مۇسۇلمان پەرزەنتلىرى بىلىشكە تېگىشلىك زۆرۈر بىلىملەر

by | ئاۋغۇست 29, 2026 | كىتابلار | 0 comments

 

مۇندەرىجە

كىرىش سۆز

بِـسْمِ اللََّّهِ الـرَّحْمَنِ الرَّحِيمِ

ئاللاھ تەئالانىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن ۋە ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن.

مەقسـەتكە كەلسـەك: بـۇ كىتابتـا مۇسـۇلمان ئەۋلادلارنىڭ بىلىشـى شـەرت بولغان مۇقـەددەس دىنىمىزنىـڭ ئىنتايىـن مۇھىـم مەسـىلىلىرى ئـورۇن ئالغـان بولـۇپ، ئاتـا-ئانىـلار بۇلارنـى بالىلىرىغـا كىچىكىدىنـلا ئۆگىتىشـى لازىـم. بۇ ئەقىـدە، فىقھى، سـىيرەت (تەرجىمىھـال)، تەپسـىر، ھەدىـس، ئەدەب-ئەخـلاق ۋە زىكىرلەر ھەققىـدە مۇكەممـەل، ئاسـان ۋە قـولاي ئۇسـلۇب بىلـەن رەتلەنگـەن دەرسـلىك بولـۇپ، ھـەر ياشـتىكى بالىـلار، چـوڭلار ۋە يېڭـى مۇسـۇلمان بولغانلارغـا مـاس كېلىـدۇ. شـۇنداقلا بـۇ ئائىلىـدە، يەسـلىدە ۋە دەرسـخانىلاردا ئۆگىتىلسـە بولىدىغـان، يادلاش ۋە شـەرھلەپ چۈشـىنىش ئاسـان بولغان دەرسـلىكتۇر. مـەن بۇنـى مۇناسـىپ تەرتىـپ بىلـەن رەتلـەپ چىقتىـم ۋە ئۇنـى سـوئال-جاۋابلىـق قىلدىـم. چۈنكى سـوئال-جاۋابلىق جۈملىلەر ئىنسـاننىڭ زېھنىگە تېز يەرلىشـىدۇ ۋە يادلاشـقا ئاسـان بولىـدۇ. ئۇسـتازلار ئۆسـمۈرلەرنىڭ يېشـىغا قـاراپ مۇناسـىپ يەرلىرىنى تالـلاپ ئۆگەتسـە بولىـدۇ. ئاللاھ تەئالادىـن بۇنىڭ مەنپەئەتلىك بىر دەرسـلىك بولۇشـىنى ۋە مېنىـڭ بـۇ قىلغـان ئەمەلىمنـى قوبـۇل قىلىشـىنى ئۆتۈنۈپ سـورايمەن.

ھۆرمەت بىلەن مۇئەللىپ: يەزىن ئەلغانىم.

 

 

مۇقەددىمە

بۇ دەرسلىكنىڭ ئەسلى مەنبەسى تۆۋەندىكى ئايەت ۋە ھەدىستىن ئېلىنغان:

ئالـلاھ تەئـالا مۇنـداق دېگـەن: ﴿يَـا أَيُّهَـا الَّذِيـنَ آمَنُـوا قُـوا أَنفُسَـكُمْ وَأَهْلِيكُـمْ نَـارًا وَقُودُهَـا النَّـاسُ وَالْحِجَـارَةُ عَلَيْهَـا مَلََائِكَـةٌ غِـلََاظٌ شِـدَادٌ لََّا يَعْصُـونَ اللََّّهَ مَـا أَمَرَهُـمْ وَيَفْعَلُـونَ مَـا يُؤْمَـرُونَ﴾ «ئەي ئىمان ئېيتقانلار! سـىلەر ئۆزۈڭلارنـى ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتىڭلارنى يېقىلغۇسـى ئىنسـانلار ۋە تاشـلار بولغـان دوزاخ ئوتىدىـن سـاقلاڭلار. دوزاختا قوپـال، قاتتىـق قول پەرىشـتىلەر بـار بولۇپ، ئـۇلار ئاللاھنىـڭ بۇيرۇقىغا ئاسـىيلىق قىلمايدۇ، نېمىگـە بۇيرۇلسـا شـۇنى ئىجرا قىلىـدۇ»[1].

ئابدۇلـلاھ ئىبنـى ئابباسـتىن (رەزىيەللاھـۇ ئەنھۇمـا) دىن رىۋايـەت قىلىنىدۇكـى: «مەن بىـر كۈنـى رەسـۇلۇللاھنىڭ كەينىگـە مىنگىشـىپ كېتىۋاتاتتىـم، ئـۇ ماڭا مۇنـداق دېدى:

«يَـا غُـلََامُ، إنِّي أُعَلِّمُـكَ كَلِمَـاتٍ:  احْفَـظِ اللََّّهَ يَحْفَظْـكَ،  احْفَـظِ اللََّّهَ تَجِـدْهُ تُجَاهَـكَ، إِذَا سَـأَلْتَ فَاسْـأَلِ اللََّّهَ،  وَإِذَا اسْـتَعَنْتَ فَاسْـتَعِنْ بِـالِلََّّهِ،  وَاعْلَـمْ:  أَنَّ الْْأُمَّـةَ لَـوِ اجْتَمَعَـتْ عَلَـى أَنْ يَنْفَعُـوكَ بِشَـيْءٍ لَـمْ يَنْفَعُـوكَ إِلََّا بِشَـيْءٍ قَـدْ كَتَبَـهُ اللََّّهُ لَـكَ،  وَإِنِ اجْتَمَعُـوا عَلَـى أَنْ يَضُـرُّوكَ بِشَـيْءٍ لَـمْ يَضُـرُّوكَ إِلََّا بِشَـيْءٍ قَـدْ كَتَبَـهُ اللََّّهُ عَلَيْـكَ،  رُفِعَـتِ الْْأَقْـلََامُ وَجَفَّـتِ الصُّحُـفُ»

« ئـەي بـالا! مـەن سـاڭا بىـر نەچچـە كەلىمـە ئۆگىتىـپ قويـاي: ئاللاھنىـڭ ھەققىنـى سـاقلىغىن، ئالـلاھ سـېنى سـاقلايدۇ؛ ئاللاھنىڭ ھەققىنى ساقلىسـاڭ، ئاللاھنـى ئالدىڭـدا تاپىسـەن؛ بىر نەرسـە تىلىسـەڭ ئاللاھتىـن تىلىگىن، ياردەم سورىسـاڭ ئاللاھتىـن سـورىغىن. بىلگىنكـى، پۈتۈن ئۈممەت سـاڭا بىـرەر مەنپەئەت يەتكـۈزۈش ئۈچۈن توپلانسـىمۇ، پەقـەت ئاللاھ سـەن ئۈچـۈن پۈتۈۋەتكـەن مەنپەئەتنىـلا يەتكۈزەلەيـدۇ. ئەگەر سـاڭا بىـرەر زىيان يەتكـۈزۈش ئۈچۈن توپلانسـىمۇ، پەقەت ئاللاھ سـەن ئۈچـۈن پۈتۈۋەتكەن زىياننىـلا يەتكۈزەلەيـدۇ. قەلەملـەر كۆتۈرۈلـدى، دەپتـەر يېپىلـدى»[2].

يەنـى، ئىنسـان ئۆزىنىـڭ نىجاتلىقىنـى كـۆزدە تۇتـۇش بىلـەن بىللـە ئائىلـە- ئەزالىرىنڭمـۇ نىجاتلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈشـى لازىـم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسـالامنىڭ كىچىـك ياشـتىكى ئابدۇلـلا ئىبنـى ئابباسـقا تەلىـم بەرگىنىـدەك ئۆسـمۈرلەرگە دىننـى ئۆگۈتـۈش ھەر-بىـر مۇسـۇلماننىڭ مەجبۇرىيىتىـدۇر.

ئۆسـمۈرلەرگە تەلىـم بېرىشـنىڭ ئەھمىيىتـى ھەققىـدە ئالىملارنىـڭ قىممەتلىك سۆزلىرى:

شەيىخ ئىمام مۇھەممەد بىن ئابدۇلۋەھھاب: «سەبىيلەرگە تەۋھىد ئۆگىتەيلى» دىگەن كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە  مۇنداق دەيدۇ: «بۇ،  ئۆسمۈرلەرنىڭ ساپ ئىسلام ئۈستىدە مۇكەممەل ئىنسان بولىشى ۋە ئىيمان يولىدا ياخشى مۇۋەھھىد- تەۋھىدچى بولۇپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئۆسمۈرلەرگە قۇرئان ئۆگىتىشتىن بۇرۇن ئۆگىتىش پەرىز بولغان ئىنتايىن پايدىلىق كىتابتۇر».

ئىمـام  ئەبۇزەيـد ئـەلقەيرىۋانـى- رەھىمەھۇللاھ- مۇنـداق دەيـدۇ:» كىچىك بالىنى يەتتـە ياشـتا نامازغـا بۇيـرۇش، ئون ياشـتا (نامـاز ئوقىمىسـا) ئـۇرۇش ۋە ياتىقىنـى ئايرىش ھەدىسـتە كەلگەنـدەك، ئاللاھ بەندىلەرگـە پەرىـز قىلغـان سـۆز- ھەرىكـەت ئىبادەتلەرنىمۇ سـەبىلەرنىڭ قەلىبلىرىـدە ئورۇنلاشـقان، كۆڭۈللىـرى ئۇنىڭغـا كۆنگـەن ۋە ئەزالىـرى ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشـقا ئادەتلىنىپ كەتكەن ھالدا بالاغەت يېشـىغا كىرىشـلىرى ئۈچۈن سەبىيلەرگە بالاغەتكە يىتىشـتىن بۇرۇن ئۆگۈتۈش زۆرۈردۇر». (دېمەك، سـەبىيلەرگە بالاغەت يېشـىدىن  بۇرۇنـلا  دىننىـڭ زۆرۈر بىلىملىرىنى ئۆگىتىـش ئىنتايىن مۇھىـم ۋە زۆرۈردۇر).

[1] تەھرىم سۈرىسـى، 6-ئايەت

[2]تىرمىـزى ۋە ئىمـام ئەھمـەد رىۋايىتـى

بىرىنچى قىسىم: ئەقىدە بۆلۈمى

1-سوئال: مَـنْ رَبُّـكَ؟ (رەببىڭىز كىم؟)

جـاۋاب: مېنـى ۋە پۈتـۈن مەخلۇقاتلارنـى يارىتىـپ، سانسـىز نېمەتلىـرى بىلـەن تەربىيەلىگـەن زات — ئالـلاھ مېنىـڭ رەببىمـدۇر.

دەلىل: ﴿الْحَمْـدُ لِِلََّّهِ رَبِّ الْعَالَْمِيـنَ﴾ «جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر»[1].

2-سوئال: مَـا دِينُـكَ؟ (دىنىڭىز نېمە؟)

جاۋاب: دىنىم ئىسـلامدۇر. ئىسـلام — تەۋھىد ئاساسـىدا ئاللاھقا تەسـلىم بولۇش، ئىتائەت بىلەن بويسـۇنۇش، شـېرىك ۋە شـېرىك ئەھلىدىن يىراق بولۇشـتۇر.

دەلىل: ﴿إِنَّ الدِّيـنَ عِنـدَ اللََّّهِ الْْإِسْـلََامُ﴾ «ئاللاھنىڭ نەزىرىدىكى ھەق دىن پەقەت ئىسلام دىنىدۇر»[2].

3-سوئال: مَـنْ نَبِيُّـكَ؟ (پەيغەمبىرىڭىز كىم؟)

جاۋاب: مېنىڭ پەيغەمبىرىم ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ﷺ دۇر.

دەلىـل: ﴿مُّحَمَّـدٌ رَّسُـولُ اللََّّهِ﴾ «مۇھەممـەد ﷺ ئاللاھنىـڭ ئەلچىسـىدۇر».[3]

4-سوئال: كەلىمە تەۋھىدنى ئوقۇڭ ۋە مەنىسىنى سۆزلەڭ؟

جـاۋاب: كەلىمـە تەۋھىـد: ﴿لََا إِلَـهَ إِلََّا اللََّّهُ﴾ دۇر. مەنىسـى: «ئاللاھتىـن باشـقا ھەقىقىـي ئىـلاھ يـوق» دېمەكتـۇر.

دەلىل:  ﴿فَاعْلَـمْ أَنَّـهُ لََا إِلَـهَ إِلََّا اللََّّهُ﴾ «بىلگىنكى،  ھەقىقەتەن ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقتۇر»[4].

5-سوئال: أَيْـنَ اللهُ؟ (ئاللاھ نەدە؟)

جاۋاب: ئاللاھ پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ ئۈستىدە، ئاسماندا — ئەرشىدىدۇر.

دەلىل:  ﴿الرَّحْمَـنُ عَلَـى الْعَـرْشِ اسْـتَوَى﴾ «مېھرىبان ئاللاھ ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى»[5].

يەنە مۇنداق دېگەن:  ﴿وَهُـوَ الْقَاهِـرُ فَـوْقَ عِبَـادِهِ ۚ وَهُـوَ الْحَكِيـمُ الْخَبِيـرُ﴾ «ئۇ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىدۇر، ھېكمەتلىكتۇر،  خەۋەرداردۇر»[6].

6-سـوئال: «مۇھەممـەد ﷺ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىـدۇر» دەپ گۇۋاھلىق بېرىشـنىڭ مەنىسى نېمە؟

جـاۋاب: ئۇنـى ئالـلاھ تەئالانىـڭ پۈتـۈن ئالەمگـە خۇشـخەۋەر بەرگۈچـى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچـى پەيغەمبـەر قىلىـپ ئەۋەتكەنلىكىگـە تولـۇق ئىشـىنىش ۋە ئىمـان كەلتۈرۈشـتۇر.

پەيغەمبەر ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلەر:

1) ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش.

2) بەرگەن خەۋەرلىرىنى تەستىقلاش.

3) ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلماسلىق.

4) سـۈننىتىگە ئەگىشـىپ، بىدئەتنـى تـەرك ئېتىـش ۋە ئاللاھقـا پەقـەت ئـۇ كۆرسـەتكەن شـەرىئەت بويىچـە ئىبـادەت قىلىـش.

دەلىل: ﴿مَّـن يُطِـعِ الرَّسُـولَ فَقَـدْ أَطَـاعَ اللََّّهَ﴾ «كىمكى پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇ چوقۇم ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ»[7].

﴿وَمَـا يَنطِـقُ عَـنِ الْهَـوَىٰ * إِنْ هُـوَ إِلََّا وَحْـيٌ يُوحَـىٰ﴾ «ئۇ پەيغەمبەر ئۆز ئارزۇسى بويىچە سۆزلىمەيدۇ، ئۇنىڭ سۆزلىگىنى پەقەت نازىل قىلىنغان ۋەھيىدۇر»[8].

﴿لَقَـدْ كَانَ لَكُـمْ فِـي رَسُـولِ اللََّّهِ أُسْـوَةٌ حَسَـنَةٌ لِْمـَنْ كَانَ يَرْجُـو اللَّّهَ وَالْيَـوْمَ الآخِـرَ وَذَكَـرَ اللَّّهَ كَثِيـراً﴾ «سىلەر ئۈچۈن -يەنى ئاللاھنى ۋە ئاخىرەتنى ئۈمۈد قىلىدىغان ۋە ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىدىغان كىشى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ رەسۇلىدا چوقۇم گۈزەل نەمۇنە بار»[9].

7-سوئال: ئاللاھ تەئالا بىزنى نېمە ئۈچۈن ياراتتى؟

جـاۋاب: ئالـلاھ تەئـالا بىزنـى ئويۇن-تاماشـا ئۈچـۈن ئەمـەس، بەلكى شـېرىكى يوق يەككە-يىگانـە ئۆزىگىـلا ئىبادەت قىلىشـىمىز ئۈچـۈن ياراتتى.

دەلىل: ﴿وَمَـا خَلَقْـتُ الْجِـنَّ وَالْْإِنـسَ إِلََّا لِيَعْبُـدُونِ﴾ «مەن جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىشلىرى ئۈچۈنلا ياراتتىم»[10].

8-سوئال: ئىبادەت دېگەن نېمە؟

جـاۋاب: ئىبـادەت — ئالـلاھ ياخشـى كۆرىدىغـان ۋە رازى بولىدىغان بارلىق ئاشـكارا ۋە يوشـۇرۇن سـۆز-ھەرىكەتلەرنىڭ ئومۇمىـي نامىدۇر.

تاشـقى ئىبادەتلـەر: تىـل بىلـەن زىكىـر ئېيتىـش (تەسـبىھ، ھەمـدە)، نامـاز ئوقـۇش، ھـەج قىلىـش قاتارلىقـلار.

ئىچكـى ئىبادەتلـەر: ئاللاھقـا تەۋەككـۈل قىلىـش، قورقـۇش ۋە ئۈمىـد قىلىـش قاتارلىـق قەلبتىكـى ئەمەللـەر.

9-سوئال: بىزگە پەرز بولغان ئەڭ چوڭ ۋەزىپە نېمە؟

جاۋاب: ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى بىلىش (يەنى تەۋھىد).

دەلىل:  ﴿وَمَـآ أُمِـرُوٓا۟ إِلََّا لِيَعْبُـدُوا۟ ٱلِلََّّهَ مُخْلِصِيـنَ لَـهُ ٱلدِّيـنَ حُنَفَـآءَ﴾ «ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ئاللاھقا خالىس قىلغان، ھەق دىنغا ئېتىقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز)  ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلدى»[11].

10-سوئال: تەۋھىدنىڭ تۈرلىرى قايسىلار؟

جاۋاب: تەۋھىد ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ:

  1. تەۋھىـد رەبۇبىيـە (رەبلىكتـە بىـر بىلىش): ئاللاھنـى يەككـە ياراتقۇچى، رىزىق بەرگۈچـى ۋە پۈتـۈن كائىناتنى باشـقۇرغۇچى دەپ بىلىش.
  2. تەۋھىـد ئۇلۇھىيـە (ئىلاھلىقتـا بىـر بىلىـش): بارلىـق ئىبادەتلەرنـى پەقـەتئاللاھقىـلا قىلىـش، باشـقا ھېچنېمىگـە ئىبـادەت قىلماسـلىق.
  3. تەۋھىـد ئەسـما ۋە سـىپەت (ئىسىم-سـۈپەتلەردە بىـر بىلىـش): كىتـاب ۋە سـۈننەتتە كەلگـەن ئاللاھنىـڭ ئىسىم-سـۈپەتلىرىنى مەخلۇقلارغـا ئوخشاتماسـتىن، سېلىشتۇرماسـتىن ئەينـەن قوبـۇل قىلىـپ ئىمـان كەلتۈرۈشـتۇر.

دەلىل:  ﴿رَّبُّ السَّـمَاوَاتِ وَالْْأرْضِ وَمَـا بَيْنَهُمَـا فَاعْبُـدْهُ وَاصْطَبِـرْ لِعِبَادَتِـهِ ۚ هَـلْ تَعْلَـمُ لَـهُ سَـمِيًّا﴾ «ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكىلەرنىڭ رەببىدۇر، شۇڭا پەقەت ئۇنىڭغىلا ئىبادەت قىل ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشتا چىڭ تۇر، ئۇنىڭغا تەڭداش بىرەرسىنى بىلەمسەن؟»[12].

11-سوئال: ئەڭ چوڭ گۇناھ قايسى؟

جاۋاب: ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش.

دەلىـل: ﴿إِنَّ اللََّّهَ لََا يَغْفِـرُ أَن يُشْـرَكَ بِـهِ وَيَغْفِـرُ مَـا دُونَ ذَٰلِـكَ لِْمـَن يَشَـاءُ﴾ «ئالـلاھ ھەقىقەتـەن ئۆزىگـە شـېرىك كەلتۈرۈلگـەن گۇناھنـى كەچۈرمەيـدۇ،  ئۇنىڭدىـن باشـقا گۇناھلارنـى خالىغـان كىشـى ئۈچـۈن كەچۈرىـدۇ»[13].

12-سوئال: شېرىك دېگەن نېمە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى قايسىلار؟

جاۋاب: ئىبادەتنىڭ بىرەر تۈرىنى ئاللاھتىن باشقىغا قارىتىپ قىلىش شېرىكتۇر.

شېرىكنىڭ تۈرلىرى:

  • چـوڭ شـېرىك: ئاللاھتىـن باشـقىدىن ھاجـەت سـوراپ دۇئـا قىلىـش، باشـقىغا سـەجدە قىلىـش ياكـى ئاتـاپ قۇربانلىـق قىلىـش.
  • كىچىـك شـېرىك: ئاللاھتىـن باشـقىنىڭ نامـى بىلـەن قەسـەم قىلىـش، تۇمـار ئېسـىش، ئىبادەتنـى كۆز-كـۆز قىلىـش (رىيـا).

13-سوئال: ئاللاھتىن باشقا بىرەرسى غەيبنى بىلەمدۇ؟

جاۋاب: يالغۇز ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم غەيبنى بىلمەيدۇ.

دەلىل: ﴿قُـل لََّا يَعْلَـمُ مَـن فِـي السَّـمَاوَاتِ وَالْْأَرْضِ الْغَيْـبَ إِلََّا اللََّّهُ ۚ وَمَـا يَشْـعُرُونَ أيَّـانَيُبْعَثُـونَ﴾ «دېگىنكى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكىلەرنىڭ ھېچقايسىسى غەيبنى بىلمەيدۇ، پەقەت ئاللاھلا بىلىدۇ. ئۇلار (يەنى خالايىق) قاچان تىرىلىدىغانلىقلىرىنى بىلمەيدۇ»[14].

14-سوئال: ئىماننىڭ ئاساسلىرى قايسىلار؟

جاۋاب: ئىماننىڭ ئالتە ئاساسى بار:

1) ئاللاھقا،

2) پەرىشتىلەرگە،

3) كىتابلارغا،

4) پەيغەمبەرلەرگە،

5) ئاخىرەت كۈنىگە،

6) ياخشى-يامان تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرۈش.

دەلىـل: رەسـۇلۇللاھ ﷺ مۇنـداق دېگـەن: ﴿أَنْ تُؤْمِـنَ بِـالِلََّّهِ،  وَمَلََائِكَتِـهِ،  وَكُتُبِـهِ،وَرُسُـلِهِ، وَالْيَـوْمِ الْآخِـرِ، وَتُؤْمِـنَ بِالْقَـدَرِ خَيْـرِهِ وَشَـرِّهِ﴾ «ئاللاھقـا، پەرىشـتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگـە، ئاخىـرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرىسـەن ۋە ياخشـى-يامان تەقدىرگە ئىمان كەلتۈرىسـەن»[15].

15-سوئال: ئىماننىڭ ئاساسلىرىنى قىسقىچە شەرھلەڭ؟

جاۋاب:

(1 ئاللاھقـا ئىمـان: ئاللاھنـى ياراتقۇچـى، رىزىـق بەرگۈچى، يەككە ئىـلاھ ۋە پۈتۈن كامالەت سـۈپەتلەرنىڭ ئىگىسـى دەپ بىلىش.

2) پەرىشـتىلەرگە ئىمـان: ئۇلارنىـڭ نۇردىـن يارىتىلغـان، ئاللاھقـا ئاسـىيلىق قىلمايدىغـان بەندىلـەر ئىكەنلىكىگە ئىشـىنىش. جىبرىئىـل ئەلەيھىسسـالام ۋەھيى ئېلىپ كەلگۈچـى پەرىشـتىدۇر.

3) كىتابلارغـا ئىمـان: ئاللاھ نازىل قىلغـان كىتابلارغا، جۈملىدىـن قۇرئان، ئىنجىل، تەۋرات، زەبۇر ۋە سـەھىپىلەرگە ئىشـىنىش.

4) پەيغەمبەرلەرگـە ئىمان: ئاللاھ ئىنسـانلارنى ھىدايـەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن ئەلچىلەرگـە ئىشـىنىش. نـۇھ، ئىبراھىم، مۇسـا، ئىيسـا ۋە مۇھەممـەد ﷺ لار ئىرادىلىك پەيغەمبەرلەردۇر.

5) ئاخىرەتكـە ئىمـان: قەبـرە سوئال-سـورىقى، قايتـا تىرىلىش، ھېسـاب، جەننەت ۋە دوزاخنىـڭ ھەقلىقىگە ئىشـىنىش.

6) تەقدىرگـە ئىمـان: ئاللاھنىـڭ ھەممە نەرسـىنى ئالدىـن بىلىدىغانلىقـى، يېزىپ قويغانلىقـى ۋە ئۇنىڭ خالىشـى بىلەن يارىتىلىدىغانلىقىغا ئىشـىنىش. دەلىـل: ﴿إِنَّـا كُلَّ شَـيْءٍ خَلَقْنَـاهُ بِقَـدَرٍ﴾ «بىـز ھەقىقەتـەن ھەممـە نەرسـىنى تەقدىر بىلـەن ياراتتۇق».

تەقدىرنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن بىلىش زۆرۈر بولغان تۆت باسقۇچ:

  1. ئاللاھ تەئالانىڭ بىلىمى چەكسىز ئىكەنلىكىنى بىلىش؛ ئاللاھ تەئالا چەكسىز ۋەكامىل ئىلىمى بىلەن تېخى يۈز بەرمىگەن، كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىش- ھەرىكەت ۋە نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەزەلدىن تولۇق بىلىدۇ. ئاللاھ تەئالا مۇنداق بايان قىلغان:﴿إِنَّ اللََّّهَ عِنـدَهُ عِلْـمُ السَّـاعَةِ وَيُنَـزِّلُ الْغَيْـثَ وَيَعْلَـمُ مَـا فِـي الْْأَرْحَـامِ ۖ وَمَـا تَـدْرِي نَفْـسٌ مَّـاذَا تَكْسِـبُ غَـدًا ۖ وَمَـا تَـدْرِي نَفْـسٌ بِـأَيِّ أَرْضٍ تَمُـوتُ ۚ إِنَّ اللََّّهَ عَلِيـمٌ خَبِيـرٌ﴾«قىيامەتنىڭ ئىلمى پەقەت ئاللاھقا ئائىتتۇر (يەنى قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىنى پەقەت يالغۇز ئاللاھ بىلىدۇ)،ئۇ ئاللاھ يامغۇر ياغدۇرىدۇ، رەھمىدىكى تۆرەلمىنى بىلىدۇ، جانلىقلار ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ ۋە ھېچبىر جان نەدە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن بىلگۈچىدۇر ۋەخەۋەرداردۇر»[16].

چەكسىز بىلىدىغان ئاللاھ پۈتۈن نەرسىنىڭ تەقدىرىنى (كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان پۈتۈن ئەھۋالىنى) لەۋھۇلمەھفۇزدا يېزىۋەتكەن. بۇ ھەقتە ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿وَعِنـدَهُ مَفَاتِـحُ الْغَيْـبِ لََا يَعْلَمُهَـا إِلََّا هُـوَ ۚ وَيَعْلَـمُ مَـا فِـي الْبَرِّ وَالْبَحْـرِ ۚ وَمَـا تَسْـقُطُ مِـن وَرَقَـةٍ إِلََّا يَعْلَمُهَـا وَلََا حَبَّـةٍ فِـي ظُلُمَـاتِ الْْأَرْضِ وَلََا رَطْـبٍ وَلََا يَابِـسٍ إِلََّا فِـي كِتَـابٍ مُّبِيـن﴾ «غەيىبنىڭ ئاچقۇچى ئاللاھ نىڭ ھۇزۇرىدا بولۇپ ئۇنى پەقەت ئۇ بىلىدۇ، ئۇ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىكى نەرسىلەرنى بىلىدۇ، دەرەختىن بىرەر ياپراق چۈشىدىغانلا بولسا ئۇنى بىلىدۇ ۋە قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى بىرەر دان، ھۆل ۋە قۇرۇق نەرسە بولسۇن ئۇ چوقۇم روشەن كىتاپتا يېزىقلىقتۇر»[17].

ھەر قانداق بىر ئىش-ھەرىكەت ۋە نەرسە پەقەت ئاللاھنىڭ خالىشى بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تەئالا مۇنداق دىگەن: ﴿لِْمَـنْ شَـاءَ مِنْكُـمْ أَنْ يَسْـتَقِيمَ،  وَمَـاتَشَـاءُونَ إِلََّا أَنْ يَشَـاءَ اللََّّهُ رَبُّ الْعَالَْمِيـنَ﴾ «سىلەردىن  راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغان كىشى ئۈچۈن (ئۇ قۇرئان بىر ئەسلەتمىدۇر)، سىلەر پەقەت ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھ خالىغاندىلا ئاندىن خالىيالايسىلەر (يەنى سىلەر خالاشنىڭ ئالدىدا ئاللاھ خالىغان بولىدۇ)»[18].

  1. كائىناتتىكى ھەممە نەرسە ئاللاھ ياراتقان مەخلۇقاتتۇر ۋە ئۇلارنىڭ ماددىسى، سۈپەتلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىنىمۇ ئاللاھ ياراتقان ۋە يارىتىدۇ.  ئاللاھ تەئالا مۇنداق دىگەن:﴿وَاللََّّهُ خَلَقَكُـمْ وَمَـا تَعْمَلُـونَ﴾ «سىلەرنى ۋە قىلىدىغان ئىش-ھەرىكىتىڭلارنى ئاللاھ ياراتقان»[19].

16-سوئال: قۇرئان نېمە؟

جـاۋاب: قۇرئـان ئاللاھنىـڭ سـۆزى بولـۇپ، ئـۇ مەخلـۇق (يارىتىلغـان نەرسـە) ئەمەسـتۇر.

17-سوئال: سۈننەت دېگەن نېمە؟

جـاۋاب: پەيغەمبـەر ﷺ نىـڭ سـۆزلىرى، ئەمەللىـرى، تەسـتىقلىرى ۋە ئەخلاقىـي سـۈپەتلىرىدۇر.

18-سوئال: بىدئەت دېگەن نېمە؟

جـاۋاب: دىنـدا ئەسـلى يـوق، كېيىنچـە پەيـدا قىلىنغـان ئىبـادەت شـەكىللىرىدۇر. رەسـۇلۇللاھ: «كُلُّ بِدْعَـةٍ ضَلََالَـةٌ» «بارلىـق بىدئـەت ئازغۇنلۇقتـۇر» دېگـەن[20].

19-سوئال: دوستلۇق ۋە دۈشمەنلىك (ۋەلا ۋە بەرا) ئەقىدىسى نېمە؟

جاۋاب: مۇئمىنلەرنى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىش؛ كاپىرلارنىڭ كۇفرىنى ئۆچ كۆرۈش ۋە ئۇلاردىن ئادا-جۇدا بولۇشتۇر.  دەلىل:  ﴿وَالْْمُؤْمِنُـونَ وَالْْمُؤْمِنَـاتُ بَعْضُهُـمْ أَوْلِيَـاءُ بَعْـضٍ﴾ «ئەر-ئايال مۇئمىنلەر بىر-بىرىنىڭ دوستىدۇر». دۈشمەنلىك، كافىرلارنى ۋە مۇئمىنلەرگە دۈشمەنلىك قىلغانلارنى ئۆچ كۆرۈش (ئۇلادىن نەپرەتلىنىش).

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:  ﴿قَـدْ كَانَـتْ لَكُـمْ أُسْـوَةٌ حَسَـنَةٌ فِـىٓ إِبْرَٰهِيـمَ وَٱلَّذِيـنَ مَعَـهُۥ إِذْ قَالُـواْ لِقَوْمِهِـمْ إِنَّـا بُـرَءَٰٓؤُاْ مِنكُـمْ وَمِمَّـا تَعْبُـدُونَ مِـن دُونِ الله كَفَرْنَـا بِكُـمْ وَبَـدَا بَيْنَنَـا وَبَيْنَكُـمُٱ لْعَـدَٰوَةُ وَٱلْبَغْضَـآءُ أَبَـدًا حَتَّـىٰ تُؤْمِنُـواْ بِـٱلِلََّّهِ وَحْـدَهُۥ﴾ «ئى مۇئمىنلەر! ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۇئمىنلەردە سىلەر ئۈچۈن گۈزەل ئۆرنەك بار، ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا كافىر قەۋمىگە: «بىز سىلەردىن ۋە سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان ئاللاھتىن باشقا مەبۇدلىرىڭلاردىن ئادا- جۇدامىز، سىلەرنىڭ بۇ ئىشىڭلارنى ئىنكار قىلىمىز ۋە سىلەر يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىمان ئېيتقانغا قەدەر ئارىمىزدا ئاداۋەت ۋە ئۆچمەنلىك مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ» دېدى»[21].

20-سوئال: ئاللاھ ئىسلامدىن باشقا دىننى قوبۇل قىلامدۇ؟

جاۋاب: ياق، ئاللاھ پەقەت ئىسلامنىلا قوبۇل قىلىدۇ.

دەلىـل:  ﴿وَمَـن يَبْتَـغِ غَيْـرَ الْْإِسْـلََامِ دِينًـا فَلَـن يُقْبَـلَ مِنْـهُ﴾ «كىمكـى ئىسـلامدىن باشـقا دىننـى تەلـەپ قىلىدىكـەن، ئۇنىڭدىـن ھەرگىـز قوبـۇل قىلىنمايـدۇ»[22].

21-سـوئال: كۇفرىلىق سـۆز، ئەمەل ۋە ئېتىقاد بىلـەن مەيدانغا كېلىدۇ، بۇنىڭغا مىسـال كەلتۈرۈڭ؟

جاۋاب: سۆز ئارقىلىق كاپىر بولۇشنىڭ مىسالى: ئاللاھنى ۋە رەسۇلۇللاھنى تىللاش.

ئەمـەل ئارقىلىـق كاپىـر بولۇشـنىڭ مىسـالى: قۇرئـان كەرىمنـى خـارلاش ياكـى ئاللاھنىـڭ غەيرىگـە (بۇتلارغـا، قەبىرىلەرگـە) سـەجدە قىلىـش.

ئېتىقاد ئارقىلىق كاپىر بولۇشـنىڭ مىسـالى: ئاللاھتىن باشـقىمۇ ئىبادەت قىلىشـقا لاياقەتلىـك بىـرەر نەرسـە بار، ياكى ئاللاھقا ئوخشـاش باشـقا ياراتقۇچـى ۋە رىزىق بەرگۈچى بـار دەپ ئېتىقاد قىلىش.

22-سوئال: مۇناپىقلىق ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى نېمىلەر؟

جاۋاب: چـوڭ مۇناپىقلىـق: بـۇ كۇفرىلىقنـى يوشـۇرۇپ، يالغاندىـن مۇسـۇلمانلىقنى دەۋا قىلىشـتۇر. بـۇ كىشـىنى دىندىـن چىقىرىۋېتىدىغـان چـوڭ كۇپۇرلۇقتـۇر.

ئالـلاھ تەئـالا مۇنـداق دەيـدۇ:  ﴿إِنَّ الْْمُنَافِقِيـنَ فِـي الـدَّرْكِ الْْأَسْـفَلِ مِـنَ النَّـارِ وَلَـن تَجِـدَ لَهُـمْ نَصِيـرًا﴾ «مۇناپىقـلار ھەقىقەتـەن دوزاخنىـڭ ئـەڭ ئاسـتىدا بولىـدۇ، ئۇلارغـا (قۇتۇلدۇرىدىغـان) بىـرەر ياردەمچـى تاپالمايسـەن»[23].

كىچىـك مۇناپىقلىـق: يالغانچىلىـق، ۋەدىگـە خىلاپلىـق قىلىـش ۋە ئامانەتكـە خىيانـەت قىلىشـقا ئوخشـاش ئىشـلار. بـۇلار گۇنـاھ ئەمەللـەردۇر، ئەممـا قىلغۇچـى كاپىـر بولـۇپ كەتمەيـدۇ.

رەسـۇلۇللاھ ﷺ مۇنـداق دېگـەن: «آيَـةُ الْْمُنَافِـقِ ثَـلََاثٌ: إِذَا حَـدَّثَ كَـذَبَ، وَإِذَا وَعَـدَ أَخْلَـفَ، وَإِذَا اؤْتُمِـنَ خَـانَ» «مۇناپىقنىـڭ ئالامىتـى ئۈچتـۇر: سۆزلىسـە يالغـان سـۆزلەيدۇ، ۋەدىسـىگە خىلاپلىـق قىلىـدۇ ۋە ئامانەت قويۇلسـا خىيانـەت قىلىدۇ»[24].

23-سوئال: ئاخىرقى پەيغەمبەر كىم؟

جاۋاب: ئۇ مۇھەممەد ﷺ دۇر.

ئالـلاھ تەئـالا مۇنـداق دېگـەن: ﴿مَّـا كَانَ مُحَمَّـدٌ أَبَـا أَحَـدٍ مِّـن رِّجَالِكُـمْ وَلَٰكِـن رَّسُـولَ اللََّّهِ وَخَاتَـمَ النَّبِيِّيـنَ﴾ «مۇھەممـەد سـىلەردىن بىـرەر ئەر كىشـىنىڭ دادىسـى ئەمەس، لېكىن ئـۇ ئاللاھنىـڭ پەيغەمبىـرى ۋە پەيغەمبەرلەرنىـڭ ئاخىرقىسـىدۇر»[25].

رەسـۇلۇللاھ ﷺ مۇنـداق دېگـەن: «أَنَـا خَاتَـمُ النَّبِيِّيـنَ لََا نَبِـيَّ بَعْـدِي» «مـەن پەيغەمبەرلەرنىـڭ ئاخىرقىسـى، مېنىڭدىـن كېيىـن پەيغەمبـەر كەلمەيدۇ»[26].

24-سوئال: مۆجىزە دېگەن نېمە؟

جـاۋاب: پەيغەمبەرلەرنىـڭ راسـتلىقىنى كۆرسـىتىش ئۈچـۈن ئالـلاھ تەرىپىدىـن بېرىلگـەن، ئادەتتىـن تاشـقىرى (ئىنسـاننىڭ قولىدىـن كەلمەيدىغان) ئالاھىدە ئىشـلاردۇر. مەسـىلەن: مۇھەممەد ﷺ نىڭ ئىشـارىتى بىلەن ئاينىڭ يېرىلىشـى، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا دېڭىزنىـڭ يېرىلىشـى قاتارلىقلار.

25-سوئال: ساھابىلار كىملەر ۋە ئۇلارنى ياخشى كۆرەمدۇق؟

جاۋاب: پەيغەمبەر ﷺ غا ئىمان كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشـقان ۋە مۇسـۇلمان ھالەتتـە دۇنيادىـن كەتكـەن كىشـىلەر سـاھابىلاردۇر. ئۇلارنـى ياخشـى كۆرىمىـز ۋە ئۇلارغا ئەگىشـىمىز. ئـۇلار پەيغەمبەرلەردىـن قالسـا ئىنسـانلارنىڭ ئەۋزىلىـدۇر. ئـەڭ ئەۋزەللىـرى:

ئەبـۇ بەكـرى، ئۆمەر، ئوسـمان ۋە ئەلـى رەزىيەللاھـۇ ئەنھۇملاردۇر.

26-سوئال: مۇئمىنلەرنىڭ ئانىلىرى كىملەر؟

جاۋاب: رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ مۇبارەك ئاياللىرىدۇر.

ئالـلاھ تەئـالا مۇنـداق دېگـەن:  ﴿النَّبِـيُّ أَوْلَـىٰ بِالْْمُؤْمِنِيـنَ مِـنْ أَنفُسِـهِمْ ۖ وَأَزْوَاجُـهُ أُمَّهَاتُهُـمْ﴾ «ئـۇ پەيغەمبـەر مۇئمىنلەرگـە جانلىرىدىنمـۇ ئەزىـزدۇر، ئۇنىـڭ ئاياللىـرى بولسـا مۇئمىنلەرنىـڭ ئانىلىرىـدۇر»[27].

27-سـوئال: «ئەھلـى بەيـت» دەپ ئاتالغـان رەسـۇلۇللاھ ﷺ نىـڭ ئائىلىسـىدىكىلەرنىڭ ئۈسـتىمىزدىكى ھەققـى نېمـە؟

جاۋاب: ئۇلارنى دوسـت تۇتۇش، ياخشـى كۆرۈش ۋە ئۇلارغا دۈشـمەنلىك قىلغانلارنى ئـۆچ كۆرۈش بىزنىڭ ۋەزىپىمىـز ۋە ئۇلارنىڭ ھەققىدۇر.

28-سـوئال: مۇسـۇلمانلارنىڭ ئىـش بېشـىدىكى مۇسـۇلمان باشـلىقلار ئالدىـدا نېمـە مەجبۇرىيىتـى بار؟

جـاۋاب: ئۇلارنى ھۆرمەتلـەش، گۇناھ بولمايدىغان ئىشـلاردا ئۇلارغا ئىتائەت قىلىش، ئۇلارغـا قارشـى ئىسـيان قىلماسـلىق، ئۇلار ھەققىـدە ياخشـى تىلەكلەردە بولـۇش ۋە ئۇلارغا سـەمىمىي نەسـىھەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بار.

29-سوئال: مۇئمىنلەرنىڭ مەڭگۈلۈك قارارگاھى نېمە؟

جاۋاب: ئۇ جەننەتتۇر.

ئالـلاھ تەئـالا مۇنـداق دېگـەن: ﴿إِنَّ اللََّّهَ يُدْخِـلُ الَّذِيـنَ آمَنُـوا وَعَمِلُـوا الصَّالِحَـاتِ جَنَّـاتٍ تَجْـرِي مِـن تَحْتِهَـا الْْأَنْهَـارُ﴾ «ئالـلاھ ھەقىقەتـەن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشـى ئەمەللەرنى قىلغـان كىشـىلەرنى ئاسـتىدىن ئۆسـتەڭلەر ئېقىـپ تۇرىدىغـان جەننەتلەرگـە كىرگۈزىدۇ»[28].

30-سوئال: كاپىرلارنىڭ قارارگاھى نېمە؟

جاۋاب: كاپىرلارنىڭ قارارگاھى دوزاختۇر.

ئالـلاھ تەئـالا مۇنـداق دېگـەن: ﴿فَاتَّقُـوا النَّـارَ الَّتِـي وَقُودُهَـا النَّـاسُ وَالْحِجَـارَةُ ۖأُعِـدَّتْ لِلكَافِرِيـنَ﴾ «يېقىلغۇسـى ئىنسـانلار ۋە تاشـلاردىن بولغـان، كاپىرلارغـا تەييارلانغـان دوزاختىـن قورقـۇڭلار»[29].

31-سـوئال: قورقـۇش (خەۋىپسـىرەش) ۋە ئۈمىد قىلىشـنىڭ مەنىسـى نېمـە؟ نېمـە دەلىلـى بار؟

جاۋاب: قورقۇش ـــ ئاللاھنىڭ غەزىپى ۋە ئازابىدىن ئەيمىنىشتۇر.  ئۈمىد قىلىش ـــ ئاللاھنىڭ ئەجىر-ساۋابىنى، مەغپىرىتىنى ۋە رەھمىتىنى تىلەشتۇر.

دەلىـل:  ﴿أُولَٰئِـكَ الَّذِيـنَ يَدْعُـونَ يَبْتَغُـونَ إِلَـىٰ رَبِّهِـمُ الْوَسِـيلَةَ أَيُّهُـمْ أَقْـرَبُ وَيَرْجُـونَ رَحْمَتَـهُ وَيَخَافُـونَ عَذَابَـهُ﴾ «ئـۇلار رەببىگـە يېقىن بولۇشـنى تىلەيـدۇ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىـد قىلىـدۇ ۋە ئازابىدىن قورقىدۇ»[30].

﴿نَبِّـئْ عِبَـادِي أَنِّـي أَنَـا الْغَفُـورُ الرَّحِيـمُ * وَأَنَّ عَذَابِـي هُـوَ الْعَـذَابُ الْْأَلِيـمُ﴾ «بەندىلىرىمگـە خـەۋەر بەرگىنكـى، مـەن بولسـام ئەلۋەتتە مەغپىـرەت قىلغۇچـى، ناھايىتى مېھرىباندۇرمـەن. مېنىـڭ ئازابىـم بولسـا ھەقىقەتـەن قاتتىقتـۇر»[31].

32-سوئال: ئاللاھنىڭ بەزى ئىسىم-سۈپەتلىرىنى سۆزلەپ بېرىڭ؟

جـاۋاب: اللَّهُ (ئالـلاھ)، الرَّبْ (رەب)،  الرَّحْمَنُ (مېھرىبـان)،  السَّمِيْعُ (ئاڭلىغۇچـى)،  البَصِيْرُ (كۆرگۈچـى)، العَلِيْمُ (بىلگۈچـى)، الرَّزَّاقُ (رىزىـق بەرگۈچـى)، الحَيُّ (ھايـات)، العَظِيمُ (ئۇلـۇغ).

33-سـوئال: بـۇ ئىسـىملارنى شـەرھلەپ چۈشـەندۈرۈڭ؟

جـاۋاب: ئالـلاھ: ھېچبىر شـېرىكى يـوق يالغـۇز ئىبـادەت قىلىنىدىغان ھەقىقىـي ئىلاھ.

رەب: ياراتقۇچى، ھەممە نەرسىنىڭ ئىگىسى ۋە ئىدارە قىلغۇچىسى.

مېھرىبان: مېھرى-شەپقىتى پۈتۈن مەخلۇقاتلارغا ئومۇملاشقان زات.

ئاڭلىغۇچى: ئاشكارە ۋە مەخپىي ھەر قانداق ئاۋازنى چەكسىز ئاڭلىغۇچى.

كۆرگۈچى: چوڭ-كىچىك ھەر قانداق نەرسىنى تولۇق كۆرگۈچى.

بىلگۈچى: ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسىنى نۇقسانسىز بىلگۈچى.

رىزىق بەرگۈچى: ئىنسان، جىن ۋە پۈتۈن جانلىقلارغا رىزىق بەرگۈچى.

ھايات: ئۇ مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر، ھەرگىز ئۆلمەيدۇ.

ئۇلۇغ: ئىسىم-سۈپەتلىرىدە كامالەت ساھىبىدۇر.

34-سوئال: ئىسلام ئالىملىرى ئالدىدا نېمە مەجبۇرىيەتلىرىمىز بار؟

جـاۋاب: ئۇلارنـى سـۆيىمىز، شـەرئى مەسـىلىلەرنى ئۇلاردىـن سـورايمىز، ئۇلارنـى ياخشـىلىق بىلـەن ئەسـلەيمىز. ئالىمـلار ھەققىـدە ناچـار گـەپ قىلىشـتىن سـاقلىنىمىز. ئالـلاھ تەئـالا مۇنـداق دەيـدۇ: ﴿يَرْفَـعِ اللََّّهُ الَّذِيـنَ آمَنُـوا مِنكُـمْ وَالَّذِيـنَ أُوتُـوا الْعِلْـمَ دَرَجَـاتٍ﴾ «ئالـلاھ سـىلەردىن ئىمان ئېيتقان ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنىڭ دەرىجىسـىنى يۇقىرى كۆتۈرىـدۇ»[32].

35-سـوئال: ئاللاھنىـڭ ئەۋلىيالىرى (دوسـتلىرى( كىملـەردۇر؟

جاۋاب: ئـۇلار تەقـۋادار مۇئمىنلەردۇر.

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿أَلََا إِنَّ أَوْلِيَـاءَ اللََّّهِ لََا خَـوْفٌ عَلَيْهِـمْ وَلََا هُـمْ يَحْزَنُـونَ* الَّذِيـنَ آمَنُـوا وَكَانُـوا يَتَّقُـونَ﴾ «بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ دوستلىرىغا ھېچقانداق قورقۇنچ ۋە قايغۇ بولمايدۇ؛ ئۇلار ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادار بولغان كىشىلەردۇر»[33].

36-سوئال: ئىمان پەقەت سۆز ۋە ئەمەلمۇ؟

جـاۋاب: ئىمـان — تىـل بىلـەن سـۆزلەش، ئـەزالار بىلەن ئەمـەل قىلىـش ۋە قەلب بىلـەن ئېتىقـاد قىلىشـتىن ئىبارەتتۇر.

37-سوئال: ئىمان كۆپىيىپ-ئازلامدۇ؟

جـاۋاب: شـۇنداق، ئىمـان تائەت-ئىبـادەت بىلـەن كۆپىيىـدۇ ۋە گۇناھ-مەئسـىيەت بىلـەن ئازلايدۇ.

ئالـلاھ تەئالا مۇنـداق دېگـەن: ﴿وَإِذَا تُلِيَـتْ عَلَيْهِـمْ آيَاتُـهُ زَادَتْهُـمْ إِيمَانًـا﴾ «ئاللاھنىڭ ئايەتلىـرى ئۇلارغـا تىـلاۋەت قىلىنسـا، ئۇلارنىـڭ ئىمانى زىيـادە بولىدۇ»[34].

38-سوئال: ئېھسان نېمە؟

جـاۋاب: ئېھسـان — ئاللاھنـى كـۆرۈپ تۇرغاندەك ئىبادەت قىلىشـتۇر، چۈنكى سـىز ئاللاھنـى كۆرمىسـىڭىزمۇ، ئۇ سـىزنى كـۆرۈپ تۇرىدۇ.

39-سوئال: ئەمەللەر قاچان ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا قوبۇل بولىدۇ؟

جاۋاب: ئىككى شەرت بىلەن قوبۇل بولىدۇ:

  • خالىس ئاللاھ رىزاسىنى كۆزلەپ قىلىنغان بولۇش (ئىخلاس).
  • رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ سۈننىتىگە ئۇيغۇن ئادا قىلىنغان بولۇش.

40-سوئال: ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش دېگەن نېمە؟

جاۋاب: مەنپەئەتكە يېتىش ۋە زىياندىن ساقلىنىش ئۈچۈن كېرەكلىك سەۋەبلەرنى قىلىش بىلەن بىرگە، ئىشنىڭ نەتىجىسىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇشتۇر.

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَمَـن يَتَـوَكَّلْ عَلَـى اللََّّهِ فَهُـوَ حَسْـبُهُ﴾ «كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايىدۇر»[35].

41-سـوئال:  ياخشـىلىققا بۇيـرۇش ۋە يامانلىقتىـن توسۇشـنىڭ پرىنسـىپلىرى نېمـە؟

جاۋاب: ئاللاھقا ئىتائەت بولىدىغان ئىشلارغا بۇيرۇش ۋە ئاسىيلىق بولىدىغان ھەرقانداق ئىشتىن توسۇشتۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن: ﴿كُنتُـمْ خَيْـرَ أُمَّـةٍ أُخْرِجَـتْ لِلنَّـاسِ تَأْمُـرُونَ بِالْْمَعْـرُوفِ وَتَنْهَـوْنَ عَـنِ الْْمُنكَـرِ﴾ «سىلەر ئىنسانلار ئۈچۈن چىقىرىلغان ئەڭ ياخشى ئۈممەت بولدۇڭلار، چۈنكى سىلەر ياخشىلىققا بۇيرۇيسىلەر، يامانلىقتىن توسۇيسىلەر»[36].

42-سـوئال: ئەھلـى سـۈننە ۋەلجەمائەنىـڭ قانـداق ئالاھىدىلىكلىرى بار؟

جاۋاب: ئۇلار رەسـۇلۇللاھ ﷺ نىڭ سۈننىتىگە ئەگىشـىپ، بىدئەتتىن ساقلانغانلىقى ئۈچـۈن «ئەھلـى سـۈننە»، ھەقىقـەت ئۈسـتىدە بىرلىككە كېلىـپ بۆلۈنمىگەنلىكـى ئۈچۈن «جامائـەت» دەپ ئاتالغان.

 

 

 

ئىككىنچى قىسىم: فىقھى (ئىبادەت) بۆلۈمى

1-سوئال: تاھارەتنى تونۇشتۇرۇڭ؟

جـاۋاب: تاھـارەت دېگـەن: (يۇيۇش ياكـى تەيەممـۇم قىلىـش ئارقىلىـق) تاھارەتسـىزلىكنى يوقىتىـش ۋە نىجاسـەتنى تازىلاشـتۇر.

نىجاسـەتتىن پاكلىنىـش ـــ مۇسـۇلمان كىشـىنىڭ بەدىنىگـە ياكـى كىيىمىگـە تەگكـەن نىجاسـەتنى (مەينەتچىلىكنـى)  يوقىتىشـىدۇر.

تاھارەتسـىزلىكتىن پاكلىنىـش ـــ پـاك سـۇ بىلـەن تاھـارەت ئېلىـش ياكى غۇسـلى قىلىش؛ سـۇ تېپىلمىسـا ياكى سـۇ ئىشـلىتىش ئۆزۈرلۈك (زىيانلىق) بولسـا تەيەممۇم قىلىش ئارقىلىـق بولىدۇ.

2-سوئال: نىجاسەت تېگىپ قالغان بولسا قانداق پاكلىنىدۇ؟

جـاۋاب: نىجاسـەت تېگىپ قالغـان ئورۇن پاكىز بولغۇچە سـۇ بىلـەن يۇيۇلىدۇ. ئەمما ئىـت يـالاپ قويغان قاچا بولسـا، بىر قېتىـم تۇپراق بىلـەن، جەمئىي يەتتە قېتىـم يۇيۇلىدۇ.

3-سوئال: تاھارەتنىڭ پەزىلىتى نېمە؟

جاۋاب: تاھارەت ئېلىش گۇناھلاردىن پاكلايدۇ. پەيغەمبەر ﷺ مۇنداق دېگەن:

«إِذَا تَوَضَّـأَ الْعَبْـدُ الْْمُسْـلِمُ، أَوِ الْْمُؤْمِـنُ، فَغَسَـلَ وَجْهَـهُ خَـرَجَ مِـنْ وَجْهِـهِ كُلُّ خَطِيئَـةٍ نَظَـرَ إِلَيْهَـا بِعَيْنَيْـهِ مَـعَ الْْمـَاءِ، أَوْ مَـعَ آخِـرِ قَطْـرِ الْْمـَاءِ، فَـإِذَا غَسَـلَ يَدَيْـهِ خَـرَجَ مِـنْ يَدَيْـهِ كُلُّ خَطِيئَـةٍ كَانَ بَطَشَـتْهَا يَـدَاهُ مَـعَ الْْمـَاءِ أَوْ مَـعَ آخِـرِ قَطْـرِ الْْمـَاءِ، فَـإِذَا غَسَـلَ رِجْلَيْـهِ خَرَجَـتْ كُلُّ خَطِيئَـةٍ مَشَـتْهَا رِجْـلََاهُ مَـعَ الْْمـَاءِ أَوْ مَـعَ آخِـرِ قَطْـرِ الْْمـَاءِ حَتَّـى يَخْـرُجَ نَقِيًّـا مِـنَ الذُّنُـوبِ.»  «مەنىسـى: مۇسـۇلمان ياكـى مۇئمىن بىـر بەنـدە تاھـارەت ئېلىـپ يۈزىنـى يۇغانـدا، ئىككى كـۆزى بىلەن قـاراپ سـالغان بارلىـق خاتالىقلىرى سـۇ بىلـەن ياكـى سـۇنىڭ ئاخىرقـى تامچىسـى بىلـەن يۈزىدىـن چىقىـپ كېتىـدۇ؛ قولىنـى يۇغانـدا، قولـى بىلـەن تۇتۇپ قىلغان گۇناھلىرى سـۇ بىلەن ياكى سـۇنىڭ ئاخىرقى تامچىسـى بىلـەن قولىدىـن چىقىـپ كېتىـدۇ؛ ئىككـى پۇتىنـى يۇغانـدا، پۇتـى بىلـەن مېڭىـپ قىلغان گۇناھلىـرى سـۇ بىلـەن ياكـى سـۇنىڭ ئاخىرقى تامچىسـى بىلـەن پۇتىدىن چىقىـپ كېتىدۇ، ھەتتـا ئـۇ كىشـى گۇناھلىرىدىـن پاك-پاكىز بولـۇپ چىقىـدۇ»[37].

4-سوئال: تاھارەتنى قانداق ئالىسىز؟

جاۋاب:

1) ئىككى قولنى (بېغىشى بىلەن قوشۇپ) ئۈچ قېتىم يۇيىمەن.

2) ئېغىزىمغا ۋە بۇرنۇمغا ئۈچ قېتىمدىن سۇ ئېلىپ چىقىرىمەن.

3) ئاندىن يۈزۈمنى ئۈچ قېتىم يۇيىمەن.

4) ئاندىـن ئىككـى قولۇمنـى جەينىكىـم بىلـەن قوشـۇپ ئـۈچ قېتىـم يۇيىمـەن (ئوڭدىـن باشـلاپ).

5) ئاندىـن ھـۆل قولـۇم بىلـەن بېشـىمغا مەسـىھ تارتىمـەن ۋە بارمىقىـم بىلـەن ئىككـى قۇلىقىمنىـڭ ئىچى-تېشـىنى سـىلايمەن.

6) ئاندىن ھوشۇقىم بىلەن قوشۇپ ئىككى پۇتۇمنى يۇيىمەن (ئوڭدىن باشلاپ).

مانـا بـۇ مۇكەممـەل تاھارەتتـۇر. رەسـۇلۇللاھ ﷺ نىـڭ بەزىـدە ئەزالىرىنـى بىـرقېتىمدىـن ياكـى ئىككى قېتىمدىـن يۇيـۇپ تاھـارەت ئالغانلىقىمـۇ رىۋايـەت قىلىنغـان.

5-سوئال: تاھارەتنىڭ پەرزلىرى قايسىلار؟

جاۋاپ: تاھارەتنىڭ پەرىزلىرى يەتتە، بۇلاردىن بىرسى كەم بولسا تاھارەت توغرا بولمايدۇ.

  • نىيەت. تاھارەت ئېلىشنى نىيەت قىلىپ ئېلىش.
  • يۈزنى يۇيۇش (ئېغىز ۋە بۇرۇننى يۇيۇشمۇ يۈز يۇيۇشنىڭ ئىچىدە).
  • ئىككى قولنى جەينەك بىلەن قوشۇپ يۇيۇش.
  • باشقا مەسىھ قىلىش (ئىككى قۇلاقنى سىلاشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە).
  • ئىككى پۇتنى ھوشۇقى بىلەن قوشۇپ يۇيۇش.
  • تەرتىـپ بىلـەن ئېلىـش: يەنـى ئالـدى بىلـەن يۈزنـى، ئاندىـن ئىككـى قولنـى،ئاندىـن بېشـىنى، ئاخىرىـدا پۇتىنـى يۇيـۇش.
  • ئـۇلاپ ئېلىـش (مـۇۋالات): يەنـى تاھـارەت ئەزالىـرى قـۇرۇپ كەتكۈچـەكېچىكتۈرمـەي، ئارقا-ئارقىدىـن يۇيـۇش.

6-سوئال: تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرى قانچە ۋە قايسىلار؟

جـاۋاب: تاھارەتنىـڭ سـۈننەتلىرىنى قىلسـا سـاۋاب بولىدۇ، قىلمىسـا تاھـارەت توغرا بولىۋېرىدۇ:

  • «بِسـمِ اللََّّهِ» (بىسمىللاھ) دېيىش.
  • مىسۋاك ئىشلىتىش.
  • (ئەڭ بېشىدا) ئىككى قولنى يۇيۇش.
  • بارماقلارنىڭ ئارىلىقىغا سۇ يەتكۈزۈش (تەخلىل).
  • ئەزالارنى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىم يۇيۇش.
  • ئوڭ تەرەپتىن باشلاش.
  • تاھارەت ئاخىرلاشـقاندا مۇنـۇ دۇئانى ئوقـۇش: «أَشْـهَدُ أَنْ لََا إِلَـهَ إِلََّا اللََّّهُ وَحْـدَهُ لََاشَـرِيكَ لَـهُ، وَأَشْـهَدُ أَنْ مُحَمَّـدًا عَبْـدُهُ وَرَسُـولُهُ»
  • تاھارەت ئالغاندىن كېيىن ئىككى رەكئەت (سۈننەت) ناماز ئوقۇش.

7-سوئال: تاھارەتنى بۇزىدىغان ئامىللار قايسىلار؟

جاۋاب:

1) ئالدى ياكى كەينى تەرەپتىن يەل، سۈيدۈك ياكى چوڭ تەرەتنىڭ چىقىشى.

2) ئۇخلاپ قېلىش، ئەقىلنى يوقىتىش ياكى ھوشسىز بولۇپ قېلىش.

3) تۆگە گۆشى يېيىش.

4) ئەۋرەتنى (ئالدى ياكى كەينىنى) يالىڭاچ قول بىلەن سىلاش.

8-سوئال: تەيەممۇم دېگەن نېمە؟

جـاۋاب: سـۇ يـوق بولسـا ياكى سـۇ ئىشـلىتىش ئۆزۈرلـۈك (زىيانلىـق) بولغانـدا، پاكتۇپراق ياكى باشـقا زېمىن ماددىسـىنى سـۇنىڭ ئورنىدا ئىشـلىتىپ پاكلىنىش تەيەممۇمدۇر.

9-سوئال: تەيەممۇمنى قانداق قىلىسىز؟

جـاۋاب: ئىككـى ئالقىنىنـى يەرگـە بىـر قېتىـم ئـۇرۇپ، ئاندىـن يۈزىنـى ۋە ئىككـى قولىنىـڭ دۈمبىسـىنى بىـر قېتىمدىـن سـىلايدۇ.

10-سوئال: تەيەممۇمنى بۇزىدىغان ئامىللار نېمىلەر؟

جاۋاب:

1) تاھارەتنى بۇزىدىغان بارلىق ئامىللار تەيەممۇمنىمۇ بۇزىدۇ.

2) سۇ تېپىلسا ياكى سۇ ئىشلىتىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلسا تەيەممۇم بۇزىلىدۇ.

11-سوئال: ئۆتۈك ۋە پايپاق نېمە؟ ئۇلارغا مەسىھ قىلىنامدۇ؟

جـاۋاب: ئۆتـۈك — پۇتقـا كىيىلىدىغـان قونچۇلـۇق تېرە ئاياغـدۇر؛ پايپاق بولسـا تېرە بولمىغان نەرسـىلەردۇر. پۇتنى يۇيۇشـنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنىڭ ئۈسـتىگە مەسـىھ قىلسا بولىدۇ.

12-سوئال: ئۆتۈككە مەسىھ قىلىشنىڭ ھېكمىتى نېمە؟

جـاۋاب: بەندىلەرگـە قولايلىـق يارىتىپ بېرىشـتۇر. بولۇپمۇ قىش، سـوغۇق كۈنلەردە ۋە سـەپەرلەردە پۇتنـى يۇيـۇش مۇشـەققەت بولغانـدا، ئىسـلام دىنـى بىزگـە مۇشـۇنداق ئاسـانلىقنى بەرگەن.

13-سوئال: ئۆتۈككە مەسىھ قىلىشنىڭ شەرتلىرى نېمىلەر؟

جاۋاب:

1) ئۆتۈك ياكى پايپاقنى تاھارەتلىك ھالدا كىيگەن بولۇش.

2) ئۆتۈك پاك بولۇشى لازىم (نىجاسەت تەككەن ئۆتۈككە مەسىھ قىلىنمايدۇ).

3) ئۆتـۈك پۇتنىـڭ يۇيۇشـقا تېگىشـلىك جايلىرىنـى (ھوشـۇقنى) تولـۇق ياپىدىغـان بولۇشـى لازىم.

4) بەلگىلەنگـەن مـۇددەت ئىچىـدە بولۇشـى كېـرەك: مۇقىـم كىشـىگە بىـر كېچە-كۈنـدۈز، مۇسـاپىرغا ئـۈچ كېچە-كۈندۈز.

14-سوئال: ئۆتۈككە مەسىھ قىلىش قانداق بولىدۇ؟

جـاۋاب: ھـۆل قىلىنغان قـول بارماقلىرىنـى ئېچىپ، ئـوڭ قولى بىلەن ئـوڭ پۇتىنىڭ، سـول قولـى بىلەن سـول پۇتىنىڭ ئۇچىدىـن يۇقىرىغا (پۇتنىـڭ پاقالچىقىغا قـاراپ) بىر قېتىم سـىلايدۇ ۋە تەكرارلىمايدۇ.

15-سوئال: ئۆتۈككە قىلىنغان مەسىھنى نېمە بۇزىدۇ؟

جـاۋاب: مەسـىھ قىلىش مۇددىتىنىڭ توشـۇپ قېلىشـى مەسـىھنى بۇزىـدۇ. مۇددەت توشـقاندىن كېيىـن تاھـارەت بۇزۇلىـدۇ ۋە مەسـىھ قىلىشـقا بولمايـدۇ، پۇتنـى يۇيـۇپ قايتـا تاھـارەت ئېلىـش كېرەك.

16-سوئال: ناماز دېگەن نېمە؟

جـاۋاب: نامـاز — مەخسـۇس بەلگىلەنگـەن سـۆز ۋە ھەرىكەتلـەر بىلـەن ئاللاھقـا قىلىنىدىغـان ئىبـادەت بولـۇپ، «ئاللاھۇ ئەكبەر» تەكبىرى بىلەن باشـلىنىپ، سـالام بېرىش بىلەن ئاخىرلىشـىدۇ.

17-سوئال: ناماز ئوقۇشنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ناماز ئوقۇش ھەممە مۇسۇلمانغا پەرىزدۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:

﴿إِنَّ الصَّـلََاةَ كَانَـتْ عَلَـى الْْمُؤْمِنِيـنَ كِتَابًـا مَّوْقُوتًـا﴾ «نامـاز ھەقىقەتـەن مۇئمىنلەرگـە ۋاقتـى بەلگىلەنگـەن پەرىـز قىلىنـدى»[38].

18-سوئال: ناماز ئوقۇماسلىقنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ناماز ئوقۇماسلىق كۇفرىلىقتۇر. رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن:

«الْعَهْـدُ الَّـذِي بَيْنَنَـا وَبَيْنَهُـمُ الصَّـلََاةُ،  فَمَـنْ تَرَكَهَـا فَقَـدْ كَفَـرَ» «بىـز بىلـەن ئۇلارنىـڭ (كاپىرلارنىڭ) ئارىسـىدىكى پەرق نامـازدۇر، كىمكى نامازنى تەرك ئەتسـە، ئـۇ كاپىـر بولىـدۇ»[39].

19-سـوئال: مۇسـۇلمانغا بىـر كېچە-كۈنـدۈزدە قانچـە ۋاقىـت نامـاز پەرىـزدۇر؟ ھـەر بىـر نامـاز قانچـە رەكئـەت؟

جاۋاب: بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز پەرىزدۇر:

  • بامدات: ئىككى رەكئەت پەرىز.
  • پېشىن: تۆت رەكئەت پەرىز.
  • ئەسىر: تۆت رەكئەت پەرىز.
  • شام: ئۈچ رەكئەت پەرىز.
  • خۇپتەن: تۆت رەكئەت پەرىز.

20-سوئال: نامازنىڭ شەرتلىرىنى ساناڭ؟

جاۋاب: نامازنىڭ شەرتلىرى توققۇز بولۇپ، ئۇلار تېپىلمىسا ناماز توغرا بولمايدۇ:

  • مۇسۇلمان بولۇش (كاپىردىن ناماز قوبۇل قىلىنمايدۇ).
  • ئەقىللىق بولۇش (ساراڭغا ناماز يوق).
  • بالاغەتكـە يېتىـش (بالاغەتكـە يەتمىگـەن كىچىـك بالىغـا ناماز پەرىـز ئەمەس، ئەممـا كۆنـدۈرۈش ئۈچـۈن ئوقۇتۇلىدۇ).
  • نىيەت قىلىش (قايسى نامازنى ئوقۇيدىغانلىقىنى قەلبىدە بىلىش).
  • ناماز ۋاقتىنىڭ كىرىشى.
  • تاھارەتلىك بولۇش.
  • نىجاسـەتتىن پـاك بولـۇش (بەدىنـى، كىيىمـى ۋە نامـاز ئوقۇيدىغـان ئورنـى پـاك بولۇش).
  • ئەۋرەتنى يېپىش.
  • قىبلىگە (كەبىگە) يۈزلىنىش.

21-سوئال: نامازنىڭ ئاساسلىرى (ئەركانلىرى) قانچە؟

جـاۋاب: نامازنىـڭ ئاساسـلىرى ئـون تـۆت بولـۇپ، ئۇلارنىـڭ بىـرى كەم بولسـا نامازتوغـرا بولمايدۇ:

  • كۈچى يەتكەن كىشىنىڭ پەرىز نامازدا ئۆرە تۇرۇشى.
  • نامازنى باشلاش تەكبىرى (تەھرىمە).
  • فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇش.
  • رۇكۇ قىلىش (باشنى گەۋدىگە تۈز تۇتۇپ ئېگىلىش).
  • رۇكۇدىن قوپۇش.
  • رۇكۇدىن قوپقاندىن كېيىن تۈز تۇرۇش.
  • سـەجدە قىلىـش (يەتتـە ئـەزا يەرگە تېگىـش لازىم: پېشـانە ۋە بـۇرۇن، ئىككى ئالقـان، ئىككـى تىز، ئىككـى پۇتنىـڭ بارماقلىرى).
  • سەجدىدىن قوپۇش.
  • ئىككى سەجدە ئارىلىقىدا ئولتۇرۇش.
  • تەمكىنلىـك (نامازنىـڭ ھەر بىـر ھەرىكىتىدە ئالدىرىماي، ئەزالار جايىغا چۈشـۈپ سـۈكۈنات تاپقۇچە تۇرۇش).
  • ئاخىرقى تەشەھھۇدتا ئولتۇرۇش.
  • ئاخىرقى تەشەھھۇدنى ئوقۇش.
  • ئىككى تەرەپكە سالام بېرىش (ئوڭدىن باشلاپ).
  • نامازنىـڭ ئاساسـلىرىنى تەرتىـپ بىلـەن ئىجـرا قىلىـش (مەسـىلەن: رۇكۇدىـن بـۇرۇن سـەجدە قىلماسـلىق).

22:سۇئال: نامازنىڭ پەرىزلىرىنى سۆزلەڭ؟

جـاۋاب: نامازنىـڭ پەرىزلىرى سەككىز بولۇپ، ئۇلارنـى بىلىپ تۇرۇپ تەرك ئەتسـە نامـاز بۇزۇلىدۇ، ئۇنتۇپ قالسـا «سـەجدە سـەھۋى» قىلىـش بىلەن نامـاز تولۇقلىنىدۇ:

  • باشلاش تەكبىرىدىن باشقا تەكبىرلەر.
  • ئىمـام ياكـى يەككـە نامـاز ئوقۇغۇچىنىـڭ رۇكۇدىـن قوپقانـدا «سَـمِعَ اللَّـەُ لمَِـنْ حَمِـدَەُ» (سـەمىئەللاھۇ لىمـەن ھەمىـدەھ) دېيىشـى.
  • «رَبَّنَا وَلكََ الحَْمْدُ» (رەببەنا ۋەلەكەل ھەمدۇ) دېيىش.
  • رۇكـۇدا بىر قېتىم «سُـبْحَانَ رَبِّيَ الْعَظِيمِ» (سـۇبھانە رەببىيەل ئەزىم) دېيىش.
  • سـەجدىدە بىـر قېتىـم «سُـبْحَانَ رَبِّـيَ الْْأَعْلَـى» (سـۇبھانە رەببىيـەل ئەئـلا) دېيىـش.
  • ئىككى سـەجدە ئارىلىقىدا «رَبِّ اغْفِرْ لِي» (رەببىغفىرلى) دېيىش.
  • بىرىنچى تەشەھھۇدتا (ئىككىنچى رەكئەتتە) ئولتۇرۇش.
  • بىرىنچى تەشەھھۇدنى ئوقۇش.

23-سوئال: نامازنىڭ سۈننەتلىرى قايسىلار؟

جـاۋاب: نامازنىـڭ سـۈننەتلىرى (قىلسـا سـاۋاب، قىلمىسـا گۇنـاھ ئەمـەس) نۇرغۇن بولـۇپ، مۇھىملىـرى تۆۋەندىكىچە:

  • باشلاش تەكبىرىدىن كېيىن «سۇبھانەكەللاھۇممە»نى ئوقۇش.
  • «ئەئۇزۇ»نى ئوقۇش.
  • «بىسمىللاھ»نى ئوقۇش.
  • فاتىھەدىن كېيىن «ئامىن» دېيىش.
  • فاتىھەدىن كېيىن سۈرە ئوقۇش.
  • ئىمامنىـڭ قىرائەتنـى ئۈنلـۈك ئوقۇشـى (بامـدات، شـام، خۇپتـەن ۋە جۈمـەنامازلىرىـدا).
  • رۇكۇ ۋە سەجدە تەسبىھلىرىنى ئۈچ قېتىمدىن ئېيتىش.
  • ئاخىرقـى تەشـەھھۇدتا «ئەللاھۇممـە سـەللى…» ۋە «ئەللاھۇممـە بارىـك…»سـالاۋاتلىرىنى ۋە باشـقا دۇئالارنـى ئوقـۇش.
  • تەكبىرلەردە ئىككى قولنى مۈرىسى باراۋىرىدە كۆتۈرۈش.
  • ئـوڭ قولنـى سـول قولنىڭ ئۈسـتىگە قويـۇپ كۆكسـىدە (ياكى كىندىك ئۈستىدە) تۇتۇش.
  • سەجدە قىلىدىغان يەرگە قاراپ تۇرۇش.

24-سوئال: نامازنى بۇزىدىغان ئامىللارنى ساناڭ؟

جاۋاب:

1) نامازنىڭ بىرەر شەرتىنى ياكى ئاساسىنى (رۇكنىنى) تەرك ئېتىش.

2) قەستەن سۆزلىشىش.

3) نامازدا بىر نەرسە يېيىش ياكى ئىچىش.

4) ئارقا-ئارقىدىن ئوشۇقچە، بىھۇدە ھەرىكەتلەرنى قىلىش.

5) قەستەن كۈلۈش.

6) تاھارەتنىڭ بۇزۇلۇشى.

25-سـوئال: مۇسـۇلمان قانـداق نامـاز ئوقۇيـدۇ؟ (نامازنىـڭ تولـۇق سـۈپىتى)

جاۋاب:

1) پۈتۈن بەدىنى بىلەن قىبلىگە يۈزلىنىدۇ.

2) ئوقۇماقچى بولغان نامازغا قەلبىدە نىيەت قىلىدۇ.

3) «اللََّّهُ أَكْبَـرُ» دەپ باشـلاش تەكبىرىنـى ئېيتىـدۇ ۋە ئىككـى قولىنـى مۈرىسـى باراۋىرىـدە كۆتۈرىـدۇ.

4) ئـوڭ قولىنـى سـول قولىنىـڭ ئۈسـتىگە قويـۇپ مەيدىسـىدە تۇتىـدۇ ۋە سـانا دۇئاسـىنى ئوقۇيـدۇ: «سُـبْحَانَكَ اللَّهُـمَّ وَبِحَمْـدِكَ،  وَتَبَـارَكَ اسْـمُكَ،  وَتَعَالَـى جَـدُّكَ،  وَلََا إِلَـهَ غَيْـرُكَ ».

5) «أَعُـوذُ بِـالِلََّّهِ مِـنَ الشَّـيْطَانِ الرَّجِيـمِ»، «بِسْـمِ اللََّّهِ الرَّحْمَـنِ الرَّحِيـمِ» دەپ فاتىھـەسۈرىسـىنى ئوقۇيدۇ، ئاخىرىدا «ئامىن» دەيدۇ. ئاندىن بىرەر سـۈرە قوشـۇپ ئوقۇيدۇ.

6) «اللََّّهُ أَكْبَـرُ» دەپ رۇكـۇ قىلىـدۇ ۋە ئۈچ قېتىـم «سُـبْحَانَ رَبِّـيَ الْعَظِيمِ» دەيدۇ.

7) رۇكۇدىـن بېشـىنى كۆتـۈرۈپ «سَـمِعَ اللََّّهُ لِْمـَنْ حَمِـدَهُ» دەيـدۇ، تـۈز تـۇرۇپ «رَبَّنَـا وَلَـكَ الْحَمْـدُ» دەيـدۇ.

8) «اللََّّهُ أَكْبَـرُ» دەپ سـەجدىگە بارىـدۇ ۋە ئـۈچ قېتىـم «سُـبْحَانَ رَبِّـيَ الْْأَعْلَـى» دەيدۇ.

9) «اللََّّهُ أَكْبَـرُ» دەپ بېشـىنى كۆتـۈرۈپ بىرئـاز ئولتۇرىـدۇ ۋە «رَبِّ اغْفِـرْ لِـي» دەيدۇ، ئاندىـن تەكـرار ئىككىنچى سـەجدىنى قىلىدۇ.

10) قالغـان رەكئەتلەرنىمـۇ شـۇ تەرىقىدە ئوقۇپ، ئاخىرقى ئولتۇرۇشـتا تەشـەھھۇد، سـالاۋات ۋە «ئاللاھۇممـە ئىننـى ئەئـۇزۇ بىكـە مىـن ئەزابـى جەھەننـەم…» دۇئاسـىنى ئوقۇيدۇ.

11) ئاخىرىـدا ئـوڭ ۋە سـول تەرەپكـە «السَّـلََامُ عَلَيْكُـمْ وَرَحْمَـةُ اللََّّهِ» دەپ سـالام بېرىـپ نامازنـى تاماملايدۇ.

26-سـوئال: نامازدىـن سـالام بەرگەندىـن كېيىـن قايسـى زىكىرلـەر ئوقۇلىـدۇ؟

جـاۋاب: ئـۈچ قېتىـم «أَسْـتَغْفِرُ اللََّّهَ» دېگەندىـن كېيىـن، «اللَّهُـمَّ أَنْـتَ السَّـلََامُ وَمِنْـكَ السَّـلََامُ، تَبَارَكْـتَ يَـا ذَا الْجَـلََالِ وَالْْإِكْـرَامِ» دېيىلىـدۇ. ئاندىـن «لَا إله إلَا الله…» زىكىرلىرى، 33 قېتىمدىـن «سـۇبھاناللاھ»، «ئەلھەمدۇلىللاھ»، «ئاللاھۇ ئەكبـەر» ئېيتىلىدۇ. ئىخلاس، فەلـەق ۋە نـاس سـۈرىلىرى ئوقۇلىدۇ ۋە ئايەتەل كۇرسـى بىر قېتىـم ئوقۇلىدۇ.

27-سـوئال: تەرتىپتىكـى سـۈننەت (راۋاتىب) نامازلار قايسـىلار ۋە نېمە پەزىلىتـى بار؟

جـاۋاب: بىـر كېچە-كۈنـدۈزدە 12رەكەت تەرتىپلىك سـۈننەت بـار: بامداتتىن بۇرۇن ئىككـى، پېشـىندىن بـۇرۇن تـۆت، پېشـىندىن كېيىـن ئىككـى، شـامدىن كېيىـن ئىككـى، خۇپتەندىـن كېيىـن ئىككـى رەكەت.

پەزىلىتـى: رەسـۇلۇللاھ ﷺ: «بىر كېچە-كۈنـدۈزدە 12رەكەت نەفلـە ناماز ئوقۇغان كىشـىگە ئالـلاھ جەننەتتە بىر ئـۆي بىنا قىلىـدۇ»[40] دېگەن.

28-سوئال: ھەپتىنىڭ كۈنلىرىدىن قايسى كۈن ئەۋزەل؟

جـاۋاب: جۈمـە كۈنىـدۇر. رەسـۇلۇللاھ ﷺ: «سـىلەرنىڭ كۈنلىرىڭلارنىـڭ ئـەڭ ئەۋزىلـى جۈمـە كۈنىـدۇر، ئۇ كۈنـدە ئادەم ئەلەيھىسسـالام يارىتىلغـان ۋە ۋاپـات قىلىنغان…شـۇڭا ئـۇ كۈنـدە مـاڭا كـۆپ سـالاۋات ئېيتىـڭلار»[41] دېگـەن. (ئەبـۇ داۋۇد رىۋايىتـى).

29-سوئال: جۈمە نامىزىنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جـاۋاب: جۈمـە نامىزىنـى ئوقـۇش بالاغەتكـە يەتكـەن، ئەقلـى سـاغلام پۈتـۈن مۇسـۇلمان ئەر كىشـىلەرگە پەرىـز ئەينىـدۇر. ئالـلاھ تەئـالا مۇنـداق دېگـەن:

﴿يَـا أَيُّهَـا الَّذِيـنَ آمَنُـوا إِذَا نُـودِيَ لِلصَّـلََاةِ مِـن يَـوْمِ الْجُمُعَـةِ فَاسْـعَوْا إِلَـىٰ ذِكْـرِ اللََّّهِ وَذَرُوا الْبَيْـعَ﴾ «ئـەي ئىمـان ئېيتقانـلار! جۈمـە كۈنـى نامازغـا چاقىرىلغانـدا، ئاللاھنىـڭ زىكرىگە (نامازغـا) ئالدىـراڭلار ۋە سودا-سـېتىقنى تـەرك ئېتىـڭلار»[42].

30-سوئال: جۈمە نامىزى قانچە رەكەت؟

جـاۋاب: جۈمـە نامىـزى ئىككى رەكـەت بولـۇپ، ئىمام قىرائەتنـى ئاۋازلىـق ئوقۇيدۇ، نامازدىـن بـۇرۇن ئىككى خۇتبە سـۆزلەيدۇ.

31-سوئال: جۈمە نامىزىنى ئوقۇمىسىمۇ بولامدۇ؟

جـاۋاب: جۈمـە نامىزىنـى سەۋەبسـىز تـەرك ئېتىشـكە بولمايـدۇ. رەسـۇلۇللاھ ﷺ: «سـەل قـاراپ ئـۈچ جۈمەنـى تـەرك ئەتكـەن كىشـىنىڭ قەلبىنـى ئالـلاھ مۆھۈرلىۋېتىـدۇ»[43] دېگـەن.

32-سوئال: جۈمە كۈنىنىڭ سۈننەتلىرىنى سۆزلەپ بېرىڭ؟

جاۋاب:

1) غۇسلى قىلىش.

2) خۇشپۇراق ئىشلىتىش.

3) چىرايلىق كىيىملەرنى كىيىش.

4) مەسجىدكە بالدۇر بېرىش.

5) پەيغەمبەر ﷺ گە كۆپ سالاۋات ئېيتىش.

6) سۈرە كەھفنى ئوقۇش.

7) پىيادە مېڭىپ بېرىش.

33-سوئال: جامائەت نامىزىنىڭ پەزىلىتى نېمە؟

جاۋاب: رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن: «صَـلََاةُ الْجَمَاعَـةِ أَفْضَـلُ مِـنْ صَـلََاةِ الْفَـذِّ بِسَـبْعٍ وَعِشْـرِينَ دَرَجَـةً» «جامائەت بىلەن ئوقۇلغان ناماز يالغۇز ئوقۇلغان نامازدىن 27 ھەسسە ئەۋزەلدۇر»[44].

34-سوئال: نامازدىكى «خۇشۇ» دېگەن نېمە؟

جاۋاب: پۈتۈن ئەزالار قەلبكە مەركەزلەشكەن ھالدا، قەلبنىڭ دۇنيالىق ئىشلاردىن ئۈزۈلۈپ، پەقەت ئاللاھقىلا باغلىنىشى ۋە ئاللاھتىن قورقۇپ تۇرۇشى «خۇشۇ» دېيىلىدۇ.

﴿قَـدْ أَفْلَـحَ الْْمُؤْمِنُـونَ * الَّذِيـنَ هُـمْ فِـي صَلََاتِهِـمْ خَاشِـعُونَ﴾ «مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن نىجات تاپتى، ئۇلار نامازلىرىدا خۇشۇ قىلغۇچىلاردۇر»[45].

35-سوئال: زاكاتنى تونۇشتۇرۇڭ؟

جاۋاب: زاكات — بايلارنىڭ مېلىدىن مەلۇم مىقداردا، بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە بېرىشكە تېگىشلىك پەرىز ھەقتۇر.  ﴿…وَ آتُـوا الـزَّكَاةَ…﴾  «زاكاتنى بېرىڭلار»[46].

36-سۇئال: مۇستەھەپ سەدىقە دىگەن نىمە؟

قىلىنىدىغـان ئىختىيارىـي ياردەملـەردۇر. قىلسـا كـۆپ ئەجىـر بولىـدۇ، قىلمىسـا گۇنـاھ بولمايـدۇ.

37-سوئال: روزىنى تونۇشتۇرۇڭ؟

جـاۋاب: نىيـەت بىلـەن تـاڭ يورىغاندىـن كـۈن ئولتۇرغىچـە روزىنـى بۇزىدىغـان نەرسـىلەردىن نەپسـىنى سـاقلاش ئارقىلىـق ئاللاھقـا قىلىنىدىغـان ئىبادەتتـۇر. ئـۇ ئىككى خىـل بولىـدۇ:

  • پەرىز روزا: رامىزان روزىسى. ﴿…كُتِـبَ عَلَيْكُـمُ الصِّيَـامُ…﴾«سىلەرگە روزا پەرىز قىلىندى»[47].
  • نەفلە روزا: دۈشەنبە، پەيشەنبە ۋە ئايدىڭ كېچىلەردىكى روزىلارغا ئوخشاش.

38-سوئال: رامىزان روزىسىنىڭ پەزىلىتى نېمە؟

جـاۋاب: رەسـۇلۇللاھ ﷺ: «مَـنْ صَـامَ رَمَضَـانَ إِيمَانًـا وَاحْتِسَـابًا غُفِـرَ لَـهُ مَـا تَقَـدَّمَ مِـنْ ذَنْبِـهِ» «ئىمـان بىلـەن ۋە سـاۋاب ئۈمىـد قىلىـپ رامىـزان روزىسـىنى تۇتقـان كىشـىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىـرى مەغفىـرەت قىلىنىـدۇ»[48] دېگـەن.

39-سوئال: نەفلە روزىنىڭ پەزىلىتى نېمە؟

جـاۋاب: رەسـۇلۇللاھ ﷺ: «مَـنْ صَـامَ يَوْمًـا فِـي سَـبِيلِ اللََّّهِ بَعَّـدَ اللََّّهُ وَجْهَـهُ عَـنِ النَّـارِ سَـبْعِينَ خَرِيفًـا» «ئالـلاھ يولىـدا بىـر كـۈن روزا تۇتقـان كىشـىنى ئاللاھ دوزاختىـن يەتمىش يىللىـق مۇسـاپە ئۇزاق قىلىـدۇ»[49] دېگەن.

40-سوئال: روزىنى بۇزىدىغان بەزى ئامىللارنى سۆزلەپ بېرىڭ؟

جاۋاب:

1) قەستەن يېيىش ۋە ئىچىش.

2) قەستەن قۇسۇش.

3) دىندىن چىقىپ كېتىش (مۇرتەد بولۇش).

41-سوئال: روزىنىڭ سۈننەتلىرى نېمىلەر؟

جاۋاب:

1) ئىپتارغا ئالدىراش.

2) سۇھۇرلۇق يېيىش ۋە ئۇنى ئاخىرقى ۋاقتىغىچە كېچىكتۈرۈش.

3) ئىبادەتنى كۆپ قىلىش.

4) بىرسى تىللىسا «مەن روزىدار» دېيىش.

5) ئىپتاردا دۇئا قىلىش.

6) خورما ياكى سۇ بىلەن ئىپتار قىلىش.

42-سوئال: ھەجنى تونۇشتۇرۇڭ؟

جاۋاب: بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا مەلۇم ئەمەللەرنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن بەيتۇللاھنى زىيارەت قىلىش ئىبادىتىدۇر. ﴿…وَلِِلََّّهِ عَلَـى النَّـاسِ حِـجُّ الْبَيْـتِ مَـنِ اسْـتَطَاعَ إِلَيْـهِ سَـبِيلًَا…﴾ «يول تاپالىغان كىشىلەرگە ئاللاھ ئۈچۈن بەيتۇللاھنى ھەج قىلىش پەرىزدۇر»[50].

43-سوئال: ھەجنىڭ ئاساسلىرى قايسىلار؟

جاۋاب:

1) ئېھرام كىيىش.

2) ئەرەفاتتا تۇرۇش.

3) تاۋاپ قىلىش (زىيارەت تاۋاپى).

4) سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا مېڭىش (سەئىي).

44-سوئال: ھەجنىڭ پەزىلىتى نېمە؟

جـاۋاب: رەسـۇلۇللاھ ﷺ: «مَـنْ حَـجَّ لِِلََّّهِ فَلَـمْ يَرْفُـثْ وَلَـمْ يَفْسُـقْ رَجَـعَ كَيَـوْمِ وَلَدَتْـهُ أُمُّـهُ» «كىمكـى ئالـلاھ ئۈچـۈن ھەج قىلىپ، يامان سـۆز ۋە پىسـقى-فۇجۇر قىلمىغان بولسـا، ئانىسـىدىن تۇغۇلغـان كۈندىكىـدەك گۇناھسـىز قايتىـدۇ»[51] دېگەن.

45-سوئال: ئۆمرە ھەججى دېگەن نېمە؟

جـاۋاب: ئىبـادەت نىيىتـى بىلـەن يىلنىـڭ خالىغـان ۋاقتىـدا بەيتۇللاھنـى زىيـارەت قىلىـپ، بەلگىلەنگـەن ئەمەللەرنـى ئـادا قىلىشـتۇر.

46-سوئال: ئۆمرىنىڭ ئاساسلىرى قايسىلار؟

جاۋاب:

1) ئېھرام كىيىش.

2) بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىش.

3) سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا سەيىر قىلىش.

47-سوئال: ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىش دېگەن نېمە؟

جاۋاب: ئىسلامنى تارقىتىش، مۇسۇلمانلارنى قوغداش ۋە دۈشمەنلەرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن مال ۋە جېنى بىلەن بارلىقىنى تەقدىم قىلىشتۇر.  ﴿انفِـرُوا خِفَافًـا وَثِقَـالًَا وَجَاهِـدُوا بِأَمْوَالِكُـمْ وَ أَنفُسِـكُمْ فِـي سَـبِيلِ اللََّّهِ…﴾ «ئېغىر-يېنىك بولسىمۇ ئاتلىنىڭلار ۋە مېلىڭلار، جېنىڭلار بىلەن ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىڭلار»[52].

 

 

ئۈچىنچى قىسىم: پەيغەمبەر ﷺ نىڭ تەرجىمىھالى

1-سوئال: پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ﷺ نىڭ نەسەبى نېمە؟

جـاۋاب: مۇھەممەد ئابدۇللاھنىڭ، ئۇ ئابدۇلمۇتتەلىپنىڭ، ئۇ ھاشىمنىڭ ئوغلى. ھاشـىم جەمەتـى ئەرەبلەرنىـڭ مەشـھۇر قۇرەيش قەبىلىسـىدىن بولـۇپ، ئەرەبلـەر ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلـى ئىسـمائىل ئەلەيھىسسالامنىـڭ ئەۋلادلىرىدىنـدۇر.

2-سوئال: پەيغەمبەر ﷺ نىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى نېمە؟

جـاۋاب: پەيغەمبـەر ﷺ نىـڭ ئانىسـىنىڭ ئىسـمى ئامىنە بىنتى ۋەھبدۇر.

3-سوئال: پەيغەمبەر ﷺ نىڭ دادىسى قاچان ۋاپات بولغان؟

جـاۋاب: ئـۇ، پەيغەمبەر ﷺ تۇغۇلۇشـتىن بـۇرۇن مەدىنـەدە ۋاپات بولغان.

4-سوئال: پەيغەمبەر ﷺ قاچان تۇغۇلغان؟

جاۋاب: پەيغەمبەر ﷺ پىل يىلى باھار ئېيىنىڭ بىر دۈشەنبە كۈنى تۇغۇلغان )بۇ مىلادى 571-يىلىغا توغرا كېلىدۇ).

5-سوئال: قايسى شەھەردە تۇغۇلغان؟

جاۋاب: مەككەدە تۇغۇلغان.

6-سـوئال: ئۇنىـڭ ئـۆز ئانىسـىدىن باشـقا سـۈت ئانىسـى ۋە تەربىيـە ئانىلىـرى كىملـەر؟

جـاۋاب: دادىسـىنىڭ ئازادگەردىسـى ئۇممـۇ ئەيىمـەن، تاغىسـى ئەبـۇلەھەبنىڭ ئازادگەردىسـى سـۇۋەيبە ۋە بەنى سـەئد قەبىلىسـىدىن ھەلىمـە سـەئدىيەلەر ئۇنىـڭ سـۈت ئانىلىـرى ۋە تەربىيەلىگـەن ئانىلىرىدۇر.

7-سوئال: ئانىسى قاچان ۋاپات بولغان؟

جـاۋاب: ئـۇ ئالتـە ياشـقا كىرگەنـدە ئانىسـى ۋاپـات بولغـان ۋە ئۇنـى بوۋىسـى ئابدۇلمۇتتەلىـپ باققـان.

8-سـوئال: بوۋىسـى ئابدۇلمۇتتەلىپنىـڭ ۋاپاتىدىـن كېيىـن ئۇنـى كىم كاپالىتىگـە ئالغان؟

جـاۋاب: ئـۇ سـەككىز ياشـقا كىرگەندە بوۋىسـى ۋاپـات بولغـان ۋە ئۇنى تاغىسـى ئەبـۇ تالىـب كېپىللىككە ئېلىـپ باققان.

9-سوئال: ئۇ تاغىسى بىلەن شامغا قاچان سەپەر قىلغان؟

جاۋاب: ئۇ 12 يېشىدا تاغىسى بىلەن بىللە شامغا سەپەر قىلغان.

10-سوئال: ئىككىنچى سەپىرى قاچان بولغان؟

جـاۋاب: ئىككىنچى سـەپىرىدە خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ مېلـى بىلەن تىجارەتكە بارغـان ۋە قايتىـپ كەلگەنـدە خەدىچـە ئانىمىزغـا ئۆيلەنگـەن. بـۇ چاغـدا پەيغەمبـەر ﷺ 25 ياشـتا ئىدى.

11-سوئال: قۇرەيشلەر كەبىنى قاچان قايتا بىنا قىلدى؟

جـاۋاب: پەيغەمبـەر ﷺ 35 يـاش ۋاقتىـدا قۇرەيشـلەر كەبىنـى قايتا بىنا قىلغـان. ئـۇلار ھەجـەرۇل ئەسـۋەدنى ئورنىغـا قويۇشـتا ئىختىلاپلىشـىپ قالغانـدا، پەيغەمبـەر ﷺ نىـڭ ھۆكـۈم قىلىشـىنى تەلـەپ قىلىشـقان. ئـۇ زات ھەجـەرۇل ئەسـۋەدنى بىـر رەختنىـڭ ئۈسـتىگە قويۇپ، تـۆت قەبىلىنىڭ ھـەر بىرىنى بىـر بۇرجىكىدىن تۇتـۇپ كۆتۈرۈشـكە بۇيرۇغـان، ئورنىغـا بارغانـدا پەيغەمبـەر ﷺ ئـۆز قولـى بىلـەن جايىغـا قويغان.

12-سـوئال: ئـۇ پەيغەمبەر بولـۇپ ئەۋەتىلگەندە قانچە ياشـتا ئىدى ۋە كىملەرگە ئەۋەتىلگەن؟

جـاۋاب: ئـۇ 40 يېشـىدا پەيغەمبـەر بولـۇپ ئەۋەتىلگـەن. ئـۇ پۈتـۈن ئىنسـانلارغا خۇشـخەۋەر بەرگۈچـى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچـى پەيغەمبـەر بولـۇپ ئەۋەتىلگـەن.

13-سوئال: ۋەھيى باشلىنىشتا نېمە بىلەن باشلانغان؟

جـاۋاب: ۋەھيـى راسـت چـۈش بىلـەن باشـلانغان بولـۇپ، تـاڭ نۇرىـدەك ئېنىـق ۋە ئوچـۇق چۈشـلەرنى كۆرەتتـى.

14-سـوئال: ۋەھيىدىـن بۇرۇنقـى ئەھۋالـى قانـداق ئىـدى؟ بىرىنچـى قېتىـم ۋەھيـى قاچـان نازىـل بولغـان؟

جـاۋاب: ئـۇ ھىـرا غـارىدا ئاللاھقـا ئىبـادەت قىلاتتـى. غـاردا ئىبادەت قىلىۋاتقـان شـۇنداق كۈنلەرنىـڭ بىرىـدە ئۇنىڭغـا تۇنجـى ۋەھيـى نازىـل بولغان.

15-سـوئال: ئۇنىڭغـا نازىـل بولغـان قۇرئاننىـڭ دەسـلەپكى ئايەتلىرى قايسىلار؟

جاۋاب: دەسلەپتە ئەلەق سۈرىسىدىكى مۇنۇ بەش ئايەت نازىل بولغان:

اقْرَأْ بِاسْمِ رَبِّكَ الَّذِي خَلَقَ ﴿١﴾‏ خَلَقَ الْإِنسَانَ مِنْ عَلَقٍ ﴿٢﴾‏ اقْرَأْ وَرَبُّكَ الْأَكْرَمُ ﴿٣﴾‏ الَّذِي عَلَّمَ بِالْقَلَمِ ﴿٤﴾‏ عَلَّمَ الْإِنسَانَ مَا لَمْ يَعْلَمْ ﴿٥﴾‏ « 1. ياراتقـان رەببىڭنىـڭ ئىسـمى بىلـەن ئوقۇغىن. 2. ئۇ ئىنسـاننى ئۇيـۇل قاندىـن ياراتتـى . 3. ئوقۇغىـن، رەببىـڭ ئـەڭ كەرەملىكتـۇر . 4. ئـۇ قەلـەم بىلـەن ئۆگەتتـى . 5. ئىنسـانغا بىلمىگەنلىرىنـى بىلـدۈردى.»

16-سـوئال: ئۇنىـڭ پەيغەمبەرلىكىگـە دەسـلەپتە ئىمـان ئېيتقانـلار كىملە ر ؟

جـاۋاب: ئەرلەردىـن ـــ ئەبۇبەكرى؛ ئاياللاردىـن ـــ خەدىچە بىن خۇۋەيلىد؛ بالىلاردىـن ـــ ئەلى ئىبنى ئەبۇتالىب؛ ئـازاد قىلىنغانلاردىن ـــ زەيىد بىن ھارىسە؛ قۇللاردىـن ـــ بىلال ھەبەشى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم ۋە باشـقىلار.

17-سوئال: دەسلەپتە ئىسلامغا دەۋەت قىلىش قانداق بولغان؟

جـاۋاب: 3 يىـل جەريانىدا مەخپىـي دەۋەت قىلىنغان، ئاندىـن كېيىن پەيغەمبەر ﷺ ئاشـكارا دەۋەت قىلىشقا بۇيرۇلغان.

18-سـوئال: پەيغەمبەر ﷺ ئاشـكارا دەۋەتكە ئۆتكەندىـن كېيىن ئۇنىڭ ۋە ئىمـان ئېيتقانلارنىڭ ئەھۋالـى قانداق بولدى؟

جـاۋاب: مۇشـرىكلارنىڭ پەيغەمبـەر ﷺ غـا ۋە مۇسـۇلمانلارغا بولغـان ئەزىيىتـى تېخىمـۇ ھەددىدىـن ئاشـتى. شـۇنىڭ بىلـەن مۇئمىنلەرگـە ھەبەشىسـتاندىكى نەجاشـىنىڭ قېشـىغا ھىجـرەت قىلىشـقا رۇخسـەت قىلىنـدى. مۇشـرىكلار پەيغەمبـەر ﷺ نـى ئۆلتۈرۈشـكە تىـل بىرىكتۈرگەن بولسـىمۇ، ئاللاھ تەئـالا ئۇنى قوغدىدى ۋە تاغىسـى ئەبۇ تالىـب ئارقىلىـق ئۇنـى ھىمايە قىلـدۇردى.

19-سوئال: پەيغەمبەرلىكنىڭ 10-يىلى كىملەر ۋاپات بولدى؟

جاۋاب: تاغىسى ئەبۇ تالىب ۋە ئايالى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋاپات بولدى.

20-سوئال: ئىسرا ۋە مىراج ۋەقەسى قاچان بولغان؟

جـاۋاب: ئـۇ 50 يـاش ۋاقتىـدا بولغـان ۋە ئۇنىڭغـا مىراجدا بـەش ۋاقىت نامـاز پەرىز قىلىنغان.

ئىسـرا ـــ مەسـجىدى ھەرەمدىـن مەسـجىد ئەقسـاغا كېچىـدە سـەپەر قىلىـش.

مىـراج ـــ مەسـجىد ئەقسـادىن ئاسـمانغا، سـىدرەتۇل مۇنتەھاغـا چىقىش سـەپىرى.

21-سـوئال: پەيغەمبـەر ﷺ نىـڭ مەككە سـىرتىدا كىشـىلەرنى دەۋەت قىلىشـى قانـداق بولغان؟

جـاۋاب: ئـۇ تائىـپ خەلقىنـى ئىسـلامغا دەۋەت قىلغـان. شـۇنداقلا مەدىنىلىـك ئەنسـارىلار ئىمـان ئېيتىـپ ئۇنىڭغـا يـاردەم بېرىشـكە بەيئـەت قىلغۇچـە، ئـۇ ھـەج مەۋسـۈملىرىدە ۋە ئىنسـانلار توپلىنىدىغـان يەرلـەردە دەۋەت ئېلىـپ باراتتـى.

22-سوئال: پەيغەمبەر ﷺ مەككىدە قانچىلىك تۇرۇپ دەۋەت قىلدى؟

جاۋاب: 13 يىل تۇردى.

23-سوئال: پەيغەمبەر ﷺ قەيەرگە ھىجرەت قىلدى؟

جاۋاب: مەككىدىن مەدىنەگە ھىجرەت قىلدى.

24-سوئال: مەدىنىدە قانچىلىك تۇردى؟

جاۋاب: 10 يىل تۇردى.

25-سوئال: مەدىنىدە ئىسلام شەرىئىتىدىن قايسىلار پەرىز قىلىندى؟

جـاۋاب: زاكات، روزا، ھەج، جىھـاد، ئەزان ۋە باشـقىلار پەرىز قىلىندى.

26-سوئال: پەيغەمبەر ﷺ نىڭ ئەڭ مۇھىم غازاتلىرى قايسىلار؟

جـاۋاب: چـوڭ بـەدرى غازىتى، ئۇھـۇد غازىتى ، ئەھـزاب غازىتـى ۋە مەككىنـى پەتھـى قىلىـش غازىتى.

27-سوئال: قۇرئاننىڭ ئەڭ ئاخىرىدا نازىل بولغان ئايىتى قايسى؟

جاۋاب: ئۇ بەقەرە سۈرىسىنىڭ 281-ئايىتىدۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:

﴿وَ اتَّقُـوا يَوْمًـا تُرْجَعُـونَ فِيـهِ إِلَـى اللََّّهِ ۖ ثُـمَّ تُوَفَّـىٰ كُلُّ نَفْـسٍ مَّـا كَسَـبَتْ وَهُـمْ لََا يُظْلَمُـونَ﴾

«تەرجىمىسـى: سـىلەر ئاللاھنىـڭ ھۇزۇرىغـا قايتۇرۇلىدىغـان كۈندىـن قورقۇڭلار ،ئـۇ كۈنـدە ھـەر بىر جاننىـڭ دۇنيادا قىلغـان ئەمەلىگـە تولۇق مۇكاپـات ياكى جـازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغـا زۇلـۇم قىلىنمايدۇ.»

28-سـوئال: پەيغەمبـەر ﷺ قاچـان ۋاپـات بولغـان ۋە قانچـە ياشـتا ئىدى ؟

جاۋاب: ھىجرەتنىڭ 11-يىلى، رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىدا، 63 يېشىدا ۋاپات بولغان.

29-سوئال: پەيغەمبەر ﷺ نىڭ بەزى ئاياللىرىنى ئېيتىپ بېرىڭ؟

جـاۋاب: خەدىچـە، ئائىشـە، ئۇممـۇ سـەلىمە ۋە ھەفسـە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم قاتارلىقـلار.

30-سوئال: پەيغەمبەر ﷺ نىڭ ئەۋلادلىرى كىملەر؟

جـاۋاب: ئـۈچ ئوغۇل: قاسىم (پەيغەمبەر ﷺ بۇنىـڭ بىلەن كۈنىيەلەنگـەن)، ئابدۇللاھ، ئىبراھىم.

تـۆت قىـز: فاتىمـە، رۇقىيـە، ئۇممۇ كۇلسـۇم ۋە زەينـەب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇم.

ئىبراھىمدىن باشـقا بالىلىرىنىڭ ھەممىسـى خەدىچە ئانىمىزدىن تۇغۇلغـان. فاتىمەدىن باشـقا ھەممىسـى پەيغەمبـەر ﷺ دىـن ئىلگىرى ۋاپـات بولغـان. فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بولسـا پەيغەمبـەر ﷺ نىـڭ ۋاپاتىدىن 6 ئـاي كېيىن ۋاپـات بولغان.

31-سـوئال: پەيغەمبـەر ﷺ نىـڭ يارىتىلىشـىدىكى بەزى سـۈپەتلىرىنى سـۆزلەپ بېرىڭ؟

جـاۋاب: پەيغەمبـەر ﷺ بـەك ئېگىزمـۇ ئەمـەس، پاكارمـۇ ئەمـەس، ئوتتـۇرا بـوي ئىـدى؛ قىزىلغـا مايىـل ئـاق يۈزلـۈك، قويـۇق سـاقاللىق، كۆزلىـرى چـوڭ، ئاغـزى چوڭـراق ،چاچلىـرى تـۇم قـارا، ئىككـى مۈرىسـى كـەڭ ۋە خۇشـپۇراق ئىـدى. ئـۇ يارىتىلىشـىدا ئـەڭ چىرايلىـق قەددى-قامەتلىـك زات ئىـدى.

32-سـوئال: پەيغەمبـەر ﷺ ئۈممىتىنـى نېمىنىـڭ ئۈسـتىدە قالدۇرۇپ كەتتى؟

جـاۋاب: ئـۇ ئۈممىتىنـى كېچىسـىمۇ خـۇددى كۈندۈزىـدەك يوپ-يـورۇق توغرا يول ئۈسـتىدە قالـدۇرۇپ كەتتـى. ئۇنىڭدىـن پەقـەت ھـالاك بولغۇچىـلارلا ئېزىـپ كېتىـدۇ. ئـۇ ئۈممىتىگـە پۈتـۈن ياخشـىلىقلارنى كۆرسـەتتى ۋە بارلىـق يامانلىقلاردىـن ئاگاھلانـدۇردى .

 

تۆتىنچى قىسىم: تەپسىر بۆلۈمى

1-سوئال: فاتىھە سۈرىسىنى ئوقۇڭ ۋە ئۇنى تەپسىر قىلىڭ؟

جاۋاب: فاتىھە سۈرىسى ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى:

ئاللاھنىـڭ كىتابـى قۇرئـان بـۇ سـۈرە بىلـەن باشـلانغانلىقى ئۈچـۈن، بۇ سـۈرە «فاتىھـە» (باشـلىنىش، ئاچقـۇچ) دەپ ئاتالغـان.

  • ﴿بِسْـمِ اللََّّهِ الرَّحْمَـنِ الرَّحِيـمِ﴾: چەكسـىز مېھرىبـان ۋە شـەپقەتلىك ئاللاھنىـڭ ئىسـمى بىلـەن باشـلايمەن. يەنـى ئاللاھنىـڭ ئىسـمىنى زىكىـر قىلىـش بىلـەن بەرىكەت ئۈمىـد قىلىـپ، ئاللاھنىـڭ ياردىمـى بىلـەن قۇرئـان ئوقۇشـنى باشـلايمەن. [ئالـلاھ] – «ھەقىقىـي مەبـۇد» دېمەكتـۇر، ئۇنىڭدىـن باشقىسـى بـۇ ئۇلـۇغ ئىسـىم بىلـەن ئاتالمايدۇ .

[الرَّحْمَـنِ] — رەھمىتـى ئىنتايىـن كـەڭ بولـۇپ، پۈتـۈن مەخلۇقاتلارنى ئۆز ئىچىگـە ئالىدۇ .

[الرَّحِيـمِ] — مۇئمىنلەرگـە خـاس شـەپقەت قىلغۇچىـدۇر.

  • ﴿الْحَمْـدُ لِِلََّّهِ رَبِّ الْعَالَْمِيـنَ﴾: بارلىـق گـۈزەل مەدھىيەلـەر ۋە كامالـەت سـۈپەتلەر پەقـەت ئالەملەرنىـڭ رەببـى ئاللاھقا مەنسـۇپتۇر.
  • ﴿الرَّحْمَـنِ الرَّحِيـمِ﴾: ئـۇ چەكسـىز مېھرىبـان بولـۇپ، پۈتـۈن مەخلۇقاتـلار ئۇنىڭ مېھرىبانلىقىغـا مۇھتاجـدۇر؛ ئـۇ شـەپقەتلىكتۇر، يەنـى مېھىر-شـەپقىتى مۇئمىنلەرگـە ھـەر ۋاقىـت يېتىـپ تۇرىدۇ.
  • ﴿مَالِـكِ يَـوْمِ الدِّيـنِ﴾: ئـۇ قىيامـەت كۈنىنىـڭ (جازا كۈنىنىـڭ)  بىردىنبىـر ئىگىسـىدۇر، ئـۇ كۈنـدە يالغـۇز ئالـلاھ ھۆكۈمرانلىـق قىلىـدۇ.
  • ﴿إِيَّـاكَ نَعْبُـدُ وَ إِيَّـاكَ نَسْـتَعِينُ﴾: (ئـەي ئالـلاھ!) يالغـۇز سـاڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە يالغۇز سـەندىنلا ياردەم تىلەيمىز.
  • ﴿اهْدِنَـا الصِّـرَاطَ الْْمُسْـتَقِيمَ﴾: بىزنـى توغـرا يولغا، يەنى ئىسـلامغا ۋە سـۈننەتكە ھىدايەت قىلغىن.
  • ﴿صِـرَاطَ الَّذِيـنَ أَنْعَمْـتَ عَلَيْهِـمْ…﴾: بىزنـى ئۆزۈڭنىـڭ غەزىپىگـە ئۇچرىغـان يەھۇدىيلارنىـڭ ۋە يولدىـن ئازغـان ناسـارالارنىڭ يولىغا ئەمـەس، بەلكـى پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە ئۇلارغـا ئەگەشـكەن سـالىھ بەندىلىرىڭنىـڭ يولىغـا باشـلىغىن. (ئامىـن — دۇئايىمىزنـى ئىجابـەت قىلغىن.)

2-سوئال: زەلزەلە سۈرىسىنى ئوقۇڭ ۋە ئۇنى تەپسىر قىلىڭ؟

جاۋاب: زەلزەلە سۈرىسى ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى:

  • ﴿إِذَا زُلْزِلَـتِ الْْأَرْضُ زِلْزَالَهَـا﴾: زېمىـن قىيامـەت بولـۇش ئۈچـۈن قاتتىـق تىترەپ ھەرىكەتلەنگەندە؛
  • ﴿وَأَخْرَجَـتِ الْْأَرْضُ أَثْقَالَهَـا﴾: زېمىـن قوينىدىكـى ئۆلۈكلەرنـى ۋە خەزىنىلەرنـى سـىرتقا چىقارغاندا؛
  • ﴿وَقَـالَ الْْإِنسَـانُ مَـا لَهَـا﴾: ئىنسـان ھەيـران بولـۇپ: «زېمىنغـا نېمـە بولـدى؟ (نېمىشـقا بۇنـداق تىترەيـدۇ؟)» دېگەندە؛
  • ﴿يَوْمَئِـذٍ تُحَـدِّثُ أَخْبَارَهَـا﴾: ئاشـۇ دەھشـەتلىك كۈنـدە، زېمىـن ئـۆز ئۈسـتىدە قىلىنغـان بارلىـق ياخشـى-يامان ئىشـلاردىن خـەۋەر بېرىدۇ؛
  • ﴿بِـأَنَّ رَبَّـكَ أَوْحَـىٰ لَهَـا﴾: چۈنكـى رەببىـڭ ئالـلاھ زېمىنغـا شـۇنداق قىلىشـنى بىلدۈرگـەن ۋە بۇيرۇغـان بولىـدۇ؛
  • ﴿يَوْمَئِـذٍ يَصْـدُرُ النَّـاسُ أَشْـتَاتًا لِّيُـرَوْا أَعْمَالَهُـمْ﴾: شـۇ كۈنـى ئىنسـانلار قەبرىلىرىدىـن چىقىـپ، قىلغـان ئەمەللىرىنىـڭ نەتىجىسـىنى كـۆرۈش ئۈچـۈن توپ-تـوپ بولـۇپ ئايرىلىـدۇ؛
  • ﴿فَمَـن يَعْمَـلْ مِثْقَـالَ ذَرَّةٍ خَيْـرًا يَـرَهُ﴾: كىمكـى زەررىچىلىـك ياخشـى ئىـش قىلغـان بولسـا، ئۇنىـڭ مۇكاپاتىنـى كۆرىـدۇ؛
  • ﴿وَ مَـن يَعْمَـلْ مِثْقَـالَ ذَرَّةٍ شَـرًّا يَـرَهُ﴾: كىمكـى زەررىچىلىـك يامـان ئىـش قىلغـان بولسـا، ئۇنىڭ جازاسـىنى كۆرىدۇ.

3-سوئال: ئادىيات سۈرىسىنى ئوقۇڭ ۋە ئۇنى تەپسىر قىلىڭ؟

جاۋاب: ئادىيات سۈرىسى ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى:

  • ﴿وَالْعَادِيَـاتِ ضَبْحًـا﴾: نەپەسـلىرى كېسـىلىپ قاتتىـق يۈگۈرىدىغـان (جىھادتىكـى) ئاتـلار بىلـەن قەسـەم؛
  • ﴿فَالْْمُورِيَـاتِ قَدْحًـا﴾: تېـز يۈگۈرگەنلىكىدىـن تۇياقلىـرى تاشـقا تېگىـپ ئـوت چاقنىتىدىغـان ئاتـلار بىلـەن قەسـەم؛
  • ﴿فَالْْمُغِيـرَاتِ صُبْحًـا﴾: تـاڭ سـەھەردە تۇيۇقسـىز دۈشـمەنگە ھۇجـۇم قىلىدىغان ئاتلار بىلەن قەسـەم؛
  • ﴿فَأَثَـرْنَ بِـهِ نَقْعًـا﴾: (يۈگـۈرۈك ئاتلارنىـڭ تۇياقلىرىدىـن) چاڭ-توزانـلار كۆتۈرۈلگـەن ھالـەت بىلـەن قەسـەم؛
  • ﴿فَوَسَـطْنَ بِـهِ جَمْعًـا﴾: دۈشـمەن قوشـۇنىنىڭ ئوتتۇرىسـىغا بۆسـۈپ كىرىـپ ،ئۇلارنـى پارچىـلاپ تاشـلىغان ئاتـلار بىلـەن قەسـەمكى:
  • ﴿إِنَّ الْْإِنسَـانَ لِرَبِّـهِ لَكَنُـودٌ﴾: ئىنسـان رەببىنىـڭ نېمەتلىرىگـە ھەقىقەتـەن ناشـۈكۈرلۈك قىلىـدۇ (ياخشـىلىقنى ئىنـكار قىلىـدۇ)؛
  • ﴿وَإِنَّـهُ عَلَـىٰ ذَٰلِـكَ لَشَـهِيدٌ﴾: ئـۇ ئۆزىنىـڭ بۇ ناشـۈكۈرلۈكىگە (ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن) ئەلۋەتتە شـاھىتتۇر؛
  • ﴿وَإِنَّـهُ لِحُـبِّ الْخَيْـرِ لَشَـدِيدٌ﴾: ئـۇ مال-دۇنياغـا ئىنتايىـن ھېرىسـمەندۇر (شـۇڭا بېخىللىـق قىلىدۇ)؛
  • ﴿أَفَـلََا يَعْلَـمُ إِذَا بُعْثِـرَ مَـا فِـي الْقُبُـورِ﴾: ئـۇ ئىنسـان بىلمەمدۇكـى، قەبرىلەردىكـى ئۆلۈكلەر ھېسـاب ئۈچـۈن تىرىلدۈرۈلگەندە؛
  • ﴿وَحُصِّـلَ مَـا فِـي الصُّـدُورِ﴾: يۈرەكلەردىكـى يوشـۇرۇن نىيـەت ۋە ئېتىقـادلار ئاشـكارىلانغاندا (ئەھـۋال ئـۇ ئويلىغانـدەك بولمايـدۇ)؛
  • ﴿إِنَّ رَبَّهُم بِهِمْ يَوْمَئِذٍ لَّخَبِيرٌ﴾: ئـۇ كۈنـدە رەببـى ئۇلارنىـڭ ئەھۋالىدىـن ئەلۋەتتـە خـەۋەرداردۇر، ئۇلارنىـڭ ھېچبىر ئىشـى يوشـۇرۇن قالمايدۇ ۋە شـۇنىڭغا ئاساسـەن مۇكاپـات ياكـى جـازا بېرىدۇ.

4-سوئال: قارىئە سۈرىسىنى ئوقۇڭ ۋە ئۇنى تەپسىر قىلىڭ؟

جاۋاب: قارىئە سۈرىسى ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى:

  • ﴿الْقَارِعَةُ﴾: دەھشـەتلىك بولغانلىقتىن يۈرەكلەرنى چۆچۈتۈۋەتكۈچى سائەت؛
  • ﴿مَا الْقَارِعَةُ﴾: ئۇ يۈرەكلەرنى چۆچۈتۈۋەتكۈچى سـائەت نېمەدۇر؟
  • ﴿وَمَـا أَدْرَاكَ مَـا الْقَارِعَـةُ﴾: (ئـەي پەيغەمبەر!) ئۇ يۈرەكلەرنى چۆچۈتۈۋەتكۈچى سـائەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سـاڭا كىم بىلـدۈردى؟ ئۇ قىيامەتتۇر؛
  • ﴿يَـوْمَ يَكُـونُ النَّـاسُ كَالْفَـرَاشِ الْْمَبْثُـوثِ﴾: ئـۇ كۈنـى ئىنسـانلار قورقۇنچتىـن ئۇيان-بۇيـان ئۇچـۇپ يۈرگـەن پەرۋانىلـەردەك بولـۇپ قالىـدۇ؛
  • ﴿وَتَكُـونُ الْجِبَـالُ كَالْعِهْـنِ الْْمَنفُـوشِ﴾: تاغـلار تـوزۇپ كەتكـەن توزغاقتەك بولـۇپ قالىـدۇ؛
  • ﴿فَأَمَّـا مَـن ثَقُلَـتْ مَوَازِينُـهُ﴾: كىمكـى تارازا-مىزانـدا ياخشـى ئەمەللىـرى ئېغىـر كەلسە؛
  • ﴿فَهُـوَ فِـي عِيشَـةٍ رَّاضِيَـةٍ﴾: ئـۇ كىشـى (جەننەتتە) كۆڭۈللۈك، باياشـات تۇرمۇشـتا بولىدۇ؛
  • ﴿وَأَمَّـا مَـنْ خَفَّـتْ مَوَازِينُـهُ﴾: كىمكـى تارازا-مىزانـدا ياخشـىلىقى يەڭگىل بولسـا (يەنـى يامانلىقى كۆپ بولسـا)؛
  • ﴿فَأُمُّـهُ هَاوِيَـةٌ﴾: ئۇنىـڭ جايى «ھاۋىيە» (دوزاخنىڭ چوڭقۇر يېرى) دۇر؛
  • ﴿وَمَا أَدْرَاكَ مَا هِيَهْ﴾: ئۇنىڭ نېمىلىكىنى سـاڭا كىم بىلدۈردى؟
  • ﴿نَـارٌ حَامِيَـةٌ﴾: ئـۇ ئىنتايىن قىزىق ئوتتۇر.

5-سوئال: تەكاسۇر سۈرىسىنى ئوقۇڭ ۋە ئۇنى تەپسىر قىلىڭ؟

جاۋاب: تەكاسۇر سۈرىسى ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى:

  • ﴿أَلْهَاكُـمُ التَّكَاثُـرُ﴾: (ئـەي كىشـىلەر!) مال-دۇنيـا ۋە ئـەۋلادلار بىلـەن پەخىرلىنىـش سـىلەرنى ئاللاھقـا ئىبـادەت قىلىشـتىن غەپلەتتـە قالـدۇردى؛
  • ﴿حَتَّـىٰ زُرْتُـمُ الْْمقَابِـرَ﴾: ھەتتـا ئۆلۈپ قەبرىگە كىردىڭلار؛
  • ﴿كَلََّا سَـوْفَ تَعْلَمُـونَ﴾: يـاق، ئۇنـداق بولماسـلىقى كېـرەك ئىـدى! سـىلەر (بـۇ مەشـغۇللۇقنىڭ ئاقىۋىتىنـى) يېقىندا بىلىسـىلەر؛
  • ﴿ثُمَّ كَلََّا سَـوْفَ تَعْلَمُونَ﴾: ياق، ھەرگىز ئۇنداق بولماسلىق كېرەك ئىدى! سىلەر ئۇنى چۇقۇم يېقىندا بىلىسىلەر؛
  • ﴿كَلََّا لَـوْ تَعْلَمُـونَ عِلْـمَ الْيَقِيـنِ﴾: يـاق، ئەگـەر سـىلەر (ئاخىرەتنىـڭ ھەقلىقىنى) كەسـكىن بىلىـم بىلـەن بىلگـەن بولسـاڭلار، دۇنيـا بىلـەن پەخىرلىنىـپ ئىبادەتتىـن قالمايتتىـڭلار؛
  • ﴿لَتَرُوُنَّ الْجَحِيمَ﴾: (ئى كاپىرلار!) سـىلەر چوقۇم جەھەننەمنى كۆرىسـىلەر؛
  • ﴿ثُـمَّ لَتَرُوُنَّهَـا عَيْـنَ الْيَقِيـنِ﴾: ئاندىـن ئۇنـى ئـۆز كـۆزۈڭلار بىلـەن شەكسـىز كۆرىسـىلەر؛
  • ﴿ثُـمَّ لَتُسْـأَلُنَّ يَوْمَئِـذٍ عَـنِ النَّعِيـمِ﴾: ئاندىـن شـۇ كۈنـى سـىلەرگە بېرىلگـەن سـالامەتلىك، بايلىـق ۋە باشـقا پۈتـۈن نېمەتلەردىـن چوقـۇم سورىلىسـىلەر.

6-سوئال: ئەسىر سۈرىسىنى ئوقۇڭ ۋە ئۇنى تەپسىر قىلىڭ؟

جاۋاب: ئەسىر سۈرىسى ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى:

  • ﴿وَالْعَصْرِ﴾: زامان (ۋاقىت) بىلەن قەسـەم؛
  • ﴿إِنَّ الْْإِنسَـانَ لَفِي خُسْـرٍ﴾: پۈتۈن ئىنسـانلار ھەقىقەتەن زىيان ئىچىدىدۇر؛
  • ﴿إِلََّا الَّذِيـنَ آمَنُـوا وَعَمِلُـوا الصَّالِحَـاتِ وَتَوَاصَـوْا بِالْحَـقِّ وَتَوَاصَـوْا بِالصَّبْـرِ﴾: لېكىـن ئىمـان ئېيتقـان، ياخشـى ئەمەللەرنـى قىلغـان، بىر-بىرىنـى ھەقكـە (توغـرا يولغـا) چاقىرغـان ۋە بىر-بىرىگـە سـەۋر قىلىشـنى تەۋسـىيە قىلغانـلار بۇنىڭدىـن مۇستەسـنا (ئـۇلار نىجات تاپقۇچىـلاردۇر.)

 

7-سوئال: ھۇمەزە سۈرىسىنى ئوقۇڭ ۋە ئۇنى تەپسىر قىلىڭ؟

جاۋاب: ھۇمەزە سۈرىسى ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى:

  • ﴿وَيْلٌ لِّكُلِّ هُمَزَةٍ لُّْمَزَةٍ﴾: كىشىلەرنىڭ ئارقىسىدىن غەيۋەت قىلىدىغان غەيۋەتخورلارغا ۋە يۈزىگە تەنە قىلىدىغان تەنەخورلارغا ۋاي (قاتتىق ئازاب) بولسۇن!
  • ﴿الَّـذِي جَمَـعَ مَـالًَا وَعَـدَّدَهُ﴾: ئـۇ مـال توپـلاپ، ئۇنى سـاناپ يۈرۈشـتىن باشـقا غېمى يوق كىشـىدۇر؛
  • ﴿يَحْسَـبُ أَنَّ مَالَـهُ أَخْلَـدَهُ﴾: ئـۇ توپلىغـان مېلـى ئۆزىنى ئۆلۈمدىن سـاقلاپ، بۇ دۇنيادا مەڭگۈ قالدۇرىـدۇ دەپ ئويلامدۇ؟
  • ﴿كَلََّاۖ لَيُنبَـذَنَّ فِـي الْحُطَمَـةِ﴾: يـاق، ئـۇ چوقۇم «ھۇتەمە»گە (تاشـلانغان نەرسـىلەرنى چانـاپ، ئۇۋاقلاپ تاشـلايدىغان دوزاخقا) تاشـلىنىدۇ؛
  • ﴿وَمَـا أَدْرَاكَ مَـا الْحُطَمَـةُ﴾: ئـۇ «ھۇتەمە»نىـڭ نېمـە ئىكەنلىكىنـى سـاڭا كىـم بىلـدۈردى؟
  • ﴿نَارُ اللََّّهِ الْْمُوقَدَةُ﴾: ئۇ ئاللاھنىڭ يالقۇنجاپ تۇرغان ئوتىدۇركى؛
  • ﴿الَّتِي تَطَّلِعُ عَلَى الْْأَفْئِدَةِ﴾: ئۇ بەدەنلەردىن ئۆتۈپ، يۈرەكلەرگىچە يېتىپ بارىدۇ؛
  • ﴿إِنَّهَا عَلَيْهِم مُّؤْصَدَةٌ﴾: ئۇ دوزاخ ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن تاقاقلىقتۇر؛
  • ﴿فِـي عَمَـدٍ مُّمَـدَّدَةٍ﴾: ئۇلار ئۇنىڭدىن چىقالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇزۇن تۈۋرۈكلەر بىلەن ئېتىۋېتىلگەن.

8-سوئال: فىل سۈرىسىنى ئوقۇڭ ۋە ئۇنى تەپسىر قىلىڭ؟

جاۋاب: فىل سۈرىسى ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى:

  • ﴿أَلَـمْ تَـرَ كَيْـفَ فَعَـلَ رَبُّـكَ بِأَصْحَـابِ الْفِيـلِ﴾: (ئـەي پەيغەمبـەر!) رەببىڭنىـڭ فىـل ئىگىلىرىنـى (كەبىنـى ئۆرۈمەكچـى بولغـان ئەبرەھـە قوشـۇنىنى) قانـداق قىلىۋەتكەنلىكىنـى كۆرمىدىڭمـۇ (بىلمىدىڭمـۇ)؟
  • ﴿أَلَـمْ يَجْعَـلْ كَيْدَهُـمْ فِـي تَضْلِيـلٍ﴾: ئالـلاھ ئۇلارنىـڭ ناچـار پىلانىنـى بەربـات قىلىۋەتمىدىمـۇ؟ (ئـۇلار مەقسـىتىگە يېتەلمىـدى)؛
  • ﴿وَأَرْسَلَ عَلَيْهِمْ طَيْرًا أَبَابِيلَ﴾: ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە توپ-توپ قۇشلارنى ئەۋەتتى؛
  • ﴿تَرْمِيهِم بِحِجَارَةٍ مِّن سِجِّيلٍ﴾: ئۇ قۇشلار ئۇلارغا ساپال تاشلارنى ئاتتى؛
  • ﴿فَجَعَلَهُـمْ كَعَصْـفٍ مَّأْكُـولٍ﴾: شـۇنىڭ بىلـەن ئاللاھ ئۇلارنـى ھايۋانلار يەپ چەينەپ تاشـلىغان ساماندەك قىلىۋەتتى.

9-سوئال: قۇرەيش سۈرىسىنى ئوقۇڭ ۋە ئۇنى تەپسىر قىلىڭ؟

جاۋاب: قۇرەيش سۈرىسى ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى:

  • ﴿لِْإِيـلََافِ قُرَيْـشٍ﴾: قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ (بىر-بىرى بىلەن) دوستانە ئۆتۈشى ۋە ئامان-ئېسەنلىكى ئۈچۈن؛
  • ﴿إِيلََافِهِـمْ رِحْلَـةَ الشِّـتَاءِ وَالصَّيْـفِ﴾: ئۇلارنىـڭ قىشـتا (يەمەنگـە) ۋە يـازدا (شـامغا) قىلىدىغـان تىجـارەت سـەپەرلىرىگە ئادەتلىنىـپ، قوغدالغانلىقـى ئۈچۈن؛
  • ﴿فَلْيَعْبُـدُوا رَبَّ هَٰـذَا الْبَيْـتِ﴾: ئـۇلار مۇشـۇ ئۇلۇغ كەبىنىڭ رەببىگە (ئاللاھقا) ئىبادەت قىلسۇن؛
  • ﴿الَّـذِي أَطْعَمَهُـم مِّـن جُـوعٍ وَآمَنَهُـم مِّـنْ خَـوْفٍ﴾: چۈنكـى ئالـلاھ ئۇلارنـى ئاچلىقتىن قۇتۇلـدۇرۇپ تائـام بـەردى ۋە قورقۇنچتىن خاتىرجـەم قىلدى.

10-سوئال: مائۇن سۈرىسىنى ئوقۇڭ ۋە ئۇنى تەپسىر قىلىڭ؟

جاۋاب: مائۇن سۈرىسى ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى:

  • ﴿أَرَأَيْـتَ الَّـذِي يُكَـذِّبُ بِالدِّيـنِ﴾: (ئـەي پەيغەمبەر!) قىيامەتنى (ئاخىرەتتىكى جازا ۋە مۇكاپاتنى) ئىنكار قىلىدىغان كىشـىنى كۆردۈڭمۇ؟
  • ﴿فَذَٰلِكَ الَّذِي يَدُعُّ الْيَتِيمَ﴾: مانا شۇ كىشى يېتىمنى قوپاللىق بىلەن ھەيدەيدۇ؛
  • ﴿وَلََا يَحُـضُّ عَلَـىٰ طَعَـامِ الْْمِسْـكِينِ﴾: پېقىرلارغـا تائـام بېرىشـكە قىزىقمايـدۇ ۋە باشـقىلارنىمۇ تەرغىـب قىلمايـدۇ؛
  • ﴿فَوَيْلٌ للِّْمُصَلِّينَ﴾: مۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋاي (ئازاب) بولسۇنكى؛
  • ﴿الَّذِيـنَ هُـمْ عَـن صَلََاتِهِـمْ سَـاهُونَ﴾: ئـۇلار نامازلىرىغـا سـەل قارايـدۇ (ۋاقتىنـى ئۆتكۈزۈۋېتىـدۇ ياكـى نامازغـا ئەھمىيـەت بەرمەيـدۇ)؛
  • ﴿الَّذِينَ هُمْ يُرَاءُونَ﴾: ئۇلار (ناماز ۋە ياخشـى ئەمەللىرىنى كىشـىلەرگە كۆرسـىتىش ئۈچۈن) رىيـا قىلىدۇ؛
  • ﴿وَيَمْنَعُونَ الْْمَاعُونَ﴾: تۇرمۇشـتا كېرەكلىك بولغان كىچىك ياردەملەرنى (قوشـنىلارغا ئەسۋاب-ئۇسـكۈنىلەرنى) بېرىشتىنمۇ بېخىللىق قىلىدۇ.

11-سوئال: كەۋسەر سۈرىسىنى ئوقۇڭ ۋە ئۇنى تەپسىر قىلىڭ؟

جاۋاب: كەۋسەر سۈرىسى ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى:

  • ﴿إِنَّـا أَعْطَيْنَـاكَ الْكَوْثَـرَ﴾: (ئـەي پەيغەمبـەر!) بىـز سـاڭا كـۆپ ياخشـىلىقلارنى ۋە جەننەتتىكـى ھەۋزى كەۋسەرنى بـەردۇق؛
  • ﴿فَصَـلِّ لِرَبِّـكَ وَانْحَـرْ﴾: شـۇڭا سـەن رەببىـڭ ئۈچـۈن نامـاز ئوقۇغىـن ۋە قۇربانلىـق قىلغىن ؛
  • ﴿إِنَّ شَـانِئَكَ هُـوَ الْْأَبْتَـرُ﴾: سـاڭا ئۆچمەنلىـك قىلىـپ، سـېنى ئەيىبلىگۈچىنىـڭ ئۆزى ھەقىقەتـەن نام-نىشانسـىز قالغۇچىـدۇر (ئۇ بارلىـق ياخشـىلىقلاردىن مەھرۇمدۇر.)

12-سوئال: كافىرۇن سۈرىسىنى ئوقۇڭ ۋە ئۇنى تەپسىر قىلىڭ؟

جاۋاب: كافىرۇن سۈرىسى ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى:

  • ﴿قُلْ يَا أَيُّهَا الْكَافِرُونَ﴾: دېگىنكى: «ئەي كاپىرلار!»
  • ﴿لََا أَعْبُدُ مَا تَعْبُدُونَ﴾: مەن سىلەر ئىبادەت قىلىۋاتقان بۇتلارغا ئىبادەت قىلمايمەن؛
  • ﴿وَلََا أَنتُـمْ عَابِـدُونَ مَـا أَعْبُـدُ﴾: سـىلەرمۇ مـەن ئىبـادەت قىلىدىغـان يەككـە ئاللاھقـا ئىبـادەت قىلغۇچى ئەمەسسـىلەر؛
  • ﴿وَلََا أَنَـا عَابِـدٌ مَّـا عَبَدتُّـمْ﴾: مـەن سـىلەرنىڭ چوقۇنغـان نەرسـىلىرىڭلارغا ھەرگىـز چوقۇنمايمـەن؛
  • ﴿وَلََا أَنتُـمْ عَابِـدُونَ مَـا أَعْبُـدُ﴾: سـىلەرمۇ مـەن ئىبـادەت قىلىدىغـان ئاللاھقـا ئىبادەت قىلغۇچى ئەمەسسـىلەر؛
  • ﴿لَكُـمْ دِينُكُـمْ وَلِـيَ دِيـنِ﴾: سـىلەرنىڭ دىنىـڭلار ئـۆزۈڭلار ئۈچـۈن، مېنىڭ دىنىم ئۆزۈم ئۈچۈندۇر.

13-سوئال: نەسىر سۈرىسىنى ئوقۇڭ ۋە ئۇنى تەپسىر قىلىڭ؟

جاۋاب: نەسىر سۈرىسى ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى:

  • ﴿إِذَا جَـاءَ نَصْـرُ اللََّّهِ وَالْفَتْـحُ﴾: ئاللاھنىـڭ نۇسـرىتى كېلىـپ، مەككـە پەتھى قىلىنغان چاغدا؛
  • ﴿وَرَأَيْـتَ النَّـاسَ يَدْخُلُـونَ فِـي دِيـنِ اللََّّهِ أَفْوَاجًـا﴾: ئىنسـانلارنىڭ توپ-تـوپ بولـۇپ ئاللاھنىـڭ دىنىغـا (ئىسـلامغا) كىرىۋاتقانلىقىنـى كۆرگىنىڭـدە؛
  • ﴿فَسَـبِّحْ بِحَمْدِ رَِبّكَ وَاسْـتَغْفِرْهُ ۚ إِنَّهُ كَانَ تَوَّابًا﴾: رەببىڭگە ھەمدۇسـانا ئېيتىپ تەسبىھ ئېيـت ۋە ئۇنىڭدىـن مەغپىرەت تىلـە. ئۇ ھەقىقەتەن تەۋبىلەرنى بەكمـۇ قوبۇل قىلغۇچىدۇر.

14-سوئال: مەسەد سۈرىسىنى ئوقۇڭ ۋە ئۇنى تەپسىر قىلىڭ؟

جاۋاب: مەسەد سۈرىسى ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى:

  • ﴿تَبَّتْ يَدَا أَبِي لَهَبٍ وَتَبَّ﴾: ئەبۇ لەھەبنىڭ ئىككى قولى قۇرۇسـۇن (ھالاك بولسـۇن) ، ئـۇ ئۆزىمۇ ھـالاك بولدى؛
  • ﴿مَـا أَغْنَـىٰ عَنْـهُ مَالُـهُ وَمَـا كَسَـبَ﴾: مېلـى ۋە تاپقانلىـرى ئۇنـى ئاللاھنىـڭ ئازابىدىـن قۇتۇلدۇرالمىـدى؛
  • ﴿سَيَصْلَىٰ نَارًا ذَاتَ لَهَبٍ﴾: ئۇ يالقۇنجاپ تۇرغان ئوتقا كىرىدۇ؛
  • ﴿وَامْرَأَتُـهُ حَمَّالَـةَ الْحَطَـبِ﴾: ئۇنىـڭ ئوتـۇن توشـۇيدىغان (يولغـا تىكـەن چېچىـپ پەيغەمبەرگـە ئەزىيـەت بېرىدىغـان) خوتۇنىمـۇ دوزاخقـا كىرىـدۇ؛
  • ﴿فِي جِيدِهَا حَبْلٌ مِّن مَّسَدٍ﴾: ئۇنىڭ بوينىدا ئوتتىن توقۇلغان ئارغامچا بولىدۇ.

15-سوئال: ئىخلاس سۈرىسىنى ئوقۇڭ ۋە ئۇنى تەپسىر قىلىڭ؟

جاۋاب: ئىخلاس سۈرىسى ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى:

  • ﴿قُلْ هُوَ اللََّّهُ أَحَدٌ﴾: دېگىنكى: «ئاللاھ بىر، يىگانىدۇر؛
  • ﴿اللََّّهُ الصَّمَـدُ﴾: ئالـلاھ بىھاجەتتـۇر (پۈتـۈن مەخلۇقاتـلار ئۇنىڭغـا مۇھتاجـدۇر، ئـۇ ھېچكىمگـە مۇھتـاج ئەمەس)؛
  • ﴿لَـمْ يَلِـدْ وَلَـمْ يُولَـدْ﴾: ئـۇ بـالا تاپمىـدى ۋە تۇغۇلمىـدى (ئۇنىـڭ ئاتا-ئانىسـى ياكـى پەرزەنتـى يوق)؛
  • ﴿وَلَمْ يَكُن لَّهُ كُفُوًا أَحَدٌ﴾: ئۇنىڭغا ھېچبىر تەڭداش يوق.»

16-سوئال: فەلەق سۈرىسىنى ئوقۇڭ ۋە ئۇنى تەپسىر قىلىڭ؟

جاۋاب: فەلەق سۈرىسى ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى:

  • ﴿قُـلْ أَعُـوذُ بِـرَبِّ الْفَلَـقِ﴾: دېگىنكـى: «تاڭنىـڭ رەببـىگە سـېغىنىپ پانـاھ تىلەيمـەن؛
  • ﴿مِن شَرِّ مَا خَلَقَ﴾: ئاللاھ ياراتقان يامان مەخلۇقلارنىڭ شەررىدىن؛
  • ﴿وَمِن شَرِّ غَاسِقٍ إِذَا وَقَبَ﴾: قاراڭغۇلۇق كىرگەن كېچىنىڭ شەررىدىن؛
  • ﴿وَمِـن شَـرِّ النَّفَّاثَـاتِ فِـي الْعُقَـدِ﴾: تۈگۈنلەرگـە دەم سـالغۇچى سـېھىرگەرلەرنىڭ شـەررىدىن؛
  • ﴿وَمِـن شَـرِّ حَاسِـدٍ إِذَا حَسَـدَ﴾: ھەسـەت قىلغـان چاغدىكـى ھەسـەتخورنىڭ شـەررىدىن.»

17-سوئال: ناس سۈرىسىنى ئوقۇڭ ۋە ئۇنى تەپسىر قىلىڭ؟

جاۋاب: ناس سۈرىسى ۋە ئۇنىڭ تەپسىرى:

  • ﴿قُلْ أَعُوذُ بِرَبِّ النَّاسِ﴾: دېگىنكى: «ئىنسانلارنىڭ رەببىگە سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن؛
  • ﴿مَلِكِ النَّاسِ﴾: ئىنسانلارنىڭ ئىگىسى (پادىشاھى) بىلەن؛
  • ﴿إِلَٰهِ النَّاسِ﴾: ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى بىلەن؛
  • ﴿مِن شَرِّ الْوَسْوَاسِ الْخَنَّاسِ﴾: (ئاللاھ ياد ئېتىلسە) قاچىدىغان، ۋەسۋەسە قىلغۇچى شەيتاننىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن؛
  • ﴿الَّذِي يُوَسْوِسُ فِي صُدُورِ النَّاسِ﴾: ئۇ ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سالىدۇ؛
  • ﴿مِـنَ الْجِنَّـةِ وَالنَّـاسِ﴾: ئـۇ ۋەسۋەسـە قىلغۇچىـلار جىنلاردىنمـۇ ۋە ئىنسـانلاردىنمۇ بولىدۇ.»

بەشىنچى قىسىم: ھەدىس بۆلۈمى

1-ھەدىس: نىيەت ھەققىدە

سـوئال: «إنَِّمَـا الْأَعْمَـالُ بِالنِّيَّـاتِ…» (ئەمەللـەر نىيەتكـە باغلىقتۇر)… دېگـەن ھەدىسـنى تولۇقـلاڭ ۋە بـەزى پايدىلىرىنى سـۆزلەڭ؟

جـاۋاب: ئەمىـرۇل مۇئمىنىـن ئەبـۇ ھەفسـە ئۆمـەر ئىبنـى خەتتـاب رەزىيەللاھـۇ ئەنھۇدىـن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن رەسـۇلۇللاھ ﷺ نىڭ مۇنـداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:

«إنَِّمَـا الأْعَْمَـالُ بِالنِّيَّـاتِ، وَإنَِّمَـا لـِكُلِّ امْـرِئٍ مَـا نَـوَى، فَمَـنْ كَانَـتْ هِجْرَتُـەُ إلِـَى اللَّەِ وَرَسُـولەِِ فَهِجْرَتُـەُ إلِىَ اللَّەِ وَرَسُـولەِِ، وَمَـنْ كَانَتْ هِجْرَتُەُ لدُِنْيَـا يُصِيبُهَا أوَِ امْـرَأةٍَ يَنْكِحُهَا فَهِجْرَتُەُ إلِىَ مَـا هَاجَـرَ إلِيَْەِ»

تەرجىمىسـى: «ئەمەللـەر پەقـەت نىيەتلـەرگە باغلىقتۇر، ھـەر بىـر كىشـى پەقـەت نېمىنـى نىيـەت قىلغـان بولسـا، شـۇنىڭغا ئېرىشـىدۇ. كىمنىـڭ ھىجرىتـى ئاللاھ ۋە رەسـۇلۇللاھ ئۈچـۈن بولسـا، ئۇنىـڭ ھىجرىتـى ئالـلاھ ۋە رەسـۇلۇللاھ ئۈچـۈن بولغـان بولىدۇ .كىمنىـڭ ھىجرىتـى ئېرىشـىدىغان بىـر دۇنيالىـق ياكـى ئۆيلىنىۋالىدىغـان بىـر ئايـال ئۈچـۈن بولسـا، ئۇنىـڭ ھىجرىتـى نېمە ئۈچـۈن ھىجرەت قىلغان بولسـا شـۇنىڭغا بولىـدۇ»[53].

بۇ ھەدىستىن ئېلىنىدىغان پايدىلار:

  • نامـاز، روزا، ھـەج ۋە باشـقا بارلىـق ئەمەللەرنىڭ توغرا بولۇشـى ئۈچـۈن نىيەتنىڭ شـەرت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
  • نىيـەت قىلغانـدا چوقـۇم خالىـس ئالـلاھ رىزاسـىنى كۆزلـەش لازىملىقىنـى بىلدۈرىـدۇ.

 

2-ھەدىس: بىدئەت ھەققىدە

سـوئال: «مَـنْ أحَْـدَثَ فِـي أمَْرِنَـا هَـذَا…» (بىزنىڭ بـۇ دىن ئىشـىمىزدا يېڭىلىـق پەيدا قىلغان كىشـى…) دېگەن ھەدىسـنى تولۇقـلاڭ ۋە ئۇنىڭ بەزى پايدىلىرىنى سـۆزلەڭ؟

جاۋاب: مۇئمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن: «مَنْ أحَْدَثَ فِي أمَْرِنَا هَذَا مَا ليَْسَ مِنْەُ فَهُوَ رَدٌّ» «كىمكـى بىزنىـڭ بـۇ دىـن ئىشـىمىزدا ئۇنىڭـدا بولمىغـان بىـر يېڭىلىقنـى (بىدئەتنـى) پەيدا قىلسـا، ئـۇ رەت قىلىنىـدۇ»[54]

بۇ ھەدىستىن ئېلىنىدىغان پايدىلار:

  • دىندا بىدئەت پەيدا قىلىشتىن قاتتىق چەكلەيدۇ.
  • دىنـدا يېڭىدىـن پەيدا قىلىنغان (ئەسـلى يـوق) ئىبادەت شـەكىللىرىنىڭ قەتئىي قوبـۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

 

 3-ھەدىس: دىن ھەققىدە

سـوئال: «نَحْـنُ جُلُـوسٌ عِنْـدَ رَسُـولِ اللَّـەِ ﷺ يَوْمًـا…» «بىز بىـر كۈنى رەسـۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ھۇزۇرىـدا ئولتۇراتتـۇق…» دېگـەن ھەدىسـنى تولۇقـلاڭ ۋە بۇ ھەدىسـنىڭ بـەزى پايدىلىرىنى سـۆزلەڭ؟

جـاۋاب: ئۆمـەر رەزىيەللاھـۇ ئەنھۇدىـن رىۋايـەت قىلىنىدۇكـى، ئـۇ مۇنـداق دېگەن:

«بىز بىر كۈنى رەسـۇلۇللاھ ﷺ نىڭ ھۇزۇرىدا ئولتۇراتتۇق، قېشـىمىزغا توسـاتتىن كىيىملىرى ئاپئـاق، چاچلىـرى قاپقـارا بىـر كىشـى كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭـدا سـەپەرنىڭ ئالامەتلىـرى كۆرۈنمەيتتـى، شـۇنداقلا بىزدىـن بىرىمىزمۇ ئۇنـى تونۇمايتتۇق. ئۇ كېلىپ تىزىنـى پەيغەمبەر ﷺ نىـڭ تىزىغـا تەككـۈزۈپ، قولىنى يوتىسـىغا قويۇپ ئولتـۇردى ۋە:

— ئەي مۇھەممەد! ماڭا ئىسلامدىن خەۋەر بەر،— دېدى. رەسۇلۇللاھ ﷺ:

— ئىسـلام ـــ ئاللاھتىـن باشـقا ھېچبىـر ھەقىقىـي مەبـۇد يوقلۇقىغـا ۋە مۇھەممـەد ئاللاھنىـڭ ئەلچىسـى ئىكەنلىكىگـە گۇۋاھلىـق بېرىشـىڭ، نامازنـى ئـادا قىلىشـىڭ، زاكات بېرىشـىڭ، رامىزانـدا روزا تۇتۇشـۇڭ ۋە يـول تاپالىسـاڭ بەيتۇللاھنـى ھـەج قىلىشـىڭدۇر —، دېـدى. ئۇ كىشـى:

— راسـت ئېيتتىـڭ،— دېـدى. بىز ئۇنىڭ ھەم سـوراپ، ھـەم تەسـتىقلىغانلىقىدىن ھەيـران قالدۇق. ئـۇ يەنە:

— ماڭا ئىماندىن خەۋەر بەر،— دېدى. رەسۇلۇللاھ ﷺ:

— ئىمـان ـــ ئاللاھقا، پەرىشـتىلىرىگە، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە، ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىشـىڭ ۋە ياخشـى-يامان تەقدىرنىـڭ ئاللاھتىـن بولىدىغانلىقىغـا ئىشىنىشـىڭدۇر —، دېدى. ئۇ كىشـى:

— راست ئېيتتىڭ، ماڭا ئېھساننى سۆزلەپ بەر،— دېدى. رەسۇلۇللاھ ﷺ:

— ئېھسـان ـــ ئاللاھقـا گويـا ئۇنى كـۆرۈپ تۇرغانـدەك ئىبادەت قىلىشـىڭدۇر، چۈنكى سـەن ئۇنـى كۆرمىسـەڭمۇ، ئۇ سـېنى كۆرۈپ تۇرىـدۇ،— دېدى. ئۇ كىشـى يەنـە قىيامەت ۋە ئۇنىـڭ ئالامەتلىرى ھەققىدە سـورىغاندا، رەسـۇلۇللاھ ﷺ:

—  سـورالغۇچى سـورىغۇچىدىن ئارتـۇق بىلمەيـدۇ،—  دەپ جـاۋاب بـەردى ۋە ئالامەتلىرىدىـن: — دېدەكنىـڭ ئـۆز خوجايىنىنـى تۇغىدىغانلىقىنـى (ئەۋلادلارنىـڭ ئاتـا-ئانىسـىغا قوپاللىق قىلىشـىنى)، يالاڭئاياق، يالاڭتۆش پادىچىلارنىڭ ئېگىز بىنالارنى سېلىشتا بەسلىشـىدىغانلىقىنى كۆرىسـەن،— دېدى. ئۇ كىشـى كەتكەندىن كېيىن، رەسـۇلۇللاھ ﷺ:

— ئەي ئۆمەر! بۇ سورىغۇچىنىڭ كىملىكىنى بىلەمسەن؟— دېدى. مەن:

— ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلى بىلىدۇ،— دېدىم. رەسۇلۇللاھ ﷺ:

— ئـۇ جىبرىئىلـدۇر، سـىلەرگە دىنىڭلارنـى تەلىـم بېرىـش ئۈچـۈن كەلـدى —، دېـدى».  (مۇسـلىم رىۋايىتـى.)

بۇ ھەدىستىن ئېلىنىدىغان پايدىلار:

  • ئىسلامنىڭ بەش ئاساسى (گۇۋاھلىق، ناماز، زاكات، روزا، ھەج) بايان قىلىنغان.
  • ئىماننىـڭ ئالتـە ئاساسـى (ئاللاھ، پەرىشـتە، كىتاب، پەيغەمبـەر، ئاخىرەت كۈنى ۋە تەقدىر) بايـان قىلىنغان.
  • ئېھسـاننىڭ ماھىيىتـى — ئاللاھنىـڭ كۆزىتىـپ تۇرۇۋاتقانلىقىنـى ھېـس قىلىـپ ئىبـادەت قىلىـش ئىكەنلىكى كۆرسـىتىلگەن.
  • قىيامەتنىڭ ۋاقتىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان.

 

4-ھەدىس: ئەخلاق ھەققىدە

سـوئال: «أكَْمَـلُ الْمُؤْمِنِيـنَ إيِمَانًـا…» (مۇئمىنلەرنىڭ ئىمانـى مۇكەممەل بولغىنـى…) دېگـەن ھەدىسـنى تولۇقلاڭ ۋە بـەزى پايدىلىرىنى سـۆزلەڭ؟

جـاۋاب: ئەبـۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھـۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسـۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن:

«أكَْمَلُ المُْؤْمِنِينَ إيِمَانًا أحَْسَنُهُمْ خُلُقًا»

«مۇئمىنلـەر ئىچىـدە ئىمانـى ئـەڭ مۇكەممـەل بولغىنـى — ئەخلاقى ئـەڭ گـۈزەل بولغىنىـدۇر»[55].

بۇ ھەدىستىن ئېلىنىدىغان پايدىلار:

  • گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇشقا تەرغىب قىلىدۇ.
  • ئەخلاقنىڭ گۈزەللىكى كامىل ئىماننىڭ ئەڭ چوڭ نامايەندىسىدۇر.
  • ئىماننىڭ ئەمەللەر بىلەن زىيادە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

 

5-ھەدىس: قەسەم ھەققىدە

سـوئال: «مَنْ حَلَـفَ بِغَيْرِ اللَّـەِ…» (ئاللاھتىن باشقىسـى بىلەن قەسـەم قىلغان كىشـى…) دېگەن ھەدىسـنى تولۇقـلاڭ ۋە بەزى پايدىلىرىنى سـۆزلەڭ؟

جـاۋاب: ئابدۇلـلاھ ئىبنـى ئۆمـەر رەزىيەللاھـۇ ئەنھۇمادىـن رىۋايـەت قىلىنىدۇكـى، رەسـۇلۇللاھ ﷺ مۇنـداق دېگـەن:

«مَنْ حَلَفَ بِغَيْرِ اللَّەِ فَقَدْ كَفَرَ أوَْ أشَْرَكَ»

«كىمكـى ئاللاھتىـن باشقىسـىنىڭ نامـى بىلـەن قەسـەم قىلسـا، ئۇچوقـۇم كاپىـر بولىـدۇ ياكـى شـېرىك كەلتۈرگـەن بولىـدۇ»[56].

بۇ ھەدىستىن ئېلىنىدىغان پايدىلار:

  • قەسـەم پەقـەت ئاللاھنىـڭ نامـى بىلـەن بولىـدۇ، ئۇنىڭدىـن باشقىسـى بىلـەن قەسـەم قىلىـش دۇرۇس ئەمـەس.
  • ئاللاھتىن باشقىسى بىلەن قەسەم قىلىش «كىچىك شېرىك» ھېسابلىنىدۇ.

 

6-ھەدىس: پەيغەمبەر ﷺ نى ياخشى كۆرۈش ھەققىدە

سـوئال: «لَا يُؤْمِـنُ أحََدُكُـمْ حَتَّـى أكَُـونَ أحََـبَّ إلَِيْـەِ…» «سـىلەرنىڭ بىرىڭلارغـا مـەن ئـەڭ سـۆيۈملۈك بولمىغىچـە ئۇ مۇئمىن بولمايـدۇ…» دېگەن ھەدىسـنى تولۇقـلاڭ ۋە بـەزى پايدىسـىنى سـۆزلەڭ؟

جـاۋاب: ئەنـەس رەزىيەللاھـۇ ئەنھۇدىـن رىۋايـەت قىلىنىدۇكـى، رەسـۇلۇللاھ ﷺمۇنـداق دېگـەن:

«لاَ يُؤْمِنُ أحََدُكُمْ حَتَّى أكَُونَ أحََبَّ إلِيَْەِ مِنْ وَالدِِەِ وَوَلدَِەِ وَالنَّاسِ أجَْمَعِينَ»

«سـىلەرنىڭ بىرىڭلارغـا مـەن ئۆز دادىسـىدىن، بالىسـىدىن ۋە پۈتۈن ئىنسـانلاردىن سـۆيۈملۈك بولمىغىچـە، ئۇ كىشـى (كامىل) مۇئمىن بولالمايـدۇ»[57].

بۇ ھەدىستىن ئېلىنىدىغان پايدىلار:

  • رەسـۇلۇللاھ ﷺ غـا بولغـان مۇھەببەتنىـڭ پۈتـۈن مەخلۇقاتلارغـا بولغـان مۇھەببەتتىـن ئۈسـتۈن بولۇشـى شـەرت.
  • پەيغەمبەر ﷺ نى ھەممىدىن بەك سۆيۈش ئىماننىڭ كامىللىقىنىڭ ئاساسىدۇر.

 

7-ھەدىس: ياخشى كۆرگەننى قېرىندىشىغىمۇ ياخشى كۆرۈش ھەققىدە

سـوئال: «لَا يُؤْمِـنُ أحََدُكُـمْ حَتَّـى يُحِبَّ لِأَخِيـەِ…» «سـىلەرنىڭ بىرىڭلار قېرىندىشـى ئۈچۈنمـۇ ياخشـى كۆرمىگىچـە مۇئمىن بولمايـدۇ…» دېگـەن ھەدىسـنى تولۇقـلاڭ ۋە بـەزى پايدىسـىنى سـۆزلەڭ؟

جـاۋاب: ئەنـەس رەزىيەللاھـۇ ئەنھۇدىـن رىۋايـەت قىلىنىدۇكـى، رەسـۇلۇللاھ ﷺمۇنـداق دېگـەن:

«لاَ يُؤْمِنُ أحََدُكُمْ حَتَّى يُحِبَّ لأِخَِيەِ مَا يُحِبُّ لنَِفْسِەِ»

«سـىلەرنىڭ بىرىـڭلار ئـۆزى ئۈچـۈن ياخشـى كۆرگـەن نەرسـىنى قېرىندىشـى ئۈچۈنمـۇ ياخشـى كۆرمىگىچـە، ئـۇ كىشـى (كامىـل) مۇئمىن بولالمايـدۇ»[58].

بۇ ھەدىستىن ئېلىنىدىغان پايدىلار:

  • مۇئمىن ئۆزى ئۈچۈن خالىغان ياخشـىلىقنى باشـقا مۇئمىن قېرىنداشـلىرى ئۈچۈنمۇ خالىشى لازىم.
  • بۇ خىل سەمىمىيەت كامىل ئىماننىڭ ئالامىتىدۇر.

 

8-ھەدىس: ئىخلاس سۈرىسىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە

سـوئال: «وَالَّـذِي نَفْسِـي بِيَـدِەِ…» «جېنىـم ئۇنىـڭ قولىدا بولغـان زات بىلـەن قەسـەم…» دېگـەن ھەدىسـنى تولۇقـلاڭ ۋە ئۇنىـڭ بـەزى پايدىلىرىنى سۆزلەڭ؟

جـاۋاب: ئەبـۇ سـەئىد ئەلخـۇدرى رەزىيەللاھـۇ ئەنھۇدىـن رىۋايـەت قىلىنىدۇكـى، رەسـۇلۇللاھ ﷺ مۇنـداق دېگـەن:

«وَالذَِّي نَفْسِي بِيَدِەِ إنَِّهَا لتََعْدِلُ ثُلُثَ القُْرْآنِ»

« جېنىـم ئىلكىـدە بولغـان زات (ئالـلاھ) بىلـەن قەسـەمكى، ئـۇ (ئىخـلاس سۈرىسـى) ھەقىقەتـەن قۇرئاننىـڭ ئۈچتـە بىرىگـە تـەڭ كېلىـدۇ»[59].

بۇ ھەدىستىن ئېلىنىدىغان پايدىلار:

  • ئىخلاس سۈرىسىنىڭ ئۇلۇغ پەزىلىتى بايان قىلىنغان.
  • بـۇ سـۈرىنىڭ قىممـەت جەھەتتـە قۇرئاننىـڭ ئۈچتە بىرىگـە بـاراۋەر ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

 

9-ھەدىس: جەننەتتىكى بىر خەزىنە ھەققىدە

سـوئال: «لَا حَـوْلَ وَلَا قُـوَّةَ إلَِّا بِاللَّەِ…» «كۈچ-قـۇۋۋەت پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمـى بىلـەن بولىـدۇ…» دېگەن ھەدىسـنى تولۇقـلاڭ ۋە بـەزى پايدىلىرىنى سۆزلەڭ؟

جـاۋاب: ئەبـۇ مۇسـا ئەلئەشـئەرى رەزىيەللاھـۇ ئەنھۇدىـن رىۋايـەت قىلىنىدۇكـى،رەسـۇلۇللاھ ﷺ مۇنـداق دېگـەن: «لاَ حَوْلَ وَلاَ قُوَّةَ إلِاَّ بِاللَّەِ كَنْزٌ مِنْ كُنُوزِ الجَْنَّةِ» «لا حَـوْلَ وَلاَ قُـوَّةَ إلِاَّ بِاللَّـەِ  كەلىمىسـى جەننـەت خەزىنىلىرىدىـن بىـر خەزىنىـدۇر»[60].

بۇ ھەدىستىن ئېلىنىدىغان پايدىلار:

  • بـۇ كەلىمىنىـڭ جەننەتكە كىرىشـكە ۋەسـىلە بولىدىغان ئۇلۇغ زىكىـر ئىكەنلىكى بايـان قىلىنغان.
  • بەنده ئۆز كۈچ-قۇدرىتىگه ئارتۇق ئىشىنىپ كەتمەي، كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ يالغۇز ئاللاھتىن ئىكەنلىكىنى بىلىشى تەكىتلەنگەن.

 

10-ھەدىس: قەلب ھەققىدە

سـوئال: «ألََا إنَِّ فِي الْجَسَـدِ مُضْغَـةً…» (بىلىڭلاركى، بەدەنـدە بىر پارچە گۆش بار…) دېگەن ھەدىسـنى تولۇقلاڭ ۋە ئۇنىڭ بەزى پايدىسـىنى سـۆزلەڭ؟

جـاۋاب: نۇئمـان ئىبنـى بەشـىر رەزىيەللاھـۇ ئەنھۇمادىـن رىۋايـەت قىلىنىدۇكـى، رەسـۇلۇللاھ ﷺ مۇنـداق دېگـەن:

« أَلَا وَإِنَّ فِي الْجَسَدِ مُضْغَةً، إِذَا صَلَحَتْ صَلُحَ الْجَسَدُ كُلُّهُ، وَإِذَا فَسَدَتْ فَسَدَ الْجَسَدُ كُلُّهُ، أَلَا وَهِيَ الْقَلْبُ »

« ئـاگاھ بولـۇڭلار! بەدەنـدە بىـر پارچـە گـۆش بـار بولـۇپ، ئەگەر ئۇ دۇرۇس (سـاق) بولسـا، پۈتـۈن بـەدەن دۇرۇس بولىـدۇ؛ ئەگـەر ئـۇ بۇزۇلسـا، پۈتـۈن بـەدەن بۇزۇلىـدۇ. بىلىڭلاركـى، ئـۇ بولسـىمۇ يۈرەكتـۇر»[61].

بۇ ھەدىستىن ئېلىنىدىغان پايدىلار:

  • يـۈرەك تۈزەلسـە ئىنسـاننىڭ ئىچكـى ۋە تاشـقى دۇنياسـى، بارلىـق ئەمەللىـرى تۈزىلىدۇ.
  • يۈرەكنى پاك تۇتۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

 

11-ھەدىس: تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە

سـوئال: «مَـنْ كَانَ آخِـرُ كَلَامِـەِ مِـنَ الدُّنْيَـا…»«بـۇ دۇنيادىن كېتىشـتە ئاخىرقـى سـۆزى «لَا إلَِەَ إلَِّا اللَّەُ» بولغان كىشـى…» دېگەن ھەدىسـنى تولۇقلاڭ ۋە بـەزى پايدىلىرىنى سـۆزلەڭ؟

جـاۋاب: مۇئـاز ئىبنـى جەبـەل رەزىيەللاھـۇ ئەنھۇدىـن رىۋايـەت قىلىنىدۇكـى، رەسـۇلۇللاھ ﷺ مۇنـداق دېگـەن:

«مَنْ كَانَ آخِرُ كَلَامِەِ لاَ إلِەََ إلِاَّ اللَّەُ دَخَلَ الجَْنَّةَ»

« كىمنىـڭ ئاخىرقى سـۆزى «لاَ إلِەََ إلِاَّ اللَّـەُ» بولىدىكەن، ئۇ جەننەتكە كىرىـدۇ»[62].

بۇ ھەدىستىن ئېلىنىدىغان پايدىلار:

  • تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ كاتتا پەزىلىتى بايان قىلىنغان.
  • ھاياتىنىـڭ ئاخىرىـدا بـۇ كەلىمىنـى ئېيتىـپ كېتىـش جەننەتكـە كىرىشـنىڭ كاپالىتىـدۇر.

 

12-ھەدىس: قوپال ۋە سەت گەپ قىلغۇچى ھەققىدە

سـوئال: «لَيْـسَ الْمُؤْمِـنُ بِالطَّعَّـانِ وَلَا اللَّعَّـانِ…» «مۇئمىن ھېچقاچـان تەنەخـور ۋە لەنەتخـور ئەمـەس…» دېگـەن ھەدىسـنى تولۇقـلاڭ ۋە بـەزى پايدىلىرىنـى سـۆزلەڭ؟

جـاۋاب: ئابدۇلـلاھ ئىبنـى مەسـئۇد رەزىيەللاھـۇ ئەنھۇدىـن رىۋايـەت قىلىنىدۇكـى، رەسـۇلۇللاھ ﷺ مۇنـداق دېگـەن:

«ليَْسَ المُْؤْمِنُ بِالطَّعَّانِ وَلاَ اللَّعَّانِ وَلاَ الفَْاحِشِ وَلاَ البَْذِيءِ»

« مۇئمىن كىشـى كىشـىلەرگە تەنـە قىلغۇچـى، لەنـەت ئوقۇغۇچـى، ئاغـزى بـۇزۇق (ھەددىدىن ئاشـقان) ۋە رەسـۋا سـۆزلەرنى قىلغۇچـى ئەمەسـتۇر»[63].

بۇ ھەدىستىن ئېلىنىدىغان پايدىلار:

  • ھـەر قانـداق قەبىـھ ۋە قوپـال سـۆزلەردىن، كىشـىلەرنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگـە تېگىشـتىن چەكلەيـدۇ.
  • تىلىنى پاك تۇتۇش مۇئمىننىڭ ئەڭ گەۋدىلىك سۈپىتىدۇر.

 

13-ھەدىس: پايدىسىز ئىشلارنى تەرك ئېتىش ھەققىدە

سـوئال: «مِنْ حُسْـنِ إسِْـلَامِ الْمَرْءِ…» «بىر كىشىنىڭ ئىسـلامىنىڭ گۈزەل بولغىنـى…» دېگەن ھەدىسـنى تولۇقلاڭ ۋە بەزى پايدىلىرىنى سـۆزلەڭ؟

جـاۋاب: ئەبـۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھـۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسـۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن:

«مِنْ حُسْنِ إسِْلَامِ المَْرْءِ تَرْكُەُ مَا لاَ يَعْنِيەِ»

« كىشـىنىڭ ئىسـلامىنىڭ گـۈزەل بولغانلىقـى — ئۇنىـڭ ئۆزىگـە ئالاقىسـى بولمىغـان بىھـۇدە ئىشـلارنى تـەرك ئېتىشـىدۇر»[64].

بۇ ھەدىستىن ئېلىنىدىغان پايدىلار:

  • دۇنيـا ۋە ئاخىـرەت ئۈچۈن پايدىسـىز بولغـان بىھۇدە سـۆز-ھەرىكەتلەردىن يىراق بولـۇش كېرەك.
  • كىشى پايدىسىز ئىشلارنى تاشلىغاندا، ئۇنىڭ دىندارلىقى مۇكەممەللىشىدۇ.

 

14-ھەدىس: قۇرئان ئوقۇشنىڭ ساۋابى ھەققىدە

سـوئال: «مَنْ قَـرَأَ حَرْفًا مِنْ كِتَـابِ اللَّەِ…» «كىمكـى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىـر ھـەرپ ئوقۇسـا…» دېگـەن ھەدىسـنى تولۇقـلاڭ ۋە بـەزى پايدىلىرىنـى سۆزلەڭ؟

جـاۋاب: ئابدۇلـلاھ ئىبنـى مەسـئۇد رەزىيەللاھـۇ ئەنھۇدىـن رىۋايـەت قىلىنىدۇكـى،رەسـۇلۇللاھ ﷺ مۇنـداق دېگـەن:

«مَـنْ قَـرَأَ حَرْفًـا مِـنْ كِتَـابِ اللَّەِ فَلَـەُ بِـەِ حَسَـنَةٌ، وَالحَْسَـنَةُ بِعَشْـرِ أمَْثَالهَِـا، لاَ أقَُولُ: (الــم) حَـرْفٌ، وَلكَِـنْ ألَـِفٌ حَـرْفٌ، وَلاَمٌ حَـرْفٌ، وَمِيـمٌ حَرْفٌ»

«كىمكـى ئاللاھنىـڭ كىتابىدىـن بىـر ھـەرپ ئوقۇسـا، ئۇنىـڭ ئۈچۈن بىـر ياخشـىلىق (سـاۋاب) يېزىلىـدۇ. ھـەر بىر ياخشـىلىق ئون ھەسسـىلەپ بېرىلىـدۇ. مەن «ئەلىـف، لام، مىم» نـى بىـر ھـەرپ دېمەيمـەن، بەلكـى «ئەلىـف» بىر ھـەرپ، «لام» بىرھـەرپ، «مىم» بىـر ھەرپتـۇر»[65].

بۇ ھەدىستىن ئېلىنىدىغان پايدىلار:

  • قۇرئان كەرىم ئوقۇشنىڭ چەكسىز ساۋابى ۋە پەزىلىتى بايان قىلىنغان.
  • ئالـلاھ تەئالانىـڭ بىـرەر ھـەرپ ئوقۇغۇچىغىمۇ كاتتا ئەجىر بېرىدىغـان سېخى زات ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

 

 

 

ئالتىنچى قىسىم: ئىسلامىي ئەدەپ-قائىدىلەر بۆلۈمى

ئاللاھ تەئالا ئالدىدا ئەدەپلىك بولۇش

سوئال: ئاللاھ ئالدىدا ئەدەپلىك بولۇش قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب:

1) ئاللاھنى بارلىق ئەيىب-نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئۇلۇغلاش.

2) شېرىكى يوق يەككە-يىگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش.

3) ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلىش ۋە بويسۇنۇش.

4) ئاللاھقا ئاسىيلىق قىلماسلىق.

5)  ئاللاھنىـڭ بەرگـەن پەزلى-رەھمىتىگـە ھەمدۇسـانا ئېيتىـش ۋە سـاناپ تۈگەتكۈسـىز نېمەتلىرىگـە شـۈكرى قىلىـش.

6) ئاللاھ بېكىتكەن تەقدىرگە سەۋر قىلىش بىلەن بولىدۇ.

 

رەسۇلۇللاھ ﷺ بىلەن بولىدىغان ئەدەپ-قائىدىلەر

سوئال: رەسۇلۇللاھ ﷺ بىلەن بولىدىغان ئەدەپ قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب:

1) ئۇ زاتنى يولباشچى قىلىپ، سۈننىتىگە ئەگىشىش.

2) ئۇ زاتنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلىش ۋە بويسۇنۇش.

3) ئۇ زاتقا ئاسىيلىق قىلماسلىق.

4) ئۇ زات يەتكۈزگەن خەۋەرلەرنى تەستىقلاش ۋە قەتئىي ئىشىنىش.

5) ئۇ زاتنىڭ سۈننىتىگە قوشۇمچە قىلىپ، دىندا بىدئەت پەيدا قىلماسلىق.

6) ئۇ زاتنى ئۆز جېنىدىنمۇ ۋە ھەممە نەرسىدىن بەك سۆيۈش.

7) ئۇ زاتنى ھۆرمەتلەش، ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ سۈننىتىگە ياردەم بېرىش.

 

ئاتا-ئانا بىلەن بولىدىغان ئەدەپ-قائىدىلەر

سوئال: ئاتا-ئانا بىلەن بولىدىغان ئەدەپ-قائىدىلەر قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب:

1) گۇناھ بولمايدىغان ئىشلاردا ئاتا-ئانىغا بويسۇنۇش.

2) ئاتا-ئانىنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ۋە ئۇلارغا يار-يۆلەك بولۇش.

3) ئاتا-ئانىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش.

4) ئۇلارغا دائىم ياخشى دۇئالارنى قىلىش.

5) ئۇلارغـا سـۆز قىلغاندىمـۇ ئـەدەپ بىلـەن سـۆزلەش؛ ئۇلارنىـڭ ئالدىـدا «ئـۇھ» دېمەسـلىك.

6) ئۇلارغا قاپاق تۈرمەستىن، دائىم تەبەسسۇم بىلەن قاراش.

7) ئاۋازىنـى ئۇلارنىـڭ ئاۋازىدىـن يۇقىـرى كۆتۈرمەسـلىك، سـۆزىنى كۆڭـۈل قويـۇپ ئـاڭلاش، سـۆزىنى كەسمەسـلىك.

8) ئۇلارنى ئىسمى بىلەن چاقىرماي، «دادا»، «ئانا» دەپ چاقىرىش.

9) ئۇلارنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىشتە رۇخسەت سوراش.

10) ئاتا-ئانىنىڭ قوللىرىنى ۋە باشلىرىنى سۆيۈپ ھۆرمەت بىلدۈرۈش.

 

سىلە-رەھىم (تۇغقانچىلىق) قىلىشتىكى ئەدەپ-قائىدىلەر

سوئال: سىلە-رەھىم قانداق قىلىنىدۇ؟

جاۋاب:

1) ئاكا-ئـۇكا، ئاچا-سـىڭىل، تاغا-ھاممـا ۋە پۈتـۈن ئۇرۇق-تۇققانلارنـى زىيـارەت قىلىش .

2) سۆز ۋە ھەرىكەتلەردە ئۇلارغا گۈزەل مۇئامىلە قىلىش ۋە ياردەم بېرىش.

3) ھەر ۋاقىت ئۇلارغا تېلېفون قىلىپ بولسىمۇ ھال-ئەھۋال سوراش.

 

ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن قېرىنداش بولۇشنىڭ ئەدەپلىرى

سـوئال: قېرىنداشـلىرىم ۋە دوسـتلىرىم بىلـەن قانـداق مۇئامىلىـدە بولىمـەن؟

جاۋاب:

1) ياخشى كىشىلەر بىلەن دوست بولىمەن ۋە ئۇلارنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيىمەن.

2) يامان كىشىلەر بىلەن سۆھبەتداش بولۇشتىن ئۇزاق تۇرىمەن.

3) قېرىنداشلىرىمغا سالام بېرىمەن ۋە قول ئېلىشىپ كۆرۈشىمەن.

4) ئاغرىپ قالسا يوقلايمەن ۋە ساقىيىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن.

5) چۈشكۈرسـە جـاۋاب بېرىمەن؛ يەنى ئـۇ «الحَْمْدُ للَِّەِ» (ئەلھەمدۇلىللاھ) دېسـە، مـەن «يَرْحَمُكَ اللَّـەُ» (يەرھەمۇكەللاھ) دەيمەن.

6) زىياپەتكـە چاقىرسـا بارىمـەن، سـىرىنى سـاقلايمەن ۋە سـەمىمىي نەسـىھەت قىلىمەن.

7) زۇلۇمغا ئۇچرىسا ياردەم بېرىمەن، زۇلۇم قىلىشىدىن توسىمەن.

8) ئۆزۈم ئۈچۈن ياخشى كۆرگەننى قېرىندىشىم ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرىمەن.

9) ئۇنى تىللىمايمەن، غەيۋىتىنى قىلمايمەن، ھەسەت قىلمايمەن ۋە ئالدىمايمەن.

 

قوشنىدارچىلىق ئەدەپلىرى

سوئال: قوشنىدارچىلىقنىڭ ئەدەپلىرى نېمىلەر؟

جاۋاب:

1) قوشـنامغا سـۆز ۋە ھەرىكەتتـە گـۈزەل مۇئامىلـە قىلىمـەن، ئېھتىياجى چۈشسـە يـاردەم بېرىمەن.

2) ھېيىت-بايـرام ۋە خۇشـاللىق كۈنلىرىـدە تەبرىكلەيمـەن، مۇسـىبەت يەتسـە تەسـەللى بېرىمـەن.

3) تاماق ئەتسەم، ئىمكانقەدەر ئۇنىڭغىمۇ بېرىمەن.

4) يۇقىـرى ئـاۋاز بىلـەن ئۇنـى بىئـارام قىلمايمـەن، شەخسـىيىتىگە جاسۇسـلۇق قىلمايمـەن ۋە ئۇنىڭغـا سـەۋرچان بولىمـەن.

 

مېھماندارچىلىق ئەدەپلىرى

سوئال: مېھماندارچىلىق ۋە مېھمان كۈتۈش ئەدەپلىرى نېمىلەر؟

جاۋاب:

1) بىرەرسى زىيارەتكە ياكى زىياپەتكە چاقىرسا بارىمەن.

2) بىرەرسـىنى زىيارەت قىلماقچى بولسـام، ئالدىن رۇخسـەت سـورايمەن ۋە ۋاقىت بەلگىلەيمەن.

3) كىرىشـتىن ئىلگىـرى ئىشـىكنى چېكىـپ رۇخسـەت سـورايمەن ۋە كېچىكىـپ قالمايمـەن.

4) مېھمـان بولغـان ئۆيـدە نامەھرەملەردىـن كۆزۈمنـى يۇمىمـەن،  تىكىلىـپ قارىمايمـەن.

5) مېھماننـى ئوچـۇق چىـراي، گـۈزەل سـۆزلەر بىلـەن قارشـى ئالىمـەن ۋە تۆرگـە باشـلايمەن.

6) يېمەك-ئىچمەك بىلەن مېھماننىڭ ھۆرمىتىنى قىلىمەن.

 

ئاغرىق ۋە كېسەل يوقلاش ئەدەپلىرى

سوئال: ئاغرىق ۋە كېسەل يوقلاش ئەدەپ-قائىدىلىرىنى سۆزلەڭ؟

جاۋاب:

  • بىـر يېرىـم ئاغرىسـا، ئوڭ قولۇمنـى قويۇپ ئۈچ قېتىم «بِسْـمِ اللَّەِ» (بىسـمىللاھ) ۋە يەتتـە قېتىم: «أعَُوذُ بِعِزَّةِ اللَّەِ وَقُدْرَتِەِ مِنْ شَرِّ مَا أجَِدُ وَأحَُاذِرُ» «مـەن ھېـس قىلىۋاتقـان ۋە قورقۇۋاتقـان نەرسـىنىڭ يامانلىقىدىـن ئاللاھنىـڭ ئىززىتـى ۋە قۇدرىتـى بىلـەن پانـاھ تىلەيمـەن» دەپ ئوقۇيمـەن.
  • ئاللاھنىڭ تەقدىرىگە رازى بولىمەن ۋە سەۋر قىلىمەن.
  • كېسـەلنى يوقلاشـقا ئالدىرايمـەن، ئۇنىڭغـا دۇئـا قىلىمـەن، ئەمما يېنىـدا ئۇزۇن ئولتـۇرۇپ بىئـارام قىلمايمەن.
  • ئۇنىڭغـا شـىپالىق ئايەتلەرنـى ئوقـۇپ رۇقىيـە قىلىمـەن ۋە مۇنـۇ دۇئانـى يەتتـە قېتىـم ئوقۇيمەن:
  • «أسَْألَُ اللَّەَ العَْظِيمَ، رَبَّ العَْرْشِ العَْظِيمِ، أنَْ يَشْفِيَكَ» «ئۇلۇغ ئەرشنىڭ رەببى بۈيۈك ئاللاھتىن ساڭا شىپالىق تىلەيمەن».

 

ئىلىم تەلەپ قىلىش ئەدەپلىرى

سوئال: ئىلىم تەلەپ قىلىشنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرىنى سۆزلەڭ؟

جاۋاب:

1) ئاللاھ ئۈچۈن خالىس نىيەت قىلىش.

2) ئۆگەنگەن بىلىمىگە ئەمەل قىلىش.

3) ئۇستازنى ھۆرمەتلەش، بار-يوقىدا ئىززىتىنى قىلىش.

4) ئۇسـتازنىڭ ئالدىـدا ئەدەپلىـك ئولتـۇرۇش، سـۆزىنى بۆلۈۋەتمـەي كۆڭـۈل قويۇپ ئاڭلاش.

5) سوئال سورىغاندا سىپايە بولۇش، ئىسمىنى ئاتاپ چاقىرماسلىق.

 

مەجلىس (يىغىلىش) ئەدەپ-قائىدىلىرى

10-سوئال: مەجلىسنىڭ ئەدەپلىرى نېمىلەر؟

جاۋاب:

1) مەجلىسكە كىرگەندە سالام بېرىش.

2) بوش يەردە ئولتۇرۇش، كىشىلەرنى ئورنىدىن قوپقۇزماسلىق.

3) باشقىلارغا يەر بوشىتىپ بېرىش ۋە سۆزىنى كېسىۋەتمەسلىك.

4) كېتىشتە رۇخسەت سوراش ۋە سالام بېرىپ قايتىش.

5) مەجلىس تۈگەپ قوپقاندا «كەفارەتۇل مەجلىس» دۇئاسىنى ئوقۇش:

«سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ وَبِحَمْدِكَ، أشَْهَدُ أنَْ لاَ إلِەََ إلِاَّ أنَْتَ، أسَْتَغْفِرُكَ وَأتَُوبُ إلِيَْكَ»

« ئى ئاللاھ! سـەن پاكسـەن، سـاڭا ھەمدۇسـانا بولسـۇن. سـەندىن باشقا ھېچبىـر ھەقىقىـي ئىـلاھ يوقلۇقىغـا گۇۋاھلىـق بېرىمەن، سـەندىن مەغپىـرەت تىلەيمەن ۋە سـاڭا تەۋبـە قىلىمەن» .

 

ئۇخلاشنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى

11-سوئال: ئۇخلاشنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرىنى سۆزلەڭ؟

جاۋاب:

1) بالدۇر ئۇخلاش ۋە تاھارەت بىلەن يېتىش.

2) دۈم ياتماسلىق، ئوڭ تەرەپنى بېسىپ يېتىش.

3) ئۇخـلاش دۇئاسـىنى ئوقۇش: «بِاسْـمِكَ اللَّهُـمَّ أمَُوتُ وَأحَْيَا» (ئى ئاللاھ! سـېنىڭ ئىسـمىڭ بىلەن ئۆلىمـەن ۋە تىرىلىمەن.)

4) ئايەتەل كۇرسى، ئىخلاس، فەلەق ۋە ناس سۈرىلىرىنى ئوقۇش.

5) بامدات نامىزىغا ۋاقتىدا قوپۇش ۋە قوپقاندا مۇنۇ دۇئانى ئوقۇش:

«الحَْمْدُ للَِّەِ الذَِّي أحَْيَانَا بَعْدَ مَا أمََاتَنَا وَإلِيَْەِ النُّشُورُ»

«بىزنـى ئۆلتۈرگەندىن كېيىـن (ئۇيقۇ بىلـەن) قايتا تىرىلدۈرگـەن ئاللاھقا ھەمدە بولسـۇن، قايتىدىغـان جايىمىز ئۇنىـڭ ھۇزۇرىدۇر».

 

يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى

سوئال: يېمەك-ئىچمەكنىڭ ئەدەپ-قائىدىلىرى نېمىلەر؟

جاۋاب:

1) ئىبادەتكە كۈچ توپلاشنى نىيەت قىلىپ يېيىش.

2) يېيىشتىن ئىلگىرى ئىككى قولنى يۇيۇش.

3) «بِسْمِ اللَّەِ» (بىسمىللاھ) دەپ، ئوڭ قول بىلەن ئۆز ئالدىدىن يېيىش.

4) ئەگەر بېشىدا ئۇنتۇپ قالسا: «بِسْمِ اللَّەِ فِي أوََّلەِِ وَآخِرِەِ» دېيىش.

5) تاماقنى ئەيىبلىمەسلىك؛ ياقتۇرسا يېيىش، ياقتۇرمىسا جىم تۇرۇش.

6) بەك كۆپ يېمەسلىك، تاماقنى پۈۋلىمەسلىك.

7) چوڭلاردىن بۇرۇن باشلىماسلىق، ئائىلە بىلەن جەم بولۇپ يېيىش.

8) ئىچكەندە ئولتۇرۇپ، ئۈچ يۇتۇملاپ ئىچىش.

9) تۈگەتكەندە شۈكرى ئېيتىپ مۇنۇ دۇئانى ئوقۇش:

«الحَْمْدُ للَِّەِ الذَِّي أطَْعَمَنَا وَسَقَانَا وَجَعَلَنَا مُسْلِمِينَ»

«بىزگـە تائـام ۋە ئۇسسـۇزلۇق بەرگـەن، بىزنـى مۇسـۇلمانلاردىن قىلغـان ئاللاھقـا ھەمدۇسـانا بولسـۇن».

 

كىيىم كىيىش ئەدەپلىرى

13-سوئال: كىيىم كىيىش ئەدەپلىرىنى ساناپ چىقىڭ؟

جاۋاب:

1) كىيىمنـى ئوڭ تەرەپتىن باشـلاپ كىيىـش ۋە «الحَْمْدُ للَِّەِ الذَِّي ألَبَْسَـنِي هَذَا…» دەپ دۇئا قىلىش.

2) كىيىمنى (ئەرلەر ئۈچۈن) ئوشۇقتىن تۆۋەن كىيمەسلىك.

3) ئوغۇللار قىزلارغا، قىزلار ئوغۇللارغا خاس كىيىملەرنى كىيىۋالماسلىق.

4) كاپىر ۋە پاسىقلارغا ئوخشاپ قالىدىغان كىيىملەرنى كىيمەسلىك.

5) كىيىمنى سالغاندا «بِسْمِ اللَّەِ» دېيىش.

6) ئاياغ كىيگەندە ئوڭنى ئاۋۋال كىيىش، سالغاندا سولنى ئاۋۋال سېلىش.

 

قاتناش ۋاسىتىلىرىگە مىنىش ئەدەپلىرى

سوئال: قاتناش ۋاسىتىلىرىگە مىنىش ئەدەپلىرىنى سۆزلەڭ؟

جاۋاب:

1) «بِسْمِ اللَّەِ، الحَْمْدُ للَِّەِ» دەپ، مىنىش دۇئاسىنى ئوقۇش:

﴿سُـبْحَانَ الَّـذِي سَـخَّرَ لَنَـا هَٰـذَا وَمَـا كُنَّـا لَـهُ مُقْرِنِيـنَ * وَ إِنَّـا إِلَـىٰ رَبِّنَـا لَْمُنقَلِبُـونَ﴾

«بىزگە بۇنى بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات (ئاللاھ) پاكتۇر، بىز ئۆزىمىز بۇنىڭغا قادىر ئەمەس ئىدۇق، بىز ئەلۋەتتە رەببىمىز تەرەپكە قايتقۇچىلارمىز»[66].

 

يول ئەدەپلىرى

سوئال: يولنىڭ ئەدەپلىرىنى سۆزلەڭ؟

جاۋاب:

1) كەمتەرلىك بىلەن مېڭىش، يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە مېڭىش.

2) ئۇچرىغان كىشىگە سالام بېرىش.

3) كۆزنى نامەھرەمدىن ساقلاش، كىشىگە ئازار بەرمەسلىك.

4) ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش.

5) يولدىكى ئەزىيەت يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنى ئېلىۋېتىش.

 

ئۆيگە كىرىش ۋە چىقىشنىڭ ئەدەپلىرى

سوئال: ئۆيگە كىرىش ۋە چىقىشنىڭ ئەدەپلىرىنى سۆزلەڭ؟

جاۋاب:

ئۆيدىن چىققاندا سول پۇت بىلەن چىقىش ۋە مۇنۇ دۇئانى ئوقۇش:

«بِاسْـمِ اللَّـەِ، تَوَكَّلْـتُ عَلَـى اللَّـەِ، لاَ حَـوْلَ وَلاَ قُـوَّةَ إلِاَّ بِاللَّـەِ، اللَّهُـمَّ إنِِّـي أعَُـوذُ بِـكَ أنَْ أضَِـلَّ أوَْ أضَُـلَّ…»

« ئاللاھنىـڭ ئىسـمى بىلـەن چىقتىـم، ئاللاھقـا تەۋەككۈل قىلدىـم، ئىش- ھەرىكەت ۋە كۈچ- قۇۋۋەت پەقەت ئاللانىڭ ياردىمى  بىلەن بولىدۇ ئى ئاللاھ! مەن ئېزىپ كېتىش ياكى ئازدۇرۇلۇشـتىن، تېيىلىپ كېتىش ياكى تېيىلدۇرۇلۇشـتىن … سـاڭا سـېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن».

ئۆيگـە كىرگەنـدە ئـوڭ پۇت بىلەن كىرىش، مىسـۋاك ئىشـلىتىش، سـالام بېرىش ۋە كىرىش دۇئاسـىنى ئوقۇش.

كىرىش دۇئاسى: «بِاسم الله وَلَجْنَا، و باسمِ اللهِ خَرَجْنا وَعَلَى رَبِّنَا تَوَكَّلْنا» «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن چىقتۇق، ئاللاەنىڭ ئىسمى بىلەن كىردۇق ۋە رەببىمىز ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلدۇق».

 

ھاجەتخانا ئەدەپلىرى

سوئال: ھاجەتخانا ئەدەپلىرىنى سۆزلەڭ؟

 جاۋاب:

  • سول پۇت بىلەن كىرىش ۋە كىرىشتىن بۇرۇن مۇنۇ دۇئانى ئوقۇش:

«بِاسْمِ اللَّەِ، اللَّهُمَّ إنِِّي أعَُوذُ بِكَ مِنَ الخُْبُثِ وَالخَْبَائِثِ»

« ئاللاھنىـڭ ئىسـمى بىلـەن… ئـى ئالـلاھ! مـەن ئەر-ئايـال جىـن-شـەيتانلارنىڭ ئەسـكىلىكىدىن ساڭا سـېغىنىپ پانـاھ تىلەيمـەن».

  • ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى بار نەرسىلەر بىلەن كىرمەسلىك.
  • ئۆزىنـى دالدىغـا ئېلىـش، گـەپ قىلماسـلىق، قىبلىگـە ئالدىنـى ياكـى كەينىنـى قىلماسـلىق.
  • سـول قـول بىلـەن پاكىزلىنىـش، چىققاندا ئـوڭ پۇت بىلـەن چىقىـپ «غُفْرَانَكَ» دېيىش.

 

مەسجىد ئەدەپلىرى

سوئال: مەسجىدنىڭ ئەدەپلىرىنى سۆزلەڭ؟

جاۋاب:

1) ئوڭ پۇت بىلەن كىرىش ۋە: «بِاسْمِ اللَّەِ، اللَّهُمَّ افْتَحْ ليِ أبَْوَابَ رَحْمَتِكَ» دېيىش.

2) «تەھىيەتۇل مەسجىد» نامىزى ئوقۇماي ئولتۇرماسلىق.

3) نامازخانلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتمەسلىك، مەسجىدتە سودا-سېتىق قىلماسلىق.

4) سول پۇت بىلەن چىقىش ۋە: «اللَّهُمَّ إنِِّي أسَْألَكَُ مِنْ فَضْلِكَ» دېيىش.

 

سالامنىڭ ئەدەپلىرى

سوئال: سالامنىڭ ئەدەپلىرىنى سۆزلەڭ؟

جاۋاب:

1) ئۇچراشقاندا «السَّلَامُ عَلَيْكُمْ» (ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم) دەپ سالام بېرىش.

2) سالامدا تەبەسسۇم قىلىش ۋە قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش.

3) بىرەرسـى سـالام بەرسـە، تېخىمـۇ گـۈزەل ياكـى ئوخشـاش ئىبارە بىلـەن جاۋاب قايتۇرۇش.

4) كاپىرغا ئاۋۋال سالام بەرمەسلىك، ئۇ بەرسە ئوخشاش قايتۇرۇش.

5) كىچىكلەر چوڭلارغا، ئازلار كۆپكە سالام بېرىش.

 

رۇخسەت سوراشنىڭ ئەدەپلىرى

رۇخسەت سوراشنىڭ ئەدەپلىرىنى سۆزلەڭ؟

جاۋاب:

1) كىرىشـتىن بۇرۇن رۇخسەت سـوراش، ئۈچ قېتىم سـوراپ رۇخسـەت بولمىسـا قايتىپ كېتىش.

2) ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرۇۋالماي، ئوڭ ياكى سول تەرەپتە تۇرۇپ چېكىش.

3) ياتـاق ئۆيلەرگـە، بولۇپمـۇ بامداتتىـن بـۇرۇن، چۈشـلۈك ئارامـدا ۋە خۇپتەندىـن كېيىـن رۇخسەتسـىز كىرمەسـلىك.

 

ھايۋانلارغا كۆيۈنۈش ئەدەپلىرى

21-سوئال: ھايۋانلارغا كۆيۈنۈش ئەدەپلىرىنى سۆزلەڭ؟

جاۋاب:

1) يەم-خەشەك ۋە سۇ بېرىش، ئاچ قويماسلىق.

2) رەھىم قىلىش، كۆتۈرەلمەيدىغان يۈك يۈكلىمەسلىك ۋە قىينىماسلىق.

 

چېنىقىش ئەدەپلىرى

22-سوئال: چېنىقىش ئەدەپلىرىنى سۆزلەڭ؟

جاۋاب:

1) ئىبادەتكە كۈچ توپلاشنى نىيەت قىلىش.

2) ناماز ۋاقىتلىرىغا دەخلى قىلماسلىق.

3) ئەۋرەتنى ياپىدىغان كىيىم كىيىش، نامەھرەملەر بىلەن ئارىلىشىپ چېنىقماسلىق.

 

چاقچاقنىڭ ئەدەپلىرى

سوئال: چاقچاقنىڭ بەزى ئەدەپلىرىنى سۆزلەپ ئۆتۈڭ؟

جاۋاب:

1) چاقچاقتا راست سۆزلەش، يالغان ئېيتماسلىق.

2) مەسخىرە، قورقۇتۇش ۋە ئازار بېرىشتىن خالىي بولۇش.

3) ھەددىدىن زىيادە كۆپ چاقچاق قىلماسلىق.

 

چۈشكۈرۈشنىڭ ئەدەپلىرى

سوئال: چۈشكۈرۈشنىڭ ئەدەپلىرىنى سۆزلەڭ؟

جاۋاب:

1) ئېغىزىنى قولى ياكى سۈرتكۈچ بىلەن ئېتىش.

2) چۈشكۈرگەندىن كېيىن «الحَْمْدُ للَِّەِ» دېيىش.

3) يېنىدىكـى كىشـى «يَرْحَمُـكَ اللَّەُ» دېيىش؛ چۈشـكۈرگۈچى ئۇنىڭغـا: «يَهْدِيكُمُ اللَّـەُ وَيُصْلِـحُ بَالكَُـمْ» «ئالـلاھ سـىلەرنى ھىدايـەت قىلسـۇن ۋە ئىشـلىرىڭلارنى ئوڭۇشـلۇق قىلسـۇن» دەپ دۇئـا قىلىش.

 

ئەسنەشنىڭ ئەدەپلىرى

سوئال: ئەسنەشنىڭ ئەدەپلىرى نېمىلەر؟

جاۋاب:

1) ئىمكانقەدەر يۇتۇۋېلىش (توسۇش).

2) ئاۋاز چىقارماسلىق ۋە سول قولنىڭ ئارقىسى بىلەن ئاغزىنى ئېتىش.

 

قۇرئان كەرىم ئوقۇشنىڭ ئەدەپلىرى

سوئال: قۇرئان كەرىم ئوقۇشنىڭ ئەدەپلىرىنى سۆزلەڭ؟

 جاۋاب:

1) تاھارەت بىلەن، ئەدەپلىك ئولتۇرۇپ ئوقۇش.

2) باشلىغاندا «أعَُوذُ بِاللَّەِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ» دېيىش.

3) مەنىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ھۆرمەت بىلەن ئوقۇش

 

 

 

يەتتىنچى قىسىم: ئەخلاق بۆلۈمى

1-سوئال: گۈزەل ئەخلاقنىڭ پەزىلىتىنى سۆزلەڭ؟

جاۋاب: رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن: «أكَْمَلُ المُْؤْمِنِينَ إيِمَانًا أحَْسَنُهُمْ خُلُقًا»

تەرجىمىسـى: «مۇئمىنلـەر ئىچىـدە ئىمانـى ئـەڭ مۇكەممـەل بولغىنـى — ئەخلاقى ئـەڭ گـۈزەل بولغىنىـدۇر»[67].

2-سوئال: نېمە ئۈچۈن ئىسلام ئەخلاقىغا بەك ئەھمىيەت بېرىمىز؟

جاۋاب:

1) چۈنكـى ئىسـلامىي ئەخـلاق ئاللاھنىـڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىشـنىڭ ئاساسـلىق ئامىلىدۇر.

2) ئۇ كىشىلەرنىڭ سۆيگۈسىگە ئېرىشىشنىڭ ئاساسىدۇر.

3) ئۇ قىيامەت كۈنى مىزاندا (تارازىدا) ئەڭ ئېغىر كېلىدىغان سەرمايىدۇر.

4) گۈزەل ئەخلاق بىلەن ھەسسىلەپ ئەجىر ۋە ساۋابقا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

5) ئۇ ئىماننىڭ مۇكەممەل بولغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر.

3-سوئال: بىز ئەخلاقنى قەيەردىن ئۆگىنىمىز؟

جاۋاب: بىز ئەخلاقنى قۇرئان كەرىمدىن ئۆگىنىمىز. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:

﴿إِنَّ هَـذَا الْقُـرْآنَ يَهْـدِي لِلَّتِـي هِـيَ أَقْـوَمُ﴾

«ھەقىقەتەن بۇ قۇرئان (ھەر بىر ئىشنىڭ) ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ ئېسىلىگە باشلايدۇ»[68].

بىـز يەنـە ئەخلاقنـى پەيغەمبەر ﷺ نىڭ سـۈننىتىدىن ئۆگىنىمىز. رەسـۇلۇللاھ ﷺ مۇنـداق دېگەن:

«إنَِّمَا بُعِثْتُ لأِتَُمِّمَ صَالحَِ الأْخَْلَاقِ»

«مـەن پەقـەت ياخشـى ئەخلاقلارنـى مۇكەممەللەشـتۈرۈش ئۈچۈنلا ئەۋەتىلدىـم»[69].

4-سوئال: گۈزەللىك (ئېھسان) ۋە ئۇنىڭ كۆرۈنۈشلىرى نېمىلەر؟

جـاۋاب: گۈزەللىك — ھەر ۋاقىت ئاللاھنىـڭ ئەمرىگە رىئايە قىلىش ۋە مەخلۇقاتلارغا ياخشـىلىق تەقدىم قىلىش دېمەكتۇر. رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن:

«إنَِّ اللَّەَ كَتَبَ الإْحِْسَانَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ»

«ئالـلاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسـىدە گۈزەل قىلىشـنى (ئېھسـاننى) پـەرز قىلدى»[70]. (مۇسـلىم رىۋايىتى.)

گۈزەللىكنىڭ بەزى كۆرۈنۈشلىرى:

  • ئاللاھقا قىلىنىدىغان ئىبادەتتىكى گۈزەللىك: بۇ ئىبادەتتە ئاللاھقا ئىخلاس قىلىش بىلەن بولىدۇ.
  • ئاتا-ئانىغا، قېرىنداشلارغا، ئۇرۇق-تۇققانلارغا ۋە قوشنىلارغا ياخشىلىق قىلىش.
  • يېتىملارغا، كەمبەغەللەرگە ۋە ئۆزىگە ئەسكىلىك قىلغانلارغىمۇ گۈزەل مۇئامىلە قىلىش.
  • سۆز-چۆچەكتە، دەتالاش ۋە جېدەل-ماجىرالاردا ئەدەپلىك بولۇش.
  • ھايۋانلارغا مېھرىبانلىق قىلىش.

5-سوئال: گۈزەللىكنىڭ ئەكسى نېمە؟

جاۋاب: گۈزەللىكنىڭ ئەكسى — ناچارلىق ۋە ئەسكىلىكتۇر. مەسىلەن: ئىبادەتتە ئىخلاس قىلماسلىق، ئاتا-ئانىنى قاخشىتىش، سىلە-رەھىمنى ئۈزۈش، قوشنىلارغا ئەزىيەت بېرىش،  ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىلماسلىق ۋە باشقا بارلىق يامان سۆز-ھەرىكەتلەر گۈزەللىكنىڭ ئەكسى بولغان ناچار ئىللەتلەردۇر.

6-سوئال: ئامانەتنىڭ تۈرلىرى ۋە كۆرۈنۈشلىرى نېمىلەر؟

 جاۋاب:

  • ئاللاھنىـڭ ھەققىنـى ساقلاشـتىكى ئامانـەت: ئالـلاھ پـەرز قىلغان نامـاز، زاكات ،روزا، ھـەج قاتارلىـق ئىبادەتلەرنـى جايىـدا ئـادا قىلىش بىـر ئامانەتتۇر.
  • مەخلۇقاتلارنىـڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنـى ساقلاشـتىكى ئامانـەت: كىشـىلەرنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى، مال-مۈلكىنى، جېنىنى، سـىر-مەخپىيەتلىكلىرىنى ۋە بىزگە تاپشـۇرۇلغان بۇيۇملارنـى قوغـداش ئامانەتتۇر.

ئاللاھ تەئالا نىجات تاپىدىغانلارنى سۈپەتلەپ مۇنداق دېگەن:

﴿وَالَّذِيـنَ هُـمْ لِْأَمَانَاتِهِـمْ وَعَهْدِهِـمْ رَاعُـونَ﴾

«ئۇلار (نىجات تاپقۇچىلار) ئۆزلىرىگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە ۋە ۋەدىلىرىگە رىئايە قىلغۇچىلاردۇر»[71].

7-سوئال: ئامانەتنىڭ ئەكسى نېمە؟

جاۋاب: ئامانەتنىڭ ئەكسى — خىيانەتتۇر. يەنى ئاللاھنىڭ ھەققىنى ۋە ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى جايىدا ئادا قىلماسلىقتۇر. رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن:

«آيَةُ المُْنَافِقِ ثَلَاثٌ… وَإذَِا اؤْتُمِنَ خَانَ»

«مۇناپىقنىـڭ ئالامىتى ئۈچتـۇر… (بىرى ئامانەت قويۇلسـا خىيانەت قىلىدۇ».[72]

8-سوئال: راستچىللىق ئەخلاقى دېگەن نېمە؟

جاۋاب: ئۇ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن سۆزلەش ياكى ھەر بىر نەرسىنى ئەينەن بايان قىلىش دېمەكتۇر. ئۇنىڭ كۆرۈنۈشلىرى: كىشىلەر بىلەن سۆزلەشكەندە، ۋەدە بەرگەندە ۋە بارلىق ئىشلاردا راستچىل بولۇشتۇر. رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن:

«إنَِّ الصِّدْقَ يَهْدِي إلِىَ البِْرِّ، وَإنَِّ البِْرَّ يَهْدِي إلِىَ الجَْنَّةِ، وَإنَِّ الرَّجُلَ ليََصْدُقُ حَتَّى يُكْتَبَ عِنْدَ اللَّەِ صِدِّيقًا» «راستچىللىق ھەقىقەتەن ياخشىلىققا باشلايدۇ، ياخشىلىق جەننەتكە باشلايدۇ. بىر كىشى توختىماي راست سۆزلىسە،  ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا «ساداقەتمەن (سىددىق)» دەپ يېزىلىدۇ»[73].

9-سوئال: راستچىللىقنىڭ ئەكسى نېمە؟

جاۋاب: ئۇنىڭ ئەكسى — يالغانچىلىقتۇر. يەنى ھەقىقەتكە زىت سۆزلەش، ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش ۋە يالغان گۇۋاھلىق بېرىشتۇر. رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن:

«وَإنَِّ الكَْذِبَ يَهْدِي إلِىَ الفُْجُورِ، وَإنَِّ الفُْجُورَ يَهْدِي إلِىَ النَّارِ، وَإنَِّ الرَّجُلَ ليََكْذِبُ حَتَّى يُكْتَبَ عِنْدَ اللَّەِ كَذَّابًا» «يالغانچىلىق ھەقىقەتەن گۇناھ-مەئسىيەتكە باشلايدۇ، گۇناھ-مەئسىيەت دوزاخقا باشلايدۇ. بىر كىشى يالغان سۆزلەۋەرسە، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا «كاززاپ (يالغانچى)»  دەپ يېزىلىدۇ»[74].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «آيةُ المنافِقِ ثلاثٌ» «مۇناپىقنىڭ ئالامىتى ئۈچ» دېگەن ۋە ئۇنىڭ قاتارىدا: «إذا حَدَّث كَذَبَ وإذا وعَدَ أخْلفَ» «سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ ۋە ۋەدە قىلسا خىلاپلىق قىلىدۇ»[75] دىگەننىمۇ بايان قىلغان.

10-سوئال: سەۋرنىڭ تۈرلىرىنى سۆزلەڭ؟

جاۋاب:

  • ئاللاھقا تائەت-ئىبادەت قىلىشتا سەۋر قىلىش.
  • گۇناھ-مەئسىيەتتىن ئۆزىنى تارتىشتا سەۋر قىلىش.
  • بېشىغا كەلگەن ئېچىنىشلىق تەقدىر قىسمەتلىرىگە سەۋر قىلىش ۋە ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىش.
  • بايلىق، ھوقۇق ۋە مەنسەپ سىناقلىرىدا سەۋر قىلىش.

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:

﴿وَاللََّّهُ يُحِـبُّ الصَّابِرِيـنَ﴾ «ئاللاھ سەۋر قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ»[76].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «عَجَباً لأِمَْرِ المؤمِنِ إنَِّ أمَْرَەُ كُلَّەُ خَيْرٌ, وليَْس ذلك إلاَّ للمؤمن، إنِْ أصابَتەُ سَرّاءُ شَكَرَ فكانَ خَيْراً لەُ وإنْ أصابًتْەُ ضرَّاءُ صَبَرَ فكان خَيْراً لەُ» «مۇئمىننىڭ ئىشى ھەيران قالارلىق، ھەقىقەتەن مۇئمىننىڭ ئىشىنىڭ ھەممىسى ياخشىلىق، بۇ پەقەت مۇئمىن ئۈچۈن شۇنداق؛ ئەگەر بىرەر خوشاللىق كەلسە شۈكۈر قىلىدۇ-دە، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىلىق بولىدۇ ۋە ئەگەر بىرەر مۇسىبەت يەتسە سەۋر قىلىدۇ-دە، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشىلىق بولىدۇ»[77]

11-سوئال: سەۋرنىڭ ئەكسى نېمە؟

جاۋاب: سەۋرنىڭ ئەكسى — سەۋرسىزلىك ۋە قىسمىتىگە نارازى بولۇشتۇر. يەنى ئىبادەتكە سەل قاراش، گۇناھتىن ئۆزىنى تۇتالماسلىق، مۇسىبەت يەتكەندە غەزەپلىنىپ، ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇش، ئۆلۈم تىلەش، ئۈستى-بېشىنى يىرتىش ياكى نالە-پەرياد قىلىش قاتارلىقلار سەۋرسىزلىكتۇر. رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن:

«الجَزاء معَ عِظَمِ البَلاءِ وَإنَِّ اللَّەَ إذَِا أحََبَّ قَوْمًا ابْتَلَاهُمْ، فَمَنْ رَضِيَ فَلَەُ الرِّضَا، وَمَنْ سَخِطَ فَلَەُ السَّخَطُ»

« ئاللاھ بىر قەۋىمنى ياخشى كۆرسە ئۇلارنى سىنايدۇ. كىمكى (سىناققا) رازى بولسا، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ رازىلىقى بولىدۇ؛ كىمكى غەزەپلەنسە، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ غەزىپى بولىدۇ»[78].

12-سوئال: ھەمكارلىق ئەخلاقى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىڭ؟

جاۋاب: ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆز-ئارا ھەقىقەت ۋە ياخشىلىق يولىدا بىر-بىرىگە ياردەم بېرىشىدۇر.

كۆرۈنۈشلىرى:  ھەق-ھوقۇقنى قوغداشتا،  زالىمغا قارشى تۇرۇشتا،  مۇھتاجلارنىڭ ئېھتىياجىنى قامداشتا ۋە بارلىق خەيرلىك ئىشلاردا ھەمكارلىشىشتۇر. گۇناھ-مەئسىيەت، ئاداۋەت ۋە دۈشمەنلىكتە ھەمكارلىشىش ھارامدۇر.

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:

﴿وَتَعَاوَنُـوا عَلَـى الْبِـرِّ وَالتَّقْـوَىٰ ۖ وَلََا تَعَاوَنُـوا عَلَـى الْْإِثْـمِ وَالْعُـدْوَانِ وَ اتَّقُـوا اللََّّهَ ۖ إِنَّ اللََّّهَ شَـدِيدُ الْعِقَـابِ﴾

«ياخشىلىققا ۋە تەقۋادارلىققا ھەمكارلىشىڭلار،  گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ھەمكارلاشماڭلار،  ئاللاھنىڭ ئازابى ئىنتايىن قاتتىقتۇر»[79].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «المؤمن للمؤمن كالبنيانِ يشُدُّ بَعْضُەُ بَعْضاً» «مۇئمىن يەنە بىر مۇئمىن ئۈچۈن بىر بىناغا ئوخشايدۇكى؛ بەزىسى بەزىسىنى تولۇقلايدۇ».

«المُسلمُ أخَو المُسْلِمِ, لا يَظْلمەُ و لا يُسْلِمەُ ومَنْ كانَ في حاجَةِ أخِيەِ كان اللە في حاجَتَەِ ومَنْ فَرَّجَ عَنْ مُسْلِمٍ كُرْبَةً فَرَّجَ اللەُ عَنەُ كُرْبَةً مِنْ كُروباتِ يَومِ القِيامةِ وَمَنْ سَتَرَ مُسلماً سَتَرَەُ اللەُ يوْمَ القِيامةِ» «مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى بولۇپ، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلمايدۇ ۋە ئۇنى مەيلىگە قويۇۋەتمەيدۇ، كىمىكى قېرىندىشىنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلسا ئاللاھ ئۇنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىدۇ. كىمىكى مۇسۇلماندىن بىرەر قىيىنچىلىقنى ئاسان قىلسا، ئاللاھ ئۇ كىشىدىن قىيامەتنىڭ مۈشكۈللىرىدىن بىرەر مۈشكۈلىنى ئاسان قىلىدۇ. كىمىكى بىر مۇسۇلماننىڭ ئەيىپىنى ياپسا، ئاللاھ قىيامەت كۈنى ئۇنىڭ ئەيبىنى ياپىدۇ»[80].

13-سوئال: ھايا قىلىش ئەخلاقىنىڭ تۈرلىرى نېمىلەر؟

جاۋاب:

  • ئاللاھتىن ھايا قىلىش: ئاللاھ كۆرۈپ تۇرغان يەردە ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىشتىن نومۇس قىلىشتۇر.
  • ئىنسانلاردىن ھايا قىلىش: كىشىلەرنى بىزار قىلىدىغان سەت سۆزلەردىن، ئەۋرەتنى ئېچىشتىن ۋە ئەسكى قىلىقلاردىن ساقلىنىشتۇر.

رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن: «…وَالحَْيَاءُ شُعْبَةٌ مِنَ الإْيِمَانِ»

« ھايامۇ ئىماننىڭ بىر شېخىدۇر»[81].

14-سوئال: مېھرى-شەپقەت ئەخلاقىدىن ئۆرنەكلەرنى سۆزلەڭ؟

جاۋاب:  ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش،  ئۆسمۈر ۋە كىچىكلەرگە كۆيۈنۈش،  يوقسۇل-مۇھتاجلارغا ياردەم قىلىش، ھەتتا ھايۋاناتلارغىمۇ رەھىم قىلىپ يەم-سۈيىنى بېرىش مېھرى-شەپقەتنىڭ نامايەندىسىدۇر. رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن: «تَرَى المؤمنين في تراحُمِهِم وتوادِّهِمْ و تعاطفِهِم كمَثَلِ الجَسَدِ، إذا اشْتَكَى عُضْوٌ تَداعَى لەُ سائرُ جَسَدِەِ بالسَّهَرِ والحُمَّى» «مۇئمىنلەرنى ئۆز- ئارا مېھرى- شەپقەت، دوستانىلىق ۋە كۆيۈمچانلىقتا، بىرەر ئەزاسى ئاغرىپ قالسا قالغان يېرى ئۇيقۇسۇزلۇق ۋە قىزىتما بولۇپ ئۇنىڭ ئۈچۈن بىئارام بولىدىغان بىر تەنگە ئوخشاش كۆرىسەن»[82].

«الرَّاحِمُونَ يَرْحَمُهُمُ الرَّحْمَنُ، ارْحَمُوا مَنْ فِي الأْرَْضِ يَرْحَمْكُمْ مَنْ فِي السَّمَاءِ» «مېھرىبانلىق قىلغۇچىلارغا مېھرىبان ئاللاھ رەھمەت قىلىدۇ. زېمىندىكى كىشىلەرگە مېھرىبانلىق قىلىڭلاركى، ئاسماندىكى زات سىلەرگە رەھمەت قىلسۇن»[83] .

15-سوئال: دوستلۇق ئەخلاقىنىڭ تۈرلىرىنى سۆزلەڭ؟

جاۋاب:

  1. ئاللاھنى دوست تۇتۇش: ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن: ﴿وَالَّذِيـنَ آمَنُـوا أَشَـدُّ حُبًّـا لِِّلََّّهِ﴾«ئىمان ئېيتقانلار ئاللاھنى ھەممىدىن بەك دوست تۇتىدۇ»[84].
  2. رەسۇلۇللاھ ﷺ نى دوست تۇتۇش: ئۇ زاتنى پۈتۈن مەخلۇقاتتىن بەك سۆيۈشتۇر.

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «وَالذَِّي نَفْسي بِيَدِەِ لا يؤمنُ أحَدُكُم حَتَّى أكونَ أحََبَّ إليەِ مِنْ والدەِ وولدَِەِ» «جېنىم ئىلكىدە بولغان زات ئاللاھ بىلەن قەسەمكى؛ مەن سىلەرنىڭ بىرىڭلارغا دادىسىدىنمۇ ۋە بالىسىدىنمۇ سۆيۈملۈك بولمىغۇچىلىك ئۇ مۇئمىن بولمايدۇ»[85].

  1. مۇئمىنلەرنى دوست تۇتۇش: ئۆزى ئۈچۈن ياخشى كۆرگەننى مۇئمىن قېرىنداشلىرى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرۈشتۇر .

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دىگەن: «لا يؤْمِنُ أحَدُكُم حَتَّى يُحِبَّ لأخيەِ ما يُحِبُّ لنَِفْسەِ» «ئۆزىگە ياخشى كۆرگەن نەرسىنى مۇئمىن قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرمىگىچىلىك سىلەرنىڭ بىرىڭلار مۇئمىن بولمايدۇ»[86]

16-سوئال: خۇشچىراي ۋە خۇشپېئىللىقنى چۈشەندۈرۈڭ؟

جاۋاب: ئۇ كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقاندا تەبەسسۇملۇق، مۇلايىم ۋە ئوچۇق چىراي بولۇشتۇر. بۇ كىشىلەرنى نەپرەتلەندۈرىدىغان سەت قاپاق تۈرۈشنىڭ ئەكسىدۇر. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسسالام مۇنداق دىگەن: «لا تَحْقِرَنَّ مِنَ المَعْروفِ شَيْأً ولو أنَْ تَلْقى أخاكَ بِوجْەٍ طَلْقٍ» «توغرا، ياخشى ئىشلاردىن ھېچ نەرسىنى كىچىك سانىما، گەرچە ئۇ، قېرىندىشىڭ بىلەن ئوچۇق چىراي ئۇچرىشىش بولسىمۇ»[87].

رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن: «تَبَسُّمُكَ فِي وَجْەِ أخَِيكَ لكََ صَدَقَةٌ» «قېرىندىشىڭنىڭ يۈزىگە تەبەسسۇم بىلەن قارىغىنىڭ سەن ئۈچۈن سەدىقەدۇر»[88].

17-سوئال: ھەسەت دېگەن نېمە؟

جاۋاب: ئۇ باشقىلارغا بېرىلگەن نېمەتنىڭ يوق بولۇپ كېتىشىنى ئارزۇ قىلىش ياكى كىشىلەرنىڭ ياخشىلىقىغا چىدىماسلىقتۇر. ئاللاھ تەئالا بىزنى مۇنداق دېيىشكە بۇيرۇغان:﴿وَمِـن شَـرِّ حَاسِـدٍ إِذَا حَسَـدَ﴾

«ھەسەتخورنىڭ ھەسەت قىلغان چاغدىكى يامانلىقىدىن (ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن»[89].

ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن: «لا تَبَاغَضُوا، وَلا تَحَاسَدُوا، وَلا تَدَابَرُوا، وَكُونُوا عِبَادَ اللَّهِ أخْوَانًا» «ئۆچەكەشمەڭلار، ھەسەد قىلىشماڭلار،  قېيداشماڭلار ۋە قېرىنداشلارچە ئاللاھنىڭ بەندىللىرى بولۇڭلار»[90].

18-سوئال: زاڭلىق قىلىش دېگەن نېمە؟

جاۋاب: ئۇ مۇسۇلمان قېرىندىشىنى مەسخىرە قىلىش ۋە كۆزگە ئىلماسلىقتۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: ﴿يَـا أَيُّهَـا الَّذِيـنَ آمَنُـوا لََا يَسْـخَرْ قَـوْمٌ مِّـن قَـوْمٍ عَشَـىٰ أَن يَكُونُـوا خَيْـرًا مِّنْهُـمْ وَلََا نِسَـاءٌ مِّـن نِّسَـاءٍ عَشَـىٰ أَن يَكُـنَّ خَيْـرًا مِّنْهُـنَّ ۖ وَلََا تَلْٰمِـزُوا أَنفُسَـكُمْ وَلََا تَنَابَـزُوا بِالْْأَلْقَـابِ ۖ بِئْـسَ الَِاسْـمُ الْفُسُـوقُ بَعْـدَ الْْإِيمَـانِ ۚ وَمَـن لَّـمْ يَتُـبْ فَأُولَئِـكَ هُـمُ الظَّالِْمـُون﴾ «ئەي ئىمان ئېيتقانلار! بىر قەۋىم يەنە بىر قەۋىمنى مەسخىرە قىلمىسۇن، بەلكى ئۇ (مەسخىرە قىلىنغان قەۋىم ئاللاھنىڭ نەزىرىدە) ئۇلاردىن ياخشى بولىشى مۇمكىن. ئاياللارمۇ مەسخىرە قىلىشمىسۇن، بەلكى ئۇ (مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار) ئۇلاردىن ياخشى بولىشى مۇمكىن. ئۆزەڭلارنى ئەيىپلىمەڭلار ۋە ئۆز-ئارا يامان لەقەملەر بىلەن چاقىرىشماڭلار، ئىمان ئېيتقاندىن كېيىن پاسىق ئىسىم بىلەن چاقىرىش نىمىدىگەن يامان؟ ۋە كىمىكى تەۋبە قىلمىسا ئەنە شۇلار ھەقىقى زالىملاردۇر»[91].

19-سوئال: كەمتەرلىكنى تونۇشتۇرۇڭ؟

جاۋاب:  كەمتەرلىك — ئىنساننىڭ ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتماسلىقى، كىشىلەرنى كىچىك كۆرمەسلىكى ۋە ھەقىقەتنى باش ئەگىپ قوبۇل قىلىشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿ وَعِبَادُ الرَّحْمَنِ الَّذِينَ يَمْشُونَ عَلَى الْأَرْضِ هَوْنًا ﴾ «مېھرىبان ئاللاھنىڭ بەندىللىرى زېمىندا يەڭگىل كەمتەرلىك بىلەن ماڭىدۇ»[92].

رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن: «…وَمَا تَوَاضَعَ أحََدٌ للَِّەِ إلِاَّ رَفَعَەُ اللَّەُ» «كىمكى ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن كەمتەر بولىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ دەرىجىسىنى چوقۇم يۇقىرى قىلىدۇ»[93].

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دىگەن: «إنَِّ اللەَ أوَْحَى إليََّ أنَْ تَواضَعُوا، حتَّى لا يفْخَرَ أحَدٌ على أحدٍ، ولا يبْغَى أحدٌ على أحدٍ» «ئاللاھ ھەقىقەتەن ماڭا ۋەھيى قىلدىكى، بىر كىشى يەنە بىر كىشىگە پەخىر قىلىپ كۆرەڭلىمىسۇن ۋە بىر كىشى يەنە بىر كىشىگە قارىتا ھەددىدىن ئاشماي كەمتەر بولسۇن»[94].

20-سوئال: ھارام بولغان تەكەببۇرلۇقنىڭ تۈرلىرى نېمىلەر؟

جاۋاب:

  1. ھەققە تەكەببۇرلۇق قىلىش: ھەقنى بىلىپ تۇرۇپ رەت قىلىش.
  2. كىشىلەرگە تەكەببۇرلۇق قىلىش: كىشىلەرنى كەمسىتىش ۋە كۆزگە ئىلماسلىق .

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «لا يَدخُلُ الجَنَّةَ مَن كانَ في قَلبِه مِثقالُ ذَرَّةٍ مِن كِبرٍ» «قەلبىدە زەررىچىلىك تەكەببۇرلۇق باركىشى جەننەتكە كىرمەيدۇ» دېگەندە، بىر ئادەم: بىر كىشى كىيىمىنىڭ ۋە ئاياقلىرىنىڭ گۈزەل بولۇشنى ئەلۋەتتە ياخشى كۆرىدۇ؟ (بۇمۇ تەكەببۇرلۇقمۇ؟) دېدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «إنَّ اللەَ جَميلٌ يُحِبُّ الجمال ، الكِبْرُ: بطرُ الحَقِّ وغَمْط النَّاسِ» «ئاللاھ ھەقىقەتەن گۈزەلدۇر، گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ. تەكەببۇرلۇق دىگەن ـــ چوڭچىللىق قىلىپ ھەقنى قوبۇل قىلماسلىق ۋە كىشىلەرنى كۆزگە ئىلماسلىق »دېدى»[95].

ئەسكەرتىش: كىيىم-كېچەكنىڭ پاكىز ۋە گۈزەل بولۇشى تەكەببۇرلۇق ئەمەس، چۈنكى ئاللاھ گۈزەلدۇر،  گۈزەللىكنى ياخشى كۆرىدۇ.

21-سوئال: ھارام بولغان ئالدامچىلىقتىن بەزى مىساللارنى سۆزلەڭ؟

جاۋاب:

  1. مال ساتقاندا ئەيىبىنى يوشۇرۇش (سودىدا كۆز بويامچىلىق.)
  2. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىمتىھاندا كۆچۈرمىكەشلىك قىلىشى.
  3. يالغان سۆزلەش ۋە يالغان گۇۋاھلىق بېرىش.
  4. ۋەدىگە ۋاپا قىلماسلىق. رەسۇلۇللاھ ﷺ: «مَنْ غَشَّ فَلَيْسَ مِنِّي»  «كىمكى ئالدىمچىلىق قىلىدىكەن،  ئۇ مەندىن ئەمەس»[96] دېگەن.

22-سوئال: غەيۋەت دېگەن نېمە؟

جاۋاب: ئۇ مۇسۇلمان قېرىندىشىڭنى يوق يېرىدە، ئۇ ئاڭلىسا ياقتۇرمايدىغان سۈپەتلەر بىلەن تىلغا ئېلىشىڭدۇر. ئاللاھ تەئالا غەيۋەتنى ئۆلۈك قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېگەنگە ئوخشاتقان ۋە ئۇنىڭدىن قاتتىق توسقان:

﴿ٰٓأَيُّهَـا ٱلَّذِيـنَ ءَامَنُـواْ ٱجْتَنِبُـواْ كَثِيـرًا مِّـنَ ٱلظَّـنِّ إِنَّ بَعْـضَ ٱلظَّـنِّ إِثْـمٌ ۖ وَلََا تَجَسَّسُـواْ وَلََا يَغْتَـب بَّعْضُكُـم بَعْضًـا ۚ أَيُحِـبُّ أَحَدُكُـمْ أَن يَـأْكُلَ لَحْـمَ أَخِيـهِ مَيْتًـا فَكَرِهْتُمُـوهُ ۚ وَٱتَّقُـواْ ٱلِلََّّهَ ۚ  إِنَّ ٱلِلََّّهَ تَوَّابٌ رَّحِيمٌ﴾ «ئەي ئىمان ئېيتقانلار كۆپ گۇمانخورلۇقتىن ئۇزاق تۇرۇڭلار، بەزى گۇمان ھەقىقەتەن گۇناھتۇر، جاسۇسلۇق قىلماڭلار ۋە بىر- بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار .سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلۈك قېرىندىشىنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنى يامان كۆرىسىلەر. ئاللا ھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن تەۋبىنى قوبۇل قىلغۇچىدۇر ۋە مېھرىباندۇر»[97].

23-سوئال: سۇخەنچىلىكنى تونۇشتۇرۇڭ؟

جاۋاب: ئۇ ئارىنى بۇزۇش مەقسىتىدە كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇشتۇر. رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن: «لاَ يَدْخُلُ الجَْنَّةَ نَمَّامٌ» «سۇخەنچى (گەپ توشۇيدىغان كىشى( جەننەتكە كىرمەيدۇ»[98] .

24-سوئال: ھورۇنلۇق دېگەن نېمە؟

جاۋاب: ئۇ قىلىشقا تېگىشلىك پەرز-ۋاجىپلارغا ۋە پايدىلىق ئىشلارغا سەل قاراش ياكى ئېغىرلىق قىلىشتۇر. ھورۇنلۇق مۇناپىقلارنىڭ سۈپىتى بولۇپ، مۇئمىن كىشى تىرىشچان ۋە غەيرەتلىك بولۇشى كېرەك. ﴿إِنَّ الْْمُنَافِقِيـنَ يُخَادِعُـونَ اللََّّهَ وَهُـوَ خَادِعُهُـمْ وَإِذَا قَامُـوا إِلَـى الصَّـلََاةِ قَامُـوا كُسَـالَىٰ يُـرَاءُونَ النَّـاسَ وَلََا يَذْكُـرُونَ اللََّّهَ إِلََّا قَلِيـلًَا﴾ «مۇناپىقلار ھەقىقەتەن ئاللاھنى ئالدىماقچى بولىشىدۇ، ئاللاھمۇ ئۇلارنىڭ ئالدامچىلىقىنىڭ جازاسىنى ئوبدان بەرگۈچىدۇر. ئۇلار نامازغا تۇرسا كىشىلەرگە كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ھۇرۇنلۇق بىلەن تۇرىدۇ ۋە ئاللاھنى بەكمۇ ئاز ئەسلەيدۇ»[99].

25-سوئال: غەزەپىنىڭ تۈرلىرىنى سۆزلەڭ؟

جاۋاب:

  1. يوللۇق غەزەپ: ئاللاھنىڭ چەكلىمىلىرى دەپسەندە قىلىنغاندا قىلىنىدىغان ئورۇنلۇق ئاچچىق.
  2. ئورۇنسىز غەزەپ: ئىنساننى ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدىغان، ناچار سۆز-ھەرىكەتكە تۈرتكە بولىدىغان ئەسەبىيلىك.

دورىسى: تاھارەت ئېلىش، ئۆرە تۇرغان بولسا ئولتۇرۇش، ئولتۇرغان بولسا يېتىش، سۈكۈت قىلىش ۋە شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا سېغىنىش.

26-سوئال: جاسۇسلۇق دېگەن نېمە؟

جاۋاب: ئۇ كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلىقچە تىڭشاش ياكى ئەيىبلىرىنى ئىزدەپ ماراشتۇر. ئاللاھ تەئالا: ﴿وَلََا تَجَسَّسُـوا﴾ «جاسۇسلۇق قىلماڭلار»[100]   دەپ بۇيرۇغان.

27-سوئال: ئىسراپ، بېخىللىق ۋە سېخىيلىق دېگەنلەر نېمە؟

جاۋاب:

ئىسراپ ـــ مال-دۇنيانى ئورۇنسىز ۋە چەكتىن ئاشۇرۇپ خەجلىۋېتىش.

بېخىللىق ـــ مال-دۇنيانى خەجلەشكە تېگىشلىك ئورۇنلارغا خەجلىمەي بېكىنىۋېلىش.

سېخىيلىق ـــ بۇ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، مالنى ئورنىغا، ساۋابلىق ئىشلارغا خۇشاللىق بىلەن سەرپ قىلىشتۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دىگەن: ﴿والَّذيـنَ إذا أنْفَقـوا لَـمْ يُسْـرِفُوا ولـم يَقْتُـرُوا وكان بيْـنَ ذلِـكَ قَوامـاً﴾ «ئۇ (ئاللاھنىڭ بەندىللىرى (ئورۇنسىز يەرگە پۇل خەجلىمەيدۇ، بەك پىششىقلىقمۇ قىلمايدۇ ۋە ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا ئوتتۇراھال يول تۇتىدۇ»[101].

28-سوئال: قورقۇنچاقلىق ۋە باتۇرلۇق نېمە؟

جاۋاب:

قورقۇنچاقلىق ـــ قورقۇشقا تېگىشلىك بولمىغان نەرسىدىن قورقۇش؛ مەسىلەن: ھەقنى سۆزلەشتىن ياكى يامانلىقنى توسۇشتىن قورقۇپ سۈكۈت قىلىش.

باتۇرلۇق ـــ ھەق يولىدا غەيرەت بىلەن ئالغا بېسىش؛ مەسىلەن: ئىسلامنى ۋە مۇئمىنلەرنى قوغداشتا قورقماسلىقتۇر. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام دۇئا قىلىپ مۇنداق دىگەن: «اللهمَّ إنِّي أعوذُ بِكَ مِن الجُْبْنِ» «ئىلاھىم! مەن قورقۇنچاقلىقتىن ساڭا سېغىنىپ پاناھلىق تىلەيمەن»  ۋە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دىگەن: «المؤمنُ القَوِيُّ خِيرٌ وأحََبُّ إلى اللەِ مِن المؤمنِ الضَّعيفِ وفي كُلٍّ خَيْرٌ» «ھەربىرىدە ياخشىلىق بار بولسىمۇ، كۈچلۈك مۇئمىن ئاجىز مۇئمىندىن ياخشىدۇر ۋە ئاللاھقا سۆيۈملۈكراقتۇر»[102].

29-سـوئال: ئېغىزدىـن چىقىدىغـان بـەزى ھـارام سـۆزلەرنى سـۆزلەپ بېر ىڭ ؟

جاۋاب: بېكاردىن لەنەت ئوقۇش، تىللاش، «ئىشەك، تۇڭگۇز» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلەش ۋە ئەۋرەتكە چېتىلىدىغان مەينەت، سەت گەپلەرنى قىلىش ھارامدۇر .مۇئمىن كىشىنىڭ تىلى پاك بولۇشى كېرەك. رەسۇلۇللاھ  ئەلەيھىسسالام بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن توسۇپ مۇنداق دىگەن: «لَيْسَ المُؤْمِنُ بالطَّعَّانِ، وَلا اللَّعَّانِ، وَلا الْفَاحِشِ، وَلا الْبَذِيء» «مۇئمىن تەنىخور ئەمەس، لەنەتخور ئەمەس، رەسۋا ئەمەس ۋە پەس  ئەمەس»[103].

30-سـوئال: گـۈزەل ئەخلاقنـى ئۆزلەشتۈرۈشـكە يـاردەم بېرىدىغـان ئامىلـلار قايسـىلار؟

جاۋاب:

  1. ئاللاھتىن گۈزەل ئەخلاق تىلەپ دائىم دۇئا قىلىش.
  2. ھەر ۋاقىت ئاللاھنىڭ كۆزىتىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇنۇتماسلىق.
  3. گۈزەل ئەخلاقنىڭ جەننەتكە كىرىشكە ۋەسىلە بولىدىغان ساۋابىنى ئەسلەپ تۇرۇش.
  4. يامان ئەخلاقنىڭ دوزاخقا باشلايدىغان ئېغىر ئاقىۋىتىدىن ھەزەر قىلىش.
  5. گۈزەل ئەخلاقنىڭ ئاللاھنىڭ ۋە مەخلۇقاتلارنىڭ مۇھەببىتىنى جەلپ قىلىدىغانلىقىنى بىلىش.
  6. رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇش ۋە ئۇ زاتنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىش.
  7. ياخشىلار بىلەن سۆھبەتداش بولۇش ۋە يامانلاردىن يىراق تۇرۇش.

سەككىزىنچى قىسىم: زىكىر ۋە دۇئالار بۆلۈمى

زىكىرنىڭ پەزىلىتى ۋە پايدىلىرى

1-سوئال: زىكىرنىڭ پەزىلىتى نېمە؟

جاۋاب: رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن:

«مَثَلُ الذَِّي يَذْكُرُ رَبَّەُ وَالذَِّي لاَ يَذْكُرُ رَبَّەُ مَثَلُ الحَْيِّ وَالمَْيِّتِ»

«رەببىنى زىكىر قىلىدىغان كىشى بىلەن رەببىنى زىكىر قىلمايدىغان كىشىنىڭ مىسالى خۇددى تىرىك بىلەن ئۆلۈكنىڭ مىسالىغا ئوخشاشتۇر»[104].

بۇنىڭدىن شۇنى بىلىمىزكى، ئىنساننىڭ ھەقىقىي ھاياتلىق قىممىتى ئۇنىڭ ئاللاھنى زىكىر قىلىپ-قىلماسلىقىغا باغلىقتۇر.

2-سوئال: زىكىرنىڭ بەزى پايدىلىرىنى سۆزلەڭ؟

جاۋاب:

1) زىكىر قىلىشتىن مېھرىبان ئاللاھ رازى بولىدۇ .

2) زىكىر بار يەردىن شەيتان قاچىدۇ .

3) زىكىر مۇسۇلماننى يامان ئىشلاردىن قوغدايدۇ.

4) زىكىر ئارقىلىق كۆپ ئەجىر ۋە ساۋابقا ئېرىشكىلى بولىدۇ.

3-سوئال: زىكىرنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىكى قايسى؟

جاۋاب: ئۇ — «لاَ إلِەََ إلِاَّ اللَّەُ» «ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق»[105] كەلىمىسىدۇر .

 

كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە كىيىم-كېچەك زىكىرلىرى

4-سوئال: ئۇيقۇدىن ئويغانغاندا نېمە دەيسىز؟

جاۋاب: «الحَْمْدُ للَِّەِ الذَِّي أحَْيَانَا بَعْدَ مَا أمََاتَنَا وَإلِيَْەِ النُّشُورُ»

«بىزنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن (ئۇيقۇ بىلەن) قايتا تىرىلدۈرگەن ئاللاھقا ھەمدۇسانا بولسۇن،  قايتىدىغان جايىمىز ئۇنىڭ ھۇزۇرىدۇر».

5-سوئال: كىيىم كىيگەندە نېمە دەيسىز؟

جاۋاب: «الحَْمْدُ للَِّەِ الذَِّي كَسَانِي هَذَا الثَّوْبَ وَرَزَقَنِيەِ مِنْ غَيْرِ حَوْلٍ مِنِّي وَلاَ قُوَّةٍ»  «مەندە ھېچقانداق كۈچ-قۇۋۋەت ۋە ھەرىكەت بولماستىن، بۇ كىيىمنى ماڭا كىيدۈرگەن ۋە رىزىق قىلىپ بەرگەن ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇسانا بولسۇن»[106].

6-سوئال: كىيىمنى سالغاندا نېمە دەيسىز؟

جاۋاب: «بِسْمِ اللَّەِ» «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن»[107]

7-سوئال: يېڭى كىيىم كىيگەندە ئوقۇيدىغان دۇئا قايسى؟

جاۋاب: «اللَّهُمَّ لكََ الحَْمْدُ أنَْتَ كَسَوْتَنِيەِ، أسَْألَكَُ خَيْرَەُ وَخَيْرَ مَا صُنِعَ لەَُ، وَأعَُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّەِ وَشَرِّ مَا صُنِعَ لەَُ»

« ئى ئاللاھ! ساڭا ھەمدۇسانالار بولسۇن، بۇنى ماڭا سەن كىيدۈردۈڭ. سەندىن بۇ كىيىمنىڭ ياخشىلىقىنى ۋە نېمە مەقسەتتە تىكىلگەن بولسا شۇنىڭ ياخشىلىقىنى تىلەيمەن؛ ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ۋە نېمە ئۈچۈن تىكىلگەن بولسا شۇنىڭ يامانلىقىدىن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن»[108].

8-سـوئال: يېڭـى كىيىـم كىيگـەن كىشـى ئۈچـۈن قىلىنىدىغـان دۇئا قايسى ؟

جاۋاب: بىرەرسىنىڭ ئۇچىسىدا يېڭى كىيىم كۆرسىڭىز: «تُبْلِي وَيُخْلِفُ اللَّەُ تَعَالىَ»

« كىيىپ كونىرىتىڭ، ئاللاھ  تەئالا يەنە بېرىدۇ»[109] دەپ دۇئا قىلىسىز.

 

پاكىزلىق، تاھارەت ۋە ئۆي ئەدەپلىرى

9-سوئال: ھاجەتخانىغا كىرىشنىڭ دۇئاسىنى ئوقۇڭ؟

جاۋاب: «اللَّهُمَّ إنِِّي أعَُوذُ بِكَ مِنَ الخُْبُثِ وَالخَْبَائِثِ»

« ئى ئاللاھ! مەن ئەركەك-چىشى جىن-شەيتانلارنىڭ شەررىدىن ساڭا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن»[110].

10-سوئال: ھاجەتخانىدىن (خالادىن) چىققاندا نېمە دەيسىز؟

جاۋاب: «غُفْرَانَكَ» «مەغپىرەت قىلغىن، كەچۈرگىن»[111].

11-سوئال: تاھارەت ئېلىشتىن بۇرۇن نېمە دەيسىز؟

«بِسْمِ اللَّەِ» «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن»[112] دەيمەن.

12-سـوئال: تاھـارەت ئېلىـپ بولغاندىـن كېيىـن ئوقۇلىدىغـان دۇئـا قايسـى؟

جاۋاب: «أشَْهَدُ أنَْ لاَ إلِەََ إلِاَّ اللَّەُ وَحْدَەُ لاَ شَرِيكَ لەَُ، وَأشَْهَدُ أنَْ مُحَمَّدًا عَبْدُەُ وَرَسُولەُُ»

« بىر ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوقلۇقىغا ۋە ئۇنىڭ ھېچبىر شېرىكى يوقلۇقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن؛ شۇنداقلا مۇھەممەد ﷺ نىڭ ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن»[113].

13-سوئال: مەنزىلدىن (ئۆيدىن) چىققاندا ئوقۇلىدىغان زىكىر قايسى؟

جاۋاب: «بِسْمِ اللَّەِ، تَوَكَّلْتُ عَلَى اللَّەِ، وَلاَ حَوْلَ وَلاَ قُوَّةَ إلِاَّ بِاللَّەِ»

« ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن چىقتىم، ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلدىم، ھەرىكەت-سۇكۇنات ۋە كۈچ-قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھ بىلەندۇر»[114].

14-سوئال: مەنزىلگە (ئۆيگە) كىرگەندە ئوقۇلىدىغان زىكىر قايسى؟

جاۋاب: «بِاسْمِ اللَّەِ وَلجَْنَا، وَبِاسْمِ اللَّەِ خَرَجْنَا، وَعَلَى رَبِّنَا تَوَكَّلْنَا»

«ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن كىردۇق، ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن چىقتۇق ۋە رەببىمىزگە تەۋەككۈل قىلدۇق (دەپ بولۇپ، ئائىلىسىدىكىلەرگە سالام بېرىدۇ. »[115].

 

مەسجىد ۋە ئەزان زىكىرلىرى

15-سوئال: مەسجىدكە كىرىش دۇئاسى قايسى؟

جاۋاب: «اللَّهُمَّ افْتَحْ ليِ أبَْوَابَ رَحْمَتِكَ» «ئى ئاللاھ! ماڭا رەھمىتىڭنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچقىن»[116].

16-سوئال: مەسجىدتىن چىقىش دۇئاسىنى دەپ بېرىڭ؟

جاۋاب: «اللَّهُمَّ إنِِّي أسَْألَكَُ مِنْ فَضْلِكَ» «ئى ئاللاھ! مەن سېنىڭ پەزلى-رەھمىتىڭنى تىلەيمەن»[117].

17-سوئال: ئەزاننى ئاڭلىغاندا نېمە دەيسىز؟

جاۋاب: مۇئەززىن نېمە دېسە شۇنى تەكرارلايمەن، لېكىن «حَيَّ عَلَى الصَّلَاةِ» ۋە «حَيَّ عَلَى الفَْلَاحِ» دېگەندە: «لاَ حَوْلَ وَلاَ قُوَّةَ إلِاَّ بِاللَّەِ»[118] دەيمەن.

18-سوئال: ئەزاندىن كېيىن نېمە دەيسىز؟

جاۋاب: رەسۇلۇللاھ ﷺ غا سالاۋات ئوقۇپ، ئاندىن مۇنۇ دۇئانى ئوقۇيمەن:

«اللَّهُمَّ رَبَّ هَذِەِ الدَّعْوَةِ التَّامَّةِ، وَالصَّلَاةِ القَْائِمَةِ، آتِ مُحَمَّدًا الوَْسِيلَةَ وَالفَْضِيلَةَ، وَابْعَثْەُ مَقَامًا مَحْمُودًا الذَِّي وَعَدْتَەُ»

« بۇ مۇكەممەل چاقىرىقنىڭ ۋە ئوقۇلغۇسى نامازنىڭ رەببى بولغان ئاللاھىم! مۇھەممەد ﷺ گە جەننەتتىكى «ئەلۋەسىلە» ۋە «ئەلفەزىلە» مەنزىللىرىنى بەرگىن، ئۇنى سەن ۋەدە قىلغان مەدھىيەلىك ماقامغا ئېرىشتۈرگىن»[119].

ئەسكەرتىش: ئەزان بىلەن ئىقامەت ئارىسىدىكى دۇئا رەت قىلىنمايدۇ، شۇڭا بۇ ۋاقىتتا دۇئا قىلىش لازىم.

 

ئەتىگەنلىك، كەچلىك ۋە ئۇخلاش زىكىرلىرى

19-سوئال: ئەتىگەن ۋە كەچلىك زىكىردە نېمە ئوقۇيسىز؟

جاۋاب:

1) ئايەتەل كۇرسىنى بىر قېتىم .

2) ئىخلاس، فەلەق ۋە ناس سۈرىلىرىنى ئۈچ قېتىمدىن .

3) «سەييىدۇل ئىستىغفار» نى ئوقۇيمەن:

«اللَّهُمَّ أنَْتَ رَبِّي لاَ إلِەََ إلِاَّ أنَْتَ، خَلَقْتَنِي وَأنََا عَبْدُكَ، وَأنََا عَلَى عَهْدِكَ وَوَعْدِكَ مَا اسْتَطَعْتُ، أعَُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّ مَا صَنَعْتُ، أبَُوءُ لكََ بِنِعْمَتِكَ عَلَيَّ، وَأبَُوءُ بِذَنْبِي فَاغْفِرْ ليِ فَإنَِّەُ لاَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إلِاَّ أنَْتَ»

« ئى ئاللاھ! سەن مېنىڭ رەببىمسەن، سەندىن باشقا ھەقىقىي ئىلاھ يوق .مېنى سەن ياراتتىڭ، مەن سېنىڭ بەندەڭدۇرمەن. كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ساڭا بەرگەن ئەھدە ۋە ۋەدەمدە تۇرىمەن. قىلغانلىرىمنىڭ يامان ئاقىۋىتىدىن ساڭا سېغىنىپ پاناھلىق تىلەيمەن .ماڭا بەرگەن نېمەتلىرىڭنى ۋە قىلغان گۇناھلىرىمنى ئېتىراپ قىلىمەن،  مېنى مەغپىرەت قىلغىن، چۈنكى سەندىن باشقا ھېچكىم گۇناھلارنى مەغپىرەت قىلالمايدۇ»[120].

20-سوئال: ئۇخلايدىغاندا نېمە دەيسىز؟

جاۋاب: «بِاسْمِكَ اللَّهُمَّ أمَُوتُ وَأحَْيَا» «ئى ئاللاھ! سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن ئۆلىمەن ۋە تىرىلىمەن»[121].

 

يېمەك-ئىچمەك ۋە چۈشكۈرۈش ئەدەپلىرى

21-سوئال: يېمەك يېيىشنىڭ ئالدىدا نېمە دەيسىز؟

«بِسْمِ اللَّەِ» «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن» دەيمەن. ئەگەر ئۇنتۇلۇپ قالسا: «بِسْمِ اللَّەِ فِي أوََّلەِِ وَآخِرِەِ» «بېشىدىمۇ، ئاخىرىدىمۇ ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن»[122] دېيىلىدۇ.

22-سوئال: يېمەك يەپ بولغاندا نېمە دەيسىز؟

جاۋاب: «الحَْمْدُ للَِّەِ الذَِّي أطَْعَمَنِي هَذَا، وَرَزَقَنِيەِ مِنْ غَيْرِ حَوْلٍ مِنِّي وَلاَ قُوَّةٍ»

« مېنىڭ ھېچبىر ھەرىكەت ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىمسىز بۇنى ماڭا رىزىق قىلىپ بېرىپ، مېنى تائاملاندۇرغان زات ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن»[123].

23-سوئال: تائام بەرگەن كىشىگە مېھماننىڭ قىلىدىغان دۇئاسى قايسى؟

جاۋاب: «اللَّهُمَّ بَارِكْ لهَُمْ فِيمَا رَزَقْتَهُمْ، وَاغْفِرْ لهَُمْ وَارْحَمْهُمْ»

« ئى ئاللاھ! ئۇلارغا بەرگەن رىزقىڭدا بەرىكەت بەرگىن، ئۇلارنى مەغپىرەت قىل ۋە ئۇلارغا رەھمەت قىلغىن»[124].

24-سوئال: چۈشكۈرگەن كىشى نېمە دەيدۇ؟

جاۋاب: چۈشكۈرگۈچى: «الحَْمْدُ للَِّەِ» «ئاللاھقا شۈكرى» دەيدۇ. ئاڭلىغان كىشى:

«يَرْحَمُكَ اللَّەُ» «ئاللاھ ساڭا رەھمەت قىلسۇن» دەيدۇ. چۈشكۈرگۈچى يەنە: «يَهْدِيكُمُ اللَّەُ وَيُصْلِحُ بَالكَُمْ» «ئاللاھ سىلەرنى ھىدايەت قىلسۇن ۋە ئىشلىرىڭلارنى ئوڭۇشلۇق قىلسۇن»[125] دەپ جاۋاب قايتۇرىدۇ.

 

يىغىلىش، قاتناش ۋە سەپەر دۇئالىرى

25-سـوئال: مەجلىـس تۈگـەپ قوپقانـدا «كەپپارەتـۇل مەجلىـس» دۇئاسـىدا نېمـە دېيىلىـدۇ؟

جاۋاب: «سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ وَبِحَمْدِكَ، أشَْهَدُ أنَْ لاَ إلِەََ إلِاَّ أنَْتَ، أسَْتَغْفِرُكَ وَأتَُوبُ إلِيَْكَ» « ئى ئاللاھ!  سەن پاكسەن،  ساڭا ھەمدۇسانا بولسۇن.  سەندىن باشقا ھېچبىر ھەقىقىي ئىلاھ يوقلۇقىغا گۇۋاھلىق بېرىمەن، سەندىن مەغپىرەت تىلەيمەن ۋە ساڭا تەۋبە قىلىمەن»[126].

26-سوئال: قاتناش قوراللىرىغا مىنگەندە قىلىدىغان دۇئا قايسى؟

جاۋاب: «بِسْمِ اللَّەِ، الحَْمْدُ للَِّەِ» دەپ بولۇپ، مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇيدۇ:

﴿سُـبْحَانَ الَّـذِي سَـخَّرَ لَنَـا هَـذَا وَمَـا كُنَّـا لَـهُ مُقْرِنِيـنَ * وَ إِنَّـا إِلَـى رَبِّنَـا لَْمُنْقَلِبُـونَ﴾

« بۇنى بىزگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات ئاللاھ پاكتۇر، بولمىسا بىز بۇنىڭغا مىنەلمىگەن بولاتتۇق ۋە بىز ھامان رەببىمىزگە قايتىمىز»[127].

ئاندىن: «الحَْمْدُ للَِّەِ (ئۈچ قېتىم)،  اللَّەُ أكَْبَرُ (ئۈچ قېتىم)، سُبْحَانَكَ اللَّهُمَّ إنِِّي ظَلَمْتُ نَفْسِي فَاغْفِرْ ليِ؛ فَإنَِّەُ لاَ يَغْفِرُ الذُّنُوبَ إلِاَّ أنَْتَ» «ئى ئاللاھ! سەن پاكسەن، مەن ھەقىقەتەن ئۆزۈمگە زۇلۇم قىلدىم، مېنى كەچۈرگىن؛ چۈنكى سەندىن باشقا گۇناھلارنى كەچۈرگۈچى يوق»[128] دەپ دۇئا قىلىدۇ.

27-سوئال: سەپەر دۇئاسىنى سۆزلەڭ؟

جاۋاب: «اللَّەُ أكَْبَرُ (ئۈچ قېتىم)» دەپ بولۇپ، ﴿سُـبْحَانَ الَّـذِي سَـخَّرَ لَنَـا هَـذَا وَمَـا كُنَّـا لَـهُ مُقْرِنِيـنَ * وَ إِنَّـا إِلَـى رَبِّنَـا لَْمُنْقَلِبُـونَ﴾

« بۇنى بىزگە بويسۇندۇرۇپ بەرگەن زات ئاللاھ پاكتۇر، بولمىسا بىز بۇنىڭغا مىنەلمىگەن بولاتتۇق ۋە بىز ھامان رەببىمىزگە قايتىمىز»[129]. يۇقىرىدىكى مىنىش ئايىتىنى ئوقۇيدۇ، ئاندىن مۇنۇ دۇئانى ئوقۇيدۇ:

«اللَّهُمَّ إنَِّا نَسْألَكَُ فِي سَفَرِنَا هَذَا البِْرَّ وَالتَّقْوَى، وَمِنَ العَْمَلِ مَا تَرْضَى، اللَّهُمَّ هَوِّنْ عَلَيْنَا سَفَرَنَا هَذَا، وَاطْوِ عَنَّا بُعْدَەُ، اللَّهُمَّ أنَْتَ الصَّاحِبُ فِي السَّفَرِ، وَالخَْلِيفَةُ فِي الأْهَْلِ…»

« ئى ئاللاھ! بىز بۇ سەپىرىمىزدە سەندىن ياخشىلىق، تەقۋالىق ۋە سەن رازى بولىدىغان ئەمەللەرنى سورايمىز. ئى ئاللاھ! بۇ سەپىرىمىزنى بىزگە ئاسان ۋە يىراقنى يېقىن قىلىپ بەرگىن. ئى ئاللاھ! سەن سەپەردە ھەمراھىمىز، ئائىلىمىزدە كېپىلىمىزسەن …».

قايتقاندا: «آيِبُونَ تَائِبُونَ عَابِدُونَ لرَِبِّنَا حَامِدُونَ» «بىز سەپەردىن قايتقۇچى، تەۋبە قىلغۇچى، ئىبادەت قىلغۇچى ۋە رەببىمىزگە ھەمدە ئېيتقۇچىمىز»[130] دېگەننى قوشۇپ ئوقۇيدۇ .

28-سـوئال:  سـەپەرگە چىقىدىغـان كىشـىنىڭ ئۆيـدە قالغانلارغـا قىلىدىغـان دۇئاسـى قايسـى؟

جاۋاب: «أسَْتَوْدِعُكُمُ اللَّەَ الذَِّي لاَ تَضِيعُ وَدَائِعُەُ» «سىلەرنى،  ھۇزۇرىدا قويۇلغان ئامانەتلەر ھەرگىز زايا بولمايدىغان ئاللاھقا تاپشۇردۇم»[131].

29-سوئال: ئۆيدە قالغان كىشى مۇساپىرغا قانداق دۇئا قىلىدۇ؟

جاۋاب: «أسَْتَوْدِعُ اللَّەَ دِينَكَ، وَأمََانَتَكَ، وَخَوَاتِيمَ عَمَلِكَ» «دىنىڭىزنى، ئامانىتىڭىزنى ۋە ئىشلىرىڭىزنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم»[132].

30-سوئال: بازارغا كىرىش دۇئاسى قايسى؟

«لاَ إلِەََ إلِاَّ اللَّەُ وَحْدَەُ لاَ شَرِيكَ لەَُ، لەَُ المُْلْكُ وَلەَُ الحَْمْدُ، يُحْيِي وَيُمِيتُ، وَهُوَ حَيٌّ لاَ يَمُوتُ، بِيَدِەِ الخَْيْرُ، وَهُوَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ» «ئاللاھتىن باشقا ھەقىقى ئىلاھ يوق، ئۇ يالغۇز، ئۇنىڭ شېرىكى يوق، پادىشاھلىق ئۇنىڭغا مەنسۇپ، ھەمدۇ-سانا ئۇنىڭغا خاس، ئۇ تىرىلدۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ، ئۇ تىرىكتۇر ھىچ ئۆلمەيدۇ، پۈتۈن ياخشىلىق ئۇنىڭ قولىدا ۋە ئۇ ھەر- نەرسىگە قادىردۇر»[133].

 

تۈرلۈك ھالەتلەردىكى زىكىر ۋە دۇئالار

31-سوئال: غەزەپلەنگەندە ئوقۇيدىغان دۇئانى ئېيتىڭ؟

جاۋاب: «أعَُوذُ بِاللَّەِ مِنَ الشَّيْطَانِ الرَّجِيمِ» «قوغلانغان شەيتاننىڭ شەررىدىن ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن»[134].

32-سوئال: سىزگە ياخشىلىق قىلغان كىشىگە نېمە دەيسىز؟

جاۋاب: «جَزَاكَ اللَّەُ خَيْرًا» «ئاللاھ سىزگە ياخشى مۇكاپات بەرسۇن»[135].

33-سـوئال: مىنگـەن ئـۇلاق (ياكـى ماشـىنا) تېيىلىـپ كەتسـە نېمە دېيىلىدۇ؟

جاۋاب: «بِسْمِ اللَّەِ» «ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن»[136].

34-سوئال: خۇشاللىنارلىق ئىشقا ئېرىشكەندە نېمە دەيسىز؟

جاۋاب: «الحَْمْدُ للَِّەِ الذَِّي بِنِعْمَتِەِ تَتِمُّ الصَّالحَِاتُ» «نېمىتى بىلەن ياخشىلىقلار مۇكەممەللىشىدىغان ئاللاھقا ھەمدۇسانا بولسۇن»[137].

35-سوئال: ياقتۇرمايدىغان بىرەر ئىش يۈز بەرسە نېمە دەيسىز؟

جاۋاب: «الحَْمْدُ للَِّەِ عَلَى كُلِّ حَالٍ» «ھەر قانداق ئەھۋالدا ئاللاھقا ھەمدۇسانا بولسۇن»[138].

36-سوئال: سالام بېرىش ۋە قايتۇرۇش قانداق بولىدۇ؟

جاۋاب: مۇسۇلمان كىشى: «ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەركاتۇھۇ » دەپ سالام بېرىدۇ؛ قېرىندىشى ئۇنىڭغا: «ۋە ئەلەيكۇم ئەسسەلام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەركاتۇھۇ»[139] دەپ سالام قايتۇرىدۇ.

37-سوئال: يامغۇر ياققاندا قىلىدىغان دۇئا قايسى؟

جاۋاب: «اللَّهُمَّ صَيِّبًا نَافِعًا» «ئى ئاللاھ! پايدىلىق يامغۇر ياغدۇرۇپ بەرگىن»[140].

38-سوئال: يامغۇردىن كېيىن نېمە دېيىلىدۇ؟

جاۋاب: «مُطِرْنَا بِفَضْلِ اللَّەِ وَرَحْمَتِەِ» «ئاللاھنىڭ پەزلى ۋە رەھمىتى بىلەن بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇلدى»[141].

39-سوئال: شامال چىققاندا ئوقۇلىدىغان دۇئا قايسى؟

جاۋاب: «اللَّهُمَّ إنِِّي أسَْألَكَُ خَيْرَهَا، وَأعَُوذُ بِكَ مِنْ شَرِّهَا» «ئى ئاللاھ! مەن سەندىن بۇ شامالنىڭ ياخشىلىقىنى سورايمەن ۋە يامانلىقىدىن پاناھ تىلەيمەن»[142].

40-سوئال: گۈلدۈرماما ئاڭلىغاندا نېمە دېيىلىدۇ؟

جاۋاب: «سُبْحَانَ الذَِّي يُسَبِّحُ الرَّعْدُ بِحَمْدِەِ وَالمَْلَائِكَةُ مِنْ خِيفَتِەِ»

«  گۈلدۈرماما ھەمدۇسانا بىلەن،  پەرىشتىلەر قورقۇنچ بىلەن تەسبىھ ئېيتىدىغان زات (ئاللاھ) پۈتۈن ئەيىب-نۇقساندىن پاكتۇر»[143].

41-سوئال: مۇسىبەتكە ئۇچرىغان كىشىنى كۆرگەندە نېمە دېيىلىدۇ؟

جاۋاب: «الحَْمْدُ للَِّەِ الذَِّي عَافَانِي مِمَّا ابْتَلَاكَ بِەِ، وَفَضَّلَنِي عَلَى كَثِيرٍ مِمَّنْ خَلَقَ تَفْضِيلًا»

« سېنى سىنىغان مۇسىبەتتىن مېنى ساقلىغان ۋە مېنى نۇرغۇن مەخلۇقاتلاردىن ئەۋزەل قىلغان ئاللاھقا ھەمد بولسۇن»[144].

42-سـوئال: كـۆز تېگىـپ قېلىشـتىن ئەنسـىرىگەندە قانـداق دۇئـا قىلىنىـدۇ؟

جاۋاب: رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن: :«إذا رأى أحدكم مِن أخيە أو مِن نفسە أو مِن مالە ما يُعْجِبُەُ فليدع لە بالبركة فإنَّ العَيْن حَقٌّ» «سىلەرنىڭ بىرىڭلار قېرىندىشىدا، ئۆزىدە ياكى مېلىدا ھەيران قالغۇدەك (گۈزەل» بىر نەرسە كۆرسە، ئۇنىڭ ئۈچۈن بەرىكەت تىلەپ دۇئا قىلسۇن! چۈنكى كۆز تېگىش ھەقتۇر»[145]. (مەسىلەن: «بارەكەللاھ» دېيىش لازىم.)

43-سوئال: پەيغەمبەر ﷺ گە قانداق سالاۋات ئوقۇيسىز؟

جاۋاب: «اللَّهُمَّ صَلِّ عَلَى مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ كَمَا صَلَّيْتَ عَلَى إبِْرَاهِيمَ وَعَلَى آلِ إبِْرَاهِيمَ إنَِّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ، اللَّهُمَّ بَارِكْ عَلَى مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلِ مُحَمَّدٍ كَمَا بَارَكْتَ عَلَى إبِْرَاهِيمَ وَعَلَى آلِ إبِْرَاهِيمَ إنَِّكَ حَمِيدٌ مَجِيدٌ»

«ئىلاھىم! ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ئەھلىگە رەھمەت قىلغاندەك مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ئەھلىگىمۇ مول رەھمەت قىلغىن. ئىلاھىم! ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ئەھلىگە بەرىكەت بەرگەندەك مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ ئەھلىگىمۇ بەرىكەت بەرگىن»[146] .

 

 

 

توققۇزىنچى قىسىم: تۈرلۈك مەسىلىلەر بۆلۈمى

1-سوئال: شەرىئەت بۇيرۇغان بەش ھۆكۈم قايسىلار؟

جاۋاب: ئۇلار:

  1. پەرىز – قىلىشقا قەتئىي بۇيرۇق قىلىنغان.
  2. مۇستەھەپ – قىلىش تەرغىپ قىلىنغان، قىلسا ساۋاپ بولىدىغان ئەمەللەر.
  3. ھارام – قەتئىي چەكلەنگەن ئەمەللەر .
  4. مەكروھ – قىلماسلىق تەرغىپ قىلىنغان، قىلمىسا ساۋاب بېرىلىدىغان ئەمەللەر.
  5. مۇباھ – قىلىش-قىلماسلىق ئىختىيارى قىلىنغان ئەمەللەر.

2-سوئال: بۇ بەش ھۆكۈمنى شەرھلەپ چۈشەندۈرۈڭ؟

جاۋاب:

پەرز: بەش ۋاقىت ناماز، رامىزان روزىسى ۋە ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىشقا ئوخشاش ئەمەللەردۇر. قىلغۇچىغا ساۋاب بېرىلىدۇ، بىلىپ تۇرۇپ تەرك ئەتكۈچى گۇناھكار بولىدۇ ۋە جازالىنىدۇ.

مۇستەھەپ: بەش ۋاقىت نامازنىڭ سۈننەتلىرى،  كېچىلىك نەپلى نامازلار، پېقىر-مىسكىنلەرگە تائام بېرىش ۋە سالام بېرىشتەك ئەمەللەردۇر. بۇ «قىلىش تەرغىب قىلىنغان ئەمەللەر»  دەپمۇ ئاتىلىدۇ.  قىلغۇچىغا ساۋاب بېرىلىدۇ، قىلمىغانلار گۇناھكار بولمايدۇ.

مۇھىم ئەسكەرتىش: بىر مۇسۇلمان «بۇ ئەمەل سۈننەت ياكى مۇستەھەب» دېگەننى ئاڭلىغاندا، ئۇنى قىلىشقا ئالدىرىشى ۋە رەسۇلۇللاھ ﷺ نىڭ يولىغا ئەگىشىشى لازىم.

ھارام: ھاراق ئىچىش، ئاتا-ئانىنى قاخشىتىش ۋە سىلە-رەھىمنى (تۇغقانچىلىقنى) ئۈزۈپ قويۇشقا ئوخشاش ئىشلاردۇر. قىلغان كىشى گۇناھكار بولۇپ جازالىنىدۇ، ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن تەرك ئەتكەن كىشى مۇكاپاتلىنىدۇ.

مەكروھ:  ئېلىش-بېرىشتە سول قولنى ئىشلىتىش ياكى نامازدا كىيىمىنى تۈرۈۋېلىشتەك ئىشلاردۇر. قىلغۇچى جازالانمايدۇ، ئەمما تەرك ئەتكۈچى ساۋابقا ئېرىشىدۇ.

مۇباھ (ئىختىيارى ):  ئالما يېيىش ياكى چاي ئىچىشكە ئوخشاش ئىشلاردۇر.  قىلسا ياكى قىلمىسا ساۋاب ياكى جازا بېرىلمەيدۇ.

ئەسكەرتىش: مۇباھ ئەمەللەرنىڭ ھۆكمى شارائىتقا قاراپ ئۆزگىرىدۇ. مەسىلەن: يولدا مېڭىش مۇباھ، ئەمما ئەزان ئوقۇلغاندا مەسجىدكە مېڭىش ۋاجىپقا ئايلىنىدۇ.

3-سوئال: سودا-سېتىق ۋە مۇئامىلە ئىشلىرىنىڭ ھۆكمى نېمە؟

جاۋاب: ئەسلىدە ئېلىم-سېتىم ۋە ئۆز-ئارا مۇئامىلە قىلىش ھالالدۇر. لېكىن ئاللاھ تەئالا بەزى تۈرلىرىنى ھارام قىلغان. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:

﴿وَأَحَـلَّ اللََّّهُ الْبَيْـعَ وَحَـرَّمَ الرِّبَـا﴾

« ئاللاھ سودىنى ھالال قىلدى ۋە ئۆسۈمنى ھارام قىلدى»[147].

4-سـوئال: ھـارام قىلىنغان بەزى مۇئامىلە ۋە سـودا تۈرلىرىنى سـۆزلەپ بېرىڭ؟

جاۋاب:

  1. ئالدامچىلىق (كۆز بويامچىلىق:) مالنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇپ سېتىش. رەسۇلۇللاھ ﷺ بىر ئاشلىق ساتقۇچىنىڭ ھۆل ئاشلىقنى ئاستىغا يوشۇرۇپ قويغانلىقىنى كۆرگەندە: «ئۇنى كىشىلەر كۆرسۇن ئۈچۈن ئۈستىگە قويساڭ بولمامدۇ؟! كۆز بويىغانلار مېنىڭدىن ئەمەس »[148] دېگەن.
  2. جازانە (ئۆسۈم): بىر كىشىدىن مىڭ سوم قەرز ئېلىپ، قايتۇرغاندا ئارتۇق قايتۇرۇشقا پۈتۈشۈش. ئالغان قەرزگە قوشۇپ ئارتۇق قايتۇرۇش ئۆسۈم بولۇپ، ئۇ ھارامدۇر.
  3. ئېنىقسىزلىق (غەرەر): تېخى سېغىلمىغان سۈتنى ياكى سۇدىكى تۇتۇلمىغان بېلىقنى سېتىشقا ئوخشاش، تېخى قولغا كەلمىگەن، ئېنىق بولمىغان نەرسىنى سېتىش ھارامدۇر.  رەسۇلۇللاھ ﷺ بۇنىڭدىن توسقان.

5-سوئال: ئاللاھ بەرگەن نېمەتلەردىن بەزى مىساللارنى سۆزلەڭ؟

جاۋاب:

  1. ئىسلام نېمىتى: ئەڭ كاتتا نېمەت — سىزنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىڭىزدۇر.
  2. سۈننەت نېمىتى: سىزنىڭ بىدئەت ئەھلىدىن بولماي، سۈننەتكە ئەگەشكەنلىكىڭىز.
  3. سالامەتلىك نېمىتى: ئاڭلاش، كۆرۈش، مېڭىش ۋە بارلىق ئەزالىرىڭىزنىڭ ساق-سالامەت بولۇشى.
  4. رىزىق نېمىتى: يېمەك-ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەكلەر.
  5. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:

﴿وَإِن تَعُـدُّوا نِعْمَـةَ اللََّّهِ لََا تُحْصُوهَـا ۗ إِنَّ اللََّّهَ لَغَفُـورٌ رَّحِيـمٌ﴾

«ئەگەر ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى سانىساڭلار، ئۇنى ساناپ تۈگىتەلمەيسىلەر»[149] .

6-سـوئال: نېمەتلەر ئالدىدىكـى مەجبۇرىيىتىڭىز نېمـە؟ ئۇنىڭغا قانداق شۈكرى ئېيتىسىز؟

جاۋاب: يالغۇز ئاللاھقا تىل بىلەن ھەمدۇسانا ئېيتىش، قەلب بىلەن ئۇنىڭ ئاللاھتىن ئىكەنلىكىنى بىلىش ۋە ئۇ نېمەتلەرنى گۇناھ ئىشلارغا ئەمەس، بەلكى ئاللاھ رازى بولىدىغان ياخشى ئىشلارغا سەرپ قىلىش ئارقىلىق شۈكرى ئېيتىش پەرىزدۇر.

7-سوئال: مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيىت-بايراملىرى قايسىلار؟

جاۋاب: مۇسۇلمانلارنىڭ پەقەت ئىككى بايرىمى بار: روزا ھېيىت  ۋە قۇربان ھېيىت. رەسۇلۇللاھ ﷺ مەدىنىگە كەلگەندە كىشىلەرنىڭ ئويناپ بايرام قىلىدىغان ئىككى كۈنى بارلىقىنى كۆرۈپ: «ئاللاھ سىلەرگە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى بولغان قۇربان ھېيىت ۋە روزا ھېيىتنى ئالماشتۇرۇپ بەردى»[150] دېگەن .

بۇ ئىككىسىدىن باشقا بايراملار بىدئەتتۇر.

8-سوئال: ئەڭ پەزىلەتلىك ئاي قايسى؟

جاۋاب: رامىزان ئېيى.

9-سوئال: ھەپتىنىڭ ئەڭ پەزىلەتلىك كۈنى قايسى؟

جاۋاب: جۈمە كۈنى.

10-سوئال: بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ پەزىلەتلىك كۈن قايسى؟

جاۋاب: ئەرەفات كۈنى.

11-سوئال: بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ پەزىلەتلىك كېچە قايسى؟

جاۋاب: قەدىر كېچىسى.

12-سوئال: نامەھرەم ئايالنى كۆرگەندە قانداق قىلىش كېرەك؟

جاۋاب:  تىكىلىپ قاراشتىن كۆزنى يۇمۇش (تۆۋەنگە قاراش)  لازىم.  ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:

﴿قُل للِّْمُؤْمِنِينَ يَغُضُّوا مِنْ أبَْصَارِهِمْ﴾

«مۇئمىنلەرگە ئېيتقىنكى، كۆزلىرىنى نامەھرەملەردىن يۇمسۇن»[151].

13-سوئال: ئىنساننىڭ دۈشمەنلىرى نېمىلەردۇر؟

جاۋاب:

  1. نەپسى خاھىش (يامانلىققا بۇيرۇيدىغان كۆڭۈل): ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن: ﴿إِنَّ النَّفْـسَ لَْأَمَّـارَةٌ بِالسُّـوءِ إلَاَّ مـا رَحِـمَ رَبِّـي إنَّ رَبِّـي غَفـورٌ رحيـم﴾ «بۇ نەپىس ھەقىقەتەن يامانلىققا بۇيرۇيدۇ، لېكىن رەببىنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا، رەببىم ھەقىقەتەن مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، شەپقەتلىكتۇر»[152].
  2. شەيتان: ئۇ ئادەم بالىسىنىڭ ئوچۇق دۈشمىنى بولۇپ،  غايىسى ئىنساننى ئازدۇرۇپ دوزاخقا تاشلاشتۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:﴿وَلََا تَتَّبِعُـوا خُطُـوَاتِ الشَّـيْطَانِ ۚ إِنَّـهُ لَكُـمْ عَـدُوٌّ مُّبِيـنٌ﴾ «شەيتاننىڭ يوللىرىغا ئەگەشمەڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئوچۇق دۈشمەندۇر»[153].

14-سوئال: تەۋبە دېگەن نېمە؟

جاۋاب:  ئۇ — گۇناھ-مەئسىيەتنى تاشلاپ ئاللاھقا قايتىش ۋە تائەت-ئىبادەتكە يۈزلىنىشتۇر.  ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:

﴿وَ إِنِّـي لَغَفَّـارٌ لِّْمَـن تَـابَ وَآمَـنَ وَعَمِـلَ صَالِحًـا ثُـمَّ اهْتَـدَىٰ﴾

«مەن تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغان، ئاندىن ھىدايەت تاپقان كىشىنى ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىمەن»[154].

15-سوئال: توغرا تەۋبىنىڭ شەرتلىرى قايسىلار؟

جاۋاب:

  1. گۇناھنى دەرھال توختىتىش .
  2. ئۆتكەن گۇناھلىرىغا قاتتىق پۇشايمان قىلىش .
  3. ئۇ گۇناھنى قايتا قىلماسلىققا قەتئىي بەل باغلاش.

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دېگەن:

﴿وَالَّذِيـنَ إِذَا فَعَلُـوا فَاحِشَـةً أَوْ ظَلَمُـوا أَنفُسَـهُمْ ذَكَـرُوا اللََّّهَ فَاسْـتَغْفَرُوا لِذُنُوبِهِـمْ وَمَـن يَغْفِـرُ الذُّنُـوبَ إِلََّا اللََّّهُ وَلَـمْ يُصِـرُّوا عَلَـىٰ مَـا فَعَلُـوا وَهُـمْ يَعْلَمُـونَ﴾

« ئۇلار بىرەر ناچار ئىش قىلىپ قالسا ياكى ئۆزىگە زۇلۇم قىلسا، ئاللاھنى ئەسلەيدۇ-دە،  گۇناھلىرىغا مەغپىرەت تىلەيدۇ.  گۇناھنى ئاللاھتىن باشقا كىم مەغپىرەت قىلىدۇ؟ ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ قىلغان گۇناھىدا چىڭ تۇرۇۋالمايدۇ»[155].

16-سوئال: پەيغەمبەر ﷺ گە سالاۋات ئوقۇشنىڭ مەنىسى نېمە؟

جاۋاب:  سالاۋات ئوقۇش — سىزنىڭ پەيغەمبەر ﷺ ئۈچۈن ئاللاھتىن تىلىگەن خەيرلىك تىلەكلىرىڭىز ۋە ئاللاھنىڭ ئۆز ھۇزۇرىدىكى پەرىشتىلەر ئارىسىدا پەيغەمبەر ﷺ نى مەدھىيەلىشىدۇر.

17-سوئال: «سُبْحَانَ اللَّەِ» نىڭ مەنىسى نېمە؟

جاۋاب: ئاللاھ تەئالانى بارلىق ئەيىب-نۇقسانلاردىن پاك دەپ ياد ئېتىشتۇر. يەنى: «ئەي ئاللاھ، سەن ھەممە نۇقساندىن پاكسەن» دېگەنلىك بولىدۇ.

18-سوئال: «الْحَمْدُ لِلَّەِ» نىڭ مەنىسى نېمە؟

جاۋاب: ئاللاھنى پۈتۈن كامالەت سۈپەتلىرى بىلەن مەدھىيەلەش. يەنى: «پۈتۈن گۈزەل مەدھىيەلەر ئاللاھقا خاستۇر» دېگەنلىك بولىدۇ.

19-سوئال: «اللَّەُ أكَْبَرُ» نىڭ مەنىسى نېمە؟

جاۋاب: «ئاللاھ بارلىق نەرسىدىن بۈيۈكتۇر، ئۇلۇغدۇر ۋە قۇدرەتلىكتۇر» دېگەنلىك بولىدۇ.

20-سوئال: «لَا حَوْلَ وَلَا قُوَّةَ إلَِّا بِاللَّەِ» نىڭ مەنىسى نېمە؟

جاۋاب: «بەندىنىڭ بىر ئەھۋالدىن يەنە بىر ئەھۋالغا ئۆزگىرىشى ۋە ھەر قانداق ئىشنى قىلىش كۈچ-قۇۋۋىتى پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن بولىدۇ» دېگەنلىكتۇر.

21-سوئال: «أسَْتَغْفِرُ اللَّەَ» نىڭ مەنىسى نېمە؟

جاۋاب: بەندىنىڭ ئۆز رەببىدىن گۇناھلىرىنى كەچۈرۈشىنى ۋە ئەيىبلىرىنى يېپىشىنى تىلىشىدۇر.

 

 

 

خاتىمە

ئاخىرىدا شۇنى تەكىتلەيمەنكى:  بۇ سوئال-جاۋابلار بالىلارنىڭ توغرا سۆز،  توغرا ئەمەل ۋە ساغلام ئەقىدە بىلەن يېتىلىشى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار چوقۇم تەكرار شەرھلەپ ئۆگىتىشى زۆرۈر بولغان مۇھىم مەسىلىلەردۇر. پەرزەنتلەرنى مۇشۇنداق توغرا يول ئۈستىدە تەربىيەلەش ئۇلارنى يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلەشتىنمۇ مۇھىمدۇر.

ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَـا أَيُّهَـا الَّذِيـنَ آمَنُـوا قُـوا أَنفُسَـكُمْ وَأَهْلِيكُـمْ نَـارًا وَقُودُهَـا النَّـاسُ وَالْحِجَـارَةُعَلَيْهَـا مَلََائِكَـةٌ غِـلََاظٌ شِـدَادٌ لََّا يَعْصُـونَ اللََّّهَ مَـا أَمَرَهُـمْ وَيَفْعَلُـونَ مَـا يُؤْمَـرُونَ﴾

« ئەي ئىمان ئېيتقانلار! سـىلەر ئۆزۈڭلارنـى ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتىڭلارنى يېقىلغۇسـى ئىنسـانلار ۋە تاشـلار بولغـان دوزاخ ئوتىدىـن سـاقلاڭلار. دوزاختا قوپـال، قاتتىـق قول پەرىشـتىلەر بـار بولۇپ، ئـۇلار ئاللاھنىـڭ بۇيرۇقىغا ئاسـىيلىق قىلمايدۇ، نېمىگـە بۇيرۇلسـا شـۇنى ئىجرا قىلىـدۇ»[156].

رەسۇلۇللاھ ﷺ مۇنداق دېگەن:

«كُلُّكُمْ رَاعٍ، وَكُلُّكُمْ مَسْئُولٌ عَنْ رَعِيَّتِەِ، فَالإْمَِامُ رَاعٍ وَمَسْئُولٌ عَنْ رَعِيَّتِەِ، وَالرَّجُلُ رَاعٍ فِيأهَْلِەِ وَهُوَ مَسْئُولٌ عَنْ رَعِيَّتِەِ، وَالمَْرْأةَُ رَاعِيَةٌ فِي بَيْتِ زَوْجِهَا وَمَسْئُولةٌَ عَنْ رَعِيَّتِهَا…»

« سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلار بىر پادىچى (باشلىق) دۇر ۋە ھەر بىرىڭلار ئۆز قول ئاستىڭلاردىكىلەردىن مەسئۇلدۇرسىلەر. ئەر كىشى ئۆز ئائىلىسىنىڭ باشلىقىدۇر ۋە ئۇ قول ئاستىدىكىلەردىن مەسئۇلدۇر. ئايال كىشى ئېرىنىڭ ئۆيىدىكىلەرنىڭ باشلىقىدۇر ۋە ئۇمۇ ئائىلىسىدىكىلەردىن مەسئۇلدۇر»[157].

وَالحَْمْدُ للَِّەِ رَبِّ العَْالمَِينَ، وَصَلَّى اللَّەُ وَسَلَّمَ عَلَى نَبِيِّنَا مُحَمَّدٍ وَعَلَى آلەِِ وَصَحْبِەِ أجَْمَعِينَ

[1] فاتىھە سۈرىسى، 2-ئايەت

[2] ئال ئىمران سۈرىسى، 19-ئايەت

[3] فەتھى سۈرىسـى،  29-ئايـەت

[4] مۇھەممەد سۈرىسى،  19-ئايەت

[5] تاھا سۈرىسى، 5-ئايەت

[6] ئەنئام سۈرىسى،  18-ئايەت

[7] نىسا سۈرىسى، 80-ئايەت

[8] نەجم سۈرىسى، 3-4-ئايەتلەر

[9] ئەھزاب سۈرىسى،  21-ئايەت

[10] زارىيات سۈرىسى، 56-ئايەت

[11] بەييىنە سۈرىسى،  5-ئايەت

[12] مەريەم سۈرىسى، 65-ئايەت

[13] نىسـا سۈرىسـى، 48-ئايـەت

[14] نەمل سۈرىسى، 65-ئايەت

[15] مۇسـلىم رىۋايىتى

[16] لوقمان سۈرىسى 34-ئايەت

[17] ئەنئام سۈرىسى59 – ئايەت

[18] تەكۋىرسۈرىسى 28-29-ئايەتلەر

[19] ساففات سۈرىسى 96-ئايەت

[20] ئەبـۇ داۋۇد رىۋايىتـى

[21] مۇمتەھىنە سۈرىسى 4-ئايەت

[22] ئـال ئىمـرانسۈرىسـى، 85-ئايـەت

[23] نىسـا سۈرىسـى، 145-ئايـەت

[24] بۇخارى ۋە مۇسـلىم رىۋايىتى

[25] ئەھـزاب سۈرىسـى، 40-ئايەت

[26] ئەبـۇ داۋۇد ۋە تىرمىـزى رىۋايىتـى

[27] ئەھـزاب سۈرىسـى، 6-ئايـەت

[28] مۇھەممـەد سۈرىسـى، 12-ئايەت

[29] بەقـەرە سۈرىسـى، 24-ئايـەت

[30] ئىسـرا سۈرىسـى، 57-ئايەت

[31] ھىجىـر سۈرىسـى، 49-50-ئايەتلـەر

[32] مۇجادىلە سۈرىسـى، 11-ئايەت

[33] يۇنۇس سۈرىسى،62 -63-ئايەتلەر

[34] ئەنفال سۈرىسـى،2 -ئايەت

[35] تالاق سۈرىسى، 3-ئايەت

[36] ئالئىمران سۈرىسى، 110-ئايەت

[37] مۇسـلىم رىۋايىتى

[38] نىسـا سۈرىسـى، 103-ئايـەت

[39] ئىمـام ئەھمـەد رىۋايىتى

[40] مۇسـلىم رىۋايىتى

[41] ئەبـۇ داۋۇد رىۋايىتـى

[42] جۈمـە سۈرىسـى، 9-ئايەت

[43] سـۈنەن ئىگىلىـرى رىۋايىتـى

[44] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى

[45] مۇئمىنۇن سۈرىسى، 1-2-ئايەتلەر

[46] بەقەرە سۈرىسى، 43-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى

[47] بەقەرە سۈرىسى، 183-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى

[48] بۇخـارى ۋە مۇسـلىم رىۋايىتى

[49] بۇخـارى ۋە مۇسـلىم رىۋايىتى

[50] ئال ئىمران سۈرىسى، 97-ئايەت

[51] بۇخـارى رىۋايىتى

[52] تەۋبە سۈرىسى، 41-ئايەت

[53] بۇخارى ۋە مۇسـلىم رىۋايىتى

[54] بۇخارى ۋە مۇسـلىم رىۋايىتى

[55] تىرمىـزى رىۋايىتى

[56] تىرمىـزى رىۋايىتى

[57] بۇخارى ۋە مۇسـلىم رىۋايىتى).

[58] بۇخـارى ۋە مۇسـلىم رىۋايىتـى

[59] بۇخـارى رىۋايىتـى

[60] بۇخـارى ۋە مۇسـلىم رىۋايىتى

[61] بۇخـارى ۋە مۇسـلىم رىۋايىتـى

[62] ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى

[63] تىرمىزى رىۋايىتى

[64] تىرمىـزى رىۋايىتـى

[65] تىرمىـزى رىۋايىتى

[66] زۇخرۇف سۈرىسى، 13-14-ئايەتلەر

[67] تىرمىـزى ۋە ئىمـام ئەھمـەد رىۋايىتى

[68] ئىسرا سۈرىسى، 9 -ئايەت

[69] ئىمـام ئەھمـەد رىۋايىتى

[70] مۇسـلىم رىۋايىتى

[71] مۇئمىنۇن سۈرىسى ، 8-ئايەت

[72] بىرلىككە كەلگەن ھەدىس

[73] بىرلىككە كەلگەن ھەدىس

[74] بىرلىككە كەلگەن ھەدىس

[75] بىرلىككە كەلگەن ھەدىس

[76] ئال ئىمران سۈرىسى، 146-ئايەت

[77] مۇسلىم رىۋايىتى

[78] تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى

[79] مائىدە سۈرىسى، 2-ئايەت

[80] بىرلىككە كەلگەن ھەدىس

[81] مۇسلىم رىۋايىتى

[82] بىرلىككە كەلگەن ھەدىس

[83] ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى

[84] بەقەرە سۈرىسى 165-ئايەت

[85] بۇخارى رىۋايىتى

[86] بۇخارى رىۋايىتى

[87] مۇسلىم رىۋايىتى

[88] تىرمىزى رىۋايىتى

[89] فەلەق سۈرىسى، 5-ئايەت

[90] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى

[91] ھۇجۇرات سۈرىسى 11-ئايەت

[92] فۇرقان سۈرىسى 63-ئايەت

[93] مۇسلىم رىۋايىتى

[94] مۇسلىم رىۋايىتى

[95] مۇسلىم رىۋايىتى

[96] مۇسلىم رىۋايىتى

[97] ھۇجۇرات  سۈرىسى 12-ئايەت

[98] مۇسلىم رىۋايىتى

[99] نىسا سۈرىسى 142-ئايەت

[100] ھۇجۇرات سۈرىسى 12-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى

[101] فۇرقان سۈرىسى، 67-ئايەت

[102] مۇسلىم رىۋايىتى

[103] تىرمىزى ۋە ئىبنى ھەببان

[104] بۇخارى رىۋايىتى

[105] تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى

[106] ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە باشقىلار

[107] تىرمىزى رىۋايىتى

[108] ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى

[109] ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى

[110] بىرلىككە كەلگەن ھەدىس

[111] ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى

[112] ئەبۇ داۋۇد ۋە باشقىلار

[113] مۇسلىم رىۋايىتى

[114] ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى

[115] ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى

[116] مۇسلىم رىۋايىتى

[117] مۇسلىم رىۋايىتى

[118] بىرلىككە كەلگەن ھەدىس

[119] بۇخارى رىۋايىتى

[120] بۇخارى رىۋايىتى

[121] بىرلىككە كەلگەن ھەدىس

[122] ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى

[123] ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە ۋە باشقىلار

[124] مۇسلىم رىۋايىتى

[125] بۇخارى رىۋايىتى

[126] ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە باشقىلار

[127] ھۇجۇرات 13، 14- ئايەتلەر

[128] ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى

[129] ھۇجۇرات 13، 14- ئايەتلەر

[130] مۇسلىم رىۋايىتى

[131] ئىمام ئەھمەد ۋە ئىبنى ماجە

[132] ئىمام ئەھمەد ۋە تىرمىزى

[133] تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە

[134] بىرلىككە كەلگەن ھەدىس

[135] تىرمىزى رىۋايىتى

[136] ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى

[137] ھاكىم رىۋايىتى

[138] سەھى ھەدىسلەر توپلىمى

[139] تىرمىزى، ئەبۇ داۋۇد ۋە باشقىلار

[140] بۇخارى رىۋايىتى

[141] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى

[142] ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى ماجە

[143] ئىمام ئەھمەد، ئىبنى ماجە ۋە باشقىلار

[144] تىرمىزى رىۋايىتى

[145] ئىمام ئەھمەد، ئىبنى ماجە ۋە باشقىلار

[146] بىرلىككە كەلگەن ھەدىس

[147] بەقەرە سۈرىسى ، 275-ئايەت

[148] مۇسلىم رىۋايىتى

[149] نەھل سۈرىسى، 18-ئايەت

[150] ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى

[151] نۇر سۈرىسى، 30-ئايەت

[152] يۈسۈف سۈرىسى، 53-ئايەت

[153] بەقەرە سۈرىسى ، 168-ئايەت

[154] تاھا سۈرىسى، 82-ئايەت

[155] ئال ئىمران سۈرىسى، 135-ئايەت

[156] تەھرىم سۈرىسى، 6-ئايەت

[157] بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى