ئاپتورى: مىركامىل كاشغەرىي
«تۈركىستان ۋاقتى» تور گېزىتى مۇھەررىرلىكىدىن ئەسكەرتىش:
ئاپتور مىركامىل كاشغەرىينىڭ ئۈچ يىللىق ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىشى ۋە يۈزلىگەن كېچىلىك ئۇيقۇسىنى قۇربان قىلىشى نەتىجىسىدە پۈتۈپ چىققان، نۆۋەتتە تۈركچە نەشىر قىلىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان «مۇستەبىتنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلىشى» ناملىق كىتابى، «تۈركىستان ۋاقتى» تور گېزىتىدە باپ ۋە بۆلۈملەر بويىچە كەڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلىدۇ. بۇ كىتابتا، خىتاي، ئىسرائىلىيە، ئامېرىكا ۋە شەرقىي تۈركىستان تۈگۈنىنى چۆرىدىگەن ھالدا، يەر شارى خاراكتېرلىك گېئو-سىياسەت تۇنجى قېتىم بىر پۈتۈن گەۋدە شەكلىدە ئانالىز قىلىنىدۇ. ھەر ھەپتىدە بىر ئېلان قىلىنىدىغان يېڭى بۆلۈملىرىنى قاچۇرماي ئوقۇغايسىلەر.
كىرىش سۆز
2026-يىلى 17-مارت ئەتىگىنى، ۋاشىنگتوندا ۋاقىت توختاپ قالغاندەك ئىدى. ئامېرىكا دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى جوۋ كەنت، ئامېرىكانىڭ ئىران ئۇرۇشىنى «ئىسرائىلىيە ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى كۈچلۈك لوبىچىلىق گۇرۇھلىرىنىڭ بېسىمى» بىلەن باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى. دەل شۇ مىنۇتلاردا خىتاي تىمتاس بېسىپ ئۆتۈلگەن ئەللىك يىللىق بىر مۇساپىنىڭ ۋە بىر خۇپىيانە نىكاھنىڭ مېۋىلىرىنى توپلىماقتا ئىدى. دۇنيانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچى، ئۆز ئىتتىپاقدىشى ئىسرائىلىيەنىڭ قولى بىلەن قانداقلارچە بۇ ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلىش نۇقتىسىغا سۆرەپ كېلىندى؟ بۇنىڭ جاۋابىنى تېپىش ئۈچۈن، 1979-يىلىغا قايتىشقا توغرا كېلىدۇ.
1979-يىلىنىڭ سوغۇق بىر مارت كېچىسى، بېيجىڭدىن ئەللىك كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر ھەربىي ئايرودرومغا ھېچقانداق تەۋەلىك بەلگىسى بولمىغان بىر بويىڭ (Boeing) ئايروپىلانى قوندى. ئايروپىلاندىن ئوتتۇز ئادەم چۈشتى. ئۇلار ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ مەخپىي مۇداپىئە تېخنىكىلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىجادكارلىرى بولغان IAI ۋە Rafael شىركەتلىرىنىڭ مۇھىم ئىنژېنېرلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ كىملىكى سورالمىدى. يۈزلىرىمۇ رەسىمگە تارتىلمىدى. ئىسىملىرىمۇ يېزىلمىدى. ئايروپىلان ئۇدۇل ئامبارغا سۆرەپ كىرىلىپ، دەرۋازا تاقالدى.
دەرۋەقە، ئايروپىلان ئوتتۇز كىشىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بېيجىڭغا قونغاندا پەقەتلا تېخنىكا ئېلىپ كەلمىگەن ئىدى. ئۇلار پېچەتلەنگەن تابۇت ئىچىدىكى غەرب مەدەنىيەتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك روھىنى تارىخنىڭ ئەڭ ئۇزۇن داۋاملىشىدىغان ۋە ئەڭ پىلانلىق تاپشۇرۇش مۇساپىسىنىڭ تۇنجى بولىقى سۈپىتىدە بېيجىڭنىڭ قولىغا تۇتقۇزغان ئىدى.
شۇ كېچىسى بىر نىكاھ قىلىندى. خىتاي-ئىسرائىلىيە نىكاھى. مۇراسىمسز، شاھىتلىرى نامەلۇم، ئەمما شۇ ئېنىقكى، ئۇ كېچىدىن باشلاپ دۇنيانىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقى ئاستاغىنا قېيىشقا باشلىدى ۋە بۇ قېيىش 46 يىل بويىچە، ھېچقانداق بىر تەۋرىنىشنى ھېس قىلدۇرمايدىغان دەرىجىدە تىمتاسلىق ئىچىدە داۋاملاشتى.
بۇ كىتاب، ئەنە شۇ نىكاھنىڭ رەسمىي جىنايەت ئارخىپىدۇر. ئەمما بۇ كىتاب پەقەت دۆلەتلەرنىڭ خىيانەتلىرىنىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسان پىترىتىنىڭ قانداق يوقىتىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بىر تەرەپتە يەر شارى خاراكتېرلىك تېخنىكىلىق قورشاۋ، يەنە بىر تەرەپتە بولسا، ئۆز ئانىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى 11 كۈندىن كېيىن ئاران ئېنقلاپ چىقالىغان بىر ئۇيغۇر ژورنالىستنىڭ تۇنجۇققان سۈكۈتى.
بىراق كىتابنىڭ يېزىلىش سەۋەبى، بۇ بارلىق گېئو-سىياسەتنىڭ نېرىسىدىكى تولىمۇ شەخسىي بىر تۇيغۇغا باغلانغان، يەنى بىر نىكاھقا ئەمەس، بىر پارچە رەسىمگە.
ئۇ رەسىمدە تۆت ياشلىق بىر كىچىك بالا. ئىسمى مۇھەممەد. ئانىسى ئەتىگىنى ئۇنىڭغا تورت ئېتىپ بەرگەن، تورت قىيامىدا بارمىقى مەينەت بولغان ھالدا كۈلۈپ تۇرۇپ چۈشكەن بىر رەسىم. ئۈچ ئايدىن كېيىن ئۇ ئۆي يوق. ئۇ مەھەللە يوق. ئۇ شەھەر ئەمدى كونا شەھەر ئەمەس. مۇھەممەدنىڭ ئانىسى بىر لاگېردا. دادىسى باشقا بىر لاگېردا. بوۋىسى ئۈچىنچى بىر لاگېردا. مۇھەممەدنى ئەمدى «مۇھەممەد» دەپ چىقىرىشمۇ چەكلەنگەن. خىتايلار ئۇنى «ما لياڭ» (Ma Liang) دەپ ئاتايدۇ. ما لياڭ خىتايچىدا «پارلاق» دېگەنلىك بولىدۇ. لېكىن مۇھەممەد پارلاق ئەمەس. مۇھەممەد قاراڭغۇلۇق ئىچىدە. مۇھەممەد ئانىسىنى سورايدۇ.
بۇ ئەسلىدە بىر خەلقنىڭ پەقەت جىسمانىي مەۋجۇتلۇقىنىلا ئەمەس، بەلكى تارىخىي ئەس – خاتىرىسىنىمۇ تامامەن ئۆچۈرۈپ تاشلاشنى نىشان قىلغان سىستېمىلىق Mnemocide (ئەس – خاتىرە قىرغىنچىلىقى) ئوپېراتسىيەسىنىڭ تۇنجى تەجرىبىخانا مەھسۇلاتى ئىدى.
ئۇ رەسىم ياشانغان 12 ئانىنىڭ قولىدىن قولغا ئۆتۈپ، 8 يىلدىن كېيىن ئاران دېگەندە ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلدى. ئۇنى ئېلىپ مېنىڭ ئالدىمغا قويغان كىشى ماڭا مۇنداق دېگەن ئىدى: «بىلىمەن قەلىمىڭ كۈچلۈك، سەن ياز. بۇ بالا ئۈچۈن ياز. ئۇنىڭغا ئوخشاش مىڭلىغان بىگۇناھ ئۈچۈن ياز. يازغىنكى، دۇنيا بىلسۇن»
مەنمۇ شۇ كېچىدىن باشلاپ يېزىشقا كىرىشتىم. ئۈچ يىل ئۆتتى. بۇ كىتاب ئەنە شۇ كېچىنىڭ نەتىجىسىدۇر.
بۈگۈنگە قەدەر شەرقىي تۈركىستان پەقەت يىغا-زارە ۋە ماتەمدىن ئىبارەت بىرلا تىلدا يېزىلدى. ئازاب-ئوقۇبەتلەر خاتىرىلەندى، زۇلۇمنىڭ سان-سىپىرلىرى ھېسابلاندى، ئەمما «زادى نېمە قىلىش كېرەك؟» دېگەن سوئال بۇرۇنقىدەكلا ھاۋادا قېلىۋەردى. ھېچكىم بۇ سوئالنى رېئال سىياسەتنىڭ سوغۇق ئۈستىلىگە قويۇشقا جۇرئەت قىلالمىدى. بۇ كىتاب دەل ئەنە شۇ نۇقتىدىن باشلىنىدۇ. ئۇ ماتەم تۇتمايدۇ، يول كۆرسىتىدۇ. سوئالنى بىر قۇرۇق تىلەك بىلەن ئەمەس، باشتىن- ئاخىرىغىچە مۇئەييەن ئىستراتېگىيەلىك بىر يول خەرىتىسى بىلەن جاۋابلايدۇ. چۈنكى بۇ پەقەت بىر كىتاب ئوقۇشلا ئەمەس، بەلكى بىر مەۋجۇتلۇق ئىمتىھانىدۇر.
ئەمدى ئالدىڭلارغا بىر قانچە سوئالنى قويىمەن. ئۇلارنىڭ جاۋابى ئاسان ئەمەس.
بۈگۈن ئىسرائىلىيەنىڭ خايفا پورتىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان گىگانت خىتاي كرانلىرىنىڭ، ئامېرىكا يادرو سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ ئاكۇستىكىلىق بارماق ئىزلىرىنى سېكۇنت ئىچىدە شاڭخەيگە يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلگەن بولساڭلار، ئاق دېڭىزغا يەنە شۇنداق خاتىرجەملىك بىلەن قارىيالامتىڭلار؟
غەززە كوچىلىرىدا «Battle Tested» (ئۇرۇشتا سىنالغان) دېگەن ماركا بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەنگەن ئالگورىتملارنىڭ، قەشقەردىكى «دىگىتال بائال» قەتلىگاھىغا روھ بولۇپ پۈۋلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، يەنىلا «پەلەستىن مەسىلىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسسىلىسى، ئىككى ئايرىم-ئايرىم مەسىلە» دېيەلەمتىڭلار؟
جېففرېي ئېپشتېين (Jeffrey Epstein) نىڭ «زورو رانچ» تىكى گېنىكا تەجرىبىخانىسىدا «سەرخىل ئىنسان نەسلىنى ئۇرۇقلاندۇرۇش» خاھىشى بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ئۇسۇللىرى ئوتتۇرىسىدىكى دەھشەتلىك بىئو-سىياسىي باغلىنىش بىر تاسادىپىيلىقمۇ؟ ياكى ئىنسانىيەت پىترىتىگە قارىتىلغان ئومۇمىيۈزلۈك بىر ھۇجۇمنىڭ بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىككى سېپىمۇ؟
بۇ سوئاللار سىلەرنى پىترەتكە قارىتىلغان ئومۇمىيۈزلۈك ھۇجۇمنىڭ كوئوردېناتلىرىغا، ئەپيۇن ئۇرۇشلىرىدىن پېترو-يۈەن سىستېمىسىغىچە، مانخاتتەندىكى ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق كامېرالاردىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالگورتمىلىق قەتلىگاھلارغىچە سوزۇلغان بىر خىيانەت زەنجىرىگە باشلاپ بارىدۇ. بۇ زەنجىرنى كىمنىڭ قۇيغانلىقىنى، كىمنىڭ بويۇنغا تاقىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ بەدىلىنى كىمنىڭ تۆلەۋاتقانلىقىنى بىلگىنىڭلاردا، كىتاب سىلەرگە پەقەت ئۆتمۈشنىلا ئەمەس، قولىڭلاردىن تارتىۋېلىنىش ئالدىدا تۇرغان كېلەچىكىڭلارنىمۇ سۆزلەپ بېرىدۇ.
جىنايەتچىلەرنىڭ ئۆز ئىقرارلىرى، جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرى، سوت مەھكىمىسى قارارلىرى ۋە ئاشكارىلانغان ھەقىقەتلەردىن تەشكىل تاپقان 480 دىن ئارتۇق بىرىنچى دەرىجىلىك مەنبە ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇ كىتابتىكى بايانلار سىلەرنى قاتتىق بىئارام قىلىشى مۇمكىن. بەلكىم «بۇلارنى بىلمىگەن بولسام ياخشى بولاتتىكەن» دەپ قىلىشىڭلارمۇ مۇمكىن. ئەمما ئۇنۇتماڭلاركى، ئويغىنىشنىڭ تۇنجى ئالامىتى، شۇ تاتلىق ئۇيقۇدىن بىئارام بولۇش بىلەن نامايان بولىدۇ. ھەقىقەتنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ، بەدىلىنى جېنى ياكى كەسپىي ھاياتى بىلەن تۆلىگەنلەرنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بولسىمۇ، ئەمدى سۈكۈت قىلىش بىر تاللاش ئەمەس. بۇ كىتاب، ئەنە شۇ بىئاراملىقنى بىر ئازاتلىق ھۆججىتىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن يېزىلدى.
ئىدىيەلىرىڭلار كىمنىڭ كۇتۇپخانىسىدا شەكىللىنىدۇ؟ تۇيغۇلىرىڭلار كىمنىڭ ئېكرانىدىن قانات قېقىشنى ئۆگىنىدۇ؟ قورقۇنچلىرىڭلار كىمنىڭ ئالگورىتمىسى تەرىپىدىن سەمىرىتىلىدۇ؟ ئۈمىدىڭلار كىمنىڭ سىنارىيەلىرىدىن ئوزۇق ئالىدۇ؟
بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرەلمەيۋاتقان بولساڭلار، سىلەر يالغۇز ئەمەس. بۇ سوئاللار بۈگۈن ئەمدى سورالمايدىغان بولدى. چۈنكى بىر چەك-چېگرا يوقىتىلدى. ئەمدى بىر «ئىچكىرى» ياكى «تاشقىرى» دەيدىغان پەرق يوق، پەقەت بىرلا ئىچكىرى بار. بۇ ئىچكىرىنىڭ سېپىللىرى كۈنسىرى يۈكسەلمەكتە، ئىچىدىكىلەر سېپىللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ كۆرمەيدۇ.
ئۇلار خىياللىرىدا سېپىلنى ئەمەس، سېپىلنىڭ ئارقىسىدىكى مەنزىرىنى تەسۋىرلەيدۇ. يۇقىرىغا قاراپ، «مانا ئاسمان» دەيدۇ، ئەمما ئۇلار قاراۋاتقان ئاسمان باشقا بىرسى قۇرۇپ چىققان بىر تورۇستۇر. ئۈستى كۆك رەڭگە بويالغان، بۇلۇتلار سىزىلغان، قۇياش ئۈچۈن بىر گراموفون ئورنىتىلغان. ھەقىقىي ئاسمان باشقا بىر يەردە. ھەقىقىي ئاسمان، شۇ تورۇسنىڭ يېرىقلىرىنىڭ ئۇ تەرىپىدە.
بۇ كىتاب ئەنە شۇ يېرىقنىڭ خەرىتىسىدۇر.
مەن سىلەرگە بەزى دەرۋازىلارنىڭ ئاچقۇچلىرىنى بېرىمەن. بىرى 1979-يىلىنىڭ بېيجىڭ كېچىسىنى ئاچىدۇ. بىرى 2017-يىلى نېتانىياھۇنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ھۇزۇرىدا قۇرغان «جەننەتتىكى نىكاھ» جۈملىسىنى ئېچىپ بېرىدۇ. بىرى مەنخەتتەننىڭ «71 East 71st Street» ئادرېسىدىكى، ئىسرائىلىيەنىڭ بىر سابىق باش مىنىستىرى ئوتتۇز قېتىمدىن ئارتۇق مەخپىي كىرىپ چىققان قورو دەرۋازىنى ئاچىدۇ. بىرى خايفا پورتىدا ئۆرلەۋاتقان خىتاي كرانلىرىنىڭ ئۈستىدىكى كىچىك قارا قۇتىلارنى ئاچىدۇ. بىرى قەشقەردە بىر يۇمشاق دېتالنىڭ يۈز ئەللىك سېكۇنت ئىچىدە بىر ئىنساننىڭ كىملىكىنى قانداق ئۆچۈرۈپ تاشلىغانلىقىنى ئېچىپ بېرىدۇ. يەنە بىرى بولسا، 1944-يىلى 12-نويابىردا غۇلجىدا جەۋلان قىلغان ۋە قايتىدىن جەۋلان قىلىشنى كۈتۈپ تۇرغان مۇقەددەس كۆك بايرىقىمىزنى ئاچىدۇ.
بارلىق دەرۋازىلار تەڭ ئېچىلغاندا، كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېتىدە، ئالدىڭلاردا پەقەت بىرلا ئۆي بولىدۇ. ئۇ ئۆي دۇنيانىڭ ئاخىرقى قىرىق ئالتە يىللىق بىنا قۇرۇلمىسىدۇر. ئۆينىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئۈستەل. ئۈستەلنىڭ ئۈستىدە بىر توختام. توختامنىڭ ئاستىدا ئىككى ئىمزا، بىرسى خىتاينىڭ، يەنە بىرسى ئىسرائىلىيەنىڭ. توختامنىڭ ئۈچىنچى تەرىپى، يەنى ئىمزا قويىدىغان يېرى بوش تۇرغان ئۈچىنچى قۇر سىزگە تەۋە.
چۈنكى سىزمۇ شۇ توختامنىڭ بىر پارچىسى. توختامنىڭ ئاستىغا ئۆز قولىڭىز بىلەن ئىمزا قويمىغانلىقىڭىز ئەركىن بولالىغانلىقىڭىز ئەمەس، ئەكىسچە سىستېمىنىڭ چاقلىرى ئارىسىدا سىز قالدۇرغان ھەر بىر «ئۇچۇر »، شۇ بوش قالغان قۇرغا رازىلىقىڭىزنى سورىماستىن ئىسمىڭىزنىڭ ئاپتوماتىك يېزىلىشىغا خىزمەت قىلىدىغان سىياھقا ئايلىنىدۇ. بۇ كىتاب، ئەنە شۇ سىياھنى قايتۇرۇۋېلىشىڭىز ئۈچۈن يېزىلدى. تېمىسى سىزنىڭ كېلەچىكىڭىز، پەرزەنتىڭىزنىڭ كېلەچىكى، شەھىرىڭىزنىڭ كېلەچىكى ۋە مەدەنىيىتىڭىزنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىدۇر.
خىتاينىڭ ۋېيچى (Weiqi / قورشاش) ئويۇنىدا بىر تاشنىڭ ئەتراپى قورشاۋغا ئېلىنغاندا، ئۇ تاش تاختىدىن ئېلىپ تاشلانمايدۇ. تاش ئورنىدا تۇرۇۋېرىدۇ. ئەمما ئەمدى ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى قورشاۋغا ئالغۇچى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئورنى ئوخشاش، رەڭگى ئۆزگەرمىگەن ئەمما ۋەزىپىسى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولىدۇ. ئۇنى كۆرگەن ماھىر دەرھال ھېس قىلىدۇكى، ئۇ تاش ئەمدى ئۆزىنىڭ ئەمەس. بىراق يىراقتىن قارىغانلار، ئويۇن قائىدىسىنى بىلمەيدىغانلار، خىتاينىڭ ۋېيچى (Weiqi / قورشاش) ئويۇنىغا ئەنئەنىۋى شاھماتنىڭ كۆزى بىلەن باقىدىغانلار، ئۇ تاشنى يەنىلا كونا ئىگىسىنىڭ دەپ ئويلايدۇ.
بۈگۈن دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئەنە شۇنداق تاشلار مەۋجۇت. ئىسىملىرى كونا دۆلەتنىڭ ئىسىملىرى. بايراقلىرى كونا بايراقلار. سىياسەتچىلىرى كونا سىياسەتچىلەرگە ئوخشايدۇ. ئەمما ۋەزىپىلىرى پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن. ئۇلارنى قورشاۋغا ئالغان كۈچ بولسا كۆرۈنمەيدۇ، ئۈنسىز، سامان ئاستىدىكى سۇدەك.
بۇ، خىتاي ئىستراتېگىيەسىدىكى «شى» (Shi / شارائىتنىڭ قۇدرىتى) قانۇنىيىتىدۇر. يەنى ئوچۇق- ئاشكارە بىر ئۇرۇشقا كىرمەي تۇرۇپ، تاختىدىكى بارلىق نەپەس يوللىرىنى بىرلا قېتىمدا ئەمەس، بەلكى ئەللىك يىللىق بىر سېڭىپ كىرىش بىلەن بوغۇپ تاشلاش ھىيلىسىدۇر.
بىر كۈنى بۇ قورشاۋ ئاشكارىلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. تاختىنىڭ ئۈستىدە قايسى تاشنىڭ ھەقىقىي تۈردە كىمنىڭ ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىدۇ. ئۇ كۈن يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئوقۇلۇشى كېرەك بولغان بىر كىتابتۇر بۇ. ئۇ كۈن كەلگەندىن كېيىن، بەلكىم ئوقۇش پۈتۈنلەي مۇمكىنسىز بولۇپ قېلىشى ئېنىق.
بۇ دەۋرنىڭ ئەڭ چوڭ سىرلىق ھىيلىسى ھەممە نەرسىنىڭ ئوپ – ئوچۇق، ئاشكارە ئوتتۇرىدا تۇرۇپمۇ، ھېچكىمنىڭ ئۇنى كۆرمەسلىكىدۇر. ئىشىك ئوچۇق، ئەمما ئىچىگە ھېچكىشى باقمايدۇ. ئىشىكنىڭ ئوچۇق تۇرۇشى، ئەسلىدە مەخپىيەتلىكنىڭ ئەڭ پىشقان، ئەڭ مۇكەممەللەشكەن ھالىدۇر.
بۇ كىتاب بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئەمەس، بىر ئويغىتىش سىنىقىدۇر. بىر ماتەم ناخشىسى ئەمەس، بىر ئازادلىق ھۆججىتىدۇر. سىز ھازىر شۇ دەرۋازىدىن ئىچىگە قارىماقچى بولۇپ تۇرىۋاتىسىز. قاراۋېرىڭ، قورقماڭ. قارىشىڭىزنىڭ ئۆزىلا بىر ئويغىنىشتۇر. سىز قارىمىغانچە ئۇ ئۆي چوڭىيىۋېرىدۇ. سىز قاراشنى باشلىغان مىنۇتتىن ئېتىبارەن ئۇ ئۆي كىچىكلەشكە باشلايدۇ.
ئەمىسە مەرھەمەت ئىشىك ئېچىلىۋاتىدۇ….
1 – باپ: نېتانياھۇنىڭ بېيجىڭغا ئاتلىنىشى

«ئىنسان دېگەن نانكور بولىدۇ، ئۇ ھەممە نەرسىنى ئاسانلا ئۇنتۇپ كەتكەندەك، ئۆزىگە قىلىنغان ياخشىلىقلارنىمۇ تېزلا ئۇنتۇيدۇ، ھەتتا بەزىدە بۇ ياخشىلىقلارنى ئۆزىگە بىر يۈك ھېسابلايدۇ»— فىيودور مىخايلوۋىچ دوستويېۋىسكىي
****** ****** ****** ****** ****** ***
بىر باش مىنىستىرنىڭ ئۆز ئاغزىدىن تۆكۈلگەن خىيانەت ئېتىراپى:
«بىز سىلەرنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك كىچىك شېرىكىڭلار… خىتاي-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى جەننەتتە قىلىنغان نىكاھتۇر» — باش مىنىستىر بىنيامىن نېتانياھۇ، بېيجىڭ، 2017-يىلى 20-مارت
2017-يىلى 20-مارت بېيجىڭ. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇ 600 دىن ئارتۇق سودا-سانائەتچى، مىنىستىر ۋە بيۇروكراتلاردىن تەركىب تاپقان، ئىسرائىلىيە تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ كۆپ سانلىق ھەيئەتنى باشلاپ، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى سارىيىنىڭ ھەيۋەتلىك دەرۋازىسىدىن ئىچىگە قەدەم قويدى. سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالماننىڭ 65 مىليارد دوللارلىق كېلىشىملەرگە قول قويۇپ بېيجىڭدىن ئايرىلغىنىغا تېخى 48 سائەتمۇ بولمىغان ئىدى. خىتاي بىر تەرەپتىن رايوننىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئۆزىگە تارتسا، يەنە بىر تەرەپتىن (ئىسرائىلىيەدىن) غەربنىڭ ئەڭ مەخپىي تېخنىكا گېنلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالماقتا ئىدى. قىسقىغىنا ئىككى كۈن ئىچىدە، ئىككى ئايرىم دۆلەتتىن ئۇستىلىق بىلەن ئىككى خىل ھوسۇل ئېلىنغان ئىدى. [1]
نېتانياھۇ شۇ كۈنى داليەن ۋاندا (Dalian Wanda)، ئەلى بابا (Alibaba)، بەيدۇ (Baidu)، ۋاخاخا (Wahaha) ۋە لىنوۋو (Lenovo) قاتارلىق خىتاينىڭ گىگانت شىركەت خوجايىنلىرىنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ، مۇنداق دەپ خىتاب قىلدى:
«بۇ تىرىشچانلىقىڭلاردا بىز سىلەرنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك كىچىك شېرىكىڭلارمىز. ھازىر دۇنيادا يۇقىرى تېخنىكا مۇجەسسەملەنگەن پەقەت ئىككىلا چوڭ مەركەز بار، بىز ئەنە شۇلارنىڭ بىرى. سىلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەشنا بولۇۋاتىمىز. خىتاي-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى جەننەتتە قىلىنغان نىكاھتۇر.» [1]
بۇ سۆزلەرنى ئادەتتىكى بىر دىپلوماتىيەلىك سۇپايىلىق دەپ چۈشىنىش ئەڭ چوڭ خاتالىق. ئەسلىدە نېتانياھۇ «ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك كىچىك شېرىكىڭلارمىز» دېيىش ئارقىلىق، ئىسرائىلىيەنىڭ تەتقىقات-ئىجادىيەت ئەقلىنى خىتاينىڭ سانائەت گەۋدىسىگە بىر «مۇلازىمەت مودۇلى» سۈپىتىدە تەقدىم قىلغانلىقىنى رەسمىي مۇقىملاشتۇرماقتا ئىدى. بۇ بىر ھەمكارلىق تەكلىپى ئەمەس، بەلكى «ئامېرىكا تىنچلىقى» (Pax-Americana) دىن ۋاز كېچىپ، «خىتاي تىنچلىقى» (Pax-Sinica) غا بېقىنىشنىڭ ئالدىن تۈزۈلگەن كېلىشىم لايىھەسى ئىدى. بۇ «كىچىك شېرىك» ئۆزىنىڭ قايسى ھۆكۈمرانغا تەۋە بولىدىغانلىقىنى ئاللىقاچان تاللاپ بولغان ئىدى.
بۇ جۈملىدىكى ھەر بىر سۆزنى دىپلوماتىك سۆز ئەنئەنەسى بويىچە ئايرىم ئايدىم ئانالىز قىلىشقا ئەرزىيدۇ:
«كۆڭۈلدىكىدەك»: ئىسرائىلىيە سۇنغان تېخنىكا زاپىسىنىڭ نۇقسانسىزلىقىغا بېرىلگەن كاپالەت.
«كىچىك»: قاتلاملىق بەيئەتنىڭ ئاشكارە ئېتىراپ قىلىنىشى.
«شېرىكىڭلارمىز»: ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ ئەسلىدە كىمگە ئائىت ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىش.
«جەننەتتە قىلىنغان نىكاھ»: بۇ بىر دۆلەت رەھبىرىنىڭ دىپلوماتىيەلىك سۇپايىلىق ئۈچۈن ئىشلەتكەن چىرايلىق ئوخشىتىشى ئەمەس، بەلكى ئامېرىكادىن يىلىغا 3.8 مىليارد دوللارلىق ھەربىي ياردەم ئالىدىغان بىر ئىتتىپاقداشنىڭ، ئۆز خوجايىنىنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبىگە سۇنغان ئىستراتېگىيەلىك ساداقەتنامەسىدۇر.
خەلقئارا سىياسەت ئەدەبىياتىدا، ئۆزىنى قوغداۋاتقان چوڭ كۈچنىڭ ئىستراتېگىيەلىك دۈشمىنىگە بىر دۆلەت رەھبىرىنىڭ بۇ دەرىجىدە ئاشكارە ساداقەت ئىزھار قىلىپ، «بىز سىلەرنىڭ كىچىك شېرىكىڭلار» دېگەنلىكىنىڭ ئىككىنچى بىر مىسالى يوق. بۇ ئاغزىدىن چىقىپ كەتكەن بىر خاتالىق ئەمەس، بەلكى ئونلىغان يىلغا سوزۇلغان سىستېمىلىق بېقىنىش سىياسىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئىدى.
سىز ئوقۇۋاتقان بۇ باپ، دەل شۇ مەخپىي نىكاھنىڭ جىنايەت خاتىرىسىدۇر. بۇنى بىز دەۋاتقىنىمىز يوق. جىنايەتچىلەرنىڭ ئۆز ئىمزالىرى، ئۆز كامېرالىرى ۋە ئۆز سۆزلىرى بۇنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويماقتا.
1-بۆلۈم: مەخپىي نىكاھنىڭ ئاشكارە توي مۇراسىمىغا ئايلىنىشى
1992-يىلى يانۋاردا ئىسرائىلىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا رەسمىي دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئورنىتىلىشى يېڭى بىر باشلىنىش ئەمەس ئىدى. بۇ مۇناسىۋەت، 1979-يىلىدىكى (كېيىنكى باپتا بارلىق تەپسىلاتلىرىنى بىلەن ئاشكارىلايمىز) بېيجىڭنىڭ قاراڭغۇ كېچىسىدە، سىيونىست شائۇل ئەيسىنبېرگ (Shaul Eisenberg) نىڭ خۇسۇسىي ئايروپىلانىدا توشۇلغان ھەربىي تېخنىكا بىلەن ئەمەلىي باشلىنىپ بولغان ئىستراتېگىيەلىك نىكاھنىڭ ئارىدىن 13 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى قانۇنىي تۈسكە كىرىشى ئىدى.[2] نىكاھ ئەسلىدە 13 يىل ئىلگىرىلا قىلىنغان بولۇپ، 1992-يىلىدىكى مۇراسىم پەقەت دۇنيا جامائەتچىلىكىگە كۆرسىتىلگەن، كېچىككەن بىر توي رەسىمىدىن ئىبارەت ئىدى.
بۇ كېچىككەن ئېتىراپنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك گېن قۇرۇلمىسىغا چۇڭقۇر بىر قاراپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ. داۋىد بېن-گۇرىئون 1948-يىلى دۆلەتنى قۇرغاندا، تۆت ئاساسلىق بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى «رايون يوليورۇقى» (Periphery Doctrine) ئىدى. بۇ يوليورۇقنىڭ مەقسىتى: ھەرگىزمۇ بىرلا چوڭ كۈچنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالماسلىق، كۆپ قۇتۇپلۇقنى ئاساس قىلغان ئىتتىپاقلىق تورىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.[3] بۇ يوليورۇق تاشقىرىدىن قارىغاندا كىچىك بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئىنكاسىدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە، سىستېمىلىق بىر مۇناپىقلىقنىڭ ئۇلى ئىدى.
بۇ يوليورۇقنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئۈچ تۈرلۈك پۇختا پاكىت بىلەن پاش بولىدۇ:
بىرىنچىسى، 1960-يىللاردا پېنسىلۋانىيەدىكى NUMEC ئاتوم تېخنىكا زاۋۇتىدىن 269 كىلوگىرام قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننىڭ (بىر قانچە ئاتوم بومبىسىغا يەتكۈدەك مىقدار) غايىب بولۇشى ۋە ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەدىكى دىمونا (Dimona) يادرو مەركىزىگە يۆتكەلگەنلىكىگە دائىر ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ مەخپىي دوكلاتىنىڭ 1968-يىلى پرېزىدېنت جونسونغا سۇنۇلۇشى ئىدى.[4] ئامېرىكانىڭ تۆت پرېزىدېنتى بۇ ئوغرىلىقتىن خەۋەردار ئىدى، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ تەكشۈرۈشنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرالمىدى.
ئىككىنچىسى، 1967-يىلى فىرانسىيەنىڭ «Mirage V» كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ لايىھەسىنى ئىسرائىلىيەنىڭ جاسۇسلۇق يولى بىلەن قولغا چۈشۈرۈپ، ئۇنى «Nesher-Kfir» كۈرەشچى ئايروپىلانىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشى. [5]
ئۈچىنچىسى، 1980-يىللاردا ئامېرىكانىڭ مەبلىغى بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان «Lavi» كۈرەشچى ئايروپىلان لايىھەسى 1987-يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ لايىھەنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشى ۋە خىتاينىڭ «Chengdu J-10» كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ دەل مۇشۇ تېخنىكا گېنى ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقى.[5]
بۇ ئۈچ ۋەقەنىڭ ھېچقايسىسى كىچىك بىر دۆلەتنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېھتىياجى بولماستىن، بەلكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تېخنىكىسى ۋە بايلىقىنى شىلىپ يېيىش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ زوراۋانلىق ئورنىنى كۈچەيتىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ تىپىك مىساللىرىدۇر.
ئىسرائىلىيە ئامېرىكادىن ئەڭ يۇقىرى چەكتە پايدىلىنىۋاتقان، يەنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ھەربىي ياردەملەر، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى 40 تىن ئارتۇق ئامېرىكا ۋېتوسى ۋە دۇنيادا ھېچقانداق بىر دۆلەتكە بېرىلمىگەن چەتئەل ھەربىي مەبلەغ فوندى ئالاھىدە ھوقۇقى… قاتارلىقلاردىن بولۇشىغا بەھىرلىنىۋاتقان تۇرۇقلۇق، يەنە بىر تەرەپتىن، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن يادرو ساھەسىدە مەخپىي ھەمكارلاشقان، ئىران-ئىراق ئۇرۇشىدا بولسا ھەر ئىككى تەرەپكە قورال سېتىپ بەرگەن، شۇنداقلا لاتىن ئامېرىكاسىدىكى ھەربىي مۇستەبىتلەرنى قوراللاندۇرۇپ، ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) كىرەلمىگەن رايونلاردا «كۆلەڭگە ھۆددىگەر» لىك رولىنى ئوينىغان ئىدى.[6] خىتاي بىلەن بولغان بۇ نىكاھ، بۇ خىل كۆپ تەرەپلىمىلىك سۇيىئىستېمالنىڭ 21-ئەسىردىكى نۇسخىسى ئىدى. لېكىن بۇ ئىلگىرىكىلەردىنمۇ خەتەرلىك ئىدى.
خىتاي ئىسرائىلىيەگە نىسبەتەن ئىنتايىن ئالاھىدە بىر ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بىر تەرەپتىن ئامېرىكانىڭ ITAR (خەلقئارا قورال سودىسى بەلگىلىمىسى) چەكلىمىلىرىگە ئۇچرىمايدىغان يوشۇرۇن بىر بازار يارىتىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ۋاشىنگتونغا بولغان بېقىنىشنى ئازايتىدىغان تاللاش يولى ھېسابلىناتتى. ئەڭ مۇھىمى، ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قويىدىغان تېخنىكا چەكلىمىلىرىنى بۇزۇپ تاشلايدىغان «ئىستراتېگىيەلىك سۇغۇرتا» بىلەن تەمىنلەيتتى. [7] بۇ سۇغۇرتا 2023-يىلىغا كەلگەندە ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان ئوچۇق-ئاشكارا بىر «قۇتۇپ تەھدىتى» گە ئايلاندى.
بۇ نىكاھنىڭ يەنە بىر ھېسسىياتلىق تەرىپى بار، بېيجىڭ بۇ نۇقتىنى دەستەك قىلىپ ئىشلىتىشتە شەيتاننىمۇ ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە ئۇستا ئىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ سابىق باش مىنىستىرى ئەھۇد ئولمېرت (Ehud Olmert) نىڭ دادىسى (Mordechai Olmert) مورتىچاي ئولمېرت 1908-يىلى روسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ بۇگۇرۇسلان شەھىرىدە تۇغۇلغان، 1919-يىلى ئائىلىسى بىلەن خىتاينىڭ خاربىن شەھىرىگە كېلىپ پاناھلانغان ئىدى. 14 يىل بويىچە خىتايدا خۇددى بىر خىتاي ئۆسمۈردەكلا يېتىشكەن ئىدى.[8] ئەھۇد ئولمېرتنىڭ ئۆز تىلى بىلەن ئېيتقاندا: «دادام پەلەستىنگە كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ خىتايدىكى يۇرتىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ 88 يېشىدا سەكراتتا ياتقاندا، ئەڭ ئاخىرقى سۆزلىرىنى خىتايچە قىلغان ئىدى.»[8]
بىر ئىسرائىلىيە سىياسەتچىسىنىڭ دادىسى ئۆلۈم سەكراتىدا ئىبرانىيچە ياكى يىدىشچە ئەمەس، بەلكى خىتايچە سۆزلەۋاتاتتى. بۇ تەپسىلات، ئىسرائىلىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىنىڭ ئادەتتىكى دىپلوماتىيەلىك كېلىشىملەردىن بەكلا يۇقىرى، خۇددى گېن تۈزۈلۈشىگە پۈتۈلگەن بىر كودقا ئوخشاش ئىشلەۋاتقانلىقىنىڭ ئەڭ مەخپىي ئىشارىتىدۇر.
خىتاي بۇ ھېسسىي رىشتىنى ئادەتتىكى بىر ئەسلىمە سۈپىتىدە تاشلاپ قويمىدى، بەلكى ئۇنى سىستېمىلىق بىر تەسىر كۆرسىتىش قورالىغا ئايلاندۇردى. خاربىندىكى يەھۇدىي مەدەنىيەت مىراسى مەركىزىنى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ئەسلىگە كەلتۈردى. ئۇزاق شەرق بويىچە ئەڭ چوڭ يەھۇدىي قەبرىستانلىقى ھېسابلىنىدىغان بۇ مەركەز ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىرى زىيارەت قىلىدىغان دىپلوماتىيە مۇنبىرىگە ئايلاندۇرۇلدى. بىر «يەھۇدىي دوستلۇقى» مۇزېيى قۇرۇلدى.[9] خىتاي بىر تەرەپتىن خاربىندىكى يەھۇدىي سىناگوگلىرىنى جۇلالاندۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ مەسچىتلىرىنى ۋەيران قىلىۋاتاتتى. قەبرىستانلىقلىرىنى بۇلدوزېرلار بىلەن تۈزلەۋاتاتتى ۋە مەدەنىيەت يىلتىزىنى ئالگورىزىملىق ئۆچۈرگۈچلەر بىلەن يوقىتىۋاتاتتى. ئوخشاش بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ تارىخىغا پۇل تۆكۈپ ھۆرمەت بىلدۈرسە، يەنە بىر مىللەتنىڭ تارىخىنى ئۆچۈرۈۋاتاتتى. يەھۇدىي چىركاۋلىرىغا بېرىلگەن ئەھمىيەت، ئەسلىدە قەشقەردىكى مەسچىت ۋەيرانچىلىقىنى يوشۇرىدىغان دىپلوماتىيەلىك بىر بوياقتىن ئىبارەت ئىدى.
بېيجىڭنىڭ بۇ ھېس تۇيغۇنى سۇيىئىستېمال قىلىش ئۇستىلىقى، خىتاي ئىستىخبارات يوليورۇقىدىكى «دىياسپورا قۇرۇلۇشى» دەپ ئاتىلىدىغان ئەڭ نازۇك تەڭشەك قوراللىرىنىڭ بىرىدۇر. ئەگەر بىر دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرىنىڭ بوۋىسى خىتاي تۇپرىقىدا دەپنە قىلىنغان بولسا ۋە دادىسى ئىسرائىلىيەدە ئۆلۈش ئالدىدا ۋەسىيەتنى خىتاي تىلىدا قىلىۋاتقان بولسا، يەنى بىر ئائىلىنىڭ مەدەنىيەت كودلىرىغا خىتاي تىلى بۇ قەدەر سىڭىپ كەتكەن بولسا، خىتاي بىلەن قۇرۇلغان ھەر بىر دىپلوماتىيە قۇرۇق دۆلەت مۇناسىۋىتىدىن ھالقىپ، ئاڭ ئاستىدا چۇڭقۇر يىلتىز تارتقان بىر ھېسسىي رىشتىگە ئايلىنىدۇ. نېتانياھۇنىڭ 2017-يىلى بېيجىڭدا ئېيتقان «جەننەتتىكى نىكاھ» ئېتىراپىنىڭ پىسخىكىلىق ئاساسى، دەل خاربىن كوچىلىرىدا، بىر بالىنىڭ خىتايچە ئۆگەنگەن ئەشۇ 14 يىللىق جەريانىدا سېلىنغان ئىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسىي سەرخىللىرى بۇ سۇيىئىستېمالنىڭ ھەم قورالى، ھەم ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن شېرىكىگە ئايلانغان ئىدى.
2-بۆلۈم: «جەننەتتىكى نىكاھ» ئېتىراپىنىڭ ئەمەلىيلىشىش يىلنامىسى
نېتانياھۇنىڭ «جەننەتتە قىلىنغان نىكاھ» دېگەن ئوخشىتىشى ئادەتتىكى بىر دىپلوماتىك سىپايىلىك سۆزى بولمىغىنىدەك، پەقەت 2017-يىلى بېيجىڭدا ئويلىمىغان يەردىن ئېغىزدىن شۇنداقلا چىقىپ كەتكەن سۆزدە ئېزىپ كېتىشمۇ ئەمەس ئىدى. بۇ جۈملە، رەسمىي ساداغا ئايلانغان 2017-يىلىدىن بەكلا بۇرۇن، ئون يىلغا سوزۇلغان سىستېمىلىق بېقىنىشنىڭ ئاڭ ئاستىدىكى شىفرىسىدۇر. سىياسەت ئىلمىدە سىياسىي بايانلار ھەر ۋاقىت مىكروفون ئالدىدا سۆزلەنمەيدۇ. بەزىدە قويۇلغان ئىمزالار، بەزىدە ئىنچىكە ھېسابلانغان ۋاقىت تاللاشلىرى، بەزىدە بولسا سىرتتىن قوغداۋاتقان خوجايىنغا قاراتقان مەنىلىك قۇرقۇتۇش ئىشارەتلىرى بىلەنمۇ «تىلغا ئېلىنماستىن تەكرارلىنىدۇ». 2017-يىلىدىكى ئاشكارە جاكارلىنىشقا بارىدىغان يولدا، بۇ نىكاھ 2013- ۋە 2015-يىللىرىدىكى ئىككى ھالقىلىق بۇرۇلۇش نۇقتىسىدا، ۋاشىنگتون بىلەن تىركىشىشكەن ھەر دوقمۇشتا ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق قايتا-قايتا ئىسپاتلانغان ئىدى.
بىرىنچى دوقمۇش، 2013-يىلى ماي ئېيى بولۇپ، بۇ قۇرۇلما خاراكتېرىگە ئىگە ئىدى. شى جىنپىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسلىك ئورۇندۇقىغا تېخى يېڭىلا ئولتۇرغان، ئورۇندۇق تېخى ئانچە ئىسسىپ كەتمىگەن چاغ ئىدى. ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى بولغان بىر دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرى ئامېرىكا پايتەختىگە بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنىڭ رەقىبىنىڭ پايتەختىگە كەلگەن ئىدى. نېتانياھۇنىڭ دەل شۇ مەزگىلدە بۇ «جەننەت نىكاھنىڭ» نىڭ ئاساسىنى تۇنجى قېتىم ئۆز قولى بىلەن بېيجىڭنىڭ ئۈستىلىگە قويغاندىكى ۋاقىت تاللىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس ئىدى. ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت تور جاسۇسلۇقى ئەيىبلەشلىرى بىلەن ئەڭ كەسكىنلەشكەن، ئوباما ئۆزىنىڭ «ئاسىياغا قايتىش» ئىستراتېگىيەسىنى ئېلان قىلغان پەيت ئىدى. ئىسرائىلىيە ئۆز سېپىنى خۇپىيانە بەلگىلەپ بولغان بولۇپ، 2017-يىلى ئاشكارا جاكارلانغان بۇ مەشھۇر جۈملىنىڭ تۇنجى پەلسەپەۋىي ئۇرۇقلىرى مەزكۇر زىيارەتتە چېچىلغان ئىدى. بۇ ئادەتتىكى بىر دىپلوماتىك كۆرۈشۈش ئەمەس، بەلكى بېيجىڭغا سۇنۇلغان تۇنجى ئەمەلىي بېقىنىش بايانى ئىدى. كونا خوجايىننى ئارقىدا قالدۇرۇپ، يېڭى ئىمپېراتورنىڭ ئالدىدا قىلىنغان تۇنجى يوشۇرۇن بەيئەت ئىدى.
ئىككىنچى دوقمۇش، 2015-يىلى ئاپىرىل ئېيى بولۇپ، بۇ بەيئەتنىڭ مالىيەۋىي ۋە قانۇنىي تۈس ئېلىشى بولدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ، خىتاي باشچىلىقىدىكى ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسىغا (AIIB) ئەزا بولماسلىق ھەققىدىكى بىۋاسىتە ۋە كەسكىن ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا پىسەنت قىلماستىن، نېتانياھۇ ئۆز قولى بىلەن بۇ بانكىنىڭ قۇرغۇچى ئەزاسى بولۇشقا ئىلتىماس سۇندى.[11] ئامېرىكا ۋە ياپونىيە خىتاينىڭ بۇ پىلانىنى ئاشكارە رەت قىلغان تۇرۇقلۇق، ئۆز خوجايىنىدىن شۇنچە زور ھەربىي ياردەملەرنى ئېلىۋاتقان بىر دۆلەت، ۋاشىنگتوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشىنى كۆزگە ئىلماي، خىتاينىڭ يەر شارى مالىيە قۇرۇلمىسىنىڭ قۇرغۇچى شېرىكى بولۇشنى تاللىغان ئىدى. نېتانياھۇ، تېل ئاۋىۋ بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئەمەلىي كېلىشىمنى ئىتتىپاقداشلىق ھەق – ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش بەدىلىگە قويغان مەزكۇر ئىمزاسى ئارقىلىق قۇرۇق بىر دىپلوماتىك سۆز ئويۇنىىغا ئەمەس، پۇختا بىر ئىستراتېگىيەلىك سەپداشلىققا ئايلاندۇرغان ئىدى.[12] ئىتتىپاقداشلىق ھەق – ھوقۇقىدا بۇنىڭ نامى يوشۇرۇن بەيئەت، ئىستراتېگىيەلىك لۇغەتتە بولسا، بۇنىڭ ئاتىلىشى «ئەمەلىي قۇتۇپ ئالماستۇرۇش» تۇر.
ئۈچىنچى دوقمۇش بولسا بۇ مەخپىي كېلىشىمنىڭ مىكروفوندا ئاۋازغا، سەھنىدە ئاشكارە بايانغا ئايلانغان يىلنامىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر. 2017-يىلى 20-21-مارت كۈنلىرى نېتانياھۇ 600 دىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىپ تاپقان چوڭ ھەيئەت بىلەن بېيجىڭغا چۈشتى.[1] ئون يىلدىن بېرى قىلغان ھەرىكەتلىرى، قويغان ئىمزالىرى ۋە ۋاشىنگتونغا قارىتىپ ھومىيىشلىرى بىلەن مۇجەسسەملەشكەن ھەقىقىي نىيىتىنى، ئاخىرى خىتاي خوجايىنلىرىنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ئاشكارا ئېيتقان ئىدى: «خىتاي-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى، جەننەتتە قىلىنغان نىكاھتۇر.»
نېتانياھۇنىڭ 2022-يىلى نەشىر قىلىنغان ئۆز تەرجىمىھالىدىمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى، تېخنىكا ساھەسىدىكى ئېھتىياجلىرىنى ۋە مەبلەغ شېرىكچىلىكىنى دەل مۇشۇ «جەننەتتە قىلىنغان نىكاھ» (marriage made in heaven) ئوخشىتىشى بىلەن قانداق ئاساسقا ئىگە قىلغانلىقى، ۋاشىنگتون يېقىن شەرق سىياسىتى ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئالاھىدە ئانالىز قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر ئىنستىتۇت ئۆز تەھلىلىدە، بۇ سىياسەتنىڭ ئۆتكەن ئون يىل ئىچىدىكى ئىقتىسادىي ئەكىس-سادالىرىنى ۋە ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك تەڭپۇڭلۇقتا ئىسرائىلىيەنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسىنىمۇ چۆڭقۇر تەكشۈرۈپ چىققان ئىدى.[33]
بۇ ئۈچ دوقمۇشنىڭ ماتېماتىكىسى ئىنتايىن ئېنىق. 2013-يىلى نىيەت بايان قىلىندى، 2015-يىلى بۇ بېقىنىش مالىيە قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولدى. 2017-يىلى بولسا بەيئەت رەسمىي مۆھۈرلەندى. ئوخشاش بىر جۈملە، ئۈچ ئايرىم دوقمۇشتا بەزىدە جىمجىت بىر ئىمزا، بەزىدە جاراڭلىق بىر نۇتۇق سۈپىتىدە، ھەر قېتىم بۇرۇنقىدىنمۇ چوڭقۇر ئورگان خاراكتېرلىك مەجبۇرىيەتكە ئايلاندى. بىر ئىستراتېگىيەلىك ئەقىل، تۆت يىل ئىچىدە ئەمەلىي بىر مەشغۇلاتتىن ئاشكارە بىر سىياسىي نىشان دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى.
3-بۆلۈم: بېيجىڭ تەرەپنىڭ مەدھىيەسى، نىكاھنىڭ يەنە بىر تەرىپى
«جەننەتتە قىلىنغان نىكاھ» ئەگەر پەقەتلا بىر تەرەپلىمىلىك بىر مۇھەببەت بايانىلا بولغان بولسا ئىدى، بۇ كىتابنىڭ تېزىسلىرى پەقەت بىر باش مىنىستىرنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن سۆزلىرىنىلا پاش قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالغان بولاتتى. ۋەھالەنكى، نىكاھ ئىككى تەرەپ تەڭ ئىمزا قويغان بىر توختامنامىدۇر. بېيجىڭ تەرەپ، تېل ئاۋىۋدەك يۇقىرى ئاۋازدا بولمىسىمۇ، لېكىن ئۆزىگە خاس ئىنتايىن ئاڭلىق ۋە سىستېمىلىق بىر شەكىلدە، ئىسرائىلىيە-يەھۇدىي مەدەنىيىتىگە قارىتىلغان بىر مەدھىيە قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلدى.
قىزىقارلىق يېرى شۇكى، بۇ قۇرۇلمىنىڭ تارىخىي يىلتىزى، زامانىۋىي خىتاينىڭ قۇرغۇچى ئاتىسىغىچە تۇتىشىدۇ. سۈن جۇڭشەن (Sun Yat-sen) 1920-يىلى 24-ئاپرېلدا شاڭخەي سىيونىستلار جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى نىسسىم ئېلىئاس بېنيامىن ئەزراغا (Nissim Elias Benjamin Ezra) يازغان ئىمزالىق خېتىدە، سىيونىزمنى «بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ ئۇلۇغ ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى» دەپ تەرىپلىگەن ۋە: «دېموكراتىيەنىڭ بارلىق ئاشىقلىرى، سىلەرنىڭ بۇ شانلىق ۋە تارىخىي دۆلىتىڭلارنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىش ھەرىكىتىڭلارنى پۈتۈن قەلبى بىلەن قوللىماي تۇرالمايدۇ» دەپ قوشۇمچە قىلغان ئىدى.[14] زامانىۋىي خىتاي دۆلىتىنىڭ تۇنجى ۋاقىتلىق پرېزىدېنتى، پەلەستىندە بىر يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇش پىلانىنى، تېخى ئىسرائىلىيە قۇرۇلۇشتىن 28 يىل ئىلگىرىلا ئاشكارە مۇقەددەسلىككە كۆتۈرگەن ئىدى.
زامانىۋىي خىتاي دىپلوماتىيەسى بۇ ئاساسنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمىدى، ئەكسىچە ئۇنى سىستېمىلىق بىر تەسىر كۆرسىتىش قورالىغا ئايلاندۇردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 2013-يىلى دېكابىردا قۇدۇستا مۇنداق جۈملىلەرنى ئىشلەتكەن ئىدى: «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا نۇرغۇن دۆلەتلەر ئىشىكىنى يەھۇدىيلارغا تاقىغاندا، خىتاي خەلقى ناھايىتى كۆپ ساندىكى يەھۇدىي پاناھلانغۇچىلارغا قۇچاق ئىچېپ ئۇلارنى پاناهلاندۇردى… بۇ سىناقتىن ئۆتكەن دوستلۇق، ھەقىقىي دوستلۇقتۇر.» [15]
مەدھىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى 2018-يىلى ئۆكتەبىردە ئېلان قىلىندى. خىتاي دۆلەت رەئىسىنىڭ ئورۇنباسارى، شۇنداقلا شى جىنپىڭنىڭ ئەڭ يېقىن سىياسىي سەپدىشى بولغان ۋاڭ چىشەن تېل ئاۋىۋ زىياتى جەريانىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ناتسىستلار تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنغان يەھۇدىيلارنىڭ خاتىرگاھى«ياد ۋاشېم» (Yad Vashem) سارىيىنى رەسمىي دۆلەت زىيارىتى سۈپىتىدە زىيارەت قىلىپ، 6 مىليون يەھۇدىينىڭ روھىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇردى.[16] ۋاڭ چىشەن بۇ زىيارەتتىن بىر قانچە ئاي بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان ئۇيغۇر تۈركىنى يىغىۋېلىش لاگېرىغا قاماش قارارىنى ماقۇللىغان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ يوليورۇقلىرىغا ئىمزا قويغان كىشىلەردىن بىرى ئىدى. بىر ئادەم «ياد ۋاشېم» دا بىر تەرەپتىن 6 مىليون يەھۇدىينى ھۆرمەت بىلەن خاتىرلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن قەشقەردە 1.5 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر تۈركىنىڭ لاگېرلارغا قامىلىش بۇيرۇقىغا ئىمزا قويغان ئىدى. بىر تەرەپتە يەھۇدىي سىناگوگلىرىنى زىننەتلەش بىلەن يەنە بىر تەرەپتە شىرقىي تۈركىستاندا مەسچىت چېقىشلىرى ئوتتۇرىسىدىكى بۇ قورقۇنچلۇق زىددىيەت، دەل مۇشۇ ۋاڭ چىشەننىڭ ئەمەلىي ئەپتى-بەشەرىسىدە بىرلىشىپ گەۋدىلەنگەن ئىدى.
بۇ مەدھىيە قۇرۇلمىسىنىڭ ئەڭ نازۇك خىشىنى بولسا شى جىنپىڭ ئۆز قولى بىلەن قويدى. 2019-يىلى 15-مايدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاسىيا مەدەنىيەتلىرى سۆھبىتى يىغىنى» نىڭ ئېچىلىش نۇتقىدا، دۇنيا مەدەنىيەتلىرىنىڭ كىلاسسىك نادىر ئەسەرلىرىنى ساناش جەريانىدا مۇنداق بىر تاللاشنى ئېلىپ باردى: «شېئىرلار كىتابى (شىجىڭ) ۋە كۆڭزىنىڭ تەلىماتلىرى (لۇنيۇ)نىڭ ئارقىسىغا يەھۇدىيلارنىڭ تالمۇد (Talmud)نى، ئاندىن مىڭ بىر كېچە چۆچەكلىرى، رىگۋېدا ۋە گېنجى ھېكايىلىرىنى قويغان ئىدى» [17] شى جىنپىڭ ئاسىيا قىتئەسىنىڭ مەدەنىيەت كۆرگەزمە سۇپىسىغا بىرەر ئىسلامىي ئەسەرنى قويۇشنىڭ ئورنىغا، بىر يەھۇدىي دىنىي كىتابىنى (تالمۇدنى) قويۇش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ قايسى مەدەنىيەتنى قىتئەداش، قېرىنداش دەپ بىلىدىغانلىقىنى ئاستىرتتىن جاكارلىغان ئىدى. ئۇنتىمايلىكى، خىتاي سىياسىتىدە ھېچقانداق نەرسە تاسادىپىي بولمايدۇ.
خىتاينىڭ بۇ مەدھىيە تاكتىكىسىنىڭ ئەمەلىي مەقسىتى «Times of Israel» گېزىتىنىڭ 2022-يىللىق تەكشۈرۈش دوكلاتىدا قانۇنىي جەھەتتىن تولۇق پاش قىلىندى: «خىتاينىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كەسكىنلەشكەنسېرى، دۆلەت تاراتقۇلىرى ۋە دىپلوماتلىرى يەھۇدىيلارنىڭ ناتسىسستلار تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنىش (خولوكوست) بايانلىرىنى بارغانسېرى كۆپ ئىشلىتىدىغان بولدى… خىتاي دىپلوماتلىرى ئوخشاش ۋاقىتتا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مۇئامىلىلەر سەۋەبىدىن كەلگەن جازالارغا جاۋاب قايتۇرۇشتىمۇ دەل مۇشۇ خولوكوست تارىخىنى سۇيىئىستېمال قىلدى.» [18] خىتاينىڭ سۈن جۇڭشەندىن شى جىنپىڭغىچە سوزۇلغان بىر ئەسىرلىك مەدھىيە زەنجىرى، ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇپ چىقىلغان دىپلوماتىك بىر پەردە رولىنى ئويناپ كەلمەكتە.
شۇنداق قىلىپ نىكاھنىڭ ئىككى تەرىپى تولۇقلاندى. كۆيئوغۇل ئىسرائىلىيە «بىز سىلەرنىڭ ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك كىچىك شېرىكىڭلارمىز» دېگەن بولسا، كېلىن خىتاي «بۇ ئىككى قەدىمىي مەدەنىيەتنىڭ تەقدىرداشلىقىدۇر» دېيىشنى باشلىدى. ئىككى تەرەپ تەڭلا ئۆز تاللاشلىرىنى ئۆز ئاغزى ۋە ئۆز ئىمزالىرى بىلەن مۇقۇملاشتۇرۇپ بولغان ئىدى.
4-بۆلۈم: ئاقسارايغا «ئۇنداقتا مەن خىتايغا بارىمەن» دەپ قىلىنغان تەھدىت
2023-يىلىنىڭ ياز پەسلى، «جەننەتتىكى نىكاھ» ئېتىراپىنىڭ بىر دىپلوماتىك قورقۇتۇش قورالىغا ئايلانغان بۇرۇلۇش نۇقتىسىدۇر. نېتانياھۇ 2022-يىلى دېكابىردا قايتىدىن باش مىنىستىرلىق ئورۇندۇقىغا ئولتۇرغاندىن كېيىن، تولۇق يەتتە ئايغىچە ئاقسارايدىن ھېچقانداق رەسمىي تەكلىپ ئالالمىدى. بايدىن ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىچكى سىياسىتىدىكى ئەدلىيە ئىسلاھاتى كرىزىسىنى باھانە قىلىپ، سايلام بىلەن كەلگەن بىر باش مىنىستىرنى گويا «ياختۇرۇلمايدىغان ئادەم» دەپ جاكارلىغان ئىدى. [19] لېكىن، بۇ چەتكە قېقىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدە ۋاشىنگتوننىڭ ئىسرائىلىيە ئۈستىدىكى نازارىتىنى كۈچەيتىش ۋە خىتاي بىلەن قۇرۇلغان مەخپىي تېخنىكا لىنىيەسىنى كېسىپ تاشلاش تىرىشچانلىقى بار ئىدى.
نېتانياھۇنىڭ بۇ سىرتتىن قورشاۋغا ئېلىنىشقا قايتۇرغان جاۋابى، ئىتتىپاقداشلىق تارىخىغا يېزىلىدىغان بىر «قۇتۇپ ئالماشتۇرۇش قورقۇتۇشىغا» ئايلاندى. 2023-يىلى ئىيۇندا ۋاشىنگتونغا «مېنىڭ باشقا گېئو- سىياسىي تاللاشلىرىممۇ بار» دېگەن سىگنالنى ئەڭ كەسكىن تەلەپپۇزدا يەتكۈزۈش ئۈچۈن نېتانياھۇ بېيجىڭ زىيارىتىنى ئېلان قىلدى.[20] بۇ ھەرىكەت ئادەتتىكى بىر دىپلوماتىك قورقۇتۇش ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىستىخبارات شېرىكىنىڭ بارلىق مەخپىيەتلىكىنى بېيجىڭنىڭ ئۈستىلىگە بىر «سودا سوممىسى» سۈپىتىدە قويۇشقا ئۇرۇنۇشى ئىدى.[21] بىر باش مىنىستىر ئۆز خوجايىنىنىڭ ئۆزىنى قوبۇل قىلمىغانلىقىنى، خوجايىنىنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبىنىڭ قوينىغا يۈگۈرۈش ئارقىلىق جازالاۋاتاتتى. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئەدەبىياتىدا بۇ قىلمىشنىڭ ئاتىلىشى ئىتتىپاقداشلىق ئەمەس، بەلكى «ئىستراتېگىيەلىك پارازىتلىق» تۇر.
شى جىنپىڭ بۇ ئېغىر ئىشەنچ كرىزىسىنى دەرھال بىر پۇرسەتكە ئايلاندۇردى. بايدىن نېتانياھۇنى يېتىم قالدۇرغان شۇ كۈنلەردە بېيجىڭ تەرەپ تېزلىكتە رەسمىي دۆلەت زىيارىتى تەكلىپنامىسى ئەۋەتىپ، بۇ جىددىيچىلىكنى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىغا قادالغان دىپلوماتىك بىر خەنجەرگە ئايلاندۇردى.[22]
نېتانياھۇنىڭ مەزكۇر قورقۇتىشىنىڭ ئەڭ ۋەيران قىلغۇچ تەسىرى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى «ئىستىخبارات مەخپىيەتلىكى» سېپىلىنى تەۋرەتكەنلىكى ئىدى. ئىسرائىلىيە ھەربىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (IDF) نىڭ سابىق باشلىقى ئاموس يادلىننىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن قاتتىق گۇۋاھلىقى بۇ ۋەيرانچىلىقنىڭ جىنايەت ئىسپاتىدۇر: «ئەگەر باش مىنىستىرنىڭ يېقىن ئەتراپىدىكىلەردىن بىرى خۇددى بىن سالمانغا ئوخشاش ئىش تۇتۇشنى ئاقىلانىلىق، خىتايغا بېرىپ بايدىننىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈشنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ باشقا بىر ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى بارلىقىنى كۆرسىتىپ قويۇشنى ئەقىللىق ئىش قىلغانلىق دەپ ئويلاۋاتقان بولسا، ئېغىر خاتالاشقان بولىدۇ.» يادلىن سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ ھەقىقىي ئورنىنى مۇنداق ئاشكارىلىغان ئىدى: «سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىسرائىلىيەگە ئوخشىمايدىغان تەرىپى، ئۇلار ئامېرىكىدىن يىلىغا مىلياردلىغان دوللارلىق ھەربىي ياردەم ئالمايدۇ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئامېرىكىنىڭ ۋېتو ھوقۇقىغا بېقىنىپ قالغان يېرى يوق، ئامېرىكىنىڭ مالىيە كاپالىتىگىمۇ مۇھتاج ئەمەس.»[23]
بۇ جۈملىنىڭ بىر ئىسرائىلىيەلىك ئەمەلدارنىڭ ئۆز ئاغزىدىن تۆكۈلۈشىنىڭ جىنايەت دېلوسىدىكى قىممىتى شۇكى: سابىق ئىسرائىلىيە ھەربىي ئىستىخبارات باشلىقىنىڭ سۆزى بويىچە ئىسرائىلىيەنىڭ خىتاي كوزىرىنى ئوينايدىغان ھېچقانداق ئۈستۈنلىكى يوق، چۈنكى ئىسرائىلىيە مۇستەقىل بىر دۆلەت ئەمەس، بەلكى قوغداش ئاستىدىكى بىر بېقىندىدۇر. يادلىننىڭ بۇ گۇۋاھلىقىنى موسسادنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى رام بېن باراك ۋە ئىسرائىلىيە ھەربىي ئىستىخبارات بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى تامىر ھايمانمۇ تولۇق تەستىقلىغان ئىدى.[23]
5-بۆلۈم: 2017-يىلدىكى شېرىكچىلىكنىڭ 2025-يىلىدا تېخىمۇ چۇڭقۇر سانائەتلىشىشى
2017-يىلى مارتتا بېيجىڭدا ئىمزالانغان «ئىجادىيەتكە يۈزلەنگەن ئەتراپلىق شېرىكچىلىك» (Innovative Comprehensive Partnership) كېلىشىمى، 46 يىللىق سىستېمىلىق سۇيىئىستېمال جەريانىنىڭ ئورگان خاراكتېرلىك ئىسپاتى بولدى. بۇ كېلىشىم تېخنىكا يۆتكەشنى ئادەتتىكى بىر سودىدىن ھالقىتىپ، رەسمىي بىر ئاپپارات مېخانىزمىغا باغلىدى.[24] بۇرۇن ئاستىرىتتىن ماڭىدىغان تېخنىكا ئېقىمى ئەمدىلىكتە توختاۋسىز، تەشكىللىك ئاقىدىغان چوڭ بىر دەرياغا ئايلانغان ئىدى.
بۇ دەريانىڭ ئەمەلىي ئامبىرى خىتاينىڭ ئىككى شەھىرىگە رەسمىي قۇرۇلدى. چاڭجۇ تېخنىكا ئىجادىيەت باغچىسىدا 300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيە شىركىتى، شاڭخەي تېخنىكا ئىجادىيەت مەركىزىدە 200 دىن ئارتۇق بىرلىشىپ قۇرغان كارخانا ۋە 800 دىن ئارتۇق خىتايدا تىزىملاتقان ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى… بۇلار خىتاينىڭ ساھىبخانىلىقىدا تەشكىللەنگەن بىر سانائەت بىرلىشىشى ئىدى.[25] بۇلارنىڭ «پۇقرالار ھەمكارلىقى» دېگەن چىرايلىق نىقاپ ئاستىدا ئىشلەيدىغان ئەسلى مەشغۇلات مېخانىزمى مۇنداق ئىدى:
ئىسرائىلىيەنىڭ تور ئىستىخبارات قىسمى بولغان يۇنىت 8200 نىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلىرى قۇرغان يېڭى شىركەتلەر (start-up) ئارقىلىق ئىشلەپ چىقىرىلغان سۈنئىي ئەقىل مودېللىرى، خىتاينىڭ 1.4 مىليارد نوپۇسلۇق چەكسىز دىگىتال ئۇچۇر ئامبىرىدا خۇددى «لابوراتورىيە مۇھىتىدەك» مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ئەخلاقىي پىرىنسىپلار بىلەن چەكلەپ قويغان بەزى سۈنئىي ئەقىل تەرەققىياتى، خىتاينىڭ (دېموكراتىك ئەخلاقىي چەكلىمىلەردىن خالىي)، چەكسىز نازارەت-كۆزىتىش ئۇچۇرلىرى بىلەن پىشىپ يېتىلىپ، بېيجىڭنىڭ كەلگۈسى يەر شارى خاراكتېرلىك تور ھۆكۈمدارلىقىنى ئەڭ ئاساسلىق يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلەۋاتاتتى.
2017-يىلىدىن 2025-يىلىغىچە سوزۇلغان سەككىز يىلنىڭ ھەقىقىي جىنايەت ھۆججىتى تېخىمۇ چۆڭ بىر رېئاللىقتا ياتاتتى: بۇ شېرىكچىلىك كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان كۈندىن تارتىپ، تېخنىكا ئېقىمى ھەرگىز توختاپ قالمىدى، توختىتىپ قىلىشمۇ ھەتتا ۋاقتىنچە توڭلىتىشمۇ مۇمكىن بولمىدى. 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن كېيىن خىتاينىڭ ئىسرائىلىيەگە قاراتقان ئاشكارە تەنقىدلىرىگە، ھەتتا 2025-يىلى سېنتەبىردە نېتانياھۇنىڭ «خىتاي ئىسرائىلىيەگە قارشى بىر پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ» دېگەن دىپلوماتىك باياناتلىرىغىمۇ قارىماستىن، مەزكۇر تېخنىكا باغچىلىرىدىكى شىركەتلەر ئۈزلۈكسىز چوڭايدى، ئەقلىي مۈلۈك تىزىملاشلىرى كۆپەيدى، يېڭى بىرلىشىپ قۇرۇلغان كارخانىلارغا ئىمزا قويۇش توختاپ قالمىدى.[26] بۇ توختاۋسىز زەنجىر 2025-يىلىغا كەلگەندە ئەمەلىي ئىمزالار بىلەن تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. 2025-يىلى فېۋرالدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئىسرائىلىيەلىك مەنسەپدىشىغا ئەۋەتكەن رەسمىي ئۇچۇرىدا «خىتاي-ئىسرائىلىيە ئىجادىيەتكە يۈزلەنگەن ئەتراپلىق شېرىكچىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسىنى ئوچۇق-ئاشكارا جەزملەشتۈردى» دېدى. بۇ بايان 2017-يىلدىكى شېرىكچىلىك ھۆججىتىنىڭ سەككىز يىللىق ئۈزۈلمەس زەنجىرىنىڭ ئەڭ يېڭى تامغىسى بولغان ئىدى. [27]
ئىمزالار پەقەت قۇرۇق سۆز بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. 2025-يىلى مايدا تېل ئاۋىۋدا ئۆتكۈزۈلگەن ھاياتلىق ئىلمى تۈرلىرىنى ماسلاشتۇرۇش پائالىيىتىدە، يېڭى ئىسرائىلىيە تېخنىكا تۈرلىرى چاڭجۇ تېخنىكا باغچىسىغا كىرىش كېلىشىملىرىگە ئىمزا قويدى. شۇ يىلى بۇ باغچا قورۇسىدا خىتاي-ئىسرائىلىيە تېخنىكا ئىجادىيەت ئىنستىتۇتى (Guang-Israel Tech Innovation Institute) ئونلىغان يېڭى كارخانا ۋە ھەمكارلىقلار بىلەن رەسمىي ئېچىلدى.[28][29] 2025-يىلى 20-ئاۋغۇستتا بولسا خىتاينىڭ تېل ئاۋىۋدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شياۋ جۈنجېڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ مالىيە گېزىتى «Calcalist» نىڭ بىرىنچى بېتىدە ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىپ، «ئىسرائىلىيەنىڭ تەتقىقات-ئىجادىيىتى (AR-GE) + خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىشى + يەر شارى بازىرى» مودېلىنىڭ «كۈچلۈك يوشۇرۇن كۈچىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى» جاكارلىدى.[30]
بۇ ئۈزۈلمەس مۇناسىۋەت ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس، بەلكى دەل ئەكسىچە سىياسىي شاماللار قايسى تەرەپكە چىقسا چىقسۇن، دىپلوماتىك سۆزلەر قانچىلىك كەسكىنلەشسە كەسكىنلەشسۇن، ئامېرىكىنىڭ بېسىمى قانچىلىك كۈچەيسە كۈچەيسۇن، ھەتتا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى خىتاينى ئاشكارا تەنقىد قىلغان چاغدىمۇ يەنىلا پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان بىر تېخنىكىلىق بىر گەۋدىلىشىشنىڭ نەخ ئىسپاتىدۇر.
2025-يىلى خىتاينىڭ تېل ئاۋىۋدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شياۋ جۈنجېڭنىڭ «ئىسرائىلىيەنىڭ تەتقىقات-ئىجادىيىتى + خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىشى» فورمۇلاسىنى بىۋاسىتە ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ مالىيە گېزىتىدە ئاشكارا ئېلان قىلىشى[30]، بۇ ئۈزۈلمەس زەنجىرنىڭ ئەمدى يوشۇرۇنۇشقىمۇ ئېھتىياجى قالمىغانلىقىنىڭ ئېتىراپى ئىدى. تېخنىكا يۆتكەش تۇرۇببا سىستېمىسى ئەمدىلىكتە مەخپىلىكتىن ھالقىپ، شارقىراپ ئاقىدىغان چوڭ دەرياغا ئايلانغان ئىدى. سىياسەتچىلەر سەھنىدە غەززە كرىزىسىنى تالاش-تارتىش قىلىۋاتقاندا، تېخنىكا يۆتكەش تۈرۈببا سىستېمىسىنىڭ چىشلىق چاقلىرى ئاستىرتتىن جىمجىت ئايلىنىپ، غەربنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يىلىكىنى شەرققە توشۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى.
6-بۆلۈم: نىكاھنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھېسابى
بۇ يەردە سورىلىشى كېرەك بولغان سوئال، يۈزەكى سودىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدىنمۇ چوڭقۇردۇر: ئىسرائىلىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى راستىنلا بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى «ئالدىغان» تەڭپۇڭسىزلىقمۇ، ياكى ئاڭلىق بىر رول بۆلۈشۈشكە ئاساسلانغان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىكمۇ؟
سانلىق مەلۇماتلار تۇنجى قاراشتا ئادەمنى ئالدايدىغان بىر مەنزىرىنى سىزىپ بېرىدۇ. 2017-يىلىدىن كېيىن، ئامېرىكا بېسىمىنىڭ كۈچىيىشى بىلەن خىتاينىڭ ئىسرائىلىيەگە قاراتقان بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىشى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، لېكىن ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى ئەكسىچە داۋاملىق ئاشتى.[31] مەبلەغ ئازايدى، لېكىن بىرگەۋدىلىشىش چوڭقۇرلىشىپ تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.
ئىسرائىلىيە بۇ سودا تەڭپۇڭسىزلىقىغا ۋە ئامېرىكىنىڭ شۇنچە بېسىملىرىغا قارىماي، خىتايغا ئىشىكنى ئوچۇق قويۇشتا چىڭ تۇرۇۋاتقان، ھەتتا بارغانسېرى تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋاتقان بولسا، بۇنىڭ سەۋەبى «ئالدىنىپ قېلىش» ئەمەس، بەلكى ئاڭلىق بىر ئىستراتېگىيەلىك تاللاشتۇر. بۇ تاللاش ئىككى قاتلاملىق بىر لوگىكىغا تايىنىدۇ.
بىرىنچى قاتلام، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىق نىشانىنىڭ مەجبۇرىي نەتىجىسىدۇر. «ھەرگىزمۇ بىرلا چوڭ كۈچكە باغلانماسلىق» پىرىنسىپى، ئامېرىكىغا بولغان بىر قۇتۇپلىق بېقىنىشنى ئازايتىش ئۈچۈن توختاۋسىز باشقا قۇتۇبلارنى ئىزدەشنى تەلەپ قىلىدۇ. خىتاي يالغۇز ئامېرىكىغا كۆرسىتىشكە بولىدىغان ئەڭ كۈچلۈك «تاللاش» ۋە بىر قورقۇتۇش قورالى بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ بىباھا بىر دەستەكتۇر.
ئەڭ ھالقىلىق ئىككىنچى قاتلام، بۇ كىتابنىڭ ئاساسلىق تېزىسلىرىغا بىۋاسىتە تۇتىشىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن تېخنىكىلىرى (يەنى Lavi كۈرەشچى ئايروپىلانىدىن J-10 لىنىيەسىگىچە، Phalcon رادار كودىدىن يۇنىت 8200 نىڭ كۆزىتىش ئالگورىزىملىرىغىچە) غەربنىڭ ھەربىي ۋە دىگىتال بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىنى ئىچىدىن يىمىرىپ تاشلايدىغان خاراكتېرگە ئىگە.
دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئىستىخبارات ئاپپاراتلىرىدىن بىرىگە ئىگە بىر دۆلەتنى، «قايسى تېخنىكىنىڭ قانداق نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن قاراشنىڭ ئەسلا ئېتىبارغا ئالغۇچىلىكى يوقتۇر. ئىسرائىلىيە خىتايغا تېخنىكا يۆتكەۋاتقاندا، ئامېرىكىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ھۆكۈمرانلىق تەختىنىڭ يىمىرىلىشىگە ئاڭلىق تۈردە تۆھپە قوشتى. بۇ ئادەتتىكى بىر «ئىتتىپاقداشنىڭ خىيانىتى» ئەمەس. بۇ ئامېرىكا تىنچلىقى (Pax Americana) دىن كېيىن قۇرۇلىدىغان يېڭى يەر شارى تەرتىپىدە، يەنى كىتابىمىزدا «دىگىتال بائال» (Digital Baal) دەپ ئاتالغان ئالگورىزىملىق ھۆكۈمدارلىق سىستېمىسىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزى ئۈچۈن مەڭگۈلۈك بىر رول كاپالىتىگە ئېرىشىش ئوپېراتسىيەسىدۇر. خىتاي بۇ يېڭى تەرتىپنىڭ سانائەت ماتورى، لوندون مەركەزلىك يەر شارى خاراكتېرلىك سىيونىست مالىيە گېگانىتلىرى مەبلەغ قۇرۇلمىسى، ئىسرائىلىيە بولسا بۇ سىستېمىنىڭ تېخنىكىلىق مېڭىسى سۈپىتىدە ئورۇن ئالماقتا.
بۇ جىنايى ھېسابنىڭ ئىككى تۈۋرۈكىنى يانمۇ-يان قويغىنىمىزدا، نىكاھنىڭ ھەقىقىي نەتىجىسى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ:
بىرىنچى تۈۋرۈك، ئىسرائىلىيەنىڭ ئامېرىكىدىن ئالغانلىرىدۇر: 310 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان ئومۇمىي ياردەم، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى 40 تىن ئارتۇق ئامېرىكا ۋېتوسى، سەككىز ئەۋلاد ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ قەتئىي قوللىشى ۋە دۇنيادا ھېچقانداق بىر دۆلەتكە بېرىلمىگەن «چەتئەل ھەربىي مەبلەغ فوندى» ئالاھىدە ھوقۇقىدۇر. [32]
ئىككىنچى تۈۋرۈك بولسا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئوخشاش مەزگىلدە خىتايغا بەرگەنلىرىدۇر: 1979-يىلى باشلانغان تېخنىكا يۆتكەش زەنجىرى[5]، 2015-يىلىدىكى AIIB (ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە مەبلەغ سېلىش بانكىسى) ئىمزاسى[11]، 2017-يىلىدىكى «ئىجادىيەتكە يۈزلەنگەن ئەتراپلىق شېرىكچىلىك» كېلىشىمى ۋە 2023-يىلى ئۆزلۈكىدىن خوجايىنىنىڭ ئىشىكى يەتتە ئاي تاقالغاندا، بېيجىڭنىڭ ئىشىكى ئېچىلىشى بىلەن قىلىنغان دىپلوماتىك قورقۇتۇش.[19]
بۇ ئىككى تۈۋرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مۇساپە، يەنى ئالغانلىرى بىلەن بەرگەنلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قورقۇنچلۇق پەرق، ھېچقانداق باھانە-سەۋەبكە ئورۇن قالدۇرمايدۇ. دوستويېۋىسكىينىڭ: «ئىنسان دېگەن نانكور بولىدۇ! ئۇ ھەممە نەرسىنى ئاسانلا ئۇنتۇپ كەتكەندەك، ئۆزىگە قىلىنغان ياخشىلىقلارنىمۇ تېزلا ئۇنتۇيدۇ، ھەتتا بەزىدە بۇ ياخشىلىقلارنى ئۆزىگە بىر يۈك ھېسابلايدۇ» دېگەن بۇ بۆلۈمنىڭ ئەڭ بېشىدا ئەسكەرتكەن جۈملىسى، پاكىتلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزلۈكىدىن قايتا جۇلالانماقتا.
بۇ نىكاھنىڭ ئاخىرقى رەسمىي تالونى (بەدىلى)، نە ئامېرىكا باج تۆلىگۈچىلىرىنىڭ يانچۇقىدىن چىققان مىلياردلىغان دوللارلىق ياردەملەر بىلەن، نە ئىسرائىلىيە جامائەتچىلىكىنىڭ ئۈمىدسىزلىكى بىلەن ئۆتەلمەيدۇ. ئۇ بەدەل قەشقەردىكى يىغىۋېلىش لاگېرىدا كىملىكى ۋە ئېتىقادى ئاياق ئاستى قىلىنىۋاتقان مىليونلىغان مۇسۇلماننىڭ ھاياتى بىلەن ئۆتەلمەكتە. نېتانياھۇنىڭ «جەننەتتىكى نىكاھ» ىنىڭ مەھىر ھەققى كېلىشىمى، مەزلوم بىر خەلقنىڭ قېنى بىلەن يېزىلماقتا. خىتاي بۇ نىكاھنىڭ سانائەت جەللادى، ئىسرائىلىيە بولسا ئۇنىڭ تېخنىكىلىق يۇمشاق دېتالچىسى سۈپىتىدە ئورۇن ئالماقتا.
بۇ نىكاھتىن بارلىققا كەلگەن قوراللار، ئۇنى مۇمكىن قىلغان خىيانەت زەنجىرى ۋە بۇنى ھېچ كىشىنىڭ توختىتىالمىغانلىقىنىڭ قاراڭغۇ ھېكايىسى، كېيىنكى باپلىرىمىزنىڭ ئاساسلىق تېمىسىدۇر.
2 – باپ: ئەپيۇن ئۇرۇشلىرى ۋە «خەن-سىيونىست» تۇرۇببا لىنىيەسىنىڭ مالىيەۋى شەجەرىسى

«ئالتۇن، كۈمۈش قارارغاندا، ئۇنى پەقەت ئوتلا پاكىزلەيدۇ.» — مەھمۇد قەشقىرى، «دېۋان لۇغاتىت تۈرك» (1074)
«19-ئەسىردە ئەپيۇن بىر خەلقنىڭ جىسمىنى زەھەرلەش ئارقىلىق ئىگىلىك ھوقۇقىنى تارتىۋالغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ئالگورىتىملار بىر خەلقنىڭ ئاڭ ۋە تەپەككۇر ئەندىزىنى بۇرمىلاپ شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق كىملىكى ۋە ئىرادىسىنى تالان – تاراج قىلماقتا. قوراللار دىگىتاللاشقان بولسىمۇ، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ نىشانى زەررىچىلىكمۇ ئۆزگەرگىنى يوق.»
ئىسرائىلىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بۇ نىكاھ تۈنۈگۈنلا باشلىنىپ قالغان ئەمەس. بۇ مۇناسىۋەت، 19-ئەسىرنىڭ تۇمانلىق شاڭخەي پورتلىرىغا ئەپيۇن پاراخوتلىرى توختىغان ئەتىگەنگىچە، ئىككى يۈز يىللىق گېن تۈزۈلۈشىگە ۋە تارىخىي يىلتىزغا بېرىپ تۇتىشىدۇ. بىر ئەسىر ئىلگىرى خىتاينى ئەپيۇن بىلەن زەھەرلىگەن بۇ يەھۇدىي كاپىتال گېنى، بۈگۈنكى كۈندە ئىسرائىلىيەنىڭ تور ئىستىخبارات تېخنىكىسى ئارقىلىق خىتاي مۇستەبىتلىكىنى بېقىپ سەمرىتمەكتە. زەھەرلىگۈچى بىلەن زەھەرلەنگۈچى ئورۇن ئالماشتۇردى، لېكىن زەھەرنىڭ نىشانىدىكى مەزلوملار ھەرگىز ئۆزگەرگىنى يوق.
1-بۆلۈم: كاپىتالنىڭ ئەپيۇن مىراسى ۋە تۇرۇببا سىستېمىسىنىڭ تۇغۇلۇشى (1842-1979)
تارىخ ھەرگىزمۇ ئۆز پېتى تەكرارلانمايدۇ، لېكىن بەزىدە شۇنداق بىر قاپىيەداش ھالغا كېلىدۇكى، ئۇ قاپىيەنىڭ ئىچىدىكى پاجىئە بىر ئىمپېرىيەنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلىش ھۆججىتىگە ئايلىنىدۇ. بۇ قاپىيەنىڭ ئەڭ ئاچچىق مىسراسى، ئوخشاش كاپىتال گېنىنىڭ ئايرىم-ئايرىم دەۋرلەردە، ئايرىم-ئايرىم زەھەرلەر بىلەن، يەنىلا شۇ قەدىمىي جۇغراپىيەگە قايتىپ كېلىشىدىن ئىبارەت بولغان جىمجىت ئايلىنىشتۇر.
19-ئەسىردە ئەنگلىيەنىڭ «شەرقىي ھىندىستان شىركىتى» نىڭ سايىسى ئاستىدا خىتاي بازىرىغا كىرگەن ۋە زامانداشلىرى تەرىپىدىن «شەرقنىڭ روتشېلدلىرى» دەپ ئاتالغان باغدادلىق يەھۇدىي مالىيە جەمەتى ساسسۇنلار (كېيىنكى ئەۋلادلىرىدا سىيونىستلىق پىلانى بىلەن پۈتۈنلەي بىرلىشىپ كەتكەن بۇ خاندانلىق)، بۇ قاپىيەنىڭ تۇنجى قۇرغۇچى ئاكتىيورلىرى ئىدى.[1] (David Sassoon) داۋىد ساسسۇن 1832-يىلى بومبايدا قۇرغان سودا مەركىزىنى ئون يىل ئىچىدە ھىندىستاندىن خىتايغا، خوڭكوڭدىن ياپونىيەگىچە كېڭەيگەن چوڭ بىر ئەپيۇن ئىمپېرىيەسىگە ئايلاندۇردى. 1860-يىللارغا كەلگەندە، ساسسۇنلار ھىندىستاندىن ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئەپيۇننىڭ %70 نى ئۆز كونتروللىقىغا ئالغان بولۇپ، شۇ مەزگىلدىكى 80 يىل ئىچىدە بۇ سودىدىن تەخمىنەن 1.4 مىليارد كۈمۈش تائېل (Tael) نەق پۇل مەبلىغىگە ئېرىشكەن ئىدى.[2]
داۋىد ساسسۇن 1864-يىلى ئۆلگەندە، بۈگۈنكى پۇلنىڭ قىممىتى بىلەن بىر يېرىم مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان بۇ كاتتا بايلىق، ئۇنىڭ 14 بالىسى ئارقىلىق بومباي-شاڭخەي-خوڭكوڭ-لوندون لىنىيەسىگە يېيىلدى ۋە بۇ جەمەتنى ئەنگلىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ مالىيە ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تۈۋرۈكىگە ئايلاندۇردى.[2] بۇ جەريان ئادەتتىكى بىر ئەركىن سودا رىقابىتى ئەمەس ئىدى. بۇ بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ئىرادىسى بىئولوگىيەلىك ۋە مالىيەۋىي قوراللار ئارقىلىق ئىچىدىن يىمىرىپ تاشلانغان تۇنجى چوڭ «تۇرۇببا مودېلى» ئىدى.[3]
بىزنىڭ بۇ تەتقىقاتىمىزدا قوللانغان «تۇرۇببا سىستېمىسى» ئۇقۇمى (يەنى بىر ئىتتىپاقداشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تېخنىكا ۋە مالىيە ئېقىمىنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ئۇنى ئۈچۈنچى تەرەپلەرگە ئېقىتىشى) ھەربىي-ئىستراتېگىيەلىك ئەدەبىياتلاردىكى چەكلەنگەن تېخنىكا يۆتكەش ۋە قايتا ئېكسپورت قىلىش (deemed reexport) مۇنازىرىلىرىدىن سۈزۈپ چىقىلغان ئانالىزلىق بىر رامكىدۇر. 19-ئەسىرنىڭ ئەپيۇن تۇرۇببا لىنىيەسى، 20-ئەسىردە قورال تېخنىكىسى يۆتكەشكە، 21-ئەسىردە بولسا تور ئىستىخبارات يولىغا ئايلاندى. يول ئۆزگەردى، لېكىن ئاقىدىغان مالىيە-تېخنىكا لوگىكىسى ئۆزگەرمىدى.
1842-يىلى تۇنجى قېتىملىق ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىمزالانغان «نەنجىڭ ئەھدىنامىسى» دىپلوماتىك ئۇقۇۇمدا «تەڭسىز ئەھدىنامە» دەپ ئاتىلىدۇ.[4] ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىستراتېگىيەلىك رولى قەغەز ئۈستىدىكى ماددىلاردىن بەكلا يۇقىرى بولۇپ، خىتاي بازىرىنى چوڭ بىر تۇرۇببا ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك تەقسىمات سىستېمىسىغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق شاڭخەي، خوڭكۇڭ ۋە باشقا ياقا پورتلارنى يوشۇرۇن كاپىتالنىڭ مەڭگۈلۈك كىرىش دەرۋازىسىغا ئايلاندۇرۇش ئىدى. ئېچىۋېتىلگەن پورتلار، خىتاي ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ دەل مەركىزىدە ئورۇن ئالغان، لېكىن ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ئەمەلىيەتتە مۇستەسنا قىلىنغان ئالاھىدە رايونلارنى ياراتتى. بىر قېتىم يەرلەشتۈرۈلگەن تاشلار ئورنىدىن قايتا قوزغالمىدى، پەقەت شەكلى ۋە كىملىكىنىلا ئالماشتۇردى. 19-ئەسىرنىڭ تامۇژنا چەكلىمىسىدىن مۇستەسنا قىلىنىشلىرى 20-ئەسىرنىڭ تېخنىكا يۆتكەش كېلىشىملىرىگە، ئەپيۇن پاراخوتلىرى كېلىپ توختىغان پورتلار بۈگۈنكى كۈندە تور ئىستىخبارات ئۇچۇر مەركەزلىرىنىڭ فايبر ئوپتىك سىملىق لىنىيە ئۇچلىرىغا ئايلاندى.
يەھۇدىي مالىيە جەمىتى ساسسۇنلارنىڭ ئەپيۇن سودىسىدىن تاپقان كاتتا بايلىقىغا ئادەتتىكى بىر سودا كىرىمى سۈپىتىدە قاراشقا بولمايدۇ. بۇ بايلىق، خىتاينىڭ زامانىۋى مالىيە ئېڭىنى شەكىللەندۈرگەن ئۇل تاشلار ھېسابلىنىدۇ. شاڭخەينىڭ ۋەيتەن (Bund) پورتلىرىدا قەد كۆتۈرگەن گوت ئۇسلۇبىدىكى بانكا بىنالىرى، (بۈگۈنكى كۈندە تىنچلىق مېھمانخانىسىنىڭ شىمالىي قىسمى دەپ ئاتىلىدىغان ساسسۇن سارىيى – Sassoon House، HSBC بانكىسىنىڭ چۆڭقۇر يىلتىزلىرى، جاردىن مەتېسون – Jardine Matheson نىڭ سودا تورى) بۈگۈنكى دىگىتال يۈەننىڭ ۋە CIPS (خەلقئارا يۈەن پۇل تۆلەش سىستېمىسى) نىڭ ئۇلىغا ئايلىنىپ، خىتاي مالىيە ئەس – خاتىرىسىنىڭ قۇرغۇچى يادىكارلىقرى ھېسابلانماقتا.[5] ئالدىنقى بىر يېرىم ئەسىر ئىلگىرى ئەپيۇن كۈمۈشلىرى بىلەن ئاساسى تىكلەنگەن بۇ مالىيە ئۇلى، بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا دوللىرىغا قارشى ئېچىلغان يەر شارى خاراكتېرلىك بىر يوقىتىش ئوپېراتسىيەسىنىڭ دىگىتال ئۇلىنى تەشكىل قىلماقتا. ئەپيۇننىڭ ئورنىنى ئالغان نەرسە ئۇچۇر (مەلۇمات) بولۇپ، ئۇچۇر سودىسىنىڭ پايدا نىسبىتى ئەپيۇننىڭكىدىن قاتمۇ-قات يۇقىرىدۇر- ئەلۋەتتە.
بۇ ئۈزۈلمەس تارىخنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك تەرىپىمۇ مالىيەۋى تەرىپىگە ئوخشاشلا بەلگىلىگۈچى رولغا ئىگە. ئىسرائىلىيە-خىتاي شېرىكچىلىكىنىڭ موتورى پەقەتلا مەنپەئەتنى ئاساس قىلغان قۇرۇق سودا ھېساباتى ئەمەس، بەلكى ئۆز خەلقىنى دۇنيانىڭ مەركىزىگە قويۇپ، باشقا مىللەتلەرنى بولسا، يوقىتىشقا تېگىشلىك قالدۇقلار دەپ قارايدىغان ئىككى رادىكال دۇنيا قاراشنىڭ ئورتاق رىشتىسىدۇر. خەن مىللەتچىلىكىنىڭ «جۇڭگو» (مەركىزى دۆلەت) چۈشەنچىسى ۋە جاۋ تىڭياڭ نەزەرىيەلەشتۈرگەن «تيەنشيا» (ئاسمان ئاستىدىكى ھەممە نەرسە) يوليورۇقى[6]، سىيونىزمنىڭ «تاللانغان خەلق» دەۋاسى بىلەن بىرلىشىپ تارىختىكى ئەڭ خەتەرلىك ئىدېئولوگىيەلىك قۇتۇپلىشىشنى بەرپا قىلىدۇ. بۇ ئىككى دۇنيا ئۆزلىرىنىڭ ئېتنىك يادروسىدىن سىرتتا قالغان ھەر بىر ئادەمنى يا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىدىغان ۋە ياكى بىر تەرەپ قىلىنىدىغان «ياۋايى كۈچ» دەپ بىلىدۇ. ئىسلام تەپەككۇرىدىكى «فىترەت» پىرىنسىپى بولسا، بۇ ئىككى ئىدېئولوگىيەنىڭ پۈتۈنلەي قارشىسىدا تۇرىدۇ. ھېچقانداق بىر خەلق، ئېتنىك يىلتىزى ياكى دىنىي ئەپسانىلىرى سەۋەبىدىن باشقا بىر خەلقتىن تولۇق ئۈستۈنلىككە ئىگە ئەمەس.
ئىسرائيلىيەنىڭ پەلەستىندە سىناقتىن ئۆتكۈزگەن تور كۆزىتىش يۇمشاق دېتاللىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىىش لاگېرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان تېخنىكىلىق قۇرۇلمىسى بىلەن بىر قىلىپتىن چىققاندەكلا ئوخشاشلىقى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس. تېخنىكا ۋە مېتودولوگىيە ئاۋۋال غەززەدە پىششىقلانغان، ئاندىن قەشقەرگە ئېكسپورت قىلىنغان. ئىسرائىلىيەنىڭ «ئۇرۇشتا سىناقتىن ئۆتكەن» (Battle Tested) دېگەن ماركىىسى پەقەتلا بىر بازارلىق ئېلان شۇئارى ئەمەس، بەلكى ئىنسان بەدىنىدە سىناپ كۆرۈلگەن زۇلۇم تېخنىكىسىنىڭ رەسمىي گۇۋاھنامىسىدۇر.[7]
بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارالىق كاپىتال تورلىرى ۋە ئەنگلىيەنى مەركەز قىلغان سىيونىست مالىيە گېگانىتلىرى، ئامېرىكا تىنچلىقىنىڭ (Pax-Americana) ۋاقتى توشقانلىقىنى كۆرۈپ، كاپىتالنىڭ يېڭى بىخەتەر پورتى سۈپىتىدە خىتاينى ئاللىقاچان تاللاپ بولدى.[8] بۇ زور مالىيە كۆچۈشىنىڭ ئاساسلىق يۆتكىگۈچىسى يەنىلا مەزكۇر قەدىمىي سىيونىست تۇرۇببا سىستېمىسىدۇر، لېكىن بۇ قېتىم تۇرۇببا سىستېمىسىنىڭ بېشىدا ئىسرائىلىيەنىڭ تور ئىستىخبارات ئورگىنى ئولتۇرماقتا. غەربنىڭ تور بانكىچىلىقى، شىفىرلاش ۋە دىگىتال بىخەتەرلىك تېخنىكىلىرى شاڭخەينىڭ ئۇچۇر ئامبارلىرىغا توشۇلۇش ئارقىلىق يەر شارى سىستېمىسىنىڭ يېڭى خوجايىنىغا دەرۋازىنىڭ ئاچقۇچلىرى ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن ئۆز قوللىرى بىلەن تاپشۇرۇپ بېرىلمەكتە.
تارىخنىڭ ئەڭ ئاچچىق ئەمما كۈلكىلىك كومېدىيەسىمۇ دەل مۇشۇ يەرگە يوشۇرۇنغان. 19-ئەسىردە ئەپيۇن، بىر خەلقنىڭ جسىمىنى مەس قىلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تاتىۋالغان ئىدى، خىتاي ئۆز پورتلىرىنى، تامۇژنىلىرىنى ۋە غەزىنىسىنى بېقىندىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان بىر سودىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە بولسا دەل شۇ ئېقىشنىڭ لوگىكىسى تەتۈر ئىشلىمەكتە. بۇ قېتىمقى زەھەر خىمىيەۋى ئەمەس، بەلكى دىگىتالدۇر. يۈەننى ئاساس قىلغان CIPS تۆلەش سىستېمىسى، پېترو-يۈەن كېلىشىملىرى ۋە ئالگورىزىملىق بېقىندىلىق غەربنىڭ قارار چىقىرىش مۇسكۇللىرىنى ئاستا-ئاستا پالەچ ھالغا كەلتۈرمەكتە. ئەپيۇن خىتاينى بېقىندى قىلىش ئارقىلىق غەربنى بېيىتقان بولسا، ئىسرائىلىيەنىڭ قولىدىكى دىگىتال تۇرۇببا سىستېمىسى غەربنى بېقىندى قىلىش ئارقىلىق شەرقنى ھۆكۈمران قىلماقتا. زەھەرلىگۈچى بىلەن زەھەرلەنگۈچى ئورۇن ئالماشتۇردى. لېكىن قورشاۋ (ۋېيجى) تاختىسىدىكى قائىدە قەتئىي ئۆزگەرمىدى. قورشاۋ ئوچۇق ئۇرۇش بىلەن ئەمەس، بەلكى تىمتاس سېڭىپ كىرىش بىلەن تاماملانماقتا. ساسسۇنلارنىڭ بىر ئەسىر ئىلگىرى مۇكەممەللەشتۈرگەن بۇ ئۇسۇلى، بۈگۈنكى كۈندە «ھۆكۈمراننىڭ ئۆز ئۆزىنى ھالاك قىلىشى» بىلەن غەربنىڭ ئۆز بەدىنىدە ئىجرا قىلىنماقتا.
2-بۆلۈم: كاپىتالنىڭ غەربتىن شەرققە كۆچۈشى ۋە شاڭخەي ۋەيتەن لىنىيەسى
شاڭخەينىڭ ۋەيتەن پورتىدىكى گوت ئۇسلۇبىدىكى بانكا بىنالىرىنىڭ ئاستىغا كۆمۈلگەن ئىستراتېگىيەلىك ئۇل، ئارىدىن بىر يېرىم ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىنمۇ بۇرۇنقى پېتى ئۆزگەرمەستىن مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۈگۈن دېرىزىدىن قارىغاندا كۆرۈنىدىغان مەنزىرە ئاسمان پەلەك بىنالار بىلەن زىننەتلەنگەن بولسا، فېدېرال ئەپيۇن پاراخوتلىرىنىڭ ئورنىنى ئالغان تور-مالىيە تۇرۇببا سىستېمىلىرى كاپىتالنىڭ بۇ زور كۆچۈشىنى يەنىلا پارادوكىس خاراكتېرلىك شەكىلدە، ئامېرىكىنىڭ بايلىقلىرى بىلەن مەبلەغكە ئىگە قىلماقتا.
ۋەيتەن پورتىنىڭ قەدىمىي مالىيە ئۇلى ئۈستىدە بۈگۈن دېگىتال يۈەننىڭ مۇلازىمېتېرلىرى، CIPS نىڭ فايبر ئوپتىك ئومۇرتقىسى ۋە خىتاينىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك زاپاس پۇل ئۇرۇشىنىڭ قوماندانلىق مەركىزى قەد كۆتۈرمەكتە. ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ جەرياندىكى ئاساسلىق رولى غەربنىڭ تور بانكىچىلىقى، شىفىرلاش ۋە رەقەملىك بىخەتەرلىك تېخنىكىلىرىنى شاڭخەينىڭ ئۇچۇر ئامبارلىرىغا توشۇش ئارقىلىق، يەر شارى مالىيە سىستېمىسىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى يېڭى خوجايىنغا تاپشۇرۇپ بېرىشتىن ئىبارەت بولماقتا.[9]
بۇ مەنزىرىنىڭ جىنايەت تامغىسىنى ئامېرىكا ئىستىخباراتى ئۆز ئاغزى بىلەن باسقان. ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى (CIA) نىڭ سابىق باشلىقى James Woolsey جامېس ۋۇلسېي 1993-يىلى ئۆكتەبىردە پالاتانىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى كومىتېتىغا سۇنغان گۇۋاھلىقىدا، ئامېرىكا ۋە غەرب شىركەتلىرى سېتىشنى خالىمايدىغان ئىلغار ھەربىي تېخنىكىلارنى خىتاينىڭ ئىسرائىلىيە ئارقىلىق سېتىۋالغانلىقىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى بېيجىڭغا قورال تېخنىكىسى ئېكسپورت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ سودىنىڭ قىممىتى مىلياردلىغان دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.[10] بۇ سىستېمىلىق خىيانەت لىنىيەسىنىڭ ئامېرىكا ئىستىخبارات ساھەسى تەرىپىدىن رەسمىي جەزملەشتۈرۈلۈشىدۇر.
ئەھۋالنى بىر جۈملە بىلەن مۇنداق يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: ئىتتىپاقداش نىقابى ئاستىدىكى بىر دۆلەت (ئىسرائىلىيە)، ئۆز خوجايىنى ئامېرىكىنىڭ قولىدىكى ئەڭ كۈچلۈك مالىيە قامچىسىنى، يەنى SWIFT پۇل تۆلەش سىستېمىسىنىڭ جازالاش قۇدرىتىنى ئاستىرىتتىن ئۇنىڭ رەقىبىگە تاپشۇرۇپ بەرمەكتە.
مالىيەۋى كۆچۈشنىڭ سىغىمچانلىقىنى قوغداۋاتقان ئەسلى كۈچ ئامېرىكا مالىيىە گىگانتلىرىنىڭ خىتاي بازىرىغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەسىر بولۇپ قېلىشىدۇر. كاپىتال گېگانىتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنات زەنجىرىنىڭ زور قىسمىنى خىتايغا يۆتكىشى، ۋاشىنگتون كارىدورلىرىدا بېيجىڭنىڭ ئەڭ كۈچلۈك پىدائىي لۆببى كۈچىنى بارلىققا كەلتۈردى. چياۋ لياڭ (Qiao Liang) بىلەن (Wang Xiangsui) ۋاڭ شىينىڭ 1999-يىلى ئېلان قىلغان «چەكسىز ئۇرۇش» تەلىماتىنىڭ ئاساسلىق ئىستراتېگىيەسىمۇ دەل مۇشۇ ئىدى. رەقىبنىڭ قارار چىقارغۇچى سەرخىللىرىنى ئىقتىسادىي بېقىندىلىق زەنجىرلىرى بىلەن قورالسىزلاندۇرۇش.[11]
ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ ئىلغار تور ئىستىخبارات قىسمى بولغان يۇنىت 8200-دىن پېنسىيەگە چىققان يۇقىرى دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەر خىتايدا قۇرغان يېڭى شىركەتلەر (start-up)، پۇقرالار تور بىخەتەرلىكى نىقابى ئاستىدا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ بانكىلىرى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىك ئورنىتىپ، بۇ مالىيەۋى ئۆزگىرىشنى تاماملىدى.[9] بۇ ھەمكارلىقلار ئارقىلىق غەربنىڭ تور بانكىچىلىقى كېلىشىملىرى ۋە ئەڭ مەخپىي شىفىرلاش ئاچقۇچلىرى جىمجىتلا بېيجىڭدىكى ئىستراتېگىيە مەركەزلىرىگە توشۇلۇپ تۇردى.
كاپىتالنىڭ بۇ جىمجىت كۆچۈشىنىڭ ئەڭ بەلگىلىگۈچى بۇرۇلۇش نۇقتىسى، دوللاردىن ۋاز كېچىش جەريانىنىڭ پارس قولتۇقى لىنىيەسىدە تېزلىك قازانغان يېقىنقى بىر قانچە يىلىغا توغرا كېلىدۇ. 2022-يىلى دېكابىردا شى جىنپىڭ بىلەن تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سالمان ئوتتۇرىسىدا رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن ئالىي دەرىجىلىك يىغىن، پارىس قولتۇقى نېفىتىنىڭ يۈەن بىلەن باھالىنىشى يۆنىلىشىدە ئىمزالار قويۇلغان ئىستراتېگىيەلىك بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولدى.[12] سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا 2023-يىلى ئىمزالانغان پۇل ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ۋە سەئۇدى مەركىزى بانكىسىنىڭ mBridge دىگىتال تۆلەش سۇپىسىغا قوشۇلۇشى بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئورگانلىق ئۇلىنى بەرپا قىلدى.
كونا سىستېمىنىڭ ۋەيرانچىلىقى ئۈستىدە قەد كۆتۈرگەن خىتاينىڭ CIPS سىستېمىسى، بۇ زور يوقىتىش ئوپېراتسىيەسىنىڭ مالىيەۋى ئومۇرتقىسىدۇر. CIPS دۇنيا مىقياسىدا تېز كېڭەيمەكتە. دوللارنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك زاپاس پۇل پايلىرى 2000-يىللارنىڭ بېشىدىكى 71% تىن، 2026-يىلىغا كەلگەندە تەخمىنەن %57 كە چۈشۈپ قالدى.[13] شاڭخەي ۋەيتەن لىنىيەسى ئەمدىلىكتە ئاقدېڭىز ۋە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ مالىيە ئېنېرگىيەسىنى شىلىپ سۈمۈرىدىغان دىگىتال بىر سۈمۈرگۈچكە ئايلاندى.
ۋەھالەنكى، بۇ تەرەققىياتنىڭ ئىسلام دۇنياسى نۇقتىسىدىن ئىستراتېگىيەلىك مەنىسى توغرا ئوقۇلىشى شەرت. دوللارنىڭ يەر شارى مىقياسىدىكى زاپاس پۇل ئورنىدىن چېكىنىشى، غەرب زوراۋانلىقىنىڭ ئاجىزلىشىشى سۈپىتىدە تەبرىكلىنىدىغان بىر تەرەققىيات ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭ ئورنىنى ئالغان سىستېما تېخىمۇ ئادالەتسىز بولۇپ، بۇ پەقەت باشقا بىر خوجايىننىڭ كونتروللىقىغا ئۆتۈشتىن ئىبارەتتۇر. خىتاينىڭ CIPS سىستېمىسى شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان بىر ھاكىمىيەتنىڭ مالىيەلىك ئومۇرتقىسىدۇر. دوللارنىڭ چېكىنىشىگە خوشال بولۇپ، يۈەننىڭ زەنجىرلىرىگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەسلىم بولۇش، قۇللۇقنىڭ خوجايىن ئالماشتۇرۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
3-بۆلۈم: خىتاي مالىيە دۇنياسىنىڭ ئىنقىلابچى ئۇل سالغۇچىلىرى، ساسسۇن مىراسىدىن ئەيسىنبېرگقا، ئەيسىنبېرگدىن ئوفېرغا سۇزۇلغان ئۈزۈلمەس سىيونىست زەنجىرى
تارىخنىڭ ئەڭ چۆڭقۇر زىددىيەتلىرىدىن بىرى شۇكى، بىر ئىمپېرىيەنى ۋەيران قىلغان كۈچ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇ ئىمپېرىيەنىڭ خارابىلىكى ئۈستىدە قەد كۆتۈرىدىغان يېڭى تۈزۈلمىنىڭ مالىيەۋى ئۇل سالغۇچىلىرىغا ئايلىنىدۇ. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ساسسۇن جەمەتىگە بولغان قارىشى دەل مۇشۇ زىددىيەتلىك لوگىكىنىڭ مەھسۇلىدۇر.
غەرب تارىخچىلىرى ساسسۇنلارنى خىتاينى ئەپيۇن بىلەن زەھەرلىگەن مۇستەملىكىچى بىر كۈچ دەپ قارايدۇ. ۋەھالەنكى، بېيجىڭنىڭ دۆلەت ئەقلى بۇ مەنزىرىگە پۈتۈنلەي باشقا بىر پەنجىرىدىن باقىدۇ. بۇ كۆز قاراش خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى قۇرۇپ چىققان چۆڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك ئەس – خاتىرىنىڭ نەتىجىسىدۇر. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەت ئەقلى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ساسسۇنلار چىڭ (مانجۇ) سۇلالىسىنىڭ چىرىپ كەتكەن خانلىق تۈزۈمىنى ئىچىدىن يىمىرىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا شاڭخەي ۋە خوڭكۇڭنى دۇنيانىڭ ئەڭ ھەرىكەتچان مالىيە مەركەزلىرىگە ئايلاندۇرغان بىر زامانىۋىلىشىش ماتورىدۇر. ئەپيۇن بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئادەتتىكى بىر زەھەر ئەمەس، بەلكى چىڭ سۇلالىسى غەزىنىسىنىڭ كۈمۈش زاپاسلىرىنى سىرتقا ئاقتۇرۇپ، ئىمپېرىيەنىڭ ئاساسىنى بوشاتقان ۋە كوممۇنىستىك ئىنقىلاب ئۇنىڭ ئۈستىدە قەد كۆتۈرىدىغان ئۆتكۈنچى ۋەيرانچىلىق دەۋرىنى ھازىرلاپ بەرگەن ئوپېراتسىيەلىك بىر مالىيە سىستېمىسىدۇر.
بۇ باھالاش بېيجىڭنىڭ مەنپەئەتپەرەسلىكىنى ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىكى پەرۋاسىزلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا نامايان قىلىدۇ. يەنى خىتاينىڭ نەزىرىدە مىليونلىغان ئىنساننى زەھەرلىگەن بىر سودا، ئەگەر ئۇنىڭ نەتىجىسى كومۇنىستىك ئىنقىلابىي بۇرۇلۇشقا خىزمەت قىلغانلا بولسا، ئىستراتېگىيەلىك بىر قورال سۈپىتىدە مۇقەددەس دەپ بىلىنىۋېرىدۇ. دەل مۇشۇ لوگىكا بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئالگورىزىملىق قىرغىنچىلىقنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نىقابى ئاستىدا ئاقلىنىشىدا رول ئوينىماقتا. بېيجىڭ ئۈچۈن ئەخلاق ئىستراتېگىيەنىڭ خىزمەتكارىدۇر، ئەكسىچە بولۇشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس.
1842-يىلىدىكى «نەنجىڭ ئەھدىنامىسى» دىن كېيىن باشلانغان جەريان تەيپىڭ قوزغىلىڭىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇردى، چىڭ سۇلالىسىنىڭ مەركىزىي ھاكىمىيىتىنى تەۋرەتتى ۋە ئاخىرقى ھېسابتا 1949-يىلىدىكى كوممۇنىستلارنىڭ غەلىبىسىگە بارىدىغان يولنىڭ مالىيەۋىي ئاساسىنى يارىتىپ بەردى. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچى سەرخىللىرى بۇ تارىختىن ئېنىق بىر خۇلاسە چىقاردى. ساسسۇنلار، ئۆزلىرى خالىمىغان بولسىمۇ، ئىنقىلابنىڭ مالىيەۋى تۇغۇت ئانىسى بولغان ئىدى. بۇنىڭ ئەمەلىي نەتىجىسى غەرب دۇنياسى سەزمىگەن بىر پوزىتسىيەنى بارلىققا كەلتۈردى. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى ساسسۇنلارنىڭ مىراسىغا بىر تارىخىي دۈشمەن سۈپىتىدە ئەمەس، بەلكى ئىستراتېگىيەلىك بىر زاپاس بايلىق سۈپىتىدە قاراپ، ئۇنى ساقلاپ كەلدى.
جوناتان كائۇفمان (Jonathan Kaufman) ئۆزىنىڭ «شاڭخەينىڭ ئەڭ ئاخىرقى پادىشاھلىرى» (The Last Kings of Shanghai) ناملىق ئەسىرىدە ئىسپاتلاپ ئۆتكەندەك، ساسسۇنلار ۋە كادورى (Kadoorie) جەمەتى زامانىۋى شاڭخەي ۋە خوڭكۇڭنىڭ مالىيە قۇرۇلمىسىنىڭ ئاساسچىلىرى سۈپىتىدە خىتاينىڭ ئورتاق ئەس خاتىرىسىدە ئالاھىدە بىر ئورۇنغا ئىگە بولدى.[14] ماۋ زېدوڭنىڭ «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نىڭ ئەڭ ۋەيران قىلغۇچ يىللىرىدىمۇ شاڭخەيدىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئېتىقادىغا، مەدەنىيىتىگە ۋە مالىيەۋىي قۇرۇلمىسىغا چەكلىمە قويۇلمىدى، قول تەككۈزۈلمىدى.[15] بۇ دەخلىسىزلىك بىر ئىدېئولوگىيەلىك زىددىيەت ئەمەس، بەلكى ئىنچىكە ھېسابلانغان ئىستراتېگىيەلىك بىر مۇستەسنا ئەھۋال ئىدى. جۇ ئېنلەي ۋە ئەتراپىدىكى سەرخىللارنىڭ بۇ سويونىستلار تورىنى يەر شارى خاراكتېرلىك مالىيەۋىي سېڭىپ كىرىش كۈچى ئۈچۈن ئاڭلىق تۈردە قوغداپ قالغانلىقىغا دالالەت قىلىدىغان كۈچلۈك تارىخىي پاكىتلار مەۋجۇت. مەدەنىيەت ئىنقىلابى چىركاۋ-مەسجىدلەرنى ۋەيران قىلىۋاتاتتى، زىيالىيلارنى سۈرگۈن قىلىۋاتاتتى، لېكىن شاڭخەيدىكى يەھۇدىيلارنىڭ مالىيە تورلىرىغا تەگمىگەن ئىدى. چۈنكى بېيجىڭ، بۇ تورلارنىڭ بىر كۈنى ئۆزىگە ئەسقاتىدىغانلىقىنى بەكلا ياخشى بىلەتتى. بۇ خىتاي دۆلەت ئەقلىنىڭ يىرتقۇچلارچە سەۋر-تاقىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ۋە ئەڭ سوغۇققان ئىسپاتىدۇر.
بۇ ئۈزۈلمەس زەنجىرنىڭ 20-ئەسىردىكى بەلگىلىگۈچى سىماسى سىيونىست شائۇل ئەيسىنبېرگ (Shaul Eisenberg) بولدى. ئەيسىنبېرگنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بېيجىڭنىڭ پۇرسەتپەرەسلىك دەرىجىۋازلىق سىستېمىسىدىكى ئورنىنى تۇنۇش شەرتتۇر. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىدە ئادەتتىكى بىر چەتئەللىك سودىگەر ئەمەس، بەلكى ساسسۇنلار باشلىغان ئاشۇ زور بۇرۇلۇشنىڭ زامانىۋى، تېخنىكىلىق ۋە ئىستىخبارات ئاچقۇچىنى تۇتۇپ تۇرغان «كونا دوست» ئىدى. 1921-يىلى مىيۇنخېندا تۇغۇلغان، ناتسىستلاردىن قېچىپ 1940-يىلى شاڭخەيدە پاناھلانغان ۋە ئۇرۇش يىللىرىدا خىتايدىكى سودا بىلەن ئىستىخبارات تورلىرىنى بىر-بىرىگە مەھكەم مۇجەسەملىگەن ئەيسىنبېرگ، ئۇرۇشتىن كېيىن ئاسىيادا كۈچ توپلاپ، ساسسۇنلار مىراسىنىڭ زامانىۋى ۋارىسىغا ئايلانغان ئىدى.[16]
1979-يىلى فېۋرالدا، ھېچقانداق دۆلەت بەلگىسى بولمىغان بىر بوئىن707 ئايروپىلانى تېل ئاۋىۋدىن قوزغىلىپ بېيجىڭ ئەتراپىدىكى مەخپىي ھەربىي بازىغا قونغاندا، بۇ مەخپىي ئايروپىلاننى تەمىنلىگەن، ھەيئەتنى تەشكىللەشكە مەبلەغ ئاجراتقان ۋە خىتاي دەرۋازىلىرىنى ئاچقان ئادەم دەل ئەيسىنبېرگ ئىدى. خىتاي دىپلوماتىيەسىدىكى «كونا دوست» (Old Friend) دېگەن نام، ئادەتتىكى دىپلوماتىك سىپايىلىقتىن بەكلا يۇقىرى، ئەمەلىي بىر ئىشەنچ گۇۋاھنامىسىدۇر. ئەيسىنبېرگ بۇ سالاھىيىتى ئارقىلىق ھەر قانداق بىر غەرب ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى خىتايدا تېخى بوسۇغىسىدىنمۇ ئاتلىيالمايدىغان مەخپىي دەرۋازىلارنى ئاچالايتتى.[17] شۇ كېچىسى قۇرۇلغان ئالاقە لىنىيەسى، كېيىنچە يېرىم ئەسىرگە سوزۇلىدىغان ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆز ھۆججەتلىرىدە كۆلەڭگە رولى سۈپىتىدە تىزىمغا ئېلىنىدىغان، كەڭ كۆلەملىك قورال ۋە ھەربىي تېخنىكا يۆتكەش كېلىشىملىرىنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولدى.[18]
ئەيسىنبېرگ پەقەتلا بىر سودىگەر ئەمەس ئىدى. ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدا (كېنېسسەتتە) ئۆزى ئۈچۈن نازارەتسىز چەتئەل مالىيە رايونى ۋە باج كەچۈرۈمبى بىلەن تەمىنلەيدىغان، تارىختا «ئەيسىنبېرگ قانۇنى» دەپ ئاتالغان ئالاھىدە قانۇن ماقۇللاتقۇزغان بولۇپ، بۇ قانۇن ئۇنىڭ بىر خۇسۇسىي كارخانىچى ئەمەس، بەلكى دۆلەت ئورگانلىرى بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن سىياسىي-سودا ئوپېراتورى ئىكەنلىكىنىڭ رەسمىي ئىسپاتىدۇر.[19] ئامېرىكا بىخەتەرلىك مەسئۇللىرىنىڭ جەزملەشتۈرۈشىچە، 1979-1990-يىللار ئارىسىدا خىتاي بىلەن قۇرۇلغان تەخمىنەن 3.5 مىليارد دوللارلىق مەخپىي ھەربىي تېخنىكا لىنىيەسى، بۈگۈنكى كۈندە 15 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان خىتاي-ئىسرائىلىيە ئىقتىسادىي بىرلىشىشىنىڭ يادروسىنى بەرپا قىلدى. ئەيسىنبېرگ ئادەتتىكى بىر ۋاسىتىچى ئەمەس، بەلكى مەزكۇر تۇررۇببا سىستېمىسىنىڭ رەسمىي لايىھەلىگچىسى ئىدى.
ئەيسىنبېرگ 1997-يىلى بېيجىڭدا ئۆلگەندە، ئارقىسىدا قۇرۇپ قالغان بىر ئۆستەڭنى ئەمەس، بەلكى ۋارىسلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن جانلىق بىر سىستېمىنى قالدۇرۇپ كەتتى. بۇ سىستېمىنىڭ بۈگۈنكى ئەڭ ئەمەلىي توشۇغۇچىسى، فوربېس (Forbes) ستاتىستىكىسى بويىچە 31 مىليارد دوللارلىق ساپ بايلىققا ئىگە ئىسرائىلىيەلىك مىلياردېر ئىدان ئوفېر (Idan Ofer) دۇر.[20] ئوفېرنىڭ دادىسى دېڭىز قاتنىشى گىگانىتى ساممى ئوفېر (Sammy Ofer)، ئەيسىنبېرگنىڭ ئۇزاق شەرقتىكى سودا تورىنىڭ تەبىئىي بىر داۋامى ئىدى. ئىدان ئوفېر «Israel Corporation» شىركىتىنىڭ كونترول پاي ھوقۇقىنى قولىدا تۇتۇش ئارقىلىق، ئەيسىنبېرگدىن قالغان تەشكىلىي مىراسنى تولۇق ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى.
ئوفېرنىڭ خىتاينىڭ «چېرى» (Chery Automobile) شىركىتى بىلەن قۇرغان «چوروس» (Qoros) ئاپتوموبىل شېرىكچىلىكى ئادەتتىكى بىر سودا قۇرۇلۇشى ئەمەس، بەلكى ئىسرائىلىيە مۇداپىئە سانائىتىدىكى ئاۋىئاتسىيە سېنزورلىرى، ئېلېكترونلۇق سىستېمىلار ۋە سۈنئىي ئەقىل زاپاسلىرىنىڭ «ئەقىللىق ئاپتوموبىل» نىقابى ئاستىدا خىتاينىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە سىڭدۈرۈلۈشىنىڭ رەسمىي يولىدۇر. ئوفېرنىڭ كونتروللۇقىدىكى ZIM دېڭىز توشۇش تورىنىڭ خىتاي مەركەزلىك ئەشيا ئوبوروتى لىنىيەلىرى بىلەن بىرلىشىشى، بۇ ئۇچۇر ۋە تېخنىكا يۆتكەشنىڭ دېڭىز ئۈستى ئۇلىنى تەشكىل قىلماقتا.[21] ئەيسىنبېرگ تانكا توپلىرى بىلەن ئاچقان دەرۋازىنى، ئوفېر بۈگۈنكى كۈندە كونتېينېرلار ۋە ئەقىللىق ئالگورىزىملار بىلەن ئوچۇق تۇتماقتا.
ساسسۇندىن ئەيسىنبېرگقا، ئەيسىنبېرگدىن ئوفېرغا سوزۇلغان بۇ ئۈچ ئۈزۈلمەس زەنجىر، ئادەتتىكى بىر جەمەتنىڭ سەرگۈزەشتىسى ئەمەس، بەلكى بۇ سىيونىست لىنىيەنىڭ ئەۋلادلاردىن ھالقىغان ساداقەت زەنجىرىدۇر. 19-ئەسىردە ئەپيۇن پاراخوتلىرى بىلەن شاڭخەيگە چىققان، 20-ئەسىردە مەخپىي ئايروپىلان بىلەن بېيجىڭغا قونغان ۋە 21-ئەسىردە كونتېينېر پاراخوتلىرى بىلەن يەر شارى ئەشيا ئوبوروتى تورىغا كىرگەن بۇ سىيونىست لىنىيە، ھەر بىر دەۋردە يېڭى بىر قىياپەتتە كۆرۈندى، لېكىن پەقەت بىرلا نىشانغا خىزمەت قىلدى. غەربنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۈستۈنلۈكىنى ئىچىدىن سۈمۈرۈپ، شەرققە يۆتكەش.
ئەپيۇندىن ئالگورىزىمغا سوزۇلغان ئايلىنىش
بىز ئىزىنى قوغلاۋاتقان بۇ لىنىيە، ئايرىم شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھاللىرىنىڭ يىغىندىسىدىن بەكلا يۇقىرى بولۇپ، كۆز ئالدىمىزدا ئۈچ قاتلاملىق قۇرۇلمىلىق بىر ئۈزلۈكسىزلىكنى نامايان قىلىدۇ:
1 – مالىيەۋى گېن: ساسسۇنلارنىڭ ئەپيۇن يۆتكىشى بىلەن ئۇلى سېلىنغان ۋە بۈگۈنكى كۈندە CIPS نىڭ دېگىتال ئومۇرتقىسىغا ئايلانغان كاپىتال ئاساسىى.
2 – تېخنىكىلىق توشۇغۇچىلىق: ئەيسىنبېرگنىڭ مەخپىي قورال لىنىيەسىدىن يۇنىت 8200 نىڭ يېڭى شىركەتلىرىگە سوزۇلغان (غەرپتىن خىتايغا تېخنىكا يۆتكەش) تۇرۇببا سىتېمىسى لايىھەسى.
3- ئىدېئولوگىيەلىك رىشتە: «تيەنشيا» بىلەن سىيونىزمنىڭ شەرقىي تۈركىستان بىلەن پەلەستىننى ئورتاق بىر «ياۋايىي كۈچ» ۋە قىرغىنچىلىق مەيدانى سۈپىتىدە كودلىغان دۇنيا قارىشىدىكى بىردەكلىك.
بۇ ئۈچ قاتلام بىر-بىرىدىن ئايرىم ئەمەس. ھەر بىرى يەنە بىرىنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ، ئاقلايدۇ ۋە چۆڭقۇرلاشتۇرىدۇ. مالىيەۋى ئۇل بولمىسا تېخنىكا يۆتكەشنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ، ئىدېئولوگىيەلىك رىشتە بولمىسا بۇ شېرىكچىلىك ئۆزىنىڭ مەنپەئەتپەرەسلىكتىن ئىبارەەت ئەخلاقىي ئاجىزلىقىنى يېڭەلمەيدۇ.
ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ مەنزىرىدىن چىقىرىدىغان ساۋىقى ئىنتايىن روشەن. دۈشمىنىمىزنىڭ دۈشمىنى بىزنىڭ دوستىمىز ئەمەس. دوللارنىڭ يەر شارى زاپاس پۇل ئورنىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە يېڭى بىر كۆپ قۇتۇپلۇق تەرتىپنىڭ تۇغۇلۇشى، پەقەت ۋە پەقەت شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ۋە پەلەستىندە زۇلۇم تېخنىكىسى ئېكسپورت قىلىۋاتقان بىر قۇتۇپ لىنىيەسىدىن پۈتۈنلەي مۇستەقىل ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسىغىلا خاس ياڭى قۇتۇپ قۇرۇلغان تەقدىردىلا، ئاندىن ئىسلام مەدەنىيىتى ئۈچۈن بىر پۇرسەت دەرىزىسى ئاچالايدۇ. ئەكسىچە بولغاندا، خوجايىن ئۆزگىرىدۇ، لېكىن قۇللۇق ئۆز پېتى قالىدۇ.
بۇ لىنىيەنىڭ ئەڭ ئەجەپلىنەرلىك ھالقىسى بىز بايا تىلغا ئالغان 1979-يىلىدىكى مەخپىي ئۇچۇش بولۇپ، ئالدىمىزدىكى 3 – باپتا مەزكۇر بېيجىڭ كېچىسىنىڭ تولۇق ئاناتومىيەسىگە، يەنى «ئەيسىنبېرگ كۆۋرۈكى» نىڭ قانداق قۇرۇلغانلىقىغا قاراپ چىقىمىز.
3-باپ: ئېيزېنبېرگنىڭ 1979-يىلى قۇرغان خىتاي كۆۋرۈكى ۋە مەخپىي نىكاھنىڭ تۇغۇلغان كېچىسى

«ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ غەرىزىنى ئالدىن بىلەلمىگەنلەر، ئەتراپىغا قوشۇن توپلاپ ئىتتىپاق قۇرالمايدۇ» سۇن تىزو، «ئۇرۇش سەنئىتى»، 6-باب
«ئىسرائىلىيە ئۆزى سېتىۋاتقان نەرسىنىڭ ئىتتىپاقدىشىنىڭ مەخپىيەتلىكى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى، خىتايمۇ ئۆزى ئېلىۋاتقان تاۋارنىڭ ئوغرىلانغان مىراس ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. بۇ جىنايەت شېرىكچىلىكىنىڭ قۇرۇلۇش ھۆججىتى، ئەنە شۇ سوغۇق بېيجىڭ كېچىلىرىنىڭ پىچىرلاشلىرى ئارىسىدا ئىمزالانغان ئىدى.»
1979-يىلى 22-فېۋرال. تۈن يېرىمىدىن سەل ئاشقان چاغ. ئېيلاتتىن قوزغالغان، ئۈستىدە ھېچقانداق دۆلەت تەۋەلىك بەلگىسى بولمىغان بىر بويىنگ 707 ئايروپىلانى كالكۇتتا ئارقىلىق ئايلىنىپ گۇاڭجۇغا، ئۇ يەردىن بېيجىڭ يېقىنىدىكى تاشقى دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئايرىۋېتىلگەن بىر ھەربىي بازىغا كېلىپ قوندى. ئايروپىلاندىن چۈشكەن ئوتتۇز يولۇچىنىڭ ھېچبىرى رەسمىي تىزىمغا ئېلىنمىدى. نە ئۇلارنىڭ يۈزى رەسىمگە تارتىلدى, نە ئىسىم-ئۇنۋانلىرى بىرەر قەغەزگە يېزىلدى. خىتاي تەمىنلىگەن ساختا پاسپورت بىلەن كەلگەن بۇ ئوتتۇز كىشى ئادەتتىكى سودا-سانائەتچى ۋەكىللىرى ئەمەس، بەلكى IAI، Elta، Rafael، Tadiran ۋە IMI قاتارلىق ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ ئىلغار مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەچىلىرى ۋە باش ئىنژېنېرلىرى، يەنى شۇ دەۋردىكى ئىسرائىلىيە مۇداپىئە سانائىتى قۇرۇلمىسىنىڭ ئەڭ يادرولۇق ئەقىللار گۇرۇھى ئىدى [1].
بۇ ھەيئەت ئۆزى بىلەن بىللە غەرب مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ئەڭ مەخپىي مەنبە كودلىرىنى ۋە تېخنىكىلىق جەۋھىرىنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئەرەب قوشۇنلىرىدىن غەنىمەت ئېلىنغان سوۋېت قورال سىستېمىلىرىنى ئوپېراتسىيەلىك ئەستايىدللىق بىلەن بىر-بىرلەپ پارچىلاپ، قايتا لايىھىلەش تېخنىكىسى ئارقىلىق تېخىمۇ ئەۋزەل ھالەتكە كەلتۈرگەن ۋە بۇنى جەڭ مەيدانلىرىدا ئەمەلىي سىناقتىن ئۆتكۈزگەن بۇ ئەترەت، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئۈچۈن بىباھا بىر بىلىم خەزىنىسىنىڭ ئامبىرى سۈپىتىدە خىتايغا سۇنۇلغان ئىدى [2].
خىتاي تەرەپ بۇ مېھمانلارنى رەسمىي خاتىرىلەرگە پەقەت «چەت ئەللىك سودىگەرلەر» (外商) دەپلا تىزىملىدى. چۈنكى ئۇ چاغدا ئىسرائىلىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تېخى ھېچقانداق رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلمىغان ئىدى، بۇ زىيارەتنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئەرەب دۇنياسىنى تەڭلا چۆچۈتىدىغان چوڭ بىر پارتلاش خاراكتېرلىك ۋەقەگە ئايلىناتتى. مەخپىيەتلىكنىڭ نەقەدەر يۇقىرى دەرىجىدە بولغانلىقىنى مۇنداق بىر تەپسىلاتتىنمۇ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ:
ئىسرائىلىيەلىك ھەيئەت ئەزالىرىدىن بىرىنىڭ دەل شۇ ھەپتە ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەن ئانىسىنىڭ خەۋىرى بىخەتەرلىك بەلگىلىمىلىرى تۈپەيلىدىن ئۆزىگە يەتكۈزۈلمەي سىر تۇتۇلغان ئىدى [1]. ئەڭ ھالقىلىق تېخنىكىلىق سودىلىشىشلار ئىشخانا ياكى ئۈستەل ئۈستىدە ئەمەس، تۈن يېرىمىدا، بېيجىڭنىڭ قەھرىتان ھاۋاسىدا، سىرتتا بىرلىكتە ئايلىنىش جەريانىدا ئاستا پىچىرلىشىشلار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلدى. بۇ كەسپىيلىك ياكى پىداكارلىقنىڭ ئىپادىسى ئەمەس، بەلكى قۇرۇلغان مۇناسىۋەتنىڭ نەقەدەر غەيرىي قانۇنىي ۋە قاراڭغۇ ئىكەنلىكىنىڭ ئىقرارى ئىدى. 1979-يىل كۆۋرۈكىنىڭ ئاساسى، مۇتلەق مەخپىيەتلىك قەسەمنامىسى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى.
سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تارىخشۇناسلىقى 1979-يىلىنى ئۈچ چوڭ بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ۋەقە ئۈستىگە قۇرۇپ چىقىدۇ: ئىران ئىسلام ئىنقىلابى، كامپ داۋىد تىنچلىق كېلىشىمى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئافغانىستانغا بېسىپ كىرىشى. ئەمما بۇلارنىڭ ھېچبىرى، دۇنيانىڭ كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى مەڭگۈلۈك ۋە ئارقىغا يانغۇسىز شەكىلدە ئۆزگەرتىۋەتكەن تۆتىنچى بىر ۋەقەنى (1979-يىلىدىكى بېيجىڭ كېچىسىنى) يوشۇرۇپ قالالمىدى. بۇ تۆتىنچى ۋەقە ھېچقانداق ئاساسىي ئېقىم گېزىت باشبەتلىرىدىن ئورۇن ئالمىدى، ب د ت يىغىنلىرىدا مۇزاكىرە قىلىنمىدى، ھېچقانداق خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىلىم مۇنبەرلىرىدە دەرس قىلىپ ئۆتۈلمىدى. چۈنكى ئۇ ۋەقەنىڭ مەۋجۇت بولۇش شەرتى تولۇق مەنادا كۆرۈنمەس ۋە ئىنكار قىلغىلى بولىدىغان ھالدا قېلىشى ئىدى. بىر ھەپتە داۋام قىلغان سودىلىشىشلار، جىنايەت شېرىكچىلىكىنىڭ ئاساسلىق ھۆججىتىنى قۇرمۇ-قۇر يېزىپ چىقىۋاتاتتى.
1-بۆلۈم: كۆۋرۈكنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەڭلىمىسى، نېمىشقا 1979؟
ئىسرائىلىيەگە نىسبەتەن ئۇ چاغدىكى مەسىلە ئىتتىپاقداشلىق ئەمەس، تۈپ مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا، ھايات قېلىش مەسىلىسى ئىدى. ئىران ئىسلام ئىنقىلابى ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ چوڭ قورال خېرىدارىنى بىر كېچىدىلا دۇنيا سەھنىسىدىن ئۆچۈرۈپ تاشلىغان ئىدى. ئىران شاھى دەۋرىدىكى ئىسرائىلىيەدىن غايەت زور قورال ئېمپورت قىلىش، ئىمام خۇمەينىنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى بىلەن بىر دەمدىلا توختاپ قالغان ئىدى. IAI، Rafael ۋە IMI غا ئوخشاش دۆلەت گىگانتلىرى غايەت زور ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما بۇ كۆلەمنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان بازار قالمىغان ئىدى. خىتاي بولسا بىر مىلياردتىن ئاشىدىغان نوپۇسى، كونا ئارمىيەسى ۋە تېخنىكىغا بولغان ئاچلىقى بىلەن، ئىسرائىلىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ قۇتقۇزۇپ قالغۇچى خېرىدارى ھېسابلىناتتى. ئېيزېنبېرگ ئاچقان دەرۋازا، ئەسلىدە ئىسرائىلىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ۋەيران بولۇشتىن قۇتۇلۇش دەرۋازىسى ئىدى [3]. شۇڭا ھايات قېلىش ئۈچۈن ئۆز ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكانىڭ كەينىدىن پىچاق سانجىش، تېل ئاۋىۋنىڭ ھېساب-كىتابىدا قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بىر بەدەل سۈپىتىدە كودلانغان ئىدى.
بېيجىڭ تەرەپتىن قارىغاندىمۇ، بۇ تەڭلىمە ئوخشاشلا مەنپەئەتلىك ئىدى. دېڭ شياۋپىڭ 1978-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندە «ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش» سىياسىتىنى يولغا قويغان بولسىمۇ، غەرب دۇنياسى بىلەن بىۋاسىتە ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىقى مۇناسىۋېتى ئورنىتىش سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ نازۇك تەڭپۇڭلۇقلىرى تۈپەيلىدىن مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ناتو ۋە غەرب لاگېرىنىڭ كوممۇنىستىك دۆلەتلەرگە يۇقىرى تېخنىكا ئېكسپورت قىلىشىنى نازارەت قىلىدىغان كۆپ تەرەپلىمىلىك ئېكسپورت كونترول كومىتېتى (COCOM) نىڭ چەكلىمىلىرىگە ئۇچرىمايدىغان بىردىنبىر غەربكە ئىتتىپاقداش دۆلەت ئىسرائىلىيە ئىدى [3]. بېيجىڭ ئۈچۈن ئىسرائىلىيە غەربنىڭ ھەربىي تېخنىكىسىغا ئېرىشىشنىڭ بىردىنبىر ئارقا ئىشىكى ئىدى.
خىتاي ئەمەلدارلىرى ئىسرائىلىيەلىك ئىنژېنېرلارغا شۇنچىلىك ئىشىنەتتىكى، يۈزلىگەن مىليون دوللارلىق توختاملارنى پەقەت بىر قانچە پارچە رەسىم ۋە بىر سىن كۆرۈنۈشىگە تايىنىپ، ھېچقانداق زاۋۇتنى كۆزدىن كەچۈرمەيلا ئىمزالاشقان ئىدى [4]. قورال سودىسى تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بۇ ئىشەنچنىڭ ماھىيىتى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئادەتتىكى بىر ساتقۇچى – خىرىدار مۇناسىۋىتىدىن تولىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ يوشۇرۇن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
بۇ كۆۋرۈكنىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ ۋەيران قىلغۇچ مېۋىسى، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ قولىدىكى مىڭلىغان سوۋېت تىپىدىكى T-54 ۋە T-55 تانكىلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە تېخنىكىسى ئارقىلىق تۈپتىن ئۆزگەرتىلىشى بولدى. بۇ يەردىكى مەسىلە ئادەتتىكى بىر قورال-ياراق سېتىش ئەمەس، بەلكى پۈتۈن بىر ئارمىيەنىڭ ھەربىي تەلىمات گېنىنى، (DNA) سىنى قايتىدىن يېزىپ چىقىش ئىدى.
خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى 1979-يىلىغا كەلگەندە سان جەھەتتىن دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوشۇنىغا ئىگە ئىدى. ئەمما بۇ غايەت زور كۈچنىڭ بىرونىۋىك يادروسى، 1950-يىللاردىكى سوۋېت تېخنىكىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان «Type 59» تانكىلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئىدى [5]. كونا تىپتىكى توپلار، قولدا باشقۇرۇلىدىغان ئۆپتىكىلىق ئوق چىقىرىش سىستېمىسىلا بار ئىدى. لازېرلىق ئارىلىق ئۆلچىگۈچ يوق، كېچە ئۇرۇش ئىقتىدارى ئەمەلىيەتتە نۆل ئىدى. 1979-يىلى فېۋرالدا خىتاينىڭ ۋېيتنامغا قارشى ئېلىپ بارغان «جازالاش يۈرۈشى»، خىتاي ئارمىيەسىنىڭ بىرونىۋىك قوشۇنىنىڭ زامانىۋى جەڭ مەيدانىدا نەقەدەر كارغا كەلمەس ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغان ئىدى [6].
بۇ كۆۋرۈكنىڭ بىرونىۋىكقا ئالاقىدار قىسىمى، دەل يۇقىرىقى قانىغان يارا ئۈستىگە ئوپېراتسىيەلىك بىر مەرھەم بولغان ئىدى. ئىسرائىلىيە بۇ خىل زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇستا ماھىرى ئىدى. 1967-ۋە 1973-يىللاردىكى ئۇرۇشلاردا مىسىر ۋە سۈرىيەدىن غەنىمەت ئېلىنغان يۈزلىگەن T-54/T-55 تانكىلىرى «تېران» نامى بىلەن ئۆزگەرتىلىپ ئىسرائىلىيە ئامىيەسىنىڭ قورال تۈرىگە قوشۇلغان ھەمدە كەڭ كۆلەملىك «غەربلەشتۈرۈش» پىلانىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى [7]. كونا سوۋېت توپىنىڭ ئورنىغا ئەنگىلىيەنىڭ L7 تىپلىق 105 مىللىمېتىرلىق تانكا توپى، غەرىبنىڭ ئىلغار دىگىتال ئوق چىقىرىشنى كونترول قىلىش سىستېمىلىرى، لازېرلىق ئارىلىق ئۆلچىگۈچ ۋە كېچىدە كۆرۈش ئۈسكۈنىلىرى ئورنىتىلدى. 1979-يىلى بېيجىڭغا قونغان ھەيئەت، بۇ تەجرىبىخانىنىڭ بارلىق سىرلىرى ۋە فورمۇلالىرىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
خىتايغا سۇنۇلغان تېخنىكا بوغچىسىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق قىسمى قەغەزگە يازغىلى بولمايدىغان خۇسۇسىيەتكە ئىگە ئىدى. يەنى يىگىرمە يىللىق قانلىق ئۇرۇش تەجرىبىلىرىدىن سۈزۈلۈپ چىققان «تاكتىكىلىق تەرجرىبىلەر» نىڭ پۈتۈنى ئىدى. سوۋېت بىرونىۋىكلىرىنىڭ قايسى ئاجىز نۇقتىدىن تېشىلىدىغانلىقى، قايسى بۇلۇڭدا قايسى خىل قورال-ياراقنىڭ ئەڭ يۇقىرى ۋەيرانچىلىق يارىتالايدىغانلىقىغا ئوخشاش ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە سىرلار ئىدى. بۇ مەلۇمات ۋە تەجرىبىلەر ھېچقانداق تېخنىكىلىق كاتلوگلاردا يېزىلمىغان بولۇپ، جەڭ مەيدانىدا ئۆلۈم بىلەن غەلىبە ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك سىزىقنى بەلگىلەيتتى. ئىسرائىلىيەلىك ئىنژېنېرلار خىتاي شېرىكلىرىگە پەقەت بىر توپ نورىنىلا ئەمەس، بەلكى شۇ توپ نورىنىڭ ئارقىسىدىكى پۈتكۈل جەڭ پەلسەپىسىنى ۋە سىستېمىلىق ھەرىكەت يۆنىلىشىنى تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدى.
بۇ تېخنىكا يۆتكەشنىڭ روشەن نەتىجىلىرى بەش يىل ئىچىدىلا نامايان بولدى. 1984-يىلى 1-ئۆكتەبىردە، تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى چوڭ ھەربىي پاراتتا كۆرگەزمە قىلىنغان «Type 69» تانكىلىرى غەرب ئانالىزچىلىرىنى ھەيران قالدۇردى. يېڭىچە توپ شەكىللىرى، زامانىۋىلاشتۇرۇلغان ئوق چىقىرىشنى كونترول قىلىش سىستېمىلىرى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلغان كېچىلىك ھەرىكەت سىستېمىلىرى كۆزگە كۆرۈنۈپ تۇراتتى. پېنتاگوننىڭ تېخنىكىلىق ئىستىخبارات بۆلۈملىرى بۇ تانكىلارنىڭ ئىچىدىكى يات قول تەگكەن DNA نى دەرھال بايقاپ چىقتى [8]. بىر ئىتتىپاقداش (ئىسرائىلىيە) بۇ خىتاي تانكىلىرىنىڭ ۋۇجۇدىغا غەربنىڭ ئىستراتېگىيەلىك روھىنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرغان ئىدى.
«Type 69» بىر تانكىدىن كۆپ ھالقىغان نەرسىگە ئايلاندى. سوۋېتنىڭ گەۋدىسى ئىچىدە سوقۇۋاتقان بىر ئىسرائىلىيە قەلبى ۋە بارغانچە غەربلەشكەن ئېلېكترونلۇق مېڭە. بۇ ئۆزگىرىش، يىللاردىن كېيىن ھەممە ساھەگە كېڭىيىدىغان «تېخنىكا يۆتكەش تۇرۇببا سىستېمىسى» نىڭ تۇنجى جىسمانىي ئەندىزىسى بولۇپ قالغان ئىدى. يەنى شەرقنىڭ گەۋدىسى غەربنىڭ ئەقىل-پاراسىتى بىلەن قوراللىنىۋاتاتتى.
تەتقىقات ئەدەبىياتلىرىدىكى «قورال سېتىش» دېگەن سۆز، 1979-يىلدىكى كۆۋرۈكنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى يوشۇرۇپ قويىدۇ. بۇ يەردىكى ھەقىقەت تەييار مەھسۇلات سېتىش ئەمەس، بەلكى بىر ئارمىيەنىڭ پۈتكۈل مەشغۇلات سىستېمىسىنى قايتىدىن يېزىپ چىقىشتىن ئىبارەت ئىدى. خىتاينىڭ قولىدا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرى بار ئىدى، كەم بولغىنى بولسا شۇ جابدۇقلارغا جان بېغىشلايدىغان ئەقىل ۋە مېڭە ئىدى. ئىسرائىلىيە ئەنە شۇ مېڭىنى بېيجىڭغا تاپشۇرۇپ بەردى. قورال ساتقان ئىتتىپاقداش جىنايەت شېرىكىدۇر، ئەمما بىر رەقىپ ئارمىيەنىڭ مېڭىسىنى يېزىپ بەرگەن ئىتتىپاقداش خىيانەتننىڭ ھەقىقىي مىمارىدۇر.
بېيجىڭ بۇ تېخنىكا ئارقىلىق پەقەت ئۆز ئارمىيەسىنىلا كۈچلەندۈرۈپ قالمىدى، بەلكى ئۇنى بىر ئېكسپورت قورالىغا ئايلاندۇردى. «Type 69» تۈرىدىكى تانكىلار 1982-يىلىدىن باشلاپ توققۇز دۆلەتكە تەخمىنەن ئىككى مىڭ دانە ئېكسپورت قىلىندى. بۇ ساننىڭ زور قىسمىنى ئىراق يالغۇز ئۆزى سېتىۋالدى، بۇ خىتاي تانكىلىرى ئىران-ئىراق ئۇرۇشىدا ھەر ئىككىلا تەرەپتە تەڭ ئىشلىتىلدى، ھەر ئىكى تەرەپ تەڭ تەمىنلەندى [9]. ئىسرائىلىيە تېخنىكىنى بەردى، خىتاي ئۇنى كۆپەيتىپ ئۇرۇش رايونلىرىغا ئېكىسپورت قىلدى، بۇ قوراللارنىڭ توپلىرىدىن چىققان ئوقلار مۇسۇلمانلارنىڭ قېنىنى تۆكتى. بۇ نىكاھنىڭ تۇنجى مېۋىسى، تېخى تۇغۇلا تۇغۇلمايلا بىر قەتلىگاھ ياراتقان ئىدى.
ئىسرائىلىيەنىڭ 1979-يىلىدىكى ياردىمى، خىتاينىڭ ئۆز ئالدىغا ئون يىلدىمۇ قىلالمايدىغان تېخنىكىلىق بۆسۈش خاراكتېرلىك تەرەققىياتىنى بىر قانچە يىل ئىچىدىلا ئىشقا ئاشۇرۇپ بەردى. بۇ تارىخنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ ئەخلاقسىز تېخنىكا يۆتكەش ۋەقەلىرىدىن بىرى ئىدى.
2-بۆلۈم: پېنتاگوننىڭ جىنايەت دوكلاتى، ئامېرىكانىڭ نېرۋا ئۇچلىرى سىزمەكتە، ئەمما مۇسكۇللىرى پالەچ
پېنتاگون بۇ غايەت زور تېخنىكا يۆتكەش قىلمىشىنى ھەقىقەتەن بىلمەمتى؟ ئەسلىدە پۈتۈنلەي ئەكسىچە ئىدى. ئامېرىكانىڭ ئۈچ ئايرىم ئىستىخبارات ۋە نازارەت قىلىش ئورگىنى (دېڭىز ئارمىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى ONI، مۇداپىئە ئىستىخبارات ئورگىنى DIA ۋە كونگرەس نازارەتچىلىك ئىشخانىسى GAO، بىر-بىرىدىن مۇستەقىل يوللار ئارقىلىق بىرلا دەھشەتلىك نەتىجىگە يېتىپ كەلدى. ئىسرائىلىيە، ئامېرىكا ئۆزىگە ئامانەت قىلغان مۇداپىئە تېخنىكا گېنىنى سىستېمىلىق تۈردە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىۋاتاتتى [8]. ئۈچ ئايرىم ئورگان، ئۈچ مۇستەقىل دوكلات ۋە بىرلا ئوخشاش نەتىجە. ئەمما بۇ دوكلاتلارنىڭ ھېچبىرى ئەمەلىي بىر سىياسىي جازاغا ياكى چەكلىمىگە ئايلانمىدى. ۋاشىنگتوننىڭ نېرۋا ئۇچلىرى كېلىۋاتقان تەھدىت ئۇچۇرلىرىنى ئېنىق سىزمەكتە ئىدى، ئەمما ئۇنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇسكۇللىرى پۈتۈنلەي پالەچ ھالەتتە تۇراتتى.
بۇ مەنزىرىنىڭ ئەڭ چوڭ پاجىئەسى شۇ يەردە ياتىدۇ: ھۆكۈمدار كۈچنىڭ نېرۋا سىستېمىلىرى (ONI، DIA، GAO) خەتەرنى كەم-كۈتسىز بايقاۋاتاتتى، ئەمما ئۇنىڭ مۇسكۇللىرى، يەنى سىياسىي قارار چىقىرىش ئىرادىسى سىيونىست لوبىچىلىقنىڭ قارا زەنجىرلىرى بىلەن پالەچ قىلىنغان ئىدى. كېسەلگە قويۇلغان دىياگنوز توغرا ئەمما بىمارنىڭ قولىنى كۆتۈرۈشكە قۇربىتى يەتمەيتتى.
ۋاشىنگتون بۇ مەخپىي ھەركەتنى ئەڭ بېشىدىنلا «بىلەمتى»؟
تارىخىي پاكىتلار بىزگە بۇنىڭدىن جىق مۇرەككەپ بىر مەنزىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ. ھېنرى كىسسىنگېرنىڭ (Henry Kissinger) 1971-يىلىدىكى مەخپىي بېيجىڭ زىيارىتىدە، خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئىسرائىلىيە قوراللىرىنىڭ سوۋېت قورال-ياراقلىرىغا قارشى كۆرسەتكەن يۇقىرى ئۈنۈمىنى ماختاپ بەرگەنلىكى ھۆججەتلەر بىلەن ئىسپاتلىغان. جىممىي كارتېر ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى(Zbigniew Brzezinski) زبىگنيېۋ بژېزىنسكىيمۇ 1978 – يىلى خىتاينى سوۋېت روسىيەسىگە قارشى ھەربىي جەھەتتىن كۈچلەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ «ۋەكالەتچى»لىك رولىغا سۈكۈت بىلەن رازى بولغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى [2]. ۋاشىنگتوننىڭ ئەسلىدىكى ھېسابى، خىتاينى سوۋېتكە قارشى ئازراق كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن تېخنىكا يۆتكەشنى كونتروللۇق، چەكلىك ۋە نازارەت ئاستىدىكى دائىرىدە تۇتۇش ئىدى. ئەمما ئەمەلىيەتتە يۈز بەرگىنى پۈتۈنلەي باشقا نەرسە بولۇپ چىقتى. كونتروللۇق پۈتۈنلەي ئىسرائىلىيەنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن، سىستېمىلىق تۈس ئالغان ۋە ئون يىل بويىچە ھەسسىلەپ كېڭەيگەن بىر يوشۇرۇن «تېخنىكا يۆتكەش تۇرۇببا سىستېمىسى» شەكىللەندى. ۋاشىنگتون ئىشىكنى ئازغىنە ئاچتى، ئىسرائىلىيە ئۇنىڭ ئاساسلىق بوسۇغۇلىرىنى سۇندۇردى، خىتاي بولسا تاملىرىنى يىقىتتى.
ئىسرائىلىيە تېزلا ئۆزىنىڭ «كونتروللۇق ۋەكالەتچى»لىك سالاھىيىتىدىن ۋاز كېچىپ، بۇ جەرياننى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي پىلانلىرىنىڭ ئاساسلىق ماتورىغا ئايلاندۇردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي ئۆزى ئالغان تېخنىكىنى ئۆزىنىڭ سانائەت ئىقتىدارىغا تايىنىپ تېز سۈرئەتتە كۆپەيتتى ۋە جەرياننى ئىسرائىلىيەنىڭ قولىدىنمۇ تارتىپ ئالدى. تۇرۇببىنىڭ ئېغىزى بىر قېتىم ئېچىلغاندىن كېيىن، ئۇنى قايتا تاقىغۇچى چىقمىدى.
ھەتتا سابىق ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى يىتزاق رابىنمۇ (Yitzhak Rabin) بۇ ئاچچىق ھەقىقەت بىلەن يۈزلەشكەندە، ئۆزىنى قوغداش ئىنكاسىنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنۇشقا مەجبۇر بولدى. سى ئاي ئې (CIA) نىڭ مۇدىرى جامېس ۋۇلسېينىڭ (James Woolsey) كونگېرسقا سۇنغان دوكلاتىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ خىتايغا ھەربىي تېخنىكا سېتىشلىرىنىڭ «بىر قانچە مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى» ئاشكارىلىغان دەل شۇ ھەپتىدە، رابىن بېيجىڭدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «ئۆتكەن ئون ئىككى يىلدا مىلياردلارچە دوللارلىق قورال سودىسى قىلىندى، دېگەن گەپلەر پۈتۈنلەي بىمەنە»، دەپ بايانات بەردى [4]. ئەسلىدە بۇ يەردە كۈلكىلىك بولغان بىردىنبىر نەرسە، بۇ يالغانچىلىقنىڭ دۇنيا مەتبۇئاتلىرى ئالدىدا مۇشۇنداق ئوچۇق-ئاشكارە ۋە خاتىرجەم ئېيتىلىشى ئىدى.
3-بۆلۈم: ئېيزېنبېرگ كۆۋرۈكىنىڭ ئاچقان دەرۋازىلىرى ۋە تۇرۇببا سىستېمىسىنىڭ تۇنجى سىناق نۇسخىسى
ئېيزېنبېرگ كۆۋرۈكى بىر ئاخىرلىشىش ئەمەس، ئەكسىچە پۈتكۈل يەر شارىنىڭ مۇداپىئە كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرىنى ئاستىن ئۈستۈن قىلغان غايەت زور بىر يوشۇرۇن سىر توشۇش مۇساپىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئىدى. 1979-يىلىنىڭ قارلىق كېچىسىدە ئېچىلغان بۇ دەرۋازا قايتىدىن ھېچقاچان يېپىلىپ باقمىدى، ئەكسىچە يىلدىن-يىلغا تېخىمۇ كېڭىيىپ، مۇكەممەللەشكەن «تۇرۇببا سىستېمىسى» غا ئايلاندى.
بۇ تۇرۇببا سىستېمىسىنىڭ ئورگانلىشىپ مۇقىملىشىشى، ئىسرائىلىيە دۆلەت ئاپپاراتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قاتلاملىرىدا تەستىقلانغان مەخپىي بىر ھەرىكەت ئىدى. ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئېزەر ۋېيزمان (Ezer Weizman)، خىتاي تەرەپنىڭ مەخپىيەتلىك تەلىپىگە يازما شەكىلدە جاۋاب قايتۇرۇپ: «ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سودىنىڭ مەخپىيلىكىنى ئىمكانقەدەر چىڭ ساقلاش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنغانلىقىنى» بېيجىڭغا يەتكۈزگەن ئىدى. 1979-يىلى ئىيۇن ئېيىدا، يات بىر دۆلەتنىڭ بايرىقى ئاستىدا، ئەمما ئىسرائىلىيەلىك خادىملار بىلەن تولدۇرۇلغان بىر پاراخوتنىڭ، سۇ ئۈستىدىكى بىر قورال كۆرگەزمىخانىسى سۈپىتىدە خىتايغا قاراپ يولغا چىقىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى، ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا رەسمىي دوكلات قىلىنغان ئىدى [2]. مەخپىيەتلىك بىر ئىختىيارىي تاللاش ئەمەس، بەلكى بۇ ھەرىكەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ تۈپ شەرتى ئىدى ۋە ئىسرائىلىيە دۆلىتى بۇ مەخپىيەتلىكنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ماسلاشتۇرۇپ باشقۇرۇۋاتاتتى.
تۇنجى يىللاردا پەقەت قۇرۇقلۇق ئارمىيە جابدۇقلىرىغىلا مەركەزلەشكەن بۇ يوشۇرۇن ھەمكارلىق، 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ھاۋا ئارمىيەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىلىرىغا، 1990-يىللاردىن كېيىن بولسا، ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ساھەلىرىگە قەدەر كېڭەيدى. 1979-يىلىدىكى تۇنجى مەخپىي ھەرىكەتنىڭ ئارقىسىغا ئونلىغان يېڭى سەپەرلەر ئۇلىنىپ داۋاملاشتى. ئۇچۇشلارنىڭ بىر قىسمى بىۋاسىتە ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئايروپىلانلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى «داۋۇت يۇلتۇزى» بەلگىلىرى مەخپىيەتلىك قائىدىسى بويىچە دەرھال ئۆچۈرۈپ تاشلاندى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر 1992-يىلى رەسمىي قۇرۇلغان كۈنگىچە، ئىسرائىلىيەلىك ھەيئەتلەر خىتاي تەرەپ تەمىنلەپ بەرگەن ساختا پاسپورتلار بىلەن يوشۇرۇن قاتناپ يۈردى [1].
1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن مەيدانى قىرغىنچىلىقى، غەلىتە بىر شەكىلدە، ئىسرائىلىيەنىڭ تۇرۇببا سىستېمىلىق رولىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. غەرب ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ خىتايغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك قورال ئېمبارگوسى، ئىسرائىلىيەنى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئىلغار ھەربىي تېخنىكىلارغا ئېرىشەلەيدىغان بىردىنبىر ئەمەلىي «ئارقا ئىشىكى» گە ئايلاندۇرۇپ قويدى. غەرب ئېمبارگو قوياتتى، ئىسرائىلىيە ئېمبارگونى تېشىپ ئۆتەتتى. ھەر ئىككى تەرەپ بۇنىڭ جازا بەدىلىنى ئەمەس، بەلكى قولغا كېلىدىغان پايدىسىنى ھېسابلاۋاتاتتى. 1989-يىلدىكى ئېمبارگو، ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ تۇرۇببالىق رولىنى بىر مەجبۇرىيەتتىن، پۈتۈنلەي ئىستراتېگىيەلىك بىر مونوپوللۇققا ئايلاندۇردى.
بۇ تېخنىكا يۆتكەشلەر ياراتقان ئىستراتېگىيەلىك ئاقىۋەت تولىمۇ دەھشەتلىكتۇر. خىتاي دۆلىتى، ئىسرائىلىيەنىڭ قولى بىلەن ئېقىپ كىرگەن تېخنىكىلار سايىسىدە، نورمال شارائىتتا ئونلىغان يىللار داۋام قىلىدىغان تەتقىقات-تەرەققىيات (Ar-Ge) باسقۇچلىرىنى ئاتلاپ ئۆتۈپ، ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ يىگىرمە يىللىق تەرەققىيات جەھەتتىكى دەۋر بۆلگۈچ ئىلگىرىلەشنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىشقا ئاشۇردى [8]. بۈگۈن تىنچ ئوكيان ئاسمانلىرىدا ۋە دېڭىزلىرىدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە بىۋاسىتە تەھدىت بولۇۋاتقان خىتاينىڭ ھەربىي قۇدرىتىنىڭ يىلتىزىنى ئىنچىكە تەكشۈرىدىغان بولساق، ئۇ يىلتىزنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئوغۇتىنىڭ 1979-يىلى بېيجىڭ سىرتىدىكى مەزكۇر ھەربىي بازىغا تۇنجى قېتىم قونغان بويىنگ 707 ئايروپىلانىغا بېرىپ تۇتىشىدۇ.
بۇ كۆۋرۈكنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن يەنە بىر ھالقىلىق مىراسى، قۇرۇلغان غەيرىي رەسمىي رىشتىلەرنىڭ مەڭگۈلۈكلىشىدۇر. 1979-يىلىدىكى ۋەكىللەر ئۆمىكىدە ئورۇن ئالغان ئىسرائىلىيەلىك ئىنژېنېرلار گۇرۇپپىسى، خىتاي شېرىكلىرى بىلەن ئونلىغان يىللارغا سوزۇلىدىغان كەسپىي بىر ئىشەنچ مۇناسىۋىتىنى شەكىللەندۈردى. بۇ يوشۇرۇن رىشتىلەر، كېيىنكى يىللاردا GTİİT (گۇاڭدۇڭ تېخنىئون-ئىسرائىلىيە تېخنىكا ئىنستىتۇتى) غا ئوخشاش ئاكادېمىك ھەمكارلىق نىقابى تاقىۋالغان ئورگانلارغا، چاڭجۇ ۋە شاڭخەيدىكى ئورتاق ئىنوۋاتسىيە (يېڭىلىق يارىتىش) باغچىلىرىغا ھەمدە تور بىخەتەرلىك شەرتنامىلىرىگە ئايلىنىپ، رەسمىي تۈردە ئورگانلاشتى. نېتانىياھۇنىڭ 2017-يىلى «جەننەتتىكى نىكاھ» دەپ ئاتىغان بۇ مۇناسىۋىتىنىڭ ھەقىقىي ئۇلى، ئەسلىدە پەقەت ئېيزېنبېرگنىڭ ئايروپىلانىدىلا ئەمەس، بەلكى شۇ ئايروپىلاندىن چۈشكەن ئىنژېنېرلارنىڭ خىتاي كەسپىداشلىرى بىلەن ئۆزئارا قۇرۇپ چىققان شەخسىي ئىشەنچ تورىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئىدى.
شۇ كېچىسى بېجىڭدىكى مەخپىي ھەربىي بازىدا ئوتتۇز ئىنژېنېر بىلەن باشلانغان بۇ كۆۋرۈك، يېرىم ئەسىر ئىچىدە يەر شارىنىڭ كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرىنى ئارقىغا يانغۇسىز شەكىلدە تۈپتىن ئۆزگەرتىپ تاشلىدى.
كېلەر جۈمە كۈنى تۈركىستان ۋاقتى تور گېزىتىدە ئىسرائىليەنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي ئاۋىئاتسىيە ساھەسىنى قانداق يۇقىرى تېخكنىكىلار بىلەن بىلەن تەمىنلەپ، تىنچ ئوكيان ئاسمىنىنىڭڭ ھاكىمىغا ئايلاندۇرغانلىقىنى پۈتۈن تېخنىكىلىق تەپسىلاتلىرى بىلەن دىققىتڭلارغا سۇنىمىز.
4-باپ: خىتاي ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ «LAVİ»دىن «J-10» غا، «PYTHON»دىن «PL-8» گە تۇتاشقان تېخنىكىلىق ئاشنىدارچىلىقى
«دۈشمەننىڭ ساۋۇتىنى تېشىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن قورالنىڭ سىرىنى شۇ دۈشمەنگە تۇتقۇزۇپ قويۇش، ئىستراتېگىيە ئەدەبىياتىدا <خائىنلىق> بولۇپلا قالماستىن ئىتتىپاقدىشىنىڭ قېنىنى سېتىپ يېگەنلىكتۇر»
«بىر ئىمپېرىيەنىڭ ئەڭ مەھرەم مۇداپىئە گېنولوگىيەسىنى (مۇداپىئە ساھەسىنى) ئۆز خەزىنىسىدىن مالىيە بىلەن تەمىنلەپ ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقدىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشى، ئۇ ئىتتىپاقداشنىڭ بولسا بۇ قىممەتلىك گېن (DNA) نى ئىمپېرىيەنىڭ باش رەقىبىگە مۇلازىمەت سۈپىتىدە تەقدىم قىلىشى…» بۇ جۈملە يۈزەكى بىر سۇيىقەست ئەدەبىياتى ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئىستىخبارات ئىدارىسى (ONI) نىڭ 1996-يىللىق رەسمىي دوكلاتىنىڭ ئەڭ سوغۇق خۇلاسىسىدۇر.
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئىستىخبارات ئىدارىسى (ONI) نىڭ «دېڭىز زەربە بېرىش ئۇرۇشىغا يەر شارى خاراكتېرلىك خىرىسلار» (Worldwide Challenges to Naval Strike Warfare) ناملىق ھۆججىتىدە يېزىلغان ئېنىق ئىپادە مۇنداق ئىدى:
«ئامېرىكا تېخنىكىسى، <لاۋى> (Lavi) ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە ئېھتىماللىق دائىرىسىدىكى يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسى بىلەن بىرلىكتە ئىسرائىلىيەنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق خىتاينىڭ قولىغا ئۆتتى.»[1]
بۇ دۆلەت خاراكتېرلىك باھا مەلۇم بىر ئاكادېمىكنىڭ شەخسىي كۆز قارىشى ئەمەس، بەلكى ئامېرىكا ئىستىخبارات بيۇروكراتىيەسىنىڭ ئىسرائىلىيە لوبىلىرىدىن كەلگەن غايەت زور بېسىملارغا قارىماي، 1997-يىللىق دوكلاتىدىمۇ چېكىت-چېكىتىگىچە ئوخشاش تەكرارلىغان رەسمىي ۋە ئەدلىيەلىك باھاسىدۇر.
1-بۆلۈم: «LAVİ»دىن «J-10» غا سوزۇلغان 1.5 مىليارد دوللارلىق تېخنىكىلىق زىنا
بۇ ھېكايە 1980-يىللارنىڭ بېشىدا ئامېرىكا پارلامېنتى (كونگرېس) چىقارغان، گېئوپولىتىكىلىق رېئاللىقنىڭ چەك-چېگراسىنى بۇزۇپ تاشلىغان، تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر قارار بىلەن باشلىنىدۇ. ۋاشىنگتون ئىسرائىلىيەگە ئۆزىنىڭ تۆرتىنچى ئەۋلاد كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى بىر ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇشنى قارار قىلىدۇ. ئىسرائىلىيە ئاۋىياماتكا سانائىتى (IAI) تەرىپىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان «لاۋى» (Lavi «شىر بالىسى») ئۇرۇش ئايروپىلانى لايىھەسى، «F-16 Fighting Falcon» ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تېخنىكىسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئەمما ئۇنى نۇرغۇنلىغان مۇرەككەپ كۆرسەتكۈچلەر جەھەتتە ئارقىدا قالدۇرۇشنى نىشان قىلغان ئىلغار بىر تەشەببۇس ئىدى. ئۇ قانات-دېلتا (canard-delta) قانات قۇرۇلمىسى، تۆت تەرەپلىمىلىك دىگىتال ئۇچۇش كونترول سىستېمىسى (fly-by-wire)، يۇقىرى دەرىجىلىك بىرىكمە ماتېرىياللار ۋە ئالاھىدە بىر تۇربوفان موتورى بىلەن قوراللانغان ئىدى.[2]
بۇ غايەت زور لايىھەنىڭ ئومۇمىي چىقىمىنىڭ تەخمىنەن %90 ى (1.5 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغان قىسمى) بىۋاسىتە پېنتاگون خامچوتىدىن، يەنى ئامېرىكا باج تاپشۇرغۇچىلىرىنىڭ يانچۇقىدىن چىقتى.[3] ۋاشىنگتوننىڭ ئىسرائىلىيەگە قىلغان بۇ سېخىيلىقى پەقەت نەق پۇل ئېقىمى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. F-16 ۋە F-18 ئۇرۇش ئايروپىلان لايىھەلىرىدە ئىشلىتىلگەن ئەڭ مەھرەم موتور سىرلىرى، دىگىتال ئاۋىيوتېخنىكا قۇرۇلما كودلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك رادار ئالگورىتمىلىرى «ئىتتىپاقداشلىق ۋاپادارلىقى» سۈپىتىدە ئىسرائىلىيەگە سوۋغا قىلىنغان ئىدى.[1] خوجايىن ئۆز خەزىنىسىدىن ئىتتىپاقدىشىغا ئۇرۇش ئايروپىلانى زاكاز قىلىۋاتاتتى، ئىتتىپاقداش بولسا ئۇ ئايروپىلاننىڭ تۇغۇت كېنىشكىسىنى خوجايىننىڭ بىرىنچى رەقىبىنىڭ (يەنى خىتاينىڭ) نامىغا يېزىشقا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى.
«لاۋى» پروپوتىپ (سىناق نۇسخا) باسقۇچىدا ئېلىپ بارغان 82 قېتىملىق سىناق ئۇچۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، تولىمۇ يۇقىرى ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى. لېكىن بۇ لايىھەنى توختىتىپ قويىدىغان ۋاقىتمۇ يېقىنلىشىپ قالغان ئىدى. ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇشخۇمار ئىنتىزامسىزلىقى يۈزىسىدىن لايىھەنى مەجبۇرىي ئەمەلدىن قالدۇرۇماقچى بولدى. 1987-يىلى 30-ئاۋغۇستتا، ئىسرائىلىيە كابىنېتى تارىخىي بىر ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، 11 گە قارشى 12 ئاۋاز بىلەن «لاۋى» ئۇرۇش ئايروپىلانى لايىھەسىنى ئەمەلدىن قالدۇردى.[2] ۋاشىنگتون بۇنى ئىسرائىلىيەنى قايتىدىن ئىستراتېگىيەلىك «ياللانما دۆلەت» ئورنىغا تارتىپ چۈشۈرگەن بىر ئىنتىزام جازاسىنىڭ غەلىبىسى دەپ قارىدى. ئەمما ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارى بىر خاتىمە ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ ئۈنسىز بىر خائىنلىق ھەرىكىتىنىڭ پىلتىسىنى ياققان ئىدى.
«لاۋى» ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك ئاۋىياماتكا سانائىتى IAI نىڭ ئايروپىلان سىخلىرىدا مەخپىي يۈز بەرگەن ئىشلار، ئاۋىياتسىيە تارىخىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يوشۇرۇن سەھىپىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. «لاۋى» نىڭ پۈتۈن مەنبە كودلىرى يېپىۋېتىلىشنىڭ ئورنىغا، يوشۇرۇن يوللار ئارقىلىق خىتاينىڭ چېڭدۇ ئايروپىلان سانائىتى گۇرۇھىغا (Chengdu Aircraft Industry Group) ئاققۇزۇلۇشقا باشلاندى.[1] جون ۋ. گولاننىڭ (John W. Golan) ئاكادېمىك تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيەلىك ھۆددىگەرلەر «J-10» نىڭ ئايرودىنامىكىلىق ۋە قۇرۇلمىلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى بىۋاسىتە سىزىپ بېرىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن مەخپىي توختام تۈزدى.[4]
بۇ خىيانەتنىڭ ئەڭ زىلزىلىگە سالغۇچ پاكىتى ۋە شاھىتلىقى 1990-يىللارنىڭ بېشىدا چېڭدۇ زاۋۇتىنى زىيارەت قىلغان بىر رۇسىيە مەنبەسى تەرىپىدىن ئاشكارىلاندىئ «J-10» نىڭ خىتايدىكى تەتقىقات ۋە تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ تاختىلىرىدا ھېلىھەممۇ ئىبرانىي تىلىدا يېزىلغان تېخنىكىلىق جەدۋەل ۋە بەلگىلەر ئېسىقلىق تۇراتتى.[2] بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تۇغۇتخانىسىدىكى جەدۋەللەرنىڭ تىلى، ئۇ ئايروپىلاننىڭ ھەقىقىي بىئولوگىيەلىك ئاتىسىنى ھېچقانداق شەك-شۈبھىسىز پاش قىلىپ قويغان ئىدى.
مۇداپىئە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسلىرى، مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسى CIA، ئامېرىكىنىڭ بىر جاسۇس سۇنئىي ھەمراھى ئارقىلىق خىتاينىڭ سىناق نۇسخا ئايروپىلانلىرىنى سىناق قىلىۋاتقان يۇقىرى بىخەتەرلىككە ئىگە ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى سۈرەتكە ئېلىپ، قولغا چۈشكەن سۈرەتلەرنى ئۈچ تەرەپلىمىلىك (3D) دىگىتال سىزىقلار ئارقىلىق تەتقىق قىلىپ چىقتى ۋە ئۇنى «لاۋى» نىڭ مەخپىي لايىھە مەلۇماتلىرى بىلەن مىلىمېتىر بويىچە سېلىشتۇردى. نەتىجە ئانالىزچىلارنى چۆچۈتكەن ئىدى. خىتاينىڭ ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ مەخپىي ئۇرۇش ئايروپىلانى «J-10»، فىزىكىلىق ۋە ئايرودىنامىكىلىق جەھەتتىن ئىسرائىلىيەنىڭ «لاۋى» سىنىڭ قۇسۇرسىز كوپىيەسى، يەنى دەل ئۆزى ئىدى.[1]
يۈز بەرگەن ئىشلار ئادەتتىكى بىر تېخنىكا ئوغرىلىقى ئەمەس، بەلكى بىر گېن كۆچۈرۈش مەشغۇلاتى ئىدى. ئامېرىكا خەزىنىسىنىڭ بالياتقۇسىدا، FMF فوندلىرى بىلەن بېقىپ چوڭ قىلىنغان «شىر بالىسى» (Lavi) ئۇرۇش ئايروپىلانى، ئىتتىپاقداشنىڭ قولى بىلەن بېيجىڭغا يۆتكىلىپ، تىنچ ئوكياننىڭ «جەڭگىۋار ئەجدەرھاسى» غا (J-10) ئايلاندۇرۇلغان ئىدى. قويۇلغان ئىسمىنىڭ ئۆزىمۇ تەقدىرنى پىچىرلىماقتا ئىدى. شىر بالىسى، باشقا بىر بايراقنىڭ ئاستىدا ئەجدەرھاغا ئۆزگەرگەن ئىدى. بۇ بىر ئېلىم-سېتىم سودىسى ئەمەس، غەربنىڭ ئاۋىئاتسىيە ساھەسىدىكى مۇداپىئە گېنولوگىيەسىنىڭ بىۋاسىتە رەقىبكە غول ھۈجەيرە سۈپىتىدە كۆچۈرۈپ بېرىلىشى ئىدى.
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئىستىخبارات ئىدارىسى (ONI) نىڭ 1996-يىللىق بايقىشىدىن كېيىن، 2011-يىللىق پارلامېنت تەتقىقات مۇلازىمىتى (CRS) دوكلاتىمۇ مەسىلىنى ھېچقانداق تالاش-تارتىشقا ئورۇن قالدۇرمايدىغان سەۋىيەگە ئېلىپ كەلدى. «J-10 ئايروپىلانى، 1980-يىللاردىكى ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ <لاۋى> ئايروپىلانى تېخنىكىسىنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىدى»[2]. بىر خىتاي مەنبەسىنىڭ ئۆز ئىقرارى بۇ جەرياننى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى. «ئسرائىلىيە مەجبۇرىي ئاخىرلاشتۇرۇلغان <لاۋى> ئۇرۇش ئايروپىلانى پىلانىنى 1987-يىلى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، خىتاي دەرھال 1988-يىلى ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تەتقىقات ۋە تەرەققىيات خىزمەتلىرىنى رەسمىي باشلىدى»[2]
ئاۋىياتسىيە سانائىتىدە تۆرتىنچى ئەۋلاد، مۇقىمسىز ئايرودىنامىكىلىق قۇرۇلمىغا ئىگە بىر ئايروپىلاننى دىگىتال ئۇچۇش تېخنىكىسى بىلەن ھاۋادا تۇتۇپ تۇرۇش، ئونلارچە يىللىق تەجرىبە زاپىسىنى تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىش. ئامېرىكا F-16 نىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان تېخنىكىلارنى ئون يىلدىن ئارتۇق بىر مۇساپىدە پىشىقلاپ يېتىلدۈرەلىگەن ئىدى. خىتاينىڭ 1988-يىلى باشلىغان «J-10» قۇرۇلۇشىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۇنجى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى، نورمال شارائىتتا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇ «مۆجىزە»نىڭ بىردىنبىر ئەقىلگە مۇۋاپىق چۈشەندۈرۈلۈشى، «لاۋى» نىڭ سەكسەن ئىككى قېتىملىق سىناق ئۇچۇشىدىن سۈزۈلۈپ چىققان تەييار ۋە دەلىللەنگەن مەلۇماتلارنىڭ بىۋاسىتە چېڭدۇ تەجرىبىخانىلىرىغا يەتكۈزۈلگەنلىكى ئىدى.
خىتاينىڭ «يەرلىك ۋە مىللىي» دەپ ماختىنىۋاتقان بۇ ئايروپىلانىنىڭ چىقىم تالونىنى ئامېرىكا باج تاپشۇرغۇچىلىرى تۆلىگەن، ئىنژېنېرلىقىنى ئىسرائىلىيە قىلغان، بېيجىڭ بولسا پەقەت بۇ ئوغرىلىققا ئاتالمىش «يېڭىلىق يارىتىش» ماركىسىنى چاپلىۋالغان ئىدى، خالاس.
بۈگۈنكى كۈندە خىتاي ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ 350 تىن ئارتۇق ئىشلەپچىقارغان «J-10 Vigorous Dragon» ئايروپىلانى، تىنچ ئوكياندىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق ئامىللىرىنىڭ بىرىدۇر.[2] ئايروپىلاننىڭ ئالاھىدە قانات-دېلتا قۇرۇلمىسى، گەۋدە ئاستىدىكى ھاۋا كىرىش ئېغىزى گېئومېتىرىيەسى ۋە ئومۇمىي قۇرۇلمىسى، «لاۋى» نىڭ ئۆچۈرگىلى بولمايدىغان گېن ئىزلىرىدۇر.[4] ئامېرىكا پۇلى بىلەن تۇغۇلغان بالا، ئىسرائىلىيەنىڭ قولى بىلەن خىتايغا بېقىۋېلىشقا بېرىلگەن ئىدى.
2-بۆلۈم: «PYTHON»دىن «PL-8» گە، «PHALCON»دىن «HARPY»گە سوزۇلغان خىيانەت زەنجىرى
خىيانەت ئاسماندىكى ئايروپىلان گەۋدىلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. ئۇ ئايروپىلان گەۋدىلىرى ئۆزى بىلەن كۆتۈرۈپ يۈرىدىغان ۋە ھاۋا ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بەلگىلىگۈچىسى بولغان «ئەجەللىك تىرناقلار»مۇ (باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارمۇ) بۇ يوشۇرۇن خۇشامەت لىنىيەسىگە قوشۇۋېتىلدى. ئىسرائىلىيەنىڭ قىسقا مۇساپىلىق ھاۋادىن-ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنىڭ بايراقدارى بولغان «Python-3» (پايتون-3) ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبانىڭ پۈتۈن مەخپىي لايىھە مەلۇماتلىرى، يېتەكلەش ئالگورىتمىلىرى ۋە ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق نىشانلىغۇچى باش مەنبە كودلىرى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. خىتاي بۇ بومبىنى «PL-8» نامى بىلەن ئۆز ئارمىيەسىنىڭ قورال تۈرىگە كىرگۈزدى.[3] ئىسرائىليەنىڭ بۇ دۈشمەننى كۈچلەندۈرۈش خىيانىتىگە ئامېرىكا ھېچ نەرسە دېيەلمىدى.
ئايروپىلاننىڭ گەۋدىسىنى سېتىش خىيانەتنىڭ بىرىنچى پەردىسى بولغان بولسا، ئۇ گەۋدىگە ئېسىلىدىغان ھەل قىلغۇچ پەنچىلەرنىڭ سىرىنى سېتىش، غەرپ مۇداپىئەسىنىڭ گېن كودىنى تاپشۇرۇپ بەرگەنلىك ئىدى. زامانىۋى بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ نىشاننى تونۇش، قۇلۇپلىنىش ۋە ئىز قوغلاش ئالگورىتمىلىرى، رەقىب ئايروپىلاننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئېلېكترونلۇق قارشى تەدبىر سىستېمىلىرىنى ۋەيران قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئاچقۇچىدۇر. «Python-3» نىڭ يېتەكلەش لوگىكىسى، غەربنىڭ ئۆز ئايروپىلانلىرىنى قوغداش ئۈچۈن تەرەققىي قىلدۇرغان مۇداپىئە پارامېتىرلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى بىۋاسىتە ئەكىس ئەتتۈرەتتى. چۈنكى ئۇ بومبا دەل شۇ سىستېمىلارنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئىدى. ئىسرائىلىيە بۇ مەخپىي ئالگورىتمىلارنى بېيجىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىش ئارقىلىق، ئامېرىكىنىڭ F-16 ۋە F-18 ئايروپىلانلىرىنىڭ مۇداپىئە سېپىللىرىنى خىتاي بومبىلىرى ئۈچۈن «تونۇغىلى بولىدىغان، پاچاقلىغىلى بولىدىغان ۋە قوغدىنىشسىز» ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى.
ئاندىن «Phalcon AWACS» (فالكون ئەۋاكس) رادار كىرىزىسى، خىتايغا ئېچىۋېتىلگەن بۇ يوشۇرۇن تېخنىكا يۆتكەش تۇرۇبا سىستېمىسى ياراتقان خەۋپ ھەققىدە ۋاشىنگتوننى ئاخىرى چۆچۈتقان ۋە ئويغاتقان ۋەقە بولدى. 1990-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئىسرائىلىيە «EL/M-2075 Phalcon» ناملىق ئىلغار ھاۋادىن ئالدىن سىگنال بېرىش رادار سىستېمىسىنى بېيجىڭغا سېتىشنى پىلانلىدى. تەخمىنەن بىر مىليارد دوللارلىق بۇ غايەت زور كېلىشىم، خىتاينى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ھاۋادىن ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە قوماندانلىق-كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلاتتى. بۇ تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەربىي تەڭپۇڭلۇقنى مەڭگۈلۈككە ئۆزگەرتىۋېتىدىغان بىر يادروغا ئايلىناتتى.[5]
ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى كۆپ سانلىقلار رەھبىرى ترېنت لوت (Trent Lott) نىڭ تۆت يۇقىرى دەرىجىلىك پالاتا ئەزاسى بىلەن بىرلىكتە 2000-يىلى 6-ئاپرېلدا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى باراكقا ئەۋەتكەن تىغدەك ئۆتكۈر مەكتۇپى ۋە يىلىغا بېرىلىدىغان 2.8 مىليارد دوللارلىق ھەربىي ياردەمنى پۈتۈنلەي كېسىپ تاشلاش تەھدىتىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئارقىغا يېنىشقا مەجبۇر بولدى. 2000-يىلى ئىيۇلدا سېتىش پىلانى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى خىتاي ئايروپىلاننىڭ ئىسرائىلىيەدىن ھېچقانداق نازۇك تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىسىز ئايرىلغانلىقىنى بىۋاسىتە نازارەت قىلىش ئۈچۈن ئايرودرومدا نۆۋەتتە تۇردى.[3]
بۇ كىرىزىسنىڭ ئەڭ يۈزسىز سەھنىسى ئاخىرىدا يۈز بەردى. ئىسرائىلىيە ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئامېرىكىنىڭ بېسىمى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرغان بۇ سېتىش تىجارىتى ئۈچۈن، رەقىبى خىتايغا 350 مىليون دوللار «تۆلەم» تۆلىدى.[6] بىر ئىتتىپاقداشنىڭ ئۆز خوجايىنىنىڭ ئىرادىسى بىلەن توختاتقان بىر ئىش ئۈچۈن رەقىبكە تۆلەم تۆلىشى ئىتتىپاقداشلىق ھوقۇقىنىڭ ئەمەس، بەلكى يوشۇرۇن بىر قوش خوجايىنلىق ساداقىتىنىڭ بەدىلى ئىدى. بۇ 350 مىليون دوللار ئىسرائىلىيەنىڭ ھەقىقىي تۈردە كىمگە باغلانغانلىقىنىڭ تالونى ئىدى. بۇ بىر تۆلەم ئەمەس، بەلكى توغرا نامى بىلەن ئېيتقاندا «ساداقەتنى گۆرۆگە قويۇشنىڭ بەدىلى»دۇر. ئىسرائىلىيە ئۆز خوجايىنىغا كۆرسەتكەن تاشقى قىياپەتتىكى ئىتائەتنىڭ تالونىنى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي شېرىكىگە، يەنى بېيجىڭغا تۆلەۋاتاتتى. يوشۇرۇن تېخنىكا يۆتكەش تۇرۇبا سىستېمىسىنىڭ مەشغۇلاتى شۇنچە قۇرۇلمىلىق ھالغا كەلگەن ئىدىكى، ئېقىن بىر قېتىم توختىغان ھامان بەدەل تۆلىنىدىغان تەرەپ ۋاشىنگتون ئەمەس، خىتاي بولغان ئىدى.
يەنە بىر كىرىزىس تېخىمۇ قاتتىق بىر فىزىكىلىق يۈزلىشىش بىلەن نەتىجىلەندى. 1994-يىلى ئىسرائىلىيە «IAI Harpy» (ھارپى) دەپ ئاتالغان كامىكازى ئۇچقۇچىىسىز ئايروپىلانىنى (رادار سىگناللىرىنى بايقاپ ۋەيران قىلىدىغان تۈردىكى قورالىنى) تەخمىنەن 55 مىليون دوللارغا خىتايغا ساتقان ئىدى.[3] 2004-يىلى خىتاي بۇ ئۇچقۇچىىسىز ئايروپىلاننى تېخىمۇ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە قايتا ئەۋەتكەندە پېنتاگوندا گويا بىر بومبا پارتلىغاندەك تەۋرىنىش يۈز بەردى. پېنتاگوننىڭ ئىنكاسى بۇ قېتىم پەقەت دىپلوماتىك نوتىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ F-35 لايىھەسىدىكى «بىخەتەرلىك ھەمكارلىق شېرىكى» سالاھىيىتى دەرھال توڭلىتىپ قويۇلدى.[5] پېنتاگون ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئاموس يارون (Amos Yaron) ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆمەك بىلەن بولغان پۈتۈن ئورگان خاراكتېرلىك ئالاقىسىنى ئۈزدى. 2005-يىلى ئاۋغۇستتا يارون ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇرلاندى.[6] بىر يۇقىرى دەرىجىلىك پېنتاگون ئەمەلدارىنىڭ ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتى پۈتۈن بۇ جەرياننى خۇلاسىلەيدىغان بىر ئاگاھلاندۇرۇش ئىدى: «سلەرنىڭ بۇ ساختىپەزلىكلىرىڭلاردىن ئەمدى زېرىكتۇق.»[3]
بۇ زېرىكىش ۋە ئاچچىقلىنىش ئامېرىكا سىياسىي ئىرادە سىستېمىسىنىڭ پالەچلىنىشىنى توختىتىشقا يەتمىدى. فالكون ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، لېكىن خايفا پورتىدىكى خىتاينىڭ ئالاھىدە ھوقۇقلىرى ئۈنسىز داۋاملىشىۋەردى. ھارپىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇلۇشى توسۇپ قېلىندى، ئەمما خىتاي تەتۈر ئىنژېنېرلىق (تەتۈر كۆچۈرۈش) يولى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ يەرلىك نۇسخىسنى ئىشلەپچىقاردى.[5]
3-بۆلۈم: «THEL» لازېر قورالىنىڭ ئوغرىلانغان كودلىرى
ئىسرائىلىيەدىن خىتايغا ئېقىۋاتقان تېخنىكا لىنىيەسى پەقەت پىشىپ يېتىلگەن، پۈتكەن قورال سىستېمىلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. ئامېرىكا مۇداپىئە ئىستىخبارات ئىدارىسى (DIA) نىڭ نەق مەيدان تەكشۈرۈشلىرى بۇ لىنىيەنىڭ تېخىمۇ خەتەرلىك بىر تەرىپىنى ھۆججەتلەشتۈردى. تېخى تەجرىبىخانا باسقۇچىدىكى، كەلگۈسىنىڭ ئۇرۇش تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئېمبىرىئوناللىق (تېخى تۇغۇلمىغان) تېخنىكىلارنىڭمۇ تېخنىكا يۆتكەش تۇرۇبا سىستېمىسى ئارقىلىق خىتايغا ئاققانلىقى پاش بولدى.
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە بىرلىكتە قۇرۇپ چىققان «تاكتىكىلىق يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك لازېر» (THEL) سىستېمىسى، پېنتاگون خامچوتىدىن 130 مىليون دوللاردىن ئارتۇق مالىيە بىلەن تەمىنلەنگەن ئىدى.[1] بۇ قۇرۇلۇش، كاتىيۇشا راكېتالىرىنى ۋە قىسقا مۇساپىلىك باللىستىك قوراللارنى ھاۋادا يوقىتىشنى نىشانلىغان تۇنجى مەشغۇلاتچان لازېر مۇداپىئە سىستېمىسى ئىدى. يەنى بۈگۈنكى كۈندە دەرىجىدىن تېز (ھىپېرسونىك) باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا قارشى تەرەققىي قىلدۇرۇلۇۋاتقان لازېر مۇداپىئە قۇرۇلمىسىنىڭ بىۋاسىتە ئاتىسى ئىدى.
ئامېرىكا مۇداپىئە ئىستىخبارات ئىدارىسى (DIA) نىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە قورال – ياراق شىركىتى «Rafael» (رافائېل)، بۇ لايىھەدىكى ئامېرىكىلىق شېرىكى «TRW Inc» تەرىپىدىن چەكلەنگەن تېخنىكىلارغا ئېرىشىش پۇرسىتىنى قولغا كالتۈرگەن.[3] TRW شىركىتى سانلىق مەلۇمات يۆتكەش جەريانىنىڭ ئىسرائىلىيەگە ھوقۇق بېرىلگەن چەكتىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان ھامان، بۇ ئېقىننى ئەخلاقىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن دەرھال توختاتقان. ئەمما ئىسرائىلىيە تەرەپ ئارقىغا يېنىشنىڭ ئورنىغا، تېخىمۇ كۆپ يۇمشاق دېتال (كود) يۆتكەشنى تەلەپ قىلغان ۋە TRW شىركىتىنى غايەت زور لۆببىچىلىك بېسىمى ئاستىغا ئېلىشقا ئۇرۇنغان. TRW بۇ بېسىملارغا قارشى تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قارشىلىقنىڭ رافائېل شىركىتىنىڭ باشقا يوشۇرۇن يوللار ئارقىلىق لازېر كودلىرىغا ئېرىشىشىنى توسۇپ قالالىغان-قالالمىغانلىقى ھېلىھەممۇ نامەلۇم.
THEL ۋەقەسى، ئىسرائىلىيەنىڭ تېخنىكا يۆتكەش تۇرۇبا سىستېمىسى ئىستراتېگىيەسىنىڭ ئاناتومىيەسىنى پۈتۈنلەي باشقا بىر نۇقتىدىن يورۇتۇپ بېرىدۇ. «لاۋى» ۋە «پايتون» ۋەقەلىرى پۈتكەن مەھسۇلاتلارنىڭ ياكى پىشىپ يېتىلگەن لايىھەلەرنىڭ يۆتكىلىشى ئىدى. ئامما THEL ۋەقەسى، تېخى تەتقىقات ۋە تەرەققىيات (Ar-Ge) باسقۇچىدىكى، ھەتتا سىناق نۇسخىسى (پروپوتىپى) تۇغۇلمىغان بىر ئېمبىرىئوناللىق تېخنىكىنىڭ نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسرائىلىيە پەقەت بۈگۈنكى قوراللارنىلا ئەمەس، بەلىكى غەربنىڭ كەلگۈسىدىكى ئۇرۇش تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ يادرولۇق ئۇل تاشلىرىنىمۇ خىتايغا ئاققۇزماقتا ئىدى.
لازېر مۇداپىئە تېخنىكىسىنىڭ مەنبە كودلىرى، بۈگۈنكى يىگىرمە بىرىنچى ئەسىرنىڭ ئەڭ ھالقىلىق ھەربىي رىقابىتى، يەنى دەرىجىدىن تېز (ھىپېرسونىك) باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا قارشى مۇداپىئە رىقابىتىنىڭ بەلگىلىگۈچى تەركىبىي قىسمىدۇر. بۇ كودلار خىتاينىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن تەقدىردە، غەرب تېخى مەيدانغا چىقارمىغان بىر قورالنىڭ ۋەيران قىلىنىش چارىسىنى دۈشمەن ئالدىن تەييارلىيالايدىغان سەۋىيەگە يەتكەن بولىدۇ. يەنى كېسەلنىڭ تېخى دورىسى چىقماي تۇرۇپ، قارشى تەرەپ ئاللىقاچان زەھەر قايتۇرغۇچنى تەييارلىيالايدىغان ھالغا كەلگەن بولىدۇ.
4-بۆلۈم: كىلىنكىلىق كۆرسەتكۈچنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى، بەش ۋەقە، نۆل جازا
«لاۋى/J-10»، «پايتون/PL-8»، «فالكون»، «ھارپى» ۋە «THEL»دىن ئىبارەت بۇ بەش ۋەقەنىڭ ھەر بىرى، ئايرىم-ئايرىم تەكشۈرۈلگەندىمۇ، دۇنيا ھەربىي تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقداشلىق خىيانىتىنىڭ سىياسىي رەسۋاچىلىقىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ يەردىكى ئەڭ زىلزىلىگە سالغۇچى ئەھۋال، بۇ خىيانەتلەرنىڭ بىر-بىرلەپ يۈز بەرگەنلىكى ئەمەس، بەلكى پۈتۈن پاكىتلىرى ھۆججەتلەشتۈرۈلگەن تۇرۇپمۇ، ھېچقانداق مۇقىم ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر جازالاش سىستېمىسىغا ئايلانمىغانلىقىدۇر.
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئىستىخبارات ئىدارىسى (ONI)، مۇداپىئە ئىستىخبارات ئىدارىسى (DIA) ۋە كونگرېس تەكشۈرۈش ئىدارىسى (GAO) نىڭ بىر-بىرىدىن مۇستەقىل يوللار بىلەن قولغا كەلتۈرگەن ئوخشاش ھالاكەتلىك خۇلاسىسى، بۇ بەش ۋەقە بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ ئېنىق بىر كۆرۈنۈشكە ئىگە بولدى. 2011-يىللىق پارلامېنت تەتقىقات مۇلازىمىتى (CRS) نىڭ دوكلاتى، ئون بەش يىللىق كېچىكىش بىلەن بولسىمۇ، مەسىلىنى ھېچقانداق تالاش-تارتىشقا ئورۇن قالدۇرمايدىغان بىر سەۋىيەگە ئېلىپ كەلدى.[2] ئەمما ئون بەش يىل بويىچە، پېنتاگوننىڭ «بىلىنگەن ھەقىقەتلىرى» ئاقساراينىڭ «قوبۇل قىلىنغان ھەقىقەتلىرى»گە ھېچبىر شەكىلدە ئايلىنالمىدى.
فالكون كىرىزىسىدە، ئامېرىكا ھەر يىلى ئىسرائىلىيەگە بېرىدىغان 2.8 مىليارد دوللارلىق ھەربىي ياردەمنى كېسىپ تاشلاش تەھدىتى بىلەن ئىسرائىلىيەنى ئارقىغا يېنىشقا مەجبۇرلىدى، لېكىن فالكوننىڭ قاتتىق دېتال ئۈسكۈنىلىرى قايتۇرۇپ بېرىلگەندە، ئۇنىڭ يۇمشاق دېتال (كود) سىستېمىسىنىڭ راستىنلا ئۆچۈرۈلگەن-ئۆچۈرۈلمىگەنلىكىنى ھېچكىم دەلىللىيەلمىدى.[3] ھارپى كىرىزىسىدە پېنتاگون ئىسرائىلىيەنىڭ F-35 لايىھەسىدىكى شېرىكلىك سالاھىيىتىنى توڭلىتىپ قويدى، ئەمما بىر قانچە ئايدىن كېيىنلا ئۈنسىز ھالدا قايتىدىن ئاكتىپلاشتۇردى.[5] ھەر بىر خىيانەت كىرىزىسى، ۋاقىتلىق بىر ئاچچىقلىنىش ۋە ئارقىسىدىنلا «ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىشى» قارارى بىلەن ئاخىرلاشتى.
ئىستىخبارات ئورگانلىرى دىئاگنوز قويغان، ئەمما سىياسىي ئىرادە ھەرىكەتكە ئۆتەلمىگەن بۇ سىستېمىلىق پالەچلىك، ئەمدى ئاسمانغا، باشقۇرۇلىدىغان بومبا كودلىرىغا، رادار ئالگورىتمىلىرىغا ۋە لازېر تېخنىكىسىنىڭ مەنبە كودلىرىغا سىڭىپ كىرىدىغان بىر ۋىرىسلۇق ئۆزگىرىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان ئىدى. ھەر بىر يېڭى ۋەقە، بۇ پالەچلىكنىڭ ئالدىنقىسىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە تېخىمۇ كەڭ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكتە ئىدى.
تانكا يۆتكەش تۇرۇبا سىستېمىسىدە ۋاشىنگتون: «بىلەتتۇق، سەل ھەددىدىن ئاشۇرۇلدى» دېيىش بىلەنلا كاپايەلەندى.
لاۋى ئۇرۇش ئايروپىلانى تېخنىكىسى يۆتكەلگەندە: «كونترول قىلالمىدۇق» دېدى.
فالكون كىرىزىسىدە: «توختاتتۇق» دېدى، ئەمما يۇمشاق دېتال كودلىرىنى قايتۇرۇپ ئالالمىدى.
هارپى كىرىزىسىدە: «جازالىدۇق» دېدى، لېكىن جازانى بىر قانچە ئايدىن كېيىنلا ئەمەلدىن قالدۇردى.
«THEL» نىڭ ئوغرىلانغان كودلىرى ھەققىدە ھېچ نەرسە دېيەلمىدى.
بۇ چارىسىزچە ئۈنۈمسىز ئايلىنىشنىڭ ئۆزىلا ئامېرىكا سىياسىي ئىرادىسىنىڭ پالەچلىكىنىڭ ئەڭ ئېنىق ھۆججىتىدۇر. بۇ پالەچلىكنىڭ ھەقىقىي بەدىلىنى تۆلەۋاتقانلار ئامېرىكا باج تاپشۇرغۇچىلىرىلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ بۇ تېخنىكىلىق دەۋر بۆلگۈچ ئىلگىرىلەش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ھەربىي كۈچىنىڭ رەھىمسىز تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىدۇر.
ئامېرىكا ئاسماندا يوقاتقان تېخنىكا سىرلىرىنى ساناشقا ئۇرۇنىۋاتقان بىر پەيتتە، ئەڭ چوڭ ۋە ئورنىنى تولدۇرغۇسىز يوقىتىش ئاسماندا ئەمەس، ئاق دېڭىزنىڭ ۋە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ چوڭقۇرلۇقلىرىدا يۈز بېرىشكە باشلىدى. ئامېرىكا يادرو سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ «مۇتلاق مەخپىيەتلىكى»نى ئوغرىلايدىغان غايەت زور خىتاي كرانلىرى ھەققىدە ئالدىمىزدىكى باپتا تەپسىلىي توختىلىمىز.
كېلەر جۈمە كۈنى «تۈركىستان ۋاقتى» تور گېزىتىدە ئىسرائىليەنىڭ خايفا پورتىغا تىككەن جاسۇس قۇلاقلىرى خىتاينىڭ ئىسرائىلىيەدىكى غايەت زور كىرانلىرى ئارقىلىق ئامېرىكا يادرو سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ «مۇتلاق مەخپىيەتلىكى»نى قانداق ئوغرىلاۋاتقانلىقىنى پۈتۈن تېخنىكىلىق تەپسىلاتلىرى بىلەن دىققىتڭلارغا سۇنىمىز.