ئاپتورى: ئابدۇلئەزىز تەمىيمى

تەرجىمان: تىلەك

كىرىش سۆز

شۈبھىسىزكى بۇ ئۈممەت، قۇرئاننىڭ كۆپلىگەن ئايەتلىرىدە كەلگىنىدەك، رەببى تەرىپىدىن ياردەم بېرىلىدىغان، زېمىندا قۇدرەت تېپىش ۋە ھۆكۈمران بولۇشقا ھەقىقىي ۋەدە قىلىنغان ئۈممەتتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«وَكَانَ حَقًّا عَلَيْنَا نَصْرُ الْمُؤْمِنِينَ»

 مۆمىنلەرگە ياردەم قىلىش بىزگە تېگىشلىك بولدى. (سۈرە رۇم 47-ئايەت)،

 وَلَقَدْ سَبَقَتْ كَلِمَتُنَا لِعِبَادِنَا الْمُرْسَلِينَ .إِنَّهُمْ لَهُمُ الْمَنْصُورُونَ . وَإِنَّ جُنْدَنَا لَهُمُ الْغَالِبُونَ .

بىزنىڭ پەيغەمبەر بەندىلىرىمىز ھەققىدىكى سۆزلىرىمىز ئالدىنئالا ئېيتىلغان. ئۇلار چوقۇم نۇسرەت تاپقۇچىلاردۇر. بىزنىڭ قوشۇنىمىز چوقۇم غەلىبە قىلغۇچىلاردۇر. (ساففات سۈرىسى 171-173)

إِنَّا لَنَنصُرُ رُسُلَنَا وَالَّذِينَ آمَنُوا فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَيَوْمَ يَقُومُ الْأَشْهَادُ

شەك – شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبىرىمىزگە، مۆمىنلەرگە ھاياتىي دۇنيادا ۋە (پەرىشتە، پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەردىن بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھ بولىدىغان) گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان كۈندە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز. (غافىر سۈرىسى 51-ئايەت)

وَعَدَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا مِنكُمْ وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَيَسْتَخْلِفَنَّهُمْ فِي الْأَرْضِ كَمَا اسْتَخْلَفَ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ وَلَيُمَكِّنَنَّ لَهُمْ دِينَهُمُ الَّذِي ارْتَضَىٰ لَهُمْ وَلَيُبَدِّلَنَّهُم مِّن بَعْدِ خَوْفِهِمْ أَمْنًا ۚ يَعْبُدُونَنِي لَا يُشْرِكُونَ بِي شَيْئًا ۚ وَمَن كَفَرَ بَعْدَ ذَٰلِكَ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ

ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشىنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدۇ، شۇ ۋەدىدىن كېيىن كاپىر بولغانلار ئاللاھ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.(سۈرە نۇر 55-ئايەت)

بۇ ئۈممەتنىڭ دۈشمەنلىرى ھەقىقەت ۋە ھىدايەتنىڭ نۇرىنى ئۆچۈرۈش ئۈچۈن قانچىلىك يۇپۇرۇلۇپ كەلسۇن، ھىيلە-مىكىرلەرنى پىلانلاپ، بىرلەشكەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا قادىر بولالمايدۇ. ھەم بۇ مۇمكىن ئەمەس.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن:

«يُرِيدُونَ أَن يُطْفِئُوا نُورَ اللَّهِ بِأَفْوَاهِهِمْ وَيَأْبَى اللَّهُ إِلَّا أَن يُتِمَّ نُورَهُ وَلَوْ كَرِهَ الْكَافِرُونَ* هُوَ الَّذِي أَرْسَلَ رَسُولَهُ بِالْهُدَىٰ وَدِينِ الْحَقِّ لِيُظْهِرَهُ عَلَى الدِّينِ كُلِّهِ وَلَوْ كَرِهَ الْمُشْرِكُونَ»

ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار، يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ئاللاھ نىڭ نۇرىنى (يەنى ئىسلام دىنىنى) ئېغىزلىرى (يەنى يالغان – ياۋىداق بوھتانلىرى) بىلەن ئۆچۈرمەكچى بولىدۇ، ئاللاھ ئۆز نۇرىنى ئۈستۈن قىلماي قالمايدۇ، كاپىرلار (بۇنى) يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ. ئاللاھ ھەق دىن (ئىسلام) نى بارلىق دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پەيغەمبىرىنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تولۇق) ھىدايەت ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى، مۇشرىكلار ئۇنىڭ (ئۈستۈن بولۇشىنى) يامان كۆرگەن تەقدىردىمۇ(سۈرە تەۋبە 32-33-ئايەت)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىزگە بۇ دىننىڭ زېمىننىڭ ھەممە يېرىگە، ھەتتا ھەربىر ئۆيگىچە تارقىلىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن.

في حديث تميم الداري ـ رضي الله عنه ـ قال: سمعت رسول الله – صلى الله عليه وسلم – يقول: «ليبلغن هذا الأمر ما بلغ الليل والنهار، ولا يترك الله بيت مدر ولا وبر إلا أدخله الله هذا الدين بعز عزيزاً أو بذل ذليلاً، عزاً يعز الله به الإسلام ، وذلاً يذل الله به الكفر»

تەمىيم ئەددارى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھەدىسىدە، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:«شۈبھىسىزكى بۇ ئىش (يەنى ئىسلام دىنى) كېچە ۋە كۈندۈز يەتكەن يەرگىچە يېتىپ بارىدۇ. ئاللاھ تائالا ھەر بىر ئۆيگە بۇ دىننى يا ئەزىز قىلغان يا خار قىلغان ھالەتتە كىرگۈزىدۇ. ئەزىزلىك ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى ئىسلام بىلەن ئەزىز قىلىشىدۇر، خارلىق ئاللاھ تائالانىڭ كۇفۇر بىلەن خار قىلغىنىدۇر.»

شۈبھىسىزكى، بۇ خۇش بىشارەتلەر قاراڭغۇ كېچىنىڭ قانچە ئۇزۇن بولۇشىغا قارىماستىن، ھېچقانداق شەك ۋە گۇمان قىلماستىن، مۇكەممەل ئىمام ئېيتىشىمىز پەرز بولغان ئەقىدىمىزنىڭ بىر قىسىمىدۇر. چۈنكى ئاللاھنىڭ ۋەدىسى يېقىندا ئەمەلگە ئاشىدۇ.

أَلَا إِنَّ نَصْرَ اللَّهِ قَرِيبٌ

بىلىڭلاركى، ئاللاھ نىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر (بەقەرە، 214-ئايەت).

بەلكى، ئاللاھنىڭ ياردىمىگە بولغان مۇكەممەل ئىشەنچ ياردەم كېلىشنىڭ مۇھىم بىر سەۋەبىدۇر. شۇڭلاشقا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئېغىر غەملەر بېسىۋالغان، مالامەتلەر كۆپەيگەندە بۇ ھەقىقەتنى ئەسلىتىپ تۇراتتى. چۈنكى، بۇ ئەسلىتىش ئارزۇ-ئارمانلارنى ئويغىتىدۇ، ھىممەتلەرنى تېرىلدۈرىدۇ ۋە ئەمەل قىلىش ئىرادىسىنى يېڭىلايدۇ. ئەھزاب غازىتىدا پۈتۈن ئەرەبلەر بىرلىشىپ ھوجۇم قىلغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ساھابىلىرىگە فارىس ۋە رۇمنىڭ فەتھى بىلەن خۇش بىشارەت بەرگەن؛ ھىجرەت جەريانىدا قوغلىنىۋاتقان، ئەنسىرەش ئىچىدە تۇرغان چاغدىمۇ پارىسنىڭ فەتھى بىلەن خۇش بىشارەت بەرگەن. ۋە ھەمراھى ئەبۇبەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىلەن غاردا تۇرغاندا

«لَا تَحْزَنْ إِنَّ اللَّهَ مَعَنَا» «غەم قىلمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بىز بىلەن بىللە»

سۆزى بىلەن خاتىرجەم قىلغان.

شۈبھىسىزكى، مۇئمىنلەرنى مالامەت ئورىۋالغاندا، بۇ پەقەت ئۇلارنىڭ مۇستەھكەملىكىنى، ئىشەنچىنى ۋە بويسۇنۇشىنى كۈچەيتتى.

وَلَمَّا رَأَى الْمُؤْمِنُونَ الْأَحْزَابَ قَالُوا هَٰذَا مَا وَعَدَنَا اللَّهُ وَرَسُولُهُ وَصَدَقَ اللَّهُ وَرَسُولُهُ ۚ وَمَا زَادَهُمْ إِلَّا إِيمَانًا وَتَسْلِيمًا

مۆمىنلەر ئىتتىپاقداش قوشۇننى كۆرگەن چاغدا: «بۇ (يەنى قېيىن ئەھۋالدا قالغاندا دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش) ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزگە ۋەدە قىلغان ئىشتۇر. ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى راست ئېيتتى» دېيىشتى. (بۇ ئىش) ئۇلارنىڭ (ئاللاھ قا بولغان) ئىمانىنى ۋە (ئاللاھ نىڭ بۇيرۇقلىرىغا بولغان) بويسۇنۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى

ئەمما، مۇناپىقلار ۋە دىللىرىدا كېسەللىك بولغان كىشىلەر تېزلا تەۋرىنىشكە، قىيىنچىلىق ۋە مۇسىبەتلەرنىڭ دەسلىپىدىلا ئاللاھنىڭ ۋەدىسىنىڭ راستلىقىغا شەك قىلىشقا باشلىدى.

وَإِذْ يَقُولُ الْمُنَافِقُونَ وَالَّذِينَ فِي قُلُوبِهِم مَّرَضٌ مَّا وَعَدَنَا اللَّهُ وَرَسُولُهُ إِلَّا غُرُورًا

ئەينى ۋاقىتتا مۇناپىقلار ۋە دىللىرىدا (مۇناپىقلىق) كېسىلى بارلار: «ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىزلەرگە قۇرۇق ۋەدىلەرنى قىلىپتىكەن» دېيىشەتتى

بىراق، بۇ ئۈممەتكە ۋەدە قىلىنغان ياردەم پەقەت ئۇنىڭ بەدىلىنى ئ‍ۆتىگەنلەر ۋە يۈكلىرىنى كۆتۈرگەنلەرگىلا كېلىدۇ. قاچانىكى سەۋەبلەر تېپىلىپ، چەكلىمىلەر يوقالغاندا غەلبە ئاللاھ تائالانىڭ ئىزنى بىلەن ئەمەلىيلىشىدۇ. ئەگەر سەۋەبلەردىن بىرەرسى كەم بولۇپ قالسا، غەلبىمۇ كېچىكىشى مۇمكىن. ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر.

قۇرئان كەرىمدىكى نۇرغۇن ئورۇنلاردا كەلگەن، بولۇپمۇ سۈرە ئال ئىمران ۋە سۈرە ئەنفالدا كۆپ بايان قىلىنغان مەزمۇنلارنى تېما بويىچە تەپسىر ئۇسۇلىدا توپلىدىم. بۇنى ئۆزۈمگە ۋە قېرىنداشلىرىمغا ئەسلىتىش ئۈچۈن يازدىم. مەيلى كېچە قانچىلىك قاراڭغۇ بولسۇن، قىيىنچىلىقلار ئارقىمۇ-ئارقا كەلسۇن، دۈشمەنلەر بىرلىشىپ كەلسۇن

وَاللَّهُ غَالِبٌ عَلَىٰ أَمْرِهِ وَلَٰكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ

ئاللاھ (خالىغان) ئىشىنى ئاشۇرۇشقا قادىردۇر، لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) ئۇقمايدۇ

 

 

بىرىنچى سەۋەب: ئاللاھتىن قورقۇش ۋە ئىبادەتتە ئېھسان

نۇسرەتنىڭ بىرىنچى سەۋەبى ئاللاھتىن تەقۋادارلىق بىلەن قورقۇش، يەنى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىش ۋە گۇناھتىن يىراق تۇرۇش، شۇنداقلا ئىبادەتنى ئېھسان بىلەن ئادا قىلىشتۇر

ئاللاھ تائالا ئۆزىگە تەقۋادارلىق قىلغان كىشىگە دۈشمىنىگە قارشى ياردەم بېرىدىغانلىقى بىلەن ۋەدە بەرگەن. ئاللاھ تائالانىڭ بىللىلىكى ئۇنىڭغا ياردەم بېرىش ۋە قوللاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خاس بىللە بولۇشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَقَاتِلُوا الْمُشْرِكِينَ كَافَّةً كَمَا يُقَاتِلُونَكُمْ كَافَّةً ۚ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ مَعَ الْمُتَّقِينَ

مۇشرىكلار سىلەرگە بىرلىكتە ھۇجۇم قىلغاندەك، سىلەرمۇ ئۇلارغا قارشى بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر (يەنى ئاللاھ نىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈش، مەنئى قىلغان ئىشلىرىدىن چەكلىنىش بىلەن ئاللاھ تىن قورققۇچىلارغا ئاللاھ نىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىدە بولۇڭلار)

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا قَاتِلُوا الَّذِينَ يَلُونَكُم مِّنَ الْكُفَّارِ وَلْيَجِدُوا فِيكُمْ غِلْظَةً ۚ وَاعْلَمُوا أَنَّ اللَّهَ مَعَ الْمُتَّقِينَ

ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئۆزۈڭلارغا يېقىن جايدىكى كاپىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلىڭلار (يەنى سىلەرگە خەتەر بولماسلىق ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئەتراپىڭلاردىكى كۇففارلارنى ئۇجۇقتۇرۇڭلار)، سىلەرنى ئۇلار ھېس قىلسۇن (يەنى ئۇرۇش ئۈستىدە ئۇلارغا قاتتىق قول بۇلۇڭلار، ئۇلارغا ئىچىڭلار ئاغرىمىسۇن)، بىلىڭلاركى، ئاللاھ تەقۋادارلار بىلەن بىللىدۇر (يەنى ئاللاھ تەقۋادارلارغا مەدەتكاردۇر)

 

ئاللاھ تائالا مۇشرىكلارغا بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىشقا ۋە ئ‍ۆزىگە يېقىن جايدىكى كاپىرلارغا ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇغاندا، ۋەھالەنكى بۇ ئۇرۇشتا مۇشەققەت، چارچاش، مال-دۇنيانى سەرپ قىلىش ۋە جاندىن ئايرىلىش خەۋپىگە دۈچ كېلىش، شۇنداقلا باتىل قوشۇنىنىڭ غالىپ كېلىپ غەلبە قىلىش ئېھتىمالى بولغانلىقتىن، قاچانىكى مۆئمىنلەر ھەقىقىي تەقۋادارلىق قىلسا … ئۇلارغا ئۆزىنىڭ ياردەم بېرىش، كۈچلەندۈرۈش ۋە مۇۋاپپىقىيەت ئاتا قىلىش بىللە ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياردەم بېرىش ۋە مۇۋەپپەقىيەتنىڭ شەرتى تەقۋالىق بولۇپ، ئاللاھ تائالا باشقا بىر ئايەتتە بۇنى ئوتتۇرغا قويىدۇ.

إِذْ تَقُولُ لِلْمُؤْمِنِينَ أَلَن يَكْفِيَكُمْ أَن يُمِدَّكُمْ رَبُّكُم بِثَلَاثَةِ آلَافٍ مِّنَ الْمَلَائِكَةِ مُنزَلِينَ . بَلَىٰ ۚ إِن تَصْبِرُوا وَتَتَّقُوا وَيَأْتُوكُم مِّن فَوْرِهِمْ هَٰذَا يُمْدِدْكُمْ رَبُّكُم بِخَمْسَةِ آلَافٍ مِّنَ الْمَلَائِكَةِ مُسَوِّمِينَ

(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا سەن مۆمىنلەرگە: «پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە ئۈچ مىڭ پەرىشتە چۈشۈرۈپ ياردەم بەرسە يەنە يەتمەمدۇ؟» دەيتتىڭ

شۇنداق، ئۇ يېتىدۇ. ئەگەر (جەڭدە) سەۋر قىلساڭلار، (ئاللاھ تىن) قورقۇپ (ئۇنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلساڭلار)، دۈشمەن دەرھال ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە بەش مىڭ نىشانلىق پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىدۇ

(سۈرە ئال ئىمران 124-125-ئايەت)

قاچانىكى ئۇلار شەرتنى ئادا قىلسا پەرىشتىلەر ياردەم بېرىش ئۈچۈن چۈشىدۇ، شەرت: سەبىر ۋە تەقۋادارلىق.

شۇبھىسىزكى، دۈشمەنلەرنىڭ سۈيىقەستلىرى ۋە ھىيلە-مىكىرلىرى قانچىلىك كۆپ ۋە خىلمۇ-خىل بولۇپ كەتسۇن، قانچىلىك پۇختا بولۇپ كەتسۇن، قاچانىكى مۇسۇلمانلار ۋە مۇجاھىدلار ئاللاھ تائالا ئېيتقاندەك سەبىر قىلسا ۋە تەقۋادارلىق قىلسا ئۇلارغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ،.

وَإِن تَصْبِرُوا وَتَتَّقُوا لَا يَضُرُّكُمْ كَيْدُهُمْ شَيْئًا ۗ إِنَّ اللَّهَ بِمَا يَعْمَلُونَ مُحِيطٌ

ئەگەر سىلەر (ئۇلارنىڭ ئەزىيىتىگە) سەۋر قىلساڭلار ۋە (سۆزۈڭلاردا، ھەرىكىتىڭلاردا ئاللاھ تىن) قورقساڭلار، ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلگۈچىدۇر.  (سۈرە ئال ئىمران 120-ئايەت)

شۇڭلاشقا مۇسۇلمانلار ئاللاھ تائالا ئۇلارغا ھارام قىلغان بارلىق ئىشلاردا، بولۇپمۇ كاپىرلارغا دوستلۇق ئىزھار قىلىش ۋە ئۇلارغا مايىل بولۇشتىن ساقلانسا، ئاللاھ تائالا كاپىرلارغا كۇپايىدۇر. تۆۋەندىكى ئايەتتىكى ئىشارەت مۇشۇ مەنىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

لَن يَضُرُّوكُمْ إِلَّا أَذًى ۖ وَإِن يُقَاتِلُوكُمْ يُوَلُّوكُمُ الْأَدْبَارَ ثُمَّ لَا يُنصَرُونَ

ئۇلار سىلەرگە ئازار بېرىشتىن باشقا ھېچقانداق زىيان – زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ؛ ئەگەر سىلەر بىلەن ئۇرۇشسا، سىلەرگە ئارقىسىنى قىلىپ قاچىدۇ، ئاندىن ئۇلارغا ياردەم بېرىلمەيدۇ. (سۈرە ئال ئىمران 111-ئايەت)

بۇ ئايەتتە زىيان-زەخمەت ئازار بېرىش بىلەن بولىدىغانلىقى ئىپادىلەندى، ئىلگىرىكى ئايەتتە بولسا ئىنكار قىلىندى؛ ئۇنداقتا بۇ ئىككى ئايەتنىڭ ئارىسىنى قانداق بىرلەشتۈرۈمىز؟ تاھىر بىن ئاشۇر مۇنداق دەيدۇ: « ئاللاھ تائالا{ ئۇلارنىڭ ھىيلىسى سىلەرگە قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ} سۆزى بىلەن زىيان يەتكۈزۈشنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلدى؛ ئىلگىرىكى ئايەتلەردە ئۇلارنىڭ مۇئمىنلەرگە پەقەت ئەزىيەت يەتكۈزەلەيدىغانلىقى ئىپادىلەندى. ئەزىيەت يەڭگىل زىياندۇر، يوقىتىش، ئۇرۇش قىلىش، قوغدىنىش ۋە ئىنفاق قىلىش قاتارلىق كۈچلۈك قارشىلىققا مۇھتاج بولىدىغان چوڭ زىيان يوقالغاندا، ئۇندىن باشقا زىيانلارنىڭ يوقىلىشى ئاسان بولىدۇ؛ ئازغىنە زىيان ئەزىيەتكە سەبر قىلىش ۋە كاپىرلارنىڭ مۇشۇ ئەزىيەتنى چوڭ زىيان تارتىپ قېلىشقا ۋاستە قېلىۋېلىشىدىن ئېھتىيات قىلىش بىلەن بىرگە ئازغىنە كۈچ سەرپ قىلىش بىلەن بولىدۇ.»

 

ئاللاھ تائالا ئايەتنى، ئاللاھ تائالا بىلىدۇ،  مۇئمىنلەرگە دۈشمەنلەرنىڭ ھىيلىسى قانچىلىك مەخپىي ۋە ئىنچكە بولسۇن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى بىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىش ئۈچۈن « إِنَّ اللَّهَ بِمَا يَعْمَلُونَ مُحِيطٌ» «ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ھەقىقەتەن تولۇق بىلگۈچىدۇر» دېگەن سۆزى بىلەن تاماملىدى. ئاللاھ تائالا خالىغان نەرسە بولىدۇ، خالىمىغان نەرسە بولمايدۇ، كۈچ-قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھ بىلەندۇر؛ ئۇنىڭغا تەۋەككۈل قىلىڭلار، ئۇنىڭدىن ياردەم سوراڭلار؛ ئۇ دۈشمەننىڭ ھىيلە-مىكرىگە قارشى سىلەرگە كۇپايە قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ئايەنىڭ ئارقىسىدىنلا ئوھود غازىتى ۋە بۇ غازاتتا ئوقچىلارنىڭ سەبر ۋە تەقۋانى تەرك قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇسۇلمانلارغا يەتكەن مۇسىبەتلەرنىڭ بايانىنى كەلتۈرىدۇ، ۋە ئۇلارغا بەدر كۈنىدىكى ياردىمىنى ئەسلىتىش ئارقىلىق ئۆز ۋەدىسىگە سادىقلىقىنى، ئۇلار سەبر قىلغان ۋە تەقۋادارلىق قىلغاندا بەدر كۈنى ئۇلار ئاجىز ھالەتتە ئۇلارغا ياردەم قىلغانلىقىنى، ئوقچىلار ئوھود كۈنى ئاشۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغانلىقتىن مۇسىبەت كەلگەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. شەرتلەشكەن نەرسە شەرتكە باغلىق.

 

مۇسۇلمان ئۈممەتكە مەغلۇبىيەت يەتكەن چاغدا يوقالغان شەرىپىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش يولىنى ئىزدىنىشى كېرەك. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ تائالاغا تەقۋادارلىق قىلىش ۋە ئىبادەتتە ئېھسان قىلىش ياردەمگە ئېرىشىشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرىدۇر.

ئوھود غازىتى ھەققىدىكى ئايەتلەرنىڭ ئوتتۇرسىدا دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدا مەغلۈب بولۇش بىلەن سىنالغان ئاندىن ياردەم سەۋەبلىرىنى تۇتقان، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم قىلغان جامائەتنىڭ قىسسىسى كېلىدۇ. ئايەت ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزىگە ئىبادەتتە ئېھسان قىلغان كىشىگە ئاللاھ تائالانىڭ ئېھسان قىلىدىغانلىقى، ياردەم بېرىدىغانلىقى ۋە چىقىش يولى ئاتا قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ

وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ

ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ (سۈرە ئال ئىمران 134-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)

دېگەن سۆزى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَكَأَيِّن مِّن نَّبِيٍّ قَاتَلَ مَعَهُ رِبِّيُّونَ كَثِيرٌ فَمَا وَهَنُوا لِمَا أَصَابَهُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَمَا ضَعُفُوا وَمَا اسْتَكَانُوا ۗ وَاللَّهُ يُحِبُّ الصَّابِرِينَ . وَمَا كَانَ قَوْلَهُمْ إِلَّا أَن قَالُوا رَبَّنَا اغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا وَإِسْرَافَنَا فِي أَمْرِنَا وَثَبِّتْ أَقْدَامَنَا وَانصُرْنَا عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ

فَآتَاهُمُ اللَّهُ ثَوَابَ الدُّنْيَا وَحُسْنَ ثَوَابِ الْآخِرَةِ ۗ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ

 

نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن كۆپلىگەن خۇداگۇي ئۆلىمالار بىرلىكتە جەڭ قىلدى. ئۇلار ئاللاھ يولىدا يەتكەن كۈلپەتلەردىن روھسىزلانمىدى، بوشاشمىدى، باش ئەگمىدى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى دوست تۇتىدۇ

ئۇلارنىڭ سۆزى پەقەت: «پەرۋەردىگارىمىز! گۇناھلىرىمىزنى، ئىشىمىزدا چەكتىن ئاشقانلىقىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، قەدەملىرىمىزنى (جەڭ مەيدانىدا) مۇستەھكەم قىلغىن ۋە كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېگەندىن باشقا بولمىدى

ئاللاھ ئۇلارغا دۇنيانىڭ ساۋابىنى (يەنى دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى) ۋە ئاخىرەتنىڭ ياخشى ساۋابىنى (يەنى جەننەت ۋە ئۇنىڭ نېمەتلىرىنى) ئاتا قىلدى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. (ئال ئىمران 146-148-ئايەتلەر)

 

 

 

 

 

ئىككىنچى سەۋەب: سەبىر قىلىش ۋە مۇستەھكەم تۇرۇش

 

ئاشۇ تەقۋالىقتا مۇستەھكەم تۇرۇش، جىھات مەيدانىدا تەۋرەنمەي تۇرۇشتۇر. ئاللاھ تائالا سەبىر ۋە تەقۋالىقنى غەلبىنىڭ شەرتى قىلدى ۋە ئىلگىرى بايان قىلىنغان ئايەتلەردە سەبىر قىلغۇچىلارنى ماختىدى.

وَاللَّهُ يُحِبُّ الصَّابِرِينَ

ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى دوست تۇتىدۇ (ئال ئىمران 146-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى)

ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ ئۇلار بىلەن ياردەم بېرىش ۋە كۈچلەندۈرۈش ئارقىلىق بىللە ئىكەنلىكىنى ۋە مۆئمىن گۇرۇھنىڭ ئۆزىنىڭ ئىككى ھەسسىسىچىلىك كېلىدىغان كاپىرلارنى، ئەگەر سەبىرچان بولسا، يېڭىدىغانلىقىنى خەۋەر بەردى.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

الْآنَ خَفَّفَ اللَّهُ عَنكُمْ وَعَلِمَ أَنَّ فِيكُمْ ضَعْفًا ۚ فَإِن يَكُن مِّنكُم مِّائَةٌ صَابِرَةٌ يَغْلِبُوا مِائَتَيْنِ ۚ وَإِن يَكُن مِّنكُمْ أَلْفٌ يَغْلِبُوا أَلْفَيْنِ بِإِذْنِ اللَّهِ ۗ وَاللَّهُ مَعَ الصَّابِرِينَ

ئاللاھ ئەمدى سىلەرنىڭ (يۈكۈڭلارنى) يىنىكلەتتى، سىلەرنىڭ ئاجىزلىقىڭلارنى بىلدى، ئەگەر سىلەردە چىداملىق 100 ئادەم بولىدىغان بولسا، 200 (دۈشمەن) نى يېڭەلەيدۇ، ئەگەر سىلەردە (چىداملىق) 1000 ئادەم بولىدىغان بولسا، ئاللاھ نىڭ ئىزنى بىلەن 2000 (دۈشمەن) نى يېڭەلەيدۇ. ئاللاھ چىداملىقلار بىلەن بىللىدۇر (ئەنفال 66-ئايەت)

بەزىدە مۇسۇلمانلار ئۆزىدەكلا سەبىرچان دۈشمەنگە يولۇقىدۇ؛ بۇ چاغدا ئۇلار زىيادە سەبىرچان بولۇشقا بۇيرۇلغان. زىيادە سەبىر دېگىنىمىز ( سەبىر قىلغۇچىنىڭ قارشىسىدا سەبىر قىلىش بولۇپ، نەفىسكە سەبىر قىلىش ئەڭ قىيىن بولغان ۋە تەۋرىنىشكە ئەڭ يېقىن  سەبىردۇر؛ باشقا بىر سەبر قىلغۇچىنىڭ قارشىسىدا سەبىر قىلىش، روبىرو كەلگەندە تەڭ تۇرۇش ياكى يېڭىش سەبىر قىلغۇچىنىڭ نەپسىگە  ئېغىر كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سەبىر قىلغۇچىلار رەقىبىنى يەڭگىچە سەبرىنى داۋاملاشتۇرالمىسا، قىلغان سەبرىدىن ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيدۇ. چۈنكى سەبىرنىڭ مېۋىسى ئۇزۇن مۇددەت سەبىر قىلغۇچىغا بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ جەڭدە غەلبە قىلىش سەۋەبىدۇر.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اصْبِرُوا وَصَابِرُوا وَرَابِطُوا وَاتَّقُوا اللَّهَ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ

ئى مۆمىنلەر! تائەت – ئىبادەتنىڭ مۇشەققەتلىرىگە ۋە سىلەرگە يەتكەن ئېغىرچىلىقلارغا سەۋر قىلىڭلار، دۈشمەنلەرگە زىيادە چىداملىق بولۇڭلار، (چېگرالىرىڭلارنى ساقلاپ) جىھادقا تەييار تۇرۇڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىش ئۈچۈن ئاللاھ تىن قورقۇڭلار (يەنى ئۇنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلماڭلار)

 

ئاللاھ تائالا ئال ئىمران سۈرىسىنى ياردەمگە ئېرىشىشنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرىنى بايان قىلغاندىن كېيىن سەبىر قىلىشقا، زىيادە چىدامچان بولۇشقا ۋە جىھادقا تەييار تۇرۇشقا بۇيرۇغان ئايەتلەر بىلەن تاماملىغان.  ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

شۈبھىسىزكى، بايان قىلىنغان سەۋەبلەرنىڭ ھەممىسى سەبىر ۋە زىيادە چىدامچانلىق كۆرسىتىش بىلەن بىرگە بولمايدىكەن ياردەم كېچىكىدۇ. بىرەر ئورۇندا دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىنىمىسا، جىھادقا تەييار تۇرۇش پەرز بولىدۇ.  تەييار تۇرۇش دېگىنىمىز — جىھاد بولمىغاندا چىگرا كۆزىتىش ئۈچۈن ئات باغلاش ۋە دۈشمەننىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشىدىن قورقۇش. ئۇلار ئىككى ھالەتنىڭ بىرىدە بولىدۇ: ياكى ئۇرۇشتا بولىدۇكى، ئۇلارغا سەبىر قىلىش ۋە زىيادە چىدامچانلىق كۆرسىتىش پەرز بولىدۇ. ياكى جىھاد بولمىغان چاغدا بولىدۇكى، ئۇلارغا ھۇشيار بولۇش ۋە تەييارلىق قىلىش پەرزدۇر.

 

 

ئۈچىنچى سەۋەب: ئاللاھقا ياردەم بېرىش (ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىش)

 

شۇبھىسىزكى، ئاللاھ تائالا بىرەرسىنىڭ ياردەم قىلىشىدىن ياكى بىر نەرسە تەلەپ قىلىشتىن بىھاجەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇلارنى ئۆزىنىڭ بەندىلىرىنى سىناش ۋە راستچىللارنى باشقىسىدىن ئايرىشتا ئىمتىھان قىلىش ئۈچۈن تەلەپ قىلىدۇ. (ئاللاھقا ياردەم بېرىش ئۇنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىش دېمەكتۇر. ئۇ ئۆز ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ياردەمدىن بىھاجەتتۇر).

﴿ … ذَٰلِكَ وَلَوْ يَشَآءُ ٱللَّهُ لَٱنتَصَرَ مِنْهُمْ وَلَٰكِن لِّيَبْلُوَا۟ بَعْضَكُم بِبَعْضٍ ۗ …﴾

« ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئەلۋەتتە (سىلەرنى ئۇرۇشقا تەكلىپ قىلماستىنلا) ئۇلارنى جازالىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىناش ئۈچۈن (يەنى ئىمانىڭلارنى سىناش ئۈچۈن جىھادقا ئەمر قىلدى)، …»     -مۇھەممەد سۈرىسى 4-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى

مۆمىن كىشى ئاللاھنىڭ دىنىغا ئاۋۋال ئۆز نەپسىدە ياردەم بېرىدۇ؛ نەپسىنى ھەقىقەت ئۈستىدە تۇرىدىغان قىلىپ تەربىيەلەيدۇ، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرى ۋە نەپسىي ئارزۇلىرىدىن ئۈستۈن قويىدۇ، بارلىق ئىش-پائالىيەتلىرىدە ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ھۆكۈمران قىلىدۇ؛ شۇنداقلا ئاللاھنىڭ دىنىغا رېئال تۇرمۇشتا ياردەم بېرىپ، ھاياتنىڭ ھەرقانداق ساھەسىدە، قىلچە مۇستەسناسىز ھالدا ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ئورنىتىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.   قاچانىكى مۇسۇلمان بۇنى قىلسا، ئاللاھ ۋەدە بەرگەندەك،  ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن خۇش بىشارەت ئالسۇن.

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا كُونُوا أَنصَارَ اللَّهِ كَمَا قَالَ عِيسَى ابْنُ مَرْيَمَ لِلْحَوَارِيِّينَ مَنْ أَنصَارِي إِلَى اللَّهِ ۖ قَالَ الْحَوَارِيُّونَ نَحْنُ أَنصَارُ اللَّهِ ۖ فَآمَنَت طَّائِفَةٌ مِّن بَنِي إِسْرَائِيلَ وَكَفَرَت طَّائِفَةٌ ۖ فَأَيَّدْنَا الَّذِينَ آمَنُوا عَلَىٰ عَدُوِّهِمْ فَأَصْبَحُوا ظَاهِرِينَ

ئى مۆمىنلەر! ھەۋارىيۇنلار (يەنى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا دەسلەپتە ئىمان ئېيتقان مۆمىن قەۋم) دەك ئاللاھ نىڭ ياردەمچىلىرى بۇلۇڭلار، مەريەمنىڭ ئوغلى ئىسا ھەۋارىيۇنلارغا: «(ئاللاھ نىڭ دەۋىتىنى تەبلىغ قىلىشتا) ئاللاھ قا كىملەر ياردەمچىلىرىم بولىدۇ؟» دېدى، ھەۋارىيۇنلار: «بىز ئاللاھ نىڭ ياردەمچىلىرىمىز» دېدى، ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر تائىپە ئىمان ئېيتتى، يەنە بىر تائىپە كاپىر بولدى، مۆمىنلەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز دۈشمەنلىرىگە قارشى تۇرۇشىدا يار – يۆلەكتە بولدۇق، شۇنىڭ بىلەن مۆمىنلەر غالىب بولدى. (ساف 14-ئايەت)

 

ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بەرگەن كىشى ئۈچۈن سۈرە مۇھەممەدتە يەنە بىر قىممەتلىك بىشارەت بايان قىلىنغان:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِن تَنصُرُوا اللَّهَ يَنصُرْكُمْ وَيُثَبِّتْ أَقْدَامَكُمْ

ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاھ قا (يەنى ئاللاھ نىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە (دۈشمىنىڭلارغا قارشى ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى (ئۇرۇش مەيدانلىرىدا) بەرقارار قىلىدۇ. (مۇھەممەد 7-ئايەت)

ئاللاھ تائالا ياردەم بېرىشنى ۋە قەدەملىرىنى مۇستەھكەم قىلىشنى ۋەدە قىلدى. ئادەتتە قەدەم مۇستەھكەملىكى ياردەمدىن (نۇسرەتتىن) بۇرۇن كېلىدىغان سەۋەب دەپ قارىلىدۇ؛ بۇ توغرا، لېكىن ئايەتتە قەدەم مۇستەھكەملىكىنىڭ نۇسرەتتىن كېيىن تىلغان ئېلىنغانلىقى يەنە بىر مەنىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى، غەلبە ۋە مەسئۇلىيەتلەرگە سابىت قەدەم تۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. غەلبە ئىمان بىلەن كۇفرىنىڭ، ھەق بىلەن باتىلنىڭ ئارىسىنىڭ ئۇرۇشنىڭ ئاخىرى ئەمەس. غەلبىنىڭ ئۆزىنىڭ يۈكى ۋە ۋەزىپىلىرى بار بولۇپ غەلبە بىلەن مەغرۇر بولماسلىق، غەلبىدىن كېيىن بوشاشماسلىق، بىپەرۋالىق قىلماسلىق لازىم. نۇرغۇن نەپسلەر بالايى-ئاپەتتە مۇستەھكەم تۇرالايدۇ، ئەمما غەلبە ۋە نېمەتتە مۇستەھكەم تۇرىدىغانلار ئاز. غەلبىدىن كېيىن قەلبلەرنىڭ ساغلام بولۇشى ۋە ھەق ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرىشى، مانا بۇ قۇرئان ئىشارەت قىلغان مۇھىم نوقتا بولسا كېرەك، ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.

ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بەرگۈچىلەرگە بېرىلىدىغان ساۋاب ناھايىتى بۈيۈك بولغاچقا، ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىش يۈكسەك بىر روھىي تەلەپ بولۇپ، بۇنىڭغا پەقەت ئۆز جېنىنى ئاللاھنىڭ دىنىغا خىزمەت قىلىشقا ۋە ھاياتىنى شەرىئەتنى بەرپا قىلىشقا ئاتىغان ئاز ساندىكى كىشىلەرلا ئېرىشەلەيدۇ. شۇڭا، ئايەتتە «ئەگەر سىلەر ئاللاھ قا (يەنى ئاللاھ نىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار» دەپ شەرتلىك كەلگەن بولۇپ،  شەرتتە «ئەگەر» (إنْ) دەپ شەرت ھەرپى قوللىنىلغان بولۇپ، ئۇ ئەرەب تىلىدا ئەسلىدىنلا يۈز بېرىشى ئېنىق بولمىغان ئىشلارغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ شەرتنىڭ جاپالىقلىقى ۋە ئىنتايىن قىيىنلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن بولۇپ، تەلەپ قىلىنغان بۇ شەرتنى خۇددى ئۇنىڭ تولۇق ئورۇندىغىلى بولمايدىغاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان دەرىجىدىكى يۇقىرى مەسئۇلىيەتكە ئىگە قىلغان.

 

 

 

 

تۆتىنچى ئامىل: ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىشتىكى سەمىمىيەت (ئىخلاس) ۋە غەلبىدىن كېيىن دىننى قايىم قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش

 

الَّذِينَ أُخْرِجُوا مِن دِيَارِهِم بِغَيْرِ حَقٍّ إِلَّا أَن يَقُولُوا رَبُّنَا اللَّهُ ۗ وَلَوْلَا دَفْعُ اللَّهِ النَّاسَ بَعْضَهُم بِبَعْضٍ لَّهُدِّمَتْ صَوَامِعُ وَبِيَعٌ وَصَلَوَاتٌ وَمَسَاجِدُ يُذْكَرُ فِيهَا اسْمُ اللَّهِ كَثِيرًا ۗ وَلَيَنصُرَنَّ اللَّهُ مَن يَنصُرُهُ ۗ إِنَّ اللَّهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ

الَّذِينَ إِن مَّكَّنَّاهُمْ فِي الْأَرْضِ أَقَامُوا الصَّلَاةَ وَآتَوُا الزَّكَاةَ وَأَمَرُوا بِالْمَعْرُوفِ وَنَهَوْا عَنِ الْمُنكَرِ ۗ وَلِلَّهِ عَاقِبَةُ الْأُمُورِ

(ئۇلار) پەقەت پەرۋەردىگارىمىز ئاللاھ دېگەنلىكلىرى ئۈچۈنلا ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلدى، ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى بىر – بىرىگە قارشىلىق كۆرسەتكۈزمىگەن بولسا، راھىبلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى، چېركاۋلار، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەتخانىلىرى ۋە ئاللاھ نىڭ نامى كۆپ يادلىنىدىغان مەسجىدلەر ئەلۋەتتە ۋەيران قىلىناتتى، كىمكى ئاللاھ نىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ، ئاللاھ ئەلۋەتتە كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر

ئاللاھ نىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق بولغانلار) شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھ قا مەنسۇپتۇر (يەنى ھەممە ئىشلار ئاخىرەتتە ئاللاھ قا قايتىدۇ) ( سۈرە ھەج 40-41-ئايەت)

 

ھەق بىلەن باتىل ئوتتۇرسىدىكى كۆرەش ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنىيىتى بولۇپ، ھەقنى مۇداپىئە قىلىدىغان ۋە مۇھاپىزەت قىلىدىغان كۈچ بولۇشى زۆرۈر. كىمكى سەمىمىي نىيەت (ئىخلاس) بىلەن بۇ ئىشقا كىرىشسە، ئاللاھ ئۇنىڭغا نۇسرەت (ياردەم) بېرىشنى ۋەدە قىلغان. پۈتۈن دۇنيادىكى كۈچلەر قانچىلىك تەرەققىي قىلسۇن، ئاللاھ ئۇلار تەرەپتە تۇرغان ھەق قوشۇننىڭ ئالدىدا قانداقمۇ پۇت تېرەپ تۇرالىسۇن؟

 

إِنَّ اللَّهَ لَقَوِيٌّ عَزِيزٌ

ئاللاھ ئەلۋەتتە كۈچلۈكتۇر، غالىبتۇر

ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايەتنى قانداق داۋاملاشتۇرغانلىقىنى تەپەككۈر قىلغىن.

ئاللاھ نىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق بولغانلار) شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، نامازنى ئادا قىلىدۇ

خۇددى ياردەم ۋەدە قىلىنغان تائىپەنىڭ سۈپەتلىرى ھەققىدە بىر سۇئال تۇغۇلغاندەك ۋە ئۇنىڭ جاۋابى سۈپىتىدە:  «ئاللاھ نىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق بولغانلار) شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق »   دېگەن جاۋاب بېرىلدى. ئاللاھ تائالا بايان قىلغان سۈپەتلەر تۆۋەندىكىدەك:

1-شۈبھىسىزكى ئۇلار ئاللاھقا سادىق قەۋم بولۇپ، مەنسەپ، غەنىمەت، رىيا ۋە ئۇندىن باشقا دۇنيا مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن جىھاد قىلمايدۇ، بەلكى نىيەتلىرىنى ئاللاھقا خالىس قىلىدۇ؛ غەلبە قىلغاندىن كېيىنمۇ ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى بەرپا قىلغانلىقى بۇنىڭ ئەڭ روشەن دەلىلىدۇر. ھەقىقەتەن، بىر كىشى قىيىنچىلىق ۋە ئېغىر زاماندا ئاللاھ تائالاغا ئىخلاس قىلغان ھالدا جىھاد قىلىدۇ، ئەمما ئاللاھ ئۇنىڭغا فەتھى ۋە غەلبىنى بەرگەن ۋە دۇنيا ئۇنىڭغا يۈزلەنگەندە ئۆزگىرىشى ۋە يېنىپ كېتىشى، ئەمەل-مەنسەپ، يۈز-ئابروي ۋە شان-شۆھرەت تەلەپ قىلىشى مۇمكىن. ئىخلاس قىلىش قىيىنچىلىق ۋاقىتتا ئاسانراق بولىدۇ:

« وَإِذَا مَسَّ الْإِنسَانَ ضُرٌّ دَعَا رَبَّهُ مُنِيبًا إِلَيْهِ»

ئىنسانغا بىرەر زىيان – زەخمەت يەتسە، پەرۋەردىگارىغا يۈزلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا دۇئا قىلىدۇ (سۈرە زۇمەر 8-ئايەت) ، فَإِذَا رَكِبُوا فِي الْفُلْكِ دَعَوُا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ

ئۇلار كېمىگە چىقىپ (غەرق بولۇشتىن قورققان) چاغلىرىدا، ئاللاھ قا كامالى ئىخلاس بىلەن ئىلتىجا قىلىدۇ (سۈرە ئەنكەبۇت 650-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) .

لېكىن ئۇ كەڭرىچىلىك ۋاقىتتا قىيىندۇر، چۈنكى نەفسلەر ئۆز تەبىئىتىدىن چىقىپ ئۆزىنى ئاللاھنىڭ ياردىمىدىن بىھاجەت دەپ ئويلاپ قالىدۇ.

 

شۈبھىسىزكى، ئىخلاس ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىنىڭ چۈشۈشىنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتىدۇر.

«كىمكى ئاللاھ نىڭ دىنىغا ياردەم بېرىدىكەن، ئەلۋەتتە ئاللاھ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدۇ»

مۇشۇ ئىخلاسنى ھەتتا ئاللاھ تائالا ياردەم قىلغاندىن، نۇسرەت بەرگەندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرىدۇ.

«(ئاللاھ نىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشكە ھەقلىق بولغانلار) شۇنداق كىشىلەردۇركى، ئەگەر ئۇلارنى يەر يۈزىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلساق، نامازنى ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ،»

 

شۆبھىسىزكى، قۇرئان كەرىمنىڭ مۇشۇ تەلەپنى (ئىخلاسنى) تەكىتلىشىنىڭ ناھايىتى مۇھىم نىشانلىرى بار، مەسىلەن: ئىخلاس قەلبلەردە مۇستەھكەم ئورنىغاندا، جىھادقا ئالاقىدار بارلىق ئىشلار – تاشقى قىياپەتتە گەرچە دىنغا سەمىمىيلىك بىلەن ياردەم بېرىش كىيىمىگە ئورىنىۋالغان ، ئەمەلىيەتتە شەخسىي مەنپەئەتلەرنى كۆزلەيدىغان غەرەزلەردىن يىراق بولغان ھالدا – پۈتۈنلەي شەرىئەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى بويىچىلا داۋاملىشىدۇ. ۋە يەنە ئىخلاس ھەقىقەتەن قەلبلەردە مۇستەھكەم ئورنىغاندا ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بەرمەكچى بولغانلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىختىلاپ مۇمكىن بۇلىدىغان ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشىدۇ.

كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېچىندۇرىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى شۇكى، بەزى خەير-ساخاۋەت ۋە دەۋەت يوللىرىغا نۇرغۇن كۈچ-قۇۋۋەت سەرپ قىلىنىدۇ، مال-مۈلۈك بېرىلىدۇ، ۋاقىت سەرپ قىلىنىدۇ؛ ئەمما ئىخلاسنىڭ كەملىكى ياكى يوقىلىپ كېتىشى نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ كۆپ مېۋىلىرى شامالدا ئۇچۇپ كەتكەندەك بىكارغا كېتىدۇ. ئاللاھتىن ياردەم سورايمىز.

 

2.شۈبھىسىزكى ئاشۇ كىشىلەر غەلبە قىلغاندىن كېيىن «نامازنى ئادا قىلىدۇ» ، ئاللاھ بىلەن بولغان باغلىنىشىنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە ئۆزلىرىگە ياردەم قىلغان رەببى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. «زاكات بېرىدۇ». ئاندىن ھاجەتمەننىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىشقا ۋە قىيىنچىلىقتا قالغاننىڭ قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئاندىن ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ھەمكارلىق ئەمەلىيلىشىدۇ. «ياخشىلىققا بۇيرۇيدۇ»، بۇ ھەممەيلەن بىلىدىغان ئومومىي ياخشىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنداقلا ئالىملار ئىلمىگە يارىشا بىلىدىغان خاس ياخشىلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.. بۇ، يەنى كىشىلەرگە ئىلىمنىڭ تارقىلىشى ۋە تەلىم تەربىيە يوللىرىنىڭ ئاسانلاشتۇرۇلىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «ۋە يامانلىقتىن توسىدۇ» بارلىق كۆرۈنۈشلىرىنى، مەيلى بۇ يامانلىق شەھۋەت (كۆڭۈل تارتىدىغان نەرسىلەر) تەرەپتىن بولسۇن، ياكى ئازغۇن پىكىرلەر ۋە بۇرمىلانغان ئىدىيىۋى يازمىلارغا ئوخشاش شۈبھىلەر تەرەپتىن بولسۇن .

بۇ سۈپەتلەر (ئىنساننى) قولغا كەلتۈرۈلگەن غەلبىنى مەھكەم قوغداش ۋە يەر يۈزىدە ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى ئۈزۈل-كېسىل بەرپا قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىدىغان ئامىللار بولۇپ، مۇسۇلمانلارنى يەر يۈزىدە ھاكېمىيەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا لايىقلاشتۇرىدىغان ئاساسلاردۇر. بۇ بولسا، ھەقىقىي ئىمان، پايدىلىق ئىلىم ۋە سالىھ ئەمەلنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شۈبھىسىزكى، ئۇلارنىڭ شەھۋەتلىرى ۋە ھاۋايى ھەۋەسلىرى ئۈستىدىن غالىپ كېلىشى ، ئاللاھ تائالانىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىپ ھېچكىمدىن قورقماستىن، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىشقا قادىر تۇرۇپ،  ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى زېمىندا تىكلىدى. بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ قەلب دۇنياسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئىسلاھ بولۇش دەرىجىسىگە ۋە تەقۋادارلىق ئۆلچىمىگە يەتكەنلىكىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا بۇ سۈپەت ئۇلارنى، بىرىنچىدىن، ئاللاھنىڭ دىنىغا ياردەم بېرىش يولىدا جانلىق ھەرىكەت قىلىدىغان؛ ئىككىنچىدىن، غەلىبىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە يۈكلىرىنى كۆتۈرەلەيدىغان كىشىلەرگە ئايلاندۇرغان. بۇنىڭ ئالدىدا شۈبھىسىزكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيە، دەۋرنىڭ ھەر خىل قىيىنچىلىق ۋە سىناقلىرىدىن ئۆتۈش لازىم. شۇ سىناقلار ئارقىلىق سادىق، سەۋرچان كىشى باشقىلاردىن ئايرىلىپ كۆرۈنىدۇ. بەلكىم بۇ ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى ئۇقتۇرۇپ بەرگەن مەنا:

 

أَمْ حَسِبْتُمْ أَن تَدْخُلُوا الْجَنَّةَ وَلَمَّا يَأْتِكُم مَّثَلُ الَّذِينَ خَلَوْا مِن قَبْلِكُم ۖ مَّسَّتْهُمُ الْبَأْسَاءُ وَالضَّرَّاءُ وَزُلْزِلُوا حَتَّىٰ يَقُولَ الرَّسُولُ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَهُ مَتَىٰ نَصْرُ اللَّهِ ۗ أَلَا إِنَّ نَصْرَ اللَّهِ قَرِيبٌ (سۈرە بەقەرە 214-ئايەت)

(ئى مۆمىنلەر!) سىلەر تېخى ئىلگىرىكىلەر ئۇچرىغان كۈلپەتلەرگە ئۇچرىماي تۇرۇپ جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟ سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن مۆمىنلەرمۇ ئېغىرچىلىقلارغا، كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغان ۋە پاراكەندىچىلىككە سېلىنغان ئىدى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر: «ئاللاھنىڭ ياردىمى قاچانمۇ كېلەر؟» دېيىشكەن ئىدى. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ياردىمى ھەقىقەتەن يېقىندۇر

ئۇلار زېمىندا قۇدرەت تېپىشتىن ئىلگىرى سىنالدى، ئۇلارغا پېقىرلىق، قاتتىقچىلىق ۋە كېسەللىك يەتتى، بۇ ئايەت ئۇقتۇرۇپ بەرگىنىدەك قاتتىق كۈلپەتلەرگە ۋە تەۋرىتىشلەرگە دۈچ كەلدى. قورقۇتىلدى ۋە قەلبلىرى قاتتىق سىقىلدى. ھەر تەرەپتىن چەتكە قېقىلدى. ئۇلارغا بۇ كۈنلەر ئۇزۇن داۋاملاشتى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار: «ئاللاھنىڭ ياردىمى قاچانمۇ كېلەر؟» دەيدىغان ھالغا كەلدى. ئاندىن ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىنىڭ ئېغىرچىلىق ۋە قاتتىقچىلىقلاردا مۇستەھكەم تۇرغان بۇ تائىپىگە يېقىنلىق خەۋىرى بېرىلدى. بۇ (ۋەدە قىلىنغان) تائىفە ئاللاھ تائالا ئۇلارنى زېمىندا ھاكېمىيەتكە ئىگە قىلغاندىن كېيىن غەلبىنىڭ قەدرىنى بىلىدىغان تائىپىدۇر. ھېچقانداق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەستىن ياكى ھېچنەرسە سەرپ قىلماستىن ياستۇقىغا يۆلىنىپ ياتىدىغان كىشىلەر غەلبىنىڭ قەدرىنى بىلمەيدۇ، ۋە تېزلا قولدىن بېرىپ قويىدۇ؛ قاچانىكى مۇسۇلمانلار ياردەمدىن، يەنى غەلبىدىن كېيىن ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى بەرپا قىلىشنى داۋاملاشتۇرسا، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى كۇپايە قىلىدۇ. ئۇلار ھەرگىز ئاجىز كېلىپ قالمايدۇ. سۈرە نۇردىكى ئايەتلەرنىڭ تەرتىبى بۇنى ئۇقتۇرۇپ بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَعَدَ اللَّهُ الَّذِينَ آمَنُوا مِنكُمْ وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ لَيَسْتَخْلِفَنَّهُمْ فِي الْأَرْضِ كَمَا اسْتَخْلَفَ الَّذِينَ مِن قَبْلِهِمْ وَلَيُمَكِّنَنَّ لَهُمْ دِينَهُمُ الَّذِي ارْتَضَىٰ لَهُمْ وَلَيُبَدِّلَنَّهُم مِّن بَعْدِ خَوْفِهِمْ أَمْنًا ۚ يَعْبُدُونَنِي لَا يُشْرِكُونَ بِي شَيْئًا ۚ وَمَن كَفَرَ بَعْدَ ذَٰلِكَ فَأُولَٰئِكَ هُمُ الْفَاسِقُونَ(55) وَأَقِيمُوا الصَّلَاةَ وَآتُوا الزَّكَاةَ وَأَطِيعُوا الرَّسُولَ لَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ(56) لَا تَحْسَبَنَّ الَّذِينَ كَفَرُوا مُعْجِزِينَ فِي الْأَرْضِ ۚ وَمَأْوَاهُمُ النَّارُ ۖ وَلَبِئْسَ الْمَصِيرُ(57)

ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەنلەرنى زېمىندا ھۆكۈمران قىلغاندەك، ئۇلارنىمۇ چوقۇم ھۆكۈمران قىلىشىنى، ئۇلار ئۈچۈن تاللىغان دىنىنى چوقۇم مۇستەھكەم قىلىپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ قورقۇنچىسىنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇپ بېرىشنى ۋەدە قىلدى، ئۇلار ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ، ماڭا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيدۇ، شۇ ۋەدىدىن كېيىن كاپىر بولغانلار ئاللاھنىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر. ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بېرىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار. كاپىرلارنى زېمىنىدا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قېچىپ قۇتۇلالايدۇ دەپ ئويلىمىغىن، ئۇلارنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ، دوزاخ نېمىدېگەن يامان جاي (57)(سۈرە نۇر)

 

ئەگەر مۇسۇلمانلارنىڭ دىننى بەرپا قىلىشقا سۆرەلمىلىك قىلىپ، دىننىڭ بۇيرۇقلىرىدىن چەتنەپ كەتسە ۋە مەسئۇلىيەتلىرىگە سەل قارىسا، ھەقىقەتەن «ولله عاقبة الأمور» «ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئاللاھقا مەنسۇپتۇر» ئاللاھ تائالا ئىشلارنى خالىغانچە تەسەررۇف قىلىدۇ. غەلبىنى مەغلۇبىيەتكە، خاتىرجەملىكنى قورقۇنچقا، ئەزىزلىكنى خارلىققا ئالماشتۇرۇپ قويىدۇ.

 

بەشىنچى ئامىل: مەغلۇبىيەتكە توغرا مۇئامىلە قىلىش ئۇنى غەلبىگە ئايلاندۇرىدۇ. بۇ بىر نەچچە سەۋەبنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش قىلىپ مەغلۇپ بولغان، ئاندىن مەغلۇبىيەتكە تۇتقان توغرا مەۋقەسى مەغلۇبىيەتنى غەلبىگە ۋە ئىززەتكە ئايلاندۇرغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنىدۇ، اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَكَأَيِّن مِّن نَّبِيٍّ قَاتَلَ مَعَهُ رِبِّيُّونَ كَثِيرٌ فَمَا وَهَنُوا لِمَا أَصَابَهُمْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَمَا ضَعُفُوا وَمَا اسْتَكَانُوا ۗ وَاللَّهُ يُحِبُّ الصَّابِرِينَ (146) وَمَا كَانَ قَوْلَهُمْ إِلَّا أَن قَالُوا رَبَّنَا اغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا وَإِسْرَافَنَا فِي أَمْرِنَا وَثَبِّتْ أَقْدَامَنَا وَانصُرْنَا عَلَى الْقَوْمِ الْكَافِرِينَ (147) فَآتَاهُمُ اللَّهُ ثَوَابَ الدُّنْيَا وَحُسْنَ ثَوَابِ الْآخِرَةِ ۗ وَاللَّهُ يُحِبُّ الْمُحْسِنِينَ (148)

نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن كۆپلىگەن خۇداگۇي ئۆلىمالار بىرلىكتە جەڭ قىلدى. ئۇلار ئاللاھ يولىدا يەتكەن كۈلپەتلەردىن روھسىزلانمىدى، بوشاشمىدى، باش ئەگمىدى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى دوست تۇتىدۇ. (146) ئۇلارنىڭ سۆزى پەقەت: «پەرۋەردىگارىمىز! گۇناھلىرىمىزنى، ئىشىمىزدا چەكتىن ئاشقانلىقىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن ۋە كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېگەندىن باشقا بولمىدى. (147) ئاللاھ ئۇلارغا دۇنيانىڭ ساۋابىنى (يەنى دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى) ۋە ئاخىرەتنىڭ ئەڭ ياخشى مۇكاپاتىنى (يەنى جەننەت ۋە ئۇنىڭ نېمەتلىرىنى) ئاتا قىلدى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ. (148)  -سۈرە ئال ئىمران

بۇ ئايەتلەر مۇسۇلماننىڭ مەغلۇبىيەتكە مۇئامىلە قىلىشتا، ھەتتا بۇ مەغلۇبىيەتنى ئاللاھ تائالانىڭ ئىزنى بىلەن غەلبىگە ئايلاندۇرۇشتىكى شەرئىي مەيدانىنى (مەۋقەسىنى) كۆرسىتىپ بېرىدۇ:

  1. بۇ رەب تائالانىڭ شەرىئىتىگە ئەگەشكەن، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ۋە شاگىرتلىرى بولغان رەببانىي ئۆلىمالارنىڭ مەيدانىدۇر.
  2. شۈبھىسىزكى، بۇ ئايەتلەر ئوھود غازىتى ۋە بۇ غازاتتا مۇسۇلمانلارغا يەتكەن مۇسىبەتلەر سۆزلىنىش جەريانىدا بايان قىلىندى؛ شۇڭلاشقا، بۇ ئايەتتە مۇسۇلمانلارغا مۇسىبەت يەتكەن چاغدا ئاشۇ پەيغەمبەر ۋە رەببانىي ئۆلىمالارنىڭ يولىدىن مېڭىش كېرەكلىكىگە ئىشارەت بار.
  3. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ بۇ مەيدانىغا مۇكاپات يۈزىسىدىن غەلبە، ئىززەت ۋە غەنىيمەتنى بەردى. « ئاللاھ ئۇلارغا دۇنيانىڭ ساۋابىنى (يەنى دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى) ۋە ئاخىرەتنىڭ ئەڭ ياخشى مۇكاپاتىنى (يەنى جەننەت ۋە ئۇنىڭ نېمەتلىرىنى) ئاتا قىلدى »
  4. ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قىلغىنىنى ئېھسان، يەنى ياخشىلىق دەپ سۈپەتلىدى.

« ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ »

 

ئايەتلەرگە قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ تۇتقان مەيدانى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

  1. روھسىزلىنىشتىن، بوشىشىشتىن ۋە باش ئىگىشتىن يىراق بولۇش. (چۈنكى مۆئمىن ئاسمانلار ۋە زېمىن ئىلىكىدە بولغان زاتقىلا تايىنىدۇ).

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: « ئۇلار ئاللاھ يولىدا يەتكەن كۈلپەتلەردىن روھسىزلانمىدى، بوشاشمىدى، باش ئەگمىدى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى دوست تۇتىدۇ »

«بوشاشماق» ئىشقىلىش ۋە بىر ئىشقا قەدەم قويۇش كۈچىنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «ئاجىزلىق» جىسمانىي كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ زىددىدۇر (يەنى بەدەن ئاجىزلىقىدۇر). بۇ ئىككى سۆز بۇ يەردە مەجازى مەنىدە ئىشلىتىلگەن. بىرىنچىسى، ئىرادىنىڭ تۈگىشىشىگە ۋە ئىنسان قەلبى بىلەن ئوي-پىكىر دۇنياسىغا ئۈمىدسىزلىك ھېسلىرىنىڭ ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىرىشىگە بەكرەك يېقىن كېلىدۇ؛ ئىككىنچىسى بولسا، قارشىلىق كۆرسىتىشتىن تېزلا ۋاز كېچىشكە، ئاسانلا تەسلىم بولۇش ۋە قارشىلىق كۆرسىتىشتىن ۋاز كېچىشكە بەكرەك يېقىن كېلىدۇ. «الاستكانة» بولسا دۈشمەننىڭ ئالدىدا باش ئېگىش، خورلۇققا رازى بولۇپ ياشاش ۋە بويسۇنۇپ خار بولۇشتۇر. بۇ تۈرلەرنىڭ ئورۇن تەرتىپىمۇ دەل يۈز بېرىش تەرتىپى بويىچە ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان: چۈنكى دەسلەپتە ئىرادە پۈتۈنلەي سۇندىمۇ بەدەن ئەزالىرى تالىدۇ ۋە ئاجىزلىشىدۇ، ئۇنىڭ تۈپەيلىدىن تەسلىمىيەت يېتىپ كېلىدۇ، ئاندىن، تەسلىمىيەتكە ئەگىشىپلا دۈشمەننىڭ ئالدىدا باش ئېگىش ۋە خارلىق كېلىدۇ.

مۇئمىن بوشاشماسلىقى ۋە قايغۇرماسلىقى، ئاجىزلىق كۆرسەتمەسلىكى ۋە دۈشمەنگە باش ئەگمەسلىكى كېرەك. چۈنكى، ئۇ ئىمانى، ئىززىتى ۋە رەببىنىڭ ياردىمى بېلەن ئۈستۈن تۇرسا، قانداقمۇ بوشىشىپ قالسۇن.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَلَا تَهِنُوا۟ وَلَا تَحْزَنُوا۟ وَأَنتُمُ ٱلْأَعْلَوْنَ إِن كُنتُم مُّؤْمِنِينَ﴾

«(جىھادتىن) بوشىشىپ قالماڭلار، شېھىت بولغانلار ئۈچۈن قايغۇرماڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئۈستۈنلۈك قازىنىسىلەر»  [ئال ئىمران سۈرىسى 139-ئايەت]

قانداقمۇ بوشىشىپ، غەم-قايغۇغا چۆمسۇن، ھالبۇكى كاپىرلارغا باشقا ۋەقەلەردە ئۇلارغا ئوخشاش ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر مۇسىبەتلەر يەتكەن تۇرسا.

﴿إِن يَمْسَسْكُمْ قَرْحٌ فَقَدْ مَسَّ ٱلْقَوْمَ قَرْحٌ مِّثْلُهُۥ ۚ ….﴾
«ئەگەر سىلەرگە شىكەستىلىك يەتكەن بولسا (يەنى بۇ جەڭدە سىلەر يارىلانغان ۋە شەھىد بولغان بولساڭلار)، دۈشمەنلەرگىمۇ (بەدرى جېڭىدە) ئوخشاشلا شىكەستىلىك يەتتى (يەنى ئۇلار يارىلاندى ۋە ئۆلتۈرۈلدى). ..» [ئال ئىمران سۈرىسى 140-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى]

﴿أَوَلَمَّآ أَصَٰبَتْكُم مُّصِيبَةٌ قَدْ أَصَبْتُم مِّثْلَيْهَا قُلْتُمْ أَنَّىٰ هَٰذَا ۖ …ٌ﴾

«سىلەرگە يەتكەن مۇسىبەت سىلەر دۈشمەنگە يەتكۈزگەن مۇسىبەتنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان تۇرسا (يەنى ئۇھۇد غازىتىدا سىلەردىن 70 كىشى شېھىت بولغان تۇرسا، بەدرى غازىتىدا بولسا مۇشرىكلاردىن 70 كىشىنى ئۆلتۈرگەن، 70 كىشىنى ئەسىر ئالغان تۇرساڭلار)، سىلەر يەنە: «بۇ مۇسىبەت قەيەردىن كەلدى؟» دېدىڭلار. …» [ئال ئىمران سۈرىسى 165-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى]

دېمەك، ئۇلارغا مۇسۇلمانلارغا يەتكەن مۇسىبەتكە ئوخشاش، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ ئېغىر مۇسىبەت يەتكەن. مۇئمىنلەر بىلەن كاپىرلارنىڭ مۇسىبەتكە دۇچ كەلگەندىكى پەرقى شۇكى:

﴿….  ۖ وَتَرْجُونَ مِنَ ٱللَّهِ مَا لَا يَرْجُونَ ۗ …. ﴾

«….. سىلەر ئۇلار ئۈمىد قىلمايدىغان نەرسىنى (يەنى شېھىت بولۇشنى، ساۋابنى ۋە غەلىبىنى) ئاللاھتىن ئۈمىد قىلىسىلەر. ….» [نىسا سۈرىسى 104-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى]

مۇسۇلمان قانداقمۇ بوشىشىپ، غەم قايغۇغا چۆمسۇن؟ ھالبۇكى، ئۇ كاپىرلارنىڭ بەزى ۋاقىتلاردا مۆئمىنلەر ئۈستىدىن غالىپ كېلىشىنىڭ ئاللاھنىڭ جارى بولغان بىر سۈننىتى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاللاھنىڭ چوڭ ھېكمىتى بار، ئاقىۋەت تەقۋادارلارغا خاستۇر.

﴿… وَتِلْكَ ٱلْأَيَّامُ نُدَاوِلُهَا بَيْنَ ٱلنَّاسِ وَلِيَعْلَمَ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَيَتَّخِذَ مِنكُمْ شُهَدَآءَ ۗ وَٱللَّهُ لَا يُحِبُّ ٱلظَّٰلِمِينَ. وَلِيُمَحِّصَ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ وَيَمْحَقَ ٱلْكَٰفِرِينَ. أَمْ حَسِبْتُمْ أَن تَدْخُلُوا۟ ٱلْجَنَّةَ وَلَمَّا يَعْلَمِ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ جَٰهَدُوا۟ مِنكُمْ وَيَعْلَمَ ٱلصَّٰبِرِينَ﴾

«… بۇ كۈنلەرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىمىز (يەنى غەلىبىنى ھەمىشە بىر پىرقىدە قىلماي، بىر كۈن بۇ پىرقىدە، بىركۈن ئۇ پىرقىدە قىلىمىز)، (بۇ) ئاللاھنىڭ (ھەقىقىي) مۆمىنلەرنى (مۇناپىقلاردىن) ئايرىشى ئۈچۈندۇر، سىلەرنى شەھىدلەردىن قىلىشى (يەنى سىلەردىن بەزىلەرنى شەھىدلىك دەرىجىسىگە مۇشەررەپ قىلىشى) ئۈچۈندۇر، ـ ئاللاھ زالىملارنى دوست تۇتمايدۇ»
«مۆمىنلەرنى (ئۇلارغا يەتكەن مۇسىبەت ئارقىلىق) پاكلىشى ئۈچۈندۇر، كاپىرلارنى يوق قىلىشى ئۈچۈندۇر» «(ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) ئاللاھ سىلەردىن (ھەقىقىي) جىھاد قىلغانلارنى ۋە (جىھادنىڭ جاپا ـ مۇشەققەتلىرىگە) چىدىغۇچىلارنى بىلمەي (يەنى ئايرىماي) تۇرۇپ، (پەقەت ئاغزىڭلاردا ئىمان ئېيتتۇق دېيىش بىلەنلا) جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟»[ئال ئىمران سۈرىسى 140-142-ئايەتلەر]

﴿مَّا كَانَ ٱللَّهُ لِيَذَرَ ٱلْمُؤْمِنِينَ عَلَىٰ مَآ أَنتُمْ عَلَيْهِ حَتَّىٰ يَمِيزَ ٱلْخَبِيثَ مِنَ ٱلطَّيِّبِ ۗ ….﴾

«ئاللاھ ياماننى (يەنى مۇناپىقنى) ياخشىدىن (يەنى مۆمىندىن) ئايرىمىغىچە مۆمىنلەرنى (يەنى سىلەرنى) ھازىرقى پېتىڭلارچە قويمايدۇ. ….» [ئال ئىمران سۈرىسى 179-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى]

ھەقىقەتەن روھى مەغلۇبىيەت ئۈممەتكە دۈشمەنلىرى سالغان زىياندىنمۇ قاتتىقراق زىيان سالىدۇ. بۈگۈنكى ئىسلام ئۈممىتى دۈچ كېلىۋاتقان ئىللەتلەردىن بىرىمۇ مانا مۇشۇ. ئاللاھتىن ئىشلىرىمىزنى توغرا يولغا سېلىپ بېرىشىنى سورايمىز.

2- گۈزەل سەبىر قىلىش.

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿…۟ ۗ وَٱللَّهُ يُحِبُّ ٱلصَّٰبِرِينَ﴾

«…  ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى دوست تۇتىدۇ» [ئال ئىمران سۈرىسى 146-ئايەتنىڭ بىر قىسىمى]

بۇ ھەقتە ئىلگىرى تەپسىلىي توختالغان ئىدۇق.

3- نەپسىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۆز-ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش. بۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلىشتا ياكى ماددىي سەۋەبلەرنى تۇتۇشتا ئۆتكۈزگەن كەمچىللىكلىرىدىن ھېساب ئېلىشتۇر.

﴿وَمَا كَانَ قَوْلَهُمْ إِلَّآ أَن قَالُوا۟ رَبَّنَا ٱغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا وَإِسْرَافَنَا فِىٓ أَمْرِنَا وَثَبِّتْ أَقْدَامَنَا وَٱنصُرْنَا عَلَى ٱلْقَوْمِ ٱلْكَٰفِرِينَ﴾

«ئۇلارنىڭ سۆزى پەقەت: «پەرۋەردىگارىمىز! گۇناھلىرىمىزنى، ئىشىمىزدا چەكتىن ئاشقانلىقىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن ۋە كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېگەندىن باشقا بولمىدى» [ئال ئىمران سۈرىسى 147-ئايەت]

ئۇلار مەغلۇبىيەت ۋە مۇسىبەتلەرگە يولۇققاندىمۇ ئاللاھقا بولغان ۋەدىسى ۋە توغرىلىقتىن ھېچ تەۋرەنمىگەن. بەلكى، ئۇلار ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ ياردەم بېرىدىغانلىقىغا چىن پۈتكەن. نۇسرەتنىڭ ئۇلاردىن كېچىكىشىدە چوقۇم بىر سەۋەب بار دەپ قاراپ، ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ھەقلىرىنى جايىدا ئادا قىلالمىغانلىقتىن ئەيىبلىگەن.

«پەرۋەردىگارىمىز! گۇناھلىرىمىزنى، ئىشىمىزدا چەكتىن ئاشقانلىقىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن،

گۇناھ-مەئسىيەتلەر بەندىنىڭ ئاللاھقا ئەڭ مۇھتاج بولغاندا مەھرۇم قىلىنىشقا سەۋەب بولىدۇ.

﴿إِنَّ ٱلَّذِينَ تَوَلَّوْا۟ مِنكُمْ يَوْمَ ٱلْتَقَى ٱلْجَمْعَانِ إِنَّمَا ٱسْتَزَلَّهُمُ ٱلشَّيْطَٰنُ بِبَعْضِ مَا كَسَبُوا۟ ۖ …﴾
«ئىككى قوشۇن (يەنى مۇسۇلمانلار بىلەن مۇشرىكلار) بىر ـ بىرى بىلەن ئۇچراشقان كۈندە، ئىچىڭلاردىكى (جەڭدىن) ھەقىقەتەن يۈز ئۆرۈگەن كىشىلەرنى، بەزى قىلمىشلىرى (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە مۇخالىپەتچىلىك قىلغانلىقى) تۈپەيلىدىن، شەيتان تېيىلدۇرۇشقا ئۇرۇندى….» [ئال ئىمران سۈرىسى 155-ئايەت]

ئاللاھ ئۇلارنى قىلغانلىرىنىڭ بىر قىسمى سەۋەبىدىن جازالىغان. ئەگەر قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى سەۋەبلىك جازالىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ھالى قانداق بولاتتى؟

﴿أَوَلَمَّآ أَصَٰبَتْكُم مُّصِيبَةٌ قَدْ أَصَبْتُم مِّثْلَيْهَا قُلْتُمْ أَنَّىٰ هَٰذَا ۖ قُلْ هُوَ مِنْ عِندِ أَنفُسِكُمْ ۗ إِنَّ ٱللَّهَ عَلَىٰ كُلِّ شَىْءٍ قَدِيرٌ﴾
«سىلەرگە يەتكەن مۇسىبەت سىلەر دۈشمەنگە يەتكۈزگەن مۇسىبەتنىڭ يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان تۇرسا (يەنى ئۇھۇد غازىتىدا سىلەردىن 70 كىشى شېھىت بولغان تۇرسا، بەدرى غازىتىدا بولسا مۇشرىكلاردىن 70 كىشىنى ئۆلتۈرگەن، 70 كىشىنى ئەسىر ئالغان تۇرساڭلار)، سىلەر يەنە: «بۇ مۇسىبەت قەيەردىن كەلدى؟» دېدىڭلار. ئېيتقىنكى، «ئۇ سىلەرنىڭ ئۆزلىرىڭلاردىن (يەنى پەيغەمبەرنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىڭلار ۋە غەنىيمەتكە ھېرىس بولغانلىقىڭلاردىن) بولدى». ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر» [ئال ئىمران سۈرىسى 165-ئايەت]

ئىتائەت – ئاللاھ تائالانىڭ بەندىسىنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە سابىت قەدەم قىلىشىنىڭ سەۋەبى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يُثَبِّتُ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ بِٱلْقَوْلِ ٱلثَّابِتِ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا وَفِى ٱلْـَٔاخِرَةِ ۖ وَيُضِلُّ ٱللَّهُ ٱلظَّٰلِمِينَ ۚ وَيَفْعَلُ ٱللَّهُ مَا يَشَآءُ﴾

«ئاللاھ مۆمىنلەرنى مۇستەھكەم ئىمان بىلەن دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە مەھكەم تۇرغۇزىدۇ. ئاللاھ زالىملارنى گۇمراھ قىلىدۇ، ئاللاھ خالىغىنىنى قىلىدۇ» (ئىبراھىم سۈرىسى 27-ئايەت)

﴿وَلَوْ أَنَّا كَتَبْنَا عَلَيْهِمْ أَنِ ٱقْتُلُوٓا۟ أَنفُسَكُمْ أَوِ ٱخْرُجُوا۟ مِن دِيَٰرِكُم مَّا فَعَلُوهُ إِلَّا قَلِيلٌ مِّنْهُمْ ۖ وَلَوْ أَنَّهُمْ فَعَلُوا۟ مَا يُوعَظُونَ بِهِۦ لَكَانَ خَيْرًا لَّهُمْ وَأَشَدَّ تَثْبِيتًا﴾
«ئەگەر بىز ئۇلارغا: «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردىن چىقىپ كېتىڭلار» دەپ ئەمر قىلغان بولساق (يەنى ئىلگىرىكىلەرگە يۈكلىگەندەك ئېغىر تەكلىپنى ئۇلارغا يۈكلىسەك) ئىدۇق، ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى بۇنى ئىجرا قىلمايتتى. ئەگەر ئۇلار قىلىنغان ۋەز ـ نەسىھەتكە ئەمەل قىلسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ياخشى بولاتتى ۋە ئىمانى مۇستەھكەم بولغان بولاتتى (گۇمراھلىق ۋە نىفاقتىن ئەڭ يىراق بولغان بولاتتى)» (نىسا سۈرىسى 66-ئايەت)

نەپسىنى تۈزىتىش غەلبىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرىدۇر. شۇڭا بۇ ھەقتىكى سۆز بەدىر غازىتى ھەققىدە بايان قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ ئارىسىدا كەلگەن. گويا بەدىر كۈنىدىكى غەلبىنىڭ سەۋەبى ئاللاھقا بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش ۋە چەكلىگەنلىرىن يېنىش ئارقىلىق ئىتائەت قىلغانلىقتىن بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلغاندەك.

ئاللاھ تائالا ئەنفال سۈرىسىدە مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ أَطِيعُوا۟ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَلَا تَوَلَّوْا۟ عَنْهُ وَأَنتُمْ تَسْمَعُونَ﴾﴿وَلَا تَكُونُوا۟ كَٱلَّذِينَ قَالُوا۟ سَمِعْنَا وَهُمْ لَا يَسْمَعُونَ﴾﴿إِنَّ شَرَّ ٱلدَّوَآبِّ عِندَ ٱللَّهِ ٱلصُّمُّ ٱلْبُكْمُ ٱلَّذِينَ لَا يَعْقِلُونَ﴾﴿وَلَوْ عَلِمَ ٱللَّهُ فِيهِمْ خَيْرًا لَّأَسْمَعَهُمْ ۖ وَلَوْ أَسْمَعَهُمْ لَتَوَلَّوا۟ وَّهُم مُّعْرِضُونَ﴾﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ ٱسْتَجِيبُوا۟ لِلَّهِ وَلِلرَّسُولِ إِذَا دَعَاكُمْ لِمَا يُحْيِيكُمْ ۖ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ يَحُولُ بَيْنَ ٱلْمَرْءِ وَقَلْبِهِۦ وَأَنَّهُۥٓ إِلَيْهِ تُحْشَرُونَ﴾﴿وَٱتَّقُوا۟ فِتْنَةً لَّا تُصِيبَنَّ ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ مِنكُمْ خَآصَّةً ۖ وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّ ٱللَّهَ شَدِيدُ ٱلْعِقَابِ﴾﴿وَٱذْكُرُوٓا۟ إِذْ أَنتُمْ قَلِيلٌ مُّسْتَضْعَفُونَ فِى ٱلْأَرْضِ تَخَافُونَ أَن يَتَخَطَّفَكُمُ ٱلنَّاسُ فَـَٔاوَىٰكُمْ وَأَيَّدَكُم بِنَصْرِهِۦ وَرَزَقَكُم مِّنَ ٱلطَّيِّبَٰتِ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ﴾﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ لَا تَخُونُوا۟ ٱللَّهَ وَٱلرَّسُولَ وَتَخُونُوٓا۟ أَمَٰنَٰتِكُمْ وَأَنتُمْ تَعْلَمُونَ﴾﴿وَٱعْلَمُوٓا۟ أَنَّمَآ أَمْوَٰلُكُمْ وَأَوْلَٰدُكُمْ فِتْنَةٌ وَأَنَّ ٱللَّهَ عِندَهُۥٓ أَجْرٌ عَظِيمٌ﴾﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِن تَتَّقُوا۟ ٱللَّهَ يَجْعَل لَّكُمْ فُرْقَانًا وَيُكَفِّرْ عَنكُمْ سَيِّـَٔاتِكُمْ وَيَغْفِرْ لَكُمْ ۗ وَٱللَّهُ ذُو ٱلْفَضْلِ ٱلْعَظِيمِ﴾﴿وَإِذْ يَمْكُرُ بِكَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ لِيُثْبِتُوكَ أَوْ يَقْتُلُوكَ أَوْ يُخْرِجُوكَ ۚ وَيَمْكُرُونَ وَيَمْكُرُ ٱللَّهُ ۖ وَٱللَّهُ خَيْرُ ٱلْمَٰكِرِينَ﴾

«ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، سىلەر (قۇرئاننى) ئاڭلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمەڭلار» «ئاڭلىماي تۇرۇپ ئاڭلىدۇق دېگەن كىشىلەرنى (يەنى كاپىرلارنى) دورىماڭلار»«شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى (ھەقنى ئاڭلىماي) گاس بولۇۋالغان، (ھەقنى سۆزلىمەي) گاچا بولۇۋالغان، (ياخشى ـ ياماننى پەرق ئەتمەي) ئەقلىنى ئىشلەتمەيدىغان كىشىلەردۇر» «ئەگەر ئاللاھ ئۇلاردا بىرەر ياخشىلىق بار دەپ بىلسە ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا (ھەقنى) ئاڭلىتاتتى؛ ئۇلارغا ئاڭلاتقان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ھەقتىن ئەلۋەتتە يۈز ئۆرۈگەن ھالدا باش تارتاتتى» «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان (يەنى ئەبەدىي ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان) ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، ئاللاھ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولالايدۇ (يەنى كىشىنىڭ دىلىنى ئىگىسىنىڭ خاھىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆز خاھىشى بويىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ). (قىيامەت كۈنى) سىلەر ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر» «سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى زۇلۇم قىلغانلارنىڭ بېشىغا كېلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغان بالا ـ قازادىن ساقلىنىڭلار، بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ئازابى قاتتىقتۇر» «ياد ئېتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر (مەككە) زېمىنىدا ئاز سانلىق بولۇپ، بوزەك قىلىنغان ئىدىڭلار، كىشىلەر (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ تالان ـ تاراج قىلىشىدىن قورقاتتىڭلار ، شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرنى (مەدىنىدە) يەرلەشتۈردى، (بەدرى ئۇرۇشىدا) ئۆز ياردىمى بىلەن سىلەرنى كۈچلەندۈردى. سىلەرگە ھالال نەرسىلەر (يەنى غەنىيمەتلەر) نى رىزىق قىلىپ بەردى» «ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە خىيانەت قىلماڭلار، سىلەرگە قويۇلغان ئامانەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىيانەت قىلماڭلار»«بىلىڭلاركى، سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار سىلەر ئۈچۈن بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا چوڭ ساۋاب بار» «ئى مۆمىنلەر! ئەگەر ئاللاھتىن قورقساڭلار، ئاللاھ سىلەرگە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىيدىغان ھىدايەت ئاتا قىلىدۇ، گۇناھىڭلارنى كەچۈرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ. ئاللاھ كاتتا پەزل ئىگىسىدۇر» «(ئى مۇھەممەد!) ئۆز ۋاقتىدا كاپىرلار سېنى قاماققا ئېلىش ياكى ئۆلتۈرۈش ۋە ياكى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن مىكىر ئىشلەتتى، ئۇلار مىكىر ئىشلىتىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ مىكرىنى بەربات قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ تەدبىرى ئۇلارنىڭ مىكرىدىن ئۈنۈملۈكتۇر» (ئەنفال سۈرىسى 20-30-ئايەتلەر)

بۇ رەببانىي ئۆلىمالار ئېتىراپ قىلغان كەمچىللىك – ئاللاھنىڭ ھەققىدە كەمچىللىك ئۆتكۈزۈش بىلەن بىللە، جەڭ تەييارلىقى، جەڭ تەرتىبى ياكى دۈشمەندىن ئېھتىيات قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرى ۋە تۈزۈمىدىكى كەمچىلىكنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. بۇ ئايەتتىكى « ئىشىمىزدا چەكتىن ئاشقانلىقىمىزنى..» دېگەن سۆزدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.

يەنى ئۇلار دۈشمەن بىلەن بولغان جەڭدە ئۆزلىرىگە يەتكەن مەغلۇبىيەتنىڭ ئىككى سەۋەبتىن كېلىپ چىققان بولۇشىدىن ئەندىشە قىلغان: ئىچكى سەۋەب – گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا غەزەب قىلىشى؛ تاشقى سەۋەب- تەييارلىق ۋە ئېھتىياتتا كەمچىللىك قىلىشتۇر. ئايەتنىڭ ئىككى تەرەپكە دالالەت قىلىشى سەۋەبىدىن، پەقەت بىرىنچى سەۋەبكىلا چەكلەپ قويۇشتىن كۆرە، ھەر ئىككىلى تەرەپنى چۈشەندۈرۈش تېخىمۇ مۇۋاپىقتۇر.

4- دۇئا قىلىش ۋە ئاللاھقا سېغىنىش:

﴿وَمَا كَانَ قَوْلَهُمْ إِلَّآ أَن قَالُوا۟ رَبَّنَا ٱغْفِرْ لَنَا ذُنُوبَنَا وَإِسْرَافَنَا فِىٓ أَمْرِنَا وَثَبِّتْ أَقْدَامَنَا وَٱنصُرْنَا عَلَى ٱلْقَوْمِ ٱلْكَٰفِرِينَ﴾
«ئۇلارنىڭ سۆزى پەقەت: «پەرۋەردىگارىمىز! گۇناھلىرىمىزنى، ئىشىمىزدا چەكتىن ئاشقانلىقىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن ۋە كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېگەندىن باشقا بولمىدى» [ئال ئىمران سۈرىسى 147-ئايەت]

مانا بۇ مۆئمىنلەرنىڭ ئىشىدۇر، ئۇلار رەببىگىلا سېغىنىدۇ، غەلبە ۋە نۇسرەتنى بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايدۇ. بارلىق كۈچ-قۇۋۋەت پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمىدىن كېلىدۇ.

﴿فَلَمَّا فَصَلَ طَالُوتُ بِٱلْجُنُودِ قَالَ إِنَّ ٱللَّهَ مُبْتَلِيكُم بِنَهَرٍ فَمَن شَرِبَ مِنْهُ فَلَيْسَ مِنِّى وَمَن لَّمْ يَطْعَمْهُ فَإِنَّهُۥ مِنِّىٓ إِلَّا مَنِ ٱغْتَرَفَ غُرْفَةًۢ بِيَدِهِۦ ۚ فَشَرِبُوا۟ مِنْهُ إِلَّا قَلِيلًا مِّنْهُمْ ۚ فَلَمَّا جَاوَزَهُۥ هُوَ وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مَعَهُۥ قَالُوا۟ لَا طَاقَةَ لَنَا ٱلْيَوْمَ بِجَالُوتَ وَجُنُودِهِۦ ۚ قَالَ ٱلَّذِينَ يَظُنُّونَ أَنَّهُم مُّلَٰقُوا۟ ٱللَّهِ كَم مِّن فِئَةٍ قَلِيلَةٍ غَلَبَتْ فِئَةً كَثِيرَةًۢ بِإِذْنِ ٱللَّهِ ۗ وَٱللَّهُ مَعَ ٱلصَّٰبِرِينَ﴾﴿وَلَمَّا بَرَزُوا۟ لِجَالُوتَ وَجُنُودِهِۦ قَالُوا۟ رَبَّنَآ أَفْرِغْ عَلَيْنَا صَبْرًا وَثَبِّتْ أَقْدَامَنَا وَٱنصُرْنَا عَلَى ٱلْقَوْمِ ٱلْكَٰفِرِينَ﴾

«تالۇت ئەسكەرلىرى بىلەن (بەيتۇلمۇقەددەستىن) ئايرىلغان چاغدا: «ئاللاھ سىلەرنى بىر دەريا بىلەن سىنايدۇ، كىمكى ئۇنىڭدىن ئىچىدىكەن، ئۇ ماڭا تەۋە ئەمەس، كىمكى دەريا سۈيىنى تېتىمايدىكەن، ئۇ ھەقىقەتەن ماڭا تەۋەدۇر، ئۇنىڭدىن (ئۇسسۇزلۇقىنى بىرئاز بېسىش ئۈچۈن) بىر ئۇچۇم ئىچكەن ئادەم (بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلغان بولمايدۇ)» دېدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئازغىنا كىشىدىن باشقا ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئىچتى. تالۇت ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقان كىشىلەر دەريادىن ئۆتكەن چاغدا (دۈشمەننىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ قورقۇنچقا چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى): «بۈگۈن بىزنىڭ جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا كۈچىمىز يەتمەيدۇ» دېدى. (تالۇتنىڭ تەۋەلىرىدىن) ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشقا ئىشىنىدىغانلار: «ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاز جامائە كۆپ جامائە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ» دېدى. ئاللاھ بەرداشلىق بەرگۈچىلەر بىلەن بىللىدۇر» «ئۇلار جالۇت ۋە ئۇنىڭ ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇچراشقان چاغدا: «پەرۋەردىگارىمىز! (قەلبىمىزنى) چىدامچانلىق بىلەن تولدۇرغىن، قەدەملىرىمىزنى (ئۇرۇش مەيدانىدا) مۇستەھكەم قىلغىن، كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېدى» (بەقەرە سۈرىسى 249-250-ئايەتلەر)

بەدىر غازىتىدىمۇ مۆئمىنلەر شۇنداق قىلغان، ئاللاھ ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغان:

﴿إِذْ تَسْتَغِيثُونَ رَبَّكُمْ فَٱسْتَجَابَ لَكُمْ أَنِّى مُمِدُّكُم بِأَلْفٍ مِّنَ ٱلْمَلَٰٓئِكَةِ مُرْدِفِينَ﴾
«ئۆز ۋاقتىدا (دۇئا قىلىپ) پەرۋەردىگارىڭلاردىن ياردەم تىلىدىڭلار، ئاللاھ :«سىلەرگە ئارقىمۇ ـ ئارقا (چۈشىدىغان) مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىمەن» دەپ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلدى»

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەدىر جېڭىدىن بۇرۇن چىدىردا رەببىگە ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلغان، ھەتتا ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتقان.

بۈگۈن، ئۈممەت دۈچ كېلىۋاتقان بۇ مۇسىبەتلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىنى توتۇشقا نەقەدەر ئېھتىياجلىق ھە! ئۈممەت رەببىگە يالۋۇرۇپ، ئۇنىڭغا سېغىنىپ، ئۆزىنىڭ مۇھتاجلىقىنى، ئاجىزلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ دۇئا قىلغاندا، بەلكىم رەببىمىزنىڭ رەھمەت نەزرىگە ئېرىشىپ، غەملىرىمىزنى كۆتۈرۈپ، قىيىنچىلىقلىرىمىزنى كۆتۈرۈۋېتەر.

 

ئالتىنچى سەۋەب: كاپىرلارنى دوست تۇتماسلىق ۋە ئۇلارغا مايىل بولماسلىق

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِن تُطِيعُوا۟ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ يَرُدُّوكُمْ عَلَىٰٓ أَعْقَٰبِكُمْ فَتَنقَلِبُوا۟ خَٰسِرِينَ﴾﴿بَلِ ٱللَّهُ مَوْلَىٰكُمْ ۖ وَهُوَ خَيْرُ ٱلنَّٰصِرِينَ﴾

«ئى مۆمىنلەر! ئەگەر سىلەر كاپىرلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، ئۇلار سىلەرنى ئارقاڭلارغا (يەنى كۇفرىغا) ياندۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتىپ قالىسىلەر» «ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار سىلەرنىڭ ئىتائەت قىلىدىغان مەدەتكارىڭلار ئەمەس)، ئاللاھ سىلەرنىڭ مەدەتكارىڭلاردۇر (ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار)، ئۇ ياردەم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر» (ئال ئىمران سۈرىسى 149-150-ئايەت)

بۇ ئىككى ئايەت ئوھود غازىتى ھەققىدىكى ئايەتلەرنىڭ ئارىسىدا كەلگەن بولۇپ، مۇسۇلمانلارنى كاپىرلانى دوست تۇتۇش ۋە ئۇلارغا تايىنىش ھەققىدە ئويلىنىشتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ، مەيلى ئۇلار كاپىرلىقىنى ئاشكارا قىلغان كاپىرلار بولسۇن ياكى مۇناپىقلار بولسۇن.

قىيىنچىلىق قانچىلىك ئېغىر بولسۇن، مۇسىبەت قانچە چوڭ بولسىمۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ كاپىرلارغا مايىل بولۇپ، ياردەم تەلەپ قىلىشى جائىز ئەمەس. چۈنكى بۇنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن ياماندۇر:

«ئۇلار سىلەرنى ئارقاڭلارغا (يەنى كۇفرىغا) ياندۇرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن زىيان تارتىپ قالىسىلەر».

بۇ دۇنيادىكى زىياندۇر. مەغلۇبىيەت ۋاقتىدا بەزى ئاجىز نەپىس ئىگىلىرى كاپىرلارنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرگە كۆز تىكىپ، ئىززەتنى ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئىزدەيدۇ. كىم مۇشۇنداق ھالغا چۈشۈپ قالسا، ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئەسلىسۇن:

«ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار سىلەرنىڭ ئىتائەت قىلىدىغان مەدەتكارىڭلار ئەمەس)، ئاللاھ سىلەرنىڭ مەدەتكارىڭلاردۇر (ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىڭلار)، ئۇ ياردەم قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر»

تارىختا ئەندەلوس مۇسۇلمانلىرى ناسارالارغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇلارنى دوست تۇتۇپ، ئۇلارغا تايانغان چاغدا نېمىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى بۇنىڭ روشەن مىسالىدۇر.

 

يەتتىنچى سەۋەب: سۆز بىرلىكى

سۆز بىرلىكى پارچىلىنىشقا، كۈچنىڭ كېتىشىگە ۋە دۈشمەنلەرنىڭ قەلبىدىكى ھەيۋەتنىڭ يۇقىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

﴿وَأَطِيعُوا۟ ٱللَّهَ وَرَسُولَهُۥ وَلَا تَنَٰزَعُوا۟ فَتَفْشَلُوا۟ وَتَذْهَبَ رِيحُكُمْ ۖ وَٱصْبِرُوٓا۟ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلصَّٰبِرِينَ﴾
«(پۈتۈن سۆز- ھەرىكەتلىرىڭلاردا) ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، بولمىسا، (دۈشمەن بىلەن ئۇچرىشىشتىن) قورقۇپ قالىسىلەر، كۈچ ـ قۇۋۋىتىڭلار كېتىپ قالىدۇ؛ سەۋر قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر»

بەلكى، ئىختىلاپ بەزىدە غەلبىنى مەغلۇبىيەتكە ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن.
﴿سَنُلْقِى فِى قُلُوبِ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ ٱلرُّعْبَ بِمَآ أَشْرَكُوا۟ بِٱللَّهِ مَا لَمْ يُنَزِّلْ بِهِۦ سُلْطَٰنًا ۖ وَمَأْوَىٰهُمُ ٱلنَّارُ ۚ وَبِئْسَ مَثْوَى ٱلظَّٰلِمِينَ﴾
«ئاللاھ (ئىلاھلىقى) ھەققىدە ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى (يەنى بۇتلارنى) ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، كاپىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمىز، ئۇلارنىڭ بارىدىغان جايى دوزاختۇر، زالىملارنىڭ جايى (يەنى دوزاخ) ھەقىقەتەن يامان جايدۇر»

بۈگۈن بىز سۆز بىرلىكىگە كېلىشكە ۋە سەپلەرنى مۇستەھكەم قىلىشقا، بارلىق ئىمكانىيىتىمىزدىن توغرا پايدىلىنىشقا، ئىجتىھادىي ئىختىلاپ ياكى ئىسلامدىن چىقىرىۋەتمەيدىغان قەتئىي ئىختىلاپ سەۋەبتىن پەيدا بولغان ھەر قانداق بۆلۈنۈشنى تاشلاشقا ئىنتايىن ئېھتىياجلىق. چۈنكى، بىزنىڭ ئالدىمىزدا زىرائەتلەرنى ۋە نەسىلنى ھالاك قىلىشنى كۆزلەيدىغان چوڭ دۈشمەن بار. شۇڭا بىزنىڭ ئۇششاق يوللار (كىچىك ئىشلار) نى تاشلاشقا نەقەدەر ئېھتىياجىمىز بار ھە! ئاللاھتىن ياردەم سورايمىز.

 

سەككىزىنچى سەۋەب: ئاللاھقا مۇكەممەل ئىمان كەلتۈرۈش

بۇ بارلىق سەۋەبلەرنىڭ جەملىمىسىدۇر. ئەگەر بۇ ئەمەليلەشسە، غەلبىنىڭ باشقا سەۋەبلىرى چوقۇم ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا كىتابىنىڭ كۆپ جايلىرىدا نۇسرەت، تەمكىن (كۈچ-قۇۋۋەت، ھاكىمىيەت)، خەلىپىلىكنى ۋەدە قىلغان.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَكَانَ حَقًّا عَلَيْنَا نَصْرُ ٱلْمُؤْمِنِينَ

مۆمىنلەرگە ياردەم قىلىش بىزگە تېگىشلىك بولدى.  (رۇم سۈرىسى 47-ئايەت)

 

إِنَّا لَنَنصُرُ رُسُلَنَا وَٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ فِى ٱلْحَيَوٰةِ ٱلدُّنْيَا وَيَوْمَ يَقُومُ ٱلْأَشْهَـٰدُ

شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبىرىمىزگە، مۆمىنلەرگە ھاياتىي دۇنيادا ۋە (پەرىشتە، پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەردىن بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھ بولىدىغان) گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان كۈندە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز. (غافىر سۈرىسى 51-ئايەت)

وَأَنَّ ٱللَّهَ مَعَ ٱلْمُؤْمِنِينَ

ئاللاھ ھەقىقەتەن مۆمىنلەر بىلەن بىللىدۇر. (سۈرە ئەنفال 19-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

بۇ ئىيمان ئاللاھ تائالاغا تولۇق قۇلچىلىق قىلىشنى ۋە ئىسلامغا پۈتۈنلەي كىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئەمەلىيلىشىدىغان ھەقىقىي ئىمان ئىنساننىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، بارلىق ھەرىكەتلىرىنى بىرلا نىشانغا قارىتىدىغان ئۇلۇغ بىر ھەقىقەتتۇر. بۇ ئىمان قەلبتە مۇستەھكەم ئورۇنلاشسا دەرھال ئەمەل، ھەرىكەت، قۇرۇش ۋە بەرپا قىلىش شەكلىدە، بۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت ئاللاھ ئۈچۈنلا بولغان ھالەتتە ئۆزىنى نامايان قىلىدۇ. بۇلارنى قىلغۇچى بۇ ئىشلار ئارقىلىق پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنىلا كۆزلەيدۇ. بۇ ئىمان چوڭ-كىچىك ھەر قانداق ئىشتا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش ۋە بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش بولۇپ، بۇنداق ئىمان بولغان يەردە نەپىستە ھاۋايى ھەۋەسكە، قەلىبتە شەھۋەتكە ئورۇن قالمايدۇ، فىترەتتە ئاللاھتىن باشقا تەرەپكە مايىللىق قالمايدۇ. بەلكى ئۇ ئىنساننىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قەلبنىڭ ھەرىكەتلىرى، روھنىڭ ئىنتىلىشلىرى، فىترەتنىڭ مايىللىقلىرى، ئەزالارنىڭ ھەرىكەتلىرى، رەببى بىلەن، ئائىلىسى بىلەن ۋە بارلىق ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇئامىلىسى – ھەممىسى ئاللاھقا يۈزلەنگەن بولىدۇ. شۇ چاغدا ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ئەمەلىيلىشىدۇ.

وَعَدَ ٱللَّهُ ٱلَّذِينَ ءَامَنُوا۟ مِنكُمْ وَعَمِلُوا۟ ٱلصَّـٰلِحَـٰتِ

ئاللاھ ئىچىڭلاردىكى ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان كىشىلەرگە ۋەدە قىلدى.. (نۇر سۈرىسى 55-ئايەتنىڭ بىر قىسمى)

 

توققۇزىنجى سەۋەب: ماددىي سەۋەبلەرگە ئەمەل قىلىش

ئاللاھ تائالانىڭ بۇ ئايىتىنىڭ مەنىسىنى ئويلاپ باقايلى:

وَلَا يَحْسَبَنَّ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ سَبَقُوٓا۟ ۚ إِنَّهُمْ لَا يُعْجِزُونَ . وَأَعِدُّوا۟ لَهُم مَّا ٱسْتَطَعْتُم مِّن قُوَّةٍۢ وَمِن رِّبَاطِ ٱلْخَيْلِ تُرْهِبُونَ بِهِۦ عَدُوَّ ٱللَّهِ وَعَدُوَّكُمْ وَءَاخَرِينَ مِن دُونِهِمْ لَا تَعْلَمُونَهُمُ ٱللَّهُ يَعْلَمُهُمْ ۚ وَمَا تُنفِقُوا۟ مِن شَىْءٍۢ فِى سَبِيلِ ٱللَّهِ يُوَفَّ إِلَيْكُمْ وَأَنتُمْ لَا تُظْلَمُونَ

كاپىرلار ئىلگىرىلەپ كەتتۇق دەپ ئويلىمىسۇن، ئۇلار ھەرگىز ئاللاھنى ئاجىز قالدۇرالمايدۇ. دۈشمەنلىرىڭلار (بىلەن ئۇرۇش قىلىش) ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار، بۇنىڭ بىلەن، ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا سىلەر بىلمەيدىغان، ئاللاھ بىلىدىغان دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر سىلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغىنىڭلار مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى بۇ ساۋابتىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ). (ئەنفال سۈرىسى 59-60-ئايەتلەر)

بىرىنچى ئايەتتە مۇشرىكلارنىڭ كۈچى، تەييارلىقى ۋە ئمكانىيەتلىرى قانچىلىك دەرىجىگە يەتسۇن، ئاللاھنى ئاجىز قالدۇرالمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.  ئەمما، ئاللاھ بۇنىڭدىن كېيىنلا « دۈشمەنلىرىڭلار (بىلەن ئۇرۇش قىلىش) ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار» دەپ بۇيرۇغان. بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ كاپىرلارنى ھېچقانداق ھەرىكەت قىلماستىن ۋە سەۋەبلەرنى قوللانمايلا مەغلۇپ قىلىمىز دەپ ئويلاپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر. بەلكى، چوقۇم ھەرىكەت قىلىش، تەييارلىق قىلىش ۋە ماددىي سەۋەبلەرنى قوللىنىش كېرەك، مانا بۇلار ئاللاھ تائالانىڭ كاپىرلارنى ئاجىز قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

ئايەتتىكى «قولۇڭلاردىن كېلىشىچە» دېگەن ئىبارە ئىمكانىيەت دائىرىسىدىكى ھەر قانداق تەييارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ، تەييارلىق يولىدا بەدەنىي بولسۇن، ئەقلىي بولسۇن ياكى باشقا تۈرلۈك جەھەتتىن بولسۇن، كۈچ ۋە ئىمكانىيەتنى تولۇق سەرپ قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئايەتتىكى «كۈچ» دېگەن سۆز نەكىرە (ئېنىقسىز) ھالدا مۇسبەت جۈملىدە كەلگەن بولۇپ، مەنىسى ئومۇمىيلىقنى كۆرسىتىدۇ. يەنى بۇ، ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا پايدىلىق بولغان ۋە دۈشمەنلىرىنى قورقىتىشقا يارايدىغان ھەر قانداق كۈچ-قۇۋۋەتنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىگە زامانىۋى شەكىللىرى بىلەن ھەربىي كۈچ، سىياسىي كۈچ، پىكىر كۈچى، ئاخبارات كۈچى، تەلىم-تەربىيە كۈچى، ئىقتىسادىي كۈچ، تېخنىكا كۈچى ۋە باشقا شۇنىڭغا ئوخشاش كۈچلەر كىرىدۇ.

بۇ ئايەتتە — ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر — دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئورۇن، ھەيۋەت، خەلقئارا يىغىنلاردا سۆز-پىكىرنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنىشى قاتارلىق ئىشلار پەقەت ئىسلام دۆلىتى ئۆزىنىڭ قۇرۇلۇشىدا يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ھەر خىل شەكىلدىكى كۈچكە تايانغاندىلا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىغا ئىشارە بار. بۇ مەنا ئايەتنىڭ تەرتىپىدىنمۇ كۆرۈلىدۇ:

«دۈشمەنلىرىڭلار (بىلەن ئۇرۇش قىلىش) ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار، بۇنىڭ بىلەن، ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا سىلەر بىلمەيدىغان، ئاللاھ بىلىدىغان دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر سىلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغىنىڭلار مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى بۇ ساۋابتىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ»

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «قۇۋۋەت»نى ئۈچ قېتىم «ئوق ئېتىش» دەپ تەفسىر قىلغانلىقىنى ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. بۇنىڭ مەنىسى شۇكى، ئوق ئېتىش شۇ دەۋردە كۈچنىڭ ئەڭ مۇكەممەل ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالى ئىدى. بۇ، كۈچنى پەقەت ئوق ئېتىش قورالىغىلا چەكلەش دېگەنلىك ئەمەس.

بۇ كۈچ تەييارلىقى كۈچ، ۋاقىت ۋە مال سەرپ قىلىشنى، شۇنداقلا بەدەنىي، ئەقلىي، مەنەۋىي ۋە باشقا تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارنى تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا، نەپسلەر تەبىئىتى بويىچە بېخىل، ئۆز ھاۋايى-ھەۋىسى ۋە شەخسىي مەنپەئەتلىرىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتنىڭ ئاخىرىدا ئۇلارغا مۇنداق ئەسكەرتتى:

 

«ئاللاھ يولىدا نېمە سەرپ قىلساڭلار، ئۇ سىلەرگە تولۇق قايتۇرۇلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ»

 

دېمەك، كىشى سەرپ قىلغان ھەر بىر نەرسە، قانچىلىك كىچىك ۋە نازۇك بولسىمۇ، ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا ساقلىنىدۇ. ئايەتتىكى «نەرسە» دېگەن سۆز مۇسبەت جۈملە ئىچىدە نەكىرە ھالەتتە كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسىنىڭ ئومۇمىيلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا ئۇ مال بولسۇن، ۋاقىت بولسۇن، ئىلىم بولسۇن، كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن — ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىنغان ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاللاھتىن بىزنى دىنىنىڭ ياردەمچىلىرىدىن قىلىشىنى سورايمىز.

بۇ سەۋەبلەرنى تولۇق ئورۇنداش بىلەن بىللە مۇسۇلماننىڭ قەلبى پەقەت ئاللاھ تائالاغىلا باغلىنىشى كېرەك. چۈنكى بارلىق ئىشلار ئاللاھنىڭ قولىدىدۇر؛ ئۇ ئۇلارنى ئۆزى خالىغانچە باشقۇرىدۇ.

 

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَمَا جَعَلَهُ ٱللَّهُ إِلَّا بُشْرَىٰ وَلِتَطْمَئِنَّ بِهِۦ قُلُوبُكُمْ ۚ وَمَا ٱلنَّصْرُ إِلَّا مِنْ عِندِ ٱللَّهِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ

ئاللاھ سىلەرگە پەقەت (غەلىبە قىلىدىغانلىقىڭلارغا) بېشارەت بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈنلا ياردەم بەردى. ياردەم پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىنلا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. (ئەنفال سۈرىسى 10- ئايەت)

يەنە مۇنداق دەيدۇ:

إِن يَنصُرْكُمُ ٱللَّهُ فَلَا غَالِبَ لَكُمْ ۖ وَإِن يَخْذُلْكُمْ فَمَن ذَا ٱلَّذِى يَنصُرُكُم مِّنۢ بَعْدِهِۦ ۗ وَعَلَى ٱللَّهِ فَلْيَتَوَكَّلِ ٱلْمُؤْمِنُونَ

« ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردەم بەرسە، سىلەرنى ھېچ كىشى يېڭەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە ياردىمىنى تەرك ئەتسە، ئاللاھتىن باشقا سىلەرگە كىم ياردەم بېرىدۇ؟ مۆمىنلەر يالغۇز ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن! (يەنى ھەممە ئىشنى ئاللاھقا تاپشۇرسۇن). » [ئال ئىمران: 160].

سەۋەبلەرنىڭ ئورنى قانچىلىك يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار يەنىلا سەۋەب دائىرىسىدىن چىقمايدۇ. شۇڭا قەلب ئۇلارغا باغلانماسلىقى، بەلكى ئاسمانلار ۋە زېمىننىڭ پادىشاھى بولغان ئاللاھ تائالاغا باغلىنىشى كېرەك.

ئاللاھ تائالا بۇ ھەقىقەتنى بەدر غازىتىدا مۇسۇلمانلارغا پەرىشتىلەر ئارقىلىق ياردەم بەرگەنلىكىنى بايان قىلغاندا تەكىتلىگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

إِذْ تَسْتَغِيثُونَ رَبَّكُمْ فَٱسْتَجَابَ لَكُمْ أَنِّى مُمِدُّكُم بِأَلْفٍۢ مِّنَ ٱلْمَلَـٰٓئِكَةِ مُرْدِفِينَ .وَمَا جَعَلَهُ ٱللَّهُ إِلَّا بُشْرَىٰ وَلِتَطْمَئِنَّ بِهِۦ قُلُوبُكُمْ ۚ وَمَا ٱلنَّصْرُ إِلَّا مِنْ عِندِ ٱللَّهِ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَزِيزٌ حَكِيمٌ

«ئۆز ۋاقتىدا (دۇئا قىلىپ) پەرۋەردىگارىڭلاردىن ياردەم تىلىدىڭلار، ئاللاھ :«سىلەرگە ئارقىمۇ ـ ئارقا (چۈشىدىغان) مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىمەن» دەپ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلدى. ئاللاھ سىلەرگە پەقەت (غەلىبە قىلىدىغانلىقىڭلارغا) بېشارەت بېرىش ۋە كۆڭلۈڭلارنى ئارام تاپقۇزۇش ئۈچۈنلا ياردەم بەردى. ياردەم پەقەت ئاللاھ تەرىپىدىنلا كېلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.»

دېمەك، پەرىشتىلەر پەقەت بىر سەۋەب، خالاس. قەلبلەر ئۇلارغا ئەمەس، بەلكى ھەقىقىي نۇسرەت بەرگۈچى بولغان ئاللاھ تائالاغا باغلىنىشى كېرەك.

بەلكىم، دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقاندا ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىشنىڭ تەكىتلىنىشىدىكى ھېكمەتنىڭ بىرىمۇ مانا مۇشۇ بولسا كېرەك. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِذَا لَقِيتُمْ فِئَةًۭ فَٱثْبُتُوا۟ وَٱذْكُرُوا۟ ٱللَّهَ كَثِيرًۭا لَّعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ

« ئى مۆمىنلەر! (مۇشرىكلاردىن) بىر جامائەگە (يەنى دۈشمەن قوشۇنىغا) ئۇچراشقان چېغىڭلاردا مۇستەھكەم تۇرۇڭلار. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھنى كۆپ ياد ئېتىڭلار » [ئەنفال: 45].

مۇسۇلمانلار ھۇنەين غازىتىدا بەزى ماددىي سەۋەبلەرگە تايىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ سانىنىڭ كۆپلۈكىگە قاراپ مەغرۇر بولۇپ كەتكەندە، ئۇلارنىڭ بۇ كۆپلۈكىنى ئۆزلىرىگە پايدا يەتكۈزگۈزمىدى. ھەتتا كەڭ زېمىن  ئۇلارغا تار بولۇپ قالدى، ئۇلار ئارقىغا ئاللاھ تائالا رەھمەت قىلغانغا قەدەر چېكىندى،

ثُمَّ أَنزَلَ ٱللَّهُ سَكِينَتَهُۥ عَلَىٰ رَسُولِهِۦ وَعَلَى ٱلْمُؤْمِنِينَ وَأَنزَلَ جُنُودًۭا لَّمْ تَرَوْهَا وَعَذَّبَ ٱلَّذِينَ كَفَرُوا۟ ۚ وَذَٰلِكَ جَزَآءُ ٱلْكَـٰفِرِينَ

ئاندىن ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە (مەرھەمەت قىلىپ) خاتىرجەملىك بېغىشلىدى، سىلەرگە قوشۇنلارنى (يەنى سىلەرگە ياردەمگە پەرىشتىلەرنى) چۈشۈردى، ئۇلارنى سىلەر كۆرمىدىڭلار (شۇنىڭ بىلەن سىلەر غەلىبە قىلدىڭلار)، ئاللاھ كاپىرلارنى (ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىر ئېلىنىش بىلەن) ئازابلىدى، كاپىرلارنىڭ جازاسى ئەنە شۇ. (سۈرە تەۋبە 26- ئايەت)

ئى ئاللاھ! دىنىڭغا، كىتابىڭغا، پەيغەمبىرىڭنىڭ سۈننىتىگە ۋە سالىھ بەندىلىرىڭگە ياردەم قىلغىن.

ئى ئاللاھ! بىزنى سەن نۇسرەت بەرگەنلەر قاتارىدىن قىلغىن.

ئى ئاللاھ! زېمىندا مۇئمىن بەندىلىرىڭگە زېمىندا ھاكىمىيەت ئاتا قىلغىن، ئى قۇدرەتلىك، ئى غالىب زات!