسەبىي ئىسلام ئەمىرلىكىنى قۇرماقچى»

بۇ سۆزلەر مىسۇئارىنىڭ قەلبىدىكى ھەسەت ئوتىغا چېچىلغان مايدەكلا تەسىر كۆرسەتتى. بۇ «ئىستىخبارات» نىڭ راست-يالغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈپمۇ ئولتۇرماي، غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولدى ۋە: «قانداق جۈرئەت قىلىدۇ ئۇ!» دەپ ۋاقىرىدى . دەرھال ئۆزىگە سادىق بولغان، فىلىپپىن ئارمىيەسىنىڭ فورمىسىنى كىيگەن ۋە ھۆكۈمەتتىن مائاش ئېلىۋاتقان سابىق ئەسكەرلىرىدىن تەشكىللەنگەن بىر باتالىيوننى «تامپاران» يېزىسىغا ئەۋەتتى. ئۇنىڭ بۇيرۇقى ئېنىق ئىدى: «يېزىدىكى مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتى ئۇنسۇرلىرىنى تازىلاپ، ھۆكۈمەتنىڭ، يەنى مېنىڭ ھاكىمىيىتىمنى قايتا تىكلەڭلار!»

تامپاران يېزىسىنىڭ خەلقى بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى كالىناۋدىكى قىرغىنچىلىقنى ئاڭلاپ، مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتى MILF غغا ھېسداشلىق قىلغان، ئۇلارغا يوشۇرۇن ئاشلىق ۋە دورا ياردەم قىلغان ئاددىي دېھقانلار ئىدى. ئۇلار بىر كۈنى تاڭ سۈزۈلگەندە، يېزىنى قورشىۋالغان ئەسكەرلەرنى كۆرۈپ، «يەنە فىلىپپىننىڭ ئىشغالچى ئارمىيەسى بېسىپ كەلدى» دېگەن ئەندىشىگە چۆمدى. ئەمما بۇ قېتىم كەلگەنلەرنىڭ چىرايى، تىلى ئۆزلىرىنىڭكىگە ئوخشاش مورو ئىدى، پەقەت ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى فورمىلا دۈشمەننىڭكى بىلەن ئوخشاش ئىدى. مىسۇئارىنىڭ قوماندانى يېزا مەيدانىغا كىرىپ: «ئاراڭلاردىكى سالامەت ھاشىمنىڭ جاسۇسلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىڭلار!» دەپ جار سېلىشقا باشلىدى. يېزا ئاقساقاللىرى ئالدىغا چىقىپ: «بۇ يەردە جاسۇس يوق، ھەممىمىز مورو، ھەممىمىز مۇسۇلمان قېرىنداشلار» دېيىشىگە، بىر ياش، قىزىققان ئەسكەر ئۇنىڭ ياقىسىدىن تۇتتى. بۇنى كۆرگەن يېزىدىكى ياشلارنىڭ غەزىپى تاشتى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىرىشىش، ھاقارەتلەشكە، ئاندىن مۇشتلىشىشقا ئايلاندى. قالايمىقانچىلىقتا، كىمدۇر بىرى تۇيۇقسىز ئوق چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن، مورو زېمىنىنىڭ ئاسمانىنى لەرزىگە كەلتۈرگەن، تارىخ بېتىگە قارا قان بىلەن يېزىلغان بىر پاجىئە يۈز بەردى. مورو مورونىڭ كۆكسىگە ئوق ئاتماقتا ئىدى.

بۇ قانلىق خەۋەر جاڭگالدىكى مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتى MILF لاگېرىغا يېتىپ كەلگەندە، پۈتۈن لاگېر قايناپ كەتتى. ياش مۇجاھىدلارنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چاقنايتتى. «ئۇلار دۈشمەننىڭ فورمىسىنى كىيىپ، ئۆز قېرىنداشلىرىنى ئۆتۈردىمۇ! ئۇلار مۇرتەد بولدى! ئۇلار خائىن! بىز چوقۇم ئۆچ ئېلىشىمىز كېرەك!» دېگەن سادالار جاڭگالنى زىلزىلىگە كەلتۈردى. 

بارلىق غەزەپلەنگەن كۆزلەر سالامەت ھاشىمغا تىكىلگەن ئىدى. ئۇنىڭ چىرايىدا غەزەپ ئەمەس, بەلكى چوڭقۇر بىر قايغۇ ۋە ئېغىر بىر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار ئىدى. ئۇ ھەممىنى سۈكۈتكە چاقىرىپ, ئېغىر بېسىقلىق بىلەن سۆز باشلىدى:

«قېرىنداشلىرىم! بۈگۈن مىندانائو ئۈچۈن قارا كۈن. ئەمما بۇ دەل دۈشمەننىڭ ئارزۇ قىلغىنى! ئۇلار بىزنى ئۆز-ئارا ئۇرۇشتۇرۇپ، ئۆزلىرى چەتتە قاراپ كۈلۈشنى خالايدۇ. مەن سىلەرنى غەزەپلەنمەڭلار دېمەيمەن، لېكىن غەزەپ ئەقىلنى كۆمۈپ قويغاندا، ئۇ جىھاد ئەمەس، ھالاكەتكە ئايلىنىدۇ. بىزمۇ بۇ يەردە ئۆز قېرىنداشلىرىمىزغا قورال تەڭلەپ، دۈشمەننىڭ كۈلكىسىگە سەۋەبچى بولامدۇق؟ بىزنىڭ قورالىمىز مانىلاغا قارىتىلغان، مىندانائوغا ئەمەس! بىر تامچە قېنىمىزنىڭمۇ ئۆز قېرىندىشىمىزنىڭ قولىدا بىھۇدە تۆكۈلۈشى، جىھادىمىزغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ خىيانەتتۇر. مىسۇئارى ئالدانغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى نۇرغۇن ئەسكەرلەر يەنىلا بىزنىڭ قېرىندىشىمىز. بىز ئۆچ ئالمايمىز، بىز بۇ پىتنىنى توختىتىمىز كېرەك»

ئۇ قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ھەققىدىكى تەلەپلەرنى قەتئىي رەت قىلدى. چۈنكى قىساس ئۈچۈن قىنىدىن چىققان قىلىچلارنى ئەمەس، پىتنە تۈپەيلىدىن ئېقىش ئالدىدا تۇرغان قېرىنداشلىق قېنىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرمەكتە ئىدى. شۇڭا ئۇ ئۆچ ئېلىش يولىنى ئەمەس، مۆتىدىللىق يولىنى تاللىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك سىردىشى، يۈزىدىكى ھەر بىر قورۇقچا سىزىقىغا مىڭلىغان ھېكمەت  يوشۇرۇنغان ئاقساقال يۈسۈپنى يېنىغا چاقىردى. ئۇنىڭغا قورال ئەمەس، بىر ۋاراق قەغەز تۇتقۇزدى. 

«بۇ خەتنى ئۇنىڭ ئۆز قولىغا بەرگىن. ئۇنىڭدا مېنىڭ سالىمىم ئەمەس، بەلكى پۈتۈن مورو خەلقىنىڭ ئاھ-زارىبىلەن يۇغۇرۇلغان پەقەت بىرلا جۈملە سۆزلا بار: ‹ئەي قېرىندىشىم، دۈشمەننىڭ قىلىچىنى ئۆز قېرىندىشڭنىڭ يۈرىكىگە سانجىما!>»

بۇ قارار، بىر ھەربىي قومانداننىڭ ئەمەس، بەلكى بىر مۇتەپەككۇرنىڭ، ئۆز خەلقىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن قايغۇرغان بىر دانىشمەننىڭ قارارى ئىدى. بۇ، جەڭ مەيدانىنى بەلگىلەيدىغان بىر ھەربىي قارار ئەمەس، بەلكى بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئەخلاقىي بىر تاللاش ئىدى. بۇ ئاسان بولغان ئۆچ ئېلىش يولىنى تاشلاپ، قىيىن بولغان بىرلىك يولىنى تۇتۇش ئىدى. بۇ، غۇرۇرنىڭ كۆيدۈرگۈچى ئوتىنى ھېكمەتنىڭ شىپالىق شەربىتى بىلەن  ئۆچۈرۈپ، ھەرىكەتنىڭ روھىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنۇش ئىدى.

(داۋاملىشىدۇ….)

قىسسىدىن ئۇيغۇرلارغا ھىسسە: توققۇزىنچى قىسىمدىن روھىمىزغا يېقىلىدىغان يەتتە يېڭى مەشئەل ۋە يەتتە سوئال

بىرىنچى مەشئەل: كىچىككىنە بىر ئىستراتېگىيەلىك ئۇچقۇنمۇ، پۈتۈن بىر ئۈمىدسىزلىك دالاسىغا ئوت ياقالايدۇ

بىر ھەرىكەتنىڭ كۈچى ئۇنىڭ كۆلىمى بىلەن ئەمەس، بەلكى ۋاقتى ۋە سىمۋوللۇق مەنىسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ئۈمىدسىزلىك ھۆكۈم سۈرگەن بىر شارائىتتا، ياخشى پىلانلانغان كىچىككىنە بىر ئادالەت ھەرىكىتى، دۈشمەننىڭ يېڭىلمەسلىكىگە دائىر ئەپسانىسىنى پارە-پارە قىلىپ، ئۆزگىرىشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. بۇ پاسسىپ ئۈمىدسىزلىكنى ئاكتىپ ئۈمىدكە ئايلاندۇرىدىغان، ئاممىنى ئۆز كۈچىگە قايتا ئىشىنىشكە ئىلھاملاندۇرىدىغان بىر كاتالىزاتورغا ئايلىنىدۇ. سانتوسنىڭ جازالىنىشى ماددىي جەھەتتىن كىچىك بىر ھەرىكەت بولسىمۇ، ئۇنىڭ روھىي ۋە سىمۋوللۇق قىممىتى پۈتۈن بىر ئارمىيەنىڭ ئاتوم بومبىسىدىنمۇ كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.

بىرىنچى سوئال: ئەجىبا بىز ئۇيغۇرلار بارلىق كۈچىمىزنى روھىي تەسىرى ۋاقتىنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئاجىزلاپ كېتىدىغان چوڭ كۆلەملىك، تەكرارلىنىپلا تۇرىدىغان ھەرىكەتلەرگە (مەسىلەن نامايىشلارغا) سەرپ قىلىۋاتامدۇق؟ ياكى بىز شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دۈشمەننىڭ تەكەببۇرلۇقىنى يەرگە ئۇرالايدىغان، تېخىمۇ مۇھىمى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى خەلقىمىزگە كۈچلۈك بىر ئۈمىد ۋە قۇدرەت سىگنالىنى بېرەلەيدىغان، ئۇلارنىڭ كۈرەش روھىنى قايتىدىن يالقۇنجىتالايدىغان، كىچىك كۆلەملىك، ئەمما يۇقىرى تەسىرگە ئىگە، سىمۋوللۇق ھەرىكەتلەرنى پىلانلاش ئۈستىدە ئويلىنىۋاتامدۇق؟

ئىككىنچى مەشئەل: دۈشمەننىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئاخىرقى قورالى؛ بىزنىڭ پىسخىكىمىز

دۈشمەن بىزنى ھەربىي جەھەتتىن يوقىتالمىغاندا ياكى خەلقئارا بېسىم ئاستىدا قالغاندا، ئۇنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ ئەرزان قورالى، بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئىختىلاپلارغا ئوت يېقىشتۇر. ئۇ بىزنىڭ غۇرۇرىمىزنى، ھەسەتخورلۇقىمىزنى ۋە يېراقنى كۆرەلمەسلىكىمىزنى قۇرال قىلىپ بىرىمىزگە قۇترىتىش ئارقىلىق، بىزنى ئۆز قولىمىز بىلەن ئۆزىمىزنى يوقىتىدىغان كۆرۈنمەس بىر ھالغا باشلايدۇ. بىر ئۇيغۇر يەنە بىر ئۇيغۇرغا ھۇجۇم قىلغاندا، ئوقنى ئاتقۇچى بىز بولساقمۇ، ئەسلىدىكى قورالنى تۇتقۇچى خىتاي بولغان بولىدۇ. بىز پەەت خىتاڭنىڭ قورالىدىكى ئىرادىسىز ئوققا ئايلانغان بولىمىز. 

ئىككىنچى سوئال: بىز ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاشزادلىق كۈرىشى نۇقتىسىدىن ئوخشىمىغان پىكىردىكى بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزغا ياكى بىر تەشكىلاتقا «خائىن»، «جاسۇس» دەپ ھۇجۇم قىلغاندا، ئۆزىمىزنىڭ بىخەۋەر ھالدا خىتاينىڭ «بۆلۈپ ھۆكۈمرانلىق قىلىش» ئىستراتېگىيەسىنىڭ ھەقسىز قورچاقلىرىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىمىزنى ئويلىنىپ باقتۇقمۇ؟

ئۈچىنچى مەشئەل: شەخسىي غۇرۇر مىللىي مەنپەئەتتىن ئۈستۈن بولغاندا، ھالاكەت باشلىنىدۇ

نۇر مىسۇئارىنىڭ پاجىئەسى، ئۇنىڭ مىللىي غايىدىن ۋاز كەچكەنلىكىدە ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ شەخسىي ئابرويىنى ۋە مەنسىپىنى مىللەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويغانلىقىدا ئىدى. ئۇ دۈشمەننىڭ يالغانلىرىغا ئەمەس، ئۆز قەلبىدىكى ھەسەت ئوتىغا ئىشەندى. بىر ھەرىكەتنىڭ رەھبىرى ئۆزىنى مىللەتنىڭ خىزمەتچىسى ئەمەس، خوجايىنى دەپ قاراشقا باشلىغاندا، ئۇ پۈتۈن مىللەتنى ئۆزى بىلەن بىللە ھاڭغا باشلايدۇ.

ئۈچىنچى سوئال: بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز ۋە تەشكىلاتلىرىمىز ئۆز-ئارا ھەمكارلاشقاندا، «بۇ ئىشتىن مىللەتكە نېمە پايدا؟» دېگەننى بىرىنچى ئورۇنغا قويامدۇ ياكى «بۇ ئىشتا مېنىڭ ياكى مېنىڭ تەشكىلاتىمنىڭ ئابرويى قانداق بولىدۇ؟» دېگەننى ئاۋۋال ئويلامدۇ؟ شەخسىي غۇرۇرنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، مىللىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆزىمىز ياقتۇرمايدىغان كىشىلەر بىلەنمۇ بىر سەپتە تۇرۇشقا ئىددىيەۋىي تەييارلىقىمىز بارمۇ؟

تۆتىنچى مەشئەل: ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، بۈگۈنكى كرىزىسنى ئەمەس، ئەتىكى غەلىبىنى كۆزلەيدۇ

مىسۇئارى بۈگۈنكى ئابرويىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغاندا، سالامەت ھاشىم كەلگۈسى 20 يىلدىن كېيىنكى ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئومۇرتقىسىنى قۇرۇشنى ئويلاۋاتاتتى. بىر ھەرىكەتنىڭ ئۇزۇن ياشىيالىشى ۋە غەلىبە قىلالىشى، ئۇنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ كۈندىلىك مەسىلىلەرگە قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن قانداق ئاساس سېلىۋاتقانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.

تۆتىنچى سوئال: بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز كۆپىنچە ھاللاردا خىتاينىڭ ھەرىكىتىگە قارىتا پاسسىپ ئىنكاس قايتۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتامدۇ؟ ياكى بىز خىتاي ھاكىمىيىتى يىمىرىلگەندىن كېيىنكى شەرقىي تۈركىستاننى باشقۇرۇپ كېتەلەيدىغان بىر ئەۋلادنى يېتىشتۈرۈشنى نىشان قىلغان، ئۇزۇن مۇددەتلىك، ئاكتىپ «ئىنسانىي كاپىتالغا مەبلەغ سېلىش» ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ، ئۇنى ھازىردىن باشلاپ ئىجرا قىلىۋاتامدۇق؟

بەشىنچى مەشئەل: ئىستراتېگىيەلىك سەۋرچانلىق؛ غەزەپنى بېسىش ئەمەس، غەزەپنى توغرا يۆنىلىشكە بۇراشتۇر

سالامەت ھاشىممۇ غەزەپلەنگەن ئىدى، ئەمما ئۇ غەزىپىنىڭ ئەقلىنى كۆمۈپ قويۇشىغا يول قويمىدى. ئۇ غەزەپنىڭ قاينىمىنى دەرھال ئىچكى دۈشمەنگە ئەمەس، بەلكى ئاساسىي دۈشمەنگە قارىتىشنىڭ يولىنى ئىزدىدى. ھەقىقىي كۈچ ؛ مۇشتنىڭ چوڭلۇقىدا ئەمەس، بەلكى شۇ مۇشتنى قاچان، قەيەرگە ۋە كىمگە ئۇرۇشنى بىلىشتە.

بەشىنچى سوئال: بىز دۈشمەننىڭ ھەر بىر قۇتراتقۇلۇقىغا دەرھال ھېسسىيات بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ كۈچىنى ۋە دىققىتىمىزنى بىھۇدە خورىتىۋاتامدۇق؟ ياكى بىز بۇ غەزەپ-نەپرەتنى بىر يەرگە يىغىپ، ئۇنى ئۇزۇن مۇددەتلىك، پىلانلىق ھالدا ئاساسىي دۈشمەنگە زەربە بېرىدىغان بىر ئىستراتېگىيەلىك كۈچكە ئايلاندۇرالايدىغان سوغۇققانلىقنى يارىتىۋاتادۇق؟

ئالتىنچى مەشئەل: پىتنە ئالدىدا، ئەڭ ياخشى مۇداپىئە؛ ئالاقە كۆۋرۈكىنى قۇرۇشتۇر

ئىچكى نىزا يۈز بەرگەندە، قورالغا قول ئۇزۇتۇشتىن بۇرۇن، دىيالوگقا يول ئېچىش كېرەك. سالامەت ھاشىم دەرھال ئۆچ ئېلىشنى ئەمەس، ئەقىل ۋە ھېكمەتنىڭ سىمۋولى بولغان بىر ئاقساقالنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىشنى تاللىدى. بۇ، ئىختىلاپنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولىنىڭ ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە سۆھبەتلىشىش ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئەڭ قىيىن ئەھۋالدىمۇ ئالاقە ئىشىكىنى تاقىۋەتمەسلىك كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئالتىنچى سوئال: بىزنىڭ ئوخشىمىغان تەشكىلاتلىرىمىز ۋە جامائەتلىرىمىز ئارىسىدا بىرەر چۈشىنىشمەسلىك ياكى توقۇنۇش يۈز بەرگەندە، دەرھال بىر-بىرىنى قارىلايدىغان ھالەتتىمۇ ياكى ئارىمىزدا ھۆرمەتكە سازاۋەر ئاقساقاللار، زىيالىيلار ۋە ئالىملاردىن تەركىب تاپقان، ئىككى تەرەپنى ئولتۇرغۇزۇپ سۆھبەتلىشەلەيدىغان، ئورتاق مەنپەئەتنى ئاساس قىلىپ ياراشتۇرالايدىغان بىر «مىللىي مۇرەسسە مېخانىزمى» قۇرالىدۇقمۇ؟ 

يەتتىنچى مەشئەل: ئاساسىي دۈشمەننى ئۇنتۇش؛ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشتۇر

سالامەت ھاشىمنىڭ «بىزنىڭ قورالىمىز مانىلاغا قارىتىلغان، مىندانائوغا ئەمەس» دېگەن سۆزى، بىر ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ ھەر ۋاقىت ئېسىدە تۇتۇشى كېرەك بولغان ئالتۇن قائىدىدۇر. كىچىك ئىچكى پەرقلەر قانچىلىك چوڭ بولمىسۇن، ئۇ ھەرگىز ئاساسىي دۈشمەن بىلەن بولغان زىددىيەتنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. دىققەت ئىچكى نىزاغا يۆتكەلگەن ھامان، ئاساسىي دۈشمەن ئەڭ چوڭ غەلىبىگە ئېرىشكەن بولىدۇ.

 يەتتىنچى سوئال: بىزنىڭ كۈچىمىزنىڭ، ۋاقتىمىزنىڭ ۋە بايلىقىمىزنىڭ قانچە پىرسەنتى ئاساسىي دۈشمەن بولغان خىتايغا قارشى ئىشلىتىلىۋاتىدۇ؟ قانچە پىرسەنتى ئىچكى «رەقىبلەر» بىلەن رىقابەتلىشىش، بىر-بىرىنى ئىنكار قىلىش ۋە بىر-بىرىنىڭ خىزمىتىنى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن ئىسراپ بولۇۋاتىدۇ؟ بىز ھەر بىر ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن، «بۇ ئىش ئاساسىي دۈشمەنگە پايدىلىقمۇ ياكى زىيانلىقمۇ؟» دەپ ئۆزىمىزدىن سوراپ بېقىشقا ئادەتلەندۇقمۇ- يوق؟


10-باب جاڭگالدىكى جۇمھۇرىيەت: ئەبۇ بەكىر لاگېرى ۋە تۇنجى قانلىق سىناق

 ئاقساقال يۈسۈپنىڭ سالامەت ھاشىمنىڭ خېتىنى ئېلىپ، نۇر مىسۇئارىنىڭ كوتاباتودىكى ھەشەمەتلىك ئىشتابىغا يېتىپ بېرىشى بىر نەچچە كۈنلۈك مۇساپە بولسىمۇ، بۇ بىر نەچچە كۈن مىندانائو ئاسمىنىدا خۇددى قىيامەتنىڭ سايىسىدەك ئېغىر ۋە تۇنجۇقتۇرغۇچى ئۆتتى. تامپاران يېزىسىدىكى «بىر قانچە پاي ئوق» ئاۋازى، دۈشمەننىڭ مىليونلىغان ئوقىدىنمۇ بەتتەرراق پۈتۈن مورو خەلقىنىڭ قەلبىگە سانجىلغان ئىدى. بۇ ئوق ئاۋازى، ئۆز قېرىندىشىغا قورال تەڭلىگەنلىكنىڭ نومۇسى، ئاساسىي دۈشمەننى ئۇنتۇپ، ئۆز-ئارا بىر بىرىنى يېيىشىشنىڭ ھالاكىتى ئىدى. خەلق ئىككىگە بۆلۈنۈشنىڭ بوسوغۇسىدا تۇراتتى، بىرى، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، رەسمىي مەنسەپكە ئىگە، ئەمما روھى ئۆلۈۋاتقان مىسۇئارىنىڭ يولى؛ يەنە بىرى، جاڭگالنىڭ قوينىدا، ماددىي جەھەتتە نامرات، ئەمما ئىمانى ۋە غايىسى ساپ بولغان سالامەت ھاشىمنىڭ يولى ئىدى.

ئەپسۇسكى ئاقساقال يۈسۈپنىڭ نۇر مىسۇئارىنىڭ كوتاباتودىكى ھەشەمەتلىك ئىشتابىغا قىلغان سەپىرى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى. مىسۇئارىنىڭ ھەسەت ۋە غۇرۇر ئارىلاشقان سوغۇق رەت قىلىشى، مورو خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىق ئارزۇسىغا چېچىلغان توپىغا ئايلاندى.

يۈسۈپ ئاقساقال مىسۇئارىنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىكى سوغۇق ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ ھاۋاسىمۇ مىسۇئارىنىڭ قەلبىدىكى غەزەپ ۋە ھەسەت ئوتىنى سوۋۇتۇشقا ئاجىزلىق قىلاتتى. مىسۇئارى سوغۇق بىر قىياپەتتە: «نېمىگە كەلدىڭ، يۈسۈپ؟ كونا سەپدىشىڭ سالامەت مېنىڭ ھاكىمىيىتىمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن يەنە قايسى پىلاننى تۈزدى؟» دەپ سورىدى.

يۈسۈپ ئاقساقال ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ، ھېچنېمە دېمەستىن، سالامەت ھاشىمنىڭ خېتىنى ئۇنىڭ ئۈستىلىگە ئاستا قويدى. مىسۇئارى خەتنى ئېچىپ، ئىچىدىكى پەقەت بىرلا جۈملە سۆزنى ئوقۇدى:

«ئەي قېرىندىشىم، دۈشمەننىڭ قىلىچىنى ئۆز قېرىندىشىڭنىڭ يۈرىكىگە سانجىما»

بۇ جۈملە مىسۇئارىنىڭ مېڭىسىگە بىر چاقماقتەك تەسىر قىلدى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا بىر چاغلاردا جاڭگالدا بىر ناننى تەڭ بۆلۈشۈپ يەپ، بىر قاچىدا سۇنى بىللە ئىچىپ، ئازادلىق ئۈچۈن بىر سەپتە تۇرۇپ قەسەم قىلغان كۈنلىرى كەلدى. ئۇنىڭ قەلبىدىكى غۇرۇر ۋە ھەسەتنىڭ مۇزدەك تېمى بىر ئاز ئېرىگەندەك بولدى. ئەمما دەل شۇ پەيتتە، يېنىدىكى ياردەمچىسى، يەنى فىلىپپىن ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر «مەسلىھەتچى» ئارىغا سۆز قىستۇردى:

«رەئىس جاناپلىرى! بۇ بىر تۇزاق! سالامەت ھاشىم ئۆزىنىڭ كۈچىنىڭ يەتمەيدىغانلىقىنى بىلىپ، سىزنى يۇمشاق سۆزلەر بىلەن ئالداپ، ۋاقىت ئۇتماقچى. ئەگەر ھازىر ئۇنىڭغا يول قويسىڭىز، پۈتۈن مىندانائو ئۇنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. سىز تارىخ ئالدىدا مەغلۇب بولغان بولىسىز»

بۇ سۆز مىسۇئارىنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ ئاجىز، ئەڭ نازۇك نۇقتىغا، يەنى ئۇنىڭ «تارىختىكى ئورنى» غا  تاقالماقتا ئىدى. سالامەت ھاشىم گويا ئۇنىڭ تارىختىكى ئورنىنى تارتىۋالماقچى بولغان دۈشمەندەك ھېس قىلدۇرماقتا ئىدى. ئۇنىڭ يېڭى ئويغانغان پۇشايمىنى دەرھال غۇرۇر ۋە مەنسەپ ھېرسى تەرىپىدىن باستۇرۇلدى. ئۇ خەتنى پۇرلاپ تاشلاپ:

«سالامەتكە ئېيتىپ قويۇڭ، مەن فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ئېتىراپ قىلغان بىردىنبىر قانۇنلۇق رەھبەر. ئۇ يا قورالىنى تاشلاپ مېنىڭ رەھبەرلىكىمنى قوبۇل قىلسۇن، ياكى بىزنىڭ ئارىمىزدا پەقەت قىلىچلا سۆز قىلسۇن!» دېدى.

يۈسۈپ ئاقساقال ئۈمىدسىزلىك بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ، ئارقىسىغا ئۆرۈلدى. ئۇ مىسۇئارىنىڭ ئەمدى ئۆزىگە تەۋە ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ روھىنىڭ ئالتۇن قەپەز ئىچىدە مەڭگۈلۈك تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى چۈشەندى.

بۇ ئېچىنىشلىق جاۋاب ،ورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتى  MILF لاگېرىغا يېتىپ كەلگەندە، پۈتۈن لاگېر قايناپ كەتتى. ياش مۇجاھىدلارنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چاقنايتتى. «ئۇ بىزنىڭ ياخشىلىقىمىزنى ئاجىزلىق دەپ بىلىپتۇ!»، «بۇ ھاقارەتكە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك!» دېگەن سادالار ياڭرىماقتا ئىدى.

سالامەت ھاشىم جىددىي شۇرا يىغىنى چاقىردى. گۈلخان ئەتراپىدا ئولتۇرغان قوماندانلارنىڭ چىرايىدا غەزەپ ئوتى يېنىپ تۇراتتى. ياش، قىزىققان قوماندان ئىبراھىم ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، قىلىچىنىڭ دەستىسىنى چىڭ سىققىنىچە ۋاقىردى:

«ئۇستاز! بىز سىزنىڭ ھېكمەتلىك ئىش تۇتىشىڭىزغا ھۆرمەت قىلىپ، ئەلچى ئەۋەتتۇق، سەۋر قىلدۇق. ئەمما ئۇ بىزنىڭ سۇنغان زەيتۇن شېخىمىزنى دەسسەپ، بىزگە قىلىچ تەڭلىدى. ئەگەر بىز يەنە سۈكۈت قىلساق، خەلق بىزنى قورقۇنچاق دەيدۇ، دۈشمەن بىزنى ئاجىز دەيدۇ. بىز چوقۇم ئۆچ ئېلىشىمىز، ئۆزىمىزنى قوغدىشىمىز كېرەك!»

باشقا قوماندانلارمۇ ئۇنى قۇۋۋەتلەپ: «ئۇرۇش! ئۇرۇش!» دەپ توۋلاشقا باشلىدى.

سالامەت ھاشىم ئورنىدىن ئاستا تۇردى. ئۇنىڭ چىرايىدا غەزەپ ئەمەس، بەلكى چوڭقۇر بىر قايغۇ ۋە ئېغىر بىر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار ئىدى. ئۇ قولىنى كۆتۈرۈپ ھەممىنى سۈكۈتكە چاقىردى. ئوتنىڭ يورۇقىدا ئۇنىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىپ تۇراتتى.

«ئىبراھىم، قېرىنداشلىرىم!» دېدى ئۇ ئاستا، ئەمما ھەر بىر سۆزى پولاتتەك ئېغىر ئىدى. «ئۆزىنى قوغداش، پەقەت قورال بىلەن بولمايدۇ. بىر ھەرىكەتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك قوغدىنىشى، ئۇنىڭ ئىدىيەۋى قورغىنىدۇر. ئەگەر بۈگۈن بىز غەزەپكە بېرىلىپ، مىسۇئارى بىلەن ئۇرۇشساق، كىم يېڭىدۇ؟ بەلكىم بىز يېڭەرمىز. ئەمما كىم ئۇتتۇرىدۇ؟ پۈتۈن مورو خەلقى ئۇتتۇرىدۇ! دۈشمەن بىزنىڭ بىر-بىرىمىزنىڭ قېنىنى تۆكۈشىمىزگە قاراپ قاقاقلاپ كۈلىدۇ. بىزنىڭ ھازىرقى ۋەزىپىمىز مىسۇئارى بىلەن ئۇرۇشۇش ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ سېپىنى شۇنداق بىر مۇستەھكەم قىلىپ قۇرۇپ چىقىشكى، ھېچقانداق تاشقى پىتنە-ئىغۋا ياكى ئىچكى ھېسسىيات بورىنى ئۇنى يىقىتالمايدىغان بولسۇن. شەخسلەر ئۆلىدۇ، ھەتتا مەن ياكى مىسۇئارى بىر كۈنى ئۆلىمىز. ئەمما بىز قۇرۇپ چىققان سىستېما ياشىسا، بۇ ھەرىكەت مەڭگۈ ياشايدۇ»

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئىككىلا يول باردەك كۆرۈنىدۇ: يا ئىچكى ئۇرۇش قىلىپ ھاكىمىيەت تالىشىش، ياكى تەسلىم بولۇپ غايىدىن ۋاز كېچىش. ئەمما بىز ئۈچىنچى بىر يولنى تاللايمىز. بۇ  ‹قۇرۇش ئارقىلىق غەلىبە قىلىش› يولىدۇر. بىز ئۇنىڭ كونا، چىرىك سىستېمىسىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ چىقىپ، نۆلدىن باشلاپ، ساپ ۋە مۇكەممەل يېڭى بىر دۆلەت مودېلى يارىتىمىز»

ئۇ خەرىتىدىكى مىندانائونىڭ مەركىزىي قىسمىغا جايلاشقان، ئىنسان ئايىغى تەگمىگەن، قويۇق ئورمان ۋە تىك تاغلار بىلەن قورشالغان «ماتانۇگ» رايونىغا بارمىقىنى قويدى.

«بىز دۆلەت بولۇشنى ئازادلىقتىن كېيىنگە قالدۇرمايمىز، بىز بۈگۈن مۇشۇ جاڭگالنىڭ يۈرىكىدە دۆلىتىمىزنى قۇرىمىز!»

ئەبۇ بەكىر سىددىق لاگېرى ۋە ئۈچ دەرىجىلىك ئىنسان قېلىپى

1980-يىللارنىڭ بېشىدا، دۇنيا خەرىتىسىدە كۆرۈنمەيدىغان، ئەمما مورو تارىخىدا ھەل قىلغۇچ بۇرۇلۇش ياسىغان «ئەبۇ بەكىر سىددىق لاگېرى» نىڭ ئۇلى سېلىندى. بۇ ئاددىي بىر ھەربىي بازا ئەمەس، بەلكى 10 مىڭ گېكتارلىق كەڭرى زېمىننى قاپلىغان، ئىچىدە ئۆزىگە خاس قانۇن، ئىقتىساد، مائارىپ ۋە ھەربىي سىستېمىسى بار مۇكەممەل بىر «كىچىك دۆلەت» (State within a State) ئىدى.

سالامەت ھاشىم بۇ لاگېرنى يەتتە چوڭ رايونغا بۆلۈپ باشقۇردى، ھەر بىر رايون بىر مىنىستىرلىقنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتەيتتى. 

سىياسىي ۋە ئىدارىي مەركەز: لاگېرنىڭ مەركىزىدە بامبۇكتىن ئەمەس، پۇختا ياغاچ ۋە تاشتىن سېلىنغان ئىشخانا بىنالىرى قەد كۆتۈردى. بۇ يەردە «مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتى (MILF) مەركىزىي كومىتېتى» نىڭ بەش بىناسى، شەرىئەت سوتى ۋە تاشقى ئىشلار بۆلۈمى بار ئىدى. ھەر كۈنى ئەتىگەندە، لاگېرنىڭ مەركىزىي مەيدانىدا MILF نىڭ بايرىقى چىقىرىلىپ، دۆلەت شېئىرى ئوقۇلاتتى. بۇ يەردە ھېچكىم «قاچقۇن» ئەمەس، ھەممىسى «پۇقرا» ئىدى.

مائارىپ سىستېمىسى (جاڭگال ئۇنىۋېرسىتېتى): سالامەت ھاشىم: «قەلەمسىز تۇتۇلغان قورال  باندىتلىقتۇر» دەيتتى. لاگېردا باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ، «ئەبۇ بەكىر ئىسلام ئاكادېمىيەسى» گىچە بولغان تولۇق مائارىپ سىستېمىسى قۇرۇلدى. ئۇ يەردە پەقەت قۇرئان ۋە ھەدىسلا ئەمەس، بەلكى ئىنگلىز تىلى، ماتېماتىكا، دۇنيا تارىخى ۋە خەلقئارا سىياسەت دەرسلىرى ئۆتۈلەتتى. مىسىر ئەزھەردە ۋە سەئۇدىدا ئوقۇش پۈتتۈرپ كەلگەن ياش ئالىملار بۇ يەردە مۇدەررىسلىك قىلاتتى.

ئىقتىسادىي تۈۋرۈك (ئۆزىنى قامداش): مىسۇئارى تاشقى ياردەملەرگە تايىنىپ ياشىسا، سالامەت ھاشىم «ئۆزىگە تايىنىش» نى يولغا قويدى. لاگېر ئەتراپىدىكى مۇنبەت تۈزلەڭلىكلەرگە كۆممىقوناق، شال ۋە كوكۇس پىلانلىق ھالدا تېرىلدى. لاگېر ئىچىدە كىچىك تىپتىكى ياغاچچىلىق، تۆمۈرچىلىك ۋە كىيىم-كېچەك زاۋۇتلىرى قۇرۇلدى. ھەتتا لاگېرنىڭ ئۆزىگە خاس باج سىستېمىسى ۋە بازارلىرى بەرپا قىلىندى.

ھەربىي سانائەت ۋە مۇنتىزىم ئارمىيە: ئەڭ مۇھىمى، سالامەت ھاشىم پارتىزانلىق ئۇسلۇبىدىن «مۇنتىزىم ئارمىيە» (Bangsamoro Islamic Armed Forces – BIAF) باڭسامورو ئىسلام ئازادلىق ئارمىيەسى سىستېمىسىغا ئۆتتى. لاگېردا كىچىك تىپتىكى قورال-ياراغ زاۋۇتى قۇرۇلۇپ، قول بومبىسى، مىناميوت ئوقى ۋە ئاددىي راكېتامىيوتلار (RPG) نى ياساش باشلاندى. ئەسكەرلەر ئەمدى خالىغانچە كىيىنىپ يۈرمەيتتى، ئۇلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن فورمىسى، ھەربىي ئۇنۋانى ۋە قاتتىق ئىنتىزامى بار ئىدى.

سالامەت ھاشىم بۇ يەردە «ئىنسان قۇرۇلۇشى» نى ھەممىدىن مۇھىم دەپ بىلدى ۋە «ئۈچ دەرىجىلىك كادىر تەربىيىلەش پىلانى» نى يولغا قويدى:

بىرىنچى دەرىجە (مۇجاھىدلار ئۈچۈن – تەرتىپ –  ئىنتىزام، ئىتائەت ۋە ئەخلاق): 

يېڭى قوشۇلغان ھەر بىر ياش «جىھاد ئەخلاقى» نى ئۆگىنىشى شەرت ئىدى. ئۇلارغا «قورالنى كىمگە، قاچان ۋە نېمە ئۈچۈن ئىشلىتىش» قاتتىق ئۆگىتىلەتتى. «ئۆز قېرىندىشىڭغا قورال تەڭلەش، ئۆز ئاناڭغا قول كۆتۈرگەندەك ئېغىر گۇناھ» دېگەن پرىنسىپ، ھەر بىر مۇجاھىدنىڭ قەلبىگە مۆھۈردەك بېسىلاتتى.

ئىككىنچى دەرىجە (قوماندانلار ئۈچۈن – تاكتىكا ۋە پىسخىكا): 

كىچىك ئەترەت باشلىقلىرى ھەربىي تاكتىكىدىن باشقا، دۈشمەننىڭ پسىخولوگىيەلىك ئۇرۇشلىرىنى پەرقلەندۈرۈشنى، «شۇرا» (مەسلىھەت) پرىنسىپىنى ۋە ھېسسىياتنى قانداق باشقۇرۇشنى ئۆگىنەتتى.

ئۈچىنچى دەرىجە (رەھبەرلەر ئۈچۈن – سىياسەت ۋە دۆلەتچىلىك  ئېڭى): 

بۇ قاتلامغا ئەڭ تاللانغان، زېھنى ئۆتكۈر ياشلار كىرەتتى. سالامەت ھاشىم ئۇلارغا ئۆزى بىۋاسىتە دەرس بېرىپ: «بىز پەقەت ئۇرۇش قىلىشنى بىلىدىغان بىر ئەۋلادنى يېتىشتۈرسەك، غەلىبە قىلغان تەقدىردىمۇ دۆلەت قۇرالمايمىز. بىزگە جەڭچىلەرلا ئەمەس، كەلگۈسىنىڭ دىپلوماتلىرى ۋە دۆلەت ئەربابلىرى لازىم» دەپ تەكىتلەيتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، لاگېردا سىياسىي مەركەز، شەرىئەت سوتى، ئىقتىسادىي ئۆزىنى قامداش سىستېمىسى (دېھقانچىلىق ۋە كىچىك سانائەت كارخانىلىرى) ۋە مۇنتىزىم ئارمىيە ، باڭسامورو ئىسلام ئازادلىق ئارمىيەسى (BIAF) قۇرۇلدى. بۇ لاگېر، مىسۇئارىنىڭ «قۇرۇق ۋەدىلىرى» گە ئەمەس، «ئەمەلىي ھەرىكەت» كە تەشنا بولغان مورو ياشلىرىنى ماگنىتتەك تارتىشقا باشلىدى. مىسۇئارىنىڭ لاگېرلىرىدىن كېچىلىرى قېچىپ كەلگەن نۇرغۇن يىگىتلەر، بۇ يەردىكى تەرتىپ ۋە ئىمانىي مۇھىتنى كۆرۈپ: «بىز ئىزدىگەن ھەقىقىي دۆلەت مانا بۇ ئىكەن!» دەپ كۆز يېشى قىلىشاتتى.

شۇنىڭ بىلەن، دەسلەپتە سانى ئاران بىر قانچە يۈزلا بولغان بۇ ساداقەتمەنلەر قوشۇنى، قىسقىغىنە بىر-ئىككى يىل ئىچىدە، مىسۇئارىدىن ئۈمىد ئۈزگەنلەر ۋە يېڭىدىن سەپكە قېتىلغان پىدائىيلار بىلەن قوشۇلۇپ، سانى 10 مىڭدىن ئاشىدىغان، تولۇق قوراللانغان ۋە ئىنتىزامچان مۇنتىزىم ئارمىيەگە ئايلانغان ئىدى.

تۇنجى قانلىق سىناق ۋە ئەمەلىي كۈچنىڭ قۇدرىتى

ئەبۇ بەكىر سىددىق لاگېرىنىڭ كۈچىيىشى، تەبىئىي ھالدا مانىلادىكى فىلىپپىن ھەربىي ئىشتابىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. گېنېرال رومېرو، مىسۇئارى بىلەن بولغان تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ پەردىسى ئاستىدا، بۇ يېڭى باش كۆتۈرگەن كۈچنى بۆشۈكىدىلا تۇنجۇقتۇرۇشنى پىلانلىدى.

1981-يىلى باھاردا، فىلىپپىن ئارمىيەسىنىڭ سەرخىل «رېينجېر» (Rangers) برىگادىسى ۋە ئىككى باتالىيون دېڭىز ئارمىيەسى پىيادە ئەسكەرلىرى، تىك ئۇچارلار ۋە ئېغىر زەمبىرەكلەرنىڭ ياردىمىدە، مەخپىي ھالدا ماتانۇگ رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى. ئۇلارنىڭ مەقسىتى، ئەبۇ بەكىر سىددىق لاگېرىنى تۇيۇقسىز بېسىپ، سالامەت ھاشىمنى قولغا ئېلىش ۋە بۇ «جاڭگال جۇمھۇرىيىتى» نى يەر بىلەن يەكسان قىلىش ئىدى.

خەۋەر لاگېرغا يېتىپ كەلگەندە، بەزى ياش قوماندانلار دەرھال ئالدىغا چىقىپ دۈشمەننى توسۇشنى تەلەپ قىلدى. ئەمما سالامەت ھاشىم خەرىتىنىڭ ئالدىدا تەمكىن تۇراتتى. ئۇ فىلىپپىن ھەربىي ئاكادېمىيەسىدە ئوقۇمىغان بولسىمۇ، ئىسلام تارىخىدىكى «خەندەك جېڭى» ۋە ۋيېتنامدىكى پارتىزانلىق تاكتىكىلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان ئىدى.

«بىز ئۇلار بىلەن تۈزلەڭلىكتە تۇقۇنۇشمايمىز» دېدى ئۇ، «بىز ئۇلارنى ئۆزىمىز تەييارلىغان «ئۆلۈم قاپقىنى» غا باشلاپ كىرىمىز»

سالامەت ھاشىم «چەمبەر مۇداپىئەسى ۋە ئىچكى زەربە» (Perimeter Defense and Internal Strike) تاكتىكىسىنى قوللاندى، 

بىرىنچى ھالقا (يالغان چېكىنىش): مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتىنىىڭ ئالدىنقى سەپتىكى كىچىك ئەترەتلىرى دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقاندا، قەستەن ئاجىزلىق كۆرسىتىپ، ئوق چىقىرىپ قويۇپلا ئارقىغا چېكىندى. بۇ، فىلىپپىن قوماندانىدا «ئۇلار قورقۇپ قاچتى، بازا قۇرۇق قالدى» دېگەن خام خىيالنى پەيدا قىلدى. دۈشمەن قوشۇنى غەلىبە ھېسسىياتى بىلەن بېسىپ كىرىشكە ئاتلاندى.

ئىككىنچى ھالقا (پاتقاقلىق قاپقىنى): دۈشمەن قوشۇنى لاگېرنىڭ سىرتىدىكى قويۇق ئورمان ۋە پاتقاقلىق رايونغا كىرگەندە، ئۇلارنىڭ ئېغىر تانكىلىرى ۋە ماشىنىلىرى پېتىپ قالدى. دەل شۇ پەيتتە، سالامەت ھاشىمنىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان «مەرگەنلەر ئەترىتى» (Snipers) دەرەخ ئۈستىدىن ۋە يەر ئاستى تونىللىرىدىن ئۇلارنى ئوق يامغۇرىغا تۇتتى. فىلىپپىن ئەسكەرلىرى قەيەردىن ئوق كېلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي تىرە – پىرەن بولدى. 

ئۈچىنچى ھالقا (ئېغىر زەربە): دۈشمەن قالايمىقانلاشقان پەيتتە، مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتىنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان، ئوخشاش فورمىلىق «ئالاھىدە زەربىدارلار ئەترىتى» (Special Forces) ئۇلارنىڭ ئىككى قانىتىدىن تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇلارنىڭ قولىدىكى ئۆزلىرى ياسىغان RPG راكېتامىيوتلىرى، دۈشمەننىڭ برونېۋىكلىرىنى پاچاقلاپ تۆمۈر دۆۋىسىگە ئايلاندۇردى.

بۇ جەڭ ئۈچ كۈن داۋاملاشتى. نەتىجىدە، «يېڭىلمەس» دەپ قارالغان فىلىپپىن «رېينجېر» قىسمى ئېغىر تالاپەت بىلەن چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئۇلار لاگېرنىڭ ئىچىگە بىر قەدەممۇ كىرەلمىدى. سالامەت ھاشىم دۈشمەننىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن قوراللىرىنى يىغىۋېلىپ، ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەرلەرنى «جەنۋە ئەھدىنامىسى» ۋە ئىسلام قانۇنى بويىچە ئىنساپەرۋەرلەرچە مۇئامىلە قىلىپ داۋالىدى.

بۇ غەلىبە، مىندانائودىكى تەڭپۇڭلۇقنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتتى. مىسۇئارىنىڭ قول ئاستىدىكى نۇرغۇن قوماندانلار: «مىسۇئارى بىزگە پەقەت قۇرۇق ۋەدە بەردى، ئەمما سالامەت ھاشىم بىزگە غەلىبە ۋە ئىززەت ئېلىپ كەلدى!» دەپ، قوشۇنلىرىنى باشلاپ ئەبۇ بەكىر سىددىق لاگېرىغا قوشۇلۇشقا باشلىدى.

ئەبۇ بەكىر سىددىق لاگېرى، ئەمدى پەقەت بىر بازا ئەمەس، بەلكى مورو خەلقىنىڭ قەلبىدىكى «ئۈمىت دىيارى» ۋە ئازادلىقنىڭ كونكرېت، تۇتقىلى بولىدىغان سىمۋولىغا ئايلانغان ئىدى. سالامەت ھاشىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھەقىقىي كۈچ  ياتنىڭ ياردىمىدىن ئەمەس، ئىچكى سىستېمىنىڭ مۇكەممەللىكىدىن ۋە ئۆزىنى قوغداش ئىرادىسىدىن كېلىدۇ.

 (داۋاملىشىدۇ….)

قىسسىدىن ئۇيغۇرلارغا ھىسسە: ئونىنچى قىسىمدىن روھىمىزغا يېقىلىدىغان ئون يېڭى مەشئەل ۋە ئون ئىستراتېگىيەلىك سوئال

بىرىنچى مەشئەل: «زېمىنسىز دۆلەتچىلىك» (Stateless State-building) نەزەرىيىسى

سالامەت ھاشىم مۇستەقىللىقنى كۈتۈپ تۇرماي، جاڭگالنىڭ ئىچىدە ئۆزىنىڭ مائارىپ، قانۇن ۋە ئىقتىساد سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقتى. بۇ «دۆلەتچىلىك مەشىقى» ئىدى. بىز ئۇيغۇرلارمۇ دۆلىتىمىز يوق دەپ قاقشاشنىڭ ئورنىغا، دىئاسپورادا خۇددى بىر «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت» نىڭ فۇنكسىيەسىنى ئىجرا قىلالايدىغان، مائارىپ، مالىيە ۋە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقلىرىدەك  ئۆلچەملىك خىزمەت  قىلىدىغان كەسپىي سىستېمىلارنى قۇرۇشىمىز كېرەك.

بىرىنچى سوئال: بىزنىڭ تەشكىلاتلىرىمىز پەقەت «نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇش كومىتېتى» بولۇپ قېلىۋاتامدۇ؟ ياكى كەلگۈسى دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىقلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى (مەسىلەن، مىللىي مائارىپ سىستېمىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، خەلقئارلىق باج/ئىئانە سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش)  قاتاارلىقلارنى ھازىردىن باشلاپ ئەمەلىي بەرپا قىلىشنى، يەنى «دۆلەتسىز تۇرۇپ دۆلەت بولۇش» نى سىناپ بېقىشنى ئويلىشىۋاتامدۇ؟

ئىككىنچى مەشئەل: «ئىستراتېگىيەلىك ئاپتونومىيە» (Strategic Autonomy) يانچۇق كىمنىڭ بولسا، ئىرادە شۇنىڭدۇر

مىسۇئارى تاشقى ياردەمگە تايانغىنى ئۈچۈن، سىياسىي جەھەتتىمۇ شۇلارنىڭ سىزىقىدىن چىقالمىدى. سالامەت ھاشىم لاگېردا دېھقانچىلىق ۋە كىچىك سانائەت ئارقىلىق ئىقتىسادىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈردى، شۇڭا ئۇنىڭ سىياسىي قارارى مۇستەقىل بولدى. بىر مىللىي ھەرىكەت ئۆزىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قامدىيالىغاندىلا، ئاندىن دۇنياۋى كۈچلەر بىلەن باراۋەر سۆزلىشەلەيدۇ.

ئىككىنچى سوئال: بىزنىڭ دەۋايىمىز قايسى دۆلەتنىڭ ياكى قايسى فوندىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە بەكرەك تايىنىپ قېلىۋاتىدۇ؟ بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆز كۈچىگە تايانغان، ھېچكىمگە بېقىنمىغان، «مىللىي مۇستەقىللىق فوندى» ياكى مىللىي كارخانا زەنجىرىنى ۋەياكى كوللىكتىپ مۇلۇكچىلىك گۇرۇپپىلىرىنى قۇرۇپ چىقىپ، سىياسىي ئىرادىمىزنىڭ «ئىقتىسادىي تۈۋرۈكى» نى تىكلەشنى ئويلىشىۋاتامدۇق- يوق؟

ئۈچىنچى مەشئەل: «ئىجتىمائىي قورغان» (Social Fortress) ياتلىشىشقا قارشى مەھەللىشىش

سالامەت ھاشىم پەقەت ئوق ئېتىشنىلا ئەمەس، بەلكى «رايونلۇق مۇداپىئە» سىستېمىسىنى قۇردى. ئۇنىڭ لاگېرى بىر قورغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز، تىلىمىز ۋە دىنىمىزمۇ بىر «ئەبۇ بەكىر سىددىق لاگېرى» غا ئوخشاش قورغانلىشىشقا مۇھتاج. تارقاقلىق يوقىلىشنىڭ باشلىنىشىدۇر.

ئۈچىنچى سوئال: بىز دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزنى خىتاينىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىدىيەۋى ھۇجۇملىرىغا قارشى تۇرالايدىغان، مىللىي كىملىك ۋە ئېتىقادقا ياتلىشىشتىن ساقلىيالايدىغان «ئىجتىمائىي قورغان» غا ئايلاندۇرالامدۇق؟ ياكى بۇرۇنقىدەكلا، ھەر بىر ئائىلە ئۆز ئالدىغا ياشاپ، خىتاينىڭ بولمىغاندىمۇ، تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە دولقۇنىدا ئاستا-ئاستا غەرق بولۇپ يۇقۇلۇشنى كۈتەمدۇق؟

تۆتىنچى مەشئەل: مائارىپ — ئەڭ چوڭ «ئىنسان كاپىتالى» (Human Capital) مەبلىغى

لاگېردا قورال زاۋۇتى بىلەن مەكتەپ يانمۇ-يان قۇرۇلدى. سالامەت ھاشىم، «كاللىسىدا ئىلىم ۋە ئىدىيە بولمىغان ئەسكەر، قولىدا RPG بولسىمۇ مەغلۇپ بولىدۇ» دەيتى. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ قورال زاۋۇتىمىز، بىزنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادىمىزنىڭ مېڭىسى ۋە ساغلام ئىددىيەسىدۇر. بۈگۈنكى مائارىپ، ئەتىكى دۆلەتنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ.

تۆتىنچى سوئال: بىزنىڭ مائارىپىمىز پەقەت ئانا تىلدا ساۋات چىقىرىش بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتامدۇ؟ ياكى بالىلىرىمىزغا «مۇستەھكەم ئېتىقاد»، «سىياسىي ئاڭ»، «ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر» ۋە «رەھبەرلىك ئىقتىدارى» نى ئۆگىتىپ، ئۇلارنى كەلگۈسىنىڭ «ئاقىل مۇجاھىدلىرى» ۋە «دۆلەت قۇرغۇچىلىرى» قىلىپ سىستېمىلىق تەربىيەلەش پىلانىمىز بارمۇ؟

بەشىنچى مەشئەل: «قانۇنلۇق ئېتىراپ قىلىنىش قابىلىيىتى» (Performance Legitimacy) قەغەزدىن ئەمەس، ئەمەلىي كۈچتىن كېلىدۇ

سالامەت ھاشىمنىڭ خەلقئارالىق كېلىشىمى يوق ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ «لاگېرى» (دۆلىتى) ۋە «ئارمىيەسى» بار ئىدى. شۇڭا مىسۇئارىنىڭ ئەسكەرلىرى ئۇنىڭغا قوشۇلدى. سىياسەتتە «ھەقلىق بولۇش» يېتەرلىك ئەمەس، «كۈچلۈك بولۇش» مۇھىم. سىياسەت دۇنياسى ۋە خەلقىڭىز سىزنىڭ «قۇرۇق ۋەدىڭىز» گە ئەمەس، «ئىقتىدارىڭىز» غا قارايدۇ.

بەشىنچى سوئال: بىز دۇنيادىن «بىزنى ئېتىراپ قىلىڭلار» دەپ يالۋۇرۇشنىڭ ئورنىغا، ئۆزىمىزنىڭ تەشكىللىنىش، ئىقتىسادىي كۈچ ۋە تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارىمىزنى نامايان قىلىپ، دۇنيانى بىز بىلەن ھەمكارلىشىشقا مەجبۇرلايدىغان «ئەمەلىي كۈچ» (De Facto Power) نى يېتىلدۈرۈشنى قاچان باشلايمىز؟

ئالتىنچى مەشئەل: «ئەخلاقىي رىغبەت ئۈستۈنلىكى» (Moral Asymmetry) — بىزنىڭ ئەڭ چوڭ قورالىمىز

سالامەت ھاشىم ئەسىرلەرنى ئۆلتۈرمىدى، داۋالىدى. بۇ ئىش دۈشمەننىڭ روھىنى سۇندۇردى ۋە ئۆز خەلقىنىڭ ھۆرمىتىنى ئاشۇردى. بۇ مورو مۇقاھىدلىرىنىڭ خەلقئارادا «تېررورىست» دەپ تا غا يېمەسلىكىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسى ئىدى، بىزمۇ دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشقاندا، ئۇنىڭ ۋەھشىيلىك دەرىجىسىگە چۈشۈپ قالساق، دۈشمەن بىلەن پەرقىمىز قالمايدۇ ۋە ئەخلاقىي ئۈستۈنلۈكىمىزنى يوقىتىمىز. بىزنىڭ غەلىبىمىز  بىزنىڭ دۈشمەندىن پەرقلىق  ئەخلاقىي ئۈستۈنلىكىمىزدە بولىدۇ.

ئالتىنچى سوئال: بىز كۈرەش قىلغاندا، دۈشمەننىڭ ۋەھشىيلىكىگە ئوخشاش ئۇسۇل بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ھەققانىيىتىمىزنى بۇلغاپ قويامدۇق؟ ياكى «جەنۋە ئەھدىنامىسى» ۋە ئىسلام قانۇنى بويىچە ئالىيجانابلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، دۇنيانىڭ ۋىجدانىنى ئۆزىمىزگە تارتالايدىغان يۈكسەك سىياسىي ۋە ئەخلاقىي ئاڭغا ئىگە بولدۇقمۇ؟

يەتتىنچى مەشئەل: «سىستېمىلىشىش» (Institutionalization) ئىسيانچىلىقتىن مۇنتىزىم ئارمىيەگە ئۆتۈش

مورو ئىسلام ئازادلىق فىرونتى MILF ئەسكەرلىرىنىڭ فورمىسى، ئىنتىزامى ۋە قاتلاملىق باشقۇرۇش سىستېمىسى، ئۇلارنى بىر «ئىسيانچى گۇرۇھ» تىن «دۆلەت ئارمىيەسى» گە ئايلاندۇردى. سىرتقى كۆرۈنۈش ۋە ئىنتىزام، ئىچكى روھنىڭ ئەينىكىدۇر. دۆلەت قۇرۇش؛ ھېسسىياتنى رامكىغا ۋە قالايمىقانچىلىقنى تەرتىپكە سېلىش دېمەكتۇر.

يەتتىنچى سوئال: بىزنىڭ تەشكىلاتلىرىمىز ۋە پائالىيەتلىرىمىزدىكى ئىنتىزام، كىيىنىش ۋە تەشكىللىنىش دەرىجىسى، دۇنياغا «بۇلار دۆلەت قۇرالايدىغان، تەرتىپ – ئىنتىزامنى سۆيىدىغان مىللەت» دېگەن سىگنالنى بېرەلەيدىغان سەۋىيەدە بولۇۋاتامدۇ؟ ياكى «بۇلار پەقەت نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان، نېمە قىلىشىنى بىلمەيدىغان بىر توپ ئامما» دېگەن تەسىرنى بېرىۋاتامدۇ؟

سەككىزىنچى مەشئەل: «ئىستراتېگىيەلىك سەۋرچانلىق» (Strategic Patience)، ۋاقىتنى دۈشمەنگە قارشى قورال قىلىش

سالامەت ھاشىم دەرھال ئۇرۇش قىلمىدى، بەلكى كۈچىيىشنى كۈتتى. ئاجىز كۈچنىڭ كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى  ۋاقىتتۇر. بىز ئالدىراپ نەتىجە كۆرۈشنى ئىستەيمىز، ئەمما دۆلەت قۇرۇش 100 مېتىرغا يۈگۈرۈش ئەمەس، بەلكى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدۇر. كىم سەۋر قىلىپ، ئۆزىنى ساقلاپ، توغرا پەيتنى كۈتەلىسە، شۇ غەلىبە قىلىدۇ.

سەككىزىنچى سوئال: بىز ھەر كۈنى «تېزدىن ئازاد بولۇش» نى ئويلاپ، ئالدىراپ خاتا قەدەملەرنى بېسىۋاتامدۇق؟ ياكى 10 يىل، 20 يىلدىن كېيىنكى چوڭ ئۆزگىرىش (مەسىلەن، خىتاينىڭ ئىچكى كرىزىسى ياكى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى) گە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن، بۈگۈندىن باشلاپ «ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈچ توپلاش» پىلانىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئىجرا قىلىۋاتامدۇق؟

توققۇزىنچى مەشئەل: «ئۇچۇر ئىگىلىك ھوقۇقى» (Information Sovereignty) ، ئۆز ھېكايەڭنى ئۆزۈڭ سۆزلە

سالامەت ھاشىم لاگېردا ئۆزىنىڭ مەتبۇئاتىنى ۋە رادىئوسىنى قۇردى. ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلىمىسىڭىز، دۈشمەن سىزنى «تېررورچى» دەپ تەسۋىرلەيدۇ، دۇنيامۇ شۇنىڭغا ئىشىنىدۇ. ھەقىقەت ئۆزلۈكىدىن ئاشكارىلانمايدۇ، ئۇنى سىستېمىلىق، كەسپىي ۋە تەسىرلىك ھالدا دۇنياغا ئاڭلىتىش كېرەك. تىل — زەمبىرەكتىنمۇ كۈچلۈك قورالدۇر.

توققۇزىنچى سوئال: بىزنىڭ تەشۋىقاتىمىز پەقەت ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز دەرد تۆكۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىۋاتامدۇ؟ ياكى دۇنيادىكى چوڭ تاراتقۇلار، ئاقىللار ئامبىرى ۋە سىياسەت بەلگىلىگۈچىلەر چۈشىنەلەيدىغان تىل ۋە لوگىكا بىلەن، خىتاينىڭ يالغانچىلىقىنى پاكىتلىق ھالدا پاش قىلىپ، دۇنيا جامائەت پىكرىنى يېتەكلەيدىغان «كەسپىي ئۇچۇر ئۇرۇشى» ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىمىزنى يېتىلدۈرىۋاتامدۇق؟

ئونىنچى مەشئەل: «ۋارىسلىق سىستېمىسى» (Succession Planning) ، شەخسلەر ئۆلىدۇ، غايە داۋاملىشىدۇ

سالامەت ھاشىمنىڭ ئەڭ چوڭ ئۇتۇقى، ئۆزىدىن كېيىنكىلەرنى تەربىيەلىگەنلىكىدە. بىر ھەرىكەتنىڭ رەھبىرى ئۆلگەندە ھەرىكەت توختاپ قالسا، ئۇ ھەرىكەت مەغلۇپ بولغان بولىدۇ. ھەقىقىي غەلىبە ، سىز يوق ۋاقىتتىمۇ سىستېمىنىڭ سائەتتەك ئىشلىشىدۇر. مىللەتنىڭ تەقدىرى بىر ئادەمنىڭ قىسمىتىگە باغلانماسلىقى كېرەك.

ئونىنچى سوئال: بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز ۋە تەشكىلاتلىرىمىز ئۆزلىرىدىن كېيىنكى «ئىزباسارلار» نى يېتىشتۈرۈشكە ھەقىقەتەن ئەھمىيەت بېرىۋاتامدۇ؟ ياكى «مەندىن كېيىن قىيامەت بولسىمۇ مەيلى» دەپ ئويلاپ، ھوقۇق ۋە تەجرىبىنى ياشلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن قىزغىنىۋاتامدۇ؟ بىز 30 يىلدىن كېيىنمۇ بۇ دەۋانى داۋاملاشتۇرالايدىغان بىر «سىستېمىلىق ۋارىسلىق» مېخانىزمىنى قۇردۇقمۇ-يوق؟