ئىسلام ئەلچىلىرىنىڭ تۇنجىسى!
بۇ ئادەم مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىلىرىنىڭ بىرى، گەپنى ئۇنىڭ بىلەن باشلىساق نېمە دېگەن ياخشى.
ئۇ قۇرەيش ياشلىرىنىڭ ئالدى، ئەڭ قاملاشقىنى، ئەڭ نوچىسى، ئەڭ ئېسىلى، تارىخچىلار ۋە رىۋايەتچىلەر ئۇنىڭ ياشلىقىنى تەسۋىرلەپ: «مەككە خەلقىنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئىدى» دېيىشىدۇ… باياشاتلىقتا تۇغۇلۇپ ھۇزۇر ھالاۋەت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، باياشاتلىقنىڭ مەخمەللىرى ئىچىدە ئېغىناقلاپ چوڭ بولغان… مەككە ياشلىرى ئىچىدە «مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير» دەك ئاتا-ئانىسىنىڭ ئەتىۋارلىشىغا سازاۋەر بولغان يەنە بىر ياش بولمىسا كېرەك.
ئەنە شۇنداق ھۇزۇر -ھالاۋەت ئىچىدە پەپىلىنىپ چوڭ بولغان، مەككە ئالاقاناتلىرىنىڭ داستانىغا ئايلانغان، سورۇنلىرىنىڭ ئۈنچىسى ھېسابلىنىدىغان بىر يۇمران يىگىتنىڭ ئىمان ۋە پىداكارلىق ئالىمىدىكى بىر رىۋايەتكە ئايلىنىشى مۇمكىنمۇ…؟؟
ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، «مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير»نىڭ ياكى ئۇنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى تونۇلغان نامى بىلەن ئېيتقاندا قۇتلۇق مۇسئەبنىڭ خەۋىرى نېمە دېگەن ئاجايىپ…!!
شۈبھىسىزكى، ئۇ ئىسلام بارلىققا كەلتۈرگەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تەربىيىلىگەن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ بىرى…
لېكىن قانداق بىرى…؟ شۈبھىسىزكى، ئۇنىڭ ھاياتلىق قىسسىسى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئەۋلادى ئۈچۈن ئەلۋەتتە شەرەپ ھېسابلىنىدۇ…
بۇ يىگىت بىر كۈنى، مەككە خەلقى «ئىشەنچلىك» مۇھەممەد يەنى ئاللاھ ئۇنى خۇش بېشارەت بەرگۈچى، ئاگاھلاندۇرغۇچى، يېگانە ئاللاھقا يالغۇز ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلغۇچى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم توغرىسىدا ئاڭلاشقا باشلىغان خەۋەرنى ئاڭلاپ قالدى.
مەككە خەلقىنىڭ كۈن ئۆتكۈزۈشتىن باشقا ئىشى يوق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ دىنىدىن باشقا دېيىشىدىغان گېپى يوق شۇ كۈنلەردە قۇرەيشنىڭ بۇ ئەركە يىگىتى بۇ خەۋەرگە ھەممە ئادەمدىن كۆپرەك قۇلاق سالاتتى.
چۈنكى، گەرچە ئۇنىڭ يېشى تېخى كىچىك بولسىمۇ، لېكىن بوي-بەستى كېلىشكەن، ئەقلى يېتىشكەن بولغاچقا ھەرقانداق سورۇن ئەھلى ئۇنى ئارىغا ئېلىشقا قىزىقاتتى، ئۇنىڭ گۈزەللىكىدىن گۈزەللىك ئېلىشنى ئارزۇ قىلىشاتتى…
ئۇ بۇ تارقىلىپ يۈرگەن خەۋەرلەر ئىچىدىن، مۇھەممەد پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىمان ئېيتقانلار قۇرەيشنىڭ ئەھمىيەتسىز سۆزلىرى ۋە ئازار بېرىشلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، سەفا تېغىدىكى «ئەرقەم ئىبنى ئەبىل ئەرقەم»نىڭ ھويلىسىغا توپلىشىپ شۇ يەردە ۋەز-نەسىھەت ئاڭلايدىكەن دېگەن بىر خەۋەرنى ئاڭلاپ قالدى-دە، قىلچە ئىككىلەنمەستىن، بىر كۈنى كەچتە زور قىزغىنلىق بىلەن ئۇنىڭ ھويلىسىغا بېرىپ توپقا قوشۇلدى…
مانا مۇشۇ يەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى بىلەن مۇلاقات بولۇپ، ئۇلارغا قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىپ بېرەتتى، ئۇلار بىلەن بىللە بۈيۈك، ئۇلۇغ ئاللاھ ئۈچۈن ناماز ئوقۇيتتى.
مۇسئەب كىرىپ ئولتۇرا-ئولتۇرمايلا، ئايەتلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبىدىن سىرغىپ مۇبارەك لەۋلىرىدىن ئۈنچىدەك نۇرلۇق، تىزىلىپ چىقىپ قۇلاقلار ۋە دىللارغا سىڭىشىپ كىرە-كىرمەيلا ئۇنىڭ قەلبى شۇ ئاخشامدىكى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان قەلب بولۇپ قالدى…!!
ئۇ ھاياجانلانغىنىدىن ئورنىدا ئولتۇرالماي قالغان ئىدى، خۇشاللىقىدىن ئۇچۇپ كېتەي دەپ قالغان ئىدى.
لېكىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇبارەك ئوڭ قولىنى مېھرىبانلىق بىلەن ئېچىپ بۇ يالقۇنجاپ تۇرغان كۆكرەكنى، تېپىرلاۋاتقان قەلبىنى سىيپىدى، بۇ چاغدا ئۇ دېڭىزنىڭ چوڭقۇرلىقىدەك بىر خىل خاتىرجەملىكنى ھېس قىلدى… كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئىمان ئېيتقان، مۇسۇلمان بولغان بۇ يىگىت ئۆزىنىڭ يېشى ۋە ئۆمرىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق ھېكمەتكە، زاماننىڭ رەپتارىنى ئۆزگەرتەلىگۈدەك قەتئىي ئىرادىگە ئىگە بولدى…!!
مۇسئەبنىڭ ئانىسى – مالىكنىڭ قىزى «خۇناس» ئالاھىدە جاسارەتلىك ئايال بولۇپ، كۆپ ئادەم ئۇنىڭدىن ئەيمىنەتتى…
مۇسئەب مۇسۇلمان بولغان چېغىدا ئانىسىنىڭ دەبدەبىسىدىن باشقا ھېچكىمدىن ئېھتىيات قىلمايتتى ياكى قورقمايتتى.
گەرچە مەككە پۈتۈن يۇرتلىرى، پۈتۈن كاتتىۋاشلىرى، پۈتۈن سەھرالىرى بىلەن ئۇنىڭغا تەھدىت سالغان، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغان تەقدىردىمۇ مۇسئەب بۇنى خېلى بىر چاغلارغىچە كۆزگە ئىلماي يۈرەلەيتتى.
ئەمما ئانىسىنىڭ قارشى تۇرۇشى، بەرداشلىق بەرگىلى بولمايدىغان قورقۇنچىدۇر…!
ئۇ دەرھال ئويلاندى ۋە ئاللاھ ئىرادىسىنى ئىجرا قىلغانغا قەدەر مۇسۇلمان بولغانلىقىنى ئانىسىدىن يوشۇرۇشنى قارار قىلدى.
ئۇ ئىمانى ۋە ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىدىن ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان ئانىسىنىڭ غەزىپىدىن كۆڭلى ئارام تاپقان ھالەتتە داۋاملىق «ئەرقەم» نىڭ ئۆيىگە بارىدىغان ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ تەلىم-تەربىيە ئالىدىغان بولدى…
ئەپسۇسكى مەككىدە بولۇپمۇ مۇشۇ كۈنلەردە ھەربىر يولدا ھەتتا يۇمشاق قۇملار ئۈستىدىكى ھەربىر ئاياق ئىزىنىڭ كەينىدە قۇرەيشنىڭ كۆز-قۇلاقلىرى بار بولۇپ، بىرەر سىرنى يوشۇرۇپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى…
ئوسمان ئىبنى تەلھە ئۇنىڭ ئەرقەمنىڭ ئۆيىگە يوشۇرۇن كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ مۇھەممەدنىڭ نامىزىغا ئوخشاش ناماز ئوقۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى-دە، قۇيۇندەك تېز سۈرئەتتە مۇسئەبنىڭ ئانىسىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا بولغان ئىشتىن خەۋەر بەردى…
مۇسئەب ئانىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە چۆرىسىگە توپلىشىپ تۇرغان مەككە كاتتىۋاشلىرى ئالدىدا تۇرۇپ ئۇلارغا ھەقىقەتكە خاس چىن ئىشەنچ ۋە شىجائەت بىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئارقىلىق قەلىبلىرىنى يۇيۇپ ھېكمەت، شەرەپ، ئادالەت ۋە تەقۋادارلىققا توشقۇزغان قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىپ بەردى.
بۇ چاغدا، ئۇنىڭ ئانىسى قاتتىق بىر كاچات بىلەن ئۇنى توختىتىپ قويماقچى بولدى، لېكىن ئوقتەك كەلگەن قول ئۇنىڭ يۈزىنى تېخىمۇ چىرايلىقلاشتۇرۇپ، ھەيۋىسىگە ھۆرمەتلەشكە ئۈندەيدىغان ئۇلۇغلۇق، قانائەتلىنىشكە ئۈندەيدىغان سالماقلىق ئاتا قىلغان نۇرى ئالدىدا تېزلا بوشىشىپ كەتتى ۋە تېيىپ كەتتى…
ئەمما ئۇنىڭ ئانىسى ئۇنى ئانىلىق بېسىمى ئاستىدا ئۇرۇش ۋە ئازار بېرىشتىن نېسى قويسىمۇ، لېكىن ئۇ مۇسئەب تەرك ئەتكەن ئىلاھلىرى ئۈچۈن باشقىچە ئۇسۇل بىلەن ئىنتىقام ئېلىشقا قادىر ئىدى…
شۇنداق قىلىپ ئانىسى ئۇنى ئۆينىڭ بىر ياقىسىدىكى تۈۋرۈككە باغلاپ سولاپ قويدى ۋە ئىشىكنى مەھكەم تاقىۋەتتى، تاكى بىر قىسىم مۆمىنلەر ھەبەشىلەر زېمىنىغا ھىجرەت قىلغانغا قەدەر سولاقتا تۇردى، ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئانىسى ۋە قاراۋۇللىرى دىققەت قىلمىغان پۇرسەتتە، بىر ئاماللارنى قىلىپ قۇتۇلۇپ چىقتى ۋە ئۇمۇ ھەبەشىستانغا ھىجرەت قىلدى…
ئۇ، ھەبەشىستاندا مۇھاجىر قېرىنداشلىرى بىلەن بىرگە تۇرىدۇ، ئاندىن كېيىن ئۇلار بىلەن بىللە يەنە مەككىگە قايتىپ بارىدۇ، يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەت قىلىشقا بۇيرۇغان ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان ساھابىلار بىلەن بىرلىكتە ھەبەشىستانغا ئىككىنچى قېتىم ھىجرەت قىلىدۇ.
مۇسئەب مەيلى ھەبەشىستاندا ياكى مەككىدە بولسۇن، ئۇنىڭ ئىمانى يولىدا بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىرى ئۇنىڭ ھەر جاي، ھەر زاماندا ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى، مانا ئۇ ھاياتىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ تاللانغان نەمۇنىسىنى ئۆزلىرىگە بەرگەن يېڭى تەرز بويىچە خاراكتېرلەندۈرۈپ بولدى، ئەمدى ئۇ ھاياتنىڭ بۈيۈك ياراتقۇچىسى، ئۇلۇغ ئىجاد قىلغۇچىسى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشقا يارايدىغانلىقىدىن خاتىرجەم بولدى…
بىر كۈنى ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەتراپىدا چۆرىدەپ ئولتۇرۇشقان بىر تۈركۈم مۇسۇلمانلارنىڭ يېنىغا كەلدى، ئۇلار ئۇنى كۆرۈپلا باشلىرىنى تۆۋەن سېلىشىپ يەرگە قاراشتى، بەزىلەرنىڭ كۆزلىرىدىن ھەسرەتلىك ياشلار تاراملاپ تۆكۈلدى…
چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ياماق چۈشكەن، چىرىپ كەتكەن كۆينەك كىيىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئۇ مۇسۇلمان بولۇشتىن ئىلگىرى كىيگەن باغنىڭ گۈللىرىدەك چىرايلىق، ئېسىل، ئالىي كىيىملىرى كۆز ئالدىغا كەلگەن ئىدى…
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ ئۈستى بېشىغا ھېكمەت نەزەرلىرىنى مەمنۇنلۇق، مېھرى-مۇھەببەت ئىچىدە بىر قۇر ئاغدۇرغاندىن كېيىن، مۇبارەك لەۋلىرىدە ئالىي تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.دە، مۇنداق دېدى: «مانا ھازىر مەن مۇسئەبنىڭ ئۈستى-بېشىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن، ئىلگىرى مەككىدە ئاتا-ئانىسىنىڭ پەپىلىشىگە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئېرىشكەن يەنە بىر يىگىت يوق ئىدى. مانا ھازىر، ئۇ ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنى ياخشى كۆرۈش يولىدا ھەممىدىن ۋاز كەچتى…!!»
ئانىسى ئۇنىڭ ئىسلام ئەقىدىسىدىن يېنىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ئىلگىرى بەرگەن بارلىق نازۇ-نېمەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى توختىتىپ قويدى… ۋە ئىلاھلىرىدىن ۋاز كېچىپ لەنەتكە گىرىپتار بولغان بىر ئىنساننىڭ، ھەتتا ئۇ ئۆز ئوغلى بولغان تەقدىردىمۇ ئۆزىنىڭ تامىقىدىن يېيىشكە يول قويمىدى…!!
ئۇ ھەبەشىستاندىن ئىككىنچى قېتىم قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئانىسى ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشكەندە، ئۇ ئەگەر ئانىسى داۋاملىق شۇنداق قىلىۋېرىدىغان بولسا، ئۇنى سولاپ قويۇشقا ئانىسىغا ياردەملەشكەن ھەرقانداق ئادەمنى ئۆلتۈرىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى…
ئانىسى ئۇنىڭ بىرەر ئىرادىگە كەلسە چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بولغاچقا ئۇنىڭ بىلەن يىغلاپ تۇرۇپ خوشلاشتى، ئۇمۇ ئانىسى بىلەن يىغلاپ تۇرۇپ خوشلاشتى…
بۇ ۋىدالىشىش مىنۇتلىرىدا ئانا-بالا ھەرئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئېيتقانلىرىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقى مەلۇم بولدى… ئانىسى ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىپ ئۇنىڭغا: نېمە ئىش قىلساڭ ئۆزەڭنىڭ ئىختىيارى، بۇندىن كېيىن مەن سېنىڭ ئاناڭ ئەمەس… دېگەندە ئۇ ئانىسىغا يېقىن كېلىپ، «ئى ئانا، مەن سىزگە نەسىھەت قىلىمەن، سىزگە بەكمۇ مېھرىبانمەن، بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ (بەرھەق) يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ بەندىسى ۋە پەيغەمبىرى دەپ گۇۋاھلىق بېرىڭ» دېدى…
ئانىسى غەزەپلەنگەن، چېچىلغان ھالدا: «يورۇق يۇلتۇزلار بىلەن قەسەمكى، مەن سېنىڭ دىنىڭغا كىرمەيمەن، مېنىڭ ئېتىقادىمنى ھاقارەتلىشىڭگە، مېنى ھاماقەت، دۆت دەپ ئەيىبلىشىڭگە يول قويمايمەن…!!» دەپ جاۋاب بەردى.
شۇنداق قىلىپ، مۇسئەب يوقسۇللۇق ۋە جاپالىق تۇرمۇشنى ئەلا بىلىپ، ئۆزى ياشاۋاتقان چەكسىز باياشاتلىقتىن ۋاز كەچتى… ئەمدى قاملاشقان بۇ ئەركە يىگىت ئەڭ ناچار كىيىملىرىنى كىيىپ، بىر كۈنى ئاچ، بىر كۈنى توق يۈرۈدىغان بولدى، لېكىن ئۇنىڭ ئەقىدىسىنىڭ بۈيۈكلۈكى بىلەن زىننەتلەنگەن، ئاللاھنىڭ نۇرى بىلەن نۇرلانغان روھى ئۇنى پۈتۈن خەلقى ئالەم ئالدىدا ئاجايىپ ھۆرمەتكە سازاۋەر، سۈرلۈك بىر ئادەمگە ئايلاندۇردى…
شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى شۇ چاغدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە مەدىنىگە ئەلچى بولۇپ بېرىپ ئىمان ئېيتقان ۋە «ئەقەبە» دە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بەيئەت قىلىشقان ئەنسارلارغا دىننى ئۆگىتىش، باشقىلىرىنى دىنغا كىرگۈزۈش، مەدىنىنى ئۇلۇغ ھىجرەت كۈنى ئۈچۈن تەييارلاش ئىشىغا تاللىدى…
گەرچە شۇ چاغدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ئىچىدە ياش ۋە ئابرۇي جەھەتتىن ئۇنىڭدىن چوڭراق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يېقىن تۇغقان بولىدىغانلار بولسىمۇ، ئەمما پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنىلا «قۇتلۇق مۇسئەب»نى بۇ ئىشقا تاللىدى. ئۇمۇ بۇ زاتنىڭ ئۆزىگە شۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىشنى تاپشۇرىدىغانلىقىنى، كەلگۈسىدە ھىجرەت يۇرتى، دەۋەت ۋە دەۋەتچىلەرنىڭ، ئىسلام بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچىلەر، غازاتچىلارنىڭ مەركىزى ئورنى بولۇپ قالىدىغان مەدىنىدىكى ئىسلامنىڭ ئىستىقبالىنى ئۆزىگە تاپشۇرىدىغانلىقىنى بېلەتتى …
مۇسئەب ئاللاھ ئۇنىڭغا ئىنئام قىلغان كۈچلۈك ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئېسىل ئەخلاق-پەزىلىتى بىلەن ئامانەتنى ئۈستىگە ئالدى… ئۇ تەقۋادارلىقى، ئالىيجانابلىقى ۋە ئىخلاسمەنلىكى بىلەن مەدىنە خەلقىنىڭ دىللىرىنى تەسىرلەندۈردى-دە، ھەممىسى ئاللاھنىڭ دىنىغا تۈركۈم-تۈركۈملەپ كىرىشكە باشلىدى.
مەدىنە خەلقىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئۆزلىرىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن شۇ كۈن يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ، ئەينى چاغدا مەدىنىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن «ئەقەبە» بەيئىتىنى ئەھدە قىلىشقان ئاشۇ 12 نەپەر مۇسۇلماندىن باشقا ھېچبىر مۇسۇلمان يوق ئىدى، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇنىڭ مەدىنە خەلقى ئارىسىدا تۇرغىنىغا بىر قانچە ئاي بولا-بولمايلا ئۇلار ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشتى…!!
«ئەقەبە» بەيئىتىدىن كېيىنكى ھەج مەزگىلىدە، مەدىنە مۇسۇلمانلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن بىر ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتتى، بۇ ئۆمەك 70 نەپەر ئەر-ئايال مۆمىندىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنى پېشۋاسى، پەيغەمبىرىنىڭ ئەلچىسى- مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير باشلاپ كەلگەن ئىدى.
مۇسئەب ئەقىل-پاراسىتى ۋە چىدامچانلىقى بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قانداق تاللاشنى بىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى…
مۇسئەب ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئوبدان چۈشىنەتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەردائىم ئۇنىڭ كويىدا بولاتتى… ئۆزىنىڭ ئاللاھقا دەۋەت قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى، ئاللاھنىڭ كىشىلەرنى ھىدايەتكە، توغرا يولغا يېتەكلەيدىغان دىنى بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى ئىكەنلىكىنى… ئۆزىنىڭ خۇددى ئۆزى ئىمان كەلتۈرگەن پەيغەمبىرىگە ئوخشاشلا پەقەت تەبلىغ قىلىش مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى بېلەتتى …
ئۇ «ئەسئەد ئىبنى زەرارە» نىڭ ياردىمىدە بىرلىكتە ھەربىر قەبىلىگىچە بېرىپ، ھەربىر ئۆي ۋە سورۇننى چالا قويماي ئارىلاپ كىشىلەرگە پەرۋەردىگارىنىڭ ئۆزلىرىدىكى كىتابنى تىلاۋەت قىلىپ بېرىشكە، ئۇلارغا ئاجايىپ مۇلايىملىق بىلەن «ئاللاھ پەقەت بىر يېگانە ئىلاھتۇر» دەپ خىتاب قىلىشقا باشلىدى…
ئۇ سەزگۈر ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئالىي روھى بولمىغان بولسا، ئۆزىنى ۋە ئۆزى بىلەن بىرگە بولغۇچىلارنى ھالاك قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان بەزى ئىشلارغا دۇچ كەلدى…
بىر كۈنى ئۇ كىشىلەرگە ۋەز-نەسىھەت قىلىۋاتقاندا توساتتىن مەدىنىدىكى ئابدۇل ئەشھەل جەمەتىنىڭ ئاقساقىلى «ئۇسەيد ئىبنى ھۇزەير» نەيزىسىنى غىلىپىدىن چىقارغان ھالدا، قەۋمىنى دىنىدىن چىقىرىش، ئۇلارنى ئىلاھلىرىنى تاشلاشقا دەۋەت قىلىش ۋە ئۇلارغا مۇندىن ئىلگىرى تونۇپ باقمىغان، ھەتتا ئاڭلاپمۇ باقمىغان بىر يالغۇز ئىلاھ توغرىسىدا ۋەز ئېيتىش ئۈچۈن كەلگەن بۇ كىشىگە غەزەپلىنىپ ئوت بولۇپ يانغان ھالدا ئۆزلىرى تەرەپكە قاراپ كەلدى…!
ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرلىرى ۋە خىياللىرچە ئۇلارنىڭ ئاتالمىش ئىلاھلىرىنىڭ تۇرىدىغان ئورۇنلىرى بار ئىمىش، لازىم بولغاندا ئىزدەپ بارار ئىمىش، ئىلتىجا قىلسا قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلار ئىمىش…!
لېكىن ئۆزلىرىگە ۋەكىل بولۇپ كەلگەن بۇ ئەلچىنى ئۇلارنى دەۋەت قىلىشقا ئەۋەتكەن مۇھەممەدنىڭ ئىلاھى بولسا، ئۇنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ھېچكىشى بىلمەسمىش، ھېچكىممۇ ئۇنى كۆرەلمەسمىش…!!
مۇسئەب بىلەن بىللە ئولتۇرۇۋاتقان مۇسۇلمانلار «ئۇسەيد ئىبنى ھۈزەير» نىڭ غەزەپ ئوتلىرى يالقۇنجىغان ھالدا شىردەك ھۆركىرەپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپلا قورقۇپ كېتىشتى… لېكىن «قۇتلۇق مۇسئەب» كۈچ-قۇۋۋەت بەرگۈچى پەقەت ئاللاھ دېگەن تەسبىھنى ئوقۇغان ھالدا تەۋرەنمەي قەددىنى رۇس تۇتۇپ مۇستەھكەم تۇردى.
ئۇسەيد ئۇنىڭ ئالدىدا غەزەپكە تولغان ھالدا تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئەسئەد ئىبنى زەرارىگە خىتاب قىلىپ: «سىلەر بىزنىڭ يۇرتىمىزغا نېمىدەپ كەلدىڭلار؟ ئاجىزلىرىمىزنى ئەخمەق قىلغىلىما؟ ھاياتىڭلاردىن ۋاز كېچىشنى خالىمىساڭلار بۇ يەردىن دەرھال كېتىڭلار » دېدى…!!
«قۇتلۇق مۇسئەب» نىڭ روھىيىتى خۇددى دېڭىزنىڭ تىنچلىقى ۋە سۈرلۈكلىكىدەك، تاڭنۇرىنىڭ گۈزەللىكى ۋە سالمىقىدەك يورىدى-دە، تىلىغا سىلىق ئىبارىلەرنى يۈگۈرتۈپ: «ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ باقمامسەن…؟! خالىساڭ قوبۇل قىلارسەن، خالىمىساڭ رەت قىلارسەن…»دېدى.
يائاللا…! ئۇنىڭ ئارقىلىق قولغا كېلىدىغان نەتىجىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىدىغان نېمە دېگەن كارامەت باشلىنىش بۇ!؟
«ئۇسەيد» ئاقىل، سەزگۈر ئادەم ئىدى… مانا ئۇ مۇسئەبنىڭ ئىشىنى ئۆزىنىڭ كۆڭۈل ئىختىيارلىقىغا قويىۋاتقانلىقىنى… ئۆزىنى پەقەت ئاڭلاپ بېقىشقا چاقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىدۇ، قايىل بولسا تېخى ياخشى، ناۋادا قايىل بولمىسا مۇسئەب كاۋاپنىمۇ، زىخنىمۇ كۆيدۈرمەي ئۇلارنىڭ يۇرتى ۋە جەمەتىنى تاشلاپ باشقا يۇرت ۋە باشقا جەمەتكە يۈزلىنىدۇ…
بۇ چاغدا «ئۇسەيد» جاۋاب بېرىپ: توغرا ئېيتتىڭ … دېدى ۋە نەيزىسىنى يەرگە تاشلاپ قۇلاق سېلىپ ئولتۇردى…
مۇسئەب قۇرئاننى تىلاۋەت قىلىش ۋە ئابدۇللاھنىڭ ئوغلى… مۇھەممەد (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم )ئېلىپ كەلگەن دەۋەتنى شەرھلەپ بېرىش بىلەنلا «ئۇسەيد» نىڭ روھىيىتى نۇرلىنىشقا ۋە يورۇشقا، ئايەتلەردىن تەسىرلىنىپ بەدىئىيلىكىدىن زوقلىنىشقا باشلىدى…!!
مۇسئەبنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا «ئۇسەيد ئىبنى ھۇزەير» مۇسئەب ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تۇرغان كىشىلەرگە: «نېمە دېگەن گۈزەل، نېمە دېگەن ھەق سۆزلەر بۇ…!» بۇ دىنغا كىرمەكچى بولغان ئادەم نېمە قىلسا بولىدۇ…؟ دېدى.
بۇ چاغدا ئۇلار ئۇنىڭغا پۈتۈن دۇنيانى لەرزىگە سالغان تەھلىل كەلىمىسى بىلەن جاۋاب بەرگەندىن كېيىن مۇسئەب ئۇنىڭغا: «ئاۋۋال كىيىم-كېچەكلىرى ۋە پۈتۈن بەدىنىنى پاكىزلايدۇ، ئاندىن كېيىن بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ بەرھەق يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ» دېدى…
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئۇسەيد خېلى ئۇزۇن يوقاپ كەتكەندىن كېيىن چاچلىرىدىن سۇ تامچىلاپ تۇرغان ھالدا قايتىپ كېلىپ ئۆزىنىڭ بىر ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھى بەرھەق يوق ئىكەنلىكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە ئەتراپقا تارقالدى… «سەئىد ئىبنى مۇئاز» مۇ كېلىپ مۇسئەبنىڭ ۋەز-نەسىھىتىنى ئاڭلاپ قايىل بولدى ۋە مۇسۇلمان بولدى، ئارقىدىن «سەئىد ئىبنى ئۇببادە» مۇسۇلمان بولدى… شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشلىرى بىلەن ئاللاھنىڭ ئىنئامى تولۇق بولۇشقا باشلىدى ۋە مەدىنە خەلقى بىر يەرگە جەم بولۇشۇپ بىر-بىرىگە سوئال قويۇشتى: «ئۇسەيد ئىبنى ھۈزەير، سەئىد ئىبنى مۇئاز، سەئىد ئىبنى ئۇببادە قاتارلىق كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلىرىمىز مۇسۇلمان بولۇشقان تۇرسا بىز نېمىشقا مۇسۇلمان بولمايمىز…؟ يۈرۈڭلار، مۇسئەبنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن ئىمان ئېيتايلى، بۇرادەرلىرىمىزنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىققىنىنىڭ ھەممىسى ھەق ئىمىش…!!»
شۇنداق قىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ تۇنجىسى تەڭداشسىز مۇۋەپپەقىيەتكە يەنى ئۆزى ئۇنىڭ ئەھلى بولغان، ئۆزىگە لايىق بولغان مۇۋەپپەقىيەتكە ئىگە بولدى…
كۈنلەر ۋە يىللار ئۆتۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرى بىلەن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ باردى، بۇنى ئاڭلاپ قۇرەيشنىڭ ئاداۋەتلىرى تېخىمۇ ئەدەپ كېتىدۇ، ئاللاھنىڭ ياخشى بەندىلىرىنى زالىملارچە سۈرگۈن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇزۇقچىلىقنىڭ تەييارلىقىنى قىلىدۇ… ۋە «بەدىر» غازىتى كېلىپ چىقىدۇ. ئۇلار بۇ غازاتتا كۆپ تالاپەت تارتىپ قىساس ئېلىشقا ئاتلىنىدۇ. نەتىجىدە «ئۇھۇد» غازىتى يۈز بېرىدۇ. مۇسۇلمانلار يەنە ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سەپنىڭ ئوتتۇرىدا تۇرۇپ بايراق كۆتۈرىدىغانغا بىرەرسىنى تاللاش ئۈچۈن مۆمىن چىرايلارغا زەن سالىدۇ ۋە «قۇتلۇق مۇسئەب»نى چاقىرىدۇ، بۇ چاغدا ئۇ دەرھال سەپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ بايراقنى كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ…
دەھشەتلىك ئۇرۇش بارغانسېرى كۈچىيىپ كېتىدۇ، ئۆلۈم-يېتىم كۆپ بولىدۇ، مۇشرىكلارنىڭ مەغلۇب بولۇپ چېكىنىپ قايتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن مەرگەنلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ تاغ ئۈستىدىكى ئورۇنلىرىدىن ئايرىلىدۇ، بۇنى كۆرگەن قۇرەيشنىڭ ئاتلىق ئەسكەرلىرى تاغ چوققىسىدىن تۇيۇقسىز ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ قىلىچلىرىنى ساراڭلارچە ئىشقا سالىدۇ، شۇنداق قىلىپ بۇ مەرگەنلەرنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ تاغ ئۈستىنى ساقلىماسلىقى مۇسۇلمانلارنىڭ غەلىبىسىنى تېز سۈرئەتتە مەغلۇبىيەتكە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ…
ئۇلار مۇسۇلمان قوشۇنلىرىنىڭ پاتىپاراق بولۇپ كېتىۋاتقانلىقلىرىنى كۆرۈپ، كۈچ توپلاپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا مەركەزلىك ھۇجۇم قىلماقچى بولۇشىدۇ…
بۇچاغدا، مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير يوپۇرۇلۇپ كېلىۋاتقان خەتەرنى دەرھال سېزىپ قالىدۇ-دە، دۈشمەنلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ ئۇلارنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھۇجۇم قىلىشىغا كاشىلا قىلىش ئۈچۈن بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يولۋاستەك ھۆركىرەپ تەكبىر ئوقۇغان ھالدا دۈشمەننىڭ ئالدىغا ئوقتەك ئېتىلىپ بارىدۇ ۋە ئۆزى يالغۇز پۈتۈن بىر قوشۇنغا ھۇجۇم قىلىدۇ… توغرا، مۇسئەب خۇددى كۈرمىڭ ئەسكەردەك ئۆزى يالغۇز جەڭ قىلىشقا ئاتلىنىدۇ…
بىر قولىدا ھۆرمەت بىلەن بايراق كۆتۈرسە، يەنە بىر قولىدا غەيرەت بىلەن قىلىچ ئۇرىدۇ… لېكىن دۈشمەنلەر ئۇنىڭ تەن توسىقىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا بارغانسېرى كۆپلەپ ئېتىلىدۇ…
ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچى بىزگە، ئۇلۇغ مۇسئەبنىڭ ھاياتىدىكى ئاخىرقى مىنۇتلارنىڭ قانداق بولغانلىقىنى تەسۋىرلەپ بەرسۇن…!!
ئىبنى سەئىد مۇنداق دەيدۇ:
ئىبراھىم ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى شۇرەھبىيل ئەبدەرىيىنىڭ دادىسىدىن رىۋايەت قىلىپ ئېيتىپ بېرىشىچە «ئۇھۇد» ئۇرۇشى بولغان كۈنى «مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير» بايراقنى كۆتۈرگەن ئىدى، مەيداندا داۋاملىق چىڭ تۇرغان ئىدى. تۇيۇقسىز «ئىبنى قەميىئە» ئاتلىق ھالەتتە ئېتىلىپ كېلىپ ئۇنىڭ ئوڭ قولىغا قىلىچ ئۇرۇپ ئۈزۈۋەتتى. بۇ چاغدا مۇسئەب« وَمَا مُحَمَّدٌ إِلاَّ رَسُولٌ قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِەِ الرُّسُلُ » «مۇھەممەد پەقەت پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ پەيغەمبەرلەر ئۆتتى (ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن، بەزىلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن)» (سۈرە ئال ئىمران: 144) دېگەن پېتى، يەرگە ئېڭىشىپ بايراقنى سول قولى بىلەن ئالدى، ئۇ ئەبلەخ ئۇنىڭ سول قولىغىمۇ قىلىچ ئۇرۇپ ئۈزۈۋەتكەندە، يەنە «مۇھەممەد پەقەت پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ پەيغەمبەرلەر ئۆتتى (ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن، بەزىلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن)» دېگەن پېتى يەرگە ئېڭىشىپ بايراقنى ئىككى بىلىكى بىلەن قىسىپ ئېلىپ كۆكرىكىگە تىرەپ تۇتتى. ئۇنىڭغا ئۈچىنچى قېتىم ھۇجۇم قىلغاندا نەيزە كۆكرىكىگە سانجىلىپ سۇنۇپ كەتتى. مۇسئەب يەرگە يىقىلدى، بايراقمۇ چۈشۈپ كەتتى…
مۇسئەب يەرگە يىقىلدى… بايراقمۇ چۈشۈپ كەتتى…!!
بۇ شېھىتلىك زىننىتى، شېھىتلەر يۇلتۇزى چەكسىز باتۇرلۇق بىلەن پىداكارلىق، ئىمان ئۇرۇشى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن يىقىلدى… ئىمان ئاسمىنىدىكى بىر چولپان ئۆچتى…
ئۇ، مەن يىقىلسام پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قاتىللاردىن مۇداپىئەسىز ۋە ھىمايىسىز قالىدۇ… دەپ ئويلايتتى.
ئۇ ھەر قېتىم قىلىچ زەربىسى بىلەن بىلىكىدىن ئايرىلغاندا:« وَمَا مُحَمَّدٌ إِلاَّ رَسُولٌ قَدْ خَلَتْ مِن قَبْلِەِ الرُّسُلُ » «مۇھەممەد پەقەت پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ پەيغەمبەرلەر ئۆتتى (ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن، بەزىلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن)» دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇنى زىيادە ياخشى كۆرۈپ كەتكەنلىكى ۋە زىيادە ئەيمىنىپ كەتكەنلىكىگە تەسەللى قىلاتتى.
كەسكىن ئۇرۇشتىن كېيىن توغرا يول تۇتقۇچى بۇ شېھىتنىڭ تېنى پاك قېنىغا مىلەنگەن، يۈزىنى يەرگە قارىتىپ يوشۇرۇپ گويا ئۇخلاۋاتقاندەك ھالەتتە بايقالدى…
ئۇ، گويا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يامانلىق يېتىشتىن ئىبارەت ئۆزى ئەڭ ئېھتىيات قىلىدىغان، ئەڭ ئەنسىرەيدىغان ئىشنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن يۈزىنى يوشۇرۇۋالغاندەك قىلاتتى…!!
ياكى گويا ئۆزىنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تولۇق خاتىرجەم قىلىشتىن ئىلگىرى، ئۇنى ھىمايە قىلىش ۋە قوغداش مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشتىن ئىلگىرى شېھىت بولۇپ ئالەمدىن كېتىپ قالغانلىقىدىن خىجىل بولغاندەك قىلاتتى…!!
ئى مۇسئەب… نامىڭ ھاياتلىق ئۈچۈن پەخىر بولغان زات، ئاللاھ ساڭا ئۆزى بەخت ئاتا قىلغۇسى…!!
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى ئۇرۇش مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ شېھىتلەرگە ۋىدا ئېيتقىلى كەلدى…
ئۇلار مۇسئەبنىڭ مۇبارەك جەسىدىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ،ۋاپادارلىق بىلەن كۆپ كۆز يېشى قىلىشتى…
خەبباب ئىبنى ئەرەت مۇنداق دەيدۇ: بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئۈمىد قىلىپ ئاللاھ يولىدا ھىجرەت قىلدۇق، ئەجىرىمىزنى ئاللاھ بېرىدۇ، چۈنكى ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر دۇنيادا ئەجرىنىڭ مېۋىسىدىن ھېچنەرسە يېمەي ئۇ ئالەمگە كەتتى. مۇسئەب ئىبنى ئۇمەير بولسا ئەنە شۇلارنىڭ بىرىدۇر، ئۇ «ئۇھۇد» غازىتىدا قەتلى قىلىندى… ۋاپات بولغان ۋاقتىدا ئۈستىدە پەقەت بىر تال تونلا بار بولۇپ، كېپەنلەشكە ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنەرسە يوق ئىدى… بېشىنى يۆگىسەك پۇتى ئېچىلىپ قالاتتى، پۇتىنى يۆگىسەك بېشى ئېچىلىپ قالاتتى، بۇنى كۆرۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە «تون بىلەن باش تەرىپىنى يۆگەڭلار، پۇتىنى ئىزخىر قومۇشى بىلەن يۆگەپ قويۇڭلار» دېگەن ئىدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلارنىڭ تاغىسى ھەمزىنىڭ پۇت-قوللىرىنى كېسىپ پارچىلاپ ئۇنى ۋەھشىيلەرچە قەتلى قىلىشى بىلەن چوڭقۇر ئەلەم چەككەن، يۈرەك ئازابى تارتىپ چەكسىز كۆز يېشى قىلغاننىڭ ئۈستىگە، ئىخلاسمەن، سادىق، پاك دوستلىرى ۋە يارەنلىرىنىڭ جەسەتلىرى بىلەن ئۇرۇش مەيدانى توشۇپ ئازاب چەككەننىڭ ئۈستىگە، ئەمدىلىكتە بولسا ئۇ ئەلچىلىرىنىڭ تۇنجىسىنىڭ جەسىتىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ۋىدالىشىۋاتىدۇ…
توغرا… پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسئەب ئىبنى ئۇمەيرنىڭ جەسىتىگە مېھرىبانلىق، ۋاپادارلىق بىلەن قارىغىنىچە: «مِنَ الْمُؤْمِنِينَ رِجَالٌ ىَدَقُوا مَا عَاەَدُوا اللَّەَ عَلَيْەِ » «مۆمىنلەرنىڭ ئىچىدە (رەسۇلۇللاھ بىلەن غازاتقا چىققاندا ساباتلىق بولۇپ، شېھىت بولغانغا قەدەر دادىللىق بىلەن جەڭ قىلىش توغرىلىق) ئاللاھقا بەرگەن ئەھدىنى ئىشقا ئاشۇرغان نۇرغۇن كىشىلەر بار» (سۈرە ئەھزاب: 23) دېگەن ئايەتنى تىلاۋەت قىلىۋاتىدۇ.
ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ كېپەنلەنگەن تونىغا ئەلەم بىلەن نەزەر تاشلىدى-دە: «مەن سېنى مەككىدە كۆرگەن ۋاقتىمدا، مەككىدە سەندىن ئېسىلراق كىيىنگەن، چېچىنى سەندىن چىرايلىقراق ياساتقان يەنە بىر ئادەم يوق ئىدى، مانا بۈگۈن سەن پەقەت بىر تونغا ئورانغان ھالدا، چاچلىرىڭ پاخپايغان ھالدا ياتىسەن»…؟! دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇسئەبنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى بارلىق سەپداشلىرىغا مېھرىبانلىق ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك بىر نەزەر سالغاندىن كېيىن نىدا قىلىپ: «شۈبھىسىزكى، مەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا سىلەرنىڭ شېھىت ئىكەنلىكىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىمەن» دېدى…
ئاندىن كېيىن ئەتراپىدىكى ھايات قالغانلارغا ئالدىنى قىلىپ: «ئى خالايىق، ئۇلارنى زىيارەت قىلىڭلار، ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىڭلار، ئۇلارغا سالام قىلىڭلار، روھىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى، قىيامەت كۈنىگىچە كىم ئۇلارغا سالام قىلىدىكەن ئۇلار ئۇنىڭغا سالام قايتۇرىدۇ » دېدى…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئى مۇسئەب… ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئى شېھىتلەر جامائىسى… سىلەرگە ئاللاھنىڭ سالامى، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە بەرىكەتلىرى بولسۇن…!