قۇرئان كەرىمدىكى نۇسرەتنىڭ (غەلبە، ياردەم) سەۋەپلىرى
ئۇلار زېمىندا قۇدرەت تېپىشتىن ئىلگىرى سىنالدى، ئۇلارغا پېقىرلىق، قاتتىقچىلىق ۋە كېسەللىك يەتتى، بۇ ئايەت ئۇقتۇرۇپ بەرگىنىدەك قاتتىق كۈلپەتلەرگە ۋە تەۋرىتىشلەرگە دۈچ كەلدى. قورقۇتىلدى ۋە قەلبلىرى قاتتىق سىقىلدى. ھەر تەرەپتىن چەتكە قېقىلدى. ئۇلارغا بۇ كۈنلەر ئۇزۇن داۋاملاشتى، ھەتتا پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتقانلار: «ئاللاھنىڭ ياردىمى قاچانمۇ كېلەر؟» دەيدىغان ھالغا كەلدى. ئاندىن ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمىنىڭ ئېغىرچىلىق ۋە قاتتىقچىلىقلاردا مۇستەھكەم تۇرغان بۇ تائىپىگە يېقىنلىق خەۋىرى بېرىلدى.
